عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: كنتُ
مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في سوق من أسواق المدينة، فانصرف
فانصرفتُ، فقال: «أين لُكَعُ -ثلاثا- ادعُ الحسن بن علي». فقام الحسن بن
علي يمشي وفي عنقه السِّخَاب، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم- بيده هكذا،
فقال الحسن بيده هكذا، فالتزمه فقال: «اللهم إني أُحبه فأَحبَّه، وأَحبَّ
من يحبه». وقال أبو هريرة: فما كان أحد أحب إليَّ من الحسن بن علي، بعد ما
قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ما قال.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ
مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن مەدىنىنىڭ بازارلىرىدىن بىرىدە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
قايتقاندا بىرگە قايتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم: «نەۋرەم
قېنى؟، ھەسەن ئىبنى ئەلىنى چاقىرغىن» دېدى، ھەسەن ئىبنى ئەلى بوينىغا
بويۇنچۇق ئاسقان ھالەتتە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇلىچىنى ئاچتى،
ھەسەن ئىبنى ئەلىمۇ غۇلىچىنى ئاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى باغرىغا
بېسىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن
ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ
سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى
كۆرۈلىدىغان بولمىدى