ئۇيغۇردىكى ھەدىس تەكشۈرگۈچى مكتشف الحديث باللغة الإنجليزية
 
Hadith   290   الحديث
الأهمية: مثل الذي يَذْكُر رَبَّهُ والذي لا يَذْكُره مثل الحيِّ والميِّت


باشتېما:

پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش

عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «مثل الذي يذكر ربه والذي لا يذكره مثل الحي والميت»
وفي رواية: «مثل البيت الذي يُذْكَرُ الله فيه، والبيت الذي لا يُذْكَرُ الله فيه، مثل الحيِّ والميِّت».

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشى ئۆلۈك بىلەن تىرىككە ئوخشاش» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ ئەسلەپ تۇرىلىدىغان ئۆي بىلەن ئاللاھ ئەسلەنمەيدىغان ئۆي ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ مىسالىغا ئوخشاش» دېيىلگەن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الذي يَذْكر الله -تعالى- قد أحيا الله قلبه بذكره وشرح له صدره، فكان كالحي بسبب ذكر الله -تعالى- والمداومة عليه، بخلاف من لا يَذْكر الله -تعالى-، فهو كالميت الذي لا وجود له. فهو حيٌّ ببدنه ميتٌ بقلبه.
وهذا مَثَل ينبغي للإنسان أن يعتبر به وأن يَعْلَم أنه كلما غَفَل عن ذكر الله عز وجل، فإنه يقسو قلبه وربما يموت قلبه والعياذ بالله.    
قال -تعالى-: (أومن كان ميتا فأحييناه وجعلنا له نورًا يمشي به في الناس كمن مثله في الظلمات ليس بخارج منها).
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى ئەسلەيدىغان كىشىنىڭ دىلىنى ئاللاھ ئەسلەش ئارقىلىق ياشنىتىپ، قەلبىنى ئېچىۋېتىدۇ، ئۇ ئاللاھنى كۆپ ئەسلەشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ھايات كىشىگە ئوخشايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھنى كۆپ ئەسلىمەيدىغان كىشى مەۋجۇدىيىتى بولمىغان مېيىتكە ئوخشايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ بەدىنى ھايات بولسىمۇ ئۇنىڭ قەلبى ئۆلگەندۇر. ئىنسانلار بۇ مىسالدىن ئىبرەت ئېلىشى ۋە ئاللاھنى ئەسلەشتىن غاپىل بولغانسىرى قەلبى قاتتىقلىشىپ، ھەتتا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ» ئەنئام سۈرىسى 12-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4177

 
Hadith   291   الحديث
الأهمية: مُرُوا أبا بكر فَلْيُصَلِّ بالناس


باشتېما:

ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار، كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- قال: لما اشتد برسول الله -صلى الله عليه وسلم- وجعه، قيل له في الصلاة، فقال: «مروا أبا بكر فليُصَلِّ بالناس» فقالت عائشة -رضي الله عنها-: إن أبا بكر رجل رقيق، إذا قرأ القرآن غلبه البكاء، فقال: «مُرُوه فليُصَلِّ».
وفي رواية عن عائشة -رضي الله عنها-، قالت: قلت: إن أبا بكر إذا قام مقامك لم يُسْمعِ الناس من البكاء.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئۇنىڭغا ناماز توغرۇلۇق سۆز قىلىندى، ئۇ: «ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار! كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەبۇ بەكرى دىلى يۇمشاق كىشى، قۇرئان ئوقۇسا يىغا تۇتۇپ كېتىدۇ، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى بۇيرۇڭلار، نامازنى ئوقۇپ بەرسۇن» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەبۇ بەكرى سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرسا ئۇنى يىغا تۇتۇپ كېتىپ، كىشىلەرگە قىرائەت قىلالمايدۇ،-دېدىم دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما اشتد الوجع برسول الله -صلى الله عليه وسلم- لم يتمكن من إمامة الناس أمر من عنده أن يأمر أبا بكر -رضي الله عنه- بالإمامة، وكان كثير البكاء عند قراءة القرآن، فاعتذرت عائشة -رضي الله عنها- بذلك لكن في حديث الباب أنه لم يكن بكاؤه من قراءة القرآن مقصودها الأول، بل كان مرادها الأول خشية أن يتشاءم الناس من أبيها، فأظهرت -رضي الله عنها- خلاف ما تسره في باطنها.
ففي رواية في مسلم: "قالت: والله، ما بي إلا كراهية أن يتشاءم الناس، بأول من يقوم في مقام رسول الله -صلى الله عليه وسلم-"، قالت: فراجعته مرتين أو ثلاثا، فقال: "ليصل بالناس أبو بكر فإنكن صواحب يوسف" والمراد "بصواحب يوسف" إنهن مثل صواحب يوسف في إظهار خلاف ما في الباطن، وهذا الخطاب وإن كان بلفظ الجمع فالمراد به واحدة هي عائشة فقط كما أن المراد بصواحب يوسف: زليخا    فقط كذا قال الحافظ وهي زوجة عزيز مصر آنذاك.
ووجه المشابهة بينهما في ذلك أن زليخا استدعت النسوة وأظهرت لهن الإكرام بالضيافة ومرادها زيادة على ذلك وهو أن ينظرن إلى حسن يوسف ويعذرنها في محبته، إن عائشة أظهرت أن سبب إرادتها صرف الإمامة عن أبيها كونه لا يسمع المأمومين القراءة لبكائه ومرادها زيادة وهو أن لا يتشاءم الناس به، كما صرحت بذلك في بعض طرق الحديث فقالت: "وما حملني على مراجعته إلا أنه لم يقع في قلبي أن يحب الناس بعده رجلاً قام مقامه".
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە قادىر بولالمىغانلىقتىن، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرىنى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇشنى بۇيرۇق قىلدى، ئەبۇ بەكرى بولسا دىلى يۇمشاق كىشى بولۇپ، قۇرئان ئوقۇسىلا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا بۇ ھەقتە ئۆزۈر ئېيتتى. ئائىشە بۇ ھەدىستە ئەبۇ بەكرىنىڭ قۇرئان ئوقۇغاندا يىغلاپ كېتىشىنى ئاساسىي مەقسەت قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتى، كىشىلەر دادىسىدىن يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە يوشۇرغاننىڭ قارشىسىنى ئىپادىلىگەن. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا تۇنجى بولۇپ چىققان كىشىدىن كىشىلەر يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم قايتىلاپ: باشقا بىرىنى بۇيرۇسىلا، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا چىڭ تۇرۇپ: «ئەبۇ بەكرى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسۇن! ھەقىقەتەن سىلەر يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش ئىكەنسىلەر»دېدى. «يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى» دىن مەقسەت ئۇلار قەلبىدىكىنى يوشۇرۇپ، تىلىدا باشقىنى ئىپادىلەشتە يۈسۈپنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش دېگەننى مەقسەت قىلغان. بۇ يەردە سۆز كۆپلۈك ئىبارىسى بىلەن دېيىلگەن بولسىمۇ، مەقسەت قىلىنغان كىشى پەقەتلا ئائىشە ئىدى. شۇنىڭدەك يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىدىن مەقسەت پەقەتلا زۇلەيخا بولۇپ، ھاپىز ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مىسىردىكى بىر ۋەزىرنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېدى. بۇ ئىككى ۋەقەلىكنىڭ ئارىسىدكى ئوخشاشلىق نۇقتىسى زۇلەيخا ئۆيىگە ئاياللارنى زىياپەتكە چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنى مېھمان قىلىش مەقسەت بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ جامالىنى كۆرسىتىشنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئائىشە بۇ ھەدىستە دادىسىدىن ئىمامەتچىلىكنى بۇرىۋەتمەكچى بولىشىنىڭ سەۋەبىنى كىشىلەر ئۇنىڭ قىرائەت قىلغىنىنى ئاڭلىيالماسلىقنى دېگەن، ئەمما كۆڭلىدە ئەبۇ بەكرى ئىمام بولسا كىشىلەر ئۇنىڭدىن يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ھەدىسنىڭ بىر قىسىم يوللىرىدا بۇنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمغا تۈرتكە بولغىنى كىشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرغان كىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكىدىن ئەنسىرىدىم، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4179

 
Hadith   292   الحديث
الأهمية: إنَّ مما أخاف عليكم من بَعْدِي ما يُفْتَحُ عليكم من زَهرة الدنيا وزِيَنتها


باشتېما:

ھەقىقەتەن مېنىڭدىن كىيىن قالغىنىڭلاردا، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرىنىڭ سىلەرگە يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن

عن أبي سعيد الخُدْرِي -رضي الله عنه- قال: جلس رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على المِنْبَر، وجلسنا حوله، فقال: «إنَّ مما أخاف عليكم من بَعدي ما يُفتح عليكم من زهرة الدنيا وزِيَنتها».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى، بىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن مېنىڭدىن كىيىن قالغىنىڭلاردا، دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرىنىڭ سىلەرگە يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث أن النبي -صلى الله عليه وسلم- يخاف على أمته بعد موته مما سيفتح عليهم من زخارف الدنيا وزينتها.
وهذا من كمال رحمته وشفقته -صلى الله عليه وسلم- بأمته أن بين لهم ما يخشاه عليهم من زخرفة الدنيا وزينتها، فيضلوا طريق الهدى والفلاح والنجاة إلى أن يفجأهم الموت، فلا اعتذار بعد ذلك.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۈممىتىگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكلىرى ۋە زىننەتلىرىنىڭ يۈزلىنىشىدىن ئەنسىرىدى. بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە كۆيۈنگىنى ۋە مېھرىبانلىق قىلغانلىقىدىندۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرى يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھىدايەتتىن، ئۇتۇق قازىنىشتىن ۋە نىجاتلىق يولىدىن ئېزىپ كېتىپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈم بىلەن تەۋبەسىز دۇنيادىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزۈرىسىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4180

 
Hadith   293   الحديث
الأهمية: مَنْ احْتَبَسَ فَرَسًا في سَبِيل الله، إيمانًا بالله، وتَصْدِيقًا بِوَعْدِه، فإن شِبَعَهُ وريَّه ورَوْثَهُ وبَوْلَه في مِيْزَانه يوم القيامة


باشتېما:

كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «مَنْ احْتَبَسَ فَرَسًا في سَبِيل الله، إيمانًا بالله، وتَصْدِيقًا بِوَعْدِه، فإن شِبَعَهُ وريَّه ورَوْثَهُ وبَوْلَه في مِيْزَانه يوم القيامة».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن مَن أوقَف فرسًا للجهاد في سبيل الله تعال وابتغاء مرضاته لكي يُحَارب عليه الغزاة، ابتغاء وجه الله تعالى، وتصديقاً بوعده الذي وعَدَ به، حيث قال: (وما تنفقوا من شيء في سبيل الله يوف إليكم) فإن الله يُثِيْبُه عن كل ما يأكله أو يشربه أو يخرجه من بول أو روث، حتى يَضعه له في كِفَّة حسناته يوم القيامة.
وفي حديث أبي هريرة رضي الله عنه الطويل: "الخَيل ثلاثة: هي لرَجُلٍ وِزْرٌ، وهي لرَجُل سِتْر، وهي لِرَجُلٍ أجْرٌ . . ثم قال: وأما التي هي له أَجْرٌ، فرَجُل ربَطَها في سبيل الله لأهل الإسلام في مَرْج، أو رَوْضَةٍ فما أكلت من ذلك المَرْجِ أو الرَّوْضَةِ من شيء إلا كُتِبَ له عَدَدَ ما أكَلَتْ حسنات وكتب له عَدَد أرْوَاثِهَا وَأبْوَالِهَا حسنات، ولا تَقْطَعُ طِوَلَهَا فَاسْتَنَّتْ شَرَفاً أو شَرَفَيْنِ إلا كَتَب الله له عَدَد آثَارِهَا، وَأرْوَاثِهَا حسنات، ولا مَرَّ بها صَاحِبُها على نَهْر، فشَربَت منه، ولا يُريد أن يَسْقِيهَا إلا كَتَب الله له عَدَد ما شَرَبت حسنات" متفق عليه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەپ ۋە مەرھىمىتىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىر ئات تەييار قىلغان كىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ يولىدا ھەرقانداق نەرسە سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ ئەجرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ» شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۇ ئاتنىڭ يېگەن، ئىچكەن، ھەتتا تېزەك ۋە سۈيدۈكلىرىنىمۇ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا قىلىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئات ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ؛ ئۇ بەزى كىشىلەر ئۈچۈن گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى قامدايدۇ، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ساۋاپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئىگىسىگە ساۋاپ ئېلىپ كېلىدىغان ئات ئىسلام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىدا ئوتلاققا باغلاپ قويۇلغان ئاتتۇر، ئۇنىڭ ئوتلاقتىن يېگەن بىر تال ئوت ياكى تېزەكلىگەن بىر تال تېزەك ياكى سىيگەن بىر قېتىملىق سۈيدىكىگىمۇ نۇرغۇنلىغان ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېلىپ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرگەن ۋاقتىدا دەسسىگەن بىر تال قەدىمىگىمۇ، تېزەكلىگەن بىر تال تېزىكىگىمۇ ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ساۋاپ يازىدۇ، ئىگىسىنىڭ ئۇنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق ھالەتتە، ئۇنى ئېرىقتىن ئۆتكۈزۈپ كېتىپ بارغان چاغدا ئۇنىڭ ئېرىقتىن ئىچىپ قالغان ھەر-بىر يۇتۇم سۈيى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە نۇرغۇنلىغان ساۋابنى يازىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4181

 
Hadith   294   الحديث
الأهمية: من أنْفَق زوْجَيْن في سَبيل الله نُودِي من أبْوَاب الجنَّة، يا عبد الله هذا خَيْرٌ، فمن كان من أهل الصلاة دُعِي من باب الصلاة، ومن كان من أهل الجِهاد دُعِي من باب الجِهاد


باشتېما:

كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ

عن أبي هريرة - رضي الله عنه- مرفوعاً: «من أنْفَق زوْجَيْن في سَبيل الله نُودِي من أبْوَاب الجنَّة، يا عبد الله هذا خَيْرٌ، فمن كان من أهل الصلاة دُعِي من باب الصلاة، ومن كان من أهل الجِهاد دُعِي من باب الجِهاد، ومن كان من أهل الصيام دُعِي من باب الرَّيَّانِ، ومن كان من أهل الصَّدَقة دُعِي من باب الصَّدَقة» قال أبو بكر -رضي الله عنه-: بأبي أنت وأمي يا رسول الله! ما على من دُعِي من تلك الأبواب من ضَرورة، فهل يُدْعَى أحَدٌ من تلك الأبواب كلِّها؟ فقال: «نعم، وأرْجُو أن تكون منهم».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا جۇپ-جۇپى بىلەن نەرسە سەرپ قىلسا، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن: ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى! بۇ ئىشىك ياخشىدۇر دەپ چاقىرىلىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ناماز ئەھلى بولسا ناماز ئىشىكىدىن، جىھاد ئەھلى بولسا جىھاد ئىشىكىدىن، روزا ئەھلى بولسا رەييان ئىشىكىدىن، سەدىقە ئەھلى بولسا سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرلىدۇ» دېدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىرەر كىشىنىڭ ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ بىرەرىدىن چاقىرىلىشىنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى؟ بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھە-ئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من تصدق بشيئين من أي شيء مثل المأكولات أو الملبوسات أو المركوبات أو النقود، ابتغاء رضوان الله نادته الملائكة من أبواب الجنَّة مُرَحِّبة بقدومه إليها، وهي تقول: لقد قدمت خيرا ًكثيراً تثاب عليه اليوم ثَوابا ًكبيراً.
فالمكثرون من الصلاة ينادون من باب الصلاة، ويدخلون منه، والمكثرون من الصدقة ينادون من باب الصدقة، ويدخلون منه، والمكثرون من الصوم تستقبلهم الملائكة عند باب الرَّيَّان داعية لهم بالدخول منه، ومعنى الرَّيان: الذي يَروي من العطش؛ لأن الصائمين يمتنعون عن الماء فيصابون بالعطش ولاسيما في أيام الصيف الطويلة الحارة، فيجازون على عطشهم بالري الدائم في الجنة التي يدخلون إليها من ذلك الباب.
فلما سمع أبو بكر -رضي الله عنه- هذا الحديث، قال: يا رسول الله: "بأبي أنت وأمي" من دخل من هذه الأبواب لا نقص عليه ولا خسارة، ثم قال: "فهل يُدْعى أحدٌ من تلك الأبواب كلها"، فقال -صلى الله عليه وسلم-: "نعم وأرجو أن تكون منهم".
603;ىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئۆزى ئىگە بولغان يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، قاتناش ۋاستىلىرى(ئۇلاغ)ۋە نەخ پۇل قاتارلىق نەرسىلەردىن جۈپ-جۈپى بىلەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلسا، پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ جەننەتنىڭ ئىشىكلىرىدىن ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: ھاياتىڭدا كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭ، بۈگۈن ئۇ ياخشىلىقىڭغا ئاساسەن كاتتا ساۋاپقا ئېرىشىسەن دەيدۇ. كۆپ ناماز ئوقۇغۇچىلار ناماز ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، سەدىقىنى كۆپ قىلغۇچىلار سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرىلىپ، ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كېرىدۇ، كۆپ روزا تۇتقۇچىلارنى پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ كېرىشى ئۈچۈن تەييارلانغان رەييان ئىشىكىنىڭ ئالدىدا كۈتىۋالىدۇ، رەييان دېگەن ئۇسسۇزلۇققا قېنىش دېگەن بولۇپ، روزا تۇتقۇچىلار سۇ ئېچىشتىن چەكلەنگەنلىكتىن ئۇسساپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ يازنىڭ ئىسسىغىدىكى ئۇزۇن كۈنلەردە چاڭقايدۇ، ئۇلار دۇنيادا ئۇسسۇزلۇققا سەۋىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى جەننەتكە كېرىدىغان رەييان ئاتلىق ئىشىكتە ئۇسسۇزلۇققا قانىدۇ. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مۇشۇ ئىشىكلەردىن جەننەتكە كېرگەن كىشىگە كەمچىلىك ۋە زېيان تارتىش بولمايدىغۇ؟!، بىر ئادەم ئاشۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرلامدۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە چاقىرىلىدۇ، مەن سېنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئۇنىڭغا ياخشى بىشارەت بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4187

 
Hadith   295   الحديث
الأهمية: مَنْ أَنْفَقَ نَفَقَةً في سَبِيل الله كُتب له سَبْعُمِائَةِ ضِعْفٍ


باشتېما:

كىمىكى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلسا، ئۇنىڭغا يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب يېزىلىدۇ

عن أبي يحيى خُرَيْم بن فَاتِك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «مَنْ أَنْفَقَ نَفَقَةً في سَبِيل الله كُتب له سَبْعُمِائَةِ ضِعْفٍ».

ئەبۇ يەھيا خۇرىيم ئىبنى پاتىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمىكى پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلسا، ئۇنىڭغا يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب يېزىلىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من أنْفَقَ نفقة قليلة أو كثيرة في سبيل الله -تعالى-، سواء كان في الجهاد في سبيل الله -تعالى- أو في غيره من وجوه البِّر والطاعات، ضاعف الله له الأجر يوم القيامة إلى سبعمائة ضِعف.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھ يولىدىكى جىھادتا بولسۇن ياكى باشقا ياخشىلىق يوللىرىغا بولسۇن، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن سەدىقە قىلىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4188

 
Hadith   296   الحديث
الأهمية: من تَكَفَّلَ لي أن لا يسأل الناس شيئًا، وأَتَكَفَّلُ له بالجنة؟


باشتېما:

كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن

عن ثوبان -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من تَكَفَّلَ لي أن لا يسأل الناس شيئًا، وأَتَكَفَّلُ له بالجنة؟» فقلت: أنا، فكان لا يَسأل أحدًا شيئًا.

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن» دېدى، مەن -دېدىم: مەن: يەنى سەۋبان ھەقىقەتەن كىشىلەردىن بىرنەرسە سورىمايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن من التزم للنبي -صلى الله عليه وسلم- ترك سؤال الناس أموالهم أو الاستعانة بهم في قضاء شؤونه مما قل أو كثر، ضمن له -عليه الصلاة والسلام- الجنة؛ ذلك لأن ترك سؤال المخلوقين فيه توكل على الله ودليل على قوة الرَّجاء والثقة بالله -تعالى-، فكان جزاؤه أن يدخله الله -تعالى- الجنة.
    بعد أن سمع ثوبان -رضي الله عنه- هذا الحديث، التزم للنبي -صلى الله عليه وسلم- أن لا يسأل الناس شيئا، حتى جاء عنه -رضي الله عنه- كما في رواية ابن ماجه: "أنه كان يقع سَوْطُه وهو راكب فلا يقول لأحدٍ ناولنيه حتى ينزل فيأخذه".
وفاء بالعهد الذي قطعه على نفسه مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىق، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن تۇرمۇش ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ياردەم تىلىمەسلىككە ۋەدە بەرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جەننەت بىلەن كاپالەت بەردى، چۈنكى مەخلۇقتىن بىر نەرسە سوراشنى تاشلاش بىلەن ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىدۇ، بۇ شۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتى بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىشىدۇر، سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا ۋەدە بەرگەن، ھەتتا "ئىبنى ماجە"دە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر ھەدىستە: «سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلاغقا مىنگەن ۋاقتىدا قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ھېچ كىشىگە قامچامنى ئېلىۋەتكىن دېمەستىن، ئۆزى ئۇلاغدىن چۈشۈپ ئالاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4189

 
Hadith   297   الحديث
الأهمية: من خَرج في طلب العلم فهو في سَبِيلِ الله حتى يرجع


باشتېما:

كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقسا، تاكى ئۇ قايتىپ كەلگۈچە ئاللاھ يولىدا بولغان بولىدۇ

عن أنس -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من خَرج في طلب العلم فهو في سَبِيلِ الله حتى يرجع».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقسا، تاكى ئۇ قايتىپ كەلگۈچە ئاللاھ يولىدا بولغان بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن مَنْ خَرج من بيته أو بلده؛ بَحثا عن العلم الشرعي، فهو في حكم من خرج للجهاد في سبيل الله -تعالى-، حتى يعود إلى أهله؛ لأنه كالمجاهد في إحياء الدِّين وإذلال الشيطان وإتعاب النَفْس.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شەھرىدىن شەرئى ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چىقسا، ئۇ كىشى ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كىلىپ بولغىچە ئارىلىقتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىشقا چىققان كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ دىننى گۈللەندۈرۈش، شەيتاننى خار قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى چارچاتقان مۇجاھىدقا ئوخشاشتۇر   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4191

 
Hadith   298   الحديث
الأهمية: مَنْ رَضِيَ بالله رَبَّاً، وبالإسلام دِيْنَا، وبمحمد رسولا، وجَبَتْ له الجنة


باشتېما:

كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ

عن أبي سعيد الْخُدْرِي -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «مَنْ رَضِيَ بالله رَبًّا، وبالإسلام دِيْنًا، وبمحمد رسولًا، وجَبَتْ له الجنة»، فَعَجِبَ لها أبو سعيد، فقال: أَعِدْهَا عَلَيَّ يا رسول الله، فَأَعَادَهَا عليه، ثم قال: «وأُخْرَى يَرْفَعُ الله بها العَبْد مائة دَرَجَة في الجنة، ما بين كل دَرَجَتَينِ كما بين السماء والأرض» قال: وما هي يا رسول الله؟ قال: «الجهاد في سَبِيل الله، الجهاد في سَبِيل الله».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ». ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر ئىش بار ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟ دەپ سورىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد، ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان جىھاد» دەپ جاۋاپ بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن مَنْ آمن بالله ربَّا وبالإسلام دِيناً وبمحمد -صلى الله عليه وسلم- رسولاً وجبت له الجنة.
وفي رواية عند أحمد: "يا أبا سعيد ثلاثة من قالهن: دخل الجنة" قلت: ما هن يا رسول الله؟ قال: "من رضي بالله رباًّ، وبالإسلام ديناً، وبمحمد رسولاً".    
فلما سمع أبو سعيد الخدري -رضي الله عنه- هذه المقولة من النبي -صلى الله عليه وسلم- تَعَجَّب لها وطلب من النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يعيدها عليه مرة أخرى، فأعَادها عليه، -عليه الصلاة والسلام-، ثم قال له: "وأُخْرَى" أي: من أعمال البِرِّ والطاعات " يَرْفَعُ الله بها العَبْد مائة دَرَجَة في الجنة، ما بَيْن كل دَرَجَتَينِ كما بَيْن السماء والأرض".
فالنبي -صلى الله عليه وسلم- أخبره أن هناك عملاً يرفع الله به صاحبه في الجنة مائة درجة، ولم يخبره بذلك ابتداء؛ ليتشوق لها أبوسعيد -رضي الله عنه- لأجل أن يسأل عنها، فإذا علمها بعد الإبهام كانت أوقع في نفسه، فقال: وما هي يا رسول الله؟    قال -صلى الله عليه وسلم-: " الجهاد في سَبِيل الله، الجهاد في سَبِيل الله".
فالمجاهد مع كونه من أهل الجنة، إلا أن منزلته أرفع من غيره ممن آمن بالله ربَّا وبالإسلام دِيناً وبمحمد -صلى الله عليه وسلم- رسولاً ولم يجاهد في سبيل الله تعالى، وهذا من فضل الله -تعالى- وكرمه للمجاهدين في سبيله، فلما جادوا بأنفسهم في سبيل الله -تعالى- أكرمهم الله تعالى وأنزلهم في الجنة أفضل المنازل وأعلى الدرجات، والجزاء من جنس العمل.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا ئۇ كىشىگە جەننەتكە كىرىش ۋاجىپ بولىدۇ.» ئىمام ئەھمەدتىن قىلىنغان رىۋايەتتە: «ئى ئابا سەئىد! ئۈچ تۈرلۈك سۆز بار كىمكى ئۇ سۆزنى دېسە جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندە، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئۈچ تۈرلۈك سۆز قايسى؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولسا» دېدى. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ سۆزگە ھەيران قىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا بۇ سۆزنى قايتا دەپ بەرسىلە دەپ تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ سۆزنى قايتا دەپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «ياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەتتىن يەنە بىر ئىش بار، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن بەندىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ، ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى مەرتىۋە ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك كېلىدۇ»دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ يەردە يەنە بىر ئەمەلنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ شۇ ئىشنى سورىشى ئۈچۈن دەسلەپتە بۇنىڭدىن خەۋەر بەرمىدى، ئەبۇ سەئىد بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ قايسى ئىش؟دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش»دەپ جاۋاپ بەردى. مۇجاھىد جەننەت ئەھلىدىن بولۇپ تۇرۇغلۇق، ئۇ كىشىنىڭ مەرتىۋىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمىغان، لېكىن ئاللاھنىڭ ھەقىقى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىگە، ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە رازى بولغان كىشىنىڭ مەرتىۋىسىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارغا قىلغان پەزلى، ئىززەت-ئىكرامى، ئۇلار ئۆز نەپسىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالامۇ ئۇلارغا ئىكرام قىلدى، ئۇلارنى جەننەتتە ئالى مەرتىۋە ۋە يۇقىرى ئورۇنلارغا مۇيەسسەر قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4193

 
Hadith   299   الحديث
الأهمية: من رَمَى بسهم في سَبِيلِ الله فهو له عِدْلُ مُحَرَّرَةٍ


باشتېما:

كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتسا ئۇنىڭغا بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ

عن عمرو بن عَبَسَة -رضي الله عنه- قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «من رمى بسهم في سبيل الله فهو له عِدْلُ مُحَرَّرَةٍ».

ئەمرۇ ئىبنى ئەبەسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتسا ئۇنىڭغا بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن مَنْ رَمَى بسهم في وجوه أعداء الله -تعالى-، فإن له أجر مَنْ أعتق رقبة في سبيل الله -تعالى-، سواء أصاب به عدوًا أو لم يُصب، كما هي رواية النسائي: "ومَن رَمَى بسهم في سبيل الله تعالى بَلَغَ العدو أو لم يَبْلُغ".
أما إذا أصاب به عدوا كان له به درجة في الجنة، كما هي رواية أبي داود: "من بلغ بسهم في سبيل الله -عز وجل- فله درجة.
   "وفي رواية أحمد: "في الجنة".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاتقان ئوقى دۈشمەنگە تەگسۇن ياكى تەگمىسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى بېرىدۇ. نەسائىينىڭ رىۋايىتىدىمۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر پاي ئوق ئاتىدىكەن دۈشمەنگە تەگسۇن ياكى تەگمىسۇن ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ دېيىلگەن. ئەمما ئاتقان ئوقى دۈشمەنگە تەگسە ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بەدىلىگە جەننەتتە يۇقىرى مەرتىۋە بېرىلىدۇ. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ئاللاھ يولىدا ئوق ئېتىپ دۈشمەنگە تەگكۈزسە ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر دەرىجە بولىدۇ دېيىلگەن. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە:جەننەتتە دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4194

 
Hadith   300   الحديث
الأهمية: من سَرَّهُ أَن يُنَجِّيَه الله من كَرْبِ يوم القيامة، فَلْيُنَفِّسْ عن مُعْسِر أو يَضَعْ عنه


باشتېما:

قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن

عن أبي قتادة -رضي الله عنه- قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «من سَرَّهُ أَن يُنَجِّيَه الله من كَرْبِ يوم القيامة، فَلْيُنَفِّسْ عن مُعْسِر أو يَضَعْ عنه».

ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث : "من سَرَّهُ"
أي: أفرحه وأعجبه.
"أَن يُنَجِّيَه الله من كَرْبِ يوم القيامة"
أي يخلِّصُه من شَدائد ومِحَن يوم القيامة.
"فَلْيُنَفِّسْ عن مُعْسِر"
أي يؤخر مطالبته بالدَّين عند حلول أجله ويفسح له في الأجل إلى أن يَجد ما يقضي به الدَّيْن.
"أو يَضَعْ عنه"
أي: يسامحه بالدَّين الذي عليه، كله أو بعضه، قال -تعالى-: (وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ وَأَنْ تَصَدَّقُوا خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ).
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: «ھەرقانداق بىر كىشىنى خۇشال قىلسا» يەنى خۇرسەن قىلسا ۋە تەئەججۇپلەندۇرسە، «ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنىنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ» يەنى ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتى ۋە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، «قىيىنچىلىقى بار كىشىنى خاتىرجەم قىلسۇن»يەنى قەرىزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، قەرىزنى تەلەپ قىلىشنى كېچىكتۈرسۇن ۋە قەرىزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپقۇچە مۆھلەت بەرسۇن، «ياكى قەرىزنى بولدى قىلۋەتسۇن» يەنى ئۇ كىشىدىكى قەرىزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى كەچۈرۈۋەتسۇن، ئاللاھ: «ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر» دېگەن. بەقەرە سۈرىسى 280-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4195

 
Hadith   301   الحديث
الأهمية: من صَام رمضان إيِمَانًا واحْتِسَابًا، غُفِر له ما تَقدَّم من ذَنْبِه


باشتېما:

كىمكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من صَام رمضان إيِمَانًا واحْتِسَابًا، غُفِر له ما تَقدَّم من ذَنْبِه».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن من صام شهر رمضان إيمانا بالله مصدقا بوعده محتسبا ثوابه قاصدا به وجه الله -تعالى-، لا رياء ولا سُمعة، غُفِر له ما تقدم من ذنبه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: رامىزان ئېيىدا ئاللاھقا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنى تەستىقلاپ، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلار كۆز-كۆز قىلماستىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىپ روزا تۇتسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4196

 
Hadith   302   الحديث
الأهمية: مَنْ صام يومًا في سَبِيل الله جَعل الله بينه وبَيْن النِّار خَنْدَقًا كما بين السماء والأرض


باشتېما:

كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىلىقىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ

عن أبي أمامة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «مَنْ صام يومًا في سَبِيل الله جَعل الله بينه وبَيْن النِّار خَنْدَقًا كما بين السماء والأرض».

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىلىقىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من صام يومًا في سبيل الله، يُريد بذلك ثواب الله -تعالى- "جَعل الله بينه وبَيْن النِّار خَنْدَقًا" أي حجابًا شديدًا ومانعًا بعيدًا بمسافة مَدِيدَة، قَدْرُها: "كما بَيْنَ السماء والأرض" أي مسافة خمسمائة سنة، كما في حديث العباس بن عبد المطلب -رضي الله عنه-، قال: "كنا عند النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال: " أتدرون كم بين السماء والأرض"؟ قلنا: الله أعلم ورسوله، قال: "بينهما مسيرة خمسمائة سنة".
603;ىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ تىلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدەك بەش يۈز يىللىق ئۇزۇن مۇساپىلىق، يىراقتىن چەكلەيدىغان ۋە ئوتتىن توسىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ، ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى، بىز ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر، دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ئارىسى بەش يۈز يىللىق مۇساپىدۇر»دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4197

 
Hadith   303   الحديث
الأهمية: من صلى البَرْدَيْنِ دخل الجنة


باشتېما:

كىمكى (سالاتۇل بەردەين) يەنى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا جەننەتكە كىرىدۇ

عن أبي موسى الأشعري - رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من صلى البَرْدَيْنِ دخل الجنة».

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى (سالاتۇل بەردەين) يەنى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا جەننەتكە كىرىدۇ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أن المحافظة على هاتين الصلاتين من أسباب دخول الجنة.
والمراد بهما: صلاة الفجر والعصر، ويدل على ذلك قوله -صلى الله عليه وسلم- في حديث جرير: "صلاة قبل طلوع الشمس وقبل غروبها" زاد في رواية لمسلم يعني: " العصر والفجر " ثم قرأ جرير: (وسبح بحمد ربك قبل طلوع الشمس وقبل غروبها).
وسميتا: "بردين"؛ لأنهما تصليان في بردي النهار وهما طرفاه حين يطيب الهواء وتذهب شدة الحر.
وقد جاءت أحاديث كثيرة تدل على فضل هاتين الصلاتين، من ذلك ما رواه عمارة بن رُؤيبة عن أبيه عن النبي -صلى الله عليه وسلم-: (لا يلج النار رجلٌ صلى قبل طلوع الشمس وقبل أن تغرب) رواه مسلم (634).
ووجه تخصيصها بالذكر أن وقت الصبح يكون عند النوم ولذته، ووقت العصر يكون عند الاشتغال بتتمات أعمال النهار وتجارته، ففي صلاته لهما مع ذلك دليل على خلوص النفس من الكسل ومحبتها للعبادة، ويلزم من ذلك إتيانه بجميع الصلوات الأخر، وأنه إذا حافظ عليهما كان أشد محافظة على غيرهما، فالاقتصار عليهما لما ذكر لا لإفادة أن من اقتصر عليهما؛ بأن أتى بهما دون باقي الخمس يحصل له ذلك؛ لأنه خلاف النصوص.
وقوله -عليه الصلاة والسلام-: (من صلى البردين) المراد صلاهما على الوجه الذي أمر به، ذلك بأن يأتي بهما في الوقت، وإذا كان من أصحاب الجماعة كالرجال فليأت بهما مع الجماعة؛ لأن الجماعة واجبة، ولا يحل لرجل أن يدع صلاة الجماعة في المسجد وهو قادر عليها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر، ئۇ ئىككسى بىلەن مەقسەت بامدات بىلەن ئەسىر نامىزى ئىكەنلىكىگە جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كۈن چىقىشتىن بۇرۇنقى ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ناماز» دېگەن سۆزى دالالەت قىلىدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «ئەسىر ۋە بامدات نامىزى» دەپ زىيادە بايان قىلىنغان، ئاندىن جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن»، بۇ ئىككى ناماز «سوغۇقتا ئوقۇيدىغان ناماز» دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇ ئىككى ناماز كۈندۈزى ھاۋا سوۋۇغان، كۈننىڭ ھارارىتى كەتكەن ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، بۇ ئىككى نامازنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىندى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئەممارە ئىبنى رۇبەيئە دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى ئوقۇغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ» دېگەن، مۇسلىم رىۋايىتى(634)،بۇ ئىككى نامازنى خاس قىلىش بولسا: بامدات نامىزى ئۇيقۇ لەززىتىگە چۆمگەن ۋاقىتتا بولىدۇ، ئەسىر نامىزى بولسا كۈندۈزلۈك مەشغۇلىيەت، تىجارەتنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىدا بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ئۇ كىشىنىڭ نەپسىنى ھورۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىبادەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن باشقا نامازلارنىمۇ ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشى ئەلۋەتتە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇ يەردە پەقەت بۇ ئىككى نامازنى بايان قىلىشتىن، باشقا نامازنى ئوقۇماي پەقەت بۇ ئىككى نامازنى ئوقۇسا پەزىلەت ھاسىل بولىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تېكىستكە زىت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا» دېدى، بۇنىڭدىن بۇ ئىككى نامازنى بۇيرۇلغان شەكىلدە، ئەرلەر جامائەت بىلەن ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ مەسچىتكە بېرىشكە تاقىتى يېتىپ تۇرۇپ، جامائەتنى تاشلىشى توغرا بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4198

 
Hadith   304   الحديث
الأهمية: مَنْ عُلِّمَ الرَّمْيَ، ثم تَرَكَه، فليس مِنَّا، أو فقد عَصَى


باشتېما:

بىر كىشى قورال ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ ئاندىن داۋاملىق مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە، ئۇ كىشى بىزنىڭ قاتارىمىزدىن ھېسابلانمايدۇ ياكى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ

عن عقبة بن عامر-رضي الله عنه- مرفوعاً: «مَنْ عُلِّمَ الرَّمْيَ، ثم تَرَكَه، فليس مِنَّا، أو فقد عَصَى».

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى قورال ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ ئاندىن داۋاملىق مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە، ئۇ كىشى بىزنىڭ قاتارىمىزدىن ھېسابلانمايدۇ ياكى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن من تَعَلَّم الرَّمي بالسهام ومثله الرمي بآلات الجهاد الحديثة، ثم تركه وأهمله، "فليس منِّا"، أي ليس من أهل هديْنَا وسُنتنا.
"أو قد عصى" وهذا شك من الراوي، هل قال -صلى الله عليه وسلم-: "فليس منِّا أو فقد عصى".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئوقيا ئېتىشنى ۋە جىھادتا ئېشلىتىلىنىدىغان ھازىرقى زاماندىكى ئىلغار قوراللارنى ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە ئۇ كىشى بىزنىڭ يولىمىز ۋە پرىنسىپىمىزدا ئەمەس، ياكى ئۇ بىزگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يولىمىزدا ئەمەس دېدىمۇ ياكى بىزگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، دېدىمۇ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسى ئىكەنلىكىدە بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان راۋى شەكلىنىپ قالغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4199

 
Hadith   305   الحديث
الأهمية: مَنْ قاتل في سَبِيل الله من رَجُل مُسْلم فُوَاقَ نَاقَة، وجَبَتْ له الجنة، ومن جُرح جُرْحًا في سَبِيل الله أو نُكِبَ نَكْبَةً فإنها تَجِيء يوم القيامة كَأَغزَرِ ما كانت: لونُها الزَّعْفَرَانُ، وريُحها كالمِسك


باشتېما:

ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بىر قېتىم ساغقۇچىلىك مىقداردا ئۇرۇش قىلغان مۇسۇلمان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ، كىم ئاللاھنىڭ يولىدا جاراھەتلەنسە ياكى يارىلانسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاراھىتى ياكى يارىسىدىن قان ئاققان رەڭگى زەپەر رەڭگىدە، پۇرىقى ئىپاردەك خۇشبۇي ھالىتىدە كىلىدۇ

عن معاذ -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «مَنْ قاتل في سَبِيل الله من رَجُل مُسْلم فُوَاقَ نَاقَة، وجَبَتْ له الجنة، ومن جُرح جُرْحًا في سَبِيل الله أو نُكِبَ نَكْبَةً فإنها تَجِيء يوم القيامة كَأَغزَرِ ما كانت: لونُها الزَّعْفَرَانُ، وريُحها كالمِسك».

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بىر قېتىم ساغقۇچىلىك مىقداردا ئۇرۇش قىلغان مۇسۇلمان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ، كىم ئاللاھنىڭ يولىدا جاراھەتلەنسە ياكى يارىلانسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ جاراھىتى ياكى يارىسىدىن قان ئاققان ھالەتتە رەڭگى زەپەر رەڭگىدە، پۇرىقى ئىپاردەك خۇشبۇي ھالىتىدە كىلىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ما من مسلم يقاتل في سبيل الله ولو بمقدار يسير، كمقدار ما بَيْن الحلْبَتَين، والمقصود بذلك أن تُحلب الناقة ثم تُترك ليَرضع الفَصِيل، ثم يرجع إلى الضَرع فيحلبه مرة ثانية؛ إلا وجبت له الجنة، ومن أُصيب في سبيل الله تعالى، كما لو سقط من على فرسه فجُرح أو ضربة سيف أو غير ذلك ولو كانت إصابته يسيرة، جاء يوم القيامة وجرحه يتصبب منه الدم بَغَزارة، إلا أن لونه لون الزَعْفَران وتفوح منه أطيب الروائح التي هي رائحة المسك.
578;ۆگىنى ئىككى قېتىم سېغىش ئارىسىدىكى ۋاقىتچىلىك (يەنى تۆگىنى بىر قېتىم سېغىپ، ئاندىن بوتىلاقنىڭ ئېمىشى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم ساققىچە بولغان ۋاقىت) ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇسۇلمان ئۈچۈن جەننەت ۋاجىب بولىدۇ، بىر كىشى ئاللاھنىڭ يولىدا يارىلانغان بولسا، مەسىلەن: ئېتىدىن چۈشۈپ كېتىپ جاراھەتلەنگەن ياكى قىلىچ ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئازراق بولسىمۇ يارىلانغان بولسا، ئۇ قىيامەت كۈنى جاراھىتىدىن قان ئېقىۋاتقان ھالەتتە كىلىدۇ، لېكىن قاننىڭ رەڭگى زەپەرنىڭ رەڭگىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ ئېسىل پۇراق بولغان ئىپار پۇرىقى تارايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4200

 
Hadith   306   الحديث
الأهمية: من يُرِدِ الله به خيرا يُصِبْ مِنه


باشتېما:

ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشى شۇ ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من يُرِدِ الله به خيرا يُصِبْ مِنه».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇكىشى شۇ ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا أراد الله بعباده خيرًا ابتلاهم في أنفسهم وأموالهم وأولادهم؛ ليكون ذلك سببًا في تكفير ذنوبهم ورفعة في درجاتهم، وإذا تأمل العاقل عواقب البلاء وجد أن ذلك خيرٌ في الدنيا وفي الآخرة، وإنما الخيرية في الدنيا؛ لما فيه من اللجوء إلى الله تعالى بالدعاء والتضرع وإظهار الحاجة، وأما مآلًا فلما فيه من تكفير السيئات ورفع الدرجات.   
قال تعالى: (وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ)، ولكن هذا الحديث المطلق مقيد بالأحاديث الأخرى التي تدل على أن المراد: من يرد الله به خيراً فيصبر ويحتسب، فيصيب الله منه حتى يبلوه، أما إذا لم يصبر فإنه قد يصاب الإنسان ببلايا كثيرة وليس فيه خير، ولم يرد الله به خيراً، فالكفار يصابون بمصائب كثيرة، ومع هذا يبقون على كفرهم حتى يموتوا عليه، وهؤلاء بلا شك لم يرد بهم خيرًا.
574;اللاھ تائالا بىر بەندىگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزى، مال-مۈلكى ۋە بالا-چاقىلىرى ئارقىلىق سىنايدۇ، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. سىناقنىڭ ئاقىۋىتىنى تەپەككۇر قىلغان كىشى ئۇنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى دەپ بىلىدۇ، چۈنكى دۇنيادىكى ياخشىلىق بولسا دۇئا، يېلىنىش ۋە ھاجەتنى ئىزھار قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قېلىنىدۇ، ئاخىرەتتىكى ياخشىلىق بولسا خاتالىقنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ۋە مەرتىۋىنىڭ ئۈستۈن بولىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ بِشَيْءٍ مِنَ الْخَوْفِ وَالْجُوعِ وَنَقْصٍ مِنَ الْأَمْوَالِ وَالْأَنْفُسِ وَالثَّمَرَاتِ وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ»تەرجىمىسى: «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ، بىرئاز قەھەتچىلىك، ماللىرىڭلار، جانلىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت ۋە زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن.» [سۈرە بەقەرە 155-ئايەت]. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مۇتلەق بولۇپ، تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ھەدىستە مەقسەت قىلىنغان مەنا ئىپادىلىنىدۇ: ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى سىنايدۇ، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا سەۋر قىلسا، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا (يەنى سىناقتىن ئۆتسە) ئاللاھ ئۇ كىشىگە ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر سەۋر قىلالمىسا گەرچە بەزى ۋاقىتتا كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئۇنىڭدا ياخشىلىق بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇ كىشىگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلمىغاندۇر. كاپىرلارمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈپ كەتكىچە ئۆزىنىڭ كۇپۇرلۇق ھالىتىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4204

 
Hadith   307   الحديث
الأهمية: مرَّ علينا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ونحن نُعالج خُصًّا لنا


باشتېما:

قومۇشتىن ياسالغان ئۆيىمىزنى ئوڭشاۋاتقان ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ «بۇ نېمە ئىش؟» دېدى

عن عبد الله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما- قال: مرَّ علينا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ونحن نُعالج خُصًّا لنا، فقال: «ما هذا؟» فقلنا: قد وَهَى، فنحن نُصلحه، فقال: «ما أرى الأمر إلا أَعْجَل من ذلك».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، بىز قومۇشتىن ياسالغان ئۆيىمىزنى ئوڭشاۋاتقان ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ «بۇ نېمە ئىش؟» دېدى، بىز: ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتەي دەپ قاپتۇ، ئۇنى ئوڭشاپ قويىۋاتىمىز-دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن ئىشنى بۇنىڭدىنمۇ تىزراق دەپ ئويلايمەن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث : أن النبي صلى الله عليه وسلم مر بعمرو بن العاص وهو يصلح ما قد فسد من بيته أو يعمل فيه لتقويته.
وفي رواية لأبي داود : "وأنا أطين حائطاً لي" فقال: "ما أرى الأمر إلا أَعجل من ذلك" يعني: أن الأجل أقرب من أن تصلح بيتك خشية أن ينهدم قبل أن تموت وربما تموت قبل أن ينهدم، فإصلاح عملك أولى من إصلاح بيتك.
والظاهر أن عمارته لم تكن ضرورية، بل كانت ناشئة عن أمل في تقويمه، أو صادرة عن ميل إلى زينته، فبين له أن الاشتغال بأمر الآخرة أولى من الاشتغال بما لا ينفع في الآخرة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن ئۇ ئۆيىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتقاندا ياكى ئۇنى پۇختىلاش ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندا ئۆتتى. ئەبۇ داۋۇتنىڭ رىۋايىتىدە: «باغنىڭ تېمىنى سۇۋاۋاتاتتىم» دەپ كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئىشنى ئۇنىڭدىنمۇ تېزراق دەپ قارايمەن» دېدى، يەنى: مەن ئەجەلنى سەن ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۆيۈڭنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، ئوڭشىشىڭدىنمۇ تىزراق بولامدىكىن، بەزى ۋاقىتتا ئۆي ئۆرۈلۈشتىن ئېلگىرى ئەجىلىڭ يېتىپ قالامدىكىن دەيمەن، ئۆيۈڭنى ئوڭشاشتىن ئېلگىرى ئەمەلىڭنى ئىسلاھ قىلغىنىڭ ياخشىراقتۇر دېدى، ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن ئۇنىڭ ئۆيىنى ئوڭشىشى بەك زۆرۈر بولمىغان ئىدى، بەلكى ئۇنىڭدا تاملىرىنى پۇختىلاش ئارزۇسى پەيدا بولغان ياكى ئۆيىنى زىننەتلەشكە مايىللىق بولغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدىغان ئىشنى قىلماستىن، بەلكى ئاخىرەتنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ بەكرەك پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4205

 
Hadith   308   الحديث
الأهمية: أَمَا إِنَّهُ لَوْ سَمَّى لَكَفَاكُمْ


باشتېما:

ناۋادا «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى

عن عائشة -رضي الله عنها- كان رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- يَأْكُلُ طَعَامًا في سِتَّةٍ مِنْ أَصْحَابِهِ، فَجَاءَ أَعْرَابِيٌّ، فَأَكَلَهُ بِلُقْمَتَيْنِ، فقال رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم-: «أَمَا إِنَّهُ لَوْ سَمَّى لَكَفَاكُمْ».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالتە ساھابە بىلەن تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كىلىپ ئۇنىڭدىن ئىككى كاپام يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يأكل مع ستة من أصحابه، فجاء أعرابي فدخل معهم فأكل الباقي بلقمتين، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: أما إنه لو سمى لكفاكم، لكنه لم يُسَمِّ فأكل الباقي كله بلقمتين، ولم يكفه، وهذا يدل على أن الإنسان إذا لم يُسَمِّ نُزِعَت البركة من طعامه.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن ئالتە كىشى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كىلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىككى لوقما تاماق يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى، لېكن ئۇ «بىسمىللاھ» دېمىدى، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىككى لوقما بىلەن يەۋەتتى، تاماق يەتمىدى» دېدى، بۇ، ئىنسان «بىسمىللاھ» دېمىسە تامىقىدىن بەرىكەت تارتىۋىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4209

 
Hadith   309   الحديث
الأهمية: فَاجْتَمِعُوا على طَعَامِكُمْ، واذْكُرُوا اسمَ اللهِ، يُبَارَكْ لَكُمْ فِيهِ


باشتېما:

تامىقىڭلارنى بىر قاچىغا يېغىپ يەڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تامىقىڭلاردا بەرىكەت بېرىدۇ

عن وَحْشِيِّ بنِ حَرْبٍ -رضي الله عنه-: أَنَّ أصحابَ رسولِ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- قالوا: يا رسولَ اللهِ، إِنَّا نَأْكُلُ ولا نَشْبَعُ؟ قال: «فَلَعَلَّكُمْ تَفْتَرِقُونَ» قالوا: نعم، قال:«فَاجْتَمِعُوا على طَعَامِكُمْ،واذْكُرُوا اسمَ اللهِ، يُبَارَكْ لَكُمْ فِيهِ».

ۋەھشى ئىبنى ھەرپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز تاماق يېسەك قورسۇقىمىز تويمايدۇ، قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر تاماقنى ئايرىم-ئايرىميەمسىلەر!» دېدى، بىز: شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تامىقىڭلارنى بىر قاچىغا يېغىپ يەڭلار! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تامىقىڭلاردا بەرىكەت بېرىدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال الصحابة للنبي -صلى الله عليه وسلم-: إنهم يأكلون ولا يشبعون، فأخبرهم النبي -صلى الله عليه وسلم- أن لذلك أسبابا منها: التفرق على الطعام؛ فإن ذلك من أسباب نزع البركة؛ لأن التفرق يستلزم أن كل واحد يجعل له إناء خاص فيتفرق الطعام وتنزع بركته، ومنها أيضا: عدم التسمية على الطعام؛ فإن الإنسان إذا لم يسم الله على الطعام أكل الشيطان معه ونزعت البركة من طعامه.
587;اھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇلار يەيدۇ، تويمايدۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالام ئۇلارغا ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تاماقنى ئايرىم-ئايرىم يېيىش بولۇپ بۇمۇ بەرىكەت تارتىلىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىدۇر، چۈنكى تاماقنى ئايرىم يېگەندە ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئايرىم قاچىسىغا ئېلىپ يەيدۇ، تاماق بۆلۈنۈپ، بەرىكەت كۆتۈرىلىدۇ، يەنە تاماقنى بىسمىللاھ دىمەي يېيىش، ئىنسان تاماق يېگەندە بىسمىللاھ دېمەي يېسە، شەيتان تاماقنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەيدۇ، تاماقتىن بەرىكەت كۆتۈرلىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4212

 
Hadith   310   الحديث
الأهمية: إن الله تَجَاوزَ لِي عن أمتي الخطأَ والنِّسْيانَ وما اسْتُكْرِهُوا عليه


باشتېما:

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبتىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى

عن عبد الله ابن عباس -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «إن الله تَجَاوزَ لِي عن أمتي الخطأَ والنِّسْيانَ وما اسْتُكْرِهُوا عليه».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبلىرىدىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من رحمة الله -تعالى- بهذه الأمة أن عفا عن إثم الخطأ -وهو ما لم يتعمدوه من المعاصي- والنسيان للواجبات أو فعل المحرمات، لكن إذا تذكر الواجب لاحقًا أتى به، وكذلك ما استكرهوا عليه وأرغموا على فعله من المعاصي والجنايات، فقال -تعالى-: {وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ}.
574;اللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ياخشىلىقىنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ قەستەن قىلماستىن، خاتالىق بىلەن سادىر بولغان گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى، ئۇنتۇلۇپ قىلىپ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلالمىغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى لېكىن قىلالمىغان پەرز ئەمەللىرىنى ئىسىگە كەلگەندە دەرھال ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە جىنايەتلەردىن مەجبۇرى قىلىنغانلىرى بولسا بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ»تەرجىمىسى:«سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).»ھەج سۈرىسى 78-ئايەت   --  ھەدىس ھەممە ئىسنادلىرى ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4216

 
Hadith   311   الحديث
الأهمية: إن الله -عز وجل- تَابَعَ الوَحْيَ عَلَى رَسُولِ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- قَبْلَ وَفَاتِهِ حَتَّى تُوُفِّيَ أَكْثَرَ مَا كَانَ الوَحْيَ


باشتېما:

ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ ۋاپات بولغىچە قەدەر ئىزچىل ۋەھيى قىلغان، ئەڭ كۆپ ۋەھيى نازىل بولغان ۋاقىتلار رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ئىدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: إن الله -عز وجل- تابع الوحي على رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قبل وفاته حتَّى تُوُفِّيَ أكثر ما كان الوحي.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلغان، ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ۋاپات بولغۇچە قەدەر ئىزچىل ۋەھيى قىلغان، ئەڭ كۆپ ۋەھيى نازىل بولغان ۋاقىتلار رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ئىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أكثر الله -عز وجل- من إنزال الوحي على رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قبل وفاته؛ حتى تكمل الشريعة؛ حتى توفي الرسول -صلى الله عليه وسلم- في وقت كثرة نزوله.
574;اللاھ تائالا شەرىئەتنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللمگە ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كۆپ ۋەھىي نازىل قىلدى، ۋەھىي ئەڭ كۆپ نازىل بولغان ۋاقىتلار، رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4217

 
Hadith   312   الحديث
الأهمية: لا تُقَارِنُوا، فإنَّ النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- نهى عن القِرَانِ، ثم يقولُ: إلا أَنْ يَسْتَأْذِنَ الرجلُ أَخَاهُ


باشتېما:

خورمىنى جۈپلەپ يېمەڭلار، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورمىنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقان. ئاندىن: ئەمما ھەمراھىدىن رۇخسەت ئېلىپ يېسە دۇرۇس، دېگەن

عن جَبَلَةَ بنِ سُحَيْمٍ، قال: أَصَابَنَا عَامُ سَنَةٍ مع ابنِ الزبيرِ؛ فَرُزِقْنَا تمرًا، وكان عبدُ اللهِ بنُ عمرَ -رضي الله عنهما- يَمُرُّ بنا ونحن نَأْكُلُ، فيقول: لا تُقَارِنُوا، فإنَّ النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- نهى عن القِرَانِ، ثم يقولُ: إلا أَنْ يَسْتَأْذِنَ الرجلُ أَخَاهُ.

جەبەلە ئىبنى سۇھەيىم: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىرنىڭ زامانىدا بىزگە ئاچارچىلىق يىتىپ قالغان ئىدى، شۇ كۈنلەردە ئاللاھ تائالا بىزگە خورما رىزىق بەردى، بىز خورما يەۋاتقاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يېنىمىزدىن ئۆتۈپ بۇنداق دېگەن: خورمىنى جۈپلەپ يېمەڭلار، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خورمىنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقان. ئاندىن: ئەمما ھەمراھىدىن رۇخسەت ئېلىپ يېسە دۇرۇس، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
عن جبلة بن سحيم قال: أصابنا عام قحط مع ابن الزبير -رضي الله عنهما-، فأعطانا تمرا، فكان ابن عمر -رضي الله عنهما- يمر بنا ونحن نأكل، فيخبرنا أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى أن يقرن الرجل بين التمرتين ونحوهما مما يؤكل أفرادا، إذا كان مع جماعة إلا بإذن أصحابه.
فالشيء الذي جرت العادة أن يؤكل واحدة واحدة، كالتمر إذا كان معك جماعة فلا تأكل تمرتين في لقمة واحدة؛ لأن هذا يضر بإخوانك الذين معك، فلا تأكل أكثر منهم إلا إذا استأذنت، وقلت: تأذنون لي أن آكل تمرتين في آن واحد، فإن أذنوا لك فلا بأس.
ملحوظة: في صحيح البخاري: فرزقنا بأربع فتحات، والفاعل ابن الزبير، والمعنى أعطانا، وفي رواية البيهقي: فرزقنا بضم الراء بالبناء للمجهول، ويحتمل الرازق الله -تعالى-.
580;ەبەلە ئىبنى سۇھەيىم: بىر يىللاردا بىز ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئاچارچىلىققا ئۇچرىغان ئىدۇق، ئۇ بىزگە خورما كەلتۈردى، بىز خورما يەۋەتقاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېنىمىزدىن ئۆتكەن ئىدى، ئۇ بىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوپچا سورۇندا، تاق يېيىلىدىغان خورما ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى جۈپلەپ يېيىشتىن توسقانلىقىنى، پەقەت ھەمراھلىرىدىن رۇخسەت ئالسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «سەن بىر سورۇندا بولغىنىڭدا ئادەتتە تاق يىيلىدىغان خورما ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلارنى بىر لوقمىدا جۈپلەپ يېمە. چۈنكى بۇ قىلمىشىڭ سورۇندىكى قېرىنداشلىرىڭغا ئازار بېرىدۇ. ئۇلاردىن كۆپ يېۋالما، ئەمما سەن ئۇلاردىن رۇخسەت سورىساڭ: بىر قېتىمدا ئىككى تالدىن خورما يېيىشكە رۇخسەت قىلامسىلە؟ دېسەڭ ئۇلار قوشۇلسا يېسەڭ بولىدۇ» دېگەن. ئەسكەرتىش سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنداق كەلگەن: {فرزقنا} بۇ پىئىلنىڭ تورتىلى ھەرىپى زەۋەرلىك كەلگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن مەنا: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر بىزگە بەردى، دېگەن مەنىدە، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر (پائىل) بولىدۇ. بەيھەقى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە (را) ھەرىپى پىچلىق مەجھۇل شەكلىدە كەلگەن، مەنا رىزىق بەرگۈچى ئاللاھ تائالا، دېگەن مەنىدە   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4219

 
Hadith   313   الحديث
الأهمية: أَنَّ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- أُتِيَ بِلَبَنٍ قد شِيبَ بماءٍ، وعن يمينهِ أَعْرَابِيٌّ، وعن يَسَارِه أبو بكرٍ -رضي الله عنه- فَشَرِبَ، ثم أَعْطَى الأَعْرَابِيَّ، وقال: الأَيْمَنَ فَالأَيْمَنَ


باشتېما:

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى ۋە ئوڭدىن باشلانسۇن، دىدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- أَنَّ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- أُتِيَ بِلَبَنٍ قد شِيبَ بماءٍ، وعن يمينهِ أَعْرَابِيٌّ، وعن يَسَارِه أبو بكرٍ -رضي الله عنه- فَشَرِبَ، ثم أَعْطَى الأَعْرَابِيَّ، وقال: «الأَيْمَنَ فَالأَيْمَنَ».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق، سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى ۋە ئوڭدىن باشلانسۇن، دىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أُتِي النبي -صلى الله عليه وسلم- بلبن قد خُلِطَ بالماء، وعلى يمينه رجل من الأعراب وعلى يساره أبو بكر، فشرب النبي -صلى الله عليه وسلم- ثم أعطى الأعرابي، فأخذ الإناء وشرب، وأبو بكر أفضل من الأعرابي؛ لكن فضَّله النبي -صلى الله عليه وسلم- عليه لأنه عن يمينه، وقال: الأيمن فالأيمن، أي: قدموا وأعطوا الأيمن فالأيمن.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۇ ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت كەلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر سەھرالىق سول تەرىپىدە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئىچتى، ئاندىن سەھرالىققا بەردى، ئۇ قاچىنى ئېلىپ سۈتتىن ئىچتى، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭدىن پەزىلەتتە ئەۋزەل ئېدى، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈتنى سەھرالىققا سۇندى، چۈنكى ئۇ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى. ئوڭدىن باشلاڭلار، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4221

 
Hadith   314   الحديث
الأهمية: أَرَأَيتَ إنْ قُتِلْتُ في سَبِيلِ اللهِ، أَتُكَفَّرُ عَنِّي خَطَايَايَ؟


باشتېما:

ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھىم كەچۈرۈلەمدۇ؟

عن أبي قتادة الحارث بن رِبْعِيِّ -رضي الله عنه- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: أَنَّهُ قامَ فيهم، فذكرَ لهم أَنَّ الجهادَ في سبيلِ اللهِ، والإيمانَ باللهِ أفضلُ الأعمالِ، فقامَ رَجُلٌ، فقال: يا رسولَ اللهِ، أرأيتَ إن قُتِلْتُ في سبيلِ اللهِ، تُكَفَّرُ عَنِّي خَطَايَايَ؟ فقالَ له رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم-: «نعم، إنْ قُتِلْتَ في سبيلِ اللهِ، وأنتَ صَابِرٌ مُحْتَسِبٌ، مُقْبِلٌ غَيْرُ مُدْبِرٍ». ثم قال رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم-: «كَيْفَ قُلْتَ؟» قال: أَرَأَيتَ إنْ قُتِلْتُ في سَبِيلِ اللهِ، أَتُكَفَّرُ عَنِّي خَطَايَايَ؟ فقالَ له رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم-: «نعم، وأنتَ صَابِرٌ مُحْتَسِبٌ، مُقْبِلٌ غَيْرُ مُدْبِرٍ، إلا الدَّيْنَ؛ فَإنَّ جِبْرِيلَ -عليه السلام- قالَ لِي ذَلِكَ».

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە خۇتبە ئوقۇپ ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھاد بىلەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر ئىچىدىكى پەزىلىتى ئەڭ يۇقىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىۋىدى، بىر كىشى قوپۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرىلەمدۇ؟ بۇ توغرىلىق ماڭا خەۋەر بەرگىن! دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ»دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قانداق دېدىڭ»دېدى، ئۇ كىشى: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:««ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ قەرزدىن باشقا گۇناھلىرىڭ ئەپۇ قىلىنىدۇ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ھازىرلا بۇ توغرىلىق دەپ بەردى»دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قام النبي -صلى الله عليه وسلم- في الصحابة خطيبًا، فذكر لهم أن الجهاد لإعلاء كلمة الله والإيمانَ بالله أفضل الأعمال، فقام رجل فسأل النبي -صلى الله عليه وسلم-: أرأيت إن قتلتُ لإعلاء كلمة الله أتغفر لي ذنوبي، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: نعم، ولكن بشرط أن تكون قُتِلتَ صابرا مُتحملاً ما أصابك، مخلصا لله -تعالى-، غير فارٍّ من ساحة الجهاد، ثم استدرك النبي -صلى الله عليه وسلم- شيئاً وهو الدَّين، منبها على أن الجهاد والشهادة لا تكفر حقوق الآدميين.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خۇتبە سۆزلەپ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىشنىڭ ۋە ئاللاھغا ئىشىنىشنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى، بىر كىشى قوپۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ ھەممە گۇناھىم كەچۈرۈلۈپ كىرەمدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە، لېكىن سەن يەتكەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سەۋىر قىلىپ، ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ، جىھاد مەيدانىدىن چېكىنمەستىن ئۇرۇش قىلساڭ» دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ شېھىت بولۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپارەت بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4227

 
Hadith   315   الحديث
الأهمية: لما عُرِجَ    بي مَرَرْتُ بقوم لهم أظْفَارٌ من نُحَاسٍ يَخْمِشُونَ وُجُوهَهُمْ وَصُدُورَهُم فقلت: مَنْ هؤُلاءِ يا جِبْرِيل؟ قال: هؤلاء الذين يَأكُلُونَ لحُوم الناس، ويَقَعُون في أعْرَاضِهم


باشتېما:

مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا، تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر دېدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «لما عُرِجَ    بي مَرَرْتُ بقوم لهم أظْفَارٌ من نُحَاسٍ يَخْمِشُونَ وُجُوهَهُمْ وَصُدُورَهُم فقلت: مَنْ هؤُلاءِ يا جِبْرِيل؟ قال: هؤلاء الذين يَأكُلُونَ لحُوم الناس، ويَقَعُون في أعْرَاضِهم!».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنى كۆرۈپ: ئى جىبرىئىل! ئۇلار كىم؟ دېۋىدىم، جىبرىئىل: بۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشىنى يەيدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەر» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- لما صُعِد به إلى السماء في ليلة المعراج مَرَّ بقوم يَخْدِشُون أجسامهم بأظفارهم النحاسية، فتعجب من حالهم -صلى الله عليه وسلم- فسأل جبريل من هؤلاء ولماذا يفعلون بأنفسهم هذا الفعل، فأخبره جبريل؛ بأن هؤلاء من يغتابون الناس، ويقعون في أعراضهم، أي يسبونهم.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغاندا تىرناقلىرى تۇچتىن بولغان، تىرناقلىرى بىلەن يۈزلىرى ۋە بەدەنلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھەيران قىلىپ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىن: ئۇلار كىم؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى مۇشۇنداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: ئۇلارنىڭ كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان ۋە ئابرۇيىنى چۈشۈرىدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4229

 
Hadith   316   الحديث
الأهمية: إِنْ كان عِنْدَكَ مَاءٌ بَاتَ هذه الليلةَ في شَنَّةٍ وإِلَّا كَرَعْنَا


باشتېما:

ئەگەر تۇلۇمدا بىرەر كېچە تۇرغان سۇ بولسا شۇنى بېرىڭ، بولمىسا ئېرىقتىنلا ئېچەيلى

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- أَنَّ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- دَخَلَ على رجلٍ مِنَ الأَنْصَارِ، ومعه صاحبٌ له، فقال رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم-: «إِنْ كان عِنْدَكَ مَاءٌ بَاتَ هذه الليلةَ في شَنَّةٍ وإِلَّا كَرَعْنَا».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەنسارىلاردىن بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بىر كىشىنى ھەمرا قىلىپ كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئەنسارىغا: «ئەگەر تۇلۇمدا بىرەر كېچە تۇرغان سوغۇق سۇ بولسا شۇنى بېرىڭ، بولمىسا ئېرىقتىنلا ئېچەيلى»دېگەن.

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال جابر -رضي الله عنهما-: دخل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على رجل من الأنصار، يقال: إنه أبو الهيثم بن التيهان الأنصاري -رضي الله عنه-، ومعه صاحب له وهو أبو بكر -رضي الله عنه-، فسأله النبي -صلى الله عليه وسلم- إن كان عنده ماء بائت في قربة، وكان الوقت صائفا، والحكمة من ذلك أن الماء البائت يكون باردا، وإلا تناولنا الماء بالفم من غير إناء ولا كف.
580;ابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئۆيىگە كىرگەن ئەنسارىنىڭ ئىسمى: ئەبۇلھەيسەم ئىبنى تەيھان ئەنسارى ئىدى. بىرگە ئېلىپ كىرگەن كىشى بولسا ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن: ئەگەر ئۆيۈڭدە بىرەر كېچە تۇلۇمدا تۇرغان سۇ بولسا شۇنى ئېچەيلى دېگەن. چۈنكى ئۇ ياز ۋاقتى بولۇپ، بىرەر كېچە تۇلۇمدا تۇرغان سۇ سوغۇق بولاتتى. سوغۇق سۈيۈڭ بولمىسا ئېرىقتىن ئېغىزىمىزدىلا ئىچەيلى، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4230

 
Hadith   317   الحديث
الأهمية: يتبع الميت ثلاثة: أهلُه ومالُه وعملُه، فيرجع اثنان ويَبقى واحد: يرجع أهلُه ومالُه، ويَبقى عمله


باشتېما:

مېيىتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ: ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتى، مېلى ۋە ئەمىلى، ئاندىن ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ ۋە بىرى قالىدۇ، ئەھلى ۋە مېلى قايتىپ كېلىدۇ، ئەمىلى قالىدۇ

عن أنس -رضي الله عنه- مرفوعاً: «يَتْبَعُ الميتَ ثلاثةٌ: أهْلُه ومَالُه وعَمَلُه، فيرجع اثنان ويَبْقى واحد: يرجع أهْلُه ومَالُه، ويبقى عَمَلُه».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېيىتقا ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى، مېلى ۋە ئەمىلى، ئاندىن ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ ۋە بىرى قالىدۇ، ئەھلى ۋە مېلى قايتىپ كېتىدۇ، ئەمىلى قالىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: إذا مات الإنسان تبعه المشيعون له؛ فيتبعه أهله يشيعونه إلى قبره، ويتبعه ماله: أي عبيده وخدمه المماليك له، ويتبعه عمله معه، فيرجع اثنان، ويبقى معه عمله، فإن كان خيرًا فخير وإن كان شرًّا فشر.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئۆلگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئۇزاتقۇچىلار ئەگىشىدۇ، ئەھلى ئەگىشىپ قەبرىستانغىچە ئۇزىتىپ بارىدۇ، مېلى ئەگىشىدۇ، يەنى قۇل-خىزمەتچىلىرى ئەگىشىدۇ، قىلغان ئەمەلى ئەگىشىدۇ، ئىككىسى قايتىپ كېتىدۇ، ئەمىلى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قالىدۇ. ئەگەر ياخشىلىق بولسا ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ، يامانلىق بولسا ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4240

 
Hadith   318   الحديث
الأهمية: يُسَلِّمُ الراكِبُ على الماشي، والماشي على القاعد، والقليلُ على الكثير


باشتېما:

ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: « يُسَلِّمُ الراكِبُ على الماشي، والماشي على القاعد، والقليلُ على الكثير».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث: بيان من هو الأولى بالتسليم.
الأول: يسلِّم الراكب على الماشي؛ لأن الراكب يكون مُتَعَلِّيَا، فالبدء من جهته دليل على تواضعه لأخيه المسلم في حال رفعته، فكان ذلك أجلب لمحبته ومودته.
ثانيًا: يسلم الماشي على القاعد لتشبيهه بالداخل على أهل المنزل، وحكمة أخرى: أن القاعد قد يشق عليه مراعاة المارين مع كثرتهم: فسقطت البداءة عنه دفعا للمشقة.
ثالثًا: تسليم القليل على الكثير تعبيرا عن الاحترام والإكرام لهذه الجماعة.
رابعًا: الصغير يسلم على الكبير؛ لأن الكبير له حق على الصغير.
ولكن لو قُدِّر أن القليلين في غفلة ولم يسلموا، فليسلم الكثيرون ولو قُدِّر أن الصغير في غفلة، فليسلم الكبير ولا تترك السنة.
وهذا الذي ذكره النبي -صلى الله عليه وسلم- ليس معناه: أنه لو سلم الكبير على الصغير كان حرامًا ولكن المعنى الأولى: أن الصغير يسلم على الكبير، فإنه لولم يسلم فليسلم الكبير، حتى إذا بادرت بالسلام لما تقدم في حديث أبي أمامة: "إن أولى الناس بالله من بدأهم بالسلام".   
وهكذا لو حصل التلاقي، فإن أولاهم بالله من بدأ بالسلام، وفي الحديث الآخر: "وخيرهما الذي يبدأ بالسلام".
576;ۇ ھەدىستە سالام قىلىشقا كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، بىرىنچى: ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا سالام قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلاغ مىنگۈچى ئۈستۈندە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەرىپىدىن باشلىنىشى ئەھۋالى ئۈستۈن تۇرۇپ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا كەمتەر بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، ئۇ دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ. ئىككىنچى: پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا سالام قىلىدۇ، چۈنكى پىيادە كىشىنى ئۆيدە ئولتۇرغانلارنىڭ قىشىغا كىرگەن ئادەمگە ئوخشاتقانلىقتىن، ياكى پىيادىلەر كۆپ بولۇپ، ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلەلىشى تەس بولغاچقا قىيىنچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشلاش ساقىت قىلىندى. ئۈچىنچى: جامائەتنى ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلىپ، ئاز كىشىلەر كۆپ كىشىلەرگە سالام قىلىدۇ. تۆتىنچى: چوڭلارنىڭ كىچىكلەردە ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن، كىچىكلەر چوڭلارغا سالام قىلىدۇ، لىكىن ئاز كىشىلەر بىپەرۋالىقتىن سالام قىلالماي قالسا، كۆپ كىشىلەر سالام قىلسۇن، شۇنىڭدەك كېچىكلەر سالام قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، چوڭلار (كېچىكلەرگە) سالام قىلسۇن، سۈننەت تەرىك ئىتىلمىسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى:چوڭ كىچىكگە سالام قىلسا ھارام دېگەنلىك ئەمەس، ياخشىسى كىچىك چوڭغا سالام قىلىدۇ، ئەگەر سالام قىلمىسا چوڭ سالام قىلسۇن. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك سالامنى دەسلەپتە قىلىشقا تەڭ ئۇچرىشىپ قالغاندىمۇ ئالدىراش كېرەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئەڭ لايىق بولغانلىرى سالامنى دەسلەپتە قىلغان كىشىلەردۇر»، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش بولۇپ قالسا ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئەڭ لايىق بولغانلىرى سالامنى دەسلەپتە قىلغانلىرىدۇر، يەنە بىر ھەدىستە:«ئىككىسىنىڭ ئەڭ ياخشىراقى سالامنى باشتا قىلغان كىشىدۇر» دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4243

 
Hadith   319   الحديث
الأهمية: لما نزلت آية الصدقة كنَّا نُحَامل على ظُهورنا، فجاء رَجُل فَتَصَدَّقَ بشيء كثير، فقالوا: مُراءٍ، وجاء رَجُل آخر فَتَصَدَّقَ بصاع، فقالوا: إن الله لَغَنيٌّ عن صاع هذا! فنزلت: {الذين يلمزون المطوعين من المؤمنين في الصدقات}


باشتېما:

سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت چۈشكەندە بىز ھامماللىق قىلىپ جېنىمىزنى باقاتتۇق، بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسىنى سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «رىياخۇر» دېيىشتى، يەنە بىر كىشى كېلىپ بىر «سا» نەرسە سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «ئاللاھ ئۇنىڭ بىر «سا» نەرسىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى، شۇ ۋاقىتتا: { (مۇناپىقلار)مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ } دېگەن ئايەت نازىل بولدى

عن أبي مسعود عقبة بن عمرو الأنصاري البدري -رضي الله عنه- قال: لما نزلت آية الصدقة كنَّا نُحَامِلُ على ظُهُورِنَا، فجاء رجل فتصدق بشيء كثير، فقالوا: مُراءٍ، وجاء رجل آخر فتصدق بصاع، فقالوا: إن الله لَغَنيٌّ عن صاع هذا!؛ فنزلت: (الذين يلمزون المطوعين من المؤمنين في الصدقات والذين لا يجدون إلا جهدهم).

ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ ئەنسارى بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قېلىنىدۇ: سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت چۈشكەندە بىز ھامماللىق قىلىپ جېنىمىزنى باقاتتۇق، بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسىنى سەدىقە قىلدى، كىشىلەر : «رىياخۇر» دېيىشتى، يەنە بىر كىشى كېلىپ بىر سا نەرسە سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «ئاللاھ ئۇنىڭ بىر سا نەرسىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى، شۇ ۋاقىتتا:{ (مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ } دېگەن ئايەت نازىل بولدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال أبو مسعود -رضي الله عنه- لما نزلت آية الصدقة: يعني الآية التي فيها الحث على الصدقة قال الحافظ: كأنه يشير إلى قوله -تعالى-: (خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِم بِهَا) جعل الصحابة -رضي الله عنهم- يبادرون ويسارعون في بذل الصدقات إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، كل واحد يحمل بقدرته من الصدقة إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فجاء رجل بصدقة كثيرة، وجاء رجل بصدقة قليلة، فكان المنافقون إذا جاء الرجل بالصدقة الكثيرة؛ قالوا: هذا مُراءٍ، ما قصد به وجه الله، وإذا جاء الرجل بالصدقة القليلة؛ قالوا: إن الله غني عنه، وجاء رجل بصاع، قالوا: إن الله غني عن صاعك هذا.
فأنزل الله -عز وجل-: (الذين يلمزون المطوعين من المؤمنين في الصدقات والذين لا يجدون إلا جهدهم) أي: يعيبون المتطوعين المتصدقين، والذين لا يجدون إلا جهدهم، فهم يلمزون هؤلاء وهؤلاء، (فيسخرون منهم سخر الله منهم ولهم عذاب أليم)، فهم سخروا بالمؤمنين؛ فسخر الله منهم، والعياذ بالله.
574;ەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت نازىل بولغاندا، يەنى: سەدىقە قېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئايەت. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ: { (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن} دېگەن ئايەتكە ئىشارەت قېلىدۇ دېگەن. (تەۋبە سۈرىسى 103- ئايەت). ساھابىلار ئۆزلىرىنىڭ سەدىقىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئالدىراپ ئەكىلىپ بېرىشكە باشلىدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يىتىشچە قىلغان سەدىقىلىرىنى ئېلىپ كىلىشتى، بەزىلەر سەدىقىدىن كۆپ نەرسە ئېلىپ كەلدى، يەنە بەزىلەر سەدىقىدىن ئاز بىر نەرسە ئېلىپ كەلدى، مۇناپىقلار كۆپ سەدىقە ئېلىپ كەلگەن كىشىنى: «بۇ رىياخۇرلۇق قىلدى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلمىدى» دېيىشتى، ئاز سەدىقە ئېلىپ كەلگەن كىشىنى: «ئاللاھ ئۇنىڭ سەدىقىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى. بىر كىشى بىر «سا» نەرسىنى ئېلىپ كېلىۋىدى، مۇناپىقلار: «ئاللاھ سېنىڭ مۇشۇ بىر «سا» نەرسەڭدىن بىھاجەت» دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: «(مۇناپىقلار)مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، يەنى: مۇناپىقلار مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئاز سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىمۇ ۋە بۇلارنىمۇ مەسخىرە قىلىدۇ، (ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، ئۇلار مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالىدى، ئاللاھ ساقلىسۇن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4245

 
Hadith   320   الحديث
الأهمية: قد كان من قَبْلَكم يُؤخذ الرَّجُل فَيُحْفَرُ له في الأرض، فيُجعل فيها، ثمَّ يُؤتى بالمنشار فيوضع على رأسه فيُجعل نِصْفَين، ويُمْشَطُ بأمْشَاطِ الحديد ما دون لحْمِه وعظمه، ما يَصُدُّه ذلك عن دِينِه


باشتېما:

سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن تۇتۇلۇپ، زېمىندا ئۇنىڭغا ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، بېشى ئۈستىگە قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ (ئازابلار) دىنىدىن ياندۇرالمىغان كىشىلەر بولغان ئىدى

عن أبي عبد الله خباب بن الأرت -رضي الله عنه- قال: شكونا إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وهو مُتَوَسِّدٌ بُرْدَةً له في ظِلِّ الكعبة، فقلنا أَلاَ تَسْتَنْصِرُ لنا، ألا تدعو الله لنا؟ فقال: «قد كان من قبلكم يُؤخذ الرجل فيُحفر له في الأرض، فيُجعل فيها، ثمَّ يُؤتى بالمِنْشَارِ فيوضع على رأسه فيُجعل نصفين، ويُمشط بأمشاطِ الحديد ما دون لحمه وعظمه، ما يَصُدُّهُ ذلك عن دينه، والله لَيُتِمَّنَّ الله هذا الأمر حتى يسير الراكب من صنعاء إلى حضرموت لا يخاف إلا الله والذئب على غَنَمِه، ولكنكم تستعجلون». وفي رواية: «هو مُتَوَسِّدٌ بُرْدَةً، وقد لقينا من المشركين شدة».

ئەبۇ ئابدۇللاھ خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا شىكايەت قىلغىلى كەلسەك، ئۇ كەبىنىڭ سايىسىدا ئۆزىنىڭ چاپىنىنى ياستۇق قىلىپ يېتىپتىكەن، بىز: «دۇئا قىلىپ بىزگە نۇسرەت تەلەپ قىلغان بولسىلا» دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن تۇتۇلۇپ، زېمىندا ئۇلارغا ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، بېشى ئۈستىگە قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخنىدىن ئايرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇ (ئازابلار) دىنىدىن ياندۇرالمىغان كىشىلەر بولغان ئىدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ بۇ ئىشنى (ئىسلام دىنىنى) چوقۇم تولۇق پۈتتۈرىدۇ، ھەتتا سەنئادىن ھەزەرە مەۋتقا ماڭغان يولوچى ئاللاھتىن ۋە قويلىرىنى بۆرىلەرنىڭ يەپ كېتىشىدىن باشقا ھىچنىمىدىن قورقمايدۇ، لېكىن سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تونىنى بېشىغا قويۇپ يېتىپتىكەن، بىز بولساق مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئەزىيەتكە ئۇچرىغان ئىدۇق» دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يحكي خباب -رضي الله عنه- ما وجده المسلمون من الأذية من كفار قريش في مكة، فجاؤوا يشكون إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو متوسد بردة له في ظل الكعبة، فبين النبي -عليه الصلاة والسلام- أن من كان قبلنا ابتلي في دينه أعظم مما ابتلي به هؤلاء، يُحفر له حفرة، ثم يُلقى فيها، ثم يؤتى بالمنشار على مفرق رأسه ويشق نصفين، ويمشط بأمشاط الحديد ما بين جلده وعظمه، وهذه أذية عظيمة.
ثم أقسم -صلوات الله وسلامه عليه- أن الله -سبحانه- سيتم هذا الأمر، يعني: سيتم ما جاء به الرسول -عليه الصلاة والسلام- من دعوة الإسلام، حتى يسير الراكب من صنعاء إلى حضرموت لا يخشى إلا الله والذئب على غنمه،
ثم أرشد -عليه الصلاة والسلام- صحبه الكرام إلى ترك العجلة؛ فقال: "ولكنكم تستعجلون" أي: فاصبروا وانتظروا الفرج من الله، فإن الله سيتم هذا الأمر، وقد صار الأمر كما أقسم النبي -عليه الصلاة والسلام-.
576;ۇ ھەدىستە خەبباب ئىبنى ئەرەتتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدە قۇرەيش كاپىرلىرى تەرىپىدىن ئۇچرىغان ئەزىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا شىكايەت قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ سايىسىدە تونىنى بېشىغا قويۇپ ياتقان ئىكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرگە دىندا يەتكەن ئەزىيەتنىڭ بۇلارغا يەتكەن ئەزىيەتتىن زور ئىكەنلىكىنى، ئورەك كولۇنۇپ كۆمۈلۈپ، ئاندىن ھەرە ئېلىپ كېلىنىپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىغا قويۇلۇپ، ھەرىدىلىپ ئىككى پارە قىلىۋىتىلگەن ۋە تۆمۈر تاغاقلار بىلەن گۆشىنى ئۇستىخىنىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ زور ئەزىيەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن (دىننى) مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا سەنئادىن ھەزەرە مەۋتقا سەپەر قىلغان يولوچىنىڭ ئاللاھتىن ۋە قويلىرىنى بۆرە يەپ كېتىشىدىن باشقا ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئالدىرماسلىققا بۇيرۇپ: «سىلەر ئالدىراپ كىتىۋاتىسىلەر»، يەنى «سەۋىر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ بۇ ئىشنى تولۇق پۈتتۈرىدۇ»، دېدى، ئاقىۋەتتە ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەسەم قىلغاندەك بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4246

 
Hadith   321   الحديث
الأهمية: يا رسولَ اللهِ، إِنَّ لِي جَارَيْنِ، فإلى أَيِّهِمَا أُهْدِي؟ قال: إلى أَقْرَبِهِمَا مِنْكِ بَابًا


باشتېما:

ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئىككى خوشنام بار بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگە بىر نەرسە ھەدىيە قىلماقچى بولسام، قايسىسىغا قىلسام توغرا بولىدۇ، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قايسىسىنىڭ ئىشىگى ساڭا يېقىن بولسا شۇنىڭغا قىلغىن، دېدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: يا رسولَ اللهِ، إِنَّ لِي جَارَيْنِ، فإلى أَيِّهِمَا أُهْدِي؟ قال: «إلى أَقْرَبِهِمَا مِنْكِ بَابًا».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق سورىغان: ئى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ئىككى خوشنام بار بولۇپ ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگە بىر نەرسە ھەدىيە قىلماقچى بولسام قايسىسىغا قىلسام توغرا بولىدۇ، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قايسىسىنىڭ ئىشىكى يېقىن بولسا شۇنىڭغا قىلغىن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
سألت عائشة -رضي الله عنها- النبي -صلى الله عليه وسلم-: إن لي جارين وقد أمرت بإكرام الجار مطلقًا؛ ولا أقدر على الإهداء إليهما معًا، فإلى أيهما أهدي ليحصل لي الدخول في جملة القائمين بإكرام الجار؟ فقال -صلى الله عليه وسلم-: "إلى أقربهما منك بابًا".
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇنداق سورىغان: ئومۇمىيۈزلۈك خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان، مېنىڭ ئىككى خوشنام بار، ئىككىلىسىگە تەڭ بىر نەرسە ھەدىيە قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، ئەگەردە بىرىگە ھەدىيە قىلىش بىلەن خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرمەك ئۈچۈن قايسىسغا بىر نەرسە ھەدىيە قىلسام بولىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئىشىگى سىزگە ئەڭ يېقىنىغا ھەدىيە قىلىڭ، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4250

 
Hadith   322   الحديث
الأهمية: تقبيل الصبيان ورحمتهم والشفقة عليهم


باشتېما:

ئەگەر ئاللاھ تائالا قەلبىڭلەردىن رەھمەتنى تارتىۋەتسە مەندە نېمە ئامال!

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: قَدِمَ نَاسٌ مِنَ الأَعْرَابِ عَلَى رَسُولِ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- فقالوا: أَتُقَبِّلُونَ صِبْيَانَكُمْ؟ فقال: «نعم» قالوا: لَكِنَّا واللهِ ما نُقَبِّلُ! فقال رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم-: «أَوَ أَمْلِكُ إن كانَ اللهُ نَزَعَ مِنْ قُلُوبِكُم الرَّحْمَةَ!».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەرەب بەدەۋىلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: سىلەر باللىرىڭلارنى سۆيۈپ قويامسىلەر؟ دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ھەئە سۆيۈپ قويىمىز، دېدى. ئۇلار بىز باللىرىمىزنى سۆيمەيمىز، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەلبىڭدىن رەھمەتنى تارتىۋەتسە مەندە نېمە ئامال! دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
جاء قوم من الأعراب إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- فسألوا: هل تقبلون صبيانكم؟ قال النبي -صلى الله عليه وسلم-: "نعم"، والأعراب عندهم غلظة وشدة؛ فقالوا: إنا لسنا نقبل صبياننا، فقال النبي -عليه الصلاة والسلام-: "إذا نزع الله من قلوبكم الرحمة فلا أملك وضعها في قلوبكم".
576;ەدەۋى ئەربلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى: سىلەر باللىرىڭلارنى سۆيۈپ قويامسىلەر؟ دېگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: شۇنداق، دېدىو (بەدەۋى ئەرەبلەردە قوپاللىق ۋە توڭلۇق ئادىتى بار ئىدى)، ئۇلار: بىز باللىرىمىزنى سۆيۈپ قويمايمىز، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ تائالا قەلبىڭلاردىن رەھىمدىللىكنى تارتىۋەتسە، مەن ئۇنى قەلبىڭلارغا سېلىشقا، ئورنۇتۇشقا قادىر بولالمايمەن، دېدى. «دەلىل ئەلفالىھين» 3-توم 9-10- بەت «رىيازۇس سالىھين» ئىبنى ئۇسەيمىين2- توم 553،554- بەتلەر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4251

 
Hadith   323   الحديث
الأهمية: أَيُّ الصَّدَقةِ أَعْظَمُ أَجْرًا؟ قال: أَنْ تَصَدَّقَ وَأَنْتَ صَحِيحٌ شَحِيحٌ، تَخْشَى الفَقْرَ وتَأْمَلُ الغِنَى، ولا تُمْهِلُ حتى إذا بَلَغَتِ الحُلْقُومَ قُلْتَ لفلانٍ كَذَا ولفلانٍ كَذَا، وقد كان لفلانٍ


باشتېما:

قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورققان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. ئۆلۈم سەكراتىغىچە سەدىقە قىلىشنى ئارقىغا سوزمىغىن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مال-مۈلىكىمنى پالانچىغا بېرىڭلار، بۇنى پالانچىغا بېرىڭلار دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا مال-مۈلىكىڭ پالانچىغا تەۋە بولۇپ بولغان بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: جاء رجل إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال: يا رسول الله، أي الصدقة أعظم أجرًا؟ قال: «أن تَصَدَّقَ وأنت صحيحٌ شَحِيحٌ، تخشى الفقر وتَأَمَلُ الغِنى، ولا تُمْهِلْ حتى إذا بلغتِ الحُلْقُومَ قلت: لفلان كذا ولفلان كذا، وقد كان لفلان».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ قايسى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ كاتتا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: تىنىڭ ساغلام، پۇل-مالغا ئىھتىياجلىق تۇرۇپ، كەمبەغەللىقتىن قورقۇغان ۋە بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقتىڭدا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. ئۆلۈم سەكراتىغىچە سەدىقە قىلىشنى ئارقىغا سوزمىغىن، ئۇ ۋاقىتتا بۇ مال-مۈلىكىمنى پالانچىغا بېرىڭلار، بۇنى پالانچىغا بېرىڭلار دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا مال-مۈلىكىڭ پالانچىغا تەۋە بولۇپ بولغان بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
جاء رجل إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- يسأله    أفضل الصدقة، فقال له: أن تتصدق وأنت صحيح البدن شحيح النفس، تخاف من الفقر إن طالت بك حياتك، وتطمع في الغِنى؛ ولا تؤخر الصدقة حتى إذا جاءك الموت وعلمت أنك خارج من الدنيا قلت لفلان كذا من المال صدقة أو وصية، ولفلان كذا من المال صدقة أو وصية؛ وقد كان المال لغيرك الذي يرثك.
576;ىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى توغۇرلۇق سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: تىنىڭ ساغلام تۇرۇپ، مال-دۇنياغا ھىرىسمەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈپ قالغىنىڭدا كەمبەغەل بولۇپ قېلىشتىن قورقۇيدىغان، بايلىقنى ئارزۇ قىلىدىغان ۋاقىتتا سەدىقە قىلىشىڭ، دېدى. سەدىقە قىلىشنى كىچىكتۈرمىگىن، ساڭا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا، بۇ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكىۋەسىيەت قىلدىم، پالانچىغا مال-مۈلىكىمدىن بۇنى سەدىقە قىلدىم ياكى ۋەسىيەت قىلدىم، دەيسەن ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا سېنىڭ مال-مۈلىكىڭ مىراسخورلىرىڭغا قالغان بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4252

 
Hadith   324   الحديث
الأهمية: بَخْ! ذَلِكَ مَالٌ رَابِحٌ، ذَلِكَ مَالٌ رَابِحٌ، وَقَدْ سَمِعْتُ ما قُلْتَ، وإِنِّي أَرَى أَنْ تَجْعَلَهَا في الأَقْرَبِينَ


باشتېما:

ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: كان أبو طلحة -رضي الله عنه- أكثر الأنصار بالمدينة مالا من نخل، وكان أحب أمواله إليه بَيْرَحَاء، وكانت مُسْتَقبِلَةَ المسجد وكان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يدخلها ويشرب من ماء فيها طيب. قال أنس: فلما نزلت هذه الآية: {لن تنالوا البر حتى تُنِفُقوا مما تُحبون} قام أبو طلحة إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: يا رسول الله، إن الله -تعالى- أنزل عليك: {لن تنالوا البر حتى تنفقوا مما تحبون} وإن أحب مالي إلي بَيْرَحَاء، وإنها صدقة لله -تعالى-، أرجو بِرَّهَا وذُخْرَهَا عند الله -تعالى-، فَضَعْهَا يا رسول الله حيث أَرَاكَ الله، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «بَخٍ ذلك مال رَابِحٌ، ذلك مال رابح، وقد سمعتُ ما قلتَ، وإني أرى أن تجعلها في الأقربين»، فقال أبو طلحة: أفعل يا رسول الله، فقسمها أبو طلحة في أقاربه، وبني عمه.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدىكى ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدىكى خورمىلىق بېغى ئەڭ كۆپ كىشى ئېدى، ماللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەبۇ تەلھە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى ئۇدۇلىدىكى«بەيرەھا» دېگەن بېغى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ باغدىكى تاتلىق سۇدىن ئىچەتتى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر» دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا ئەبۇ تەلھە ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا ساڭا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى، مېنىڭ ماللىرىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم «بەيرەھا» دېگەن بېغىمدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئەسقاتىدىغان مال بولۇشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۇنى سەدىقە قىلىمەن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن ئۇنى ئاللاھ ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئىشلەتكىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن» دېدى، ئەبۇ تەلھە: «شۇنداق قىلىمەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دەپ، ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قېلىپ بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أبو طلحة -رضي الله عنه- أكثر الأنصار بالمدينة مزارع، وكان له بستان في قبلة المسجد فيه ماء طيب، وكان النبي -صلى الله عليه وسلم- يأتيه ويشرب منه، فلما نزل قوله -تعالى-: (لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّى تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ) بادر -رضي الله عنه- وسابق وسارع وجاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- وقال: يا رسول الله، إن الله -تعالى- أنزل قوله: (لَنْ تَنَالُوا الْبِرَّ حَتَّى تُنْفِقُوا مِمَّا تُحِبُّونَ) وإن أحب أموالي إلي بيرحاء -وهذا اسم ذلك البستان- وإني جعلتها بين يديك صدقة لله ورسوله؛ فقال النبي -صلى الله عليه وسلم- متعجبًا: بخ بخ ذاك مال رابح، ذاك مال رابح، أرى أن تجعلها في أقاربك. ففعل -رضي الله عنه-، وقسمها في أقاربه وبني عمه.
574;ەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدە ئەنسارىلار ئارىسىدا بېغى كۆپ كىشى ئىدى، مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ئۇدۇل جايدا ئۇنىڭ سۈيى تاتلىق بىر بېغى بارئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ ئۇنىڭ تاتلىق سۇلىرىدىن ئىچەتتى: { ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالدىراپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا:{ ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىلىم «بەيرەھا» دېگەن باغ، مەن ئۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ سىلىگە تۇتتۇم دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مەردلىكىدىن ئەجەبلىنىپ: «ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن» دېدى، ئەبۇ تەلھە ئۇنى تۇققانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4290

 
Hadith   325   الحديث
الأهمية: حُرِّمَ لِباسُ الحَرِيرِ والذَّهَبِ على ذُكُورِ أُمَّتِي، وأُحِلَّ لإِنَاثِهِمْ


باشتېما:

يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىنىپ، ئاياللىرىغا دۇرۇس قىلىندى

عن عليٍّ -رضي الله عنه- قال: رأيتُ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- أَخَذَ حَرِيرًا، فجعله في يمينه، وذَهَبًا فجعله في شماله، ثم قال: «إِنَّ هَذَيْنِ حرامٌ على ذُكُورِ أُمَّتِي».
عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه-: أَنَّ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- قال: «حُرِّمَ لِباسُ الحَرِيرِ والذَّهَبِ على ذُكُورِ أُمَّتِي، وأُحِلَّ لإِنَاثِهِمْ».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوڭ قولىدا يىپەكنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ: بۇ ئىككى نەرسە ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە چەكلەندى، دەۋاتقانلىقىنى كۆردۇم دەپ ھەدىس بايان قىلغان. ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يىپەك كىيىملەرنى كىيىش ۋە ئالتۇن بۇيۇملىرىنى ئىستىمال قىلىش ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە چەكلەندى، ئاياللىرىغا دۇرۇس قىلىندى» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخذ رسول الله صلى الله عليه وسلم حريراً فجعله في يده اليمنى، وأخذ ذهباً فجعله في يده اليسرى، ثم قال: إن هذين –الحرير والذهب- حرام على ذكور أمتي؛ فلبس الحرير والذهب حرام على ذكور هذه الأمة؛ إلا فيما استثني كلباس الحرير لحكة أو جرب لا يقوم فيها غيره مقامه، وكأنف الذهب؛ أما النساء فهما حلال لهن، فلهن أن يلبسن منهما ما شئن؛ إلا إذا بلغ حد الإسراف، فإن الإسراف لا يحل؛ لقول الله تعالى: (وَلا تُسْرِفُوا إِنَّهُ لا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ).
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىدا يىپەكنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بۇ ئىككى نەرسە يەنى ئالتۇن بىلەن يىپەك ئۈممىتىمنىڭ ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى، دېدى. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەرلىرىگە يىپەك كىيىم ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىستىمال قىلىش چەكلەندى. پەقەت بەدىنىدە قىچىشقاق ياكى قوتا كېسىلى بولغان كىشىلەر باشقا ئامال قىلالمىسا ساقىيىپ بولغۇچە يىپەك كىيىملەرنى كىيسە، بۇرنى كېسىلگەن كىشىلەر ئالتۇندىن بۇرنىنى قاپلاتتۇرسا بولىدۇ. ئەمما ئالتۇن بىلەن يىپەك ئاياللارغا دۇرۇس قىلىندى. ئاياللار ئىسراپ قىلماستىن يىپەك كىيىملەرنى كىيسە ۋە ئالتۇن بۇيۇملارنى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئىسراپ قىلىپ، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» ئەئراپ سۈرىسى 31-ئايەت   --  ھەدىس ئىككىلا ئىسناد بىلەن سەھىھ   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4292

 
Hadith   326   الحديث
الأهمية: رَأَيْتُ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- جَالِسًا مُقْعِيًا يَأْكُلُ تَمْرًا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم

عن أنسٍ -رضي الله عنه- قال: رَأَيْتُ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- جَالِسًا مُقْعِيًا يَأْكُلُ تَمْرًا.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال أنس -رضي الله عنه-: رأيت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- جالسًا لاصقًا أليَتَيْهِ بالأرض ناصبا ساقيه يأكل تمرًا؛ لئلا يأكل كثيرًا، فإنه في هذه الحالة لا يكون مطمئنًا في الجلوس فلن يأكل كثيرًا.
574;ەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» دېدى. بۇ كۆپ يىمەسلىك ئۈچۈندۇر، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە راھەت ئولتۇرمايدۇ ۋە كۆپ يېگىلى بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4296

 
Hadith   327   الحديث
الأهمية: رأيتُ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- يأكلُ بثلاثِ أَصَابِعَ، فإذا فَرَغَ لَعِقَهَا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەپ، يەپ بولغاندىن كىيىن بارماقلىرىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم

عن كعب بن مالك -رضي الله عنه- قال: رأيتُ رسولَ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- يأكلُ بثلاثِ أَصَابِعَ، فإذا فَرَغَ لَعِقَهَا.

كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەپ، يەپ بولغاندا بارماقلىرىنى يالىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يأكل بثلاث أصابع، وهي الوسطى والمسبحة والإبهام، وهذا يدل على عدم الشَّرَه والنَّهَم في الأكل، وإذا فرغ من أكله لحس أصابعه، فالمستحب أن يكون الأكل بثلاث أصابع إلا إذا كان الطعام لا يمكن تناوله بثلاث أصابع فيأكل بما يتيسر.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن، يەنى ئوتتۇرا، كۆرسەتكۈچ ۋە باش بارمىقى بىلەن يەيتتى، بۇ يىمەكنى بۇلاپ-تالاپ، ئاچ كۆزلۈك قىلماسلىقنى ئىپادىلەيدۇ، يىمەكتىن بىكار بولغاندا بارماقلىرىنى يالىۋىتەتتى. تاماقنى ئۈچ بارماق بىلەن يىيىش ياخشى، ئەمما ئۈچ بارماق بىلەن يىيىلمەيدىغان تاماق بولسا، نېمە بىلەن يېيىش مۇۋاپىق بولسا شۇنىڭ بىلەن يېيىش كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4298

 
Hadith   328   الحديث
الأهمية: دَخَلَ عَلَيَّ رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- فَشَرِبَ مِنْ فِي قِرْبَةٍ مُعَلَّقَةٍ قائمًا، فقُمتُ إلى فِيها فَقَطَعْتُهُ


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەپتۇ، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىغلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم

عن أم ثابتٍ كَبْشَةَ بنتِ ثابتٍ أُخْتِ حَسَّانَ بنِ ثابتٍ -رضي الله عنهما-، قالت: دَخَلَ عَلَيَّ رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- فَشَرِبَ مِنْ فِي قِرْبَةٍ مُعَلَّقَةٍ قائمًا، فقُمتُ إلى فِيها فَقَطَعْتُهُ.

ئۇممۇ سابىت كەبشە بىنتى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەپتۇ، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىقلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم ۋە تەۋەررۇك ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قالت كبشة بنت ثابت رضي الله عنها: دخل عليَّ رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم فشرب من فم قربة معلقة قائما، وقد فعل ذلك صلى الله عليه وسلم لعدم إمكان الشرب حينئذ إلا كذلك، قالت: فقمت إلى فيها فقطعته؛ لتحفظ موضع فم رسول الله صلى الله عليه وسلم وتتبرك به، وتصونه عن الامتهان.
603;ەبشە بىنتى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىقلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، ئۇ جايدا ئۆرە تۇرۇپ ئېچىشتىن باشقا ئىمكان بولمىغاچ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم ۋە تەۋەررۇك ئۈچۈن ۋە ئېتىبارسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4301

 
Hadith   329   الحديث
الأهمية: إذا التَقَى المسلمانِ بسَيْفَيْهِمَا فالقاتلُ والمقْتُولُ في النَّارِ


باشتېما:

ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىسە، ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ

عن أبي بكرة نفيع بن الحارث الثقفي -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «إذا التَقَى المسلمانِ بسَيْفَيْهِمَا فالقاتلُ والمقْتُولُ في النَّارِ». قلت: يا رسول الله، هذا القاتلُ فما بالُ المقتولِ؟ قال: «إنه كان حريصًا على قَتْلِ صَاحِبِهِ».

ئەبۇ بەكرە نۇپەيئ ئىبنى ھارىس ئەسسەقەپى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىسە ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆلتۈرگۈچىغۇ شۇنداق، ئۆلگۈچى نېمىشقا دوزاخقا كىرىدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: چۈنكى ئۆلگۈچىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا التقى المسلمان بسيفيهما، قاصدًا كلٌّ منهما إتلاف صاحبه؛ فالقاتل في النار بسبب مباشرته قتل صاحبه، والمقتول في النار لحرصه على ذلك، إلم يعف الله عنهما، وإذا لم يكن الاقتتال بوجه حق، كما في قول الله تعالى: (فإن بغت إحداهما على الأخرى فقاتلوا التي تبغي حتى تفيء إلى أمر الله).
574;ەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىسە ھەر بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، ئۆلتۈرگۈچى ئۆز ھەمراھىنى بىۋاستە ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دوزاخقا كىرىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلمىسا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش ھەق ئۈچۈن بولمىسا، ئۆز ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىس بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «فإن بغت إحداهما على الأخرى فقاتلوا التي تبغي حتى تفيء إلى أمر الله» تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار» سۈرە ھۇجرات 9-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4304

 
Hadith   330   الحديث
الأهمية: ازهد في الدنيا يحبك الله، وازهد فيما عند الناس يحبك الناس


باشتېما:

دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى

عن سهل بن سعد الساعدي -رضي الله عنه- قال: جاء رجل إلى النبي -صلى الله عليه وآله وسلم- فقال: يا رسول الله، دُلَّنِي على عمل إذا عملته أحبني الله وأحبني الناس؟
«فقال ازهد في الدنيا يحبك الله، وازهد فيما عند الناس يحبك الناس».

سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى، ئەگەر ئۇنى قىلسام ئاللاھ تائالا مۇ ۋە كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرۈدىغان بىرئەمەلگە باشلاپ قويسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: دۇنياغا ھېرىسمەن بولمىساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەپۇچان ۋە كەڭ قورساق بولساڭ، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
جاء رجل إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يطلب منه أن يرشده إلى عمل إذا عمله يكون سببا لمحبة الله له ومحبة الناس، فأرشده النبي -صلى الله عليه وسلم- إلى عمل جامع شامل يسبب له محبة الله ومحبة الناس.
فقال له -صلى الله عليه وسلم-: "ازهد في الدنيا".
أي: فلا تطلب منها إلا ما تحتاجه وتترك الفاضل، وما لا ينفع في الآخرة، وتتورع مما قد يكون فيه ضرر في دينك، وازهد في الدنيا التي يتعاطاها الناس، فإذا صار بينك وبين أحد منهم حق أو عقد من العقود فكن كما ورد في الحديث: "رحم الله امرءا سمحا إذا باع، سمحا إذا اشترى, سمحا إذا قضى، سمحا إذا اقتضى"؛ لتكون محبوبا عند الناس ومرحوما عند الله -تعالى-.
576;ىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا ئۆزىنى ئەگەر ئۇنى قىلسا، ئاللاھ تائالا مۇ ۋە كىشىلەرمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سەۋەبچى بولىدىغان بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىپ دېدىكى: دۇنيادىن يىراق تۇرغىن! يەنى: ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭگە ئېھتىياجىڭ بولمىغىنىنى ئىزدىمىگىن، بەلكى زىيادىسىنى ۋە ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدىغىنىنى تەرك ئەتكىن! دىنىڭغا زىيىنى بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئىشتىن ئۆزۈڭنى ساقلىغىن! كىشىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىشىۋاتقان دۇنيادىن يىراق تۇرغىن. ئەگەر سەن بىلەن كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنىڭ ئارىسىدا ھەق - ھوقۇق ئۆتۈپ قالسا، سەن ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەھبۇب بولۇشۇڭ ئۈچۈن، خۇددى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بولغىن، ئۇ بولسىمۇ: بىر نەرسە ساتقاندا كەڭ قوساق بولغان، ياكى سېتىۋالغاندا كەڭ قوساق بولغان، قەرز سورالغاندا كەڭ قوساق بولغان، قەرزنى تۇتقاندا كەڭ قوساق بولغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4307

 
Hadith   331   الحديث
الأهمية: الدين النصيحة


باشتېما:

دىن نەسىھەت دېمەكتۇر

عن أبي رقية تميم بن أوس الداري -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «الدين النصيحة» قلنا: لمن؟ قال: «لله، ولكتابه، ولرسوله، ولأئمة المسلمين وعامتهم».

ئەبۇ رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىن نەسىھەت دېمەكتۇر. بىز: نەسىھەت كىم ئۈچۈن؟ دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا، ئۇنىڭ كىتابىغا، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
جاء الدين الحنيف بإخلاص النصيحة وبذلها، وبأن نؤمن ونعترف بوحدانية الله -عز وجل-، وننزهه عن النقائص ونصفه بصفات الكمال، وأن القرآن كلامه منزل غير مخلوق، نعمل بمحكمه ونؤمن بمتشابهه، ونصدق الرسول -صلى الله عليه وسلم- بما جاء به ونمتثل أمره ونجتنب ما نهى عنه، وننصح لأئمة المسلمين بمعاونتهم على الحق وإرشادهم إلى ما جهلوه ونذكرهم ما نسوه أو غفلوا عنه، ونرشد عامة المسلمين إلى الحق، ونكف عنهم الأذى منا ومن غيرنا على حسب الاستطاعة، ونأمرهم بالمعروف وننهاهم عن المنكر، والجامع للنصح لهم: أن نحب لهم ما يحب كل منا لنفسه.
576;ۇ ھەق دىن نەسىھەتنى ئىخلاس بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ يەككە - يىگانە ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىشىمىز ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنى، ئۇنى پۈتۈن كەمچىلىكلەردىن پاكلاپ، پۈتۈن كامالى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىشىمىز، قۇرئان كەرىم ئۇ زاتنىڭ كالامى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھقا ۋەھىي ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەنلىكى، قۇرئاننىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى ۋە مەنىسى ئوچۇق بايان قىلىنغان ئايەتلەرگە ئەمەل قىلىشىمىز، مەنىسىنى بىلەلمىگەن (مۇتەشابىھ) ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىشىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ۋەھىيگە ئىمان ئېيتىشىمىز، ئۇ بۇيرۇغان ئىشلارغا بويسۇنۇپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىرىغا ھەق ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ، ئۇلار بىلەلمەي قالغان ئىشلاردا توغرا يولغا باشلاش، ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان ياكى غەپلەتتە قالغان ئىشلارنى ئەسلىتىشىمىز، ئومۇمى مۇسۇلمانلارنى ھەق يولغا باشلىشىمىز، ئۇلارغا بىزدىن ۋە باشقىلاردىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەرنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە توسىشىمىز، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلىشىمىز قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىمىزنى بۇيرۇپ كەلدى. ئۇلارغا بولغان نەسىھەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىش: بىزنىڭ ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە نېمىنى ياخشى كۆرسەك ئۇلارغىمۇ شۇنى ياخشى كۆرۈشىمىزدىن ئىبارەتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4309

 
Hadith   332   الحديث
الأهمية: كَانَ فِيمَنْ كَانَ قَبْلَكُمْ رَجُلٌ قَتَلَ تِسْعَةً وَتِسْعِينَ نَفْسًا، فَسَأَلَ عَنْ أَعْلَمِ أَهْلِ الْأَرْضِ فَدُلَّ عَلَى رَاهِبٍ، فَأَتَاهُ فَقَالَ: إِنَّهُ قَتَلَ تِسْعَةً وَتِسْعِينَ نَفْسًا، فَهَلْ لَهُ مِنْ تَوْبَةٍ؟ فَقَالَ: لَا، فقتله


باشتېما:

سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشى تۇغرۇلۇق سورىغاندا، بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- أن نبي الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «كان فيمن كان قبلكم رجل قتل تسعة وتسعين نفسًا، فسأل عن أعلم أهل الأرض، فَدُلَّ على راهب، فأتاه فقال: إنه قتل تسعة وتسعين نفسا فهل له من توبة؟ فقال: لا، فقتله فكمَّل به مئة، ثم سأل عن أعلم أهل الأرض، فَدُلَّ على رجل عالم، فقال: إنه قتل مائة نفس فهل له من توبة؟ فقال: نعم، ومَنْ يَحُولُ بينه وبين التوبة؟ انْطَلِقْ إلى أرض كذا وكذا فإن بها أناسا يعبدون الله -تعالى- فاعبد الله معهم، ولا ترجع إلى أرضك فإنها أرض سوء، فانطلق حتى إذا نَصَفَ الطريقَ أتاه الموت، فاختصمت فيه ملائكة الرحمة وملائكة العذاب، فقالت ملائكة الرحمة: جاء تائبا، مُقْبِلا بقلبه إلى الله -تعالى-، وقالت ملائكة العذاب: إنه لم يعمل خيرا قط، فأتاهم ملك في صورة آدمي فجعلوه بينهم -أي حكمًا- فقال: قِيسُوا ما بين الأرضين فإلى أَيَّتِهِمَا كان أدنى فهو له، فقاسوا فوجدوه أدنى إلى الأرض التي أراد، فقبضته ملائكة الرحمة».
وفي رواية في الصحيح: «فكان إلى القرية الصالحة أقرب بشبر فجعل من أهلها».
وفي رواية في الصحيح: «فأوحى الله -تعالى- إلى هذه أن تَبَاعَدِي، وإلى هذه أن تَقَرَّبِي، وقال: قيسوا ما بينهما، فوجدوه إلى هذه أقرب بشبر فغُفِرَ له».
وفي رواية: «فَنَأَى بصدره نحوها».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ئىچىدە 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سورىغاندا، ئۇنىڭغا بىر راھىب كۆرسۈتۈلۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبنىڭ يىنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىسا، راھىب: «ياق» دېدى، ئاندىن ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ساننى يۈزگە يەتكۈزدى، ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سورىسا ئۇنىڭغا بىر ئالىم كىشى كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، ئالىم: «ھەئە»، كىم ئۇنىڭ بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى توسۇپ قالالايدىكەن؟، سەن پالانى شەھەرگە بارغىن، ئۇ شەھەردە ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار، شۇ كىشىلەر بىلەن ئىبادەت قىلغىن، يۇرتۇڭغا ھەرگىز قايتىپ كەلمىگىن، بۇ يەر يامان جايدۇر، دېدى، ئۇ يولغا چىقىپ يېرىم يولغا كەلگەندە ئەجىلى توشتى، رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى تالىشىپ قالدى، رەھمەت پەرىشتىلىرى: «ئۇ تەۋبە قىلىپ، ئاللاھقا يۈزلىنىپ كەلدى» دېدى، ئازاب پەرىشتىلىرى: «ئۇ پەقەت ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ باقمىدى» دېدى، يەنە بىر پەرىشتە ئادەم سۈرىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار ئۇنى ئارىسىدا ھۆكۈم چېقارغۇچى قىلىشتى، ئۇ: «ئىككى شەھەرنىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن» دېدى، ئۇلار ئۆلچەپ ئۇ كىشىنىڭ قاراپ ماڭغان شەھەرگە يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى شەھەرگە بىر غېرىچ يېقىن بولغاچقا شۇ شەھەرنىڭ ئەھلىدىن قىلىندى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا يامان زېمىنغا: «ئۇ ئادەمدىن يىراقلاشقىن» دەپ، ياخشى زېمىنغا: «ئۇ ئادەمگە يېقىنلاشقىن» دەپ ۋەھى قىلدى، پەرىشتىلەرگە: «ئىككى زېمىننىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلار» دېدى، ئۇلار ئۇ ئادەمنىڭ ياخشى زېمىنغا بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، ئاندىن ئۇ ئادەمگە مەغپىرەت قىلىندى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇ ئادەم ياخشى زېمىن تەرەپكە كۆكرىكى بىلەن يىقىنلاشقان ئىدى» دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال النبي -صلى الله عليه وسلم-: كان في أمة من الأمم قبلنا رجل قتل تسعة وتسعين نفسًا، ثم إنه ندم وسأل عن أعلم أهل الأرض يسأله: هل له من توبة؟ فدل على رجل، فوجد عابدًا ولكنه ليس عنده علم، فلما سأله قال إنه قتل تسعة وتسعين نفسًا، فهل له من توبة؟ فاستعظم الراهب هذا الذنب وقال: ليس لك توبة! فغضب الرجل وانزعج وقتل الراهب، فأتم به مائة نفس، ثم إنه سأل عن أعلم أهل الأرض، فدل على رجل عالم فقال له: إنه قتل مائة نفس فهل له من توبة؟ قال: نعم! ومن الذي يحول بينه وبين التوبة؟ باب التوبة مفتوح، ولكن اذهب إلى القرية الفلانية؛ فإن فيها قومًا يعبدون الله، والأرض التي كان فيها كأنها -والله أعلم- دار كفر فأمره هذا العالم أن يهاجر بدينه إلى هذه القرية التي يعبد فيها الله -سبحانه وتعالى-، فخرج تائبا نادمًا مهاجرًا بدينه إلى الأرض التي فيها القوم الذين يعبدون الله عز وجل، وفي منتصف الطريق أتاه الموت، فاختصمت فيه ملائكة العذاب وملائكة الرحمة، تقول ملائكة الرحمة: إنه تاب وجاء نادمًا تائبًا، فحصل بينهما خصومة، فبعث الله إليهم ملكًا ليحكم بينهم، فقال: قيسوا ما بين الأرضين فإلى أيتها كان أقرب فهو من أهلها.
   فإن كانت أرض الكفر أقرب إليه فملائكة العذاب تقبض روحه، وإن كان إلى بلد الإيمان أقرب فملائكة الرحمة تقبض روحه.
فقاسوا ما بينهما؛ فإذا البلد التي اتجه إليها -وهي بلد الإيمان-أقرب من البلد التي هاجر منها بنحو شبر -مسافة قريبة- فقبضته ملائكة الرحمة.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «بىزدىن ئىلگىرىكى بىر ئۈممەتتە بىر ئادەم توقسان توققۇز ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئاندىن پۇشايمان قىلىپ، زېمىندىكى ئەڭ ئالىم كىشىنى سورىدى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىماقچى ئىدى، ئۇنىڭغا بىلىمسىز ئىبادەتگۇي بىر راھىب كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ راھىبقا ئۆزىنىڭ 99 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، راھىب بۇ گۇناھنى بەك چوڭ كۆرۈپ: «تەۋبەڭ قوبۇل بولمايدۇ » دېدى، ئۇ ئادەمنىڭ ئاچچىغى كېلىپ، جېلە بولۇپ راھىبنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئادەمنىڭ سانىنى يۈزگە يەتكۈزدى، ئاندىن زېمىن ئەھلىدىن ئالىمراق بىر كىشىنى سورىدى، ئۇنىڭغا بىر ئالىم كىشى كۆرسۈتۈپ قويۇلدى، ئۇ ئۇنىڭغا: ئۆزىنىڭ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ، تەۋبە قىلسا قوبۇل بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، ئالىم: «ھەئە، سەن بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى كىم توسالايدۇ؟، تەۋبىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق، لېكىن سەن پالانى شەھەرگە بارغىن، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر بار» دېدى، - ئاللاھ بىلگۈچىدۇر- ئۇ كىشى ياشىغان زېمىن كۇپرى دىيارى بولغاچقا بۇ ئالىم ئۇنى ئۆز دىنى بىلەن ئاللاھتائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان بۇ شەھەرگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغاندەك قىلاتتى، ئۇ تەۋبە قىلىپ، پۇشايمان قىلىپ دىنى بىلەن ئاللاھتائالاغا ئىبادەت قىلىدىغەن كىشىلەر بار شەھەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ يىرىم يولغا كەلگەندە ئەجىلى توشتى، رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭدا تالىشىپ قالدى، رەھمەت پەرىشتىلىرى: ئۇ تەۋبە قىلدى، پۇشايمان قىلىپ، تەۋبە بىلەن كەلدى» دېدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاش- تارتىش يۈز بەردى، ئاللاھ يەنە بىر پەرىشتىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئەۋەتتى، ئۇ پەرىشتە: «ئىككى شەھەرنىڭ ئارىسىنى ئۆلچەڭلەر، ئۇ قايسى شەھەرگە يېقىن بولسا، شۇنىڭغا ھېساب بولسۇن، كۇپرى شەھرىگە يېقىن بولسا ئازاب پەرىشتىلىرى جېنىنى ئالسۇن، ئىمان شەھرىگە يېقىن بولسا رەھمەت پەرىشتىلىرى جېنىنى ئالسۇن» دېدى، ئۇلار ئۆلچەپ، ئۇ قاراپ ماڭغان شەھەر (ئىيمان شەھىرى) ھىجرەت قىلغان شەھەردىن بىر غېرىچ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىشتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ جېنىنى رەھمەت پەرىشتىلىرى ئالدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4310

 
Hadith   333   الحديث
الأهمية: الرَّضاعة تحرم ما تحرم الولادة


باشتېما:

نەسەبتە ھارام قىلىنغان ئىش ئېمىلداشلىقتىمۇ ھارام قىلىنىدۇ

عن عائشة -رضي الله عنها- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «الرَّضاعة تحرم ما تحرم الولادة».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: نەسەبتە ھارام قىلىنغان ئىش ئېمىلداشلىقتىمۇ ھارام قىلىنىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
المحرمات من النساء بسبب النسب كالأم والأخت يحرم مثلهن بسبب الرضاعة كالأم المرضعة والأخت من الرضاعة؛ لذا جاء في حديث آخر: (يحرم من الرضاع ما يحرم من النسب)، سواء من قبل الزوجة أو من قبل الزوج، فكل ما يحرم على الإنسان من قراباته من النسب بأن يتزوجها كأخته وخالته وعمته، فحرام عليه أن يتزوج بهؤلاء إذا كانت قرابتهن بالرضاع، وكذلك الزوجة يحرم عليها أن تتزوج بولدها وأخيها وعمها وخالها، فكذلك حرام عليها أن تتزوج بهؤلاء إذا كانوا من الرضاع.
ونوع التحريم هو تحريم النكاح وانتشار الحرمة بين الرضيع والأولاد المرضعة، وتنزيلهم منزلة الأقارب في حل نظر وخلوة وسفر، لا في باقي الأحكام، كتوارث ووجوب الإنفاق ونحو ذلك، ثم التحريم المذكور بالنظر إلى المرضع فإن أقاربه أقارب للرضيع وأما أقارب الرضيع ما عدا أولاده فلا علاقة بينهم وبين المرضع، فلا يثبت لهم شيء من الأحكام.
574;اياللاردىن نەسەب جەھەتتىن ھارام بولغان؛ ئانا ۋە ئاچا-سىڭىللارغا ئوخشاشلارنىڭ ئۆز ئەينى، ئېمىتىش سەۋەپلىك ھارام بولىدۇ. مەسىلەن: ئېمىتكەن ئانا، ئېمىلداش ئاچا- سڭىلغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر ھەدىستە: (نەسەب سەۋەپلىك ھارام بولغان ئىش، ئېمىلداشلىق سەۋەپلىكمۇ ھارام بولىدۇ) دەپ كەلدى. بۇ مەيلى ئايال تەرەپتىن بولسۇن، ياكى ئەر تەرەپتىن بولسۇن. بىر ئىنسانغا ئۇرۇغ-تۇغقانلىق سەۋەبىدىن توي قىلىش ھارام بولغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئاچا-سىڭىل ۋە ئانا تەرەپتىن ۋە دادا تەرەپتىن بولغان ھاممىلىرىغا ئوخشاشلارنىڭ تۇغقانلىقى ئېمىلداشلىقتىن بولغان بولسا، ئۇلارنى نىكاھىغا ئېلىش ھارامدۇر. بۇ يەردىكى ھاراملىقنىڭ تۈرى: نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقىدۇر. ئېمىتىلگەن بالا بىلەن ئۇنىڭ ئېنىك ئانىسىنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىش ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ ئۇلارغا قاراش، ئۇلار بىلەن ئايرىم تۇرۇش، بىللە سەپەر قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ئەھكاملاردا ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن: مىراس ئىشلىرىدا، نەپىقە قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىغا ئوخشاش ئىشلاردا ئۆزىنىڭ تۇغقىنىنىڭ ھۆكۈمىدە بولمايدۇ. يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئېمىتكۈچى ئانىغا قاراشتىكى ھاراملىققا كەلسەك، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئەمگۈچىنىڭمۇ تۇغقانلىرى بولىدۇ. ئەمما ئەمگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئۆزىنىڭ بالىلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئېمىتكۈچى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇلارغا تۇغقانچىلىق ئالاقىسىدىن ھېچقانداق ھۆكۈم ئىسپاتلانمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4311

 
Hadith   334   الحديث
الأهمية: إن الحلال بيِّن وإن الحرام بين، وبينهما أمور مشتبهات لا يعلمهن كثير من الناس، فمن اتقى الشبهات فقد اسْتَبْرَأ لدينه وعرضه، ومن وقع في الشبهات وقع في الحرام


باشتېما:

ھەقىقەتەن ھالالمۇ ۋە ھاراممۇ ئوچۇق- ئاشكارا، بۇنىڭ ئارىسىدا شەكلىك ئىشلار بولۇپ بۇنى كۆپچىلىك كىشىلەر بىلمەيدۇ، كىمىكى شەكلىك ئىشلاردىن ساقلانسا ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شەكلىك ئىشتىن ساقلانمىسا ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ

عن النعمان بن بشير -رضي الله عنه- قال: سمعت النبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إن الحلال بيِّن وإن الحرام بين، وبينهما أمور مُشْتَبِهَاتٌ لا يعلمهن كثير من الناس، فمن اتقى الشُّبُهات فقد اسْتَبْرَأ لدينه وعرضه، ومن وقع في الشبهات وقع في الحرام، كالراعي يرعى حول الحِمى يوشك أن يَرْتَع فيه، ألا وإن لكل مَلِك حِمى، ألا وإن حِمى الله محارمه، ألا وإن في الجسد مُضغة إذا صلحت صلح الجسد كله وإذا فسدت فسد الجسد كله ألا وهي القلب».

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ھالال ئىشلارمۇ ئېنىق، ھارام ئىشلارمۇ ئېنىق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالغان شۈبھىلىك ئىشلار بار،ئۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدۇ، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ھەزەر قىلغان ئادەم دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ، چېگرا چۆرىسىدە پادا باقىدىغان چوپانغا ئوخشاش، پادا چېگراغا كىرىپ قىلىشى مۇمكىن، ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بولغاندەك، ئاللاھنىڭ چېگراسى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغان ئىشلىرىدۇر، قۇلاق سېلىڭلار! ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
القاعدة العامة أن ما أحله الله ورسوله، وما حرمه الله ورسوله، كل منهما بَيِّن واضح، وإنما الخوف على المسلم من الأشياء المشتبهة، فمن ترك تلك الأشياء المشتبهة عليه سَلِم دينه بالبعد عن الوقوع في الحرام، وتم له كذلك صيانة عرضه من كلام الناس بما يعيبون عليه بسبب ارتكابه هذا المشتبه.
ومن لم يجتنب المشتبهات، فقد عرض نفسه إما إلى الوقوع في الحرام، أو اغتياب الناس له ونيلهم من عرضه.
   وضرب الرسول -صلى الله عليه وسلم- مثلا لمن يرتكب الشبهات كراع يرعى إبله أو غنمه قرب أرض قد حماها صاحبها، فتوشك ماشية ذلك الراعي أن ترعى في هذا الحمى لقربها منه، فكذلك من يفعل ما فيه شبهة، فإنه بذلك يقترب من الحرام الواضح، فيوشك أن يقع فيه.
وأشار النبي -صلى الله عليه وسلم- إلى أن الأعمال الظاهرة تدل على الأعمال الباطنة من صلاح أو فساد، فبين أن الجسد فيه مضغة (وهي القلب) يصلح الجسد بصلاحها، ويفسد بفسادها.
574;ومۇمى قائىدە: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھالال قىلغان ئىشلار ئېنىق، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان ئىشلارمۇ ئېنىق، بىراق مۇسۇلماننىڭ بۇلار ئارسىدىكى شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىدۇ. كىمىكى شۈبھىلىك ئىشلارنى تاشلىسا دىندا ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن يىراق بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ھەم كىشىلەرنىڭ ھارام ئىشلارنى قىلىپتۇ دېگەن گەپلىرىدىن ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، كىمىكى بۇ شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولمىسا ھارامغا چۈشۈپ قىلىشى ياكى كىشىلەر بۇ كىشىنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا تىگىشتىن ساقلىناممايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كىشىنى چىگرا بويىدا پادا باققان، پادىلار چىگرا ئىچىگە كىرىپ چەكلەنگەن يايلاقتا پادىلىرى ئوتلىغان كىشىگە ئوخشاتتى. شۇنىڭدەك شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان كىشى ئېنىق ھارام ئىشلارغا يېقىنلىشىدۇ-دە ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالىدۇ. رەسۇلۇللاھ يەنە ئىنساننىڭ سىرىتقى ئەمەللىرى يامان بولسا يامانچە، ياخشى بولسا ياخشىچە ئىچكى ئەمەللەرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغانلىقنى بايان قىلىپ: ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر چىشلەم گۆش بار، بۇ گۆش تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4314

 
Hadith   335   الحديث
الأهمية: إن الله تعالى طيبٌ لا يقبل إلا طيبًا، وإن الله أمر المؤمنين بما أمر به المرسلين فقال تعالى: يا أيها الرسل كلوا من الطيبات واعملوا صالحًا


باشتېما:

ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى نېمىگە بۇيرىغان بولسا، مۆمىنلەرنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: ئى پەيغەمبەرلەر ھالال نەرسىنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، دېگەن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: إِنَّ اللهَ طَيِّبٌ لَا يَقْبَلُ إِلَّا طَيِّبًا، وَإِنَّ اللهَ أَمَرَ الْمُؤْمِنِينَ بِمَا أَمَرَ بِهِ الْمُرْسَلِينَ، فَقَالَ: {يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا، إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ} [المؤمنون: 51] وَقَالَ: {يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ} [البقرة: 172] ثُمَّ ذَكَرَ الرَّجُلَ يُطِيلُ السَّفَرَ أَشْعَثَ أَغْبَرَ، يَمُدُّ يَدَيْهِ إِلَى السَّمَاءِ، يَا رَبِّ، يَا رَبِّ، وَمَطْعَمُهُ حَرَامٌ، وَمَشْرَبُهُ حَرَامٌ، وَمَلْبَسُهُ حَرَامٌ، وَغُذِيَ بِالْحَرَامِ، فَأَنَّى يُسْتَجَابُ لِذَلِكَ؟.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى نېمىگە بۇيرىغان بولسا، مۆمىنلەرنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى پەيغەمبەرلەر ھالال نەرسىنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن». [سۈرە مۆئمىنىۇن 51-ئايەت]. يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆئمىنلەر بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇزۇن سەپەرگە چىققان چاچلىرى چۇۋۇق ۋە چاڭ تۇزاڭ بولغان، ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئى پەرۋەردىگارىم، ئى پەرۋەردىگارىم، دەيدىغان بىر كىشىنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىگى ھارامدىن، كىيىم-كىچىكى ھارامدىن، ھارام يىگۈزىلگەن تۇرسا قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إن الله -تعالى- منزه عن النقائص والعيوب، موصوف بصفات الجلال والجمال والكمال؛ فلا يتقرب إليه بنفقة أو صدقة من حرام أو ما فيه شبهة أو بالرديء من الطعام، وأن الله قد أباح للمؤمنين الأكل من الطيبات كما أباحه للمرسلين مع العمل الصالح والشكر لله على نعمه.
ثم بين الرسول -صلى الله عليه وسلم- أن الله -سبحانه- كما يحب الإنفاق من الطيب، فإنه تعالى كذلك لا يحب من الأعمال إلا طيبها، ولا تطيب الأعمال إلا بالمتابعة والإخلاص.
ثم ذكر -صلى الله عليه وسلم- تحذيرا لأمته من الحرام، فذكر -صلى الله عليه وسلم- الرجل يطيل السفر، أي: في وجوه الطاعات من حج وجهاد واكتساب معيشة، أشعث شعر الرأس مُغبرَّ اللون من طول سفره في الطاعة، يمد يديه إلى السماء بالدعاء إلى الله والتضرع إليه والتذلل بين يديه، ومع ذلك يبعد أن يستجاب له، لخبث كسبه، حيث كان مطعمه ومشربه من الحرام.
574;اللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقساندىن پاكتۇر، گۈزەل ۋە مۇكەممەل سۈپەت ئىگىسىدۇر، بەندە ئاللا تائالاغا ھارام يول بىلەن ياكى شۈبھە بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مالنى سەدىقە قىلىش، ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلىش ئارقىلىق، ياكى بۇزۇلغان ئاشلىقلارنى سەدىقە قىلىش ئارقىلىق يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىگە قانداق بىر نەرسىلەرنى يېيىشنى دۇرۇس قىلغان بولسا، شۇ نەرسىنى مۆئمىن بەندىلىرىگىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە نىېمىتىگە شۈكۈر قىلغان ئاساستا يېيىشنى دۇرۇس قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۆز يولىدا چىقىم قىلغۇچىلاردىن ھالال نەرسىلەرنى چىقىم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە شۇنىڭدەكلا ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەل-ئىبادەتلەردىن شەرىئەت كۆرسەتكىنىنى ئىخلاس بىلەن قىلىش گۈزەل بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى ھارامدىن ئاگاھلاندۇرۇپ بىر كىشىنىڭ مېسالىنى تىلغا ئالغان، ئۇ كىشى ھەج، جىھاد ياكى تىرىكچىلىك يولىدا سەپەر قىلىدىغان، ئىبادەت ئۈچۈن قىلىنغان بۇ سەپەردە چاچلىرى چۇۋۇق، توپا-تەرەت ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرغان ھالدىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۇلنى ھارامدىن تاپقان، يېمەك-ئىچمىكىمۇ ھارامدىن بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4316

 
Hadith   336   الحديث
الأهمية: إن الله كتب الإحسانَ على كل شيء، فإذا قتلتم فأحسِنوا القِتلةَ وإذا ذبحتم فأحسِنوا الذِّبحة، وليحد أحدُكم شَفْرَتَه ولْيُرِحْ ذبيحتَهُ


باشتېما:

ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەر قانداق ئىشتا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى پەرز قىلدى، ئەگەر بىرەر جانلىقنى ئۆلتۈرمەكچى ياكى مالنى بوغۇزلىماقچى بولساڭلار ئۇنى ياخشى شەكىلدە ئۇلتۈرۈڭلار، «قىيناپ ئۆلتۈرمەڭلار» مالنى قىينىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پىچاقنى ياخشى بىلەڭلار

عن شداد بن أوس -رضي الله عنه- مرفوعًا:« إن الله كتب الإحسانَ على كل شيء، فإذا قتلتم فأحسِنوا القِتلةَ وإذا ذبحتم فأحسِنوا الذِّبحة، وليحد أحدُكم شَفْرَتَه ولْيُرِحْ ذبيحتَهُ».

شەدداد ئىبنى ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەر قانداق ئىشتا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى پەرز قىلدى، ئەگەر بىرەر جانلىقنى ئۆلتۈرمەكچى ياكى مالنى بوغۇزلىماقچى بولساڭلار ئۇنى ياخشى شەكىلدە ئۇلتۈرۈڭلار، «قىيناپ ئۆلتۈرمەڭلار» مالنى قىينىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پىچاقنى ياخشى بىلەڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
المسلم مطالب بإحسان نيته وسريرته، ومطالب بإحسان طاعته وعبادته، ومطالب بإحسان عمله وصنعته، ومطالب بالإحسان إلى الناس والحيوان؛ بل وإلى الجماد أيضا.
ولا شك أن ذابح الحيوان سيؤلمه بالذبح، ولا بد من ذبحه للانتفاع به، إذا فالمقصود من ذلك هو تربية الرحمة والرأفة والشفقة والرفق في نفس المؤمن حتى لا يغفل عن تلك المعاني ولو كان ذابحا أو قاتلا بحق، وهو تنبيه على أن الإحسان إذا طلب في القتل والذبح فطلبه في غيره من الأعمال آكد وأشد، ومن الإحسان تحديد السكين وإراحة الحيوان.
574;ىسلام دىنى مۇسۇلماندىن نىيىتى ۋە كۆڭلىنىڭ ياخشى بولىشىنى تەلەپ قىلغاندەك، ئۇنىڭ تائەت-ئىبادىتىنىڭ ياخشى بولىشىنى، ئىش-ھەرەكەتلىرىنىڭ ياخشى بولىشىنى، ئىنسانلارغا، ھايۋانلارغا ھەتتاكى جانسىز نەرسىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۈبھىسىزكى، ھايۋان بوغۇزلانغاندا ئازابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنى بوغۇزلاپ يېيىشكە ئىنسانلار ئېھتىياجلىق، شۇنداق بولغان ئىكەن، ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئەڭ تىز جېنى چىقىدىغان شەكىلدە ئۆلتۈرۈش كېرەك. بۇ يەردە مۆمىن كىشىنىڭ رەھىم-شەپقەت، مىھرىبانلىق ئىستىكىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا جانلىقلارنى توغرا يول بىلەن ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، يۇقىرىدىكى ئەدەپ-قائىدىلەرنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك. ئىنسان چارۋا-مالنى ئۆلتۈرگەندە ياخشىلىققا بۇيرۇلغان تەقدىردە، بۇ باشقا ئىشلاردا تېخىمۇ تەكىتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پىچاقنى ياخشى بىلەپ ھايۋاننى قىينىماي ئۆلتۈرۈش ياخشىلىق قىلغاننىڭ جۈملىسىدىندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4319

 
Hadith   337   الحديث
الأهمية: من صام يومًا في سبيل الله بَعَّدَ الله وجهه عن النار سبعين خريفًا


باشتېما:

كىمىكى بىر كۈن ئاللاھ يولىدا خالىس روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى دوزاختىن70 يىللىق مۇساپىدە يىراق قىلىدۇ

عن أبي سعيد الخُدْرِي -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من صام يومًا في سبيل الله بَعَّدَ الله وجهه عن النَّار سَبْعِين خريفا».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يىراقلىقتا قىلىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- أن من صام يوما واحدا في سبيل الله كان جزاؤه أن يُبَعِّد الله تعالى وجهه عن النار سبعين عاماً؛ لأنه جمع بين مشقة الجهاد والمرابطة ومشقة الصيام، وإبعاده عن النار، يقتضي تقريبه من الجنة، إذ ليس هناك إلا طريق للجنة وطريق للسعير.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھاد جەريانىدا ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ بىر كۈن روزا تۇتسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى دوزاختىن 70 يىللىق مۇساپە يىراقلاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ جىھادتىكى مۇشەققەت بىلەن روزا مۇشەققىتىنى تەڭ تارىتتى. ئۇ كىشىنى دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇش جەننەتكە يېقىنلاشتۇرۇشنى بىلدۇرىدۇ، ئاخىرەتتە پەقەت ئىككى يوللا با يا جەننەت يادوزاخ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4436

 
Hadith   338   الحديث
الأهمية: لا يزال الناس بخير ما عَجَّلُوا الفطر


باشتېما:

ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ

عن سهل بن سعد الساعدي -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «لا يزال الناس بخير ما عَجَّلُوا الفطر».

سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث أن الناس لا يزالون بخير، ما عجلوا الفطر؛ لأنهم ـ بذلك يحافظون على السنة.
فإذا خالفوا وأخروا الفطر، فهو دليل على زوال الخير عنهم ؛ لأنهم تركوا تمسكهم بالسنة التي ترك النبي -صلى الله عليه وسلم- عليها أمته وأمرهم بالمحافظة عليها .
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە خەبەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ، ئىپتارنى بۇرۇن قىلىش بولسا سۇننەتكە ئەمەل قىلغانلىق. ئەگەر ئىپتارنى كىچىكتۈرسە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلغان بۇلىدۇ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ چىڭ ئېسىلىشنى تەۋسىيە قىلغان بۇ سۈننەتلەرنى تەرىك قىلىش سەۋەبلىك ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4438

 
Hadith   339   الحديث
الأهمية: ذهب المفطرون اليوم بالأجر


باشتېما:

بۈگۈن روزا تۇتمىغۇچىلارمۇ ساۋابقا ئېرىشتى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: كنَّا مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في السفر فمنَّا الصائم، وَمِنَّا المُفطر، قال: فنزلنا مَنْزِلًا فِي يوم حارٍّ، وأكثرنا ظِلًّا صاحب الْكِسَاءِ، وَمِنَّا من يَتَّقِي الشمس بيده، قال: فَسقط الصُّوَّامُ، وقام المُفْطِرُونَ فَضربوا الْأَبْنِيَةِ، وَسَقَوْا الرِّكَاب، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "ذهب المُفْطِرُونَ اليوم بالأجر".

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر سەپەرگە چىقتۇق، ئىچىمىزدىن روزا تۇتقۇچىلارمۇ بولدى، تۇتمىغۇچىلارمۇ بولدى، قاتتىق ئىسسىق بولغان بىر كۈن ئىدى، بىر ئورۇنغا دەم ئېلىش ئۈچۈن چۈشتۇق، ئارىمىزدىن بەزىلەر قوللىرى بىلەن ۋە بەزىلىرى كىيىملىرى بىلەن ئاپتاپنى توساتتى، روزا تۇتقۇچىلار ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقتىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتتى، ئۇلار ھالىدىن كەتتى، روزا تۇتمىغانلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، چىدىرلارنى تىكىپ بەردى، ۋە تۆگىلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى. رەسۇلۇللاھ: بۈگۈن روزا تۇتمىغۇچىلارمۇ ساۋاپ-ئەجرىگە ئېرىشتى، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الصحابة مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في أحد أسفاره، ويحتمل أنها غزوة الفتح، فكان بعضهم مفطرًا، وبعضهم صائمًا، والنبي -صلى الله عليه وسلم- يُقر كلًّا منهم على حاله.
فنزلوا في يوم حار ليستريحوا من عناء السفر وحر الهاجرة، فلما نزلوا في هذه الهاجرة، سقط الصائمون من الحر والظمأ، فلم يستطيعوا العمل، وقام المفطرون، فضربوا الأبنية، بنصب الخيام والأخبية، وسقوا الإبل، وخدموا إخوانهم الصائمين، فلما رأى النبي -صلى الله عليه وسلم- فعلهم وما قاموا به من خدمة الجيش شجعهم، وبين فضلهم وزيادة أجرهم وقال: "ذهب المفطرون اليوم بالأجر".
587;اھابىلەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن سەپەرگە چىققان ئىدى. بەزىلەر روزا تۇتقان، يەنە بەزىلەر روزا تۇتمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا سانىدى. ئۇلار ئىسسىق تومۇزنىڭ كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتلىرىدىن بىرىدە دەم ئېلىش ئۈچۈن كارۋاننى توختاتتى. روزا تۇتقۇچىلار ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقتىن ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتتى، ئۇلار ھالىدىن كەتتى، روزا تۇتمىغانلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، چىدىرلارنى تىكىپ بەردى، ۋە تۆگىلىرىنى سۇغۇرۇپ بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قوشۇنغا ۋە قېرىنداشلىرىغا قىلغان بۇ ئىش-ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ: بۈگۈن روزا تۇتمىغۇچىلارمۇ ساۋاپ-ئەجرىگە ئېرىشتى، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4439

 
Hadith   340   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- دخل مكة عام الفَتح، وعلى رأسه المِغْفَرُ، فلما نَزعه جاءه رجل فقال: ابن خَطَلٍ متعَلِّقٌ بأستار الكعبة، فقال: اقْتُلُوهُ


باشتېما:

مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئالغاندا بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه-: «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- دخل مكة عام الفَتح، وعلى رأسه المِغْفَرُ، فلما نَزعه جاءه رجل فقال: ابن خَطَلٍ متعَلِّقٌ بأستار الكعبة، فقال: اقْتُلُوهُ».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، «مەككە ئازاد بولغان يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كىرگەندە بېشىدا دۇبۇلغا بار ئىدى، دۇبۇلغىنى ئېلىۋەتكەندە بىرسى كېلىپ: ئىبنى خەتەل كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ تۇرۇۋاپتۇ، دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان بين النبي -صلى الله عليه وسلم- وبين كفار قريش عهد, وكان قد أهدر دم بعض المشركين وأمر بقتلهم، وهم تسعة فقط، فلما كان فتح مكة، دخلها -صلى الله عليه وسلم- في حالة حيطة وحذر، فوضع على رأسه المِغْفَر، ووجد بعض الصحابة ابنَ خَطَل متعلقاً بأستار الكعبة، عائذاً بحرمتها من القتل؛ لمِا يعلم من سوء صنيعه، وقبح سابقته، فتحرجوا من قتله قبل مراجعة النبي -صلى الله عليه وسلم- فلما راجعوه قال: اقتلوه، فقتل بين الحجر والمقام.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرەيش كاپىرلىرى ئارىسىدا سۈلھى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توققۇز نەپەر مۇشرىكنى قېنى ھالال دەپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى، مەككە ئازاد قىلىنغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە بېشىغا دۇبۇلغا كېيىپ ئىھتىيات ھالىتىدە كىردى، ساھابىلارنىڭ بەزىسى ئىبنى خەتەل ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يامان قىلمىشى ۋە ناچار ئىشلىرىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كەبىنىڭ يوپۇقىغا ئېسىلىپ، كەبىنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ تۇرغان ھالەتتە تاپتى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن ئەيمىنىپ قالدى، سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىڭلار» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەجەر بىلەن مەقامۇ ئىبراھىمنىڭ ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4440

 
Hadith   341   الحديث
الأهمية: كنا نعطيها في زمن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- صاعًا من طعام، أو صاعًا من شعير، أو صاعًا من أَقِطٍ، أو صاعًا من زبيب. أي زكاة الفطر


باشتېما:

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىتىر زاكىتىنى كۈندۈلۈك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بىرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ دېدىكى: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭدىن ئىككى ئۇۋۇچقا تەڭ كېلىدۇ، دەپ قارايمەن دېدى

عن أبي سعيد الخُدْريِّ -رضي الله عنه- قال: "كنا نعطيها في زمن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- صاعًا من طعام، أو صاعًا من شعير، أو صاعًا من أَقِطٍ، أو صاعًا من زبيب، فلما جاء معاوية، وجاءت السَّمْرَاءُ، قال: أرى مُدّاً من هذه يعدل مُدَّيْنِ. قال أبو سعيد: أما أنا: فلا أزال أخرجه كما كنت أخرجه على عهد رسول الله -صلى الله عليه وسلم-".

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى كۈندىلىك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا، ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بېرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭ ئىككى ئۇۋۇچىغا تەڭ كىلىدۇ، دەپ قارايمەن، دېدى. ئەبۇ سەئىد، ئەمما مەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا قانداق بەرگەن بولسام ئاشۇنداق داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر أبو سعيد -رضي الله عنه- أن الناس كانوا يدفعون زكاة الفطر على عهد رسول الله -صلى الله عليه وسلم- صاعًا من طعام، فلما قدم معاوية -رضي الله عنه- المدينة في خلافته، قال: أرى أن نصف صاع من القمح الشامي يعدل صاعًا من غيرها، فتكون الزكاة من سائر الأصنف صاعًا، ومن القمح الشامي نصف صاع، وهذا اجتهادٌ منه فيما لم يرد به النص، وهو هذا النوع من القمح ويسمى السمراء، والذي حمله على ذلك أنه أغلى وأجود عند الناس من التمر والشعير والأصناف الأخرى، فأخذ الناس برأيه، أما أبو سعيد -رضي الله عنه- فأنكر هذا الرأي، والتزم بالزكاة بصاع من أي طعام كان، كما كان يخرجه في زمن النبي -صلى الله عليه وسلم-، إيثارًا للاتباع، وليحصل بالصدقة الإغناء المطلوب، ومقدار الصاع بالتقدير المعاصر ثلاث كيلو جرامات مع جبر الكسر.
574;ەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ: كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى يىمەكلىكتىن بىر سا بىرىدىكەن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولۇپ مەدىنىگە كەلگەندە، مەن شام بۇغدىيىدىن يېرىم سا مىقدارىنىڭ باشقا نەرسىلەردىن بىر ساغا تەڭ كىلىدۇ دەپ قارايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ گىپىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ئەلا بىلىش، ۋە بۇ سەدىقە بىلەن كۆزلەنگەن بىھاجەتلىك ھاسىل بولىشى ئۈچۈن، بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بەرگەندەكلام ھەرقانداق يىمەكلىكتىن بىر سا بېرىشنى چىڭ تۇتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4454

 
Hadith   342   الحديث
الأهمية: يا معشر الأنصار، ألم أجدكم ضُلاَّلاً فهداكم الله بي؟ وكنتم متفرقين فَأَلَّفَكُمُ الله بي؟ وَعَالَةً فأغناكم الله بي؟


باشتېما:

ئى ئەنسارلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟ مەن سىلەرنى مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟

عن عبد الله بن زيد بن عاصم قال: «لما أفَاء الله على رسوله يوم حُنَيْنٍ؛ قَسَم في الناس، وفي المُؤَلَّفَةِ قلوبهم، ولم يعطِ الأنصار شيئا. فكأنهم وجدوا في أنفسهم؛ إذ لم يُصِبْهُمْ ما أصاب الناس.
فخطبهم؛ فقال: يا معشر الأنصار، ألم أجدكم ضُلاَّلاً فهداكم الله بي؟ وكنتم متفرقين فَأَلَّفَكُمُ الله بي؟ وَعَالَةً فأغناكم الله بي؟ كلما قال شيئًا؛ قالوا: اللهُ ورسولُه أمَنُّ. قال: ما يمنعكم أن تجيبوا رسول الله؟ قالوا: الله ورسوله أمَنُّ. قال: لو شِئْتُمْ لقلتم: جئتنا كذا وكذا. أَلَا تَرْضَوْنَ أن يذهب الناس بالشاة والبعير، وتذهبون برسول الله إلى رحَالِكُم؟ لولا الهجرة لكنت امْرَأً من الأنصار، ولو سلك الناس واديًا أو شِعْبًا، لَسَلَكْتُ وادي الأنصار وَشِعْبَهَا. الأنصار شِعَارٌ، والناس دِثَارٌ، إنكم ستلقون بعدي أَثَرَةً ، فاصبروا حتى تلقوني على الحوض».

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ھۇنەين غازىتى كۈنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا رەسۇللاھقا ئولجىلارنى ئاتا قىلىۋېدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى كىشىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇنىڭدىن ئىسلامغا مايىل قىلماقچى بولغان كىشىلەرگىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردى ۋە ئەنسارىلارغا ھېچنېمە بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كەلدى، چۈنكى باشقىلارغا تەككەن نەرسە ئۇلارغا تەگمىگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خىتاب قىلىپ: ئى ئەنسارىلار جامائىتى، مەن سىلەرنى ئازغۇن ھالدا تېپىپ ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرگە مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ھىدايەت بەرمىدىمۇ؟ سىلەر چېچىلاڭغۇ ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىتتىپاق قىلمىدىمۇ؟، مەن سىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا مۇھتاج ھالدا ئىدىڭلار، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سىلەرنى بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟ دىۋېدى، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاتاسى ھەممىدىن ئارتۇقتۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ تەقسىماتىغا رازى بولۇشتىن نېمە چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ؟ دېۋېدى، ئۇلار: ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاتاسى ھەممىدىن ئارتۇقتۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭلار ئەلۋەتتە سىلى بىزگە ئۇنداق – مۇنداق ھالەتتە كەلگەن ئىدىلە، دېيەلەيسىلەر، باشقا كىشىلەر قوي-كالىلار بىلەن كەتسە، سىلەر كارۋىنىڭلارغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىلەن كېتىشكە رازى بولمامسىلەر؟ ئەگەر ھىجرەت بولمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە مەن ئەنسارىلاردىن بىرسى بولغان بولاتتىم، بارلىق كىشىلەر بىر ۋادى ياكى بىر جىلغىغا ماڭسا، مەن ئەنسارىلارنىڭ ۋادىسى ۋە جىلغىسىغا ماڭاتتىم. ئەنسارىلار ئېچ كېيىم، باشقىلار تاش كېيىمدۇر. سىلەر مەندىن كىيىن ئۇنىڭ پەزىلىتىنى كۆرۈسىلەر، ھەۋزى كەۋسەرنىڭ يېنىدا مەن بىلەن ئۈچراشقۇچە سەبىر قىلىڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما فتح الله على نبيه محمد -صلى الله عليه وسلم- من الغنائم الكثيرة في موقعة حُنَيْنٍ وبعد أن ترك حصار الطائف عاد إليها أي إلى الغنائم، فأعطى النبي -صلى الله عليه وسلم- أقوامًا حديثي عهد بالإسلام ليتألفهم فأنكر ذلك بعض الأنصار أما خيارهم فإنهم يعلمون أن تصرف رسول الله -صلى الله عليه وسلم- تصرف بحق فلما بلغته مقالتهم حيث قال بعضهم يعطي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- الغنائم لأقوام تقطر سيوفنا من دمائهم ويدعنا، فأمر النبي -صلى الله عليه وسلم- بجمعهم له في قبة فاجتمعوا، فقال: ما مقالة بلغتني عنكم .. إلخ ما ذكر. فعاتبهم واعترف لهم بما قدموه من نصرة له وللإسلام الذي جاء به فطابت نفوسهم وعرفوا بذلك عظيم ما ذخر الله لهم من صحبة رسوله ورجوعهم به إلى رحالهم بالإضافة إلى ما ادخره الله لهم في الدار الأخرى على ما قدموه وبذلوه فأمرهم -صلى الله عليه وسلم- بالصبر على ما سيلقونه بعده من الأَثَرَةِ.
574;اللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۇنەين غازىتى كۈنى نۇرغۇنلىغان غەنىمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئىدى، پەيغەمبىرىمىز تائىپ قورشاۋىنى تاشلاپ غەنىمەتلەرنىڭ يېنىغا قايتتى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى مال-چارۋىلاردىن ئېدى (يەنى 40 مىڭدىن ئارتۇق تۆگە، 120 مىڭ ئەتراپىدا قوي ئېدى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلامغا يىڭى كىرگەن قەبىلىلەرگە ئۇلارنى ئىسلامغا تېخىمۇ مايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا مال-چارۋىلارنى بەردى، بۇ ئەھۋالغا ئەنسارلارنىڭ بەزىسى رازى بولمىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى، يەنى: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىزنى قويۇپ، غەنىمەتلەرنى (بىز بىلەن ئۇرۇشۇپ) تېخى قېلىچلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ قانلىرى تامچىپ تۇرغان قەۋملەرگە بېرىۋاتىدۇ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ گەپلەر يەتكەندە، ئۇلارنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىنىشقا بۇيرىۋىدى، ئۇلار توپلاندى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ماڭا سىلەرنىڭ مۇنداق-مۇنداق دېگىنىڭلار يەتتى دەپ، ئۇلارنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇلارغا بىرئاز كايىدى، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش يولىدا قىلغان خىزمەتلىرىنى ۋە شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئېچىلدى، بۇ گەپ بىلەن ئۇلار، پەيغەمبىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز كارۋانلىرىغا قايتىش، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرى بەدىلىگە ئۇ دۇنيادا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قويغان نېمەتلىرىنى بىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى سەبرىلىك بولۇشقا بۇيرۇپ ئۇ ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. تەيسىيرۇل ئەللام 306- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 403- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم197- بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4458

 
Hadith   343   الحديث
الأهمية: من اعتكف معي فَلْيَعْتَكِفِ العَشْرَ الأَوَاخِرَ فقد أُرِيتُ هذه اللَّيْلة ثم أُنْسِيتُهَا، وقد رَأَيْتُنِي أَسْجُد فِي ماءٍ وطِينٍ من صَبِيحَتِهَا، فَالْتَمِسُوهَا فِي العشْر الأَوَاخِر


باشتېما:

كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن ئۆزۈمنى شۇ كۈنى سەھەردە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار

عن أبي سعيد الخُدْري -رضي الله عنه-: «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يَعْتَكِفُ في العَشْرِ الأَوْسَطِ من رمضان. فاعتكف عامًا، حتى إذا كانت لَيْلَةَ إِحْدَى وَعِشْرِينَ -وهي اللَّيْلَةُ التي يخرج من صَبِيحَتِهَا من اعتكافه- قال: من اعتكف معي فَلْيَعْتَكِفِ العَشْرَ الأَوَاخِرَ فقد أُرِيتُ هَذِهِ اللَّيْلَةَ ثم أُنْسِيتُهَا، وقد رَأَيْتُنِي أَسْجُدُ فِي مَاءٍ وَطِينٍ من صَبِيحَتِهَا، فَالْتَمِسُوهَا فِي العَشْرِ الأَوَاخِرِ، والتمسوها في كل وِتْرٍ. فَمَطَرَتِ السَّمَاءُ تلك الليلة، وكان المسجد على عَرِيشٍ، فَوَكَفَ المسجد، فَأبْصَرَتْ عَيْنَايَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وعلى جَبْهَتِهِ أَثَرُ المَاءِ وَالطِّين من صُبْحِ إحْدَى وَعشْرِيْنَ».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، بىر يىلى ئېتىكاپتا تۇردى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) دېدى: كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا چۈشۈمدە قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن شۇ كۈنى سەھەردە چۈشۈمدە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار ۋە ھەر تاق كۈنلەردە ئىزدەڭلار، شۇ كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، ئۇ زاماندا مەسچىتنىڭ ئۈستى خورما شېخىدا يېپىقلىق ئېدى، يامغۇر تامچىپ ئۆتۈپ كەتتى، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدا سۇ ۋە لاينىڭ ئىزىنى كۆردۈم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر أبو سعيد الخُدْري -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يعتكف العشر الأوسط من رمضان طلبًا لليلة القدر، فاعتكف عامًا -كعادته- حتى إذا كانت ليلة إحدى وعشرين، وهي الليلة التي كان يخرج في صبيحتها من اعتكافه، عَلِم أن ليلة القدر في العشر الأواخر، فقال لأصحابه: من اعتكف معي في العشر الوسطى، فليواصل اعتكافه وليعتكف العشر الأواخر.
وأخبر بأن الله -تعالى- أراه إياها في المنام ثم أنساه إياها، لكنه رأى في المنام لها علامات في تلك السنة وهي: سجوده في صلاة الصبح على ماء وطين.
فصدق الله رؤيا نبيه -صلى الله عليه وسلم-، فمطرت السماء ليلة إحدى وعشرين وكان مسجده -صلى الله عليه وسلم- مبنيًا كهيئة العريش، عمده من جذوع النخل، وسقفه من جريدها، فَوَكَفَ المسجد من أثر المطر، فسجد -صلى الله عليه وسلم- صبيحة إحدى وعشرين، في ماء وطين.
574;ەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى ئىزدەپ، رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى، بىر يىلى شۇنداق ئېتىكاپ قىلدى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) قەدىر كىچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇڭا ساھابىلىرىغا: كىمكى مەن بىلەن رامزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان بولسا، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرىقى ئون كۈندىمۇ قىلسۇن، دېدى. رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قەدىر كېچىسىنى چۈشىدە كۆرسەتكەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرغان، لېكىن شۇ يىلى ئۇنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئىدى، ئۇلاردىن: پەيغەمبىرىمىز چۈشىدە بامدات نامىزى ئوقۇپ سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغان. ئاندىن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىنى راستقا چىقاردى-دە، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى كەپە شەكىلدە؛ تۈۋرۈكلىرى خۇرما تۈپىدىن، تورىسى خۇرما شاخلىرىدىن يىپىلغان ئىدى. يامغۇر سۇلىرى تامچىپ تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە، سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلدى. تەيسىيرىل ئەللام 349- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 472- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم292- بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 4459

 
Hadith   344   الحديث
الأهمية: إنَّ الله أذِن لرسوله ولم يأذن لكم، وإنما أذِنَ لي ساعة من نهار، وقد عادت حُرْمَتُهَا اليوم كَحُرمتها بالأمْسِ، فلْيُبَلِّغْ الشَّاهِدُ الغائب


باشتېما:

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە رۇخسەت قىلدى، سىلەرگە رۇخسەت قىلمىدى. ماڭا پەقەت كۈندۈزى ئازراق مۇددەت رۇخسەت قىلىندى، بۈگۈن ئۇنىڭ ھاراملىقى تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا قايتىپ كەلدى، شۇئان ھازىر بولغانلار غائىپ بولغانلارغا يەتكۈزۈپ قويسۇن

عن أبي شُريح -خُوَيْلِدِ بن عمرو الخُزَاعي العدوي رضي الله عنه-: أنه قال لعمرو بن سعيد بن العاص -وهو يبعث الْبُعُوثَ إلى مكة- ائْذَنْ لي أيها الأمير أن أُحَدِّثَكَ قولا قام به رسول الله -صلى الله عليه وسلم- الغد من يوم الفتح؛ فسمعَتْه أُذُنَايَ ، وَوَعَاهُ قلبي، وأبصرته عيناي حين تكلم به أنه حمد الله وأثنى عليه، ثم قال: «إن مكة حَرَّمَهَا الله تعالى، ولم يُحَرِّمْهَا الناس، فلا يحل لِامْرِئٍ يؤمن بالله واليوم الآخر: أن يسفك بها دمًا، ولا يعضد بها شجرة، فإن أحد ترخص بقتال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقولوا: إنَّ الله أذِن لرسوله ولم يأذن لكم. وإنما أذِنَ لي ساعة من نهار، وقد عادت حُرْمَتُهَا اليوم كَحُرمتها بالأمْسِ، فَلْيُبْلِغِ الشَّاهِدُ الغائب».
فقيل لأبي شريح: ما قال لك؟ قال: أنا أعلم بذلك منك يا أبا شريح، إن الحرم لَا يُعِيذُ عاصيا،    وَلَا فَارًّا بدمٍ، ولَا فَارًّا بِخَرْبَةٍ.

ئەبى شۇرەيھ خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرىلخۇزائى ئەلئەدەۋى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاسقا مۇنداق دەيدۇ: (ئۇ مەككىگە قوشۇن يوللاشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋاقىتتا) ئى ئەمىر ماڭا بىر ھەدىس سۆزلەشكە رۇخسەت بەرسىلە، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغان كۈنى ئەتتىگەندە دېگەن ئىدى، مېنىڭ ئىككى قۇلۇقۇم ئاڭلىغان، قەلبىم ئۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەن، ۋە سۆزلەۋاتقاندا ئىككى كۆزۈم كۆرگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېدى: شۈبھىسىزكى، مەككىنى كىشىلەر ئۆزلىرى ئۇنىڭدا ئۇرۇش قىلشنى ھارام قىلىۋالمىدى بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلدى، ئۇنداق بولغانىكەن ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيىتىدىغان ھەر قانداق كىشىگە، ئۇنىڭدا قان تۆكۈش ۋە دەرەخ كېسىش ھالال بولمايدۇ، ئەگەر بىرەر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا ئۇرۇش قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ ئۆزىگە رۇخسەت تاپسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە رۇخسەت بەرگەن سىلەرگە ئەمەس، دەڭلار. بۇ ماڭا شۇ كۈنى بىرقانچە سائەتلام رۇخسەت قىلىندى ۋە ئۇنىڭ ھاراملىقى خۇددى ئالدىنقىغا ئوخشاشلام قايتىپ كەلدى. بۇنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزسۇن!. باشقىلار ئەبى شۇرەيھتىن: ساڭا ئەمىر نېمە دېدى دەپ سورىۋېدى، ئۇ: ئى ئەبى شۇرەيھ مەن بۇنى سەندىن ياخشىراق بىلىمەن، ھەقىقەتەن ھەرەم گۇناھكارنى، بىرەر قانغا زامىن بولغاننى ۋە بىرەر جىنايەت بىلەن قاچقاننى قوغدىمايدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما أراد عمرو بن سعيد بن العاص، المعروف بالأَشْدَق، أن يجهز جيشًا إلى مكة المكرمة وهو يومئذ أمير ليزيد بن معاوية على المدينة المنورة، لقتال عبد الله بن الزبير رضي الله عنهما، جاءه أبو شُرَيْحٍ خُوَيْلِدِ بن عمرو الخُزَاعي -رضي الله عنه-، لينصحه في ذلك.
ولكون المنصوح كبيرًا في نفسه، تلطَّف أبو شُريح معه في الخطاب، حكمة منه ورشدًا، ليكون أدعى إلى قبول النصيحة وسلامة العاقبة، فاستأذنه ليلقي إليه نصيحة في شأن بعثه الذي هو ساعٍ فيه، وأخبره أنه متأكد من صحة هذا الحديث الذي سيلقيه عليه، وواثق من صدقه إذ قد سمعته أذناه ووعاه قلبه، وأبصرته عيناه حين تكلم به النبي صلى الله عليه وسلم، فأذن له عمرو بن سعيد في الكلام.
فقال أبو شريح: إن النبي صلى الله عليه وسلم صبيحة فتح مكة حمد الله وأثنى عليه ثم قال: "إن مكة حرمها الله يوم خلق السماوات والأرض" فهي عريقة بالتعظيم والتقديس، ولم يحرمها الناس كتحريم الحمى المؤقت والمراعي والمياه، وإنما الله الذي تولَّى تحريمها، ليكون أعظم وأبلغ.
فإذا كان تحريمها قديمًا ومن الله فلا يحل لامرئ يؤمن بالله واليوم الآخر - إن كان يحافظ على إيمانه - أن يسفك بها دماً، ولا يعضدها بها شجرة.
فإن أحد ترخص بقتالي يوم الفتح، فقولوا: إنك لست كهيئة رسول الله صلى الله عليه وسلم، فقد أُذِنَ له ولم يُؤذن لك.
على أنه لم يحل القتال بها دائمًا، وإنما هي ساعة من نهار، بقدر تلك الحاجة، وقد عادت حرمتها كما كانت، فليبلغ الشاهد الغائب.
لهذا بلغتك أيها الأمير، لكوني شاهدًا هذا الكلام، صبيحة الفتح، وأنت لم تشهده.
فقال الناس لأبي شريح: بماذا أجابك عمرو ؟ فقال: أجابني بقوله : "أنا أعلم بذلك منك يا أبا شريح، إن الحرم لا يُعِيذُ عاصياً ولا فارًّا بِخَرْبَةٍ"
فعارض الحديث برأيه، ولم يمتنع عن إرسال البعوث لقتال ابن الزبير، بل استمر على ذلك.
574;ەلئەشدەق (مۇنازىرىگە ماھىر) دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس (ئۇ زاماندا ئۇ يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە تەرىپىدىن مەدىنىگە تەيىنلىگەن ئەمىر ئىدى) مەككىگە ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكىلى تەييارلىق قىلغاندا، ئەبۇ شۇرەيھ خۇۋەيلىد ئىبنى ئەمرۇ ئەلخۇزائى ئەلئەدەۋى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغىلى كەلدى، بۇ نەھىسەت قىلىنغۇچى ئۆز كۆڭلىدە چوڭ ئادەم بولغانلىقتىن، ئەبۇ شۇرەيھ ھىكمەت بىلەن پۇختا ئىش قىلىش يۈزىسىدىن ۋە بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشقا تۈرتكە بولسۇن، ئاقىۋەت تىنچ-ئامان بولسۇن دەپ، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ قىلدى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۇ ئالدىراۋاتقان بۇ قوشۇن ئەۋەتىش توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىشقا رۇخسەت سورىدى، رىۋايەت قىلماقچى بولغان ھەدىسنىڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ راس ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىسى بارلىقىنى تەكىتلىدى، چۈنكى ئۇ ھەدىسنى ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقى ئاڭلىغان، قەلبى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقاندا ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەنىدى، ئەمرۇ ئىبنى سەئىد ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىۋېدى، ئەبۇ شۇرەيھ دېدى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغان كۈنى ئەتتىگەندە، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا ئاسمان زېمىننى ياراتقان كۈنى مەككىدە ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلدى، دېمەك؛ مەككىنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىش قەدىمدىن بولۇپ كەلگەن ئىشتۇر، ئۇنى كىشىلەر بەزى يايلاقلارنى ۋە سۇلارنى ۋاقىتلىق چەكلىگەندەك چەكلەپ قويمىدى، بەلكى ئۇنى ئۇلۇغلاشنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇنى ھارام قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغىنى ئاللاھ تائالا ئۆزىدۇر. ئۇنى ھارام قىلىش قەدىمى ۋە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان ئىشتۇر. ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى ئىمانىنى ساقلاپ قالاي دېسە، ئۇنىڭدا قان تۆكۈشى ۋە دەرەخ كېسىشى ھالال بولمايدۇ، ئەگەر بىرەر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى فەتھى قىلغاندا ئۇرۇش قىلغانلىقىنى بانا قىلىپ ئۆزىگە رۇخسەت تاپسا، ئۇنىڭغا: شەكسىزكى سەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھالىتىدە ئەمەس، ئۇنىڭغا رۇخسەت بىرىلگەنىدى ساڭا رۇخسەت بىرىلگىنى يوق، يۇقىرىدىكى رۇخسەتمۇ دائىم ئۇرۇش قىلىشقا ئەمەستى، ئۇ پەقەت شۇ كۈننىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىق ھالدا بىرقانچە سائەتلىك ئىدى، ئۇنىڭ ھاراملىقى ئىلگىرى قانداق ھارام بولغان بولسا، كىيىن شۇ ھالەتكە قايتتى، بۇنى ئاڭلىغا&