ئۇيغۇردىكى ھەدىس تەكشۈرگۈچى مكتشف الحديث باللغة الإنجليزية
 
Hadith   414   الحديث
الأهمية: اللهم أنت عضدي ونصيري، بك أحول، وبك أصول، وبك أقاتل


باشتېما:

ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، سىنىڭ ياردىمىڭ بىلەن تەدبىر قىلىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا غزا، قال: «اللهم أنت عَضُدِي ونَصِيرِي، بِكَ أَحُول، وبِكَ أَصُول، وبك أقاتل».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازاتقا چىقسا: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن تەدبىر يۈرگۈزىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا أراد غزوة أو شرع فيها، قال ما معناه: اللهم أنت ناصري ونَصيري، بك وحدك أنتقل من شأن إلى غيره، وبك وحدك أثب على أعداء الدين، وبك أقاتلهم.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غازات قىلماقچى بولسا ياكى جەڭگە ئاتلانسا: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ تايانچىم ۋە ياردەمچىم، يالغۇز سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا بىر ئىشدىن يەنە بىر ئىشقا ئاتلىنىمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرىمەن ۋە سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5024

 
Hadith   415   الحديث
الأهمية: إن العبد إذا نصح لسيده، وأحسن عبادة الله، فله أجره مرتين


باشتېما:

بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى قىتىم ئەجىر بېرىلىدۇ

عن ابن عمر-رضي الله عنهما- مرفوعاً: «إن العبد إذا نصح لسيده، وأحسن عبادة الله، فله أجره مرتين».
   عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «المملوك الذي يحسن عبادة ربه، ويُؤدي إلى سيده الذي عليه من الحق، والنصيحة، والطاعة، له أجران».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم ئەجىر بېرىلىدۇ»، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئۆز رەببىنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلغان، شۇنداقلا ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلغان، سەمىمى، ئىتائەتچان بولغان قۇلغا قوش ئەجىر بار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان فضل الله على العبد الذي يُؤدي حق ربه بفعل الطاعات، وحق سيده بخدمته ورعاية مصالحه، وأنَّه ينال بذلك الأجر مرتين.
576;ۇ ھەدىستە تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ھەققىنى، شۇنىڭدەك خىزمىتى ۋە مەنپەئەتىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇلغا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە ئۇنىڭ قوش ئەجىرگە ئىرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5025

 
Hadith   416   الحديث
الأهمية: إن سياحة أمتي الجهاد في سبيل الله -عز وجل-


باشتېما:

مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر

عن أبي أمامة -رضي الله عنه-: أن رجلا، قال: يا رسول الله، ائذن لي في السياحة. فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «إن سياحة أمتي الجهاد في سبيل الله -عز وجل-».

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!ماڭا ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان أنَّ العبادات توقيفية، وأنَّه لا يجوز للمسلم القيام بها إلا وفق الكيفية التي يحددها له الشرع الحنيف، لذلك بين النبي -صلى الله عليه وسلم- لهذا الرجل الذي أراد أن يسيح في الأرض لأجل العبادة أنَّ هذا من عمل النصارى وأن السياحة في الأرض هي نشر الإسلام فيها وأن سياحة أهل الاسلام هي الجهاد في سبيل الله لإعلاء دين الله -تعالى-.
576;ۇ ھەدىستە ئىبادەتنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ توختىتىپ بېرىشى بىلەن بولىدىغانلىقى، مۇسۇلماننىڭ ئىبادەتنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئەمەس بەلكى ساغلام شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن كەيپىياتقا مۇۋاپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن زېمىندا ساياھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ئىبادەتنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ بەردى، زېمىندا ئىبادەت قىلىمەن دەپ سەيلى-ساياھەت قىلىش بولسا خرىستىئانلارنىڭ ئىشى بولۇپ، زېمىندا ساياھەت قىلىش دېگەن زېمىندا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش بولىدۇ، ئىسلام ئەھلىنىڭ ساياھىتى بولسا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5033

 
Hadith   417   الحديث
الأهمية: ثلاثة لهم أجران


باشتېما:

ئىككى ئەجىر ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ

عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «ثلاثة لهم أجران: رجل من أهل الكتاب آمن بنبيه، وآمن بمحمد، والعبد المملوك إذا أدى حق الله، وحق مواليه، ورجل كانت له أمة فأدبها فأحسن تأديبها، وعلمها فأحسن تعليمها، ثم أعتقها فتزوجها؛ فله أجران».

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى ئەجىر ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچ تۈرلۈك كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: ئۆز پەيغەمبىرىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن ئەھلى كىتاب كىشى، ئىككىنچىسى: ئاللاھنىڭ ۋە خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇل، ئۈچىنچىسى: دېدىكى بار ئادەم بولۇپ، دېدەكنى ياخشى تەربىيلەپ، ئىلىم ئۈگۈتۈپ ئاندىن ئۇنى ئازات قىلىپ نىكاھىغا ئالغان كىشىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان فضل من آمن من أهل الكتاب بالإسلام لمزية اتباع دينهم واتباع النبي -صلى الله عليه وسلم-، وفيه فضل العبد الذي يُؤدي حق الله وحق مواليه، وفيه فضل من أدَّب مملوكته وأحسن تربيتها، ثم أعتقها فتزوجها، فله أجرٌ؛ لأنه أحسن إليها وأعتقها، وله أيضاً أجر آخر عندما تزوجها وكَفَّها وأحصن فرجها.
576;ۇ ھەدىستە ئۆزىنىڭ دىنىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىك ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن ئەھلى كىتاپتىن مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ پەزىلىتى، ئاللاھنىڭ ۋە خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇلنىڭ پەزىلىتى، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى دېدەككە ئەدەپ ئۈگەتكەن، ياخشى تەربىيە قىلغان ئاندىن ئازات قىلىپ، نىكاھىغا ئالغان كىشىنىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭغا ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، ئۇ كىشىگە دېدەككە ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى ئازات قىلغانلىقىغا ئەجىر بېرىلىپلا قالماستىن، يەنە دېدەكنىڭ ئەۋرىتىنى ساقلاپ يامان يولدىن توسۇپ نىكاھىغا ئالغانلىقىغىمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5034

 
Hadith   418   الحديث
الأهمية: ثنتان لا تردان، أو قلما تردان: الدعاء عند النداء وعند البأس حِينَ يُلْحِمُ بَعْضُهُ بَعْضًا


باشتېما:

ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز قايتۇرىلىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا

عن سهل بن سعد -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «ثنتان لا تُرَدَّانِ، أو قلما تردان: الدعاء عند النداء وعند البأس حِينَ يُلْحِمُ بَعْضُهُ بَعْضًا».

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز رەت قىلىنىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان فضل الجهاد في سبيل الله حيث يستجيب الله -تعالى- لدعاء المجاهد وهو في المعركة، وفيه أيضاً بيان فضل الأذان حيث يستجيب الله -تعالى- لدعاء المسلم عند الأذان وحتى إقامة الصلاة.
576;ۇھەدىستە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىپ، مۇجاھىدنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا قىلغان دۇئاسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەزان ئوقۇلغاندىن تارتىپ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغانغا قەدەرقىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەزاننىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5035

 
Hadith   419   الحديث
الأهمية: لك بها يوم القيامة سبعمائة ناقة كلها مخطومة


باشتېما:

بۇ بىر تۆگەڭنىڭ ئورنىغا ساڭا قىيامەت كۈنى نۇختىلانغان 700 تۆگە بېرىلىدۇ

عن أبي مسعود -رضي الله عنه- قال: جاء رجل إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- بناقة مَخْطُومَةٍ، فقال: هذه في سبيل الله، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لك بها يوم القيامة سبعمائة ناقة كلها مخطومة».

ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا نوختىلانغان بىر تۆگىنى ئىلىپ كېلىپ، بۇنى ئاللاھ يولىغا ئاتىدىم، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بىر تۆگەڭنىڭ ئورنىغا ساڭا قىيامەت كۈنى نۇختىلانغان 700 تۆگە بېرىلىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
جاء رجل إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- بناقة مَخْطُومَةٌ، أي مَشْدُودةٌ بِحَبل، وهو قريب من الزمام التي تُشَدُّ به الناقة، فقال الرجل: يا رسول الله، هذه في سَبِيلِ الله، أي أوقفها في الجهاد في سبيل الله -تعالى-، للغزو بها.   
فقال له -صلى لله عليه وسلم-: "لك بها سَبْعُمائَةِ نَاقة "؛ وذلك لأن الله -تعالى- يُضاعف الحسنة بعشر أمثالها إلى سَبعمائة ضِعف إلى أضْعَاف كثيرة، كما في قوله -تعالى-: (مَثَل الذين ينفقون أموالهم في سبيل الله كَمثَلِ حبة أنبتت سبع سنابل في كل سنبلة مائة حبة والله يضاعف لمن يشاء والله واسع عليم).
قوله: "كُلُّهَا مَخْطُومَةٌ " فائدة الخِطام: زيادة تمكن صاحبها من أن يعمل بها ما أراد، وهذا من حسن الجزاء، فكما أن هذا الرجل جاء بناقته إلى النبي -صلى الله عليه    وسلم- مَشْدُودٌ عليها بالخِطام، جزاه الله بسبعمائة ناقة كلها مَشْدُودٌ عليها بالخِطام؛ وليعلم من ينفق في الدنيا أن كل زيادة يقدمها سيحزى بها، والخطام له قيمة وجمال وزيادة في الناقة.
576;ۇ ھەدىستە ئاللاھ يولىدا خەير-ئېھسان، بولۇپمۇ ئۇرۇش مەيدانىدا مۇجاھىدلارغا ياردىمى بولىدىغان ئات، تۆگە ياكى باشقا قورال-ياراقلارنى ياردەم قىلىش قاتارلىقلارغا رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇنداق قىلغان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا ھەسسىلەپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ، بىر ياخشىلىققا يەتتە يۈز ھەسسە ئەجىر بىرىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5036

 
Hadith   420   الحديث
الأهمية: اسمعوا وأطيعوا، فإنما عليهم ما حملوا، وعليكم ما حملتم


باشتېما:

سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، بويسۇنۇڭلار، سىلەرمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر، ئۇلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن سورىلىدۇ

عن أبي هنيدة وائل بن حجر -رضي الله عنه-: سأل سلمة بن يزيد الجعفي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: يا نبي الله، أرأيت إن قامت علينا أمراء يسألونا حقهم، ويمنعونا حقنا، فما تأمرنا؟ فأعرض عنه، ثم سأله، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «اسمعوا وأطيعوا، فإنما عليهم ما حُمِّلُوا، وعليكم ما حُمِّلْتُم».

ئەبۇ ھۇنەيدە ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: سەلەمە ئىبنى يەزىد ئەلجۇئفى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەگەردە بىزنىڭ ھاكىم، پادىشاھلىرىمىز ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى بىزدىن ئېلىپ، بىزگە بىرىدىغان ھەقنى بەرمىسە، بىزنى قانداق قىلىشقا بۇيرۇيلا؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى، ئۇ يەنە سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، بويسۇنۇڭلار، سىلەرمۇ ئۆز مەجبۇرىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر، ئۇلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن سورىلىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
سأل سلمة بن يزيد -رضي الله عنه- النبي -صلى الله عليه وسلم- عن أمراء يطلبون حقهم من السمع والطاعة لهم، ولكنهم يمنعون الحق الذي عليهم؛ لا يؤدون إلى الناس حقهم، ويظلمونهم ويستأثرون عليهم، فأعرض النبي -صلى الله عليه وسلم- عنه، كأنه -عليه الصلاة والسلام- كره هذه المسائل، وكره أن يفتح هذا الباب، ولكن أعاد السائل عليه ذلك، فسأله، فأمر النبي -صلى الله عليه وسلم- أن نؤدي لهم حقهم، وأن عليهم ما حُملوا وعلينا ما حُملنا، فنحن حُملنا السمع والطاعة، وهم حُمِّلوا أن يحكموا فينا بالعدل وألا يظلموا أحداً، وأن يقيموا حدود الله على عباد الله، وأن يقيموا شريعة الله في أرض الله، وأن يجاهدوا أعداء الله.
587;ەلەمە ئىبنى يەزىد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇيسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدىغان، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان، پۇقرالارنىڭ ھەققىنى بەرمەيدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىدىغان، شەخسىيەتچى پادىشاھ، ھاكىملار ھەققىدە سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇددى بۇ سوئالنى ياقتۇرمىغاندەك، بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنى خالىمىغاندەك ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى. ئۇ كىشى سوئالنى قايتا سورىغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ھاكىم پادىشاھلارنىڭ ھەققىنى بېرىشكە، ئۇلارغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5037

 
Hadith   421   الحديث
الأهمية: جاء رجل والنبي -صلى الله عليه وسلم- يَخْطُبُ الناس يوم الجمعة، فقال: صليت يا فلان؟ قال: لا، قال: قم فاركع ركعتين


باشتېما:

بىر كىشى جۈمە كۈنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كېلىپ ئولتۇردى، رەسۇلۇللاھ: ئى پالانى ناماز ئوقۇدۇڭمۇ دېگەندە، ئۇ كىشى: ياق، دېدى. رەسۇلۇللاھ: تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقىغىن دېدى

عن جابِر بن عبد الله -رضي الله عنهما- قال: «جاء رجل والنبي -صلى الله عليه وسلم- يَخْطُبُ الناس يوم الجمعة، فقال: صليت يا فلان؟ قال: لا، قال: قم فاركع ركعتين، -وفي رواية: فصل ركعتين-».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى جۈمە كۈنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كېلىپ ئولتۇردى، رەسۇلۇللاھ: ئى پالانى ناماز ئوقۇدۇڭمۇ دېگەندە، ئۇ كىشى: ياق، دېدى. رەسۇلۇللاھ: تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقىغىن دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە ئىككى رەكەت ناماز ئوقىغىن دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
دخل سُلَيْكٌ الْغَطَفَانِيُّ المسجد النبوي والنبي -صلى الله عليه وسلم- يخطب الناس، فجلس ليسمع الخطبة، ولم يصل تحية المسجد؛ إما لجهله بحكمها، أو ظنه أن استماع الخطبة أهم، فما منع النبي -صلى الله عليه وسلم- تذكيره واشتغاله بالخطبة عن تعليمه، بل خاطبه بقوله: أصليت يا فلان في طرف المسجد قبل أن أراك؟ قال: لا، فقال: قم فاركع ركعتين، وفي رواية لمسلم أمره أن يتجوز فيهما أي: يخففهما، قال ذلك بمشهد عظيم؛ ليُعَلِّمَ الرجل في وقت الحاجة، وليكون التعليم عامًّا مشاعاً بين الحاضرين.
ومن دخل المسجد والخطيب يخطب المشروع له الصلاة، ويدل عليه هذا الحديث، وبحديث: "إذا جاء أحدكم يوم الجمعة والإمام يخطب، فليركع ركعتين".
ولذا قال النووي في شرح مسلم عند قوله -صلى الله عليه وسلم-: "إذا جاء أحدكم والإمام يخطب فليركع ركعتين وليتجوز فيهما" قال: هذا نص لا يتطرق إليه تأويل، ولا أظن عالما يبلغه هذا اللفظ ويعتقده صحيحا فيخالفه.
587;ۇلەيك ئەلغەتافانى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتىدە خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كىرىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇماستىن خۇتبە ئاڭلاش ئۈچۈن ئولتۇردى، ئۇ كىشى ياكى نامازنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن ياكى خۇتبە ئاڭلاش ناماز ئوقۇشتىن ئەۋزەل دەپ قارىۋالغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەر ئۈستىدە بولسىمۇ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگۈتىشتىن توختىماي ئۇنىڭغا: مېنىڭ يېنىمغا كېلىشتىن ئىلگىرى مەسچىتنىڭ بىرە يېرىدە ناماز ئوقۇغانمىدىڭ؟ دېگەندە ئۇ: ياق دېدى. رەسۇلۇللاھ: تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغىن، دېدى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا جامائەت ئالدىدا قىسقىغىنا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇغىن، دېگەن. تەخىرسىز بۇ ۋاقىتتا دېيىشى ئومۇمى مۇسۇلمانلارغا تەلىم بىرىش ئۈچۈندۇر. قانداقلا بىر كىشى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا مەسچىتكە كىرسە، ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەنە شۇنداقلا ھاجەت چۈشكەندە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىشنى كېچىكتۈرمەسلىك ۋاجىب بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىگە ئوخشاش يەنە بىر ھەدىستە «ئەگەردە سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرگەن بولسا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن» ئىمام نەۋەۋى مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە بۇ ھەدىس توغۇرلۇق مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس «ئەگەردە سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرگەن بولسا قىسقىغىنا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن» مۇشۇ ھەقتىكى ئوچۇق دەلىلنى قايسىبىر ئىبارىلەر بىلەن شەرھىلەش ۋە مەنالىرىنى باشقا تەرەپكە قارىتىش توغرا ئەمەس، يەنە بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدىغان ئالىم يوق دەپ قارايمەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5205

 
Hadith   422   الحديث
الأهمية: صفة صلاة الخوف في غزوة ذات الرقاع


باشتېما:

زات ئەررىقائ غازىتىدىكى قورقۇنچ نامىزىنىڭ سۈپىتى

عن صالح بن خَوَّاتِ بْنِ جُبَيْرٍ -رضي الله عنه- عمّن صلَّى مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- صلاة    ذَاتِ الرِّقَاعِ صلاةَ الخوف: أن طائفة صفَّت معه، وطائفة وِجَاهَ    الْعَدُوِّ، فصلَّى بالذين معه ركعة، ثم ثبت قائما، وأتموا لأنفسهم، ثم انصرفوا، فصفُّوا وِجَاهَ    الْعَدُوِّ، وجاءت الطائفة الأخرى، فصلَّى بهم الركعة التي بقيت، ثم ثبت جالسا، وأتموا لأنفسهم، ثم سلَّم بهم.

سالىھ ئىبنى خەۋۋات ئىبنى جۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن زات ئەررىقائ نامىزىنى يەنى قورققاندا ئوقۇيدىغان نامازنى ئوقۇغان كىشىدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدىكى: ھەقىقەتەن بىر گۇرۇھ كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا سەپتە تۇردى، يەنە بىر گۇرۇھ دۈشمەن ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن تۇرغانلارغا ئىمام بولۇپ بىر رەكئەت ئوقۇدى. ئاندىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرىۋەردى، بۇلار ئۆزلىرى نامىزىنى تاماملىدى ۋە دۈشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ تىزىلىپ تۇردى. يەنە بىر گۇرۇھ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلار بىلەن قېپقالغان بىر رەكئەتنى ئوقۇدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن ئولتۇردى، بۇلار ئۆزلىرى نامىزىنىڭ چالا قالغىنىنى تاماملىدى، ئاندىن پەيغەمبىرىمىز بىلەن باراۋەر سالام بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
غزا النبي -صلى الله عليه وسلم- غزوة مع أصحابه وأكثرهم مشاة على أقدامهم فتعبت من الحفاء فلفوا عليها الخرق، ولقي عدوه ولم يكن قتال لكن أخاف المسلمون أعداءهم، وفي هذا الحديث كان العدو في غير جهة القبلة، لأن منازلهم في شرق المدينة، فقسمهم طائفتين ولذا صفت طائفة، ووقفت الأخرى في وجه العدو الذي جعله المصلون خلفهم.
فصلى النبي -صلى الله عليه وسلم- ركعة بالذين معه، ثم قام بهم إلى الثانية فثبت فيهما قائماً، وأتموا لأنفسهم ركعة، ثم سلموا، وانصرفوا وِجَاهَ العدو. وجاءت الطائفة الأخرى فصلى بهم الركعة الباقية، ثم ثبت جالساً وقاموا فأتموا لأنفسهم ركعة، ثم سلم بهم فاختصت الأولى بتحريم الصلاة وهو تكبيرة الاحرام مع الإمام، واختصت الثانية بتحليل الصلاة وهو السلام مع الإمام، وفوت الفرصة على الأعداء، فحصل التعادل بالحصول على الفضل مع الإمام .
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ساھابىلىرى بىلەن بىر غازاتقا چىقتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پىيادە ئىدى، ئۇلار يالاڭ ئاياق يۈرۈشتىن چارچاپ، پۇتلىرىغا لاتا يۆگىۋالدى. بۇ ئەسنادا دۈشمەن بىلەن ئۇچراشتى، بۇ قېتىمقىسى تېخى رەسمى ئۇرۇش ئەمەستى، بەلكى مۇسۇلمانلار دۈشمەنلەرنى قورقۇتۇپ قويغانتى. بۇ ھەدىستە، دۈشمەنلەر قىبلە تەرەپتە ئەمەس ئېدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆي - ماكانلىرى مەدىنىنىڭ شەرقى تەرەپتە ئېدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلدى. ئۇلارنىڭ بىر گۇرۇپپىسى سەپ تۈزۈپ تۇردى، يەنە بىرسى دۈشمەننىڭ ئالدىدا تۇردى، بۇ ئەھۋالدا دۈشمەنلەر نامازدا تۇرغانلارنىڭ ئارقىسىغا ئۇدۇل كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بىلەن تۇرغانلارغا ئىمام بولۇپ بىر رەكئەت ئوقۇدى. ئاندىن قىيامدا ئۇزۇن تۇرىۋەردى، بۇلار ئۆزلىرى نامازلىرىنى تاماملاپ سالام بېرىپ ئاندىن دۈشمەننىڭ ئالدىغا بېرىپ تىزىلىپ تۇردى. يەنە بىر گۇرۇپپا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلار بىلەن قېپقالغان يەنە بىر رەكئەتنى ئوقۇدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇزۇن ئولتۇردى، بۇلار ئۆزلىرى نامىزىنىڭ چالا قالغان (باشتىكى) رەكئىتىنى تاماملىدى، ئاندىن پەيغەمبىرىمىز بۇلارغا ئىمام بولۇپ سالام بەردى. شۇنداق قىلىپ باشتىكىلەر ئىمام بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نامازنى باشلاشقا يەنى تەكبىرەتۇل ئىھرامغا خاس بولغان بولسا، كېيىنكىلەر بۇ ئىمام بىلەن نامازنى تۈگىتىپ سالام بېرىش مۇشەررەپ بولدى. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، دۇشمەننىڭ ناماز ۋاقتىدا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىدىن ساقلىنىشبىلەن بىرگە، نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە ئوقۇغاننىڭ پەزىلىتىنى ھاسىل قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5206

 
Hadith   423   الحديث
الأهمية: صحبت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فكان لا يزيد في السَّفَر على ركعتين، وأبا بكر وعُمر وعُثْمان كذلك


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمرا بولدۇم، ئۇ سەپەردىكى چاغلىرىدا نامازنى ئىككى رەكەتتىن زىيادە ئوقۇمايتتى. ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى

عن عبد الله بن عُمر -رضي الله عنهما- قال: «صحبت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فكان لا يزيد في السَّفَر على ركعتين، وأبا بكر وعُمر وعُثْمان كذلك».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمرا بولدۇم، ئۇ سەپەردىكى چاغلىرىدا نامازنى ئىككى رەكەتتىن زىيادە ئوقۇمايتتى. ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يذكر عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- أنه صحب النبي -صلى الله عليه وسلم- في أسفاره، وكذلك صحب أبا بكر وعمر وعثمان -رضي الله عنهم- في أسفارهم، فكان كل منهم يقصر الصلاة الرباعية إلى ركعتين، ولا يزيد عليهما، أي لا يتم أحد منهم الفرائض، ولا يصلي الرواتب في السفر، وذكره لأبي بكر وعمر وعثمان للدلالة على أن الحكم غير منسوخ بل ثابت بعد وفاة النبي -صلى الله عليه وسلم- ولا له معارض راجح.
ويجوز الإتمام في السفر، ولكن القصر أفضل؛ لقوله تعالى: {لَيْسَ عَليكُمْ جُنَاحٌ أن تَقصُرُوا مِنَ الصَّلاَةِ} فَنَفْيُ الجناح يفيد أنه رخصة، وليس عزيمة؛ ولأن الأصل الإتمام، والقصر إنما يكون من شيء أطول منه.
والأولى للمسافر أن لايدع القصر؛ اتباعاً للنبي -صلى الله عليه وسلم-، ولأن الله -تعالى- يحب أن تُؤتى رخصه، وخروجًا من خلاف من أوجبه؛ ولأنه الأفضل عند عامة العلماء.
574;ابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ سەپەرلىرىدە ھەمرا بولدى، شۇنىڭدەك ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ سەپەرلىرىدىمۇ بىللە بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەتكە قىسقارتىپ ئوقۇيتتى، ئۇنىڭدىن ئاشۇرمايتتى. يەنى: ئۇلاردىن ھېچكىم پەرز نامازلارنى تولۇقلاپ ئوقۇمايتتى. دائىم ئوقۇيدىغان سۈننەتلەرنىمۇ ئوقۇمايتتى. ئۇنىڭ ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى تىلغا ئېلىشى، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالمىغانلىقى، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا بۇ دەلىلدىن كۈچلۈكرەك دەلىلنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. سەپەردە نامازنى تولۇقلاپ ئوقۇش دۇرۇستۇر، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ: سىلەر نامازنى قەسىر قىلىپ (يەنى تۆت رەكئەتنى ئىككى رەكئەت قىلىپ) ئوقۇساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. [سۈرە نىسا 100- ئايەتنىڭ بىر قىسمى] دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن، قىسقارتىپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. بۇ ئايەتتىكى گۇناھنى يوققا چىقىرىش بولسا، ئۇنى قىسقارتىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى تولۇقلاش تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئەسلى تەلەپ قىلىنغىنى: ئۇنى تولۇقلاپ ئوقۇشتۇر، قىسقارتىپ ئوقۇش بولسا پەقەتلا ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق بىر ئىش ئۈچۈن بولىدۇ. مۇساپىر ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە بۇنى ۋاجىپ دېگەنلەرنىڭ ئىختىلاپىدىن چىقىش ئۈچۈن، سەپەردە نامازنى(قەسىر) قىسقارتىپ ئوقۇشنى تاشلىماسلىقتۇر. يەنە كىلپ بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئەۋزەلدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5207

 
Hadith   424   الحديث
الأهمية: صَلَّيْت وراء النبي -صلى الله عليه وسلم- على امرأة ماتت في نِفَاسِهَا فقام في وَسْطِهَا


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات قىلغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى

عن سَمُرَةَ بْنِ جُنْدُبٍ -رضي الله عنه- قال: «صَلَّيْت وراء النبي -صلى الله عليه وسلم- على امرأة ماتت في نِفَاسِهَا فقام في وَسْطِهَا».

سۇمرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات قىلغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېيىتنىڭ ئوتتۇرىدا تۇردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
الصلاة على الميت حق واجب لكل من يموت من المسلمين: ذكَرٍ أو أنثى، صغير أو كبير، فيخبر سمرة بن جندب -رضي الله عنه- أنه صلى وراء النبي -صلى الله عليه وسلم- حينما صلى على امرأة ماتت في نفاسها، فقام -صلى الله عليه وسلم- بمحاذاة وسطها.
605;ۇسۇلمانلاردىن ئۆلۈپ كەتكەن ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن، ئۇنىڭ نامىزىنىڭ چۈشۈرۈلىشى ۋاجىپ بولغان ئۇنىڭ ھەققىدۇر. سۇمرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا، نىپاسدارلىق ھالىتىدە ۋاپات بولغان بىر ئايالنىڭ نامىزىنى ئوقۇيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ مېيىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى دەپ بايان قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5209

 
Hadith   425   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- صلَّى على قبر بعد ما دُفِنَ, فَكَبَّرَ عليه أَرْبَعاً


باشتېما:

دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە بىشىغا كېلىپ تۆت تەكبىر بىلەن جىنازە نامىزىنى ئوقۇغان

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما-: «أن النبي -صلى الله عليه وسلم- صلَّى على قبر بعدَ ما دُفِنَ, فَكَبَّرَ عليه أَرْبَعاً».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: دەپنە قىلىنغاندىن كىيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرە بىشىغا كېلىپ تۆت تەكبىر بىلەن جىنازە نامىزىنى ئوقۇغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قد جُبلَ النبي -صلى الله عليه وسلم- على محاسن الأخلاق، ومن ذلك ما اتصف به من الرحمة والرأفة، فما يَفْقِدُ أحداً من أصحابه حتى يسأل عنه، ويتفقد أحواله.
فقد سأل عن صاحب هذا القبر، فأخبروه بوفاته، فأحب أنهم أخبروه ليصلي عليه، فإن صلاته سكنٌ للميت، ونور يزيل الظلمة التي هو فيها، فصلى على قبره كما يصلى على الميت الحاضر.
صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم- على القبر لا يفهم منها صعوده على القبر, وإنما المعنى الوقوف بجانبه واستقباله والصلاة عليه صلاة الجنازة.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن يارىتىلغان ئىدى، يەنە كىلىپ ناھايىتى مىھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىدى، ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنى كۆرمىسە ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇراتتى. بۇ قەبرە ئىگىسى ھەققىدە سورىغاندا ساھابىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى ئاڭلاتتى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ مىيىت نامىزىنى ئۆزى ئوقۇشى ئۈچۈن ساھابىلەر خەۋەر قىلغان بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى مېيىتكە خاتىرجەملىك، قەبرىسىدە نۇر ئىدى، كىيىن ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئادەتتىكىدەك مېيىت نامىزىنى ئوقۇدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قەبرىدە ناماز ئوقۇغىنى قەبرە ئۈستىگە چىققانلىقىنى ئۇقتۇرمايدۇ، بەلكى قەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ مىيىت نامىزىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5210

 
Hadith   426   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يكثر أن يقول في ركوعه وسجوده: سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ ربنا وبحمدك، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە، تۆۋەندىكى دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: ما صلّى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بعد أن نَزَلت عليه: (إذا جاء نصرُ الله والفتح..) إلا يقول فيها: «سُبْحَانَكَ اللهم ربَّنا وبحمدك، اللَّهُمَّ اغفر لي».
وفي لفظ: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يكثر أن يقولَ في ركوعه وسجوده: «سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ ربنا وبحمدك، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ((ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن...)) دېگەن ئايەت (يەنى سۈرە نەسر) نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، قايسى نامازنى ئوقۇسا، ئۇنىڭدا: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېگەن دۇئانى تەكرارلايتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) دېگەن دۇئانى كۆپ قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ذكرت عائشة -رضي الله عنها- في هذا الحديث أن الله -تعالى- عندما أنزل على النبي -صلى الله عليه وسلم- سورة النصر, ورأى هذه العلامة وهي النصر, وفتح مكة, بادر -صلى الله عليه وسلم- إلى امتثال أمر الله -تعالى- في قوله في سورة النصر: (فسبح بحمد ربك واستغفره)، فكان كثيرًا ما يقول: (سبحانك اللهم وبحمدك اللهم اغفر لي), وهذه الكلمات جمعت تنزيه الله -تعالى- عن النقائص، مع ذكر محامده, وختمت بطلب المغفرة منه سبحانه، وما صلى صلاة فريضة كانت أو نافلة إلا قال ذلك في ركوعها وسجودها, وكانت هذه السورة علامة على قرب أجل النبي -صلى الله عليه وسلم-.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستە بايان قىلىپ: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈرە نەسرنى نازىل قىلغاندا، پەيغەمبىرىمىز بۇ سۈرىدە كەلگەن ئىشارەتلەرنى، يەنى: باشقا غەلبىلەرنى ۋە مەككىنى پەتھى قىلىشنى كۆرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇشقا ئالدىرىدى. شۇڭا (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) دېگەن دۇئانى بەك كۆپ تەكرارلايتتى. بۇ دۇئا؛ ئاللاھ تائالانى پۈتۈن كەمچىللىكتىن پاكلاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئەيىپ نۇقساندىن پاك ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى پەرز ياكى نەپلە بولسۇن ھەرقانداق بىر ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە مەزكۇر دۇئانى قىلاتتى. بۇ سۈرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5212

 
Hadith   427   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بعث رجلا على سَرِيَّةٍ فكان يقرأ لأصحابه في صلاتهم، فَيَخْتِمُ بـ: (قل هو الله أحد)


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى

عن عائشة -رضي الله عنها- «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بعث رجلا على سَرِيَّةٍ فكان يَقْرَأ لأصحابه في صلاتهم، فَيَخْتِمُ بـ«قل هو الله أحد» فلما رجعوا ذكروا ذلك لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: سَلُوهُ لأَيِّ شيء صَنَع ذلك؟ فسألُوه، فقال: لِأنَّها صِفَةُ الرحمن -عز وجل-، فأنا أُحِب أَنْ أَقْرَأ بها، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: أَخْبِرُوه: أنَّ الله -تعالى- يُحِبُّه».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى، قوشۇن قايتقاندا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھقا بۇ ئىشنى دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى سوراڭلار؟ دېدى. ئۇلار سورىغاندا، ئۇ كىشى: ئۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭلار، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أمَّرَ النبي -صلى الله عليه وسلم- بعض أصحابه على سَرِيَّة؛ لتدبيرهم والحكم بينهم، وحتى لا تكون الأمور فوضى، ويختار أقومهم دينًا وعلمًا وتدبيرًا، ولذا كان الأمراء هم الأئمة في الصلاة والمفتون؛ لفضل علمهم ودينهم، فكان يقرأ "قل هو الله أحد" في الركعة الثانية من كل صلاة؛ لمحبته لله وأسمائه وصفاته، ومن أحب شيئاً أكثر من ذكره.
فلمَّا رجعوا من غزوتهم إلى النبي -صلى الله عليه وسلم-، ذكروا له ذلك، فقال: سلُوه لأيِّ شيء يصنع ذلك، أهو لمحض المصادفة أم لشيء من الدواعي؟
فقال الأمير: صنعت ذلك لاشتمالها على صفة الرحمن -عز وجل-، فأنا أحب تكريرها لذلك.
فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: أخبروه، أنه كما كرر هذه السورة لمحبته لها؛ وهذا لما تضمنته من صفات الله العظيمة التي دلت عليها أسماؤه المذكورة فيها: فإن الله يحبه.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرنى قوشۇنغا باش قىلىپ ئۇ قوشۇننى بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئىشلار قالايمىقان بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىچىدە تالاش-تارتىشنى ئايرىش ۋە ئۇلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن دىيانەت ۋە ئىلىم-مەرىپەت، جەڭ تاكتىكىسىدا ئەڭ ئىقتىدارلىق بىر كىشىنى قوماندان قىلىپ تاللىدى، قوماندان ئىلىم ئىگىسى ۋە تەقۋادار بولغانلىقتىن نامازدا ئىمام بولاتتى، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇيتى، چۈنكى ھەركىم ياخشى كۆرگىنىنى كۆپ ئەسلەيدۇ، ساھابىلار غازاتتىن قايىتقاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئىشنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭدىن سوراڭلار؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدى؟ ياكى مەقسەتسىز قىلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ دېدى. قوماندان بولغۇچى: ئۇ سۈرىدە ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى بولغانلىقتىن كۆپ ئوقۇيمەن، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇ كىشىگە دەپ قويۇڭلار ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭغا دەلىل بولغان بۇ سۈرىنى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، دېدى. بۇ نېمە دېگەن بەخىت-ھە   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5213

 
Hadith   428   الحديث
الأهمية: كنت أنام بين يَدَيْ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ورِجْلايَ فِي قِبْلَتِهِ، فإذا سجد غَمَزَنِي، فقبضت رِجْلَيَّ، فإذا قام بَسَطْتُهُمَا، والبيوت يومئذ ليس فيها مصابيح


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە، ئىككى پۇتۇمنى قىبلىسى تەرىپىگە سۇنۇپ ئۇخلايتتىم، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نوقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يېغىۋالاتتىم، سەجدىدىن تۇرغاندا پۇتۇمنى سۇناتتىم، ئۇ كۈنلەردە ئۆيلەردە چېراغلار يوق ئىدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: «كنت أنام بين يَدَيْ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ورِجْلايَ فِي قِبْلَتِهِ، فإذا سجد غَمَزَنِي، فقَبَضتُ رِجْلَيَّ، فإذا قام بَسَطْتُهُمَا، والبيوت يومئذ ليس فيها مصابيح».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە، ئىككى پۇتۇمنى قىبلىسى تەرىپىگە سۇنۇپ ئۇخلايتتىم، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نوقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يېغىۋالاتتىم، سەجدىدىن تۇرغاندا پۇتۇمنى سۇناتتىم، ئۇ كۈنلەردە ئۆيلەردە چىراغلار يوق ئىدى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كانت عائشة -رضي الله عنها- تقول: كنت أنام بين يدي النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو يصلِّي في الليل، ولضيق بيوتنا، تكون رِجْلاي في قِبْلته بينه وبين موضع سجوده، فما دام واقفاً يتهجد بسطتهما، فإذا سجد، غَمَزني فَقبضتهما ليسجد.
ولو كنت أراه إذا سجد لقبضتهما بلا غمز منه، ولكن ليس في بيوتنا مصابيح ترى فيها النبي -صلى الله عليه وسلم-، فتكف رجليها من غير أن تحوجه إلى غمزها.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيىتتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئۇخلايتتىم، ئۆيلىرىمىز تار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامدا تۇرغان ۋاقىتتا ئىككى پۇتۇمنى قىبلە تەرىپىدە، سەجدە قىلىدىغان جايىغا سۇنۇپ ياتاتتىم، سەجدە قىلىدىغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نۇقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يىغىۋالاتتىم. ئەگەر ئۇنى سەجدە قىلىدىغان ۋاقىتتا كۆرگەن بولسام، ئەلۋەتتە پۇتۇمنى نۇقۇشتىن ئىلگىرى يېغىۋالغان بولاتتىم، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ، نوقۇغۇزماي پۇتنى يېغىۋىلىش ئۈچۈن ئۆيلىرىمىزدە چېراقلار يوق ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5217

 
Hadith   429   الحديث
الأهمية: من كلِّ الليل أَوْتَرَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، من أول الليل، وأوسطه، وآخره، وانتهى وِتْرُهُ إلى السَّحَرِ


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: «من كلِّ الليل أَوْتَرَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: من أول الليل، وأوسطه، وآخره، وانتهى وِتْرُهُ إلى السَّحَرِ».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تخبر عائشة أم المؤمنين -رضي الله عنها- عن الوقت الذي كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يصلي الوتر فيه من الليل، وأنه لا يتقيد بساعة دون أخرى، ففي كل ساعات الليل كان يوتر، أحيانا من أوله حين يصلي العشاء وما شاء الله بعدها، وأحيانا من أوسطه بعد مُضِي ثلثه الأول، وأحيانا من آخره حين يمضي ثلثاه حتى تكون آخر ساعة من الليل.
605;ۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋىتىر نامازنى قانداق ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتلىرىغا خاس قىلىۋالماي قايسى بىر ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى، گاھىدا ئاللاھ تائالا نېسىپ قىلسا خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا، گاھىدا كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرى ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ۋاقىتلاردا، گاھىدا بولسا كېچىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدا ئۈچتەن ئىككىسى ئۆتكەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5218

 
Hadith   430   الحديث
الأهمية: خرج النبي -صلى الله عليه وسلم- يَسْتَسْقِي، فتوجه إلى القبلة يدعو، وحَوّل رِدَاءه، ثم صلَّى ركعتين، جَهَرَ فيهما بالقِراءة


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت سىرتىغا چىقتى، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، رىداسىنى تەتۈر ئۆرۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى ۋە قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى

عن عبد الله بن زيد بن عَاصِم المازِنِي -رضي الله عنه- قال: «خرج النبي -صلى الله عليه وسلم- يَسْتَسْقِي، فتَوَجَّه إلى القبلة يدْعو، وحَوَّل رِدَاءه، ثم صلَّى ركعتين، جَهَرَ فيهما بالقِراءة».    وفي لفظ «إلى الْمُصَلَّى».

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم مازىنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت سىرتىغا چىقتى، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، رىداسىنى تەتۈر ئۆرۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى، ئىككى رەكەتتە قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى. يەنە بىر ئىبارىدە «سەيناغا چىقتى» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يبتلي الله -تعالى- العباد بأنواع من الابتلاء؛ ليقوموا بدعائه وحده وليذكروه، فلما أجدبت الأرض في عهد النبي -صلى الله عليه وسلم-، خرج بالناس إلى مصلى العيد بالصحراء؛ ليطلب السقيا من الله -تعالى-، وليكون أقرب في إظهار الضراعة والافتقار إلى الله -تعالى-، فتوجه إلى القبلة، مظنة قبول الدعاء، وأخذ يدعو الله أن يغيث المسلمين، ويزيل ما بهم من قحط.
وتفاؤلا بتحول حالهم من الجدب إلى الخصب، ومن الضيق إلى السعة، حوَّل رداءه من جانب إلى آخر، ثم صلى بهم صلاة الاستسقاء ركعتين، جهر فيهما بالقراءة؛ لأنها صلاة جامعة.
574;اللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىگىلا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ئاللاھ تائالادىن يامغۇر تەلەپ قىلدى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىھتىياجنى ۋە يىلىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان تەرەپ قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى، ئاللاھ تائالادىن بۇ قۇرغاقچىلىقنى كۆتۈرۋىتىشنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۆزگۈرۈشكە ئۈمىدۋار بولۇپ، بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كەڭچىلىككە ۋە مولچىلىققا ئۆزگەرتىپ بېرىشىگە ئۈمىدۋار بولۇپ رىداسىنى تەتۈر كەيدى، ئاندىن ئىككى رەكەت سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇدى. ئۇ جامائەت نامىزى بولغانلىقتىن قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5274

 
Hadith   431   الحديث
الأهمية: صَلَّيْتُ أنا و عِمْرَانُ بْنُ حصَيْنٍ خلف علي بن أبي طالب، فكان إذا سجد كَبَّرَ، وإذا رفع رأسه كَبَّرَ، وإذا نهض من الركعتين كَبَّرَ


باشتېما:

مەن ئىمران ئىبنى ھۇسەين بىلەن بىرگەئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدۇم، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەجدە قىلغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكەتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتتى

عن مُطَرِّفِ بن عبد الله قال: « صَلَّيْتُ أنا وعِمْرَانُ بْنُ حُصَيْنٍ خَلْفَ علِيِّ بنِ أَبِي طالب، فكان إذا سجد كَبَّرَ، وإذا رفع رأسه كَبَّرَ، وإذا نهض من الركعتين كَبَّرَ، فلمَّا قضَى الصلاةَ أَخَذَ بيدَيَّ عِمْرَانُ بْنُ حُصَيْنٍ، وقال: قد ذكَّرني هذا صلاةَ محمد -صلى الله عليه وسلم- أو قال: صَلَّى بنا صلاة محمد -صلى الله عليه وسلم-».

مۇتەررىپ ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىمران ئىبنى ھۇسەين بىلەن بىرگە ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدۇم، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەجدە قىلغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكەتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتتى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئوقۇپ بولغان ۋاقىتتا، ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ كىشى ماڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى ئەسلەتتى ياكى بىزگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بەردى» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان شعار الصلاة، وهو إثبات الكبرياء والعظمة لله -سبحانه وتعالى-، وذلك بالتكبير.
فيحكي مطرف أنه صلى هو وعمران بن حصين خلف علي بن أبي طالب فكان يكبر في هُوِيه إلى السجود، ثم يُكبِّر حِين يرفع رأسه من السجود، وإذا قام من التشهُّد الأوَّل في الصلاة ذات التشهدين، كبَّر في حال قيامه، وقد ترك كثير من الناس الجهر بالتكبير في هذه المواضع، فلمَّا فرغ من صلاته أخذ عمران بيد مُطرِّف، وأخبره بأنَّ عليًّا -رضي الله عنه- ذكَّره بصلاته هذه صلاةَ النبيِّ -صلى الله عليه وسلم-، حيث كان يُكبِّر في هذه المواضع.
576;ۇھەدىستە نامازنىڭ سىموۋۇللۇق شۇئارى بايان قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ نامازدا تەكبىر ئىيتىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئۇلۇغلۇق ۋە كاتتىلىقنى ئىسپالاتلاشتىن ئىبارەت، مۇتەررىپ ئۆزىنىڭ ئىمران ئىبنى ھۈسەين بىلەن بىرگە ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەجدىگە بارغاندا، سەجدىدىن تۇرغاندا، تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئەتتىن قىيامغا تۇرغاندا تەكبىر ئىيىتقانلىقىنى، كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئورۇنلاردا ئاشكارا تەكبىر ئېيتىشنى تەرك قىلغانلىقىنى، نامازدىن بىكار بولغاندا، ئىمران ئىبنى ھۈسەيننىڭ مۇتەررىپنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇشۇ ئورۇنلاردا تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىنى ئەسلەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5275

 
Hadith   432   الحديث
الأهمية: أنّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كفِّنَ في أثواب بِيضٍ يَمَانِيَةٍ، ليس فيها قَمِيص وَلا عِمَامَة


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەمەندە توقۇلغان ئاق رەخ بىلەن كېپەنلەنگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆڭلەك ۋە سەللە يوق ئىدى

عن عائشة -رضي الله عنها- «أنّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كُفِّنَ في أثواب بِيضٍ يَمَانِيَةٍ، ليس فيها قَمِيص وَلا عِمَامَة».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەمەندە توقۇلغان ئاق رەخ بىلەن كېپەنلەندى، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆڭلەك ۋە سەللە يوق ئىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تخبر عائشة -رضي الله عنها- عن كَفَن النبي -صلى الله عليه وسلم- ولونه وعدده، فقد أدرج في ثلاث لفائف بيض مصنوعة في اليمن، ولم يكفن في قميص ولا عمامة، وزيادة الأثواب؛ لأن سترة الميت أعظم من سترة الحيّ وأولى بالعناية.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا ئىشلەتكەن كېپەنلىكنىڭ سانى ۋە رەڭگى توغۇرلۇق خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى، رەسۇلۇللاھنى يەمەندە توقۇلغان ئاق ئۈچ پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەندى، كېپەن ئىچىدە كۆڭلەك ياكى بىشىدا سەللە يوق ئىدى. ھايات كىشىنىڭ كىيمىدىن مېيىتنىڭ كېپىنىنى تولۇق قىلىش كېرەك، چۈنكى مېيتنىڭ ئەيبىنى يۆگەش ھايات كىشىنىڭ ئەيبىنى يۆگىگەندىن ئەۋزەلدۇر ۋە ئەھمىيەت بېرىش لازىم   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5319

 
Hadith   433   الحديث
الأهمية: كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يقرأ في صلاة الفجر يوم الْجمعَةِ: الم تَنْزِيلُ السَّجْدَةَ وهَلْ أتى على الإنسان


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىدا سۈرە سەجدە بىلەن سۈرە ئىنساننى ئوقۇيتتى

عن أبي هُرَيْرة -رضي الله عنه- قال: «كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يَقْرأ فِي صلاة الفجر يَومَ الجُمُعَةِ: الم تَنْزِيلُ السَّجْدَةَ وهَلْ أتى على الإنسَان».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىدا سۈرە سەجدە بىلەن سۈرە ئىنساننى ئوقۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان من عادة النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يقرأ في صلاة الفجر يوم الجمعة سورة السجدة كاملة، وذلك في الركعة الأولى بعد الفاتحة، ويقرأ في الركعة الثانية بعد الفاتحة سورة الإنسان كاملة؛ تذكيرا بما اشتملت عليه السورتان من أحداث عظيمة وقعت وستقع في هذا اليوم, كخلق آدم، وذكر المعاد وحشر العباد، وأحوال القيامة, وغيرها.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئادىتىدە، جۈمە كۈنىدىكى بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە سەجدىنى تولۇق ئوقۇيتتى، ئىككىنچى رەكئىتىدە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە ئىنساننى تولۇق ئوقۇيتتى، بۇ ئىككى سۈرىنىڭ مەنىلىرىدە جۈمە كۈنىدە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بىرىدىغان چوڭ ۋەقەلىكلەر، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىش، ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، مەھشەرگاھقا يىغىلىش، قىيامەتنىڭ ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى مۇسۇلمانلارغا ئەسلىتەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5320

 
Hadith   434   الحديث
الأهمية: سمعت النبي -صلى الله عليه وسلم- يقرأ في المغرب بِالطُّور


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم

عن جُبَيْرُ بْنُ مُطْعِم -رضي الله عنه- قال: «سمعت النبي -صلى الله عليه وسلم- يقرأ في المغرب بِالطُّور».

جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
العادة في صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه كان يُطيل القراءة في صلاة الصبح، ويقصرها في المغرب، ويتوسط في غيرهما من الصلوات الخمس.
ولكنه قد يترك العادة لبيان الجواز، ولأغراض أخرى، كما في هذا الحديث من أنه قرأ في صلاة المغرب بسورة "والطور" وهي من طوال المفصل.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئادىتىدە، ئۇ بامدات نامىزىدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلاتتى ۋە شام نامىزىدا قىسقا قىلاتتى. بەش نامازنىڭ ئىچىدە ئۇندىن باشقىلىرىدا ئوتتۇرىھال قىلاتتى. لېكىن خۇددى بۇ ھەدىستە كەلگەندەك، ئۇ بەزى چاغدا، باشقىچە ئوقۇشنىڭ رۇخسەتلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ياكى باشقا بىر مەقسەتتە ئۇ ئادىتىنى تاشلايتتى. بۇ ھەدىستە شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇدى، بۇ سۈرە قىسقا سۈرىلەرنىڭ ئۇزۇنلىرىدىندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5321

 
Hadith   435   الحديث
الأهمية: كان النبي -صلى الله عليه وسلم- وأبو بكر وعمر يصلون العيدين قبل الخطْبة


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەر ھېيىت خۇتبىسىنى نامازدىن كېيىن ئوقۇيتى

عن عبد الله بن عُمر -رضي الله عنهما- قال: «كان النبي -صلى الله عليه وسلم- وأبو بكر وعُمر يصلون العيدين قبل الخُطْبة».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەر ھېيىت خۇتبىسىنى نامازدىن كېيىن ئوقۇيتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان من عادة النبي -صلى الله عليه وسلم- وخلفائه الراشدين، أن يصلوا بالناس صلاة العيد، في الفطر والأضحى، ويخطبوا، ويقدموا الصلاة على الخطبة، وقد استمر العمل على ذلك حتى جاء مروان فخرج وخطب قبل الصلاة، وانكر عليه الناس مخالفة السنة، واستمر بنو أمية على ذلك ثم أعاد بنو العباس السنة.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە راشىد خەلىپىلەر كىشىلەرگە روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت نامازلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى، خۇتبىمۇ ئوقۇپ بىرەتتى، خۇتبىنى نامازدىن كېيىن ئوقۇيتتى، بۇ ئادەت شۇنداق داۋام قىلغان ھەتتا مەرۋان ئىبنى ئابدۇل مەلىكنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئۇ نامازدىن ئىلگىرى خۇتبە ئوقۇغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5322

 
Hadith   436   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يجمع في السفر بين صلاة الظهر والعصر، إذا كان على ظَهْرِ سَيْرٍ، ويجمع بين المغرب والعشاء


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە بولسا پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇيتتى

عن عَبْد اللَّهِ بْن عَبَّاس -رضي الله عنهما- قال: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَجْمعُ في السَّفَر بين صلاة الظهر والعصر؛ إذا كان على ظَهْرِ سَيْرٍ، ويجمع بين المغرب والعشاء».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە بولسا پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تمتاز شريعة نبينا محمد -صلى الله عليه وسلم- من بين سائر الشرائع السماوية بالسماحة واليسر وإزاحة كل حرج ومشقة عن المكلفين أو تخفيفهما، ومن هذه التخفيفات: الجمع في السفر بين الصلاتين المشتركتين في الوقت.
فالأصل وجوب فعل كل صلاة في وقتها، لكن كان من عادة النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا سافر وجدَّ به السير في سفره، الجمع بين الظهر والعصر: إما تقديماً، أو تأخيراً، والجمع بين المغرب والعشاء: إما تقديماً أو تأخيراً، يراعى في ذلك الأرفق به وبمن معه من المسافرين، فيكون سفره سبباً في جمعه الصلاتين، في وقت إحداهما؛ لأن الوقت صار وقتاً للصلاتين كلتيهما؛ ولأن السفر موطن مشقة في النزول والسير، ولأن رخصة الجمع ما جعلت إلا للتسهيل فيه.
662;ەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن شەرىئەت باشقا پەيغەمبەرلەرگە چۈشكەن شەرىئەتلەردىن قولايلىقتا، ئەپۇچانلىقتا ۋە ھەرقانداق قېيىنچىلىقنى كۆتۈرۋېتىش ياكى يېنىكلىشتە ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: كۈندۈز تەرەپلەردە ياكى كېچە تەرەپلەردە كەلگەن ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتتا جەملەپ ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلىقى. شەرىئەت قائىدىسىدە ھەر نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش بېكىتىلگەن، بىراق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر ئۈستىدە ئالدىراش بولغاندا، پىشىن بىلەن ئەسىرنى ياكى پىشىن ۋاقتىدا ياكى ئەسىر ۋاقتىدا جۇغلاپ ئوقۇيتتى، يەنە شام بىلەن خۇپتەننىمۇ ياكى شام ۋاقتىدا ئىككى نامازنى جۇغلايتتى، ياكى خۇپتەن ۋاقتىدا جۇغلايتتى، نامازنى جۇغلاشنىڭ دۇرۇسلىقى پەقەت سەپەرگە باغلىنىشلىق، سەپەردە ئىككى ناماز ۋاقتىنىڭ قايسى بىرى يەنە بىرى ئۈچۈن نامازنىڭ ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. سەپەردە يول يۈرۈش، ئارام ئېلىش ئىشلىرى جاپالىق بولغاچقا شەرىئەت بۇنى كۆزدە تۇتۇپ نامازنى جەملەپ ئوقۇشنى يولغا قويغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5323

 
Hadith   437   الحديث
الأهمية: إن رجالًا يَتَخَوَّضُون في مال الله بغير حق, فلهم النار يوم القيامة


باشتېما:

ئاللاھ تائالانىڭ مېلىنى ئورۇنسىز سەرىپ قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنى دوزاخ ئوتى بار

عن خولة الأنصارية -رضي الله عنها- قالت: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إن رجالاً يَتَخَوَّضُون في مال الله بغير حق, فلهم النار يوم القيامة».

خەۋلە ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ مېلىنى ئورۇنسىز سەرىپ قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنى دوزاخ ئوتى بار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- عن أناس يتصرفون في أموال المسلمين بالباطل، وأنهم يأخذونها بغير حق، ويدخل في ذلك أكل أموال اليتامى وأموال الوقف من غير مستحقها وجحد الأمانات والأخذ بغير استحقاق ولا إذن من الأموال العامة، وأخبر -صلى الله عليه وسلم- أن جزاءهم النار بذلك يوم القيامة.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر تۈركۈم كىشىلەر ھەققىدە خەۋەر بىرىپ، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلىكىنى ئورۇنسىز سەرىپ قىلىدىغان ۋە ناھەق يەۋالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىگە يىتىملارنىڭ مال-مۈلىكىنى يېۋېلىش، ۋەقپىدىن ھەقلىق بولمىغان كىشىلەر پايدىلىنىش، ئامانەتكە تېنىۋېلىش، خەلىق ئاممىسىنىڭ پۇل-ماللىرىدىن ناھەق ۋە رۇخسەتسىز ئېلىش قاتارلىقلار كىرىپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى جازاسى دوزاخ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5331

 
Hadith   438   الحديث
الأهمية: إن الله يحب العبد التقي, الغني, الخفي


باشتېما:

ھەقىقەتەن ئاللاھ تەقۋادار، باشقىلاردىن بىھاجەت ۋە كېچىلەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ

عن سعد بن أبي وقاص -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إن الله يحب العبد التَّقِيَّ, الغَنِيَّ, الخَفِيَّ».

سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تەقۋادار، باشقىلاردىن بىھاجەت ۋە كېچىلەردە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من أسباب محبة الله للعبد أن يتصف بهذه الصفات الثلاث:
الأولى: أن يكون متقيا لله تعالى، قائما بأوامره مجتنبا نواهيه.
الثانية: أن يكون مستغنيا عما في أيدي الناس، راضيا بما قسم الله له.
الثالثة: أن يكون خفيا، لا يتعرض للشهرة، ولا يرغب فيها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ ئۈچ تۈرلۈك سۈپەت بىلەن سۈپەتلىنىش بولسا ئاللاھنىڭ ئۇ بەندىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر. بىرىنچى: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىدىغان، چەكلىمىسىدىن يىراق بولىدىغان ھەقىقى تەقۋادارلاردىن بولۇش. ئىككىنچى:ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە رازى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن بىھاجەت بولۇش. ئۈچىنچى: شان-شەرەپ، نام-شۆھرەتكە بېرىلمەستىن مەخپى ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇش   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5340

 
Hadith   439   الحديث
الأهمية: كل بني آدم خطاء, وخير الخطائين التوابون


باشتېما:

ھەر بىر ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى ئەڭ كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «كلُّ بني آدم خَطَّاءٌ, وخيرُ الخَطَّائِينَ التوابون».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر بىر ئادەم بالىسى دائىم خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا يخلو الإنسان من الخطيئة، لما فُطر عليه من الضعف، وعدم الانقياد لمولاه في فعل ما دعاه إليه، وترك ما نهاه عنه، لكنه تعالى فتح باب التوبة لعباده، وأخبر أن خير الخطائين هم المكثرون من التوبة.
574;ىنسان ئاجىز يارىتىلغانلىقى ۋە بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ئىشلارنى تاشلاشتا ئىگىسىگە بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن خاتالىقتىن خالى بولالمايدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تەۋبە ئىشكىنى ئېچىپ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ياخشىسى تەۋبىنى كۆپ قىلغۇچىلاردۇر، دەپ خەۋەر قىلدى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5344

 
Hadith   440   الحديث
الأهمية: كل معروف صدقة


باشتېما:

ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقىدۇر

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «كل معروف صدقة».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھەرقانداق ياخشىلىق سەدىقىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كل معروف يفعله الإنسان صدقة، والصدقة هي ما يعطيه المتصدّق من ماله، وهذا يشمل الصدقة الواجبة والمندوبة، فبيّن النبي -صلى الله عليه وسلم- أن فعل المعروف له حكم الصدقة في الأجر والثواب.
574;ىنسان قىلىدىغان ھەر بىر ياخشىلىق سەدىقىدۇر، سەدىقە دېگەن: سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ئۆز مىلىدىن بېرىدىغان نەرسىسىدۇر، بۇ ۋاجىپ ۋە نەپلە سەدىقىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ياخشىلىق ئەجىر-ساۋاپتا سەدىقىنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5346

 
Hadith   441   الحديث
الأهمية: رضا الله في رضا الوالدين، وسَخَطُ الله في سَخَطِ الوالدين


باشتېما:

ئاللاھنىڭ رازىلىقى، ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىدە بولىدۇ

عن عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال:    «رضا الله في رضا الوالدين، وسَخَطُ الله في سَخَطِ الوالدين».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا، ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىدە بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث جعل الله تعالى رضاه من رضا الوالدين، وسخطه من سخطهما، فمن أرضاهما فقد أرضى الله تعالى، ومن أسخطهما فقد أسخط الله تعالى.
576;ۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىدا، ئۆزىنىڭ غەزىپىنى ئاتا-ئانىنىڭ غەزىپىدە قىلدى، ئاتا-ئانىسىنى رازى قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانى رازى قىلغان بولىدۇ، ئاتا-ئانىسىنى غەزەپلەندۈرگەن كىشى ئاللاھ تائالانى غەزەپلەندۈرگەن بولدى   --  باشقا ئىسناد بىلەن ھەسەن   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5361

 
Hadith   442   الحديث
الأهمية: من أحبَّ أن يُبْسَطَ عليه في رزقه، وأن يُنْسَأَ له في أَثَرِهِ فَلْيَصِلْ رحمه


باشتېما:

رىزقىنىڭ كەڭ بولىشىنى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ياخشى كۆرسگەن كىشى تۇققانلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «من أحبّ أن يُبْسَطَ عليه في رزقه، وأن يُنْسَأَ له في أَثَرِهِ؛ فَلْيَصِلْ رحمه».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ: «رىزقىنىڭ كەڭ بولىشىنى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ياخشى كۆرگەن كىشى تۇققانلىرىغا ياخشىلىق قىلسۇن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث حث على صلة الرحم، وبيان بعض فوائدها بالإضافة لتحقيق رضا الله -تعالى-، فإنها سبب أيضًا للثواب العاجل بحصول أحب الأمور إلى العبد، وأنها سبب لبسط رزقه وتوسيعه، وسبب لطول العمر.
وظاهر الحديث قد يتعارض عند بعض الناس مع قوله -تعالى-: (ولن يؤخر الله نفسا إذا جاء أجلها)، فالجواب: أنَّ الأجل محدد بالنسبة إلى كل سبب من أسبابه، فإذا فرضنا أن الشخص حدد له ستون عامًا إن وصل رحمه وأربعون إن قطعها؛ فإذا وصلها زاد الله في عمره الذي حدد له إذا لم يصل.
576;ۇ ھەدىستە تۇغقانلار بىلەن ئىناق ئۆتەشكە قىزىقتۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقا رىزقىنىڭ كەڭ بولىشى، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىدەك بىر قانچە پايدىلىق تەرەپلىرى بايان قىلىنغان. بۇ ھەدىس بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىدا «ئاللاھ تائالا ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە كېچىكتۈرمەيدۇ» دېگەن ئايەتكە زىت كېلىدۇ، ئەمما توغرا كۆز قاراش: ئادەمنىڭ ئەجىلى ھەر خىل سەۋەبلەرگە باغلىنىلغان بولىدۇ، بىر ئادەمنىڭ ئەجىلى «تۇققان بىلەن ئىناق ئۆتسە 60 يىل، ئىناق ئۆتمىسە 40 يىل» بەلگىلەنگەن دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ كىشى ئىناق ئۆتسە، ئاللاھ ئىناق ئۆتمىگەندە بەلگىلىگەن ئۆمرىگە قېتىپ بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5372

 
Hadith   443   الحديث
الأهمية: قد علّمنا الله كيف نُسَلِّمُ عليك؛ فكيف نُصَلِّي عليك؟ فقال: قولوا: اللَّهُمَّ صَلِّ على محمد وعلى آل محمد؛ كما صَلَّيْتَ على إبراهيم، إنك حميد مجيد، و بَارِكْ على محمد وعلى آل محمد؛ كما باركت على إبراهيم، إنك حميد مجيد


باشتېما:

ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالا بىزنىڭ سىلىگە قانداق سالام يوللىشىمىزنى ئۈگەتتى، ئەمما سىلىگە قانداق دۇرۇت يوللايمىز؟ دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتتۇرسەن، دەڭلار دېدى

عن عبد الرحمن بن أبي ليلى قال: «لقيني كَعْبُ بْنُ عُجْرَةَ فقال: ألا أُهْدِي لك هدية؟ إن النبي -صلى الله عليه وسلم- خرج علينا، فقلنا: يا رسول الله، قد عَلِمْنا الله كيف نُسَلِّمُ عليك؛ فكَيف نُصَلِّي عليك؟ فقال: قولوا: اللَّهُمَّ صَلِّ على محمد وعلى آل محمد؛ كما صَلَّيْتَ على إبراهيم، إنَّك حميد مجيد، وبَارِكْ على محمد وعلى آل محمد؛ كما باركت على إبراهيم، إنَّك حميد مجيد».

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا بايان قىلىپ: ماڭا كەئىب ئىبنى ئۇجرە ئۇچراپ قېلىپ، ساڭا بىر نەرسە ھەدىيە قىلمايمۇ دەپ مۇنداق دېدى. بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققاندا بىز: ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالا بىزنىڭ سىلىگە قانداق سالام يوللىشىمىزنى ئۈگەتتى، ئەمما سىلىگە قانداق دۇرۇت يوللايمىز؟ دېدۇق، رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىبىلىك زاتتۇرسەن، دەڭلار دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يأتي هذا الحديث مؤكدا على شأن النبي الكريم وعلو منزلته عند ربِّه، حيث تقابل عبد الرحمن بن أبي لَيْلَى، أحد أفاضل التابعين وعلمائهم بكَعْبِ بْنِ عُجْرَةَ أحد الصحابة -رضي الله عنه-، فقال كَعْبُ: ألا أُهْدِي إليك هدية؟ وكان أفضل ما يتهادونه الحكمة ومسائل العلم الشرعي، ففرح عبد الرحمن بهذه الهدية الثمينة. وقال: بلى، أهدها لي.
فقال كَعْبُ: خرج علينا النبي -صلى الله عليه وسلم-، فقلنا: يا رسول الله علمتنا كيف نُسَلِّمُ عليك؟ ولكن كيف نُصَلِّي عليك؟ فقال: قولوا، وذكر لهم صفة الصلاة المطلوبة والتي معناها الطلب من الله -تعالى- أن يصلي على نبيه محمد وعلى آله، وهم أقاربه المؤمنون أو أتباعه على دينه، وأن تكون هذه الصلاة في بركتها وكثرتها، كالصلاة على أبي الأنبياء إبراهيم وآل إبراهيم، الذين هم الأنبياء والصالحون من بعده، وأن يزيد في الخير لمحمد وآله. كالبركة التي حصلت لآل إبراهيم.
فإن الله كثير المحامد، صاحب المجد، ومَن هذه صفاته فهو قريب العطاء واسع النوال.
من المتفق عليه أن النبي محمداً -صلى الله عليه وسلم- أفضل الخلق. وعند علماء البيان أن المشبَّه أقل رتبةً من المشبَّه به؛ لأن الغرض من التشبيه إلحاقه به في الصفة عند النبيين، فكيف يطلب من الله -تعالى- أن يصلي على محمد وآله، صلاة كصلاته على إبراهيم وآله؟.
وأحسن ما يقال أن آل إبراهيم عليه السلام، هم جميع الأنبياء من بعده، ومنهم نبينا -صلى الله عليه وسلم وعليهم أجمعين-، فالمعنى أنه يطلب للنبي وآله صلاة كالصلاة التي لجميع الأنبياء من لدن إبراهيم -عليهم الصلاة والسلام-. ومن المعلوم أنها كلها تكون أفضل من الصلاة للنبي -صلى الله عليه وسلم- وحده، والله أعلم.
576;ۇ ھەدىس شەرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىكى يۇقىرى ئورنى ۋە ئالى مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بىر كۈنى تابىئىنلارنىڭ كاتتىلىرى ۋە ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا ساھابە كەئب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئوچرىشىپ قالغاندا، كەئب ئابدۇراھمانغا: مەن ساڭا بىر نەرسە ھەدىيە قىلمايمۇ؟ دېدى، ئابۇراھمان ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىگە شەرىئەت ئەھكاملىرى، ھىكمەت-ئىلىملەرنى ھەدىيە قىلىشاتتى، ئۇ: شۇنداق قىلغىن، دېدى. كەئب: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ يېنىمىزغا چىقىۋىدى، بىز: ئى رەسۇلۇللاھ سىلىگە قانداق سالام يوللاشنى ئۈگەتتىلە، ئەمما سىلىگە قانداق دۇرۇت يوللايمىز؟ دېدۇق. رەسۇلۇللاھ جاۋابەن: سىلەر مۇنداق دەڭلار، دەپ «سالاتۇل ئىبراھىمىييە»نى ئوقۇپ بەردى. ئۇنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالادىن رەسۇلۇللاھقا ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، بەرىكەت تىلەش، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى يېقىن ئۇرۇق تۇققانلىرىنى، ياكى دىندا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ماڭغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دۇرۇت كۆپلۈكتە پەيغەمبەرلەرنىڭ دادىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە يوللانغان دۇرۇتتەك كۆپ بولىشىنى تىلەش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ياخشىلىق خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا كۆپ ياخشىلىق بولغاندەك بولىشىنى تىلەشتۇر. ئاللاھ تائالا كۆپ ماختىلىدىغان، شەرەپ- ئىززەت ئىگىسى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن تىز ئىنئام قىلغۇچى، كەڭرى بەرگۈچى زاتتۇر. ئالىملار ئارا ئىتتىپاققا كەلگەن كۆز قاراش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، ئىتىلىستىكا «بالاغەت» ئالىملىرى ئوخشىتىلغۇچى ئوخشىتىلۇنغۇچىدىن مەرتىۋە جەھەتتە تۆۋەن، چۈنكى ئوخشىتىشتىن مەقسەت كىچىكنى چوڭغا ئوخشۇتۇپ ئۇنىڭدىكى سۈپەتنى ئاشۇرۇش ئىرادە قىلىنغان بولىدۇ، يەنى بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپىتىنى پەيغەمبەرلەردىكى سۈپەتلەرگە تەمسىل قىلغان. ئۇنداقتا قانداقمۇ ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا مەرھەمەت قىلغاندەك مەرھەمەت قىلغىن دېيىلىدۇ؟ بۇ سوئالغا ئەڭ توغرا جاۋاب ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەردىن ئىبارەت، شۇلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بار، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مەنا تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت بولۇپ؛ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىغىچە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە بەرگەن مەرھەمەت كەبى مەرھەمەتنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغىمۇ بەرسىلە دېگەن مەنىدىدۇر. شۇنداق بولغاندا ئاللاھ تائالادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىگە يالغۇز رەھمەت تىلىگەندىن بۇ ئەۋزەل بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5377

 
Hadith   444   الحديث
الأهمية: لا صلاة لمن لم يقرأ بفاتحة الكتاب


باشتېما:

سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس

عن عُبَادَةَ بْنِ الصَّامِت -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «لا صلاة لمن لم يَقْرَأْ بفاتحة الكتاب».

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەس

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
سورة الفاتحة، هي أم القرآن وروحه، لأنها جمعت أنواع المحامد والصفات العلى لله تعالى، وإثبات الملك والقهر، والمعاد والجزاء، والعبادة والقصد، وهذه أنواع التوحيد والتكاليف.
لذا فرضت قراءتها في كل ركعة، وتوقفت صحة الصلاة على قراءتها، ونُفِيَتْ حقيقة الصلاة الشرعية بدون قراءتها، ويؤكد نفي حقيقتها الشرعية ما أخرجه ابن خزيمة عن أبي هريرة مرفوعاً وهو "لاتجزئ صلاة لايقرأ فيها بأم القرآن".
ويستثنى من ذلك المأموم إذا أدرك الإمام راكعا فيكبر للإحرام ثم يركع وتسقط عنه الفاتحة في هذه الركعة لحديث آخر، ولأنه لم يدرك محل القراءة وهو القيام .
587;ۈرە پاتىھە بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسى ۋە روھىدۇر، چۈنكى ئۇ سۈرە بۈيۈك ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەت ۋە مەدھىيەلىرىنى، پادىشاھلىق، بويسۇندۇرۇش ئاللاھقا مەنسۈپ، قىيامەت كۈنىنىڭ ۋە جازا مۇكاپاتنىڭ ئىگىسى، ئىبادەت ۋە ئىلتىجاغا ھەقلىق دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مانا بۇ تەۋھىدنىڭ ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنىڭ نەمۇنىلىرى. شۇنۇڭ ئۈچۈن ئۇنى نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە ئوقۇش پەرز قىلىندى، ئۇنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. شەرىئەت كۆرسەتكەن ناماز ئۇنى ئوقۇمىسا ئېتىبارسىز بولىدۇ. ئۇنى ئوقۇمىسا ناماز ئېتىبارسىز بولىدىغانلىقىغا دەلىل؛ ئىبنى خۇزەيمە ئەبۇ ھۇرەيرەدىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ: «سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان ناماز ئادا بولمايدۇ، دېگەن». پەقەت بىر ئەھۋالدىلا ناماز ئادا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئىمام رۇكۇغا بارغاندا ئىقتىدا قىلغان كىشى شۇ رەكئەتتە پاتىھەنى ئوقۇماي ئىمام بىلەن سەجدىگە بارىدۇ، بۇ ھەقتە ھەدىس كەلگەنلىكتىن بۇ رەكئەتتە ئۇ كىشىدىن پاتىھە ئوقۇش ساقىت بولىدۇ، چۈنكى پاتىھە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇلىدۇ، ئەمما ئۇ كىشى قىيامغا ئۇلگۇرۇلمىگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5378

 
Hadith   445   الحديث
الأهمية: لعن الله اليهود والنصارى؛ اتَّخَذُوا قبورَ أنبيائهم مساجد


باشتېما:

ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋالدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في مرضه الذي لم يقم منه: «لعن الله اليهود والنصارى؛ اتَّخَذُوا قُبُورَ أنبيائهم مساجد».
قالت: ولولا ذلك لأُبْرِزَ قبره؛ غير أنه خُشِيَ أن يتخذ مسجدًا.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇش ئالدىدا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋالدى. ئەگەر يۇقارقى ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىنمىسا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ قەۋرىسىنى ئېگىز قىلاتتى، لېكىن ئۇلار قەبرىنى مەسچىت قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
بعث الله الرسل لتحقيق التوحيد، وكان أفضلهم وهو النبي -صلى الله عليه وسلم- حريصًا على ذلك، وعلى سد كل وسائل الشرك، وكانت عائشة -رضي الله عنها- هي التي اعتنت بالنبي -صلى الله عليه وسلم- في مرضه الذي توفي فيه، وهى الحاضرة وقت قبض روحه الكريم.
فذكرت أنه في هذا المرض الذي لم يقم منه، خشي أن يتخذ قبره مسجداً، يصلى عنده، فتجر الحال إلى عبادته من دون الله -تعالى-، فقال: "لعن الله اليهود والنصارى؛ اتخذوا قبور أنبيائهم مساجد"، يدعو عليهم، أو يخبر أن الله لعنهم، وهذا يبين أن هذا في آخر حياته، وأنه لم ينسخ، يحذر من عملهم، ولذا علم الصحابة -رضي الله عنهم- مراده؛ فجعلوه في داخل حجرة عائشة، ولم ينقل عنهم، ولا عن من بعدهم من السلف، أنهم قصدوا قبره الشريف ليدخلوا إليه؛ فيصلوا ويدعوا عنده.
حتى إذا تبدلت السنة بالبدعة، وصارت الرحلة إلى القبور، حفظ الله نبيه مما يكره أن يفعل عند قبره؛ فصانه بثلاثة حجب متينة، لا يتسنى لأي مبتدع أن ينفذ خلالها.
574;اللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى بەندىلىرىگە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇ تەۋھىد ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۈممىتىنى شېرىك ئەقىدىلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ئىشلاردىن قاتتىق ئاگاھلاندۇراتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنى ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسىلىدە باققان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاخىرىقى تېنىقلىرىدا يېنىدا ئىدى. ئائىشە شۇنداق دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ شۇنداق كېسەل ھالىتىدە قەبرىسىنىڭ كېيىنچە مەسچىت قىلىنىپ، ئۈممىتى ئاللاھ تائالانى قويۇپ قەبرىسىگە ئىبادەت قىلشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇ سەۋەبتىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى مەسچىت قىلىۋالدى. بۇ سۆز بىلەن ئۇلارغا بەد دۇئا قىلدى، ياكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا لەنەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ئىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئاخىرىقى ھاياتىدا بولغانلىقتىن ئۇنىڭ مەنسۇخ بولمىغانلىقى ئېنىق. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى بۇ ئىشتىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار مەقسەتنى چۈشەنگەنلىكتىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىغا قويغان ۋە ھېچبىر ساھابە ياكى تابىئىنلارنىڭ ئۇ قەبرىنىڭ يېنىغا كىرىپ ناماز ئوقۇغان ۋە ياكى دۇئا قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىدى. ھەتتا سۈننەت ئورنىغا بىدئەتنى چىقىرىۋالغان، قەبرىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان زامانلاردىمۇ بىر بىدئەتچىنىڭ بۇ مۇبارەك قەبرە قېشىغا كېلىپ ناماز ئوقۇشى مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ قەبىرىسىنى مۇستەھكەم ئۈچ پاسىل بىلەن ئىبادەت قىلىنىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلاپ قالغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5379

 
Hadith   446   الحديث
الأهمية: ليس مِنَّا من ضرب الْخدُودَ، و شَقَّ الْجيوبَ، ودعا بِدَعْوَى الجاهلية


باشتېما:

يۈزلىرىگە ئۇرۇپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەتتىكىدەك نالە-پەرياد قىلغانلار بىزدىن ئەمەس

عن عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- مرفوعًا: «ليس مِنَّا من ضرب الْخُدُودَ، وشَقَّ الْجُيُوبَ، ودعا بِدَعْوَى الجاهلية».

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن: «يۈزلىرىگە ئۇرۇپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەتتىكىدەك نالە-پەرياد قىلغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لله ما أخذ، وله ما أعطى وفي ذلك الحكمة التامة، والتصرف الرشيد، ومن عارض في هذا ومانعه، فكأنما يعترض على قضاء الله وقدره الذي هو عين المصلحة والحكمة، وأساس العدل والصلاح.
ولذا فإن النبي -صلى الله عليه وسلم- ذكر أنه من تسخطَ وجزع من قضاء الله فهو على غير طريقته المحمودة، وسنته المنشودة، إذ قد انحرفت به الطريق إلى ناحية الذين إذا مسهم الشر جزعوا وهلعوا؛ لأنهم متعلقون بهذه الحياة الدنيا فلا يرجون بصبرهم على مصيبتهم ثواب الله ورضوانه.
فهو بريء ممن ضعف إيمانهم فلم يتحمَّلوا وَقْعَ المصيبة حتَّى أَخْرَجَهُم ذلك إلى التسخُّط القلبي والقولي بالنياحة والندب، أو الفعلي كشق الجيوب، ولطم الخدود؛ إحياءً لعادة الجاهلية.
وإنما أولياؤه الذين إذا أصابتهم مصيبة سلَّموا بقضاء الله -تعالى-، وقالوا: {إِنَّا لله و إِنا إليه رَاجعُونَ أولئِكَ عَلَيهِم صَلَوات مِنْ رَبِّهِم وَرَحمَة وَأولئِكَ هُمُ المُهتدُونَ}.
   ومذهب أهل السنة والجماعة، أن المسلم لا يخرج من دائرة الإسلام بمجرد فعل المعاصي وإن كبرت، كقتل النفس بغير حق. ويوجد كثير من النصوص الصحيحة تفيد بظاهرها خروج المسلم من الإسلام؛ لفعله بعض الكبائر، وذلك كهذا الحديث "ليس منا من ضرب الخدود وشق الجيوب" الخ، وأحسن تأويلاتهم ما قاله شيخ الإسلام "ابن تيمية" من أن الإيمان نوعان:
أ- نوع يمنع من دخول النار.
ب- ونوع لا يمنع من الدخول، ولكن يمنع من الخلود فيها.
فمن كَمُل إيمانه وسار على طريق النبي -صلى الله عليه وسلم- وهديه الكامل، فهو الذي يمنعه إيمانه من دخول النار.
   وقال -رحمه الله-: إنّ الأشياء لها شروط وموانع، فلا يتم الشيء إلا باجتماع شروطه وانتفاء موانعه، مثال ذلك إذا رتب العذاب على عمل، كان ذلك العمل موجباً لحصول العذاب ما لم يوجد مانع يمنع من حصوله، وأكبر الموانع، وجود الإيمان، الذي يمنع من الخلود في النار.
574;اللاھنىڭ ئالغىنى ۋە بەرگىنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدا تولۇق بىر ھىكمەت ۋە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بار. بۇ ئىشلارغا ئىتىراز بىلدۈرگۈچى ياكى قارشىلاشقۇچى، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرىغا ئىتىراز بىلدۈرگەن بولىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرى مەنپەئەت ۋە ھىكمەتدۇر، ئادالەت ۋە ياخشىلىقنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ ھەدىستە، كىمىكى ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولسا ۋە سەۋرسىزلىك قىلسا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ كۆرسەتمىسىگە قارشى ئىش تۇتقان بولىدۇ، توغرا يولدىن چەتنىگەن، يوقسۇزلۇق، كېسەللىك يەتكەندە زارلانغۇچىلارنىڭ، چىدامسىزلارنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدۇ، ھەقىقەتەن بۇلار ھاياتى دۇنياغا باغلانغان، يەتكەن مۇسىبەتكە ئاللاھ تائالادىن ساۋاب-ئەجىر كۈتمەيدىغان كىشىلەردۇر. رەسۇلۇللاھ ئىمانى ئاجىز، مۇسىبەتكە سەۋر قىلالمايدىغانلاردىن بىزار، ئۇلار مۇسىبەت يەتكەندە قەلبىدىكى نارازىلىقنى نال-پەرياد، كېيىملىرىنى يىرتىش، يۈزلىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق سىرتىغا چىقىرىدۇ، بۇلار ھەممىىسى جاھىلىيەتنىڭ قىلمىشلىرى. ھالبۇكى ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرى بولسا مۇسىبەت يەتكەندە تەقدىرگە تەن بېرىپ: «بىز ئەلىۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» دەيدۇ. ئەھلى سۇننەت مەزھىبىدە مۇسۇلمان گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن، گەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چوڭ گۇناھ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، يەنى كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇ ھەقتە كۆپ سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ ئۇ ھەدىسلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسىدە بۇنداق چوڭ گۇناھلارنى قىلغانلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن «مۇسىبەت يەتكەندە يۈزلىرىگە ئۇرۇپ كېيىملىرىنى يىرتىپ يىغلىغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىس ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ئىيمان ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرى: ئىيمان ئېيىتقان كىشىنى دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، يەنە بىرى: دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئەمما دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالمايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىيمانى مۇكەممەل بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تولۇق ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، بۇ ئىيمان ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. يەنە ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ھەر بىر نەرسىنىڭ شەرىت ۋە چەكلىمىلىرى بولىدۇ، شەرىتلىرى تولۇق تېپىلىپ، چەكلىمىلەردىن خالى بولغاندا ئۇ نەرسە مۇكەممەل بولغان بولىدۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭغا بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى، شەرىئەت بىر گۇناھقا جازا بەلگىلىگەن بولسا، ئۇ گۇناھنى قىلغۇچى جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن بۇنى چەكلەيدىغان چەكلىگۈچى بولماسلىقى كېرەك، ئۇ چەكلىگۈچى بولسىمۇ ئىماندۇر، ئىمان ئىگىسىنى دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتىن ساقلايدۇ ۋە چەكلەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5380

 
Hadith   447   الحديث
الأهمية: ما صَلَّيْتُ خلف إمام قَطُّ أَخَفَّ صلاة، ولا أَتَمَّ صلاة من النبي -صلى الله عليه وسلم-


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەك نامازنى تولۇق ۋە يەڭگىل ئوقۇيدىغان ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇپ باقمىدىم

عن أَنَس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «ما صَلَّيْتُ خلف إمام قَطُّ أَخَفَّ صلاة، ولا أَتَمَّ صلاة من النبي -صلى الله عليه وسلم-».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇتاشقان ھەدىس: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەك نامازنى تولۇق ۋە يەڭگىل ئوقۇيدىغان بىر كىشىنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇمىدىم»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يأمر بالتيسير ويدعو إليه بالقول والفعل، ومن التيسير التخفيف في الصلاة مع إعطاء العبادة حقها من الكمال والتمام، فينفي أنس بن مالك أن يكون صلى خلف أي إمام من الأئمة إلا وكانت صلاته خلف الإمام الأعظم -صلى الله عليه وسلم- أخف، بحيث لا يشق على المأمومين، فيخرجون منها وهم فيها راغبون.
ولا أتَمَّ من صلاته، فقد كان يأتي بها -صلى الله عليه وسلم- كاملة، فلا يخل بها، بل يكملها بالمحافظة على واجباتها ومستحباتها، وهذا من آثار بركته -صلى الله عليه وسلم-.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز - ھەركەتلەردە ئاسان ۋە يەڭگىل بولۇشقا بۇيرىيتتى، ئىبادەتكە ئۆز ھەققىنى بېرىپ، مۇكەممەل ۋە تولۇق ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، نامازنى يەڭگىل ئوقۇش شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەرقانداق ئىمامنىڭ نامىزىدىن يەنىلا ھەممىدىن كاتتا ئىمام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ يەڭگىل ئىكەنلىكى، نامازغا ئەگەشكەنلەرگە ھەرگىز ئېغىر كەلمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ نامازدىن يەنە ناماز ئوقۇشقا ئىنتىلىپ تارقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ۋاجىپ ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن ھېچ كەمچىللىك سادىر بولمىغىدەك مۇكەممەل، تولۇق ئادا قىلاتتى، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەركىتىنىڭ تەسىرىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5381

 
Hadith   448   الحديث
الأهمية: أكانت المصافحة في أصحاب رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قال: نعم


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟ دېسەم، ئۇ: «ھەئە» دېدى

عن أبي الخطاب قتادة، قال: قُلْتُ لأَنَسٍ: أكَانَتِ المصَافَحَةُ في أصْحَابِ رسولِ الله -صلى الله عليه وسلم-؟، قَالَ: نَعَم.

ئەبۇ خەتتاب قەتادەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قېلىنىدۇ، مەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟ دېسەم، ئۇ: «ھەئە» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله: أكانت المصافحة في أصحاب رسول الله، أي: ثابتة وموجودة فيهم حال ملاقاتهم بعد السلام زيادة للمودة والإكرام، والمصافحة تكون باليد اليمنى، وإذا حصل ذلك فإنه يغفر لهما قبل أن يفترقا، وهذا يدل على فضيلة المصافحة إذا لاقاه، وهذا إذا كان لاقاه ليتحدث معه أو ما أشبه ذلك، أما مجرد الملاقاة في السوق فما كان هذا من هدي الصحابة، يعني إذا مررت بالناس في السوق يكفي أن تسلم عليهم.
585;اۋىنىڭ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟دېگەن سۆزى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن دوستلۇقنى زىيادە قىلىش، ۋە بىر-بىرىنى ھۆرمەت قېلىش ئۈچۈن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، كۆرۈشۈش ئوڭ قول بىلەن بولىدۇ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە ئۇلار ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قېلىنىدۇ، بۇ ئۇچراشقان ۋاقىتتا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق قېلىش ئۇچرىشىپ ئۆز-ئارا سۆزلىشىپ ياكى بىرگە تۇرغاندا بولىدۇ، ئەمما بازارلاردا ئۇچراشقاندا ساھابىلەر ئۇنداق كۆرۈشمەيتتى، سالام قىلىپلا كېتىۋەرسەڭ بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5384

 
Hadith   449   الحديث
الأهمية: إني لَأُصَلِّي بكم، وما أُرِيدُ الصلاة، أُصَلِّي كيف رأيت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يصَلِّي


باشتېما:

مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لېكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگۈنۈم بويۇنچە ناماز ئوقۇپ بېرىش

عن أبي قِلابَةَ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ زَيْدٍ الْجَرْمِيِّ الْبَصْرِيِّ قال: «جاءنا مالك بن الْحُوَيْرِث في مسجدنا هذا، فقال: إني لَأُصَلِّي بكم، وما أُرِيدُ الصلاة، أُصَلِّي كيف رأيت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي، فقلت لأبي قِلَابَةَ كيف كان يُصَلِّي؟ فقال: مثل صلاة شيخنا هذا، وكان يَجْلِسُ إذا رفع رأسه من السجود قبل أن يَنْهَضَ».
أراد بشيخهم: أبا بُرَيد، عمرو بن سلمة الجرمي.

ئەبى قىلابە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلجەرمى ئەلبەسرى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس بىزنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمىزگە كېلىپ: مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لىكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن بولسام شۇنداق ناماز ئوقۇپ بېرىش، دېدى. ئەييۇب ئەبۇ قىلابىگە: ئۇ قانداق ناماز ئوقۇيتتى؟ دېسەم. ئەبۇ قىلابە: بىزنىڭ مۇشۇ ئاقساقىلىمىز «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» غا ئوخشاش، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى بىر ئاز ئولتۇرۋىتەتتى، دېدى. شەيخىدىن مەقسەت: ئەبۇ بۇرەيد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يقول أبو قلابة: جاءنا مالك بن الحويرث -رضي الله عنه- أحد الصحابة في مسجدنا، فقال: إني جئت إليكم لأصلي بكم صلاةً قصدت بها تعليمكم صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم- بطريقة عملية؛ ليكون التعليم بصورة الفعل أقرب وأبقى في أذهانكم،
فقال الراوي عن أبي قلابة: كيف كان مالك بن الحويرث الذي علمكم صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم- يصلى؟
فقال: مثل صلاة شيخنا أبي يزيد عمرو بن سلمة الجرمي، وكان يجلس جلسة خفيفة إذا رفع رأسه من السجود للقيام، قبل أن ينهض قائماً.
574;ەبۇ قەلابە مۇنداق دەيدۇ: ساھابە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس مەسچىتكە كىرىپ بىزگە مۇنداق دېدى: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئەمەلىي ئۈگۈتۈپ قوياش ئۈچۈن بىر ناماز ئوقۇپ بىرەي، سىلەر ئۇنى ئېسىڭلاردا ياخشى ساقلىۋالغايسىلەر. ئەبۇ قەلابىدىن رىۋايەت قىلغان كىشى: سىلەرگە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى قانداق كۆرسەتتى دېگەندە، ئۇ: بىزنىڭ بۇ ئاقساقىلىمىز ئەبۇ يەزىد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمىنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇپ بەردى، ئۇ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكەتكە تۇرۇشتىن بۇرۇن بىر ئاز ئولتۇرۇپ ئاندىن قوپاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5391

 
Hadith   450   الحديث
الأهمية: فلولا صَلَّيْتَ بِسَبِّحِ اسم ربك الأعلى، والشمس وَضحَاهَا، والليل إذا يغشى؟ فإنه يصَلِّي وراءك الكبير والضعيف وذو الحاجة


باشتېما:

سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى سۈرىلىرىنى ئوقۇپ بەرسەڭچۇ! چۈنكى ئارقاڭدا ياشانغان، ئاجىز ئالدىراش كىشلەر بار، دېگەن

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- «أن مُعَاذَ بْنَ جَبَل: كان يُصَلِّي مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- العِشاء الآخرة، ثم يرجع إلى قومه، فيُصَلِّي بهم تلك الصلاة ...».
وفي رواية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال لِمُعَاذٍ: «فلولا صَلَّيْتَ بِسَبِّحِ اسم ربك الأعلى، والشمس وَضُحَاهَا، والليل إذا يغشى، فإنه يُصَلِّي وراءك الكبير والضعيف وذو الحاجة».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دىگەن، مۇئاز ئىبنى جەبەل رەسۇلۇللاھ بىلەن خۇپتەن نامىزىنى بىللە ئوقۇپ مەھەللىسىگە قايتقاندا كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ يەنە قايتا ناماز ئوقۇپ بىرەتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئازغا: سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى سۈرىلىرىنى ئوقۇپ بەرسەڭچۇ! چۈنكى ئارقاڭدا ياشانغان، ئاجىز ئالدىراش كىشلەر بار، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كانت منازل بني سَلِمة، جماعة مُعَاذ بْن جَبَل الأنصاري في طرف المدينة، وكان مُعَاذ -رضي الله عنه- شديد الرغبة في الخير، فكان يحرص على شهود الصلاة مع النبي -صلى الله عليه وسلم-، لمحبته له ورغبته في التعلم، ثم بعد أن يؤدي الفريضة خلف النبي -صلى الله عليه وسلم-، يَخرج إلى قومه فيصلي بهم تلك الصلاة، فتكون نافلة بحقه، فريضة بحق قومه، وكان ذلك بعلم النبي -صلى الله عليه وسلم-، فيقره عليه، لكنه أطال القراءة مرة، والشرع الإسلامي يتصف بالسماحة واليسر وعدم التشديد؛ لأن التشديد والتعسير من مساوئهما التنفير.
ولما بلغ النبي -صلى الله عليه وسلم- أن مُعاذاً يطيل القراءة أرشده إلى التخفيف مادام إماماً، وضرب له مثلا بقراءة متوسط المُفَصّل "سبح اسم ربك الأعلى"، "والشمس وضحاها"، "والليل إذا يغشى"؛ لأنه يأتم به الكبار المسنون، والضعفاء، وأصحاب الحاجات ممن يشق عليهم التطويل، فيحسن الرفق بهم ومراعاتهم بالتخفيف، أما إذا كان المسلم يصلي وحده، فله أن يطول ما شاء.
605;ۇئاز ئىبنى جەبەلنىڭ جامائىتى بولغان بەنى سەلەمە جەمەتىنىڭ ئۆيلىرى مەدىنە سىرتىدا ئىدى، مۇئاز ساۋابلىق ئىشلارغا ناھايىتى ھېرىسمەن كىشى بولۇپ، ئۇ ئۈگۈنۈش مەقسىتىدە ۋە رەسۇلۇللاھنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بەك ھېرىسمەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن پەرز نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ نامازنىڭ ئۆزىنى قەمىگە ئىمام بولۇپ ئوقۇپ بىرەتتى. مۇئاز نەپلە ئوقۇغان، قەۋمى بولسا پەرز ئوقۇغان ئاساستا بولاتتى، بۇ ۋەقەلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلىپ توغرا سانىغان ئىدى. لېكىن ئۇ بىر قېتىملىق نامازدا قىرائەتنى ئۇزۇن ئوقۇدى، ئىسلام شەرىئىتى قولايلىق، كەڭرىچىلىك ۋە ئاسايىشلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، چۈنكى جاپا-مۇشەققەت، ئېغىرچىلىق ئىنساننى نەپرەتلەندۈرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئازنىڭ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇشىدىن خەۋەردار بولغاندا مۇئازنى نامازدا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشقا بۇيرۇپ ئورتاھال سۈرىلەردىن ئوقۇشنى مېسال ئېلىپ بەردى، سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى دەك سۈرىلەر، چۈنكى جامائەت ئىچىدە ياشانغان، ئاجىز، ئىھتىياج ئىگىلىرى بار، ئۇلارغا نامازدا ئۇزۇن تۇرۇش قىيىن كىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن نامازنى قىسقا ئوقۇش كېرەك، ئەمما يالغۇز ئوقۇغان كىشى قانچە ئۇزۇن ئوقۇسا ئۇ دۇرۇس. «قۇرئان سۈرىلىرى ئۇزۇن مۇپەسسەل، سۈرە ھۇجراتتىن سۈرە ئەممىگىچە، ئورتاھال مۇپەسسەل، سۈرە ئەممەدىن سۈرە ۋەززۇھاغىچە قىسقا مۇپەسسەل سۈرە ۋەززۇھادىن سۈرە ناسقىچە دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ»

 

Grade And Record التعديل والتخريج
 
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5392

 
Hadith   451   الحديث
الأهمية: من اغتسل يوم الْجمعَةِ غسل الجنابة، ثم راح في الساعة الأولى فكأنما قرّب بَدَنَة، ومن راح في الساعة الثانية فكأنما قرَّب بقرة


باشتېما:

كىمىكى جۈمە كۈنى مۇكەممەل غۇسلى قىلىپ نامازنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا «جۈمەگە» بارسا بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ

عن أبي هُرَيْرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «من اغتسل يوم    الْجُمُعَةِ غسل الجنابة، ثم راح في الساعة الأولى فكأنما قرّب بَدَنَة، ومن راح في الساعة الثانية فكأنما قرَّب بقرة، ومن راح في الساعة الثالثة فكأنما قرَّب كَبْشا، ومن راح في الساعة الرابعة فكأنما قرَّب دَجَاجَةً، ومن راح في الساعة الخامسة فكأنما قرَّب بَيْضة، فإذا خرج الإمام حضرت الملائكة يستمعون الذِّكْرَ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمىكى جۈمە كۈنى مۇكەممەل غۇسلى قىلىپ بىرىنچى سائەتتە «جۈمەگە» بارسا بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئۈچىنچى سائەتتە بارسا مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، تۆرتىنچى سائەتتە بارسا بىر توخۇ قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى بەشىنچى سائەتتە بارسا بىر تال تۇخۇم سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ، ئىمام خۇتبىگە چىققاندا مالائىكىلەرمۇ كېلىپ خۇتبە ئاڭلايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يبين النبي -صلى الله عليه وسلم- فضل الاغتسال والتبكير إلى الجمعة، ودرجات الفضل في ذلك، فذكر أن من اغتسل يوم الجمعة قبل الذهاب إلى الصلاة، ثم ذهب إليها في الساعة الأولى، فله أجر من قرب بعيرًا ذبحه وتصدق به تقربًا إلى الله ومن راح بعده في الساعة الثانية فكأنما قرب -أي أهدى- بقرة.
ومن راح في الساعة الثالثة فكأنما قرب كبشاً ذا قرنين، وغالباً يكون أفضل الأكباش وأحسنها.
ومن راح في الساعة الرابعة فكأنما قرب دجاجة.
ومن راح في الساعة الخامسة، فكأنما قرب بيضة.
فإذا خرج الإمام للخطبة والصلاة؛ انصرفت الملائكة الموكلون بكتابة القادمين إلى سماع الذكر، فمن أتى بعد انصرافهم، لم يكتب من المقَرِّبين.
576;ۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇش، جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بېرىش ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سائەتنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن، قانداق بىر كىشى نامازغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇپ، دەسلەپكى بىرىنچى سائەتلەردە نامازغا بارسا، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۆگە قۇربانلىق قىلىپ سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرىشىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارغان كىشى كالا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، ئۈچىنچى سائەتتە بارغان كىشى قوينىڭ ئەڭ ئېسىلى ۋە ياخشىسى بولغان مۈڭگۈزلۈك قوچقار قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرىشىدۇ، تورتىنچى سائەتتە بارغان كىشى توخۇ قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، بەشىنچى سائەتتە بارغان كىشى تۇخۇم سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، ئىمام خۇتبە ۋە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن چىققاندا بۇرۇن كەلگەنلەرنى يازىدىغان پەرىشتىلەر يېزىشتىن توختاپ مەسچىت ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. كېچىككەنلەر يۇقىرىدىكى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ قاتارىدا يېزىلمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5393

 
Hadith   452   الحديث
الأهمية: نَعَى النبي -صلى الله عليه وسلم- النَّجَاشِيَّ في اليوم الذي مات فيه، خرج بهم إلى المصلَّى، فصفَّ بهم، وكَبَّرَ أَرْبَعاً


باشتېما:

نەجاشى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، كەينىدىكى سەپلەرنى رۇسلىدى، تۆت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: «نَعَى النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- النَّجَاشِيَّ في اليوم الذي مات فيه، خرج بهم إلى المصلَّى، فصفَّ بهم، وكَبَّرَ أَرْبَعاً».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: نەجاشى ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ، كەينىدىكى سەپلەرنى رۇسلىدى، تۆت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
النجاشي ملك الحبشة له يد كريمة على المهاجرين إليه من الصحابة، حين ضيَّقت عليهم قريش في مكة، وقبل إسلام أهل المدينة فأكرمهم، ثم قاده حسن نيته، واتباعه الحق، وطرحه الكبر إلى أن أسلم، فمات بأرضه، ولم ير النبي -صلى الله عليه وسلم-.
فلإحسانه إلى المسلمين، وكبر مقامه، وكونه بأرض لم يصَلَّ عليه فيها أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- أصحابه بموته في ذلك اليوم الذي مات فيه، وخرج بهم إلى المصلَّى؛ تفخيمًا لشأن النجاشي، وإشهارًا لإسلامه، وإعلانًا لفضله، ومكافأةً له لما صنع بالمهاجرين، وطلبًا لكثرة الجمع في الصلاة عليه، فصف بهم، وصلى عليه وكبر في تلك الصلاة أربع تكبيرات، شفاعة له عند الله -تعالى-.
606;ەجاشى ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھى بولۇپ ساھابىلەردىن بىر تۈركۈملىرى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىپ بارغاندا ئۇلارنى ياخشى كۈتىۋالغان، بۇ ۋاقىتتا مەدىنە ئەھلىدىن بىر كىشى مۇسۇلمان بولمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ياخشى نىيىتى ۋە چوڭچىلىق قىلماي ھەقكە ئەگىشىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا ئېلىپ باردى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى كۆرمەستىن ئۆز يۇرتىدىلا ۋاپات بولدى. مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقى، كاتتا ماقامى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭغا بىر كىشىنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇمىغانلىقتەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدە ساھابىلەرگە يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، نەجاشىينىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى مەيدانغا يىغدى، ئۇلارنىڭ سەپلىرىنى رۇسلىغاندىن كېيىن تورت تەكبىر بىلەن ئۇنىڭ غىيابىي جنازا نامىزىنى ئوقۇدى، بۇ ناماز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا شاپائەت بولىشىنى ئۈمىت قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5396

 
Hadith   453   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَخْطبُ خطْبَتَيْنِ وهو قائم، يفصل بينهما بجلوس


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىنى قىسقىغىنا ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتەتتى

عن عبد الله بن عُمر بن الخطاب -رضي الله عنهما- قال: «كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يخطب خطبتين يقعد بينهما» وفي رواية لجابر - رضي الله عنه-: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَخْطُبُ خُطْبَتَيْنِ وهو قائم، يفصل بينهما بجلوس».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىدا ئولتۇراتتى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىنى قىسقىغىنا ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتەتتى، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يوم الجمعة مجمع كبير شامل لأهل البلد كلهم، ولذا كان النبي -صلى الله عليه وسلم- من حكمته يخطب الناس يوم الجمعة خطبتين، يوجههم فيهما إلى الخير، ويزجرهم عن الشر وكان يأتي بالخطبتين وهو قائم على المنبر؛ ليكون أبلغ في تعليمهم ووعظهم، ولما في القيام من إظهار قوة الإسلام وأبهته.
فإذا فرغ من الخطبة الأولى، جلس جلسة خفيفة؛ ليستريح، فيفصل الأولى عن الثانية، ثم يقوم فيخطب الثانية؛ لئلا يتعب الخطيب، ويمل السامع.
580;ۈمە كۈنى بولسا بىر يۇرۇتتىكى ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋە توپلىنىدىغان بىر كۈن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەلۇم بىر ھىكمەت بىلەن ئۇ كۈندىكى خۇتبىنى ئىككىگە بۆلۈپ ئوقۇغان، ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنى ياخشىلىققا قىزىقتۇرىدىغان، يامانلىقتىن توسىدىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ خۇتبىنى مۇنبەردە ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى، ئۆرە تۇرۇپ ۋەئز -نەسىھەت ۋە تەلىم-تەربىيە قىلغاندا، ئىسلامنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە ھەيۋىتىنى نامايەن قىلغىلى بولاتتى. بىرىنچى خۇتبىنى ئوقۇپ بولغاندا ئۆزىنىمۇ چارچاتماي، جامائەتنىمۇ مالال قىلماستىن، ئارام ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئولتۇرۇپ، ئىككى خۇتبىنىڭ ئارسىنى بۆلىۋىتەتتى، ئاندىن تۇرۇپ ئىككىنچى خۇتبىنى سۆزلەيتتى   --  ھەدىس ئىككىلا ئىسناد بىلەن سەھىھ   →   بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5399

 
Hadith   454   الحديث
الأهمية: البخيل من ذكرت عنده، فلم يصل علي


باشتېما:

مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «البَخِيلُ مَنْ ذُكِرْتُ عِنْدَهُ، فَلَمْ يصَلِّ عَلَيَّ».

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر

Esin Hadith Caption Arabic


"البخيل" أي: الكامل في البخل، "من ذُكرت عنده" أي: ذُكر اسمي بمسمع منه، "فلم يصل علي"؛ لأنه بامتناعه من الصلاة عليه قد شح وامتنع من أداء حق يتعين عليه أداؤه، ولأنه بخل على نفسه حين حرمها صلاة الله عليه عشراً إذا هو صلى واحدة، فهو كمن أبغض الجود حتى لا يحب أن يجاد عليه، شبه تركه الصلاة عليه ببخله بإنفاق المال في وجوه البر.

726;ەدىستە «بىخىل» دەپ كەلگەن بۇ سۆز، ھەقىقى بىخىل؛ مېنىڭ ئىسمىم قۇلاق تۈۋىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ ماڭا دۇرۇت سالام يوللىمىغان كىشى دېگەن مەنىدە. چۈنكى ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللاشتەك بىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىغان بىخىلدۇر. يەنە ئۇ ئۆزىگىمۇ بىخىللىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھقا بىر قېتىم دۇرۇت يوللاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە چۈشىدىغان 10 رەھمىتىنى توسۇپ قالغان بولىدۇ. بۇ بىر كىشىگە ئوخشاشكى، خەيرى-ساخاۋەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان، يەنى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت يوللىماسلىقنى، ياخشىلىق يوللىرىدا پۇل-مال چىقىم قىلمايدىغان بېخىل ئادەمگە ئوخشاتقان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5403

 
Hadith   455   الحديث
الأهمية: السفر قطعة من العذاب


باشتېما:

سەپەر ئازابتىن بىر پارچە

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «السفر قطعة من العذاب، يمنع أحدكم طعامه وشرابه ونومه، فإذا قضى أحدكم نَهْمَتَهُ من سفره، فليُعَجِّلْ إلى أهله».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپەر ئازابتىن بىر پارچە، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلاردىن ۋە ئۇيقۇڭلاردىن توسىدۇ، بىرىڭلار سەپەردىكى مەقسىدىنى ئادا قىلسا ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يبين النبي صلى الله عليه وسلم في هذا الحديث أنّ (السفر قطعة من العذاب) أي: جزء منه، والمراد بالعذاب: الألم الناشئ عن المشقة؛ لما يحصل في الركوب والمشي من ترك المألوف.
وأنّ: (يمنع أحدكم نومه وطعامه وشرابه) أي: يمنعه كمالها ولذيذها؛ لما فيه من المشقة والتعب ومقاساة الحر والبرد والخوف ومفارقة الأهل والأصحاب وخشونة العيش، لأن المسافر مشغول البال، ولا يأكل ويشرب كطعامه وشربه العادي في أيامه العادية، وكذلك في النوم، فإذا كان كذلك، فليرجع الإنسان إلى الراحة إلى أهله وبلده؛ ليقوم على أهله بالرعاية والتأديب وغير ذلك.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ «سەپەر ئازابتىن بىر پارچە» دېگىنى، ئازابنىڭ بىر قىسمى دېگەن مەنىدە. بۇ يەردىكى ئازابتىن مەقسەت جاپادىن تۇغۇلغان ئازاب كۆزدە تۇتۇلغان، كىشى ئۆزى كۆنگەن ئادەتلىرىنى تاشلاپ، ئۇلاققا مىنىپ، ئۇنىڭدىن چۈشۈش جاپالىرى مەقسەت قىلىنغان. «ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلاردىن ۋە ئۇيقۇڭلاردىن توسىدۇ» دېگەن ئىبارىنىڭ مەنىسى: مۇكەممەل، ئازادە ھوزۇرلۇنۇشنى توسىدۇ، چۈنكى ئۇ سەپەردە قىيىنچىلىق، چارچاش، ئىسسىق-سوغۇق، ئەندىشە، دوسلار ۋە ئائىلىدىن ئايرىلىش، يرىك تۇرمۇش ئارقىلىق جاپادا بولىدۇ، زىھنى سەپەردىكى مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردەك يەپ-ئىچىپ، ئارام ئېلىپ قىلالمايدۇ، ئۇيقۇ ئىشلىرىمۇ ھەم شۇنداق، ئەھۋال بۇنداق بولغانىكەن، سەپەردىكى ئىشلىرى تۈگىكەن ھامان، ئائىلە، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىرىسۇن، دېگەن مەنىدە. «بىرىڭلار سەپەردىكى مەقسىدىنى ئادا قىلسا ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن» دېگىنى، سەپەردىكى مەقسەت، ئىھتىياج، دېگەن مەنىدە   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5404

 
Hadith   456   الحديث
باشتېما:

كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى قەسەم بىلەن ناھەق يىۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ

عن أبي أمامة إياس بن ثعلبة الحارثي -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من اقْتَطَعَ حَقَّ امرئٍ مسلم بيمينه، فقد أَوْجَبَ اللهُ له النارَ، وحَرَّمَ عليه الجنةَ» فقال رجل: وإن كان شيئا يسيرا يا رسول الله؟ فقال: «وإنْ قَضِيبًا من أَرَاكٍ».

ئەبى ئۇمامە ئىياس ئىبنى سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى قەسەم بىلەن ناھەق يېۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ دېگەندە، ساھابىلەردىن بىر كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ! گەرچە ئاز نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. رەسۇلۇللاھ: ئاراك دەرىخىدىن بىر تال ھاسا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر رسول الله صلى الله عليه وسلم أنه من أخذ حق مسلم بحلف على وجه الكذب بغير حق؛ فقد أوجب الله له النار، وحرم عليه الجنة، فقال رجل: وإن كان هذا الشيء يسيرًا يا رسول الله، فقال النبي صلى الله عليه وسلم: وإن كان هذا الشي عودا من سواك.
576;ۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرغان: كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم ئىچىپ ناھەق يىۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ دېگەندە، بىر كىشى: ئەگەردە ئۇ نەرسە ئاز، ئاددى نەرسە بولسىمۇ شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر .ئەلەيھىسسالام: گەرچە ئاراك دەرىخىدىن بىر تال ھاسا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5430

 
Hadith   457   الحديث
الأهمية: مَنْ أَكَلَ طَعَامًا، فقال: الحمدُ للهِ الذي أَطْعَمَنِي هَذَا، وَرَزَقْنِيهِ مِنْ غَيرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلَا قُوَّةٍ، غُفِرَ له ما تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ


باشتېما:

كىمىكى تاماق يەپ بولغاندا: ماڭا تاماق بەرگەن، مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىمسىز بۇ تاماقلار بىلەن مېنى رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ

عن معاذ بن أنس -رضي الله عنه- مرفوعًا: «مَنْ أَكَلَ طَعَامًا، فقال: الحمدُ للهِ الذي أَطْعَمَنِي هَذَا، وَرَزَقْنِيهِ مِنْ غَيرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلَا قُوَّةٍ، غُفِرَ له ما تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ».

مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى تاماق يەپ بولغاندا: ماڭا تاماق بەرگەن، مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىمسىز بۇ تاماقلار بىلەن مېنى رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ينبغي للإنسان إذا أكل أكلا أن يحمد الله سبحانه وتعالى، وأن يقول: "الحمد لله الذي أطعمني هذا ورزقنيه من غير حول مني ولا قوة".
أشار به إلى طريقتي التحصيل للطعام، فإن القوي يأخذ ظاهرًا بقوته، والضعيف يحتال على تحصيل قُوته، فأشار بالذكر المذكور أن حصول ذلك بمحض الفضل من الله تعالى لا دخل في ذلك لغيره سبحانه.
574;ىنسان قانداق بىر تاماق يېگەندە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشى كېرەك.«ماڭا بۇ يېمەكنى بەرگەن، مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىمسىز بۇ يېمەكلەر بىلەن مېنى رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن». بۇ سۆز يىمەك-ئىچمەكنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى كۈچلۈك ئادەم ئۆزىنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئوزۇققا ئېرشىدۇ، بەزى ئاجىز كىشىلەر ھىلە ئارقىلىق ئوزۇققا ئېرشىدۇ. رەسۇلۇللاھ يۇقىرىقى سۆزى بىلەن رىزقىنىڭ قولغا كېلىشى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى مەرھەمىتى بىلەن بولىدۇ، باشقا مەخلۇقلارنىڭ ئۇنىڭغا تەسىرى بولمايدۇ، دېگەنگە ئىشارەت قىلغان   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5431

 
Hadith   458   الحديث
الأهمية: من تَوَضَّأَ فَأَحَسَنَ الوُضوءَ، ثم أتى الجُمُعَةَ فاسْتَمَعَ وَأَنْصَتَ غُفِرَ لهُ ما بَيْنَهُ وبَيْنَ الجُمُعَة وَزِيَادَةُ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ، ومَنْ مَسَّ الحَصَا فَقَدْ لَغَا


باشتېما:

كىمكى تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ، جۈمەگە كىلىپ جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئېچىدىكى گۇناھى قوشۇلۇپ ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى ئۆز قولى بىلەن ئۇششاق تاشلارنى ئېتىرىۋەتسىمۇ ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «مَن توضأ فأحسنَ الوُضوء، ثم أتى الجمعةَ فاسْتمعَ وأَنْصَتَ غُفِرَ له ما بينه وبين الجمعة وزيادةُ ثلاثة أيام، ومَن مَسَّ الحَصا فقد لَغا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ، جۈمە نامىزىغا كىلىپ جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئېچىدىكى گۇناھى قوشۇلۇپ ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى ئۆز قولى بىلەن ئۇششاق تاشلارنى ئېتىرىۋەتسىمۇ ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من توضأ فأحسن وضوءه بإتمام أركانه والإتيان بسننه وآدابه، ثم أتى المسجد ليصلي الجمعة فاستمع الخطبة وسكت عن الكلام المباح، غفر له صغائر الذنوب من حين صلاة الجمعة وخطبتها إلى مثل الوقت في الجمعة الماضية، وزيادة عليها ذنوب ثلاثة أيام، ومن مس الحصا وفي معناه سائر العبث في حال الخطبة فقد أسقط ثواب الجمعة.
603;ىمكى تاھارەتنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە ئەدەپلىرى بىلەن مۇكەممەل ئېلىپ ئاندىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كېلىپ، تېنچ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشىسا، ئۇ كىشىنىڭ شۇ خۇتبە تىڭشىغان جۈمە نامىزىدىن باشلاپ يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن قېتىلىپ بارلىق كىچىك گۇناھلىرى ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى خۇتبە ئاڭلاش جەريانىدا كىچىك تاش چاغلىق نەرسىنى ئېتتىرىۋەتسە، بۇنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا بىكار ئىش قىلغان بولۇپ، جۈمەنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتكەن بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5433

 
Hadith   459   الحديث
الأهمية: مَنْ صَلَّى صلاةَ الصُّبْحِ فهو في ذِمَّةِ اللهِ فلا يَطْلُبَنَّكُمُ اللهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ


باشتېما:

كىمكى ناماز بامداتنى ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ كىپىللىكىدە بولىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن ئۆز كىپىللىكىدىكى نەرسە ھەققىدە ھېساب ئېلىپ قالمىسۇن

عن جندب بن عبد الله -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «مَنْ صَلَّى صلاةَ الصُّبْحِ فهو في ذِمَّةِ اللهِ فلا يَطْلُبَنَّكُمُ اللهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ، فَإِنَّهُ مَنْ يَطْلُبْهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ يُدْرِكْهُ، ثُمَّ يَكُبُّهُ على وَجْهِهِ في نَارِ جَهَنَّمَ».

جۈندۈپ ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ناماز بامداتنى ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ كىپىللىكىدە بولىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن ئۆز كىپىللىكىدىكى نەرسە ھەققىدە ھېساب ئېلىپ قالمىسۇن. ئاللاھ تائالا ئۆز كىپىللىكىدىكى كىشى توغرىسىدا ھېساب ئالماقچى بولسا، ئۇنى تۇتۇپ يۈزىچەككە دوزاخقا تاشلايدۇ (يەنى بامدات نامىزىنى ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئاللاھنىڭ كىپىللىكىگە ئۆتكەن كىشىگە ھېچكىم ئازار قىلمىسۇن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من صلى صلاة الصبح فقد دخل في عهد الله فكأنه معاهد لله عزّ وجلّ أن لا يصيبه أحد بسوء، فلا تحل أذيته من أحد؛ لأن أذيته تعتبر في الحقيقة اعتداء على الله ونقضًا لأمانه الذي وهبه لهذا المصلي، ومن نقض عهد الله واعتدى عليه فقد عرض نفسه لمحاربة الله، والله ينتقم لمن أوذي وهو في جواره وأمانه.
603;ىمكى بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ كىپىللىكىگە كىرگەن بولىدۇ، گوياكى ئۇ كىشىگە ھېچ بىر ئادەمنىڭ يامانلىق قىلماسلىقى توغرىسىدا ئاللاھ ۋەدە قىلغاندەك بولدى، ھېچ كىشىنىڭ ئۇ ئادەمگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بولسا ئەمەلىيەتتە ئاللاھغا قارشى تۇرغانلىق ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ناماز ئوقۇغۇچىغا بەرگەن ئەمىنلىكىنى بۇزغانلىق ھېسابلىنىدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا قارشى چېقىدىكەن، ھەقىقەتتە ئۇ كىشى ئۆزىنى ئاللاھغا قارشى ئۇرۇشقا توغرىلىغان بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىپىللىكى ۋە ھېمايىسىدە بولغان كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزگەن كىشىدىن چوقۇم ئىنتىقام ئالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5435

 
Hadith   460   الحديث
الأهمية: مَنْ غَدَا إلى المسجدِ أو رَاحَ، أَعَدَّ اللهُ له في الجنةِ نُزُلًا كُلَّمَا غَدَا أو رَاحَ


باشتېما:

كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «مَنْ غَدَا إلى المسجدِ أو رَاحَ، أَعَدَّ اللهُ له في الجنةِ نُزُلًا كُلَّمَا غَدَا أو رَاحَ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من ذهب إلى المسجد أول النهار أو بعد زوال الشمس، سواء للصلاة، أو لطلب العلم، أو لغير ذلك من مصادر الخير هيأ الله له جزاءَ عمله نُزلا في الجنة    كلما ذهب إلى المسجد.
603;ىمكى ئەتتىگەندە ياكى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن مەسچىتكە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ياكى ئىلىم ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى بىلىش ئۈچۈن كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ھەر قېتىم مەسچىتكە كەلگەن ۋاقتىدا ئۇ كىشىگە جەننەتتە زىياپەتلەرنى تەييارلاپ قويىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5436

 
Hadith   461   الحديث
الأهمية: من كان يؤمن بالله واليوم الآخر فليقل خيرًا أو ليصْمُت، ومن كان يؤمن بالله واليوم الآخر فليُكْرِم جارَه، ومن كان يؤمن بالله واليوم الآخر فليكرم ضَيْفَه


باشتېما:

كىمىكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۇكۇتتا تۇرسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن قوشنىسىنى ھۆرمەتلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن مېھمىنىغا ئېكرام قىلسۇن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر فليقل خيرًا أو ليصْمُت، ومن كان يؤمن بالله واليوم الآخر فليُكْرِم جارَه، ومن كان يؤمن بالله واليوم الآخر فليكرم ضَيْفَه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۇكۇتتا تۇرسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن قوشنىسىنى ھۆرمەتلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن مېھمىنىغا ئېكرام قىلسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
حدث أبو هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -عليه الصلاة والسلام- بأصول اجتماعية جامعة، فقال:
"مَنْ كَانَ يُؤمِنُ" هذه جملة شرطية، جوابها: "فَليَقُلْ خَيْرَاً أَو لِيَصْمُتْ"، والمقصود بهذه الصيغة الحث والإغراء على قول الخير أو السكوت كأنه قال: إن كنت تؤمن بالله واليوم الآخر فقل الخير أو اسكت.
"فَلَيَقُلْ خَيرَاً"    كأن يقول قولاً ليس خيراً في نفسه ولكن من أجل إدخال السرور على جلسائه، فإن هذا خير لما يترتب عليه من الأنس وإزالة الوحشة وحصول الألفة.
"أو لِيَصْمُتْ" أي يسكت.
"وَمَنْ كَانَ يُؤمِنُ باللهِ وَاليَومِ الآخِرِ فَلْيُكْرِمْ جَارَهُ" أي جاره في البيت، والظاهر أنه يشمل حتى جاره في المتجر كجارك في الدكان مثلاً، لكن هو في الأول أظهر أي الجار في البيت، وكلما قرب الجار منك كان حقه أعظم.
وأطلق النبي -صلى الله عليه وسلم- الإكرام فقال: "فليُكْرِم جَارَهُ" ولم يقل مثلاً بإعطاء الدراهم أو الصدقة أو اللباس أو ما أشبه هذا، وكل شيء يأتي مطلقاً في الشريعة فإنه يرجع فيه إلى العرف.
فالإكرام إذاً ليس معيناً بل ما عدّه الناس إكراماً، ويختلف من جار إلى آخر، فجارك الفقير ربما يكون إكرامه برغيف خبز، وجارك الغني لا يكفي هذا في إكرامه، وجارك الوضيع ربما يكتفي بأدنى شيء في إكرامه، وجارك الشريف يحتاج إلى أكثر.
والجار: هل هو الملاصق، أو المشارك في السوق، أو المقابل أو ماذا؟
هذا أيضاً يرجع فيه إلى العرف.
وأما في قوله -عليه الصلاة والسلام-: "وَمَنْ كَانَ يُؤمِنُ باللهِ واليَومِ الآخِرِ فَليُكرِمْ ضَيْفَهُ" الضيف هو النازل بك، كرجل مسافر نزل بك، فهذا ضيف يجب إكرامه بما يعد إكراماً.
قال بعض أهل العلم -رحمهم الله-: إنما تجب الضيافة إذا كان في القرى أي المدن الصغيرة، وأما في الأمصار والمدن الكبيرة فلا يجب؛ لأن هذه فيها مطاعم وفنادق يذهب إليها، ولكن القرى الصغيرة يحتاج الإنسان إلى مكان يؤويه. ولكن ظاهر الحديث أنه عام: "فَليُكْرِمْ ضَيْفَهُ".
574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىستە ئىجتىمائى ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئاممىباپ قائىدە-يۇسۇنلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ھەدىسنى بىر شەرتلىك جۇملە بىلەن باشلىغان «كىمىكى ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن» بۇنىڭ يەكۈنى «ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن» بۇ خىلدىكى جۈملە قۇرۇلمىلىرى ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا قىزىقتۇرۇش ۋە ئۈندەش ياكى شۇك تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەردە ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلا بولساڭ ياخشى سۆز قىلغىن بولمىغاندا شۇك تۇرغىن. ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشنىڭ بايانى يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. «ياخشى سۆز قىلسۇن» دېگىنى، سۆزنىڭ ئۆزىلا ياخشى بولۇپ قالماي بەلكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدىغان، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى يىرىگلىكنى، خاپىلىقنى تۈگىتىپ ئۈلپەت ۋە دوستانىلىقنى پەيدا قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلسۇن، ياكى شۇك تۇرسۇن، دېمەكچى. «كىمىكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن قوشنىسىنى ھۆرمەتلىسۇن» بۇنىڭغا ئائىلىۋى خوشنىمۇ كىرىدۇ، دۇككان خوشنىمۇ كىرىدۇ، لېكىن بىرىنچىسى كۈچلۈك يەنى ئۆي خوشنىسى، قايسى بىر خوشنىنىڭ ئىشىكى ئەڭ يېقىن بولسا شۇنىڭ ھەققى چوڭ بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ھۆرمەتلىسۇن، دەپلا بولدى قىلدى، پۇل بېرىپ، سەدىقە بېرىپ، ياكى كىيىم-كىچەك بېرىپ دېمىدى، شەرىئەتتە بۇنداق قەيىتسىز كەلگەن جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆرپ-ئادەتكە قاراپ بىلىمىز. بۇنىڭغا كىشىلەر ھۆرمەتلەش دەپ قارايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىرىپ كىتىدۇ. خوشنىلار ئارا ھەم پەرىقلىق بولىدۇ، يوقسۇل-كەمبەغەللەر ئارا بىر تال نان بىلەن بولسا، بايلار ئارا ھۆرمەتلەشتە بۇ نان بىلەنلا كۇپايىلەنسە بولمايدۇ. ئاددا-ساددا كىشىلەر بىلەن يۇقىرى دەرجىلىك، شەرەپلىك ئائىلىلەر ئارىسىدا پەرىقلىق بولۇش كېرەك. ئەمدى خوشنا دېگەن تام خوشنا، ئىشىك قارىشىدىغان خوشنا ياكى بازاردىكى دۇكان خوشنا بولارنىڭ قايسىسى ئەڭ يېقىن بۇنىمۇ ئۆرپ-ئادەت بەلگىلەيدۇ. يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ «كىمىكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن مېھماننى ھۆرمەتلىسۇن» دېگەن سۆزى، سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە چۈشكەن كىشى مېھمان دېيىلىدۇ، مۇساپىر بىر كىشى ئۆيگە چۈشكەن بولسا، ئۇنى ھۆرمەتلىدى دېگىلى بولغۇدەك نەرسىلەر بىلەن كۈتۈش كېرەك. بەزى بىر قىسىم ئالىملار «ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھىم قىلسۇن»: مېھمانغا زىياپەت بېرىش يىزا-قىشلاقلاردا ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما چوڭ شەھەرلەردە ۋاجىپ ئەمەس، چۈنكى شەھەرلەردە ئاشخانا ۋە مېھمانخانىلار بار، يىزا-قىشلاقلاردا ئۇنداق ئۇرۇنلار يوق، دېدى. لىكىن رەسۇلۇللاھنىڭ «مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن» دېگەن سۆزى بۇ يەردە قەيتسىز كەلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5437

 
Hadith   462   الحديث
الأهمية: نِعْمَتَانِ مَغْبُونٌ فيهما كثيرٌ من الناس: الصحةُ، والفراغُ


باشتېما:

كۆپ كىشىلەر سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نېمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «نِعْمَتَانِ مَغْبُونٌ فيهما كثيرٌ من الناس: الصحةُ، والفراغُ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆپ كىشىلەر سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نېمەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نعمتان من نعم الله على الإنسان لا يعرف قيمتهما، ويخسر فيهما أشد الخسارة، وهما صحة البدن وفراغ الوقت؛ فإن الإنسان لا يتفرغ للطاعة إلا إذا كان مكفيا صحيح البدن، فقد يكون مستغنيا، ولا يكون صحيحا، وقد يكون صحيحا ولا يكون مستغنيا، فلا يكون متفرغا للعلم والعمل؛ لشغله بالكسب، فمن حصل له الأمران وكسل عن الطاعة فهو المغبون، أي: الخاسر في التجارة.
574;اللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئىككى نېمەت بولۇپ كۆپ كىشىلەر بۇ نېمەتنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ، بۇنىڭدا قاتتىق زىيان تارتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تەننىڭ ساقلىقى ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنساننىڭ تائەت-ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنمۇ سالامەتلىكى ياخشى ۋە يېتەرلىك ۋاقتى بولىشى كېرەك. بەزى كىشىلەرنىڭ ۋاقتى بولىدۇ لېكىن سالامەتلىكى ياخشى بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولسىمۇ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقتى يەتمەيدۇ، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى ھەم يېتەرلىك ۋاقتىمۇ بولۇپ ھورۇنلۇق قىلىپ تائەت-ئىبادەت قىلمىغان كىشى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىدا زور زىيان تارتقۇچىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5449

 
Hadith   463   الحديث
الأهمية: نهى رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- عن اخْتِنَاثِ الأَسْقِيَةِ


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاغزىنى چېقىق، ئىچى كۆرەلمەيدىغان قاچىدا سۇ ئېچىشتىن چەكلىگەن

عن أبي سعيدٍ الخُدْرِيِّ -رضي الله عنه- قال: نهى رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- عن اخْتِنَاثِ الأَسْقِيَةِ.

ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاغزى چېقىق، ئىچى كۆرەلمەيدىغان قاچىدا سۇ ئېچىشتىن چەكلىگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- أن تكسر أفواه الأسقية وتُثنى، ثم يشرب منها؛ لأنه قد يكون فيها أشياء مؤذية, فتدخل إلى بطنه فيتضرر بها.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى چېقىۋېتىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن سۇ ئېچىشتىن چەكلىگەن، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا سۇدا كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەر بولۇپ قالسا، سۇ ئېچكۈچىنىڭ قورسىقىغا كېرىپ كېتىپ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5452

 
Hadith   464   الحديث
الأهمية: أَنَّ النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- نَهَى عنِ النَّفْخِ في الشَّرَابِ


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن قەتئىي چەكلىدى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى عنِ النَّفْخ في الشّراب، فقال رجل: القَذَاة أَرَاهَا في الإناء؟ فقال: «أَهْرِقْهَا». قال: إِنِّي لا أَرْوى من نَفَس واحد؟ قال: «فَأَبِنِ القدح إذًا عن فِيك».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن چەكلىدى. بىر كىشى: ئەگەر قاچىدا توپىدەك بىر نەرسە كۆرۈپ قالسامچۇ؟ دىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى تۆكۈۋەتكىن، دىدى. ئۇ: مەن بىر تىنىپ ئىچىش بىلەن قانمايمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداقتا قاچىنى ئاغزىڭدىن يىراق قىلغىن، دىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- عن النفخ في الشراب، فسأله رجل، فقال: يا رسول الله القذاة تكون في الشراب فينفخها الإنسان من أجل أن تخرج، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: صب الماء الذي فيه القذاة ولا تنفخ فيه ثم سأله: أنه لا يروى بنفس واحد، فأمره النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يبعد الإناء عن فمه ثم يتنفس ثم يعود فيشرب.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىچىملىككە پۈۋلەشتىن چەكلىۋىدى، بىر كىشى ئۇنىڭدىن: ئى رەسۇلۇللاھ توپىغا ئوخشاش بىر نەرسىلەر ئىچىملىككە چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئىنسان سۇنى پۈۋلەپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنداق نەرسە چۈشۈپ قالغان سۇنى تۆكۈۋەتكىن، ئەمما ئۇنىڭغا پۈۋلىمىگىن، دېدى. ئاندىن ئۇ، ئۆزىنىڭ بىر تىنىپ ئىچىش بىلەن قانمايدىغانلىقىنى دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قاچىنى ئاغزىدىن يىراق قىلىپ، نەپەس ئېلىپ ئاندىن قايتا ئىچىشكە بۇيرىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5453

 
Hadith   465   الحديث
الأهمية: والذي نَفْسِي بِيَدِهِ، لو لم تُذْنِبُوا، لَذَهَبَ اللهُ بِكُمْ، وجَاءَ بِقَوْمٍ يُذْنِبُونَ، فَيَسْتَغْفِرُونَ اللهَ تَعَالَى، فَيَغْفِرُ لَهُمْ


باشتېما:

جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ناۋادا سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى كەتكۈزۈپ، گۇناھ قىلىپ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيدىغان، ئۆزى ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «والذي نفسي بيده، لو لم تذنبوا، لذهب الله بكم، وجاء بقوم يُذْنِبُونَ، فيستغفرون اللهَ تعالى، فيغفر لهم».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ناۋادا سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئېلىپ كېتىپ، گۇناھ قىلىدىغان، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيدىغان، ئۆزى ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان بىر قوۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يقسم النبي -صلى الله عليه وسلم- بربه ثم يقول: لو لم تذنبوا لذهب الله بكم وجاء بقوم يستغفرون عقب الذنب بنية صادقة وقلب موقن؛ لكي يغفر لهم.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ناۋادا سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى كەتكۈزۈپ، گۇناھىدىن كىيىن گۇناھلىرى مەغپىرەت بولۇش ئۈچۈن چىن نىيەت ۋە ئىشەنچىلىك قەلب بىلەن مەغپىرەت تىلەيدىغان قەۋمنى كەلتۈرگەن بولاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5454

 
Hadith   466   الحديث
الأهمية: يَا جِبْرِيلُ، اذْهَبْ إِلَى مُحَمَّدٍ، فَقُلْ: إِنَّا سَنُرْضِيكَ فِي أُمَّتِكَ وَلَا نَسُوءُكَ


باشتېما:

ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن

عن عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما-    أَنَّ النَّبِيَّ -صلى الله عليه وسلم- تَلَا قَوْلَ اللهِ -عز وجل- فِي إِبْرَاهِيمَ -صلى الله عليه وسلم-: {رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي} [إبراهيم: 36] الآية، وقَوْلَ عِيسَى -صلى الله عليه وسلم-: {إِنْ تُعَذِّبْهُم فَإِنَّهُم عِبَادَكَ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُم فَإِنَّكَ أَنْتَ العَزِيزُ الحَكِيمُ} [المائدة: 118] فَرَفَعَ يَدَيْهِ وقَالَ: «اللهُمَّ أُمَّتِي أُمَّتِي» وبَكَى، فقالَ اللهُ -عز وجل-: «يا جِبْرِيلُ، اذْهَبْ إِلَى مُحَمَّدٍ -ورَبُّكَ أَعْلَمُ- فَسَلْهُ مَا يُبْكِيهِ؟» فَأَتَاهُ جِبْرِيلُ، فَأَخْبَرْهُ رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- بما قَالَ -وهو أعلم- فقالَ اللهُ -تعالى-: «يَا جِبْرِيلُ، اذْهَبْ إِلَى مُحَمَّدٍ، فَقُلْ: إِنَّا سَنُرْضِيكَ فِي أُمَّتِكَ وَلَا نَسُوءُكَ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىبراھىم ھەققىدىكى ﴿پەرۋەردىگارىم! ئۇلار «يەنى بۇتلار» نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشسە ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر﴾ دېگەن ئايەت بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ﴿ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر «ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن» ساڭا ھېچ كىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئىشىڭدا غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ يىغلاپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بارغىن، «ھالبۇكى، رەببىڭ ئۇنىڭ ھالىنى ئوبدان بىلىدۇ» ئۇنىڭدىن نېمىشقا يىغلاۋاتقىنىنى سورىغىن؟ دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىبرىئىلغا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتتى، ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: “بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن! دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قرأ النبي -صلى الله عليه وسلم- قول إبراهيم -عليه الصلاة والسلام- في الأصنام: (رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيراً مِنَ النَّاسِ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي وَمَنْ عَصَانِي فَإِنَّكَ غَفُورٌ رَحِيمٌ) [إبراهيم: 36] ، وقول عيسى: (إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ) [المائدة: 118]؛ فرفع -صلى الله عليه وسلم- يديه وبكى، وقال: "يا رب؛ أمتي أمتي"، أي: ارحمهم واعف عنهم، فقال الله -سبحانه وتعالى- لجبريل: "اذهب إلى محمد، فسله ما يبكيك؟" وهو أعلم سبحانه بما يبكيه، فأخبره رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بالذي قاله من قوله: "أمتي أمتي" والله أعلم بالذي قاله نبيه -صلى الله عليه وسلم-، فقال الله -عز وجل- لجبريل: "اذهب إلى محمد فقل له: إنا سنرضيك في أمتك، ولا نحزنك". وقد أرضاه الله -عز وجل- في أمته ولله الحمد من عدة وجوه: منها: كثرة الأجر، وأنهم الآخرون السابقون يوم القيامة، وأنها فضلت بفضائل كثيرة على سائر الأمم.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: پەرۋەردىگارىم! ئۇلار «يەنى بۇتلار» نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر. دېگەن ئايەت بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر «ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن» ساڭا ھېچ كىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئىشىڭدا غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ يىغلىدى ۋە: ئى ئاللاھ! ئۇممىتىم، ئۇممىتىم» دېدى. يەنى ئۇلارغا رەھىم قىلغىن، گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن، دېدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىمىگە يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ جىبرىئىلغا: مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا يىغلاۋاتقىنىنى سورىغىن؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىئىلغا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتتى. ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: “بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن! دېدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ئۈممىتى ھەققىدە كۆپ تەرەپلەردىن رازى قىلدى، ئەجرىنىڭ كۆپ بولىشى، دۇنياغا كېيىن كېلىپ ئاخىرەتتە بۇرۇن جەننەتكە كىرىشى، باشقا ئۈممەتلەرگە قارىغاندا كۆپ پەزىلەت بىلەن ئىمتىيازلىق قىلىنغانلىقى شۇ ئىشلاردىندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5457

 
Hadith   467   الحديث
الأهمية: يُحْشَرُ النَّاسُ يَوْمَ القيامةِ حُفَاةً عُرَاةً غُرْلًا


باشتېما:

قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ، خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ

عن عائشة أم المؤمنين -رضي الله عنها- قالت: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «يُحْشَرُ الناس يوم القيامة حفاة عراة غُرْلًا، قلت: يا رسول الله الرجال والنساء جميعا ينظر بعضهم إلى بعض؟ قال: يا عائشة الأمر أشد من أن يهمهم ذلك».
    وفي رواية : «الأمر أَهَمُّ من أن ينظر بعضهم إلى بعض».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالاڭئاياغ، يالىڭاچ، خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ». مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمامدۇ؟دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىش ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدىنمۇ قاتتىقتۇر» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئىشلار ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدىن مۇھىمدۇر» دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قالت عائشة -رضي الله عنها-: سمعت النبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: يجمع الله الناسَ يوم القيامة ليس لهم نعال، وليس عليهم ثياب، وغير مختونين، يخرجون من قبورهم كيوم ولدتهم أمهاتهم.
فقالت عائشة -رضي الله عنها-: يا رسول الله، الرجال والنساء، عراة ينظر بعضهم إلى بعض.
قال: الأمر أعظم وأشد من أن يهمهم ذلك، أو من أن ينظر بعضهم إلى بعض.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنى پۇتىدا ئاياغ يوق، ئۇچىسىدا كىيىم يوق، خەتنىسى قىلىنمىغان ھالەتتە توپلايدۇ، ئۇلار قەبرىسىدىن ئانىسىدىن تۇغۇلغان ھالەتتە چىقىدۇ». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەر-ئاياللار يالىڭاچ بىر-بىرىگە قارىمامدۇ؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىش ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدنمۇ مۇھىم ۋە قاتتىقتۇر»دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5460

 
Hadith   468   الحديث
الأهمية: اللهم اغفر لي ما قدمت وما أخرت وما أسررت وما أعلنت


باشتېما:

ئى ئاللاھ، مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام إلى الصلاة يكون من آخر ما يقول بين التشهد والتسليم: «اللهم اغفر لي ما قَدَّمتُ وما أخَّرْتُ، وما أسررتُ وما أعلنتُ، وما أسْرَفتُ، وما أنت أعلم به مني، أنت المُقَدِّم، وأنت المؤخر، لا إله إلا أنت».

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان، چېكىدىن ئاشۇرۇرىۋەتكەن، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام إلى الصلاة يكون من آخر ما يقول بين التشهد والتسليم: "اللهم اغفر لي ما قدمت"، من سيئة، "وما أخرت"، من عمل، أي: جميع ما فرط مني، "وما أسررت" أي: أخفيت، "وما أعلنت، وما أسرفت"، أي: جاوزت الحد، مبالغة في طلب الغفران بذكر أنواع العصيان، "وما أنت أعلم به مني"، أي: من ذنوبي التي لا أعلمها عدداً وحكماً، "أنت المقدم"، أي: بعض العباد إليك بتوفيق الطاعات، "وأنت المؤخر"، أي: لبعضهم بالخذلان عن النصرة أو أنت المقدم لمن شئت في مراتب الكمال، وأنت المؤخر لمن شئت عن معالي الأمور إلى سفسافها، "لا إله إلا أنت" فلا معبود بحق غيرك.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى دەيدىغان ئاخىرىقى سۆزى: ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى قىلغان (يامانلىقىمنى)، كېچىكتۈرگەن (ئەمىلىمنى)، يەنى: سەل قارىغان بارلىق ئىشلارنى، مەخپى قىلغان، ئاشكارا قىلغان، ئىسراپ قىلغانلىرىمنى، يەنى: چەكتىن ئاشۇرىۋەتكىنىمنى. بۇ ھەر-تۈرلۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئالاھىدە ئەپۇ سوراشتۇر، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، يەنى: مەن سانىنى ۋە ھۆكمىنى بىلمەيدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. سەن ئىلگىرىلەتكۈچى، يەنى: بەزى بەندىلىرىڭنى ئىتائەتلەرگە مۇۋاپىقىيەت بېرىش بىلەن ئۆزۈڭ تەرەپكە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، يەنى: يەنە بەزى بەندىلىرىڭنى غەلبە-نۇسرەتتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن چىكىندۈرگۈچىسەن، ياكى سەن خالىغان كىشىلەرنى مۇكەممەللىك دەرىجىسىدە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن، خالىغان كىشىلەرنى ئالى ماقاملاردىن پۈچەك ئىشلارغا چۈشۈرگۈچىسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، يەنى: سەندىن باشقا ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، دەيتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5471

 
Hadith   469   الحديث
الأهمية: اللهم اغفر لي وارحمني، وألحقني بالرفيق الأعلى


باشتېما:

ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلسىلا، ماڭا رەھىم قىلسىلا، مېنى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەر قاتارىغا قوشسىلا

عن عائشة -رضي الله عنها-، قالت: سمعت النبي -صلى الله عليه وسلم- وَهُوَ مُسْتَنِدٌ إلَيَّ، يَقُولُ: «اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي وارْحَمْنِي، وأَلْحِقْنِي بالرَّفِيقِ الأَعْلَى».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماڭا يۆلىنىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلسىلا، ماڭا رەھىم قىلسىلا، مېنى يۇقىرى مەرتىۋىلكلەر قاتارىغا قوشسىلا» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما اقترب أجل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- استند إلى أم المؤمنين عائشة -رضي الله عنها- وهو يسأل ربه أن يلحقه بالرفيق    وهم النبيون والصديقون والشهداء والصالحون.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتى يېقىنلاپ قالغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا يۆلىنىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىدىن ئۆزىنى يۇقىرى مەرتىۋىدىكى ھەمراھلارغا قوشۇشنى تىلىگەن، ئۇلار پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە ياخشى كىشىلەر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5472

 
Hadith   470   الحديث
الأهمية: اللهم إنا نجعلك في نحورهم ونعوذ بك من شرورهم


باشتېما:

ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز

عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- كَانَ إذا خَافَ قوماً، قالَ: «اللَّهُمَّ إنَّا نَجْعَلُكَ في نُحُورِهِمْ، وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شُرُورِهِمْ».

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ دۈشمەندىن قورىققان چاغدا مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله: "اللهم إنا نجعلك في نحورهم"، أي: أمامهم تدفعهم عنا وتمنعنا منهم، وخص النحر لأنه أسرع وأقوى في الدفع والتمكن من المدفوع، والعدو إنما يستقبل بنحره عن المناهضة للقتال أو للتفاؤل بنحرهم أو قتلهم، "ونعوذ بك من شرورهم"، ففي هذه الحال يكفيك الله شرهم، والمراد نسألك أن تصد صدورهم، وتدفع شرورهم، وتكفينا أمورهم، وتحول بيننا وبينهم.
كلمتان يسيرتان إذا قالهما الإنسان بصدق وإخلاص، فإن الله تعالى يدافع عنه، والله الموفق.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ: «ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى ساڭا تاپشۇرىمىز» يەنى بىزنى قوغداشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھوجۇمىنى بىزدىن توسۇش ئۈچۈن سىلىنى دۈشمەن ئالدىدا قويىمىز، دېگەن مەنىدە. بۇ يەردە بويان، ئالدى دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن، چۈنكى ئۇ قوغدىنىشتا ۋە دۈشمەننىڭ ھوجۇمىدىن ئۈستۈن تۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك، چەۋەر ئورۇن. دۈشمەن بولسا جەڭگە باتۇرلىقىنى ۋە ياكى ئۈمىتۋارلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەيدە، كۆكرىكىنى كېرىپ چىقىدۇ. «ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمىز»، بۇ ھالدا ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيىنىدىن سېنى ساقلايدۇ. يەنى: ئى ئاللاھ بىزنى ئۇلارنىڭ ھوجۇمىدىن، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسىلا، ئۇلارغا ئۆزلىرى كۇپايە بولىلا، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارسىنى سىلى توسايلا. ئەگەر مۇسۇلمان بىر كىشى بۇ ئىككى ئاز ۋە ئاسان جۈملىنى ئىخلاس، چىنلىق ۋە ئىخلاس بىلەن دېسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دۈشمەنلىرىدىن قوغدايدۇ. ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچى   --  بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5473

 
Hadith   471   الحديث
الأهمية: الْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ وَسُبْحَانَ اللَّهِ، وَاَللَّهُ أَكْبَرُ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ وَلَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إلَّا بِاَللَّهِ


باشتېما:

باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، تەدبىر ۋە قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەندۇر

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "الْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ، لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ، وَسُبْحَانَ اللَّهِ، وَاَللَّهُ أَكْبَرُ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ، وَلَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إلَّا بِاَللَّهِ".

باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق، ئاللاھ ئەيىب نۇقساندىن پاكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، تەدبىر ۋە قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەندۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث دليل على فضل هذا الذكر بهذه الصيغة، لما فيه من معاني التسبيح والتقديس والتعظيم لله جل وعلا و لما فيه من حمد الله على أفعاله فلا حيلة للعبد ولا حركة ولا استطاعة إلا بمشيئة الله تعالى، فلا حول في دفع الشر، ولا قوة في تحصيل خير، إلا بالله جل وعلا.
   فهذه الكلمات بهذه المعاني العظيمة هي مما يبقى أثره ونفعه للمؤمن بعد موته.
576;ۇ ھەدىستە ئاللاھنى پاكلاش، ئۇلۇغلاش، كاتتىلاش مەزمۇنلىرى، ئاللاھنىڭ بەندىگە قىلغان مەرھەمىتى ئۈچۈن مەدھىيىلەش، بەندىنىڭ تەدبىرى ۋە ھەركەت ئىقتىدارىنىڭ ئاللاھ خالىغاندىلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، يامانلىقتىن ساقلىنىشتىكى ئامال-چارە ۋە ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر زىكىرىنى بۇ خىل شەكىلدە ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى كۆرسىتىلگەن. بۇ سۆزلەر بۇ مەنالىرى بىلەن مۆمىنگە ئۆلگەندىن كىيىن مەنپەئەت ۋە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ   --  ھەدىس نەقىل ئېلىنغان باشقا شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ   →   ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5477

 
Hadith   472   الحديث
الأهمية: اللَّهُمَّ أَصْلِحْ لِي دِينِي الَّذِي هُوَ عِصْمَةُ أَمْرِي، وَأَصْلِحْ لِي دُنْيَايَ الَّتِي فِيهَا مَعَاشِي، وَأَصْلِحْ لِي آخِرَتِي الَّتِي إلَيْهَا مَعَادِي، وَاجْعَلْ الْحَيَاةَ زِيَادَةً لِي فِي كُلِّ خَيْرٍ، وَاجْعَلْ الْمَوْتَ رَاحَةً لِي مِنْ كُلِّ شَرٍّ


باشتېما:

ئى ئاللاھ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقىسى بولغان دىنىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «اللهم أصلح لي ديني الذي هو عِصْمَةُ أمري و اصلح لي دنياي التي فيها معاشي ، و أصلح لي آخرتي التي إليها مَعَادِي و اجعل الحياة زيادة لي من كل خير و اجعل الموت راحة لي من كل شر».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئى ئاللاھ مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنىڭ تۇتقۇسى بولغان دىنىمنى ياخشى قىلغىن، مېنىڭ ياشاش ئاساسىم بولغان دۇنيارىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان جايىم بولغان ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقتا ماڭا ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ماڭا ئۆلۈمنى راھەت قىلىپ بەرگىن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من الأدعية التي كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يدعو بها هذا الدعاء الذي تضمن طلب وسؤال خيري الدنيا والآخرة، وأن يجعل الموت في قضائه عليه ونزوله به راحة من شرور الدنيا، ومن شرور القبر لعموم كل شر قبله وبعده، وأن يجعل عمره مصروفاً فيما يحب وأن يجنبه ما يكره وما لا يحب.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ دۇئا؛ دۇنيا-ئاخىرەت ياخشىلىقىنى سوراشنى تەلەپ قىلىش، ئۆلۈمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ يامانلىقىدىن، قەبىرە ئازابىنىڭ شەررىدىن ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى بارلىق يامانلىقلاردىن قۇتۇلىدىغان قىلىشنى، ھاياتىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە ئۆچ كۆرۈدىغان ئىشلاردىن يېراق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇئادۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5482

 
Hadith   473   الحديث
الأهمية: اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي خَطِيئَتِي وَجَهْلِي، وَإِسْرَافِي فِي أَمْرِي وَمَا أَنْتَ أَعْلَمُ بِهِ مني


باشتېما:

ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، بىلىمسىزلىكىمنى، ئىشلىرىمدا ئاشۇرۋەتكەنلىكىمنى ۋە مەندىكى پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن

عن أبي موسى الأشعري –رضي الله عنه- عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه كان يدعو بهذا الدعاء: «اللهم اغفر لي خطيئتي وجهلي، وإسرافي في أمري، وما أنت أعلم به مني، اللهم اغفر لي جِدِّي وَهَزْلِي، وَخَطَئِي وَعَمْدِي ،وكل ذلك عندي، اللهم اغفر لي ما قدمت وما أخرت، وما أسررت وما أعلنت، وما أنت أعلم به مني، أنت الْمُقَدِّمُ وأنت الْمُؤَخِّرُ، وأنت على كل شيء قدير».

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، بىلىمسىزلىكىمنى، ئىشلىرىمدا ئاشۇرۋەتكەنلىرىمنى ۋە مەندىكى پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئەستايىدىل ۋە چاقچاق قىلىپ، خاتالىشىپ، قەستەن قىلغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە بار، ئى ئاللاھ! مەخپي ۋە ئاشكارا ئۆتكۈزگەن ۋە پەقەت سەنلا بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەن ئېلگىرىلەتكۈچى ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، ھەممىگە قادىرسەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي صلى الله عليه وسلم يدعو بهؤلاء الكلمات العظيمة المشتملة على طلب المغفرة من الله تعالى عن كل ذنب وخطيئة مهما كان شكلها وصورتها، مع مافي هذا الطلب من التواضع والانكسار بين يدي الله سبحانه وتعالى، فخليق بالمسلم أن يدعو الله تعالى بهذا الدعاء تأسياً بالنبي صلى الله عليه وسلم.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بارلىق چوڭ - كىچىك گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ دىلى سۇنۇق ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇشۇ كاتتا سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلاتتى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ مۇشۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشى بەك مۇھىمدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5483

 
Hadith   474   الحديث
الأهمية: اللَّهُمَّ إنِّي أسْأَلُكَ العافيَةَ في ديني ودُنْيَايَ وأَهْلي ومَالي، اللَّهُمَّ اسْتُر عَوْراتي وآمِنْ رَوْعاتي، واحفَظْني مِنْ بين يديَّ ومِن خَلْفِي وعن يميني وعن شِمَالي ومِنْ فَوْقِي، وأَعُوذُ بِعَظمَتِك أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحتي


باشتېما:

ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- قال: لم يكنْ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَدَعُ هؤلاء الكلماتِ حين يُمْسي وحين يُصْبحُ: «اللَّهُمَّ إنِّي أسْأَلُكَ العافيَةَ في ديني ودُنْيَايَ وأَهْلي ومَالي، اللَّهُمَّ اسْتُر عَوْراتي وآمِنْ رَوْعاتي، واحفَظْني مِنْ بين يديَّ ومِن خَلْفِي وعن يميني وعن شِمَالي ومِنْ فَوْقِي، وأَعُوذُ بِعَظمَتِك أَنْ أُغْتَالَ مِنْ تَحتي».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەتىگەن ۋە كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇماي قالمايتتى: ئى ئاللاھ، دىنىم ۋە دۇنيالىقىمدا، ئائىلەم ۋە مال-مۈلكۈمدە سالامەتلىك تىلەيمەن، نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن، مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن، بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ماڭا ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في كل صباح ومساء يحرص على هذا الدعاء ولا يتركه أبداً، لما فيه من معاني عظيمة.
ففيه سؤال الله (العافية في ديني) والمقصود بالعافية أي السلامة في ديني من المعاصي والمخالفات والبدع، وفي (دنياي، وأهلي، ومالي) أي أسألك العافية في دنياي من المصائب والشرور، وأسألك العافية لأهلي من سوء العِشْرَة والأمراض والأسقام وشغلهم بطلب التوسع في الحطام، ولمالي من الآفات والشبهات والمحرمات.
(واستر عوراتي وآمن روعاتي) أي استر كل ما يستحيي منه إذا ظهر من الذنوب والعيوب، وآمني وسلمني من الفزع الذي يخيفني.
(واحفظني من بين يدي, ومن خلفي, وعن يميني, وعن شمالي, ومن فوقي) أي وادفع عني البلاء من الجهات الست فلا يصيبني شر من أي مكان.
(وأعوذ بعظمتك أن أغتال من تحتي) معناه أستجير وأتحصن بعظمتك من أن أغتال من تحتي خُفْية.
585;ەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھەر ئەتىگەن-كەچتە بۇ دۇئانى ئوقۇشقا ھىرىسمەن بولۇپ، مەنىلىرى بۈيۈك بولغانلىقتىن ئۇنى ھەرگىز تاشلىمىغان. دۇئادا ئاللاھدىن «دىنىمدا سالامەتلىك» سورىغانلىقىدىن دىنىدا گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن، خاتالىقلاردىن ۋە بىدئەتلەردىن ساقلاش مەقسەت قىلىنغان. «دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە ۋە مال-مۈلكۈمدە» يەنى: دۇنيالىقىمدا مۇسىبەتلەر ۋە يامانلىقلاردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. ئائىلەمگە يامان مۇئامىلەدە بولۇشتىن، كېسەللەر يېتىپ قېلىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ باياشاتلىق ئىزدەپ پۈچەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن مال-مۈلكۈمگە ھارام، شۈبھىلىك ئىشلاردىن، ئاپەتلەردىن سالامەتلىك تىلەيمەن. «نوقسانلىرىمنى ياپقىن، قورقۇنچلىرىمدىن خاتىرجەم قىلغىن» يەنى: ھايا قىلىنىشقا تىگىشلىك ھەر بىر گۇناھ ۋە ئەيىپلەر كۆرۈنسە ياپقىن ۋە مېنى قورقىتىدىغان خەۋىپتىن خاتىرجەم ۋە سالامەت قىلغىن. «مېنى ئالدى-ئارقامدىن، ئوڭ-سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستۈمدىن قوغدىغىن» يەنى: ماڭا ھەر قانداق ئورۇندىن يامانلىق يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالتە تەرەپتىن كېلىدىغان بالانى مەندىن توسقىن. «بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن سۈيقەست قىلىنىشتىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: بۈيۈكلۈكۈڭ بىلەن ئاستى تەرىپىمدىن مەخپى سۈيقەسىت قىلىنىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5485

 
Hadith   475   الحديث
الأهمية: كَانَ أَكْثَرُ دُعَاءِ رَسُولِ اللَّهِ -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً، وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن»

عن أنس -رضي الله عنه- قال: كان أكثر دعاء النبي -صلى الله عليه وسلم-: «اللهم آتنا في الدنيا حسنة، وفي الآخرة حسنة، وقنا عذاب النار.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يدعو بهذا الدعاء، ويكثر من الدعاء به لجمعه معاني الدعاء كله من أمر الدنيا وأمر الآخرة، فالحسنة هنا هي النعمة، فسأل نعيم الدنيا والآخرة، والوقاية من النار، فمن حسنة الدنيا سؤال كل مطلوب ومرغوب، ومن حسنة الآخرة النعمة الكبرى وهي رضا الله ودخول جنته، وأما الوقاية من النار فإنها كمال النعيم وذهاب الخوف والكرب.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بولغان، دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلاتتى، بۇ يەردىكى ياخشىلىق نېمەتتۇر، ئاللاھتىن دۇنيا - ئاخىرەتنىڭ نېمىتىنى ۋە دوزاختىن ساقلىنىشنى سورىدى، دۇنيانىڭ ياخشىلىقى جۈملىسىدىن دۇنيادا قىزىقىدىغان ۋە تەلەپ قىلىدىغان ھەممە نەرسە مەقسەتتۇر، ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى بولسا ئەڭ چوڭ نېمەت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ، جەننەتكە كىرىشتۇر، دوزاختىن ساقلىنىش بولسا قىيىنچىلىق ۋە قورقۇنچنىڭ يوق بولىشى بولۇپ بۇ نېمەتنىڭ مۇكەممەل بولىغىنىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5502

 
Hadith   476   الحديث
الأهمية: كَلِمَتَانِ حَبِيبَتَانِ إلَى الرَّحْمَنِ، خَفِيفَتَانِ عَلَى اللِّسَانِ، ثَقِيلَتَانِ فِي الْمِيزَانِ: سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ الْعَظِيمِ


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: تىلغا يەڭگىل، مىزاندا ئېغىر كېلىدىغان، راھمان تائالاغا سۆيۈملۈك ئىككى كەلىمە بار، ئۇ بولسىمۇ: «سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىيم» دېگەن كەلىمىدۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: "كَلِمَتَانِ خفيفتان على اللسان، ثقيلتان في الميزان، حبيبتان إلى الرحمن: سبحان الله وبحمده، سبحان الله العظيم".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: تىلغا يەڭگىل، مىزاندا ئېغىر كېلىدىغان، راھمان تائالاغا سۆيۈملۈك ئىككى كەلىمە بار، ئۇ بولسىمۇ: «سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم» دېگەن كەلىمىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث أن ربنا الرحمن -تبارك وتعالى- يحب هاتين الكلمتين القليلات الحروف مع ثقلهما في الميزان: سبحان الله وبحمده، سبحان الله العظيم؛ لما تضمنتاه من تسبيح الله تعالى وتنزيهه عن النقائص وعما لا يليق بجلاله -تبارك وتعالى-، والتأكيد على هذا التنزيه بالوصف بالعظمة.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مۇنداق خەۋەر بەرگەن. پەرۋەردىگارىمىز راھمان تائالا بۇ ئىككى: تىلغا يەڭگىل، تارزا مىزاندا ئېغىر كېلىدىغان كەلىمىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: «سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھانەللاھىل ئەزىم» كەلىمىسىدۇر. بۇ ئىككى سۆز ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى ئەيىب نۇقسانلاردىن، نالايىق ئىشلاردىن پاكلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۈيۈك دېگەن بۇ سۈپەت ئارقىلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكلاشنى تەكىتلىگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5507

 
Hadith   477   الحديث
الأهمية: لَيْسَ شَيْءٌ أَكْرَمَ عَلَى اللهِ مِنَ الدُّعَاءِ


باشتېما:

ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە دۇئادىنمۇ نەپىس نەرسە يوقتۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «ليس شيءٌ أكرمَ على الله من الدعاء».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە دۇئادىنمۇ نەپىس نەرسە يوقتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
(ليس شيء أكرم على الله من الدعاء) لأنه عبادة، والعبادة هي التي خلق الله -تعالى- الخلق من أجلها، فالدعاء يدل على قدرة الله وعلى سعة علمه، وعلى عجز الداعي واحتياجه، لأجل هذا كان الدعاء من أكرم الأشياء على الله -جل وعلا-.
574;اللاھ تائالاغا دۇئادىنمۇ قىممەتلىك نەرسە يوقتۇر. چۈنكى ئۇ بىر ئىبادەتتۇر. ئىبادەت دېگەن، ئاللاھ تائالا پۈتۈن مەخلۇقاتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقان بىر ئۇلۇغ ئىشتۇر. دېمەك دۇئا دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ۋە ئۇ زاتنىڭ ئىلمىنىڭ قانچىلىك كەڭلىكىگە ۋە دۇئا تەلەپ قىلغۇچىنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقى ۋە ئېھتىياجىغا دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5509

 
Hadith   478   الحديث
الأهمية: مَا عَمِلَ ابْنُ آدَمَ عَمَلًا أَنْجَى لَهُ مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِنْ ذِكْرِ اللَّهِ


باشتېما:

ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئادەم ئەۋلادىنى قۇتۇلدۇرىدىغان ئاللاھنى ئەسلەشتىنمۇ ياخشىراق ئەمەل يوق

عن معاذ بن جبل -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «مَا عَمِلَ ابْنُ آدَمَ عَمَلًا أَنْجَى لَهُ مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِنْ ذِكْرِ اللَّهِ».

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئادەم ئەۋلادىنى قۇتۇلدۇرىدىغان ئاللاھنى ئەسلەشتىنمۇ ياخشىراق ئەمەل يوق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قد هيأ الله تعالى لعباده المؤمنين الأسباب التي تنال بها الجنة ويتوقى بها من النار، ومن هذه الأسباب ذكره سبحانه وتعالى.
فالحديث دَلَّ على فضل الذكر، وأنه من أعظم أسباب النجاة من مخاوف الدنيا والآخرة، فهو سبب من أسباب النجاة من النار، وهذه الفضيلة تعتبر من أعظم فضائل الذكر.
574;اللاھ تائالا مۆئمىن بەندىلىرى ئۈچۈن جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، دوزاختىن ساقلىنىدىغان سەۋەپلەرنى ھازىرلىغان، بۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئاللاھنى ئەسلەشدۇر. ھەدىس، ئاللاھنى ئەسلەشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى قورقۇنچلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن، شۇنداقلا، دوزاختىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، بۇ ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت دەپ قارىلىدۇ   --  بۇ ھەدىس باشقا ئىسناد بىلەن سەھىھ   →   ئىبنى ئەبى شەيبە"مۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5510

 
Hadith   479   الحديث
الأهمية: مَا نَقَصَتْ صَدَقَةٌ مِنْ مَالٍ، وَمَا زَادَ اللَّهُ عَبْدًا بِعَفْوٍ إلَّا عِزًّا، وَمَا تَوَاضَعَ أَحَدٌ لِلَّهِ إلَّا رَفَعَهُ اللَّهُ تَعَالَى


باشتېما:

سەدىقە قىلىنغان مال كىمىيىپ قالمايدۇ، بەندە ئەپۇ قىلغانسىرى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىززىتىنى ئاشۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «ما نقصت صدقة من مال، وما زاد الله عبدا بعفو إلا عزا، وما تواضع أحد لله إلا رفعه الله -عز وجل-»

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەدىقە مالنى كىمەيتىپ قويمايدۇ، بەندە ئەپۇ قىلغانسىرى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىززىتىنى ئاشۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
(ما نقصت صدقة من مال) المعنى أن الصدقة إذا أخرجت فإنها لا تنقص المال بل تزيده، وتبارك فيه، وتدفع عنه الآفات، الزيادة للمال إما كمية: بأن يفتح الله للعبد أبواباً من الرزق، أو كيفية: بأن ينزل الله تعالى البركة التي تزيد على مقدار ما أخرجه من الصدقة.
وما زاد الله عبداً بعفو إلا عزاً، أي أن من عرف بالعفو وترك المؤاخذة والمعاتبة، فإنه يسود ويعظم في القلوب، ويزداد عزة وكرامة، ورفعة في الدنيا والآخرة.
وما تواضع أحد لله إلا رفعه الله، المعنى أن من تذلل لله، وانكسر بين يديه سبحانه وتعالى، وكان لين الجانب للخلق، وأظهر الخمول للمسلمين، فإن هذه الصفات لا تزيد المتحلي بها إلا رفعة في الدنيا ومحبة في القلوب، ومنزلة علية في الجنة.
587;ەدىقە مالنى كىمەيتىپ قويمايدۇ، يەنى: شەكسىزكى بىرەر مالدىن سەدىقە بېرىلسە، ئۇ ھېلىقى مالنى كېمەيتمەيدۇ، بەلكى ئۇنى زىيادە ۋە بەرىكەتلىك قىلىدۇ، ئۇ مالغا كىلىدىغان ئاپەتلەرنى توسىدۇ. بۇ مالنىڭ زىيادە بولىشى يا ئۇنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ، مەسىلەن: ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ رىزقىنىڭ ئىشىكلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىچىۋىتىدۇ. ياكى ئۇ مالنىڭ كەيپىياتىدا بولىدۇ، مەسىلەن: ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىنغان سەدىقىنىڭ مىقدارىدىن كۆپرەك بەرىكەتنى بېرىدۇ. «بەندە ئەپۇ قىلغانسىرى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىززىتىنى ئاشۇرىدۇ» يەنى: كىمكى ئەپۇچانلىق ۋە باشقىلانى جازالىماسلىق ۋە ئەيىپلىمەسلىك بىلەن تونۇلسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بارغانسېرى ئىززەت - ھۆرمىتى زىيادە بولۇپ، مەرتىۋىسى كۆتۈرۈلىدۇ. «كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن كەمتەرلىك قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرىدۇ» يەنى: كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى دەپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسا، ئۇنىڭ ئالدىدا باش ئەگسە، مەخلۇقاتلارغا يۇمشاق قول بولسا، مۇسۇلمانغا ئۆزىنى نام- شۆھرەتسىز كۆرسەتسە، بۇنداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەنلەرنى بۇ پەزىلەت بارغانسېرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كۆتۈرىدۇ، قەلبلەرگە مەھبۇب قىلىدۇ، جەننەتتىكى ماقامى ئالى بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5512

 
Hadith   480   الحديث
الأهمية: مَنْ يُرِدْ اللَّهُ بِهِ خَيْرًا يُفَقِّهْهُ فِي الدِّينِ


باشتېما:

ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىندا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ

عن معاوية بن أبي سفيان -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من يُرِدِ    الله به خيرا يُفَقِّهْهُ    في الدين».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى دىندا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من أراد الله به نفعاً وخيرًا يجعله عالمًا بالأحكام الشرعية ذا بصيرة فيها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلغان كىشىنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان، ئىلىم-مەرىپەتلىك قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5518

 
Hadith   481   الحديث
الأهمية: اللهم رب الناس، أذهب البأس اشف أنت الشافي


باشتېما:

ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن

عن عائشة -رضي الله عنها- مرفوعاً: أن النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- كَانَ يَعُودُ بَعْضَ أهْلِهِ يَمْسَحُ بِيدِهِ اليُمْنَى، ويقول: «اللَّهُمَّ رَبَّ النَّاسِ، أذْهِب البَأسَ، اشْفِ أنْتَ الشَّافِي لاَ شِفَاءَ إِلاَّ شِفاؤكَ، شِفَاءً لاَ يُغَادِرُ سَقماً».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كېسىلىنى يوقلىغاندا ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، كېسەلنى قويمايدىغان شىپالىقىڭنى (تىلەيمەن)» دېگەن دۇئانى قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان عليه السلام إذا عاد بعض أزواجه ممن مرض منهن فيدعو لهن بهذا الدعاء ، ويمسح بيده اليمنى أي يمسح المريض، ويقرأ عليه هذا الدعاء اللهم رب الناس، فيتوسل إلى الله عز وجل بربوبيته العامة، فهو الرب سبحانه وتعالى الخالق المالك المدبر لجميع الأمور، أذهب البأس وهو المرض الذي حل بهذا المريض.،والشفاء إزالة المرض وبرء المريض، الشافي من أسماء الله عز وجل؛ لأنه الذي يشفي المرض، لا شفاء إلا شفاؤك" أي لا شفاء إلا شفاء الله، فشفاء الله لا شفاء غيره، وشفاء المخلوقين ليس إلا سبباً، والشافي هو الله،وسأل الله أن يكون شفاء كاملاً لا يبقي سقماً أي لا يبقي مرضاً،
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالغان ئاياللىرىنى يوقلىغاندا كېسەلنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ بۇ دۇئانى قىلاتتى: «ئى ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى»، ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تىلغا ئېلىپ يىلىناتتى، ئۇ ياراتقۇچى، ئىگە بولغۇچى، بارلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. «قىيىنچىلىقنى يوقاتقىن»، قىيىنچىلىق بېمارغا چۈشكەن كېسەل. شىپا بېرىش: كېسەلنى ئۇنىڭدىن يوق قىلىش ۋە ساقايتىش. شىپالىق بەرگۈچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنىڭ بىرى، چۈنكى ئۇ كېسەللەرگە شىپالىق بېرىدۇ. «سېنىڭ شىپالىقىڭدىن باشقا شىپالىق يوق»، يەنى: ھەقىقى شىپالىق ئاللاھ تائالانىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق يوق، مەخلۇقنىڭ قىلغىنى پەقەت سەۋەپ، شىپالىق بەرگۈچى بولسا ئاللاھ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن كېسەل قويمايدىغان تولۇق شىپالىق بولىشىنى تىلىگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5542

 
Hadith   482   الحديث
الأهمية: أن عمر بن الخطاب كان فرض للمهاجرين الأولين أربعة الآف


باشتېما:

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى

عن نافع: أنَّ عمرَ بنَ الخطابِ -رضي الله عنه- كانَ فرضَ للمهاجرينَ الأولينَ أربعةَ الآفٍ، وفَرَضَ لابنِه ثلاثةَ آلافٍ وخمسمئةٍ، فقيل له: هو من المهاجرينَ فَلِمَ نَقَصْتَهُ؟ فقالَ: إنما هَاجَرَ به أبوه. يقولُ: ليسَ هو كمن هَاجَرَ بنفسِهِ.

ناپىئنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن ئوغلىغا ئۈچ يېرىم مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى، ئۇنىڭغا: ئوغلۇڭمۇ مۇھاجىرلاردىنغۇ؟ ئۇنىڭ نېمىشقا ئاز بولۇپ قالدى؟دېيىلگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: باشقىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھىجرەت قىلغان، ئۇنى بولسا ئاتىسى ھىجرەت قىلدۇرغان، ئابدۇللاھ ئۆزى ھىجرەت قىلغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أعطى عمر للمهاجرين 4000، وابنه من المهاجرين لكنه أعطاه 3500، لأنه هاجر به أبوه وهو غير محتلم فلم ير إلحاقه بالبالغين، فلذا أنقص من عطائه عمن هاجر بنفسه من المهاجرين، فإن الدنيا لم تعرف بعد النبي –صلى الله عليه وسلم- وأبي بكر الصديق حاكماً زاهداً ورعاً في مال الأمة مثله –رضي الله عنه-، وهكذا يجب على من تولى شيئا من أمور المسلمين ألا يحابي قريبا لقرابته، ولا غنيا لغناه ولا فقيرا لفقره بل ينزل كل أحد منزلته، فهذا من الورع والعدل.
574;ۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا تۆتمىڭ دەرھەمدىن بەردى، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھاجىرلاردىن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بەشيۇز دەرھەم بەردى، چۈنكى ئۇ بالاغەتكە يەتمىگەن ۋاختىدا دادىسى بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلغان ئىدى، ئۇنى بالاغەتكە يەتكەن مۇھاجىرلارنىڭ قاتارىغا قېتىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان نەپىقىنى ئۆزى ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا بېرىدىغان نەپىقىدىن كەمەيتىۋەتتى، دۇنيادا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئۈممەتنىڭ مېلىغا كۆيۈنۈشتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش تەقۋادار بىر رەھبەر كۆرۈلمىدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلار تۇغقانلىرىنىڭ يېقىنلىقى، بايلارنىڭ بايلىقى ۋە نامراتلارنىڭ نامراتلىقىدىن ئەيمىنىپ قالمىسۇن، بەلكى ھەر بىر كىشىنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلسۇن مانا بۇ تەقۋالىق ۋە ئادىللىقدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5654

 
Hadith   483   الحديث
الأهمية: انتهيت إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم وهو يخطب


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بارسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەز سۆزلەۋېتىپتىكەن

عن أبي رِفَاعَةَ تَمِيم بن أُسَيدٍ -رضي الله عنه- قَالَ: انتهيتُ إلى رسولِ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- وهو يَخطبُ، فَقُلتُ: يَا رسولَ اللهِ، رَجُلٌ غَريبٌ جاءَ يَسألُ عن دِينِهِ لا يَدرِي مَا دِينُهُ؟ فَأَقْبلَ عليَّ رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- وتَرَكَ خُطبتَهُ حتى انتَهى إليَّ، فأُتِيَ بكُرسِيٍّ، فَقَعَدَ عليه، وجَعَلَ يُعَلِّمُنِي ممّا عَلَّمَهُ اللهُ، ثم أتى خُطبتَهُ فَأَتَمَّ آخِرَهَا.

ئەبۇ رىپائە تەمىم ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بارسام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەز سۆزلەۋېتىپتىكەن، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر غىرىپ ئادەم ئۆز دىنى ھەققىدە سورىغىلى كەلدى، ئۇ ئۆز دىنى ھەققىدە ھېچ نېمە بىلمەيدۇ، دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋەزدىن توختاپ ماڭا يۈزلىنىپ ماڭا يۈزلىنىپ ئالدىمغا كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇندۇق كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ ئاللاھ تائالا ئۇ زاتقا ئۈگەتكەن نەرسىلەرنى ماڭا ئۈگەتكىلى تۇردى، ئاندىن ۋەز ئېيتقان جايغا قايتىپ بېرىپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من تواضع الرسول -عليه الصلاة والسلام- أنه جاءه رجل وهو يخطب الناس، فقال: رجل غريب جاء يسأل عن دينه فأقبل إليه النبي –صلى الله عليه وسلم- وقطع خطبته حتى انتهى إليه، ثم جيء إليه بكرسي، فجعل يعلم هذا الرجل، لأن هذا الرجل جاء مشفقاً محباً للعلم، يريد أن يعلم دينه حتى يعمل به فأقبل إليه النبي -عليه الصلاة والسلام- وقطع الخطبة وعلمه، ثم بعد ذلك أكمل خطبته.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناھايتى كەمتەر بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە ۋەز ئېيتىپ، خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا، بىر غىرىپ ئادەم كىلىپ ئۆزىنىڭ دىنى توغرىسىدا سوئال سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى كەلگەن يېرىدە توختۇتۇپ قويۇپ، ئۇ كىشىگە يۈزلىنىپ ئۇنىڭ يىنىغا كېلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇندۇق كەلتۈرىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگۈتىدۇ، چۈنكى بۇ كىشى ئىلىمگە ئېشتىياق باغلاپ، دىنىنى ئۈگۈنۈپ ئەمەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقان خۇتبىنى توختىتىپ ئۇ كىشىگە دىننى ئۈگەتتى، ئاندىن خۇتبىنى داۋاملاشتۇردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5656

 
Hadith   484   الحديث
الأهمية: إنما مثل صاحب القرآن كمثل الإبل المُعَقَّلَة


باشتېما:

قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىنىڭ ھالى باغلاقلىق تۆگىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «إنّما مَثَلُ صَاحبِ الْقُرْآنِ كَمَثَلِ الإِبِلِ المُعَقَّلَةِ، إنْ عَاهَدَ عَلَيْهَا أمْسَكَهَا، وَإنْ أطْلَقَهَا ذَهَبَتْ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىنىڭ ھالى باغلاقلىق تۆگىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بولسە چىڭ تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر سەل قارىسا كېتىپ قالىدۇ

Esin Hadith Caption Arabic


"إنما مثل صاحب القرآن" أي: الحافظ له عن ظهر قلب، "كمثل صاحب الإبل المعقلة" أي المربوطة بالعقال، وبيّن وجه شبهه، بقوله: "إن عاهد عليها" بالربط دائما وتابعها وانتبه لها "أمسكها، وإن أطلقها" بفك العقال عنها، "ذهبت"، وكذا صاحب القرآن إن داوم على تعاهده بالتلاوة والمراجعة ثبت القرآن في صدره، وإن ترك ذلك ذهب ونُسي، ولا يقدر على عوده إلا بعد مشقة وتعب، فما دام تعهده موجوداً فحفظه موجود؛ كما أن الإبل ما دامت مشدودة بالعقال فهي محفوظة، وخص الإبل بالذكر لأنها أشد حيوان إنسي نفوراً، وفي تحصيل الإبل بعد نفورها صعوبة.

726;ەدىستە «قۇرئان ساھىبى» دەپ كەلگەن بۇنىڭ مەنىسى قۇرئان كەرىمنى يادقا ئالغان كىشى (قارى) دېگەن مەنىدە. «باغلانغان تۆگە ئىگىسىگە ئوخشايدۇ» يەنى ئارقان بىلەن باغلانغان تۆگە مەنىسىدە. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئورتاقلىق نوقتىسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. تۆگە ئىگىسى تۆگىسىنى باغلاش ۋە دېققەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تۇرۇشتەك ئىشلارنى قىلىپ تۇرسا تۇتۇپ تۇرىدۇ، ئەگەردە ئارقاننى بوشىتۇپ ئۇنى تاشلاپ قويسا تۆگە كېتىپ قالىدۇ. قۇرئاننى يادقا ئالغان كىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، قۇرئاننى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىپ تۇرسا، تەكرار قىلسا زىھنىدە تۇرىدۇ. ئەگەر تىلاۋەت قىلماي تاشلاپ قويسا قۇرئاننى ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، قۇرئان ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى جاپا مۇشەققەتلىك بولىدۇ. خۇددى تۆگىنى ئارقان بىلەن چىڭ، مەھكەم باغلىغاندا ئۇنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولغاندەك، قۇرئان ئىزچىل تىلاۋەت قىلىنسا ئۇنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە تۆگىنى مىسال قىلىپ تىلغا ئېلىشى تۆگە ھايۋانلار ئىچىدە تىز قېچىپ كېتىدىغان، قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنى تۇتۇش قېيىن بولىدىغان ھايۋان بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5658

 
Hadith   485   الحديث
الأهمية: من عرض عليه ريحان، فلا يرده، فإنه خفيف المحمل، طيب الريح


باشتېما:

قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە ئەپلىك، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من عُرِضَ عليه رَيْحَانٌ فلا يرده، فإنه خفيف الْمَحْمِلِ، طيب الريح».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «قانداق بىر كىشىگە رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرىۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە يەڭگىل، پۇرىقى خۇشبۇيدۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من أُهدي إليه طيب أو عُرِض عليه التطيب به فينبغي قبوله، فإنه لا مشقة في حمله وكذلك ريحه طيب.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمگە خۇشپۇراق نەرسە سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇنى كۆتۈرۈشتە قىيىنچىلىق يوق، شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇيدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5732

 
Hadith   486   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان لا يرد الطيب


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خۇش-پۇراق نەرسىنى رەت قىلمايتتى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان لا يَرُدُّ الطيب.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خۇش-پۇراق نەرسىنى رەت قىلمايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان من هدي النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه لا يرد الطيب ولا يرفضه؛ لأنه خفيف المحمل وطيب الرائحة، كما جاء في الرواية الأخرى.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدىن؛ رەسۇلۇللاھ خۇش-پۇراق نەرسىلەرنى رەت قىلمايتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5733

 
Hadith   487   الحديث
الأهمية: إذا سمعتم الطاعون بأرض، فلا تدخلوها، وإذا وقع بأرض، وأنتم فيها، فلا تخرجوا منها


باشتېما:

ئەگەر سىلەر بىر يۇرۇتتا ۋابا كىسىلى تارالغانلىقىنى بىلسەڭلار، ئۇ يۇرۇتقا كىرمەڭلار، سىلەر ياشاۋاتقان يۇرۇتتا ۋابا تارقالغان بولسا، ئۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كەتمەڭلار

عن أسامة بن زيد -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «إذا سمعتم الطاعونَ بأرض فلا تدخلوها وإذا وقع بأرض وأنتم فيها فلا تخرجوا منها».

ئۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىلەر بىر يۇرۇتتا ۋابا كىسىلى تارالغانلىقىنى بىلسەڭلار، ئۇ يۇرۇتقا كىرمەڭلار، سىلەر ياشاۋاتقان يۇرۇتتا ۋابا تارقالغان بولسا، ئۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كەتمەڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا نزل وباء بأرض لم يدخلها الإنسان فلا يجوز له دخولها حفاظاً على صحته وصحة غيره، وإذا دخل المرض في أرض هو فيها لم يجز له الخروج وعليه أن يصبر على قدر الله ليكتب له الأجر.
574;ۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىلەر بىر يۇرۇتتا ۋابا كىسىلى تارالغانلىقىنى بىلسەڭلار، ئۇ يۇرۇتقا كىرمەڭلار، سىلەر ياشاۋاتقان يۇرۇتتا ۋابا تارقالغان بولسا، ئۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كەتمەڭلار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5737

 
Hadith   488   الحديث
الأهمية: أهديت رسول الله صلى الله عليه وسلم حمارا وحشيا


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قۇلان (ياۋا ئېشەك) ھەدىيە قىلدىم

عن الصعب بن جَثَّامَةَ -رضي الله عنه-، قال: أهديتُ رسولَ الله - صلى الله عليه وسلم - حماراً وحشياً، فَرَدَّهُ عَلَيَّ، فلما رأى ما في وجهي، قال: «إنا لم نَرُدَّهُ عليك إلا لأنَّا حُرُمٌ».

سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر قۇلان (ياۋا ئېشەك) ھەدىيە قىلسام، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى، ئۇ يۈزۈمدىكى ئۆزگۈرۈش ئالامىتىنى كۆرۈپ: «بىز ئېھرامدا بولغاچ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەردۇق» دەپ چۈشەندۈردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من حسن خلقه -صلى الله عليه وسلم- أنه كان لا يداهن الناس في دين الله، ولا يفوته أن يطيب قلوبهم، فالصعب بن جثامة -رضي الله عنه- مر به النبي -صلى الله عليه وسلم-، والنبي -صلى الله عليه وسلم- محرم وكان الصعب بن جثامة عداء راميًا، فلما مر به النبي -صلى الله عليه وسلم- صاد له حمارًا وحشيًّا، وجاء به إليه فرده النبي -صلى الله عليه وسلم- فثقل ذلك على الصعب، كيف يرد النبي -صلى الله عليه وسلم- هديته؟، فتغير وجهه فلما رأى ما في وجهه طيب قلبه، وأخبره أنه لم يرده عليه إلا لأنه محرم، والمحرم لا يأكل من الصيد الذي صِيد من أجله.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىن، ئۇ زات ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا كىشىلەرگە ياغلىمىچىلىق قىلمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويمايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھراملىق ھالەتتە ئىدى، سەئەب ئىبنى جەسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ داڭلىق مەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېنىدىن ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ياۋا ئېشەكتىن بىرنى ئوۋلاپ كىلىپ ھەدىيە قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلماي قايتۇرىۋەتكەندە بۇ ئىش ئۇ كىشىگە ئېغىر كىلىپ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۈرۈش ئالامەتلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن: ئۆزىنىڭ ئېھرامدا ئىكەنلىكى، ئېھرامدىكى كىشى ئۈچۈن ئوۋلانغان نەرسىنى يېيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5772

 
Hadith   489   الحديث
الأهمية: بينا أيوب -عليه السلام- يغتسل عريانًا، فخر عليه جَرَادٌ من ذهب


باشتېما:

ئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۈستىگە بىر ئالتۇن چىكەتكە چۈشتى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم-: "بينا أيوبُ -عليه السلام- يَغتَسلُ عُرياناً، فَخَرَّ عليه جَرَادٌ من ذَهَبٍ، فجعلَ أيوبُ يَحْثِي في ثوبِهِ، فنَاداه ربُّه -عز وجل-: يا أيوبُ، ألَمْ أكنْ أغْنَيتك عما تَرى؟!، قال: بلى وعزتِك، ولكن لا غِنى بي عن بركتِكَ".

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۈستىگە بىر ئالتۇن چىكەتكە چۈشتى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنى كىيىمى بىلەن ئورىغىلى تۇرىۋىدى، ئاللاھ تائالا: «ھەي ئەييۇب! مەن سېنى سەن كۆرۈپ تۇرغان بۇ نەرسىدىن بىھاجەت قىلمىدىممۇ؟» دەپ نىدا قىلدى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق، لېكىن مەن سېنىڭ بەرىكىتىڭدىن بىھاجەت ئەمەسمەن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أيوب -عليه السلام- يغتسل عريانًا، فسقط عليه ذهب كثير على هيئة الجراد، فجعل أيوب -عليه السلام- يأخذه ويرميه في ثوبه، فناداه ربه -عز وجل-: ألم أكن أغنيتك عن هذا؟ فقال: بلى وعزتك، ولكني لم آخذه شرهًا وحرصًا على الدنيا، إنما لكونه بركةً منك.
574;ەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۈستىگە چىكەتكە شەكلىدىكى نۇرغۇن ئالتۇن چۈشتى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېلىپ كىيىمى بىلەن ئورىغىلى تۇرىۋىدى، ئاللاھ تائالا: «ھەي ئەييۇب! مەن سېنى بۇنىڭدىن بىھاجەت قىلمىدىممۇ؟» دەپ نىدا قىلدى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق، لېكىن مەن ئۇنى ئاچكۆزلۈكتىن، دۇنياغا ھېرىسمەنلىكتىن ئالمىدىم، ھەقىقەتەن ئۇ سېنىڭ بەرىكىتىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىم» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5774

 
Hadith   490   الحديث
الأهمية: بينما جبريل -عليه السلام- قاعد عند النبي -صلى الله عليه وسلم- سمع نقيضًا من فوقه


باشتېما:

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى

عن عبدالله بن عباس -رضي الله عنهما- قال: (بينما جبريل -عليه السلام- قاعد عند النبي -صلى الله عليه وسلم- سمع نَقِيضَا من فوقه، فرفع رأسه، فقال: هذا باب من السماء فُتِحَ اليوم ولم يفتح قط إلا اليوم. فنزل منه مَلَكٌ، فقال: هذا ملك نزل إلى الأرض لم ينزل قط إلا اليوم. فسلم وقال: أبشر بنُورين أُوتِيْتَهُما لم يُؤتهما نَبِيٌّ قبلك: فاتحة الكتاب، وخَوَاتِيمُ سورة البقرة، لن تقرأ بحرف منها إلا أُعْطِيتَهُ).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماندىن بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىك بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان» دېدى، شۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۇنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «سۈرە پاتىھە ۋە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىدىن ئىبارەت سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق پەيغەمبەرگە بېرىلىپ باقمىغان ئىككى نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن، سەن بۇ ئايەتلەردىن بىرەر ھەرىپنى ئوقۇيدىغانلا بولساڭ چوقۇم سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال ابن عباس -رضي الله عنهما-: "بينما جبريل قاعد عند النبي سمع نقيضاً"، أي: صوتاً شديداً؛ كصوت نقض خشب البناء عند كسره، "من فوقه" أي: من جهة السماء أو من قبل رأسه، وقيل: صوتاً مثل صوت الباب، "فرفع رأسه، فقال جبريل: هذا باب من السماء"، أي: الدنيا، "فتح اليوم لم يفتح قط إلا اليوم، فنزل منه"، أي: من الباب، "ملك، قال:" أي: جبريل، "هذا ملك نزل إلى الأرض لم ينزل قط إلا اليوم فسلم"، أي: ذلك الملك، "وقال: أبشر بنورين"، سماهما نورين؛ لأن كل واحدة منهما نور يسعى بين يدي صاحبهما، أو لأنهما يرشدان إلى الصراط المستقيم بالتأمل فيه والتفكر في معانيه، واختصاص هذين النورين بهذين الأمرين اللذين لم يقعا في غيرهما للدلالة على أفضليتهما واختصاصهما بما لم يوجد في غيرهما، النور الأول سورة الفاتحة والثاني الآيتان من آخر سورة البقرة، فإنهما ما قرأهما واحد من هذه الأمة مؤمناً إلا آتاه الله تعالى ما فيهما من الطلب، "أوتيتهما"، أي: أعطيتهما، "لم يؤتهما نبيّ قبلك".
574;ىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن، يەنى ئاسمان تەرىپىدىن قۇرۇلۇشنىڭ ياغىچى سۇندۇرۇلغاندا چىقىدىغان ئاۋازدەك ياكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىدەك قاتتىق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماننىڭ بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىكى بولۇپ، بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان دېدى»، ئۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۈنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «قوش نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن» دېدى، ئىككىسىدىن ھەر بىرى ئۆز ساھىبىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ياكى مەنىسىنى ئويلانغاندا ۋە ياخشى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇ ئايەت ئۆز ساھىبىنى توغرا يولغا باشلايدىغان بولغاچقا ئۇلارنى ئىككى نۇر دەپ ئاتىغان ئىدى، بۇ ئىككى نۇرنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن بۇ ئىككى ئايەتكە خاس قىلغانلىقى: بۇ ئىككى ئايەتنىڭ پەزىلىتى ۋە باشقا ئايەتلەردە تىپىلمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، بىرىنچى نۇر بولسا پاتىھە سۈرىسى، ئىككىنچى نۇر بولسا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتتۇر، بۇ ئۈممەتدىن بىر مۆمىن كىشى مۇشۇ ئىككى ئايەتنى ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇ ئايەتلەردە تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ، «بۇ ئىككى ئايەت ساڭا بېرىلدى، سەندىن ئىلگىركى ھېچ بىر پەيغەمبەرگە بېرىلمىگەن» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5775

 
Hadith   491   الحديث
الأهمية: إذا دعا الرجل زوجته لحاجته فلتأته وإن كانت على التنور


باشتېما:

ئەگەر ئەركىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئەگەر ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن

عن أبي علي طلق بن علي -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «إذا دعا الرجل زوجته لحاجته فَلْتَأتِهِ وإن كانت على التَّنُور».

تەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا طلب الرجل امرأته للجماع فيجب عليها أن تجيبه ولو كانت مشغولة شغلًا لا يقوم به غيرها، كأن تكون تخبز أو تطبخ.
574;ەگەر ئەر كىشى ئايالىدىن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئايالنىڭ ھەرقانچە مۇھىم ئىشى بولسىمۇ ھەتتا يىمەك تەييارلاۋاتقان ياكى تونۇرغا نان يىقىۋاتقان بولسىمۇ ئىشىنى قويۇپ دەرھال ئېرىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5788

 
Hadith   492   الحديث
الأهمية: إذا نعس أحدكم وهو يصلي فليرقد حتى يذهب عنه النوم


باشتېما:

ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن

عن عائشة -رضي الله عنها- مرفوعاً: «إذا نَعَسَ أحدكم وهو يصلي فَلْيَرْقُدْ حتى يذهب عنه النوم، فإن أحدكم إذا صلى وهو نَاعِسٌ لا يدري لعله يذهب يستغفر فَيَسُبُّ نَفْسَهُ».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن، ئەگەر سىلەرنىڭ بېرىڭلار مۈگۈدەپ قالغان ھالىتىدە ناماز ئوقۇسا، ئۇ مەغپىرەت تىلەيمەن دەپ ئۆزىگە بەددۇئا قىلىپ قېلىشى مۇمكىن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
موضوع الحديث كراهة إجهاد النفس بالعبادة فإذا أحس المصلي بمقدمة غلبة النوم عليه وهو يصلي فليقطع صلاته أو يتمها ثم يرقد ويريح نفسه حتى لا يحصل منه دعاء على نفسه حال تعبه.
726;ەدىسنىڭ تېمىسى: ئۆزىنى ئىبادەتكە مەجبۇرلاشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بولۇپ، ناماز ئوقۇغۇچى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە قاتتىق مۈگىدەپ قالسا، نامىزىنى بۇزۇپ ياكى تولۇقلاپ ئوقۇپ بولۇپ، ئۇيقۇسى تۈگىگىچە ئۇخلاپ ھەتتا چارچاش بىلەن ئۆزىنىڭ زىيىنىغا دۇئا قىلمايدىغان ھالەتكە كەلگەندە ناماز ئوقۇسۇن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5789

 
Hadith   493   الحديث
الأهمية: أعطوني ردائي، فلو كان لي عدد هذه العضاه نعمًا، لقسمته بينكم، ثم لا تجدوني بخيلًا ولا كذابًا ولا جبانًا


باشتېما:

كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر قولۇمدا مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەرنىڭ سانىچە چارۋىلار بولغان بولسا، ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئاندىن مېنى بىخىل، يالغانچى ۋە قورقۇنچاق دېمەيتتىڭلار

عن جبير بن مطعم -رضي الله عنه- قال: بينما هو يسير مع النبي -صلى الله عليه وسلم- مَقْفَلَه من حُنَيْن، فَعَلِقَهُ الأعراب يسألونه، حتى اضطروه إلى سَمُرَة، فَخَطِفَت رداءه، فوقف النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال: «أعطوني ردائي، فلو كان لي عدد هذه العِضَاهِ نَعَمًا، لقسمته بينكم، ثم لا تجدوني بخيلًا ولا كذابًا ولا جبانًا».

جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھۇنەين غازىتىدىن قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئەئرابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن غەنىيمەت مال تەلەپ قىلىپ ئېسىلىۋالدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر تۈپ كاۋچۇك دەرىخىگە قىستاپ، ئۇنىڭ كىيىمىنى ئېلىۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توختاپ: «كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر قولۇمدا مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەر سانىچە چارۋىلار بولغان بولسا، ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئاندىن مېنى بېخىل، يالغانچى، قورقۇنچاق دېمەيتتىڭلار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما رجع النبي -صلى الله عليه وسلم- من غزوة حنين، وهو وادٍ بين مكة والطائف، وكان معه جبير بن مطعم -رضي الله عنه-، فتعلق الناس به يسألوه من الغنائم حتى ألجؤوه إلى شجرة سمرة -وهي من شجر البادية ذات شوك- فعلق رداءه بشوكها، فجبذه الأعراب، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: أعطوني ردائي لو كان لي عدد العضاه -وهي شجرة كثيرة الشوك- نعماً من الإبل والبقر والغنم لقسمته بينكم، ثم قال: وإذا جربتموني لا تجدوني بخيلًا ولا كذابًا ولا جبانًا.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇنەين غازىتىدىن قايتىۋاتقاندا (ئۇ مەككە بىلەن تائىپ ئارسىدىكى بىر جىلغا بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇبەيىر ئىبنى مۇتئىم بىرگە كېتىۋاتاتتى) ئەئرابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن غەنىيمەت مال تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالدى، ئۇلار ئۇنى بىر تۈپ سەمۇرە دەرىخىگە (ئۇ جىلغىدىكى بىر تىكەنلىك دەرەخ) قىستىغاندا دەرەخ ئۇنىڭ كىيىمىنى ئىلىۋالدى، ئەئرابىلار ئۇ كىيىمنى تارتقىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ماڭا كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەر سانىچە تۆگە، كالا ۋە قوي بولغان بولسا، ئۇنى ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئەگەر مېنى سىنىساڭلار بېخىل، يالغانچى ۋە قورقۇنچاق ئەمەسلىكىمنى بايقايسىلەر،-دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5790

 
Hadith   494   الحديث
الأهمية: استعمل النبي -صلى الله عليه وسلم- رجلا من الأزد يقال له: ابن اللتبية على الصدقة، فلما قدم، قال: هذا لكم، وهذا أهدي إلي، فقام رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على المنبر فحمد الله وأثنى عليه


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتتى

عن أبي حميد الساعدي -رضي الله عنه- قال: استعمل النبي -صلى الله عليه وسلم- رجلا من الأزد يقال له: ابن اللُّتْبِيَّةِ على الصدقة، فلما قدم، قال: هذا لكم، وهذا أُهْدِيَ إِلَيَّ، فقام رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على المنبر فحمد الله وأثنى عليه، ثم قال: «أما بعد، فإني أستعمل الرجل منكم على العمل مما وَلاَّنِي الله، فيأتي فيقول: هذا لكم وهذا هدية أهديت إلي، أفلا جلس في بيت أبيه أو أمه حتى تأتيه هديته إن كان صادقًا، والله لا يأخذ أحد منكم شيئًا بغير حقه إلا لقي الله تعالى، يحمله يوم القيامة، فلا أعرفن أحدًا منكم لقي الله يحمل بعيرًا له رُغَاءٌ، أو بقرةً لها خُوَارٌ، أو شاة تَيْعَرُ» ثم رفع يديه حتى رُؤِي بياض إِبْطَيْهِ، فقال: «اللهم هل بَلَّغْتُ».

ئەبۇ ھۇمەيىد ئەسسائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مېنى ئىگە قىلغان ئىشلارنىڭ بىرىگە سىلەردىن بىر كىشىنى تەيىنلىسەم، ئۇ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا قىلىنغان ھەدىيە،- دەيدۇ، ئۇ راستچىل بولسا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا بۇ ھەدىيەلەر ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىنارمىدى؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى كۆتۈرگەن ھالدا ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىدۇ، مەن سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا بىلەن بوقىراپ تۇرغان تۆگىنى ياكى مۆرەپ تۇرغان كالىنى ياكى مەرەپ تۇرغان قوينى كۆتۈرگەن ھالدا ئۇچرىشىشىنى كۆرمىگەيمەن،- دېگەندىن كىيىن قولتۇقىنىڭ ئېقى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ، يەتكۈزدۈممۇ؟ دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كلف النبي -صلى الله عليه وسلم- رجلًا من الأزد يقال له ابن اللتبية بجمع الصدقة، فلما قدم المدينة بعد رجوعه من العمل، أشار إلى بعض ما معه من المال، وقال هذا لكم معشر المسلمين، وهذا أهدي إليّ، فقام رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على المنبر ليعلم الناس ويحذرهم من هذا الفعل، فحمد الله وأثنى عليه ثم قال: أما بعد فإني أجعل الرجل منكم عاملا على العمل من العمل الذي جعل الله لي التصرف فيه من الزكوات والغنائم، فيأتي أحدهم من عمله، فيقول: هذا لكم وهذه هدية أهديت لي! أفلا جلس في بيت أبيه أو بيت أمه حتى تأتيه هديته إن كان صادقًا في قوله، والله لا يأخذ أحد منكم معاشر العمال على الأعمال شيئا مما يعطاه وهو عامل بغير حق إلا لقي الله يحمله يوم القيامة على رقبته، وإن كان بعيرا أو بقرة أو شاة. ثم رفع يديه وبالغ في الرفع حتى رأى الصحابة رضي الله عنهم بياض إبطية، ثم قال اللهم قد بلغت ثلاث مرات.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ خىزمىتىدىن قايتقاندىن كىيىن مەدىنىگە كەلگەندە يېنىدىكى بىر قىسىم نەرسىلەرنى كۆرسۈتۈپ: ئى مۇسۇلمانلار جامائىتى، بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى بۇ قىلمىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا مېنى مەسئۇل قىلغان زاكات ۋە غەنىمەتلەر خىزمىتىگە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى تەيىنلىسەم، ئۇ خىزمىتىدىن قايتىپ كەلگەندە: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نەرسىلەر،- دەيدۇ، ئەگەردە ئۇ كىشى سۆزىدە راستچىل بولسا، دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا بۇ ھەدىيەلەر ئۇنىڭغا كىلەرمىدى؟ ئې خادىملار! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار خىزمەت جەريانىدا ئۆزىگە بېرىلىدىغان ناھەق بىرەر نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى ئەگەر تۆگە ياكى كالا، ياكى قوي بولغان تەقدىردىمۇ، يەلكىنىگە ئارتقان ھالدا ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىدۇ،- دېدى، ئاندىن ئىككى قولىنى ساھابىلار قولتۇقىنىڭ ئېقىنى كۆرگىچە ئىگىز كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ تائالا يەتكۈزدۈممۇ؟ دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5791

 
Hadith   495   الحديث
الأهمية: أكمل المؤمنين إيماناً أحسنهم خلقًا، وخياركم خياركم لنسائهم


باشتېما:

مۆئمىنلەرنىڭ ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل بولغانلىرى ئۇنىڭ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلاردۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «أكمل المؤمنين إيمانا أحسنهم خلقا، وخياركم خياركم لنسائهم».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۆئمىنلەرنىڭ ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل بولغانلىرى، ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلاردۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أعلى درجات المؤمنين هو من حسن خُلقه، ومن أحق الناس بحسن الخلق هي الزوجة؛ بل أحسن الناس خلقًا من حسن خلقه مع زوجه.
605;ۆمىنلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرجىلىكلىرى ئۇنىڭ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر. گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئىنسان كىشىنىڭ ئايالىدۇر. بەلكى ئەڭ ئەخلاقى گۈزەل كىشى ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغانلاردۇر   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5792

 
Hadith   496   الحديث
الأهمية: إن الدين يسر، ولن يشاد الدين إلا غلبه، فسددوا وقاربوا وأبشروا، واستعينوا بالغدوة والروحة وشيء من الدلجة


باشتېما:

دىن ھەقىقەتەن ئاسان، كىم دىننى قىيىنلاشتۇرسا دىن ئۇنى مەغلۇب قىلىدۇ، توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدىن پايدىلىنىڭلار

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «إن الدين يسر، ولن يشاد الدين إلا غلبه، فسددوا وقاربوا وأبشروا، واستعينوا بالغدوة والروحة وشيء من الدلجة».
وفي رواية: «سددوا وقاربوا، واغدوا وروحوا، وشيء من الدلجة، القصد القصد تبلغوا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دىن ھەقىقەتەن ئاسان، كىم دىننى قىيىنلاشتۇرسا دىن ئۇنى مەغلۇب قىلىدۇ، توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدىن پايدىلىنىڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «توغرىلاڭلار، يېقىنلىشىڭلار، ئەتىگەن، كەچقۇرۇن ۋە كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئىش قىلىڭلار، ئوتتۇرا ھال بولۇڭلار، نىشانغا يېتەلەيسىلەر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا يتعمق أحد في الأعمال الدينية ويترك الرفق إلا عجز وانقطع عن عمله كله أو بعضه، فتوسطوا من غير مبالغة وقاربوا، وإن لم تستطيعوا العمل بالأكمل فاعملوا ما يقرب منه، وأبشروا بالثواب على العمل الدائم وإن قل، واستعينوا على تحصيل العبادات بفراغكم ونشاطكم.
قال النووي: قوله: "الدين" هو مرفوع على ما لم يسم فاعله، وروي منصوبًا، وروي: "لن يشاد الدين أحد" وقوله -صلى الله عليه وسلم-: "إلا غلبه": أي: غلبه الدين وعجز ذلك المشاد عن مقاومة الدين لكثرة طرقه.
والأمر بالغدو، وهو السير أول النهار، والرواح، وهو السير آخر النهار، والدلجة، وهي السير في الليل من باب التشبيه، شبه المسلم في سيره على الصراط المستقيم بالإنسان في عمله الدنيوي، ففي حال الإقامة يعمل طرفي النهار، ويرتاح قليلًا، وفي حال السفر يسير بالليل وإذا تعب نزل وارتاح، وكذلك السير إلى الله -تعالى-.
576;ىرەر كىشى دىن ئىشلىرىدا چۇڭقۇرلاپ، قولايلىقنى تاشلىسا، پۈتكۈل ياكى قىسمەن ئەمىلىدىن توختاپ قالىدۇ، شۇڭا ئاشۇرۇۋەتمەستىن، ئوتتۇرا ھال يول تۇتۇڭلار، ئەڭ مۇكەممىلىنى قىلالمىساڭلار، ئۇنىڭغا يىقىنراقىنى قىلىڭلار، گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئىزچىل ئەمەلگە بېرىلىدىغان ساۋابتىن خۇش بىشارەت ئىلىڭلار. تېتىك ۋە بوش ۋاقتىڭلاردا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىڭلار. نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: «الدين» دېگەن سۆز: قىلغۇچىسى نامەلۇم كىلىپ، پىچ ئوقۇلۇپ ۋە يەنە بىر ھەدىستە: "لن يشاد الدين أحد" دەپ زەۋەر ئوقۇلۇپمۇ كەلگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ: «إلا غلبه» دېگەن سۆزى: دىن ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ، چىڭىتقۇچى دىننىڭ يوللىرى كۆپ بولغانلىقتىن قارشىلىشىشدىن ئاجىز كىلىدۇ،- دېگەن مەنىدە. «الغدو» ئەتىگەن تەرەپلەردە يول يۈرۈش، «الرواح» كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا يول يۈرۈش، «الدلجة» كېچىدە يول يۈرۈش دېگەن مەنىدە. بۇ ئوخشىتىش ئۇسلۇبى بولۇپ، توغرا يولدا مىڭىۋاتقان مۇسۇلمان: يۇرتىدىكى ۋاقتىدا كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىشلەپ، ئازراق ئارام ئالىدىغان، سەپەر قىلغاندا كېچىسى مېڭىپ، چارچىغاندا توختاپ، ئارام ئالىدىغان دۇنيا خىزمىتىدىكى ئىنسانغا ئوخشىتىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا يۈزلىنىشمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5795

 
Hadith   497   الحديث
الأهمية: إن فيك خصلتين يحبهما الله: الحلم والأناة


باشتېما:

سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لأشج عبد القيس: «إن فيك خصلتين يحبهما الله: الحلم والأناة»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەشەج ئابدۇلقەيسكە: «سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال النبي -صلى الله عليه وسلم- للأشج من بني عبد قيس: إن فيك لخصلتين أي صفتين يحبهما الله ورسوله، وهما الحلم وعدم التسرع، والسبب أن الأشج تأنى حتى نظر في مصالحه ولم يعجل في القدوم مع قومه (والحلم) وذلك في مخاطبته للنبي -صلى الله عليه وسلم- فكلامه كان دالاً على صحة عقله وجودة نظره للعواقب.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇلقەيىس ئەۋلادىدىن بولغان ئەشەجگە: «سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى سۈپەت بار» دېدى، بۇنىڭ سەۋەبى: ئەشەج تەمكىن بولۇپ ئۆزىنىڭ پايدىسىغا قارىدى، قەۋمى بىلەن بىرگە كېلىشكە ئالدىرمىدى، مۇلايىملىقى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلەشكەندە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى ئەقلىنىڭ ساغلاملىقىنى، پىكرىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5800

 
Hadith   498   الحديث
الأهمية: إن من أحبكم إلي وأقربكم مني مجلساً يوم القيامة أحاسنكم أخلاقاً، وإن أبغضكم إلي وأبعدكم مني يوم القيامة الثرثارون والمتشدقون والمتفيهقون


باشتېما:

قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىن ۋە سۆيۈملۈكرەكىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلاردۇر، قىيامەت كۈنى مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراقراقىڭلار كۆپ سۆزلەيدىغان، قالايمىقان گەپ قىلىدىغان، چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر

عن جابر بن عبدالله -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «إن من أحبكم إلي وأقربكم مني مجلساً يوم القيامة أحاسنكم أخلاقاً، وإن أبغضكم إلي وأبعدكم مني يوم القيامة الثرثارون والمتشدقون والمتفيهقون» قالوا: يا رسول الله قد علمنا «الثرثارون والمتشدقون»، فما المتفيهقون؟ قال: «المتكبرون».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىن ۋە سۆيۈملۈكرەكىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلاردۇر، قىيامەت كۈنى مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراقراقىڭلار كۆپ سۆزلەيدىغان، قالايمىقان گەپ قىلىدىغان، چوڭچىلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر، دېدى. بىز ئى رەسۇلۇللاھ! «الثرثارون والمتشدقون»نى بىلدۇق، «المتفيهقون» دېگەن كىملەر دېگەندە، ئۇلار چوڭچى، ھاكاۋۇر كىشىلەر، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله -صلى الله عليه وسلم-: (إن من) للتبعيض, أحبكم وأقربكم مجلساً يوم القيامة أحسنكم خلقاً مع الخالق والمخلوق, و(إن من) للتبعيض أيضاً, أبغضكم أي: أكرهكم وأبعدكم مني منزلاً يوم القيامة كثير الكلام تكلفاً, والمتشدق المتطاول على الناس بكلامه تفاصحاً وتعظيماً, والمتكبر بكلامه ومظهراً للفضيلة على غيره.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «إن من أحبكم» دېگەن سۆزىدىكى «من» نىڭ مەنىسى "بەزى" مەنىسىدە. يەنى قىيامەت كۈنىدە ماڭا يېقىن تۇرىدىغان ۋە مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا بىلەن ۋە بەندىلەر بىلەن گۈزەل ئەخلاقتا بولغانلاردۇر. ئاخىردىكى «من» مۇ بەزى دېگەن مەنىدە، يەنى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەڭ ئۆچ كۆرىلىدىغان، مەندىن قىيامەتتە يىراق تۇرىدىغانلار زورلاپ كۆپ سۆزلەيدىغانلار، پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرگە چوڭچۇلۇق قىلىدىغانلار، باشقىلاردىن ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئارتۇقچۇلۇقىنى نامايەن قىلىدىغانلار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5802

 
Hadith   499   الحديث
الأهمية: إن من خياركم أحسنكم أخلاقا


باشتېما:

ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىڭلار

عن عبد الله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما- مرفوعاً:    قال: لم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم فاحشاً ولا متفحشاً، وكان يقول: «إن من خياركم أحسنكم أخلاقًا».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھۋەنلىك بىلەن ياكى قەستەن قەبىھ سۆز قىلىدىغان كىشى ئەمەس ئىدى، ئۇ: «ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىڭلار» دەيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لم يكن النبي -صلى الله عليه وسلم- صاحب قول فاحش ولا فعل سيء ولا متعمداً لذلك متكلفاً له بل كان ذا خلق عظيم, وأخبر أن أفضل المؤمنين أحسنهم خلقاً لأن حسن الخلق يدعو إلى المحاسن وترك المساوئ.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبىھ سۆز ۋە ناچار قىلىقلارنى قىلىدىغان كىشى ئەمەس ئىدى، ئۇنداق سۆزلەرنى سەھۋەنلىك بىلەنمۇ ياكى قەستەنمۇ قىلمايتتى. بەلكى يۈكسەك گۈزەل ئەخلاققا ئىگە كىشى ئىدى. ئۇ: «مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەخلاقى گۈزەل بولغىنى» دەپ خەۋەر قىلغان، چۈنكى گۈزەل ئەخلاق ياخشىلىققا يىتەكلەپ يامانلىقتىن قول ئۇزۇشكە ئۈندەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5803

 
Hadith   500   الحديث
الأهمية: دعوه وأريقوا على بوله سَجْلًا من ماء، أو ذَنوبًا من ماء، فإنما بعثتم ميسرين ولم تبعثوا معسرين


باشتېما:

ئۇنىڭغا چىقىلماڭلار، سۈيدۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ قۇيىۋېتىڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن كىشىلەرگە مۇشەققەت تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، ئاسانلىق تۇغدۇرغۇچى بولۇپ ئەۋەتىلدىڭلار

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: بال أعرابي في المسجد، فقام الناس إليه لِيَقَعُوا فيه، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «دعوه وأريقوا على بوله سَجْلاً من ماء، أو ذَنُوبًا من ماء، فإنما بُعِثْتُمْ مُيَسِّرِينَ، ولم تُبْعَثُوا مُعَسِّرِينَ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئەئرابى مەسچىتكە سىيىپ قويىۋىدى كىشىلەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يوپۇرلۇپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا چىقىلماڭلار، سۈيدۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ قۇيىۋېتىڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن كىشىلەرگە مۇشەققەت تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، ئاسانلىق تۇغدۇرغۇچى بولۇپ ئەۋەتىلدىڭلار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قام أعرابي وشرع في البول في المسجد النبوي، فتناوله الناس بألسنتهم لا بأيديهم, أي: صاحوا به, فقال لهم النبي -صلى الله عليه وسلم-: دعوه    فلما انتهى من بوله أمرهم أن يصبوا على المكان الذي بال فيه دلواً من ماء، وبين لهم أنهم دعاة للتيسير وليس للتنفير وإبعاد الناس عن الهدى.
576;ىر ئەئرابى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە تۇرۇپ سىيگىلى باشلىدى، كىشىلەر قوللىرى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاۋازلىرى بىلەن توۋلاپ ئۇنى توسماقچى بولدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: قويۇڭلار ئۇنى دېدى، ئۇ سىيىپ بولغاندىن كېيىن سىيىپ قويغان جايغا بىر چېلەك سۇ تۆكىۋېتىشنى بۇيرىدى ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ كىشىلەرگە قېيىنچىلىق پەيدا قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولدىن يېراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىغا ئائىتتۇر
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5806

 
Hadith   501   الحديث
الأهمية: إنهم خيروني أن يسألوني بالفحش، أو يبخلوني ولست بباخل


باشتېما:

ئۇلار ماڭا ياكى مەندىن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىللىققا چىقىرىشتىن بىرنى تاللاتقۇزدى، مەن بېخىل ئەمەسمەن

عن عمر -رضي الله عنه- قال: قَسَمَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قَسْمًا، فقلت: يا رسول الله لَغَيْرُ هؤلاء كانوا أحق به منهم؟ فقال: «إنهم خَيَّرُونِي أن يسألوني بالْفُحْشِ، أو يُبَخِّلُونِي ولست بِبَاخِلٍ».

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مال تەقسىم قىلغان ئىدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ ماللارغا بۇلاردىن باشقا كىشىلەر ھەقلىق ئىدى، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار ماڭا ياكى مەندىن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىللىققا چىقىرىشتىن بىرنى تاللاتقۇزدى، مەن بېخىل ئەمەسمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قسم النبي -صلى الله عليه وسلم- ما جاءه من مال على ناس وترك آخرين, فقال له عمر رضي الله عنه: ألا أعطيت هؤلاء الذين لم تعطهم لأنهم أحق من الذين أعطوا؟ فقال له النبي -صلى الله عليه وسلم-: إنهم ألحوا علي في السؤال لضعف إيمانهم, وألجؤوني بمقتضى حالهم إلى السؤال بالفحش أو نسبتي إلى البخل.
فاختار -صلى الله عليه وسلم- أن يعطي إذ ليس البخل من خلقه ومداراةً وتأليفاً.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم غەنىمەتتىن كەلگەن بىر قىسىم ماللارنى مەلۇم كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىپ يەنە مەلۇم كىشىلەرنى ئايرىپ قويۇپ قويغان ئىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ غەنىمەت تەقسىم قىلىنغان بۇ كىشىلەردىن ئاۋۇ تەقسىم قىلىنمىغانلار بەك ھەقلىق ئىدى، دېدى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۆمەرگە ئۇلارنىڭ ئىمانى ئاجىز بولغانلىقتىن مەندىن چىڭ تۇرۇپ سورىدى، ئۇلارنىڭ شۇ ھالىتى بىلەن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىل دەپ تۆھمەت قىلىشلا قىستىدى. شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كۆڭلۈنى ياسىغان ۋە غەمخورلۇق قىلغان جەھتىدىن غەنىمەت بېرىشنى تاللىدى، چۈنكى بېخىللىق رەسۇلۇللاھنىڭ تەبئىتى ئەمەس   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5807

 
Hadith   502   الحديث
الأهمية: كنت أصلي مع النبي -صلى الله عليه وسلم- الصلوات، فكانت صلاته قصدًا وخطبته قصدًا


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆپ نامازلارنى بىرگە ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ نامىزىمۇ ۋە خۇتبىسىمۇ ئوتتۇراھال ئىدى

عن أبي عبد الله جابر بن سمرة -رضي الله عنهما- قال: كنت أصلي مع النبي -صلى الله عليه وسلم- الصلوات، فكانت صلاته قَصْدًا وخطبته قَصْدًا.

جابىر ئىبنى سەمرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆپ نامازلارنى بىرگە ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ نامىزىمۇ ۋە خۇتبىسىمۇ ئوتتۇراھال ئىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كانت صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم- وخطبته بين الطول الظاهر والتخفيف المبالغ فيه، موصوفة بالتوسط والاعتدال، وهو الأسوة والقدوة للمسلمين عامة، وللأئمة والخطباء خاصة، فلا يصح الاستناد على هذا الحديث في نقر الصلاة والسرعة المفرطة في الخطبة، فإن الهدي النبوي دلَّ على التوسط، والإطالة أحيانًا مع عدم الإضجار.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ۋە خۇتبىسى ئالاھىدە ئۇزۇن بىلەن بەك يەڭگىللىك ئارىسىدا بولۇپ، ئوتتۇراھال ۋە مۆتىدىللىك بىلەن سۈپەتلەنگەن، ئۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئىمام-خاتىپلارنىڭ نەمۇنىلىك ئۈلگىسىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5817

 
Hadith   503   الحديث
الأهمية: كلكم راع, وكلكم مسؤول عن رعيته: والأمير راع, والرجل راع على أهل بيته, والمرأة راعية على بيت زوجها وولده, فكلكم راع, وكلكم مسؤول عن رعيته


باشتېما:

ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار ئۆز پادىسىدىن سورىلىدۇ، باشلىق پادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا پادىچى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا قارىتا پادىچى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ

عن ابن عمر -رضي الله عنهما-، قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «كلكم رَاعٍ, وكلكم مسؤول عن رَعِيَّتِهِ: والأمير رَاعٍ, والرجل رَاعٍ على أهل بيته, والمرأة رَاعِيَةٌ على بيت زوجها وولده, فكلكم راَعٍ, وكلكم مسؤول عن رَعِيَّتِهِ».
   وفي لفظ: «كلكم رَاعٍ، وكلكم مسؤول عن رَعِيَّتِهِ: الإمام رَاعٍ ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ، والرجل رَاعٍ في أهله ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ، والمرأة رَاعِيَةٌ في بيت زوجها ومسؤولة عن رَعِيَّتِهَا، والخادم رَاعٍ في مال سيده ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ، فكلكم رَاعٍ ومسؤول عن رَعِيَّتِهِ».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ، باشلىق پادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا پادىچى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا قارىتا پادىچى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. يەنە بىر ئىبارىدە: «ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ، رەھبەر پادىچى ۋە ئۆز پادىسىدىن سورىلىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، ئايال كىشىمۇ ئىرىنىڭ ئۆيىدە پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، خىزمەتچىمۇ خوجايىنىنىڭ مېلىدا پادىچى ۋە پادىسىدىن سورىلىدۇ، دېمەك ھەر بىرىڭلار پادىچى ھەم پادىسىدىن سورىلىدۇ» دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كلكم حافظ وأمين على رعيته ومحاسب عليها، فالحاكم مسؤول عن رعيته يوم القيامة, وكذلك الرجل مسؤول على أهله يأمرهم بطاعة الله وينهاهم عن معصية الله ويقوم عليهم بما لهم من الحق، ومسؤول على ذلك يوم القيامة, والمرأة راعية على بيت زوجها بما يحفظه وكذلك على الأولاد، وهي مسؤولة عن ذلك يوم القيامة, والعبد حافظ وأمين على مال سيده ومسؤول يوم القيامة عن ذلك، فالجميع مؤتمن وحافظ لما هو قائم عليه ومسؤول يوم القيامة عن ذلك.
726;ەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيىتىدىكى ئىشلاردا قوغدىغۇچى ۋە ئامانەتدار ۋە شۇ ئىشلاردىن ھېساب ئېلىنىدۇ، ھاكىم قىيامەت كۈنى پۇقراسىدىن سورىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئەر كىشىمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇپ، گۇناھ-مەسىيەتتىن توسۇپ، ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئۇلارغا ئادا قىلغانلىقى ھەققىدە قىيامەت كۈنى سورىلىدۇ، ئايال كىشىمۇ ئىرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىنى قوغداش ئارقىلىق قارايدىغان بولۇپ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار ھەققىدە سورىلىدۇ، قۇل خوجىسىنىڭ مېلىدا قوغدىغۇچى ۋە ئامانەتدار بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى سورىلىدۇ، دېمەك، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىكى ئىشقا ئامانەتدار ۋە قوغدىغۇچى بولۇپ، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭدىن سورىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5819

 
Hadith   504   الحديث
الأهمية: لا تؤذي امرأة زوجها في الدنيا إلا قالت زوجته من الحور العين لا تؤذيه قاتلك الله! فإنما هو عندك دخيل يوشك أن يفارقك إلينا


باشتېما:

ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى، دەيدۇ

عن معاذ بن جبل -رضي الله عنه- مرفوعاً: «لا تؤذي امرأةٌ زوجَها في الدنيا إلا قالت زوجته من الحُورِ العِينِ لا تُؤْذِيهِ قاتلك الله! فإنما هو عندك دَخِيلٌ يُوشِكُ أن يفارقَكِ إلينا».

مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئېرىغا ئەزىيەت بەرسە، ئۇ ئەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن بولغان ئايالى، ئۇ ئايالغا: ئاللاھ تائالا ساڭا لەنەت قىلسۇن، ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمە، ئۇ سېنىڭ قېشىڭدا بىر مېھماندۇر، ئۇ سېنىڭدىن ئايرىلىپ بىزلەرنىڭ قېشىمىزغا كېلىدىغانغا ئازلا ۋاقىت قالدى، دەيدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- عن قول الحور العين عن الزوجة التي تؤذي زوجها في الدنيا، فإنما هذا الزوج ضيف ونزيل في الدنيا يوشك أن يرحل منها إلى الآخرة، ويدخل الجنة فيكون من نصيب نساء الآخرة.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنى دۇنيادا ئەرلىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن چەكلىگەن، چۈنكى ئۇ ئەر دۇنيادا ئۇ ئايالنىڭ قېشىدا مېھماندۇر، پات-يېقىندا دۇنيادىن يۆتكىلىپ ئاخىرەتكە كېلىپ جەننەتكە كېرىدۇ، ۋە ئاخىرەتتىكى ئاياللارنىڭ مېھمىنى بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5822

 
Hadith   505   الحديث
الأهمية: أنفقي أو انفحي، أو انضحي، ولا تحصي فيحصي الله عليك، ولا توعي فيوعي الله عليك


باشتېما:

خەجلەڭ ياكى تارقىتىڭ ياكى نەپ يەتكۈزۈڭ، سېقىۋەتمەڭ، بولمىسا ئاللاھمۇ سىزگە سېقىۋىتىدۇ، ئايىماڭ، ئاللاھمۇ سىزگە ئاياپ قالمىسۇن

عن أسماء بنت أبي بكر الصديق -رضي الله عنهما- قالت: قال لي رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا تُوكِي فيُوكَى عليك». وفي رواية: «أَنْفِقِي أو انْفَحِي، أو انْضَحِي، ولا تُحْصِي فيُحْصِي الله عليك، ولا تُوعِي فيُوعِي الله عليك».

ئەسما بىنتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «يوشۇرۇپ قويماڭ، سىزگىمۇ يوشۇرۇپ قويۇلىدۇ. باشقا رىۋايەتتە: «خەجلەڭ ياكى تارقىتىڭ ياكى نەپ يەتكۈزۈڭ، سىقىپ ئىلىپ قالماڭ، بولمىسا ئاللاھمۇ سىزگە سىقىۋىتىدۇ، ئايىماڭ، ئاللاھمۇ سىزدىن ئاياپ قالمىسۇن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال النبي -صلى الله عليه وسلم- لأسماء بنت أبي بكر الصديق -رضي الله عنهما-: لَا تَدَّخِرِي وَتَشُدِّي مَا عِنْدَكِ وَتَمْنَعِي مَا فِي يدك، فتنقطع مَادَّة الرزق عَنْك، وأمرها بالإنفاق في مرضاة الله -تعالى-، ولا تحسبي خوفًا من انقطاع الرزق؛ فيكون سببا لانقطاع إنفاقك، وهو معنى قوله: (فيحصي الله عليك)، ولا تمنعي فضل المال عن الفقير فيمنع الله عنك فضله ويسده عليك.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماغا مۇنداق دېدى: «قولىڭىزدىكى نەرسىنى چىگىپ يۇشۇرۇپ، باشقىلاردىن چەكلەپ قويماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز سىزدىن رىزىق ئۈزىلىدۇ» دەپ، ئۇنى ئاللاھ رازىلىقىدا خىراجەت قىلىشقا بۇيرىدى، رىزىق ئۈزۈلۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ سىقماڭ، ئۇ خىراجىتىڭىزنىڭ ئۈزۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بۇ(سىزگە ئاللاھ سىقىپ قويىدۇ) دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىدۇر، مالنىڭ ئارتۇقىنى كەمبەغەلدىن چەكلەپ قويماڭ، ئاللاھمۇ ئۆز پەزلىنى سىزدىن توسۇپ، چەكلەپ قويىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5823

 
Hadith   506   الحديث
الأهمية: ما حق امرئ مسلم له شيء يوصي فيه؛ يبيت ليلتين إلا ووصيته مكتوبة عنده


باشتېما:

مۇسۇلمان كىشىنىڭ ۋەسىيەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى يېزىپ قويماستىن ئىككى كېچە ئۇخلىشىغا ھەقلىق ئەمەس

عن عبد الله بن عمر-رضي الله عنهما- مرفوعاً: «ما حق امرئ مسلم له شيء يوصي فيه؛ يبيت ليلتين إلا ووصيته مكتوبة عنده».
زاد مسلم: قال ابن عمر: «ما مرت علي ليلة منذ سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول ذلك، إلا وعندي وصيتي».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنغان ھەدىستە: مۇسۇلمان كىشىنىڭ ۋەسىيەت قىلىشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى يېزىپ قويماستىن ئىككى كېچە ئۇخلىشىغا ھەقلىق ئەمەس. ئىمام مۇسلىم: ئىبنى ئۆمەرنىڭ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىرەر كېچىنىمۇ ۋەسىيىتىمنى يازماستىن ئۆتكۈزمىدىم، دېگەن سۆزىنى زىيادە كەلتۈردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ليس من الحق والصواب والحزم لمن عنده شيء يريد أن يوصي به ويبينه، أن يهمله حتى تمضى عليه المدة الطويلة؛ بل يبادر إلى كتابته وبيانه، وغاية ما يسامح فيه الليلة والليلتان.
ولذا فإن ابن عمر رضي الله عنهما- بعد أن سمع هذه النصيحة النبوية- كان يتعاهد وصيته كل ليلة، امتثالا لأمر الشارع، وبيانا للحق.
والوصية قسمان: مستحب، وهو ما كان للتطوعات والقربات، وواجب، وهو ما كان في الحقوق الواجبة، التي ليس فيها بينة تثبتها بعد وفاته لأن "ما لا يتم الواجب إلا به ، فهو واجب"، وذكر ابن دقيق العيد أن هذا الحديث محمول على النوع الواجب.
603;ىمنىڭكى ۋەسىيەت بايان قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر نەرسىسى تۇرۇپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت كىچىكتۈرۈپ قويۇشى توغرا ئەمەس،بەلكى ئۇنى تەپسىلى يېزىپ قالدۇرۇشقا ئالدىراپ،بىرەر ئىككى كېچىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ۋەسىيەتسىز ئۆتمەسلىكى كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،بۇ پەيغەمبەر نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن بىرى، شەرىئەت بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە ھەقنى بايان قىلىش ئۈچۈن ھەركېچە ۋەسىيىتىنى يېڭىلاپ تۇراتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5831

 
Hadith   507   الحديث
الأهمية: ما من نبي إلا وقد أنذر أمته الأعور الكذاب


باشتېما:

ھەر بىر پەيغەمبەر ئۈممىتىنى يەكچەشمە كاززابتىن ئاگاھلاندۇرغان

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «ما من نبي إلا وقد أنذر أمته الأعور الكذاب، ألا إنه أعور، وإن ربكم - عز وجل - ليس بأعور، مكتوب بين عينيه ك ف ر»

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر پەيغەمبەر ئۈممىتىنى يەكچەشمە كاززابتىن ئاگاھلاندۇرغان، بىلىۋىلىڭلاركى، ئۇ يەكچەشمە، پەرۋەردىگارىڭلار يەكچەشمە ئەمەس. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كل نبي أرسله الله أنذر أمته وحذرها من المسيح الدجال؛ لأنهم علموا بخروجه وشدة فتنته, وبينوا لهم شيئاً من صفاته, وذكر في هذا الحديث أنه أعور والله سبحانه منزه عن هذا, ومن صفاته كذلك أنه مكتوب بين عينيه ك ف ر.
574;اللاھ ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەر ئۈممىتىنى مەسىھ دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان، چۈنكى ئۇلار دەججالنىڭ چىقىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ، ئۈممىتىگە ئۇنىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ھەدىستە ئۇنىڭ يەكچەشمە ئىكەنلىكى بايان قىلىندى، ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتتىن پاكتۇر. شۇنىڭدەك دەججالنىڭ يەنە بىر سۈپىتى ئىككى كۆزى ئارىسىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5832

 
Hadith   508   الحديث
الأهمية: مروه، فليتكلم، وليستظل، وليقعد، وليتم صومه


باشتېما:

ئۇنىڭغا دەڭلار! گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن

عن ابن عباس -رضي الله عنهما-، قال: بينما النبي -صلى الله عليه وسلم- يخطب إذا هو برجل قائم فسأل عنه، فقالوا: أبو إسرائيل نذر أن يقوم في الشمس ولا يقعد، ولا يستظل؛ ولا يتكلم، ويصوم، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «مروه، فليتكلم، وليستظل، وليقعد، وليتم صومه».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باشقىلاردىن ئۇ كىشى توغرىلىق سورىدى، كىشىلەر: ئۇ ئەبۇ ئىسرائىل دېگەن كىشىدۇر، ئۇ كۈنگە قاقلىنىپ ئۆرە تۇرۇشنى، ئولتۇرماسلىقنى، سايىدىماسلىقنى، گەپ قىلماسلىقنى، روزا تۇتۇشنى ئاللاھ يولىدا نەزىر قىپتۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا دەڭلار، گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن»دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نذر هذا الصحابي ترك الكلام والطعام والشراب وأن يقف في الشمس ولا يستظل وهذا فيه تعذيب للنفس ومشقة عليها وهذا نذر محرم لهذا نهاه النبي -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك, لكن أمره أن يتم صومه لأنه عبادة مشروعة ، وعليه من نذر عبادة مشروعة لزمه فعلها ومن نذر عبادة غير مشروعة فإنه لا يلزمه فعلها.
576;ۇ ساھابە كىرام گەپ قىلماسلىق، تائام يېمەسلىك، ئۇسسۇزلۇق ئىچمەسلىك، كۈن نۇرىدا تۇرۇپ سايىدىماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزىگە نەزىر قىلغان، بۇ ئۆز نەپسىنى جازالاش ۋە قىيىنچىلىققا سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق شەكىلدە نەزىر قىلىشنى شەرىئەت چەكلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بۇ ئىشتىن توسقان، لېكىن ئۇ كىشىنى روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرىغان، چۈنكى روزا تۇتۇش دېگەن شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە شەرىئەت يولغا قويغان ئىبادەتنى قىلىشنى نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، شەرىئەت يولغا قويمىغان ئىشلارنى قىلىشنى نەزىر قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش كېرەك بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5835

 
Hadith   509   الحديث
الأهمية: من ابتاع طعاما فلا يبعه حتى يستوفيه


باشتېما:

كىمىكى ئاشلىق سېتىۋالسا ئۇنى تولۇق قولىغا ئالمىغانغا قەدەر ساتمىسۇن

عن عبد الله بن عمر-رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: «من ابْتَاعَ طعاما فلا يَبِعْهُ حتى يَسْتَوْفِيَهُ»، وفي لفظ: «حتى يَقْبِضَهُ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئاشلىق سېتىۋالسا ئۇنى تولۇق قولىغا ئالمىغانغا قەدەر ساتمىسۇن، يەنە بىر ئىبارىدە: تولۇق قولىغا ئالمىغانغا قەدەر، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان قبض الطعام من متممات العقد، ومكملات الملك، نُهِي المشترى عن بيع الطعام حتى يقبضه ويستوفيه، ويكون تحت يده وتصرفه، وكذلك كل سلعة غير الطعام، ويلتحق بالبيع بعض عقود التي تدخل في حكمه كالإجارة، والهبة على عوض، والرهن، والحوالة، أما فيماعدا البيع وما يجرى مجراه، فيجوز التصرف فيه.
574;اشلىقنى قولغا ئېلىش سودىنى تاماملىغۇچى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە قىلغۇچى شەرتلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقتىن، شەرىئەت سودىگەرنى ئاشلىق ۋە يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ئۇنى تولۇق قولغا ئالماي تۇرۇپ ئۇنى سېتىشتىن توستى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5837

 
Hadith   510   الحديث
الأهمية: من أدرك ماله بعينه عند رجل -أو إنسان- قد أفلس؛ فهو أحق به من غيره


باشتېما:

كىمكى ئۆزىنىڭ مېلىنىڭ ئوخشىشىنى زېيان تارتقان كېشىنىڭ يېنىدىن تاپقان بولسا، ئۇ كىشى ئۇ مالغا ئېگە بولۇشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من أدرك ماله بعينه عند رجل -أو إنسان- قد أفلس؛ فهو أحق به من غيره».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئۆزىنىڭ مېلىنىڭ ئوخشىشىنى زېيان تارتقان (ئىپلاس بولغان) كېشىنىڭ يېنىدىن تاپقان بولسا، ئۇ كىشى ئۇ مالغا ئېگە بولۇشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من باع متاعه لأحد أو أودعه أو أقرضه إياه ونحوه، فأفلس المشتري ونحوه، بأن كان ماله لا يفي بديونه، فللبائع أن يأخذ متاعه إذا وجد عينه، فهو أحق به من غيره.
603;ىمكى بىر ئادەمگە مال ساتقان ياكى ئامانەت قويغان ياكى قەرز بەرگەن بولسا، مالنى سېتىۋالغۇچى ياكى قەرز ئالغۇچى زېيان تارتىپ (ئىپلاس بولغان بولسا) يېنىدا قالغان مال قەرزگە يەتمىسە، مال ساتقۇچى ياكى قەرز بەرگۈچى ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ مېلىنى تاپسا ئۇ مالنى قايتۇرىۋالىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ مېلىنى قايتۇرىۋىلىشقا باشقىلاردىن بەكراق ھەقلىقتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5838

 
Hadith   511   الحديث
الأهمية: من أصبح منكم آمنا في سربه، معافى في جسده، عنده قوت يومه، فكأنما حيزت له الدنيا بحذافيرها


باشتېما:

سىلەردىن كىمكى ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ

عن عبيد الله بن محصن الأنصاري الخطمي -رضي الله عنه- مرفوعاً: «مَنْ أصْبَحَ مِنْكُمْ آمِنًا في سربِهِ، مُعَافَىً في جَسَدِهِ، عِنْدَهُ قُوتُ يَوْمِهِ، فَكَأنَّمَا حِيزَتْ لَهُ الدُّنْيَا بِحَذَافِيرِهَا».

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى مېھسەن ئەنسارى خەتمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سىلەردىن كىمكى ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من أصبح آمناً في نفسه، وقيل بيته وقومه، صحيحاً في بدنه عنده غداؤه وعشاؤه، فكأنما حصل على كل الدنيا بأن ضُمت وجُمعت له الدنيا بجميع جوانبها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ۋە قەۋمىدە ھاياتلىقتا خاتىرجەم، تېنى ساغلام ۋە شۇ كۈنلۈك ئوزۇقلىقى يېتەرلىك ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، خۇددى دۇنيانىڭ پۈتۈن ياخشىلىقلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلانغاندەك بولىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5840

 
Hadith   512   الحديث
الأهمية: من ظلم قيد شبر من الأرض؛ طوقه من سبع أرضين


باشتېما:

كىمكى بىر غېرىچ زېمىنغا زۇلۇم قىلسا، قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىننىڭ مىقدارىدا بوينىغا ئېسىپ قويىلىدۇ

عن عائشة -رضي الله عنها- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «مَنْ ظَلَم قِيدَ شِبْرٍ مِن الأرْضِ؛ طُوِّقَهُ مِن سَبْعِ أَرَضِين».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى بىر غېرىچ زېمىنغا زۇلۇم قىلسا، قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىننىڭ مىقدارىدا بوينىغا ئېسىپ قويىلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مال الإنسان على الإنسان حرام، فلا يحل لأحد أخذ شيء من حق أحد، إلا بطيبة نفسه، وأشد ما يكون ذلك ظلم الأرض، لطول مدة استمرار الاستيلاء عليها ظلماً.
ولذا فإن النبي صلى الله عليه وسلم أخبر أن من ظلم قليلا أو كثيراً من الأرض جاء يوم القيامة بعذاب شديد، بحيث تغلظ رقبته، وتطول، ثم يطوق الأرض التي غصبها وما تحتها، إلى سبع أرضين، جزاء له على ظلمه صاحب الأرض بالاستيلاء عليها.
ولا يدخل في الوعيد استعمال الأراضي العامة دون تملك واستيلاء.
576;ىر ئىنساننىڭ مىلى يەنە بىر ئىنسانغا ھارامدۇر، بىر ئادەمنىڭ يەنە بېرىنىڭ ھەققىدىن بىرەر نەرسىنى رازىلىقىسىز ئېلىشى ھالال بولمايدۇ، زېمىندا زۇلۇم قىلىش: زۇلۇم قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ مۇددىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ يامان زۇلۇمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، زېمىندىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان كىشى قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقىنى، ئىگەللىۋىلىش ئارقىلىق زېمىن ئىگىسىگە زۇلۇم قىلغانلىقىغا جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ گەردىنى قاتتىق ۋە ئۇزۇن قىلىنىپ، ئۇ بۇلىغان زېمىن ۋە ئاستىدىكى نەرسىلەر يەتتە قات زېمىنغىچە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئومۇمنىڭ زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماستىن، ئىگەللىۋالماستىن ئىشلىتىش ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، "ئەلمۇغنى" دا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: "چوڭ كوچىلاردا، يوللار ۋە بىنالارنىڭ ئارىسىدىكى بوش جايلارنى كەڭرى بولسۇن ياكى تار بولسۇن، ياكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن بىر كىشىنىڭ ئىگەللىۋىلىش ھەققى يوق، چۈنكى بۇ جايدا ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئورتاق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بولىدۇ، بۇ جايلار ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، بىرەر مۇسۇلمانغا قېيىنچىلىق پەيدا قىلماستىن، قاتناشقا زېيان يەتكۈزمەستىن، ئىلىم-سېتىم ئۈچۈن كەڭ جايدا ئولتۇرۇپ پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ زامانلاردىن بىرى ھەر قايسى شەھەر ئەھلى ئىنكار قىلماي، ئۇنى ئىتىراپ قىلىپ بىرلىككە كەلگەن مەسىلە بولۇپ، كىسىپ ئۆتۈشكە ئوخشاش رۇخسەت ئىش بىلەن باشقىلارغا زېيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا پايدىلانسا چەكلەنمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5843

 
Hadith   513   الحديث
الأهمية: إذا أمن الإمام فأمنوا، فإنه من وافق تأمينه تأمين الملائكة: غفر له ما تقدم من ذنبه


باشتېما:

ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إذا أَمَّنَ الإمام فأمنوا، فإنه من وافق تأمينه تأمين الملائكة: غفر له ما تقدم من ذنبه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أمرنا النبي -صلى الله عليه وسلم- أن نؤمن إذا أمن الإمام، لأن ذلك هو وقت تأمين الملائكة، ومن وافق تأمينه تأمين الملائكة، غفر له ما تقدم من ذنبه.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى، ئەگەر ئىمام سۈرە پاتىھەدىن كېيىن(ئامىن) دېسە، بىللە ئامىن دىيىشكە بۇيرىدى، چۈنكى شۇ ۋاقىت مەلائىكىلەرنىڭمۇ (ئامىن) دەيدىغان ۋاقتىدۇر، كىمنىڭكى ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5844

 
Hadith   514   الحديث
الأهمية: والذي نفسي بيده، لو تدومون على ما تكونون عندي، وفي الذكر، لصافحتكم الملائكة على فرشكم وفي طرقكم، لكن يا حنظلة ساعة وساعة


باشتېما:

جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر داۋاملىق مېنىڭ يېنىمدىكىدەك زىكىردە بولساڭلار، پەرىشتىلەر ئۆيۈڭلار ۋە يولۇڭلارغا كېلىپ، سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى. ئى ھەنزەلە ئەمما ئىنسان بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق بولىدۇ

عن أبي ربعي حنظلة بن الربيع الأسيدي الكاتب- رضي الله عنه- أحد كتاب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: لقيني أبو بكر -رضي الله عنه- فقال: كيف أنت يا حنظلة؟ قلت: نافق حنظلة! قال: سبحان الله ما تقول؟! قلت: نكون عند رسول الله -صلى الله عليه وسلم-    يُذَكِّرُنَا بالجنة والنار كأنا رَأْىَ عَيْنٍ فإذا خرجنا من عند رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عَافَسْنَا الأزواج والأولاد وَالضَّيْعَاتِ نسينا كثيرا، قال أبو بكر -رضي الله عنه-: فوالله إنا لنلقى مثل هذا، فانطلقت أنا وأبو بكر حتى دخلنا على رسول الله -صلى الله عليه وسلم-. فقلت: نافق حنظلة يا رسول الله! فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «وما ذاك؟» قلت: يا رسول الله، نكون عندك تذكرنا بالنار والجنة كأنا رأي العين فإذا خرجنا من عندك عافسنا الأزواج والأولاد والضيعات نسينًا كثيرًا. فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «والذي نفسي بيده، لو تدومون على ما تكونون عندي، وفي الذِّكْر، لصافحتكم الملائكة على فرشكم وفي    طُرُقِكُمْ، لكن يا حنظلة ساعة وساعة» ثلاث مرات.

ئەبۇ رۇبئى ھەنزەلە ئىبنى رۇبىئ ئەلئۇسەيدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كاتىبلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەبۇ بەكرى ماڭا ئۇچراپ قېلىپ: ئى ھەنزەلە قانداق ئەھۋالىڭ؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا: ھەنزەلە مۇناپىق بولدى، دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: سۇبھانەللاھ نېمە دەۋاتىسەن؟ دەپ سورىدى. مەن: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە دوزاخ بىلەن جەننەتنى ئەسلەتكىنىدە، ئۇلارنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك بولىمىز. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىققىنىمىزدا، ئاياللىرىمىز، ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز، دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بەكرى: ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىمەنكى بىزدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بىرىۋاتىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكرى ئىككىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدۇق. مەن سۆزۈمنى باشلاپ: ئى رەسۇلۇللاھ ھەنزەلە مۇناپىق بولدى، دېگىنىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! يانلىرىدا ئولتۇرغىنىمىزدا جەننەت بىلەن دوزاخنى ئەسلەتسىلە، خۇددى ئۇلارنى كۆزلىرىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك بولىمىز. ئەمما سىلىنىڭ يانلىرىدىن چىققىنىمىزدا، ئاياللىرىمىز، ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىپ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز، دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: جېنىم ئىلىكىدە بولغان ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر داۋاملىق مېنىڭ يېنىمدىكىدەك زىكىردە بولساڭلار، پەرىشتىلەر ئۆيۈڭلار ۋە يولۇڭلارغا كېلىپ، سىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولاتتى. ئى ھەنزەلە ئەمما ئىنسان بەزىدە ئۇنداق، بەزىدە مۇنداق بولىدۇ، دېدى ۋە بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر حنظلة أبا بكر الصديق بأنه يكون على حالة غير الحالة التي يكون فيها عند النبي -صلى الله عليه وسلم- وذلك أنهم كانوا في حالة يذكرون الله فيها وإذا خالطوا الأبناء والنساء والدنيا تغيرت أحوالهم فظن أن هذا نفاق إذ حقيقة النفاق إظهار حال غير الحال التى عليها الباطن فلما أخبروا النبي -صلى الله عليه وسلم- بذلك قال لهم لو تستمرون على الحال التي تكونون عليها عندي لسلمت عليهم الملائكة بالأيدي وعلى كل أحوالكم، ولكن لا بد من الاعتدال فساعة لربه وساعة لأهله ودنياه.
726;ەنزەلە ئەبۇ بەكرىگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بولغاندا، ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ، ئىخلاس ۋە تەقۋادارلىق جەھەتتە بىر خىل يۈكسەك ھالدا، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندا، ئايال، بالا-چاقىلار بىلەن بىللە بولغاندا، ئەھۋالى ئۆزگىرەپ يەنە بىر خىل ھالدا بولىدىغانلىقىدىن نارازى بولغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ مۇناپىقلىق بولىشىدىن ئەنسىرگەن. چۈنكى مۇناپىقنىڭ ماھىيتى، ئىچكى دۇنياسى بىلەن تاشقى دۇنياسى ئوخشاش بولماسلىق ئىدى. بۇلار بۇ خىل ئەھۋالدىن شىكايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغان. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر ھۇزۇرۇمدىكى ھالىتىڭلاردا ئىزچىل بولساڭلار ئىدى، پەرىشتىلەر سىلەر بىلەن ھەر ۋاقىت قول ئېلىشىپ كۆرشۈپ تۇرغان بولاتتى، لېكىن ھەر ئىشتا ئورتاھال بولۇش ياخشى ئىكەنلىكىنى، بىر ۋاقىت ئاللاھ تائالانى ئەسلەشكە بەرسە، يەنە بىر ۋاقىتنى ئائىلىسى ۋە بالا-چاقىسىغا بېرىش توغرا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5846

 
Hadith   515   الحديث
الأهمية: نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن تتلقى الركبان، وأن يبيع حاضر لباد


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كارۋانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ سودا قىلىشتىن ۋە شەھەرلىكنىڭ سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن سودا قىلىپ بېرىشىدىن چەكلىدى

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- قال: «نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن تُتَلَقَّى الرُّكْبَانُ، وأن يبيع حاضرٌ لِبَادٍ، قال: فقلت لابن عباس: ما قوله حاضرٌ لِبَادٍ؟ قال: لا يكون له سِمْسَارًا».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كارۋانلارنىڭ ئالدىغا چېقىپ سودا قىلىشتىن ۋە شەھەرلىكنىڭ سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن سودا قىلىپ بېرىشىدىن چەكلىدى»، راۋى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «شەھەرلىكنىڭ سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن سودا قىلىپ بېرىشى دېگەن نېمە؟» دەپ سورىسام، ئۇنىڭ ئۈچۈن دەللال بولمىسۇن (ئوتتۇردا ۋاستە بولمىسۇن) دېگەنلىك دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث ينهى النبي -صلى الله عليه وسلم- عن أنواع من البيع المحرم، لما فيها من الأضرار العائدة على البائع أو المشتري أو غيرهما:
أولًا: النهي عن تلقى القادمين لبيع سلعهم من طعام وحيوان، فيقصدهم قبل أن يصلوا إلى السوق، فيشتري منهم جَلَبَهمْ، فلجهلهم بالسعر، ربما غبنهم في بيعهم، وحرمهم من باقي رزقهم الذي تعبوا فيه وَطَووْا لأجله المفازات، وتجشموا المخاطر، فصار طعمة باردة لمن لم يكد فيه.
ثانيًا: أن يحمل البدوي أو القروي متاعه إلى البلد ليبيعه بسعرِ يومِه ويرجع أو بالسعر الذي يحتاجه ويكفيه فيأتيه البلديُّ فيقول: ضعه عندي لأبيعه على التدريج بزيادة سعر، وذلك إضرار بأهل البلد.
فجاءت الشريعة بحفظ حق البائع الغريب عن البلد وبحفظ حق أهل البلد.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىغا ياكى ئۇ ئىككىسىدىن باشقىلارغا زېيان بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان بىر قانچە تۈرلۈك سودىنى قېلىشتىن چەكلەيدۇ، بىرىنچى: ئاشلىق ياكى چارۋىلىرىنى سېتىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلار بازارغا يېتىپ كىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋىلىشتىن چەكلەش بولۇپ، ئۇلار بازار باھاسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە سودىلىرىدا ئالدىنىپ قىلىپ، ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، خەتەرلەرگە دۈچ كىلىپ، ئېرىشىش يولىدا ھېرىپ-چارچىغان رېزىقلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن مەھرۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاۋارلىرى ھېچ بىر جاپا تارتمىغان كىشىنىڭ تەييار رىزىقى بولۇپ قالىدۇ، ئىككىنچى: يېزا ياكى سەھرادىن كەلگەن كىشى ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى شۇ كۈنلۈك باھادا ياكى ئۆزى ئېھتىياجلىق ۋە ھاجىتىگە يەتكۈدەك باھادا سېتىش ئۈچۈن شەھەرگە كېلىدۇ، شەھەرلىك ئادەم ئۇنىڭغا: «ساتىدىغان نەرسەڭنى مېنىڭ يېنىمدا قويۇپ قويغىن، مەن ئالدىرماي باھاسىغا چىقىرىپ سېتىپ قوياي» دەيدۇ، بۇ شەھەر خەلقىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر،    شەرىئەت شەھەر سىرتىدىن مال ساتقىلى كەلگەن كىشىنىڭ ھەققىنى ۋە شەھەر ئەھلىنىڭ ھەققىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5847

 
Hadith   516   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى عن الشغار


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، شەرتلىك نىكاھتىن (شىغاردىن) چەكلىدى

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما-: «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى عن الشِّغَارِ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، شەرتلىك نىكاھتىن (شىغاردىن) چەكلىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
الأصل في عقد النكاح أنه لا يتم إلا بصداق للمرأة، يقابل ما تبذله من نفسها.
ولهذا فإن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى عن هذا النكاح الجاهلي، الذي يظلم به الأولياء مولياتهم، إذ يزوجونهن بلا صداق يعود نفعه عليهن، وإنما يبذلونهن بما يُرضي رغباتهم وشهواتهم، فيقدمونهن إلى الأزواج، على أن يزوجوهم مولياتهم بلا صداق.
فهذا ظلم وتصرف في فروجهن بغير ما أنزل الله، وما كان كذلك فهو محرم باطل.
606;ىكاھلىنىشتىكى ئاساسى قائىدە: ئايال كىشى ئۆزىنى ئەرگە تاپشۇرۇش بەدىلى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مېھرى ھەققى بېرىلمەي تۇرۇپ نىكاھ تاماملانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەت نىكاھىدىن چەكلىدى، بۇ نىكاھتا ئايالغا ئىگە بولغانلار ئۇلارغا زۇلۇم قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار مەلۇم مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆزى ۋەلى بولىدىغان ئاياللارنى مېھرى ھەققىسىز، ئۆزلىرىنىڭ شەھۋەت ئارزۇلىرىغا كۆرە، باشقا ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاياللارنى مېھرى ھەققى ئالماستىن ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىش بەدىلىگە ئۇلارنى نىكاھلاپ بېرەتتى. مانا بۇ زۇلۇم، ئاللاھ تائالا بۇيرۇمىغان تەرىقىدە ئاياللارنىڭ ئىپپەتلىرىنى دەپسەندە قىلىشتۇر. بۇ دىندا چەكلەنگەن ۋە باتىل ئىشدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5849

 
Hadith   517   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى عن بيع الثمار حتى تزهي. قيل: وما تزهي؟ قال: حتى تحمر. قال: أرأيت إن منع الله الثمرة، بم يستحل أحدكم مال أخيه؟


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ مېۋىنى چەكلەپ قويسا سىلەرنىڭ بېرىڭلار قېرىندىشىنىڭ پۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئالىدۇ؟» دېدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى عن بيع الثمار حتى تُزْهِي. قيل: وما تُزْهِي؟ قال: حتى تَحمَرَّ. قال: أرأيت إن مَنَعَ اللهُ الثمرة، بِمَ يستحِلُّ أحدُكُم مال أخيه؟».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ مېۋىنى چەكلەپ قويسا سىلەرنىڭ بېرىڭلار قېرىندىشىنىڭ پۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئالىدۇ؟» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كانت الثمار مُعَرضة لكثير من الآفات قبل بُدُو صلاحها، وليس في بيعها مصلحة للمشتري في ذلك الوقت.
فنهى النبي -صلى الله عليه وسلم- البائع والمشتري عن بيعها حتى تزهي، وذلك بُدُو الصلاح، الذي دليله في تمر النخل الاحمرار أو الاصفرار.
ثم علل الشارع المنع من تبايعها، بأنه لو أتت عليها آفة، أو على بعضها، فبماذا يحل لك- أيها البائع- مال أخيك المشترى، كيف تأخذه بلا عوض ينتفع به؟
605;ېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مېۋە سېتىشتا سېتىۋالغۇچىغا پايدا يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىنى مېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى سودا قىلىشتىن چەكلىدى، خورمىنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى غورىسىنىڭ قىزارغانلىقى ياكى سارغايغانلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن شەرىئەتنى ئەپكەلگۈچى بۇنداق ھالەتتە سودا قىلىشىشدىن چەكلىگەنلىكنىڭ ئىللىتىنى بايان قىلىپ: «ئەي ساتقۇچى!، ئەگەر مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياكى بەزىسىگە ئاپەت كەلسە، سېتىۋالغان قېرىندىشىڭنىڭ پۇلى ساڭا قانداق ھالال بولىدۇ؟، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە يوق تۇرۇپ ئۇنىڭ پۇلىنى قانداق ئالىسەن؟» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5851

 
Hadith   518   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى عن بيع الثمرة حتى يبدو صلاحها، نهى البائع و المبتاع


باشتېما:

شەكسىزكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى ئىستىمال قىلغۇدەك بولمىغۇچە سېتىشتىن (ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى) توستى

عن عبد الله بن عمر- رضي الله عنهما- مرفوعاً: «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى عن بيع الثمرة حتى يبدو صلاحها، نهى البائع و المُبْتَاعَ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى ئىستىمال قىلغۇدەك بولمىغۇچە سېتىشتىن (ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى) توستى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- عن بيع الثمار حتى يظهر نضجها، ونهى عن ذلك البائع والمشترى.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى ئىستىمال قىلغۇدەك بولمىغۇچە، يەنى پىشمىغۇچە سېتىشتىن (ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى) توستى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5852

 
Hadith   519   الحديث
الأهمية: هو لك يا عبد بن زمعة، الولد للفراش وللعاهر الحجر، واحتجبي منه يا سودة، فلم ير سودة قط


باشتېما:

ئى ئابدۇ ئىبنى زەمئە! ئۇ سىنىڭكى، بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخورغا تاش ئېتىلىدۇ. ئى سەۋدە! ئۇنىڭدىن ھىجاپلىنىڭ!، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەۋدەنى كۆرۈپ باقمىدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: «اختصم سعد بن أبي وقاص، وعبد بن زَمْعَةَ في غلام: فقال سعد: يا رسول الله، هذا ابن أخي عُتْبَة بن أبي وقاص، عهد إلي أنه ابنه، انظر إلى شبهه. وقال عبد بن زَمْعَةَ: هذا أخي يا رسول الله، ولد على فراش أبي من وليدته، فنظر رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إلى شبهه، فرأى شبها بينا بعُتْبَة، فقال: هو لك يا عبد بن زَمْعَةَ، الولد للفراش وللعاهر الحجر. واحتجبي منه يا سَوْدَة. فلم ير سَوْدَة قط».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە ئابدۇ ئىبنى زەمئە بىر بالا توغرۇلۇق دەۋالاشتى، سەئد: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ قېرىندىشىم ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاسنىڭ بالىسى، ئۇ ماڭا بۇنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇنىڭ ئوخشايدىغانلىقىغا قارىسىلا،- دېدى. ئابدۇ ئىبنى زەمئەمۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، ئۇ دادامنىڭ تۆشىكىدە ئۇنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلدى،- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا سېىنچىلاپ قاراپ، ئۇنىڭ ئوتبەگە ئوچۇق ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ: ئى ئابدۇ ئىبنى زەمئە! ئۇ سىنىڭكى، بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخورغا تاش ئېتىلىدۇ. ئى سەۋدە! ئۇنىڭدىن ھىجاپلىنىڭ!، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەۋدەنى كۆرۈپ باقمىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كانوا في الجاهلية يضربون على الإماء ضرائب يكتسبنها من فجورهن، ويلحقون الولد بالزاني إذا ادعاه.
فزنا عتبة بن أبي وقاص في الجاهلية بأمة لزمعة بن الأسود، فجاءت بغلام، فأوصى (عتبة) إلى أخيه سعد بأن يلحق هذا الغلام بنسبه.
فلمَّا جاء فتح مكة، ورأى سعد الغلام، عرفه بشبهه بأخيه، فأراد استلحاقه.
فاختصم عليه هو وعبد بن زمعة، فأدلى سعد بحجته وهي: أن أخاه أقر بأنه ابنه، وبما بينهما من شبَه.
فقال عبد بن زمعة: هو أخي، ولد من وليدة أبي.
فنظر النبي -صلى الله عليه وسلم- إلى الغلام، فرأى فيه شبها بيناً بعتبة.
ولكن قضى به لزمعه لأن الأصل أنَّه تابع لمالك الأمة، وقال: الولد منسوب للفراش، وللعاهر الزاني الخيبة والخسار، فهو بعيد عن الولد.
ولكن لما رأى شبه الغلام بعتبة، تورع -صلى الله عليه وسلم- أن يستبيح النظر إلى أخته سودة بنت زمعة بهذا النسب، فأمرها بالاحتجاب منه، احتياطا وتورُعاً.
576;ەزى كىشىلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە دېدەكلەرگە زىنادىن تېپىشى ئۈچۈن سېلىقلارنى بەلگىلەيتى. زىنا قىلغان ئەر داۋا قىلسا بالىنى ئۇنىڭغا بېرەتتى. ئوتبە ئىبنى ئەبى ۋەققاس جاھىلىيەتتە زەمئە ئىبنى ئەسۋەدنىڭ دېدىكى بىلەن زىنا قىلدى. ئۇ دېدەك بىر بالا تۇغدى. ئوتبە قېرىندىشى سەئدكە بۇ بالىنى ئۆزىنىڭ نەسەبىگە قوشۇشنى ۋەسىيەت قىلدى. مەككە پەتھى قىلىنغاندا سەئد ئۇ بالىنى كۆرۈپ، قېرىندىشىغا ئوخشىغانلىقىدىن ئۇنى تونۇدى ۋە ئۇنى قوشۇۋالماقچى بولدى. سەئد بالا توغرۇلۇق ئابدۇبنى زەمئە بىلەن دەۋالىشىپ: قېرىندىشىنىڭ ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى دەپ ئىقرار قىلغانلىقىنى ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى پاكىت قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئابدۇ ئىبنى زەمئە: ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم، دادامنىڭ دېدىكىدىن تۇغۇلغان، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئوتبەگە ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ، لېكىن بالا دېدەكنىڭ خوجايىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى ئابدۇ ئىبنى زەمئەگە ھۆكۈم قىلىپ: بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخور نومۇسسىزغا ئۈمىدسىزلىك ۋە زىيان لايىق، شۇڭا ئۇ بالىدىن يىراق تۇرىدۇ، دېدى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ بالىنىڭ ئوتبەگە ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكتىن، بۇ نەسەب بىلەن ئابدۇ ئىبنى زەمئەنىڭ سىڭلىسى سەۋدە بىنتى زەمئەگە قارىشىنى ھالال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، سەۋدەنى ئۇ بالىدىن يۆگىنىشكە بۇيرىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5858

 
Hadith   520   الحديث
الأهمية: لا تحل لي، يحرم من الرضاع: ما يحرم من النسب، وهي ابنة أخي من الرضاعة


باشتېما:

ئېمىلداشلىقتىن ۋە نەسەبتىن ھارام بولغانلار ماڭا ھالال بولمايدۇ، ئۇ قىز مېنىڭ ئېمىلداش بىر تۇققىنىمنىڭ قىزىدۇر

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- «قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في بنت حمزة: لا تحل لي، يحرم من الرضاع: ما يحرم من النسب، وهي ابنة أخي من الرضاعة».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمزىنىڭ قىزى توغرىسىدا: ئېمىلداشلىقتىن ۋە نەسەبتىن ھارام بولغانلار ماڭا ھالال بولمايدۇ، ئۇ قىز مېنىڭ ئېمىلداش بىر تۇققىنىمنىڭ قىزىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
رَغِبَ على بن أبي طالب -رضي الله عنه- من النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يتزوج بنت عمهما حمزة.
فأخبره -صلى الله عليه وسلم- أنها لا تحل له، لأنها بنت أخيه من الرضاعة.
فإنه -صلى الله عليه وسلم- وعمه حمزة رضعا من ثويبة وهى مولاة لأبي لهب، فصار أخاه من الرضاعة، فيكون عم ابنته، ويحرم بسبب الرضاع، ما يحرم مثله من الولادة.
574;ەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاغىسى ھەمزە رەزىيەللەھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلىنىش تەكلىپىنى بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە ھالال بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، چۈنكى ئۇ قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېمىلداش بىر تۇققىنىنىڭ قىزى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە تاغىسى ھەمزە ئىككىسىنى ئەبى لەھەبنىڭ خىزمەتچىسى سۇۋەيبە دېگەن ئايال ئەمدۇرگەن ئىدى. شۇڭا ھەمزە رەسۇلۇللاھنىڭ ئېمىلداش بىر تۇققىنى بولۇپ، ئۇ قىزنىڭ تاغىسى ھېسابلىنىدۇ، ئېمىلداشلىق سەۋەبىدىن ھارام بولغان ئىش، تۇققانلىق سەۋەبىدىن ھارام بولغانغا ئوخشاشتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5859

 
Hadith   521   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يبيت الليالي المتتابعة طاوياً، وأهله لا يجدون عشاء، وكان أكثر خبزهم خبز الشعير


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچلىقتىن قورسىقىنى قاتلاپ ئارقىمۇ-ئارقا نەچچە كېچە يېتىپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېگۈدەك كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك يەيدىغان نىنى ئارپا نېنى ئىدى

عن عبدالله بن عباس -رضي الله عنهما- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يبيت الليالي المتتابعة طَاوِياً، وأهلُهُ لا يجِدُون عَشَاءً، وكان أكثر خبزهم خبز الشعير.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچلىقتىن قورسىقىنى قاتلاپ ئارقىمۇ-ئارقا نەچچە كېچە يېتىپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېگۈدەك كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك يەيدىغان نىنى ئارپا نىنى ئىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- ينام الليالي المتتابعة المتوالية من غير أكل، وكذلك زوجاته وعياله؛ لأنهم لا يجدون طعام العَشاء، وكان أكثر خبزهم من الشعير، وهو أقل كلفة من البر وغيره.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئارقىمۇ-ئارقا بىر قانچە كېچە بىر نەرسە يىمەي ئۇخلايتتى، چۈنكى ئۇلار كەچلىك تاماق تاپالمايتتى، ئۇلارنىڭ كۆپرەك ئىستىمال قىلىدىغىنى ئارپا نېنى ئىدى، چۈنكى ئارپا بۇغداي ۋە باشقا يىمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ئەرزان ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5860

 
Hadith   522   الحديث
الأهمية: من تصدق بعدل تمرة من كسب طيب، ولا يقبل الله إلا الطيب، فإن الله يقبلها بيمينه، ثم يُرَبِّيها لصاحبها كما يُرَبِّي أحدُكم فَلُوَّه حتى تكون مثل الجبل


باشتېما:

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار تېيىنى بىقىپ چوڭ ئات قىلىۋالغىنىدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ سەدىقە تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من تصدق بعدل تمرة من كسب طيب، ولا يقبل الله إلا الطيب، فإن الله يقبلها بيمينه، ثم يُرَبِّيها لصاحبها كما يُرَبِّي أحدكم فَلُوَّه حتى تكون مثل الجبل»

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى ئۇنى سىلەرنىڭ بىرىڭلار تېيىنى بىقىپ چوڭ ئات قىلىۋالغىنىدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ سەدىقە تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من تصدق بمثل قيمة تمرة حلالاً خال عن الغش والخديعة, ولا يقبل الله إلا الحلال الطيب, فإن الله يقبلها بيمينه وهذا على ظاهره كما يليق به -سبحانه- من غير تأويل ولا تحريف, والمراد أخذها منه كما في رواية مسلم, فينميها ويضاعف أجرها كما يربي أحدكم مهره وهو ولد الحصان حتى يكبر.
603;ىمكى ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلماستىن ئۆزىنىڭ ھالالدىن كەسىپ قىلغان نەرسىسىدىن بىر تال خورما مىقدارىچىلىك بىر نەرسە سەدىقە قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ سەدىقىنى ئۆزىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. (ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ دېگەن سۆزنى، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئۆزگەرتمەستىن ۋە باشقىچە ئېزاھلىماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى سۈپىتىگە لايىق ھالدا بولىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەك.) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئېلىپ دېگەن سۆزدىن؛ ئۇنى كۆپەيتىپ خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى تەربىيىلەپ ئات قىلغاندەك ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5862

 
Hadith   523   الحديث
الأهمية: يا معشر الشباب، من استطاع منكم الباءة فليتزوج؛ فإنه أغض للبصر، وأحصن للفرج، ومن لم يستطع فعليه بالصوم؛ فإنه له وجاء


باشتېما:

ئى ياشلار! سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقاندۇر

عن عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- مرفوعاً: «يا معشر الشباب، من استطاع منكم الباءة فليتزوج؛ فإنه أغض للبصر، وأحصن للفرج، ومن لم يستطع فعليه بالصوم؛ فإنه له وِجَاءٌ».

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى ياشلار! سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقاندۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
بما أن التحصن والتعفف واجب، وضدهما محرم، وهو آتٍ من قبل شدة الشهوة مع ضعف الإيمان، والشباب أشد شهوة، خاطبهم النبى -صلى الله عليه وسلم- مرشدا ًلهم إلى طريق العفاف، وذلك أن من يجد منهم مؤنة النكاح من المهر والنفقة والسكن، فليتزوج لأن الزواج يغض البصر عن النظر المحرم ويحصن الفرج عن الفواحش، وأغرى من لم يستطع منهم مؤنة النكاح وهو تائق إليه بالصوم، ففيه الأجر، وقمع شهوة الجماع وإضعافها بترك الطعام والشراب، فتضعف النفس وتنسد مجارى الدم التي ينفذ معها الشيطان، فالصوم يكسر الشهوة كالوجاء للبيضتين اللتين تصلحان المنى فتهيج الشهوة.
662;اك ۋە ئىپپەتلىك بولۇش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسى ھارامدۇر. بۇ ئىش ئىماننىڭ ئاجىزلىقى بىلەن شەھۋەتنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ياشلارنىڭ شەھۋىتى كۈچلۈك بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارنى ئىپپەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلاردىن توي قىلىشقا لازىم بولىدىغان، مېھرى ھەققى، كۈندۈلۈك نەپەقە ۋە تۇرالغۇ جاي قاتارلىق نەرسىلەرگە قۇربى يېتىدىغانلار توي قىلسۇن!، چۈنكى نىكاھلىنىش كۆزنى ھارامدىن، ئەۋرەتنى پاھىشىدىن ساقلايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئىشلارغا قۇربى يەتمەيدىغان ئەمما توي قىلغۇسى كېلىپ قالغانلارنى روزا تۇتۇشقا ئۈندىدى. چۈنكى بۇنىڭدا بىرىنچىدىن ئەجىر - ساۋاپ، يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق جىما قىلىش شەھۋىتىنى توسۇش ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلاپ، شەيتان ئېقىپ كىرىدىغان قان تومۇرلار تارىيىدۇ. دېمەك روزا، سېپىرما ئىشلەپ چىقىرىدىغان، شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىككى تاشاقنىڭ تومۇرىنى سىقىپ قويغاندەكلا شەھۋەتنى كېسىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5863

 
Hadith   524   الحديث
الأهمية: قصة وفاة الزبير بن العوام -رضي الله عنه- ووفاء دينه


باشتېما:

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى ۋە قەرزىنى ئادا قىلىش ۋەقەلىكى

عن أبي خبيب -بضم الخاء المعجمة- عبد الله بن الزبير -رضي الله عنهما-، قال: لما وقف الزبير يوم الجمل دعاني فقمت إلى جنبه، فقال: يا بني، إِنَّهُ لاَ يُقْتَلُ اليوم إلا ظالم أو مظلوم، وإني لا أُرَانِى إلا سأقتل اليوم مظلوما، وإن من أكبر همي لديني، أفترى دَيْنَنَا يُبقي من مَالِنا شيئا؟ ثم قال: يا بني، بِعْ مَا لَنا واقض ديني، وأوصى بالثلث وثلثه لبنيه، يعني لبني عبد الله بن الزبير ثلث الثلث. قال: فإن فَضَلَ من مَالِنَا بعد قضاء الدين شيء فثلثه لبنيك. قال هشام: وكان بعض ولد عبد الله قد وَازَى بعض بني الزبير خُبَيْبٌ وعَبَّادٌ، وله يومئذ تسعة بنين وتسع بنات. قال عبد الله: فجعل يوصيني بدينه ويقول: يا بني، إن عجزت عن شيء منه فاستعن عليه بمولاي. قال: فوالله ما دريت ما أراد حتى قلت: يا أبت من مولاك؟ قال: الله. قال: فوالله ما وقعت في كربة من دينه إلا قلت: يا مولى الزبير اقض عنه دينه فيقضيه. قال: فقتل الزبير ولم يَدَع دينارا ولا درهما إلا أَرَضِينَ ، منها الغابة وإحدى عشرة دارا بالمدينة، ودارين بالبصرة، ودارا بالكوفة، ودارا بمصر. قال: وإنما كان دينه الذي كان عليه أن الرجل كان يأتيه بالمال، فيستودعه إياه، فيقول الزبير: لا، ولكن هو سلف إني أخشى عليه الضَّيْعَةَ ،وما ولي إمارة قط ولا جباية ولا خراجا ولا شيئا إلا أن يكون في غزو مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أو مع أبي بكر وعمر وعثمان -رضي الله عنهم- قال عبد الله: فحسبت ما كان عليه من الدين فوجدته ألفي ألف ومئتي ألف! فلقي حكيم بن حزام عبد الله بن الزبير، فقال: يا ابن أخي، كم على أخي من الدين؟ فكتمته وقلت: مائة ألف. فقال حكيم: والله ما أرى أموالكم تسع هذه. فقال عبد الله: أرأيتك إن كانت ألفي ألف ومئتي ألف؟ قال: ما أراكم تطيقون هذا، فإن عجزتم عن شيء منه فاستعينوا بي، قال: وكان الزبير قد اشترى الغابة بسبعين ومئة ألف، فباعها عبد الله بألف ألف وستمئة ألف، ثم قام فقال: من كان له على الزبير شيء فليوافنا بالغابة، فأتاه عبد الله بن جعفر، وكان له على الزبير أربعمئة ألف، فقال لعبد الله: إن شئتم تركتها لكم؟ قال عبد الله: لا، قال: فإن شئتم جعلتموها فيما تؤخرون إن إخرتم، فقال عبد الله: لا، قال: فاقطعوا لي قطعة، قال عبد الله: لك من هاهنا إلى هاهنا. فباع عبد الله منها فقضى عنه دينه وأوفاه، وبقي منها أربعة أسهم ونصف، فقدم على معاوية وعنده عمرو بن عثمان، والمنذر بن الزبير، وابن زَمْعَةَ ، فقال له معاوية: كم قُوِّمَتِ الغابة؟ قال: كل سهم بمئة ألف، قال: كم بقي منها؟ قال: أربعة أسهم ونصف، فقال المنذر بن الزبير: قد أخذت منها سهما بمئة ألف، قال عمرو بن عثمان: قد أخذت منها سهما بمئة ألف. وقال ابن زمعة: قد أخذت سهما بمئة ألف، فقال معاوية: كم بقي منها؟ قال: سهم ونصف سهم، قال: قد أخذته بخمسين ومئة ألف. قال: وباع عبد الله بن جعفر نصيبه من معاوية بستمئة ألف، فلما فرغ ابن الزبير من قضاء دينه، قال بنو الزبير: اقسم بيننا ميراثنا، قال: والله لا أقسم بينكم حتى أنادي بالموسم أربع سنين: ألا من كان له على الزبير دين فليأتنا فلنقضه. فجعل كل سنة ينادي في الموسم، فلما مضى أربع سنين قسم بينهم ودفع الثلث. وكان للزبير أربع نسوة، فأصاب كل امرأة ألف ألف ومئتا ألف، فجميع ماله خمسون ألف ألف ومئتا ألف.

خۇبەيبنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئاتام زۇبەير جەمەل ئۇرۇشى بولغان كۈنى مېنى چاقىردى، مەن يېنىدا تۇردۇم، ئاتام: «ئى بالام!، بۈگۈنكى كۈندە زالىم ياكى مەزلۇم ئۆلتۈرىلىدۇ، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم قىلىنغان ھالدا ئۆلتۈرۈلىمەن دەپ قارايمەن، مېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىم مېنىڭ قەرىزلىرىمدۇر، سىنىڭچە بىزنىڭ قەرىزلىرىمىزنى تۆلەشكە ماللىرىمىز يېتىپ يەنە ئازراق ئاشارمۇ؟» دېدى، ئاندىن: «ئى بالام! ماللىرىمىزنى سېتىپ قەرىزلىرىمنى ئادا قىلغىن!» دەپ مىلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋەسىيەت قىلدى، ئابدۇللاھنىڭ بالىلىرىغا شۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلدى، يەنى: ئابدۇللا ئىبنى زۇبەيرنىڭ بالىلىرىغا مىلىنىڭ تۇققۇزدىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلىپ: «قەرىزلىرىمنى بېرىپ ئېشىنالىساڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى سېنىڭ بالىلىرىڭغا بولسۇن» دېدى. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان ھىشام مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھنىڭ بەزى بالىلىرى ئاتىسى زۇبەيرنىڭ خۇبەيب ۋە ئەبباد دېگەن بالىلىرى بىلەن تەڭتۈش ئېدى، ئۇ كۈنلەردە زۇبەيرنىڭ توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىزى بار ئىدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاتام قەرزى توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغلۇم! ئەگەر سەن قەرىزلەرنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسەڭ، خوجايىنىمدىن ياردەم تېلىگىن» دېدى، مەن ئاتامنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلەلمەي: ئى ئاتا! خوجايىنىڭ كىم؟ دېسەم، ئاتام: «ئاللاھ» دېدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ قەرىزلىرىنى ئادا قىلىشتا قانداقلا بىر قېيىنچىلىققا يولۇقسام: «ئى زۇبەيرنىڭ خوجىسى بولغان ئاللاھ! زۇبەيرنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بەرگىن» دەيتىم، ئاللاھ تائالا ماڭا ھەقىقەتەنمۇ قەرىز ئادا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بەردى. دېگەندەك ئاتام ئۆلتۈرۈلدى، ئاتام ئالتۇن-كۈمۈش قالدۇرماي، زېمىنلارنى قالدۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ئېچىدە مەدىنە ئەتراپىدا «غابە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەشھۇر زېمىن بار ئىدى، مەدىنىدە ئون بىر، بەسرەدە ئىككى، كۇپىدە بىر، مىسىردا بىر قورۇ جاي بار ئىدى، ئاتامنىڭ قەرىزلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى: كىشىلەر ماللىرىنى ئاتامنىڭ يېنىغا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە ئاتام: «ياق، مەن ئامانەتنى زايە قېلىۋىتىشتىن قورقىمەن، بۇ ماڭا قەرىز ھېسابلانسۇن» دەيتتى، ئاتام ھوقوق تۇتقان، باج-سېلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغىشقا قويۇلغانلاردىن ئەمەس ئىدى، ئۇ ھاياتىدا پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن غازاتتا بىللە بولغان كىشى ئىدى، مەن ئاتامنىڭ گەدىنىدىكى قەرىزلىرىنى ھېسابلاپ باقسام ئىككى مىلىيۇن ئىككى يۈز مىڭ چىقتى. ھەكىم ئىبنى ھىزام ماڭا ئۇچرىشىپ: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! ئۇنىڭ قانچىلىك قەرزى بار ئىكەن؟» دېدى، مەن: «يۈز مىڭ» دەپ قويدۇم، ئۇ: «بەلكىم سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار بۇنىڭغا يەتمەسمىكىن» دېدى، مەن: «ئەگەر ئىككى مىليۇن ئىككى يۈز مىڭ بولسا قانداق قارايسەن؟» دېسەم، ئۇ: «بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر، ئەگەر قەرىز قايتۇرۇشقا ئاجىز كەلسەڭلار مەندىن ياردەم سوراڭلار» دېدى، ئابدۇللا مۇنداق دېدى: زۇبەير «غابە» دېگەن جاينى بىر يۈز يەتمىش مىڭغا سېتىۋالغان ئىكەن، ئابدۇللا ئۇنى بىر مىليۇن ئالتە يۈز مىڭغا سېتىپ: «كىمنىڭ زۇبەيردە ئېلىشى بولسا «غابە» دېگەن زېمىنغا كىلىپ بىزدىن ئېلىۋالسۇن» دەپ ئىلان قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر كەلدى، ئۇنىڭ زۇبەيردە تۆت يۈز مىڭ ئېلىشى بار ئىكەن، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئابدۇللاھقا: «خالىساڭلار ئۇ مېلىمنى سىلەرگە قالدۇراي» دېدى، ئابدۇللا: «ياق» دەپ ئۇنىمىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر: «خالىساڭلار مېنىڭ ئېلىشىمنى ئەڭ كەينىدە بېرىڭلار» دېدى، ئابدۇللا: «ياق» دېدى، ئابدۇللا ئىبنى جەئفەر: «ئۇنداقتا ماڭا زېمىندىن بىر پارچە بۆلۈپ بېرىڭلار» دېدى، ئابدۇللاھ: «بۇ يەردىن بۇ يەرگىچە ساڭا بولسۇن» دەپ بۆلۈپ بەردى. ئابدۇللا ئۇ زېمىننى سېتىپ قەرىزنى تولۇق تۈگەتكەندىن كېيىن تۆت يېرىم ئۈلۈش قېلىپ قالغاندا ئۇ مۇئاۋىيەنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئىبنى ئوسمان، مۇنزىر ئىبنى زۇبەير ۋە ئىبنى زەمئە قاتارلىقلار بار ئىدى، مۇئاۋىيە: «غابەگە قانداق باھا قويۇلدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «ھەر بىر ئۈلۈش يۈز مىڭ» دېدى، مۇئاۋىيە: [ئۇنىڭدىن قانچىلىك قالدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «تۆت يېرىم ئۈلۈش» دېدى، مۇنزىر ئىبنى زۇبەير: «بىر ئۈلۈشنى يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، ئەمىر ئىبنى ئوسمان: «بىر ئۈلۈشنى مەن يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، ئىبنى زەمئە: «بىر ئۈلۈشنى مەن يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، مۇئاۋىيە: «ئەمدى قانچىلىك قالدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «بىر يېرىم ئۈلۈش» دېدى، ئۇ: «ئۇنداقتا مەن ئۇنى بىر يۈز ئەللىك مىڭغا ئالاي» دېدى، كېيىن ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئۆز نېسىۋىسىنى مۇئاۋىيەگە ئالتە يۈز مىڭغا سېتىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ زۇبەيرنىڭ ئوغلى قەرىزلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندا زۇبەيرنىڭ باشقا بالىلىرى: «مىراسىمىزنى ئارىمىزدا تەقسىم قىلغىن» دېيىشتى، ئابدۇللا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە: "زۇبەيردە قەرزى بارلار كەلسۇن، بىز ئۇنى قايتۇرىمىز" دەپ ئۇدا تۆت يىل ئۆتمىگىچە مىراسنى تەقسىم قىلمايمەن» دېدى، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە شۇنداق جاكارلاپ، تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارغا تەقسىم قىلدى، زۇبەيرنىڭ تۆت ئايالى بولۇپ، ھەر بىر ئايالغا بىر مىليۇن ئىككى يۈز مىڭدىن تەگدى، زۇبەيرنىڭ ئومۇمى مېلى ئەللىك مىليۇن ئىككى يۈز مىڭ چىقتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال الزبير بن العوام لابنه عبدالله لما كان يوم الجمل وهو قتال جرى بسبب تسليم قتلة عثمان: ما أراني إلا سأقتل شهيدًا مظلومًا، وإنَّ ما يهمني ديوني التي ركبتني، فاقْضِها عني. وكانت ديونُه مستغرقةً لجميع ماله، ومع ذلك أَوْصى لبني ابنه. لأنه كان يَعْلم أنهم ليس لهم في الإِرث نصيبٍ، لكون ابنه حيًا، فجعل لهم ثُلْثَ ثُلُثِ الوصية، وتسع الكل، وكان الناسُ يستودِعون أموالَهم عنده، فيأبى أن يأخذها وديعةً مخافةَ الضياع، ويقول: ليست تلك وديعةً، ولكنها سَلَفٌ وقَرْضُ عليّ، وكان رَجُلا زاهِدًا أمينًا، لم يلِ الإِمارةَ، ولا شيئًا مطلقاً، فلما تُوفي، وقضى عنه ابنُه دَيْنه، وفَضَل مِن ماله فاضل، طلب منه الورثة أن يَقْسِمه بينهم، فأبى أن يفعله، إلا بعد أن يُنادي في موسم الحج، فإِنْ ظهر أنه لم يبق أحدٌ مِمَّن يكون له دينٌ عليه يَقسِمه بينهم، ففعل، ولما لم يَبْقَ من دَيْنه شيءٌ إلا وقد قضاه، أعطى الثَّمن لأزواجه، وذلك نصيبُهنَّ من التركة، وله يومئذٍ أربعُ نسوةٍ.
580;ەمەل (بۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىنى تاپشۇرۇش سەۋەبپلىك يۈز بەرگەن ئۇرۇش) كۈنىدە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم بىلەن شەھىد قىلىنىدىغاندەك ئويلاۋاتىمەن، مىنى غەمگە سالىدىغىنى بوينۇمدىكى قەرزلىرىم، سەن ئۇنى ئادا قىلغىن دېدى، زۇبەيرنىڭ مىلىنىڭ ھەممىسى قەرىزگە كېتەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئابدۇللانىڭ بالىلىرىغا بەزى ماللارنى ۋەسىيەت قىلدى، چۈنكى ئوغلى ھايات بولغاچقا ئۇلارنىڭ مىراستا نىسىۋىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇلارغا مۈلۈكنىڭ توققۇزدىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلدى، ئۇنىڭ توققۇز ئوغۇل-توققۇز قىزى بار ئىدى. كىشىلەر ماللىرىنى ئۇنىڭ يېنىدا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە، زايا قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئامانەت قىلىشقا ئۇنىماي، ئۇ ماڭا ئامانەت ئەمەس، قەرز بولسۇن» دەيىتتى، ئاتام دۇنياغا بېرىلمەيدىغان، ئىشەنچىلىك كىشى ئىدى، ھوقۇق-مەنسەپمۇ تۇتمىغان ئىدى، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئوغلى ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىپ مېلىدىن يەنە ئېشىپ قالغاندا ۋارىسلار ئابدۇللاھدىن دادىسىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئابدۇللاھ: ياق، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە ئېلان قىلىنىپ، قەرزى بارلاردىن بىرسىمۇ قالمىغانلىقىنى بىلگەندە ئاندىن تەقسىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ شۇنداق قىلدى، قەرىزنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندا زۇبەيرنىڭ ئاياللىرىغا مالنىڭ سەككىزدىن بىرىنى بەردى، ئۇلار تۆت ئايال بولۇپ، سەككىزدىن بىرى ئۇلارنىڭ مىراستىكى ئۈلىشى ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5864

 
Hadith   525   الحديث
الأهمية: يسروا ولا تعسروا، وبشروا ولا تنفروا


باشتېما:

ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خوش- خەۋەر بېرىپ، جەلىپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن كىشىلەرنى قاچۇرۋەتمەڭلار

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «يَسِّرُوا وَلاَ تُعَسِّرُوا، وَبَشِّرُوا وَلاَ تُنَفِّرُوا».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ: «ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خوش-خەۋەرلەر بېرىپ جەلىپ قىلىڭلار، ئۆزۈڭلاردىن كىشىلەرنى قاچۇرۋەتمەڭلار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يحب التخفيف واليسر على الناس فما خير -صلى الله عليه وسلم- بين أمرين قط إلا اختار أيسرهما ما لم يكن محرماً, فقوله: يسروا ولا تعسروا أي: في جميع الأحوال, وقوله: وبشروا ولا تنفروا, البشارة هي الإخبار بالخير عكس التنفير، ومن التنفير الإخبار بالسوء والشر.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە ئاسان، قولاي قىلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلسە، گۇناھ بولمىسلا ئىشنىڭ ئاسىنىنى تاللايتتى، كىشىلەرگە قىلغان تەۋسىيىسىدىمۇ: بارلىق ئىشلاردا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار، خوش- خەۋەر بېرىڭلار، قاچۇرماڭلار، خوش- خەۋەر دېگەن ياخشى خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈشتۇر، ئۇنىڭ ئەكسى بولسا ئۈركۈتۈشتۇر، يەنى يامان، بىئارام قىلىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈركۈتۈش بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5866

 
Hadith   526   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- اشترى من يهودي طعاما، ورهنه درعا من حديد


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان

عن عائشة بنت أبي بكر-رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم اشترى من يهودي طعاما، ورهنه دِرْعًا من حديد.

ئائىشە بىنتى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىدىن نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى گۆرۈگە قويغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
اشترى النبي صلى الله عليه وسلم من يهودي طعاماً من شعير، ورهنه ما هو محتاج إليه للجهاد في سبيل الله، وإعلاء كلمته، وهو درعه الذي يلبسه في الحروب، وقاية -بعد الله تعالى- من سلاح العدو، وكيدهم.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىدىن نېسىگە ئارپا سېتىۋالدى، ئۇنىڭغا ئاللاھ يولىدىكى ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىدىغان يولدىكى يەنى جىھادتا زۆرۈر بولىدىغان نەرسىنى گۆرۈگە قويدى. ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇشلاردا كېيىدىغان ئاللاھتىن قالسا ئۇنى دۈشمەننىڭ قۇرالى ۋە زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدىغان تۆمۈر ساۋۇتنى گۆرەگە قويدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5881

 
Hadith   527   الحديث
الأهمية: ألا أُعَلِّمُكَ كَلِماتٍ عَلَّمَنِيهنَّ رسُولُ الله -صلى الله عليه وسلم- لَوْ كَانَ عَلَيْكَ مِثْلُ جَبَلٍ دَيْنًا أدَّاهُ اللهُ عَنْكَ؟ قُلْ: اللهم اكفني بحلالك عن حرامك، وأغنني بفضلك عمن سواك


باشتېما:

مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن» دېگىن

عن علي - رضي الله عنه-: أن مُكَاتَبًا جاءه فقال: إني عَجَزْتُ عن كتابتي فَأَعِنِّي، قال: ألا أعلمك كلمات عَلَّمَنِيهِنَّ رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- لو كان عليك مثلَ جبلٍ دَيْنًا أَدَّاهُ الله عنك؟ قل: «اللهم اكْفِنِي بحلالك عن حرامك، وأَغْنِنِي بفضلك عَمَّنْ سِوَاكَ».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇنىڭ يېنىغا بىر توختاملىق قۇل كىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن توختامنى پۈتتۈرۈشتىن ئاجىز كەلدىم، ماڭا ياردەم قىلغىن، دېگەندە. ئۇنىڭغا ئەلى: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ماڭا ئۈگۈتۈپ قويغان سۆزلەرنى ئۈگۈتۈپ قويمايمۇ؟، تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ قەرزىڭنى ئادا قىلىپ بېرىدۇ، سەن: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مىنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغىن»دېگىن! دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يأتي مكاتب، وهو شخص قد كاتب سيده على أن يشتري حريته منه بمبلغ من المال مقسَّطًا، ولكن هذا العبد لم يجد مالًا لكي يسدد سيده؛ فلجأ إلى علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- يسأله أن يساعده في قضاء دينه، فأرشده -رضي الله عنه- إلى العلاج الرباني، وهو دعاء علمه إياه النبي -صلى الله عليه وسلم-، إذا قاله مخلصًا قضى الله عنه دينه ولو كان مثل الجبل، فقال له: قل: «اللهم اكفني بحلالك عن حرامك، وأغنني بفضلك عمن سواك».
والمعنى: اجعل لي كفاية في الحلال، تغنيني بها عن الحاجة للحرام، واجعل لي رزقًا من فضلك تغنيني به عن سؤال الناس.
576;ۇ ھەدىستە بىر توختاملىق قۇل-يەنى خوجىسىغا مەلۇم مىقداردا پۇلنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئازادلىقىنى سېتىۋىلىشقا كىلىشىم قىلغان، لېكىن تۆلەيدىغان پۇلنى تاپالمىغان قۇل، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنىڭ يېنىغا كىلىپ، قەرزىنى تۈگىتىشىگە ياردەم سورىغان، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا شەرئى بىر چىقىش يولىنى كۆرسۈتۈپ قويغان، ئۇ ئىخلاس بىلەن قىلسا تاغدەك قەرزى بولسىمۇ ئاللاھ ئادا قىلىپ بېرىدىغان، رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا ئۈگۈتۈپ قويغان دۇئا ئىدى،.ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھ! ھالال رىزقىڭ ئارقىلىق مېنى ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز مەرھىمىتىڭ بىلەن سەندىن باشقىدىن بىھاجەت قىلغان» دېگىن! دېگەن   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5884

 
Hadith   528   الحديث
الأهمية: إنك لن تُخلَّف فتعمل عملاً تبتغي به وجه الله إلا ازددت به درجة ورفعة، ولعلك أن تخلف حتى ينتفع بك أقوام، ويُضَرَّ    بك آخرون


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەج ۋىدا قىلغان يىلى مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقىنىمدا مېنى يوقلاپ كەلدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ تۇرۇپلا مەن ئېغىر كېسەلدە تۇرۇپتىمەن، مېنىڭ ئېقتىسادىم بار ئادەم، ماڭا پەقەت بىرلا قىز ماڭا مىراسخور بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن مېلىمنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: يېرىمىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ئۈچتەن بىرىنى قىل، ئەسلى ئۈچتەن بىرىمۇ كۆپ، مىراسخورلىرىڭنى باي ھالدا قويغۇنۇڭ ئۇلار كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان دەرجىدە كەمبەغەل قويغۇنۇڭدىن ياخشى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ نېمىنى چىقىم قىلساڭ ساۋابقا ئېرشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تاماق سەپ قويساڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىسەن، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ھەمراھلىرىم مەدىنىگە كەتتى، مەن ماڭالماي قېلىپ قالدىم، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ قانداق بىر ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجە مەرتىۋەڭ ئۆسىدۇ، مەككىدە قېلىپ قېلىشىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سەندىن مەنپەتلىنىپ، كاپىرلار سەندىن ئەرزىيەتكە ئۈچرىشى مۈمكىن، دەپ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىسىلا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسىلا! ئۇلارنى كەينىگە قايتۇرۋەتمىسىلە! بىراق بىچارە سەئد ئىبنى ئەبى خەۋلە، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان

عن سعد بن أبي وقاص -رضي الله عنه- قال: جاءني رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَعُودُنِي عام حَجَّةِ الوداع من وَجَعٍ اشْتَدَّ بي، فقلت: يا رسول الله، قد بلغ بي من الوَجَعِ ما ترى، وأنا ذو مال، ولا يَرِثُنِي إلا ابنةٌ أَفَأَتَصَدَّقُ بثلثي مالي؟ قال: لا، قلت: فالشَّطْرُ يا رسول الله؟ قال: لا، قلت: فالثلث؟ قال: الثلث، والثلث كثير، إنك إن تَذَرَ وَرَثَتَكَ أغنياء خيرٌ من أن تَذَرَهُم عالَةً يَتَكَفَّفُونَ الناس، وإنك لن تنفق نفقة تبتغي بها وجه الله إلا أُجِرْتَ بها، حتى ما تجعل في فِيْ امرأتك.
قال: قلت: يا رسول الله أُخَلَّفُ بعد أصحابي؟ قال: إنك لن تُخَلَّفُ فتعمل عملا تبتغي به وجه الله إلا ازْدَدْتَ به درجة ورِفْعَةً، ولعلك أن تُخَلَّفَ حتى ينتفع بك أقوام، ويُضَرُّ بك آخرون.
اللهم أَمْضِ لأصحابي هجرتهم، ولا تَرُدَّهُم على أَعْقَابِهِم، لكنِ البَائِسُ سعد بن خَوْلَةَ (يَرْثِي له رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن مات بمكة).

سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەج ۋىدا قىلغان يىلى مەن ئېغىر كېسەل بولۇپ ياتقىنىمدا مېنى يوقلاپ كەلدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ كۆرۈپ تۇرۇپلا مەن ئېغىر كېسەلدە تۇرۇپتىمەن، مېنىڭ ئېقتىسادىم بار ئادەم، ماڭا پەقەت بىرلا قىز ماڭا مىراسخور بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن مېلىمنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: يېرىمىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. مەن: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ئۈچتەن بىرىنى قىل، ئەسلى ئۈچتەن بىرىمۇ كۆپ، مىراسخورلىرىڭنى باي ھالدا قويغۇنۇڭ ئۇلار كىشىلەردىن سەدىقە تىلەيدىغان دەرجىدە كەمبەغەل قويغۇنۇڭدىن ياخشى، سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ نېمىنى چىقىم قىلساڭ ساۋابقا ئېرشىسەن، ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا بىر لوقما تاماق سەپ قويساڭمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىسەن، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ھەمراھلىرىم مەدىنىگە كەتتى، مەن ماڭالماي قېلىپ قالدىم، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: سەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىت قىلىپ قانداق بىر ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجە مەرتىۋەڭ ئۆسىدۇ، مەككىدە قېلىپ قېلىشىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار سەندىن مەنپەتلىنىپ، كاپىرلار سەندىن ئەرزىيەتكە ئۈچرىشى مۈمكىن، دەپ رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرگە دۇئا قىلدى: ئى ئاللاھ ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىسىلا ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسىلا! ئۇلارنى كەينىگە قايتۇرۋەتمىسىلە! بىراق بىچارە سەئد ئىبنى ئەبى خەۋلە، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مرض سعد بن أبي وقاص -رضى الله عنه- في حجة الوداع مرضًا شديدًا خاف من شدته الموت، فعاده النبي -صلى الله عليه وسلم- كعادته في تفقد أصحابه ومواساته إياهم، فذكر سعد للنبي -صلى الله عليه وسلم- من الدواعي، ما يعتقد أنها تسوغ له التصدق بالكثير من ماله، فقال: يا رسول الله، إنني قد اشتد بي الوجع الذي أخاف منه الموت، وإني صاحب مال كثير، وإنه ليس من الورثة الضعفاء الذين أخشى عليهم العيلة والضياع إلا ابنة واحدة، فبعد هذا هل أتصدق بثلثي مالي، لأقدمه لصالح عملي؟ فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: لا. قال: فالشطر يا رسول الله؟ قال: لا. قال: فالثلث؟ فقال: لا مانع من التصدق بالثلث مع أنه كثير. فالنزول إلى ما دونه من الربع والخمس أفضل. ثم بين له النبي -صلى الله عليه وسلم- الحكمة في النزول في الصدقة من أكثر المال إلى أقله بأمرين:
1- وهو أنه إن مات وقد ترك ورثته أغنياء منتفعين ببره وماله فذلك خير من أن يخرجه منهم إلى غيرهم، ويدعهم يعيشون على إحسان الناس.
2- وإما أن يبقى ويجد ماله، فينفقه في طرقه الشرعية، ويحتسب الأجر عند الله فيؤجر على ذلك، حتى في أوجب النفقات عليه وهو ما يطعمه زوجه.
ثم خاف سعد بن أبي وقاص أن يموت بمكة التي هاجر منها وتركها لوجه الله تعالى، فينقص ذلك من ثواب هجرته، فأخبره النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه لن يخلف قهرا في البلد التي هاجر منها، فيعمل فيه عملا ابتغاء ثواب الله إلا ازداد به درجة، ثم بشره -صلى الله عليه وسلم- بما يدل على أنه سيبرأ من مرضه، وينفع الله به المؤمنين، ويضر به الكافرين، فكان كما أخبر الصادق المصدوق، فقد بريء من مرضه، وصار القائد الأعلى في حرب الفرس، فنفع الله به الإسلام والمسلمين، وفتح الفتوح وضر به الله الشرك والمشركين، ثم دعا النبي -صلى الله عليه وسلم- لعموم أصحابه أن يحقق لهم درجتهم، وأن يقبلها منهم، وألا يردهم عن دينهم أو إلى البلاد التي هاجروا منها، فقبل الله منه ذلك، وله الحمد والمنة، والحمد لله الذي أعز بهم الإسلام.
ثم ذكر سعد بن خولة، وهو من المهاجرين الذين هاجروا من مكة ولكن الله قدر أن يموت فيها؛ فمات فيها، فرثى له النبي -عليه الصلاة والسلام-؛ أي: توجع له أن مات بمكة؛ وقد كانوا يكرهون للمهاجر أن يموت في الأرض التي هاجر منها.
587;ەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەججەتۇل ۋىدادا ئېغىر بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالدى ۋە ئۇ ئۆلۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىدى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى يوقلاپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھەر مۇناسىۋەتلەردە يوقلاپ تۇراتتى. سەئد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەدىقە قىلىۋىتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ كېسىلىم ئېغىرلىشىپ قالدى، بۇ كېسەلدە ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن، مەن بىر ئىقتىساد ئىگىسى، شۇنداقلا مېنىڭ بىر قىزىمدىن باشقا ھالىدىن ئەنسىرەيدىغان كۆپ مىراسخورلۇرۇم يوق. بۇنداق بولغان ئىكەن ئاخىرەتلىكنى كۆزلەپ ئىقتىسادىمنىڭ ئۈچتەن ئىككىىسىنى سەدىقە قىلسام بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ياق، دېدى. سەئد: ئۇنداقتا ئى رەسۇلۇللاھ يېرىمىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، دېدى. سەئد: ئۈچتەن بىرىنى سەدىقە قىلسامچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: گەرچە ئۈچتەن بىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇنچىلىك سەدىقە قىلساڭ بولىدۇ، دېدى. ئەمما تورتتەن بىرى ياكى بەستەن بىرىنى سەدىقە قىلىپ قالغىنىنى باللىرىڭغا قالدۇرۇشۇڭ ئەۋزەل، دېدى. ئاندىن ئۇنى يەنى كۆپنى قالدۇرۇپ ئازنى سەدىقە قىلىشنىڭ ھىكمىتىنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى. 1- باللىرىنى باشقىلارنىڭ خەيرى ئېھسانىغا تايىنىپ ياشايدىغان ھالدا قالدۇرغاندىن، مال-مۈلكىنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ پەرزەنىتلىرىنى كىشىلەرگە مۇھتاج قىلمىغان ئەۋزەل، دېدى. 2- مال-مۈلىكىنى پەرزەنىتلىرىگە قالدۇرغاندا ئۇلار شەرىئەت كۆرسەتكەن يوللارغا چىقىم قىلسا، ھەتتاكى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان نەپىقىلەرگە چىقىم قىلسىمۇ، ئايالىغا نەپىقە بەرسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەجرىگە ئېرشىدۇ، دېدى. ئاندىن سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ تەرك ئەتكەن ۋە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتكەن مەككە شەھرىدە ئۆلۈپ كېتپ ھىجرەتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەئدىگە بۇ يەردە سەن ئىختىيارسىز قېلىپ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قانداق بىر ياخشى ئىشنى قىلساڭ ئاخىرەتتە دەرىجەڭ ئۆسىدۇ، دەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ كېسىلى شىپا تاپىدىغانلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر بىرىپ، ئاللاھ تائالا سەئد ئارقىلىق مۆئمىنلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، كاپىرلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى دېدى. خۇددى راسىت سۆزلۈگۈچى ۋە راست سۆز كەلتۈرۈلگۈچى زات خەۋەر بەرگەندەك سەئد كېسەلدىن ساقىيىپ پارىسلار بىلەن بولغان جەڭگە باش قۇماندان بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا پايدا يەتكۈزدى، ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق كۆپ شەھەرلەر پەتھى قىلىپ مۇشرىكلار ۋە شېرىك ئەقىدىلەرنى يوقاتتى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالادىن بارلىق ساھابىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى دىندىن ۋە ھىجرەت قىلىپ چىققان يۇرۇتتىن قايتۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مىننەت ئاللا تائالاغا مەنسۈپ، ئۇلار بىلەن ئىسلامنى ئەزىز قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. ئاندىن سەئد ئىبنى خەۋلەنى تىلغا ئالدى، ئۇ بۇرۇنلا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلاردىن بولۇپ ئەمدىلىكتە مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ مەككىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىچ ئاغرىتقان. ساھابىلار مۇھاجىرلارنىڭ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۇ يەرگە كېلىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى ئېغىر سانايتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5885

 
Hadith   529   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يستحب الجوامع من الدعاء، ويدع ما سوى ذلك


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئىخچام، مەزمۇنى مول دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنى تاشلايتى

عن عائشة رضي الله عنها، قالت: كان رسول الله - صلى الله عليه وسلم - يَسْتَحِبُّ الجَوَامِعَ من الدعاء، ويَدَعُ ما سوى ذلك.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئىخچام، مەزمۇنى مول دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ باشقىلىرىنى تاشلايتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا دعا يختار من الدعاء أجمعه، فيختار كلمات جامعة عامة ويختار كذلك دعاء قليل اللفظ كثير المعنى، وهذا ليس عاما في كل الأحوال، وإنما أخبر الراوي بما علمه، ووردت أدعية أخرى فيها تفصيل وإسهاب، وكلا الأمرين مشروع.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇئا قىلغاندا ئومومى، مول مەزمۇنلۇق دۇئانى تاللايتى، شۇنىڭدەك ئۆزى ئىخچام، مەنىسى كۆپ دۇئانى تاللايتتى، بۇ ھەر قانداق ئەھۋالدا ئەمەس، رىۋايەتچى ئۆزى بىلگىنىنى يەتكۈزگەن، تەپسىلى ۋە ئۇزۇن باشقا دۇئالارنى قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى، ئىككىلىسى شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5886

 
Hadith   530   الحديث
الأهمية: ألحقوا الفرائض بأهلها، فما بقي فهو لأولى رجل ذكر


باشتېما:

مىراس تەقسىم قىلىشتا پەرز ئىگىلىرى (يەنى نېسىۋىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلەر) گە باشتا بېرىڭلار! ئۇنىڭدىن قالغىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أَلْحِقُوا الفَرَائِضَ بأهلها، فما بَقِيَ فهو لأَوْلَى رجل ذَكَرٍ».
وفي رواية: «اقْسِمُوا المالَ بين أهل الفَرَائِضِ على كتاب الله، فما تَرَكَتْ؛ فلأَوْلَى رجل ذَكَرٍ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : مىراس تەقسىم قىلىشتا پەرز ئىگىلىرى (يەنى نېسىۋىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلەر) گە باشتا بېرىڭلار! ئۇنىڭدىن قالغىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: مىراسنى پەرز ئىگىلىرى ئارىسىدا قۇرئان كەرىم تەقسىماتى بويۇنچە بولۇپ بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن ئاشقىنى مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىگە قالىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يأمر النبي -صلى الله عليه وسلم- القائمين على قسمة التركة أن يوزعوها على مستحقيها بالقسمة العادلة الشرعية كما أراد الله -تعالى-، فيعطى أصحاب الفروض المقدرة فروضهم في كتاب الله، وهي الثلثان والثلث والسدس والنصف والربع والثمن، فما بقى بعدها، فإنه يعطى إلى من هو أقرب إلى الميت من الرجال، ويسمون العصبة.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مىراس تەقسىم قىلىدىغانلارنى، مىراسنى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە، ئاللاھ تائالا ئىرادە قىلغان شەكىلدە، شەرىئەتنىڭ ئادىل تەقسىماتى بويۇنچە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە، بۇيرىدى. ئاللاھنىڭ كىتابىدا نىسىۋېسى ئېنىق بەلگىلەنگەن پەرز ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئۇ بەلگىلەنگەن نېسىۋىلەر: ئۈچتىن ئىككى، ئۈچتىن بىر، ئالتىدىن بىر، يېرىمى، تۆتتىن بىر ۋە سەككىزدىن بىر ھەسسىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان مىراسلار مېيىتكە ئەڭ يېقىن بولغان ئەر كىشىلەرگە بېرىلىدۇ، ئۇلار "ئەسەبە" دەپ ئاتىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5887

 
Hadith   531   الحديث
الأهمية: إياكم والدخول على النساء، فقال رجل من الأنصار: يا رسول الله، أرأيت الحمو؟ قال: الحمو الموت


باشتېما:

يات ئاياللار بار يەرگە كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! ئەنسارىلاردىن بىر كىشى ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمىبىرىمىز: ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىش ئۆلۈم بىلەن تەڭدۇر، دېدى

عن عقبة بن عامر -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إياكم والدخولَ على النساء، فقال رجل من الأنصار: يا رسول الله، أرأيتَ الحَمُو؟ قال: الحَمُو الموتُ».
ولمسلم: عن أبي الطاهر عن ابن وهب قال: سمعت الليث يقول: الحمو: أخو الزوج وما أشبهه من أقارب الزوج، ابن عم ونحوه.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: يات ئاياللار بار يەرگە كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! ئەنسارىلاردىن بىر كىشى ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمىبىرىمىز: ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىش ئۆلۈم بىلەن تەڭدۇر، دېدى. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئەبى تاھىر ئىبنى ۋەھەبدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن، لەيسنىڭ، (ئەلھەمۇ) دېگەن سۆزنى: ئېرىنىڭ ئوغۇل قېرىنداشلىرى ۋە ئېرىنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەر تۇغقانلىرى، تاغىسىنىڭ ئوغلى قاتارلىق ئەركەك تۇققانلار دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يحذر النبي -صلى الله عليه وسلم- من الدخول على النساء الأجنبيات، والخلوة بهن، فإنه ماخلا رجل بامرأة، إلا كان الشيطان ثالثهما فإن النفوس ضعيفة، والدوافع إلى المعاصي قوية، فتقع المحرمات، فنهى عن الخلوة بهن ابتعادا عن الشر وأسبابه.
فقال رجل: أخبرنا يا رسول الله، عن الحمو الذي هو قريب الزوج، فربما احتاج، إلى دخول بيت قريبه الزوج وفيه زوجته، أما له من رخصة؟
فقال -صلى الله عليه وسلم-: الحمو الموت، لأن الناس قد جروا على التساهل بدخوله، وعدم استنكار ذلك، فيخلو بالمرأة الأجنبية، فربما وقعت الفاحشة وطالت على غير علم ولا ريبة، فيكون الهلاك الديني، والدمار الأبدي، فليس له رخصة، بل احذروا منه ومن خلواته بنسائكم.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاياللار بىلەن خالى يەرگە كىرىپ يالغۇز قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى قانداق بىر ئادەم بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالىدىكەن، ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىز، گۇناھ - مەسىيەتكە بولغان قۇتراشلىرى كۈچلۈكتۇر. بەلكى ھارام ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا يامانلىقتىن ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپچى بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن يات ئەر-ئايالنىڭ خىلۋەت جايدا يالغۇز قىلىشىنى چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنسارلاردىن بىر كىشى، ئى رەسۇلۇللاھ (ئاياللارغا نىسبەتەن) ئەرلىرىنىڭ تۇغقانلىرىچۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بولغان ئۇ ئەرنىڭ ئايالى ئۆيىدە چاغدا، ئۇ ئۆيگە كىرىشكە مۇھتاج بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغىمۇ رۇخسەت يوقمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەركەك تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشى ئۆلۈم بىلەن باراۋەردۇر، دېدى. چۈنكى كىشىلەر بۇنى توسىماستىن بۇ ئىشقا سەل قاراپ كۆنۈپ قالغان، شۇڭا ئۆزىگە مەھرەم بولمىغان ئەرلەر بىلەن يالغۇز قېلىۋېرىدۇ، بەزىدە ھېچكىم بىلمەستىن ھەتتا گۇمانمۇ قىلماستىن زىنا - پاھىشە يۈز بېرىدۇ ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا دىنى ھالاكەت ۋە مەڭگۈلۈك ۋەيرانچىلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا رۇخسەت يوق، بەلكى ئەگەر غۇرۇرلۇق بولساڭلار ئەركەك تۇغقانلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلار بىلەن ئايرىم قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5888

 
Hadith   532   الحديث
الأهمية: الذهب بالذهب ربا، إلا هاء وهاء، والفضة بالفضة ربا، إلا هاء وهاء، والبر بالبر ربا، إلا هاء وهاء. والشعير بالشعير ربا، إلا هاء وهاء


باشتېما:

ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ

عن عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- مرفوعاً: «الذهب بالذهب رِباً، إلا هَاءَ وَهَاءَ، والفضة بالفضة ربا، إلا هَاءَ وهَاءَ، والبُرُّ بالبُرِّ ربا، إلا هاء وهاء. والشعير بالشعير ربا، إلا هاء وهاء».

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يبين النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث، كيفية البيع الصحيح بين هذه الأنواع، التي يجرى فيها الربا، فمن باع شيئًا ربويًا بجنسه، كالذهب بالذهب أو البر بالبر، فيجب أن يكونا متساويين وبلا تأجيل، ولو كانا مختلفين في الجودة أو النوع، ومن باع ذهبًا بفضةٍ فلا بد من الحلول والتقابض في مجلس العقد، وبدونه لا يصح العقد، لأن هذه مصارفة يشترط لصحتها التقابض، ولا يشترط التساوي لاختلاف الجنس.
كما أن من باع برا بشعير فلابد من التقابض بينهما في مجلس العقد لاتفاق البدلين في علة الربا.
الخلاصة: إذا اتفق الجنس فلا بد من التقابض والمساواة كالذهب بالذهب، ولو اختلفت الجودة.
وإذا اختلف الجنس واتفقت العلة فلا بد من التقابض ولا تشترط المساواة كالذهب بالعملات النقدية.
وإذا اختلفت العلة أو لم يكن المال ربويا فلا يشترط شيء، ويجوز التأجيل والمفاضلة.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئۆسۈم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ – ساتقاندا قانداق قىلغاندا توغرا شەكىلدە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بولسا، قانداق بىر ئادەم ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتسا، شۇ نەخ مەيداندا ھازىر بولىشى ۋە مالنى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە تاپشۇرۇۋېلىشى لازىم بولىدۇ. بۇ سودا پۇل ئالماشتۇرۇش تۈرىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىش شەرت قىلىندۇ. كىمكى بۇغداينى ئارپىغا ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئالماشتۇرسا، ئۇلار، ئۇ نەرسىلەرنى نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋالماستىن ئۇ يەردىن ئايرىلسا، بۇ سودىنى بۇزىدىغان جازانە بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. يەنى ئەگەر نەرسىلەرنىڭ تۈرى ئوخشاش بولسا، مەسىلەن: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندەك، گەرچە ئۇنىڭ سۈپىتىدە پەرقى بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىشى لازىمدۇر. ئەگەر تۈرى ئوخشىمىسا جازانە ئىللەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۋېلىش لازىم. ئەمما نەخ پۇلدا، ئالتۇن – كۈمۈشكە ئوخشاش ئېغىرلىقىنىڭ باراۋەر بولىشى شەرت ئەمەس. ئەگەر جازانىدىن ئىبارەت ئىللەتتە ئوخشاش بولمىسا ياكى جازانە بولىدىغان مالنىڭ تۈرىدىن بولمىسا ھېچنېمە شەرت قىلىنمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نېسى قىلىش ۋە كام - زىيادە قىلىشقا رۇخسەتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5889

 
Hadith   533   الحديث
الأهمية: بينما نحن في سفر مع النبي -صلى الله عليه وسلم- إذ جاء رجل على راحلة له


باشتېما:

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا تۆگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كەلدى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- قال: بينما نحن في سفرٍ مع النبيِّ -صلى الله عليه وسلم- إذ جاء رجلٌ على رَاحِلةٍ له، فجعلَ يَصرِفُ بصرَه يمينًا وشمالًا، فقال رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم-: "من كان معه فَضْلُ ظَهرٍ فَليَعُدْ به على من لا ظَهرَ له، ومن كان له فضلٌ من زادٍ، فَليَعُدْ به على من لا زادَ له"، فذكرَ من أصنافِ المالِ ما ذكر حتى رأينا أنه لا حقَّ لأحدٍ منَّا في فضلٍ.

ئەبۇ سەئىدىل خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىر سەپەردە كېتىۋاتقىنىمىزدا توگىسىگە مېنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۇياق-بۇياققا قارىغىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دەپ نۇرغۇن مال تۈرلىرىنى تىلغا ئالغانلىقىدىن بىز: «ئارتۇق نەرسدە ھېچ قايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ذكر أبو سعيد الخدري -رضي الله عنه- أنهم كانوا في سفر مع النبي -صلى الله عليه وسلم-، فجاء رجل على ناقة ينظر يمينا وشمالا ليجد شيئا يدفع به حاجته، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: من كان معه زيادة في المركوب فليتصدق به على من ليس معه، ومن كان معه زيادة في الطعام فليتصدق به على من ليس معه.
يقول الراوي: حتى ظننا أنه لا حق لأحدنا فيما هو زائد عن حاجته.
574;ەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر سەپەردە كېتىۋاتقاندا تۆگە مىنگەن بىر كىشى كىلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى قامدىغىدەك بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن ئوڭ-سول تەرەپلەرگە قاراشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمنىڭ ئارتۇق ئۇلىغى بولسا ئۇنى ئۇلىغى يوق ئادەمگە بەرسۇن، كىمنىڭ ئارتۇق ئوزۇقلىقى بولسا، ئۇنى ئوزۇقلىقى يوق ئادەمگە بەرسۇن» دېدى، رىۋايەت قىلغۇچى: «بىز ئارتۇق نەرسدە ھىچقايسىمىزنىڭ ھەققى يوق ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5906

 
Hadith   534   الحديث
الأهمية: تعاهدوا هذا القرآن، فوالذي نفس محمد بيده لهو أشد تفلتا مِنَ الإبلِ فِي عُقُلِهَا


باشتېما:

بۇ قۇرئاننى لازىم تۇتۇڭلار! مېنىڭ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇ باغلاقلىق تۆگىدىنمۇ بەك قاچىدۇ

عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «تعاهدوا هَذَا القُرْآنَ، فَوَالَّذِي نَفْسُ مُحَمَّدٍ بِيَدِهِ لَهُوَ أشَدُّ تَفَلُّتاً مِنَ الإبلِ فِي عُقُلِهَا». .

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ قۇرئاننى لازىم تۇتۇڭلار! مېنىڭ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇ باغلاقلىق تۆگىدىنمۇ بەكراق قاچىدۇ

Esin Hadith Caption Arabic


"تعاهدوا القرآن" أي: حافظوا على قراءته وواظبوا على تلاوته، وقوله: "فوالذي نفس محمد بيده لهو أشدّ تفلتاً" أي تخلصاً، "من الإبل في عقلها" جمع عقال، وهو حبل يشد به البعير في وسط الذراع، شبه القرآن في كونه محفوظاً عن ظهر القلب بالإبل النافرة وقد عقل عليها بالحبل، واللّه تعالى بلطفه منحهم هذه النعمة العظيمة فينبغي له أن يتعاهده بالحفظ والمواظبة عليه، فيجعل له حزباً معيناً يتعاهده كل يوم، حتى لا ينساه، وأما من نسيه بمقتضى الطبيعة فإنه لا يضر، لكن من أهمل وتغافل عنه بعد أن أنعم الله عليه بحفظه فإنه يخشى عليه من العقوبة، فينبغي الحرص على القرآن بتعاهده بالقراءة وتلاوته ليبقى في الصدر، وكذلك أيضا بالعمل به؛ لأن العمل بالشيء يؤدي إلى حفظه وبقائه.

602;ۇرئاننى لازىم تۇتۇڭلار، يەنى ئۇنى ئىزچىل تىلاۋەت قىلىپ ئوقۇپ تۇرۇڭلار دېمەكچى. «مېنىڭ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇ باغلاقلىق تۆگىدىنمۇ بەكراق قاچىدۇ» بەك قاچىدۇ، دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، تىز ئۇنتۇلىنىدۇ، دېگەن مەنىدە. «عقلها» دېگەن «عقال» نىڭ كۆپلۈكى ئۇ بولسىمۇ تۆگىنىڭ پۇتىنىڭ ئوتتۇرىدىن باغلايدىغان ئارقان. قۇرئاننى يادقا ئېلىپ زىھنىدە ساقلاشنى ئارقان بىلەن باغلانغان، قاچقاق تۆگىگە ئوخشاتقان. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۆز پەزلى بىلەن بۇ بۈيۈك نېمەتنى بەرگەن. ئۇنى لازىم تۇتۇپ ئىزچىل تىلاۋەت قىلىپ تۇرىشى كېرەك. ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەر كۈنى مەلۇم مىقدارنى ۋەزىپە شەكلىدە ئوقۇپ تۇرشى لازىم. لېكىن سەل قارىماستەن ئۇنتۇلۇپ قالسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە قۇرئاننى يادقا ئېلىشنى ئاسان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ كىشى سەل قاراپ، تاشلاپ قويغانلىقتىن ئۇنتۇلۇپ قالسا ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئوچرىشى مۈمكىن. ئۇنداق بولغان ئىكەن قۇرئاننى ئېسىدە ياخشى ساقلاش ئۈچۈن، ئىزچىل تىلاۋەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا ھەم ئەمەل قىلىشى زۆرۈر، چۈنكى ئوقۇغانغا ئەمەل قىلىش، ئۇنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن مۇھىم ئامىل   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5907

 
Hadith   535   الحديث
الأهمية: تعرض الأعمال يوم الإثنين والخميس فَأحِبُّ أَنْ يعْرَض عملي وأنا صائم


باشتېما:

ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعًا: «تُعْرَضُ الأعمالُ يومَ الاثنين والخميس، فَأُحِبُّ أَنْ يُعْرَضَ عَملي وأنا صائم».
وفي رواية: «تُفْتَحُ أبوابُ الجَنَّةِ يومَ الاثنين والخميس، فَيُغْفَرُ لكلِّ عبد لا يُشْرِكُ بالله شيئا، إِلا رجلا كان بينه وبين أخيه شَحْنَاءُ، فَيُقَالُ: أَنظِروا هذيْن حتى يَصْطَلِحَا، أنظروا هذين حتى يصطلحا».
وفي رواية: «تُعْرَضُ الأَعْمَالُ في كلِّ اثْنَيْنِ وَخَميسٍ، فَيَغْفِرُ اللهُ لِكُلِّ امْرِئٍ لا يُشْرِكُ بالله شيئاً، إِلاَّ امْرَءاً كانت بينه وبين أخِيهِ شَحْنَاءُ، فيقول: اتْرُكُوا هذَيْنِ حتى يَصْطَلِحَا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىمىغان كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ: ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار، ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر بۇ ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كۆتۈرلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، پەقەت قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە: بۇ ئىككىسى ئەپلەشكەنگە قەدەر ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، دەيدۇ

Esin Hadith Caption Arabic


"تعرض الأعمال" أي: على الله -تعالى-، "يوم الاثنين والخميس فأحب أن يعرض عملي، وأنا صائم"، أي: طلباً لزيادة رفعة الدرجة، وحصول الأجر.
واللفظ الآخر: "تفتح أبواب الجنة في كل يوم اثنين وخميس" حقيقة؛ لأن الجنة مخلوقة، قوله: "فيغفر فيهما لكل عبد لا يشرك بالله شيئاً" أي: تغفر ذنوبه الصغائر، وأما الكبائر فلابد لها من توبة، قوله: "إلا رجل" أي: إنسان، "كان بينه وبين أخيه" أي: في الإسلام، "شحناء" أي عداوة وبغضاء "فيقال: انظروا" يعني: يقول الله للملائكة: أخروا وأمهلوا، "هذين" أي: الرجلين الذي بينهما عداوة، زجراً لهما أو من ذنب الهجران "حتى" ترتفع الشحناء و"يصطلحا" أي: يتصالحا ويزول عنهما الشحناء، فدل ذلك على أنه يجب على الإنسان أن يبادر بإزالة الشحناء والعداوة والبغضاء بينه وبين إخوانه، حتى وإن رأى في نفسه غضاضة وثقلاً في طلب إزالة الشحناء فليصبر وليحتسب؛ لأن العاقبة في ذلك حميدة، والإنسان إذا رأى ما في العمل من الخير والأجر والثواب سهل عليه، وكذلك إذا رأى الوعيد على تركه سهل عليه فعله. Esin Hadith Caption Uyghur


«ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدۇ» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆزۈرىغا كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» يەنى جەننەتتىكى دەرىجەمنىڭ يۇقىرى بولىشى، كۆپ ساۋابقا ئىرشىشىم ئۈچۈن، دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئىبارىدە: «جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەت مەنىسىدە. چۈنكى توغرا كۆز قاراشتا جەننەتنى ئاللاھ تائالا يارتىپ بولغان. «ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ» بۇ پەقەت كىچىك گۇناھلارغا قارىتا دېيىلگەن. ئەمما چوڭ گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش لازىم. «پەقەت بىر ئەر» دەپ كەلگەن، يەنى بىر ئىنسان، دېمەكچى. «قېرىندىشى بىلەن» دېگىنى ئىسلامى قېرىنداشلىقنى دېمەكچى. «ئارسىدا ئاداۋەت» دېگىنى خاپىلىق ۋە ئازارلىشىش دېمەكچى. «مۆھلەت بىرىڭلار» بۇ سۆزنى ئاللاھ تائالا مالائىكىلەرگە دېگەن. يەنى گۇناھنى يېزىشنى كىچىكتۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار، دېگەن مەنىدە. «بۇ ئىككىسى» ئاداۋەت ساقلىغان بۇ ئىككى كىشى، ئۇلارنى ئەيىپلەپ ياكى گۇناھلىرىنى ئەيىپلىگەن مەنىدە. «ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر» يەنى ئۇلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت تۈگىگەن، يوقالغانغا قەدەر. بۇ ئىبارە، مۇسۇلمان كىشى بىر قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەتلەشكەن بولسا بۇنى يوقىتىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى، ھەتتا بۇ ئىشتا غورۇرىغا قارشى ئىش قىلىش ۋە كۆڭلىگە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەبىر قىلىش، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋابنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ ۋە يەنە ئىنسان بىر ئىشتا ياخشىلىق ۋە ساۋاب مۇكاپات بارلىقىنى بىلسە ئۇنىڭغا ئاسان بىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە بىر ئىشتا جازا ۋە تەھدىت بارلىقىنى بىلسە ئۇنى تاشلاش ۋە يىراق تۇرۇش ئاسانغا توختايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5908

 
Hadith   536   الحديث
الأهمية: خيركم من تعلم القرآن وعلمه


باشتېما:

سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەن كىشىلەردۇر

عن عثمان بن عفان -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «خَيرُكُم من تعلَّمَ القرآنَ وعلَّمَهُ».

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەن كىشىلەردۇر

Esin Hadith Caption Arabic


"خيركم من تعلم القرآن وعلمه" هذا الخطاب عام للأمة، فخير الناس من جمع بين هذين الوصفين من تعلم القرآن وعَلَّمَ القرآن، تعلمه من غيره وعلمه غيره؛ لأن تعلم القرآن من أشرف العلوم، والتعلم والتعليم يشمل التعلم اللفظي والمعنوي، فمن حفظ القرآن يعني: صار يعلم الناس التلاوة، ويحفظهم إياه فهو داخل في التعليم، وكذلك من تعلم القرآن على هذا الوجه فهو داخل في التعلم، والنوع الثاني: تعليم المعنى يعني: تعليم التفسير أن الإنسان يجلس إلى الناس يعلمهم تفسير كلام الله -عز وجل- كيف يفسر القرآن، فإذا علم الإنسان غيره كيف يفسر القرآن وأعطاه القواعد في ذلك فهذا من تعليم القرآن.

602;ۇرئاننى ئۈگەتكەن ۋە ئۈگەنگەن كىشى سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلاردۇر، دېگەن بۇ سۆز بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارتىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى بولسا بۇ ئىككى سۈپەت تېپىلغان كىشى، قۇرئاننى ئۈگۈنۈش ۋە ئۈگۈتۈش سۈپىتى تېپىلغان، باشقىلاردىن ئۈگۈنۈپ باشقىلارغا ئۈگەتكەن كىشىلەردۇر. چۈنكى قۇرئاننى ئۈگۈنۈش ئىلىملارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى. ئۈگۈنۈش ۋە ئۈگۈتۈش لەپزى ۋە مەنىۋى ئۈگۈتۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كىمىكى قۇرئاننى يادىغا ئالدۇرسا، يەنى كىشىلەرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى ئۈگەتسە، يادىغا ئالدۇرسا بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. يەنە بىر كىشى قۇرئاننى بۇ شەكىلدە ئۈگەنسىمۇ بۇ تۈرگە كىرىدۇ. ئىككىنچى تۈرى مەنىۋى ئۈگۈتۈش يەنى قۇرئاننىڭ تەپسىرىنى يېشىپ ئاۋام خەلىققا ۋە تالىبلارغا چۈشەندۈرۈش، ئاللاھنىڭ كالامىنى قانداق چۈشۈنۈشكە ئالاقىدار قائىدە پىرىنسىپلارنى بايان قىلىپ بېرىش بۇمۇ قۇرئاننى ئۈگۈتۈشكە كىرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5913

 
Hadith   537   الحديث
الأهمية: ألم تري أن مجززا نظر آنفا إلى زيد بن حارثة وأسامة بن زيد، فقال: إن بعض هذه الأقدام لمن بعض


باشتېما:

كۆرمىدىڭىزمۇ؟ قىياپەتچى مۇجەززىز زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن زەيىدنىڭ ئوغلى ئۇسامىگە قاراپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپتۇر،-دېدى

عن عائشة -رضي الله عنها-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- دخل عليَّ مسرورًا تبرُقُ أسارِيرُ وجهه. فقال: ألم تَرَيْ أن مُجَزِّزًا نظر آنفًا إلى زيد بن حارثة وأسامة بن زيد، فقال: إن بعض هذه الأقدام لمن بعض».
   وفي لفظ: «كان مجزِّزٌ قائفًا».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدسىتە، ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمغا چىرايىدىن خۇشاللىق نامايەن بولغان ھالدا كىرىپ: «قىياپەتچى مۇجەززىز زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن زەيىدنىڭ ئوغلى ئۇسامىگە قاراپ: كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپ،-دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە: «مۇجەززىز قىياپەتچى ئىدى» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان زيد بن حارثة أبيض اللون، وابنه أسامة أسمر، وكان الناس    يرتابون فيهما -من أَجْلِ اختلاف لونيهما-، ويتكلمون في صحة نسبة أسامة إلى أبيه، بما يؤذى رسول الله صلى الله عليه وسلم.
فمرَّ عليهما (مجزِّز المدلجي) القائف، وهما قد غَطَّيَا رَأسيْهما في قطيفة -أي رداء-، وبدت أرجلهما.
فقال إن بعض هذه الأقدام لَمنْ بعض، لما رأى بينهن من الشبه.
وكان كلام هذا القائف على سمع من النبي صلى الله عليه وسلم، فسُرَّ بذلك سرورا كثيرا، حتى دخل على عائشة وأسارير وجهه تَبْرق، فرحًا واستبشارًا للاطمئنان إلى صحة نسبة أسامة إلى أبيه، ولِدحْض كلام الذين يطلقون ألسنتهم في أعراض الناس بغير علم.
586;ەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ چىرايى ئاق، ئوغلى ئۇسامە بۇغداي ئۆڭ ئىدى، كىشىلەر ئىككىسىنىڭ رەڭگى پەرقلىق بولغانلىقتىن ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشاتتى. بىر كۈنى ئۇلار باشلىرىنى رىدا بىلەن يېپىپ، پۇتلىرى ئىچىلىپ قالغان ھالىتىدە ئىدى، مۇدلىجلىق قىياپەتچى مۇجەززىز ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، پۇتلاردىكى ئوخشاشلىقنى كۆرۈپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپ،-دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ قىياپەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئابرويىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قالايمىقان بىلجىرلايدىغانلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىلگەنلىكتىن، ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىگە كۆڭلى خاتىرجەم بولغانلىقتىن ئائىشەنىڭ يېنىغا چىرايىدىن خۇشاللىق نامايەن بولغان ھالدا كىردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5916

 
Hadith   538   الحديث
الأهمية: لا تلقوا الركبان، ولا يبع بعضكم على بيع بعض، ولا تناجشوا، ولا يبع حاضر لباد، ولا تصروا الإبل والغنم


باشتېما:

بازارغا كىرىۋاتقان مالنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئېلىۋالماڭلار، بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنىڭ پۈتۈپ بولغان سودىسىنى بۇزۇپ ئۆزى سودا قىلمىسۇن، شەھەرلىك سەھرالىققا بىرنەرسە ساتمىسۇن، تۆگىنىڭ ۋە قوينىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىتىپ ساتماڭلار

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم-: «لا تَلَقَّوُا الرُّكبان، ولا يبع بعضكم على بيع بعض، ولا تَنَاجَشُوان ولا يبع حَاضِرٌ لِبَادٍ، ولا تُصَرُّوا الإبلَ والغنم، ومن ابتاعها فهو بخير النَّظَرَين بعد أن يحلبها: إن رَضِيَهَا أمسكها، وإن سَخِطَها رَدَّهَا وَصَاعا ًمن تمر».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بازارغا كىرىۋاتقان مالنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئېلىۋالماڭلار، بىرىڭلار يەنە بىرىڭلارنىڭ پىتىپ بولغان سودىسىنى بۇزۇپ ئۆزى سودا قىلمىسۇن، سەھرالىقنىڭ مېلىنى ئۆزى ساتماي شەھەرلىك سېتىپ بەرمىسۇن، تۆگىنىڭ ۋە قوينىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىتىپ ساتمىسۇن، كىمكى ئاشۇنداق سېتىۋالغان بولسا ئۇنى سېغىپ باققاندىن كېيىن ئىختىيارى بار، ئەگەر رازى بولسا تۇتۇۋەرسۇن، ئۇنداق بولمىسا ئۇ مالنى بىر سا خورما بىلەن قايتۇرۇپ بەرسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ينهى النبي صلى الله عليه وسلم عن خمسة أنواع من البيع المحرم، لما فيها من الأضرار العائدة على البائع أو المشتري أو غيرهما.
1 - فنهى عن تلقي القادمين لبيع سلعهم من طعام وحيوان، فيقصدهم قبل أن يصلوا إلى السوق، فيشترى منهم، فلجهلهم بالسعر، ربما غبنهم في بيعهم، وحرمهم من باقي رزقهم الذي تعبوا فيه.
2- كما نهى أن يبيع أحد على بيع أحد، ومثله في الشراء على شرائه.
وذلك بأن يقول في خيار المجلس أو الشرط: أعطيك أحسن من هذه السلعة أو بأرخص من هذا الثمن، إن كان مشتريا، أو أشتريها منك بأكثر من ثمنها، إن كان بائعا، ليفسخ البيع، ويعقد معه.
وكذا بعد الخيارين، نهى عن ذلك، لما يسببه هذا التحريش من التشاحن والعداوة والبغضاء ؛ ولما فيه من قطع رزق صاحبه.
3- ثم نهى عن النجش، الذي هو الزيادة في السلعة لغير قصد الشراء، وإنما لنفع البائع بزيادة الثمن، أو ضرر المشتري بإغلاء السلعة عليه ونهى عنه، لما يترتب عليه من الكذب والتغرير بالمشترين، ورفع ثمن السلع عن طريق المكر والخداع.
4- وكذلك نهى أن يبيع الحاضر للبادي سلعته لأنه يكون محيطاً بسعرها ؛ فلا يبقى منه شيئاً ينتفع به المشترون. والنبي صلى الله عليه وسلم يقول: "دعوا الناس، يرزق الله بعضهم من بعض" .
5- النهي عن بيع المصراة من بهيمة الأنعام، فيظن المشتري أن هذا عادة لها فيشتريها زائداً في ثمنها مالا تستحقه، فيكون قد غش المشتري وظلمه.
فجعل الشارع له مدة يتدارك بها ظلامته ، وهي الخيار ثلاثة أيام له أن يمسكها، وله أن يردها على البائع بعد أن يعلم أنها مصراة.
فإن كان قد حلب اللبن ردها ورد معها صاع تمر بدلا منه.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھارام قىلىنغان بەش خىل تۈردىكى سودىدىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇنىڭدا ساتقۇچى، ئالغۇچى ۋە ئۇندىن باشقىلارغا زىيان بولىدۇ. 1- سىرتتىن ماللىرىنى ساتقىلى كەلگەنلەرنى بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن ئالدىنى توسۇپ سېتىۋېلىشتىن توسقان. چۈنكى ئۇلار بازارنىڭ ھەقىقى باھاسىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بەزىدە ئۇلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ جاپاسىغا لايىق رىزقىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. 2- بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى سېتىۋېلىشتىن چەكلىدى. مەسىلەن: بىر سودىنىڭ مەسلىھەت قىلىش پۇرسىتىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن، ساتقۇچى بولسا خېرىدارغا: مەن ساڭا بۇ مالدىن ياخشىراقنى بىرىمەن ياكى بۇ باھادىن ئەزانراق بىرىمەن، دەيدۇ. خېرىدار بولسا: مەن بۇ مالنى ئا كىشىدىن قىممەترەك ئالىمەن، دەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى سودىنى بۇزۇپ ئۆزى سودىلىشىش ئۈچۈن قىلىدۇ. بۇنىڭدىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنداق قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ ئۆچ ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە، ۋە كىشىلەرنىڭ رىزقىنىڭ كىسىلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. 3- مالنى ئالمايدىغان نىيىتى تۇرۇپ، ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ساتقۇچىغا پايدا يەتكۈزۈش ياكى سېتىۋالغۇچىغا زىيان سېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنىڭدا يالغانچىلىق، خېرىدارنى ئالداش، ھىلە – مىكىر قىلىش ئارقىلىق مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش بارلىققا كىلىدۇ. 4- شۇنىڭدەك يەنە، سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماستىن، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىدىن چەكلىدى. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا بۇ شەھەرلىك تەپسىلى ئەھۋالنى بىلگەچكە باشقا خىرىدارلارغا پەقەت پايدا يەتكۈزمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار! ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئارقىلىق رىزقىلاندۇرىدۇ، دەيدۇ. 5- سېغىن چارۋىلارغا ھىلە ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يىلىنىنى چوڭ كۆرسىۈتۈپ سىتىشتىن چەكلىدى، بۇنداق قىلغاندا خېرىدار بۇ مال نورمالدىمۇ مۇشۇنداق سۈتلۈك ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇنى نورمال باھادىن قىممەت سېتىۋالىدۇ. بۇنداق قىلغاندا خېرىدارنى ئالداپ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا شەرىئەت مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇشقا پۇرسەت بەردى. يەنى ئالغۇچى ئۈچ كۈن ئۇ مالنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ئويلىنىش پۇرسىتىدۇر. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ساختا سۈتلۈك ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇنى ئېلىپ قېلىش ياكى قايتۇرۇۋېتىش ئىختىيارلىقى بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە ئۇ مالنى ساغقان بولسا، مال بىلەن بىر سا مىقدارىدا خورما بىلەن بىللە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5918

 
Hadith   539   الحديث
الأهمية: نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن يبيع حاضر لباد، ولا تناجشوا، ولا يبع الرجل على بيع أخيه، ولا يخطب على خطبته


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى، مال ئالمايدىغان تۇرۇپ قەستەن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇشنى، بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشى، بىرسىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئېغىز ئىچىشى قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-: «نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن يبيع حاضرٌ لباد، ولا تناجشوا. ولا يبَعِ ِالرجل على بيع أخيه، ولا يخطب على خطبته ، ولا تسأل المرأة طلاق أختها لتِكْفَأَ ما في صَحفَتِهَا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ئىشلاردىن چەكلىگەن: سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى، مال ئالمايدىغان تۇرۇپ قەستەن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇشى، بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشى، بىرسىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئېغىز ئىچىشى قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىدى. ئايال كىشى نەپەقەدە يەككە بولۇش ئۈچۈن ئىرىدىن ئۇنىڭ يەنە بىر ئايالىنى تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى توغرا ئەمەس

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يحرص الشرع الحنيف على إزالة كل ما يسبب العداوة والبغضاء بين أبناء المجتمع المسلم، ويظهر هذا جليًّا من خلال هذا النص، ففيه النهي عن الزيادة في السلعة لغير قصد الشراء، وإنما لنفع البائع بزيادة الثمن، أو ضرر المشتري بإغلاء السلعة عليه، ونهى عنه لما يترتب عليه من الكذب والتغرير بالمشترين، ورفع ثمن السلع عن طريق المكر والخداع.
وكذلك نهى أن يبيع الحاضر للبادي سلعته لأنه يكون محيطًا بسعرها؛ فلا ينقص منه شيئًا ينتفع به المشترون. والنبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: "دعوا الناس، يرزق الله بعضهم من بعض"، وإذا باعها صاحبها بما يكفيه حصل فيها شيء من السعة على المشترين.
تحريم خطبة النكاح على خطبة أخيه، حتى يعلم أن الخاطب رُد عن طلبه، ولم يُجَبْ، لما تسبب الخِطْبة على خِطبةْ الغير من العداوة والبغضاء، والتعرض لقطع الرزق.
تحريم سؤال المرأة زوجها أن يطلق ضرتها، أو توغير صدره عليها، أو الفتنة بينهما، ليحصل بينهما الشر، فيفارقها، فهذا حرام، لما يحتوى عليه من المفاسد الكبيرة، من توريث العداوات، وجلب الإحن ، وقطع رزق المطلقة، الذي كنى عنه بِكَفْءِ ما في إنائها من الخير الذي سببه النكاح وما يوجبه من نفقة وكسوة وغيرها من الحقوق الزوجية.
574;ىسلام شەرىئىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىشقا ھېرىسمەندۇر. بۇ تۆۋەندىكى دەلىلدە ناھايىتى روشەن بايان قىلىنىدۇ: مالنى ئالمايدىغان تۇرۇپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ساتقۇچىغا پايدا يەتكۈزۈش ياكى مالنى قىممەت قىلىۋېتىش ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىغا زىيان سېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنىڭدا يالغانچىلىق، خېرىدارنى ئالداش، ھىلە-مىكىر قىلىش ئارقىلىق مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بارلىققا كىلىدۇ. سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىك ئارىچىنىڭ سېتىپ بېرىشىنى چەكلىدى. چۈنكى شەھەرلىك مال باھاسىنى تەپسىلى بىلگەچكە باشقا خىرىدارلارغا پەقەت پايدا يەتكۈزمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار! ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئارقىلىق رىزقىلاندۇرىدۇ، دەيدۇ. ئەگەر مالنىڭ ئىگىسى ئۆزى ساتسا خېرىدارلارغا بىرئاز پايدا چىققۇدەك كەڭچىلىك بولىدۇ. سەھرالىقنىڭ مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى چەكلەشتە، شەھەردە مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن بىرئاز قىينچىلىق بولىدۇ. بىر ئادەم توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزدىن يېنىشقانلىقىنى ئېنىق بىلمىگۈچە قەدەر، نىكاھلىنىش توغرىسىدا ئېغىز ئىچىش ھارامدۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۆچ-ئاداۋەتكە ۋە باشقىلارنىڭ رىزقىنى كېسىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. بىر ئايال يولدىشىدىن كۈندىشىنى تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى ياكى ئىرىنىڭ ئىككىنچى ئايالى ئۈچۈن ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ئۈچۈن پىتنە سېلىشى ھارامدۇر. چۈنكى بۇ ئىشلار چوڭ يامانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن؛ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىغا ئۆچ-ئاداۋەت سېلىش، ۋە تالاق بولغان ئايالنىڭ رىزقىنى كېسىش، كۈندۈشىنىڭ ئىرى بىلەن نىكاھلىنىشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ يولدىشىدىن ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان ئائىلە چىقىمى ۋە كىيىم-كىچەك، ئەر-ئاياللىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان ئىشلاردا يالغۇز بولۇشى ئۈچۈن ئايالنىڭ ئىرىدىن تالىقىنى تەلەپ قىلىشى ھارامدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5919

 
Hadith   540   الحديث
الأهمية: نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن الفضة بالفضة، والذهب بالذهب، إلا سواء بسواء، وأمرنا أن نشتري الفضة بالذهب، كيف شئنا، ونشتري الذهب بالفضة كيف شئنا


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا بۇيرۇدى

عن أبي بكرة -رضي الله عنه- قال: «نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن الفضة بالفضة، والذهب بالذهب، إلا سَوَاءً بسوَاءٍ، وأمرنا أن نشتري الفضة بالذهب، كيف شئنا. ونشتري الذهب بالفضة كيف شئنا، قال: فسأله رجل فقال: يدا بيد؟ فقال: هكذا سمعت».

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا بۇيرۇدى،-دېدى، بىر كىشى ئۇنىڭدىن قولمۇ-قول بولۇشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئەبۇ بەكرە: مەن يۇقارقىدەك ئاڭلىغان،- دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان بيع الذهب بالذهب، والفضة بالفضة، متفاضلا ربًا، نهى عنه ما لم يكونا متساويين، وزنًا بوزن، أما بيع الذهب بالفضة، أو الفضة بالذهب، فلا بأس به، وإن كانا متفاضلين، على أنه لابد في صحة ذلك من التقابض في مجلس العقد، وإلا كان ربا النسيئة المحرم، لأنه لما اختلف الجنس جاز التفاضل، وبقي شرط التقابض، لعلة الربا الجامعة بينهما.
574;التۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە پەرقلىق قىلىپ سېتىش جازانە بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەڭ بولمىسا ئېلىپ-سېتىش چەكلەندى، ئەمما سودا مەيدانىدا نەخ ئېلىش ۋە تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە پەرقلىق بولسىمۇ سېتىشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا چەكلەنگەن نېسى جازانىسى بولىدۇ، چۈنكى تۈر پەرقلىق بولسا ئارتۇق-كەم قىلىپ سودا قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئىلىم-سېتىم قىلىنغان ئالتۇن-كۇمۇشنى سودا بولغان ۋاقىتتا قولغا نەخ ئىلىش شەرت قىلىنمىغىنىدا جازانىغا ئىلىپ بارىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5921

 
Hadith   541   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى عن نكاح المتعة يوم خيبر، وعن لحوم الحمر الأهلية


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى مەنپەئەت نىكاھىدىن (مۇتئە) ۋە ئېشەك گۆشى يېيىشتىن چەكلىدى

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- «أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى عن نكاح المتعة يوم خيبر، وعن لحوم الحُمُرِ الأهلية».

ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنى مەنپەئەت نىكاھىدن ۋە ئېشەك گۆشى يېيىشتىن چەكلىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قصد الشرع من النكاح الاجتماع والدوام والألفة، وبناء الأسرة وتكوينها، وحرم بعض الصور التي تخالف مقصود الشرع من النكاح، ولهذا    حرم النبي صلى الله عليه وسلم زمن خيبر نكاح (المتعة)، وهو أن يتزوج الرجل المرأة إلى أجل، بعد أن كان مباحًا في أول الإسلام لداعي الضرورة، وكذلك نهى عن أكل الحمر المملوكة التي لها أهل ترجع إليهم ويرجعون إليها ضد الوحشية.
574;ىسلام شەرىئىتى نىكاھدىن ئەر-ئايالنىڭ ئىزچىل بىرگە بولۇپ، مۇھەببەت بىلەن ئائىلە قۇرۇپ، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىپ، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە خىلاپ بولغان بەزى شەكلى ئۆزگەرگەن نىكاھلارنى ھارام قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم خەيبەر غازىتى كۈنىدە مەنپەئەت نىكاھىنى (ئۇ ئەر كىشى ئايال بىلەن مەلۇم ۋاقىتقىچە نىكاھلىنىش) ھارام قىلغان، ئۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىلىرىدە زۆرۈر بولغانلىقتىن يولغا قويۇلغان. يەنە رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئىگىلىرى تەرىپىدىن مۈلۈك ھىسابىدا ئائىلىلەردە بىقىلىدىغان ئېشەك گۆشىنى يېيىشنى ھارام قىلغان، ياۋا ئىشەك بۇنىڭ سىرتىدا   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5922

 
Hadith   542   الحديث
الأهمية: الله أكبر، إنها السُّنَنُ! قلتم والذي نفسي بيده كما قالت بنو إسرائيل لموسى


باشتېما:

ئاللاھۇ ئەكبەر! بۇنىڭ ئادەت ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق، مېنىڭ نەپسىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بەنى ئىسرائىل مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دېگەندەكلا دېدىڭلار

عن أبي واقد الليثي -رضي الله عنه- قال: خَرَجْنا مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إلى حُنَيْنٍ ونحن حُدَثاءُ عَهْد بكُفْرٍ، وللمشركين سِدْرَةٌ يَعْكُفُون عندَها، ويَنُوطُون بها أسلحتهم، يُقَالُ لها: ذاتُ أَنْوَاطٍ، فمَرَرْنا بسِدْرَةٍ فقلنا: يا رسول الله، اجعل لنا ذاتَ أَنْوَاطٍ كما لهم ذاتُ أَنْواطٍ؛ فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «الله أكبر، إنها السُّنَنُ! قلتم والذي نفسي بيده كما قالت بنو إسرائيل لموسى: {اجْعَلْ لَنَا إِلَهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ} لتَرْكَبُنَ سُنَنَ من كان قَبْلَكم».

ئەبۇ ۋاقىد لەيسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھۇنەينگە چىققان كۈنىدە بىز تېخى يېڭى مۇسۇلمان بولغان ئىدۇق، مۇشرىكلار قوراللىرىنى ئېسىپ قويۇپ چوقۇنىدىغان «زاتۇ ئەنۋات» ئىسىملىك بىر تۈپ دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، ساھابىلار ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلارنىڭ زاتۇ ئەنۋات دەرىخى بولغىنىدەك بىزگىمۇ زاتۇ ئەنۋاتتىن بىرنى قىلىپ بەرسەڭ، دېگەنىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھۇ ئەكبەر! ئادەتنىڭ ئۆزى، مۇسانىڭ قەۋمى: «ئى مۇسا بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېگەندەكلا دېدىڭلارغۇ؟ جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئىزىنى باسماي قالمايسىلەر، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يُخْبِرُ أبو وَاقِد الليثي رضي الله عنه عن واقعة فيها عَجَبٌ ومَوْعِظَة: وهي أنهم غَزَوْا مع رسول الله صلى الله عليه وسلم قبيلة هَوازِنَ، وكان دخولهم في الإسلام قريبًا؛ فخَفِيَ عليهم أمرُ الشرك، فلما رَأَوْا ما يَصْنَعُ المشركون مِن التَبَرُّك بالشجرة طلبوا مِن الرسول صلى الله عليه وسلم أن يَجْعَلَ لهم شجرة مثلَها؛ فكبَّر النبي صلى الله عليه وسلم استنكارًا، وتعظيمًا لله، وتَعَجُّبًا من هذه المقالة، وأخبَر أن هذه المقالة تُشْبِهُ مقالةَ قوم موسى له لـمَّا رَأَوْا مَن يَعْبُدُ الأصنام: {اجعل لنا إلها كما لهم آلهة}، وأن هذا اتباعٌ لطريقتهم، ثم أخبَر صلى الله عليه وسلم أن هذه الأمة ستَتَّبِع طريقة اليهود والنصارى، وتَسْلُك مناهجهم، وتَفْعَلُ أفعالهم، وهو خبر معناه الذَّمُّ والتحذير من هذا الفعل.
574;ەبۇ ۋاقىد لەيسى ئىبرەتلىك ۋە تەسىرلىك بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر قىسىم ساھابىلەر يېڭىدىن ئىسلامغا كىرىپلا رەسۇلۇللاھنىڭ ھاۋازىن قەبىلىسىگە قارشى قىلغان غازىتىغا بىللە چىقتى، ئۇلار يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغاچقا شېرىك ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرى بار ئىدى. مۇشرىكلارنىڭ بىر دەرەختىن بەرىكەت تىلەۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ، رەسۇلۇللاھتىن ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق بىر دەرەخنى بەلگىلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. رەسۇلۇللاھ بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ۋە ھەيران قالغان ھالدا، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارغا دېدىكى: بۇ سۆز، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بۇتلارغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى كۆرۈپ «ئى مۇسا بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېگىنىدەك سۆز بولدى، دېدى. بۇ دەل يەھۇدىلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىك. شۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنى يەھۇدى ناسارالارنىڭ يولىغا ئەگىشىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى دورايدىغانلىقىنى ئالدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ مەزكۇر ئىشلارنى ئەيىپلەش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تۈرىدىكى خەبەردۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5927

 
Hadith   543   الحديث
الأهمية: أن رجلًا قال للنبي -صلى الله عليه وسلم-: ما شاء الله وشئت، فقال: أجعلتني لله نِدًّا؟ ما شاء الله وَحْدَه


باشتېما:

بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئاللاھ تائالا ۋە سەن خالىساڭ، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى ئەيىپلەپ: مېنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويامسەن؟، «ئاللاھ تائالا خالىسا» دېگەن سۆزنى يالغۇز دېگىن، دېدى

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- أن رجلا قال للنبي -صلى الله عليه وسلم-: ما شاء الله وشِئْتَ، فقال: «أجعلتني لله نِدًّا؟ ما شاء الله وَحْدَه».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئاللاھ تائالا ۋە سەن خالىساڭ، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى ئەيىپلەپ: مېنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويامسەن؟، «ئاللاھ تائالا خالىسا» دېگەن سۆزنى يالغۇز دېگىن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبرنا ابن عباس -رضي الله عنهما-: أن رجلًا جاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- في أمر له فقال: ما شاء الله وشئت يا رسول الله، فأنكر عليه النبي -صلى الله عليه وسلم- هذا القول، وأخبره أن عَطْف مشيئة المخلوق على مشيئة الله بالواو شرك، لا يجوز للمسلم أن يتلفظ به، ثم أرشده إلى القول الحق، وذلك بأن يُفْرِد الله في مشيئته، ولا يَعْطِف عليه مشيئة أحد بأي نوع من أنواع العَطْف.
574;ىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئالايھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بىر ئىش بىلەن كەلدى ۋە: ئاللاھ تائالا ۋە سەن خالىساڭ، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بىلەم مەخلۇقنىڭ خاھىشىنى«ۋاۋ» ئۇلۇغۇچى ھەرىپ بىلەن بىر يەردە كەلتۈرۈش شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ، ئۇنى مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ ئېغىزىغا ئېلىشى دۇرۇس ئەمەس دەپ، ئۇ كىشىگە ھەق سۆزنى قىلش، ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشىنى يالغۇز كەلتۈرۈش، ھېچبىر كىشىنىڭ خاھىشىنى باغلىغۇچى ھەرىپ بىلەن ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن بىللە كەلتۈرمەسلىكتىن ئىبارەت توغرا يولغا يېتەكلىدى   --  ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5928

 
Hadith   544   الحديث
الأهمية: احرِصْ على ما يَنْفَعُكَ، واستَعِنْ بالله ولا تَعْجَزَنَّ، وإن أصابك شيءٌ فلا تَقُلْ: لو أنني فَعَلْتُ لكان كذا وكذا، ولكن قل: قَدَرُ الله، وما شاء فَعَلَ، فإن «لو» تَفْتَحُ عَمَلَ الشيطانِ


باشتېما:

ئۆزۈڭگە پايدىلىق نەرسىگە ھېرىسمەن بولغىن، بوشاشماستىن ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئەگەر بېشىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، "كاشكى ئانداق قىلغان بولسام، مۇنداق قىلغان بولسام" دېمە، بەلكى "ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ" دېگىن. چۈنكى"كاشكى، ئەگەر" سۆزلىرى شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «احرِصْ على ما يَنْفَعُكَ، واستَعِنْ بالله ولا تَعْجَزَنَّ، وإن أصابك شيء فلا تقُلْ: لو أنني فعلت لكان كذا وكذا، ولكن قل: قَدَرُ الله، وما شاء فعل، فإن «لو» تفتح عمل الشيطان».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۆزۈڭگە پايدىلىق نەرسىگە ھېرىسمەن بولغىن، بوشاشماستىن ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئەگەر بېشىڭغا بىرەر كېلىشمەسلىك كەلسە، "كاشكى ئانداق قىلغان بولسام، مۇنداق قىلغان بولسام" دېمە، بەلكى "ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ" دېگىن. چۈنكى"كاشكى، ئەگەر" سۆزلىرى شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان الإسلام يدعو إلى عُمران الكَوْن وإصلاح المجتمع أَمَر رسول الله صلى الله عليه وسلم كل مسلم بالعمل الجاد والتحصيل مستعينا على تحقيق ذلك بالله عزوجل، متجنبا للعجز ومواطنه، وأن لا يفتح على نفسه باب اللَّوْم والنَّدَم إذا فاته المطلوب؛ لأن ذلك يَجُرُّه إلى السَّخَط والجَزَع، وإنما يُفَوِّض أمره إلى الله، ويُعَلِّل نَفْسَه بالقضاء والقدر حتى لا يكون للشيطان عليه سبيلٌ، فيَسْتَفِزُّه ويُزَعْزِع إيمانه بالله عزوجل وبقضائه وقدره.
574;ىسلام دىنى كائىناتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق مۇسۇلماننى، پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ ياردىمىنى تىلەپ نەتىجە قازىنىشقا، بوشاڭلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭ ئامىللىرىدىن يىراق تۇرۇشقا، ئەگەر كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەي قالسا، ئۆزىگە تاپا - مالامەت قىلماسلىققا بۇيرىدى. چۈنكى ئۇنداق قىلىش، ئۆز- ئۆزىگە غەزەپلىنىش ۋە بىئارام بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنداق چاغدا ئىشىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ، قازا ۋە قەدەر سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئەسلەپ، شەيتاننىڭ بۇ ھەقتە ۋەسۋەسە قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ئۇنداق قىلمىغاندا شەيتان ئۇنى قۇترۇتىدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ قازا ۋە قەدىرىگە بولغان ئىمانىنى تەۋرىتىپ قويىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5929

 
Hadith   545   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا أمَّر أميرًا على جَيْش أو سَرِيَّة أَوْصَاه بتَقْوَى الله، ومَن معه مِن المسلمين خيرًا


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى ئەترەتكە ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچرىساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى (ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا) ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى ماۋۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»

عن بُرَيْدَة بن الحُصَيب الأَسْلَمِيّ -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا أمَّر أميرًا على جَيْش أو سَرِيَّة أَوْصَاه بتَقْوَى الله، ومَن معه مِن المسلمين خيرًا، فقال: "اغْزُوا بسم الله في سبيل الله، قاتِلُوا مَن كَفَر بالله، اغْزُوا ولا تَغُلُّوا ولا تَغْدِروا ولا تُـمَثِّلُوا ولا تَقْتُلُوا وَلِيدًا، وإذا لَقِيتَ عَدُوَّك مِن المشركين فادْعُهم إلى ثلاث خِصال -أو خِلال-، فأيَّتُهُنَّ ما أجابوك فاقْبَلْ منهم وكُفَّ عنهم، ثم ادْعُهم إلى الإسلام فإن أجابوك فاقْبَلْ منهم.
ثم ادْعُهم إلى التَّحَوُّل مِن دارهم إلى دار المهاجرين، وأَخْبِرْهم أنهم إن فَعَلُوا ذلك فلهم ما للمهاجرين وعليهم ما على المهاجرين، فإن أَبَوْا أن يَتَحَوَّلُوا منها فأَخْبِرْهم أنهم يكونون كأَعْرَاب المسلمين يَجْرِي عليهم حُكْمُ الله تعالى، ولا يكون لهم في الغَنِيمَة والفَيْء شيءٌ إلا أن يُجَاهِدُوا مع المسلمين، فإن هم أَبَوْا فاسْأَلْهم الجِزْيَةَ، فإن هم أجابوك فاقْبَلْ منهم وكُفَّ عنهم، فإن هم أَبَوْا فاستَعِن بالله وقَاتِلْهم.
وإذا حاصَرْتَ أَهْلَ حِصْنٍ فأرادُوك أن تَجْعَلَ لهم ذِمَّةَ الله وذِمَّةَ نَبِيِّه، فلا تَجْعَلْ لهم ذِمَّةَ الله وذِمَّةَ نَبِيِّه، ولكن اجْعَلْ لهم ذِمَّتَك وذِمَّةَ أصحابك؛ فإنكم أن تُخْفِرُوا ذِمَمَكم وذِمَّةَ أصحابكم أَهْوَنُ مِن أن تُخْفِرُوا ذِمَّةَ الله وذِمَّةَ نَبِيِّه، وإذا حاصَرْتَ أَهْلَ حِصْنٍ فأرادُوك أن تُنْزِلَهم على حُكْم الله فلا تُنْزِلْهم، ولكن أَنْزِلْهم على حُكْمِك، فإنك لا تَدْرِي أَتُصِيبُ فيهم حُكْمَ الله أم لا".

بۇرەيدە ئەلئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى گۇرۇپقا ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچراشساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۆمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى «ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا» ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلراق. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى بۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر بريدة -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا أرسل جيشًا أو سريةً لقتال الكفار أمر عليهم أميرًا يحفظ وحدتهم ويصلح شؤونهم، ثم أوصاه بتقوى الله وبمن معه خيرًا، وأرشدهم إلى ما يجب أن يسلكوه مع الأعداء، وأن يتجنبوا الغلول والغدر والتمثيل وقتل غير المكلفين، وأن عليهم أن يبدؤوا المشركين بالدعوة إلى الإسلام، فإن استجابوا لذلك فليحثوهم على الهجرة إلى المدينة ويعلموهم أن لهم ما للمهاجرين السابقين وعليهم ما على المهاجرين من الحقوق والواجبات، فإن أبوا الهجرة فإنهم يعاملون معاملة أعراب المسلمين، فإن أبوا الإسلام فليطلبوا منهم الجزية، فإن أبوا دفعها فليستعينوا بالله وليقاتلوهم، وإذا حاصروا أهل حصن فلا يعطوهم عهد الله وعهد رسوله، وإنما يعطونهم عهدهم، فإن تعريض عهدهم للنقض أخف إثمًا من تعريض عهد الله وعهد رسوله لذلك، وإذا طلبوا منهم أن يحكموا فيهم بحكم الله فلا يحكمون بحكمٍ ويجعلونه حكم الله، فإنهم قد لا يصيبون فيهم حكم الله -تعالى-، وإنما يعاملونهم على حكم أنفسهم واجتهادهم.
576;ۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىرەر قوشۇن ئەۋەتسە ئۇلارغا بىرىلىكىنى ساقلايدىغان ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان بىرسىنى باشلىق قىلاتتى، ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە دۈشمەن بىلەن ئۈچراشقاندا نېمە قلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇراتتى، غەنىمەتلەردىن ئوقۇرلىماسلىق، خىيانەت قىلماسلىق، قىساس ئالماسلىق ۋە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان كىچىك، ئاجىز، ئايال، قېرىلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە بۇيرۇيتتى. مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇيتتى، ئەگەر ئۇلار بۇ ھەقتە مۇسۇلمانلارغا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنى، ئىلگىركى مۇھاجىرلارغا قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بولسا بۇلارغىمۇ شۇنداق ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى، دېدى. ئەگەر ئۇلار ھىجرەت قىلىشتىن باش تارىتسا، قىشلاقلاردىكى مۇسۇلمان ئەرەبلەرگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلمىسا ئۇلاردىن جىزيە ئېلىشنى، ئەگەردە جىزيەنىمۇ بېرىشنى رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بىرەر قورغاننى مۇھاسىرىگە ئالغاندا مۇشرىكلارغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەسلىكنى، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەكىتلىدى، چۈنكى «ئارىدىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا» ئۆزلىرى بەرگەن ئامانلىقنى بۇزسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن بىتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ ھۆكۈم قىلماسلىققا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى توغرا تاپالماسلىقى مۈمكىن، بەلكى ئۇلارنى ئۆزلىرى چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5933

 
Hadith   546   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا سافر يَتَعَوَّذ مِن وَعْثاء السَّفَر، وكآبة الـمُنْقَلَب، والحَوْر بعد الكَوْن، ودعوة المظلوم، وسُوء الـمَنْظَر في الأهل والمال


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، مۇكەممەللىشىپ بولۇپ كېمىيىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن، ئەھلى ۋە مېلىدا يامان ئەھۋالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى

عن عبد الله بن سَرْجِس -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا سافر يَتَعَوَّذ مِن وَعْثاء السَّفَر، وكآبة الـمُنْقَلَب، والحَوْر بعد الكَوْن، ودعوة المظلوم، وسُوء الـمَنْظَر في الأهل والمال.

ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، مۇكەممەللىشىپ بولۇپ كېمىيىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن، ئەھلى ۋە مېلىدا يامان ئەھۋالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يتعوذ بالله من شِدَّة السَّفَرِ، أو أن يعود من سفره حزينًا قد أصابه مكروهٌ في أهله أو ماله، ويتعوذ بالله كذلك من فساد الأحوال، ويدعو الله أن يُنَجِّيَهُ الله من دعوة المظلوم.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا سېغىنىپ سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن ياكى سەپەردىن ئۆزىنىڭ ئەھلى ياكى مېلىغا زىيان يېتىپ غەمكىن قايتىشتىن پاناھ تىلەيتتى، شۇنىڭدەك، ھالەتلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيتتى، ئاللاھ تائالادىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسىدىن قۇتقۇزۇشنى سورايتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5937

 
Hadith   547   الحديث
الأهمية: ألا هل أُنَبِّئُكم ما العَضْهُ؟ هي النَّمِيمَةُ القَالَةُ بينَ النَّاس


باشتېما:

سىلەرگە يالغان چاپلاشنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بەرمەيمەنمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىشتۇر

عن ابن مسعود -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «ألا هل أُنَبِّئُكم ما العَضْهُ؟ هي النَّميمة القَالَةُ بين النّاس».

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: سىلەرگە يالغان چاپلاشنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بەرمەيمەنمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىشتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أراد النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يحذِّر أُمَّتَه مِن الـمَشْي بينَ النَّاس بالنَّمِيمَة، بنَقْل حديث بعضهم في بعض على وَجْه الإفساد بينَهم، فافتتح النبي -صلى الله عليه وسلم- حديثه بصيغة الاستفهام والسؤال؛ ليكون أَوْقَع في النُّفُوس، وأَدْعَى للانتباه، فسألهم: «ما العَضْهُ» أي: ما الكذب والافتراء؟ وفُسر أيضا بالسحر.
ثم أجاب عن هذا السؤال: بأن العَضْهَ هو نَقْلُ الخُصُومة بين الناس؛ لأن ذلك يَفْعَلُ ما يَفْعَلُه السِّحْرُ مِن الفساد، والإضرار بالناس، وتَفْريق القُلُوب بين الـمُتَآلِفَيْنِ، وقَطْع الصِّلَة بين الـمُتَقَارِبَيْنِ، ومَلْء الصُّدُور غَيْظًا وحِقْدًا، كما هو الـمُشَاهَدُ بين النَّاس.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈممىتىنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇشتىن ئاگاھلاندۇردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوئال تەرىقىسىدە گىپىنى باشلىدى، چۈنكى بۇ ئۇسلۇب ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىگە بەكرەك تەسىر بېرىش ۋە دىققىتىنى تارتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلاردىن، (يالغان چاپلاش دېگەن نېمە؟) يەنى: يالغانچىلىق ۋە گەپ توقۇش دېگەن نېمە؟ بۇ سۆز (سېھىر) دەپمۇ چۈشەندۈرۈلگەن. ئاندىن بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، يالغان چاپلاش دېگەن: كىشىلەر ئارىسىدا ئاداۋەت توشۇشتۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش سېھىرگەرلىكنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن پىتنە تىرىش، كىشىلەرگە زىيان ئۇرۇش، ئىتتىپاق ئىككى قەلبنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ئىككى يېقىن كىشىنىڭ ئالاقىسىنى بۇزۇش ۋە كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرىنىڭ ئۆچ-ئاداۋەتكە تولۇشىغا سەۋەب بولۇشتەك ئىشلارغا ئوخشايدۇ. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلاردۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5942

 
Hadith   548   الحديث
الأهمية: كتب عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- أن اقتُلُوا كلَّ ساحر وساحرة


باشتېما:

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار! دەپ مەكتۇپ يوللىدى

عن بَجَالَةَ بن عَبَدة قال: كتب عمر بن الخطاب: «أن اقتُلُوا كلّ ساحر وساحرة». قال: فقتلنا ثلاث سواحر.
وعن ابن عمر-رضي الله عنه-: «أن حفصة سَحَرَتْها جاريتها فاعتَرَفَتْ بسِحْرها، فأمرت عبد الرحمن بن زيد فقتلها».
وعن أبي عثمان النهدي: «أنه كان عند الوليد رجل يلعب فذبح إنسانًا، وأبان رأسه؛ فعَجِبْنا، فأعاد رأسه، فجاء جُنْدُبٌ الْأَزْديّ فقتله».

بەجالە ئىبنى ئەبەدە:: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: «ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ مەكتۇپ يوللىدى، بىز ئۈچ سېھرىگەرنى ئۆلتۈردۇق،-دېدى. ئىبنى ئۆمەردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ھەفسەنى ئۇنىڭ دېدىكى سېھىرلەپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلدى، مەن ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيدنى بۇيرۇدۇم، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ۋەلىدنىڭ يېنىدا بىر كىشى ئويۇن قىلىپ، بىر ئادەمنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن ئاجراتقاندىن كېيىن، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭدىن ھەيران قالغان ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا جۇندۇب ئەلئەزدى كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان السِّحْر مِن أخطر الأمراض الاجتماعية؛ لـما يَنْجُم عنه من المفاسد الـمؤكّدة والنتائج الخبيثة: من القتل، وأخذ الأموال بالباطل، والتفريق بين الـمَرْء وزوجه، وكان بعضه كفرًا، وذلك فيما فيه استعانة وتقرب للشياطين: جعل الله له علاجا شافيًا باستِئْصَاله جملة واحدة بقتل الساحر حتى يستقيم المجتمع بفضائله وطهارته واستقامته، وهذا ما فعله هؤلاء الصحابة -رضي الله عنهم-.
587;ېھرىگەرلىك ئىجتىمائى ئاپەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىكى بولۇپ، چۈنكى ئۇ سەۋەبلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلىكىنى ناھەق يەۋېلىش، ئەر-ئايال ئارىسىنى ئايرىۋېتىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى كۇپۇرلۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلاردا شەيتانلارغا يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش بار. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى پاكىزە، بىخەتەر، توغرا يولدا بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىردىن-بىر چارىسىنى ئۇ سېھرىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، جەمىئيەتنى ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازلاشنىڭ چارىسىنى يولغا قويدى، مانا بۇ ساھابىلار قىلغان ئىش   --  بۇ ھەدىس ھەممە ئىسنادلىرى بىلەن سەھىھ   →   بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5946

 
Hadith   549   الحديث
الأهمية: إن تَفَرُّقَكم في هذه الشِّعاب والأَوْدِية إنما ذلكم من الشيطان


باشتېما:

بۇ جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشىشىڭلار ھەقىقەتەن شەيتاندىندۇر

عن أبي ثَعْلَبَة الخُشَني -رضي الله عنه- قال: كان الناس إذا نزلوا منزلًا تفرقوا في الشِّعابِ والأَوْدِيَةِ، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إن تَفَرُّقَكم في هذه الشِّعاب والأَوْدِية إنما ذلكم من الشيطان». فلم ينزلوا بعد ذلك منزلاً إلا انضم بعضهم إلى بعض.

ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇشەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: كىشىلەر بىرەر مەنزىلگە چۈشكەندە جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق ھالدا يەرلىشەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشىشىڭلار ھەقىقەتەن شەيتاندىندۇر» دېدى. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر مەنزىلگە چۈشسە يىغىلىپ ئولتۇراتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الناس إذا نزلوا مكانا أثناء السفر تفرقوا في الشعاب والأودية، فأخبرهم النبي -صلى الله عليه وسلم- أن تفرقهم هذا من الشيطان؛ ليخوف أولياء الله ويحرك أعداءه، فلم ينزلوا بعد ذلك في مكان إلا انضم بعضهم إلى بعض، حتى لو بُسط عليهم كساء لوسعهم من شدة تقاربهم.
603;ىشىلەر سەپەر جەريانىدا بىرەر ئورۇنغا چۈشكەندە جىلغا ۋە ۋادىلاردا تارقاق يەرلىشەتتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ئۇلارنىڭ تارقاقلىشىپ يەرلىشىشىنى، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىنى قورقۇتۇپ، دۈشمەنلىرىنى قوزغۇتۇش ئۈچۈن شەيتاندىن بولغان ئىش دەپ خەۋەر بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلار بىرەر ئورۇنغا چۈشسە بىر-بىرى بىلەن توپلۇشۇپ تۇراتتى، ھەتتا ئۇلارغا بىر پارچە رەخنى پايانداز قىلىپ سېلىپ بېرىلسە يېقىن تۇرغانلىقىدىن سىغىشىپ كېتەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5948

 
Hadith   550   الحديث
الأهمية: ثلاثة لا يُكَلِّمُهم الله، ولا يزكيهم، ولهم عذاب أليم: أُشَيْمِط زَانٍ، وعائل مُسْتَكْبِر، ورجل جعل الله بضاعته: لا يشتري إلا بيمينه، ولا يبيع إلا بيمينه


باشتېما:

ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر كەمبەغەل، قەسەمخور تىجارەتچى، يەنى ساتسىمۇ ئالسىمۇ قەسەم بىلەنلا تىجارەت قىلىدىغان كىشى

عن سلمان الفارسي -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «ثلاثة لا يُكَلِّمُهم الله، ولا يزكيهم، ولهم عذاب أليم: أُشَيْمِط زَانٍ، وعائل مُسْتَكْبِر، ورجل جعل الله بضاعته: لا يشتري إلا بيمينه، ولا يبيع إلا بيمينه».

سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئۈچ تۈرلۈك كىشىگە گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ، قېرى زىناخور، مۇتەكەببىر كەمبەغەل، قەسەمخور تىجارەتچى، يەنى ساتسىمۇ ئالسىمۇ قەسەم بىلەنلا تىجارەت قىلىدىغان كىشى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يُخْبِرُ -صلى الله عليه وسلم- عن ثلاثة أصناف مِن العُصَاة، يُعَاقَبُون أشدَّ العُقُوبة؛ لشَنَاعَة جرائمهم.
أحدهم: مَن يَرْتَكِبُ فاحشة الزِّنا مع كِبَر سِنِّه؛ لأن داعيَ المعصية ضعيفٌ في حقِّه؛ فدلَّ على أن الحامل له على الزِّنا محبَّةُ المعصية والفُجُور، وإن كان الزِّنا قبيحًا مِن كل أحد، فهو من هذا أشدُّ قُبْحًا.
الثاني: فقير يَتَكَبَّرُ على الناس، والكِبْرُ وإن كان قبيحًا مِن كل أحد، لكنَّ الفقير ليس له من المال ما يَدْعُوه إلى الكِبْر، فاستكباره مع عدم الداعي إليه يَدُلُّ على أن الكِبْر طبيعةٌ له.
الثالث: من يَجْعَلُ الحَلِف بالله بضاعةً له، يُكْثِرُ مِن استعماله في البيع والشراء، فيَمْتَهِنُ اسم الله، ويَجْعَلُه وسيلةً لاكتساب المال.
576;ۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ ئۈچ تۈرلۈك ئېغىر جازاغا ئۈچرايدىغان كىشىلەرنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ جنايىتى ناھايىتى ئېغىردۇر. ئۇلارنىڭ بىرى: يېشىنىڭ چوڭلىقىغا قارىماي زىنا قىلىدىغان كىشى، گەرچە زىنا ھەر بىر مۇسۇلماندىن ئېغىر ئېلىنىدىغان گۇناھ بولسىمۇ، قېرى كىشىدىن بولسا ناھايىتى قەبىھ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ياشلارغا قارىغاندا قېرى كىشىدە شەھۋەت ئاجىز بولىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق زىنا قىلغىنى بۇ كىشىنىڭ ئۇ گۇناھنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولغان. ئىككىنچىسى: باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىدىغان مۇتەكەببىر كەمبەغەل كىشى، چوڭچۇلۇق پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاس بىر خىسلەت، ئىنسالارنىڭ ھېچ بىرىگە ياراشمايدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەلۇم بىر كىشى قول-ئىلكىدىكى ئىقتىسادىغا ئىشىنىپ چوڭچۇلۇق قىلىدۇ. ئەمما كەمبەغەل نېمىگە ئاساسەن چوڭچۇلۇق قىلىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبسىز بۇنداق قىلىشى تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن بىر كىبىر بولغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن كەمبەغەلنىڭ چوڭچۇلۇق قىلىشى ئېغىر گۇناھ. ئۈچىنجى تۈرلۈك كىشى سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىشنى ئادەت قىلىۋالغان، ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى قىممەتسىز تاۋارلىرىغا ئىشلىتىپ سېتىشقا ئۇرىنىدىغان كىشى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5952

 
Hadith   551   الحديث
الأهمية: لا يُؤْمِنُ أحدُكم حتى أَكُونَ أَحَبَّ إليه مِن وَلَدِه، ووالَدِه، والناس أجمعين


باشتېما:

سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتا-ئانىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلىرىدىن ئارتۇق سۆيمىگۈچە كامىل مۆئمىن بولالمايدۇ

عن أنس وأبي هريرة -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «لا يُؤْمِنُ أحدُكم حتى أَكُونَ أَحَبَّ إليه مِن وَلَدِه، ووالِدِه، والناس أجمعين».

ئەنەس ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇللۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتا-ئانىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلىرىدىن ئارتۇق سۆيمىگۈچە كامىل مۆئمىن بولالمايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يُخْبِرُنا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث: أنه لا يَكْمُل إيمانُ المسلم، ولا يَتَحَصَّل على الإيمان الذي يَدْخُلُ به الجَنَّة بلا عذاب، حتى يُقَدِّم حُبَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على حُبِّ وَلَدِه ووالده والناس أجمعين، وذلك أن حُبَّ رسول الله يعني: حُبَّ الله؛ لأن الرسول هو المبلِّغ عنه، والهادي إلى دينه، ومحبَّة الله ورسوله لا تَصِحُّ إلا بامتثال أوامر الشرع واجتناب نواهيه، وليس بإنشاد القصائد، وإقامة الاحتفالات، وتلحين الأغاني.
576;ۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە، مۇسۇلمان، رەسۇلۇللاھ سۆيگۈسىنى پەرزەنت ۋە ئاتا-ئانا سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويمىغۇچە قەدەر، ئازابسىز جەننەتكە كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىماننى ھاسىل قىلالمايدىغانلىقى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى كامىل بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەبەر بېرىدۇ. شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سۆيگۈسى ئاللاھ سۆيگۈسى دېمەكتۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزگۈچى ۋە ھىدايەتكە يېتەكلىگۈچىدۇر.ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ سۆيگۈسى، مەۋلۇت ئايلىرىدا توپلۇشۇپ قەسىدە ۋە مەدھىيە شېئىرلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى شەرىئەتنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5953

 
Hadith   552   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا كان في سفر، فعَرَّس بليل اضطجع على يمينه، وإذا عَرَّس قُبَيْل الصُّبْح نصَب ذراعه، ووضَع رَأْسه على كَفِّه


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى

عن أبي قتادة الأنصاري -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا كان في سفر، فعَرَّس بليل اضطجع على يمينه، وإذا عَرَّس قُبَيْل الصُّبْح نصَب ذراعه، ووضَع رَأْسه على كَفِّه.

ئەبۇ قەتادە ئەلئەنساري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان من هديه -صلى الله عليه وسلم- أنه إذا نزل في أول الليل لينام وليستريح وضع جنبه على الأرض على يمينه، وإذا نزل قُرْب طُلُوع الفجر اتكأ ونصب يده واتكأ عليها؛ لأنه إذا كان في أول الليل ينام على اليمين؛ ليعطي النفس حظها من النوم، وأما إذا كان قُرْب الفجر فكان ينصب يده -صلى الله عليه وسلم- وينام عليها؛ لئلا يستغرق في النوم فتَفُوته صلاة الفجر.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاش ئۈچۈن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ يىتىشى، تاڭ ئېتىشتىن بىرئاز بۇرۇن چۈشسە قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا يۆلۈنۈپ ئارام ئېلىشى سەپەردىكى سۈننىتى ئىدى. چۈنكى كىچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جىسمىنىڭ ئۇيقۇغا بولغان ئىھتىياجىنى بېرىش ئۈچۈن ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلايتتى، ئەمما بامدات نامىزىغا يېقىن ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ كېتىپ، بامدات نامىزىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۇخلايىتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5968

 
Hadith   553   الحديث
الأهمية: لا تَسَبُّوا الرِّيح، فإذا رأيتم ما تكرهون فقولوا: اللهم إنا نَسْأَلُكَ مِن خير هذه الريح، وخير ما فيها، وخير ما أُمِرَتْ به، ونعوذ بك من شر هذه الريح، وشر ما فيها، وشر ما أُمِرَتْ به


باشتېما:

سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشىسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!

عن أُبَيُّ بن كَعْبٍ -رضي الله عنه- مرفوعاً: «لا تَسُبُّوا الرِّيحَ، فإذا رأيتم ما تكرهون فقولوا: اللهم إنا نَسْأَلُكَ مِن خير هذه الريح، وخير ما فيها، وخير ما أُمِرَتْ به، ونعوذ بك من شر هذه الريح، وشر ما فيها، وشر ما أُمِرَتْ به» .

ئۇبەي ئىبنى كەئىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبىرىمىز: سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ينهى -صلى الله عليه وسلم- عن سب الريح؛ لأنها مخلوقة مأمورة من الله، فسَبُّها سبٌّ لله، وتَسَخُّطٌ لقضائه، ثم أرشد -صلى الله عليه وسلم- إلى الرجوع إلى خالقها بسؤاله من خيرها والاستعاذة به من شرها؛ لما في ذلك من العبودية لله -تعالى-، وذلك هو حال أهل التوحيد.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شامالنى تىللاشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغۇچى بىر مەخلۇقتۇر. ئۇنى تىللاش ئاللاھنى تىللىغاندەك بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ قازا ۋە قەدىرىگە غەزەپلىنىش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سوراپ، يامانلىقىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بولۇپ، بۇ تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئەھۋالىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5976

 
Hadith   554   الحديث
الأهمية: لا يَقُلْ أحدُكم: اللهم اغفِرْ لي إن شِئْتَ، اللهم ارحمني إن شِئْتَ، لِيَعْزِمِ المسألةَ، فإن الله لا مُكْرِهَ له


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا: "ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن" دېمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «لا يَقُلْ أحدُكم: اللهم اغفِرْ لي إن شِئْتَ، اللهم ارحمني إن شِئْتَ، لِيَعْزِمِ المسألةَ، فإن الله لا مُكْرِهَ له».
ولمسلم: «وَلْيُعَظِّمِ الرَّغْبَةَ، فإن الله لا يَتَعَاظَمُه شيءٌ أعطاه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا: "ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن" دېمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئارزۇسىنى چوڭ قىلسۇن! ئاللاھ تائالا بېرىدىغان نەرسىلەردىن ئۇنىڭغا چوڭ كېلىپ قالىدىغان نەرسە يوقتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان كل العباد مفتقرون إلى الله عزوجل، والله هو الغني الحميد الفَعَّال لما يريد نهى رسول الله صلى الله عليه وسلم مَن أرادَ الدعاء عن تعليق طلب المغفرة والرحمة من الله على المشيئة، وأمره بعَزْم الطلب دون تعليق؛ لأن تعليق الطلب مِن الله على المشيئة يُشْعِرُ بأن الله يُثْقِلُه شيءٌ مِن حوائج خَلْقِه، أو يَضْطَرُّه شيء إلى قضائها، وهذا خلاف الحق، كما يُشْعِرُ ذلك بفُتُور العبد في الطلب واستغنائه عن ربه، وهو لا غِنًى له عن الله طَرْفَةَ عَيْنٍ، وذلك ينافي الافتقار الذي هو رُوحُ عبادة الدعاء، ولأن التخيير لا يَلِيقُ بالله عزوجل؛ إذ لا مُكْرِهَ له حتى يُخَيَّرَ.
ثم أمر صلى الله عليه وسلم الداعيَ بالإلحاح في الدعاء وأن يَسْأَلَ الله ما أراد مِن الخير كبُر أو صغًر؛ فإن الله لا يَعْسُرُ عليه شيءٌ أراد إعطاءه، ولا يَكْبُرُ عليه حاجةُ سائل؛ فإنه مالك الدنيا والآخرة، المتصرف فيهما التصرُّف المطلق، وهو على كل شيء قدير.
662;ۈتۈن بەندىلەر ئاللاھ تائالاغا مۇھتاج ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ھەممىدىن بىھاجەت، ھەمدۇ-ساناغا ئەڭ لايىق، ئۆزى خالىغان ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچى زات بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىمكى دۇئا قىلىدىكەن، دۇئادا ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۇنىڭ خاھىشىغا باغلاپ قويماستىن، بۇ تەلەپنى كەسكىن قىلىشقا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھتىن تىلەيدىغان تەلەپلەرنى ئۇنىڭ خاھىشىغا باغلاپ قويۇش، خۇددى ئاللاھ تائالاغا بەندىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن بىرەر نەرسە ئېغىر كېلىدىغاندەك ياكى ئۇنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنداشقا ئاللاھ تائالانى بىرەر مەخلۇق مەجبۇرلايدىغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ، بۇ ھەقىقەتنىڭ خىلاپىدۇر. شۇنداقلا بۇنداق دۇئا قىلىش، بەندىنىڭ ئاللاھتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشىدا سۇسلۇق قىلىش ياكى ئۇنىڭ ياردىمىدىن بىھاجەت بولغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. ماھىيەتتە بەندە كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىلىقتىكى مۇددەتتىمۇ ئاللاھتىن بىھاجەت بولالمايدۇ. ئۇنداق دۇئا قىلىش دۇئا ئىبادىتىنىڭ روھى بولغان ھاجەتمەتلىككە خىلاپتۇر، چۈنكى بەندىنىڭ دۇئانى جەزىملەشتۇرۇپ كەسكىن قىلماسلىقى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىنىڭ شەنىگە لايىق كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغۇچىنىڭ ھاجىتى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ياخشىلىقنىڭ ھەرقاندىغىنى ئاللاھتىن يالۋۇرۇپ سوراشقا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا بېرىشنى خالىغان ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق بىر تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تەلىپى چوڭ كېلىپ قالمايدۇ. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى ئۆزى خالىغىنىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەرنەرسىگە قادىردۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5978

 
Hadith   555   الحديث
الأهمية: ليس منا من تَطَيَّر أو تُطُيِّر له، أو تَكَهَّن أو تُكِهِّن له، أو سحَر أو سُحِر له؛ ومن أتى كاهنا فصدَّقه بما يقول؛ فقد كفر بما أنزل على محمد -صلى الله عليه وسلم-


باشتېما:

كىمكى شۇم پال ئالسا ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا پال سېلىپ بەرسە، غەيىپتىن سۆزلىسە ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا غەيىپتىن سۆزلەپ بەرسە، سېھىر قىلسا ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا سېھىر قىلىپ بەرسە، ئۇ بىزدىن ئەمەس. كىمكى غەيىپتىن گەپ قىلغۇچىدىن سوراپ ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنسە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلغان ۋەھيىگە كۇفرىلىق قىلغان بولىدۇ

عن عمران بن حصين -رضي الله عنه- وابن عباس -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «ليس منا من تَطَيَّر أو تُطُيِّر له، أو تَكَهَّن أو تُكِهِّن له، أو سحَر أو سُحِر له؛ ومن أتى كاهنا فصدَّقه بما يقول؛ فقد كفر بما أنزل على محمد -صلى الله عليه وسلم-».

ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: كىمكى شۇم پال ئالسا ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا پال سېلىپ بەرسە، غەيىپتىن سۆزلىسە ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا غەيىپتىن سۆزلەپ بەرسە، سېھىر قىلسا ياكى باشقىلار ئۇنىڭغا سېھىر قىلىپ بەرسە، ئۇ بىزدىن ئەمەس. كىمكى غەيىپتىن گەپ قىلغۇچىدىن سوراپ ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئىشەنسە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلغان ۋەھيىگە كۇفرىلىق قىلغان بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يقول -صلى الله عليه وسلم-: لا يكون من أتباعنا المتبعين لشرعنا من فعل الطِّيَرَةَ أو الكهانة أو السحر، أو فُعِلَت له هذه الأشياء؛ لأن فيها ادعاء لعلم الغيب الذي اختص الله به، وفيها إفساد للعقائد والعقول، ومن صدَّق من يفعل شيئا من هذه الأمور؛ فقد كفر بالوحي الإلهي الذي جاء بإبطال هذه الجاهليات ووقاية العقول منها، ويلحق بذلك: ما يفعله بعض الناس من قراءة ما يسمى بالكف والفنجان، أو ربط سعادة الإنسان وشقائه وحظه بالبروج ونحو ذلك.
وقد بيَّن كل من الإمامين البغوي وابن تيمية معنى العرَّاف والكاهن والمنجِّم والرَّمَّال بما حاصله: أن كل من يدعي علم شيء من المغيَّبات فهو إما داخل في اسم الكاهن أو مشارك له في المعنى فيلحق به، والكاهن هو الذي يخبر عما يحصل في المستقبل ويأخذ عن مُسْتَرِق السمع من الشياطين.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: شۇم پال ئېلىش، غەيىپتىن سۆزلەش ۋە سېھىرلەش ئىشلىرىنى قىلغانلار ياكى قىلدۇرغانلار بىزنىڭ شەرىئىتىمىزگە شۇنداقلا بىزگە ئەگەشكەنلەرنىڭ قاتارىدىن بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە خاس قىلغان ئىلمى غەيىبنى بەندىنىڭ بىلىمەن دەپ داۋا قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئەقىدە ۋە ئەقىلنى بۇزىدۇ. كىمكى بۇ ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلغانلارغا ئىشەنسە، بۇ جاھىلىيەت قىلمىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدىن ئەقىلنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىلاھى ۋەھيىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. يەنە: بەزى ئادەملەرنىڭ ئالقانغا قاراپ، ياكى پىيالىگە قاراپ غەيبتىن سۆزلەشلىرى، ئىنساننىڭ بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئامىتىنى يۇلتۇزغا ئالاقىدار دەپ قاراش قاتارلىقلار يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىمام ئەلبەغەۋى ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىيە: پالچى، ئىلمى غەيىپتىن سۆزلىگۈچى، مۇنەججىم ۋە رەممال دەپ ئاتالغانلارنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن خۇلاسىلىغان: شۈبھىسىزكى، كىمكى غەيبنى بىلىمەن دەپ داۋا قىلسا، پالچى دېگەن ئىسىمنىڭ ئاستىغا كىرىدۇ ياكى شۇ مەنادا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. پالچى: كېيىنكى زاماندا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلىمەن دەپ داۋا قىلغۇچى بولۇپ، ئۇ بەزى خەۋەرلەرنى ئاسماندىن گەپ ئوغرىلايدىغان شەيتانلاردىن ئالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بەززار"مۇسنەد بەززار" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5981

 
Hadith   556   الحديث
الأهمية: من اقتَبَس شُعْبَة من النُّجوم؛ فقد اقتَبَسَ شُعْبة من السِّحْر، زاد ما زاد


باشتېما:

كىم يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سېلىشتىن تەلىم ئالسا، سېھرىگەرلىكتىن تەلىم ئالغان بولىدۇ، قانچىكى ئاشۇرسا سېھىرگەرلىكنى ئاشۇرغان بولىدۇ

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "من اقتَبَس شُعْبَة من النُّجوم؛ فقد اقتَبَسَ شُعْبة من السِّحْر، زاد ما زاد".

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىم يۇلتۇزلارغا قاراپ پال سېلىشتىن تەلىم ئالسا، سېھرىگەرلىكتىن تەلىم ئالغان بولىدۇ، قانچىكى ئاشۇرسا سېھىرگەرلىكنى ئاشۇرغان بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان الغيب من الأشياء التي استأثر الله -تعالى- بها أبطل النبي -صلى الله عليه وسلم- كل محاولة للاستكشاف والاطلاع على أسراره، ومن ذلك التنجيم الذي هو الاستدلال بالأحوال الفلكية على الحوادث الأرضية، فقد بين -صلى الله عليه وسلم- أن تعلم هذا ضرب من السحر، وأنه كلما أكثر الإنسان منه فقد أكثر من السحر.
594;ەيب ئىلمى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزىگە خاسلاشتۇرغان ئىلىملارنىڭ بىرى بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيب سىرلىرىنى بىلمەكچى بولغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنى توسقان، ئاسمان جىسىملىرىدىكى ئەھۋاللارنى زېمىندىكى ھادىسىلەرگە دەلىل قىلىدىغان يۇلتۇزغا قاراپ پال سېلىش شۇنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنى ئۆگۈنۈش سېھرىگەرلىكنىڭ بىر تۈرى، ئىنسان ئۇنىڭدىن قانچىكى كۆپ تەلىم ئالسا، سىھرىگەرلىكتىن شۇنچىلىك تەلىم ئالغان بولىدۇ» دەپ بايان قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5989

 
Hadith   557   الحديث
الأهمية: كنا إذا نَزَلْنا مَنْزِلًا، لا نُسَبِّحَ حتى نَحُلَّ الرِّحال


باشتېما:

ھەر قاچان سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلساق، يۈك-تاقىلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە ئارام بەرمىگىچە، نەپلە ناماز ئوقۇمايتتۇق (گەرچە بىز نەپلە نامازغا شۈنچە ھېرىسمەن بولساقمۇ!)

عن أنس -رضي الله عنه- قال: كنا إذا نَزَلْنا مَنْزِلًا، لا نُسَبِّحَ حتى نَحُلَّ الرِّحال.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ھەر قاچان سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلساق، يۈك-تاقىلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە ئارام بەرمىگىچە، نەپلە ناماز ئوقۇمايتتۇق (گەرچە بىز نەپلە نامازغا شۈنچە ھېرىسمەن بولساقمۇ!)

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أنَّا مع حِرْصنا على الصلاة فإنَّا لا نُقَدِّمها على وضع الأمتعة عن ظهور الدَّوَابِّ؛ لإراحتها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بىز ناماز ئوقۇشقا شۇنچە ھېرىسمەن تۇرۇغلۇق، سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكەندە ئۇلاغلارنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈستىدىكى يۈك-تاقىلارنى چۈشۈرمەستىن بۇرۇن نامازغا ئالدىرمايتتۇق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 5999



© EsinIslam.Com Designed & produced by The Awqaf London. Please pray for us