عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- أنَّ
رسولَ الله صلى الله عليه وسلم كان إذا قامَ إلى الصلاة، قال: «وَجَّهتُ
وجهي للذي فطر السماوات والأرض حنيفًا، وما أنا من المشركين، إنَّ صلاتي،
ونُسُكي، ومَحياي، ومماتي لله رب العالمين، لا شريك له، وبذلك أُمِرتُ وأنا
من المسلمين، اللهمَّ أنت المَلِك لا إله إلَّا أنت، أنت ربي، وأنا عبدك،
ظلمتُ نفسي، واعترفتُ بذنبي، فاغفر لي ذنوبي جميعًا، إنه لا يغفر الذنوب
إلا أنت، واهدني لأحسن الأخلاق لا يهدي لأحسنها إلا أنت، واصرف عني سيئَها
لا يصرف عني سيئها إلا أنت، لبَّيْك وسَعْدَيْك، والخيرُ كله في يديك،
والشر ليس إليك، أنا بك وإليك، تباركتَ وتعاليتَ، أستغفرك وأتوب إليك»،
وإذا ركع، قال: «اللهمَّ لك ركعتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، خشع لك سمعي،
وبصري، ومُخِّي، وعظمي، وعَصَبي»، وإذا رفع، قال: «اللهم ربنا لك الحمد
مِلءَ السماوات، ومِلءَ الأرض، ومِلءَ ما بينهما، ومِلءَ ما شئتَ من شيء
بعد»، وإذا سجد، قال: «اللهم لك سجدتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، سجد وجهي
للذي خلقه، وصوَّره، وشقَّ سمعَه وبصرَه، تبارك الله أحسنُ الخالقين»، ثم
يكون من آخر ما يقول بين التشهُّد والتسليم: «اللهم اغفر لي ما قدَّمتُ وما
أخَّرتُ، وما أسررتُ وما أعلنتُ، وما أسرفتُ، وما أنت أعلم به مني، أنت
المُقَدِّم وأنت المؤَخِّر، لا إله إلا أنت».
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ،
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن
ئەمەسمەن، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا
بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن
باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن.
مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن
گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن.
مېنى ياخشى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا يېتەكلىگىن، ياخشى ئەخلاقلارغا پەقەت
سەنلا يېتەكلەيسەن، مەندىكى ناچار ئەخلاقلارنى ئىسلاھ قىلغىن، ناچار
ئەخلاقلارنى سەنلا ئۆزگەرتىسەن، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا
خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن، ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر،
يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، قۇتۇلۇش ۋە باشپاناھلىق پەقەت سېنىڭ
دەرگاھىڭدىدۇر. سەن بۈيۈكسەن، ئۈستۈنسەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا
تەۋبە قىلىمەن» دەيتتى. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا رۇكۇ قىلدىم،
ساڭا ئىشەندىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، مىڭەم، سۆڭەك ۋە پەيلىرىم
سەندىن ئىتائەت قىلدى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ساڭا
ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى ۋە باشقا سەن خالىغان شەيئىلەر
توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە
قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن،
كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى
ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىشنىڭ
ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن
ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!،
سەن ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ
يوق» دەيتتى