ئۇيغۇردىكى ھەدىس تەكشۈرگۈچى مكتشف الحديث باللغة الإنجليزية
       

 
Hadith   654   الحديث
الأهمية: أستغفر لك رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قال: نعم ولك، ثم تلا هذه الآية: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات)


باشتېما:

ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم، ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات) تەرجىمىسى: «گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» ئايەت

عن عاصم الأحول، عن عبد الله بن سَرْجِسَ -رضي الله عنه- قال: قلت لرسول الله -صلى الله عليه وسلم-: يا رسول الله، غفر الله لك، قال: «ولك». قال عاصم: فقلت له: أستغفر لك رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قال: نعم ولك، ثم تلا هذه الآية: {واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات}.

ئاسىم ئەھۋەل ئابدۇللاھ ئىبنى سەرجىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا سىلىگە مەغپىرەت قىلسۇن، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ساڭىمۇ ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلسۇن. دېدى. ئاسىم: مەن ئابدۇللاھقا، ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم. ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى ئوقىدى: ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم، ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات) تەرجىمىسى: «گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». سۈرە مۇھەممەد 19-ئايەت

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر عبد الله بن سرجس -رضي الله عنه- أنه دعا للنبي -صلى الله عليه وسلم- بالمغفرة، فقابله النبي -صلى الله عليه وسلم- بالدعاء أيضا بالمغفرة، فسأل عاصمٌ الأحول عبدَ الله بن سرجس -رضي الله عنه- أستغفر لك رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قال: نعم، واستغفر لك أيضا، ثم استدل على ذلك بقول الله -تعالى- لنبيه -صلى الله عليه وسلم-: {وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَلِلمُؤْمِنِينَ وَالمُؤْمِنَاتِ} .
574;ابدۇللاھ ئىبنى سەرجىس مۇنداق بايان قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا سىلىگە مەغپىرەت قىلسۇن، دېسەم. رەسۇلۇللاھ: ساڭىمۇ ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلسۇن. دېدى. ئاسىم: مەن ئابدۇللاھقا، ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم. ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى ئوقىدى: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات) تەرجىمىسى: «گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن». سۈرە مۇھەممەد 19-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8262

 
Hadith   655   الحديث
الأهمية: خُلِقَت الملائكة من نور، وخلق الجان من مارج من نار، وخلق آدم مما وصف لكم


باشتېما:

پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ئادەم بولسا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن نەرسىدىن«يەنى لايدىن» يارىتىلغان

عن عائشة -رضي الله عنه- قالت: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «خُلقت الملائكة من نور، وخُلق الجَانُّ من مَارِجٍ من نار، وخُلق آدم مما وُصِفَ لكم».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ئادەم بولسا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن نەرسىدىن«يەنى لايدىن» يارىتىلغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر -صلى الله عليه وسلم- عن بدء الخلق، فذكر أن الملائكة خلقوا من النور، ولذلك كانوا كلهم لا يعصون الله ولا يستكبرون عن عبادته، أما الجن فخلقوا من نار، ولهذا يتصف كثير منهم بالطيش والعبث والعدوان، وخلق آدم مما ذكر لكم يعني خلق من طين من تراب من صلصال كالفَخار؛ لأن التراب صار طينًا ثم صار فخارًا فخلق منه آدم -عليه الصلاة والسلام-.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان ۋە چوڭچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما جىن بولسا ئوتتىن يارتىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ تەنتەك، بۇزغۇنچى ۋە تاجاۋۇزچى دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقى، ئادەم بولسا سىلەرگە بايان قىلىنغاندەك، چەكسە جاراڭلايدىغان ساپالدەك قۇرۇق لايدىن يارتىلغان. چۈنكى توپا لايغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن ساپال بولىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى سۈپەتلىك لايدىن يارىتىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8264

 
Hadith   656   الحديث
الأهمية: كان خلق نبي الله -صلى الله عليه وسلم- القرآن


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: كان خُلُقُ نَبي اللِه -صلى الله عليه وسلم- القرآن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث أنه -صلى الله عليه وسلم- يتخلق بأخلاق القرآن، ما أمر به القرآن قام به وما نهى عنه القرآن اجتنبه، سواء كان ذلك في عبادات الله -تعالى- أو في معاملة عباد الله، فخلق النبي -صلى الله عليه وسلم- امتثال القرآن، وفي هذا إشارة من أم المؤمنين عائشة -رضي الله عنها- أننا إذا أردنا أن نتخلق بأخلاق رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فعلينا أن نتخلق بالقرآن.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان بولۇپ، قۇرئان كەرىم بۇيرىغاننى تولۇق ئادا قىلاتتى، چەكلىگەندىن يىراق بولاتتى، مەيلى ئاللاھ تائالاغا قىلنىدىغان ئىبادەت بولسۇن ياكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە بولسۇن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانماقچى بولىدىكەنمىز چوقۇم قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشىمىز كېرەكلىكىگە ئىشارەت بار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8265

 
Hadith   657   الحديث
الأهمية: اللهم اغفر لي ما قدمت وما أخرت، وما أسررت وما أعلنت، وما أسرفت، وما أنت أعلم به مني، أنت المقدم وأنت المؤخر، لا إله إلا أنت


باشتېما:

ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- أنَّ رسولَ الله صلى الله عليه وسلم كان إذا قامَ إلى الصلاة، قال: «وَجَّهتُ وجهي للذي فطر السماوات والأرض حنيفًا، وما أنا من المشركين، إنَّ صلاتي، ونُسُكي، ومَحياي، ومماتي لله رب العالمين، لا شريك له، وبذلك أُمِرتُ وأنا من المسلمين، اللهمَّ أنت المَلِك لا إله إلَّا أنت، أنت ربي، وأنا عبدك، ظلمتُ نفسي، واعترفتُ بذنبي، فاغفر لي ذنوبي جميعًا، إنه لا يغفر الذنوب إلا أنت، واهدني لأحسن الأخلاق لا يهدي لأحسنها إلا أنت، واصرف عني سيئَها لا يصرف عني سيئها إلا أنت، لبَّيْك وسَعْدَيْك، والخيرُ كله في يديك، والشر ليس إليك، أنا بك وإليك، تباركتَ وتعاليتَ، أستغفرك وأتوب إليك»، وإذا ركع، قال: «اللهمَّ لك ركعتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، خشع لك سمعي، وبصري، ومُخِّي، وعظمي، وعَصَبي»، وإذا رفع، قال: «اللهم ربنا لك الحمد مِلءَ السماوات، ومِلءَ الأرض، ومِلءَ ما بينهما، ومِلءَ ما شئتَ من شيء بعد»، وإذا سجد، قال: «اللهم لك سجدتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، سجد وجهي للذي خلقه، وصوَّره، وشقَّ سمعَه وبصرَه، تبارك الله أحسنُ الخالقين»، ثم يكون من آخر ما يقول بين التشهُّد والتسليم: «اللهم اغفر لي ما قدَّمتُ وما أخَّرتُ، وما أسررتُ وما أعلنتُ، وما أسرفتُ، وما أنت أعلم به مني، أنت المُقَدِّم وأنت المؤَخِّر، لا إله إلا أنت».

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن. ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن. مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن. مېنى ياخشى ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلارغا يېتەكلىگىن، ياخشى ئەخلاقلارغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، مەندىكى ناچار ئەخلاقلارنى ئىسلاھ قىلغىن، ناچار ئەخلاقلارنى سەنلا ئۆزگەرتىسەن، مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن، ھەممە ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس، قۇتۇلۇش ۋە باشپاناھلىق پەقەت سېنىڭ دەرگاھىڭدىدۇر. سەن بۈيۈكسەن، ئۈستۈنسەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن» دەيتتى. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، مىڭەم، سۆڭەك ۋە پەيلىرىم سەندىن ئىتائەت قىلدى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ! ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى ۋە باشقا سەن خالىغان شەيئىلەر توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي صلى الله عليه وسلم إذا قام إلى الصلاة قال: «وَجَّهتُ وجهي للذي فطر السماوات والأرض» أي: توجَّهت بالعبادة، بمعنى: أخلصتُ عبادتي لله الذي خلق السماوات والأرض من غير مثال سبق، وأعرضتُ عما سواه، فإنَّ من أوجد مثل هذه المخلوقات التي هي على غاية من الإبداع والإتقان حقيق بأن تتوجَّه الوجوه إليه، وأن تعتمد القلوب في سائر أحوالها عليه، ولا تلتفت لغيره، ولا ترجو إلا دوام رضاه وخيره، «حنيفًا وما أنا من المشركين» أي: مائلًا عن كل دين باطل إلى الدين الحق دين الإسلام ثابتا عليه، وهو عند العرب غلب على من كان على ملة إبراهيم عليه السلام.
ثم قال: «إنَّ صلاتي، ونُسُكي، ومَحياي، ومماتي لله رب العالمين، لا شريك له، وبذلك أُمِرتُ وأنا من المسلمين» أي: صلاتي وعبادتي وتقرُّبي كل ذلك خالص لوجه الله, لا أشرك فيه غيره، وكذلك حياتي وموتي لله هو خالقهما ومقدِّرهما، لا تصرُّف لغيره فيهما، لا شريك له سبحانه في ذاته وصفاته وأفعاله، وقد أمرني ربي بهذا التوحيد والإخلاص، وأنا من المسلمين المنقادين والمطيعين له سبحانه.
ثم قال: «اللهمَّ أنت المَلِك لا إله إلَّا أنت، أنت ربي، وأنا عبدك، ظلمتُ نفسي، واعترفتُ بذنبي، فاغفر لي ذنوبي جميعًا، إنه لا يغفر الذنوب إلا أنت» أي: يا الله، أنت الملك فلا مَلِك غيرك، ولا مُلْك في الحقيقة لغيرك، وأنت المنفرد بالألوهية فلا معبود بحق إلا أنت، وأنت ربي وأنا عبدك، وقد ظلمتُ نفسي بالغفلة عن ذكرك وبعمل المعاصي والذنوب، وقد اعترفتُ بذنوبي، فاغفر لي ذنوبي، فإنه لا يغفر الذنوب إلا أنت؛ فإنك أنت الغفار الغفور.
ثم قال: «واهدني لأحسن الأخلاق لا يهدي لأحسنها إلا أنت، واصرف عني سيئَها لا يصرف عني سيئها إلا أنت» أي: دلَّني ووفِّقني وثبِّتني وأوصلني لأحسن الأخلاق في عبادتك وغيرها من الأخلاق الحسنة الطيبة الظاهرة والباطنة، فإنك أنت الهادي إليها، لا هادي غيرك، وأبعدني واحفظني من سيئ الأخلاق، فإنه لا يبعدني ويحفظني منها إلا أنت.
ثم قال: «لبَّيْك وسَعْدَيْك» أي: أدوم على طاعتك دوامًا بعد دوام، وأسعد بإقامتي على طاعتك وإجابتي لدعوتك سعادة بعد سعادة.
ثم قال: «والخيرُ كله في يديك» أي: والخير كله في تصرفك، أنت المالك له المتصرِّف فيه كيف تشاء. «والشر ليس إليك» أي: إنما يقع الشر في مفعولاتك ومخلوقاتك لا في فعلك سبحانه، فالشر لا يُضاف إليه سبحانه بوجه، لا في ذاته ولا في صفاته ولا في أفعاله ولا في أسمائه، فإن ذاته لها الكمال المطلق من جميع الوجوه، وصفاته كلها صفات كمال، ويُحمد عليها ويُثنى عليه بها، وأفعاله كلها خير ورحمة وعدل وحكمة، لا شر فيها بوجه ما، وأسماؤه كلها حسنى، فكيف يُضاف الشر إليه؟ بل الشر في مفعولاته ومخلوقاته وهو منفصل عنه؛ إذ فعله غير مفعوله، ففعله خير كله، وأما المخلوق المفعول ففيه الخير والشر، وإذا كان الشر مخلوقًا منفصلًا غير قائم بالرب سبحانه فهو لا يُضاف إليه، وليس في هذا حجة للمعتزلة الذين يزعمون أن الله لم يخلق الشر، فالله خالق الخير والشر وخالق كل شيء سبحانه.
«أنا بك وإليك» أي: أعوذ وأعتمد وألوذ وأقوم بك، وأتوجَّه وألتجئ وأرجع إليك، أو بك وحَّدت وإليك انتهى أمري، فأنت المبدأ والمنتهى، وقيل: أستعين بك وأتوجه إليك.
«تباركتَ وتعاليتَ» أي: تعظَّمت وتمجَّدت وتكاثر خيرك، وتعاليت عما توهمته الأوهام وتصورته العقول، وتنزَّهت عن كل نقص وعيب.
«أستغفرك وأتوب إليك» أي: أطلب المغفرة لما مضى، وأرجع عن فعل الذنب فيما بقي، متوجِّهًا إليك بالتوفيق والثبات إلى الممات.
وإذا ركع، قال: «اللهمَّ لك ركعتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، خشع لك سمعي، وبصري، ومُخِّي، وعظمي، وعَصَبي» أي ركوعي لك وحدك مخلصًا لك، وقد آمنت بك، وانقدتُ لك، وجوارحي كلها -مِن سمع وبصر ومخ وعظم وعصب- ذليلة منقادة لأمرك.
   وإذا رفع رأسه من الركوع قال: «اللهم ربنا لك الحمد مِلءَ السماوات، ومِلءَ الأرض، ومِلءَ ما بينهما، ومِلءَ ما شئتَ من شيء بعد» أي: أحمدك حمدًا لو كان أجسامًا لملأ السماوات والأرض، وملأ ما يشاء من خلقك بعد السماوات والأرض.
وإذا سجد، قال: «اللهم لك سجدتُ، وبك آمنتُ، ولك أسلمتُ، سجد وجهي للذي خلقه، وصوَّره، وشقَّ سمعَه وبصرَه، تبارك الله أحسنُ الخالقين» أي: سجودي لك وحدك مخلصًا لك، وقد آمنت بك، وانقدتُ لك، وجوارحي كلها التي خلقتها وصوَّرتها ذليلة منقادة لأمرك، تبارك الله أحسنُ الخالقين.
ثم يكون من آخر ما يقول بين التشهُّد والتسليم: «اللهم اغفر لي ما قدَّمتُ وما أخَّرتُ، وما أسررتُ وما أعلنتُ، وما أسرفتُ، وما أنت أعلم به مني، أنت المُقَدِّم وأنت المؤَخِّر، لا إله إلا أنت» أي: اللهم اغفر لي ما قدَّمتُ من الذنوب وما أخَّرتُ منها، كأنه قال: اغفر لي القديم والحديث «وما أسررتُ وما أعلنتُ» أي: اغفر لي ما أخفيت وما أظهرت، أو ما حدَّثتُ به نفسي وما تحرَّك به لساني «وما أسرفت»    أي: اغفر لي ما جاوزت فيه الحد من الذنوب والمعاصي «وما أنت أعلم به مني» أي: واغفر لي ذنوبي التي لا أعلمها «أنت المقدِّم وأنت المؤخِّر» معناه: تقدِّم من شئت بطاعتك وغيرها وتؤخِّر من شئت عن ذلك، كما تقتضيه حكمتك، وتعز من تشاء وتذل من تشاء «لا إله إلا أنت» أي: لا معبود بحق إلا أنت.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «مەن ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم» يەنى ئىبادەت بىلەن يۈزلەندىم، ئاسمان زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت بىلەن يۈزلەندىم، باشقا ئىلاھلاردىن يۈز ئۆرىدىم، چۈنكى مەخلۇقلارنى بۇ شەكىلدە گۈزەل، پۇختا ياراتقان زات يۈزلىنىشكە، قەلىبلەر ھەممە ئىشتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، باشقىغا نەزىرىنى سالماي، رازىلىقى ۋە ياخشىلىقىنى ئۈمد قىلىشقا لايىق. «توغرا يولدا بولۇپ، مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» يەنى باتىل دىنلاردىن ھەق دىن بولغان ئىسلام دىنىغا بۇرۇلۇپ، مۇستەھكەم تۇرغان كىشىمەن. ئەرەب تىلىدا «حنيف» دېگەن سۆز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئىشلىتىلگەن. «نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن شۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم، مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» يەنى نامىزىم، ئىبادىتىم، پائالىيەتلىرىم پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھېچبىرىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن، يەنە شۇنىڭدەك ھاياتىم ۋە ئۆلۈمۈم ياراتقان ۋە تەقدىرىنى پۈتكەن، بۇ ئىككى ئىشقا ھىچكىمنى ئارىلاشتۇرمىغان، زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىشلىرىدا شېرىكى يوق ئاللاھقا مەنسۈپتۇر، مېنى رەببىم تەۋھىدكە ۋە ئىخلاسقا بۇيرىدى، مەن ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئىتائەت قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن، دېدى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، مەن ئۆزەمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلدىم، پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن» دېدى. يەنى: ئى ئاللاھ! سەن پادىشاھ، سەندىن باشقا پادىشاھ يوقتۇر، سەندىن باشقىلارنىڭ ھەقىقى پادىشاھلىقى يوق، سەن ئىلاھلىق سەلتەنەتىدە يەككە-يىگانىسەن، سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق كىشى يوق، سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، مەن سېنىڭ بەندەڭ، سېنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتى قىلىپ، گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىپ ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلىرىمنى ئىتراپ قىلدىم، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، چۈنكى سەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن. ئاندىن مۇنداق دېدى: «مېنى ئەخلاقلارنىڭ ياخشىسىغا يېتەكلىگىن، ئۇنىڭ ياخشىسىغا پەقەت سەنلا يېتەكلەيسەن، يامان ئەخلاقلاردىن مېنى قايتۇرغىن، چۈنكى ئۇنىڭدىن پەقەت سەنلا قايتۇرىسەن» يەنى: ماڭا ئىبادەتتە ۋە باشقا ئىشلاردىكى يوشۇرۇن، ئاشكارا گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى كۆرسەتكىن، ماڭا مۇۋاپىقىيەت بېرىپ چىڭ تۇرغۇزغىن ۋە مىنى يەتكۈزگىن. «مەن سېنىڭ خىزمىتىڭگە ھازىرمەن، ساڭا خىزمەت قىلىشنى بەخت دەپ بىلىمەن» يەنى: ساڭا ئىتائەت قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىمەن، ساڭا ئىتائەت قىلىپ، دەۋىتىڭگە ئاۋاز قوشۇش بىلەن ئۆزۈمنى چەكسىز بەخىتلىك ھېساپلايمەن. «ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قولۇڭدىدۇر» يەنى: بارلىق ياخشىلىق سىنىڭ باشقۇرۇشۇڭ ئىچىدە، سەن ئىگە بولۇپ خالىغىنىڭچە باشقۇرىسەن. «يامانلىق ساڭا مەنسۇپ ئەمەس» يەنى: يامانلىق مەخلۇقاتلىرىڭ ئىچىدە سىنىڭ قىلىشىڭ بىلەن ئەمەس، تەسىرىڭ بىلەن يۈز بىرىدۇ. يامانلىقنى ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى، ئىشلىرى ۋە ئىسىملىرىغا چېتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ زاتى ھەممە تەرەپتىن مۇتلەق مۇكەممەل، بارلىق سۈپەتلىرى مۇكەممەل سۈپەتلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا مەدھىيىلىنىدۇ ۋە ياخشى تەرىپى قىلىنىدۇ. بارلىق ئىشلىرى ياخشىلىق، رەھمەت، ئادالەت ۋە ھىكمەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئازراقمۇ يامانلىق يوق. ھەممە ئىسىملىرى گۈزەل تۇرسا ئاللاھقا قانداقمۇ يامانلىق مەنسۇپ قىلىنسۇن؟، لېكىن يامانلىق ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە، ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئايرىم ئىشتۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىشى ئۇنىڭ تەسىرىدىن باشقا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى ياخشى. ئەمما تەسىر قوبۇل قىلىدىغان مەخلۇقتا ياخشىلىق- يامانلىق بولىدۇ، يامانلىق يارىتىلغان لېكىن ئاللاھ ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقمايدىغان ئايرىم ئىش بولسا، ئۇنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئاللاھ يامانلىقنى ياراتمىغان دەپ قارايدىغان مۆئتەزىلە پىرقىسى بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولغانلىق ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ ياخشىلىق يامانلىقنى، شۇنداقلا بارلىق شەيئىنى ياراتقۇچىدۇر. «مەن سەن بىلەن، ساڭا» يەنى" سەن بىلەن پاناھلىنىمەن ۋە ساڭا تايىنىپ تۇرىمەن، ساڭا قايتىپ، ئىلتىجا قىلىپ يېلىنىمەن، ياكى سەن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدىم ۋە ئىشىم ساڭا يەتتى، سەن باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نوقتىسىسەن. «سەن بىلەن ياردەم تەلەپ قىلىمەن ۋە ساڭا يۈزلىنىمەن» دېگەنلىك دېگۈچىلەرمۇ بار. «سەن ئۇلۇغ ۋە ئۈستۈنسەن»، يەنى: ئۇلۇغسەن، بۈيۈكسەن، ياخشىلىقىڭ كۆپتۇر، خىياللاردا ئويلاپ، ئەقىللەردە تەسەۋۋۇر قىلغاندىن ئۈستۈنسەن ۋە ئەيىپ-نوقساندىن پاكسەن. «سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن»، يەنى: ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە كىيىنكى ئۆمرۈمدە ئۆلگەنگە قەدەر مۇۋاپىقىيەتلىك بىلەن چىڭ تۇرۇپ ساڭا يۈزلىنىپ، گۇناھ قىلىشتىن قايتىمەن. رۇكۇ قىلغاندا: «ئى ئاللاھ! ساڭا رۇكۇ قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، قۇلۇقۇم، كۆزۈم، نىرۋام، مىڭەم ۋە پەيلىرىم ساڭا بويسۇندى» دەيتتى. رۇكۇدىن تۇرغاندا «ئى ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارلىقى توشقۇدەك ۋە باشقا سەن خالىغان جايلار توشقۇدەك ھەمدىلەر بولسۇن» دەيتتى. سەجدە قىلغاندا: «ئى ئاللاھ ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم ۋە بويسۇندۇم، يۈزۈم ياراتقان، شەكىلگە كىرگۈزگەن، كۆز ۋە قۇلاق ئاتا قىلغان ئىگىسىگە سەجدە قىلدى، ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر» دەيتتى. ئاندىن ئاخىرىدا تەشەھھۇد ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا: «ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن تائەت ئىبادەتتە كىمنى خالىساڭ ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كىمنى خالىساڭ كېيىن قالدۇرغۇچى زاتسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» دەيتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8280

 
Hadith   658   الحديث
الأهمية: ألا ترضين أن أصل من وصلك، وأقطع من قطعك؟


باشتېما:

ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «خَلَقَ اللهُ الخلقَ، فلمَّا فرغَ منه، قامت الرَّحِمُ فأخذت بحَقْو الرَّحمن، فقال له: مَه، قالت: هذا مقامُ العائذِ بك من القَطِيعة، قال: ألَا تَرْضَيْنَ أنْ أصِلَ مَن وصلكِ، وأقطعُ مَن قطعكِ، قالت: بلى يا ربِّ، قال: فذاك». قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: اقرءوا إن شئتم: {فهل عسيتُم إنْ تولَّيتُم أن تُفْسِدوا في الأرض وتُقَطِّعوا أرحامَكم}، وفي رواية للبخاري: فقال الله: (من وصلك وصلته ومن قطعك قطعته).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ياراتتى. ئۇلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، تۇققاندارچىلىق ئورنىدىن تۇرۇپ راھمان تائالانىڭ پىشىغا ئېسىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا: نىمە! دېدى. رەھىم: مەن سىلى بىلەن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشتىن پاناھ تىلىگۈچىمەن، دىدى، ئاللاھ: ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟ دېدى، تۇققانچىلىق: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، ئى پەرۋەردىگارىم! دېدى، ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا، بۇ ھەق ساڭا بېرىلدى، دېدى». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئەگەر خالىساڭلار: «سىلەر ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟» دېگەن ئايەتنى ئوقۇڭلار، دېدى. بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ: تۇققانچىلىق قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزۈپ تۇرىمەن، ئۇنى ئۈزگەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىمەن، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله: «خَلَقَ اللهُ الخلقَ، فلمَّا فرغَ منه» أي: انتهى من خلق المخلوقات، وهو يدل على أن ذلك وقع في وقت محدد، وإن كان الله تعالى لا حدَّ لقدرته، ولا يشغله شأن عن شأن، ولكن اقتضت حكمته أن يجعل لفعله ذلك وقتًا معينًا، وهذا من الأدلة على أن أفعاله تتعلق بمشيئته، فمتى أراد أن يفعل شيئا فعله.
وليس معنى قوله: «لما فرغ» أنه تعالى انتهى من خلق كل شيء، بل مخلوقاته تعالى لا تزال توجد شيئا بعد شيء، ولكن سبق علمه بها، وتقديره لها وكتابته إياها، ثم هي تقع بمشيئته، فلا يكون إلا ما سبق به علمه، وتقديره وكتابته، وشاءه فوجد.
قوله: «قامت الرَّحِمُ فأخذت بحَقْو الرَّحمن، فقال له: مَه» هذه الأفعال المسنَدة إلى الرحم، من القيام والقول، ظاهر الحديث أنها على ظاهرها حقيقة، وإن كانت الرحم معنى يقوم بالناس، ولكن قدرة الله تعالى لا تُقاس بما يعرفه عقل الإنسان، وهذا الحديث في الجملة من أحاديث الصفات، التي نص الأئمة على أنها تُمَرُّ كما جاء، وردُّوا على من نفى موجبه. وليس ظاهر هذا الحديث أن لله إزاراً ورداءً من جنس الملابس التي يلبسها الناس، مما يصنع من الجلود والكتان والقطن وغيره، قال تعالى: (ليس كمثله شيء وهو السميع البصير).
قوله: «قالت: هذا مقامُ العائذِ بك من القَطِيعة» هذا أعظم مقام، والعائذ به استعاذ بأعظم معاذ، وهو دليل على تعظيم صلة الرحم، وعظم قطيعتها، والقطيعة: عدم الوصل، والوصل: هو الإحسان إلى ذوي القرابة، والتودُّد لهم والقرب منهم، ومساعدتهم، ودفع ما يؤذيهم، والحرص على جلب ما ينفعهم في الدنيا والآخرة.
قوله: «قال: ألَا تَرْضَيْنَ أنْ أصِلَ مَن وصلكِ، وأقطعَ مَن قطعكِ، قالت: بلى يا ربِّ، قال: فذاك» فمن وصل قرابته وصله الله، ومن وصله الله، وصل إلى كل خير وسعادة في الدنيا والآخرة، ولا بد أن تكون نهايته مجاورة ربه في الفردوس؛ لأن الوصل لا ينتهي إلا إلى هناك فينظر إلى وجه ربه الكريم. ومن قطع قرابته قطعه الله، ومن قطعه الله فهو المقطوع مع عدو الله الشيطان الطريد الرجيم.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن» يەنى بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارتىپ ئاياغلاشقاندا دېگەن سۆزى ئۇ ئىشنىڭ چەكلىك ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى چەكسىز، بىر ئىش يەنە بىر ئىشتىن ئۇنى توسۇپ قالالمىسىمۇ، بىراق ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات بۇ ۋەقەلىك ئۈچۈن بىر ۋاقىت تاللىغان، دېگەن مەنىدە. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى ئۆز خاھىشىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىگە، قايسى ۋاقىتتا نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. «يارتىپ بولغاندىن كېيىن» دېگەن سۆزدىن ھەممە نەرسىنى يارتىپ بولدى، دېگەنلىك چىقمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقلىرى ئىزچىل بارلىققا كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمى، تەقدىر قىلىشى، لەۋھۇل مەھپۇزدا پۇتىشى ئىلگىرى ئۆتكەن. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى ئاساسىدا ئۇ بارلىققا كەلگەن. ھەر قانداق نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدە بولىدۇ، ئاندىن تەقدىر قىلىنىدۇ ۋە لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلىدۇ، ئاندىن خاھىشى بولغاندا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. «رەھىم راھمان تائالانىڭ پىشىغا ئېسىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: نىمە! دېدى» تۇققانچىلىق گەرچە مەنىۋى نەرسى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مەنسۇپ تۇرۇش، سۆزلەشلەر ھەقىقەت مەنىسىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئىنساننىڭ ئەقلى تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۈر قىلماي سۆز مەنىسىگە قاراپ چۈشۈنۈش كېرەك، مەنالىرىنى بۇرمىلاشنى ئالىملار رەت قىلغان. ئەمما بۇ ھەدىستىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار كېيىدىغاندەك پاختا، تېرە ۋە باشقا نەرسىلەردىن تىكىلگەن كېيىمى بار، دېگەن مەنالار چىقمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھېچ شەيئى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش ئەمەستۇر». يەنە سىلە-رەھىم: «مەن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشتىن پاناھ تىلىگۈچىمەن، دېدى» بۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئورۇندۇر، پاناھ تىلىگۈچى ئەڭ بۈيۈك ئورۇندا پاناھ تىلىگەن، يۇقارقى ئىبارىلەر سىلە-رەھىمىنى ئۇلاپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنى ئۈزۈپ قويۇشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. سىلە-رەھىمىنى ئۈزۈپ قويۇش: قىلىۋاتقان ياخشىلىقلارنى ئۈزۈش دېگەن مەنىدە. سىلە-رەھىمىنى ئۇلاش: ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، مىھرىبانلىق قىلىش، يېقىن تۇرۇش، قېيىنچىلىقلاردا ياردەم بېرىش، بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ۋە ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۋېتىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلاردا ئۇلارنى يېتەكلەشتەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئاللاھ: ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟ دېگەندە، رەھىم: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا، بۇ ھەق ساڭا بېرىلدى، دېدى» كىمىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا رەھمىتىنى چۈشۈرگەن كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ، شەكسىزكى ئاخىرەتتە پىردەۋىس جەننىتىدىن پەرۋەردىگارىغا يېقىن بىر ئورۇندىن ئورۇن ئالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇش ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراش بىلەن جەننەتتە ئاخىرلىشىدۇ. كىمىكى سىلە-رەھىمىنى ئۈزسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن رەھمىتىنى ئۈزىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رەھمىتىنى ئۈزگەن كىشى بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولۇپ، قوغلاندى قىلىنغان شەيتان بىلەن بىللە بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8284

 
Hadith   659   الحديث
الأهمية: اللهم لك أسلمت، وبك آمنت، وعليك توكلت، وإليك خاصمت، وبك حاكمت، فاغفر لي ما قدمت وما أخرت، وأسررت وأعلنت، وما أنت أعلم به مني، لا إله إلا أنت


باشتېما:

ئى ئاللاھ!، ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم، سېنىڭ ھۆكمىڭنى يۈرگۈزدۈم، مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- كان النبيُّ -صلى الله عليه وسلم- إذا تَهَجَّد من الليل قال: «اللهم ربَّنا لك الحمدُ، أنت قَيِّمُ السموات والأرض، ولك الحمدُ أنت ربُّ السموات والأرض ومَن فيهنَّ، ولك الحمدُ أنت نورُ السموات والأرض ومن فيهنَّ، أنت الحقُّ، وقولُك الحقُّ، ووعدُك الحقُّ، ولقاؤك الحقُّ، والجنةُ حقٌّ، والنارُ حقٌّ، والساعةُ حقٌّ، اللهم لك أسلمتُ، وبك آمنتُ، وعليك توكَّلتُ، وإليك خاصمتُ، وبك حاكمتُ، فاغفر لي ما قدَّمتُ وما أخَّرتُ، وأسررتُ وأعلنتُ، وما أنت أعلم به مني، لا إلهَ إلا أنت».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇت ئوقۇغاندا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ!، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلار ۋە زېمىننى باشقۇرغۇچىسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ نۇرىسەن، سەن ھەقسەن، سۆزۈڭ ھەقتۇر، ۋەدەڭ ھەقتۇر، سەن بىلەن ئۇچرىشىش ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر، ئى ئاللاھ!، ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم، سېنىڭ ھۆكمىڭنى يۈرگۈزدۈم، مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبيُّ صلى الله عليه وسلم إذا قام لصلاة الليل قال بعد أن يكبِّر تكبيرة الإحرام: «اللهم ربَّنا لك الحمدُ» أي: جميع الحمد واجب ومستحق لله تعالى، فهو المحمود على صفاته، وأسمائه، وعلى نعمه، وأياديه، وعلى خلقه وأفعاله، وعلى أمره وحُكمه، وهو المحمود أولًا وآخرًا، وظاهرًا وباطنًا.
ثم قال: «أنت قَيِّمُ السموات والأرض» أي: أنت الذي أقمتهما من العدم، والقائم عليهما بما يصلحهما ويقيمهما، فأنت الخالق الرازق، المالك المدبر، المحيي المميت.
ثم قال: «ولك الحمدُ أنت رب السموات والأرض ومن فيهنَّ» أي: أنت مالكهما ومن فيهما، والمتصرف بهما بمشيئتك، وأنت موجِدهما من العدم، فالملك لك، وليس لأحد معك اشتراك أو تدبير، تباركت وتعاليت.
ثم قال: «ولك الحمدُ أنت نورُ السماوات والأرض ومن فيهنَّ» فمن صفاته سبحانه أنه نور، واحتجب عن خلقه بالنور، وهو سبحانه منوِّر السماوات والأرض، وهادي أهل السماوات والأرض، ولا ينبغي نفي صفة النور عن الله تعالى أو تأويلها.
ثم قال: «أنت الحقُّ» فالحق اسم من أسمائه وصفة من صفاته، فهو الحق في ذاته وصفاته، فهو واجب الوجود كامل الصفات والنعوت، وجوده من لوازم ذاته، ولا وجود لشيء من الأشياء إلا به.
   ثم قال: «وقولُك الحقُّ» ما قلتَه فهو صدق وحق وعدل، لا يأتيه الباطل من بين يديه، ولا من خلفه، لا في خبره، ولا في حُكمه وتشريعه، ولا في وعده ووعيده.
ثم قال: «ووعدُك الحقُّ» يعنى: لا تخلف الميعاد، فما وعدت به فلا بد من وقوعه، على ما وعدت، فلا خُلف فيه ولا تبديل.
ثم قال: «ولقاؤك حقُّ» أي: لا بد للعباد من ملاقاتك، فتجازيهم على أعمالهم، واللقاء يتضمن رؤية الله سبحانه.
ثم قال: «والجنةُ حقٌّ، والنارُ حقٌّ» أي: ثابتتان، موجودتان، كما أخبرتَ بذلك أنهما معدتان لأهلهما، فهما دار البقاء، وإليهما مصير العباد.
ثم قال: «والساعةُ حقٌّ» أي: مجيء يوم القيامة حق لا مرية فيه، فهو ثابت لا بد منه، وهي نهاية الدنيا، ومبدأ الآخرة.
وقوله: «اللهم لك أسلمتُ» معناه: انقدت لحكمك وسلمت ورضيت. وقوله: «وبك آمنت» يعنى: صدَّقت بك وبما أنزلت، وعملت بمقتضى ذلك.
«وعليك توكلت» أي: اعتمدت عليك، ووكَّلت أموري إليك، «وإليك خاصمت» أي: بما آتيتنى من البراهين احتججت على المعاند وغلبته «وبك حاكمت» أي: كل من أبى قبول الحق، أو جحده، حاكمته إليك وجعلتك الحكم بيني وبينه مجانبًا بذلك حكم كل طاغوت، من قانون وضعي، أو كاهن أو غيره، مما يتحاكم إليه البشر، من الأوضاع الباطلة شرعاً.
وقوله: «فاغفر لي ما قدَّمتُ وما أخَّرتُ، وأسررتُ وأعلنتُ، وما أنت أعلم به مني» أي: اغفر لي ما عملتُ من الذنوب، وما سأعمله، وما ظهر منها لأحد من خلقك، وما خفي عنهم، ولم يعلمه غيرك.
ثم ختم دعاءه بقوله: «لا إلهَ إلا أنت» فلا أتوجَّه إلى سواك؛ إذ كل مألوه غيرك باطل ودعوته ضلال ووبال، وهذا هو التوحيد الذي جاءت به رسل الله، وفرضه تعالى على عباده.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى نامازغا تۇرغاندا باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن: «ئى ئاللاھ!، گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر» يەنى: ئۇ ئاللاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى، نېمەتلىرى، ياردەملىرى، ياراتقانلىقى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، بۇيرۇقى، ھۆكمىدە ماختالغۇچىدۇر، ئۇ ئاللاھ ئەۋۋەلدە، ئاخىرىدا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ماختالغۇچىدۇر». ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن ئاسمان-زېمىننى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى» يەنى: سەن يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى، ئۇلارنى ياخشىلاش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق ئىدارە قىلغۇچى، سەن ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، ئىگە، تەدبىر قىلغۇچى، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن. يەنە مۇنداق دېدى: «ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن» يەنى: سەن ئۇ ئىككىسى ۋە ئىككىسىدىكى كىشىلارنىڭ ئىگىسى، خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلغۇچى، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى، ئىگىدارچىلىق ساڭا خاس، ساڭا شېرىك بولىدىغان ياكى سەن بىلەن بىرگە تەدبىر قىلىدىغان ھېچكىم يوق، سەن بەرىكەتلىك ۋە ئالىيسەن. ئاندىن مۇنداق دېدى: «ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ نۇرىسەن» نۇر ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئاللاھ نۇر بىلەن ئۆز خەلقىدىن چەكلىنىدۇ، ئاللاھ ئاسمان-زېمىننىڭ نۇرلاندۇرغۇچىدۇر، ئاسمان-زېمىن ئەھلىنى توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ نۇر سۈپىتىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش توغرا بولمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن ھەق»، ھەق: ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ زاتىدا ۋە سۈپىتىدە ھەقدۇر، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى زۆرۈردۇر، كامالى سۈپەت ئىگىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى زاتىنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىندۇر، ھەممە نەرسىنىڭ مەۋجۇد بولىشى ئاللاھ بىلەندۇر. ئاندىن مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقتۇر» يەنى: سېنىڭ دېگەن سۆزۈڭ راست، ھەق ۋە ئادالەتتۇر، ئىلگىرى، كېيىن، خەۋىرى، ھۆكمى، شەرىئىتى، ۋەدىسى، تەھدىدىدە باتىل ئارىلاشمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ۋەدەڭ ھەقتۇر» يەنى: سەن قىلغان ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن، سەن ۋەدە قىلغان نەرسە ۋەدە قىلغان بويىچە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنىڭدا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش بولمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن بىلەن ئۇچرىشىش ھەقتۇر»، يەنى: بەندىلەر چوقۇم سەن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا بىرىسەن. ئۇچرىشىش ئاللاھنى كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «جەننەت ۋە دوزاخ ھەقتۇر»، يەنى: بۇ ئىككىسى سەن خەۋەر بەرگەندەك مەۋجۇتتۇر، بېكىتىلگەندۇر، بۇ ئىككىسى ئۆز ئەھلى ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر، بۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ، بەندىلەرنىڭ ئاخىرقى بارىدىغان جايىدۇر. ئاندىن مۇنداق دېدى: «قىيامەت ھەقتۇر»، يەنى: قىيامەتنىڭ بولىشى شەكسىز ھەقتۇر، بۇنىڭ بولىشى زۆرۈر بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئاخىرەتنىڭ باشلىنىشىدۇر. «ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم» يەنى: سېنىڭ ھۆكمىڭگە تەسلىم بولدۇم، بويسۇندۇم، رازى بولدۇم. «ساڭا ئىمان ئېيتتىم» يەنى: ساڭا ۋە سەن نازىل قىلغان نەرسىگە ئىشەندىم ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلدىم. «ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم» يەنى: ساڭا تاياندىم ۋە ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. «سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم» يەنى: سەن ماڭا بەرگەن پاكىتلارنى قارشى تۇرغۇچىغا ھۆججەت قىلىپ غەلىبە قىلدىم. «سېنىڭ ھۆكمۈڭنى يۈرگۈزدۈم» يەنى: ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ياكى ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشىگە سەندىن ھۆكۈم تەلەپ قىلدىم، بارلىق تاغۇتنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىدىن ياكى كاھىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار ھۆكۈم تەلەپ قىلىدىغان، شەرىئەتكە زىت بولغان باتىل قانۇندىن يىراق بولۇپ، مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سېنى ھۆكۈمدار قىلدىم. «مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن» يەنى: مېنىڭ قىلغان ياكى كەلگۈسىدە قىلىدىغان، سېنىڭ خەلقىڭدىن بىرىگە ئاشكارا بولغان ياكى ئۇلاردىن مەخپى بولغان، سەندىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان گۇناھىمنى كەچۈرگىن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ئى ئاللاھ!، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: سەندىن باشقىغا يۈزلەنمەيمەن، سەندىن باشقا ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر، ئۇنىڭغا قىلىنغان چاقىرىق ئازغۇنلۇق ۋە ۋابالدۇر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بىكىتكەن تەۋھىد ئەقىدىسىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8285

 
Hadith   660   الحديث
الأهمية: سبق الكتاب أجله، اخطبها إلى نفسها


باشتېما:

بەلگىلەنگەن ئىددەت تۈگىدى، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن

عن الزُّبير بن العوام -رضي الله عنه- أنَّه كانت عنده أمُّ كُلثوم بنتُ عقبة، فقالت له وهي حاملٌ: طَيِّب نفسي بتطليقة، فطلَّقها تطليقةً، ثم خرجَ إلى الصلاة، فرجع وقد وضعت، فقال: ما لها؟ خَدَعتني، خَدَعها اللهُ، ثم أتى النبيَّ -صلى الله عليه وسلم-، فقال: «سَبَقَ الكتابُ أَجَلَه، اخطِبها إلى نفسِها».

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ كۇلسۇم بىنتى ئۇقبە ئۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ ئايال ھامىلدار ھالەتتە ئېرى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا: «مېنى خوش قىلىپ بىر تالاق قىلىۋەتسىلە» دەيدۇ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئۇنى بىر تالاق قىلىدۇ، ئاندىن نامازغا چېقىپ قايتىپ كىرسە ئۇ ئايال تۇغۇپ بوپتۇ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام: نېمە دەپ مېنى ئالدىدىڭ؟، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن دەيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلگىلەنگەن ئىددەت تۈگىدى، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن» دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الزبير بن العوام متزوِّجًا بأم كلثوم بنت عقبة فقالت له وهي حامل: «طيِّب نفسي بتطليقة» أي: أدخل علي السرور بتطليقة واحدة، والظاهر أنها كانت لا تحبه وتريد أن تخرج من تحته خروجًا لا يتمكَّن من مراجعتها، فطلبت منه أن يطلقها طلقة واحدة لما أحسَّت بقرب ولادتها، وعلمت أن عدة الحامل أن تضع حملها، فطلَّقها تطليقةً، ثم خرجَ إلى الصلاة، فرجع وقد ولدت، فقال: «ما لها؟ خَدَعتني، خَدَعها اللهُ» والخداع من صفات الله تعالى الفعلية الخبرية، ولكنه لا يوصف بها على سبيل الإطلاق، إنما يوصف بها على سبيل المقابلة، فيقال يخدع الله من يخدعه، مثل خداعه للمنافقين، وخداعه لمن يمكر بالمؤمنين وما شابه ذلك، ولا يجوز تأويلها بقولهم إن الزبير أراد بقوله هذا: جزاها الله تعالى بخداعها. بل يجب إثبات هذه الصفة كغيرها من صفات الله تعالى من غير تحريف ولا تعطيل ومن غير تكييف ولا تمثيل.
   ثم أتى الزبير إلى النبي صلى الله عليه وسلم فأخبره بما حدث بينه وبين زوجته، فقال صلى الله عليه وسلم: «سَبَقَ الكتابُ أَجَلَه»، أي: مضت العدة المكتوبة قبل ما يتوقع من تمامها، ووقع الطلاق، ثم قال صلى الله عليه وسلم: «اخطِبها إلى نفسِها» أي: كن واحدًا من الخُطاب لا حقَّ لك في نفسها؛ لخروجها عن العدة.
586;ۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇقبەنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم بىلەن توي قىلغان ئىدى، ئۇ ئايال ھامىلدار ھالەتتە زۇبەيرگە: «مېنى بىر تالاق قىلىپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىۋەتسىلە» دېدى، چۈنكى ئۇ ئايال زۇبەيرنى ياخشى كۆرمەيتتى، زۇبەيرنىڭ نىكاھىدىن يىنىۋالالمايدىغان شەكىلدە چېقىشنى مەقسەت قېلىپ، تۇغۇدىغان ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا بىر تالاق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇ ئايال ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتىنىڭ بالىنى تۇغۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى، زۇبەير ئۇنى بىر تالاق قىلىپ نامازغا چېقىپ كەتتى، نامازدىن قايتىپ كىرگەندە ئۇ ئايال تۇغۇپ بولغان ئېدى، زۇبەير:نېمە دەپ مېنى ئالدىدىڭ؟، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن (سېنى ئالدىسۇن) دېدى، ئالداش ئاللاھ تائالانىڭ خەبەر بىرىلىدىغان، ھەرىكەت سۈپىتى بولسىمۇ بۇ سۈپەت بىلەن ئاللاھ تائالا مۇتلەق سۈپەتلەنمەستىن، قارشىلىشىش شەكلىدە سۈپەتلىنىدۇ،يەنى: ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ ھىلە-مىكرىسىنى بەربات قىلغانلىقى، مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلەتكەنلەرنى بەربات قىلغىنىغا ئوخشاش ئاللاھ ھىلە ئىشلەتكەنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدۇ، زۇبەيرنىڭ سۆزىنى «ئاللاھ ئالداش ئارقىلىق جازايىنى بەرسۇن» دېگەننى مەقسەت قىلدى دەپ ئىزاھلىساق توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۈپەتنى ئۆزگەرتمەستىن، بىكار قىلىۋەتمەستىن، قانداقلىقى ۋە شەكلىنى سۈرۈشتۈرمەستىن شۇ بويىنچە ئىسپاتلا كېرەك. ئاندىن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلگىلەنگەن ئىددەت كۈتۈلمەي تۇرۇپلا تۈگەپتۇ، تالاق بولۇپتۇ، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن،يەنى: لايىقلاردىن بىرى بول، ئۇ ئىددەتتىن چېقىپ بولغانلىقى ئۈچۈن سېنىڭ ئۇ ئايالدا ھېچ ھەققىڭ يوق» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8286

 
Hadith   661   الحديث
الأهمية: يوضع الصراط بين ظهري جهنم، عليه حسك كحسك السعدان، ثم يستجيز الناس، فناج مسلم، ومجدوح به، ثم ناج ومحتبس به فمنكوس فيها


باشتېما:

قىيامەت كۈنى دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە چوڭ تىكەنلەر بار بولۇپ كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى ئېلىۋالىدۇ، بەزىلەر تېرىسىگە تىكەن سۈركىشىپ ئۆتۈپ سالامەت قالىدۇ، بەزىلەر بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن بولغان ھالەتتە دوزاخقا چۈشىدۇ

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «يُوضَعُ الصِّراط بين ظَهْرَي جهنم، عليه حَسَكٌ كحَسَك السَّعْدان، ثم يستجيز الناس، فناجٍ مُسَلَّم، ومَجْدوح به ثم ناجٍ، ومحتبَس به فمنكوسٌ فيها، فإذا فرغ اللهُ عز وجل من القضاءِ بين العباد، يفقد المؤمنون رجالًا كانوا معهم في الدنيا يُصلُّون بصلاتهم، ويُزَكُّون بزكاتهم، ويصومون صيامهم، ويحجُّون حجَّهم ويغزون غزوَهم فيقولون: أي ربنا عبادٌ من عبادك كانوا معنا في الدنيا يُصلُّون صلاتنا، ويُزَكُّون زكاتنا، ويصومون صيامنا، ويحجُّون حجَّنا، ويغزون غزوَنا لا نراهم، فيقول: اذهبوا إلى النار فمن وجدتم فيها منهم فأخرجوه، قال: فيجدونهم قد أخذتهم النارُ على قَدْر أعمالهم، فمنهم مَن أخذته إلى قدميه، ومنهم مَن أخذته إلى نصف ساقيه، ومنهم مَن أخذته إلى رُكبتيه، ومنهم من أخذته إلى ثَدْيَيْه، ومنهم من أزرته، ومنهم من أخذته إلى عنقه، ولم تَغْشَ الوجوهَ، فيستخرجونهم منها فيُطرحون في ماء الحياة»، قيل: يا رسول الله وما الحياة؟ قال: «غسل أهل الجنة فينبتون نباتَ الزرعة» وقال مرة: «فيه كما تنبت الزرعة في غُثاء السَّيل، ثم يشفع الأنبياء في كلِّ من كان يشهد أن لا إله إلا الله مخلِصًا فيخرجونهم منها» قال: «ثم يتحنَّنُ اللهُ برحمته على من فيها، فما يترك فيها عبدًا في قلبه مثقالُ حبَّة من إيمان إلا أخرجه منها».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى ئېلىۋالىدىغان چوڭ تىكەنلەر بار بولۇپ، بەزىلەر بەدىنىگە تىكەن سۈركەشكەن ھالدا سالامەت ئۆتىدۇ، بەزىلەر بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن بولغان ھالەتتە دوزاخقا چۈشىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۆمىنلەر دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە غازات قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تاپالمايدۇ، ئۇلار: ئى ئاللاھ! سىلىنىڭ بەندىلىرىدىن دۇنيادا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنى تاپالمىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: دوزاخقا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار دوزاختا بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ. مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن تاپىدۇ، دوزاخ ئوتى ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان يامان ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىدا كۆيدۈرگىلى تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. يەنى ئۆت بەزىلەرنىڭ ئىككى قەدىمىگىچە، بەزىلەرنى پۇتىغىچە، بەزىلەرنى تىزىغىچە، بەزىلەرنى كۆكرىكىگىچە، بەزىلەرنى كېكىردىكىگىچە، بەزىلەرنى بوينىغىچە كۆيدۈرگىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما يۈزلىرىگە ئوت تەگمەپتۇ، مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ، ھاياتلىق سۈيىگە تاشلايدۇ، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھاياتلىق سۈيى دېگەن نېمە؟دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەت ئەھلىنىڭ يۇيۇنغان سۇلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇ سۇدىن زىرائەت كۆكلىگەندەك قايتىدىن كۆكلەيدۇ»دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «جىلغا ئەتراپىدا زىرائەتلەر ئۈنگەندەك كۆكلەيدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ».ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاختا قالغان باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆيۈنۈپ، قەلبىدە زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاختىن چىقىرىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا كان يوم القيامة وضع الله عز وجل الصراط على وسط جهنم، وعلى الصراط شوك صلب، ثم يؤمر الناس بالمرور عليه، فمنهم من ينجو ويسلم ولا تناله النار، ومنهم من يُخدش ثم يسلم ويُخلَّص، ومنهم من يسقط في جهنم.
فإذا فرغ اللهُ عز وجل من محاسبة عباده وأُدخل أهلُ الجنة الجنةَ وأهلُ النار النارَ، لا يجد المؤمنون من أهل الجنة ناساً كانوا معهم في الدنيا يصلون ويزكون ويصومون ويحجون ويجاهدون معهم، فيقولون لله عز وجل: إننا لا نرى هؤلاء الناس معنا في الجنة مع أنهم كانوا يصلون ويزكون ويصومون ويحجون ويجاهدون معنا في الدنيا. فيقول الله لهم : اذهبوا إلى النار فإذا وجدتم فيها أحدًا منهم فأخرجوه منها.
فيجدونهم قد أصابتم النارُ على قَدْر أعمالهم، فمنهم مَن أصابته إلى قدميه، ومنهم مَن أصابته إلى نصف ساقيه، ومنهم مَن أصابته إلى رُكبتيه، ومنهم من أصابته إلى وسطه ومنهم من أصابته إلى ثَدْيَيْه، ومنهم من أصابته إلى رقبته، ولكنَّ النار لم تصل إلى وجوههم، فيشفعون فيهم، فيخرجون من النار ويُلقون في ماء الحياة، وهو ماء يُحيى من انغمس فيه، فينبتون كما ينبت الزرع في مجرى السَّيل.
ثم يشفع الأنبياء في كلِّ من كان يشهد أن لا إله إلا الله مخلِصًا من قلبه فيخرجونهم من النار، ثم يعطف اللهُ برحمته على من في النار، فما يترك فيها أحدًا في قلبه مقدار حبَّة من إيمان إلا أخرجه منها.
602;ىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك بەرپا قىلىدۇ، كۆۋرۈك ئەتراپىدا قاتتىق تىكەنلەر بولۇپ، كىشىلەرنى ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە بۇيرۇيدۇ، بەزىلەر دوزاخقا چۈشۈپ كەتمەستىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ تېرىسىنى تىكەن سۈرىۋەتسىمۇ سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەردىن ھېساب ئېلىپ جەننەت ئەھلىنى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلىنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ بولغاندا، مۆمىنلەر جەننەتتە دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە غازات قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تاپالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ: دۇنيادا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنى جەننەتتە تاپالمىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: دوزاخقا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار دوزاختا بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ، مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن تاپىدۇ، دوزاخ ئوتى ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى بويىچە كۆيدۈرگىلى تۇرغان ئىكەن، يەنى بەزىلەرنىڭ ئىككى قەدىمىنى، بەزىلەرنى پۇتىغىچە، بەزىلەرنى تىزىغىچە، بەزىلەرنى كۆكرىكىگىچە، بەزىلەرنى كېكىردىكىگىچە، بەزىلەرنى بوينىغىچە كۆيدۈرگىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما يۈزلىرىگە ئوت تەگمەپتۇ. مۆمىنلەر ئۇلارغا شاپائەت قىلىپ ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ ھاياتلىق سۈيىگە تاشلايدۇ، ئۇ سۇغا چۆمۈلگەن كىشى خۇددى جىلغا ئەتراپىغا ئۈنگەن ئۆسۈملۈكلەردەك قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ». ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاختا قالغان باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆيۈنۈپ، قەلبىدە زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاختىن چىقىرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8287

 
Hadith   662   الحديث
الأهمية: ما من يوم أكثر من أن يعتق الله فيه عبدًا من النار من يوم عرفة


باشتېما:

ئاللاھ بەندىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىنمۇ شەرەپلىكراق كۈن يوق

عن عائشة -رضي الله عنها- مرفوعاً: «ما مِن يومٍ أكثر مِن أنْ يُعْتِقَ اللهُ فيه عبدًا مِن النارِ، مِن يومِ عرفة، وإنَّه ليدنو، ثم يُباهي بهم الملائكةَ، فيقول: ما أراد هؤلاء؟».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: « ئاللاھ بەندىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىنمۇ شەرەپلىكراق كۈن يوق. ئاللاھ بەندىلىرىگە يېقىنلاشقاندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ: ئۇلار نېمىنى مەقسەت قىلدى؟» دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ليس يوم من الأيام أكثر من يوم عرفة في أن يُخَلِّص وينجِّي الله من يشاء من النار، وإنه -سبحانه- يقرب من عباده الحجيج قُربًا حقيقيًّا، ويباهي بهم الملائكة، ويُظهر على الملائكة فضل الحُجَّاج وشرفهم، وأهل السنة والجماعة يعتقدون أن الله عز وجل قريب من عباده حقيقة كما يليق بجلاله وعظمته، وهو مستوٍ على عرشه، بائن من خلقه، وأنه يتقرب إليهم حقيقة، ويدنو منهم حقيقة.، فيقول: ما أراد هؤلاء؟ أي: أي شيء أراد هؤلاء؟ حيث تركوا أهلهم وأوطانهم، وصرفوا أموالهم، وأتعبوا أبدانهم، أي: ما أرادوا إلا المغفرة، والرضا، والقرب، واللقاء، وما أرادوه فهو حاصل لهم، ودرجاتهم على قدر نياتهم.
574;اللاھ تائالانىڭ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ، چىقىرىۋىتىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىن ئەۋزەلراق كۈن يوق. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەج قېلىۋاتقان بەندىلىرىگە ھەقىقى يېقىنلىشىدۇ، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ، پەرىشتىلەرگە ھاجىلارنىڭ پەزىلىتىنى ۋە شەرىپىنى ئاشكارا قېلىدۇ. "ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە": ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۆزىنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلىقىغا لايىق رەۋىشتە ھەقىقى يېقىنلىشىدۇ، ئۇ ئەرىشنىڭ ئۈستىدە ئورۇنلاشقان، خەلقىدىن ئايرىم،- دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەقىقى يېقىنلىشىپ ۋە يېقىن بولۇپ: «ئۇلار نېمىنى مەقسەت قىلدى؟» دەيدۇ، يەنى: ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنى، ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ، پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىپ، بەدەنلىرىنى چارچىتىپ، قايسى نەرسىنى مەقسەت قىلدى؟، يەنى: ئۇلار پەقەت مەغپىرەت، رازىلىق، يېقىنلىق ۋە ئۇچرىشىشنى مەقسەت قىلدى، ئۇلارنىڭ مۇراد-مەقسەتلىرى ھاسىل بولىدۇ، دەرىجىلىرى نىيەتلىرىنىڭ مىقدارىچە بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8288

 
Hadith   663   الحديث
الأهمية: الراحمون يرحمهم الرحمن ارحموا أهل الأرض يرحمكم من في السماء


باشتېما:

رەھىم قىلغۇچىلارغا راھمان تائالا رەھىم قىلىدۇ. سىلەر زېمىن ئەھلىگە رەھىم قىلىڭلاركى، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ

عن عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما- يبلغ به النبي -صلى الله عليه وسلم-: «الرَّاحمون يرحَمُهمُ الرحمنُ، ارحموا أهلَ الأرضِ، يرحمْكم مَن في السماءِ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەھىم قىلغۇچىلارغا راھمان تائالا رەھىم قىلىدۇ. سىلەر زېمىن ئەھلىگە رەھىم قىلىڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
«الراحمون» الذين يرحمون من في الأرض من آدمي وحيوان محترم بشفقة وإحسان ومواساة «يرحمهم الرحمن» من الرحمة وهي مفهومة، ومن ذلك أن يحسن إليهم ويتفضل عليهم والجزاء من جنس العمل «ارحموا من في الأرض» أتى بصيغة العموم ليشمل جميع أصناف الخلق فيرحم البر والفاجر والوحوش والطير «يرحمكم من في السماء» أي: يرحمكم الله تعالى الذي في السماء، ولا يجوز تأويله بأن المراد من في السماء ملكه وغير ذلك؛ فإن علو الله على خلقه ثابت في الكتاب والسنة وإجماع الأمة، وليس المراد بقولنا: «الله في السماء» أن السماء تحويه وأنه داخل فيها، تعالى الله عن ذلك، بل «في» بمعنى «على» أي: فوق السماء عالٍ على جميع خلقه.
586;ېمىندىكى ھەر قانداق ھەققى - ھۆرمىتى بولغان ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا ئىچ ئاغرىتىش، ياخشىلىق قىلىش ۋە تەسەللى بىرىش ئارقىلىق رەھىم قىلغۇچىلارغا «راھمان تائالا رەھىم قىلىدۇ». رەھىم قىلىش دېگەن سۆز چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەزلى كەرەمىدىن ئاتا قىلغانلىقىدۇر، چۈنكى جازا- مۇكاپات دېگەن قىلغان ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. «زېمىندىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار! »، بۇ يەردە ئومۇملۇقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى كەلتۈرۈشى تۈرلۈك مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈندۇر، شۇڭا ياخشى - يامان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە، ۋە يىرتقۇچ ھايۋاندىن تارتىپ ئۇچار- قۇشلارغىچە رەھىمدىللىك قىلىنىدۇ. «سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ»، يەنى: ئاسماندىكى ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ. «ئاسماندىكى زات» دېگەن سۆزنى «ئاللاھنىڭ پەرىشتىسى ياكى باشقىلار» دەپ شەرھىلەشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئۈستۈن ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىم، ھەدىس ۋە ئۇممەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان مەسىلىدۇر. بىزنىڭ «ئاللاھ ئاسماندا» دېگىنىمىز «ئاسمان ئاللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» ياكى «ئاللاھ ئاسماننىڭ ئىچىدە» دېگەنلىك ئەمەس، ئاللاھ تائالا ئۇنداق بولۇشتىن ئۈستۈندۇر، بەلكى، «في» دېگەن ھەرپ «على» دېگەن ھەرپنىڭ مەناسىدە كەلگەن، يەنى: «ئاسماننىڭ ئۈستىدە پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن» دېگەن مەنىدىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8289

 
Hadith   664   الحديث
الأهمية: إن الله قال: إذا تلقاني عبدي بشبر، تلقيته بذراع، وإذا تلقاني بذراع، تلقيته بباع، وإذا تلقاني بباع أتيته بأسرع


باشتېما:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غۇلاچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إنَّ اللهَ قال: إذا تَلَقَّاني عبدي بشِبر، تَلَقَّيْتُه بذِراع، وإذا تَلَقَّاني بذراع، تَلَقَّيْتُه ببَاع، وإذا تَلَقَّاني بباع أتيتُه بأسرع».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غۇلاچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا تقرب العبد إلى الرب بمقدار شبر، تقرب الرب إليه بمقدار ذراع، وإذا تقرب العبد إلى الرب بأكثر من ذلك، تقرب الله إليه بأكثر مما تقرب به إليه، وإذا أتى العبد إلى ربه أتاه الله أسرع منه، والقرب والإتيان صفتان ثابتتان لله -عز وجل- نؤمن بهما من غير تكييف ولا تمثيل ومن غير تحريف ولا تأويل.
576;ەندە ئۆز پەرۋەردىگارىغا بىر غېرىچ يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر گەز مىقدارىدا يېقىنلىشىدۇ، ئەگەر بەندە پەرۋەردىگارىغا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇ بەندىسىگە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارىغا مېڭىپ كەلسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. (يېقىنلىشىش ۋە كېلىش) تىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۈپەت بولسا؛ ئاللاھ تائالانىڭ سابىت سۈپەتلىرىدىندۇر. بىز ئۇ ئىككى سۈپەتكە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە ئېزاھلىماستىن شۇ بويىچە ئىمان ئېيتىمىز   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8293

 
Hadith   665   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان إذا دخل المسجد قال: أعوذ بالله العظيم، وبوجهه الكريم، وسلطانه القديم، من الشيطان الرجيم


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن، ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى بىلەن، ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى

عن عبد الله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما- عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه كان إذا دخل المسجد قال: «أعوذ بالله العظيم، وبوجهه الكريم، وسلطانه القديم، من الشيطان الرَّجِيم»، قال: أَقَطُّ؟ قلت: نعم، قال: فإذا قال ذلك قال الشيطان: حُفِظَ منِّي سائر اليوم.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن، ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى بىلەن، ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى. رىۋايەت قىلغۇچىغا: مۇشۇنچىلىكمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ھەئە، بۇ دۇئانى قىلسا، شەيتان: «ئۇ قالغان كۈنىدە مېنىڭ يامانلىقىمدىن ھىمايە قىلىندى» دەيدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا دخل المسجد قال: «أعوذ بالله العظيم» أي: أعتصم وألتجئ وأحتمي بالله العظيم الذات والشأن والصفات. «وبوجهه الكريم» ومعنى الكريم: الجواد المعطي الذي لا ينفذ عطاؤه؛ وهو الكريم المطلق، والكريم الجامع لأنواع الخير والشرف والفضائل، ويجب إثبات الوجه صفة لله -تعالى- من غير تحريف ولا تعطيل ومن غير تكييف ولا تمثيل. «وسلطانه القديم» أي: حجته القديمة، وبرهانه القديم، أو قهره القديم. «من الشيطان الرجيم» أي: من الشيطان المطرود من باب الله والمرجوم بشُهُب السماء. «قال: أَقَطُّ؟ قلتُ: نعم» أي: يقول أحد الرواة لشيخه:    الذي ترويه هذا المقدار أو أكثر من ذلك؟ أو قد يكون معناه: أهذا يكفيه عن غيره من الأذكار؟ أو هذا يكفيه من شر الشيطان؟ فلهذا قال: قلت: نعم. «قال: فإذا قال ذلك قال الشيطانُ: حُفِظَ منِّي سائرَ اليوم» أي: فإذا قال الداخل للمسجد هذا الدعاء المذكور، قال الشيطان: لقد حفظ هذا الداخل نفسَه منى جميع اليوم.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، يەنى: سۈپەت، ئەھۋال، زاتىدا ئۇلۇغ بولغان ئاللاھ تائالاغا ئېسىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن پاناھ تىلەيمەن ۋە قوغدىنىمەن، دەيتتى. «ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى» دېگەن، نېمىتى تۈگىمەس سىخى، چەكسىز ئېسىل دېگەن مەنىدە. «ئېسىل» دېگەن سۆزمۇ ياخشىلىق، پەزىلەت ۋە ئالىجانابلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [يۈز» دېگەن سۈپەتنى ئاللاھ تائالاغا ئۆزگەرتمەي، بىكار قىلماي ۋە ئوخشاتماي ئىسپاتلاش كېرەك. «ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلى پاكىت-ھۆججىتى ياكى قەدىمى ھۆكۈمرانلىقى دېگەن مەنىدە. «قوغلاندى شەيتاندىن» ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغان، ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن سوقۇلغان شەيتاندىن دېگەن مەنىدە. «مۇشۇنچىلىكمۇ؟، ھەئە» رىۋايەتچىلەردىن بىرى شەيخىدىن: «ساڭا بۇ ھەدىسنىڭ مۇشۇنچىلىك قىسمى يەتتىمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ: ھەئە، دېدى. ياكى بۇ سۆزدىن، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن بۇ زىكىرلەر يېتەرلىكمۇ ياكى بولمىسا باشقا زىكىرلەرمۇ بارمۇ؟ دېمەكچى بولىشىمۇ مومكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن رىۋايەتچى: ھەئە، دېدى، ۋە: «مەسجىدكە كىرگەن كىشى بۇ دۇئانى ئوقۇسا، شەيتان: «بۇ كىرگۈچى قالغان كۈنىدە مېنىڭ يامانلىقىمدىن ھىمايە قىلىندى» دەيدۇ، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8294

 
Hadith   666   الحديث
الأهمية: لقد جاءت خولة إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم تشكو زوجها، فكان يخفى علي كلامها


باشتېما:

خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېرىنى شىكايەت قىلىپ كەلدى، بەزى سۆزلىرىنى مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم

عن عائشة -رضي الله عنها-، أنَّها قالت: «الحمد لله الذي وَسِعَ سمعه الأصوات، لقد جاءت خَوْلةُ إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم تشكو زوجَها، فكان يخفى عليَّ كلامها، فأنزل الله عز وجلَّ: {قد سمع الله قول التي تجادلك في زوجها وتشتكي إلى الله والله يسمع تَحَاوُرَكُما} [المجادلة: 1]» الآية

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچى ئاللاھقا ھەمدى-سانالەر بولسۇن!، «خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېرىنى شىكايەت قىلىپ كەلدى، بەزى سۆزلىرىنى مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم»، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر». سۈرە مۇجادىلە 1-ئايەت

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كانت خولة بنت ثعلبة متزوجة من أوس بن الصامت فقال لها: أنتِ عليَّ كظهر أمي. أي: أنتِ حرام عليَّ، فذهبت إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم وذكرت له قصتها، فقال لها صلى الله عليه وسلم: «قد حرمت عليه»، فجعلت تقول بصوت منخفض يخفى على عائشة مع قربها منها: بعدما كبرت سني ظاهرَ مني؟ إلى الله أشكو حال صبية إن ضممتُهم إليَّ جاعوا، وإن تركتُهم عنده ضاعوا. فهذه مجادلتها لرسول الله صلى الله عليه وسلم التي ذكرها الله تعالى بقوله: {قَدْ سَمِعَ اللَّهُ قَوْلَ الَّتِي تُجَادِلُكَ فِي زَوْجِهَا وَتَشْتَكِي إِلَى اللَّهِ واللهُ يَسْمَعُ تَحَاوُرَكُما}.
فقالت عائشة: «الحمدُ للهِ الذي وَسِعَ سَمْعُه الأصواتَ» أي: استوعبها وأدركها فلا يفوته منها شيء وإن خفي «لقد جاءت خَوْلةُ إلى رسولِ الله صلى الله عليه وسلم تَشْكو زَوْجَها، فكان يخفى عليَّ كلامُها، فأنزل اللهُ عزَّ وجلَّ: {قد سَمِعَ اللهُ قولَ التي تُجَادِلُك في زَوْجِها وتشتكي إلى اللهِ واللهُ يَسْمَعُ تَحَاوُرَكُما} [المجادلة: 1]» الآية» أي: فحينما جاءت خولة تشكو زوجها لرسول الله صلى الله عليه وسلم كانت تكلمه بصوت منخفض لا تسمعه عائشة مع قربها منها، ومع ذلك سمعه الله تعالى من فوق سبع سماوات، وأنزل الآية المذكورة، وهذا من أبلغ الأدلة على اتصاف الله تعالى بالسمع، وهو أمر معلوم بالضرورة من الدين، لا ينكره إلا من ضل عن الهدى.
وقول عائشة هذا يدل على أن الصحابة رضي الله عنهم، آمنوا بالنصوص على ظاهرها الذي يتبادر إلى الفهم، وأن هذا هو الذي أراده الله منهم ومن غيرهم من المكلفين ورسوله؛ إذ لو كان هذا الذي آمنوا به واعتقدوه خطأ لم يُقَرُّوا عليه ولبُيِّن لهم الصواب، ولم يأت عن أحد منهم تأويل هذه النصوص عن ظواهرها، لا من طريق صحيح ولا ضعيف، مع توافر الدواعي على نقل ذلك.
587;ەئلەبەنىڭ قىزى خەۋلە ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇبادە ئايالىغا: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش، يەنى: سەن ماڭا ھارام» دېدى، بۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ، بولغان ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سىز ئۇنىڭغا ھارام بولۇپسىز» دېدى، ئۇ ھەتتا يېنىدا ئولتۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئاڭلىيالمىغۇدەك تۆۋەن ئاۋازدا: مەن ياشىنىپ قالغان ۋاقتىمدا مېنى زىھار قىلدىمۇ؟، مەن ئۇششاق بالىلارنىڭ ھالىنى ئاللاھغا شىكايەت قىلىمەن، ئۇلارنى مەن يېنىمدا ئېلىپ قالسام ئۇلار ئاچ قالىدۇ، ئۇنىڭ قېشىدا قويۇپ قويسام ئۇلار زايا بۇلىدۇ، دېدى. بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئالغان پەيغەمبىرى بىلەن مۇنازىرلەشكەن ئايالنىڭ مۇجادىلىسىدۇر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ». [مۇجادىلە سۈرىسى1-ئايەت]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچى ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن!» يەنى: ئاللاھ بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇر، مەخپى ئاۋازمۇ ئاللاھنىڭ ئاڭلىشىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. «خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرىنى شىكايەت قىلدى، بەزى سۆزلىرىنى مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم»، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ» [سۈرە مۇجادىلە1-ئايەت]. خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىىغا كېلىپ، ئېرى توغرىسىدا شىكايەت قىلغاندا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىن تۇرۇپمۇ بەزى سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا ئۇنى يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئاڭلاپ، يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلدى، بۇ ئاللاھنىڭ ئاڭلاش بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقىغا كۈچلۈك دەلىلىدۇر، بۇ دىندا زۆرۈر بولغان ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بىر ئىش، بۇنى پەقەت توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى ئىنكار قىلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزى ساھابىلارنىڭ ئايەت-ھەدىسنىڭ چۈشەنچىگە تىز كىلىدىغان ئاشكارا مەنىسىگە ئىشەنگەنلىكىنى، بۇ ئاللاھ ۋە ئەلچىسى ئۇلاردىن ۋە باشقا ئىنسانلاردىن كۈتكەن مەقسەد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ، ئېتىقاد قىلغان ئىشى خاتا بولغان بولسا ئۇلار ئۇنىڭدا ئېتىراپ قىلىنماي، ئۇلارغا توغرىسى بايان قىلىپ بېرىلەتتى، نەقىل شارائىتى تولۇق تۇرۇپ، ساھابىلارنىڭ ھېچ بىرىدىن بۇ تېكىستنى ئاشكارا مەنىسىدىن باشقا مەنىدە چۈشەنگەنلىكى توغرۇلۇق سەھىھ ياكى زەئىپ يولدىن بولسىمۇ بىرەر ئەسەر كەلمىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8295

 
Hadith   667   الحديث
الأهمية: أتعجبون من غيرة سعد، فوالله لأنا أغير منه، والله أغير مني، من أجل غيرة الله حرم الفواحش، ما ظهر منها، وما بطن، ولا شخص أغير من الله


باشتېما:

سەئىدنىڭ كۈللۈكچىلىكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر! ئاللاھغا قەسەمكى، مەن سەئىدتىن بەك كۈنلەيمەن، ئاللاھ مەندىنمۇ بەك كۈنلەيدۇ. ئاللاھ كۈنلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئاشكارا-يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى ھارام قىلغان. ئاللاھدىنمۇ بەكرەك كۈنلەيدىغان بىرەرسى يوقتۇر

عن المغيرة بن شعبة -رضي الله عنه- مرفوعاً: قال سعدُ بنُ عُبَادة -رضي الله عنه- : لو رأيتُ رجلًا مع امرأتي لَضربتُه بالسيف غير مُصْفِح عنه، فبلغ ذلك رسول الله صلى الله عليه وسلم، فقال: «أتعجبون من غَيْرة سعد، فوالله لأنا أغير منه، واللهُ أغير مني، من أجل غَيْرة الله حَرَّم الفواحش، ما ظهر منها، وما بطن، ولا شخص أغير من الله، ولا شخص أحبّ إليه العُذر من الله، من أجل ذلك بعث الله المرسلين، مُبشِّرين ومنذِرين، ولا شخص أحبّ إليه المِدحةَ من الله، من أجل ذلك وعد الله الجنة».

مۇغىرە ئىبنى شۇئبىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، سەئىد ئىبنى ئۇبادە مۇنداق دېگەن: ئەگەر مەن ئايالىم بىلەن بىر ئەر كىشىنى بىنورمال ھالەتتە كۆرۈپ قالسام، كەچۈرمەستىن قىلىچ بىلەن كاللىسىنى ئېلىۋېتىمەن دېگەن خەۋەر رەسۇلۇللاھقا يەتكەندە، رەسۇلۇللاھ: «سىلەر سەئىدنىڭ كۈنلۈكچىلكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر! ئاللاھغا قەسەمكى، مەن سەئىدكە قارىغاندا بەك كۈنلەيمەن، ئاللاھ مەندىنمۇ بەك كۈنلەيدۇ. ئاللاھ كۈنلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئاشكارا-يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى ھارام قىلغان. ئاللاھتەك ئۆزرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات مەۋجۇت ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئاللاھتەك ماختاشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات يوق، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال سعدُ بنُ عُبَادة: لو رأيتُ رجلًا مع امرأتي لَضربتُه بحد السيف لا بعرضه، يعني: لقتلته بدون توقف، وقد أقره رسول الله صلى الله عليه وسلم على ذلك، وأخبر أنه أغير من سعد، وأن الله أغير منه، وغيرة الله تعالى من جنس صفاته التي يختص بها، فهي ليست مماثلة لغيرة المخلوق، بل هي صفة تليق بعظمته، مثل الغضب، والرضا، ونحو ذلك من خصائصه التي لا يشاركه الخلق فيها، ومعنى الشخص في اللغة: ما شخص، وارتفع، وظهر، والله تعالى أظهر من كل شيء، وأعظم، وأكبر، وليس في إطلاقه على الله تعالى محذور، على أصل أهل السنة الذين يتقيدون بما قاله الله ورسوله.
ثم قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «ومن أجل غيرة الله حرم الفواحش، ما ظهر منها، وما بطن» أي: من أثر غيرة الله أنه منع عباده من قربان الفواحش، وهي: ما عظم وفحش في النفوس الزاكية والعقول السليمة مثل الزنا. والظاهر: يشمل ما فعل علناً، وما باشرته الجوارح وإن كان سراً، والباطن: يشمل ما في السر، وما انطوت عليه القلوب.
وقوله: «ولا أحد أحب إليه العذر من الله، ومن أجل ذلك بعث المرسلين مبشرين ومنذرين» المعنى: بعث المرسلين للإعذار والإنذار لخلقه، قبل أخذهم بالعقوبة، وهو كقوله تعالى: {رُّسُلاً مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلاَّ يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ}.
وقوله: «ولا أحد أحب إليه المِدحة من الله، ومن أجل ذلك وعد الله الجنة» هذا لكماله المطلق، فهو تعالى يحب من عباده أن يثنوا عليه ويمدحوه على فضله وجوده، ومن أجل ذلك جاد عليهم بكل نعمة يتمتعون بها، ويرضى عنهم إذا حمدوه عليها، ومهما أثنوا عليه ومدحوه لا يمكن أن يصلوا إلى ما يستحقه من المدح والثناء، ولهذا مدح نفسه، فوعد الجنة ليكثر سؤاله، والثناء عليه من عباده ومدحه، ويجتهدوا في ذلك غاية ما يستطيعون؛ لأن الجنة هي منتهى الإنعام.
587;ەئىد ئىبنى ئۇبادە مۇنداق دېگەن: ئەگەر مەن ئايالىم بىلەن بىر ئەر كىشىنى بىنورمال ھالەتتە كۆرۈپ قالسام، قىلىچنىڭ بېسى بىلەن كاللىسىنى ئېلىۋېتىمەن، يەنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەستىقلاپ، ئۆزىنىڭ سەئىدتىنمۇ كۈنلەمچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھدىنمۇ بەكرەك كۈنلەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئاللاھنىڭ كۈنلىشى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ماس كېلىدىغان خاس سۈپەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مەخلۇقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن؛ ئاللاھنىڭ غەزەپ قىلىش، رازى بولۇش...دېگەندەك سۈپەتلىرىدە ھېچبىر مەخلۇق ئورتاق بولالمايدۇ. (يەنى ئاللاھ تائالا بارلىق ئىسىم-سۈپەتلەردە ئۆز زاتى ئىلاھىغا لايىق رەۋىشتە سۈپەتلىنىدۇ. ئىسىم ۋە سۈپەتلەردە ھېچ ئوخشىشى يوق) شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى ھارام قىلغان. يەنى ئاللاھ كۈنلىگەنلىك جەھەتىدىن بەندىلىرىنى پاھىشىلەرگە يېقىنلىشىشتىن چەكلىگەن. پاھىشە دېگەن زىناغا ئوخشاش پاك قەلب ۋە ساغلام ئەقىللەردە قەبىھ تۇيۇلىدىغان ئىشلاردىن ئىبارەت. ئاشكارا: دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئاشكارا قىلىنغان ۋە سىرتقى ئەزالار قىلغان ئىشلار. يوشۇرۇن: دېگەندىن مەقسەت، مەخپى قىلىنغان ۋە قەلبگە تەۋە ئىشلاردۇر. «ئاللاھتىنمۇ ئۆزرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات مەۋجۇت يوق، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن».يەنى ئىنسانلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. «ئاللاھتەك ماختاشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات يوق، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلغان»يەنى ئاللاھ مۇتلەق كامالەتكە ئىگە زاتتۇر، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلار ھوزۇرلىنىدىغان بارلىق نېمەتلىرىنى سېخىلىق بىلەن ئاتا قىلغان، ئۇلار ماختىسا ئاللاھ رازى بولىدۇ. ئىنسانلار ئاللاھنى قانچىلىق ماختاپ كەتسە تېگىشلىك ھەققىنى بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنى ئۆزى مەدھىيىلىگەن، ۋە ئاللاھنى كۆپ مەدھىيىلەپ جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشقان بەندىلىرىگە جەننەتنى ۋەدە قىلغان، چۈنكى جەننەت نېمەتلەرنىڭ ئەڭ يۈكسىكىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8296

 
Hadith   668   الحديث
الأهمية: اللهم أنج عياش بن أبي ربيعة، اللهم أنج سلمة بن هشام، اللهم أنج الوليد بن الوليد، اللهم أنج المستضعفين من المؤمنين، اللهم اشدد وطأتك على مضر، اللهم اجعلها سنين كسني يوسف


باشتېما:

ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أنَّ النبيَّ صلى الله عليه وسلم كان إذا رفع رأسه من الركعة الآخِرة، يقول: «اللهمَّ أَنْجِ عَيَّاش بن أبي ربيعة، اللهمَّ أَنْجِ سَلَمَة بنَ هشام، اللهم أَنْجِ الوليد بن الوليد، اللهم أَنْجِ المستضعفين من المؤمنين، اللهمَّ اشْدُدْ وَطْأَتَك على مُضَر، اللهمَّ اجعلها سنين كسِنِي يوسف». وأنَّ النبيَّ صلى الله عليه وسلم قال: «غِفَارُ غفر الله لها، وأَسْلَمُ سالمها الله» قال ابن أبي الزناد عن أبيه: هذا كلُّه في الصبح.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى رەكەتتە رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن» دەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «غىپار قەبىلىسىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن، ئەسلەم قەبىلىسىنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن» دەيتتى، ئىبنى ئەبۇ زىناد ئۆزىنىڭ دادىسىدىن قىلغان رىۋايىتىدە: بۇنىڭ ھەممىسى بامدات نامىزىدا بولغان دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبيُّ صلى الله عليه وسلم إذا رفعَ رأسَه من الركعة الآخيرة من صلاة الصبح، يقول: «اللهمَّ أَنْجِ عَيَّاش بنَ أبي رَبِيعة، اللهمَّ أَنْجِ سَلَمَة بنَ هشام، اللهم أَنْجِ الوليد بن الوليد، اللهم أَنْجِ المستضعفين من المؤمنين» وهؤلاء صحابة دعا لهم النبيُّ صلى الله عليه وسلم بالإنجاء والخلاص من العذاب، وقد كانوا أسرى في أيدي الكفار بمكة، وعياش بن أبي ربيعة هو أخو أبي جهل لأمة حبسه أبو جهل بمكة، وسلمة بن هشام هو أخو أبي جهل قديم الإسلام عُذِّب في سبيل الله ومنعوه أن يهاجر، والوليد بن الوليد هو أخو خالد بن الوليد وحُبِس بمكة ثم أفلت منهم.
ثم يقول صلى الله عليه وسلم: «اللهمَّ اشْدُدْ وَطْأَتَك على مُضَر، اللهمَّ اجعلها سنين كسِنِي يوسُفَ» أي: اللهم اشدد عذابك وعقوبتك على كفار قريش وهم من قبيلة مضر، واجعل عذابك عليهم بأن تسلِّط عليهم قحطًا عظيمًا سبع سنين أو أكثر، كالقحط الذي حدث أيام يوسف عليه السلام.
هذا وقد تكون الوطأة –وهي الدوس بالقدم- صفة من صفات الله بمقتضى هذا الحديث، ولكننا لم نجد أحدًا من السلف الصالح أو علماء المسلمين عدها من صفات الله عز وجل، فيحمل الوطء على الشدة والعذاب، ونسبته إلى الله تعالى لأنه فعله وتقديره، والله أعلم.
ثم قال صلى الله عليه وسلم: «غِفَارُ غَفَر اللهُ لها» يحتمل أن يكون دعاء لها بالمغفرة، أو إخبارا بأن الله تعالى قد غفر لها، وكذلك قوله: «وأَسْلَمُ سالمها اللهُ» يحتمل أن يكون دعاء لها أن يسالمها الله تعالى، ولا يأمر بحربها، أو يكون إخبارا بأن الله قد سالمها ومنع من حربها، وإنما خُصَّت هاتان القبيلتان بالدعاء لأن غفارا أسلموا قديما، وأسلم سالموا النبي صلى الله عليه وسلم.
«قال ابن أبي الزناد عن أبيه: هذا كلُّه في الصبح» يعني: أنه روى عن أبيه هذا الحديث بهذا الإسناد، فبين أن الدعاء المذكور كان في صلاة الصبح.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكەتتە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن: «ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن» دەپ، ئاشۇ ساھابىلارنىڭ ئازابتىن قۇتۇلىشى ۋە نىجات تىپىشى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى، ئۇلار مەككە كاپىرلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىدى، ئىياش ئىبنى رەبىئە ئەبۇ جەھىلنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنى ئەبۇ جەھىل مەككىدە سولاپ قويغان، سەلەمە ئىبنى ھىشام بولسا ئەبۇ جەھىلنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئاللاھ يولىدا كۆپ ئازاب چەككەن ۋە ھىجرەت قىلىشتىن چەكلەنگەن، ۋەلىيد ئىبنى ۋەلىيد بولسا خالىد ئىبنى ۋەلىيدنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولۇپ، مەككىدە قامالغان كېيىن قېچىپ چىققان. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن» دەيدۇ، يەنى: ئى ئاللاھ!، مۇزەر قەبىلىسىدىن بولغان قۇرەيش كاپىرلىرىنى قاتتىق ئازابلىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە قەھەتچىلىك بولغاندەك، ئۇلارغىمۇ يەتتە يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك قەھەتچىلىك ئەۋەتىپ جازالىغىن. «وطأتك» «پۇت بىلەن دەسسەش» دېگەن مەنىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئېلگىركى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ھېچبىرى بۇ سۈپەتنى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېسابلىغانلىقىنى تاپالمىدىم، شۇڭا دەسسەش دېگەندىن قاتتىق ئازاب مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇ ئاللاھغا نىسبەتەن ئاللاھنىڭ قىلغانلىقى ۋە بەلگىلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ياخشى بىلىگۈچىدۇر. كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غىپار قەبىلىسىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن»، بۇ دۇئا ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش بولىشىمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بولىشىمۇ مومكىن، «ئەسلەم قەبىلىسىنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن»، بۇمۇ ئاللاھدىن ئۇلارنى سالامەت قىلىشىغا ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقا بۇيرىماسلىقىغا قىلىنغان دۇئا بولىشىمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۇرۇشتىن چەكلەش بىلەن سالامەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بولىشىمۇ مومكىن. بۇ ئىككى قەبىلىگە خاس دۇئا قىلىنىشىدىكى سەۋەپ: غىپار قەبىلىسى بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئەسلەم قەبىلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تىنچ ئۆتكەن. ئەبۇ زىناد ئۆزىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ: بۇ دۇئانىڭ ھەممىسى بامدات نامىزىدا بولغان دەيدۇ، يەنى: ئۇ بۇ ھەدىسنى دادىسىدىن مۇشۇ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىپ، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان دۇئانىڭ بامدات نامىزىدا ئوقۇلغان قۇنۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8297

 
Hadith   669   الحديث
الأهمية: ليس أحد، أو: ليس شيء أصبر على أذى سمعه من الله، إنهم ليدعون له ولدا، وإنه ليعافيهم ويرزقهم


باشتېما:

ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھدىنمۇ سەبىرچانراق ھېچكىم يوق، مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رىزىق بىرىپ تۇرىدۇ

عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «ليس أحد، أو: ليس شيء أصبر على أذًى سمعَه مِن الله، إنَّهم لَيَدْعُون له ولدًا، وإنَّه ليُعافِيهم ويرزُقُهم».

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھ تائالادىنمۇ
سەۋىرچانراق ھىچكىم يوق. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دىسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رېزىق بېرىپ تۇرىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله: «ليس أحدٌ، أو: ليس شيءٌ أصبرَ» أي: الله تعالى أشد صبرًا من أي أحد، ومن أسمائه الحسنى «الصبور»، ومعناه: الذي لا يعاجل العصاة بالعقوبة، وهو قريب من معنى الحليم، والحليم أبلغ في السلامة من العقوبة.
قوله: «على أذى سمعه من الله» لفظ الأذى في اللغة هو لما خف أمره، وضعف أثره من الشر والمكروه، وقد أخبر سبحانه أن العباد لا يضرونه، كما قال تعالى: {وَلاَ يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ إِنَّهُمْ لَن يَضُرُّواْ اللهَ شَيْئاً}، وقال في الحديث القدسي: (يا عبادي إنكم لن تبلغوا ضري فتضروني ولن تبلغوا نفعي فتنفعوني) فبين أن الخلق لا يضرونه، لكن يؤذونه.
قوله: «إنَّهم لَيَدْعُون له ولدًا» أي: أن ابن آدم يؤذي الله تعالى ويسبه، بإضافة ما يتعالى ويتقدس عنه، مثل نسبة الولد إليه تعالى والند والشريك في العبادة، التي يجب أن تكون خالصة له وحده.
وقوله: «وإنَّه ليُعافِيهم ويرزُقُهم» أي: أنه تعالى يقابل إساءتهم بالإحسان، فهم يسيئون إليه تعالى بالعيب والسب، ودعوى ما يتعالى عنه ويتقدس، وتكذيب رسله ومخالفة أمره، وفعل ما نهاهم عن فعله، وهو يحسن إليهم بصحة أبدانهم، وشفائهم من أسقامهم، وحفظهم بالليل والنهار مما يعرض لهم، ويرزقهم بتسخير ما في السماوات والأرض لهم، وهذا غاية الصبر والحلم والإحسان، والله أعلم.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھ تائالادىنمۇ سەبىرچانراق ھېچكىم يوق» يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بەك سەۋىرىچان، چۈنكى گۈزەل سۈپەتلىرىدىن بىرى «سەۋىرچان»، گۇناھكار بەندىلەرنى جازالاشقا بەك ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بۇ ئىسىم «الحليم» دېگەن سۈپەتنىڭ مەنىسىگە يېقىن، ئەمما بۇ سۈپىتى جازادىن ئۆتىۋېتىشتە كۈچلۈكرەك. «مۇشرىكلارنىڭ ئازالىرىغا» ئازار دېگەن سۆز تىل ئىستىمالىدا زىيان ۋە خاپىلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىكى نەرسىلەرگە قارىتىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەندىلىرى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، دېگەن. «ئى مۇھەممەد كۇفرىغا ئۆزىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» سۈرە ئال ئىمران176-ئايەت. يەنە ھەدىس قۇدىسىيدا: « ئى بەندىلىرىم! سىلەر پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ماڭا پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر، زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر» دەپ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بەلكى ئاللاھقا ئازار بىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېيشىدۇ، يەنى: ئادەم بالىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار، ئىبادەتتە شېرىكى بار دېگەندەك بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئازار بەرگەن ۋە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ يەككە يىگانەدۇر، ئىبادەت ئۇنىڭغىلا لايىقتۇر. «ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ» يەنى ئۇلار گۇناھ قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا نىئمىتىنى بېرىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا تىللاش ۋە ئەيىپلەش بىلەن تۇزكورلۇق قىلسىمۇ، پاك ئاللاھقا نالايىق سۈپەتلەرنى چاپلىسىمۇ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلسىمۇ، بۇيرۇقلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرسىمۇ، چەكلىگەن ئىشلارنى قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تېنىنى ساغلام قىلىش بىلەن، كېسەللىرىگە شىپا بېرىش بىلەن، كېچە-كۈندۈز ھەر خىل خەۋىپلەردىن ساقلاش بىلەن، ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن ياخشىلىقىنى ئۈزمەيدۇ. مانا بۇ سەۋىرچانلىق، ئەپۇچانلىق، ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ يۈقىرى چېكىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8299

 
Hadith   670   الحديث
الأهمية: الله الطبيب، بل أنت رجل رفيق، طبيبها الذي خلقها


باشتېما:

ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر، سەن كۆيۈنىدىغان ئادەمسەن، بۇنىڭ داۋالىغۇچىسى بۇنى ياراتقان زاتتۇر

عن أبي رَمْثة -رضي الله عنه- أنَّه قال للنبي -صلى الله عليه وسلم-: أَرِني هذا الذي بظهرك، فإنِّي رجلٌ طبيبٌ، قال: «اللهُ الطبيبُ، بل أنت رجلٌ رَفِيقٌ، طبيبُها الذي خلقَها».

ئەبۇ رەمسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇچىلىرىدىكى بۇ نەرسىنى ماڭا كۆرسەتسىلە، مەن تىۋىپ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر سەن كۆيۈنىدىغان ئادەمسەن، بۇنىڭ داۋالىغۇچىسى بۇنى ياراتقان زاتتۇر» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أبو رمثة طبيبًا، فرأى خاتم النبوة ظاهرًا ناتئًا بين كتفي النبي -صلى الله عليه وسلم-، فظنه سلعة تولدت من الفضلات أو مرضًا جلديًّا، فطلب من النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يعالجه، فرد المصطفى -صلى الله عليه وسلم- كلامه بأن «الله الطبيب» أي: هو المداوي الحقيقي بالدواء الشافي من الداء «بل أنت رجل رفيق» ترفق بالمريض وتتلطف به، وذلك لأن الطبيب هو العالم بحقيقة الدواء والداء، والقادر على الصحة والشفاء، وليس ذلك إلا الله.
574;ەبۇ رەمسە دوختۇر بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىدا ئۆرلەپ تۇرغان پەيغەمبەرلىك مۆھرىنى كۆرۈپ ئۇنى ئارتۇق خېلىتلاردىن پەيدا بولغان ئۆسمە دەپ ئويلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنى ئۆزىنىڭ داۋالىشىنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىگە: «ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر»، يەنى: «ئاللاھ كېسەلگە ھەقىقى شىپالىق ئاتا قىلغۇچى ۋە داۋالىغۇچىدۇر، سەن بولساڭ بىمارلارغا كۆيۈنىدىغان ئادەم»، يەنى: «مېھرىبانلىق قىلىدىغان ۋە كۆيۈنىدىغان ئادەم» دېدى، چۈنكى داۋالىغۇچى كېسەل بىلەن دورىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگۈچى، ساقلىق ۋە شىپالىق ئاتا قىلىشقا قادىر بولغۇچىدۇر، ئۇ بولسىمۇ پەقەت ئاللاھتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8303

 
Hadith   671   الحديث
الأهمية: إن الشيطان قال: وعزتك يا رب، لا أبرح أغوي عبادك ما دامت أرواحهم في أجسادهم، قال الرب: وعزتي وجلالي لا أزال أغفر لهم ما استغفروني


باشتېما:

ھەقىقەتەن شەيتان دېدىكى: ئى پەرۋەردىگار سىلىنىڭ ئىززەتلىرى بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ بەندىلىرىنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. پەرۋەردىگارىمىز دىدىكى: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلىسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إنَّ الشيطانَ قال: وعِزَّتِك يا رب، لا أَبرحُ أُغوي عبادَك ما دامت أرواحُهم في أجسادهم، قال الربُّ: وعِزَّتي وجَلالي لا أزال أغفرُ لهم ما استغفروني».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداى دېگەن: ھەقىقەتەن شەيتان دېدىكى: ئى پەرۋەردىگار سىلىنىڭ ئىززەتلىرى بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ بەندىلىرىنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. پەرۋەردىگار دېدىكى: مېنىڭ قۇدرىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلىسلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
«إن الشيطان قال: وعزتك يا رب، لا أبرح أغوي عبادك ما دامت أرواحهم في أجسادهم» أي: أقسم الشيطان بعزة الله أنه لا يزال يضل العباد طيلة حياتهم «قال الرب: وعزتي وجلالي لا أزال أغفر لهم ما استغفروني» أي: فقال الرب عز وجل ردًّا عليه: وعزتي وجلالي لا أزال أغفر لهم ما داموا يطلبون مني مغفرة ذنوبهم.,«إن الشيطان قال: وعزتك يا رب، لا أبرح أغوي عبادك ما دامت أرواحهم في أجسادهم» أي: أقسم الشيطان بعزة الله أنه لا يزال يضل العباد طيلة حياتهم «قال الرب: وعزتي وجلالي لا أزال أغفر لهم ما استغفروني» أي: فقال الرب عز وجل ردًّا عليه: وعزتي وجلالي لا أزال أغفر لهم ما داموا يطلبون مني مغفرة ذنوبهم.

Esin Hadith Caption Uyghur


«ھەقىقەتەن شەيتان دېدىكى: ئى پەرۋەردىگار سىلىنىڭ ئىززەتلىرى بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ بەندىلىرىنىڭ جانلىرى تەنلىرىدىلا بولىدىكەن، ئۇلارنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن». يەنى: شەيتان ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەم قىلدى. «پەرۋەردىگار دېدىكى: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلىسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن» يەنى: پەرۋەردىگارىمىز ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: مېنىڭ ئىززىتىم ۋە ئۇلۇغلىقىم بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەندىن مەغپىرەت تىلەشنى داۋاملاشتۇرسىلا مەنمۇ مەغپىرەت قىلىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن، دېدى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8305

 
Hadith   672   الحديث
الأهمية: إنه يخرج من ضئضئ هذا قوم يتلون كتاب الله رطبا، لا يجاوز حناجرهم، يمرقون من الدين كما يمرق السهم من الرمية


باشتېما:

بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر. يەنە مۇنداق دېدى دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- قال: بعَث عليُّ بن أبي طالب -رضي الله عنه- إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مِن اليَمَن بذُهَيْبة في أدِيمٍ مَقْرُوظ، لم تُحَصَّل من تُرَابِها، قال: فقَسَّمها بين أَربعَة نَفَر، بين عُيَيْنة بن بدر، وأقْرَع بنِ حَابِس، وزَيدِ الخَيل، والرابع: إِمَّا عَلقَمَة وإمَّا عَامِر بنُ الطُّفَيل، فقال رجل مِن أَصحَابه: كُنَّا نحْن أحق بهذا من هؤلاء، قال: فبلغ ذلك النبيَّ -صلَّى الله عليه وسلم- فقال: «ألا تَأْمَنُونِي وأنا أمينُ مَن في السَّماءِ، يَأْتِينِي خبرُ السماءِ صباحًا ومساءً»، قال: فقام رجلٌ غائِرُ العَيْنَيْنِ، مُشْرفُ الوَجْنَتين، ناشِزُ الجَبْهة، كَثُّ اللِّحيَة، مَحْلُوقُ الرَّأس، مُشَمَّر الإزار، فقال يا رسولَ الله اتَّق الله، قال: «وَيْلَك، أَوَلَسْتُ أحقَّ أهلِ الأرض أن يتَّقِيَ الله» قال: ثم ولَّى الرَّجلُ، قال خالد بن الوليد: يا رسول الله، ألا أضرِبُ عُنُقَه؟ قال: «لا، لَعَلَّه أنْ يكون يُصَلِّي» فقال خالد: وكَم مِن مُصَلٍّ يقول بلسانِه ما ليس في قلبِه، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إني لم أومَرْ أنْ أُنَقِّبَ عن قلوب الناس ولا أَشُقَّ بطونَهم» قال: ثم نظر إليه وهو مُقْفٍ، فقال: «إنه يخرج من ضِئضِئ هذا قومٌ يتلونَ كتابَ اللهِ رَطْبًا، لا يُجَاوِز حَنَاجِرَهم، يَمْرُقون من الدِّين كما يَمْرُق السَّهْمُ مِن الرَّمِيَّة»، وأظنه قال: «لئن أدركتُهم لأَقْتُلَنَّهُم قَتْلَ ثمودَ».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەمەندىن ئاشلانغان تىرىگە يۆگەلگەن ئازغىنە ئالتۇن رودىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەردىن ئۇيەينە ئىبنى بەدىر، ئەقرەئ ئىبنى ھابىس، زەيد ئەلخەيىل، تورتىنچىسى ئەلقەمە ياكى ئامىر ئىنبى تۇپەيىل قاتارلىق كىشىلەرگە بۆلۈپ بەردى. ساھابىلەر ئىچىدىن بىر كىشى: ئۇلارغا قارىغاندا بىز ھەقلىق ئىدۇق دېدى. بۇ سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكەندە مۇنداق دېدى: مەن يەر يۈزىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىشەنچىلىك بەندىسى، كېچە-كۈندۈز ماڭا ۋەھىي كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر. ئۇلار ئىچىدىن ئورا كۆز، مەڭزى دومباق، دۇقا پىشانە، بومبا ساقال، چېچى چۈشۈرۋېتىلگەن، كىيىمىنى«ئىزارىنى» تۈرىۋالغان بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن قورققىن! دېدى. رەسۇلۇللاھ: ۋاي ئېسىت ساڭا مەن زېمىن يۈزىدىكى ئاللاھتىن ئەڭ قورققۇچى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە ئۇ كىشى ئارقىغا قاراپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا خالىد ئىبنى ۋەلىد: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بوينىغا ئۇرمايمۇ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ياق ئۇنداق قىلما، ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان بولىشى مۇمكىن، دېدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد: كۆپلىگەن كىشىلەر ناماز ئوقۇيدۇ ئەمما تىلى بىلەن دىلى باشقىچە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىچ-باغرىنى يېرىش ئۈچۈن كەلمىدىم، دېدى. ئەبۇ سەئىد دەيدۇ: ئۇ كىشى كېتىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قاراپ: بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر. يەنە مۇنداق دېدى دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أرسل النبي -صلى الله عليه وسلم- علي بن أبي طالب إلى اليمن، يدعو إلى الله -تعالى- ويقبض الزكاة من أصحابها، ويقضي في المنازعات، وكان ذلك قبل حجة الوداع، ثم إن علياً رجع من اليمن، وقابل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بمكة، في حجة الوداع، وكان قد أرسل بقطعة من الذهب لم تخلص من ترابها، فليست ذهباً خالصاً؛ لأنها مختلطة بالتراب، فقسمها رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بين هؤلاء الأربعة المذكورين رجاء إسلامهم، وكانوا رؤساء قبائلهم، فإذا أسلموا أسلم تبعاً لهم خلق كثير، ولهذا أعطاهم النبي -صلى الله عليه وسلم- المال ترغيباً لهم في الإسلام، وتأليفاً لقلوبهم عليه، ومن كان منهم مسلمًا فيعطى لتقوية إيمانه وتثبيته، وكانت هذه القطعة الذهبية من الخمس، واستبعد أهل العلم أن تكون من أصل الغنيمة، ويمكن أن تكون زكاة.
فلما أعطى النبي -صلى الله عليه وسلم- هؤلاء الأربعة المذكورين قام رجل من المسلمين، فقال: كنا نحن أحق أن نُعطى من هذا المال من هؤلاء الأربعة؟ فعلم النبي -صلى الله عليه وسلم- بذلك فقال: «ألا تأمنوني وأنا أمينُ مَن في السماءِ، يأتيني خبرُ السماءِ صباحًا ومساءً» أي: يأمنني الله -تعالى- على الرسالة التي أرسلني بها إلى الأرض، ولا تأمنني أنت أيها المعترض، ومَن على شاكلتك ممن ضل طريق الرشد، لا تأمنوني على حُطام الدنيا أن أضعه حيث يجب أن يوضع، على وفق أمر الله -تعالى-، وقوله: «مَن في السماءِ» من أدلة علو الله -تعالى- على خلقه، ومعناه: الله الذي في السماء، و"في" هنا بمعنى "على" لأن العرب قد تضع "في" بموضع "على" قال الله -تعالى-: {فسيحوا في الأرض}، وقال: {ولأصلبنكم في جذوع النخل} ومعناه: على الأرض، وعلى جذوع النخل، فكذلك قوله: «في السماء» أي: على العرش، فوق السماء، وهذا الحديث مثل قول الله -تعالى-: {أَأَمِنتُم مَّن فِي السَّمَاء أَن يَخْسِفَ بِكُمُ الأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ {16} أَمْ أَمِنتُم مَّن فِي السَّمَاء أَن يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ً}.
وبينما هم كذلك قام رجل من صفته أن عينيه داخلتين في محاجرهما لاصقتين بقعر الحدقة، وعظما خديه بارزان، مرتفع الجبهة، ضخم اللحية، رأسه محلوق، ثوبه مرتفع أعلى من الكعبين، فقال للنبي -صلى الله عليه وسلم-: اتق الله، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «وَيْلَك، أَوَلَسْتُ أحقَّ أهل الأرض أن يتقيَ الله» يعني: أنه -صلى الله عليه وسلم- هو أحق الناس وأولاهم بطاعة الله -تعالى- وتقواه، ومن الضلال المبين أن يتصور الإنسان الطاعة معصية، فهذا الرجل المعترض تصور أن فعل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- معصية، وأنه من الظلم، فنصب نفسه آمراً بتقوى الله، فقال للرسول -صلى الله عليه وسلم-: «اتق الله» مع أن فعل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- هو التقوى، ومن أعظم الطاعات، فهو يعطي لله، ولنصر دينه، وهداية عباده.
فلما ذهب الرجلُ، قال خالد بن الوليد: يا رسول الله، دعني أقتله؟ فقال -صلى الله عليه وسلم-: «لا، لعلَّه أنْ يكون يصلي» فقال خالد: وكم مِن مُصَلٍّ يقول بلسانِه ما ليس في قلبِه، قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إني لم أومَرْ أنْ أُنَقِّبَ عن قلوب الناس ولا أَشُقَّ بطونَهم» أي: إنما أعامل الناس بما ظهر منهم، وأترك بواطنهم لله هو أعلم بها، فيحاسبهم عليها سبحانه، وفي رواية أن القائل عمر بن الخطاب -رضي الله عنه-.
ثم نظر النبي -صلى الله عليه وسلم- لهذا    الرجل وهو ذاهب فقال: «إنه يخرج من ضِئضِئ هذا قومٌ يتلونَ كتابَ اللهِ رَطْبًا، لا يجاوز حناجرَهم، يَمْرُقون من الدين كما يَمْرُق السَّهْمُ مِن الرَّمِيَّة، لئن أدركتُهم لأقتلنَّهم قَتْلَ ثمودَ» والمقصود: الإخبار بأنه يأتي من جنس هذا الرجل الضال، قوم يسلكون مسلكه، يقرؤون القرآن سهلًا لكثرة قراءتهم وحفظهم له، ولكن لا يصل إلى قلوبهم، فهم لا يفهمونه على ما أريد، بل يضعونه في غير موضعه؛ لأنهم ضالون وجاهلون، ولهذا يخرجون من الإسلام بسرعة وسهولة، غير متأثرين به، كأنهم لم يدخلوه، وهذا يدل على أنهم دخلوا في الإسلام، ولكن لم يتمكن الإيمان في قلوبهم، ولم يفهموه على وجهه، ولهذا صار من أوصافهم: أنهم يقتلون أهل الإسلام، ويدعون الكفار عباد الأوثان، ومن أجل ذلك قال -صلى الله عليه وسلم-: «لئن أدركتهم، لأقتلنهم قتل ثمود» أي: لأقتلنهم القتل الشديد القوي، فلا أبقي منهم أحداً.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنى دەۋەت، زاكات يىغىش، مۇسۇلمانلار ئارسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ يەمەنگە ئەۋەتتى، بۇ ھەججەتۇل ۋىدائدىن ئىلگىرى ئىدى. ئاندىن ئەلى يەمەندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن مەككىدە ھەج ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپ ئۈچراشتى، ئەلى ئۆزى كېلىشتىن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھقا توپىلىرىدىن تازلانمىغان بىر ئالتۇن رودىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئالتۇن رودىسىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تورت نەپەر كىشىگە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن بۆلۈپ بەردى، چۈنكى ئۇلار قەبىلە بېشى بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كېرىشى بىلەن قەۋمىمۇ ئىسلامغا كېرەتتى. شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئىسلامغا قىزىقتۇرۇپ، قەلبىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن بۇ ئالتۇن رودىسىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. مۇسۇلمان بولۇپ بولغانلار بولسا ئۇلارنىڭ ئەقىدە-ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن بىرەتتى. شۇنداقلا ھەم بۇ ئالتۇن رودىسى ئومۇمى غەنىمەتتىن بولماستىن، رەسۇلۇللاھنىڭ تېگىشلىكى بولغان بەشتەن بىرىدىن ئىدى، ئالىملار بۇ ئالتۇننىڭ ئومۇمى غەنىمەتتىن بولىشىنى يىراق سانىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇننى يۇقىرىقى تورت نەپەر كىشىگە بەرگەندە مۇسۇلمانلار توپىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلارغا قارىغاندا بۇ ئالتۇنغا بىز ھەقلىق ئىدۇق، دېگەندە رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: مەن ئاسماندىكى زاتنىڭ «ئىشەنچىلىك بەندىسى» كېچە-كۈندۈز ماڭا ۋەھىي كېلىپ تۇرىدىغان تۇرسا، سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر. يەنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە مېنى ئىشىنىپ تاللىغان تۇرسا سەن ۋە ساڭا ئوخشاش ئازغۇن پىتنەخورلار ئەرزىمەس ئازغىنە دۇنيالىق نەرسىلەردە ماڭا ئىشەنمەمسىلەر؟ ئۇ مالنى ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەندەك ھەقلىق كىشىلەرگە بېرىدىغانلىقىمغا ئىشەنمەمسىلەر؟ دېدى. «ئاسماندىكى زات» دېگەن بۇ سۆز ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقلىرىدىن ئۈستۈن، بۈيۈك ئىكەنلىكىگە دەلىل، يەنە بۇ جۈملە «ئاسماندىكى زات» ئاسماندىكى ئاللاھ تائالا دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ يەردە «فى» ئىچىدە دېگەن رەۋىش سۆزىنىڭ مەنىسى، «على» ئۈستىدە دېگەن مەنىدە، چۈنكى ئەرەبلەر تۆۋەندىكى مىساللاردا «فى» نى «على» مەنىسىدە ئىشلەتكەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇشرىكلار» يەر يۈزىدە خالىغىنىڭلارچە يۈرۈڭلار. ھەممىڭلارنى خورما دەرىخىغا ئاسىمەن، دېگەن ئايەتلەردىكى ئىككى ئورۇندا «فى» ئۈستىدە دېگەن مەنىدە كەلگەن، زېمىن ئۈستىدە، خورما ئۈستىگە دېگەندەك، شۇنىڭدەك يۇقارقى «فى السماء» دېگەن سۆزىمۇ ئاسماندىكى ئەرىش ئۈستىدە دېگەن مەنىدە. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدىكى مەنىگە ئوخشاش، «ئى كۇففارلار ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟» «ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟» دېگەن ئايەتلەر. شۇ ئەسنادا مۇسۇلمانلار توپىدىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن ئاستىغا پېتىپ كەتكەن، مەڭزىنىڭ سۆڭەكلىرى مۈڭگۈز كەبى چىقىپ تۇرغان، پىشانىسى دۇقا، بومبا ساقال، چېچىنى ئېلىۋتكەن، كىيمىنى ئوشۇقىنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋالغان بىر كىشى تۇرۇپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئاللاھتىن قورققىن! دېدى. رەسۇلۇللاھ: ۋاي ئىسىت ساڭا يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئاللاھتىن قورقايدىغىنى مەن ئەمەسمۇ؟ دېدى. يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ بويسۇنۇش، قورقۇشقا ئەڭ لايىق كىشى ئىدى. تائەت-ئىبادەتنى گۇناھ دەپ تونۇش ئازغۇنلۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇ پىتنىخور كشىى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەقسىماتىنى ئادالەتسىزلىك، گۇناھ دەپ تونىۋالغانلىقتىن ئۆزىنى تەقۋادارلىققا بۇيرۇغۇچى سۈپىدە تۇتۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە «ئاللاھتىن قورققىن» دېگەن. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى تەقۋادارلىق ۋە كاتتا ئىبادەتنىڭ ئۆزى، ئىدى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن بەرگەن ئىدى. بۇ كىشى قايىتماقچى بولغاندا، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ مەن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىۋەتمەيمۇ؟ دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ياق ئۇنداق قىلما، ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان بولىشى مۇمكىن، دېدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد: كۆپلىگەن كىشىلەر ناماز ئوقۇيدۇ ئەمما تىلى بىلەن دىلى باشقىچە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىچ-باغرىنى يېرىش ئۈچۈن كەلمىدىم، دېدى. يەنى: مەن كىشىلەرنىڭ تاشقى ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىمەن، ئىچكى ئەھۋالىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچى، ھېسابىنى ئۆزى سورايدۇ، دېگەن. يەنە بىر ئىبارىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئورنىدا ئۆمەر ئىدى دەپ كەلگەن. ئاندىن ئۇ كىشى كېتىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قاراپ مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن. بۇ يەردە مەقسەت، بۇ ئازغۇن كىشىنىڭ تۈرىدىكى كىشىلەردىن چىقىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش يول تۇتىدۇ، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن ۋە يادقا ئالغانلىقتىن ئۇنى ناھايىتى ئاسان ئوقۇيدۇ، بىراق ئۇ قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئوزۇق بەرمەيدۇ، قۇرئاننى ئاللاھنىڭ مەقسەت-مۇرادى بىلەن چۈشەنمەيدۇ، ئازغۇن نادان بولغانلىقتىن بەلكى مەنالىرىن بۇرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دىندىن خۇددى ئۇ دىنغا بۇرۇن كىرىپ باقمىغاندەكلا، تەسىرلەنمەيلا، تىز ۋە ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بولسا ئۇلارنىڭ دىنغا كىرگىنى بىلەن ئىمان قەلبىگە مۇستەھكەم ئورنىمىغانلىقىدىن، دىننى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ بۇتپەرەس كاپىرلارغا چېقىلمايدۇ، دەپ رەسۇلۇللاھ ئالدىن خەۋەر بەرگەن. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئەگەردە ئۇلارنىڭ زامانىدا مەن ھايات بولسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمى ئۆلتۈرۈلگەندەك ئۆلتۈرىمەن، يەنى تامامىسىنى ئۆلتۈرۈپ نەسلىنى قۇرتىۋېتىمەن، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8307

 
Hadith   673   الحديث
الأهمية: رأيت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقرؤها ويضع إصبعيه


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئايەتنى ئوقۇپ ئىككى بارمىقىنى قويغانلىقىنى كۆردۈم

عن أبي يونس سليم بن جبير مولى أبي هريرة -رضي الله عنه- ، قال: سمعتُ أبا هريرة يقرأ هذه الآية {إنَّ اللهَ يأمركم أن تؤدُّوا الأماناتِ إلى أهلها} [النساء: 58] إلى قوله تعالى {سميعًا بصيرًا} [النساء: 58] قال: «رأيتُ رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- يضع إبهامَه على أُذُنِه، والتي تليها على عينِه»، قال أبو هريرة: «رأيتُ رسولَ الله -صلى الله عليه وسلم- يقرؤها ويضعُ إصبعيه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى بولغان ئەبۇ يۇنۇس سۇلەيم ئىبنى جۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: {شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايەتنى ئوقۇپ ئىككى بارمىقىنى قويغانلىقىنى كۆردۈم، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أبو هريرة -رضي الله عنه- يقرأ هذه الآية: {إن الله يأمركم أن تؤدوا الأمانات إلى أهلها} [النساء: 58] إلى قوله تعالى {سميعًا بصيرًا} [النساء: 58]، ويذكر أنه رأى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقرؤها ويضع إصبعه الغليظة الخامسة على أذنه، والتي بجوارها على عينه، تأكيدًا لإثبات صفة السمع والبصر لله -تعالى-، ودفعًا لتأويلات المحرفين، وليس فيه تشبيهًا بالمخلوق؛ لقوله -تعالى-: (ليس كمثله شيء وهو السميع البصير) فالإيمان بالنصوص كلها يقتضي ما ذكر.
574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: {شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئايەتنى ئوقۇپ، باش بارمىقىنى قۇلىقىغا، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆزىگە قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا كۆرۈش ۋە ئاڭلاش دېگەن ئىككى سۈپەتنى ئىسپاتلاشنى تەكىتلەپ، بۇ ئارقىلىق ئايەتنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلايدىغانلارغا رەددىيە بېرىدۇ، بۇنىڭدا مەخلۇقاتقا ئوخشىتىش يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالا: {ھېچ نەرسە ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن، يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان دەلىللەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش شۇنى تەلەپ قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8310

 
Hadith   674   الحديث
الأهمية: احتج آدم وموسى، فقال له موسى: يا آدم أنت أبونا خيبتنا وأخرجتنا من الجنة، قال له آدم: يا موسى اصطفاك الله بكلامه، وخط لك بيده، أتلومني على أمر قدره الله علي قبل أن يخلقني بأربعين سنة؟ فحج آدم موسى، فحج آدم موسى


باشتېما:

ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنازىرىلىشىپ قالدى، مۇسا ئادەمگە دىدىكى: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ. ئۇنىڭغا ئادەم دىدىكى: ئى مۇسا! ئاللاھ تائالا سىنى ئۆزىنىڭ كالامى بىلەن تاللىدى ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يىزىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مېنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يىڭىۋالدى.

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «احتجَّ آدمُ وموسى، فقال له موسى: يا آدمُ أنت أبونا خَيَّبتنا وأخرجتَنا من الجنة، قال له آدمُ: يا موسى اصطفاك اللهُ بكلامِه، وخطَّ لك بيدِه، أتلومُني على أمرٍ قَدَّره اللهُ عليَّ قبل أنْ يخلُقَني بأربعين سنةً؟ فحَجَّ آدمُ موسى، فحَجَّ آدمُ موسى».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنازىرىلىشىپ قالدى، مۇسا ئادەمگە دىدىكى: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ. ئۇنىڭغا ئادەم دىدىكى: ئى مۇسا! ئاللاھ تائالا سىنى ئۆزىنىڭ كالامى بىلەن تاللىدى ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يىزىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يىڭىۋالدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
«احتجَّ آدم وموسى» عليهما السلام أي: كل واحد منهما ذكر حُجَّته أمام الآخر، وهذا يجوز أن يكون بعد وفاة موسى، أو أنه في الرؤيا، فإن رؤيا الأنبياء وحي، ومثل هذا يجب فيه التسليم، ولا نستطيع الوقوف على حقيقته
«فقال له موسى: يا آدمُ أنت أبونا خَيَّبتنا وأخرجتَنا من الجنة» أي: كنت سبب خيبتنا وإغوائنا بالخطيئة التي ترتَّب عليها إخراجك من الجنة، ثم تَعَرضنا نحن لإغواء الشياطين.
   «قال له آدمُ: يا موسى اصطفاك اللهُ بكلامِه» أي: اختارك الله تعالى بأن أسمعك كلامه، وهذا الذي اختص به موسى من بين الرسل، بأن الله تعالى كلمه بدون واسطة، بل أسمعه كلامه منه إليه.
   «وخطَّ لك بيدِه» أي: كتب لك التوراة بيده، ويجب علينا أن نؤمن بهذا من غير تكييف ولا تعطيل ومن غير تحريف ولا تمثيل.
   «أتلومُني على أمرٍ قَدَّره اللهُ عليَّ قبل أنْ يخلُقَني بأربعين سنةً؟» أي: كيف تلومني على أمر كتبه الله عليَّ في اللوح المحفوظ وفي صحف التوراة وألواحها قبل خلقي بأربعين سنة.
«فحَجَّ آدمُ موسى» أي: غلبه بالحجة، وإنما كان موضع الحجة لآدم على موسى -صلوات الله وسلامه عليهما- أن الله سبحانه إذا كان قد علم من آدم أنه سيخرج من الجنة وينزل للأرض فكيف يمكنه أن يرد علم الله فيه، فحجة آدم عليه السلام ظهرت؛ لأن ما قُدِّر عليه أمر لا يمكن تغييره ولا رده، بل هو قدر قدره العليم القدير، فلا يمكن دفعه، ولا رفعه بعد وقوعه، فليس أمامه إلا التسليم، ومع ذلك لا يكون القدر حجة فيما لم يقع؛ لأن الإنسان مأمور بفعل الطاعة، واجتناب المعصية، وهو لا يعلم ما هو المقدر عليه حتى يقع، فإذا وقع الأمر وتعذر دفعه هناك يسلم للقدر، ويقول: قدر الله وما شاء فعل، ويستغفر من ذنبه ويتوب إلى ربه.
فتبين أن آدم حج موسى لما قصد موسى لوم آدم على ما كان سبباً في مصيبة أبنائه، وأن آدم احتج بأن هذه المصيبة سبق بها القدر، ولا بد من وقوعها، وسواء في ذلك المصائب التي تحصل بأفعال العباد، أو غيرها، فإن على العبد الصبر والتسليم، ولا يسقط بذلك لوم الجاني وعقابه.
574;ادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام داۋلىلىشىپ قالدى، يەنى: ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنىڭ دەلىلىنى قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغا قويدى، بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن بولغان بولىشى ياكى چۈشىدە بولغان بولىشىمۇ مومكىن، چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشلىرى ۋەھىيدۇر. بۇنىڭدەك (غەيىپكە مۇناسىۋەتلىك) ئىشلارنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىش زۆرۈر، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. «مۇسا ئادەمگە: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىز تۇرۇپ، ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ» دېدى، يەنى: سەن جەننەتتىن چىقىرىلىشىڭغا سەۋەپ بولغان خاتالىق ئارقىلىق ئىشىمىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىغا ۋە ھەممىمىزنىڭ ئادىشىشىمىزغا سەۋەبچى بولدۇڭ، ئاندىن بىزمۇ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا دۇچ كەلدۇق. ئۇنىڭغا ئادەم دېدىكى: «ئى مۇسا! ئاللاھ سىنى ئۆزىنىڭ كالامىغا تاللىدى»، يەنى: ئاللاھ تائالا سىنى تاللاپ ئۆزىنىڭ كالامىنى ئاڭلاتتى. ئاللاھ تائالا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدىن مۇسانى تاللىغان بۇ ئىش بولسا: ئاللاھ تائالا مۇساغا ئۆزىنىڭ كالامىنى بىۋاستە ئاڭلاتقانلىقى ئىدى. «ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يېزىپ بەردى»، يەنى: ساڭا تەۋراتنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەردى. ۋە بىزمۇ بۇ ئىشقا، ئۇنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، يوققا چىقارماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە باشقا ئىشقا ئوخشاتماستىن ئىشىنىشىمىز زۆرۈر. «ئاللاھ تائالا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟»، يەنى: ماڭا ئاللاھ تائالا لەۋھىلمەھفۇزدا ۋە تەۋراتنىڭ سەھىپىلىرى ۋە تاختايلىرىدا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل ئىلگىرى پۈتۈۋەتكەن ئىشقا، قانداقمۇ تاپا - تەنە قىلىسەن؟، «شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يېڭىۋالدى»، يەنى: ئۇنى دەلىل بىلەن يېڭىۋالدى. بۇ يەردە ئادەمنىڭ دەلىلىنىڭ مۇسانىڭكىدىن كۈچلۈك بولىشى: ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋە تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پات - يېقىندا جەننەتتىن چىقىپ، زېمىنغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئۇنداقتا قانداقمۇ ئاللاھنىڭ بۇ سابىق ئىلمىدىكى ئىشنى قايتۇرغىلى بولسۇن!، دېمەك ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئاشكارا بولدى، چۈنكى بىرەر نەرسىگە بىرەر ئىش تەقدىر قىلىنسا، ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بەلكى ئۇ ھەممىنى بىلگۈچى ھەممىگە قادىر زاتنىڭ تەقدىرىدۇر. ئۇ يۈز بەرسە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ياكى ئۇنى مەخلۇقنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈۋېتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىشتىن باشقا يول يوق. شۇنداقتىمۇ، تەقدىر دېگەن: تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارغا ھۆججەت (باھانە) بولالمايدۇ، چۈنكى ئىنسان تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ۋە گۇناھ - مەسىيەتتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىگە نېمە تەقدىر قىلىنغانلىقىنى شۇ ئىش يۈز بەرمىگۈچە بىلمەيدۇ، ئەگەر ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەرسە ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرالمىسا، شۇ چاغدا تەقدىرنى قوبۇل قىلىپ: «ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلىپ، ئۆزى خالىغاننى قىلدى» دەيدۇ، گۇناھ سادىر بولغان بولسا، مەغپىرەت تىلەيدۇ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋبە قىلىدۇ. دېمەك، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامنى «ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ مۇسىبەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان» دەپ مالامەت قىلاي دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام: بۇ دېگەن تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىش، ئۇ يۈز بەرمەي ئامال يوق، بۇنداق ئىشلاردا بەندىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان مۇسىبەتلەر بولسۇن، ياكى باشقا ئىشلار بولسۇن ئوخشاش، بۇنداق ئەھۋالدا بەندىنىڭ ۋەزىپىسى: «سەبىر قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش» دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دەلىلدە كۈچلۈك كەلدى. بۇنى باھانە قىلىپ جىنايەتچىنى ئەيىپلەش ۋە ئۇنى جازالاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8317

 
Hadith   675   الحديث
الأهمية: أنه ذكر رجلا من بني إسرائيل، سأل بعض بني إسرائيل أن يسلفه ألف دينار


باشتېما:

بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى ئۇ كىشىگە راس سۆزلىدىڭ دېدى ۋە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلەم ۋاقىتقىچە قەرىز بېرىپ تۇردى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: أنَّه ذكر رجلًا من بني إسرائيل، سأل بعضَ بني إسرائيل أن يُسْلِفَه ألفَ دينار، فقال: ائْتِنِي بالشهداء أُشْهِدُهم، فقال: كفى بالله شهيدًا، قال:    فَأْتِنِي بالكَفِيل، قال: كَفَى بالله كفيلًا، قال: صَدَقتَ، فَدَفَعَها إِليه إلى أجل مُسَمَّى، فخرج في البحر فقَضَى حَاجَتَه، ثُمَّ التَمَسَ مركَبًا يَرْكَبُها يَقْدَم عليه لِلأَجَل الذي أجَّله، فلم يجِد مركَبًا، فأَخَذَ خَشَبَة فَنَقَرَها، فَأَدْخَل فِيهَا أَلفَ دِينَار وصَحِيفَة مِنْه إلى صاحبه، ثم زَجَّجَ مَوضِعَها، ثمَّ أَتَى بِهَا إِلَى البحر، فقال: اللَّهُمَّ إنَّك تعلم أنِّي كنتُ تَسَلَّفتُ فلانًا ألف دِينَار، فَسَأَلَنِي كفيلًا، فقلتُ: كفى بالله كفيلًا، فَرَضِيَ بك، وسأَلَنِي شهيدًا، فقلتُ: كفى بالله شهيدًا، فرضِي بك، وأنِّي جَهَدتُ أنْ أَجِدَ مَركَبا أَبعث إليه الذي لَه فَلَم أَقدِر، وإنِّي أسْتَوْدِعُكَها. فرمى بها في البحر حتَّى وَلَجِت فيه، ثم انْصَرف وهو في ذلك يلتمس مركبا يخرج إلى بلده، فخرج الرجل الذي كان أسلفه، ينظُر لعلَّ مَركَبًا قد جاء بماله، فَإِذا بِالخَشَبَة التي فيها المال، فأَخَذَها لِأهله حَطَبًا، فلمَّا نَشَرَها وجَد المالَ والصحِيفة، ثمَّ قدِم الذي كان أسلفه، فأتى بالألف دينار، فقال: والله ما زلتُ جاهدًا في طلب مركب لآتيك بمالك، فما وجدتُ مركبا قبل الذي أتيتُ فيه، قال: هل كنتَ بعثتَ إليَّ بشيء؟ قال: أُخبِرك أنِّي لم أجِد مركبا قبل الذي جئتُ فيه، قال: فإنَّ الله قد أدَّى عنك الذي بعثتَ في الخشبة، فانصرِف بالألف الدينار راشدًا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرىز سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا گۇۋاھچى ئېلىپ كەلگىن دېگەندە ئۇ كىشى: ئاللاھ تائالا گۇۋاھلىققا كۇپايىدۇر، دېدى. ئۇنداقتا كىپىل ئېلىپ كەلگىن دېگەندە، ئۇ كىشى: ئاللا تائالا كىپىللىككە يىتەرلىكتۇر، دېدى، قەرىز بەرگۈچى راس سۆزلىدىڭ دېگىنىچە ئۇنىڭغا مىڭ تىللانى مەلۇم مۇددەتتە قايتۇرۇش ئۈچۈن قەرىزگە بەردى. قەرىز ئالغۇچى ئۇ پۇللارنى ئېلىپ دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى ۋە ئىشلىرىنى تۈگەتتى. قەرىزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە ئۇ كىشى يولغا چىقىپ دېڭىز بويىغا كەلدى، ئۇ دېڭىزدىن ئۆتۈش ئۈچۈن كىمە تاپالماي بىر تال تاياقنى ئېلىپ تەشتى دە ئۇنىڭ ئىچىگە مىڭ تىللا پۇلنى ۋە قەرىز ئىگىسىگە قارىتىپ بىر پارچە مەكتۈبنى يېزىپ ئۇنىڭغا سالدى، دېڭىز يېنىغا كىلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ سىلى مېنىڭ ھالىمنى ياخشى بىلىلا، مەن بىر كىشىدىن مىڭ تىللا قەرىز سورسام كىپىل تەلەپ قىلغان ئېدى، مەن: ئاللاھ ياخشى كىپىلدۇر، دېگىنىمدە ئۇ رازى بولغان. ئۇ مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان ئىدى، مەن: گۇۋاھلىققا ئاللاھ يىتەرلىكتۇر دېسەم، ئۇ رازى بولغان ئېدى، مەن ئۇنىڭ ھەققىنى بىرىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساممۇ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشقا ئىمكانىيىتىم بولمىدى، قەرىز ئىگىسىگە بۇ پۇلنى يەتكۈزۈشنى سىلىگە تاپشۇردۇم، دېگىنىچە تىللا سېلىنغان ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى ۋە ياغاچ ئېقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىدىغانغا كىمە ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتى. قەرىز بەرگۈچىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىرەر كىمىدە ئۇ كىشىنىڭ پۇللارنى ئېلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ قىرغاققا قاراپ يول ئالدى. قىرغاققا كەلگەندە بىر تال ياغاچنى ئۇچراتتى، ئۇ ياغاچنى ئوتۇن قىلىش مەقسىتىدە ئالغان ئىدى، ھالبۇكى ئۇ كىشى ياغاچنى ھەردىگەندە، ئۇنىڭ ئارىسىدا پۇل ۋە بىر پارچە مەكتۇپ سېلىنغانلىقىنى كۆردى. بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزدار 1000 تىللا پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە دېدى: مەن قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمدا مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، ئەمدىلىكتە بەسى مۈشكىلىدە بىر كىمە تېپىپ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ دېگەندە، قەرزدار: مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى: سەن ياغاچ ئارقىلىق ئەۋەتكەن پۇلنى ئاللاھ تائالا ماڭا يەتكۈزدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ذكر رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن رجلاً من بني اسرائيل طلب من رجل آخر من بني إسرائيل أن يُسلفه ألف دينار، فقال له الرجل: ائتني بشهيد يشهد أنك أخذت مني ألف دينار. فقال له الرجل الذي يريد السلف: «كفى بالله شهيدًا» أي: يكفيك ويكفيني أن يكون الله شهيدًا علينا. فقال الرجل له: فائتني بضامن يضمنك. فقال: «كفى بالله كفيلاً» أي: يكفيك أن يكون الله هو الضامن. فقال له: صدقت. فأعطاه الألف دينار إلى وقت محدد. فخرج الذي استلف فركب البحر بالمال يتجر فيه، فلما جاء الموعد المحدَّد لسداد الدَّين بحث عن مركب يركبها حتى يقدم على الذي أسلفه، فلم يجد مركبًا، فأخذ خشبة فحفرها وأدخل فيها ألف دينار وصحيفة منه إلى صاحبه وكتب إليه: من فلان إلى فلان، إني دفعت مالك إلى وكيل توكل بي. ثم سوَّى موضع الحفر وأصلحه، ثم أتى بالخشبة إلى البحر فقال: اللهم إنك تعلم أني كنت تسلفت من فلان ألف دينار فسألني كفيلاً فقلت: كفى بالله كفيلاً، فرضي بك، وسألني شهيدًا فقلت: كفى بالله شهيدًا، فرضي بك، وإني اجتهدت أن أجد مركبًا أبعث إليه الذي له في ذمتي فلم أقدر على تحصيلها، وإني أتركها عندك وديعة وأمانة. ثم رمى بها في البحر حتى دخلت فيه، ثم انصرف ولكنه ظل أيضًا يبحث عن مركب ليذهب إلى بلد الذي أسلفه بألف دينار أخرى؛ ظنا منه أن فعله الأول غير كاف، أما الرجل صاحب المال فخرج في الموعد ينظر لعل مركبًا قد جاء بماله الذي أسلفه للرجل، كأن يكون أرسله مع شخص أو جاء به بنفسه، فلم يجد مركبًا، فإذا بالخشبة التي فيها المال فأخذها لأهله يجعلها حطبًا للإيقاد، وهو لا يعلم أن المال فيها، فلما قطعها بالمنشار، وجد المال الذي له والصحيفة التي كتبها الرجل إليه بذلك، ثم جاء الرجل الذي استلف فأتى بالألف دينار الأخرى، فقال للذي أسلفه: والله لقد اجتهدت في البحث عن مركب لآتيك بمالك فما وجدت مركبًا قبل الذي أتيت فيه. قال الذي أسلفه: هل كنت بعثت إليّ بشيء؟ فقال: أُخبرك أني لم أجد مركبًا قبل الذي جئتُ فيه. قال الرجل الذي أسلفه: إن الله قد أدَّى عنك الألف دينار التي بعثت بها في الخشبة. فانصرف بالألف الدينار الأخرى التي أتيت بها راشدًا.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بىر كىشىنىڭ ۋەقەلىكىنى بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن. بىر كىشى يەنە بىرەيلەندىن 1000 تىللا قەرز سورغاندا قەرز بەرگۈچى ئۇ كىشىگە مەندىن بۇ پۇلنى ئالغانلىقىڭغا گۇۋاھچىدىن بىرىنى ئەكەلگىن، دېگەن. قەرز ئالغۇچى: گۇۋاھ بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىك ۋە كۇپايىدۇر، يەنى ساڭا ۋە ماڭا ئاللاھ تائالا گۇۋاھ بولۇشقا يېتەرلىكتۇر، دېگەن. قەرز بەرگۈچى ئۇنداقتا ساڭا كىپىل بولغۇچىدىن بىرنى ئەكەلگىن دېگەندە، ئاللاھ تائالا كىپىل بولۇشقا يېتەرلىكدۇر، دېگەن. يەنى ئاللاھ تائالا كىپىل بولىدۇ، دېگەندە ئۇ كىشى راست ئېيتتىڭ دېگىنىچە ئۇنىڭغا 1000 تىللانى مەلۇم مۇددەتكىچە دەپ قەرز بەردى. قەرزدار ئۇ پۇلنى ئېلىپ تىجارەت ئۈچۈن دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى، قەرزنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە قەرزدار پۇلنى ئېلىپ قىرغاققا كەلدى، ئەمما قەرز بەرگۈچىنىڭ يۇرتىغا بارىدىغان كىمە تاپالمىدى، شۇ ئارلىقتا قىرغاقتا بىر ياغاچنى ئۇچراتتى، ياغاچنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئىچىنى ئويدى ۋە 1000 تىللا پۇلنى، بىر پارچە مەكتۈپ يېزىپ ئۇنىڭدا: پالانىدىن پالانىغا، مەن پۇلنى ۋەكىلىمگە تاپشۇردۇم، دېدى. ئاندىن ئۇنى ياغاچ ئىچىگە قويۇپ ئۇ ئورۇننى مەھكەم ئىتىۋەتتى. ئاندىن مۇنداق دەپ: ئى ئاللاھ تائالا سىلى ياخشى بىلىدىلا، مەن پالانى ئىسىملىك بىر كىشىدىن مىڭ تىللا قەرز ئالغىنىمدا ئۇ كىشى مەندىن كىپىل سورىغان ئىدى، مەن سىلىنى كىپىل قىلغىنىمدا ئۇ رازى بولغان، مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغاندا، مەن سىلىنى گۇۋاھچى قىلسام ئۇ رازى بولغان، ئەمدىلىكتە مەن قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ پۇلىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ كىمە تاپالمىدىم، مەن بۇ پۇلنى سىلىگە ئامانەت قويدۇم، دەپلا ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى. ئۇ ياغاچ دېڭىزدا كۆزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كەتتى. لېكىن يەنىلا ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولالماي، يەنە مىڭ تىللا ئېلىپ قەرز ئېگىسىگە ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن كىمە ئىزدەشكە تىرىشتى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى قىلغان ئىشنى يېتەرلىك بولمىدى دەپ قارىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە قەرز بەرگۈچىمۇ قەرزداردىن پۇلىنى تاپشۇرۋېلىش نىيىتىدە ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا قىرغاققا باردى. قەرزدارنىڭ ياكى ئۆزى ئېلىپ كىلىش ياكى بىرەر كىشىدىن ئەۋەتىشىنى كۈتۈپ قىرغاقتا ساقلىدى. بىراق كىمە كەلمىدى، شۇ ئارىلىقتا ئۇ قىرغاقتا بىر تال ياغاچنى ئۇچرۇتۇپ قالدى-دە ئۇنى ئوتۇن قىلىش ئۈچۈن ئېلىۋالدى. ئۆيگە بېرىپ ياغاچنى ھەرە بىلەن كېسىۋىدى ئۇنىڭدىن پۇل ۋە مەكتۈپنى ئۇچراتتى. بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزدار قايتىدىن يەنە 1000 تىللا پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە دېدى: مەن قەرزنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققىنىمدا كىمە تاپالمىغان ئىدىم، ئەمدىلىكتە بىر كىمە تېپىپ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەلدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەن ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ، دېگەندە، قەرزدار: مەن چىقىپ كەلگەن كىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر كىمە تاپالمىدىم، دېدى. قەرز ئىگىسى: سەن ياغاچ ئارقىلىق ئەۋەتكەن پۇلنى ئاللاھ تائالا ماڭا يەتكۈزدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا راۋان بولغىن، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8318

 
Hadith   676   الحديث
الأهمية: إذا دخل أهل الجنة الجنة ينادي مناد: إن لكم أن تحيوا، فلا تموتوا أبدًا، وإن لكم أن تصحوا، فلا تسقموا أبدًا، وإن لكم أن تشبوا فلا تهرموا أبدًا، وإن لكم أن تنعموا، فلا تبأسوا أبدًا


باشتېما:

جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر مەڭگۈ قېرىمايسىلەر، نېمەتلىنىپ تۇرىسىلەر، مەڭگۈ يامان ئەھۋالغا قالمايسىلەر، دەپ نىدا قىلىدۇ

عن أبي سعيد الخدري وأبي هريرة -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «إذا دخلَ أهلُ الجنةِ الجنةَ يُنَادِي مُنادٍ: إن لكم أن تَحْيوا، فلا تَموتُوا أبداً، وإن لكم أن تَصِحُّوا، فلا تَسقَمُوا أبداً، وإن لكم أن تَشِبُّوا فلا تَهرَمُوا أبداً، وإن لكم أن تَنعَمُوا، فلا تَبْأسُوا أبداً».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ۋە ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر مەڭگۈ قېرىمايسىلەر، نېمەتلىنىپ تۇرىسىلەر، مەڭگۈ يامان ئەھۋالغا قالمايسىلەر، دەپ نىدا قىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من نعيم الجنة أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أخبر أن أهل الجنة ينادي فيهم مناد: "إن لكم أن تحيوا فلا تموتوا أبداً، وإن لكم أن تصحوا فلا تسقموا أبداً" وذكر الحديث، أي: أنهم في نعيم دائم لا يخافون الموت ولا المرض ولا كبر السن الموجب للضعف، ولا انقطاع ما هم فيه من النعيم، فهذا الحديث وغيره يوجب للإنسان الرغبة في العمل الصالح الذي يتوصل به إلى هذه الدار.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن خەۋەر بېرىپ: جەننەت ئەھلى جەننەتكە كېرگەندە، بىر چاقىرغۇچى: سىلەر ھايات ياشايسىلەر، مەڭگۈ ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، مەڭگۈ كېسەل بولمايسىلەر دەپ چاقىرىدۇ. يەنى ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ نېمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆلۈمدىن، كېسەللىكتىن، ئاجىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان ياشىنىپ قىلىشتىن، ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ. بۇ ھەدىس ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ھەدىسلەر، كىشىلەرنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8341

 
Hadith   677   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يغتسل بفضل ميمونة -رضي الله عنها-


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇيۇنۇپ ئاشقان سۈيىدە يۇيۇنغان ئىدى

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يغتسل بفضل ميمونة -رضي الله عنها-.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇيۇنۇپ ئاشقان سۈيىدە يۇيۇناتتى، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يغتسل بالماء المتبقي من اغتسال زوجته ميمونة -رضي الله عنها-.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇيۇنۇپ ئاشقان سۈيىدە يۇيۇناتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8359

 
Hadith   678   الحديث
الأهمية: إن الماء لا يجنب


باشتېما:

ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- قال: اغتسل بعض أزواج النبي -صلى الله عليه وسلم- في جَفْنَةٍ، فجاء النبي -صلى الله عليه وسلم- ليتوضأ منها أو يغتسل، فقالت: له يا رسول الله، إني كنت جُنُبًا؟ فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إن الماء لا يَجْنُبُ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرى بىر داستىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىلىپ شۇ سۇدىن تەرەت ئالماقچى ياكى يۇيۇنماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، مەن بۇ سۇدىن ئىلىپ جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدىم؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن سۇ جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كانت إحدى زوجات النبي -صلى الله عليه وسلم- تغتسل للجنابة، فجاء النبي -صلى الله عليه وسلم- ليتوضأ أو يغتسل؛ فأراد استخدام الماء المتبقي من غسل زوجته -رضي الله عنها – ، فأخبرته بأنها كانت على جنابة، فأرشدها بأن ذلك الماء لا يتأثر بذلك وهو كونه طاهراً مطهراً .
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىرى جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھارەت ئېلىش ئۈچۈن ياكى يۇيۇنۇش ئۈچۈن كىلىپ، ئايالى يۇيۇنۇپ ئاشقان سۇنى ئىشلەتمەكچى بولغاندا، ئايالى ئۆزىنىڭ بۇ سۇدا جۇنابەتتىن يۇيۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئۇ سۇنىڭ پاكىز ۋە پاكىزلەش خۇسۇسىيىتى جۇنۇپلۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8360

 
Hadith   679   الحديث
الأهمية: كنا في سفر مع النبي صلى الله عليه وسلم، وإنا أَسْرَيْنا حتى كنا في آخر الليل، وَقَعْنا وَقْعَة، ولا وَقْعَة أحلى عند المسافر منها، فما أيقظنا إلا حَرُّ الشمس، وكان أول من استيقظ فلان، ثم فلان، ثم فلان، ثم عمر بن الخطاب


باشتېما:

بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ كېچىدە يول يۈرۈپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختىدۇق، بۇنداق ۋاقىتتا مۇساپىر ئۈچۈن ئارام ئېلىشتىن بەكراق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك. بىز قۇياشنىڭ ئىسسىقىدا ئويغاندۇق، ئاۋۋالدا پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن پالانى، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغاندى

عن عمران بن حصين -رضي الله عنهما- قال: كنا في سفر مع النبي صلى الله عليه وسلم، وإنا أَسْرَيْنا حتى كنا في آخر الليل، وَقَعْنا وَقْعَة، ولا وَقْعَة أحلى عند المسافر منها، فما أيقظنا إلا حَرُّ الشمس، وكان أول من استيقظ فلان، ثم فلان، ثم فلان، ثم عمر بن الخطاب،    وكان النبي صلى الله عليه وسلم إذا نام لم يوقظ حتى يكون هو يستيقظ، لأنا لا ندري ما يحدث له في نومه، فلما استيقظ عمر ورأى ما أصاب الناس وكان رجلا جليدا، فكبَّر ورفع صوته بالتكبير، فما زال يكبر ويرفع صوته بالتكبير حتى استيقظ بصوته النبي صلى الله عليه وسلم، فلما استيقظ شكوا إليه الذي أصابهم، قال: «لا ضير -أو لا يضير- ارتحلوا». فارتحل، فسار غير بعيد، ثم نزل فدعا بالوَضوء، فتوضأ، ونُودِيَ بالصلاة، فصلَّى بالناس، فلما انفتل من صلاته إذا هو برجل معتزل لم يُصَلِّ مع القوم، قال: «ما منعك يا فلان أن تصلي مع القوم؟». قال: أصابتني جنابة ولا ماء، قال: «عليك بالصعيد، فإنه يكفيك». ثم سار النبي صلى الله عليه وسلم، فاشتكى إليه الناس من العطش، فنزل فدعا فلانا، ودعا عَلِيًّا فقال: «اذهبا، فابتغيا الماء». فانطلقا، فتلقيا امرأة بين مزادتين -أو سطيحتين- من ماء على بعير لها، فقالا لها: أين الماء؟ قالت: عهدي بالماء أمسِ هذه الساعةَ، ونَفَرُنا خُلُوف. قالا لها: انطلقي. إذًا قالت: إلى أين؟ قالا: إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم. قالت: الذي يقال له: الصابئ؟ قالا: هو الذي تَعْنين، فانطلقي، فجاءا بها إلى النبي صلى الله عليه وسلم، وحدثاه الحديث، قال: فاستَنْزَلوها عن بعيرها، ودعا النبي صلى الله عليه وسلم بإناء، ففرَّغ فيه من أفواه المزادتين -أو سطيحتين- وأَوْكَأ أفواههما وأطلق العَزَالِيَ، ونودي في الناس: اسقوا واستقوا، فسقى مَن شاء واستقى مَن شاء، وكان آخر ذاك أن أعطى الذي أصابته الجنابة إناء من ماء، قال: «اذهب فأفرغه عليك». وهي قائمة تنظر إلى ما يُفْعَل بمائها، وايمُ الله لقد أقلع عنها، وإنه ليُخَيَّل إلينا أنها أشد مَلَأَة منها حين ابتدأ فيها، فقال النبي صلى الله عليه وسلم: «اجمعوا لها». فجمعوا لها من بين عَجْوة ودقيقة وسويقة حتى جمعوا لها طعاما، فجعلوها في ثوب وحملوها على بعيرها، ووضعوا الثوب بين يديها، قال لها: «تعلمين، ما رزئنا من مائك شيئا، ولكنَّ الله هو الذي أسقانا». فأتت أهلها وقد احتبست عنهم، قالوا: ما حبسك يا فلانة؟ قالت: العجب، لقيني رجلان، فذهبا بي إلى هذا الذي يقال له الصابئ، ففعل كذا وكذا، فوالله إنه لأسحر الناس من بين هذه وهذه، وقالت بإصبعيها الوسطى والسبابة، فرفعتهما إلى السماء –تعني: السماء والأرض- أو إنه لرسول الله حقا، فكان المسلمون بعد ذلك يَغِيرون على من حولها من المشركين، ولا يصيبون الصِّرْم الذي هي منه، فقالت يوما لقومها: ما أرى أن هؤلاء القوم يدعونكم عمدا، فهل لكم في الإسلام؟ فأطاعوها، فدخلوا في الإسلام.

ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ كېچىدە يول يۈرۈپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئارام ئېلىش ئۈچۈن توختىدۇق، بۇنداق ۋاقىتتا مۇساپىر ئۈچۈن ئارام ئېلىشتىن بەكراق ھۇزۇر بولمىسا كېرەك. بىز قۇياشنىڭ ئىسسىقىدا ئويغاندۇق، ئاۋۋالدا پالانى ئاندىن پالانى ئاندىن پالانى ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغاندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇخلىغاندا ئۆزى ئويغانغانغا قەدەر ئۇنى ھېچ كىشى ئويغاتمايتتى، بىز ئۇنىڭغا چۈشىدە نېمە ئىشلارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئويغۇنۇپ كىشىلەرگە يەتكەن ئەھۋالنى كۆردى، ئۇ بەك كەسكىن ئادەم ئېدى، ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتتى، ھەتتا ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئويغانغانغا قەدەر ئاۋازىنى ئۈنلۈك قىلىپ تەكبىر ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئويغانغان ۋاقىتتا كىشىلەر يۈز بەرگەن ئىشتىن شىكايەت قىلىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھېچ گەپ يوق، يۆتكىلىڭلار» دېدى ۋە ئورنىدىن قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭماستىن بىر جايغا چۈشتى، تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۈ كەلتۈرۈلدى، تاھارەت ئالدى، نامازغا چاقىرىلدى، كىشىلەر بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇماي بىر چەتتە تۇرغان بىر كىشىنى كۆرۈپ: «ئى پالانى نېمە ئۈچۈن جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇمايسىز؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، سۇ يوق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پاكىز توپا بىلەن تەيەممۇم قىلغىن، ئۇ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا چىقتى، كىشىلەر ئۇسسۇزلۇقتىن شىكايەت قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ تۆگىسىدىن چۈشۈپ ساھابىلاردىن بىرىنى ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ: «سۇ تېپىپ كېلىڭلار» دېدى. ئۇلار سۇ ئىزدەپ كېتىۋاتقاندا، تۆگىسىگە ئىككى تۇلۇم سۇ ئارتىپ كېتىۋاتقان بىر ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇلار ئۇ ئايالدىن: سۇنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئايال: بۇ سۇنى تۈنۈگۈن مۇشۇ ۋاقىتتا سۇ بار يەردىن ئالغان، بۇ سۇنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلار بار دېدى، ئىككەيلەن ئۇ ئايالغا: ئۇنداق بولسا بىز بىلەن ماڭ دېدى، ئۇ ئايال: نەگە؟ دېدى، ئۇلار: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دېدى، ئۇ ئايال: كىشىلەرنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتتى دېگەن ئادەممۇ؟دېدى، ئىككەيلەن: سەن دېگەن كىشى شۇ، ماڭغىن دېدى، ئىككەيلەن ئۇ ئايالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان دىئالوگنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «تۇلۇمنى تۆگىدىن چۈشۈرۈڭلار» دېدى ۋە قاچا تەلەپ قىلدى، تۇلۇمنىڭ ئېغىزىدىن قاچىغا سۇ قۇيدى، ئاندىن تۇلۇمنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ كىشىلەرنى سۇ ئىچىڭلار، ئۇلاغلىرىڭلارنى سۇغۇرىۋىلىڭلار دەپ چاقىردى، خالىغان كىشىلەر سۇ ئىچتى، خالىغان كىشىلەر ئۇلاغلىرىنى سۇغاردى، ئاخىرىدا ئېھتىلام بولۇپ قالغان كىشىگە قاچىدىكى سۇنى بېرىپ: «بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلگىن» دېدى. ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن ئالغان سۇ بىلەن قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ تۇراتتى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاچىدىن قولىنى ئالغاندا بىزگە قاچىدىكى سۇ دەسلەپتە تۇلۇمدىن قۇيغاندىنمۇ كۆپرەك بىلىندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئايالغا بىرنەرسە توپلاپ بېرىڭلار دېدى، ساھابىلار يانلىرىدا بار بولغان خورما، ئۇن ۋە تالقان قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن توپلاپ بىر پارچە رەختكە ئوراپ ئۇ ئايالنىڭ تۆگىسىگە ئارتىپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىز سىزنىڭ سۇيىڭىزدىن ھېچ نەرسىنى كىمەيتمىدۇق، لېكىن بىزنى ئاللاھ سۇغاردى دېدى. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ مەھەللىسىگە كېچىكىپ كەلدى، ئائىلىسىدىكىلەر: ئى پالانى! نېمە ئۈچۈن كېچىكىپ قالدىڭىز؟ دېگەن ئىدى، ئۇ ئايال: قىززىق ئىش! يولدا ماڭا ئىككى ئادەم ئۇچرىدى، ئۇلار مىنى كىشىلەرنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتتى دېگەن ھىلىقى ئادەمنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى، ئۇ ئادەم مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدى دېدى،ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىدا ئاسمانغا ئىشارە قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ماھىر سېھرىگەر،    ياكى ئۇ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەن دېدى، كىيىن مۇسۇلمانلار ئاشۇ ئايالنىڭ مەھەللىسى ئەتراپىدىكى مۇشرىكلارغا ھۇجۇم قىلاتتى، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ مەھەللىسىدىكى ھىچ بىر ئۆيگە چىقىلمىدى، ئۇ ئايال بىر كۈنى ئۆز مەھەللىسىدىكىلەرگە: ھەقىقەتەن ئاۋۇلار سىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىدۇ، سىلەر مۇسۇلمان بولمامسىلەر؟ دېدى، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىپ، ھەممىسى مۇسۇلمان بولدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث الشريف جملة من الأحكام والمعجزات التي ظهرت للصحابة رضوان الله عليهم؛ ذلك لأنهم كانوا في سفر وغلبهم النعاس وخرج وقت صلاة الفجر فما كان من النبي صلى الله عليه وسلم إلا أن أوضح لهم ما يجب عليهم فعله في مثل هذه الحال ألا وهو المبادرة لقضاء الصلاة.
والأمر الآخر أنه كان من بين الصحابة من أصابته جنابة ولم يكن معهم ماء فأمره النبي صلى الله عليه وسلم بالتيمم فظهر أنه في حال فقد الماء أجزأ التيمم عن الغسل.
والأمر الثالث وهو إحدى معجزات النبي صلى الله عليه وسلم أن الناس شكو إليه العطش وعدم الماء فأرسل من يبحث عن الماء فلم يجدوا ماء ووجدوا امرأة معها ماء في مزادتين لها فأخذوها للنبي صلى الله عليه وسلم فأخذ من مزادتيها ماءً ودعا الله تعالى حتى فاض الماء وجعل الصحابة يستقون ويسقون حتى من أصابته جنابة أخذ من الماء ما يغتسل به ثم أخذت المرأة مزادتيها وهي تقول وكأني بها أملأ من ذي قبل كما أن النبي صلى الله عليه وسلم أمر أن يجمع لها من الطعام مكافأة لها، مما كان سبباً بعد ذلك في إسلامها وإسلام قومها.
576;ۇ ھەدىس ساھابىلارغا نامايەندە بولغان مۆجىزاتلار ۋە بىر بۆلەك ئەھكاملارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى: ئۇلار سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىتتا ئۇيقۇ غالىپ كېلىپ ئۇخلاپ قالدى، ئۇلار نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتكەندە ئويغاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇلارغا ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىشنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالدىراشتىن ئىبارەت، يەنە بىر مەسىلە، ساھابىلار ئارىسىدا ئېھتىلام بولۇپ قالغان بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يۇيۇنغۇدەك سۇ يوق ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭدىن سۇ بولمىغان ئەھۋالدا تەيەممۇمنىڭ غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقى نامايەن بولدى. ئۈچىنچى ئىش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، كىشىلەر سۇ يوق ئۇسسۇزلۇقتىن شىكايەت قىلىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ساھابىلارنى ئەۋەتتى، ئۇلار سۇ تاپالماي، ئىككى تۇلۇمدا سۇ ئىلىپ كېتىۋاتقان بىر ئايالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ تۇلۇمىدىن بىر قاچا سۇنى ئېلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلدى، سۇ قاچىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى، ساھابىلار ئۇسسۇزلۇقلىرىنى قاندۇرۇشتى، ئۇلاغلىرىنى سۇغاردى، ھەتتا جۇنابەت بولۇپ قالغان ساھابىمۇ شۇ سۇدىن ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن ئۇ ئايال سۇ قاچىلانغان تۇلۇمنى ئېلىپ : مەن تۇلۇمغا قارىسام تۇلۇمنىڭ سۈيى مەن ئۇنىڭغا سۇ قاچىلىغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ لىقراق تۇرىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ساھابىلارنى يانلىرىدىكى يېمەكلىكلەردىن بېرىشكە بۇيرىدى، بۇ ئىش ئۇ ئايالنىڭ ۋە ئۇنىڭ مەھەللىسىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا سەۋەپ بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8367

 
Hadith   680   الحديث
الأهمية: أن قدح النبي -صلى الله عليه وسلم- انكسر، فاتخذ مكان الشعب سلسلة من فضة


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قاچىسى چاك كەتكەندە يېرىقنى كۈمۈش پارچىسى بىلەن قادىدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- أن قَدَحَ النبي -صلى الله عليه وسلم- انْكَسَرَ، فاتَّخَذَ مكان الشَّعْبِ سِلْسِلَةً من فِضة.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ قاچىسى چاك كەتكەندە يېرىقنى كۈمۈش پارچىسى بىلەن قادىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان للنبي -صلى الله عليه وسم- إناء يشرب فيه الماء، فانشق وانكسر؛ فاتخذ النبي -صلى الله عليه وسلم- قطعة من فضة، ووصل بها بين طرفي الشق.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۇ ئىچىدىغان بىر قاچىسى بار ئىدى، ئۇ يېرىلىپ كەتكەندە كۈمۈشتىن بىر پارچە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چاكنىڭ ئارىسىنى ئۇلىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8368

 
Hadith   681   الحديث
الأهمية: أن النبي صلى الله عليه وسلم أتي بثلثي مد فجعل يدلك ذراعه


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى

عن عبد الله بن زيد -رضي الله عنه- مرفوعاً: «أن النبي صلى الله عليه وسلم أُتِيَ بِثُلُثَيْ مُدٍّ فجعل يَدْلُكُ ذِرَاعَه».

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم مىقداردا سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبرنا عبد الله بن زيد -رضي الله عنه- عن كَمِّية الماء التي يتوضأ بها النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو أنه كان يتوضأ بِثُلُثَيْ مُدٍّ، إلا أنه يؤدي الغَرض من غير إسْرَاف، وأنه -صلى الله عليه وسلم- جعل يَدْلُك ذِرَاعه؛ وذلك لأجل إيصال الماء إلى جميع العضو المغسول.
576;ۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئالغان سۇيىنىڭ مىقدارىدىن خەۋەر بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئۇچۇم سۇ بىلەن ئىسراپ قىلماي تاھارەت ئالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇنى يۇيىلىدىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىلىكىنى سىلايتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى خۇزەيمە"سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8380

 
Hadith   682   الحديث
الأهمية: إذا توضأ أحدكم ولبس خفيه فليمسح عليهما, وليصل فيهما, ولا يخلعهما إن شاء إلا من جنابة


باشتېما:

ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ ئۆتۈكىنى تاھارەتلىك كەيگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن، جۇنۇب بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتۈكىنى سېلىش ھاجەتسىز

عن عمر -موقوفا- وعن أنس -رضي الله عنه- مرفوعا: «إذا توضأ أحدكم ولبِس خُفَّيْه فَلْيَمْسَحْ عليهما, وليُصَلِّ فيهما, ولا يخلعْهُما إن شاء إلا من جَنابة».

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بۇ سۆزنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ ئۆتۈكىنى تاھارەتلىك كەيگەن بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن، جۇنۇب بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتۈكىنى سېلىش ھاجەتسىز

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا لبس المَرء خُفيه بعد أن توضأ، ثم بعد ذلك أحدث وأراد الوضوء، فله المسح عليه، ويصلي فيهما ولا ينزعهما، لما في ذلك من المشقة والحرج، بل له المسح عليهما، تيسيرًا وتخفيفا على هذه الأُمَّة؛ إلا إذا أجْنَب لزمه خَلع الخُف والاغتسال ولو كانت المدة باقية، وعلى هذا يكون المسح خاص في حال الوضوء فقط.
605;ۇسۇلمان تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆتۈكنى كىيگەن بولسا، ئاندىن تاھارىتى سۇنۇپ كېتىپ باشقىدىن تەرەت ئالماقچى بولسا، ئۆتۈكنى سېلىۋېتىمەن دەپ جاپا تارتماستىن ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، بۇمۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە ئىبادەت ئىشلىرىنى ئاسان قېلىپ بېرىشىدۇر، لېكىن جۇنۇپ بولغان كىشى يۇيۇنماقچى بولسا گەرچە مەسھى قىلىشنىڭ ۋاقتى بولسىمۇ، ئۆتۈكنى سىلىۋېتىپ يۇيۇنىدۇ، ئۆتۈككە مەسھى قىلىش پەقەت تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   دارى قۇتنىي "سۈنەن دارى قۇتنىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8392

 
Hadith   683   الحديث
الأهمية: كان أصحاب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على عهده ينتظرون العشاء حتى تَخْفِق رؤوسهم, ثم يصلون ولا يتوضؤون


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى، ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: كان أصحاب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على عَهدِه ينتظرون العشاء حتى تَخْفِقَ رُءُوسُهُمْ, ثم يصلُّون ولا يَتَوَضَّئُونَ.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى، ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الصحابة في حياة النبي -صلى الله عليه وسلم- ينتظرون صلاة العشاء الآخرة، وينامون نومًا غير مستغرق ثم يصلون بلا وضوء، ومن فعل فعلاً على عهده ولم يُنْكِر عليه الرسول -صلى الله عليه وسلم- فهذا يعتبر من الإقرار، والإقرار يعتبر أحد وجوه السنة النبوية التي هي عبارة عن قول أو فعل أو تقرير، فما يفعل على عهده -صلى الله عليه وسلم- ولم ينكره فإنه يُعَدُّ من السنة التقريرية؛ لأنه لو كانت صلاتهم باطلة أو فعلهم هذا غير جائز لنبههم عليه -صلى الله عليه وسلم-، إما لعلمه به، وإما أن يكون بواسطة الوحي إليه به. هذا بخلاف ما يفعل بعد وفاته -صلى الله عليه وسلم-.
" تَخْفِقَ رُءُوسُهُمْ "
أي: تَميل من غَلبة النُّعاس. وفي رواية : "حتى إني لأسمع لأحدهم غطيطاً، ثم يقومون فيصلون ولا يتوضئون "، وفي رواية أخرى : " يضعون جنوبهم "
" ثم يصلُّون ولا يَتَوَضَّئُونَ "
أي يقومون إلى الصلاة من غير أن يحدثوا وضوءًا؛ لأن نومهم لم يكن مستغرقاً، ولأنه لو كان ناقضاً لما أقرهم -صلى الله عليه وسلم- على ذلك.
وقلنا بذلك جمعاً بين الأدلة، فقد ثبت أن النوم ناقض للوضوء ،كالغائط والبول كما في قوله -صلى الله عليه وسلم- : ( ولكن من غائط وبول ونوم )
وأيضا قوله -صلى الله عليه وسلم- كما في حديث علي -رضي الله عنه-: (العين وكاء السَّه فمن نام فليتوضأ) وفي حديث معاوية -رضي الله عنه-: "العين وكاء السَّه، فإذا نامت العينان استطلق الوكاء "
ففي هذه الأدلة إثبات أن النوم ناقض للوضوء، وفي حديث الباب وما جاء معه من روايات فيه دلالة على أن النوم لا ينقض الوضوء.
وعلى ذلك: يؤول حديث الباب وكذا رواية : "الغطيط ووضع الجُنوب" على أن النوم لم يكن مستغرقاً؛ فقد تسمع لأحدهم غطيطاً وهو في مبادئ نومه قبل استغراقه، ووضع الجَنب لا يستلزم منه الاستغراق، كما هو ظاهر ، وبهذا تجتمع الأدلة، ويُعمل بها جميعا ًوإذا أمكن الجمع بين الأدلة، فهو أولى من إهدار بعضها.
وحاصله: إذا نام الإنسان واستغرق في نومه، بحيث فقد إدراكه بالكلية، فهذا يلزمه الوضوء، وإن لم يكن مستغرقا ًفلا يلزمه الوضوء، وإن كان الأولى والأحوط أن يتوضأ احتياطاً للعبادة.
وإن شَك هل كان نومه مستغرقاً أم لا ؟ لم ينتقض وضوؤه؛ لأن الأصل بقاء الطهارة ولا يزول اليقين بالشك.
قال شيخ الإسلام ابن تيمية -رحمه الله-: " وأما النوم الذي يشك فيه: هل حصل معه ريح أم لا؟ فلا ينقض الوضوء؛ لأن الطهارة ثابتة بيقين فلا تزول بالشك. "
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى كۈتۈپ مۈگدەپ قالاتتى، ئاندىن ئاندىن تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى، شۇ دەۋرىدە بىر ئىش قىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلمىغان بولسا بۇ «ئېتىراپ قىلىش» دەپ قارىلىدۇ، « ئېتىراپ قىلىش: سۆز، ھەرىكەت، ۋە ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت سۈننەت يوللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ دەۋرىدە قىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىنكار قىلمىغان ئىشلار ئېتىراپ سۈننىتى قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نامىزى ياكى قىلغان ئىشى توغرا بولمىغان بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىلىپ ياكى ۋەھيى ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇراتتى، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئىشلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. «باشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى» يەنى: مۈگىدەپ باشلىرى ساڭگىلاپ كېتەتتى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خورەكلىرىنى ئاڭلايتتىم»، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار بىقىنلىرىنى قوياتتى»، ئاندىن ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ، تەرەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتى، يەنى ئۇلار تەرىتىنى يېڭىلىماستىن نامازغا تۇراتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى قاتتىق ئۇيقۇ ئەمەستى، مۈگدەش تەھارەتنى بۇزىدىغان بولسا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا رۇخسەت قىلمىغان بولاتتى. بىز بۇ توغرىدىكى دەلىللەرنى جەملەپ: رەسۇلۇللاھ «چوڭ-كىچىك تەرەت ۋە ئۇيقۇدىن» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «كۆز كاسىنىڭ بوغۇچى، ئۇخلىغان كىشى تەرەت ئالسۇن»، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «كۆز كاسىنىڭ بوغۇچى، كۆز يۇمۇلسا بوغۇچ يېشىلىدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيقۇنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتكە ئوخشاش تاھارەتنى بۇزىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، بۇ دەلىللەر ئۇيقۇنىڭ تەرەتنى بۇزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىس ۋە رىۋايەتلەر ئۇيقۇنىڭ تەرەتنى بۇزمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن: بۇ باپتىكى ھەدىسنى ۋە «خورەك تارتىش» ۋە «يانپاشلاپ يېتىش» دېگەن ھەدىسلەرنى: ئۇيقۇسى بەك قاتتىق بولمىغان، خورەك تارتىشنىڭ ئاڭلىنىشى قاتتىق ئۇيقۇغا پېتىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇنىڭ باشلىرىدا بولغان، يانپىشىنى يەرگە قويۇشىدىن قاتتىق ئۇخلىغانلىقى چىقمايدۇ دەپ چۈشىنىلىدۇ ، مۇشۇنىڭ بىلەن دەلىللەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەممىسى بىلەن ئەمەل قىلىنىدۇ، مۇمكىن بولسلا دەلىللەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش بەزىسىنى بىكار قىلىۋەتكەندىن ياخشىدۇر. خۇلاسە: ئىنسان تۇيغۇلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قاتتىق ئۇخلىغان بولسا تاھارەت ئېلىشى كېرەك، قاتتىق ئۇخلىمىغان بولسا تەرەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما ئىبادەتتە ئىھتىياتنى تۇتۇش ئۈچۈن تەرەت ئېلىۋەتكەن ياخشىدۇر، ئەگەر قاتتىق ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا تەرىتى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئەسلى تاھارىتى بار بولغاچقا ئۇ شەك بىلەن يوقالمايدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى كەتمىدىمۇ؟ دەپ شەكلىنىپ قالغان ئۇيقۇ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى تاھارەت ئىشەنچ بىلەن بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن شەك بىلەن بۇزۇلمايدۇ، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى 21-توم 394-بەت. سۇبۇلۇس سالام1-توم 88-89-بەت، پەتھى زىل جەلالى ۋەل ئىكرام1-توم 381-بەت، تەۋزىھىل ئەھكام2-توم 82-ۋە 83-بەت، تەسھىلىل ئىلمام 1-توم 170-171-بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8394

 
Hadith   684   الحديث
الأهمية: هل هو إلا مضغة منه


باشتېما:

ئۇ پەقەت ئۇنىڭدىن بىر پارچە گۆشتۇر

عن طلق بن علي -رضي الله عنه- قال: قَدِمْنَا على نَبِيِّ الله -صلى الله عليه وسلم- فجاء رَجُل كأنه بَدَوي، فقال: يا نَبِيَّ الله، ما ترى في مَسِّ الرَّجل ذَكَره بعد ما يتوضأ؟ فقال: «هل هو إلا مُضْغَةٌ منه»، أو قال: « بَضْعَةٌ منه».

تەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا سەھرالىقتەك بىر كىشى كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر كىشى تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەۋرىتىنى تۇتىشىغا قانداق قارايلا؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ پەقەت سەندىن بىر پارچە گۆشتۇر» ياكى بەدىنىڭدىن بىر پارچە گۆش» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "ما ترى في مَسِّ الرَّجل ذَكَره بعد ما يتوضأ"يعني ما الذي أوجبه الشرع فيما إذا مَسَّ الرَّجُل ذَكَره بعد الوضوء ، هل عليه شيء؟
وفي رواية عند أحمد: "الرَّجُل يَمَسُّ ذَكَرَه في الصلاة عليه الوضوء؟ قال: "لا إنما هو مِنْك" قوله: "هل هو إلا مُضْغَةٌ منه أو قال: بَضْعَةٌ منه" أي: أن الذَّكر كسائر أعضاء الجَسَد، فإذا مَسَّ المتوضئ يَده أو رِجْلَه أو أنفه أو رأسَه لم ينتقض وضوؤه بذلك، كذلك إذا مسَّ ذَكَرَه، وهذا الحديث إما منسوخ أو محمول على مس الذكر من وراء حائل، أما مباشرة الذكر باليد فينقض الوضوء؛ لأحاديث أخرى.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىنى تۇتسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەندىن: بىر كىشى تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىنى تۇتقان بولسا ئۇ كىشىگە نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە:«بىر كىشى نامازدا ئەۋرىتىنى تۇتسا تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ سەندىن بولغان بىر پارچە» دېدى. ئۇ پەقەت سەندىن بىر پارچە گۆشتۇر» ياكى بەدىنىڭدىن بىر پارچە گۆش» دېگەندىن: ئەۋرەتمۇ بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش بولۇپ، تەرەت ئالغۇچى ئۆزىنىڭ قولى ياكى پۇتى ياكى بۇرنى ياكى بېشىنى سىلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ تەرىتى سۇنمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەۋرىتىنى تۇتسىمۇ تەرىتى بۇزۇلمايدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى بۇ ھەدىس ئەۋرەتنى كىيىمنىڭ سىرتىدىن تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما باشقا ھەدىسلەرگە كۆرە، ئەۋرىتىنى بىۋاستە قولى بىلەن تۇتقان بولسا ئۇ ۋاقىتتا تەرىتى سۇنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8396

 
Hadith   685   الحديث
الأهمية: من مس ذكره فليتوضأ


باشتېما:

كىمكى ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئالىدۇ

عن عروة قال: دخلت على مروان بن الحكم فذَكَرْنا ما يكون منه الوضوء، فقال مروان: ومن مَسِّ الذَّكَر؟ فقال عروة: ما علمت ذلك، فقال مروان: أخبرتني بُسْرَة بنت صفوان، أنها سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «مَنْ مَسَّ ذَكَرَه فليتوضأ».

ئۇرۋە مۇنداق دەيدۇ: مەن مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ قېشىغا كىردىم ۋە كىشىلەر بىلەن تەرەت ئىلىش كېرەك بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشتۇق. مەرۋان: ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشىمۇ تەرەت ئالامدۇ؟ دېدى، ئۇرۋە: مەن ئۇنى بىلمىدىم دېدى. مەرۋان: ماڭا بۇسرە بىنتى سەپۋان ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى، دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يخبر عروة -رحمه الله- أنه دخل على مروان بن الحكم وكان أميرا على المدينة    في ذلك الوقت "فذَكَرْنا ما يكون منه الوضوء" أي تذاكرنا وبحثنا في نواقض الوضوء والأشياء التي ينتقض بها الوضوء، فقال مروان: "ومِنْ مَسِّ الذَّكَر" يعني: ومما يحصل به نقض الوضوء مَسّ الذَّكَر، فقال عروة: "ما علمت ذلك"، يعني: ما أعلم دليلا، وليس عندي علم في ذلك عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فقال مروان: حدثتني بُسْرَة بِنْتُ صفوان -رضي الله عنها- أن النبي --صلى الله عليه وسلم- قال: (مَنْ مَسَّ ذَكَرَه فليتوضأ).
وفي رواية الترمذي: "فلا يصَلِ حتى يتوضأ" وهذه الرواية نصٌ في أن مَسَّ الذَّكَر ناقضٌ للوضوء سواء كان لشهوة أو لغير شهوة وسواء قصد مسه أو لم يقصد، لكن بشرط أن يحصل المَسُّ مباشرة، أي من غير حائل بينهما، أما إذا كان من وراء حائل فلا يؤثر مَسُّه؛ لعدم وجود حقيقة المسِّ؛ لأن المَسَّ هو مباشرة العضو العضو؛ يدل لذلك ما رواه النسائي وغيره: "إذا أفْضَى أحدكم بيده إلى فَرْجِه وليس بينها سِتْر ولا حائل فليتوضأ".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئۇرۋە ئۆزىنىڭ مەرۋان ئىبنى ھەكەم مەدىنىگە ئەمىر بولغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ قىشىغا كىرگەنلىكىنى ۋە ئۇ يەردە تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى، مەرۋاننىڭ: ئەۋرەتنى تۇتسا تەرەت سۇنىدۇ دېگەنلىكىنى، ئۇرۋىنىڭ: مەن بۇنىڭ دەلىلىنى بىلمەيمەن، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىرەر ھەدىسنى بىلمەيمەن دېگەندە، مەرۋاننىڭ ماڭا بۇسرە بىنتى سەپۋان ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالىدۇ» دېگەن ھەدىسنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى دەپ خەۋەر بېرىدۇ. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە: «تاھارەت ئالمىغۇچە ناماز ئوقۇمىسۇن» دېيىلگەن، بۇ ھەدىس: ئەۋرەتنى شەھۋەت بىلەن تۇتسۇن ياكى شەھۋەتسىز سىلىسۇن، بىرەر مەقسەت بىلەن سىلىسۇن ياكى مەقسەتسىز تۇتسۇن تاھارەتنىڭ سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ شەرتى بىۋاستە سىلىغان ياكى تۇتقان بولىشى كېرەك. يەنى كىيىمنىڭ ئىچىدىن سىلىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر كىيىمنىڭ سىرتىدىن سىلىغان ياكى تۇتقان بولسا، بۇنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا ھەقىقى سىلاش بولمايدۇ، ھەقىقى سىلاش دېگەن: بىر ئەزانىڭ يەنە بىر ئەزاغا بىۋاستە تېگىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنى نەسائى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر ئىپادىلەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قولىنى بىۋاستە ئەۋرىتىگە ئىلىپ بارسا، ئارىسىدا ھېچقانداق توساق بولمىسا، ئۇ كىشى تاھارەت ئىلىشى كېرەك» سۇبۇلۇس سالام 1-توم 97-بەت، پەتھى زىلجەلالى ۋەلئىكرام 1-توم 260-261-بەت، تەۋزىھىل ئەھكام 1-توم 298-بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8397

 
Hadith   686   الحديث
الأهمية: قال: أصلي في مرابض الغنم؟ قال: نعم، قال: أصلي في مبارك الإبل؟ قال: لا


باشتېما:

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق»دېدى

عن جابر بن سمرة -رضي الله عنه-    أن رجلا سأل رسول الله صلى الله عليه وسلم أَأَتَوضأ من لحوم الغنم؟ قال: «إن شِئْتَ فتوضأْ، وإن شِئْتَ فلا تَوَضَّأْ» قال أتوضأ من لحوم الإبل؟ قال: «نعم فتوضَّأْ من لحوم الإبِل» قال: أُصَلي في مَرَابِضِ الغَنم؟ قال: «نعم» قال: أُصلي في مَبَارِكِ الإبِل؟ قال: «لا».

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: قوي گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىساڭ تاھارەت ئالغىن، خالىساڭ تاھارەت ئالمىغىن» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، تۆگە گۆشى يېگەنلىكتىن تاھارەت ئالغىن» دېدى، ئۇ كىشى: قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ناماز ئوقۇسام بولامدۇ؟- دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "أأتَوضأ من لحوم الغنم" هذا استفهام من الصحابي عن لحوم الغنم، هل يجب الوضوء من أكلها عند إرادة الصلاة أو ما يشرط له الطهارة ؟
"إن شِئْتَ فتوضأ، وإن شِئْتَ فلا تَوَضَّأْ" خَيَّره النبي -صلى الله عليه وسلم- بين فعل الوضوء وتركه، فكلاهما جائز.
"قال أتوضأ من لحوم الإبل" أي: هل يجب الوضوء من أكل لحوم الإبل عند إرادة الصلاة أو ما يُشرط له الطهارة؟
"نعم فتوضأ من لحوم الإبِل" أي: يجب عليك الوضوء من لحم الإبل ولو كان المأكول يسيرا، أما اللبن والمرق فلا يلزم الوضوء منه؛ لأن النَّبي -صلى الله عليه وسلم- لم يأمر العُرَنِيِّينَ بالوضوء من ألبان الإبل، وقد أمرهم بشُرْبها، وتأخيرُ البيان عن وقت الحاجة لا يجوز.
"قال: أُصَلي في مَرَابِضِ الغَنم؟" أي: هل تجوز الصلاة في الأماكن التي تأوي إليها الغنم؟
"قال: «نعم»" أي: تجوز لك الصلاة في تلك الأماكن لعدم الخشية منها.
"قال: أُصلي في مَبَارِكِ الإبِل؟" أي : هل تجوز لي الصلاة في الأماكن التي تأوي إليها الإبل وتبرك فيها؟
"قال: «لا»" أي: لا تصل فيها؛ لأنه لا يؤمن من نفورها، فيلحق المصلي ضرر من صدمة وغيرها، وهذا المعنى مأمون من الغنم لما فيها من السُّكون وقِلَّة نُفورها، وعدم أذاها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى:قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئالىمەنمۇ؟ بۇ بىر ساھابىنىڭ: قوي گۆشى توغرىسىدا، ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا قوي گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟دەپ سورىغان سوئالى بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «خالىساڭ تەرەت ئالغىن، خالىساڭ تەرەت ئالمىغىن»دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشى تەرەت ئىلىش بىلەن ئالماسلىق ئارىسىدىكى ئىختىيارلىقنى بەردى، ھەر ئىككىسى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ كىشى: تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالىمەنمۇ؟يەنى، تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟ ياكى تەرەت ئېلىش شەرت ئەمەسمۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە تۆگە گۆشى يىگەنلىكتىن تەرەت ئالغىن»دېدى،يەنى گەرچە ئازراق يېسەڭمۇ تۆگە گۆشى يېگەنلىك ئۈچۈن تەرەت ئېلىشىڭ كېرەك بولىدۇ، ئەمما تۆگىنىڭ سۈتىنى ۋە شورپىسىنى ئېچسە تەرەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرەنىييىنلىق كىشىلەرنى تۆگە سۈتى ئېچكەندە تەرەت ئېلىشقا بۇيرىمىدى، ئۇلارنى پەقەت ئېچىشكە بۇيرىدى، چۈنكى ھاجەت بولغاندا ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.ئۇ كىشى: قوي قوتىنىدا ۋە قويلار ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھەئە»قويدىن ئەنسىرەش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ دېدى، ئۇ كىشى: تۆگە قوتىنىدا ۋە تۆگىلەر ئارام ئالىدىغان جايلاردا ناماز ئوقۇيمەنمۇ؟دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق»دېدى، يەنى ئۇنداق جايلاردا ناماز ئوقۇماڭ، چۈنكى ئۇ جايدا تۆگىنىڭ ئۈركىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنى دەسسىۋىتىش ياكى باشقا ئەزىيەتلەر يېتىپ قېلىشى مۇمكىن دېدى، بۇنىڭدىن قويدا يۇۋاشلىق بولغانلىقى، قوينىڭ ئۈركىمەيدىغان ۋە باشقىلار ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغانلىقى ئۈچۈن قوي قوتىنىدا ناماز ئوقۇسا خاتىرجەم بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، سۇبۇلۇس سالام1-توم 99-بەت، پەتھى زىل جەلالى ۋەل ئىكرام 1-توم 264-بەت، تەۋزىيھۇل ئەھكام 304-305-بەت، تەسھىيلىل ئىلمام 1-توم 192-195-بەتلەر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8399

 
Hadith   687   الحديث
الأهمية: أن في الكتاب الذي كتبه رسول الله صلى الله عليه وسلم لعمرو بن حزم: أن لا يمس القرآن إلا طاهر


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىگە يېزىپ بەرگەن خېتىدە: « قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ» دېگەن

عن عبد الله بن أبي بكر بن حزم، أن في الكتاب الذي كتبه رسول الله صلى الله عليه وسلم لعَمْرو بن حَزْم: «أن لا يَمَسَّ القرآن إلا طَاهر».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكرى ئىبنى ھەزمىدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىگە يېزىپ بەرگەن خىتىدە: «ئۇنى يەنى قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ»دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "في الكتاب الذي كَتَبَه رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لعمرو بن حَزْم" أي أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كتب كتابا لعمرو بن حَزْم عندما كان قاضيا على نجران، كتب له كتابا مُطَوَّلا فيه كثير من أحكام الشريعة، كالفرائض والصدقات والديات، وهو كتاب مشهور تلقته الأُمُّة بالقبول.
"أن لا يَمَسَّ القرآن إلا طَاهر" المراد بالمس هنا: أن يُباشره بيده من غير حائل، وبناء عليه: فإن تناوله من وراء حائل مُنفصل عنه كما لو حمله في كِيس أو شنطة أو قَلَّب صفحاته بِعُود ونحوه لم يدخل في النهي لعدم حصول المَسُّ.
والمراد بالقرآن هنا: ما كُتب فيه القرآن، كالألواح والأوراق والجلود، وغير ذلك، وليس المراد به الكلام؛ لان الكلام لا يُمَس بل يُسْمَع.
و " إلا طَاهر" هذا اللفظ مشتَرَك بين أربعة أمور:
الأول: المراد بالطاهر المسلم؛ كما قال -تعالى-: {إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ}.
الثاني: المراد به الطاهرُ من النجاسة؛ كقوله -صلى الله عليه وسلم- في الهرَّة: "إنَّها ليست بنجس".
الثالث: المراد به الطَّاهرُ من الجنابة.
الرابع: أنَّ المراد بالطَّاهر المتوضئُ.
كل هذه المعاني للطهارة في الشَّرع محْتَمِلَة في المراد من هذا الحديث، وليس لدينا مرجِّح لأحدها على الآخر، فالأولى حَمْلُهَا على ما فهمه الصحابة -رضوان الله عليهم-، وهو المُحْدِث حدثًا أصغر؛ وهو موافق لما ذهب إليه الجمهور، ومنهم الأئمة الأربعة وأتباعهم، وهو الاحتياط والأولى.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىگە يېزىپ بەرگەن خېتىدە يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمرۇ ئىبنى ھەزمىنى نەجرانغا قازى قىلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا مىراس، سەدىقە ۋە دىيەت قاتارلىق نۇرغۇن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن پىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ بەردى، بۇ ئۈممەت سەھىھ دەپ قوبۇل قىلغان مەشھۇر مەكتۇپتىن ئىبارەت بولۇپ، «قۇرئان كەرىمنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ» دېگەن، بۇ يەردە قول بىلەن بىۋاستە تۇتۇش مەقسەت قىلىنىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى ئۆزىدىن ئايرىم بولغان لۆڭگە، سومكىدا كۆتۈرسە ياكى ئۇنىڭ بەتلىرىنى خەت كۆرسەتكۈچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاچسا بۇنىڭ بىلەن بىۋاستە تۇتۇش ھاسىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن چەكلىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، بۇ يەردىكى قۇرئاندىن مەقسەت، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تاختاي، قەغەز ۋە تېرە پارچىلىرى قاتارلىق نەرسىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ يەردە سۆز مەقسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى سۆز دېگەننى سىلاپ تۇتقىلى بولمايدۇ، بەلكى ئاڭلايدۇ، پاك بولغانلار تۇتسۇن دېگەن سۆز تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولىدۇ: بىرىنچى:پاك بولغانلاردىن مۇسۇلمانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن مۇشرىكلار نىجىستۇر» ، ئىككىنچى: نىجاسەتتىن پاك بولغانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۈشۈك توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇ نىجىس ئەمەس». ئۈچىنچى: جۇنابەتتىن پاك بولغانلار مەقسەت قىلىنىدۇ، تۆتىنچى: پاك بولغانلاردىن تاھارەت ئالغۇچى مەقسەت قىلىنىدۇ، مۇشۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە پاكىزلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدۇ، ھەدىستىن بولغان مەقسەتكىمۇ ئېھتىماللىقى بولىدۇ، بىزدە بۇ تۆت تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە كۈچلاندۇرىدىغان يېتەرلىك دەلىل يوق، ئەڭ ياخشىسى ئۇ سۆزنى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئورۇنغا ئىشلەتسەك بولىدۇ، يەنى تاھارىتى بولمىغان كىشى تۇتمىسۇن دېگەن سۆز ئىشەنچىلىك، شۇنداقلا كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغىمۇ مۇۋاپىق، تۆت مەزھەب ئىماملىرىمۇ مۇشۇ قاراشنى كۈچلاندۇرىدۇ، بۇ ئېھتىياتى قاراشتۇر ۋە ئەڭ ئەۋزەلدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8401

 
Hadith   688   الحديث
الأهمية: كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يذكر الله على كل أحيانه


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەسلەيتتى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: «كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يذكر الله على كل أحْيَانِه».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھنى ئەسلەيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "كان النبي صلى الله عليه وسلم يذكر الله" بجميع أنواع الذكر من التسبيح والتهليل والتكبير والتحميد ومن ذلك قراءة القرآن؛ لأن القرآن من ذِكْر الله، بل هو أفضل أنواع الذِّكْر .
"على كل أحْيَانِه" أي أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يذكر الله في جميع أوقاته ولو كان مُحدثا حَدَثا أصغر أو أكبر، إلا أن العلماء استثنوا من ذِكْر الله تعالى قراءة القرآن حال الجنابة، فالجُنُب ليس له أن يقرأ القرآن حال الجَنَابة مطلقا، لا نَظَرا ولا عن ظَهر قَلْب؛ لحديث علي -رضي الله عنه- قال: "كان النَّبي -صلى الله عليه وسلم- يُقْرِئُنَا القرآن ما لم يَكُن جُنباً" أحمد وأصحاب السنن الأربعة.
واختلف العلماء في الحائض والنفساء هل تلحقان بالجُنب؟
والأظهر أنه تجوز لهما القراءة عن ظهر قلب؛ لأنهما تطول مدتهما، وليس الأمر في أيديهما كالجنب.
ويستثنى من جواز قراءة القرآن على أي حال: قراءته حال البول والغائط والجماع وفي المواطِن التي لا تليق بعَظَمَته، كالحمامات ودورات المياه وغير ذلك من المواضِع النجسة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى دائىم ياد ئېتىپ تۇراتتى، زىكىرنىڭ ھەممە تۈرلىرى بىلەن، تەسبىھ، تەھلىل، تەكبىر، ھەمدۇ-سانالار بىلەن ئەسلەيتتى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشمۇ زىكىرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، بەلكى ئۇ زىكىرنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ، «ھەرقانداق ھالەتتە ئەسلەيتتى»، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى ھەممە ۋاقىتتا ئەسلەيتتى، تاھارىتى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەتتا چوڭ تاھارەت ئېلىشقا تېگىشلىك ھالەتتىمۇ شۇنداق قىلاتتى، لېكىن بەزى ئۆلىمالار زىكىرنىڭ ئارىسىدىن جۇنۇپلۇق ھالەتتە قۇرئان تىلاۋەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئايرىۋالدى، چۈنكى جۇنۇپ كىشى جۇنۇپلۇق ھالىتىدە يادقىمۇ ياكى قاراپمۇ مۇتلەق قۇرئان ئوقۇمايدۇ، بۇ توغۇرسدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ بولۇپ قالمىغان ھەرقانداق ھالەتتە بىزگە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرەتتى دېگەن، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا تۆت سۈننەت كىتابى ساھىبلىرى رىۋايەت قىلغان. ئۆلىمالار ھەيىزدار ئايال بىلەن نىپاسدار ئاياللارمۇ بۇ ھۆكۈمدە جۇنۇپ كىشىگە قېتىلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى، كۈچلۈكرەك قاراشتا ئۇلارمۇ شۇ ھالەتتە قۇرئاننى يادقا ئوقۇسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەيز-نىپاسلىق ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ، جۇنۇپقا ئوخشاش ئىختىيارلىق ئۇلارنىڭ قولىدا ئەمەس دەيدۇ، ھەر قانداق ھالەتتە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دۇرۇس بولىدۇ دېگەن سۆزدىن: چوڭ-كىچىك تەرەت سۇندۇرىۋاتقان، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان شۇنىڭدەك قۇرئاننىڭ ئۇلۇغلىقىغا لايىق كەلمەيدىغان ھاجەتخانا، سۇخانا قاتارلىق جايلاردا قۇرئان ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، شەيىخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 10_توم 147_بەت، تەۋزىھۇل ئەھكام 1_توم 315_بەت، تەسھىلىيل ئىلمام 1_توم 201_بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇ ھەدىسنى بۇخارى كەسكىن پېئىلىغا تايىنىپ"سەھىھۇل بۇخارى" نامنلىق ئەسىرىدە (تەئلىيق) رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8402

 
Hadith   689   الحديث
الأهمية: إن العينين وكاء السه، فإذا نامت العينان استطلق الوكاء


باشتېما:

ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا، ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ

عن معاوية بن أبي سفيان -رضي الله عنه-، قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «إن العَيْنَين وِكَاء السَّه، فإذا نَامَت العَينان اسْتٌطْلِقَ الوِكَاءُ».

مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەقىقەتەن ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزىدۇر، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا ئېغىز ئېچىلىپ كېتىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "العَيْنان وِكَاء السَّه" أي أن العينين في حال اليقظة تحفظ الدبر، وتمنع خروج الخارج منه، وإن خرج منه شيء شَعَر الإنسان به.
"فإذا نَامَت العَينان اسْتَطْلَقَ الوِكَاءُ" أي أن الإنسان إذا نام حصل عنده استرخاء في عضلات البدن، فينطلق الحَبْل الذي كان يَشُد حلقة الدبر، فيخرج منه الرِّيح من غير أن يَشْعُر به.
فالنبي -صلى الله عليه وسلم- شبه العَين بالحَبل الذي يُشَدُّ به الوِعاء فإن كانت العينان مفتوحتان كان الحَبْل مشدودا على حلقة الدبر، حتى وإن خرج منه شيء شَعَر به، وإن نامت العينان استرخى الوِكَاء، فخرج ما بداخل القِرَبة من غير أن يَشْعُر بخروجه.
وهذا من باب التشبيه وهو: تشبيه بليغ من النبي -صلى الله عليه وسلم- ليُقَرب الحكم الشرعي إلى الأذهان، وهو من جوامع الكلم التي أوتيها النبي -صلى الله عليه وسلم-.
576;ۇ ئىككى كۆز مەقەتنىڭ ئېغىزى دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: يەنى ئىككى كۆز ئويغاق ھالەتتە مەقەتنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشدىن چەكلەيدۇ، ئەگەر بىر نەرسە چىقىپ قالسا، ئىنسان بۇنى سىزەلەيدۇ. ئىككى كۆز ئۇخلىغاندا ئېغىز ئېچىلىدۇ، يەنى ئىنسان ئۇخلىغان ۋاقتىدا بەدەندىكى پەيلىرى بوشايدۇ، مەقەتنىڭ ئېغىزىنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچا يېشىلىدۇ، ئىنسان ئۇنى سەزمەستىنلا، ئۇنىڭدىن يەل چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆزنى قاچىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىغا ئوخشاتتى، ئىككى كۆز ئوچۇق بولغان ۋاقىتتا ئارغامچا مەقەتنىڭ ئېغىزىدا چىڭ بولىدۇ، مەقەتتىن بىر نەرسە چىقسا، بۇنى سېزىدۇ، ئەگەر ئىككى كۆز ئۇخلىسا ئېغىز ئېچىلىپ، تۇلۇمنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر چىققىنىنى سەزمەستىن چىقىپ كېتىدۇ، بۇ ئوخشۇتۇشتۇر، زېھىنلەرگە شەرئىي ھۆكۈمنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئالاھىدە ئوخشۇتۇش بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ئاز سۆز بىلەن كۆپ مەنا ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ جۇغلانمىسى قاتارىدىندۇر   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8404

 
Hadith   690   الحديث
الأهمية: ما مِنْكُمْ من أحَدٍ إلا وقد كُتِبَ مَقْعَدُه من النَّار ومَقْعَدُه من الجنَّة


باشتېما:

ھەر بىرىڭلارنىڭ دوزاختىكى ۋە جەننەتتىكى ئورنى بېكىتىلىپ بولدى

عن علي -رضي الله عنه- قال: كُنَّا في جَنَازة في بَقِيعِ الغَرْقَدِ، فَأتَانَا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فَقَعَدَ، وَقَعَدْنَا حَوْلَه ومعه مِخْصَرَةٌ فَنَكَّسَ وجعل يَنْكُتُ بِمِخْصَرَتِهِ، ثم قال: «ما مِنْكُمْ من أحَدٍ إلا وقد كُتِبَ مَقْعَدُه من النَّار ومَقْعَدُه من الجنَّة» فقالوا: يا رسول الله، أفلا نَتَّكِلُ على كِتَابِنَا؟ فقال: «اعملوا؛ فَكلٌّ مُيَسَّرٌ لما خُلِقَ له...» وذكر تمام الحديث.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز: «بەقىئ غەرقەد» قەبرىستانلىقىغا بىر ئادەمنى يەرلىككە قويغىلى چىقتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىپ ئولتۇردى، بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھاسا بىلەن يەرنى جىجاپ تۇرۇپ: «ھەر بىرىڭلارنىڭ دوزاختىكى ۋە جەننەتتىكى ئورنى بېكىتىلىپ بولدى» دېدى، ساھابىلار: «ئى رەسۇلۇللاھ!، ئۇنداقتا بىز پۈتۈلگەن تەقدىرىمىزگە تايانمايلىمۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەل قىلىڭلار، ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن پۈتۈلگەن يولدا ماڭىدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الصحابة -رضي الله عنهم- في جنازة أحدهم في مَقبرة أهل المدينة، فقَعَد النبي -صلى الله عليه وسلم- بين أصحابه، وكان بيده عصا، فنَكَّس رأسه وطأطأه إلى الأرض كالمتفكر المهموم، وجعل ينكش الأرض بالعصا، ثم قال: إن الله -تعالى- قد كتب مقادير الناس وكتب مقاعدهم في الجنَّة وفي النَّار.
فلما سمعوا ذلك من النبي -صلى الله عليه وسلم- قالوا: ما دام أنه قد سبق القضاء والقدر؛ بأن الشقي شقي، وأن السعيد سعيد، وأن الذي في الجنة في الجنة، والذي في النار في النار، فما دام الأمر كذلك، ألا نترك العمل؛ لأنه لا فائدة في السعي، فإن كل شيء مكتوب ومُقدر.
فأجابهم بقوله: اعملوا ولا تتكلوا على ما قَدَّره الله من خير أو شرٍّ، بل اعملوا بمقتضى ما أمرتم به وانتهوا عما نُهيتم عنه، فإن الجنة لا تأتي إلا بعمل والنار لا تأتي إلا بعمل، فلا يدخل النار إلا من عمل بعمل أهل النار، ولا يدخل الجنة إلا من عمل بعمل أهل الجنة، فَكلٌّ مُيَسَّرٌ لما خُلِقَ له من خَيْرٍ أو شَرٍّ، فمن كان من أهل السعادة يسره الله لعمل أهل السعادة، ومن كان من أهل الشقاوة يسره الله لعمل أهل الشقاوة.
587;اھابىلار بىر كىشىنىڭ مېيىتىنى يەرلىكتە قويۇش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ قەبرىستانلىقىغا چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى تۆۋەن سىلىپ، يەرنى جىجىلاپ، غەمكىن پىكىر قىلغاندەك ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ تەقدىرلىرىنى پۈتىۋەتتى، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى ۋە دوزاختىكى ئورۇنلىرىنى بېكىتىۋەتتى» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: «بەختسىز بەختسىز بولىدىغان، بەختلىك بەخىتلىك بولىدىغان، جەننەتكە كىرىدىغانلار جەننەتكە، دوزاخقا كىرىدىغانلار دوزاخقا كېرىدىغان بولۇپ تەقدىر ۋە ھۆكۈم ئىلگىرىلا بەلگىلىنىپ بولغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىمىز؟، چۈنكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرى بىكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى بولىدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «ئەمەل قىلىڭلار، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ياخشىلىق-يامانلىققا يۆلىنىۋالماي، بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، جەننەت ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخمۇ ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخقا دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، جەننەتكە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، ھەر بىر ئىنسانغا ئۆزىگە پۈتۈلگەن ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ، بەخىتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسان قىلىدۇ، بەختسىز كىشىلەرگە ئاللاھ بەخىتسىز كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8869

 
Hadith   691   الحديث
الأهمية: أيُّما مُسلم شَهِد له أربعة بخير، أدخله الله الجنة


باشتېما:

ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ

عن أبي الأسود، قال: قَدِمْتُ المدينة، فَجَلَسْتُ إلى عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- فَمَرَّتْ بهم جَنازة، فَأُثْنِيَ على صاحِبِها خيراً، فقال عمر: وجَبَتْ، ثم مَرَّ بأُخْرَى فَأُثْنِيَ على صاحِبِها خيراً، فقال عمر: وجَبَتْ، ثم مَرَّ بالثالثة، فَأُثْنِيَ على صاحِبِها شَرَّا، فقال عمر: وجَبَتْ، قال أبو الأسود: فقلت: وما وجَبَتْ يا أمير المؤمنين؟ قال: قلت كما قال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «أيُّما مُسلم شَهِد له أربعة بخير، أدخله الله الجنة» فقلنا: وثلاثة؟ قال: «وثلاثة» فقلنا: واثنان؟ قال: «واثنان» ثم لم نَسْأَلْهُ عن الواحد.

ئەبۇل ئەسۋەد دېگەن كىشى مۇنداق دېدى: مەدىنىگە كەلگەن ۋاختىمدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، ئۇلارنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇنىڭمۇ ياخشى گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۆلگۈچىنىڭ يامان گىپى قىلىندى، ئۆمەر: لايىق بولدى،- دېدى، ئەبۇل ئەسۋەد مۇنداق دېدى: مەن: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! ئۇ نېمىگە لايىق بولدى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەندە، بىز: ئۈچ كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كىشى بولسىمۇ» دېدى، بىز ئىككى كىشى بولسىچۇ؟ دېسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى كىشى بولسىمۇ» دېدى، ئاندىن بىز بىر كىشى توغرۇلۇق سورىمىدۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مَرَّت جَنازة على عمر -رضي الله عنه- وكان معه بعض الناس، فشهدوا لها بالخير والصلاح، فقال عمر -رضي الله عنه-: ثبت له ذلك، ثم مَرَّت جَنازة أخرى، فشهدوا لها بالخير والصلاح كالجنازة الأولى، فقال عمر -رضي الله عنه-: ثبت له ذلك، ثم مَرَّت جَنازة ثالثة، فشهدوا عليها بسوء حالها، فقال عمر -رضي الله عنه-: ثبت لها ذلك. فأشكل على أبي الأسود قول عمر -رضي الله عنه- فأراد بيان معنى ذلك، فقال رضي الله عنه: قلت كما قال النبي -صلى الله عليه وسلم-: أيُّما مُسلم شَهِد له أربعة من أهل الخير والصلاح أنه من أهل الخير والصلاح، ثبتت له الجنة، فقال الصحابة عندما سمعوا ذلك من النبي -صلى الله عليه وسلم-: ومن شهد له ثلاثة بخير؟ قال: وهكذا لو شهد له ثلاثة بخير وجَبَتْ له الجنَّة، فقال الصحابة: ومن شهد له اثنان، هل يكون من أهل الجنَّة؟ قال: ومن شهد له اثنان وجَبَتْ له الجنَّة، ولم نسأله عَمَّن شَهِد له واحد من الناس بالخير أيدخل الجنَّة؟
574;ۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتتى، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى، ئۇلار جىنازىدىكى كىشىگە ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا بىرىنجى جىنازىغا ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى، ئاندىن ئۈچىنچى جىنازە ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنىڭغا يامانلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەردى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇنىڭغا بۇ ئىسپاتلاندى،- دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى ئەبىل ئەسۋەدكە نىسبەتەن چۈشىنىشلىك بولماي، ئۇنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن ياخشى، سالىھ تۆت كىشى ئۇنىڭ ياخشى، سالىھ كىشى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇنىڭغا جەننەت مۇقىملىشىدۇ» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا: ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىچۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۈچ كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئىككى كىشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى ئادەم گۇۋاھلىق بەرسىمۇ ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» دېدى، بىز ئۇنىڭدىن كىشىلەردىن بىرى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسىمۇ جەننەت ئەھلىدىن بولامدۇ؟ دېگەننى سورىمىدۇق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8870

 
Hadith   692   الحديث
الأهمية: ما مِنْكُنَّ من امرأة تُقَدِّمُ ثَلاَثَة من الولد إلا كانوا حِجَابًا من النَّارِ


باشتېما:

قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (يەنى تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ

عن أبي سعيد الخُدْرِي -رضي الله عنه- قال: جاءت امرأة إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقالت: يا رسول الله، ذهب الرجال بِحَدِيثِكَ، فاجْعَل لنَا من نَفْسِك يومًا نَأتِيكَ فيه تُعَلِّمُنَا مما عَلَّمَكَ الله، قال: «اجْتَمِعْنَ يَوَم كَذَا وكَذَا» فَاجْتَمَعْنَ، فأتَاهُنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- فَعَلَّمَهُنَّ مما عَلَّمَهُ الله، ثم قال: «ما مِنْكُنَّ من امرأة تُقَدِّمُ ثَلاَثَة من الولد إلا كانوا حِجَابًا من النَّارِ» فقالت امرأة: واثنين؟ فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «واثنين».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنى ئىگەللەپ كەتتى، بىزگىمۇ ئۆز ۋاقتىلىرىدىن بىر كۈننى بەلگىلەپ، ئاللاھ سىلىگە بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن بىزگىمۇ ئۆگەتكەن بولسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنداقتا پالانى-پالانى كۈنى يىغىلىڭلار» دېدى، ئۇلار يىغىلغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېلىپ ئاللاھ ئۆزىگە ئۆگەتكەن دىن ئەھكاملىرىنى ئۆگەتتى، ئاندىن ئۇلارغا: «قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ»دېدى، بىر ئايال:ئىككى بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىچۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئىككى بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ»دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قالت امرأة للنبي -صلى الله عليه وسلم-: شغلك عنَّا الرجال الوقت كله، فأصبحنا لا نجد وقتا نَلقَاك فيه ونسألك عن ديننا، لملازمتهم لك سائر اليوم؛ فخُصَّنا معشر النساء بيوم نَلقَاك فيه لتُعَلِّمَنا فيه أمور ديننا، فخَصص النبي -صلى الله عليه وسلم- لهنَّ يوما يجتمعن فيه، فاجتمعت النسوة في اليوم الذي خَصَّه النبي -صلى الله عليه وسلم- لهُنَّ، فأتاهن فعلمهن مما علمه الله مما يحتجن إليه من العلم، ثم بَشَّرهن أنه ليس مِنْهنَّ امرأة يموت لها ثلاثة من أولادها ذكوراً أو إناثاً فتقدمهم للدار الآخرة صابرة محتسبة إلا كان مُصابها فيهم وقاية لها من النَّار وإن استوجبتها بذنوبها، فقالت امرأة: وإن مات لها اثنان، هل لها أجْر من مات لها ثلاثة من الولد؟
فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: وكذلك إن مات لها اثنان من الولد، فأجْرُها أجْرُ من مات لها ثلاثة من الولد.
576;ىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئەرلەر سىلە بىلەن سۆزلىشىپ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاش ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ كەتتى، بىزگە سىلە بىلەن ئۇچرىشىپ، دىنىمىز توغرىسىدا بىر نەرسە سورىغۇدەك ۋاقىت قويمىدى، ئۇلار ھەر كۈنى سىلىگە ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، بىز ئاياللارغا سىلە بىلەن ئۇچرىشىدىغان بىزگە دىنى تەلىم بېرىدىغان بىر كۈننى بېكىتسىلە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارغا بىر كۈننى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاللاھ تائالا ۋەھىي قىلغان دىنى بىلىملەرنى ۋە ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئۇلارغا: قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايال بۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، ئۇ بالىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئانىسى خاتالىقى سەۋەبىدىن دوزاخقا لايىق بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئانىسى ئۈچۈن دوزاختىن توسانجا بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ، بىر ئايال: ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالدەك ئەجىرگە ئېرىشەمدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىككى بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسىمۇ، ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئايالغا ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ»دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8871

 
Hadith   693   الحديث
الأهمية: لا يَمُوتُ لأحَدٍ من المسلمين ثلاثة من الوَلَد فتَمسُّه النَّار إلا تَحِلَّة القَسَم


باشتېما:

قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا يَمُوتُ لأحَدٍ من المسلمين ثلاثة من الوَلَد فتَمسُّه النَّار إلا تَحِلَّة القَسَم».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ دوزاخقا كېرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە مەريەم 71-ئايەتتىكى«سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»دېگەن قەسەمنىڭ مۇقەررەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىنسان پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش يۈزىسىدىن دوزاخقا بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، ھەدىستە ئېيتىلغان قەسەم مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من مات له ثلاثة من الولد ذكورًا فقط أو إناثًا فقط أو من الذكور والإناث معًا، فإن الله -تعالى- يُحَرِّم جسده على النار، إذا صَبَر واحْتَسَب ورضِي بقضاء الله -تعالى- وقَدَره، إلا بِقَدْر إبرار القسم، وهو عبور الصراط؛ لقوله عز وجل: (وإن منكم إلا واردها).
726;ەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈچ ئوغلى ياكى ئۈچ قىزى ياكى ئوقۇل-قىزلىرىدىن بولۇپ ئۈچ بالىسى ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ، ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ۋە سەۋىر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىنى دوزاخ ئوتىغا كۆيدۈرمەيدۇ. پەقەت پىلسىراتتىن ئۆتكەندە قەسەمنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن بىر نۆۋەت يېقىنلىشىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئېچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ»مەريەم سۈرىسى 71-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8873

 
Hadith   694   الحديث
الأهمية: ما مِنْ مُسْلِم يموت له ثلاثة لم يَبْلُغوا الحِنْثَ إلا أدْخَلَه الله الجنَّة بِفَضْل رَحْمَتِهِ إيَّاهُمْ


باشتېما:

بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلماننى ئاللاھ بالىلىرىغا قىلغان پەزلى-رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ

عن أنس -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما مِنْ مُسْلِم يموت له ثلاثة لم يَبْلُغوا الحِنْثَ إلا أدْخَلَه الله الجنَّة بِفَضْل رَحْمَتِهِ إيَّاهُمْ».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەز ىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلماننى ئاللاھ بالىلىرىغا قىلغان پەزلى-رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرگۈزىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا يموت لأحد من المسلمين ثلاثة أولاد صغار ذكوراً أو إناثاً لم يتجاوزوا سِن البلوغ؛ إلا كان ذلك سببًا في دخوله الجنَّة.
605;ۇسۇلمانلاردىن بىرەرسىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8875

 
Hadith   695   الحديث
الأهمية: إذا قال الرَّجُل: هَلَكَ الناس، فهو أَهْلَكُهُم


باشتېما:

ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «إذا قال الرَّجُل: هَلَكَ الناس، فهو أَهْلَكُهُم».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا قال الرجل: هَلك الناس، يريد بذلك إنقاصهم وتحقيرهم والترفع عليهم، لما يَرى من نفسه فضلا عليهم، فقد صار بذلك أعظمهم هلاكًا، وهذا على رواية الرفع :"أهلكُهم"، وأما على رواية النصب: "أهلكَهم" فمعناه: كان سببًا في هلاكهم حيث قَنَّطهم وأيأسهم من رحمة الله -تعالى-، وصَدَّهم عن الرجوع إليه بالتوبة، ودفعهم إلى الاستمرار فيما هم عليه من القنوط، حتى هلكوا.
574;ەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۇلارنى كەمسىتىش، ئورنىنى چۈشۈرۈش، بەزى بىر ئارتۇقچۇلۇقى بىلەن ئۆزىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشنى مەقسەت قىلسا، بۇ پىكىرى بىلەن ئۆزى كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر. بۇ كاف ھەرىپىنى پىچ ئوقۇغان رىۋايەتكە ئاساسەن، ئەمما كاف ھەرىپىنى زەۋەر ئوقۇشقا ئاساسەن مەناسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئۇ كىشى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشى، ئاللاھقا تەۋبە ئارقىلىق قايتىشتىن توسۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەبچى بولغان، ئۇلار ھالاك بولغانغا قەدەر ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ياشاشقا تۈرۈتكە بولغان بولىدۇ، دېگەن مەنىدە   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8877

 
Hadith   696   الحديث
الأهمية: المُتَسَابَّانِ ما قالا فَعَلى البَادِي منهما حتى يَعْتَدِي المَظْلُوم


باشتېما:

تىللاشقان ئىككى ئادەمنىڭ گۇناھى: بوزەك قىلىنغىنى ئاشۇرىۋەتمىسىلا، باشتا تىللىغىنىغا بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «المُتَسَابَّانِ ما قالا فَعَلى البَادِي منهما حتى يَعْتَدِي المَظْلُوم».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تىللاشقان ئىككى ئادەمنىڭ گۇناھى: بوزەك قىلىنغىنى ئاشۇرىۋەتمىسىلا، باشتا تىللىغىنىغا بولىدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كل ما صَدر من المُتَسَابَّين فإن إثم ذلك على البادئ منهما؛ لأنه هو المعتدي بفعله، أما الآخر فلا شيء عليه؛ لأنه مأذون له بالرَّد على من ظلمه، فإن اعتدى المظلوم على الظالم وذلك بأن جاوز الحَدَّ المأذون له فيه صار إثم المظلوم أكثر من إثم البادئ.
578;ىللاشقان ئىككى ئادەمدىن سادىر بولغان سۆز- ھەرىكەتلەرنىڭ گۇناھى دەسلەپتە باشلىغىنىغا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ باشلاش بىلەن ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر، ئىككىنچىسىگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ زۇلۇمغا رەت قايتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. ئەگەر زۇلۇم قىلىنغۇچى زۇلۇم قىلغۇچىغا رۇخسەت بېرىلگەن چەكتىن ئۆتۈپ ئاشۇرىۋەتسە، زۇلۇم قىلىنغۇچىنىڭ گۇناھى دەسلەپتە باشلىغان كىشىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8878

 
Hadith   697   الحديث
الأهمية: لا يَحِلُّ لمسلم أن يَهْجُرَ أخَاه فوق ثَلَاث، فمن هَجَر فوق ثَلَاث فمات دخل النَّار


باشتېما:

مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا (دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن) ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، كىمكى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كېرىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا يَحِلُّ لمسلم أن يَهْجُرَ أخَاه فوق ثَلَاث، فمن هَجَر فوق ثَلَاث فمات دخل النَّار».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا (دۇنيالىق ئىشلار ئۈچۈن) ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، كىمكى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كېرىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث : أنه لا يَحِلُّ للمسلم أن يهجر أخاه المسلم فوق ثلاث، إذا كان الهجر لحَظِّ النفس ومعايش الدنيا، أما إذا كان لمقصد شرعي جاز، بل قد يجب ذلك، كهجر أهل البدع والفجور والفسوق إذا لم يتوبوا، ومن فعل ذلك، ثم مات وهو مُصِرٌّ على معصيته ولم يَتُب منها قبل أن يموت دخل النار، ومعلوم أن من استحق النار من المسلمين لذنب اقترفه ولم يتجاوز الله عنه، فإنه إذا دخلها لابد وأن يخرج منها، ولا يبقى في النار أبد الآباد إلا الكفار الذين هم أهلها، والذين لا سبيل لهم إلى الخروج منها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىش دۇنيا مەنپەئەتى ۋە شەخسى غەرەز ئۈچۈن بولسا ھالال بولمايدۇ، ئەمما شەرئى مەقسەت ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ، بەلكى بەزى ۋاقىتتا زۆرۈر بولىدۇ، مەسىلەن: بىدئەتچى، پاسىق ۋە پاجىر كىشىلەر تەۋبە قىلمىسا ئۇلار بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش زۆرۈر بولىدۇ. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاندىن شۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىدىكەن ئۇ ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشى ئاللاھ ئۆتىۋەتمەيدىغان بىرەر گۇناھنى قىلىپ، دوزاخقا كىرىشكە ھەقلىق بولۇپ دوزاخقا كىرسە، ئۇ كىشى دوزاختىن چوقۇم چىقىدۇ، ئەبەدىلئەبەد دوزاختا قالمايدۇ، پەقەت كاپىرلارلا دوزاخقا لايىق، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار ئۈچۈن دوزاختىن چىقىشقا ھېچ يول يوق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8882

 
Hadith   698   الحديث
الأهمية: من خَبَّبَ زوجة امْرِئٍ أو مَمْلُوكَهُ فليس مِنَّا


باشتېما:

كىمكى بىراۋنىڭ ئايالىنى بۇزۇپ ياكى قۇلىنى ئالداپ ئۆزىگە قارىتىۋالسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من خَبَّبَ زوجة امْرِئٍ أو مَمْلُوكَهُ فليس مِنَّا».

ئەبۇ ھۈرەيرەرە زىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىراۋنىڭ ئايالىنى بۇزۇپ ياكى قۇلىنى ئالداپ ئۆزىگە قارىتىۋالسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من سَعى في إفساد امرأة على زوجها، سواء كان المُفسد رجلا أو امرأة، وذلك بأن يُذكر عندها مساوئ زوجها وسوء أخلاقه حتى تكره زوجها وتتمرد عليه وتسعى إلى التخلص منه بالطلاق أو الخلع، أو أفسد مملوك رجل عليه وعمل معه أعمالا جعلته يتمرد على سيده ويعامله معاملة سيئة؛ فليس على هدْينَا ولا على مَنْهَجِنا، بل ذلك من عمل الشيطان.
603;ىمكى مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بىر ئايال بىلەن ئېرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئايالنىڭ يېنىدا يولدىشىنىڭ ئەسكىلىكى، ئەخلاقىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئايالغا يولدىشىنى ئۆچ قىلسا، ئۇ ئايال يولدىشىغا ئېتائەت قىلماي تالاق تەلەپ قىلىش ياكى خۇلئى يولى ئارقىلىق يولدىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن، ياكى بىر كىشىنىڭ قۇلىنى بۇزۇپ، قۇل بىلەن بىرگە پىلان تۈزۈپ ئۇنى خوجايىنىغا بويسۇنمايدىغان ۋە ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىز ۋە پرىنسىپىمىزدا ئەمەس بەلكى ئۇلار شەيتاننىڭ قىلىقىنى قىلغۇچىلاردۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8884

 
Hadith   699   الحديث
الأهمية: من هَجَر أخَاه سَنَة فهو كَسَفْكِ دَمِهِ


باشتېما:

كىمكى ئۆز قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە ئوخشاش

عن أبي خِراش حَدْرَدِ بن أبي حَدْرَدٍ الأسْلَمِي -رضي الله عنه- مرفوعاً: «من هَجَر أخَاه سَنَة فهو كَسَفْكِ دَمِهِ».

ئەبۇ خىراش ھەدرەد ئىبنى ئەبۇ ھەدرەد ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز قېرىندىشىنى بىر يىل تاشلىۋەتسە ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەنگە ئوخشاش»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من هجر أخاه لغير مقصد شرعي واستمر هجره إياه مُدة سنة وجَبَت عليه العقوبة، كما أن سفك دمه يُوجب العقوبة وهو التعزير بما يراه القاضي، ردعًا له وزجرًا لغيره، أما إذا كان الهَجْر لمقصد شرعي، فإن هجر أهل البدع والفسوق ينبغي أن يدوم على مرور الزمان ما لم تظهر منهم توبة ورجوع إلى الحق.
588;ەرئى سەۋەبسىز ئۆز قېرىندىشىنى تاشلىۋەتسە يەنى ئىزدەشمىسە، بۇنى بىر يىلغىچە داۋاملاشتۇرسا ئۇ كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ. خۇددى ئۇ كىشىنىڭ قېنىنى تۆككۈچى جازاغا لايىق بولغانغا ئوخشاش، بۇ جازا ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قارىشى بويىچە باشقىلارنى مۇشۇنداق ئىشلاردىن چەكلەش ئۈچۈن ئۇ كىشىنى ئەدەپلەش ھېسابلىنىدۇ، ئەمما شەرئى سەۋەپ بىلەن تاشلىۋەتكەن بولسا يەنى ئۇ بىدئەتچى، پاسىق كىشىلەردىن بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھغا تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ھەقىقەتكە قايتقانلىقى ئاشكارا بولغانغا قەدەر ئۇنى تاشلىۋېتىش يەنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8885

 
Hadith   700   الحديث
الأهمية: اعلم أبَا مسعود أن الله أقْدَرُ عليك مِنْك على هذا الغُلام، فقلت: لا أَضرب مملوكا بعده أبدًا


باشتېما:

بىلىپ قوي ھەي ئەبۇ مەسئۇد!، ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم

عن أبي مسعود البَدْري -رضي الله عنه- قال: كنت أضرب غُلاما لي بالسَّوْط، فسمعت صوتا من خَلفِي: «اعلم أبَا مسعود» فلم أفْهَم الصَّوت من الغَضَب، فلمَّا دَنَا مِنِّي إذا هو رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فإذا هو يقول: «اعلم أبَا مسعود أن الله أقْدَرُ عليك مِنْك على هذا الغُلام». فقلت: لا أَضرب مملوكا بعده أبدًا.
وفي رواية: فسقط السَّوط من يَدي من هَيْبَتِه.
وفي رواية: فقلت: يا رسول الله، هو حُرٌّ لوجه الله تعالى، فقال: «أمَا لو لم تفعل، لَلَفَحَتْكَ النَّار، أو لَمَسَّتْكَ النَّار».

ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن بىر خىزمەتكارىمنى قامچا بىلەن ئۇرۇۋاتقان ئىدىم، كەينى تەرىپىمدىن: «بىلىپ قوي ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! » دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم، مەن ئاچچىقتىن ئۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، گەپ قىلغۇچى يېقىنلاشقاندا قارىسام ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەن، ئۇ: «بىلگىن ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر» دەۋىتىپتۇ، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيبىتىدىن قولۇمدىن قامچا چۈشۈپ كەتتى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ قۇلنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتىم» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر شۇنداق قىلمىغان بولساڭ، سېنى ئوت كۆيدۈرگەن بولاتتى ياكى تۇتاتتى» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أبو مسعود -رضي الله عنه- يَضرب غلامه بالسَّوط، فسمع صوتا يَزجره عن خلفه، فلم يُمَيِّز صوت القائل، فلما اقترب منه علم أنه صوت رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فإذا هو يذكره بقدرة الله عز وجل بقوله: «اعلم أبَا مسعود أن الله أقْدَرُ عليك مِنْك على هذا الغُلام».
فلما سمع كلام النبي -صلى الله عليه وسلم- وتحذيره من التعدي على الضعيف، سقط السَّوط من يده هيبة لرسول الله -صلى الله عليه وسلم-، والتزم    للنبي -صلى الله عليه وسلم- أن لا يَتعدى على مملوك بعد هذا أبدا.
وبعد أن سمع ما سمعه من النبي -صلى الله عليه و سلم- من زجر وتحذير، ما كان منه -رضي الله عنه- إلا أن أعتقه كفارة عن ضرب، فقال -صلى الله عليه وسلم-: لو لم تعتقه لأصابتك النار يوم القيامة لسوء فعلتك.
574;ەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىزمەتچىسىنى قامچا بىلەن ئۇرىۋاتقاندا كەينى تەرىپىدىن ئۇنى ئۇرۇشتىن چەكلىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، بىراق سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئايرىيالمىدى، يېقىن كەلگەندە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بىلگىن ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ئەسلەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاجىزلارنى بۆزەك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيبىتىدىن ئۇنىڭ قولىدىكى قامچىسى چۈشۈپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇنىڭدىن كېيىن قۇل ئۇرماسلىق توغرسىدا ۋەدە بەردى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ۋە چەكلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇرغاننىڭ كاپارىتىگە ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىۋەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سەن ئۇنى ئازاد قىلىۋەتمىگەن بولساڭ ئۇنىڭغا قىلغان ناچار مۇئامىلەڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئوت ئازابىغا قالغان بولاتتىڭ» دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8887

 
Hadith   701   الحديث
الأهمية: رَأى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حِمارًا مَوْسُومَ الْوَجْهِ، فَأنْكَر ذلك


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- مرفوعاً: رأى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حِمَارًا مَوْسُومَ الوَجْهِ، فأنكر ذلك؟ فقال: «والله لا أَسِمُهُ إلا أقصى شيء من الوجه» وأمر بحماره فُكُوِيَ في جَاعِرَتَيْهِ، فهو أول من كوى الجاعرتين.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى. ئاندىن ئىبنى ئابباس: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئېشەككە بەلگە قويماقچى بولسام، يۈزىدىن باشقا يىرىگە بەلگە قويىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ ئېشىكىنىڭ كاسىسىغا داغلاتقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس ئېشەكنىڭ كاسىسىغا داغلاپ بەلگە قويغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: رأى -عليه الصلاة والسلام- حمارًا قد كُوي في وجهه، فأنكر ذلك، والوسم هو عبارة عن كي يكوي الحيوان ليكون علامة، يتخذ أهل المواشي علامة لهم، كل قبيلة لها وسم معين إما شرطتان أو شرطة مربعة أو دائرة أو هلال، المهم أن كل قبيلة لها وسم معين، والوسم هذا يحفظ الماشية إذا وجدت ضالة يعني ضائعة عرف الناس أنها لهؤلاء القبيلة فذكروها لهم.
"فقال" أي العباس بن عبد المطلب -رضي الله عنه- كما هو مُصَرَّح به في رواية ابن حبان في صحيحه عن ابن عباس -رضي الله عنهما- "أن العباس، وسَم بعيرًا أو دابة في وجهه، فرآه النبي -صلى الله عليه وسلم- فغضب، فقال عباس: لا أسِمْه إلا في آخره، فوسَمَه في جَاعِرَتَيْه".
و بعد أن عَلِم بالنهي، حلف أن لا يَسِم حمارًا إلا في أقْصَى شيء من وجهه، وفي رواية ابن حبان السابقة: "لا أسمه إلا في آخِره فوسَمَه في جَاعِرَتَيْه"
ثم أمر بحماره فوُسِم في جَاعِرَتَيْهِ، وهي مؤخرته، حيث مَضْرَب الحيوان بِذَنَبِه على فَخِذه.
قال النووي -رحمه الله-: "وإذا وُسِمَ فيستحب أن يَسِمَ الغنم في آذانها والإبل والبقر في أصول أفخاذِها؛ لأنه موضع صَلْبٌ فيقل الألم فيه ويَخِفُ شعره ويظهر الوَسْم وفائدة الوَسْم تمييز الحيوان بعضه من بعض" فالعباس -رضي الله عنه- أول من وسَمَ حماره في مؤخرته.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزىنى داغلاپ بەلگە قويۇلغان بىر ئېشەكنى كۆرۈپ، ئۇ ئىشقا نارازى بولدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «ئۇنى قىلغان كىشىگە لەنەت قىلدى» دېيىلگەن. ھايۋانلارنى داغلاپ بەلگە قويۇش دېگەن چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، چارۋىلارنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئىككى دائىرە ياكى تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق ياكى ئاي شەكىلدە ئايرىم بەلگىسى بولىدۇ، مۇھىمى ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئۆزى بىلىدىغان ئايرىم بەلگىسى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق ماللىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ، يۈتۈپ كەتكەن ماللىرىنىمۇ شۇ بەلگە ئارقىلىق تاپىدۇ، كىشىلەرمۇ بەلگىسىگە قاراپ بۇ پالانى قەبىلىنىڭ مېلى ئىكەن دەپ شۇلارغا خەۋەر بېرىدۇ. ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەنى ئىبنى ھىببان رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ تۆگىسى ياكى ئۇلىغىنىڭ يۈزىنى داغلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغان، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەمدى ئۇلاغنىڭ يۈزىنى داغلىمايمەن دەپ ئۇلاغنىڭ ئىككى كاسىسىغا داغلىغان، ئۇلاغنىڭ يۈزىنى داغلاشتىن چەكلەنگەنلىكنى بىلگەندىن كېيىن ئېشەكنىڭ يۈزىدىن باشقا يەرنى داغلاشقا قەسەم قىلغان. ئىبنى ھىبباننىڭ ئىلگىرىكى رىۋايىتىدە: ئېشەكنىڭ كاسا تەرىپىنى داغلايمەن دەپ، ئىككى كاسىسىغا داغلىغان، ئۆزىنىڭ ئېشىكىنىڭمۇ ئىككى كاسىسىغا داغلىغان. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەلگە قويۇشتا: قوينىڭ قۇلىقىغا، تۆگىنىڭ ۋە كالىنىڭ كاسىسىغا داغلاش ياخشى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ جاي قاتقان جاي بولۇپ ئاغرىقنى بەك ھېس قىلمايدۇ، ئۇ بەلگە كۆزگە ئوچۇق چېلىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايدىسى بولسا: ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىش ئۈچۈندۇر. ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى قېتىم ئېشكىنىڭ كاسىسىغا داغلاتقان كىشىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8891

 
Hadith   702   الحديث
الأهمية: نَهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن الضرب في الوجه، وعن الوَسْم في الوَجه


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۈزگە ئۇرۇشتىن ۋە يۈزنى داغلاشتىن چەكلىدى

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- مر عليه حمار قد وُسِمَ في وجهه، فقال:«لعن الله الذي وسمه».
وفي رواية لمسلم أيضا: نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن الضرب في الوجه، وعن الوسم في الوجه»

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئېشەكنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ يۈزىنىڭ داغلانغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭ يۈزىنى داغلىغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن» دېدى. ئىمام مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يۈزىگە ئۇرۇشتىن ۋە يۈزىنى داغلاشتىن چەكلىدى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث النهي الأكيد والوعيد الشديد فيمن وسَم حيوانًا في وجهه وكذا الضرب في الوجه. قد عَدَّه العلماء -رحمهم الله- من كبائر الذنوب
وعلل العلماء للنهي؛ بأن الوجه لطيف يجمع المحاسن، وأعضاؤه نفيسة لطيفة وأكثر الإدراك بها فقد يبطلها ضرب الوجه وقد ينقصها وقد يشوه الوجه والشين فيه فاحش لأنه بارز ظاهر لا يمكن ستره ومتى ضربه لا يسلم من شين غالبا.
576;ۇھەدىستە ھايۋاننىڭ يۈزىنى داغلاشتىن ۋە ئىنساننىڭ يۈزىگە ئۇرۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنداق قىلغان كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى ئۆلىمالار بۇ چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن ھېسابلىدى. ئۆلىمالار يۈزگە ئۇرۇشتىن چەكلەنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: يۈز دېگەن گۈزەللىك مۇجەسسەملەشكەن سەزگۇر ئەزا، يۈزنىڭ قۇرۇلمىلىرى بەك ئېسىل-سىلىق بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆپ نەرسىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ، يۈزگە ئۇرغان ۋاقىتتا يۈزنىڭ ئېسىللىكى يوقايدۇ، بەزى ۋاقىتتا يۈزدە ئەيىپ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. يۈزگە ئەيىپ پەيدا قىلىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى يۈز ئاشكارا ئەزا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ، يۈزىگە ئۇرۇلغاندا كۆپ ۋاقىتلاردا ئەيىپتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8893

 
Hadith   703   الحديث
الأهمية: مَنْ ضَرب غُلامًا له حَدًّا لم يأته، أو لَطَمَه فإن كَفْارَتَه أن يُعْتِقَه


باشتېما:

كىمكى ئۆز قۇلىنى ئۇرۇشقا لايىق بولمىغان ئىشلاردىمۇ ئۇرسا ياكى كاچاتلىسا، ئۇنىڭ كاپارىتى ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «من ضرب غلاما له حدا لم يأته، أو لَطَمَه، فإن كفارته أن يعتقه».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆز قۇلىنى ئۇرۇشقا لايىق بولمىسىمۇ ئۇرسا ياكى كاچاتلىسا، ئۇنىڭ كاپارىتى ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من ضرب غلامًا مملوكًا له بلا ذنب يستحق معه العقوبة و لم يفعل الغلام ما يُوجب حَدَّه فإن كفَّارة تلك المعصية أن يُعْتِقَه.
603;ىمكى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى قۇلىنى ياكى خىزمەتچىسىنى ئۇرۇشقا لايىق بولمىسىمۇ ئۇرسا ياكى كاچاتلىسا ئاشۇ خاتالىقنىڭ كاپارىتى ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8895

 
Hadith   704   الحديث
الأهمية: كُتب على ابن آدم نَصِيبُه من الزِنا مُدْرِكُ ذلك لا مَحَالة: العينان زِناهما النَظر، والأُذنان زِناهما الاستماع، واللسان زِناه الكلام، واليَدُ زِناها البَطْش، والرِّجل زِناها الخُطَا، والقلب يَهْوَى ويتمنى، ويُصَدِّق ذلك الفَرْج أو يُكذِّبُه


باشتېما:

ئادەم بالىسىغا ئۇنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا، ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «كُتب على ابن آدم نَصِيبُه من الزِنا مُدْرِكُ ذلك لا مَحَالة: العينان زِناهما النَظر، والأُذنان زِناهما الاستماع، واللسان زِناه الكلام، واليَدُ زِناها البَطْش، والرِّجل زِناها الخُطَا، والقلب يَهْوَى ويتمنى، ويُصَدِّق ذلك الفَرْج أو يُكذِّبُه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئادەم بالىسىغا ئۇنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا، ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى زىناغا ئائىت سۆزلەرنى قىلىشتۇر، قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر، كۆڭۈل زىنانى خالايدۇ ۋە ئارزۇ قىلىدۇ، جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث أن الإنسان مُدرك للزنا لا محالة إلا من عصمه الله، ثم ذكر النبي -صلى الله عليه وسلم- أمثلة لذلك:
"فالعين زناها النظر" يعني: أن الرَّجُل إذا نظر إلى امرأة ولو لغير شهوة وهي ليست من محارمه فهذا نوع من الزنا وهو زنا العين.
"والأُذنان زِناهما الاستماع" أي يستمع الإنسان إلى كلام المرأة ويتلذذ بصوتها، هذا زنا الأذن.
"واليد زناها البَطْش" يعني العمل باليد من اللمس وما أشبه ذلك.
"والرِجل زناها الخُطا" يعني أن الإنسان يمشي إلى محل الفواحش مثلا أو يسمع إلى صوت امرأة فيمشي إليها أو يرى امرأة، فيتبعها هذا نوع من الزنا.
"والقلب يَهْوَى ويتمنى" أي يميل إلى هذا الأمر وهو التعلق بالنساء هذا زنا القلب.
"والفرج يصدِّق ذلك أو يُكذِّبه" يعني أنه إذا زنى بالفرج والعياذ بالله، فقد صدق زنا هذه الأعضاء وإن لم يزن بفرجه، بل سَلِم وحفظ نفسه فإن هذا يكون تكذيبا لزنا هذه الأعضاء.
فدل ذلك على الحذر من التعلق بالنساء لا بأصواتهن ولا بالرؤية إليهن ولا بمسهن ولا بالسعي إليهن ولا بغواية القلب لهن، كل ذلك من أنواع الزنا -والعياذ بالله-، فليحذر الإنسان العاقل العفيف من أن يكون في هذه الأعضاء شيء يتعلق بالنساء.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ساقلاپ قالغان كىشىدىن باشقىلار زىنادىن نېسىۋىسى يېزىلغان بولسا ئۇنى قىلماسلىققا چارىسى بولمايدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مىسالىنى دەپ بەردى: كۆزنىڭ زىناسى قاراشتۇر، ئەر كىشى ئەگەر ئۆزىنىڭ مەھرىمى بولمىغان يات ئايالغا گەرچە شەھۋەتسىز قارىسىمۇ، بۇمۇ زىنانىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ كۆزنىڭ زىناسىدۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر، يەنى ئايالنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئاۋازىدىن لەززەتلىنىدۇ، بۇ قۇلاقنىڭ زىناسى ھېسابلىنىدۇ، «قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر»، يەنى قولى بىلەن سىلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشتۇر، «پۇتنىڭ زىناسى زىناغا مېڭىشتۇر» ، يەنى ئىنساننىڭ زىنا-پاھىشە ئورۇنلىرىغا بېرىشى، ياكى ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، شۇ تەرەپكە مېڭىش، ياكى ئايال كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشىمۇ زىنانىڭ تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ. «كۆڭۈلنىڭ زىناسى خالاش ۋە ئارزۇ قىلىش» بولۇپ، مۇشۇ ئىشقا مايىل بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاياللارغا ئىنتىلىشتۇر، بۇ كۆڭۈلنىڭ زىناسى ھېسابلىنىدۇ، «جىنسى ئەزا بۇ خاھىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ» ، يەنى ئاللاھ ساقلىسۇن! جىنسى ئەزا بىلەن زىنا قىلغان بولسا، مۇشۇ ئەزالارنىڭ زىناسى تەستىقلىنىدۇ، ئەگەر بۇ ئەزا بىلەن زىنا قىلىنمىغان بولسا، زىنادىن سالامەت قالىدۇ، ئۆز نەپسىنى ساقلاپ قالىدۇ، مۇشۇ بۇ ئەزانىڭ قىلغان زىناسىنى ئىنكار قىلىش بولىدۇ، بۇ ھەدىس ئاياللارغا ئىنتىلىشتىن ھەزەر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە، سىلاشقا، ئۇلار تەرەپكە مېڭىشقا ۋە كۆڭۈلنىڭ خالىشى قاتارلىق ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشقا بۇيرىدۇ، ئاشۇنىڭ ھەممىسى زىنانىڭ تۈرلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىغان، ئەقىللىق ئىنسان ئەزالىرىنىڭ ئاياللارغا ئىنتىلىشىدىن ھەزەر قىلىشى كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8898

 
Hadith   705   الحديث
الأهمية: أرأيت الرَّجل الذي يعمل العمل من الخَير، ويَحمدُه الناس عليه؟ قال: تلك عاجِل بُشْرَى المؤمن


باشتېما:

بىر ئادەم بىر ياخشىلىقنى قىلسا، كىشىلەر ئۇنى ماختىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىلە! دېيىلگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: « ئەنە ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن ئالدىنئالا بېرىلگەن خۇش بىشارەتتۇر» دېدى

عن أبي ذر -رضي الله عنه- قال: قيل لرسول الله -صلى الله عليه وسلم-: أرأيت الرَّجل الذي يعمل العمل من الخَير، ويَحمدُه الناس عليه؟ قال: «تلك عاجِل بُشْرَى المؤمن».

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر ئادەم بىر ياخشىلىقنى قىلسا، ئۇنىڭغا قارىتا كىشىلەر ئۇنى ماختىسا قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىلە! دېيىلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئەنە ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن ئالدىنئالا بېرىلگەن خۇش بىشارەتتۇر» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الرَّجُل يعمل عملا صالحا لله لا يقصد به الناس، ثم إن الناس يمدحونه على ذلك. يقولون فلان كثير الخير فلان كثير الطاعة فلان كثير الإحسان إلى الخلق وما أشبه ذلك فقال -صلى الله عليه وسلم-: "تلك عاجل بشرى المؤمن" وهو الثناء عليه؛ لأن الناس إذا أثنوا على الإنسان خيرًا فهم شهداء الله في أرضه ولهذا لما مَرَّت جَنازة من عند النبي -صلى الله عليه وسلم- وأصحابه أثنوا عليها خيرا قال وجبت، ثم مرَّت أخرى فأثنوا عليها شرًا قال وجبت فقالوا يا رسول الله ما وجبت قال: "أما الأول فوجبت له الجنة وأما الثاني فوجبت له النار أنتم شهداء الله في الأرض".
فهذا معنى قوله: "تلك عاجل بشرى المؤمن".
والفرق بين هذه وبين الرياء أن المرائي لا يعمل العمل إلا لأجل أن يراه الناس ويثنون عليه فيكون في هذه الحال قد أشرك مع الله غيره، وأما هذا فنيته خالصة لله عز وجل ولم يطرأ على باله أن يمدحه الناس أو يذموه فإذا علموا بطاعته ومدحوه وأثنوا عليه فهذا ليس برياء هذا عاجل بشرى، والفرق بين هذا وبين ما ذُكر في الحديث فرق عظيم.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى كىشىلەرنىڭ ماختىشىنى مەقسەت قىلماستىن، خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىسا، ئاندىن كىشىلەر ئۇنى ئاشۇ ياخشى ئەمىلى سەۋەبىدىن ماختىغان بولسا، يەنى پالانى ياخشى ئىشنى كۆپ قىلىدۇ، پالانى تائەت_ئىبادەتنى كۆپ قىلىدۇ، پالانى كىشىلەرگە خەيرى-ئېھساننى كۆپ قىلىدۇ دېگەندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ مۆمىنگە تېز بېرىلگەن خوش بېشارەت» دېگەن، ئۇ ئۇنى تەرىپلەشتۇر. چۈنكى ئىنسانلار بىر كىشىنى ياخشىلىق بىلەن ماختىسا، ئۇلار ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن بىر جىنازە ئۆتكەندە ساھابىلار ئۇ مېيىتنى ماختىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋاجىپ بولدى» دېدى، ئاندىن يەنە بىر جىنازە ئۆتكەندە، ساھابىلار ئۇ مېيىتنى يامان سۆزلەر بىلەن ئەيىپلىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋاجىپ بولدى»دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭغا نېمە ۋاجىپ بولدى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىرىنچىسى ئۈچۈن جەننەت ۋاجىپ بولدى، ئىككىنچىسىگە دوزاخ ۋاجىپ بولدى، سىلەر ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرى» دېدى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاشۇ مۆمىن ئۈچۈن تېز بېرىلگەن خوش بېشارەت» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر، بۇنىڭ بىلەن رىيانىڭ ئارىسىدىكى پەرق: رىيا قىلغۇچى دېگەن قىلغان ئىشىنى كىشىلەرگە كۆرسۈتۈشنى ۋە ئۇلارنىڭ ماختىشىنى مەقسەت قىلىپ قىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى ئاللاھقا ئاللاھتىن باشقىنى شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، ئەمما كىشىلەر ماختىغان بۇ كىشىنىڭ نىيىتى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە كىشىلەر ماختىسۇن ياكى ئەيىبلىسۇن دەيدىغان ئىش كېلىپ باقمىغان بولسا، كىشىلەر ئۇنىڭ قىلغان تائەت_ئىبادىتىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئۇ كىشىنى ماختاپ ۋە مەدھىيلىسە، بۇ رىيا بولماستىن، بەلكى ئالدىنئالا بېرىلگەن بېشارەتتۇر، بۇنىڭ بىلەن ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىشنىڭ ئارىسىدا زور پەرق بار. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ رىياززۇسسالىھىيننىڭ شەرھىسى 6_توم 354_355_بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8900

 
Hadith   706   الحديث
الأهمية: صِنْفَان من أهل النار لم أَرَهُما: قوم معهم سِيَاط كَأذْنَابِ البَقر يضربون بها الناس، ونساء كاسِيَات عاريات مُمِيَلات مَائِلات، رُؤُوسُهُنَّ كَأَسْنِمَةِ البُخْتِ المائِلة لا يَدْخُلْن الجَنَّة


باشتېما:

مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇغلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-    قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «صِنْفَان من أهل النار لم أَرَهُما: قوم معهم سِيَاط كَأذْنَابِ البَقر يضربون بها الناس، ونساء كاسِيَات عاريات مُمِيَلات مَائِلات، رُؤُوسُهُنَّ كَأَسْنِمَةِ البُخْتِ المائِلة لا يَدْخُلْن الجَنَّة، ولا يَجِدْن ريحها، وإن ريحها ليُوجَد من مَسِيرة كذا وكذا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "صِنْفَان من أهل النار لم أَرَهُما" أي لم يرهما في عصره لطهارة ذلك العصر، بل حدثا بعده وهذا من المُعجزات التي أَيْدَّ الله بها نبيه -صلى الله عليه وسلم-:
الأول: "قوم معهم سِيَاط كَأذْنَابِ البَقر يضربون بها الناس" قال العلماء وهؤلاء هم الشُرط الذين يضربون الناس بغير حق معهم سِيَاط كأذناب البقر يعني سَوط طويل يضربون به الناس بغير حق.
الثاني: "نساء كاسيات عاريات مُمِيلات مائلات" والمعنى: قيل: كاسيات بثيابهن كسوة حِسِّية عاريات من التقوى؛ لأن الله -تعالى- قال : (ولباس التقوى ذلك خير ذلك) وعلى هذا فيشمل هذا الحديث كل امرأة فاسقة فاجرة وإن كان عليها ثياب فضفاضة؛ لأن المراد بالكسوة الكسوة الظاهرة كسوة الثياب عاريات من التقوى؛ لأن العاري من التقوى لا شك أنه عار كما قال -تعالى- (ولباس التقوى ذلك خير)، وقيل: كاسيات عاريات أي عليهن كسوة حِسِّية لكن لا تستر، إما لضِيقها وإما لخِفَّتِها تكون رقيقة ما تستر ، وإما لقصرها.
كل هذا يقال للمرأة التي تلبس ذلك إنها كاسية عارية.
"مُمِيَلات" يعني تميل المشطة كما فسرها بعضهم بأنها المشطة المائلة التي تجعل المشطة على جانب، فإن هذا من الميل؛ لأنها مميلات بمشطتهن ولا سيما أن هذا الميل الذي جاءنا إنما وردنا من النساء الكفار وهذا والعياذ بالله ابتلى به بعض النساء فصارت تفرق ما بين الشعر من جانب واحد فتكون هذه مميلة أي قد أمالت مشطتها، وقيل: مميلات أي فاتنات غيرهن لما يخرجن به من التبرج والطيب وما أشبه ذلك فهن مميلات لغيرهن ولعل اللفظ يشمل المعنيين؛ لأن القاعدة أن النَصَّ إذا كان يحتمل معنيين ولا مرجح لأحدهما، فإنه يحمل عليهما جميعا وهنا لا مرجح ولا منافاة لاجتماع المعنيين فيكون شاملا لهذا وهذا.
وأما قوله : "مَائِلات" فمعناه منحرفات عن الحق وعمَّا يجب عليهن من الحَيَاء والحِشَمة تجدها في السوق تمشي مشية الرجل بقوة وجلد حتى إن بعض الرجال لا يستطيع أن يمشي هذه المشية لكنها هي تمشي كأنها جندي من شدة مشيتها وضربها بالأرض وعدم مبالاتها كذلك أيضا تضحك إلى زميلتها وترفع صوتها على وجه يثير الفتنة وكذلك تقف على صاحب الدكان تماكسه في البيع والشراء وتضحك معه وما أشبه ذلك من المفاسد والبلاء وهؤلاء مائلات لا شك أنهن مائلات عن الحق نسأل الله العافية.
"رُؤُوسُهُنَّ كَأَسْنِمَةِ البُخْتِ المائِلة" البخت : نوع من الإبل لها سنام طويل يميل يمينا أو شمالا هذه ترفع شعر رأسها حتى يكون مائلا يمينًا أو يسارًا كأسنمة البخت المائلة، وقال بعض العلماء، بل هذه المرأة تضع على رأسها عمامة كعمامة الرجل حتى يرتفع الخمار ويكون كأنه سنام إبل من البخت.
وعلى كل حال فهذه تجمل رأسها بتجميل يفتن لا يدخلن الجنة ولا يجدن ريحها نعوذ بالله يعني لا يدخلن الجنة ولا يقربنها وإن ريحها ليوجد من مسيرة كذا وكذا من مسيرة سبعين عامًا أو أكثر ومع ذلك لا تقرب هذه المرأة الجنة والعياذ بالله؛ لأنها خرجت عن الصراط فهي كاسية عارية مميلة مائلة على رأسها ما يدعو إلى الفتنة والزينة.
605;ەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى پاكىزە بىر دەۋر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز دەۋرىدە كۆرمىگەن، بەلكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن كېيىن پەيدا بولغان، بۇ ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈچلەندۈرگەن مۆجىزاتلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بىرى: «ئۇلاردا كالىنىڭ قۇيرىقىدەك قامچىلار بار، ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر»، ئالىملار: ئاشۇ كالىنىڭ قۇيرىقىدەك يوغان قامچىلار بىلەن كىشىلەرنى ناھەق ئۇرىدىغانلار بولسا ساقچىلاردۇر، يەنى ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنى ناھەق ئۇرىدىغان ئۇزۇن قامچا دېدى. يەنە بىرى: «يالىڭاچتەك كىيىم كەيگەن، ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدىغان ئاياللار»، مەنىسى: ئەمەلىيەتتە كىيىم كەيگەن بولسىمۇ، تەقۋادارلىق تەرەپتىن يالىڭاچ دېيىلدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «تەقۋادارلىق كىيىمى ياخشى كىيىمدۇر» دېدى، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ھەدىس تار، نېپىز كىيىملەرنى كەيگەن بارلىق پاسىق ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى كىيىمدىن مەقسەت تەقۋالىقتىن خالىي بولغان نېپىز سىرتقى كىيىمدۇر، چۈنكى تەقۋالىقتىن خالىي بولغان كىيىم، ئاللاھ تائالا: «تەقۋادارلىق كىيىمى ياخشى كىيىمدۇر» دېگەندەك، يالىڭاچلىقتۇر. دېيىلىشچە: كىيىم كەيگەندەك يالىڭاچ دېگەنلىك، يەنى ئەمەلىيەتتە كىيىم كەيسىمۇ، ئۇ كىيىم تار ياكى نېپىز ياكى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن بەدەننى تولۇق ئورىيالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق شەكىلدىكى كىيىم كەيگەن ئاياللار كىيىم كەيگەن يالىڭاچ ئاياللار دېيىلىدۇ، «ئۆزلىرىمۇ ئېزىپ كەتكەن» ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تەپسىرلىگەندەك، يەنى چاچلىرىنى بىر تەرەپكە تارىۋالغان، ئۇلار چاچلىرىنى بىر تەرەپكە قىلىپ تارىۋالغانلىقى بۇ ئېزىشتىندۇر، چۈنكى چاچلىرىنى بىر تەرەپكە قىلىپ تارىۋىلىش، خۇسۇسەن بىزدىكى بۇ ئېزىش كاپىر ئاياللاردىن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ ساقلىسۇن! بەزى مۇسۇلمان ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن سىنالدى، چاچنى بىر تەرەپكە تارىۋىلىش ئېزىپ كەتكەن ئاياللارنى پەرقلەندۈرىدىغان نەرسە بولۇپ قالدى. باشقىلارنى مايىل قىلىدىغان يەنى يېرىم-يالىڭاچ كىيىنىپ، خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، باشقىلارنى ئېزىقتۇرىدىغان ئاياللارمۇ دېيلدى، بۇ تېكىست ھەر ئىككى مەنانى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى قائىدە تېكىست ئىككى خىل مەنا بېرىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئىككىسىنىڭ بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىل بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بىردەك ھەر ئىككى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇ يەردە ئىككى مەنانىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈشتىن چەكلەيدىغان ئامىلمۇ يوق ۋە بىر-بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئامىلمۇ يوق، شۇڭلاشقا ھەر ئىككى مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ باشقىلارنى ئازدۇرغۇچى دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: يەنى ھەقتىن چەتنەپ كەتكەن، ئىپپەت-ھايانى چۆرۈپ تاشلاپ، كوچىلاردا ئەرلەردەك گۈرسۈلدەپ ماڭىدىغان، ھەتتا بەزى ئەرلەرمۇ بۇنداق ماڭالمايدىغان، لېكىن ئۇلار پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئەسكەردەك ماڭىدىغان، بۇنىڭغىمۇ پەرۋا قىلماستىن، دوستلىرىغا كۈلۈپ، ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىپ پىتنە قوزغايدىغان ئاياللار بولۇپ، شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە دۇكانلارنىڭ ئالدىدا دۇكاندارلار بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلىشسا ئۇنىڭ بىلەن كۈلۈشۈپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلارغا ۋە خاپىلىقلارغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۇلار ھەقتىن چەتنەپ كەتكۈچىلەردۇر، ئاللاھتىن بىزنى بۇنىڭدىن ساقلىشىنى سورايمىز. «باشلىرىدىكى چاچلىرى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئاياللار»، لوكىسى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئوڭ تەرەپ ۋە سول تەرەپكە ئېغاڭلىتىدىغان تۆگىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاياللارمۇ بېشىنىڭ چېچىنى ئېگىز قىلىپ، تۆگىنىڭ لوكىسىدەك ئوڭ-سول تەرەپكە ئېغاڭلىتىپ ماڭىدۇ. بەزى ئالىملار: ئايال كىشى چېچىنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرنىڭ سەللىسىدەك يۆگەكلەرنى قويۇپ، ياغلىقىنى ئېگىز قىلىپ ماڭىدۇ، بۇ خۇددى لوكىسى ئۇزۇن تۆگىگە ئوخشايدۇ دېيىشتى. ھەممە خىل ئەھۋالدا بېشىنى ۋە چېچىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، باشقىلارنى يولدىن ئازدۇرىدىغان ئاياللار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ ۋە جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپالمايدۇ، ئاللاھ بىلەن پاناھلىق تىلەيمىز، يەنى ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ ۋە جەننەتكە يېقىنلىشالمايدۇ، ئەلۋەتتە جەننەت پۇرىقى يەتمىش يىللىق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېراقراق جايدىن ھېدلىنىدىغان تۇرۇپ، بۇنداق ئايال جەننەتكە يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ ساقلىسۇن! چۈنكى ئۇ ئايال توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن، كىيىم كەيگەندەك يالىڭاچ، ھەقتىن چەتنەپ كەتكەن، بېشىنى ئېغاڭلىتىپ، باشقىلارنى پىتنە ۋە زىننەتلىنىشكە چاقىرىدىغان ئايالدۇر. (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار). مىرقات ئەلمەپاتىھ 6 - توم 2302 -بەت، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ رىيازۇسسالىھىيننىڭ شەرھىسى 6 -توم 372-بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8903

 
Hadith   707   الحديث
الأهمية: لا يَنظر الرَّجُل إلى عَوْرَة الرجل، ولا المرأة إلى عَوْرَة المرأة، ولا يُفْضِي الرَّجُل إلى الرَّجُل في ثوب واحد، ولا تُفْضِي المرأة إلى المرأة في الثوب الواحد


باشتېما:

ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ئەر ئەرگە بىر يىپىنچا ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ، ئايالمۇ ئايالغا بىر كىيىم ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ

عن أبي سعيد -رضي الله عنه-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «لا يَنظر الرَّجُل إلى عَوْرَة الرجل، ولا المرأة ُإلى عَوْرَة المرأة،ِ ولا يُفْضِي الرَّجُلُ إلى الرَّجُل في ثوب واحد، ولا تُفْضِي المرأةُ إلى المرأةِ في الثوب الواحد».

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە، ئايال ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ئەر ئەرگە بىر يىپىنچا ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ، ئايالمۇ ئايالغا بىر كىيىم ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا ينظر الرجل إلى عورة رجل آخر ولا تنظر المرأة إلى عورة المرأة هذا نهي للناظر وللناظرة أن ينظرا إلى عورة غيرهم، فلو قُدِّر أن امرأة انكشفت عورتها لحاجة، كما لو كشفت عورتها عند الطبيبة للعلاج وكانت أختها ترافقها فلا يجوز لها أن تنظر إلى عورة أختها، أو انكشفت من ريح أو غير ذلك فإن المرأة الأخرى لا تنظر إلى ما بين السرة والركبة، وعورة الرجل هي ما بين سرته وركبته، فلو انكشفت عورة الرَّجُل لحاجة أو من غير قصد، فلا يجوز للآخرين النظر إلى عورته، فإن وقع نظره على عورة أخيه فجأة وجب صرف نظره وعدم استدامته.
"ولا يُفْضِي الرَّجُل إلى الرَّجُل في ثوب واحد، "ولا تُفْضِي المرأة إلى المرأة في الثوب الواحد" والمعنى: لا تصل بشرة أحدهما إلى بشرة الآخر متجردين في ثوب واحد" فإن في مُبَاشرةِ أحدهما الآخر لمسُ عورةِ كل واحدٍ منهما صاحبه، ولمسُها كالنظر إليها، بل هو أشد في التحريم وأبلغ، وما قيل في حق الرَّجُل يقال في حق المرأة للنص.
574;ەر يەنە بىر ئەرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ئايال ھەم ئايالنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ. بۇ ئەر-ئاياللارنى باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراشتىن چەكلەشدۇر. ناۋادا: بىر ئايال دوختۇرخانىدا ئايال دوختۇرنىڭ يېنىدا، ھەمشىرىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، داۋالىنىش ئۈچۈن ئەۋرىتىنى ئېچىشى زۆرۈر بولۇپ قالسا، ھەمشىرىسى ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە قارىسا بولمايدۇ، ياكى شامال ۋە باشقا سەۋەبلىك ئايال كىشى ئېچىلىپ قالسا، يەنە بىر ئايال كىندىك بىلەن تىز ئارىسىغا قارىسا بولمايدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى تىزىدىن كىندىكىگىچە بولىدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتى ئىھتىياجلىقتىن ياكى مەقسەتسىز ئېچىلسا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى توغرا ئەمەس، تاساددىپى ئەۋرەتكە كۆزى چۈشۈپ قالغان تەقدىردە دەرھال نەزىرىنى تارتىپ، قايتا قارىماسلىقى كېرەك. «ئەر ئەرگە بىر رەخ ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ، ئايالمۇ ئايالغا بىر كىيىم ئىچىدە تېگىشسە بولمايدۇ»، مەنىسى: بىر-بىرىنىڭ يالىڭاچ بەدەنلىرى بىرلا رەخت ئىچىدە تېگىشمىسۇن، چۈنكى بىرىنىڭ تېرىسى يەنە بىرىگە تەككەندە ھەر بىرىنىڭ ئەۋرىتى يەنە بىرىگە تېگىدۇ، ئەۋرەتنىڭ تېگىشى ئۇنىڭغا قارىغانغا ئوخشاش، بەلكى ھارام بولۇشتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر دەلىل بولغاچقا بۇ ھۆكۈملەردە ئەر-ئاياللار ئوخشاش. مۇسلىمنىڭ شەرھىسى ئىكمال ئەلمۇئلىم ۋە رىيازۇس سالىھىيننىڭ شەرھىسىدىن پايدىلىنىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8904

 
Hadith   708   الحديث
الأهمية: لَعن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- الرَّجُل يَلبَسُ لِبْسَة المرأة، والمرأة تَلْبَس لبْسَة الرَّجُل


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرەنچە كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: لعن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- الرجل يلبس لِبْسَةَ المرأة، والمرأة تلبس لِبْسَةَ الرجل.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرەنچە كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من تشبه بالنساء فهو ملعون على لسان النبي -صلى الله عليه وسلم- ومن تشبهت بالرجال فهي ملعونة على لسان النبي -صلى الله عليه وسلم-؛ وذلك أن الله -سبحانه وتعالى- خلق الذكور والإناث وجعل لكل منهما مزية، الرجال يختلفون عن النساء في الخِلقة والخَلق والقوة والدِّين وغير ذلك والنساء كذلك يختلفن عن الرجال فمن حاول أن يجعل الرجال مثل النساء أو أن يجعل النساء مثل الرجال، فقد حاد الله في قَدَرِه وشرعه ؛ لأن الله -سبحانه وتعالى- له حكمة فيما خلق وشرع ولهذا جاءت النصوص بالوعيد الشديد باللعن وهو الطرد والإبعاد عن رحمة الله لتشبه الرجل بالمرأة أو المرأة بالرجل.
574;ەرلەردىن ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلار شۇنىڭدەك ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىنغانلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر قايسىسىنى ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان تەبىئەت، ئالاھىدىلىك بىلەن ياراتتى. ئەرلەرنىڭ تەبىئىتى يارىتىلىش، مىجەز-خۇلۇق، كۈچ-قۇۋۋەت، دىن ۋە ئىجتىمائى ئىشلاردا ئاياللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئاياللارمۇ كۆپ تەرەپلەردە ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، ھەر قانداق بىر شەخس ئەرلەرنى ئاياللارغا ياكى ئاياللارنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىلىشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە قانۇنىغا قارشى چىققان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يارىتىش ۋە ئۇلارغا قانۇن بەلگىلەشتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تېكستتە لەنەت ئېيتىشتىن ئىبارەت بولغان قاتتىق ئازاب بايان قىلىنغان. لەنەت بولسا: ئەرنىڭ ئايالغا ۋە ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يېراق بولۇشى ۋە قوغلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8905

 
Hadith   709   الحديث
الأهمية: إذا انقطع شِسْعُ نَعْل أحدكم فلا يَمْشِ في الأخرى حتى يُصلِحها


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايىغىنىڭ بىر بۇغۇچى ئۈزۈلۈپ كەتسە، ئۇنى ئوڭشىمىغىچىلىك بىر پاي ئاياقتا ماڭمىسۇن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-    قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إذا انقطع شِسْعُ نَعْل أحدكم، فلا يَمْشِ في الأخرى حتى يُصلِحها».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايىغىنىڭ بىر بۇغۇچى ئۈزۈلۈپ كەتسە، ئۇنى ئوڭشىمىغىچىلىك بىر پاي ئاياقتا ماڭمىسۇن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- المسلم إذا انقطع نعله ولم يمكنه المشي فيه، فلا يمشي في نعل واحدة، بل عليه أن يصلح ما فسد أو يخلع الأخرى ويمشي حافيًا، وسبب ذلك ما فيه من التشبه بالشيطان، كما في أحاديث أخرى.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان كىشىنى ئۇنىڭ بىر ئايىغىنىڭ بۇغۇچى ئۈزۈلۈپ كىتىپ مېڭىش مۇمكىن بولماي قالسا، بىر پاي ئاياقتا ماڭماستىن بەلكى بۇزۇلغان ئاياقنى ئوڭشاپ ماڭسۇن ياكى يەنە بىرىنىمۇ سېلىۋېتىپ يالاڭ-ئاياق ماڭسۇن، بۇنىڭ سەۋەبى باشقا بىر ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، شەيتانغا ئوخشاپ قىلىش بولغانلىقتىن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8907

 
Hadith   710   الحديث
الأهمية: غَيِّرُوا هذا واجْتَنِبوا السَّوَاد


باشتېما:

بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار

عن جابر -رضي الله عنه- قال: أُتِيَ بأبي قُحَافَة والد أبي بكر الصديق -رضي الله عنهما-، يوم فتح مكة ورأسه ولحيته كَالثَّغَامَةِ بياضًا. فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «غَيِّرُوا هذا واجْتَنِبوا السَّواد».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، مەككە پەتىھ بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئاتىسى ئەبۇ قۇھاپە كەلتۈرۈلدى، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ چاچ ۋە ساقىلى ئاق ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أنه أتي بأبي قحافة -والد أبي بكر الصديق- إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- يوم فتح مكة ورأسه ولحيته كَالثَّغَامَةِ ، وهو نوع من النبات أبيض، فلما رآه -صلى الله عليه وسلم- على تلك الحال، قال: "غَيِّرُوا هذا واجْتَنِبوا السَّوَاد" فأمر بتغيير الشَّيب وأن يُجَنَّب السَّواد؛ لأن السَّواد يعني أنه يُعيد الإنسان شابًّا، فكان ذلك مضادة لفطرة الله -عز وجل- وسنته في خلقه، وأما بقية الأصباغ كالحُمرة والصُفرة أو بالحناء والكَتَم مخلوطين فلا بأس، إذا خرج اللون عن السَّواد، بل بين السَّواد والحُمرة، فهذا لا بأس به، والمنهي عن صبغه به هو السَّواد الخالص، وفي مسلم من حديث أنس -رضي الله عنه- خضب أبو بكر وعمر -رضي الله عنهما- بالحناء والكَتَم.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: مەككە پەتھى بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسى ئەبۇ قۇھاپە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئاق ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە كۆرگەن ۋاقتىدا: «بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار»دېدى، چۈنكى قارا رەڭ بولسا ئىنساننى ياشلىق ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىش يولى ۋە تەبىئىتىگە قارشىدۇر، ئەمما قىزىل، سېرىق رەڭلەر بىلەن بوياش ياكى خىنە بىلەن ياكى باشقا ئارىلاشما رەڭلەر بىلەن بويىسا بولىدۇ، رەڭ قارىلىقتىن ھالىتىدىن چېقىپ كېتىپ، قارا بىلەن قېزىل ئارىسىدا بولۇپ قالسىمۇ بولىدۇ، چەكلىمە پەقەت قاپ-قارا رەڭدە بوياشتىن توسۇشتۇر. مۇسلىمنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان رىۋايىتىدە: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىنە بىلەن سۇس بويىغان دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8909

 
Hadith   711   الحديث
الأهمية: لا تَبْكُوا على أَخِي بعد اليوم


باشتېما:

بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار

عن عبد الله بن جعفر -رضي الله عنهما-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أمهل آل جعفر ثلاثا، ثم أتاهم، فقال: «لا تبكوا على أخي بعد اليوم» ثم قال: «ادعوا لي بني أخي» فجيء بنا كأننا    أفْرُخٌ    فقال: «ادعوا لي الحلاق» فأمره، فحلق رؤوسنا».

ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جەئفەرنىڭ شېھىت بولغانلىق خەۋىرى كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار» دەپ ئاندىن: «ماڭا قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار» دېدى، بىز خۇددى بىچارە باچكىلاردەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماڭا ساتىراچ چاقىرىپ بېرىڭلار» دەپ ساتىراچقا بۇيرۇپ، چاچلىرىمىزنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أنه عندما استشهد جعفر بن أبي طالب في غزوة مؤتة، أمهل النبي -صلى الله عليه وسلم- أهله ثلاثا من أجل أن تَطيب نَفوسهم ويذهب ما في نفوسهم من الحزن والأسى، ثم قال لهم: "لا تَبْكُوا على أَخِي بعد اليوم" أي نهاهم عن البكاء بعد ثلاثة أيام؛ لأن الصدمة الأولى وزمن الحزن لا يطول ولا يستمر.
والنهي هنا: للتنزيه لإباحة البكاء بعد ثلاثة أيام ما لم يقترن به محرم.   
ثم قال: «ادعوا لي بَنِي أخِي» وهم محمد وعبد الله وعوف أولاد جعفر، قال عبد الله: "فجيء بِنَا كأننا أفْرُخٌ" الفَرَخ ولد الطائر، وذلك لما أصابهم من الحزن على فقد والدهم.
قال: "ادعوا لي الحلَّاق. فأمره، فَحَلَق رؤوسنا" أي أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أمر بحلق رؤوسهم فحُلقت، لما رأى من اشتغال أمهم أسماء بنت عميس -رضي الله عنها- عن ترجيل شعورهم بما أصابها من قتل زوجها في سبيل الله فأشفق عليهم من الوَسَخ والقمل، فإذا أزيل صار في ذلك فائدة ومصلحة وراحة لأمهم التي جاءها ما يشغلها عن العناية بشعر أولادها.
تنبيه: معلوم أن الحلق عند المصيبة لا يجوز، وقد جاء في الحديث: (لعن الرسول -صلى الله عليه وسلم- الصَّالقة والحَالقة والشَّاقة).
والحالقة: التي تحلق شعرها عند المصيبة، والشاقة: التي تشق ثوبها عند المصيبة، والصالقة: التي ترفع صوتها عند المصيبة، والحلق لأولاد جعفر ليس اعتراضا على موته، ولكن المقصود من هذا الحَلق لأولاد جعفر بعد موته -رضي الله تعالى عنه وأرضاه- هو كون أمهم كانت منشغلة عن العناية برؤوسهم، فخشي أن يُصيبهم شيء من القَمْل فأمر بحلق رءوسهم -صلوات الله وسلامه وبركاته عليه-، ولم يكن الحلق تأثرًا بالمصيبة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەئفەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇتە ئۇرىشىدا شەھىد بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى قايغۇلىرىنى كەتكۈزۈۋىتىش ئۈچۈن، تىنىچلىنىۋىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى، ئاندىن ئۇلارغا: «بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار» دېدى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلارنى يىغلاشتىن چەكلىدى، چۈنكى مۇسىبەتكە دۇچ كېلىش ۋە قايغۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ ۋە داۋاملاشمايدۇ، بۇ يەردىكى چەكلىمە ھارام ئەمەس، بەلكى يەڭگىل چەكلىمە ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بەرمىسە ئۈچ كۈندىن كېيىنمۇ يىغلىسا بولىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ماڭا قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار»دېدى، ئۇلار جەپەرنىڭ ئابدۇللاھ، مۇھەممەد ۋە ئەۋىپ قاتارلىق بالىلىرى ئىدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز خۇددى بىچارە باچكۇلاردەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدۇق، يەنى ئۇلار دادىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش بىلەن يەتكەن قايغۇ-ئەلەم بىلەن شۇنداق ھالغا كىلىپ قالغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭا ساتىراچ چاقىرىپ بېرىڭلار» دەپ ساتىراچقا بۇيرۇپ، بىزنىڭ چاچلىرىمىزنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا يولدىشى ئاللاھ يولىدا شەھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ مۇسىبەتتە ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ چاچلىرىنىڭ كىرلىشىپ، پىتلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، ئۇلارنىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋىتىش ئۇلارغا پايدىلىق بولدى، شۇنداقلا مۇسىبەت ئىشى بىلەن ئۇلارنىڭ چېچىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن ئاپىسىغىمۇ ئاراملىق بولدى، ئاگاھلاندۇرۇش: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا چاچنى ئالدۇرۇش توغرا بولمايدۇ.سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇسىبەت يەتكەندە چېچىنى ئالدۇرىۋەتكەن، كىيىمىنى يىرتقان ۋە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىغانلارغا لەنەت قىلغان»، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بالىلىرىنىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋىتىش بولسا ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن بولغان مەقسەت، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، ئۇ بالىلارنىڭ ئانىسى ئۇلارنىڭ چاچلىرىغا كۆيۈنۈپ تاراپ قىلىدىغان ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالماي قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ باشلىرىنىڭ پىتلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، چېچىنى ئالدۇرېۋىتىشكە بۇيرىغان، چاچ ئالدۇرۇشنىڭ مۇسىبەتكە تەسىرى بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8910

 
Hadith   712   الحديث
الأهمية: نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن القَزَع


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چاچنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن

عن ابن عمر -رضي الله عنهما-، قال: نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن القَزَع.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چاچنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي صلى الله عليه وسلم أن يحلق بعض رأس الصبي ويترك بعض، وهو عام في كل أحد.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىچىك بالىنىڭ چېچنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن، بۇ كېچىك بالىغا خاس بولماستىن ھەممە كىشىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8914

 
Hadith   713   الحديث
الأهمية: أُغْمِي على عبد الله بن رواحة -رضي الله عنه- فجعلت أُخْتُه تبكي، وتقول: واجَبَلاهُ، واكذا، واكذا: تُعَدِّدُ عليه. فقال حين أفَاق: ما قُلْتِ شيئا إلا قِيل لي أنت كذلك؟!


باشتېما:

ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇشىدىن كەتكەندە، ئۇنىڭ ھەمشىرىسى يىغلاشقا باشلىدى. ۋاي مېنىڭ تېغىم، ۋاي مېنىڭ تايانچىم دېگىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە: سىز نېمە دېگەن بولسىڭىز، ماڭا شۇ سۆزنىڭ ئۆزى دېيىلدى، دېدى

عن النعمان بن بشير -رضي الله عنهما- قال: أُغْمِي على عبد الله بن رواحة -رضي الله عنه- فجعلت أُخْتُه تبكي، وتقول: واجَبَلاهُ، واكذا، واكذا: تُعَدِّدُ عليه. فقال حين أفَاق: ما قُلْتِ شيئا إلا قِيل لي أنت كذلك؟

نۇئمان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇشىدىن كەتكەندە ئۇنىڭ ھەمشىرىسى يىغلاشقا باشلاپ: ۋاي مېنىڭ تېغىم، ۋاي مېنىڭ تايانچىم دېگىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە: ماڭا نېمە دېگەن بولسىڭىز سىزمۇ شۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النعمان بن بشير -رضي الله عنهما- أن عبد الله بن رواحة -رضي الله عنه- أصيب بمرض وأغمي عليه بسبب شِدَّة المرض، فلما رأته أخته -رضي الله عنها- على تلك الحال ظنت أنه قد مات، فجعلت تبكي وتندب وتقول واجَبَلاهُ" أي أنه- رضي الله عنه- كان لها كالجبل تأوي إليه عند طروق الحوادث فتعتصم به، ومستندًا تستند إليه في أمورها و تذكره بمحاسنه وشمائله على طريقة أهل الجاهلية، فلما أفاق من غيبوبته أخبرها عما حصل له، وأنه قيل له: أأنت جبل يلجؤون إليك، أأنت كذا وكذا كما يصفونك، فكل ما عددته من صفات أُخبر بها -رضي الله عنه- في غيبوبته، وذلك على سبيل التَّهكم، والوعيد الشديد، وجاء في رواية أنه لما مات لم تندبه واتعظت بذلك.
606;ۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى، كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىدىن ھۇشىدىن كېتەتتى، ئۇنىڭ ھەمشىرىسى شۇ ھالىتىنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ گۇمان قىلىپ يىغلىدى ۋە نال-پەرياد قىلىپ: ۋاي تايانچىم، ۋاي مېنىڭ تېغىم، دېدى. يەنى ئابدۇللاھ ئۇ ئايال ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان ۋە تايىنىدىغان تاغ كەبى، بارلىق ئىشلىرىدا تايىنىدىغان تايانچ بولغانلىقى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلدى. ئۇنىڭ ياخشى، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى جاھىيلىيەت ئادىتى بويىچە تىلغا ئالدى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە جەرياندىن خەۋەر تاپتى. ئۇنىڭغا بىھۇش ياتقىنىدا پەرىشتىلەر: سەن ئۇلار تايىنىدىغان تاغمۇ؟ سەن مۇنداقمۇ؟ سەن ئۇلار سۈپەتلىگەندەكمۇ؟ دېدى. ھەمشىرىسى تىلغا ئالغان سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ بىھۇش ياتقىنىدا مەسخىرە قىلىش ۋە تەھدىت شەكلىدە دېيىلدى. يەنە بىر ھەدىستە ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇرۇق-تۇققانلىرى نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىمىغان. بۇ ھەدىستىن دەرس ئالغان، دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8927

 
Hadith   714   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان لا يَتَطَيَّر


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇملۇقنى خىيال قىلمايتى

عن بُريدة -رضي الله عنه-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان لا يَتَطَيَّر.

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇملۇقنى خىيال قىلمايتتى

كان النبي -صلى الله عليه وسلم- لا يتشاءم من شيء مطلقًا، والمراد التشاؤم الذي يصد عن عمل شيء كما كان يفعله أهل الجاهلية، وقد جاء الإسلام بالنهي عن التشاؤم والتطير والاستقسام بالأزلام، وشرع لهم بديلًا منها وهو الاستخارة.

662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچقانداق نەرسىدىن شۇملۇق ھىس قىلمايتى. مەقسەت قىلىنغىنى جاھىليەت ئەھلىدەك بىرەر ئىشنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان شەكىلدىكى شۇملۇق ھىس قىلىش بولۇپ، ئىسلام دىنى شۇملۇق ھىس قىلىش، قۇش ئۇچۇرۇپ بەلگىلەش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشتەك ئىشلارنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىستىخارە نامىزىنى يولغا قويغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8928

 
Hadith   715   الحديث
الأهمية: كان فيما أَخذَ علينا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في المَعْرُوف الذي أَخَذ علينا أن لا نَعْصِيَه فيه: أن لا نَخْمِشَ وجها، ولا نَدْعُوَ وَيْلًا، ولا نَشُقَّ جَيْبَا، وأن لا نَنْشُرَ شَعْرًا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقىلارنى يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بار ئىدى

عن أسيد بن أبي أسيد التابعي، عن امرأة من المبايعات، قالت: كان فيما أخذ علينا رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- في المعروف الذي أخذ علينا أن لا نعصيه فيه: أن لا نَخْمِشَ وجهًا، ولا نَدْعُوَ وَيْلًا، ولا نَشُقَّ جَيْبًا، وأن لا نَنْشُرَ شَعْرًا.

ئۇسەيد ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئاياللارنىڭ بىرىدىن رىۋايەت قىلىدۇ: ئۇ ئايال مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقا يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بارئىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -عليه الصلاة والسلام- يأخذ العهد من الصحابيات عند المبايعة بأن لا يعصينه، ومن ذلك: ألا تخدش المرأة وجهها، أو تضرب وجهها، أو تضرب خدها، ولا ترفع صوتها بالنياحة المنهي عنها، ولا تمزق ثيابها، وألا تنفش شعرها وتمزقه عند نزول المصائب.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال ساھابىلار بەيئەت قىلغاندا بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا ۋەدە ئالاتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە: ئايال كىشىنىڭ مۇسىبەت يەتكەندە يۈزىنى تاتىلىماسلىق، ئۆزىنى كاچاتلىماسلىق، مەڭزىگە ئۇرماسلىق، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ چەكلەنگەن يىغا بىلەن يېغلىماسلىق، كىيىملىرىنى يېرىتماسلىق قاتارلىقلار بار ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8929

 
Hadith   716   الحديث
الأهمية: لا تَتْرُكُوا النَّار في بُيُوتِكُم حين تَنَامُون


باشتېما:

سىلەر ئۇخلايدىغان چاغدا ئۆيۈڭلاردىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋىتىڭلار

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «لا تَتْرُكُوا النار في بيوتكم حين تنامون».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر ئۇخلايدىغان چاغدا ئۆيۈڭلاردىكى ئوتنى ئۆچۈرىۋىتىڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- ينهى أمَّته عن النوم قبل إطفاء النار التي أوقدوها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۆيدە ياققان ئوتنى ئۆچۈرۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇخلاشتىن چەكلىگەن. ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "ياخشىلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى" ناملىق ئەسىرى 3-توم 906-بەت، ئاببادنىڭ ئەبۇ داۋۇدنىڭ شەرھىسى ئېلكىتاب نۇسخىسى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8930

 
Hadith   717   الحديث
الأهمية: يا أيها الناس، من عَلِم شيئا فَلْيَقُلْ به، ومن لم يَعْلَم، فَلْيَقُلْ: الله أعلم، فإن من العلم أن يقول لما لا يَعْلَم: الله أعلم


باشتېما:

ئى كىشىلەر! كىم بىر نەرسىنى بىلسە شۇنى دېسۇن، بىلمىگەن كىشى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن، بىلمەيدىغان نەرسىگە "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېگەنلىكى ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر

عن مسروق، قال: دخَلْنَا على عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- فقال: يا أيها الناس، من عَلِم شيئا فَلْيَقُلْ به، ومن لم يَعْلَم، فَلْيَقُلْ: الله أعلم، فإن من العلم أن يقول لما لا يَعْلَم: الله أعلم. قال الله تعالى لنبيه -صلى الله عليه وسلم-: (قل ما أسألكم عليه من أجر وما أنا من المتكلفين).

مەسرۇقنىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ يېنىغا كىردۇق، ئۇ: ئى كىشىلەر! كىم بىر نەرسىنى بىلسە شۇنى دېسۇن، بىلمىگەن كىشى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن، بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېگەنلىكى ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە: «ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىفتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن» دېدى. ساد سۈرىسى 86-ئايەت

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الإنسان إذا سُئل عن شيء يعلمه، فليبينه للناس ولا يكتمه، وأما إذا سئل عن شيء لا يعلمه، فليقل: الله أعلم ولا يتكلف الجواب.
"فإن من العلم أن يقول لِمَا لا يَعْلَم: الله أعلم" أي أن من العلم أن يقول الإنسان لما لا يعلم : "الله أعلم"؛ لأن الذي يقول لا أعلم وهو لا يعلم هو العالم حقيقة هو الذي علم قَدْر نفسه وعلم منزلته وأنه جاهل فيقول لما لا يعرف الله أعلم.
وعند مسلم بلفظ: "فإنه أعلم لأحدكم أن يقول لما لا يعلم: الله أعلم".
والمعنى: أنه أحسن لعلمه وأتم وأنفع له أن يقول لما لا يعلمه: "الله أعلم".
ثم استدل ابن مسعود -رضي الله عنه- بقوله -تعالى-: (قل ما أسألكم عليه من أجر وما أنا من المتكلفين) أي لا أسألكم على ما جئت به من الوحي أجرا تعطونني إياه وإنما أدلكم على الخير وأدعوكم إلى الله -عز وجل-.
(وما أنا من المتكلفين) أي من الشاقين عليكم أو القائلين بلا علم.
فالحاصل: أنه لا يجوز للإنسان أن يفتي إلا حيث جازت له الفتوى، وإن كان الله -تعالى- قد أراد أن يكون إمامًا للناس يفتيهم ويهديهم إلى صراط مستقيم فإنه سيكون وإن كان الله لم يرد ذلك فلن يفيده تجرأه في الفتوى ويكون ذلك وبالًا عليه في الدنيا والآخرة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئۆزى بىلىدىغان بىر نەرسىدىن سورالسا ئۇنى يوشۇرماستىن كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك، ئەمما بىلمەيدىغان نەرسىدىن سورالسا، قىينالماي، "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېسۇن. بىلمىگەن نەرسىنى "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دېيىش ئۇنىڭ بىلگەنلىكىدۇر، چۈنكى بىلمەيدىغان نەرسىنى "بىلمەيمەن" دېگۈچى ھەقىقەتتە بىلگۈچىدۇر، ئۇ ئۆزىنى بىلگەن ۋە ئورنىنى بىلگەن، ئۆزىنىڭ ئۇ نەرسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە "ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ" دەيدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ھەدىسنىڭ تېكىستى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ بىلىدۇ" دېگەنلىكى بەكرەك بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېيىلگەن، يەنى: ئۇ كىشىنىڭ بىلمەيدىغان نەرسىنى "ئاللاھ بىلىدۇ" دېيىشى ئۇ كىشىنىڭ ئىلمىنىڭ مۇكەممەل ۋە مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى دەلىل قىلدى: «ئېيتقىنكى، (ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن» ساد سۈرىسى 86-ئايەت»، يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى يەتكۈزگەنلىكىمگە سىلەردىن ھېچ ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن، مەن پەقەت سىلەرنى ياخشىلىققا يىتەكلەيمەن ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە چاقىرىمەن، مەن ئىلىمسىز سۆز قىلىپ سىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغۇچى ئەمەسمەن. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان ئۈچۈن ئۆز دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى نەرسىلەرگە پەتىۋا بېرىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارغا پەتىۋا بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان يول باشچى قىلماقچى بولسا ئۇ كىشى چوقۇم شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنى مەقسەت قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەت قېلىشى ھېچ نېمىنى پايدا بەرمەيدۇ، بۇ ئىش ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بالا بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8934

 
Hadith   718   الحديث
الأهمية: لا تدخل الملائكة بَيْتَا فيه كلب ولا صُورة


باشتېما:

پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ

عن أبي طلحة -رضي الله عنه-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «لا تدخل الملائكة بَيْتَا فيه كلب ولا صُورة».
   عن ابن عمر -رضي الله عنهما-، قال: وعد رسول الله -صلى الله عليه وسلم- جبريل أن يَأتِيَهُ، فَرَاثَ عليه حتى اشْتَدَّ على رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فخرج فَلَقِيَهُ جبريل فَشَكَا إليه، فقال: إنا لا نَدْخُل بَيْتَا فيه كلب ولا صُورة.
عن عائشة -رضي الله عنها-، قالت: واعد رسول الله -صلى الله عليه وسلم- جبريل عليه السلام، في ساعة أن يأتيه، فجاءت تلك الساعة ولم يَأتِهِ! قالت: وكان بِيَدِه عصا، فَطَرَحَها من يَدِهِ وهو يقول: «ما يُخْلِفُ الله وَعْدَهُ ولا رُسُلُهُ» ثم التَفَتَ، فإذا جَرْوُ كلب تحت سريره. فقال: «متى دخل هذا الكلب؟» فقلت: والله ما دَرَيْتُ به، فأمر به فأخرج، فجاءه جبريل -عليه السلام- فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «وعَدْتَنِي، فَجَلَسْتُ لك ولم تَأتِني» فقال: مَنَعَنِي الكلب الذي كان في بيتك، إنا لا نَدْخُل بَيْتَا فيه كلب ولا صورة.

ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: جەبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە قىلىپ كېچىكىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىچى پۇشۇپ سىرىتقا چىققاندا، جەبرائىل ئۇنىڭغا ئۇچراشتى، جىبرائىلغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق گەپ قىلغان ئىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بىز ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: جەبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلۇم بىر ۋاقىتتا كېلىشكە كېلىشىپ، ۋاقتى كەلگەندە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كەلمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ مەلائىكىلىرى ۋەدىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ» دېگەن ھالدا قولىدىكى ھاسىنى تاشلاپ، ئۇياق-بۇياققا قارىسا، كارىۋىتىنىڭ ئاستىدا بىر ئىتنىڭ كۈچۈكى تۇرۇپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىت قاچان كىرىۋالدى؟» دېدى، مەن: بىلمەيمەن، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرۇپ، ئۇنى چېقارغۇزىۋەتكەندىن كېيىن، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، ساڭا قاراپ ئولتۇرسام كەلمىدىڭ» دېۋىدى، جەبرائىل: مېنى كېرىشتىن ئۆيۇڭدىكى ئىت توسۇپ قويدى، بىز ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الملائكة وهم مخلوقات طاهرة شريفة، وعباد مُكْرَمُون أصْفِياء، يمتنعون عن دخول بيت فيه كلب، أو صورة لإنسان أو حيوان مما يحرم اقتناؤه من الكلاب والصور، فأما ما ليس بحرام من كلب الصيد والزرع والماشية والصورة التي تُمتهن في البساط والوسادة وغيرهما فلا يمتنع دخول الملائكة بسببه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەرىشتىلەر پاك، شەرەپلىك، ئىززەتلىك، تاللانغان مەخلۇقاتلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىت، ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ سۈرىتى بار ئۆيگە كېرىشتىن چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىت ۋە سۈرەتلەردىن ساقلاش ھارام بولىدىغانلىرى بارلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما ئوۋ ئىتلىرى، زىرائەت ئىتلىرى، چارۋىغا قارايدىغان ئىتلار، شۇنىڭدەك ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان گىلەم، ياستۇق قاتارلىق نەرسىلەردىكى سۈرەت بولسا ھارام ئەمەس، پەرىشتىلەر ئۇ سەۋەپلىك كىرىشتىن چەكلەنمەيدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "كۆرپە-ياستۇقلاردىكى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان سۈرەتلەر بولسا، كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنى توغرا دەپ قارايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، بۇنداق جايلارغا پەرىشتىلەر كېرىشتىن چەكلەنمەيدۇ"، پەتھۇل بارى 10-توم 382-بەت، تۆھپەتۇل ئەھۋەزى 8-توم 72-بەت، ئوچۇق ئىشىك ئۇچرىشىشى، 85- قېتىملىق ئۇچرىشىش   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8950

 
Hadith   719   الحديث
الأهمية: لا تَصْحَبُ الملائكة رُفْقَةً فيها كلب أو جَرَسٌ


باشتېما:

پەرىشتىلەر ئىت ۋە قۇڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا    تَصْحَبُ الملائكة رُفْقَةً فيها كلب أو جَرَسٌ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە قۇڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا خرج جماعة في سفر، وكان في صُحبتهم كلب أو جَرَسٌ، فإن ملائكة الرَّحمة والاستغفار تمتنع من مصاحبتهم؛ لأن الكلب نجس. وأما الجرس، فلأنه مزمار الشيطان كما أخبر بذلك -صلى الله عليه وسلم-.
وقيده بعض العلماء بالجرس الذي يعلق على الدواب؛ لأنه إذا عُلِّق على الدَّواب يكون له رنَّة معينة تجلب النَّشوى والطَّرب والتمتع بصوته ولذلك سماه -صلى الله عليه وسلم-: (مزامير الشيطان) .
   وأما ما يكون في المُنَبِهات من الساعات وشبهها فلا يدخل في النهي؛ لأنه لا يُعَلَّق على البهائم وإنما هو مؤقت بوقت معين للتنبيه وكذلك ما يكون عند الأبواب يستأذن به، فإن بعض الأبواب يكون عندها جرس للاستئذان هذا أيضًا لا بأس به ولا يدخل في النهي؛ لأنه ليس معلقا على بهيمة وشبهها ولا يحصل به الطَّرب الذي يكون مما نهى عنه الرسول -صلى الله عليه وسلم-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: جامائەت سەپەرگە چىققاندا، ئۇلارنىڭ كارۋىنىدا ئىت ياكى قوڭغۇراق بولسا، رەھمەت ۋە ئىستىغپار ئېيىتىدىغان پەرىشتىلەر ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئىت نىجىستۇر، قوڭغۇراق بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر قىلغاندەك شەيتاننىڭ نەيلىرىدىندۇر. بەزى ئۆلىمالار بۇنىڭدىن ئۇلاغلارنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغان قوڭغۇراق مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى قوڭغۇراقنى ئۇلاقنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغاندا، ئۇنىڭدىن بىر خىل يېقىملىق جۇشقۇن، مۇزىكا ئاۋازى چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ھوزۇرلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى: «شەيتاننىڭ نېيى» دەپ ئاتىغان، ئەمما سائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاگاھلاندۇرىدىغان نەرسىلەر چەكلىمىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر ئۇلاغلارنىڭ بوينىغا ئېسىلمايدۇ، ئۇ دېگەن ۋاقىتلىق بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىتقا توغرىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك رۇخسەت سوراش ئۈچۈن ئىشىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرىلىنىدىغان قوڭغۇراقلارمۇ چەكلىمىنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلاغلارنىڭ بوينىغا ئېسىلمايدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چەكلىگەن مۇزىكىنىڭ رىتىمى ھاسىل بولمايدۇ، كەشپۇل مەشاكىل، بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرىدىن،(3_ 564) نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىسى9514_ھەدىس، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ ياخشىلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى 6_توم 431_432_بەت. ئاگاھلاندۇرۇش: دائىمى كومېتىت پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: ئۆي، مەكتەپ ۋە باشقا ئىدارە ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان قوڭغۇراقلار خىرىستىئانلارنىڭ دۇمباقلىرىغا ئوخشاش ياكى مۇزىكىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقمىسا، ھارامنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنى ئىشلىتىش توغرا بولىدۇ، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا چەكلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8951

 
Hadith   720   الحديث
الأهمية: إيَّاكُمْ وكَثْرَةَ الحَلِفِ في البيع، فإنه يُنَفِّقُ ثم يَمْحَقُ


باشتېما:

تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بىراق بەرىكىتىنى يوقۇتىدۇ

عن أبي قتادة -رضي الله عنه-: أنه سمع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إيَّاكُمْ وكَثْرَةَ الحَلِفِ في البيع، فإنه يُنَفِّقُ ثم يَمْحَقُ».

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، بىراق بەرىكىتىنى يوقۇتىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: احذروا كثرة الحلف في البيع والشراء ولو صدقًا؛ لأن كثرة الحلف مظنة الوقوع في الكذب، فمثلًا لا ينبغي للإنسان أن يقول: والله لقد اشتريتها بمائة. ولو كان صادقًا، ولو قال: والله لقد اشتريتها بمائة. ولم يشترها إلا بثمانين صار أشد؛ لأنه يكون بذلك كاذبًا حالفًا في البيع، وقد نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك، وأخبر بأن الأيمان في البيع سبب في إنفاق السلع، ثم إن الله -تعالى- يمحق بركتها؛ لأن هذا الكَسب مَبْنِي على معصية رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، ومعصية رسول الله -عليه الصلاة والسلام- معصية لله -تعالى-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: تىجارەتتە گەرچە راس بولسىمۇ، كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى قەسەمنى كۆپ قىلىش، يالغانغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ مەنبەسى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇنى يۈز كويغا سېتىۋالغانتىم دېيىشى گەرچە راس بولسىمۇ، توغرا بولمايدۇ، ئەگەر سەكسەن كويغا سېتىۋالغان نەرسىنى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! يۈز كويغا سېتىۋالدىم دېسە، بۇنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاشۇ تۈپەيلى تىجارەتتە يالغان قەسەم قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن ۋە قەسەم تىجارەتنى راۋاجلاندۇرىدىغانلىقى، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بەرىكىتىنى يوق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان كەسىپ بولۇپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8958

 
Hadith   721   الحديث
الأهمية: لا تحلفوا بِالطَّوَاغِي، ولا بآبَائِكُم


باشتېما:

بۇتلار ۋە ئاتىلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار

عن عبد الرحمن بن سمرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا تحلفوا بِالطَّوَاغِي، ولا بآبَائِكُم».

ئابدۇرەھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇتلار ۋە ئاتىلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث ينهى النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث عن الحَلف بِالطَّوَاغِي، والطَّواغِي: هي الأصنام التي كانت تُعبد في الجاهلية، وسميت بذلك؛ لأنها سبب طغيانهم وكفرهم وكل ما جاوز الحدَّ في تعظيم أو غيره ، فقد طغى فالطغيان المجاوزة للحدِّ ومنه قوله -تعالى-: (لما طغا الماء حملناكم في الجارية) أي جاوز الحدَّ، وكانت العرب في جاهليتهم يحلفون بآلهتهم وبآبائهم فنهوا عن ذلك، كما في حديث الباب، وفي سنن أبي داود وغيره عن أبي هريرة -رضي الله    عنه- مرفوعا: (لا تحلفوا بآبائكم وأمهاتكم ولا بالأنداد) والنِّد: المثل والمراد به هنا: أصنامهم وأوثانهم التي جعلوها لله تعالى أمثالا لعبادتهم إياها وحلفهم بها نحو قولهم: "واللات والعزى"، وفي الصحيحين من حديث عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم-: (ألا إن الله ينهاكم أن تحلفوا بآبائكم، من كان حالفا فليَحْلِف بالله أو ليَصْمُت).
قوله: "ولا بآبَائِكُم" يعني ولا بإخوانكم ولا بأجدادكم ولا برؤسائكم، لكن خص الآباء بالذكر؛ لأن هذا هو المعتاد عندهم : "من كان حالفا، فليَحْلِف بالله أو ليَصْمُت" والمعنى: إما ليحلف بالله أو لا يحلف، أما أن يحلف بغير الله فلا .
قال العلماء -رحمهم الله-: الحكمة في النهي عن الحلف بغير الله تعالى أن الحلف يقتضي تعظيم المحلوف به وحقيقة العظمة مختصة بالله تعالى فلا يضاهي به غيره.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغۇتلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، تاغۇتلار جاھىلىيەتتە چۇقۇنىلىدىغان بۇتلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ھەددىدىن ئېشىش ۋە كۇپۇرلۇقنىڭ سەۋەبىدۇر، ھەر قانداق نەرسە ئۇلۇغلاشتا ۋە باشقا ئىشلاردا چەكتىن ئاشسا، ھەددىدىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق»، ھاققە سۈرىسى، 11-ئايەت. ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىلاھلىرى ۋە ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن قەسەم قىلاتتى، ئۇلار يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بۇنداق قىلىشتىن چەكلەندى. ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا ھەدىسشۇناسلار ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «ئاتا-ئانىلىرىڭلار بىلەن ۋە بۇتلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار!»، «نىد» دېگەن «ئوخشىشى» دېگەن مەنادا بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن «لات»، «ئۇززا» دەك ئاللاھقا ئوخشاش چوقۇنىلىدىغان بۇتلار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «دېققەت قىلىڭلار!، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، كىم قەسەم قىلىدىكەن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن»، «ئاتاڭلار» نىڭ ئىچىگە قىرىنداشلىرىڭلارمۇ، بوۋىلىرىڭلارمۇ،    باشلىقلىرىڭلارمۇ كىرىدۇ، ئادەتلەنگەن ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتىلار خاس تىلغا ئېلىندى، «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن» دېگەننىڭ مەنىسى: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى قەسەم قىلمىسۇن، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىسۇن» دېگەنلىكتۇر، ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت: قەسەم    قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلۇغلۇق پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ غەيرى باراۋەر قىلىنمايدۇ، مۇسلىمنىڭ شەرھىسى، 11-توم، 105-108بەت، سۇبۇلۇس سالام، 2-توم، 545-بەت، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شەرھى رىيازۇس سالىھىين 6-توم، 453-بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8959

 
Hadith   722   الحديث
الأهمية: لا تقولوا للمُنَافق سَيِّدٌ، فإنه إن يَكُ سَيِّدًا فقد أسْخَطْتُمْ ربكم -عز وجل-


باشتېما:

مۇناپىقنى"خوجا"دېمەڭلار، ئەگەر ئۇنى خوجا دەپ بىلسەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنى غەزەپلەندۈرىسىلەر

عن بُريدة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا تقولوا للمُنَافق سَيِّدٌ، فإنه إن يَكُ سَيِّدًا فقد أسْخَطْتُمْ ربكم -عز وجل-».

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مۇناپىقلارنى"خوجا"دېمەڭلار، ئەگەر ئۇنى خوجا دەپ بىلسەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنى غەزەپلەندۈرىسىلەر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث أن المنافق إن كان سيدًا كبيرًا في قومه وأطلقتم عليه لقب: سيد، فقد أسخطتم الله؛ لأنه يكون تعظيمًا له، وهو ممن لا يستحق التعظيم، وإن لم يكن سيدًا في    قومه أو كبيرًا في قومه، فإنه يكون كذبًا ونفاقًا، ففي الحالين ينهى عن إطلاق لفظ السيد على المنافق، ومثله الكافر والفاسق والمبتدع، فهو لا يستحق وصف السِّيادة مطلقًا، وهذا النهي عام للصحابة ومن بعدهم، وقد كان المنافقون في عهدهم على قسمين، الأول: منافقون لا يعلمهم إلا النبي -صلى الله عليه وسلم- وصاحب السر وهو حذيفة -رضي الله عنه-، والثاني: منافقون عرف الصحابة نفاقهم، كعبد الله بن أبي، وهذا ينطبق عليه الحديث.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: مۇناپىق گەرچە ئۆز قەۋمىدە چوڭ باشلىقلاردىن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى خوجا دەپ ئاتىساڭلار ھەقىقەتتە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن بولىسىلەر، چۈنكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھ ئۈچۈن بولىدۇ، گەرچە مۇناپىق ئۆز قەۋمىدە چوڭ باشلىق بولسىمۇ، ئۇ ھۆرمەتلەشكە لايىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى، مۇناپىقتۇر، بۇنداق ئىككى خىل ھالەتتە مۇناپىققا خوجا دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. كاپىر، پاسىق ۋە بىدئەتچىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارمۇ مۇتلەق خوجا دېگەن سۈپەتكە لايىق بولالمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8962

 
Hadith   723   الحديث
الأهمية: لأَنْ يَلَجَّ أحدُكم في يَمِينِه في أهْلِه آثَم له عند الله -تعالى- من أن يُعْطِي كَفَّارَتَهُ التي فرض الله عليه


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى بېرىپ ئىچكەن قەسەمنى بۇزغانلىقىدىن يامانراقتۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لأَنْ يَلَجَّ أحدُكم في يَمِينِه في أهْلِه آثَمُ له عند الله تعالى من أن يُعْطِي كَفَّارَتَهُ التي فرض الله عليه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كەپارەتنى بېرىپ، ئىچكەن قەسەمنى بۇزغانلىقىدىن يامانراقتۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث إذا حلف المسلم يمينًا تتعلق بأهله ويتضررون بعدم حنثه ولا يكون في رجوعه عن يمينه معصية لله -عز وجل-، ثم هو يتمادى ويُصرُّ على إمضاء يمينه في أهله أكثر إثماً وأعظم جرماً له من الرجوع والكفارة، لأنه يتعين عليه أن يُكَفِّر عن يمينه التي فرضَها الله عليه ولا يتَمادَى ولا يُصر على يمينه، ما دام أن رجوعه عن يمينه ليس فيه معصية لله -تعالى-، بل إن تماديه وإصراره على يمينه معصية وإثم عظيم؛ لما في ذلك من الإضرار بالأهل، وقد جعل الله له في الأمر سَعَة، وفي الصحيحين: (إذا حلفت على يمين فرأيت غيرها خيراً منها، فأت الذي هو خير، وكفر عن يمينك).
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئالاقىدار بولغان بىر قەسەم بىلەن قەسەم قىلغان بولسا، قەسىمىنى بۇزماسلىق بىلەن ئايالىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، قەسىمىدىن قايتىۋېلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمىسا، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ گەردەنكەشلىك قىلىپ قىلغان قەسىمىنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ئۇ كىشىنىڭ قەسىمىدىن قايتىپ كاپارەت بەرگىنىدىن گۇناھ جەھەتتە ئارتۇقتۇر ۋە كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشىگە گەردەنكەشلىك قىلماستىن، قەسىمىدە چىڭ تۇرىۋالماستىن ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى ئادا قىلىپ، قەسىمىنى بۇزۇش بەلگىلەنگەن، قەسىمىدىن يېنىۋىلىشتا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىقلا بولمايدىكەن، شۇنداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بەلكى ئۆز ئايالىغا زىيان يېتىدىغان قەسىمىنى بۇزماي چىڭ تۇرىۋىلىشى ئاسىيلىق ۋە چوڭ گۇناھدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىشىدا كەڭرىچىلىك قىلدى، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «سەن بىر ئىشقا قەسەم قىلساڭ، باشقا بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ قارىساڭ، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭگە كاپارەت بەرگىن»دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8963

 
Hadith   724   الحديث
الأهمية: من حَلَفَ بالأمَانة فليس مِنَّا


باشتېما:

كىمكى ئامانەت بىلەن قەسەم قىلسا، بىزدىن ئەمەس

عن بريدة -رضي الله عنه-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «من حَلَفَ بالأمَانة فليس مِنَّا».

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ئامانەت بىلەن قەسەم قىلسا، بىزدىن ئەمەس»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث التحذير من الحلف بالأمانة؛ لأن الحلف بالأمانة حَلِف بغير الله والحلف بغير الله شرك، كما في الحديث: (من حلف بغير الله فقد كَفَر أو أشرك) والمراد بالشرك هنا: الشرك الأصغر؛ والحلف بغير الله لا يخرج من الملة إلا أن يعتقد الحالف أن المحلوف به بمنزلة الله -تبارك وتعالى- في التعظيم والعبادة وما أشبه هذا فيكون شركًا أكبر.
   والمراد بالأمانة هنا: فرائض الله -تعالى- من الصلاة والصوم والحج وغير ذلك مما افترضه الله على عباده.
فلو قال: بِّحق صلاتي أو بِّحق صيامي أو حجِّي، أو أجْمَل بأن قال: وأمانة الله. فكل ذلك منهي عنه؛ لأن المسلم لا يحلف إلا بالله -تعالى- أو بصفة من صفاته، وليست الأمانة من صفاته، وإنما هي أَمْرٌ من أمْرِه، وفَرْض من فروضه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، چۈنكى ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىش، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلغانلىق بولۇپ، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش شېرىكتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «كىمكى ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى شېرىك كەلتۈرگەن بولدى» دېيىلگەن، بۇ يەردىكى شېرىكتىن كىچىك شېرىك مەقسەت قىلىنىدۇ، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش ئىنساننى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ، لېكىن قەسەم قىلغۇچى قەسەم قىلىنغۇچى نەرسىنى ئۇلۇغلاپ ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئۇنى ئاللاھنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ دېگەندەك ئىتىقاد قىلسا، ئۇ چاغدا چوڭ شېرىك بولىدۇ، بۇ يەردە ئامانەتتىن: ئاللاھ تائالانىڭ ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق بەندىلەرگە پەرىز قىلغان مۇھىم ئەمەللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ئوقۇغان نامىزىمنىڭ ياكى تۇتقان روزامنىڭ ياكى قىلغان ھەججىمنىڭ ھەققى بىلەن دېسە، ياكى بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل بىر شەكىلدە: ئاللاھنىڭ ئامانەتلىرى بىلەن قەسەم دېگەن بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن پەقەت ئاللاھ بىلەن ياكى ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەر سۈپەت بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئامانەت ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بۇيرۇقلىرىدىن ۋە بەندىلەرگە قىلغان پەرىزلىرىدىن بىرىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8964

 
Hadith   725   الحديث
الأهمية: من حَلف فقال: إنِّي بَرِيءٌ من الإسلام، فإن كان كاذبا، فهو كما قال، وإن كان صَادقا، فَلَنْ يَرْجِعَ إلى الإسلام سَالِمًا


باشتېما:

كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ

عن بريدة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من حَلف فقال: إنِّي بَرِيءٌ من الإسلام، فإن كان كاذبا، فهو كما قال، وإن كان صَادقا، فَلَنْ يَرْجِعَ إلى الإسلام سَالِمًا».

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من حلف فقال: هو بَرِيءٌ من الإسلام، أو قال: هو يهودي أو نصراني أو كافر أو ملحد، فأمره لا يخلو من حالين:
الحال الأولى: أن يكون كاذبًا فيما حلف عليه، كأن يحلف مثلا: هو بريء من الإسلام إن كان الأمر كذا وكذا، وهو كاذب فيما يخبر به، كما لو أخبر بأن زيدا قدم اليوم من السَّفر وحلف على البراء من الإسلام أو هو يهودي أو نصراني أو مشرك، وهو يعلم كَذب نفسه، فهو كما قال أي من البراءة من الإسلام أو يهودي أو نصراني.
الحال الثانية: أن يكون صادقا فيما قال، كما لو حلف على البراءة من الإسلام أو هو يهودي أو نصراني أن زيدًا قَدِم اليوم من سفره أو أنه لم يفعل هذا الشيء، وهو صادق فيما حلف عليه، فإنه في هذه الحال لنْ يَرْجِعَ إلى الإسلام سَالِمًا، كما قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، بل ينقص كمال إسلامه بما صَدَر منه من هذا اللفظ لشناعته وقبحه.
603;ىمكى قەسەم قىلىپ: مەن ئىسلام دىنىدا ئەمەس (يەنى مەن مۇسۇلمان ئەمەس) ياكى مەن يەھۇدىي ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن كاپىر ياكى مەن دىنسىز دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى بۇ ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ئۇ كىشى قىلغان قەسىمىدە يالغانچى بولسا، مەسىلەن: ئەگەر ئىش مۇنداق-مۇنداق بولسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلىپ، ئۆزى خەۋەر قىلغان ئىشتا يالغانچى بولسا، يەنى بۈگۈن پالانى سەپەردىن قايتىپ كەلدى دەپ يالغان قەسەم قىلىپ، ئەگەر كەلمىگەن بولسا مەن مۇسۇلمان ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن مۇشرىك دەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشتا يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولسا، ئۇ كىشى دېگىنىدەك بولىدۇ يەنى ئۇ كىشى ئىسلامدىن چىقىدۇ (مۇسۇلمان بولمايدۇ) ياكى يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بولۇپ كىتىدۇ. ئىككىنچى ھالەت: ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزىدە راستچىل بولسا، يەنى ئەگەر پالانى بۈگۈن سەپەردىن كەلمىسە ياكى مۇنداق ئىشنى قىلمىسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان دېسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان قەسىمىدە راستچىل بولسا، ئۇ كىشى بۇنداق ھالەتتە ئىسلامغا سالامەت قايتمايدۇ، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقانغا ئوخشاش ئۇ كىشىدىن سادىر بولغان مۇشۇنداق ناچار، قەبىھ سۆزلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئىسلامغا مۇكەممەل ھالەتتە قايتمايدۇ، بەلكى ئىمانى ناقىس ھالەتتە قايتىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 8965

Open بادئة     End خاتمة
       





© EsinIslam.Com Designed & produced by The Awqaf London. Please pray for us