ئۇيغۇردىكى ھەدىس تەكشۈرگۈچى مكتشف الحديث باللغة الإنجليزية
 
Hadith   843   الحديث
الأهمية: أيما امرأة نكحت بغير إذن مواليها، فنكاحها باطل


باشتېما:

قايسى بىر ئايال دادا-ئاكىلىرىنىڭ ئىزنىسىز ئەرگە تېگىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر

عن عائشة -رضي الله عنها- مرفوعًا: «أيُّما امرأةِ نَكَحَت بغير إذن مَواليها، فنِكاحها باطل»، ثلاث مرات «فإن دخلَ بها فالمهرُ لها بما أصاب منها، فإن تَشاجروا فالسلطان وَلِيُّ مَنْ لا وَلِيَّ له».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«قايسى بىر ئايال دادا-ئاكىلىرىنىڭ ئىزنىسىز ئەرگە تېگىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر»دەپ ئۈچ قېتىم تەكرار لايدۇ:«ئەگەر بىرگە بولغان بولسا، ئۇ ئايال بىلەن بىرگە بولغانلىقى ئۈچۈن تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، ئايالنىڭ ۋەلىلىرى تالاش-تارتىش قىلىشسا يۇرتنىڭ چوڭى ۋەلىسى يوق ئايالنىڭ ۋەلىسىدۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بين النبي -صلى الله عليه وسلم- اشتراط إذن الولي في صحة النكاح, وأن المرأة إذا تزوجت بغير إذن وليها, بحيث باشرت عقد النكاح بنفسها, فنكاحها غير صحيح, فإن حصل وطء في هذا الزواج فُرِّق بين الرجل والمرأة, واستحقت المرأة المهر بذلك الوطء, ثم بين النبي -صلى الله عليه وسلم- أن الأولياء إذا تنازعوا في تزويج المرأة, أو اختلفت هي مع أوليائها انتقل أمرها إلى السلطان, وأن السلطان يعتبر ولي من لا ولي له.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋەلىسى بولۇشىنى شەرت قىلدى، ئايال ۋەلىسىنىڭ خەۋىرى يوق ياكى رۇخسىتىسىز ئەرگە تەككەن بولسا، ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ، مۇشۇنداق نىكاھ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ئايالغا تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئارىسى ئايرىۋىتىلىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنىمۇ ئوچۇق بايان قىلىپ: ئايالنىڭ ئىگىلىرى ئايالنى ياتلىق قىلىش ئىشىدا تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالغان بولسا ياكى ئۇ ئايال ۋەلىلىرى بىلەن ئىخىتىلاپلىشىپ قالغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىشى يۇرتنىڭ چوڭىغا تاپشۇرىلىدۇ، يۇرتنىڭ چوڭى ۋەلىسى يوق كىشىنىڭ ۋەلىسىنىڭ ئورنىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58067

 
Hadith   844   الحديث
الأهمية: أيما عبد تزوج بغير إذن مواليه، فهو عاهر


باشتېما:

ھەرقانداق قۇل خوجايىنىنىڭ رۇخسىتىسىز توي قىلىدىكەن، ئۇ زىنا قىلغۇچىدۇر

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «أَيُّما عَبْدٍ تَزَوَّج بغَيْر إذْن مَوَالِيهِ، فهو عاهِرٌ».

جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: ھەرقاندق قۇل خوجايىنىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھلانسا، ئۇ زىنا قىلغۇچىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث أن العبد إذا تزوج    بدون إذن سيده فزواجه غير صحيح، وعقده فاسد، وحكمه حكم الزاني, وبناءً على ذلك يجب فسخ نكاحه، والتفريق بينه وبين من عقد عليها؛ لأن العبد لا يمكن أن يزوج نفسه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: قۇل خوجايىنىنىڭ رۇخسىتىسىز توي قىلىدىكەن، ئۇنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ، قىلغان كېلشىمى بۇزۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى زىنا قىلغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ نىكاھىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ئايالنى ئايرىۋېتىش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى قۇل ئۆز ئالدىغا توي قىلالمايدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58072

 
Hadith   845   الحديث
الأهمية: لعن الله المحلل والمحلل له


باشتېما:

ئاللاھ ھالاللاپ بەرگۈچىگە ۋە ھالاللاتقۇچىغا لەنەت قىلدى

عن علي -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «لَعَنَ اللهُ المُحَلِّل، والمُحَلَّلَ له».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ ھالاللاپ بەرگۈچىگە ۋە ھالاللاتقۇچىغا لەنەت قىلدى» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كانت المطلقة ثلاثاً لا تحل لزوجها الأول حتى ينكحها زوج غيره, ويطأها, فإن البعض قد يلجأ للتحايل على الأحكام الشرعية, فيتفق مع رجل آخر على أن يتزوج هذه المرأة زواجاً صورياً ثم يطلقها, ليس بقصد الزواج الشرعي, ولكن بغرض تحليلها للزوج الأول, ولما في ذلك من التحايل على الشرع, وخسة النفس, وقلة الحمية والمروءة, حرَّم النبي -صلى الله عليه وسلم- هذا النكاح, ودعا على المحلل والمحلل له بالطرد والإبعاد من رحمة الله -تعالى-.
574;ۈچ تالاق قىلىنغان ئايال ئىلگىرىكى ئېرىگە تاكى ئۇ ئايالنى باشقا بىر ئەر نىكاھىغا ئېلىپ، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بولغانغا قەدەر ھالال بولمايدۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە ھىيلە-نەيرەڭ ئىزدەشكە ئۇرۇنۇپ، باشقا بىر ئەر بىلەن بۇ ئايالنى شەكىل جەھەتتە نىكاھىغا ئالغاندىن كىيىن قويىۋېتىشنى شەرت قىلىپ پۈتۈشىدۇ، بۇ شەرئى نىكاھنى مەقسىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئايالنى ئىلگىرىكى ئەرگە ھالاللاش غەرىزى بىلەن بولىدۇ، بۇ قىلمىشتا شەرىئەتكە ھىلە-مىكىر ئىشلىتىش، پەسكەشلىك ۋە غورۇر ۋە ئەركەكلىكنى چۈشۈرگەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ نىكاھنى ھارام قىلىپ، ھاللاللىغۇچى ۋە ھالاللاتقۇچىنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىشى ۋە قوغلىنىشىغا دۇئا قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58076

 
Hadith   846   الحديث
الأهمية: الولاء لمن ولي النعمة


باشتېما:

مىراسقا ئىگە بولۇش ئىنئام قىلغان كىشىگە بولىدۇ

عن عائشة -رضي الله عنها- أنها اشترتْ بَريرَة مِنْ أُناسٍ من الأنصار واشْتَرَطوا الوَلاء، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «الوَلاءُ لِمَنْ وَلِيَ النِّعْمَة»، وخَيَّرَهَا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وكان زوْجُها عبْدا، وأهدَتْ لعائشة لحْما، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لو صَنَعْتُم لنا من هذا اللحم»، قالت عائشة: تُصُدِّقَ به على بَرِيرَة، فقال: «هو لها صدَقة ولنا هديَّة».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئائىشە ئەنسارلارنىڭ بىرىدىن بەرىرە ئىسىملىك بىر قۇلنى سېتىۋالغاندا ئۇلار ئائىشەگە بەرىرەنىڭ مىراسىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئۆزلىرىگە بولۇشنى شەرىت قىلىپ ساتقان. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: قۇلنى كىم ئازات قىلغان بولسا مىراسقا ئىگە بولۇش شۇ كىشىگە ئائىت بولىدۇ، دېگەن. رەسۇلۇللاھ بەرىرەگە، يولدىشى بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى تۇتماسلىق ئىختىيارلىقىنى بەرگەن، ئۇنىڭ يولدىشى قۇل ئىدى. بەرىرە ئائىشەگە گۆش ھەدىيە قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۆيگە كرىپ، بۇ گۆش بىلەن بىزگە تاماق قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟ دېگەن ئىدى. ئائىشە رەسۇلۇللاھقا: بۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە قىلىنغان گۆش ئىدى، دېگەن. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: ئۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە بولسا، بەرىرە بىزگە بەرسە، ئۇنىڭدىن بىزگە ھەدىيە بولىدۇ، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أفاد الحديث أن أم المؤمنين عائشة -رضي الله عنها- اشترت بريرة وأعتقتها فأراد أصحابها أن يكون ولاؤها لهم, فأخبرها -عليه الصلاة والسلام- بأن هذا الشرط    لا يصح، وأن من أنعم بالعتق على العبد يكون ولاؤه له، و وبريرة كانت زوجة لعبد    اسمه مغيث، فلما تحررت وملكت نفسها    خيَّرها -عليه الصلاة والسلام- بين أن تبقى تحته, أو تفارقه؛ لأنها صارت أعلى منه رتبة بحريتها، ثم إنه أهدي لها لحم, فأرسلت لعائشة منه, فأراد -عليه الصلاة والسلام- أن يأكل منه, فأخبرته عائشة -رضي الله عنها- بأنه صدقة أعطيت لبريرة, وهو -عليه الصلاة والسلام- لا يأكل الصدقة, فأخبرها -عليه الصلاة والسلام- بأن بريرة ملكته عن طريق الصدقة, وينتقل إلى النبي -عليه الصلاة والسلام- بطريق الهدية, فيتغير حكمه, ويصير هدية وهبة, فلا يحرم عليه ولا على أهل بيته.
576;ۇ ھەدىس شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بەرىرەنى سېتىۋېلىپ ئازات قىلىۋەتكەندە، بەرىرەنىڭ ئىلگىرىكى خوجايىنى ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ئۆزلىرىدە بولۇشىنى شەرت قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشەگە بۇ شەرتنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. كىمىكى قۇلنى ھۆرلۈككە چىقارغان بولسا، شۇ كىشى ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بەرىرە مۇغىس ئىسىملىك بىر قۇلنىڭ ئايالى ئىدى، ئۇ ئازات بولۇپ ھۆرلۈككە چىققاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا يولدىشى بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقىنى بەردى. چۈنكى ئۇ ئايال ھۆر بولغانلىقىدىن ئىرىدىن يۇقىرى مەرتىۋىدە بولغان. شۇ ئارىلىقتا بەرىرەگە بىر كىشى گۆش ھەدىيە قىلغان ئىدى، بەرىيرە ئۇ گۆشتىن بىر پارچىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئەۋەتكەن، رەسۇلۇللاھ ئۇ گۆشتىن يىمەكچى بولغاندا ئائىشە: ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە قىلىنغان گۆش بولۇپ، ئۇنى بەرىرە بىزگە كەلتۈرگەن، سىلى سەدىقە قىلىنغان گۆشنى يىمەيدىلا، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ گۆش بەرىرەگە سەدىقە، بىزگە ھەدىيە بولىدۇ، دېدى. يەنى بەرىرەگە سەدىقە ئارقىلىق كەلگەن بولسا، بىزگە ھەديە يولى بىلەن كەلگەن بولىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھۆكمى ئۆزگىرىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇ گۆشتىن يېيىشى چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58081

 
Hadith   847   الحديث
الأهمية: طلق أيتهما شئت


باشتېما:

فەيرۇز مۇنداق دېدى: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نىكاھىمدا ئاچا- سىڭىل بار» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىسىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنى تالاق قىلغىن» دېدى

عن الضحاك بن فيروز، عن أبيه قال: قلت: يا رسول الله، إني أسلمت وتحتي أختان؟، قال: «طَلِّق أيتَهُما شِئتَ».

زەھھاك ئىبنى فەيرۇز ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن مۇسۇلمان بولدۇم، نىكاھىمدا ئاچا-سىڭىل بار» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككىسىدىن ئۆزۈڭ خالىغان بىرىنى تالاق قىلغىن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
فيروز الديلمي -رضي الله عنه- صحابي من أهل اليمن أسلم وعنده زوجتان، هما أختان، وقد كان أهل الجاهلية يتزوجون الأختين معا لا يرون بذلك بأساً، فأمره النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يختار منهما واحدة، لتبقى له زوجة، ويطلق الأخرى؛ لأنَّه لا يجوز الجمع بين الأختين في الإسلام.
610;ەمەنلىك ساھابى پەيرۇز دەيلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولغاندا ئۇنىڭ ئىككى ئايالى بار بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئاچا-سېڭىل ئىدى، ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇلار ئاچا-سېڭىل بىلەن بىراقلا توي قىلىشنى ئەيىپ دەپ قارىمايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئايالى بولىش ئۈچۈن ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىۋىلىپ، يەنە بىرىنى تالاق قىلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئىسلامدا ئىككى ئاچا-سېڭىلنى نىكاھىدا بىللە تۇتۇش توغرا بولمايدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58082

 
Hadith   848   الحديث
الأهمية: ملعون من أتى امرأته في دبرها


باشتېما:

ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يېقىنچىلىق قىلغان ئادەم لەنەت قىلىنغۇچىدۇر

عن أبي هريرة، قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ملعون من أتى امرأته في دُبُرِها».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يېقىنچىلىق قىلغان ئادەم لەنەت قىلىنغۇچىدۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث الوعيد الشديد لمن يجامع زوجته في دبرها؛ حيث يترتب على ذلك الطرد من رحمة الله -تعالى-، وهذا دليل على أنه كبيرة من كبائر الذنوب فلا يحل لمسلم أن يفعله.
576;ۇ ھەدىستە ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يېقىنچىلىق قىلغان ئادەمگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنداق ناچار ئىشنى قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قېلىنىدۇ، مانا بۇ ئۇنداق قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58090

 
Hadith   849   الحديث
الأهمية: كانت اليهود تقول: إذا جامعها من ورائها جاء الولد أحول، فنزلت: {نساؤكم حرث لكم فأتوا حرثكم أنى شئتم}


باشتېما:

يەھۇدىيلار: ئايال كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ جىما قىلسا بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دەيىتتى، بۇ ۋاقىتتا: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەت نازىل بولدى

عن جابر -رضي الله عنه- قال: "كانت اليهود تقول: إذا جَامَعَها مِن وَرَائِها جاء الولد أَحْوَلَ، فنزلت: {نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّى شِئْتُمْ}، [البقرة: 223]".

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: يەھۇدىيلار: ئايال كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ جىما قىلسا بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دەيىتتى، بۇ ۋاقىتتا: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» نازىل بولدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان اليهود يضيِّقون في هيئة الجماع، من غير استنادٍ إلى علم، وكان الأوس والخزرج يأخذون عنهم أقوالهم وأحوالهم؛ لأنَّهم أهل كتاب، وكان من جملة افتراء اليهود قولهم: إذا أتى الرجل امرأته من دبرها في قبلها، كان الولد المقدر من ذلك الجِماع أحول، فأنزل الله -تعالى-: (نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّى شِئْتُم). تكذيباً لهم، وبياناً بأن الله أباح ذلك بشرط أن يكون في القبل.
610;ەھۇدىيلار ھېچ قانداق ئىلىمغا تايانماي جىنسى ئالاقە ئۇسۇللىرىدا تار يول تۇتاتتى ئۇلار كىتاپ ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋىس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشەتتى، يەھۇدىيلارنىڭ: ئەر كىشى ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كىلىپ جىنسى ئەزاسىغا جىما قىلسا، ئاشۇ جىمادىن تۆرەلگەن بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دېگەن سۆزى توقۇلما گەپلىرىدىن بىرى ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58097

 
Hadith   850   الحديث
الأهمية: إذا دعا الرجل امرأته إلى فراشه فأبت فبات غضبان عليها لعنتها الملائكة حتى تصبح


باشتېما:

ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغاندا، ئايالى ئۇنىماي، ئەر ئايالىغا غەزەپلىنىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-، قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إذا دعا الرجل امرأته إلى فراشه فَأَبَتْ فَبَاتَ غَضْبَانَ عليها لَعَنَتْهَا الملائكة حتى تصبح».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغاندا، ئايالى ئۇنىماي، ئەر ئايالىغا غەزەپلىنىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث دلالة أنَّ على المرأة إذا دعاها الرجل إلى حاجته في الجماع أن تجيبه، وإلا عرضت نفسها للعن الملائكة، لكن هذا مقيدٌ بما إذا غضب الزوج كما ورد في رواية البخاري، أما إذا رضي بذلك فلا بأس، وكذلك إذا كان هناك عذر شرعي كما لو كانت مريضة لا تستطيع معاشرته أو كان عليها عذر يمنعها من الحضور إلى فراشه فهذا لا بأس به، وإلا فإنه يجب عليها أن تحضر وأن تجيبه وإذا كان هذا في حق الزوج على الزوجة فكذلك ينبغي للزوج إذا رأى من أهله أنهم يريدون التمتع فإنه ينبغي أن يجيبهم ليعاشرها كما تعاشره فإن الله -تعالى- قال: (وعاشروهن بالمعروف).
576;ۇ ھەدىستە: ئەر كىشى ئايالىنى جىنسى ئالاقىغە چاقىرسا ئايالىنىڭ بۇ تەلەپكە بويسۇنىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا پەرىشتىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان، لېكىن بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە قارىغاندا بۇ پەقەت ئەر غەزەپلەنگەن شارائىتقا قارىتىلغان بولۇپ، ئەر رازى بولۇپ يېتىپ قالسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئايال كېسەل بولسا ياكى تۆشەككە كىلىشتىن چەكلەيدىغان ئۆزرىسى بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئەرنىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ تۆشەككە كىلىشى كېرەك. بۇ ئەرنىڭ ئايال ئۈستىدىكى ھەققى بولغىنىدەك، ئايال كىشى ئىرىدىن يۇقارقىلارنى ئارزۇ قىلغاندا ئەر بولغۇچىمۇ ئايالىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىشى لازىم، چۈنكى ئاللاھ تائالا: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58098

 
Hadith   851   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يطوف على نسائه بغسل واحد


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ بىر قېتىملا غۇسلى قىلاتتى

عن أنس: «أن النبي صلى الله عليه وسلم كان يطوف على نسائه بِغُسْلٍ واحد».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقىپ بىر قېتىملا غۇسلى قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث حسن عشرة النبي -صلى الله عليه وسلم- لأزواجه، حيث كان يجامعهنَّ في ليلة واحدة تطييباً لخاطرهنَّ، ويغتسل مرة واحدة؛ لأنَّ الْغُسْل لا يجب بين الْجِمَاعَيْنِ سَوَاء كَانَ لِتِلْكَ الْمُجَامَعَة أَوْ لِغَيْرِهَا، كما علم من هذا الحديث.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن بىر كېچىدە ھەممىسى بىلەن بىللە بولۇپ، بىر قېتىملا يۇيۇنغانلىقىدىن ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن، چۈنكى بۇ ھەدىستىن بىلىنگەندەك مەيلى بۇ خىل بىللە بولۇش ياكى باشقىچە بىللە بولۇش بولسۇن ئىككى قېتىملىق جىنسى ئالاقە ئارلىقىدا يۇيۇنۇش ۋاجىب ئەمەس   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58102

 
Hadith   852   الحديث
الأهمية: سئلت عائشة: كم كان صداق رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قالت: «كان صداقه لأزواجه ثنتي عشرة أوقية ونشا»


باشتېما:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى قانچىلىك بولغان؟ دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى 12.5 ئوقىيە بولغان دەيدۇ

عن أبي سلمة بن عبد الرحمن، أنه قال: سألت عائشة زوج النبي -صلى الله عليه وسلم-: كم كان صَداقُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قالت: «كان صَدَاقُهُ لأزواجه ثِنْتَيْ عشرة أُوقِيَّةً ونَشَّاً»، قالت: «أتدري ما النَّشُّ؟» قال: قلت: لا، قالت: «نصف أُوقِيَّةٍ، فتلك خمسمائة درهم، فهذا صَدَاقُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لأزواجه».

ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇراھماندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى قانچىلىك بولغان؟ دەپ سورىسام، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ تويلۇق مېھرى 12،5ئۇقىيە بولغان، ئاشۇ بەش يۈز دىرھەمگە باراۋەر كېلىدۇ، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بەرگەن تويلۇق مېھرى دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
موضوع الحديث استحباب تخفيف الصداق، وأنَّ ذلك هو المشروع؛ فخير الصداق أيسره، وخير النِّساء أيسرهن مؤنة, وفيه أن صداق النبي -صلى الله عليه وسلم- لزوجاته غالبًا اثنتا عشرة أوقية ونصف الأوقية، وهو -صلى الله عليه وسلم- القدوة الكاملة في العادات والعبادات، والأوقية أربعون درهمًا، فيكون خمسمائة درهم، وهذا خلاف ما يفعله الناس اليوم من المغالاة في المهور، والتفاخر بما يدفعون إلى المرأة وأوليائها، سواء أكان الزوج غنيًا أم فقيرًا، فهو يريد أن لا ينقص عن غيره في هذا المجال، مما أدى لتأخير الزواج.
726;ەدىسنىڭ تېمىسى: تويلۇق مېھرىنى يەڭگىل قېلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا بولۇپ، بۇ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان، تويلۇقنىڭ ئەڭ ياخشى ئاسان بولغىنى، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تويلۇق مېھرى ئاسان بولغىنىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا بەرگەن تويلۇق مېھرىمۇ ئاساسەن 12.5 ئۇقىيە ئەتراپىدا بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەمەل-ئىبادەت ۋە ئادەتلەردە بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىزدۇر، بىر ئۇقۇيە قىرىق دىرھەم بولۇپ 12،5 ئۇقىيە بەش يۈز دىرھەم بولىدۇ، بۇ ھازىرقى دەۋرىدە كىشىلەرنىڭ تويلۇق مېھرىنى ھەددىدىن زىيادە ئۆرلىتىۋەتكەنلىكىنىڭ ئەكسىدۇر. ئەر تەرەپ باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن، مۇشۇ تويلۇق مېھرىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پەخىرلىنىپ بولسىمۇ قىزغا ياكى ئۇنىڭ ۋەلىلىرىغا كۆپلەپ مېھرى ھەققى بېرىدۇ، بۇ ئاقىۋەتتە كېچىكىپ توي قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58103

 
Hadith   853   الحديث
الأهمية: يا غلام، سم الله، وكل بيمينك، وكل مما يليك


باشتېما:

ئى ئوغلۇم، «بىسمىللاھ» دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن ۋە ئالدىڭدىن يېگىن

عن عمر بن أبي سلمة قال: كنتُ غُلاما في حَجْرِ رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، وكانتْ يَدِي تَطِيشُ في الصَّحْفَة، فقالَ لِي رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «يا غُلامُ، سمِّ اَلله، وكُلْ بِيَمِينِك، وكُلْ ممَّا يَلِيكَ» فما زَالَتْ تِلك طِعْمَتِي بَعْدُ.

ئۆمەر ئىبنى ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەربىيىسىدىكى بالا ئىدىم، قولۇم لېگەندە پىقىرايتى، رەسۇلۇللاھ ماڭا: ئى ئوغلۇم، «بىسمىللاھ» دەپ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن ۋە ئالدىڭدىن يېگىن، دېدى. شۇنىڭدىن كىيىن تاماقنى ئەشۇ ئۇسۇلدا يەپ كەلدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان عمر بن أبي سلمة -رضي الله عنهما- ابنَ زوجة النبي -صلى الله عليه وسلم- أم سلمة -رضي الله عنها-, وكان في تربيته وتحت رعايته, وقد ذكر من حاله في هذا الحديث أنه كان أثناء الأكل يحرك يديه في جوانب القصعة ليلتقط الطعام, فعلَّمه النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث ثلاثة آداب من آداب الأكل:
أولها: قول "بسم الله" في بداية الأكل.
وثانيها: الأكل باليمين.
وثالثها: الأكل مما يليه؛ لأن أكله من موضع يد صاحبه سوء أدب, قال العلماء: إلا أن يكون الطعام أنواعًا مثل أن يكون فيه قرع وباذنجان ولحم وغيره, فلا بأس أن تتخطى يدك إلى هذا النوع أو ذاك, وكذلك لو كان الإنسان يأكل وحيدًا فلا حرج أن يأكل من الطرف الآخر لأنه لا يؤذي أحدًا في ذلك.
574;ۆمەر ئىبنى ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بالىسى ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تەربىيە ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئىدى، بۇ ھەدىستە ئۇ تاماق يېگەندە ئىككى قولى تاماقنى تاللاپ يېيىش ئۈچۈن لېگەننىڭ ھەر تەرەپلىرىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە ئۆزىگە تاماق يېيىش ئەدەپلىرىدىن ئۈچنى ئۈگەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، بىرىنچىسى: تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى «بىسمىللاھ» دېيىش، ئىككىنچىسى: ئوڭ قول بىلەن يېيىش، ئۈچۈنچىسى: ئالدىدىن يېيىش، چۈنكى باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى يېيىش ئەخلاقسىزلىق. ئۆلىمالار بۇ ھەقتە: تاماق كاۋا، چەيزە، گۆش ۋە باشقا تۈرلۈك نەرسىلەردىن پىشۇرۇلغان بولسا ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن ئېلىپ يىسە بولىدۇ، يەنە يالغۇز تاماق يېگەندە باشقىلارغا ئازار بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن قايسى تەرەپتىن يېسە بولىدۇ، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58120

 
Hadith   854   الحديث
الأهمية: مره فليراجعها، ثم ليمسكها حتى تطهر، ثم تحيض ثم تطهر، ثم إن شاء أمسك بعد، وإن شاء طلق قبل أن يمس، فتلك العدة التي أمر الله أن تطلق لها النساء


باشتېما:

ئۇنىڭغا ئېيتقىن ئايالى بىلەن يېنىشىۋالسۇن! ئاندىن ئايالى ھەيىزدىن پاك بولغۇچە ئەمرىدە تۇتۇپ تۇرسۇن، يەنە بىر ھەيىز كۆرۈپ پاك بولغاندىن كېيىن، ئەر-ئاياللىق قىلىشتىن بۇرۇن خالىسا تالاق قىلسۇن خالىسا ئەمرىدە ئېلىپ قالسۇن. مانا بۇ ئاللاھ تائالا ئاياللارنى تالاق قىلىشتا بەلگىلىگەن ئىددەتتۇر، دېگەن

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما-: أنه طَلَّق امرأته وهي حائض، على عَهْد رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فسأل عمر بن الخطاب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «مُرْهُ فليُرَاجِعْهَا، ثم ليُمْسِكْهَا حتى تَطْهُر، ثم تحيض ثم تَطْهُر، ثم إن شاء أَمسَكَ بَعْدُ، وإن شاء طلق قَبْل أن يَمَسَّ، فتلك العِدَّةُ التي أمر الله أن تُطَلَّقَ لها النساء».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا، ئايالىنى ھەيزدار ۋاقتىدا تالاق قىلغان. ئۆمەر بۇنىڭ ھۆكمىنى رەسۇلۇللاھتىن سوراپ كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە: ئۇنىڭغا ئېيتقىن ئايالى بىلەن يېنىشىۋالسۇن! ئاندىن ئايالى ھەيىزدىن پاك بولغۇچە ئەمرىدە تۇتۇپ تۇرسۇن، يەنە بىر ھەيىز كۆرۈپ پاك بولغاندىن كېيىن، ئەر-ئاياللىق قىلىشتىن بۇرۇن خالىسا تالاق قىلسۇن خالىسا ئەمرىدە ئېلىپ قالسۇن. مانا بۇ ئاللاھ تائالا ئاياللارنى تالاق قىلىشتا بەلگىلىگەن ئىددەتتۇر، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أفاد الحديث أن ابن عمر -رضي الله عنهما- طلق امرأته، -وقيل إن اسمها آمنة بنت غفار- حال الحيض، وأثناء العادة الشهرية، فذهب والده عمر -رضي الله عنه- إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- يخبره ويستفتيه، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "مره فليراجعها" يعني فأمر النبي -صلى الله عليه وسلم- عمر أن يأمر عبد الله بمراجعة زوجته، وإعادتها إلى عصمته، لأن الطلاق أثناء الحيض طلاق بدعي، وإنما أمر النبي -صلى الله عليه وسلم- بمراجعتها في تلك الحالة لئلا تطول عليها العدة؛ لأن الحيضة التي طُلِّقت فيها لن تحسب من الحيضات الثلاث التي تنقضي بها العدة، قال: "ثم ليمسكها"    أي عليه أن يبقيها في عصمته "حتى تطهر" من الحيضة التي طلقها فيها "ثم تحيض ثم تطهر" أي ثم تحيض حيضة أخرى ثم تطهر من الحيضة الثانية "ثم إن شاء أمسك بعد، وإن شاء طلق" أي إن شاء أبقاها في عصمته بعد الحيضة الثانية وإن شاء طلقها "قبل أن يمسَّ" أي قبل أن يجامع "فتلك" أي فالطلاق حال الطهر الذي لم يجامعها فيه: هو "العدة التي أمر الله أن تطلق لها النساء" أي هو الطلاق للعدة التي أذن الله أن تطلّق لها النساء في قوله تعالى: (إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ) أي عند إقبال العدة.
576;ۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرغان: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ھەيىزدار ۋاقتىدا تالاق قىلغان. ئايالىنىڭ ئىسمى: ئامىنە بىنتى غەپار ئىدى، دېيىلگەن. دادىسى ئۆمەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئابدۇللاھنىڭ قىلغان ئىشىدىن خەۋەر بېرىپ، بۇ ئىش توغرىسىدا پەتىۋا سورىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەرگە: «ئۇنىڭغا ئېيتقىن ئايالى بىلەن يېنىشىۋالسۇن» دېدى، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەرنى بۇيرۇپ، ئابدۇللاھغا ئېيتىقىن ئايالى بىلەن يېنىشىۋالسۇن دېدى، چۈنكى ھەيزدار ۋاقتىدا قىلىنغان تالاق بىدئەت تالاق بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يېنىشىۋېلىشقا بۇيرىشى، ئايالنىڭ ئىددىتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر، چۈنكى تالاق قىلىنغان ۋاقىتتىكى ھەيز دېگەن ئايالنىڭ ئىددىتى ئاخىرلىشىدىغان ئۈچ ھەيزنىڭ قاتارىدىن ھېسابلانمايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئايالىنى تالاق قىلىنغان ھەيزدىن پاك بولغۇچە ئەمرىدە چىڭ ساقلىسۇن، ئاندىن يەنە بىر ھەيز كۆرۈپ، ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ھەيزدىن پاك بولغاندا، خالىسا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلماستىن تالاق قىلىۋەتسۇن، خالىسا ئەمرىدە ساقلىسۇن، ئاشۇ ھەيزدىن پاك بولۇپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلماي پاك ھالىتىدە تالاق قىلىۋېتىش بولسا ئاللاھ تائالا ئاياللارنى تالاق قېلىۋىتىشكە بۇيرىغان ئىددەت ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىپ، (ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا) تۇتۇڭلار، ياكى ئۇلارنى ياخشىلىق بىلەن قويۇۋېتىڭلار»بەقەرە سۈرىسى 231-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58137

 
Hadith   855   الحديث
الأهمية: كان ابن عباس، يقول: «إذا حرَّم امرأته ليس بشيء» وقال: {لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة}


باشتېما:

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالسا، تالاق ئەمەس» دەيتتى ۋە ئاللاھ ئېيتتى: {ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدە سىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار}

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- أنه كان يقول: «إذا حَرَّمَ امرأته ليس بشيء» وقال: {لقد كان لكم في رسول الله أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ} [الأحزاب: 21]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالسا، تالاق ئەمەس» دەيتتى ۋە ئاللاھ ئېيتتى: {ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدە سىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار}[ئەھزاب سۈرىسى: 21-ئايەت]

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الأثر أن الرجل إذا قال لزوجته: أنت علي حرام أو محرمة وما أشبه ذلك، فليس التحريم بطلاق، وإنما يكون يمينًا، فيه كفارة اليمين؛ كما قال -تعالى-: {ياأيها النبي لم تحرم ما أحل الله لك تبتغي مرضات أزواجك والله غفور رحيم * قد فرض الله لكم تحلة أيمانكم} [التحريم: 1 - 2]، أي: شرع الله لكم تحليل أيمانكم بأداء الكفارة المذكورة في سورة المائدة.
574;ەسەرنىڭ مەنىسى: ئەگەر ئەر ئايالىغا: سەن ماڭا ھارام دېسە، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزنى قىلسا، بۇ تالاق بىلەن ھارام قىلىنغانغا ئوخشاش ئەمەس، ئېنىقكى، بۇ سۆز قەسەم بولۇپ، ئۇنىڭدا قەسەمنىڭ كەپپارىتى بار، ئاللاھ تائالا دېگەندەك: {ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئاللاھ سىلەرگە (كەپپارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى} [تەھرىم سۈرىسى 1-2 - ئايەت]، يەنى مائىدە سۈرىسىدە تىلغا ئالغاندەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قەسەمدىن چىقىشىڭلار ئۈچۈن كەپپارەت ئادا قىلىشنى يولغا قويدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58145

 
Hadith   856   الحديث
الأهمية: لا نذر لابن آدم فيما لا يملك، ولا عتق له فيما لا يملك، ولا طلاق له فيما لا يملك


باشتېما:

ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى نەزىر قىلىش، ئازات قىلىش ۋە تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ

عن عمرو بن شعيب، عن أبيه، عن جده قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا نَذْرَ لابن آدم فيما لا يملك، ولا عِتْقَ له فيما لا يملك، ولا طلاق له فيما لا يمْلِك».

ئەمىر ئىبنى شۇئەيب دادىسىدىن، دادىسى بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى نەزىر قىلىش، ئازات قىلىش ۋە تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يبين النبي -صلى الله عليه وسلم- أنَّ التصرف لا يصح ولا ينفذ إلاَّ فيما يملكه الإنسان، أمَّا الشيء الذي ليس تحت تصرفه فلا يجوز ولا يصح تصرفه فيه؛ من ذلك النذر فلا يصح ولا ينعقد في شيء لا يملكه الناذر حين نذره، حتى ولو ملكه بعده فلا يلزمه الوفاء به، ولا كفارة عليه، وأيضًا العتق، فلا يصح أن يعتق رقيقًا لا يملكه؛ لأنَّ تصرفه لم يقع محله، وكذلك الطلاق لا يصح من رجل على امرأة أجنبية ليست زوجة له؛ فـ"إنَّما الطلاق لمن أخذ بالساق"، وقال -صلى الله عليه وسلم-: "لا طلاق فيما لا يملك".
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدە قىلغان ئىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ۋە ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، «ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولمىغان نەرسىنى ئىشلىتىش توغرا ئەمەس» دېيىلگەن ئىشلار قاتارىغا نەزرە قىلىشمۇ كىرىدىغان بولۇپ، نەزىر قىلغۇچى نەزىر قىلغان ۋاقىتتا ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىدە قىلغان نەزىرىسى توغرا ئەمەس، ھەم ئېتىبارغا ئىلىنمايدۇ، كىيىن ئۇ نەرسىگە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ قىلغان نەزىرىسىگە ۋاپا قىلىش كېرەك ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭغا كاپارەت بەرمىسىمۇ بولىدۇ. قۇل ئازات قىلىشمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، ئىشنى ئۆز ئورنىدا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان قۇلنى ئازات قىلىشىمۇ توغرا ئەمەس، يەنە، ئەر كىشنىڭ خوتۇنى بولمىغان يات بىر ئايالغا قىلغان تالىقىمۇ توغرا ئەمەس، «تالاق پاچاقنى تۇتقان ئادەمگە مەنسۈپ»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «ئىگە بولمىغان ئايالنى تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ» دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58147

 
Hadith   857   الحديث
الأهمية: طَلَّقْتَ لغير سنة، وراجعتَ لغير سنة، أشهد على طلاقها، وعلى رجعتها، ولا تعد


باشتېما:

تالاقنى ۋە يېنىشىۋېلىشنى سۈننەتكە خىلاپ ھالدا قىلىپسەن!، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتقىن!، بۇ ئىشنى قايتا قىلمىغىن

عن عمران بن حصين -رضي الله عنهما- أنه سُئِلَ عن الرجل يُطلِّق امرأته، ثم يَقَعُ بها، ولم يُشْهِدْ على طلاقها، ولا على رَجْعَتِهَا، فقال: "طَلَّقْتَ لِغَيْرِ سُنَّةٍ، وَرَاجَعْتَ لِغَيْرِ سُنَّةٍ، أَشْهِدْ على طلاقها، وعلى رَجْعَتِهَا، ولا تَعُدْ".

ئىمران ئىبنى ھۈسەيندىن: ئايالىنى تالاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورالغان ئىدى، ئىمران ئىبنى ھۈسەين: «سۈننەتكە خىلاپ تالاق قىلىپ، سۈننەتكە خىلاپ يىنىشىۋاپسەن!، تالاق قىلغاندىمۇ، يېنىشىۋالغاندىمۇ گۇۋاھلاتقىن ۋە بۇ ئىشنى قايتا قىلمىغىن!» دەپ جاۋاب بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث سئل عمران بن حصين -رضي الله عنهما- عن رجل طلق امرأته, ثم جامعها بعد أن راجعها, من دون أن يشهد على الطلاق ولا على الرجعة, فأجاب -رضي الله عنه- بأن هذا المطلق قد خالف السنة في الحالين, في طلاقها ابتداء حين لم يشهد, وفي رجعتها ثانيًا حين لم يشهد أيضًا, وأمَره    بالإشهاد على طلاقها, وعلى رجعتها, وأن لا يعود لمثل هذا العمل.
576;ۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن، ئاندىن يېنىشىۋىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان، تالاق قىلغانلىقىغا ۋە يىنىشىۋالغانلىقىغا گۇۋاھلاتمىغان كىشى توغرۇلۇق پەتىۋا سورالغان ئىدى، ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «تالاق قىلغۇچى باشتا گۇۋاھلاتماي تالاق قىلغان، كىيىن گۇۋاھلاتماي يېنىشىۋالغان ئىككىلا ھالەتتە سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئۇنى تالاق قىلغىنىنى ۋە يىنىشىۋالغىنىنى گۇۋاھلىتىشقا، بۇنداق ئىشنى قايتا قىلماسلىققا بۇيرىغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58149

 
Hadith   858   الحديث
الأهمية: إذا مضت أربعة أشهر: يوقف حتى يطلق، ولا يقع عليه الطلاق حتى يطلق

Esin Hadith Text Uyghur


(«ئايالىمغا يېقىن كەلمەيمەن» دەپ قەسەم قىلىپ، يېقىنلاشماي) تۆت ئاي ئۆتسە، تالاق قىلغۇچە توختىتىپ قويىلىدۇ، تالاق قىلمىسا (مۇددەتنىڭ ئۆتكەنلىكىگە) تالاق بولمايدۇ

عن ابن عمر قال: "إذا مَضَتْ أربعة أشهر: يُوقَفُ حتى يُطَلِّقَ، ولا يَقَعُ عليه الطلاق حتى يُطَلِّقَ".

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: («ئايالىمغا يېقىن كەلمەيمەن» دەپ قەسەم قىلىپ، يېقىن كەلمەي) تۆت ئاي ئۆتسە، تالاق قىلغۇچە توختىتىپ قويىلىدۇ، تالاق قىلمىسا (مۇددەتنىڭ ئۆتكەنلىكىگە) تالاق بولمايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يبين ابن عمر -رضي الله عنهما- أنَّ مدة الإيلاء المباح هي أربعة أشهر، وأن ما زاد عليها، فغير مأذون فيه، وإنما يجب على المولي أن يفيء أو يطلق، وأن الطلاق أو انفساخ النكاح، لا يكون بمجرد مضي أربعة أشهر قبل الفيئة، وإنما النكاح باقٍ، ولا يقع الطلاق حتى يطلق الزوج، ولو بإجباره من الحاكم؛ لأن هذا إكراهٌ بحقٍّ.
576;ۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رۇخسەت قىلىنغان «ئىيلا» (ئايالىغا يىقىنلاشماسلىق قەسىمى) مۇددىتىنىڭ تۆت ئاي بولىدىغانلىقىنى، تۆت ئايدىن ئاشۇرۋىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، قەسىمىدىن يېنىشى ياكى ئايالىنى تالاق قىلىشى كېرەكلىكىنى، قەسەمدىن يانمىسا، تالاق ياكى نىكاھنىڭ بۇزىلىشى تۆت ئاينىڭ ئۆتىشىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى نىكاھ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولسىمۇ ئەر تالاق قىلمىغۇچە تالاق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58151

 
Hadith   859   الحديث
الأهمية: حديث سلمة بن صخر -رضي الله عنه- في الظهار


باشتېما:

سەلەمە ئىبنى سەخرىنىڭ زىھار ھەققىدىكى ھەدىسى

عن سلمة بن صخر -رضي الله عنه- قال: كُنْتُ امْرَأً أُصِيبُ من النساء ما لا يُصِيبُ غيري، فلما دخل شهر رمضان خِفْتُ أن أصيب من امرأتي شيئا يُتَابَعُ بي حتى أصبح، فَظَاهَرْتُ منها حتى يَنْسَلِخَ شهر رمضان، فَبَيْنَا هي تَخْدُمُنِي ذات ليلة، إذ تَكَشَّفَ لي منها شيء، فلم أَلْبَثْ أن نَزَوْتُ عليها، فلما أصبحت خرجت إلى قومي فأخبرتهم الخبر، وقلت امشوا معي إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، قالوا: لا والله. فانطلقت إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- فأخبرته، فقال: «أنت بِذَاكَ يا سلمة؟»، قلت: أنا بذاك يا رسول الله -مرتين- وأنا صابر لأمر الله، فاحكم فيَّ ما أراك الله. قال: «حَرِّرْ رقبة»، قلت: والذي بعثك بالحق ما أملك رقبة غيرها، وضربت صَفْحَةَ رَقَبَتِي، قال: «فصم شهرين متتابعين»، قال: وهل أصبت الذي أصبت إلا من الصيام؟ قال: «فأطعم وَسْقًا من تمر بين ستين مسكينًا»، قلت: والذي بعثك بالحق لقد بِتْنَا وَحْشَيْنِ ما لنا طعام، قال: «فانطلق إلى صاحب صَدَقَةِ بَنِي زُرَيْقٍ فَلْيَدْفَعْهَا إليك، فأطعم ستين مسكينًا وسقًا من تمر وكُلْ أنت وعِيَالُكَ بَقِيَّتَهَا»، فَرَجَعْتُ إِلَى قَوْمِي، فقلت: وجدت عندكم الضِّيقَ، وَسُوءَ الرَّأْيِ، ووجدت عند النبي -صلى الله عليه وسلم- السَّعَةَ، وَحُسْنَ الرَّأْيِ، وَقَدْ أَمَرَنِي -أَوْ أَمَرَ لِي- بِصَدَقَتِكُمْ.

سەلەمە ئىبنى سەخردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن باشقىلارغا قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئىدىم. رامىزان ئېيى كىرگەندە، يېقىنچىلىقنىڭ تاكى تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە داۋام قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رامىزان چىققۇچە ئايالىمنى زىھار قىلدىم. بىر كېچىسى، ئايالىم مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىۋاتاتتى، توساتتىن كۆزۈم ئۇنىڭ بەزى يەرلىرىگە چۈشۈپ قالدى - دە، ئۆزەمنى تۇتالماي، ئۇنىڭغا ئېتىلدىم. تاڭ ئاتقاندا چىقىپ، جامائەتكە ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم ۋە ئۇلاردىن مەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىرگە بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزەم يالغۇز بېرىپ ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى سەلەمە! سەن شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: شۇنداق، ئۇ ئىشنى قىلىپ سالدىم. ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ قانداقلا بۇيرۇقى بولسا، مەن سەۋر قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ئاللاھنىڭ ساڭا كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! دېدىم. بىر قۇل ئازاد قىل! دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا گەدىنىم يوق، ـ دەپ، ئۆز گەدىنىمگە پاققىدە بىرنى سالدىم. ئۇنداقتا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقىن! دېدى. بۇ خاتالىقنى روزا ئېيىدا ئۆتكۈزمىدىممۇ؟ ـ دېدىم. ئۇنداقتا، ئاتمىش مىسكىنگە ئاتمىش سا خورما بەر! ـ دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىزدە يەيدىغان بىر نەرسە بولمىغاچقا، قورساق ئاچ ياتقانىدۇق، دېدىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنداقتا، سەن بەنى زۇرەيق قەبىلىسىدىن يىغىلغان سەدىقىگە قارىغۇچىنىڭ يېنىغا بار. ئۇ ساڭا شۇ سەدىقىنى بەرسۇن، سەن ئۇنىڭدىن ئاتمىش سانى ئاتمىش مىسكىنگە بېرىپ، قالغىنىنى ئايال - بالىلىرىڭ بىلەن يېگىن! ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن قەۋمىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: سىلەرگە ئەھۋالنى دېسەم، ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يامان تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇڭلار. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغانىدىم، ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ياخشى پىكىر بەردى ۋە سىلەرنىڭ سەدىقەڭلارنى ماڭا بۇيرۇپ بەردى، دېدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أراد الصحابي سلمة بن صخر -رضي الله عنه- الامتناع من جماع زوجه في رمضان لقوة شهوته فظاهر منها، خشية أن يستمر في جماعها فيطلع عليه الفجر وهو كذلك، إلا أنه رأى منها ليلة ما يدعوه إلى جماعها فجامعها، وخاف من تبعات هذه المعصية فأمر قومه أن يذهبوا معه لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- ويسألوا عن الحكم في هذه المسألة ويعتذروا عنه، فرفضوا الذهاب معه فذهب بنفسه وعرض مسألته على رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فقال له أنت فاعل ذلك الفعل والمرتكب له، فأجاب بنعم، فأخبره النبي -عليه الصلاة والسلام- بما عليه من حكم الله في هذه المسألة، وهي أن يعتق رقبة، فإن لم يجد صام شهرين متتابعين، فإن لم يستطع أطعم ستين مسكينًا، فأخبره بضعف حاله وقلة ذات يده وعدم ملكه للرقبة ولا للطعام، فأمر له -عليه الصلاة والسلام- بصدقة قومه أن يدفعوا له تمرًا ليكفر به عن ظهاره ثم يطعم الباقي أهله وعياله.
587;ەلەمە ئىبنى سەخردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن باشقىلارغا قارىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ ئۆتكۈزىدىغان كىشى ئىدىم. رامىزان ئېيى كىرگەندە، يېقىنچىلىقنىڭ تاكى تاڭ ئېتىپ كەتكۈچە داۋام قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رامىزان چىققۇچە ئايالىمنى زىھار قىلدىم. بىر كېچىسى، ئايالىم مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىۋاتاتتى، توساتتىن كۆزۈم ئۇنىڭ بەزى يەرلىرىگە چۈشۈپ قالدى - دە، ئۆزەمنى تۇتالماي، ئۇنىڭغا ئېتىلدىم. تاڭ ئاتقاندا چىقىپ، جامائەتكە ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم ۋە ئۇلاردىن مەن بىلەن بىرگە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلار رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزەم يالغۇز بېرىپ ئەھۋالنى يەتكۈزدۈم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئى سەلەمە! سەن شۇ ئىشنى قىلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: شۇنداق، ئۇ ئىشنى قىلىپ سالدىم. ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھنىڭ قانداقلا بۇيرۇقى بولسا، مەن سەۋر قىلىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشىمغا ئاللاھنىڭ ساڭا كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن! دېدىم. بىر قۇل ئازاد قىل! دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا گەدىنىم يوق، ـ دەپ، ئۆز گەدىنىمگە پاققىدە بىرنى سالدىم. ئۇنداقتا، ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتقىن! دېدى. بۇ خاتالىقنى روزا ئېيىدا ئۆتكۈزمىدىممۇ؟ ـ دېدىم. ئۇنداقتا، ئاتمىش مىسكىنگە ئاتمىش سا خورما بەر! ـ دېدى. مەن: سېنى ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىزدە يەيدىغان بىر نەرسە بولمىغاچقا، قورساق ئاچ ياتقانىدۇق، دېدىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنداقتا، سەن بەنى زۇرەيق قەبىلىسىدىن يىغىلغان سەدىقىگە قارىغۇچىنىڭ يېنىغا بار. ئۇ ساڭا شۇ سەدىقىنى بەرسۇن، سەن ئۇنىڭدىن ئاتمىش سانى ئاتمىش مىسكىنگە بېرىپ، قالغىنىنى ئايال - بالىلىرىڭ بىلەن يېگىن! ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن قەۋمىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ: سىلەرگە ئەھۋالنى دېسەم، ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يامان تەرىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇڭلار. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بارغانىدىم، ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ياخشى پىكىر بەردى ۋە سىلەرنىڭ سەدىقەڭلارنى ماڭا بۇيرۇپ بەردى، دېدىم   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58155

 
Hadith   860   الحديث
الأهمية: بلى فجدي نخلك، فإنك عسى أن تصدقي، أو تفعلي معروفًا


باشتېما:

چىقىپ خورما يىغىپ كېلىۋىرىڭ، بەلكى سىز ئۇ خورمىلارنى سەدىقە قىلارسىز، ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلارسىز

عن جابر بن عبد الله قال: طُلِّقَتْ خالتي، فأرادت أن تَجُدَّ نَخْلَهَا، فَزَجَرَهَا رجل أن تخرج، فأتت النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال: «بلى فَجُدِّي نَخْلَكِ، فإنك عسى أن    تَصَدَّقِي، أو تفعلي معروفا».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ھاممام يولدىشىدىن سۆزىنى ئالغاندا، ئۇ ئىددەت جەريانىدا خورمىزارلىققا چىقىپ خورما يىغىشقا ماڭغاندا بىر كىشى ئۇنى سىرىتتا يۈرۈشتىن توستى. ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىلىپ بۇ ھەقتە سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: بەلكى چىقىپ خورما يىغىپ كېلىڭ، بەلكى سىز ئۇ خورمىلارنى سەدىقە قىلارسىز، ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلارسىز، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أفاد    الحديث أن خالة جابر -رضي الله عنهما- طلقها زوجها، فأرادت في وقت العدة أن تجد نخلها    فمنعها رجل من ذلك، فسألت النبي -صلى الله عليه وسلم- فأخبرها بأنه لا حرج عليها في الخروج، وهذا يفيد أنَّ المطلقة طلاقًا بائنًا في عدتها ليست كالمتوفَّى عنها في عدة الوفاة، فلها الخروج لحاجتها متى شاءت، مع أنَّ الأفضل على وجه العموم: أنَّ بقاء المرأة في بيتها أفضل لها وأصون؛ فإنَّ النَّبي -صلى الله عليه وسلم- قال: "بيوتهن خير لهن"، هذا في حق العبادة، والصلاة مع المسلمين، وسماع الخير؛ فكيف مع غير ذلك؟
576;ۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرغان، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھاممىسى يولدىشى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەندە خورمىزارلىققا چىقىپ خورما يىغىشقا ماڭغان، شۇ ۋاقىتتا بىر كىشى ئۇنى سىرتتا يۈرۈشتىن توسقان. ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ھەقتە سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ: بەلكى چىقىپ خورما يىغىپ كېلىڭ، بەلكى سىز ئۇ خورمىلارنى سەدىقە قىلارسىز ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلارسىز، دېگەن، بۇنىڭدىن كەسكىن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى، ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشىغا ئوخشىمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئومۇمەن ئىددەت ئېچىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشى ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولسىمۇ ئەمما كەسكىن تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرى ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر» دېگەن، بۇ ئىبادەت قىلىش، مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇش ۋە ياخشى ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدىغانلار ئۈچۈن بولسا، باشقىلار ئۈچۈن قانداق بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58163

 
Hadith   861   الحديث
الأهمية: امكثي في بيتك حتى يبلغ الكتاب أجله، قالت: فاعتددت فيه أربعة أشهرٍ وعشرًا


باشتېما:

ۋاپات بولغۇچىغا تۇتىدىغان ھازىنىڭ مۇددىتى توشقىچە ئۆيۈڭىزدە تۇرۇڭ، ئۇ ئايال: ئېرىمنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتتۇم دېدى

عن الفُرَيْعَةَ بنت مالك بن سنان، وهي أخت أبي سعيد الخدري -رضي الله عنهما- أنها جاءت إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- تسأله أن ترجع إلى أهلها في بني خُدْرَةَ، فإن زوجها خرج في طلب أَعْبُدٍ له أَبَقُوا، حتى إذا كانوا بِطَرَفِ الْقَدُومِ لحقهم فقتلوه، فسألت رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: أن أرجع إلى أهلي، فإني لم يتركني في مسكن يملكه، ولا نفقة؟ قالت: فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «نعم»، قالت: فخرجت حتى إذا كنت في الحُجْرَةِ، أو في المسجد، دعاني، أو أمر بي، فَدُعِيتُ له، فقال: «كيف قلت؟»، فرددت عليه القصة التي ذكرت من شأن زوجي، قالت: فقال: «امْكُثِي في بيتك حتى يبلغ الكتاب أَجَلَهُ»، قالت: فاعتددت فيه أربعة أشهرٍ وعشرًا، قالت: فلما كان عثمان بن عفان أرسل إِلَيَّ فسألني عن ذلك، فأخبرته فَاتَّبَعَهُ، وقضى به.

پۇرەيئە بىنتى مالىك ئىبنى سىنان رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ئۇ ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ بەنى خەدرە مەھەللىسىدىكى ئائىلىسىگە قايتىشنى سورايدۇ، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۆزىنىڭ قىچىپ كەتكەن قۇلىنى ئىزدەپ چىققان بولۇپ، مەدىنىگە ئون كىلۇمىتىر كېلىدىغان جايدا ئۇلارغا يېتىشىۋالغاندا ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ئېدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆز ئائىلىسىگە قايتىشنى سوراپ: ئېرىم ماڭا ئولتۇرىدىغانغا ئۆي ۋە خىراجەت قىلىدىغان بىر نەرسە قويۇپ قويمىدى؟ دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «ئۆيىڭىزگە قايتسىڭىز بولىدۇ» دېدى. ئۇ ئايال سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن چىقىپ تاشقىرى ئۆيگە ياكى مەسچىتكە چىققان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى چاقىردى ياكى بىر كىشىنى مېنى چاقىرىشقا بۇيرىدى، مەن قايتىپ كىرسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماڭا نېمە دېگەن ئېدىڭىز؟ دېدى، مەن ئېرىمنىڭ ئەھۋالىنى قايتىدىن سۆزلەپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئېرىڭىزنىڭ ئىددەت ۋاقتىنى تۈگەتكىچە ئۆيىڭىزدە تۇرۇڭ دېدى، مەن ئۇ ئۆيدە تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتتۇم دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ خىلاپەت دەۋرىدە ئۇ ۋەقەلىكنى سوراپ مېنىڭ يېنىمغا ئادەم ئەۋەتىپتۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدىم، ئۇ كىشى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان أنَّ هذه الصحابية توفي زوجها وأرادت أت تعتد في غير البيت الذي كانت فيه مع زوجها، فأخبرها النبي -عليه الصلاة والسلام- بأن الله فرض عليها أن تلازم بيتها حتى تنقضي عدتها، فهذا الحديث أصل في أن المتوفَّى يجب عليها أنْ تقضي عدتها وحدادها في البيت الذي توفي زوجها وهي تسكنه، وأنَّه لا يحل لها الانتقال منه حتى يبلغ الكتاب أجله بانقضاء عدتها وحدادها؛ وذلك بوضع الحمل إنْ كانت حاملًا، أو بإتمام أربعة أشهر وعشرة أيام لغير ذات الحمل.
576;ۇ ھەدىستە ئېرى ۋاپات بولغان ساھابە ئايالنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئايال ئېرى بىلەن بىرگە تۇرغان ئۆيدىن باشقا بىر جايغا بېرىپ ئىددەت تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىزنى سورىغان،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا ئاللاھ تائالانىڭ ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالغا ئىددىتى توشۇپ بولغىچە ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقنى بېكىتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، بۇ ھەدىس ئېرى ۋاپات بولغان ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىددىتىنى ۋە ئېرىگە قارىلىق تۇتۇشىنى ئىلگىرى ئۆزى ئېرى بىلەن بىرگە ياشىغان ئۆيدە تاماملىشى كېرەكلىكىنى، ئىددەت ۋاقتى توشماستىن ئۇ ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئەسلى قائىدىدۇر، ئىددەتنىڭ تامام بولىشى ھامىلدار ئايال بولسا بالىسىنى تۇغۇش بىلەن، ھامىلدار بولمىسا تۆت ئاي ئون كۈننى تولۇقلاش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58164

 
Hadith   862   الحديث
الأهمية: أيما امرأة فقدت زوجها فلم تدر أين هو؟ فإنها تنتظر أربع سنين، ثم تعتد أربعة أشهر وعشرا ثم تحل


باشتېما:

ئېرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ئايال تۆت يىل كۈتىدۇ، ئاندىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن تۇرمۇشلۇق بولسا بولىدۇ

عن عمر بن الخطاب أنه قال: «أَيُّمَا امرأة فَقَدَتْ زوجها فلم تَدْرِ أين هو؟ فإنها تَنْتَظِرُ أَرْبَعَ سِنِينَ، ثم تَعْتَدُّ أَرْبَعَةَ أشهر وعشرا ثم تَحِلُّ».

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دېگەن: ئېرىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئايال تۆت يىل كۈتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن تۇرمۇشلۇق بولسا بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يبين عمر -رضي الله عنه- أنَّ امرأة المفقود تنتظر مدة أربع سنين منذ فقدت زوجها، ثم تعتد أربعة أشهر وعشراً، ثم تتزوج، وقد حمل الفقهاء هذا الأثر وأمثاله على من غلب على الظن موته وهلاكه،كمن فقد في قتال أو في غرق ونحو ذلك.
576;ۇ ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېرى يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ يوقالغاندىن باشلاپ تۆت يىل كۈتىدىغانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن ياتلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەسەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا ياكى سۇغا چۆكۈپ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەن يوقاپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆلگەنلىكى ۋە ھالاك بولغانلىقىغا گۇمان كۈچلۈك بولغانلارغا دەلىل قىلغان   --  شەيخ ئەلبانىينىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان ھۆكمىنى تاپالمىدىم   →   ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58170

 
Hadith   863   الحديث
الأهمية: لا توطأ حامل حتى تضع، ولا غير ذات حمل حتى تحيض حيضة


باشتېما:

ھامىلىدار (دېدەك) تۇغمىغىچە، ھامىلدار ئەمەسلىرى، بىر قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكلانمىغىچە جىما قىلىنمايدۇ

عن أبي سعيد -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال في سَبَايَا أَوْطَاس: «لا    تُوطَأُ حَامِلٌ حتى تَضَعَ، ولا غَيْرُ ذَاتِ حَمْلٍ حتى تَحِيضَ حَيْضَةً».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھامىلىدار (دېدەك) تۇغمىغىچە، ھامىلىدار ئەمەسلىرى، بىر قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكلانمىغىچە جىما قىلىنمايدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر أبو سعيد الخدري -رضي الله عنه- بأنه في أوطاس -مكان قرب مكة- نهى النَّبي -صلى الله عليه وسلم- أنْ توطأ المرأة التي أخذت في الجهاد من الكفار حتى تُعْلَم براءة رحمها، بوضع حملها، وحتى تطهر من نفاسها، وأما السالمة من الحمل فلا توطأ حتى تحيض حيضة، لأنا لا نعلم براءة رحمها إلا بالحيض، وقيس على المسبية غيرها كالمشتراة والمتملكة من الإماء بأي وجه من وجوه التملك.
574;ەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەۋتاس دېگەن جايدا (مەككىگە يېقىن بىر جاي) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، جىھادتا كاپىرلاردىن تارتىۋېلىنغان ئايالنىڭ (دېدەكنىڭ) بالا ياتقۇسىنىڭ تۇغۇش بىلەن خالى ئىكەنلىكى بىلىنىپ، نىپاسىدىن پاكلانغىچە ئۇنىڭ بىلەن جىما قىلىشتىن چەكلىدى، ئەگەر ھامىلەدىن خالى بولسا ھەتتاكى بىر ھەيىز كۆرگەنگە قەدەر جىما قىلىنمايدۇ، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بالا ياتقىسىنىڭ خالىلىقىنى پەقەت ھەيىز كۆرۈش بىلەنلا بىلەلەيمىز. ئۇنداق دېدەكلىككە تۇتۇلغانلارغا ئۇنىڭدىن باشقا سېتىۋېلىنغان ياكى قانداق يول بىلەن بولسۇن قول ئىلكىگە ئۆتۈپ قالغان دېدەكلەرنى قىياس قىلساڭ بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58173

 
Hadith   864   الحديث
الأهمية: كان فيما أنزل من القرآن: (عشر رضعات معلومات يحرمن)، ثم نسخن، بخمس معلومات، فتوفي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وهن فيما يقرأ من القرآن


باشتېما:

نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارە بار ئىدى، كېيىن بۇھۆكۈم: «ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتۇق

عن عائشة، أنها قالت: "كان فِيمَا أُنْزِلُ من القرآن: (عَشْرُ رَضَعَاتٍ مَعْلُومَاتٍ يُحَرِّمْنَ)، ثم نُسِخْنَ بِخَمْسٍ مَعْلُومَاتٍ، فَتُوُفِّيَ رَسُولُ الله -صلى الله عليه وسلم-، وهُنَّ فِيمَا يُقْرَأُ من القرآن".

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارەت بار ئىدى، كېيىن بۇھۆكۈم:«ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان أنَّ الرضاع المحرِّم كان في أول الأمر عشر رضعات نزل بها القرآن، فنسخ لفظه وحُكمه، إلى خمس رضعات يحرمن، وتوفي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وهنَّ مما يقرأ، لتَأَخَّرَ إِنْزالُ الناسخ جدًّاً، حتى خفي على بعض الناس، وكان يقرأ الآية المنسوخة على انها من القرآن.
576;ۇ ھەدىستە چەكلەنگەن ئىمىلداشلىق ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئون قېتىم ئېمىش بولۇپ بۇ توغرىدا ئايەت نازىل بولغان، كېيىن بۇ ئايەتنىڭ تىكىستى ۋە ھۆكمى ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتتۇق. بۇ ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئايەت بەك كېچىكىپ نازىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم بەزى كىشىلەرگە مەخپى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتنىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيدىغانلىقى بايان قىلىنغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58176

 
Hadith   865   الحديث
الأهمية: كفى بالمرء إثمًا أن يحبس عمن يملك قوته


باشتېما:

كىشىنىڭ ئوزۇقلىقى ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەردىن (تەمىناتنى) قىسىپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناھتۇر

عن خَيْثَمَةَ، قال: كنا جلوسًا مع عبد الله بن عمرو، إذ جاءه قَهْرَمَانٌ له فَدَخَلَ، فقال: أَعْطَيْتَ الرَّقِيقَ قُوتَهُمْ؟ قال: لا، قال: فَانْطَلِقْ فَأَعْطِهِمْ، قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «كَفَى بِالْمَرْءِ إِثْمًا أَنْ يَحْبِسَ عَمَّنْ يَمْلِكُ قُوتَهُ».

خەيسەمەدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: بىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئامبارچىسى كېرىپ كەلدى، ئۇ، ئۇنىڭدىن: «قۇللارنىڭ يىمەكلىكىنى بەردىڭمۇ؟» دەپ سورىغانتى، ئۇ كىشى: «ياق» دېدى، ئابدۇللاھ: «بېرىپ ئۇلارغا (يىمەكلىكىنى) بەرگىن!»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىشىنىڭ ئوزۇقلىقى ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەردىن (تەمىناتنى) قىسىپ قويۇشى يېتەرلىك گۇناھتۇر» دېگەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يبين عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما- عظم مسؤولية الإنسان عمن تلزمه نفقتهم، وذلك عندما علم أنَّ الخازن لم يعطِ المماليك نفقاتهم،    فذكر حديث النبي -صلى الله عليه وسلم- الذي فيه أنّ تضييع الإنسان وإهماله لمن تحت يده ببخله وإمساكه النفقة عنه من أكبر أسباب الإثم.
576;ۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئامبارچىسىنىڭ قۇللارغا تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئىنساننىڭ تەمىناتى ئۆزىگە قاراشلىق بولغان كىشىلەر ھەققىدىكى مەسئۇلىيتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنساننىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا بېخىللىق قىلىپ سەل قارىشى، ۋە تەمىناتىنى تۇتۇپ قىلىشى گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58183

 
Hadith   866   الحديث
الأهمية: هذا أبوك، وهذه أمك فخذ بيد أيهما شئت


باشتېما:

بۇ سېنىڭ داداڭ، بۇ سېنىڭ ئاپاڭ، ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ قولىنى تۇتۇشنى خالىساڭ، شۇنىڭ قولىنى تۇتقىن

عن أبي ميمونة سلمى مولى من أهل المدينة رجلُ صِدق، قال: بينما أنا جالس مع أبي هريرة، جاءته امرأة فارِسَيّة معها ابنٌ لها فادَّعَيَاه، وقد طلَّقَها زوجُها، فقالت: يا أبا هريرة، ورَطَنَت له بالفارسية، زوجي يريد أن يذهب بابني، فقال أبو هريرة: اسْتَهِما عليه ورَطَنَ لها بذلك، فجاء زوجها، فقال: مَن يُحاقُّني في ولدي، فقال أبو هريرة: اللهم إني لا أقول هذا إلا أني سمعت امرأةً جاءت إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، وأنا قاعد عنده، فقالت: يا رسول الله، إن زوجي يريد أن يذهب بابني، وقد سقاني من بِئر أبي عِنَبَة، وقد نفعني، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- اسْتَهِما عليه، فقال زوجها: من يُحَاقُّنِي في ولدي؟ فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «هذا أبوك، وهذه أمك فخُذْ بيدِ أيِّهما شِئت»، فأخذ بيد أمِّه، فانطلقت به.

مەدىنە ئەھلىدىن بولغان، سەمىمى، بىر كىشىنىڭ ئازات گەردىسى، ئەبۇ مەيمۇنە سەلما دېگەن كېشى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:بىز ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئولتۇراتتۇق، ئۇنىڭ يېنىغا بىر پارىس ئايال كەلدى، ئۇ ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى بار ئىدى، ئېرى ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۇ بالىنى تالىشىپ قالغان ئىكەن، ئۇ ئايال: ئەي ئەبۇ ھۇرەيرە! دەپ پارىسچە تەلەپپۇزدا سۆز باشلىدى: ئېرىم بۇ بالامنى مەندىن ئېلىۋالىمەن دەيدۇ دېدى، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىككىڭلار چەك تارتىڭلار، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن دېدى، چەكتە بالا ئايالغا چىقتى، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى كىلىپ: مەندىن بالامنى كىم تارتىۋالىدىكەن؟ دېدى. ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغاننى دەيمەن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا ئولتۇرسام بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كېلىپ: ئېرىم مەندىن بۇ بالامنى ئېلىۋالىمەن دەيدۇ، بۇ بالام ماڭا ئەبۇ ئىنەبە قۇدۇقىدىن سۇ ئەكىلىپ خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، ماڭا ياردەملىشىۋاتىدۇ دىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا چەك تارتىڭلار دىدى، ئېرى: مەندىن بالامنى كىم تارتىۋالىدۇ؟ دىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ بالىغا:«بۇ سىنىڭ داداڭ، بۇ سىنىڭ ئاپاڭ، ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ قولىنى تۇتۇشنى خالىساڭ، شۇنىڭ قولىنى تۇتقىن»دىدى، بالا ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتتى، ئايال بالىنى ئېلىپ كەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان وجوب تحقيق مصالح الطفل؛ وذلك أن هذه المرأة قد فارقت زوجها وبقي معها الطفل، وكأنه قد صار منها مانع يمنع استمرار الطفل في حضانتها مع حاجتها له، وهو أيضًا يحتاج إلى رعايتها وحفظها مع عدم قدرة الوالد عل فعل ذلك، فأخبر حينئذ أبو هريرة    بما سمعه من النبي -صلى الله عليه وسلم- في حق مثل هذه المرأة، فإنَّ الحضانة ولاية يقصد بها تربية الطفل، والقيام بمصالحه، فالصبي قبل سن التمييز يكون عند أمه، ما لم تتزوج، فإذا بلغ سن التمييز، واستقلَّ ببعض شئونه، وصار يستغني بنفسه في كثير من الأمور فحينئذٍ يستوي حق الأم والأب في حضانته؛ فيخير بين أبيه وأمه، فأيُهما ذهب إليه أخذه.
576;ۇ ھەدىستە بالىنىڭ مەنپەئەتىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنغان، ئۇ ئايال ئېرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بالىسى ئۇ ئايال بىلەن بىرگە قالغان، ئېرى ئايالىنىڭ بالىغا ھاجىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بالىنىڭ ئانىنىڭ يىنىدا تەربىيىلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان، شۇنىڭدەك بالىمۇ كېچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ بەلكى ئانىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى، مۇھاپىزەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايالغا ئوخشاش يەنە بىر ئايالنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستىن خەۋەر بەرگەن، بالىنى پەرۋىش قىلىش، ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتىن بالىنى تەربىيلەش، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ، كىچىك بالا ئاق-قارىنى پەرق قىلغۇدەك بولغۇچە ئانىسىنىڭ يىنىدا بولىدۇ، ئانىسى باشقا بىرىگە ياتلىق بولمىغان ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ، بىر نەرسىنى ئايرىغىدەك، ئۆزىنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغۇدەك بولغاندا، بالىنى پەرۋىش قىلىشتا ئانا بىلەن دادىنىڭ ھەققى باراۋەر بولىدۇ، بالىغا ئۇلارنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ، قايسىسىنىڭ يىنىغا بارسا شۇ ئېلىپ كىتىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58190

 
Hadith   867   الحديث
الأهمية: عُذَّبت امرأة في هرة سجنتها حتى ماتت، فدخلت فيها النار، لا هي أطعمتها ولا سقتها إذ حبستها، ولا هي تركتها تأكل من خَشَاش الأرض


باشتېما:

بىر ئايال مۈشۈككە تاماقمۇ بەرمەي، سۇمۇ بەرمەي ياكى زېمىندىكى ھاشارەتلەردىن يېگىلىمۇ قويماي، سولاپ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دوزاخقا كىردى

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- أنَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «عُذِّبت امرأة في هِرَّة سَجَنَتْها حتى ماتت، فدخلت فيها النار، لا هي أطعمتها ولا سَقتها، إذ حبستها، ولا هي تَركتْها تأكل مِن خَشَاشِ الأرض».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بىر ئايال مۈشۈككە تاماقمۇ بەرمەي، سۇمۇ بەرمەي ياكى زېمىندىكى ھاشارەتلەردىن يېگىلىمۇ قويماي، سولاپ قويۇپ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث عن امرأة دخلت النار -والعياذ بالله-, والسبب في ذلك أنها حبست قطة حتى ماتت, فلا هي أطعمتها وسقتها, ولا هي تركتها تأكل من حشرات الأرض تطلب رزقها لنفسها،
وإذا كان هذا الوعيد في البهائم، فكيف يكون الإثم بالإنسان المعصوم؛ ممن ولاَّهم الله إيَّاهم: من زوجةٍ، وولدٍ، وخادمٍ، وغيرهم؟!
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىر ئايالنىڭ دوزاخقا كىرگەنلىكىنى «ئاللاھ بىزنى دوزاختىن يىراق قىلسۇن» سەۋەب ئۇ ئايال بىر مۇشۇكنى سولاپ قويۇپ، تاماقمۇ ياكى سۇمۇ بەرمەي ياكى ئۆزىگە سىرىتلاردىن تاماق تېپىپ يېيىشكە قويۇپ بەرمەي ئۆلگۈچە تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىنسانغا بېرىلگەن جازا بۇ بولسا، ئاياللارغا، ئۆسمۈرلەرگە، خىزمەتچى، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە مەسئۇل بولۇپ ئۇلاردىن بىگۇناھ بىر ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ ھالى نېمە بولار!

 

Grade And Record التعديل والتخريج
 
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58193

 
Hadith   868   الحديث
الأهمية: ألا إن كل مأثرة كانت في الجاهلية من دم أو مال تذكر وتدعى تحت قدمي، إلا ما كان من سقاية الحاج، وسدانة البيت


باشتېما:

ئاگاھ بولۇڭلاركى، جاھىلىيەت دەۋرىدىن قالغان ھەرقانداق قان قىساسى، داۋا قىلىنغان، دېۋالغان «ئۆسۈملۈك» قەرز ۋە شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئايىغىم ئاستىدا، پەقەت ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ئىشى، كەئبىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۇنىڭدىن سىرىت

عن عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- خطب يوم الفتح فقال: «ألا إن كل مَأْثُرَة كانت في الجاهلية من دم أو مال تُذْكَرُ وَتُدْعَى تحت قدمي، إلا ما كان من سِقَايَةِ الحاج، وسِدَانَة البيت» ثم قال: «ألا إن دِيَةَ الخطإ شِبْه العمد ما كان بالسَّوْطِ والعَصَا مِائة من الإبل: منها أربعون في بُطُونِهَا أولادُهَا».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنى پەتھى قىلغان كۈنى خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئاگاھ بولۇڭلاركى، جاھىلىيەت دەۋرىدىن قالغان ھەرقانداق قان قىساسى، داۋا قىلىنغان، دىۋىلىنغان «ئۆسۈملۈك» قەرز ۋە شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئاياغىم ئاستىدا، پەقەت ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ئىشى، كەئبىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۇنىڭدىن سىرىت. ئاندىن يەنە رەسۇلۇللاھ: ئاگاھ بولۇڭلاركى سەھۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېرىم قەستەنلىك، ئۇ بولسىمۇ قامچا ۋە ھاسا بىلەن ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ دىيىتى يۈز تۆگە، ئۇنىڭدىن قىرىق تۆگە بوغاز بولۇشى كېرەك

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر رسول الله -رسول الله صلى الله عليه وسلم- في خطبة يوم الفتح بأن كل ما يؤثر ويذكر من مكارم أهل الجاهلية ومفاخرهم باطل وساقط إلا ما كان من سقاية الحاج وخدمه البيت الحرام والقيام بأمره، أي فهما باقيان على ما كانا.
وكانت الحجابة في الجاهلية في بني عبد الدار والسقاية في بني هاشم فأقرهم رسول الله -صلى الله عليه وسلم-.
ثم ذكر أن القتل شبه العمد وهو أن يقصد الضرب بآلة لا تقتل غالبا كالسوط والعصا ديته مغلظة، وهي مائة من الإبل، أربعون منها حوامل.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە پەتھى قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمانلارغا شۇنى جاكارلىدى، جاھىلىيەت قالدۇقلىرىدىن پەخىرلىك، ئېسىل-پەزىلەت دەپ قارايدىغان ھەر قانداق ئىشلار ئىتىبارسىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بېرىلمەيدۇ. پەقەت ھاجىلارغا سۇ بىرىش ۋە ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش قاتارلىق بۇ ئىككى خىزمەت شەرىئەت ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بەلگىلەيدىغان ئىشتۇر، دېدى. ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش جاھىلىيەتتە ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى. ھاجىلارغا سۇ بىرىش بەنى ھاشىمنىڭ قولىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى خىزمەتنى ئۆز ئىگىلىرىدە قويدى. رەسۇلۇللاھ ئاندىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسا ئادەتتە، ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بىلەن بىر كىشىنى ئۇرسا، قامچا ياكى ھاسا دېگەندەك، شۇ سەۋەبتىن ئۇ كىشى ئۆلۈپ قالسا، قاتىل ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئېغىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. ئۇ دىيەت بولسا يۈز تۆگە، ئۇنىڭ قىرىقى بوغاز تۆگە بولىشى شەرتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58210

 
Hadith   869   الحديث
الأهمية: من تطبب، ولا يعلم منه طب، فهو ضامن


باشتېما:

كىمكى تىبابەتتىن خەۋىرى يوق تۇرۇپ كېسەل داۋالىسا، ئاقىۋەتكە ئۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدۇ

عن عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما- قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «مَنْ تَطَبَّبَ، ولا يُعْلَمُ مِنْهُ طِبٌّ، فهو ضامِنٌ»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى تىبابەتتىن خەۋىرى يوق تۇرۇپ كېسەل داۋالىسا، ئاقىۋەتكە ئۇ كىشى ئۆزى ئىگە بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من ادَّعى علم الطب، وليس بعالم فيه، ولا يحسنه، فغرَّ النَّاس، وعالجهم، فأتلف بعلاجه نفسًا، فما دونها من الأعضاء، فهو ضامن؛ لأنَّه متعدٍ، حيث غرَّ النَّاس، وأعدَّ نفسه لما لا يعرفه.
و لا يعلم خلاف في أنَّ المعالج إذا تعدى، فتلف المريض كان ضامنًا، وكذا المتعاطي علمًا أو عملًا لا يعرفه، فهو متعدٍّ، فإن تولد من فعله التلف ضمن الدية، وسقط عنه القود؛ لأنَّه لم يستبد بذلك دون إذن المريض.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: تىبابەتنى بىلمەيدىغان ياكى ياخشى قىلالمايدىغان ئادەم كىشىلەرنى ئالداپ مەن دوختۇر دەپ داۋا قىلىپ، ئۇلارنى داۋالاپ، بىر جاننى ياكى بىرەر ئەزانى ھالاك قىلىۋەتسە، بۇ كىشى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەيدۇ، چۈنكى ئۇ بىلمەيدىغان نەرسىنى بىلىمەن دەپ، كىشىلەرنى ئالداپ، قەستەن زىيانكەشلىك قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تىبابەتنى بىلىدىغان كىشىمۇ قەستەن كېسەلنى ھالاك قىلىۋەتسە، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقى ئالىملار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە، شۇنىڭدەك بۇ ئىشقا ئىلمى ۋە ئەمەلى تەجرىبىسى بولمىغان بىر كىشى قول تىقىدىكەن، ئۇ كىشى قەستەن قىلغان بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولسا، ئۇ كىشى تۆلەم تۆلەيدۇ، قىساس چۈشۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ ئىشنى كېسەلنىڭ رۇخسىتىسىز قىلمىغان   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58212

 
Hadith   870   الحديث
الأهمية: عقل شبه العمد مغلظ مثل عقل العمد، ولا يقتل صاحبه، وذلك أن يَنْزُوَ الشيطان بين الناس، فتكون دماءٌ في عِمِّيَّا في غير ضغينة، ولا حمل سلاح


باشتېما:

قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئېغىر بولىدۇ، ئۇ كىشى ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، بۇنداق بولىشى شەيتان كىشىلەر ئارىسىدا يامانلىقنى قوزغايدۇ، كىشىلەر بىر-بىرىگە قورال كۆتەرمەستىن ۋە ئۆچمەنلىك قىلماستىن، قارغۇلارچە قان تۆكۈلىدۇ

عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «عَقْل شِبْهِ العمد مُغَلَّظٌ مِثْلُ عَقْلِ العَمْدِ، ولا يُقْتَلُ صَاحِبُهُ، وذلك أَنْ يَنْزُوَ الشَّيْطَانُ بين الناس، فتكون دماء في عِمِّيَّا في غير ضَغِينَة، ولا حَمْلِ سلاح».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئېغىر بولىدۇ. ئۇ كىشى ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، بۇنداق بولىشى، شەيتان كىشىلەر ئارىسىدا يامانلىقنى قوزغايدۇ، كىشىلەر بىر-بىرىگە قورال كۆتەرمەستىن ۋە ئۆچمەنلىك قىلماستىن، قارغۇلارچە قان تۆكۈلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان أن دية القتل شبه العمد -وهو أن يقصد الضرب بما لا يقتل غالبا كالعصا- مغلظة كدية القتل العمد, ومقدارها مائة من الابل: ثلاثون    جَذَعة -وهي الناقة التي أتمت السنة الرابعة ودخلت في الخامسة-, وثلاثون حِقة -وهي الناقة التي استكملت السنة الثالثة، ودخلت في الرابعة-, وأربعون خلفة -أي حاملا-, ويأتي القتل شبه العمد غالبا من غير عداوة ولا ضغينة، ولا حمل سلاح، وإنما قد يغري الشيطان بوساوسه بين الناس بسبب مزاح أو لعب، فتحصل المضاربة والقتل الذي لم يقصد، فتتكوَّن الدماء بين الناس.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئادەتتە ئادەم ئۆلتۈرۈلمەيدىغان ھاسا، تاش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئاتقان ياكى ئۇرغان بولسا، ئەمما ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان، بۇنىڭ دىيىتى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ دىيىتىگە ئوخشاش ئېغىر بولىدۇ، دىيەتنىڭ مىقدارى: يۈز تۆگە بولىدىغانلىقى بۇنىڭدىن ئوتتۇزى تۆت ياشنى تولۇقلاپ بەش ياشقا قەدەم باسقان چېشى تۆگە، ئوتتۇزى ئۈچ ياشنى تولۇقلاپ تۆت ياشقا قەدەم باسقان چېشى تۆگە، قىرىقى بوغاز تۈگە بولىدۇ، قەستەنلىككە ئوخشاش ئادەم ئۆلتۈرۈش دېگەنلىك كۆپ ۋاقىتلاردا قورال كۆتۈرمەستىن، بىر-بىرىگە دۈشمەنلىك قىلماستىن، ئۆچمەنلىك قىلماستىن يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىش شەيتاننىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ئىغۋاگەرلىك قىلىشى، ۋەسۋەسە قىلىشى، بىر-بىرىنى مازاق قىلىشى ۋە چاقچاق قىلىشى نەتىجىسىدە جىدەل بولىدۇ، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىسىمۇ كىشىلەر ئارىسىدا ھەقسىز قان تۆكۈلۈش شەكىللىنىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58215

 
Hadith   871   الحديث
الأهمية: من خرج من الطاعة، وفارق الجماعة فمات، مات ميتة جاهلية، ومن قاتل تحت راية عمية يغضب لعصبة، أو يدعو إلى عصبة، أو ينصر عصبة، فقتل، فقتلة جاهلية


باشتېما:

كىمكى ئىتائەتتىن چىقسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇق بايرىقى ئاستىدا گۇرۇھۋازلىق تۈپەيلى ياكى گۇرۇھۋازلىققا چاقىرىپ ياكى يۇرتۋازلىققا ياردەم بېرىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال: «من خرج من الطاعة، وفارق الجماعة فمات، مات    مِيتَةً جاهلية، ومن قاتل تحت راية عِمِّيَّة يغضب لِعَصَبَة، أو يدعو إلى عَصَبَة، أو ينصر عَصَبَة، فقتل، فَقِتْلَة جاهلية، ومن خرج على أمتي، يضرب برها وفاجرها، ولا    يَتَحَاشَى من مؤمنها، ولا يفي لذي عهد عهده، فليس مني ولست منه»،

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ئىتائەتتىن چىقسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇق بايرىقى ئاستىدا گۇرۇھۋازلىق ئۈچۈن ياكى گۇرۇھۋازلىققا چاقىرىپ ياكى يۇرتۋازلىققا ياردەم بېرىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمگە قارشى چىقىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى-يامان ھەممىسىنى ئۆلتۈرسە، مۆمىنلەردىن قول يىغمىسا، ئۆزىنىڭ بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىسا، ئۇ كىشى مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس، مەنمۇ ئۇ كىشىدىن ئەمەس» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى.

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث أن مَن فارق الجماعة الذين اتفقوا على طاعة إمام انتظم به شملهم واجتمعت به كلمتهم وحاطهم عن عدوهم وخرج عن طاعة ولي أمر المسلمين فمات وهو كذلك فقد مات كميتة أهل الجاهلية من حيث إنهم فوضى لا إمام لهم، ومن قاتل تحت راية أمرها أعمى لا يستبين وجهه، كتقاتل القوم للعصبية والقبلية، يغضب لعصبة أو يدعو إلى عصبة أو ينصر عصبة، ومعناها أنه يقاتل لشهوة نفسه وغضبة لها وعصبيةٍ لقومه وهواه.
ومن خرج على الأمة يضرب الصالح والفاسق، المؤمن والمعاهد المقيم بدياره، والذمي المقيم بديار المسلمين مقابل الجزية، ولا يكترث بما يفعله فيها ولا يخاف وباله وعقوبته؛ فقد تبرأ منه النبي -صلى الله عليه وسلم-.
576;ۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى كۆپچىلىك ئىتائەت قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن، ئىشلىرىنى تەرتىپلىگەن، پىكىر-قاراشلىرىنى بىرلەشتۈرگەن، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر ئىمامغا بەيئەت قىلغان جامائەتتىن ئايرىلىدىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىدىكەن، ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ئادەم خۇددى ئىشلىرى چېچىلاڭغۇ، ھېچ قانداق يول باشچىسى بولمىغان، قارىغۇلارچە ئازغۇنلۇق بايرىقى ئاستىدا ئۇرۇش قىلىپ، مىللەتچىلىك، يۇرتۋازلىق ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان، ياكى يۇرتۋازلىققا چاقىرغان ياكى يۇرتۋازلىققا ياردەم بېرىپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە ئوخشاش جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، يەنى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشى ئۈچۈن ئۇرۇشقان، غەزەپلەنگەن، مىللەتچىلىك ۋە يۇرتۋازلىق، خاھىشى بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ. كىمكى ئۈممەتكە قارشى چىقىپ، ياخشى-يامان، مۆمىن ۋە شۇ زېمىندا تۇرىدىغان كېلىشىم تۈزگەن كىشى ۋە سېلىق تۆلەش بەدىلىگە مۇسۇلمانلار زېمىنىدا تۇرىدىغان باشقا دىندىكى كىشىنى ئۆلتۈرسە ۋە ئۇنىڭدا قىلغان قىلمىشىغا قايغۇرمىسا، ئۇنىڭ جازاسى ۋە ئاقىۋىتىدىن قورقمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58218

 
Hadith   872   الحديث
الأهمية: من أتاكم وأمركم جميع على رجل واحد، يريد أن يشق عصاكم، أو يفرق جماعتكم، فاقتلوه


باشتېما:

ئىشىڭلار بىرئادەمگە ئۇيۇشقاندا، بىرسى يېنىڭلارغا كىلىپ، ھاساڭلارنى يېرىپ، جامائىتىڭلارنى بۆلمەكچى بولسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار

عن عرفجة -رضي الله عنه- قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: "من أتاكم وأمرُكُم جَمِيْعٌ على رجل واحد، يُريد أن يَشُقَّ عَصَاكُم، أو يُفَرِّقَ جَمَاَعَتَكُم، فاقتُلُوهُ".

ئەرفەجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىشىڭلار بىرئادەمگە ئۇيۇشقاندا، بىرسى يېنىڭلارغا كىلىپ، ھاساڭلارنى يېرىپ، جامائىتىڭلارنى بۆلمەكچى بولسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مضمون هذا الحديث في قتال أهل البغي ومن يريد تفريق كلمة المسلمين بعد اجتماعهم وإذعانهم لحاكم، وقد أفاد أنَّ المسلمين إذا اجتمعوا على خليفة واحد ثم جاءهم من يريد أن يعزِلَ إمامَهم الذي اتفقُوا على إمامته وجب عليهم وضع حد له ولو بقتله؛ دفعًا لشره وحقنًا لدماء المسلمين.
576;ۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى: مۇسۇلمانلار بىرلىككە كىلىپ، بىر ھاكىمغا بويسۇنغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلىماقچى بولغانلار ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى چىققانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە بولۇپ، بۇ ھەدىس مۇسۇلمانلار بىر خەلىپىگە ئۇيۇشقاندىن كىيىن، بىرلىككە كەلگەن يىتەكچىسىدىن يىراقلاشتۇرماقچى بولغان بىرەرسى ئۇلارنىڭ يىنىغا كەلسە، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى توسۇش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا جازا بەلگىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58223

 
Hadith   873   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- ضرب وغَرَّبَ، وأن أبا بكر ضرب وغَرَّبَ، وأن عمر ضرب وغَرَّبَ


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇردى ۋە (بىر يىل) سۈرگۈن قىلدى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلدى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلدى

عن ابن عمر أن النبي -صلى الله عليه وسلم- ضَرَبَ وَغَرَّبَ، وأن أبا بكر ضَرَبَ وَغَرَّبَ، وأن عمر ضَرَبَ وَغَرَّبَ.

ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان ياشنى يۈز) دەررە ئۇرۇپ، (بىر يىل) سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى، ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ) دەررە ئۇرۇپ، سۈرگۈن قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر ابن عمر -رضي الله عنهما- أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- أقام حدّ الزاني البكر بجلده مائة جلدة ونفيه عن بلده مدة سنة كاملة، وأن أبا بكر وعمر -رضي الله عنهما- فعلا ذلك، فدلَّ على أنَّ التغريب تابع للحدِّ وأنه من تمام الحدّ، وأنه غير منسوخ؛ لأنه طُبِّق بعد وفاة النبي -صلى الله عليه وسلم-.
576;ۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى يۈز دەررە ئۇرۇپ، ئۆز يۇرتىدىن باشقا يۇرتقا تولۇق بىر يىل سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھەدىس، سۈرگۈن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تەتبىقلانغانلىقى ئۈچۈن زىنا جازاسىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58237

 
Hadith   874   الحديث
الأهمية: لعن النبي -صلى الله عليه وسلم- المخنثين من الرجال، والمترجلات من النساء، وقال: «أخرجوهم من بيوتكم»


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلىپ، «ئۇلارنى ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىرىۋىتىڭلار!» دېدى

عن ابن عباس، قال: لَعَنَ النَّبِيُّ -صلى الله عليه وسلم- المُخَنَّثِينَ من الرجال، والمُتَرَجِّلاَتِ من النساء، وقال: «أخرجوهم من بيوتكم» قال: فَأَخْرَجَ النَّبِيُّ -صلى الله عليه وسلم- فلانًا، وأَخْرَجَ عُمَرُ فلانًا.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنى ئۆيۈڭلاردىن چېقىرۋىتىڭلار!» دېگەن دېدى، ئۇ يەنە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پالانىنى چېقىرۋەتكەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پالانىنى چېقىرۋەتكەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر ابن عباس -رضي الله عنهما- أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- دعا على المتشبهين من الرجال بالنساء، والمتشبهات من النساء بالرجال، دعا عليهم باللعنة والطرد من رحمة الله، وذلك لما فيه من تغيير لخلق الله، ثم أمر النبي -صلى الله عليه وسلم- بإخراجهم من المساكن والبلدات إبعاداً لشرهم عن الناس، ومحافظة على طهارة البيوت وعفتها.
576;ۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان توغرا تەبىئەتنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن لەنەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن يىراق قىلىش، ئۆيلەرنىڭ پاكىزلىقى ۋە پاكلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇرالغۇلاردىن ۋە شەھەردىن چېقىرۋىتىشكە بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58238

 
Hadith   875   الحديث
الأهمية: اجتنبوا هذه القاذورة التي نهى الله عنها، فمَنْ أَلَمَّ فليستتر بستر الله وليتب إلى الله فإنه من يبدلنا صفحته نقم عليه كتاب الله -عز وجل-


باشتېما:

ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن بۇ شەرمەندىچىلىكتىن يىراق بولۇڭلار، كىم قىلىپ سالسا، ئاللاھ يوشۇرغاننى يوشۇرۇپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن، كىم يولدىن چىقسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قام بعد أن رَجَمَ الْأَسْلَمِيَّ فقال: «اجْتَنِبُوا هذه الْقَاذُورَةَ التي نهى الله عنها فمن أَلَمَّ فَلْيَسْتَتِرْ بِسِتْرِ الله وَلِيَتُبْ إلى الله فإنه من يُبْدِ لْنَا صَفْحَتَهُ نُقِمْ عليه كتاب الله -عز وجل-».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسلەم قەبىلىسىلىك كىشىنى چالما-كېسەك قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى چەكلىگەن بۇ شەرمەندىچىلىكتىن يىراق بولۇڭلار، كىم قىلىپ سالسا، ئاللاھ يوشۇرغاننى يوشۇرۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلسۇن، كىم يولدىن چىقسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يُخبر ابن عمر -رضي الله عنهما- أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- قامَ بعد أن رجم ماعزَ بن مالك الأسلمي -رضي الله عنه- فخطب بالناس وحذرَّهم من الوقوع في هذه الفاحشة وهي الزنا، وأنَّ من وقع في شيء منها فلا يفضح نفسه ويُظهر ما فعل، بل يستر نفسه بستر الله عليه، وعليه أن يبادر بالتوبة، والله يتوب على من تاب، وهذا أفضل له من إخبار الحاكم عن فعلته؛ لأن النبي -صلى الله عليه وسلم- أخبر أنه من أظهر المعصية وما حصل منه أقام عليه الحَدَّ الذي حَدَّهُ في كتابه.
576;ۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلەم قەبىلىسىدىن بولغان مائىز ئىبنى مالىك دېگەن كىشىنى چالما-كېسەك قېلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى زىنادىن ئىبارەت بۇ پاھىشە ئىشنى سادىر قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ۋە قىلىپ سالغان كىشىنىڭ قىلمىشىنى ئاشكارا قىلىپ، ئۆزىنى رەسۋا قىلماستىن بەلكى ئاللاھ يوشۇرغان ئىكەن ئۆزىنى يوشۇرۇپ، تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، ئاللاھ تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئۆز قىلمىشىنى ھاكىمغا مەلۇم قىلغىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۆزىنىڭ قىلغان ناچار قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىگە ئاللاھ ئۆز كىتابىدا بەلگىلىگەن جازانى ئىجرا قىلىدىغانلىقى خەۋەر بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58240

 
Hadith   876   الحديث
الأهمية: قول عائشة -رضي الله عنها-: لما نزل عذري، قام النبي -صلى الله عليه وسلم- على المنبر، فذكر ذاك، وتلا القرآن، فلما نزل من المنبر، أمر بالرجلين والمرأة فضربوا حدهم


باشتېما:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: مېنىڭ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكىم توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇ ۋەقەلىكنى تىلغا ئالدى ۋە قۇرئان كەرىمدە نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، مۇنبەردىن چۈشكەندە ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالغا تۆھمەت قىلغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن دەررە ئۇرۇلدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: «لما نَزَلَ عُذْرِي، قام النبي -صلى الله عليه وسلم- على المِنْبَر، فَذَكَرَ ذَاكَ، وتَلَا -تعني القرآن-، فلما نَزَلَ من المِنْبَر، أَمَرَ بِالرَّجُلَيْنِ والمرأة فَضُرِبُوا حَدَّهُمْ».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مىنىڭ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكىم توغىرسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە تۇرۇپ ئۇ ۋەقەلىكنى زىكىر قىلدى ۋە قۇرئان كەرىمدە نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، مۇنبەردىن چۈشكەندە ئىككى ئەر ۋە بىر ئايالغا تۆھمەت قىلغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن دەرە ئۇرۇلدى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث تخبر عائشة -رضي الله عنها- أنه لما نزلت براءتها مما رميت به من الإفك، قام النبي -صلى الله عليه وسلم- خطيبًا وأخبر المسلمين بذلك، وتلا القرآن النازل بالبراءة على المنبر، ثم نزل -عليه الصلاة والسلام-، فأُتي بالرجلين القاذفين: وهما حسَّان بن ثابت، ومسطح بن أثاثة، وبالمرأة وهي: حمنة بنت جحش، فأقام عليهم حد القذف -وهو ثمانون جلدة-؛ لثبوت كذبهم به.
576;ۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ تۆھمەتتىن پاكلانغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە سۆز قىلدى، ئاشۇ ۋەقەلىكتىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلدى ۋە مۇنبەردە تۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاكلىقى توغرىسىدا نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، ئاندىن مۇنبەردىن چۈشۈپ ،تۆھمەت قىلغان ئىككى ئەر يەنى ھەسسان ئىبنى سابىت، مىستەھ ئىبنى ئۇساسەنى ۋە ئايالدىن ھىمنەتە بىنتى جەھشنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر بىرىگە بۆھتان جازاسى بولغان سەكسەن دەررە جازانى ئىجرا قىلدى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58241

 
Hadith   877   الحديث
الأهمية: من قذف مملوكه، وهو بريء مما قال، جلد يوم القيامة، إلا أن يكون كما قال


باشتېما:

قانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ قۇلىنى قىلمىغان بىر ئىشنى قىلدى دەپ قارىسا، قۇل ئۇ ئادەم دېگەندەك بولمىسا، قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە دەررە ئۇرۇلىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: سمعت أبا القاسم -صلى الله عليه وسلم- يقول: «من قَذَفَ مَمْلُوكَهُ، وهو بَرِيءٌ مما قال جُلِد يوم القيامة إلا أن يكون كما قال».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى ئەبۇلقاسىم يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «قانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ قۇلىنى قىلمىغان بىر ئىشنى قىلدى دەپ قارىسا، قۇل ئۇ ئادەم دېگەندەك بولمىسا، قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە دەررە ئۇرۇلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا قذف السيدُ مملوكَه فلا يقام عليه الحد في الدنيا؛ ذلك أنَّ الحدود كفارات لمن أقيمت عليه، وما دام أنَّه سيلحقه العذاب في الآخرة، ويحد لذلك، فإنَّه لا يحد في الدنيا، وعدم إقامة الحد عليه في الدنيا إجماع من العلماء. ولا يُحَدُّ السيد لأنه لا يقذف مملوكه إلا عن يقين وغلبة ظن غالبا؛ لأن قيمته ستنزل مع القذف وفي هذا ضرر عليه.
وفي هذا الحديث تخصيص لقوله -تعالى-: (والذين يرمون المحصنات ثم لم يأتوا بأربعة شهداء فاجلدوهم ثمانين جلدة).
582;وجايىن ئۆزىنىڭ قۇلىغا بۆھتان قىلغان بولسا، دۇنيادا ئۇ خوجايىنغا بوھتاننىڭ جازاسى بېرىلمەيدۇ، بۇنداق بولىشى: دۇنيادا بېرىلگەن جازا بولسا، جازالانغان ئادەمنىڭ خاتالىقىغا كاپارەت بولىدۇ، مادامىكى ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ئازابلىنىدىغان بولۇپ قالسا، شۇنىڭ ئۈچۈن جازا ئېجرا قېلىنىدۇ، خوجايىنغا دۇنيادا دەررە ئۇرۇلمايدۇ، بۇ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر، چۈنكى خوجايىن جازالانمايدۇ، ئۇ كىشىدە تولۇق ئىشەنچ ۋە كۈچلۈك گۇمان بولمىسا، ئۇ كىشى قۇلىنى ئەسكى ئىش قىلدى دەپ بۆھتان قىلمايدۇ، خوجايىننىڭ بۆھتان قىلىشى بىلەن ئۇ قۇلنىڭ بازاردىكى قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ زېيىنى يەنىلا خوجايىنغا بولىدۇ. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ :«والذين يرمون المحصنات ثم لم يأتوا بأربعة شهداء فاجلدوهم ثمانين جلدة»تەرجىمىسى:«ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەربىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80 نى ئۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر. سۈرە نۇر 4-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58244

 
Hadith   878   الحديث
الأهمية: كنت نائمًا في المسجد علي خميصة لي ثمن ثلاثين درهمًا، فجاء رجل فاختلسها مني، فأخذ الرجل، فأتي به رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فأمر به ليقطع


باشتېما:

مەن مەسچىتتە باھاسى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر توننى كېيىپ ئۇخلىغان ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ تۇيدۇرماستىن ئۇنى مەندىن ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىدى

عن صفوان بن أمية، قال: كنت نائما في المسجد عليَّ خَمِيْصَةٌ لي ثمن ثلاثين درهما، فجاء رجل فاخْتَلَسَهَا مِنِّي، فَأُخِذَ الرجل، فَأُتِيَ به رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فَأَمَرَ به لِيُقْطَعَ، قال: فأتَيْتُهُ، فقُلتُ: أَتَقْطَعُهُ من أجل ثلاثين درهما، أنا أبيعه وأُنْسِئُهُ ثمنها؟ قال: «فَهَلَّا كان هذا قبل أن تأتيني به».

سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن مەسچىتتە باھاسى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر يىپىنچىنى يىپىپ ئۇخلىغان ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ تۇيدۇرماستىن ئۇنى مەندىن ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىدى. سەفۋان: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئوتتۇز دەرھەم ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىنى كېسەملا؟، مەن ئۇنى ساتقان بولاي، پۇلىنى نىسى قىلىپ بېرەي،- دېسەم، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى ماڭا ئەپكىلىشتىن بۇرۇن ئەپۇ قىلساڭ بولمامتى،- دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان صفوان بن أمية -رضي الله عنه- نائمًا في المسجد وعليه رداء ذو مربعات، فجاء سارق فأخذه منه بسرعة وفر، فقبض على السارق فأُخِذ إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- ليقام عليه حد السرقة، فكأنَّ صفوان قد أشفق عليه من السرقة، فقال للنبي -عليه الصلاة والسلام-: أتقطعه من أجل ردائي الذي قيمته ثلاثون درهمًا فقط، فأنا أبيعه عليه وأجعل الثمن مؤخرًا حتى يتيسر حاله، فقال -عليه الصلاة والسلام-: فهلا كان عفوك عنه قبل أن يصل إليَّ، لأن الحدود إذا بلغت الحاكم لم ينفع فيها العفو.
587;ەفۋان ئىبنى ئۇمەييە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە ئۈستىگە چاسا يىپىنچا يىپىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۇنى بىر ئوغرى تۇيدۇرماستىن ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتتى، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئوغرۇلۇق جازاسىغا تارتىلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلدى، سەفۋان ئۇ كىشىگە ئىچ ئاغرىتقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: قىممىتى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر يىپىنچا سەۋەبلىك ئۇنىڭ قولىنى كېسەملا؟، مەن ئۇنى ئۇ كىشىگە ساتقان بولاي، پۇلىنى ھالى ياخشىلانغۇچە كېچىكتۈرۈپ ئالاي،- دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى ماڭا يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن ئەپۇ قىلساڭ بولمامتى؟، چۈنكى جىنايەتلەر قازىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ،- دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58252

 
Hadith   879   الحديث
الأهمية: إذا ضرب أحدكم أخاه فليجتنب الوجه


باشتېما:

ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى ئۇرسا، يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن

عن أبي هريرة، قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إذا ضَرَبَ أَحَدُكُمْ أخاه فَلْيَجْتَنِب الوجْهَ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىنى ئۇرسا، يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث أنه إذا ضرب أحدكم شخصاً تأديباً أو تعزيراً له أو في حد من حدود الله -تعالى- أو لخصومة أو غير ذلك فليحذر أن يضربه على وجهه، وليبتعد عن ذلك كل البعد، ولو في إقامة حد من حدود الله؛ لما لوجه بني آدم من الكرامة، فهو أشرف الأعضاء، وهو الَّذي تحصل به المواجهة، وضربه عليه إمَّا أن يتلف منه عضوًا، وإمَّا أنْ يُحْدِثَ فيه شَيْئًا؛ فالواجب اجتنابه، ويحرم الضرب فيه، سواء أكان الضرب بحقٍّ، أو عن طريق الاعتداء.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر كىشىنى ئەدەپلىمەكچى ياكى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازا ئىجرا قىلماقچى ياكى باشقا ئىشلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرۇشتىن ساقلانسۇن، گەرچە ئاللاھنىڭ قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ، يۈزىگە ئۇرۇشتىن مۇمكىن قەدەر يىراق بولسۇن، ئادەم يۈزى ئىززەتلىك، ئەڭ شەرەپلىك ئەزا ھېسابلىنىدۇ، يۈزى بىلەن بىۋاستە كىشىلەرگە يۈزلىنىدۇ، يۈزىگە ئۇرغان ۋاقىتتا يۈزىدىن بىرەر ئەزا زەخمىلنىش ياكى باشقا ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش كېرەك، ھەقلىق رەۋىشتە ئۇرسۇن ياكى يولسىزلارچە ئۇرسۇن ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈزىگە ئۇرۇش چەكلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58257

 
Hadith   880   الحديث
الأهمية: لقد أنزل الله الآية التي حرم الله فيها الخمر وما بالمدينة شراب يشرب إلا من تمر


باشتېما:

ئاللاھ ھاراقنى چەكلەپ ئايەت نازىل قىلغان ۋاقىتتا مەدىنىدە خورما ئىچىملىكىدىن باشقا ئىچىملىك يوق ئىدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: «لقد أَنْزَلَ الله الآية التي حَرَّمَ الله فيها الخمر، وما بالمدينة شَرَابٌ يُشْرَبُ إلا من تَمْرٍ».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ ھاراقنى چەكلەپ ئايەت نازىل قىلغان ۋاقىتتا مەدىنىدە خورما ئىچىملىكىدىن باشقا ئىچىملىك يوق ئىدى» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر أنس -رضي الله عنه- أنه لما أنزل الله آية تحريم الخمر لم يكن في المدينة النبوية شراب يُصنع    منه الخمر سوى التمر، مما يدل على أن علة تحريم الخمر هي الإسكار دون النظر إلى المادة التي صنع منها.
576;ۇ ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ ھاراقنى چەكلەپ ئايەت نازىل قىلغان ۋاقىتتا مەدىنىدە خورمىدىن باشقا نەرسىدە ياسالغان ئىچىملىك يوق ئىكەنلىكىنى، ھاراقنىڭ چەكلىنىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەپ ھاراق ياسالغان ماددىغا قاراش ئەمەس بەلكى مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58258

 
Hadith   881   الحديث
الأهمية: كل مسكر خمر، وكل مسكر حرام، ومن شرب الخمر في الدنيا فمات وهو يدمنها لم يتب، لم يشربها في الآخرة


باشتېما:

ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھاراقتۇر، ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھارامدۇر، دۇنيادا ھاراق ئىچىپ، تەۋبە قىلماي، داۋاملاشتۇرغانچە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ

عن ابن عمر، قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «كل مُسْكِرٍ خَمْرٌ، وكل مُسْكِرٍ حرام، ومن شرِب الخمر في الدنيا فمات وهو يُدْمِنُهَا لَمْ يَتُبْ، لَمْ يَشْرَبْهَا في الآخرة».

ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھاراقتۇر، ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھارامدۇر، دۇنيادا ھاراق ئىچىپ، تەۋبە قىلماي، داۋاملاشتۇرغانچە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر ابن عمر -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- جعل كل شيء مسكر من أي نوع كان خمرًا يترتب على من تناوله ما يترتب على من شرب الخمر من الحرمة والعقوبة، ثمَّ بين -عليه الصلاة والسلام- أنَّ من أصرَّ على شرب الخمر في الدنيا فلم يتب منها فإن جزاءه أن يُحرم شربها في الآخرة عقوبة له, أو لأن الخمر من شراب الجنة فإذا لم يشربها في الآخرة لم يدخل الجنة، وقيل يدخل الجنة ويحرم عليه شربها فإنها من فاخر أشربة الجنة، فيحرمها هذا العاصي بشربها في الدنيا، وقيل: إنه ينسى شهوتها؛ لأن الجنة فيها كل ما تشتهي الأنفس، ويمكن أن يقيد الحرمان بمقدار مدة عيش العاصي في الدنيا أو المراد أنه لم يشربها في الآخرة مع الفائزين السابقين في دخول الجنة، أو لم يشربها شربا كاملا في الكمية والكيفية بالنسبة إلى التائبين.
576;ۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق خەۋەر قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق تۈردىكى مەس قىلىدىغان نەرسىنى ئۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىگە ھارام ئىكەنلىكىدە ۋە جازا بېرىلىش جەھەتتە ھاراق ئېچكەن كىشىگە قىلىنغاندەك مۇئامىلە قىلىنىدىغان ھاراق قىلىپ بېكىتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا ھاراق ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەۋبە قىلمىغان كىشىگە ئاخىرەتتە ئۇنى ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ جازالاش ئۈچۈن بولىشى مومكىن، ياكى ھاراق جەننەتنىڭ ئىچىملىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاخىرەتتە ئىچمىسە جەننەتكە كىرەلمەيدىغان بولىشىمۇ مومكىن. بۇنداق كىشى جەننەتكە كىرىدۇ، «ھاراق جەننەتنىڭ ئېسىل ئىچىملىكلىرىدىن بولغاچقا ئۇنى دۇنيادا ئىچىپ ئاسى بولغانلار ئۇنى ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» دەپمۇ قارالغان، «جەننەتتە كۆڭۈللەر ئېنتىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە بار، بۇنداق كىشى شاراپقا بولغان ئېنتىلىشنى ئۇنتۇيدۇ» دەپمۇ قارالغان، مەھرۇم بولۇش ئاسى كىشىنىڭ دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىچىلىك بەلگىلەنگەن بولىشىمۇ، ياكى ئۇ ئاخىرەتتە جەننەتكە بالدۇر كېرىدىغان نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەر بىلەن بىللە ئىچەلمەسلىكىمۇ، ياكى تەۋبە قىلغانلارغا سىلىشتۇرغاندا ئىچكەن مىقدارى ۋە ھالىتى ئۇنچە مۇكەممەل بولماسلىقىمۇ مومكىن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58259

 
Hadith   882   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ينبذ له الزبيب في السقاء، فيشربه يومه، والغد، وبعد الغد، فإذا كان مساء الثالثة شربه وسقاه، فإن فضل شيء أهراقه


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇمىغا قۇرۇق ئۈزۈم سىلىپ قويىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ كۈنى، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ئىچەتتى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئىچىپ، (باشقىلارغا) ئىچۈرۈپ، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈۋىتەتتى

عن ابن عباس، قال: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُنْبَذُ له الزَّبِيبُ في السِّقَاءِ، فَيَشْرَبُهُ يَوْمَهُ وَالْغَدَ وَبَعْدَ الْغَدِ، فإذا كان مَسَاءُ الثَّالِثَةِ شَرِبَهُ وَسَقَاهُ، فإن فَضَلَ شيء أَهْرَاقَهُ».

ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇلۇمىغا قۇرۇق ئۈزۈم سىلىپ قويىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ كۈنى، ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ئىچەتتى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئىچىپ، (باشقىلارغا) ئىچۈرۈپ، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈۋىتەتتى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث يخبر ابن عباس -رضي الله عنهما- أنه كان يُصنع للنبي -صلى الله عليه وسلم- النبيذ، وذلك بإلقاء الزبيب أو التمر في الماء الذي في الوعاء من أجل أن يصير حلوًا وله طعم، فيشرب منه -صلى الله عليه وسلم-    ثلاثة أيام، فإذا انتهى اليوم الثالث -ولم يتغير طعم النبيذ- شربه هو بنفسه -صلى الله عليه وسلم- وسقاه غيره كالخادم؛ لأجل أن ينتهي، ولا يبقى منه شيء لليوم الرابع، فإن بقي منه شيء لليوم الرابع أتلفه وصبَّه ولم يبقه؛ لأنه قد يتخمر في اليوم الرابع، ويتحول من نبيذ إلى خمر.
576;ۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇلۇمدىكى سۇغا، تەمى تاتلىق بولىشى ئۈچۈن قۇرۇق ئۈزۈم ياكى خورما سېلىپ چۈلە قىلىپ قويىلىدىغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئېچىدىغانلىقىنى، ئۈچىنچى كۈنى كەچتە چۈلىنىڭ تەمى ئۆزگەرمىسە، تۈگىشى ئۈچۈن ئۆزى ئىچىپ ۋە باشقا خىزمەتچىلەرگىمۇ ئېچۈرۈپ، تۆتىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالمايدىغانلىقىنى، تۆتىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چۈلىدىن ئۆزگۈرۈپ، مەس قىلغۇچى ئىچىملىككە ئايلىنىپ قىلىش ئىھتىمالى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېشىپ قالغىنىنى تۆكۈپ، قالدۇرماي يوقۇتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58261

 
Hadith   883   الحديث
الأهمية: أقيلوا ذوي الهيئات عثراتهم إلا الحدود


باشتېما:

ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أَقِيلُوا ذَوِي الهَيْئات عَثَرَاتِهم إلا الحدودَ».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن باشقا ئىشلاردا ئالى جاناپ كىشىلەرنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى كەچۈرىۋىتىڭلار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث تخبر عائشة -رضي الله عنها- أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- أرشد ولاة أمور المسلمين ومن يقوم مقامهم من القضاة إلى أن يتسامحوا مع ذوي الهيئات الكريمة والنفوس الطيبة والأخلاق المرضية الذين يندر أن يقع منهم الشرّ، فإما ألا يؤاخذوهم، وإما أن يخففوا عنهم بالنسبة إلى غيرهم، إلا أنه -صلى الله عليه وسلم- بين أنَّ هذه الإقالة والمسامحة إنما هي في التعزيرات، التي مرجعها إلى اجتهاد الحاكم الشرعي، وليس ذلك في حدود الله -تعالى-؛ فإنَّ حدود الله -تعالى- لا تعطل، وتقام على كل أحد، مهما كانت حاله ومنزلته.
576;ۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان قازى-سوتچىلارنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئېسىل، ئالى جاناپ كىشىلەردىن تاسادىپى يۈز بېرىدىغان يىتەرسىزلىك بولسا ئۇلارنى جازالىماسلىق ياكى باشقىلارغا نىسبەتەن ئۇلاردىن يەڭگىللىتىشنى تەلىم بەردى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلىش، كەچۈرۈش پەقەت شەرئى ھاكىملارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولىدىغان ئەدەپلەش جازالىرىدا بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىدا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى بىكار قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى ئورۇن مەرتىۋىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق ئادەمگە ئىجرا قىلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58264

 
Hadith   884   الحديث
الأهمية: يا خالد إنها ستكون بعدي أحداث وفتن واختلاف، فإن استطعت أن تكون عبد الله المقتول لا القاتل فافعل


باشتېما:

ئى خالىد مەندىن كېيىن كۆپ ئۇرۇش، پىتنە ۋە تەپرىقىچىلىقلار بولىدۇ. ئەگەردە سەن ئۇ پىتنىلەردە ئاللاھنىڭ قاتىل بەندىسى ئەمەس، بەلكى ئۆلگۈچى بەندىسى بولالىساڭ، بولغىن

عن خالد بن عُرْفُطَةَ -رضي الله عنه- قال: قال لي رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "يا خالد إنها ستكون بَعْدِي أَحْدَاثٌ وفِتَنٌ واختلاف، فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أن تكون عبد الله المقتول لا القاتل فَافْعَلْ".

خالىد ئىبنى ئۇرفەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ، ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئى خالىد مەندىن كېيىن كۆپ ئۇرۇش، پىتنە ۋە تەپرىقىچىلىقلار بولىدۇ. ئەگەردە سەن ئۇ پىتنىلەردە ئاللاھنىڭ قاتىل بەندىسى ئەمەس، بەلكى ئۆلگۈچى بەندىسى بولالىساڭ، بولغىن، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- خالد بن عرفطة بأن هناك اختلافًا وحروبًا وفتنًا ستكون في المستقبل, مثل أن لا يكون للأمة إمام يقودها، أصلا, أو بأن يكون في كل قطر والٍ، فتحدث بينهم فتن، وتقوم بينهم حروب، وأمره باعتزال الفتنة, وبالكف والقعود عنها، وعدم الدخول فيها، ولو قتل مظلومًا خير له من أن يَقتل مسلمًا, وذلك بأن يلزم بيته, أو أن يتحول من بلد الفتنة أصلًا، لكن دلت الأدلة أن له أن يدافع عن نفسه في الفتنة وعن أهله وعن ماله، وهو معذور إن قتل أو قتل إن لم يترتب فساد وفتنة، وأما إذا كانت كلمة المسلمين مجتمعة على إمام واحد؛ سواء كان عدلاً أو جائرًا، ثم خرج عليه خارجة لهم منعة، يريدون شق عصا الطاعة، والخروج على الوالي فهؤلاء يجب على ولي الأمر أن يراسلهم، فإذا راسلهم، وامتنعوا عن الطاعة، وأخافوا المسلمين، فيجب عليه قتالهم؛ ليكف شرهم، ويجب على الرعية القيام معه، وقتال هؤلاء الخارجين حتى يفيئوا ويعودوا إلى أمر الله، والطاعة سواء كانوا بغاة أو خوارج.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالىد ئىبنى ئەرفەتەگە تەپرىقىچىلىق، ئۇرۇش، پىتنىلەردىن ئىبارەت كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن. يەنە مۇسۇلمانلارنى باشلاپ ماڭىدىغان رەھبەرنىڭ بولماسلىقىدەك ياكى بولغاندىمۇ ھەر رايۇندا بىردىن ھاكىم بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا پىتنە-ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن. رەسۇلۇللاھ خالىدنى بۇ پىتنىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۆزىنى تارتىشقا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشماسلىققا، ئولتۇرىۋېلىشقا بۇيرۇغان. مەزلۇم ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ ئىش ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرۋېلىش بىلەن ۋە ياكى پىتنە بار شۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كېتىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بىرەر تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا ئۆزىنى، مال-مۈلىكىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداپ چوڭ بىر پىتنە بولمىغان ئاساستا ئۆلتۈرسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە ئۇنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزى بىر رەھبەر ئاستىدا ئىتىپاق بولسا، «مەيلى ئۇ رەھبەر ئادىل بولسۇن ياكى زالىم بولسۇن» شۇ ۋاقىتتا ئۇ رەھبەرگە بىرى قارشى چىقسا، ئۇنىڭ قوللۇغۇچىللىرى بولۇپ، بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى بۇزماقچى بولسا، ئۇنى توسۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئەمىر بولغان كىشى ئۇلارغا خەت-چەك يوللاپ توغرا، ھەق يولنى كۆرسىتىشى ۋاجىب بولىدۇ. ھەق يولنى كۆرسەتكەندىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلار رەھبىرىگە بويسۇنمىسا ۋە ئۇلارنى قورقاتسا مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. مەيلى خاۋارىج بولسۇن مەيلى باغىلار بولسۇن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە قايتىپ مۇسۇلمانلار ئەمىرىگە بويسۇنمۇغۇچىلىك ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش ۋاجىب بولىدۇ، ھەمدە خەلىق ئاممىسىمۇ بۇ ۋاقىتتا ئەمىر بىلەن بىر تۇرىشى لازىم   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 58266






© EsinIslam.Com Designed & produced by The Awqaf London. Please pray for us