ئۇيغۇردىكى ھەدىس تەكشۈرگۈچى مكتشف الحديث باللغة الإنجليزية
 
Hadith   47   الحديث
الأهمية: نَحَرْنَا عَلَى عَهْدِ رَسُولِ الله -صلى الله عليه وسلم- فَرَسًا فَأَكَلْنَاهُ


باشتېما:

بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئات ئۆلتۈرۈپ يېگەن ئېدۇق

عن أَسْمَاء بِنْت أَبِي بَكْرٍ-رضي الله عنهما- قالت: «نَحَرْنَا عَلَى عَهْدِ رَسُولِ الله-صلى الله عليه وسلم- فَرَسًا فَأَكَلْنَاهُ». وَفِي رِوَايَةٍ «وَنَحْنُ بِالْمَدِينَةِ».

ئەسما بىنتى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئات ئۆلتۈرۈپ يىگەن ئىدۇق، دېگەن. يەنە بىر ئىبارىدە «بىز مەدىنىدىكى ۋاقىتتا» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تُخبِرُ أَسْمَاءُ بِنْت أبي بكر الصديق -رضي الله عنهما- أنهم نَحَرُوا فَرَساً عَلَى عَهْدِ رَسُولِ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- وَأَكَلُوهُ، وفي ذلك دَلَالَةٌ عَلَى جَوَازِ أَكْلِ لُحُومِ الخَيْلِ، ولا يَتَوَهَم أَحَدٌ مَنْعَ أَكْلِهَا لاقْتِرَانِهَا مَعَ الحَمِيرِ والْبِغَالِ في الآية، وهي قوله تعالى: (وَالْخَيْلَ وَالْبِغَالَ وَالْحَمِيرَ لِتَرْكَبُوهَا وَزِينَةً وَيَخْلُقُ مَا لا تَعْلَمُونَ)، [ النحل : 8 ].
576;ۇ ھەدىستە ئەسما بىنتى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا ئات ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ. بۇ ئات گوشىنىڭ ھالال ئىكەنىكىگە دەلىل ئىسپات بولىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئوقۇغان بىر كىشى سۈرە نەھىل 8-ئايەتتىكى: «ئاللاھ تائالا ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مېنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ تائالا يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ» ئاتنىڭ ئېشەك ۋە خېچىر بىلەن بىر يەردە كېلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھاراملىقىنى چۈشۈنىۋالماسلىقى كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3000

 
Hadith   48   الحديث
الأهمية: نَذَرَتْ أُخْتِي أَنْ تَمْشِيَ إلَى بَيْتِ الله الْحَرَامِ حَافِيَةً، فَأَمَرَتْنِي أَنْ أَسْتَفْتِيَ لَهَا رَسُولَ الله-صلى الله عليه وسلم- فَاسْتَفْتَيْتُهُ، فَقَالَ: لِتَمْشِ وَلْتَرْكَبْ


باشتېما:

ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پىيادىمۇ ماڭسۇن ۋە ئۇلاغقىمۇ مىنسۇن» دېدى

عن عُقْبَة بْن عَامِرٍ -رضي الله عنه- قال: «نَذَرَتْ أُخْتِي أَنْ تَمْشِيَ إلَى بَيْتِ الله الْحَرَامِ حَافِيَةً، فَأَمَرَتْنِي أَنْ أَسْتَفْتِيَ لَهَا رَسُولَ الله-صلى الله عليه وسلم- فَاسْتَفْتَيْتُهُ، فَقَالَ: لِتَمْشِ وَلْتَرْكَبْ».

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، رەسۇلۇللاھ: «پىيادىمۇ ماڭسۇن ۋە ئۇلاغقىمۇ مىنسۇن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مِنْ طَبِيعَةِ الإنسَان أنَّه يَنْدَفِعُ أحياناً فَيُوجِبُ على نفسه مَا يَشُقُّ عليه، وقد جاء شَرْعُنا بالاعتدَال، وعدمِ المشَقَّة عَلى النَّفس في العِبادة حتى تَسْتَمِر، وفي هذا الحدِيثِ طلبت أخت عقبة بن عامر منه، أن يسأل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أنها نذرت أن تذهب إلى البيت الحرام ماشية حافية، فرَأَى النَّبي -صلى الله عليه وسلم- أنَّ هذه المرأة تُطِيقُ شَيئاً مِن المشي، فَأمَرَها أَنْ تَمشِي مَا أَطَاقَت المشي، وأَنْ تَرْكَبَ إذا عَجَزَت عَن المشي.
574;ىنسانلارنىڭ تەبىئىتى تۈرلۈك بولغاچقا بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆزىگە قېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرھاللىقنى يولغا قويغان، ئىبادەتنى تولۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە قېيىن بولمايدىغان ئشلارنى يولغا قويدى. بۇ ھەدىستە، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەيتۇللاھقا يالاڭ-ئاياغ مېڭىپ بېرىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋا سوراپ كىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايالنىڭ مەلۇم مۇساپىگىچە پىيادە يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى مېڭىشقا ئىمكانىيىتى بولسا مېڭىشقا، ئەگەر چارچاپ قىلىپ مېڭىپ بولالمىسا ئۇلاغقا مېنىشكە بۇيرىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3001

 
Hadith   49   الحديث
الأهمية: نَهَى رَسُولُ الله عَنْ لُبْسِ الْحَرِيرِ إلاَّ مَوْضِعَ أُصْبُعَيْنِ، أَوْ ثَلاثٍ، أَوْ أَرْبَعٍ


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى

عن عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- أَنَّ رَسُولَ الله -صلى الله عليه وسلم- «نهى عن لُبُوسِ الحَرِيرِ إلا هكذا، ورَفَعَ لنا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أُصْبُعَيْهِ: السَّبَّابَةَ، والوُسْطَى».
ولمسلم «نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن لُبْس ِالحَرِيرِ إلا مَوْضِعَ أُصْبُعَيْنِ، أو ثلاثٍ، أو أربعٍ».

ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېپەك كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن پەقەت مۇنچىلىك بولغىنىنى مۇستەسنا قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى بارمىقىنى يەنى: كۆرسەتكۈچ بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆتۈردى. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت ئىككى ياكى ئۈچ ياكى تۆت بارماق مىقدارىدىن زىيادە يىپەك كىيىم كىيىشتىن چەكلىدى، دەپ رىۋايەت قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى الذكور عن لبس الحرير إلا ما استثني، والمستثنى في الحديث المتفق عليه أصبعين، وفي رواية مسلم أو ثلاث أو أربع، فيؤخذ بالأكثر؛ فلا بأس من مقدار أربعة أصابع من الحرير في اللباس.
726;ەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرلەرنى يىپەك كىيىم كىيىشتىن ئۆزى مۇستەسنا قىلىنغان مىقداردىن باشقىسىنى چەكلىدى. بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە مۇستەسنا قىلىنغىنى، ئىككى بارماق مىقدارىدۇر. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئۈچ ياكى تۆت بارماق دەپ كەلگەن. ئەڭ كۆپ كەلگىنىنى ئالساق بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا كىيىمدە يىپەكنىڭ نىسبىتى تۆت بارماق مىقدارىغىچە بولسا ھېچقىسى يوق. تەئسىسۇل ئەھكامغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3002

 
Hadith   50   الحديث
الأهمية: يا عبدَ الرحمَنِ بْنَ سَمُرَةَ، لا تَسْأَلْ الإِمَارَةَ؛ فَإِنَّكَ إن أُعْطِيتَها عن مسأَلَةٍ وُكِّلْتَ إليها


باشتېما:

ئى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ

عن عَبْد الرَّحْمَنِ بْن سَمُرَةَ -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال له: «يا عبد الرحمن بن سَمُرَة، لا تَسْأَلِ الإِمَارَةَ؛ فإنك إن أُعْطِيتَها عن مَسْأَلَةٍ وُكِلْتَ إليها، وإن أُعْطِيتَهَا عن غير مَسْأَلَةٍ أُعِنْتَ عليها، وإذا حَلَفْتَ على يمينٍ فرأيتَ غيرها خيرًا منها، فَكَفِّرْ عن يمينك، وَأْتِ الذي هو خير».

ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئى ئابدۇرراھمان! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ. ئەگەر سەن سورىماستىن ساڭا بىرىلسە، ئاللاھ تائالاھ ساڭا ياردەم. ئەگەر بىر نەرسىگە قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنىڭدىن غەيرىدە ياخشىلىق بولسا، قەسىمىڭگە كاپپارەت بىرىپ، ياخشىلىق بار ئىشنى قىلغىن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن سؤال الإمارة؛ لأنَّ مَن أعطيها عن مسألةٍ خُذِلَ وتُرِكَ لِرَغْبَتِه في الدنيا وتفضيلها على الآخرة، وأن من أُعْطِيَها عَنْ غَيْرِ مسألةٍ أعانَهُ اللهُ علَيها، وأنَّ الحَلف على شيء لا يكون مانعًا عن الخير، فإن رأى الحالفُ الخيرَ في غيرِ الحلف فلَه التَّخَلُص من الحلف بالكفارة ثم يأت الخير.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەنسەپنى سوراپ ئېلىشتىن توسقان، چۈنكى ئۇنى سوراپ ئالغان كىشى دۇنياغا ھىرىسمەنلىكىدىن ۋە دۇنيانى ئاخرەتتىن ئەلا بىلگەنلىكتىن يارىدەمسىز تاشلىنىدۇ، خورلىنىدۇ. ئەمما مەنسەپنى سورىماستىن ئۇ كىشىگە بېرىلسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يارىدەم بېرىدۇ. بىر ئىشقا قەسەم قىلىش ياخشىلىقتىن توساپ قالماسلىقى كېرەك، قەسەم قىلغان كىشى ياخشىلىقنى قەسەمنى بۇزۇشتا كۆرسە ئۇنى بۇزۇپ كەپپارەت بېرىپ ياخشى ئىشنى قىلشى كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3004

 
Hadith   51   الحديث
الأهمية: كان نبي الله -صلى الله عليه وسلم- إذا أمسى قال: أمسينا وأمسى الملك لله، والحمد لله، لا إله إلا الله وحده لا شريك له


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق» دەيتتى

عن عبد الله بن مسعود-رضي الله عنه- قال: كان نبي الله -صلى الله عليه وسلم- إذا أمسى قال: «أمسينا وأمسى الملك لله، والحمد لله، لا إله إلا الله وحده لا شريك له» قال الراوي: أَرَاهُ قال فِيهِنَّ: «له الملك وله الحمد وهو على كل شيء قدير، ربِّ أسألك خير ما في هذه الليلة وخير ما بعدها، وأعوذ بك من شر ما في هذه الليلة وشر ما بعدها، رب أعوذ بك من الكسل، وسُوءِ الكِبَرِ، رب أعوذ بك من عذاب في النار، وعذاب في القبر»، وإذا أصبح قال ذلك أيضا «أصبحنا وأصبح الملك لله».

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شېرىكى يوق» دەيىتتى. رىۋايەت قىلغۇچى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇ دۇئالاردا تۆۋەندىكىلەرنىمۇ دېدى دەپ قارايمەن: «پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىر. پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى ياخشىلىقنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن دوزاختىكى ئازاپتىن ۋە قەبرىدىكى ئازاپتىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، ئەتتىگەن ۋاختىدا: «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا تاڭ ئاتتى» دەيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان من هديه -عليه الصلاة والسلام- عند دخول الصباح والمساء أن يقول هذه الأدعية المباركة، فقوله: (أمسينا وأمسى الملك لله) أي :دخلنا في المساء ودام الملك فيه لله مختصًا به، (والحمد لله) أي: جميع الحمد لله، أي: أمسينا وعرفنا فيه أن الملك لله وأن الحمد لله لا لغيره، (ولا إله إلا الله) أي: منفردًا بالألوهية.
قوله: (رب أسألك من خير هذه الليلة) أي ذاتها وعينها (وخير ما فيها) أي: من خير ما ينشأ ويقع ويحدث فيها وخير ما يسكن فيها، (وأعوذ بك من شرها وشر ما فيها) أي من الليالي وما فيها من شر يلحق الدين والدنيا.
(اللهم إني أعوذ بك من الكَسَل) أي التثاقل في الطاعة مع الاستطاعة، ويكون ذلك لعدم انبعاث النفس للخير مع ظهور الاستطاعة.
(وسوء الكِبَر) بمعنى الهرم والخرف وكبر السن المؤدي إلى تساقط بعض القوى وضعفها وهو الرد إلى أرذل العمر؛ لأنه يفوت فيه المقصود بالحياة من العلم والعمل، لما يورثه كبر السن من ذهاب العقل، واختلاط الرأي والتخبط فيه، والقصور عن القيام بالطاعة وغير ذلك مما يسوء الحال، وروي بإسكان الباء بمعنى البطر أي الطغيان عند النعمة والتعاظم على الناس، (وعذاب القبر) أي من نفس عذابه أو مما يوجبه.
(وإذا أصبح) أي دخل -صلى الله عليه وسلم- في الصباح (قال ذلك) أي: ما يقول في المساء (أيضًا) أي لكن يقول بدل "أمسينا وأمسى الملك لله" (أصبحنا وأصبح الملك لله) ويبدل اليوم بالليلة فيقول: اللهم إني أسالك من خير هذا اليوم، ويذكر الضمائر بعده.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتتىگەن ۋە كەچ ۋاقىتلىرىدا بۇ بەرىكەتلىك دۇئالارنى ئوقۇيتتى: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى، ھەمدۇ ئاللاھقا خاس، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: بىز كەچ قىلىپ، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇنىڭ ئاللاھقىلا خاس ئىكەنلىكىنى تونۇدۇق. يىگانە ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق. «پەرۋەردىگارىم، سەندىن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى ياخشىلىقنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ ۋە كېيىنكى كېچىدىكى يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: پەرۋەردىگارىم، بۇ كېچىنىڭ ئۆزىدە ۋە كېيىنكى كىچىدە پەيدا بولىدىغان، يۈز بېرىدىغان ۋە تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن، سەن بىلەن بۇ كېچىلەردىن ۋە ئۇلاردىكى دىن ۋە دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك يامانلىقدىن پاناھ تىلەيمەن. «پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن ھورۇنلۇقتىن» يەنى: پەرۋەردىگارىم، سەن بىلەن قادىر تۇرۇپ تائەت-ئىبادەتكە سۇسلۇق قېلىشتىن، بۇ قىلىشقا قادىر تۇرۇغلۇق كۆڭۈل ئىنتىلمەسلىكتىن بولىدۇ. «قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: كۈچ-قۇۋۋەت ئاجىزلاپ، ماغدۇر كىتىپ قالغۇدەك ياشىنىپ ۋە قېرىپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيمەن، ئۇ ئۆمۈرنىڭ ئەڭ يامان باسقۇچىغا يەتكۈزۈش بولۇپ، بۇنداق چاغدا ياشنىڭ چوڭلىقى ئەقىلنى كەتكۈزۈپ، پىكرى قالايمىقانلىشىپ، قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، تائەت-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كىلىدۇ، ھالى ئۇنىڭدىنمۇ ناچارلىشىپ، ھايات بىلەن مەقسەت قىلىنغان ئىلىم ۋە ئەمەل قولدىن كېتىپ قالىدۇ. «ب» نىڭ ساكىنى بىلەن «كِبْرِ» دەپمۇ رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، مەنىسى: «نېمەت ۋاقتىدا كۆرەڭلەپ، كىشىلەرگە چوڭچىلىق قىلشتىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن بولىدۇ. «قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى: قەبرە ئازابىدىن ياكى شۇ ئازابقا سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەردىن پاناھ تىلەيمەن. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتىگەندە يەنە شۇنى دەيىتتى» يەنى: «كىچە» دېگەن سۆزنى «ئەتتىگەن» دېگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇپ: «بىز كەچ قىلدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا كەچ كىردى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا: «بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ ھالدا تاڭ ئاتتى» دەيتتى، يەنە «كۈن» دېگەن سۆزنى «كېچە» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ: «بۇ كۈننىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن» دەپ كىيىنكى ئالماشلارنىمۇ ئالماشتۇراتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3008

 
Hadith   52   الحديث
الأهمية: مر النبي -صلى الله عليه وسلم- بقبرين، فقال: إنهما ليعذبان، وما يعذبان في كبير؛ أما أحدهما: فكان لا يستتر من البول، وأما الآخر: فكان يمشي بالنميمة


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ: ھەقىقەتەن ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار چوڭ ئىشتىن ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرسى: سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى. يەنە بىرسى: گەپ توشۇيتتى

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- قال: مر النبي -صلى الله عليه وسلم- بقبرين، فقال: «إنهما ليُعذَّبان، وما يُعذَّبان في كبير؛ أما أحدهما: فكان لا يستتر من البول، وأما الآخر: فكان يمشي بالنميمة».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ: ھەقىقەتەن ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ، ئۇلار چوڭ ئىشتىن ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرسى: سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى. يەنە بىرسى: گەپ توشۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مرَّ النبي -صلى الله عليه وسلم-، ومعه بعض أصحابه بقبرين، فكشف الله -سبحانه وتعالى- له عن حالهما، وأنهما يعذبان، فأخبر أصحابه بذلك؛ تحذيراً لأمته وتخويفاً، فإنَّ صاحبي هذين القبرين، يعذَّب كل منهما بذنب    تركُه والابتعادُ عنه يسيرٌ على من وفقه الله لذلك.
فأحَدُ المعذَّبَيْن كان لا يحترز من بوله عند قضاء الحاجة، ولا يتحفّظ منه، فتصيبه النَجاسة فتلوث بدنه وثيابه ولا يستتر عند بوله، والآخر يسعى بين الناس بالنميمة التي تسبب العداوة والبغضاء بين الناس، ولاسيما الأقارب والأصدقاء، يأتي إلى هذا فينقل إليه كلام ذاك، ويأتي إلى ذاك فينقل إليه كلام هذا؛ فيولد بينهما القطيعة والخصام. والإسلام إنما جاء بالمحبة والألفة بين الناس وقطع المنازعات والمخاصمات.
ولكن الكريم الرحيم -صلى الله عليه وسلم- أدركته عليهما الشفقة والرأفة، فأخذ جريدة نخل رطبة، فشقَّها نصفين، وغرز على كل قبر واحدة، فسأل الصحابة النبي -صلى الله عليه وسلم- عن هذا العمل الغريب عليهم، فقال: لعل الله يخفف عنهما بشفاعتي ما هما فيه في العذاب، ما لم تيبس هاتان الجريدتان، أي مدة بقاء الجريدتين رطبتين، وهذا الفعل خاص به -صلى الله عليه وسلم-.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۆزىنىڭ بەزى ساھابىلىرى بىلەن ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈردى. پەيغەمبىرىمىز، ئۆزىنىڭ ئۈممىتىنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى بۇ ئىشتىن قورقۇتۇش ئۈچۈن ئۇ ئەھۋالنى ساھابىلىرىغا سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىككى قەبرىنىڭ ئىگىلىرى ئاددى گۇناھتىن يىراق تۇرمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغان كىشى ئۇنىڭدىن يىراق تۇرالايدۇ. ئۇ ئازابلىغۇچىلارنىڭ بىرى؛ ھاجەت قىلغان چېغىدا سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بەدەنلىرى ۋە كىيىم - كېچەكلىرىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالاتتى، ھاجەت قىلغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئالمايتتى. يەنە بىرى؛ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇرۇغ - تۇغقانلار ئارىسىدا، ئۆچ - ئاداۋەتكە سەۋەبچى بولىدىغان گەپلەرنى توشۇپ سۇخەنچىلىك قىلاتتى، ماۋۇ ئادەمگە كېلىپ ئاۋۇ ئادەمنىڭ يامان گەپلىرىنى، ئاۋۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ماۋۇ ئادەمنىڭ يامان گەپلىرىنى توشۇيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ، ئۆچ - ئاداۋەت پەيدا قىلاتتى. ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا مېھىر - مۇھەببەتنى ئورنىتىپ، جېدەل - ماجرانى تۆگىتىش ئۈچۈن كەلدى. ئەمما رەھىمدىل ئېسىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئىككىسىگە ئىچى ئاغرىدى ۋە بىر دانە ھۆل خورما شېخى ئېلىپ ئىككى پارچە قىلىپ، ھەربىر قەبرىگە بىردىن سانجىپ قويدى. ساھابە كىراملار ئۈچۈن يىڭىلىق تۇيۇلغان بۇ ئىشھەققىدە رەسۇلۇللاھتىن سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ شاخلار قۇرۇپ بولغىچە ئارىلىقتا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىككىسىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن، دېدى. يەنى ئاشۇ شاخلار ھۆل تۇرغان مۇددەتتە ئازابنىڭ يەڭگىللىنىشى ئۈمىت قىلىنغان. بۇ ئىش پەقەت پەيغەمبىرىمىزگىلا خاستۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3010

 
Hadith   53   الحديث
الأهمية: إذا أراد الله بالأمير خيرا، جعل له وزير صدق، إن نسي ذكره، وإن ذكر أعانه، وإذا أراد به غير ذلك جعل له وزير سوء، إن نسي لم يذكره، وإن ذكر لم يعنه


باشتېما:

ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم) غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئەسلىسە ياردەملىشىدىغان راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا، ئۇنتۇپ قالسا ئەسلەتمەيدىغان، ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدىغان ناچار ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ

عن عائشة -رضي الله عنها- مرفوعًا: «إِذَا أَرَادَ اللهُ بِالأمِيرِ خَيرًا، جَعَلَ لَهُ وَزِيرَ صِدقٍ، إِنْ نَسِيَ ذَكَّرَهُ، وَإِنْ ذَكَرَ أَعَانَهُ، وَإِذَا أَرَادَ بِهِ غَيرَ ذَلِكَ جَعَلَ لَهُ وَزِيرَ سُوءٍ، إِنْ نَسِيَ لَمْ يُذَكِّرهُ، وَإِنْ ذَكَرَ لَمْ يُعِنْهُ».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم)غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئەسلىسە ياردەملىشىدىغان راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا،ئۇنتۇپ قالسا ئەسلەتمەيدىغان، ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدىغان ناچار ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ»دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يبين رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث أنّ الله تعالى: "إذا أراد    بالأمير خيراً"، وفسِّرت هذه الخيرية لمن وُفِّق لوزير صدق من الأمراء بخيرية التوفيق لخيري الدارين، كما فسرت هذه الخيرية بالجنة.
وقوله: "جعل له وزير صدق" أي في القول والفعل، والظاهر والباطن، وأضافه إلى الصدق؛ لأنَّه الأساس في الصُحبة وغيرها.
فــ"إن نسي" أي: هذا الأمير، فإن نسي ما يحتاج إليه -والنسيان من طبيعة البشر-، أو ضلّ عن حكم شرعي، أو قضية مظلوم، أو مصالح لرعية، "ذكَّره" أي: هذا الوزير الصادق وهداه.
"وإن ذكر" الأمير ذلك، "أعانه" عليه بالرأي والقول والفعل.
وأما قوله: "وإذا أراد به غير ذلك" أي: غير الخير، بأن أراد به شرّاً، كانت النتيجة "جعل له وزير سوء" والمراد: وزير سوء في القول، والفعل، نظير ما سبق في ضده.
"إن نسي" أي: ترك مالا بد منه "لم يذكِّره" به؛ لأنه ليس عنده من النور القلبي ما يحمله على ذلك.
"وإن ذكر لم يعنه" بل يسعى في صرفه عنه؛ لشرارة طبعه، وسوء صنعه.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم)غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا» بۇ يەردىكى ئىرادىدىن مەقسەت كائىناتنىڭ تەقدىر ئىرادىسى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق جەھەتتىن ئالاقىسى بار. چۈنكى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ ۋە يامان كۆرىدۇ، بۇ ئىرادە كەڭ مەنىدە بولۇپ، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەدىستىكى ياخشىلىقتىن مەقسەت ئەمىر ياكى ھاكىملارنىڭ قايسى بىرى راستچىل ۋەزىرگە ئېرشەلىگەن بولسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. «راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ» دېگەندىن مەقسەت سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالىتىدە راستچىللىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى راستچىللىق ھەمرا بولۇشنىڭ ئاساسىي.«ئۇنتۇپ قالسا» دېگەندىن مەقسەت؛ ئەمىر ئۇنتۇپ قالسا، يەنى بىرەر شەرئى ھۆكۈمدىن ياكى زۇلۇمغا ئالاقىدار بىر مەسىلىدىن ياكى پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىدىن ئېزىپ كەتسە، راستچىل ۋەزىر ئۇنىڭغا ئەسلىتىدۇ ۋە يول كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئەگەر ئەمىر ئەسلىسە پىكىر، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ. «ئەگەر ئۇنىڭدىن باشقىسىنى ئىرادە قىلسا» دېگەندىن مەقسەت؛ يامانلىقنى ئىرادە قىلسا دېمەكچى. بۇنداق ئىپادىلەشتىكى مەقسەت ياخشىلىقنى ئۇلۇغ كۆرسىتىش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆرسىتىش ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە قىزىقتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «يامان ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ» دېگەندىن مەقسەت سۆز ۋە ئىش-ھەرىكىتىدە ناچار ۋەزىرنى ياردەمچى قىلىپ قويىدۇ.«ئەگەر ئۇنتۇپ قالسا» يەنى قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر ئىشنى تاشلاپ قويسا، ئەسلىتىپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىدە قەلبى جەھەتتىن نۇر مەۋجۇت ئەمەس. «ئەگەر ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدۇ» يەنى تەبىئىيىتى ناچار ۋە قىلمىشلىرى ئەسكى بولغاچقا ئۇنى ئۇ ئىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3011

 
Hadith   54   الحديث
الأهمية: ما بعث الله من نبي، ولا استخلف من خليفة إلا كانت له بطانتان: بطانة تأمره بالمعروف وتحضه عليه، وبطانة تأمره بالشر وتحضه عليه


باشتېما:

ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ

عن أبي سعيد الخدري وأبي هريرة -رضي الله عنهما- مرفوعاً: "ما بعث الله من نبي ولا اسْتَخْلَفَ من خليفة إلا كانت له بطانتان: بطانة تأمره بالمعروف وتَحُضُّهُ عليه، وبطانة تأمره بالشر وتَحُضُّهُ عليه، والمعصوم من عصم الله".

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النبي -عليه الصلاة والسلام- أن الله ما بعث من نبي ولا استخلف من خليفة إلا كان له بطانتان: بطانة خير تأمره بالخير وتحثه عليه، وبطانة سوء تدله على السوء وتأمره به، والمحفوظ من تأثير بطانة الشر هو من حفظه الله -تعالى-.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنى زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى باش قىلىپ تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خاس كىشىسى بولىدۇ. بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىغان. يەنە بىرى يامانلىققا باشلاپ ئۇنىڭغا بۇيرۇيدىغان. يامان مەسلەھەتچىنىڭ زىينىدىن، ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىسنى ساقلايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3012

 
Hadith   55   الحديث
الأهمية: إذا سمعتم المؤذن فقولوا مثل ما يقول


باشتېما:

مۇئەززىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ نېمە دېسە شۇنى دەڭلار

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إِذَا سَمِعتُم المُؤَذِّن فَقُولُوا مِثلَ مَا يَقُول».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مۇئەززىن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئۇ نېمە دېسە شۇنى دەڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا سمعتم المؤذن للصلاة فأجيبوه، بأن تقولوا مثل ما يقول، جملة بجملة، فحينما يكبر فكبروا بعده، وحينما يأتي بالشهادتين، فأتوا بهما بعده، فإنه يحصل لكم من الثواب ما فاتكم من ثواب التأذين الذي حازه المؤذن، والله واسع العطاء، مجيب الدعاء.
يستثنى من الحديث لفظ: (حي على الصلاة، حي على الفلاح) فإنه يقول بعدها: لا حول ولا قوة إلا بالله.
605;ۇئەززىن نامازغا چاقىرغاندا ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇڭلار، ئۇنىڭ دېگىنىنى سۆزمۇ-سۆز، جۇملىمۇ-جۇملە دەڭلار، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەڭلا، شاھادەت سۆزىگە كەلگەندە كەينىدىن ئۇنىمۇ تەكرار دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مۇئەززىن ئېرىشكەن ساۋابقا سىلەرمۇ ئېرشىسىلەر. ئاللاھ تائالا سېخىدۇر، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3013

 
Hadith   56   الحديث
الأهمية: كنت مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في سفر، فأهويت لأنزع خفيه، فقال: دعهما؛ فإني أدخلتهما طاهرتين، فمسح عليهما


باشتېما:

مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ: قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى

عن المغيرة بن شعبة -رضي الله عنه- قال: ((كُنت مع النبيَّ -صلَّى الله عليه وسلَّم- في سَفَر، فأهْوَيت لِأَنزِع خُفَّيه، فقال: دَعْهُما؛ فإِنِّي أدخَلتُهُما طَاهِرَتَين، فَمَسَح عليهما)).

ئەلمۇغەيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ: قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان المغيرة -رضي الله عنه- مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في أحد أسفاره -وهو سفره في غزوة تبوك-، فلما شرع النبي -صلى الله عليه وسلم- في الوضوء، وغسل وجهه ويديه، ومسح رأسه، أهوى المغيرة إلى خفي النبي -صلى الله عليه وسلم- لينزعهما؛ لغسل الرجلين، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم- اتركهما ولا تنزعهما، فإني أدخلت رجلي في الخفين وأنا على طهارة، فمسح النبي -صلى الله عليه وسلم- على خفيه بدل غسل رجليه.
وكذلك الجوارب ونحوها تأخذ حكم الخفين.
574;ەلمۇغەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر سەپىرىدە بىللە بولغانتى (ئۇ تەبۇك غازىتىدىكى سەپىرى ئىدى)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىشقا باشلاپ، يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى يۇغان ۋە بېشىغا مەسىھ قىلغاندا، مۇغەيرە ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى يۇيۇشى ئۈچۈن، ئۆتۈكىنى سالدۇرۇپ قويۇشقا تەمشەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سالدۇرمىغىن! مەن ئۆتۈكنى كىيگەندە تاھارىتىم بار ئىدى، دېدى. ئاندىن پۇتىنى يۇيۇشنىڭ ئورنىدا، ئۆتۈكىگە مەسىھ قىلدى. يەنە پايپاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرمۇ ئۆتۈكنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىغا ئائىتتۇر
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3014

 
Hadith   57   الحديث
الأهمية: إن بلالا يؤذن بليل، فكلوا واشربوا حتى تسمعوا أذان ابن أم مكتوم


باشتېما:

بىلال كېچىدە ئەزان ئېيتىدۇ، سىلەر ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىڭلار

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إنَّ بِلالاً يُؤَذِّن بِلَيلٍ، فَكُلُوا واشرَبُوا حتَّى تَسمَعُوا أَذَان ابنِ أُمِّ مَكتُوم».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن: «بىلال كېچىدە ئەزان ئېيتىدۇ، سىلەر ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان للنبي -صلى الله عليه وسلم- مؤذنان: بلال بن رباح وعبد الله بن أم مكتوم -رضي الله عنهما- وكان ضريرًا، فكان بلال يؤذن لصلاة الفجر قبل طلوع الفجر؛ لأنها تقع وقت نوم ويحتاج الناس إلى الاستعداد لها قبل دخول وقتها، فكان -صلى الله عليه وسلم-    يُنَبِّه أصحابه إلى أن بلالًا -رضي الله عنه- يؤذن بليل، فيأمرهم بالأكل والشرب حتى يطلع الفجر، ويؤذن المؤذن الثاني وهو ابن أم مكتوم -رضي الله عنه- لأنه كان يؤذن مع طلوع الفجر الثاني، وذلك لمن أراد الصيام، فحينئذ يكف عن الطعام والشراب ويدخل وقت الصلاة، وهو خاص بها، ولا يجوز فيما عداها أذان قبل دخول الوقت، واختلف في الأذان الأول لصلاة الصبح، هل يكتفي به أو لابد من أذان ثان لدخول الوقت؟ وجمهور العلماء على أنه مشروع ولا يكتفى به.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى مۇئەززىنى بار بولۇپ، ئۇلار بىلال ئىبنى رەباھ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما كىشى ئىدى. بىلال بامدات نامىزىغا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ئەزان ئېيتاتتى، چۈنكى بامدات نامىزى كىشىلەر ئۇيقىدىكى ۋاقىتتا ئادا قىلىنىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىۋېلىشقا ئىھتىياجلىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى بىلالنىڭ كېچىدە ئەزان ئېيتىدىغانلىقىغا ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى تاڭ يورۇپ، ئىككىنچى مۇئەززىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئىككىنچى تاڭ يورۇغاندا ئەزان ئېيتاتتى. بۇ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا يىمەك-ئىچمەكتىن توختايدۇ ۋە ناماز ۋاقتى كېرىدۇ، بۇ ئەزان نامازغا خاس. ئەمما باشقا ۋاقىتلاردا نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى ئەزان ئېيتىش توغرا ئەمەس. بېرىنچى ئەزان بامدات نامىزى ئۈچۈن كۇپايىمۇ ياكى ناماز ۋاقتى كىرگەندە ئىككىنچى ئەزاننى ئېيتىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىندى، كۆپچىلىك ئالىملار بىرىنچى ئەزان يوللۇق، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىنمايدۇ، - دېگەن قاراشتا   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3015

 
Hadith   58   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يعجبه التيمن في تنعله، وترجله، وطهوره، وفي شأنه كله


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياغ كەيگەندە، چاچ تاراپ مايلىغاندا، تاھارەت ئالغاندا ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يعجبه التيمُّن في تَنَعُّلِّه, وترجُّلِه, وطُهُورِه, وفي شَأنه كُلِّه».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياغ كەيگەندە، چاچ تاراپ مايلىغاندا، تاھارەت ئالغاندا ۋە بارلىق ئىشلىرىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تخبرنا عائشة -رضي الله عنها- عن عادة النبي -صلى الله عليه وسلم- المحببة إليه، وهى تقديم الأيمن في لبس نعله، ومشط شعره، وتسريحه، وتطهره من الأحداث، وفى جميع أموره التي من نوع ما ذكر كلبس القميص والسراويل، والنوم، والأكل والشرب ونحو ذلك.
كل هذا من باب التفاؤل الحسن وتشريف اليمين على اليسار.
وأما الأشياء المستقذرة فالأحسن أن تقدم فيها اليسار؛ ولهذا نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- عن الاستنجاء باليمين، ونهى عن مس الذكر باليمين، لأنها للطيبات، واليسار لما سوى ذلك.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەتلىرىدىن بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن، ئۇ بولسىمۇ؛ ئايىقىنى كېيىشتە، چېچىنى تاراشتا، تاھارەت ئېلىشتا، ۋە بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن باشلايتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ئوخشىشىدىمۇ شۇنداق، كۆينەك، شىملارنى كېيىش، ئۇخلاش، يەپ-ئىچىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بارلىق ئىشلاردا ئوڭ تەرەپتىن قىلىش ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى پال ئېلىش ۋە ئوڭ تەرەپنى سول تەرەپتىن ئەۋزەل بىلگەنلىك. ئەمما ناپاك، مەينەت نەرسىلەردە بولسا سول تەرەپتىن باشلاش ئەۋزەل، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، ئەۋرىتىنى تۇتۇشتىن توستى. ئوڭ قولنى پاكىز نەرسىلەر ئۈچۈن، سول قولنى ناپاك نەرىسلەر ئۈچۈن ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3018

 
Hadith   59   الحديث
الأهمية: يا رسول الله، أيرقد أحدنا وهو جنب؟ قال: نعم، إذا توضأ أحدكم فليرقد


باشتېما:

ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالسا بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى

عن عبد الله بنِ عمر -رضي الله عنهما- أن عمرَ بْن الخطاب -رضي الله عنه- قال: ((يا رسول الله، أّيَرقُدُ أَحَدُنا وهو جُنُب؟ قال: نعم، إِذَا تَوَضَّأ أَحَدُكُم فَليَرقُد)).

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ بىزنىڭ بىرىمىز جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلاپ قالساق بولامدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە، ئەگەر تاھارەت ئېلىۋەتسە ئۇخلىسۇن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
سأل عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- النبي -صلى الله عليه وسلم-: إن أصابت أحدهم الجنابة من أول الليل، بأن جامع امرأته ولو لم ينزل أو احتلم، فهل يرقد أي ينام وهو جنب؟ فأذن لهم -صلى الله عليه وسلم-    بذلك، على أن يخفف هذا الحدث الأكبر بالوضوء الشرعي؛ وحينئذ لا بأس من النوم مع الجنابة.
574;ۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر بىزنىڭ بىرىمىز كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جۇنۇپ بولۇپ قالسا، مەسىلەن: ئايالى بىلەن بىريەردە بولسا، گەرچە سپېرما كەلمىسىمۇ ياكى ئېھتىلام بولۇپ قالسا، ئۇ جۇنۇپ ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بۇ ئىشتا رۇخسەت بەردى، ئەمما بىر شەرت: بۇ چوڭ تاھارەتسىزلىكنى كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن يەڭگىللىتىش كېرەك. شۇ چاغدا ئاشۇنداق جۇنۇپلۇق بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇخلىسا ھېچقىسى يوق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3021

 
Hadith   60   الحديث
الأهمية: رَقِيت يومًا على بيت حفصة، فرأيت النبي -صلى الله عليه وسلم- يقضي حاجته مستقبل الشام، مستدبر الكعبة


باشتېما:

مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- قال: ((رَقيت يومًا على بيت حفصة، فرَأَيتُ النبيَّ -صلَّى الله عليه وسلَّم-يَقضِي حاجته مُسْتَقبِل الشام، مُسْتَدبِر الكعبة)).
وفي رواية: ((مُسْتَقبِلا بَيتَ المَقدِس)) .

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. يەنە بىر رىۋايەتتە: بەيتۇلمەقدىسكە (يەنى؛ ئەقسا مەسچىتىگە) قاراپ، دەپ كەلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ذكر ابن عمر -رضي الله عنهما-: أنه جاء يوماً إلى بيت أخته حفصة، زوج النبي -صلى الله عليه وسلم-، فصعد فوق بيتها، فرأى النبي -صلى الله عليه وسلم-، يقضى حاجته وهو متَجه نحو الشام، ومستدبر القبلة.
وكان ابن عمر -رضي الله عنه- قال ذلك ردًّا على من قالوا: إنه لا يستقبل بيت المقدس حال قضاء الحاجة، ومن ثمَّ أتى المؤلف بالرواية الثانية: مستقبلا بيت المقدس.
فإذا استقبل الإنسان القبلة داخل البنيان فلا حرج.
574;ىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ قىز قېرىندىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسەنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۈستىگە چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام تەرەپكە قاراپ قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ گەپنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھاجەت قىلغاندا بەيتۇلمۇقەددەسكە قارىسا بولمايدۇ، دېگەنلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇئەللىپ ئىككىنچى رىۋايەتنى كەلتۈردى، ئۇ: بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ، دېگەن ئىبارەتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3023

 
Hadith   61   الحديث
الأهمية: لم أر النبي -صلى الله عليه وسلم- يستلم من البيت إلا الركنين اليمانيين


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بولۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- قال: «لَمْ أَرَ النبِيَّ -صلَّى الله عليه وسلَّم يَستَلمُ- منَ البيتِ إِلا الرُّكنَينِ اليَمَانِيَينِ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم» دېدى.

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لم يكن النبي -صلى الله عليه وسلم- يستلم من الأركان الأربعة للكعبة إلا الركن الأسود والركن اليماني، فللبيت أربعة أركان، فللركن الشرقي منها فضيلتان:
1. كونه على قواعد إبراهيم.
2. وكون الحجر الأسود فيه. والركن اليماني له فضيلة واحدة، وهو كونه على قواعد إبراهيم.
وليس للشامي والعراقي شيء من هذا، فإن تأسيسهما خارج عن أساس إبراهيم حيث أخرج الحجر من الكعبة من جهتهما؛ ولهذا فإنه يشرع استلام الحجر الأسود وتقبيله، ويشرع استلام الركن اليماني بلا تقبيل، ولا يشرع في حق الركنين الباقيين استلام ولا تقبيل، والشرع مبناه على الاتباع، لا على الإحداث والابتداع، ولله في شرعه حكم وأسرار.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ھەجەرۇل ئەسۋەد بۇلۇڭى ۋە يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭدىن باشقىنى سىيلىمىغان، كەئبىنىڭ تۆت بۇلۇڭى بولۇپ، شەرىق تەرەپتىكى بۇلۇڭنىڭ ئىككى پەزىلىتى بار: 1- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇل ئۈستىدە ئىكەنلىكى. 2- ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇ بۇلۇڭدا ئىكەنلىكى. يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭنىڭ بىر پەزىلىتى بار، ئۇمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇل ئۈستىدە ئىكەنلىكى. شام ۋە ئىراق تەرەپتىكى بۇلۇڭلارنىڭ بۇنداق پەزىلىتى يوق، بۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇلدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇ ئىككى تەرەپتىن «ھەتىم» كەئبىدىن ئاجرىتىۋېتىلگەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىيلاش ۋە سۆيۈش يولغا قويۇلۇپ، يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭنى سۆيمەي، سىيلاش يولغا قويۇلغان، قالغان ئىككى بۇلۇڭ ھەققىدە سىيلاش ياكى سۆيۈش يولغا قويۇلمىغان، شەرىئەتنىڭ قۇرۇلمىسى بۇيرىغاننى قىلىپ، يېڭى ئىش ۋە بىدئەت پەيدا قىلماسلىق. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە نۇرغۇن ھېكمەت ۋە سىرلار بار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3026

 
Hadith   62   الحديث
الأهمية: سووا صفوفكم، فإن تسوية الصفوف من تمام الصلاة


باشتېما:

سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «سَوُّوا صُفُوفَكُم، فإِنَّ تَسوِيَة الصُّفُوف من تَمَام الصَّلاَة».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يرشد النبي -صلى الله عليه وسلم- أمته إلى ما فيه صلاحهم وفلاحهم، فهو -هنا- يأمرهم بأن يسووا صفوفهم، بحيث يكون سمتهم نحو القبلة واحدا، ويسدوا خلل الصفوف، حتى لا يكون للشياطين سبيل إلى العبث بصلاتهم، وأرشدهم -صلى الله عليه وسلم- إلى بعض الفوائد التي ينالونها من تعديل الصف، وذلك أن تعديلها علامة على تمام الصلاة وكمالها، وأن اعوجاج الصف خلل ونقص فيها.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارغا پايدىلىق نەرسىلەرگە يىتەكلەيدۇ، بۇ يەردە بولسا نامازدا قىبلىگە تولۇق يۈزلۈنۈش ئۈچۈن سەپلەرنى رۇسلاشقا، شەيتان ئۇلارنىڭ نامىزىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، سەپ ئارىلىقىنى ئېتىشكە بۇيرىغان، يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپلەرنى رۇسلاش ئارقىلىق ئېرشىدىغان بەزى پايدا-مەنپەئەتلەرنى كۆرسەتكەن. سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى، ئەكسىچە سەپنىڭ ئەگرى بولىشى نامازدا نۇقسانلىقنىڭ بەلگىسى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3031

 
Hadith   63   الحديث
الأهمية: إذا توضأ أحدكم فليجعل في أنفه ماء، ثم لينتثر، ومن استجمر فليوتر، وإذا استيقظ أحدكم من نومه فليغسل يديه قبل أن يدخلهما في الإناء ثلاثا، فإن أحدكم لا يدري أين باتت يده


باشتېما:

بىرىڭلار تاھارەت ئالسا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئاندىن ئۇنى چىقارسۇن، ئىستىنجا قىلسا تاق چالمىدا قىلسۇن، بىرڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا قولىنى سۇغا تىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى بىرىڭلار كىچىدىن قولىنىڭ نەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «إذا توضَّأ أحدُكُم فَليَجعَل في أنفِه ماءً، ثم ليَنتَنْثِر، ومن اسْتَجمَر فَليُوتِر، وإذا اسْتَيقَظَ أَحَدُكُم من نومِه فَليَغسِل يَدَيه قبل أن يُدْخِلهُما في الإِنَاء ثلاثًا، فإِنَّ أَحدَكُم لا يَدرِي أين بَاتَت يده».
وفي رواية: «فَليَستَنشِق بِمِنْخَرَيه من الماء».
وفي لفظ: «من توضَّأ فَليَسْتَنشِق».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار تاھارەت ئالسا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئاندىن ئۇنى چىقارسۇن، ئىستىنجا قىلسا تاق چالمىدا قىلسۇن، بىرڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا قولىنى سۇغا تىقىشتىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى بىرىڭلار كىچىدىن قولىنىڭ نەردە تۇرغانلىقىنى بىلمەيدۇ. يەنە بىر ھەدىسىتە، بۇرنىغا سۇ ئالسۇن دېگەن ئىبارە كەلگەن. يەنە بىر ئىبارىدە: كىمىكى تاھارەت ئالسا بۇرنىغا سۇ ئالسۇن، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يشتمل هذا الحديث على ثلاث فقرات، لكل فقرة حكمها الخاص بها.
1.فذكر أن المتوضىء إذا شرع في الوضوء أدخل الماء في أنفه، ثم أخرجه منه وهو الاستنشاق والاستنثار المذكور في الحديث؛ لأن الأنف من الوجه الذي أُمِر المتوضىء بغسله، وقد تضافرت الأحاديث الصحيحة على مشروعيته؛ لأنه من النظافة المطلوبة شرعًا.
2.ثم ذكر أيضا أن من أراد قطع الأذى الخارج منه بالحجارة، أن يكون قطعه على وتر، أقلها ثلاث وأعلاها ما ينقطع به الخارج، وتنقي المحل إن كان وترًا، وإلا زاد واحدة، توتر أعداد الشفع.
3.وذكر أيضًا أن المستيقظ من نوم الليل لا يُدْخِلُ كفَّه في الإناء، أو يمس بها رطبًا، حتى يغسلها ثلاث مرات؛ لأن نوم الليل -غالبًا- يكون طويلا، ويده تطيش في جسمه، فلعلها تصيب بعض المستقذرات وهو لا يعلم، فشرع له غسلها للنظافة المشروعة.
576;ۇ ھەدىس ئۈچ ماۋزۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر بىر ماۋزۇنىڭ ئۆزىگە خاس ھۆكىمى بار. بىرىنچى: تاھارەت ئالغۇچى تاھارەتنى باشلىغاندا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئۇنى چىقىرىدۇ، بۇ ھەدىستە «ئستىنشاق ۋە ئىستىنسار» دەپ تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى بۇرۇن بولسا يۇيۇش ۋاجىب بولغان يۈزنىڭ بىر قىسمى، يۈزنى يۇيۇش توغۇرلۇق كۆپ ھەدىسلەر كەلگەن، ھەم ئۇ شەرىئەتتە بۇيرۇلغان پاكىزلىقنىڭ بىرى. ئىككىنچى: چوڭ تەرەتنى تاش ياكى چالما كېسەك بىلەن تازلىغاندا «ھازىر قەغەز بىلەن مەسىلەن» ئۇنى تاق ئىشلىتىش كېرەك، ئاز بولغاندا ئۈچ، كۆپ بولسا تولۇق تازىلانغانغا قەدەر، جۇپ قېتىم تاش ئىشلىتىش بىلەن تازلانغان بولسا يەنە بىرى بىلەن تاق قىلىۋېتىش كېرەك. ئۈچىنجى: كېچىدە ئۇيقىدىن ئويغانغان كىشى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇماي تۇرۇپ تاھارەت سۇيى بار قاچىغا ياكى يۆل بىر نەرسىگە قولىنى سالماسلىقى كېرەك چۈنكى كېچىنىڭ ئۇيقۇسى كۆپۈنچە ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ كىشى بىلمەي بەزى ئەزالارنى تۇتۇپ قېلىش ئىھتىمالى بار، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال قولىنى يۇيۇۋېتىشنى تەكىتلىگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3033

 
Hadith   64   الحديث
الأهمية: ما أبكي أن لا أكون أعلم أن ما عند الله -تعالى- خير لرسول الله -صلى الله عليه وسلم-، ولكن أبكي أن الوحي قد انقطع من السماء، فهيجتهما على البكاء، فجعلا يبكيان معها


باشتېما:

«مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يېغلاۋاتىمەن» دەپ، ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇ ئىككىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىغلاپ كېتىشتى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: قَال أَبُو بَكر لِعُمَر-رضي الله عنهما- بَعْدَ وَفَاةِ رَسُول الله -صلى الله عليه وسلم-: انْطَلِق بِنَا إِلَى أُمِّ أَيمَنَ -رَضِي الله عنها- نَزُورُهَا كَمَا كَانَ رَسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَزُورُها، فَلَمَّا انتَهَيَا إِلَيهَا، بَكَت، فَقَالاَ لَهَا: مَا يُبكِيك؟ أَمَا تَعْلَمِين أَنَّ ما عِنْد الله خَيرٌ لِرَسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ فَقَالَت: مَا أَبْكِي أَنْ لاَ أَكُون أَعلَم أَنَّ مَا عِندَ الله -تعالى- خَيرٌ لِرَسُول الله -صلى الله عليه وسلم-، وَلَكِن أَبكِي أَنَّ الوَحي قَدْ انْقَطَع مِنَ السَّمَاء؛ فَهَيَجَتْهُمَا عَلَى البُكَاء؛ فَجَعَلاَ يَبْكِيَان مَعَهَا.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى ئۆمەرگە (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن): «ئۇممۇ ئەيمەن رەزىيەللاھۇ ئەنھانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يوقلىغاندەك بېرىپ يوقلاپ كېلەيلى» دېدى، ئىككىسى ئۇممۇ ئەيمەننىڭكىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ يىغلاپ كەتتى، ئىككەيلەن ئۇنىڭغا: «نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟» دېدى، ئۇممۇ ئەيمەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن» دەپ ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇ ئىككىسىمۇ ئۇممۇ ئەيمەن بىلەن بىللە يىغلاپ كېتىشتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الصحابة -رضي الله عنهم- أحرص الناس على متابعة الرسول -صلى الله عليه وسلم- في كل صغيرة وكبيرة، حتى إنهم يتتبعون ممشاه في حياته، ومجلسه، وموطئه، وكل فعل علموا أنه فعله.
وهذا الحديث يُؤَكِّد ذلك، ويحكي قصة أبي بكر وعمر، حيث زارا امرأة كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يزورها، فزاراها من أجل زيارة النبي -صلى الله عليه وسلم- إياها.
فلما جلسا عندها بكت، فقالا لها: ما يبكيك؟ أما تعلمين أن ما عند الله -سبحانه وتعالى- خير لرسوله؟ أي: خير له من الدنيا.
فقالت: إني لا أبكي لذلك ولكن لانقطاع الوحي؛ لأن النبي -صلى الله عليه وسلم- لما مات انقطع الوحي، فلا وحي بعد رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، ولهذا أكمل الله شريعته قبل أن يتوفى، فقال -تعالى- {الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا}، فجعلا يبكيان؛ لأنها ذكرتهما بما كانا قد نسياه.
587;اھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە ھېرىس ئىدى، رەسۇلۇللاھ ھاياتلىقىدا ماڭغان، ئولتۇرغان، دەسسىگەن ئورۇنلارنى ۋە قىلغان ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنەتتى، بۇ ھەدىس شۇنى تەكىتلەيدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايالنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەبۇبەكرى ئۆمەرنىڭمۇ زىيارەت قىلغاندىكى ۋەقەلىكىنى ھىكايە قىلىپ بېرىدۇ. ئىككەيلەن ئۇ ئايالنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئايال يىغلىدى، ئىككەيلەن: «نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟» دېدى، ئۇ ئايال: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن». چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھىي ئۈزۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھىي يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسلام شەرىئىتىنى مۇكەممەل قىلدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: {بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم}. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەن يىغلاشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇممۇ ئەيمەن ئۇ ئىككەيلەنگە ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان ئىشنى ئەسلەتكەن ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3035

 
Hadith   65   الحديث
الأهمية: جاء أعرابي فبال في طائفة المسجد


باشتېما:

بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسۇۋالدى ۋە ساھابىلەرنى بىر چىلەك سۇ ئەپكىلىپ، سۈيدۈك ئۈستىگە توكۈۋىتىشكە بۇيرىدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه-قال: «جاء أعرابِيُّ، فبَالَ في طَائِفَة المَسجد، فَزَجَرَه النَّاسُ، فَنَهَاهُمُ النبِيُّ -صلى الله عليه وسلم- فَلمَّا قَضَى بَولَه أَمر النبي -صلى الله عليه وسلم- بِذَنُوب من ماء، فَأُهرِيقَ عليه».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسۇۋالدى ۋە ساھابىلەرنى بىر چىلەك سۇ ئەپكىلىپ، سۈيدۈك ئۈستىگە توكۈۋىتىشكە بۇيرىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من عادة الأعراب، الجفاء والجهل، لبعدهم عن تعلم ما أنزل الله على رسوله -صلى الله عليه وسلم-.
فبينما كان النبي -صلى الله عليه وسلم- في أصحابه في المسجد النبوي، إذ جاء أعرابي وبال في أحد جوانب المسجد، ظناً منه أنه كالفلاة، فعظم فعله على الصحابة -رضي الله عنهم- لعظم حرمة المساجد، فنهروه أثناء بوله، ولكن صاحب الخلق الكريم، الذي بعث بالتبشير والتيسير نهاهم عن زجره، لما يعلمه من حال الأعراب، لئلا يُلوث بقعاً كثيرة من المسجد، ولئلا يلوث بدنه أو ثوبه، ولئلا يصيبه الضرر بقطع بوله عليه، وليكون أدعى لقبول النصيحة والتعليم حينما يعلمه النبي -صلى الله عليه وسلم-، وأمرهم أن يطهروا مكان بوله بصب دلو من ماء عليه.
576;ەدەۋى ئەرەبلەرنىڭ قوپاللىق، جاھىللق ئادەتلىرى بار بولۇپ، سەۋەب ئۇلار ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھىنى ئۈگىنىشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى مەسجىدىدە ساھابىلەر بىلەن ئولتۇرغاندا بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى، ئۇ، بۇ يەرنى سايلىققا ئوخشىتىپ قالغان ئىدى، مەسچىتنىڭ ئۇلۇغلىقىغا قارىماي ئۇنىڭ قىلغان بۇ قىلىقى ساھابىلەرگە ناھايىتى ئېغىر كەلدى، ئۇلار ئۇنى تەرەت قىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە توسماقچى بولدى، لىكىن بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى بولغان، خوش-بىشارەت ۋە ئاسايىشلىق بىلەن ئەۋەتىلگەن رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى توسماسلىقنى دېدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەئرابىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەتتى ۋە مەسچىتنىڭ كۆپ يەرلىرىنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى قويىۋەتكەن، يەنە ئۇنى توسىۋالغان ئەھۋالدا سۈيدۈكىنى توختۇتۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا زىيان يەتمەسلىكنى مەقسەت قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن نەسىھەت قىلسا ۋە تەلىم بەرسە ياخشى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغان. ساھابىلەرنى نىجاسەت ئورنىنى سۈ بىلەن تازىلىۋىتىشكە بۇيرۇغان ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3036

 
Hadith   66   الحديث
الأهمية: رأيتك تصلي لغير القبلة؟ فقال: لولا أني رأيت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يفعله ما فعلته


باشتېما:

قىبلىگە قارىماي ناماز ئوقۇغانلىقىڭنى كۆردۈم دېگىنىمدە، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ماڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، دېدى

عن أنس بن سيرين قال: «اسْتَقبَلنَا أَنَسًا حِين قَدِم مِن الشَّام، فَلَقِينَاه بِعَينِ التَّمرِ، فَرَأَيتُهُ يُصَلِّي على حِمَار، وَوَجهُهُ مِن ذَا الجَانِب -يعني عن يَسَارِ القِبلَة- فقلت: رَأَيتُك تُصَلِّي لِغَيرِ القِبلَة؟ فقال: لَولاَ أنِّي رَأيتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَفْعَلُه ما فَعَلتُه».

ئەنەس ئىبنى سىرىين رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەنەس ئىبنى مالىك شامغا كەلگەندە بىز ئۇنى ئەينى تەمىر دېگەن جايدا كۈتىۋالدۇق، مەن ئۇنىڭ قىبلىنى سول تەرىپىدە قويۇپ ئېشەك ئۈستىدە ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرۈپ: قىبلىگە قارىماي ناماز ئوقۇغانلىقىڭنى كۆردۈم، دېدىم، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ماڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قدم أنس بن مالك الشام، ولجلالة قدره وسعة علمه، استقبله الناس، وهكذا رواية مسلم (قدم الشام) ولكن معناها: تلقيناه في رجوعه حين قدم الشام، وإنما حذف ذكر الرجوع؛ للعلم به؛ لأنهم خرجوا من البصرة للقائه حين قدم من الشام.
فذكر الراوي -وهو أحد المستقبلين- أنَّه رآه يصلى على حمار، وقد جعل القبلة عن يساره، فسأله عن ذلك، فأخبرهم أنه رأى النبي -صلى الله عليه وسلم- يفعل ذلك، وأنه لو لم يره يفعل هذا، لم يفعله.
574;ەنەس ئىبنى مالىك شامغا كەلگەندە، ئۇنىڭ پەزىلەت ئىگىسى ۋە ئالىم بولغانلىقىدىن كىشىلەر ئۇنى ئالقىشلاپ كۈتىۋالدى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «شامغا كەلگەندە» دەپ كەلگەن، لىكىن بۇ يەردە: شامغا كېلىپ قايتار چاغدا ئۇنى كىشىلەر كۈتىۋالدى، دېگەن مەنىدە. «قايتقاندا» دېگەن سۆز ئېنىق بولغانلىقتىن قىسقارتىلغان، چۈنكى ئۇلار ئەنەس ئىبنى مالىكنى شامدىن كەلگەندە ئۇلار بەسرىدىن ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالغان. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى (ئۇ كۈتىۋالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى) ئەنەسنى ئېشەك ئۈستىدە قىبلىنى سول تەرىپىدە قىلىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىغاندا، ئەنەس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغىنىنى كۆرمىگەن بولسا ئۆزىنىڭمۇ قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3039

 
Hadith   67   الحديث
الأهمية: أن أم حبيبة استحيضت سبع سنين، فسألت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك؟ فأمرها أن تغتسل


باشتېما:

ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ھەيىز كېسىلى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم غۇسلى قىلاتتى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: "إن أم حبيبة اسْتُحِيضَتْ سبع سنين، فسألت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك؟ فأمرها أن تغتسل، قالت: فكانت تغتسل لكل صلاة".

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن، ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ھەيىز كېسىلى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم غۇسلى قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أمر النبي -صلى الله عليه وسلم- أم حبيبة حين سألته عن ما يلزمها في استحاضتها أن تغتسل، فكانت تغتسل لكل صلاة، وقد كانت استحيضت سبع سنين، والاستحاضة أمر عارض قليل في النساء، والأصل هو الحيض الذي يكون في أيام معدودة في الشهر وتصحبه علامات يعرفها النساء.
وكانت تغتسل لكل صلاة تطوعًا منها.
574;ۇممۇ ھەبىبە ھەيىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم غۇسلى قىلىدىغان بولدى. ئۇ يەتتە يىل ھەيىز كېسىلى تارتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3046

 
Hadith   68   الحديث
الأهمية: لا يبولن أحدكم في الماء الدائم الذي لا يجري، ثم يغتسل منه


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: "لا يَبُولَنَّ أحَدُكم في الماء الدَّائِم الذي لا يجْرِي, ثمَّ يَغتَسِل مِنه".
   وفي رواية: "لا يغتسل أحدكُم في الماء الدَّائم وهو جُنُب".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن. يەنە بىر ھەدىستە: بىرىڭلار جۇنۇب ھالدا تۇرغۇن سۇدا يۇيۇنمىسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- عن البول في الماء الراكد الذي لا يجري؛ لأن ذلك يقتضي تلوثه بالنجاسة والأمراض التي قد يحملها البول فتضر كل من استعمل الماء، وربما يستعمله البائل نفسه فيغتسل منه، فكيف يبول بما سيكون طهورًا له فيما بعد.
كما نهى عن اغتسال الجنب في الماء الراكد؛ لأن ذلك يلوث الماء بأوساخ وأقذار الجنابة.
576;ۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاقمايدىغان، توختاق سۇغا كىچىك تەرەت قىلىشتىن توستى، چۈنكى سۈيدۈكتىكى مىكرۇپلار سۇنى بۇلغاپ، ئۇنى ئىشلەتكەن كىشىگە زىيان يېتىدۇ. بەلكى كىچىك تەرەت قىلغۇچى ئۆزى ئىشلىتىپ يۇيۇنىشى مۈمكىن. كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇ سۇغا قانداقمۇ كىچىك تەرەت قىلسۇن. يەنى بەدەندىكى كىرلەر بۇ سۇنى بۇلغايدىغانلىقى سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ توختاق سۇدا يۇيۇنىشتىن چەكلىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3047

 
Hadith   69   الحديث
الأهمية: استوصوا بالنساء خيرا؛ فإن المرأة خلقت من ضلع، وإن أعوج ما في الضلع أعلاه، فإن ذهبت تقيمه كسرته، وإن تركته، لم يزل أعوج، فاستوصوا بالنساء


باشتېما:

ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار، ھەقىقەتەن ئايال كىشى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىلارنىڭ ئەڭ ئەگرىسى ئەڭ ئۈستىدىكىسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن ۋە ئەگەر ئۇنى تاشلاپ قويساڭ ئاشۇنداق ئەگرى تۇرىۋېرىدۇ، شۇڭا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «اسْتَوْصُوا بالنِّساءِ خَيْرًا؛ فَإِنَّ المرأة خُلِقَتْ مِن ضِلعٍ، وَإنَّ أعْوَجَ مَا في الضِّلَعِ أعْلاهُ، فَإنْ ذَهَبتَ تُقيمُهُ كَسَرْتَهُ، وإن تركته، لم يزل أعوج، فاستوصوا بالنساء».
وفي رواية: «المرأة كالضِّلَعِ إنْ أقَمْتَهَا كَسَرْتَهَا، وَإن اسْتَمتَعْتَ بها، استمتعت وفيها عوَجٌ».
وفي رواية: «إنَّ المَرأةَ خُلِقَت مِنْ ضِلَع، لَنْ تَسْتَقِيمَ لَكَ عَلَى طَريقة، فإن استمتعت بها استمتعت بها وفيها عوج، وإنْ ذَهَبْتَ تُقِيمُهَا كَسَرْتَها، وَكَسْرُهَا طَلاَقُهَا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئايال كىشى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىلارنىڭ ئەڭ ئەگرىسى ئەڭ ئۈستىدىكىدسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن ۋە ئەگەر ئۇنى تاشلاپ قويساڭ ئاشۇنداق ئەگرى تۇرىۋېرىدۇ، شۇڭا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئايال كىشى دېگەن قوۋۇرغىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر رۇسلايمەن دىسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانساڭ، شۇ ئەگرىلىكى بىلەن تۇرۇقلۇق پايدىلىنالايسەن». يەنە بىر رىۋايەتتە: « ئايال كىشى دېگەن قوۋۇرغىدىن يارىتىلدى، ئۇ ھەرگىزمۇ بىرخىل يولدا راۋۇرۇس بولالمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانساڭ، شۇ ئەگرىلىكى بىلەن تۇرۇقلۇق پايدىلىنالايسەن، ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئۇنىڭ سۇنغىنى تالاق قىلىنغىنىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر أبو هريرة -رضي الله عنه- في معاشرة النساء أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: اقبلوا هذه الوصية التي أوصيكم بها، وذلك أن تفعلوا خيرًا مع النساء؛ لأن النساء قاصرات في العقول، وقاصرات في الدين، وقاصرات في التفكير، وقاصرات في جميع شؤونهن، فإنهن خلقن من ضلع.
وذلك أن آدم -عليه الصلاة والسلام- خلقه الله من غير أب ولا أم، بل خلقه من تراب، ثم قال له كن فيكون، ولما أراد الله -تعالى- أن يبث منه هذه الخليقة، خلق منه زوجه، فخلقها من ضلعه الأعوج، فخلقت من الضلع الأعوج، والضلع الأعوج إن استمتعت به استمتعت به وفيه العوج، وإن ذهبت تقيمه انكسر.
فهذه المرأة أيضا إن استمتع بها الإنسان استمتع بها على عوج، فيرضى بما تيسر، وإن أراد أن تستقيم فإنها لن تستقيم، ولن يتمكن من ذلك، فهي وإن استقامت في دينها فلن تستقيم فيما تقتضيه طبيعتها، ولا تكون لزوجها على ما يريد في كل شيء، بل لابد من مخالفة، ولابد من تقصير، مع القصور الذي فيها، فإن ذهبت تقيمها كسرتها وكسرها طلاقها، ومعناه أنك إن حاولت أن تستقيم لك على ما تريد فلا يمكن ذلك، وحينئذ تسأم منها وتطلقها.
574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرۇلۇق خەۋەر بېرپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرگە قىلغان بۇ ۋەسىيتىمگە قۇلاق سېلىڭلار!، ئۇ بولسىمۇ: سىلەر ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلار كېرەك». چۈنكى ئاياللار ئەقىل پاراسەتتە، دىندا، تەپەككۇر قىلىشتا ۋە پۈتۈن ئىشلىرىدا كەمچىللىكتىن خالى بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان. ئۇنداق بولىشى ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاتا-ئانىدىن ياراتماستىن، بەلكى ئۇنى توپىدىن ياساپ، ئۇنىڭغا «بول» دېگەن بۇيرۇقنى قىلىپ، ئۇنى پەيدا قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن بۇ مەخلۇقاتنى ئاۋۇتۇشنى ئىرادە قىلغاندا، جۈپتىنى ئۇنىڭ ئەگرى قوۋۇرغىسىدىن ياراتتى. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىناي دېسەڭ، ئۇنىڭ شۇ ئەگرىلىكى بىلەن پايدىلىنىسەن، ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، ئۇنى سۇندۇرۇپ قويىسەن. بۇ ئايال كىشىمۇ ئەگەر كىشى پايدىلىناي دەپ قالسا، ئۇنىڭ شۇ ئەگرىلىكى بىلەن پايدىلىنالايدۇ، يەنى ئۇنىڭ قولىدىن كەلگىنىگە رازى بولۇپ ياشايدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دەپ قالسا، ئۇ ھەرگىزمۇ راۋۇرۇس رۇسلانمايدۇ، ئۇ ئادەممۇ ئۇنى ھەرگىز ئۇنداق رۇسلىيالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال گەرچە دىنىدا راۋۇرۇس بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى بەزى تەرەپلىرى رۇسلانمايدۇ، ھەممە ئىشتا يولدىشى خالىغاندەك بولمايدۇ. بەلكى قارشىلىشىش ۋە باشقا يىتەرسىزلىك چوقۇم سادىر بولىدۇ، ئۇنى رۇسلاي دېسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئۇنىڭ سۇنغىنى تالاق قىلىنغانلىقىدۇر، يەنى، ئەگەر سەن خالىغىنىڭدەك رۇسلىنىشىغا تىرىشساڭ مومكىن بولماي، شۇنىڭ بىلەن زېرىكىپ تالاق قىلىسەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3049

 
Hadith   70   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أتى منى، فأتى الجمرة فرماها، ثم أتى منزله بمنى ونحر، ثم قال للحلاق: خذ، وأشار إلى جانبه الأيمن، ثم الأيسر، ثم جعل يعطيه الناس


باشتېما:

ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مىنادىكى چوڭ تاش يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا تاش ئاتتى، ئاندىن مىنادىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ساتىراچقا: چېچىمنى چۈشۈر! دەپ، ئاۋۋال بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئاندىن سول تەرىپىنى كۆرسەتتى، ئاندىن چېچىنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أتى مِنَى، فأتى الجَمْرَةَ فرماها، ثم أتى منزله بمِنَى ونحر، ثم قال للحلاق: «خُذْ» وأشار إلى جانبه الأيمن، ثم الأيسر، ثم جعل يعطيه الناسَ.
وفي رواية: لما رمى الجَمْرَةَ، ونحر نُسُكَهُ وحلق، ناول الحلاق شِقَّهُ الأيمن فحلقه، ثم دعا أبا طلحة الأنصاري -رضي الله عنه- فأعطاه إياه، ثم ناوله الشِّقَّ الأَيْسَرَ، فقال: «احْلِقْ»، فحلقه فأعطاه أبا طلحة، فقال: «اقْسِمْهُ بين الناس».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىنادىكى چوڭ تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ، شەيتانغا تاش ئاتقانلىقى، ئاندىن مىنادىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلغانلىقى، ئاندىن ساتىراچقا: «چېچىمنى چۈشۈرۈپ قويغىن» دەپ، ئاۋۋال بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئاندىن سول تەرىپىنى كۆرسەتكەنلىكى، ئاندىن چېچىنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەيتانغا تاش ئاتتى، قۇربانلىق قىلدى ۋە چېچىنى چۈشۈرگەندە ساتىراچقا بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى تۇتۇپ بەردى، ساتىراچ چۈشۈرگەندىن كىيىن ئەبۇ تەلھە ئەنسارىنى چاقىرىپ، چۈشۈرۈلگەن چېچىنى ئۇنىڭغا بەردى.، ئاندىن سول تەرىپىنى تۇتۇپ بېرىپ: «چۈشۈرگىن» دېدى، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئەبۇ تەلھەگە بېرىپ: «بۇنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگىن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما أتى النبي -صلى الله عليه وسلم- في حجة الوداع إلى منى يوم العيد رمى الجمرة، ثم ذهب إلى منزله ونحر هديه، ثم دعا بالحلاَّق فحلق رأسه؛ وأشار -صلى الله عليه وسلَّم- إلى الشق الأيمن فبدأ الحلاَّق بالشقِّ الأيمن، ثم دعا أبا طلحة -رضي الله عنه الأنصاري- وأعطاه شعر الشق الأيمن كله، ثم حلق بقية الرأس، ودعا أبا طلحة وأعطاه إياه، وقال: "اقسمه بين الناس" فقسمه، فمن الناس من ناله شعرة واحدة، ومنهم من ناله شعرتان، ومنهم من ناله أكثر حسب ما تيسر؛ وذلك لأجل التبرك بهذا الشعر الكريم؛ شعر النبي -صلى الله عليه وسلم-.
وهذا جائز وخاص بآثاره -صلى الله عليه وسلم-.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ھېيت كۈنى مىناغا كەلگەندە، شەيتانغا تاش ئاتتى، ئاندىن مىنادىكى چېدىرىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ساتىراچنى چاقىرىپ چېچىنى ئالدۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتىراچقا چاچنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ ئېلىشقا بۇيرىدى، ئاندىن ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئوڭ تەرەپتىن ئالدۇرغان چاچلارنىڭ ھەممىنى بەردى، ئاندىن چېچىنىڭ قالغىنىنى ئالدۇردى، يەنە ئەبۇ تەلھەنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۇ چاچلارنى بېرىپ: «بۇنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگىن» دېدى. ئەبۇ تەلھە ئۇنى كىشىلەرگە بۆلۈپ بەردى، بەزى كىشىلەرگە بىر تال چاچ، يەنە بەزىلەرگە ئىككى تال چاچ، يەنە بەزىلەرگە ئالالىغىنىچە كۆپرەك تەگدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك چاچلىرىنى كىشىلەر تەۋەرۈك بىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىز-ئەسەرلىرى بولسا توغرا بولىدۇ، ھەمدە بۇ پەقەت رەسۇلۇللاھقىلا خاس بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   مۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3052

 
Hadith   71   الحديث
الأهمية: أستودع الله دينك، وأمانتك، وخواتيم عملك


باشتېما:

دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم

كَانَ ابنُ عمرَ -رضِيَ الله عنهما- يَقُول لِلرَّجُل إِذَا أَرَادَ سَفَرًا: ادْنُ مِنِّي حَتَّى أُوَّدِعَكَ كَمَا كَان رسولُ الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- يُوَدِّعُنَا، فَيقُول: «أَسْتَوْدِعُ الله دِينَكَ، وَأَمَانَتَكَ، وَخَوَاتِيمَ عَمَلِكَ».
وعن عبد الله بن يزيد الخطمي رضي الله عنه- قال: كَانَ رسُول الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- إِذَا أَرَادَ أَنْ يُوَدِّعَ الجَيشَ، قال: «أَسْتَودِعُ الله دِينَكُم، وَأَمَانَتَكُم، وخَوَاتِيمَ أَعْمَالِكُم».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەرگە ماڭغان كىشىگە مۇنداق دەيتتى: «ماڭا يىقىن كەلگىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن خوشلاشقاندەك خوشلىشايلى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى يەزىد خەتمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەڭچىلەر بىلەن خوشلاشقاندا: «دىنىڭنى، مەسئۇلىيتىڭنى ۋە ئاخىرقى ئەمەللىرىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» دەيىتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كَانَ ابنُ عمرَ -رضِيَ الله عنهما- يَقُول لِلرَّجُل إِذَا أَرَادَ سَفَرًا: ادْنُ مِنِّي حَتَّى أُوَّدِعَكَ كَمَا كَان رسولُ الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- يُوَدِّعُنَا، وهذا من ابن عمر بيان لكمال حرص الصحابة -رضي الله عنهم- على التزام هدي رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، وقوله: (إذا ودع رجلا) أي مسافرا، (أخذ بيده فلا يدعها): وهذا ما جاء في بعض الروايات، أي: فلا يترك يد ذلك الرجل من غاية التواضع ونهاية إظهار المحبة والرحمة.
   ويقول -صلى الله عليه وسلم-: أي للمودع: "أستودع الله دينك" أي أستحفظ وأطلب منه حفظ دينك.
   و"أمانتك" أي حفظ أمانتك، وهي شاملة لكل ما استحفظ عليه الإنسان من حقوق الناس وحقوق الله من التكاليف، ولا يخلو الرجل في سفره ذلك من الاشتغال بما يحتاج فيه إلى الأخذ والإعطاء والمعاشرة مع الناس، فدعا له بحفظ الأمانة والاجتناب عن الخيانة، ثم إذا انقلب إلى أهله يكون مأمون العاقبة عما يسوءه في الدين والدنيا.
وكان هذا من هديه أيضاً -صلى الله عليه وسلم- إذا أراد توديع الجماعة الخارجة للقتال في سبيل الله    يودعهم بهذا الدعاء الجامع ليكون أدعى إلى إصابتهم التوفيق والسداد والتغلب على الأعداء والحفاظ على فرائض الله في الغزو.
574;ابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەپەرگە ماڭغان كىشىگە: «ماڭا يېقىن كەلگىن، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىز بىلەن خوشلاشقاندەك خوشلىشايلى» دەيتتى، بۇ ھەدىس ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى رىۋايەتلەردە: «سەپەر قىلغۇچى بىلەن خوشلاشقاندا ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ قويىۋەتمەيتى» دېيىلگەن، بۇ كەمتەرلىك ۋە دوستلۇق، مېھرىبانلىقنى ئىزھار قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلغۇچىغا: «دىنىڭنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم» يەنى: ئاللاھدىن دىنىنىڭنى ساقلىشىنى تەلەپ قىلىمەن، «مەسئۇلىيىتىڭنى»يەنى: سېنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەققىگە ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بارلىق مەسئۇلىيىتىڭنى ساقلاشنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم، دەيتتى، ئىنسان سەپەر جەريانىدا كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىلىم-سېتىم ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مەسئۇلىيىتىنى ساقلاپ، خىيانەتتىن يىراق بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى، ئۇ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندە دىن-دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ماڭغان بىرەر جامائەت بىلەن خوشلاشقاندىمۇ ئۇلارنى توغرىغا ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدىغان، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغان، ئۇرۇشتا ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بۇ مەزمۇنلۇق دۇئا بىلەن خوشلىشاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3058

 
Hadith   72   الحديث
الأهمية: ارجعوا إلى أهليكم، فأقيموا فيهم، وعلموهم ومروهم، وصلوا صلاة كذا في حين كذا، وصلوا كذا في حين كذا، فإذا حضرت الصلاة فليؤذن لكم أحدكم وليؤمكم أكبركم


باشتېما:

سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيىڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۈگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن

عن أبي سليمان مالك بن الحويرث -رضي الله عنه- قال: أَتَينَا رسُول الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- ونَحنُ شَبَبَةٌ مُتَقَارِبُون، فَأَقَمْنَا عِندَهُ عِشْرِينَ لَيلَةً، وَكَان رَسُولُ الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- رَحِيمًا رَفِيقًا، فَظَنَّ أَنَّا قَدْ اشْتَقْنَا أَهْلَنَا، فَسَألَنا عمَّنْ تَرَكْنا مِنْ أَهلِنا، فأَخبَرنَاه، فقال: «ارْجِعُوا إلى أَهْلِيكُم، فَأَقِيمُوا فيهم، وَعَلِّمُوهُم وَمُرُوهُم، وَصَلُّوا صَلاَةَ كَذَا في حِينِ كذَا، وصَلُّوا كَذَا في حِينِ كَذَا، فَإِذا حَضَرَتِ الصلاةُ فَلْيُؤذِّن لكم أَحَدُكُم وَلْيَؤُمَّكُم أكبركم».
زاد البخاري في رواية له: «وصَلُّوا كَمَا رَأَيتُمُونِي أُصَلِّي».

ئەبۇ سۇلەيمان مالىك ئىبنى ھۇۋەيرس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ياش-قورام جەھەتتە تەڭداش بولغان بىر نەچچىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىسلامنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يىگىرمە كۈن تۇردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېھرىبان، ئاڭ كۆڭۈل ئىدى، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، بىزدىن ئائىلىمىزدىكى كىشىلەر ھەققىدە سورىدى، بىز ئەمەلى ئەھۋاللارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيۈڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۆگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن»دېدى. بۇخارى رىۋايىتىدە: «خۇددى مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگىنىڭلاردەك ناماز ئوقۇڭلار»، دېگەن ئىبارەت زىيادە كەلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال مالك -رضي الله عنه-: "أتينا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ونحن شببة متقاربون"، وهذا في عام الوفود في السنة التاسعة من الهجرة، وكانوا شبابا فأقاموا عند النبي -صلى الله عليه وسلم- عشرين ليلة.
جاءوا من أجل أن يتفقهوا في دين الله، قال مالك: "وكان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- رحيما رفيقا فظن أنا قد اشتقنا أهلنا" يعني اشتقنا إليهم، "فسألنا عمن تركنا من أهلنا فأخبرناه فقال: ارجعوا إلى أهليكم فأقيموا فيهم وعلموهم ومروهم وصلوا صلاة كذا في حين كذا، فإذا حضرت الصلاة فليؤذن لكم أحدكم وليؤمكم أكبركم" زاد البخاري "وصلوا كما رأيتموني أصلي".
فدل هذا أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان مشهورا بالرحمة والرفق، فكان أرحم الناس بالناس، وكان أرفق الناس بالناس -عليه الصلاة والسلام- رحيما رفيقا، فلما رأى أنهم اشتاقوا إلى أهلهم وسألهم من خلَّفوا وراءهم وأخبروه، أمرهم أن يرجعوا إلى أهليهم.
   "وليؤمكم أكبركم" دليل على تقديم الكبير في الإمامة، وهذا لا ينافي قوله -عليه الصلاة والسلام-: "يؤم القوم أقرؤهم لكتاب الله"؛ لأن هؤلاء الشباب كلهم وفدوا في وقت واحد، والظاهر أنه ليس بينهم فرق بيِّن في قراءة القرآن، وأنهم متقاربون ليس بعضهم أقرأ من بعض؛ ولهذا قال: "وليؤمكم أكبركم" لأنهم متساوون في القراءة أو متقاربون، فإذا تساووا في القراءة والسنة والهجرة، فإنه يرجع إلى الأكبر سنا ويقدمونه.
وفي قوله -صلى الله عليه وسلم-: "صلوا كما رأيتموني أصلي" وهذا مؤكد لما كان عليه الهدي النبوي من تعليم الناس بالقول وبالفعل.
فعلَّم الذي صلَّى بغير طمأنينة بالقول قال: "إذا قمت إلى الصلاة فأسبغ الوضوء، ثم استقبل القبلة، فكبر، ثم اقرأ ما تيسر معك من القرآن، ثم اركع" إلى آخره.
   أما هؤلاء الشباب فعلمهم بالفعل.
605;الىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ياش-قورام جەھەتتە تەڭداش بولغان بىر قانچىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق، بۇ ھىجىريىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدىكى ئەلچىلەر يىلىدا بولغان، بۇ ياشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا يىگىرمە كۈن تۇرغان، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگنىش ئۈچۈن كەلگەن، مالىك مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېھرىبان، ئاڭ كۆڭۈل ئىدى، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، بىزدىن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىز ئەمەلى ئەھۋاللارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۆيىڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيىڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۆگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن» ئىمام بۇخارى:«مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەننى زىيادە قىلغان، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى بەك مېھرىبان، كۆيۈمچان، كىشىلەرگە ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدىغان شەپقەتلىك زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىشكە بۇيرىدى ۋە:«سىلەردىن ياشقا چوڭراقى ئىمام بولسۇن» دېدى، بۇ ئىماملىققا ياشقا چوڭ كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «جامائەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆپ بېلىدىغان كىشى ئىمام بولسۇن» دېگەن سۆزىگە زىت ئەمەس، چۈنكى ئاشۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئەلچى بولۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياش پەرقىمۇ ئاساسەن يوق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ئوقۇشتا بىر-بىرىدىن قىلىشمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ياشقا چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن» دېدى، چۈنكى ئۇلار قۇرئان ئوقۇشتىمۇ بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى، قۇرئان ئوقۇش، سۈننەتنى بىلىش، ھىجرەت قىلىش قاتارلىق ئەمەللەردە باراۋەر بولسا ئىماملىققا ئۇلارنىڭ ياش جەھەتتە چوڭراقى ئۆتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن سۆزىدىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرگە ئەمەلى ۋە ئاغزاكى تەرەپتىن تەڭ تەلىم بېرىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ، ئالدىراپ ناماز ئوقۇيدىغان كىشىگە: «نامازنى مەقسەت قىلساڭ، تەرەتنى كامىل ئالغىن، ئاندىن قىبلىگە يۈزلىنىپ، تەكبىر ئېيتقىن، ئاندىن قۇرئان كەرىمدىن ساڭا ئاسان بولغان سۈرىلەرنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلغىن» دەپ ھەدىسنى ئاخىرغىچە بايان قىلغان، ئەمما ئاۋۇ ياشلارغا ئەمەلى تەلىم بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3059

 
Hadith   73   الحديث
الأهمية: بايعنا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على السمع والطاعة في العسر واليسر، والمنشط والمكره، وعلى أثرة علينا، وعلى أن لا ننازع الأمر أهله


باشتېما:

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەيلى قىيىنچىلىق ياكى قولايلىقتا، مەيلى تېتىك ياكى خوش ياقمىغان زامانلاردا بولسۇن، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا، ئۇنى ئۆزىمىزدىن ئۈستۈن كۆرۈشكە ۋە ئىشنى ئۆز ئەھلىدىن تالاشماسلىققا بەيئەت بەردۇق

عن عبادة بن الصامت -رضي الله عنه- قال: بَايَعْنَا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على السَّمع والطَّاعَة في العُسْر واليُسْر، والمَنْشَطِ والمَكْرَه، وعلَى أَثَرَةٍ عَلَينا، وعلى أَن لاَ نُنَازِعَ الأَمْر أَهْلَه إِلاَّ أَن تَرَوْا كُفْراً بَوَاحاً عِندَكُم مِن الله تَعَالى فِيه بُرهَان، وعلى أن نقول بالحقِّ أينَما كُنَّا، لا نخافُ فِي الله لَوْمَةَ لاَئِمٍ.

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، مەيلى قىيىنچىلىق ياكى كەڭرىچىلىك بولغان، مەيلى بىز قىزىققان ياكى خوش ياقمىغان زامانلاردا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا، ئەمىرلەر ھەتتا ئۆزلىرىگە بەزى مال- مۈلۈكنى ئايرىم قىلىۋالسىمۇ ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا، ۋە ھەر ئىشنى ئۆز ئەھلىگە قويۇپ، ئۇلاردىن كۇفرىلىق سادىر بولغىنىنى كۆرگەندىمۇ، بۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن دەلىل بولمىغىچە، ئۇنى تالاشماسلىققا، مەيلى قەيەردە بولايلى ھەقنى سۆزلەشكە، ۋە ئاللاھ يولىدا ھېچقانداق مالامەتتىن قورقماسلىققا بەيئەت بەردۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
(بايعنا) أي بايع الصحابة -رضي الله عنهم- الرسول -صلى الله عليه وسلم- على السمع والطاعة؛ لأن الله -تعالى- قال: (يا أيها الذين آمنوا أطيعوا الله وأطيعوا الرسول وأولي الأمر منكم)، وبعده -صلى الله عليه وسلم- أولو الأمر طائفتان: العلماء والأمراء، لكن العلماء أولياء أمر في العلم والبيان، وأما الأمراء فهم أولياء أمر في التنفيذ والسلطان.
يقول: بايعناه على السمع والطاعة، وقوله: "في العسر واليسر" يعني سواء كانت الرعية معسرة في المال أو كانت موسرة، يجب على جميع الرعية أغنياء كانوا أوفقراء أن يطيعوا ولاة أمورهم ويسمعوا لهم في المنشط والمكره، يعني سواء كانت الرعية كارهين لذلك لكونهم أمروا بما لا تهواه ولا تريده أنفسهم أو كانوا نشيطين في ذلك؛ لكونهم أُمِروا بما يلائمهم ويوافقهم.
"وأثرة علينا" أثرة يعني استئثارًا علينا، يعني لو كان ولاة الأمر يستأثرون على الرعية بالمال العام أو غيره، مما يرفهون به أنفسهم ويحرمون من ولاهم الله عليهم، فإنه يجب السمع والطاعة.
ثم قال: "وألا ننازع الأمر أهله" يعني لا ننازع ولاة الأمور ما ولاهم الله علينا، لنأخذ الإمرة منهم، فإن هذه المنازعة توجب شرًّا كثيرًا، وفِتَنًا عظيمةً وتفرقًا بين المسلمين، ولم يدمر الأمة الإسلامية إلا منازعة الأمر أهله، من عهد عثمان -رضي الله عنه- إلى يومنا هذا.
قال: " إلا أن تروا كفرًا بواحًا عندكم فيه من الله برهان" هذه أربعة شروط، فإذا رأينا هذا وتمت الشروط الأربعة فحينئذ ننازع الأمر أهله، ونحاول إزالتهم عن ولاية الأمر، والشروط هي:
الأول: أن تروا، فلابد من علم، أما مجرد الظن، فلا يجوز الخروج على الأئمة.
الثاني: أن نعلم كفرًا لا فسقًا، الفسوق، مهما فسق ولاة الأمور لا يجوز الخروج عليهم؛ لو شربوا الخمر، لو زنوا، لو ظلموا الناس، لا يجوز الخروج عليهم، لكن إذا رأينا كفرًا صريحًا يكون بواحًا.
الثالث: الكفر البواح: وهذا معناه الكفر الصريح، البواح الشيء البين الظاهر، فأما ما يحتمل التأويل فلا يجوز الخروج عليهم به، يعني لو قدرنا أنهم فعلوا شيئا نرى أنه كفر، لكن فيه احتمال أنه ليس بكفر، فإنه لا يجوز أن ننازعهم أو نخرج عليهم، ونولهم ما تولوا، لكن إذا كان بواحا صريحا، مثل: لو اعتقد إباحة الزنا وشرب الخمر.
الشرط الرابع: "عندكم فيه من الله برهان"، يعني عندنا دليل قاطع على أن هذا كفر، فإن كان الدليل ضعيفًا في ثبوته، أو ضعيفًا في دلالته، فإنه لا يجوز الخروج عليهم؛ لأن الخروج فيه شر كثير جدا ومفاسد عظيمة.
وإذا رأينا هذا مثلا فلا تجوز المنازعة حتى يكون لدينا قدرة على إزاحته، فإن لم يكن لدى الرعية    قدرة فلا تجوز المنازعة؛ لأنه ربما إذا نازعته الرعية وليس عندها قدرة يقضي على البقية الصالحة، وتتم سيطرته.
فهذه الشروط شروط للجواز أو للوجوب -وجوب الخروج على ولي الأمر- لكن بشرط أن تكون القدرة موجودة، فإن لم تكن القدرة موجودة، فلا يجوز الخروج؛ لأن هذا من إلقاء النفس في التهلكة؛ لأنه لا فائدة في الخروج.
576;ەيئەت بەردۇق، يەنى ساھابە كىراملار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت بەردى، چۈنكى پەيغەمبەرلىك زامانىدا ئاللاھ تائالا پۈتۈن ئىشلارغا ئۇنى مەسئۇل قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» (سۈرە نىسا 59- ئايەتنىڭ بىر قىسمى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئىش ئۈستىدىكىلەر ئىككى خىل بولىدۇ: ئۆلىمالار ۋە ئەمىرلەر. لېكىن ئۆلىمالار ئىلىم - مەرىپەت ۋە بايان قىلىشتا ئىش ئىگىلىرىدۇر، ئەمما ئەمىرلەر ئىجرا قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا ئىش ئىگىلىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت بەردۇق. ئۇنىڭ: «مەيلى قىيىنچىلىق ياكى قولايلىق ھالەتتە بولسۇن» دېگىنى: مەيلى خەلق مال- مۈلۈكتە قىيىنچىلىقتا ياكى كەڭرىچىلىكتە بولغان بولسۇن، باي - نامرات پۈتكۈل پۇقرالار ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنۇشى ۋە مەيلى قىزىققان ياكى خوش ياقمىغان چاغلاردا بولسۇن، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى ۋاجىپتۇر. يەنى مەيلى بۇ پۇقرالار ئۆزلىرى خالىمايدىغان بىر ئىشقا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن ياقتۇرمىغان بولسۇن، ياكى ئۇ ئۇلار ياقتۇرىدىغان، ماس كىلىدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار قىزىققان ئىش بولسۇن، ئىتائەت قىلىش ۋاجىپتۇر. «ئەمىرلەر ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتسىمۇ، يەنى ئىش ئۈستىدىكىلەر ئاللاھ تائالا ئىگە قىلغان ئومۇمنىڭ مال- مۈلكى ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى باياشاتلاندۇرۇپ، پۇقرالارنى مەھرۇم قويغان ھالدىمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىش ۋاجىپتۇر. «ئىشنى ئۆز ئەھلىدىن تالاشماسلىققا» يەنى، ئاللاھ تائالا بىزگە باش قىلىپ قويغان ئىش ئۈستىدىكىلەردىن ئەمىرلىكنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تالاشماسلىقىمىزغا، چۈنكى بۇنداق تالىشىش كۆپلىگەن يامانلىققا ۋە ئېغىر پىتنىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدىن تا ھازىرغىچە، مۇسۇلمانلارنى چېچىۋەتكەن، ئىسلام ئۈممىتىنى خانىۋەيران قىلغان ئىش، پەقەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى ئۆز ئەھلىدىن تالىشىشتۇر. «ئۇلاردىن ئاللاھ تائالادىن دەلىل كەلگەن ئېنىق كۇپرىنى كۆرگۈچە» مانا بۇنىڭ تۆت شەرتى باردۇر، ئەگەر بۇ تۆت شەرتنىڭ ئۇلاردا تىپىلغىنىنى كۆرسەك، شۇ چاغدا ئىشلارنى ئەھلىدىن تالىشىپ ۋە ئۇلارنى ئۇ ماقامدىن چۈشۈرۈۋېتىشكە ئۇرىنىمىز. ئۇ تۆت شەرتنىڭ بىرىنچىسى: سىلەرنىڭ كۆرۈشۈڭلار، يەنى كۇفرىلىقنى ھەقىقى بىلىش كېرەك. ئەمما پەقەت گۇمان بىلەن ئەمىرلەرگە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. ئىككىنچىسى: ئۇلاردىكى كۇفرىلىقنى بىلىشىمىز، پاسىقلىقنى ئەمەس، ئەمما ئۇلاردىن قانچىلىك پاسىقلىق يۈز بەرسە، ئۇلارغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. گەرچە ھاراق ئىچسىمۇ، ياكى زىنا قىلسىمۇ، ياكى زۇلۇم قىلسىمۇ، ئۇلارغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئەگەر ئوپ - ئوچۇق كۇفرىلىق سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسەك ئاندىن بولىدۇ. ئۈچىنچىسى: ئوپ - ئۇچۇق كۇفرىلىق، بۇ دېگەنلىك ئاشكارا كۇفرىلىق دېگەنلىكتۇر. (بەۋاھ) دېگەن، ئۇچۇق-ئاشكارا نەرسىدۇر. ئەمما تەۋىل قىلىش (باشقىچە چۈشىنىش) ئېھتىمالى بولغان ئىشلار بىلەن ئۇلارغا قارشى چىقىش جايىز بولمايدۇ. يەنى مەسىلەن: بىز ئۇلارنىڭ ئۆزىمىز كۇفرىلىق دەپ بىلىدىغان بىر ئىشنى قىلغانلىقىنى تەخمىن قىلساق، ئەمما ئۇ ئىشنىڭ كۇفرىلىق ئەمەسلىكى ئېھتىمالى بولسا، ئۇلاردىن ھوقۇق تالىشىشىمىز ياكى ئۇلارغا قارشى چىقىشىمىز توغرا بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنى ئۆزىگە قويىمىز. لېكىن ئەگەر ئوپ - ئۇچۇق كۇفرىلىق بولۇپ قالسا، مەسىلەن: خەلققە زىنانى ياكى ھاراقنى يولغا قويۇپ بەرگەندەك، بۇ چاغدا بولىدۇ. تۆتىنچىسى: بۇنىڭغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن دەلىل بولىشى، يەنى بىزدە ئۇنىڭ كۇفرىلىق ئىكەنلىكىگە كەسكىن دەلىلىمىز بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ دەلىل كېلىش يولىدا ياكى شۇ ھۆكۈمگە دالالەت قىلىشىدا ئاجىز بولۇپ قالسا، ئۇلارغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قارشى چىقىشتا نۇرغۇنلىغان يامانلىق ۋە بەك كاتتا بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ ھازىر بولغىنىنى كۆرسەك، بۇ ھالەتتىمۇ ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىشىمىزگە كۈچ - قۇۋۋىتىمىز بولمىسا، يەنى خەلقنىڭ قولىدا كۈچ بولمىسا جايىز بولمايدۇ. چۈنكى ئەگەر خەلقنىڭ كۈچى يوق تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىشسا، ئۇ، خەلق ئىچىدىكى سالىھ كىشىلەرنى يوقىتىدۇ. ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ. بۇ شەرتلەر ئەمىرگە قارشى چىقىشنىڭ رۇخسەتلىكىنىڭ ياكى ئەھۋالغا قاراپ ۋاجىپلىقىنىڭ شەرتلىرىدۇر. لېكىن ئۇنىڭغا لايىق كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ تېپىلىش شەرتى بىلەن بولىدۇ. ئەگەر كۈچ بولمىسا قارشى چىقىش جايىز ئەمەستۇر، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغانلىق بولۇپ، قارشى چىقىشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3061

 
Hadith   74   الحديث
الأهمية: صليت مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ركعتين قبل الظهر، وركعتين بعدها، وركعتين بعد الجمعة، وركعتين بعد المغرب، وركعتين بعد العشاء


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن، پىشىن نامىزىنىڭ ئالدىدا ئىككى رەكئەت، ئارقىدا ئىككى رەكئەت، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم

عن عبد الله بن عمر-رضي الله عنهما- قال: «صَلَّيتُ معَ رسول الله -صلَّى الله عليه وسلم- رَكعَتَين قَبل الظُّهر، وَرَكعَتَين بَعدَها، ورَكعَتَين بعد الجُمُعَةِ، ورَكعَتَينِ بَعدَ المَغرِب، وَرَكعَتَينِ بَعدَ العِشَاء».
وفي لفظ: «فأمَّا المغربُ والعشاءُ والجُمُعَةُ: ففي بَيتِه».
وفي لفظ: أنَّ ابنَ عُمَر قال: حدَّثَتنِي حَفصَة: أنَّ النبِيَّ -صلَّى الله عليه وسلم-: «كان يُصَلِّي سَجدَتَين خَفِيفَتَينِ بَعدَمَا يَطلُعُ الفَجر، وكانت سَاعَة لاَ أَدخُلُ على النبيَّ -صلَّى الله عليه وسلم- فِيهَا».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن، پىشىن نامىزىنىڭ ئالدىدا ئىككى رەكئەت، ئارقىدا ئىككى رەكئەت، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەمما شام، خۇپتەن، ۋە جۈمە نامازلىرىنىڭ سۈننەتلىرىنى بولسا ئۆيىدە ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا ئېيتىپ بەردى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت يەڭگىل ناماز ئوقۇيتتى. ئىبنى ئۆمەر دەيدىكى: ئۇ ۋاقىت مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرمەيدىغان ۋاقتلاردىن ئىدى

في هذا الحديث بيان للسنن الراتبة للصلوات الخمس، وذلك أن لصلاة الظهر أربع ركعات، ركعتين قبلها، وركعتين بعدها، وأن لصلاة الجمعة ركعتين بعدها، وأن للمغرب ركعتين بعدها، وأن لصلاة العشاء ركعتين بعدها وأن راتبتي صلاتي الليل، المغرب والعشاء، وراتبة الفجر والجمعة كان يصليها الرسول -صلى الله عليه وسلم- في بيته.
وكان لابن عمر -رضي الله عنهما- اتصال ببيت النبي -صلى الله عليه وسلم-؛ لمكان أخته "حفصة" من النبي -صلى الله عليه وسلم-، فكان يدخل عليه وقت عباداته، ولكنه يتأدَّب فلا يدخل في بعض الساعات، التي لا يُدخل على النبي -صلى الله عليه وسلم- فيها، امتثالا لقوله -تعالى-: "يا أيها الذين آمنوا ليستأذنكم الذين ملكت أيمانكم والذين لم يبلغوا الحلم منكم ثلاث مرات من قبل صلاه الفجر" الآية، فكان لا يدخل عليه في الساعة التي قبل صلاة الفجر، ليرى كيف كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يصلي، ولكن -من حرصه على العلم- كان يسأل أخته "حفصة" عن ذلك، فتخبره أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يصلى سجدتين خفيفتين بعدما يطلع الفجر، وهما سنة صلاة الصبح.

576;ۇ ھەدىستە بەش نامازنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەتلىرى توغرىسىدا بايان باردۇر. ئۇلار: پىشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئىتى؛ ئىككىسى ئالدىدا، ئىككىسى ئارقىدا، جۈمە نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى رەكئەت، شام نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەن نامىزىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى رەكئەت، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت نامىزى قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بامدات ۋە جۈمە نامازلىرىنىڭ سۈننەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە ئوقۇيتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى بار ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاچىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىبادەت ۋاقىتلىرىدىمۇ كىرىپ تۇراتتى. لېكىن ئەدەپلىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە (ۋە ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭكىدىن باشقا ھەرقانداق ئۆيگە) كىرىلمەيدىغان بەزى ۋاقىتلاردا كىرمەيتتى. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن...» (نۇر سۈرىسى 58- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتنىڭ تەقاززاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. شۇڭا بامدات نامىزىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈنمۇ كىرمەيتتى. ئەمما ئۇنى بىلىشكە قاتتىق ھېرىسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئاچىسى ھەفسىدىن سورىغاندا، ئۇ ئانىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت يەڭگىل ناماز ئوقۇيتتى، ئۇ ئىككىسى بامداتنىڭ سۈننىتى ئىدى، دەپ جاۋاپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3062

 
Hadith   75   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام من الليل يشوص فاه بالسواك


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىك ئۇيقۇسىدىن تۇرغىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى چوتكىلايتتى

عن حذيفة بن اليمان -رضي الله عنهما- قال: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إِذَا قَام من اللَّيل يُشُوصُ فَاهُ بِالسِّوَاك».

ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىك ئۇيقۇسىدن تۇرغىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى چوتكىلايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من محبة النبي -صلى الله عليه وسلم- للنظافة وكراهته للرائحة الكريهة أنه كان إذا قام من نوم الليل الطويل الذي هو مظنة تغير رائحة الفم دلك أسنانه -صلى الله عليه وسلم- بالسواك، ليقطع الرائحة، ولينشط بعد مغالبة النوم على القيام؛ لأنَّ من خصائص السواك أيضا التنبيه والتنشيط.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ پاكىزلىقنى سۆيۈشى ۋە بەدبۇي پۇراقنى ئۆچ كۆرگەنلىكىدىن كېچىلىرى ئۇيقىسىدىن ئويغانغاندا مىسۋاك بىلەن چىشىنى چوتكىلايتتى، ئۇزۇن كېچىنىڭ ئۇيقىلىرى ئېغىز پۇرىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، مىسۋاك ئۇ پۇراقلارنى يوقۇتۇپ، ئۇيقۇنى ئېچىپ، كېچە نامىزىغا تېتىك بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى مىسۋاكنىڭ ئۇيقىنى ئېچىش ۋە رۇھلاندۇرۇش خۇسۇسىيتى بار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3063

 
Hadith   76   الحديث
الأهمية: شكي إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- الرجل يخيَّل إليه أنه يجد الشيء في الصلاة، فقال: لا ينصرف حتى يسمع صوتًا، أو يجد ريحًا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىر ئادەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا تاھارىتى سۇنغاندەك ھېس قىلىپ قالىدىغانلىقى شىكايەت قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراق ھېدلانمىغۇچە نامازدىن چىقىپ كەتمىسۇن، دېدى

عن عبد الله بن زيد بن عاصم المازني -رضي الله عنه- قال: (شُكِيَ إلى النبيِّ -صلى الله عليه وسلم- الرَّجلُ يُخَيَّلُ إِليه أنَّه يَجِد الشَّيء في الصَّلاة، فقال: لا ينصرف حتَّى يَسمعَ صَوتًا، أو يَجِد رِيحًا).

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم ئەلمازىني رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىر ئادەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا تاھارىتى سۇنغاندەك خىيال قىلىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدىكى: بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراق چىقمىغۇچە نامازدىن چىقىپ كەتمىسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
هذا الحديث- كما ذكر النووي -رحمه الله- من قواعد الإسلام العامة وأصوله التي تبنى عليها الأحكام الكثيرة الجليلة، وهي أن الأصل بقاء الأشياء المتيقنة على حكمها، فلا يعدل عنها لمجرد الشكوك والظنون، سواء قويت الشكوك، أو ضعفت، مادامت لم تصل إلى درجة اليقين أو غلبة الظن، وأمثلة ذلك كثيرة لا تخفى، ومنها هذا الحديث، فما دام الإنسان متيقنا للطهارة، ثم شك في الحدث فالأصل بقاء طهارته، وبالعكس فمن تيقن الحدث، وشك في الطهارة فالأصل بقاء الحدث، ومن هذا الثياب والأمكنة، فالأصل فيها الطهارة، إلا بيقين نجاستها، ومن ذلك عدد الركعات في الصلاة، فمن تيقن أنه صلى ثلاثًا مثلًا، وشك في الرابعة، فالأصل عدمها، وعليه أن يصلي ركعة رابعة، ومن ذلك من شك في طلاق زوجته فالأصل بقاء النكاح، وهكذا من المسائل الكثيرة التي لا تخفى.
574;ىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بايان قىلغاندەك، بۇ ھەدىس ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن چوڭ - چوڭ ئەھكاملىرى ئېلىنىدىغان ئاساسى قائىدىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ بولسىمۇ: «ھۆكمى ئېنىق بولغان ئىشلارنىڭ ھۆكمى ئۆز جايىدا تۇرىۋىرىدۇ. پەقەت بىرەر گۇمان ياكى شەك – شۈبھە تۈپەيلىدى (مەيلى بۇ شەكلەر كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن، ئىشەنچىلىك ئېنىق ھۆكۈم بولمىسا ياكى شۇنىڭغا يېقىن دەرىجىگە يەتمىسە)، ئەسلى ھۆكۈم ئۆزگەرتىلمەيدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى كۆپتۇر. بىلىنمەي قالمايدۇ. بۇ ھەدىسمۇ شۇنىڭ قاتارىدىندۇر. دېمەك ئىنسان تاھارىتى بارلىقىغا چىن پۈكسە، ئاندىن تاھارىتى سۇنغانلىقىدا گۇمانلىنىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ تاھارىتى بارلىقىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە، كىمكى تاھارىتىنىڭ يوقلىقىغا چىن پۈكسە، ئاندىن تاھارەت ئالغان - ئالمىغانلىقىدا گۇمانلىنىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم تاھارىتى يوقلىقىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. بۇنىڭ قاتارىدىن: كىيىم – كىچەك ۋە ماكانلاردا، نىجاسەت بولغىنى ئېنىق بولمىسا، ئەسلى پاك دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك نامازنىڭ رەكئەتلىرىدا، مەسىلەن: بىر ئادەم ئۈچ رەكئەت ئوقۇغىنىغا چىن پۈكسە، ئەمما تۆتىنچىسىنى ئوقۇغان – ئوقۇمىغانلىقىغا گۇمان قىلىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ ئوقۇلمىغانلىقىدۇر، ئۇ ئادەم تۆتىنچى رەكئەتنى ئوقۇشى لازىم بولىدۇ. يەنە بۇنىڭ قاتارىدىن: كىمكى ئايالىنى تالاق قىلغان – قىلمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ نىكاھىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر كىشىگە مەخپى قالمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3064

 
Hadith   77   الحديث
الأهمية: أمرني رسول الله    -صلى الله عليه وسلم- أن أقوم على بدنه، وأن أتصدق بلحمها وجلودها وأجلتها، وأن لا أعطي الجزار منها شيئًا


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋىتىپ، قاسساپقا ئۇ نەرسىلەردىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- قال: «أَمَرَنِي رَسُول اللَّهِ -صلَّى الله عليه وسلَّم- أَن أَقُومَ عَلَى بُدْنِهِ، وَأَن أَتَصَدَّقَ بِلَحمِهَا وَجُلُودِهَا وَأَجِلَّتِهَا، وَأَن لا أُعْطِيَ الجَزَّارَ مِنهَا شَيْئًا».

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىپ، قاسساپقا ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قَدِمَ النبي -صلى الله عليه وسلم- مكة في حجة الوداع ومعه هديه وقدم علي بن أبى طالب -رضي الله عنه- من اليمن، ومعه هدي، وبما أنها صدقة للفقراء والمساكين، فليس لمهديها حق التصرف بها، أو بشيء منها على طريقة المعاوضة، فقد نهاه أن يعطي جازرها منها، معاوضة له على عمله، وإنما أعطاه أجرته من غير لحمها وجلودها وأجلتها.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبمۇ يەمەندىن قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئۇ كەمبەغەل-مىسكەنلەرگە سەدىقە قىلىنىدىغان بولغاچقا ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ بۇ چارۋىلار ياكى ئۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھەققى يوق ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلىنى قۇربانلىقنىڭ گۆش-تېرىلىرىدىن قاسساپقا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بىر نەرسە بېرىشتىن توستى، ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى گۆش، تىرە ۋە توقۇملىرىدىن باشقا بىر نەرسىدىن بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3065

 
Hadith   78   الحديث
الأهمية: إذا أُقِيمت الصلاة وحضر العَشاء فابدأوا بالعَشاء


باشتېما:

نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋەل يىمەك يەڭلار

عن عائشة وعبد الله بن عمر وأنس بن مالك -رضي الله عنهم- مرفوعاً: «إِذَا أُقِيمَت الصَّلاَة، وحَضَرَ العَشَاء، فَابْدَءُوا بِالعَشَاء».

ئائىشە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەنەس ئىبنى مالىكتىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋال يىمەك يەڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا أقيمت الصلاة، والطعام أو الشراب حاضر، فينبغي البداءة بالأكل والشرب حتى تنكسر نهمة المصلي، ولا يتعلق ذهنه به، ويقبل على الصلاة، وشرط ذلك عدم ضيق وقت الصلاة، ووجود الحاجة والتعلق بالطعام، وهذا يؤكد كمال الشريعة ومراعاتها لحقوق النفس مع اليسر والسماحة.
606;امازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك-ئېچمەك تەييار بولغان بولسا، يىمەكلىككە ھاجەت بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىھاسىنى بېسىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يىمەك-ئېچمەككە ئېغىز تىگىپ زېھنىنى يىمەكلىككە چاچماستىن نامازغا يۈزلىنىشى كېرەك. بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كەڭرىچىلىك، ئاسانلىق بىلەن نەپسىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3066

 
Hadith   79   الحديث
الأهمية: يعمد أحدكم فيجلد امرأته جلد العبد، فلعله يضاجعها من آخر يومه


باشتېما:

بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ بولۇپ، كېچىسى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ قېلىشى مومكىن

عن عبد الله بن زمعة -رضي الله عنه- أنّه سمع النبي -صلى الله عليه وسلم- يخطب، وذكر الناقة والذي عقرها، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إذِ انبَعَثَ أشقاها: انْبَعَثَ لَهَا رجل عزِيز، عَارِم منيع في رَهطِه»، ثم ذكر النساء، فوعظ فيهنَّ، فقال: «يَعمِد أحدكم فيجلد امرأته جلد العبد، فلعلَّه يُضَاجِعُهَا من آخر يومه» ثمَّ وعظهم فِي ضَحِكِهم من الضَّرطَة، وقال: «لم يضحك أحدكم ممَّا يفعل؟!».

ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبىسىدە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئاڭلىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەينى ۋاقىتتا سەمۇد قەۋمىدىن ئەڭ بەدبەخت ئادىمى تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى»، يەنى: ئۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە نوپۇزلۇق، كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەم ئەسكى ئادەم ئالدىرىغان ئىدى،- دېدى. ئاندىن ئاياللارنى تىلغا ئالدى، ئۇلار ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ: بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ بولۇپ، كېچىسى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ قېلىشى مومكىن،- دېدى. بىراۋ ئوسۇرۇپ سالسا كۈلمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىمۇ قىلىپ سالىدىغان ئىشلارغا كۈلمىسۇن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان -صلى الله عليه وسلم- يخطب، وسمعه عبد الله بن زمعة، ومن جملة ما خطب أنه سمع النبي ذكر الناقة التي كانت معجزة لنبي الله صالح -على نبينا وعليه أفضل الصلاة والسلام-، وكان من جملة ما ذكره أيضا الذي عقرها، يقال له قُدَار بن سالف والذي كان أشقى القوم، وجاء من أوصافه: أنه قليل المثل، شديد الإفساد، ذو منعة في قومه.
   ثم قال -عليه الصلاة والسلام- في خطبته: "يعمد أحدكم فيجلد امرأته جلد العبد" وهو في العادة ضرب شديد، وفي سياق الحديث استبعاد وقوع الأمرين من العاقل، أن يُبَالِغَ في ضرب امرأته ثم يجامعها من بقية يومه أو ليلته؛ والمجامعة أو المضاجعة إنما تستحسن مع الميل والرغبة في العشرة، والمجلود غالباً ينفر ممن جلده، فوقعت الإشارة إلى ذَمِّ ذلك، وأنه إذا كان ولا بد فليكن التأديب بالضرب اليسير بحيث لا يحصل معه النفور التام، فلا يفرط في الضرب ولا يفرط في التأديب.
ثم (وعظهم) أي: حذَّرهم في (ضحكهم من الضرطة)؛ وذلك لأنه خلاف المروءة، ولما فيه من هتك الحُرمة، وقال في تقبيح ذلك: (لِم يضحك أحدكم مما يفعل؟)؛ وذلك لأنَّ الضحك إنما يكون من الأمر العجيب والشأن الغريب، يبدو أثره على البشرة فيكون التبسم، فإن قوي وحصل معه الصوت كان الضحك، فإن ارتقى على ذلك كانت القهقهة، وإذا كان هذا الأمر معتاداً من كل إنسان فما وجه الضحك من وقوع ذلك ممن وقع منه؟.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلىگەن خۇتبىنى ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئە ئاڭلىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ خۇتبىسىدە سالىھ ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزە قىلىپ بېرىلگەن تۆگىنى ۋە ئۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۋەتكەن كىشىنى تىلغا ئالدى، ئۇ قەۋمنىڭ ئەڭ بەدبەخىت ئادىمى بولۇپ، ئىسمى قۇدار ئىدى. ئۇ: ئوخشىشى كەم تىپىلىدىغان، ئىنتايىن بۇزغۇنچى، قەۋمى ئىچىدە نوپۇزلۇق كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خۇتبىسىدە: «بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ»، دېدى. بۇ ئەدەبلەش يۈزىسىدىن قۇلنى قاتتىق ئۇرۇشنىڭ، ئاياللارنى يىنىك ئۇرۇشنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھەدىستە: ئايالىنى قاتتىق ئۇرۇپ، ئايالىنى ئۇرغان كېچىسى ياكى كۈندۈزىدە بىرگە بولۇشتەك ئىككى ئىشنىڭ ئەقىللىق كىشىدىن يۈز بېرىشىنى يىراق سانىغان. چۈنكى تۇرمۇشتا ئايال بىلەن بىرگە بولۇش ياكى بىللە يىتىش كۆڭلى تارتىپ، قىزىققاندىلا ياخشى بولىدۇ. قامچىلانغۇچى كۆپىنچە قامچىلىغان ئادەمدىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئەيىپلىنىدىغانلىقى ئىشارە قىلىنغان.ئۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا يىرگىنىش، ئۇرۇشتا ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئەدەپلەشكە سەل قاراش ئىشلىرى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن يىنىك ئەدەپلەش كېرەك. «ئاندىن يەنە ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى»، يەنى يەل قويۇپ بېرىشنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتىن ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى بۇ ھۆرمەت دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئادىمىگەرچىلىككە زىت ئىش. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزى قىلىدىغان ئىشتىن كۈلىدۇ؟ دېدى. چۈنكى كۈلۈش پەقەت ئەجەبلىنەرلىك، ئالاھىدە ئىشلارغا بولىدۇ، كۈلكىنىڭ تەسىرى ئادەم چىھرىدە نامايەن بولسا تەبەسسۇم بولىدۇ، كۈشلۈك، ئاۋازلىق چىققاندا كۈلكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولسا قاقاھلاپ كۈلۈش بولىدۇ، يەل قويۇپ بېرىش ھەر بىر ئىنساندىن يۈز بېرىدىغان نۇرمال ئىش تۇرۇغلۇق، بۇ ئىش بىرەر كىشىدىن سادىر بولغاندا نېمە ئۈچۈن كۈلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3070

 
Hadith   80   الحديث
الأهمية: كنت مع النبي -صلى الله عليه وسلم- فبال، وتوضأ، ومسح على خفيه


باشتېما:

مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر يەردە ئىدىم، ئۇ يەردە ھاجىتىنى سۇندۇردى، ئاندىن تاھارەت ئالدى ۋە ئۆتىكىگە مەسھى قىلدى

عن حذيفة بن اليمان -رضي الله عنهما- قال: «كنتُ مع النبي -صلى الله عليه وسلم- فبَالَ, وتوَضَّأ, ومَسَح على خُفَّيه».

ھۇزەيپە ئىبنى ئەليەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر يەردە ئىدىم، ئۇ يەردە ھاجىتىنى سۇندۇردى، ئاندىن تاھارەت ئالدى ۋە ئۆتىكىگە مەسھى قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر حذيفة بن اليمان -رضي الله عنه- أنه كان مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، وذلك في المدينة، فأراد النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يقضي حاجته، فأتى زبالة قوم خلف حائط، فبال وتوضأ ومسح على خفيه، وكان وضوؤه بعد الاستجمار، أو الاستنجاء، كما هي عادته -صلى الله عليه وسلم-.
726;ۇزەيپە ئىبنى ئەليەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مەدىنىدە بىرگە ئىكەنلىكى، رەسۇلۇللاھ كىچىك تەرەت قىلماقچى بولۇپ، بىر تامنىڭ كەينىدىكى بوشلۇق يەردە ھاجىتىنى سۇندۇرغانلىقى ۋە تاھارەت ئېلىپ ئۆتىكىگە مەسھى قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھ ئادەتتە ئىستىنجانى تاش بىلەن ياكى سۇ بىلەن قىلاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3075

 
Hadith   81   الحديث
الأهمية: كنت جنبا فكرهت أن أجالسك على غير طهارة، فقال: سبحان الله، إن المؤمن لاينجس


باشتېما:

مەن جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-:"أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- لَقِيَه في بَعض طُرُقِ المدينَة وهو جُنُبٌ، قال: فَانْخَنَسْتُ مِنه، فذهبت فَاغْتَسَلْتُ ثم جِئْتُ، فقال: أين كنت يا أبا هريرة؟ قال: كُنتُ جُنُبًا فَكَرِهتُ أن أُجَالِسَك على غيرِ طَهَارَة، فقال: سبحان الله، إِنَّ المُؤمِنَ لا يَنجُس".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدىكى بىر يولدا ئەبۇ ھۇرەيرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ جۇنۇبلۇق ھالەتتە ئىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە: «مەن ئۆزۈمنى نىجىس ساناپ» رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۈچرىشىشتىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم ۋە بېرىپ يۈيۈنۇپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ قەيەردە بولدۇڭ دەپ سورىدى. مەن: جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لقي أبو هريرة النبي -صلى الله عليه وسلم- في بعض طرق المدينة، وصادف أنه جنب فكان من تعظيمه للنبي -صلى الله عليه وسلم- وتكريمه إياه، أن كره مجالسته ومحادثته وهو على تلك الحال.
فانسل في خفية من النبي -صلى الله عليه وسلم- واغتسل، ثم جاء إليه.
فسأله النبي -صلى الله عليه وسلم- أين ذهب -رضي الله عنه- فأخبره بحاله، وأنه كره مجالسته على غير طهارة.
فتعجب النبي -صلى الله عليه وسلم- من حال أبي هريرة -رضي الله عنه- حين ظن نجاسة الجنب، وذهب ليغتسل وأخبره: أن المؤمن لا ينجس على أية حال.
574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن مەدىنىدىكى بىر يولدا ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۇرەيرە جۇنۇبلۇق ھالەتتە ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن بۇ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ۋە بىر سورۇندا ئولتۇرۇشنى توغرا كورمىدى. چاندۇرماستىن ئۆيىگە بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن قەيەرگە بارغانلىقىنى سورغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەر بەردى، ناپاك ھالدا رەسۇلۇللاھ بىلەن سورۇنداش بولۇشنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيىتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنى ناپاك دەپ ئويلىۋالغانلىقىدىن، بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدى، ۋە: مۆمىن كىشى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن ناپاك، نىجىس بولمايدۇ، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3076

 
Hadith   82   الحديث
الأهمية: إذا أتيتم الغائط، فلا تستقبلوا القبلة بغائط ولا بول، ولا تستدبروها، ولكن شرقوا أو غربوا


باشتېما:

سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، لېكىن شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار

عن أبي أيوب الانصاري -رضي الله عنه- مرفوعاً: "إذا أَتَيتُم الغَائِط, فَلاَ تَستَقبِلُوا القِبلَة بِغَائِط ولا بَول, ولا تَسْتَدْبِرُوهَا, ولكن شَرِّقُوا أو غَرِّبُوا".
   قال أبو أيوب: «فَقَدِمنَا الشَّام, فَوَجَدنَا مَرَاحِيض قد بُنِيَت نَحوَ الكَّعبَة, فَنَنحَرِف عَنها, ونَستَغفِر الله عز وجل» .

ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، بەلكى شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار. ئەبۇ ئەييۇب مۇنداق دەيدۇ: بىز شامغا كەلسەك، ھاجەتخانىلار قىبلىگە قارتىلىپ سېلىنغان ئىكەن، بىز ئىستىغپار ئېيتىپ ھاجەتخانىدا يانچە ئولتۇردۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يرشد النبي صلى الله عليه وسلم إلى شيء من آداب قضاء الحاجة بأن لا يستقبلوا القبلة، وهى الكعبة المشرفة، ولا يستدبروها حال قضاء الحاجة؛ لأنها قبلة الصلاة، وموضع التكريم والتقديس، وعليهم أن ينحرفوا عنها قِبَلَ المشرق أو المغرب إذا كان التشريق أو التغريب ليس موجَّها إليها، كقبلة أهل المدينة.
ولما كان الصحابة رضي الله عنهم أسرع الناس قبولا لأمر النبي صلى الله عليه وسلم ، الذي هو الحق، ذكر أبو أيوب رضي الله عنه أنهم لما قدموا الشام إثر الفتح وجدوا فيها المراحيض المعدة لقضاء الحاجة، قد بنيت متجهة إلى الكعبة، فكانوا ينحرفون عن القبلة، ويستغفرون تورعا واحتياطا.
585;ەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھاجەتخانىغا كىرگەندىكى قائىدىلەرنى ئۈگۈتۈپ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تەرەت قىلغاندا قىبلىگە يەنى ئۇلۇغ كەئبە شىرىپقا ئالدىمىزنى قىلماسلىق ھەم كەينىمىزنىمۇ قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ نامازدا ئالدىمىزنى قىلىدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان جايدۇر. ئەگەردە ھاجەتخانا قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان بولسا شەرىق ۋە ياكى غەرىپ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئولتۇرۇش كېرەك. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ياشايدىغان كىشىلەرگە قارىتا، ساھابىلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى تىز ئىجرا قىلىدىغان بولغاچقا «مۇسۇلمان شۇنداق بولىشى كېرەك» ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى دېدىكى: ساھابىلار شامنى پەتھى قىلغاندا ھاجەتخانىلارنىڭ قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغانلىقىنى كۆردى، ئۇلار ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا قىيپاش ئولتۇرۇپ، بۇ قىلمىش ئۈچۈن ئىھتىيات يۈزسىدىن ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيىتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3078

 
Hadith   83   الحديث
الأهمية: نهى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن الخذف، وقال: إنه لا يقتل الصيد، ولا ينكأ العدو، وإنه يفقأ العين، ويكسر السن


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى

عن عبد الله بن مغفل -رضي الله عنهما- قال: نَهَى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- عن الخَذْف، وقال: «إِنَّه لاَ يَقتُلُ الصَّيدَ، ولاَ يَنْكَأُ العَدُوَّ، وإِنَّهُ يَفْقَأُ العَيْنَ، ويَكسِرُ السِّنَ».
وفي رواية: أن قَرِيباً لابن مغفل خَذَفَ فنَهَاه، وقال: إن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- نهى عن الخَذْفِ، وقال: «إِنَّهَا لاَ تَصِيدُ صَيداً» ثم عاد، فقال: أُحَدِّثُك أنَّ رسول الله نهى عنه، ثم عُدتَ تَخذِفُ! لا أُكَلِّمُكَ أَبَداً.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەلنىڭ تۇغقىنى توسقانغا قارىماي كىچىك شېغىل تاش ئاتتى، ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا : پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى، دېگەندە ئۇ يەنە ئاتقان ئىدى. ئابدۇللاھ: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلساممۇ يەنە ئاتامسەن؟ مەن ساڭا ھەرگىز گەپ قىلمايمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر عبد الله بن مغفلٍ ـرضي الله عنه- بأن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى عن الحذف، وقال: (إنه لا يقتل صيداً) وفي لفظ: (لا يصيد صيداً) (ولا ينكأ عدواً، وإنما يفقأ العين ويكسر).
والحذف: قال العلماء: معناه أن يضع الإنسان حصاة بين السبابة اليمنى والسبابة اليسرى أو بين السبابة والإبهام، فيضع على الإبهام حصاة يدفعها بالسبابة، أو يضع على السبابة ويدفعها بالإبهام.
وقد نهى عنه النبي -صلى الله عليه وسلم- وعلَّل ذلك بأنَّه يفقأ العين ويكسر السن إذا أصابه، (ولا يصيد الصيد)؛ لأنه ليس له نفوذ (ولا ينكأ العدو) يعني لا يدفع العدو؛ لأن العدو إنما ينكأ بالسهام لا بهذه الحصاة الصغيرة.
ثم إن قريباً له خذف، فنهاه عن الخذف وأخبره أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى عن الخذف، ثم إنه رآه مرة ثانية يخذف، فقال له: (أخبرتك أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى عن الخذف، فجعلت تخذف!! لا أكلمك أبداً) فهجره؛ لأنه خالف نهي النبي -صلى الله عليه وسلم-.
574;ابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى. والحذف: ئۆلىمالار ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان. كىچىك تاشنى ئوڭ قولىنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن سول بېگىز بارمىقى ئارلىقىدا قويۇپ ئېتىش، ياكى باش بارماق بىلەن بېگىز بارماق ئارلىقىدا قويۇپ، بېگىز بارماق بىلەن ئېتىش، ياكى بېگىز بارماققا قويۇپ باش بارماق بىلەن ئېتىش، دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوۋغا شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقان. ئالىملار بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ تاش ئادەمنىڭ كۆزىنى قۇيىۋېتىدۇ، چىشىنى سۇندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تورى بولمىغانلىقتىن ئوۋنىمۇ ئوۋلىيالمايدۇ، دۈشمەننىمۇ زەخمىلەندۈرەلمەيدۇ، يەنى دۈشمەننى قورقىتالمايدۇ. چۈنكى دۈشمەن دېگەن بۇ كىچىك تاشتىن ئەمەس بەلكى يا ئوقىدىن قورقىدۇ. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەلنىڭ بىر تۇغقىنى كىچىك بىر تاشنى ئېلىپ چىقتى، ئابدۇللاھ ئۇ تاشنى ئېتىشتىن توستى ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئۇنىڭ يەنە شېغىل تاش ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇ ئان ئۇنىڭغا: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ توسقانلىقىنى دېسەممۇ يەنە ئاتامسەن؟ مەن سەن بىلەن ھەرگىز سۆزلەشمەيمەن، دەپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بايقۇت قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3080

 
Hadith   84   الحديث
الأهمية: نهى -صلى الله عليه وسلم- عن الصلاة بعد الصبح حتى تطلع الشمس, وبعد العصر حتى تغرب


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بامداتتىن كېيىن كۈن كۆتۈرۈلگۈچە، ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ناماز ئوقۇشتىن توسقان

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنه- قال: «شَهِد عِندِي رِجَال مَرْضِيُون - وأَرْضَاهُم عِندِي عُمر- أنَّ النَبِي صلى الله عليه وسلم نَهَى عن الصَّلاة بَعد الصُّبح حتَّى تَطلُعَ الشَّمسُ، وبعد العصر حتَّى تَغرُب».
وعن أبي سعيد -رضي الله عنه- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: «لا صَلاَة بعد الصُّبح حتَّى تَرتَفِعَ الشَّمسُ، ولا صَلاَة بعد العَصرِ حتَّى تَغِيبَ الشَّمس».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ يېنىمدا ئۆمەر باشلىق راستچىللىق ۋە دىيأتيت النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو في قبة له حمراء من أدم، فخرج بلال بوضوء فمن ناضح ونائلانەتتە كامىل بىر توپ كىشىلەر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بامداتتىن كېيىن كۈن كۆتۈرۈلگۈچە، ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ناماز ئوقۇشتىن توسقانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: بامداتتىن كېيىن كۈن كۆتۈرۈلگۈچە ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ناماز ئوقۇلمايدۇ، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذين الحديثين عن الصلاة بعد صلاة الصبح حتى تشرق الشمس وترتفع عن خط الأفق في نظر العين بقدر طول رمح مركوز في الأفق، وهذا يقدر ببِضْع دقائق، تفاوت العلماء في تحديدها، من 5 إلى 15 دقيقة.
ونهى أيضا عن الصلاة بعد صلاة العصر حتى تغيب الشمس، أي قبل أذان المغرب بدقائق؛ لأن في الصلاة في هذين الوقتين تشبهًا بالمشركين الذين يعبدونها عند طلوعها وغروبها، وقد نهينا عن مشابهتهم في عباداتهم؛ لأن من تشبه بقوم فهو منهم.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىككى ھەدىستە بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىقىپ، تىكلەنگەن نەيزە بويىغا قەدەر ئۆرلىمىگۈچىلىك ناماز ئوقۇشتىن توسقان، بۇ كۈن چىققان ۋاقىتتىن 5-تىن15مىنۇتقۇچە دەپ بەلگىلىگەن. يەنە رەسۇلۇللاھ ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقانغا قەدەر ناماز ئوقۇشتىن توسقان يەنى شام نامىزىغا ئەزان ئوقۇشتىن بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن، چۈنكى كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان ۋاقىتلاردا مۇشرىكلار ئىبادەت قىلاتتى بۇ ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇش ئۇلارغا ئوخشىغانلىق بولۇپ قالىدۇ، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئىبادەتتە باشقا دىندىكىلەرگە ئوخشىۋېلىشتىن توسقان، كىمىكى بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالسا ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3081

 
Hadith   85   الحديث
الأهمية: كان ابن مسعود -رضي الله عنه- يذكرنا في كل خميس


باشتېما:

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى

عن شقيق بن سلمة -رحمه الله- قال: كان ابن مسعود -رضي الله عنه- يُذَكِّرُنا في كل خميس، فقال له رجل: يا أبا عبد الرحمن، لَوَدِدْتُ أنك ذَكَّرْتَنا كل يوم، فقال: أما إنه يمنعني من ذلك أني أكره أن أُمِلَّكُم، وإني أَتَخَوَّلُكُم بالمَوْعِظَةِ، كما كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَتَخَوَّلُنَا بها مَخَافَةَ السَّآمَةِ علينا.

شەقىق ئىبنى سەلەمە «ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن» مۇنداق دېگەن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەيشەنبە كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلاتتى. بىرى ئۇنىڭغا ئى ئەبۇ ئابدۇراھمان! بىزگە ھەر كۈنى ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بەرسىكەن، دەيمەن، دېگەندە. ئۇ: سىلەرنى مالال قىلىپ قوياشنى ياقتۇرمىغانلىقىم، كۈندە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ بېرىشتىن مېنى توسۇپ قويدى. مەنمۇ خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى مالال قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئارلاپ، ئارىلاپ ۋەز-نەسىھەت قىلغىنىدەك، سىلەرگىمۇ ئارىلاپ سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر شقيق بن سلمة -رحمه الله- أن ابن مسعود -رضي الله عنه- كان يعظهم كل خميس، فقال له رجل: إننا لنحب أن تعظنا كل يوم، فقال: إن الذي يمنعني من ذلك كراهية أن أوقعكم في الملل والضجر، وإني أتعهدكم بالموعظة وأتفقد حال احتياجكم إليها كما كان يفعل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- معنا، خشية أن يوقعنا في الملالة، إذ لا تأثير للموعظة عند الملالة.
588;ەقىق ئىبنى سەلەمە رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ئۇلارغا ۋەز-تەبلىغ قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. بىر ئادەم ئابدۇللاھقا: سېنىڭ ھەر كۈنى بىزلەرگە ۋەز-تەبلىغ قىلىپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتۇق، دېگەندە ئۇ: سىلەرنى زىرىكتۈرۈپ ۋە مالال قىلىپ قوياش مېنى شۇنداق قىلىشتىن توسىدۇ، خۇددى رەسۇلۇللاھ بىزنى مالال قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئارىلاپ-ئارىلاپ ۋەز-تەبلىغ قىلغاندەك مەنمۇ سىلەرنىڭ ئىھتىياجىڭلارغا قارىتا ۋەز-تەبلىغ قىلىپ، سىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇرىمەن، دېگەن. چۈنكى مالال بولغاندا ۋەز-نەسىھەتنىڭ تەسىرى بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3082

 
Hadith   86   الحديث
الأهمية: ليس منا من لم يرحم صغيرنا، ويعرف شرف كبيرنا


باشتېما:

كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر بىزدىن ئەمەس

عن عبد الله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «ليس منا من لم يَرحمْ صغيرنا، ويَعرفْ شَرَفَ كبيرنا».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر بىزدىن ئەمەس»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ليس من المسلمين المتمسكين بالسنة الملازمين لها من لا يرحم الصغير من المسلمين فيشفق عليه ويحسن إليه ويلاعبه، ومن لا يعرف للكبير ما يستحقه من التعظيم والإجلال، ولفظة (ليس منا) من باب الوعيد والتحذير، ولا يعني خروج الشخص من الإسلام.
603;ىچىككە رەھىم قىلمايدىغان، شەپقەت قىلمايدىغان، ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ۋە ئويناشمايدىغان، چوڭنى ئۆزىگە لايىق ئىززەت-ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىلەر سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس. «بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز: ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئۇسلۇبى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3083

 
Hadith   87   الحديث
الأهمية: لَتُسَوُّنَّ صفوفَكم أو ليخالِفَنَّ اللهُ بين وُجُوهِكم


باشتېما:

سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ

عن النعمان بن بشير -رضي الله عنه- مرفوعاً: «لَتُسَوُّنَّ صُفُوفَكُم أو لَيُخَالِفَنَّ الله بين وُجُوهِكُم».
وفي رواية: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُسَوِّي صُفُوفَنَا، حتى كَأَنَّمَا يُسَوِّي بها القِدَاح، حتَّى إِذَا رأى أَنْ قد عَقَلْنَا عَنهُ، ثم خَرَج يومًا فَقَام، حتَّى إِذَا كاد أن يُكَبِّرُ، فَرَأَى رَجُلاً بَادِيًا صَدرُهُ، فقال: عِبَادَ الله، لَتُسَوُّنَّ صُفُوفَكُم أو لَيُخَالِفَنَّ الله بين وُجُوهِكُم».

نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ سەپلىرمىزنى تۈزلەيتى، خۇددى يا ئوقىنى تۈزلىگەندەك، سەپنىڭ تۈز بولىشىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەندە بولدى قىلاتتى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ نامازغا چىقتى ئىچىمىزدىن بىرىمىزنىڭ بىر ئاز ئالدىغا چىقىپ قالغىنىنى كۆردى، شۇ ئان مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أكد -صلى الله عليه وسلم- أَّنَّه إن لم تعدل الصفوف وتسوى فليخالفنَّ الله بين وجوه الذين اعوجت صفوفهم فلم يعدلوها، وذلك بأنه حينما يتقدم بعضهم على بعض في الصف، ويتركون الفرجات بينهم.
وكان -صلى الله عليه وسلم- يعلم أصحابه بالقول ويهذبهم بالفعل، فظل يقيمهم بيده، حتى ظن -صلى الله عليه وسلم- أنهم قد عرفوا وفهموا، وفي إحدى الصلوات رأى واحدا من الصحابة قد بدا صدره في الصف من بين أصحابه، فغضب -صلى الله عليه وسلم- وقال "لتسون صفوفكم أو ليخالفن الله بين وجوهكم".
585;ەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا سەپلەرنى تۈز قىلمىسا، سېپى تۈز بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋېتىدغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاللاھنىڭ جازاسى نامازدا سەپلەرنى تۈز قىلماي، ئارىلىق قوياپ ناماز ئوقۇغاندىن كىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈگىتەتتى، سەپلەرنى تۈزەشنىڭ مۇھىملىقىنى ساھابىلەر بىلگەنگە قەدەر ھەتتا قولى بىلەن ئۈگىتەتتى. قايسى بىر نامازدا بىر ساھابىنىڭ سەپ ئالدىغا چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى ۋە دېدى: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3085

 
Hadith   88   الحديث
الأهمية: أما يخشى الذي يرفع رأسه قبل الإمام أن يحول الله رأسه رأس حمار, أو يجعل صورته صورة حمار؟


باشتېما:

رۇكۇ ۋە سەجدىدە ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشى، ئاللاھ تائالا (ئۇنىڭ) بېشىنى ئېشەكنىڭ بېشىغا ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «أما يخشى الذي يرفع رأسه قبل الإمام أن يُحَوِّلَ الله رأسه رأس حمار، أو يجعل صورته صُورة حمار؟».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: رۇكۇ ۋە سەجدىدە ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشى، ئاللاھ تائالا (ئۇنىڭ) بېشىنى ئېشەكنىڭ بېشىغا ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إنَّما جعل الإمام في الصلاة ليُقتدى به ويؤتم به، بحيث تقع تنقلات المأموم بعد تنقلاته، وبهذا تحقق المتابعة، فإذا سابقه المأموم، فاتت المقاصد المطلوبة من الإمامة، لذا جاء هذا الوعيد الشديد على من يرفع رأسه قبل إمامه، بأن يجعل الله رأسه رأس حمار، أو يجعل صورته صورة حمار، بحيث يمسخ رأسه من أحسن صورة إلى أقبح صورة، جزاء لهذا العضو الذي حصل منه الرفع والإخلال بالصلاة.
606;امازدا جامائەت ئىمامغا ئەگىشىش ۋە ئىقتىدا قىلىش بەلگىلەنگەن، جامائەت بولغۇچىنىڭ ھەر قانداق ئىش-ھەركەتلىرى ئىمامنىڭ ھەركەتلىرىدىن كېيىن بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئەگىشىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ئەگەردە جامائەت بولغۇچى ئىمامنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتسە بۇ ۋاقىتتا ئەگىشىش بولماي ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئىمامنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىگە قاتتىق تەھدىت سۆزى ئىشلەتكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بېشىغا ئايلاندۇرۋېتىشتىن، ياكى سۈرىتىنى ئېشەك سۈرىتىدە قىلىۋېتىشتىن ئاگاھ بولسۇن دېگەن. بىر ھالدىكى ئۇنىڭ سۈرىتى مۇبەددەل قىلىنىپ گۈزەل بىر شەكلى قاباھەتلىك بىر شەكىلگە ئايلىنىدۇ. بۇ جازا نامازغا نۇقسان يەتكۈزگەن شۇ ئەزادا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3086

 
Hadith   89   الحديث
الأهمية: لا صلاة بحضرة طعام، ولا وهو يدافعه الأخبثان


باشتېما:

تاماق تەييار بولغاندا، چوڭ-كىچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ

عن عائِشَة -رضي الله عنها- مرفوعاً: «لا صلاة بِحَضرَة طَعَام، وَلا وهو يُدَافِعُه الأَخبَثَان».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، رىسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: تاماق تەييار بولغاندا، چوڭ-كىچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يؤكِّد هذا الحديث رغبة الشارع في حضور قلب المكلَّف في الصلاة بين يدي ربِّه، ولا يكون ذلك إلا بقطع الشواغل؛ التي يسبب وجودها عدم الطمأنينة والخشوع؛ لهذا: فإن الشارع ينهي عن الصلاة بحضور الطعام الذي تتوق نفس المصلي إليه، ويتعلق قلبه به، وكذلك ينهى عن الصلاة مع مدافعة الأخبثين، -اللذين هما البول والغائط-؛ لانشغال خاطره بمدافعة الأذى.
576;ۇ ھەدىستە ناماز ئوقۇغۇچىدىن قەلبى ئاللاھ تائالاغا تولۇق باغلانغان بولىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇنداق بولىشى، نامازدىن ئىلگىرى دۇنيا مەشغۇلاتلىرىدىن تامامەن ئۈزۈلۈش بىلەن بولىدۇ، ئۇنداق ئىشلار نامازدىكى خۇشۇ-خۇزۇغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ قورسىقى ئاچ كىشىنىڭ تاماق ھازىر بولغان، ئۇنىڭغا ئىشتەي ساقلىغان ھالدا ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن ۋە يەنە (ئوي-پىكىرى چېچىلىدىغانلىقتىن) چوڭ-كىچىك تەرەت قىستىغان ھالدا، سىقىپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇشتىن توستى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3088

 
Hadith   90   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- صلَّى بهم الظهر فقام في الركعتين الأُولَيَيْنِ، ولم يَجْلِسْ فقام الناس معه، حتى إذا قضى الصلاة وانتظر الناس تسليمه كَبَّر وهو جالس فسجد سجدتين قبل أن يُسَلِّمَ ثُمَّ سَلَّمَ


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تۇرۇپ كەتتى. ناماز تۆگەيدىغان چاغدا، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قېتىم سەجدە قىلىپ، ئاندىن سالام بەردى

عن عبد الله بن بُحَيْنَةَ -رضي الله عنه- وكان من أصحاب النبي -صلى الله عليه وسلم- «أن النبي -صلى الله عليه وسلم- صلَّى بهم الظهر فقام في الركعتين الأُولَيَيْنِ، ولم يَجْلِسْ، فقام الناس معه، حتى إذا قضى الصلاة وانتظر الناس تسليمه: كَبَّرَ وهو جالس فسجد سجدتين قبل أن يُسَلِّمَ ثُمَّ سَلَّمَ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تۇرۇپ كەتتى. ناماز تۆگەيدىغان چاغدا، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قېتىم سەجدە قىلىپ، ئاندىن سالام بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
صلى النبي -صلى الله عليه وسلم- بأصحابه صلاة الظهر، فلما صلى الركعتين الأُولَيَيْن قام بعدهما، ولم يجلس للتشهد الأول، فتابعه المأمومون على ذلك.
حتى إذا صلى الركعتين الأُخريين، وجلس للتشهد الأخير، وفرغ منه، وانتظر الناس تسليمه، كبَّر وهو في جلوسه، فسجد بهم سجدتين قبل أن يسلم مثل سجود صُلْبِ الصلاة، وهي سجدتي السهو، ثم سلم، وكان ذلك السجود جبراً للتشهد المتروك.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن بىرىنچى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماي تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جامائەتمۇ ئەگىشىپ قىيامدا تۇردى. پەيغەمبىرىمىز ئىككىنچى ئىككى رەكئەتنى تۈگىتىپ، ئاخىرقى تەشەھھۇدقا ئولتۇرۇپ ئۇنى تۈگىتىۋىدى، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرسا، ئولتۇرغان پېتى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ، خۇددى نامازنىڭ ئىچىدىكى سەجدىدەك ئىككى قېتىم سەجدىگە باردى، ئاندىن سالام بەردى. ئۇ سەجدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشلىغان تەشەھھۇدنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3089

 
Hadith   91   الحديث
الأهمية: أقبلت راكبا على حِمار أَتَانٍ، وأنا يومئذ قد نَاهَزْتُ الاحْتِلامَ، ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- يصلِّي بالناس بِمِنًى إلى غير جِدار


باشتېما:

مەن بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتلىرىمدا، بىر كۈنى چىشى ئىشەككە مېنىپ مىناغا كەلسەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەردە ئوچۇقچۇلۇقتا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن

عن عبد الله بن عَبَّاس -رضي الله عنهما- قال: أقبلْتُ راكبا على حِمار أَتَانٍ، وأنا يومئذ قد نَاهَزْتُ الاحْتِلامَ، ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- يصلِّي بالناس بِمِنًى إلى غير جِدار، مررتُ بين يدي بعض الصفّ، فنزلت، فأرسلتُ الأَتَانَ تَرْتَعُ، ودخلتُ في الصفّ، فلم يُنْكِرْ ذلك عليَّ أحد.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن بالاغەتكە يېتىپ قالغان ۋاقىتلاردا، بىر كۈنى چىشى ئىشەككە مېنىپ مىناغا كەلسەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەردە ئوچۇقچۇلۇقتا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، سەپنىڭ ئالدىدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئىشەكتىن چۈشۈپ ئۇنى يايلاش ئۈچۈن قويىۋەتتىم ۋە سەپكە قېتىلىپ ناماز ئوقۇدۇم، مېنى ھېچبىرى ئەيىپلىمىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- أنه لما كان مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في مِنى في حجة الوداع، أقبل راكباً على أَتَان -حمار أنثى- فمرّ على بعض الصف، والنبي -صلى الله عليه وسلم- يصلى بأصحابه ليس بين يديه جِدار، فنزل عن الأَتَان وتركها ترعى، ودخل هو في الصف.
وأخبر -رضى الله عنه- أنه في ذلك الوقت قد قارب البلوغ، يعنى في السن التي ينكر عليه فيها لو كان قد أتى مُنكراً يفسد على المصلين صلاتهم، ومع هذا فلم ينكر عليه أحد، لا النبي -صلى الله عليه وسلم-، ولا أحد من أصحابه.
574;ابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە شۇنداق خەۋەر بەرگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەججى قىلغان يىلى مىنادا تۇرغاندا، ئۇ بىر چىشى ئېشەككە مېنىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تام ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش توسالغۇ يوق ئىدى، ئىبنى ئابباس ئېشەككە مىنگەن ھالدا سەپنىڭ ئالدىدىن بىر ئاز ئۆتۈپ توختىدى، ئاندىن ئېشەكنى قويىۋېتىپ نامازغا ئىقتىدا قىلدى. ئۇ، بۇ ۋاقىتتا بالاغەتكە يېتىپ قالغان ئىدى. يەنى بىرەر شەرىئەتكە زىت ئىش سادىر قىلسا ئەيىپلىنىدىغان، نامازخانلارنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ياشتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ياكى ساھابىلەردىن بىرەرسى كايىمىدى ۋە ئۇنى ئەيپلىمىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3090

 
Hadith   92   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يرفع يديه حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ إذا افْتَتَحَ الصلاة، وإذا كبّر للرُّكُوعِ، وإذا رفع رأسه من الركوع رَفَعَهُمَا كذلك


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز باشلىغاندا قولىنى مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇغا تەكبىر ئېيتقاندا ۋە رۇكۇدىن يانغاندىمۇ شۇنداق كۆتۈرەتتى

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يرفع يديه حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ إذا افْتَتَحَ الصلاة، وإذا كبّر للرُّكُوعِ ، وإذا رفع رأسه من الركوع رَفَعَهُمَا كذلك، وقال: سَمِعَ الله لمن حَمِدَهُ رَبَّنَا ولك الحمد، وكان لا يفعل ذلك في السُّجُودِ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز باشلىغاندا قولىنى مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇغا تەكبىر ئېيتقاندا ۋە رۇكۇدىن يانغاندىمۇ شۇنداق كۆتۈرەتتى ھەم «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا لەكەلھەمدۇ» دەيتتى. سەجدىدە ئۇنداق قىلمايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
الصلاة عبادة عظيمة، فكل عضو في البدن له فيها عبادة خاصة.
ومن ذلك، اليدان فلهما وظائف، منها رفعهما عند تكبيرة الإحرام، والرفع زينة للصلاة وتعظيم لله -تعالى-، ويكون رفع اليدين إلى مقابل منكبيه، ورفعهما أيضاً للركوع في جميع الركعات، وإذا رفع رأسه من الركوع، في كل ركعة، وفي هذا الحديث، التصريح من الراوي: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- لا يفعل ذلك في السجود حيث إنه هوي ونزول.
606;اماز كاتتا ئىبادەت بولۇپ، تەندىكى ھەر بىر ئەزانىڭ خاس بىر ئبادىتى بولۇپ، مىسالغا ئالساق ئىككى قول، ئۇنىڭ ئۆتەيدىغان ۋەزىپىلىرى، تەكبىرەتۇل ئىھرام «نامازنى باشلىغاندىكى تەكبىر»دە قولنى كۆتۈرىدۇ، تەكبىر دېمەك؛ ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ئۈستۈنلۈك ۋە سەلتەنەت ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» بولسا؛ ھۆرمەت ئۈستۈنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى قولنى كۆتۈرۈش مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە بولىدۇ، بارلىق رۇكۇلاردا شۇنداق كۆتۈرلىدۇ، يەنە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ قوپىدۇ، ھەممە رەكئەتتە شۇنداق بولىدۇ. مانا بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدىدە قول كۆتۈرمەيدىغان باشقا ۋاقىتلاردا كۆتۈرىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3095

 
Hadith   93   الحديث
الأهمية: عَلَّمَنِي رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- التَّشَهُّد، كفِّي بين كفيه، كما يُعَلِّمُنِي السورة من القرآن


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئىككى ئالقىنىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، تەشەھھۇدنى خۇددى قۇرئاندىن بىرەر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئەھمىيەت بېرىپ ئۆگەتتى، ئۇ: (ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى، ۋەسسالاۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ) پۈتكۈل ئۇلۇغلاش يەنى تىل، بەدەن، مال بىلەن قىلىنىدىغان بارلىق ئىبادەتلەر، گۈزەللىك ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر. سالام ساڭا، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ساڭا بولسۇن! بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق سالىھ بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن

عن عبد الله بن مَسْعُود -رضي الله عنه- قال: عَلَّمَنِي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- التَّشَهُّد، كَفِّي بين كفيه، كما يُعَلِّمُنِي السورة من القرآن: التَّحِيَّاتُ للَّه, وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السلام عليك أيها النبي ورحمة الله وبركاته، السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين، أشهد أن لا إله إلا الله وأشهد أن محمدا عبده ورسوله».
وفي لفظ: «إذا قعد أحدكم في الصلاة فليقل: التحيات لله...» وذكره، وفيه: «فإنكم إذا فعلتم ذلك فقد سَلَّمْتُمْ على كل عبد صالح في السماء والأرض ...» وفيه: « ... فَلْيَتَخَيَّرْ من المسألة ما شاء».

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئىككى ئالقىنىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، تەشەھھۇدنى خۇددى قۇرئاندىن بىرەر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئەھمىيەت بېرىپ ئۆگەتتى، ئۇ: (ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى، ۋەسسالاۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ) پۈتكۈل ئۇلۇغلاش يەنى تىل، بەدەن، مال بىلەن قىلىنىدىغان بارلىق ئىبادەتلەر، گۈزەللىك ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، سالام ساڭا، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ساڭا بولسۇن! بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق سالىھ بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: سىلەرنىڭ بىرىڭلار تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا: «ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى...» نى دېسۇن. ۋە ئۇنىڭدا يەنە: ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق قىلساڭلار، ئاسمان - زېمىندىكى پۈتكۈل سالىھ كىشىلەرگە سالام بەرگەن بولىسىلەر. ۋە ئۇنىڭدا يەنە: ئۇ كىشى ئاللاھ تائالادىن ئۆزى خالىغان نەرسىنى تىلىسۇن، دەپ كەلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يذكر عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- علمه التَّشَهُّد، الذي يقال في جلوس الصلاة الأول والأخير في الصلاة الرباعية، والثلاثية، وفي الجلوس الأخير في الصلاة الثنائية، وأن النبي -صلى الله عليه وسلم- اعتنى بتعليمه التشهد، فجعل يده في يده.
فقد ابتدأت بتعظيم الله -تعالى-، التعظيم المطلق، وأنه المستحق للصلوات وسائر العبادات، والطيبات من الأقوال والأعمال والأوصاف.
وبعد أن أثنى على الله -تعالى- ثنّى بالدعاء للنبي -صلى الله عليه وسلم- بالسلامة من النقائص والآَفات، وسأل الله له الرحمة والخير، والزيادة الكاملة من ذلك، ثم دعا لنفسه والحاضرين من الآدميين والملائكة.
ثم عم بدعائه عباد الله الصالحين كلهم، من الإنس، والجن، والملائكة أهل السماء والأرض، من السابقين واللاحقين، فهذا من جوامع كلمه -صلى الله عليه وسلم-.
ثم شهد الشهادة الجازمة بأنه لا معبود بحق إلا الله، وأن محمداً -صلى الله عليه وسلم- له صفتان:
إحداهما: أنه متصف بصفة العبودية.
والثانية: صفة الرسالة.
وكلا الصفتين، صفة تكريم وتشريف، وتوسط بين الغُلُوِّ والجفاء.
وقد ورد للتشهد صفات متعددة، ولكن أفضلها وأشهرها تَّشَهُّد ابن مسعود الذي ساقه المصنف، ويجوز الإتيان بما صح من باقي الصفات.
574;ابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، تۆت ۋە ئۈچ رەكئەتلىك نامازدىكى بىرىنچى ۋە ئاخىرىقى قېتىملىق ئولتۇرۇشلاردا، ئىككى رەكئەتلىك نامازدا ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا، ئوقۇلىدىغان تەشەھھۇدنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ تەشەھھۇدنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ قولىنى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن تۇتۇپ تەشەھھۇدنى ئۈگەتتى. بەشەھھۇدتا؛ ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاشتىن باشلاپ، ئۇنى مۇتلەق ئۇلۇغلاش ۋە ئۇ زات ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىلىنىدىغان بارلىق ئىبادەتلەرگە، يەنى سۆزدە، ئىش – پائالىيەتلەردە ۋە سۈپەتلەردە بولىدىغان بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەرگە ھەقلىق زات ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن باشلىدى. ئاندىن ئاللاھ تائالانى مەدھىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن كەمچىلىك ۋە ئاپەتلەردىن سالامەت بولۇشقا دۇئا قىلدى ۋە ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا رەھمەت ۋە ياخشىلىقلاردىن زىيادە قىلىپ بېرىشنى تىلىدى. ئاندىن ئۆزىگە ۋە شۇ يەرگە ھازىر بولغان ئىنسانلار ۋە پەرىشتىلەرگە دۇئا قىلدى. ئاندىن دۇئاسىنى، ئىنسانلار، جىنلار ۋە پەرىشتىلەردىن ئىبارەت ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلىدىن، ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە كېيىن كىلىدىغان ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئومۇم قىلدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەۋامىئۇل كەلىمىسىدىندۇر. ئاندىن كەسكىن شاھادەت ئېيتىپ، ئىبادەتكە ئەڭ ھەقلىق زات ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچقانداق ھەقىقى ئىلاھنىڭ يوقلىقىنى بايان قىلغاندىن كىيىن، ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى خىل سۈپىتىنىڭ بارلىقى، بىرسى: ئۇنىڭ بەندىچىلىك سۈپىتى. ئىككىنچىسى: ئۇنىڭ ئەلچىلىك سۈپىتى ئىكەنلىكى، ھەر ئىككىلى سۈپىتىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھۆرمەتلەش ۋە شەرەپلىك قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ زاتنىڭ ھۆرمىتىنى ئىنسانلىق سۈپىتىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن، ئەلچىلىك مەقامىدىن تۆۋەنلەتمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر. تەشەھھۇدنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئوقۇلۇشلىرى بولۇپ، لېكىن ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەۋزىلى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ رىۋايتىدۇر. ئەمما باشقا رىۋايەتلەردىن سەھىھ بولغانلىرىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3096

 
Hadith   94   الحديث
الأهمية: لو يعلم المار بين يدي الْمُصَلِّي ماذا عليه من الإثم، لكان أن يَقِفَ أربعين خيرا له من أن يَمُرَّ بين يديه


باشتېما:

ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە بولىدىغان گۇناھنى بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قىرىق تۇرۇشى، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ياخشىراق ئىدى

عن أبي جُهَيْمِ بْنِ الْحَارِثِ بْنِ الصِّمَّةِ الأنصاري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «لو يعلم المار بين يدي الْمُصَلِّي ماذا عليه    لكان أن يَقِفَ أربعين خيرا له من أن يَمُرَّ بين يديه».
قال أَبُو النَّضْرِ: لا أدري: قال أربعين يوما أو شهرا أو سنة.

ئەبۇ جۇھەيم ئىبنى ئەلھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە بولىدىغان گۇناھنى بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قىرىق تۇرۇشى، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ياخشىراق ئىدى. ئەبۇ نۇدر«راۋىي»: ئۇنىڭ قىرىق كۈن ياكى قىرىق ئاي ۋەياكى قىرىق يىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
المصلي واقف بين يدي ربه يناجيه ويناديه، فإذا مرَّ بين يديه في هذه الحال مارٌّ قطع هذه المناجاة وشوّش عليه عبادته، لذا عَظُم ذنب من تسبب في الإخلال بصلاة المصلي بمروره.
فأخبر الشارع: أنه لو علم ما الذي ترتب على مروره، من الإثم والذنب، لفضل أن يقف مكانه الآماد الطويلة على أن يمر بين يدي المصلي، مما يوجب الحذر من ذلك، والابتعاد منه.
606;امازخان ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە تىۋىنغان ھالدا تۇرىدۇ، مۇشۇ ئەھۋالدا ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتسە دىققىتى چېچىلىپ، ئىبادىتىگە سەلبى تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزگەن كىشىنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېدىكى: ئەگەردە نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە يېزىلىدىغان گۇناھنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، ئۇ يەردىن ئۆتمەي ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ تۇرۇشنى ئەلا بىلەتتى. بۇ ھەدىس نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3097

 
Hadith   95   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقرأ في الركعتين الأُولَيَيْنِ من صلاة الظهر بفاتحة الكتاب وسورتين، يُطَوِّلُ في الأولى، و يُقَصِّرُ في الثانية، و يُسْمِعُ الآية أحيانًا


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئىتىنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيتتى، ئاۋۋالقى رەكەتنى ئۇزۇن، ئىككىنچى رەكەتنى قىسقا ئوقۇيتتى. بەزىدە بىرەر ئايەتنى بىزگە ئاڭلىتىپ ئوقۇيتتى

عن أبي قَتَادَةَ الأَنْصَارِيِّ -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقرأ في الركعتين الأُولَيَيْنِ من صلاة الظهر بفاتحة الكتاب وسورتين، يُطَوِّلُ في الأولى، و يُقَصِّرُ في الثانية، و يُسْمِعُ الآية أحيانا، وكان يقرأ في العصر بفاتحة الكتاب وسورتين يُطَوِّلُ في الأولى، و يُقَصِّرُ في الثانية، وفي الركعتين الأُخْرَيَيْنِ بِأُمِّ الكتاب، وكان يُطَوِّلُ في الركعة الأولى من صلاة الصبح، ويُقَصِّرُ في الثانية.

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئىتىنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيتتى، ئاۋۋالقى رەكئەتنى ئۇزۇن، ئىككىنچى رەكئەتنى قىسقا ئوقۇيتتى. بەزىدە بىرەر ئايەتنى بىزگە ئاڭلىتىپ ئوقۇيتتى، ئەسىردە ئالدىنقى ئىككى رەكئەتنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيتتى، بىرىنچى رەكئەتنى ئۇزۇن ئوقۇيتتى، ئاخىرىقى ئىككى رەكەتتە سۈرە پاتىھەنىلا ئوقۇيتتى، بامداتنىڭ ئاۋۋالقى رەكئىتىنى ئۇزۇن، ئىككىنچى رەكئىتىنى قىسقا ئوقۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- من عادته أن يقرأ بعد سورة الفاتحة غيرها من القرآن في الركعتين الأُوليين من صلاة الظهر والعصر، ويطول في الأولى عن الثانية، ويسمع أصحابه ما يقرأ أحيانا، ويقرأ في الثالثة والرابعة بالفاتحة فقط، وكان يطول في صلاة الصبح في القراءة ويقصر في الثانية.
لكن لو قرأ الإنسان أحيانًا في الثالثة أو الرابعة بسورة بعد الفاتحة جاز؛ لورود أدلة أخرى بذلك.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئادەتتە پىشىن، ئەسىر نامازلىرىنىڭ باش ئىككى رەكئىتىدە سۈرە پاتىھەدىن كېيىن سۈرە قېتىپ ئوقۇيتتى، بىرىنچى رەكئەتتە ئۇزۇنراق ئىككىنچى رەكئەتتە قىسقاراق سۈرە ئوقۇيتتى، گاھىدا ساھابىلەرگە ئاڭلىتىپ ئوقۇيتتى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە پاتىھەنىلا ئوقۇيتتى، بامدات نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىدە ئۇزۇن ئىككىنچى رەكەتىدە قىسقا ئوقۇيتتى. ئەگەر بىر كىشى ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتتە سۈرە پاتىھەدىن كېيىن سۈرە قوشۇپ ئوقۇسا بۇمۇ دۇرۇس، چۈنكى بۇ ھەقتە باشقا دەلىللەر بار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3100

 
Hadith   96   الحديث
الأهمية: إن الشمس والقمر آيتان من آيات الله، يُخَوِّفُ الله بهما عباده، وإنهما لا يَنْخَسِفَان لموت أحد من الناس، فإذا رأيتم منها شيئا فَصَلُّوا، وَادْعُوا حتى ينكشف ما بكم


باشتېما:

ئاي ۋە كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنى تۇتۇلدۇرۇىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەم بىرىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار

عن أبي مسعود عُقبة بن عَمْرو الأنصاري البَدْري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إن الشمس والقمر آيتان من آيات الله، يُخَوِّفُ الله بهما عباده، وإنهما لا يَنْخَسِفَان لموت أحد من الناس، فإذا رأيتم منها شيئا فَصَلُّوا، وَادْعُوا حتى ينكشف ما بكم»

ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ ئەلئەنسارى ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنى تۇتۇلدۇرۇىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەم بىرىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
بيَّن -صلى الله عليه وسلم- أن الشمس والقمر من آيات الله الدالة على قدرته وحكمته، وأن تغيُّر نظامهما الطبيعي، لا يكون لحياة العظماء أو موتهم كما يعتقد أهل الجاهلية فلا تؤثر فيهما الحوادث الأرضية.
وإنما يكون ذلك لأجل تخويف العباد، من أجل ذنوبهم وعقوباتهم فيجددوا التوبة والإنابة إلى الله تعالى.
ولذا أرشدهم أن يفزعوا إلى الصلاة والدعاء، حتى ينكشف ذلك عنهم وينجلي، ولله في كونه أسرار وتدبير.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت كامالىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، ئۇنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى بىلىمسىز نادانلار ئويلىغاندەك كاتتا كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقى ياكى ئۆلۈمى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، زېمىندىكى ئىشلار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئۇلار گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا قايىتىشى ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاي ۋە كۈن تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى نامازغا ۋە دۇئاغا ئالدىراشقا تەۋسىيە قىلدى، كائىناتتا ئاللاھ تائالانىڭ ھەر تۈرلۈك سىرلىرى بار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3101

 
Hadith   97   الحديث
الأهمية: إن هذه الآيات التي يُرْسِلُهَا الله -عز وجل-: لا تكون لموت أحد ولا لحياته، ولكن الله يُرْسِلُهَا يُخَوِّفُ بها عباده، فإذا رأيتم منها شيئا فَافْزَعُوا إلى ذكر الله ودُعَائِهِ وَاسْتِغْفَارِهِ


باشتېما:

ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى تىلغا ئېلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار

عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- قال: خَسَفَت الشمس على زمان رسول الله -صلى الله عليه وسلم-. فقام فَزِعًا، ويخشى أن تكون الساعة، حتى أتى المسجد، فقام، فصلى بأطول قيام وسجود، ما رأيته يفعله في صلاته قطُّ، ثم قال: إن هذه الآيات التي يُرْسِلُهَا الله -عز وجل-: لا تكون لموت أحد ولا لحياته، ولكن الله يُرْسِلُهَا يُخَوِّفُ بها عباده، فإذا رأيتم منها شيئا فَافْزَعُوا إلى ذكر الله و دُعَائِهِ وَاسْتِغْفَارِهِ.

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلدى، ئۇ قىيامەت بولىشىدىن ئەنسىرەپ، چۆچىگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسچىتكە كىلىپ، نامازغا تۇردى، قىيام ۋە سەجدىلەرنى ئۇزۇن ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭ ھېچبىر نامازدا بۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى ئەسلەشكە، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما ذهب ضوء الشمس أو شيء منه في عهد النبي -صلى الله عليه وسلم- قام فزعًا، لأن معرفته الكاملة بربه -تعالى- أوجبت له أن يصير كثير الخوف وشديد المراقبة؛ لضلال أكثر أهل الأرض وطغيانهم أو أن ساعة النفخ في الصور حضرت فدخل المسجد، فصلى بالناس صلاة الكسوف، فأطال إطالة لم تعهد من قبلُ إظهارا للتوبة والإنابة، فلما فرغ المصطفى من مناشدته ربه ومناجاته، توجه إلى الناس يعظهم، ويبين لهم أن هذه الآيات يرسلها الله عبرة لعباده، وتذكيرا وتخويفا، ليبادروا إلى الدعاء والاستغفار والذكر والصلاة.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا كۈن تۇتۇلغاندا ئۇ دەرھال چۆچىگەن ھالدا تۇردى، چۈنكى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى مۇكەممەل تونۇغانلىقى ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان قىلغان ئىدى، زېمىن ئەھلىدىن كۆپ كىشىلەر ئازغۇنلۇققا پېتىپ، چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ياكى سۈر چېلىنىش ۋاقتى كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر يۈز بەردىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، دەرھال مەسچىتكە كىرىپ كىشىلەر بىلەن كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنى ئوقۇدى، ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئۇزۇن ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە يۈزلىنىپ، ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى بەندىلىرىنىڭ دۇئاغا، كەچۈرۈم سوراشقا، ئاللاھنى ئەسلەشكە، نامازغا ئالدىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىبرەت، ئەسلىتىش، قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3102

 
Hadith   98   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يدعو: اللَّهُمَّ إني أعوذ بك من عذاب القبر، وعذاب النار، ومن فتنة الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ، ومن فتنة الْمَسِيحِ الدَّجَّالِ


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ! قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھايات ۋە ماماتنىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

عن أبي هُرَيْرَةَ -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يدعو: اللَّهُمَّ    إني أعوذ بك من عذاب القبر، وعذاب النار، ومن فتنة الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ، ومن فتنة الْمَسِيحِ الدَّجَّالِ».
وفي لفظ لمسلم: «إذا تَشَهَّدَ أحدكم فَلْيَسْتَعِذْ بالله من أَرْبَعٍ، يقول: اللهُمَّ إني أعوذ بك من عذاب جَهَنَّم...». ثم ذكر نحوه.

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ! قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھايات ۋە ماماتنىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن. ئىماما مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، ئاللاھتىن سېغىنىپ تۆت ئىشتىن پاناھ تىلىسۇن! دېسۇنكى: ئى ئاللاھ! جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن...ساقلىنىش ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تېلەيمەن. ئاندىن قالغان يىرى يۇقىرىدىكىگە ئوخشايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
استعاذ النبي -صلى الله عليه وسلم- بالله من أربع، وأمرنا أن نستعيذ بالله في تشهدنا في الصلاة من تلك الأربع، من عذاب القبر، وعذاب النار، ومن شهوات الدنيا وشبهاتها، ومن فتنة الْمَمَات، استعاذ منها؛ لعظم خطرها، وفتن القبر التي هي سبب عذابه، ومن فتن المحيا فتنة الدَّجَّالين الذين يظهرون على الناس بصورة الحق، وهم متلبسون بالباطل، وأعظمهم فتنة، الذي صحت الأخبار بخروجه في آخر الزمان، وهو المسيح الدَّجَّال؛ ولذلك خصه بالذكر.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن تۆت نەرسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاناھ تىلىدى ۋە بىزنىمۇ نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئاشۇ تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىدى. ئۇلار: قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتى دۇنيانىڭ شەھۋىتى ۋە شۈبھىلىرىدىن، ئۆلۈم ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ خەتىرىنىڭ يامان بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئىشلاردىن پاناھ تىلىدى. قەبرىنىڭ پىتنىلىرى بولسا ئۇنىڭدىكى ئازاپقا سەۋەپچى بولىدۇ. ۋە ھاياتلىقنىڭ پىتنىلىرى بولسا، ئۆزى ناھەق يولدا تۇرۇغلۇق، كىشىلەرگە ھەقنىڭ ساختا تونىنى كىيىۋېلىپ كۆرۈنىدۇ. ئاخىرى زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىشى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئەڭ چوڭ پىتنە، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مەخسۇس زىكىر قىلىندى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3103

 
Hadith   99   الحديث
الأهمية: يا رسول الله، بأبي أنت وأمي، أَرَأَيْتَ سُكُوتَكَ بين التكبير والقراءة: ما تقول؟ قال: أقول: اللَّهُمَّ باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب. اللهم نَقِّنِي من خطاياي كما يُنَقَّى الثوب الأبيض من الدَّنَسِ. اللهم اغسلني من خطاياي بالماء والثَّلْجِ وَالْبَرَدِ


باشتېما:

ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، نامازلىرىدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا كَبَّرَ في الصلاة سكت هُنَيْهَةً قبل أن يقرأ، فقلت: يا رسول الله، بأبي أنت وأمي، أَرَأَيْتَ سُكُوتَكَ بين التكبير والقراءة: ما تقول؟ قال: أقول: اللَّهُمَّ باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب. اللهم نَقِّنِي من خطاياي كما يُنَقَّى الثوب الأبيض من الدَّنَسِ. اللهم اغْسِلْني من خطاياي بالماء والثَّلْجِ وَالْبَرَدِ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇش ئارىلىقىدا بىر ئاز جىم تۇراتتى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيغىن، دەيمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي صلى الله عليه وسلم إذا كبر للصلاة تكبيرة الإحرام، خفض صوته مدة قليلة قبل أن يقرأ الفاتحة.
وكان الصحابة يعلمون أنه يقول شيئاً في هذه السكتة، إما لأن الصلاة كلها ذكر لا سكوت فيها لغير استماع, وإما لحركة من النبي صلى الله عليه وسلم يعلم بها أنه يقرأ، ولحرص أبي هريرة-رضي الله عنه- على العلم والسنة قال: أفديك يارسول الله بأبي وأمي، ماذا تقول في هذه السكتة التي بين التكبير والقراءة؟
فقال: أقول: " اللهم باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب، اللهم نقني من خطاياي، كما ينقى الثوب الأبيض من الدنس، اللهم اغسلني من خطاياي بالماء والثلج والبرد ".
وهذا دعاء في غاية المناسبة في هذا المقام الشريف، موقف المناجاة، لأن المصلي يتوجه إلى الله-تعالى- في أن يمحو ذنوبه وأن يبعد بينه وبينها إبعاداً لا يحصل معه لقاء، كما لا لقاء بين المشرق والمغرب أبدًا, وأن يزيل عنه الذنوب والخطايا وينقيه منها، كما يزال الوسخ من الثوب الأبيض، وأن يغسله من خطاياه ويبرد لهيبها وحرها، - بهذه المنقيات الباردة؛ الماء، والثلج، والبرد. وهذه تشبيهات، في غاية المطابقة.
   وبهذا الدعاء يكون متخلصا من آثار الذنوب فيقف بين يدي الله عز وجل على أكمل الحالات، والأولى أن يعمل الإنسان بكل الاستفتاحات الصحيحة الواردة، يعمل بهذا تارة، وبهذا تارة، وإن كان حديث أبي هريرة هذا أصحها. والله أعلم.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر ئىھرام قىلغاندىن كېيىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى جىم تۇراتتى. ساھابىلەر: رەسۇلۇللاھ بۇ ۋاقىتتا بىر نەرسە ئوقۇيدۇ، دەپ ئويلىدى، چۈنكى نامازنىڭ ھەممىسى زىكىر ياكى زىكىرنى ئوقۇش بىلەن ياكى ئاڭلاش بىلەن بولىدۇ، نامازدا جىم تۇرۇش يوق. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلىمگە ۋە سوئال سوراشقا بەك ھىرىسمەن بولغانلىقىدىن، ئۇ: ئى رەسۇلۇللاھ ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن! بۇ ئارىلىقتىكى جىم تۇرۇشلىرىدا نىمە ئوقۇيلا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى گۇناھلىرىمدىن خۇددى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغاندەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى. بۇ دۇئا نامازدىكى بۇ ئۇرۇنغا ناھايىتى مۇناسىپ، چۈنكى ناماز ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدىغان ئىبادەت، ناماز ئوقۇغۇچى ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى ۋە ئۇ گۇناھ بىلەن قەتئى ئۇچرىشىپ قالمايدىغان شەكىلدە يىراق قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، خۇددىى شەرىق بىلەن غەرىپ ئۇچراشمىغاندەك، ئاق كىيىمدىن كىرنى پاكىزلىغاندەك گۇناھلاردىن ئۇ كىشىنى پاك قىلىۋېتىشنى، خاتالىقلىرىنى يۇيۇپ، گۇناھ ھېرىسمەنلىكىنى بۇ ماددىلار بىلەن پەسەيتىشنى سورايدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئۇيغۇن بىر ئوخشۇتۇش بار. بۇ دۇئا ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھلىرىدىن پاك بولغان ھالدا ۋە مۇكەممەل بىر شەكىلدە تۇرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى ھەر خىل باشلاش دۇئالىرىنى ئوقۇپ ناماز باشلىشى كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ھەدىسى سەھىھرەك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ كەلگەن. ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3104

 
Hadith   100   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام إلى الصلاة يُكَبِّرُ حين يقوم، ثم يُكَبِّرُ حين يركع، ثم يقول: سَمِعَ اللَّه لِمَنْ حَمِدَهُ، حين يَرْفَعُ    صُلْبَهُ من الرَّكْعَةِ


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرسا باشلىغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، رۇكۇ قىلغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، دۇمبىسىنى رۇكۇدىن كۆتەرگەن چاغدا « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ ئۆرە تۇراتتى

عن أبي هُرَيْرَةَ -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا قام إلى الصلاة يُكَبِّرُ حين يقوم، ثم يُكَبِّرُ حين يركع، ثم يقول: سَمِعَ اللَّه لِمَنْ حَمِدَهُ، حين يَرْفَعُ    صُلْبَهُ من الرَّكْعَةِ، ثم يقول وهو قائم: ربنا ولك الحمد، ثم يُكَبِّرُ حين يَهْوِي، ثم يُكَبِّرُ حين يَرْفَعُ    رأسه، ثم يُكَبِّرُ حين    يَسْجُدُ، ثم يُكَبِّرُ حين يَرْفَعُ    رأسه، ثم يفعل ذلك في صلاته كلها حتى يقضيها، ويُكَبِّرُ حين يقوم من الثِّنْتَيْنِ    بعد الجلوس،    ثم يقول: أبو هريرة «إني لأشَبَهُكم صلاة برسول الله -صلى الله عليه وسلم-».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرسا باشلىغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، رۇكۇ قىلغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، دۇمبىسىنى رۇكۇدىن كۆتەرگەن چاغدا « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ ئۆرە تۇراتتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ «رەببەنا لەكەلھەمدۇ» دەيتى. سەجدىگە چۈشكەندە تەكبىر ئېيتاتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئىككىنچى سەجدىگە چۈشكەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن پۈتۈن نامىزى تۈگىگەنگە قەدەر شۇنداق قىلاتتى. ئىككىنچى رەكئەتتە ئولتۇرۇپ قوپقاندىمۇ تەكبىر ئېيتاتتى. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە: مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى نامىزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسللەمنىڭ نامىزىغا ئەڭ ئوخشايدىغان كىشى، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
الصلاة كلها تعظيم لله بالقول والفعل، في هذا الحديث الشريف بيان شعار الصلاة، وهو إثبات الكبرياء لله -سبحانه وتعالى- والعظمة، فما جعل هذا شعارها وسمتها، إلا لأنها شرعت لتعظيم الله وتمجيده.
فحين يدخل فيها، يكبر تكبيرة الإحرام، وهو واقف معتدل القامة.
وبعد أن يفرغ من القراءة ويهوى للركوع يكبر.
فإذا رفع من الركوع، قال: "سمع الله لمن حمده" واستتم قائماً، ثم حمد الله وأثنى عليه في القيام.
ثم يكبر في هُوِيه إلى السجود، ثم يكبر حين يرفع رأسه من السجود، ثم يفعل ذلك في صلاته كلها، حتى يفرغ منها، وإذا قام من التشهد الأول في الصلاة ذات التشهدين، كبر في حال قيامه، فخص الشارع كل انتقال بالتكبير إلا الرفع من الركوع.
606;اماز دېمەك سۆز ۋە ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، بۇ ھەدىستە نامازنىڭ شۇئارىنى بايان قىلغان، ئۇ بولسىمۇ بۈيۈكلۈك، كاتتىلىقنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش. شۇئارى ۋە تەبىئىتى بۇ بولغان بىر ئىبادەت پەقەتلا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. باشلاشتىلا تەكبىر بىلەن تىك ۋە رۇس تۇرغان ھالدا باشلايدۇ، سۇرە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەكبىر بىلەن رۇكۇغا چۈشىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن شۇ ھالدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدۇ، سەجدە قىلغاندا يەنە تەكبىر بىلەن قىلىدۇ، سەجدىدىن تۇرغاندىمۇ تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، نامىزىنىڭ قالغىنىدا تۈگكەنگە قەدەر شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ، ئىككى تەشەھھۇدلۇق نامازدا بىرىنچى تەشەھھۇدتىن تۇرغاندا تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، شەرىئەت رۇكۇدىن تۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتتىكى ھەر بىر ھەركەتتە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3105

 
Hadith   101   الحديث
الأهمية: إذا قلت لصاحبك: أَنْصِتْ يوم الجمعة والإمام يَخْطُبُ، فقد لَغَوْتَ


باشتېما:

جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا يېنىڭدىكى كىشىگە، جىم تۇرغىن! دېسەڭمۇ، ئارتۇق سۆزلىگەن بولۇسەن

عن أبي هُريرة -رضي الله عنه- مرفوعًا: «إذا قلتَ لصاحبك: أَنْصِتْ يوم الجمعة والإمام يَخْطُبُ، فقد لَغَوْتَ».

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا يېنىڭدىكى كىشىگە، جىم تۇرغىن! دېسەڭمۇ، ئارتۇق سۆزلىگەن بولۇسەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من أعظم شعائر الجمعة الخطبتان، ومن مقاصدها وعظ الناس وتوجيههم، ومن آداب المستمع الواجبة: الإنصات فيهما للخطيب، ليتدبر المواعظ، ولذا حذر النبي -صلى الله عليه وسلم- من الكلام، ولو بأقل شيء، مثل نهي صاحبه عن الكلام ولو بقوله: " أنصت"، ومن تكلم والإمام يخطب فقد لغا فيحرم من فضيلة الجمعة؛ لأنه أتى بما يشغله ويشغل غيره عن سماع الخطبة.
580;ۈمەنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئىككى خۇتبىدۇر. بۇ خۇتبىنىڭ مەقسەتلىرى: كىشىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىرى: نەسىھەتلەرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، خاتىپنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، يېنىدىكى كىشىگە، جىم تۇرغىن! دېگەنگە قەدەر ئەڭ ئەقەللى سۆزنى قىلىشنىمۇ چەكلىدى. ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان چاغدا گەپ قىلغان ئادەم ئارتۇق سۆزلىگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جۈمەنىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەم ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى خۇتبىنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم قىلىدىغان ئىشنى قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3107

 
Hadith   102   الحديث
الأهمية: أَسْرِعُوا بِالْجِنَازَةِ فإنها إن تَكُ صالحة: فخير تُقَدِّمُونَهَا إليه، وإن تَكُ سِوى ذلك: فشرٌ تَضَعُونَهُ عن رِقَابِكُمْ


باشتېما:

جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۋېتىسىلەر

عن أبي هُرَيْرَةَ -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أَسْرِعُوا بِالْجِنَازَةِ فإنها إن تَكُ صالحة: فخير تُقَدِّمُونَهَا إليه. وإن تَكُ سِوى ذلك: فشرٌ تَضَعُونَهُ عن رِقَابِكُمْ».

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۈۋېتىسىلەر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أمر الشارع الحكيم بالإسراع بدفن الجنازة، والاحتمال الآخر أن المراد الإسراع في تجهيز الميت، من التغسيل والصلاة والحمل والدفن، وذلك لأنها إذا كانت صالحة، فإنها ستقدم إلى الخير والفلاح، ولا ينبغي تعويقها عنه، وهي تقول: قَدِّموني قدموني، وإن كانت سوى ذلك، فهي شر بينكم، فينبغي أن تفارقوه، وتريحوا أنفسكم من عنائه ومشاهدته، فتخففوا منه بوضعه في قبره.
588;ەرىئەتنى بېكىتكەن ھېكمەتلىك زات, مېيىتنى دەپنە قىلىشتا ئالدىراشقا بۇيرىدى. يەنە بىر ئېھتىمال؛ بۇ يەردىكى ئالدىراشتىن بولغان مەقسەت، مېيىتنى تەييارلاشتا ئالدىراشتۇر، مەسىلەن: ئۇنى يۇيۇش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، كۆتۈرۈپ مېڭىش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىدا ئالدىراش. چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، ئۇ ياخشىلىققا ۋە ئۇتۇق قازىنىشقا بارىدۇ. ئۇ، مىنى ئاپىرىڭلار! دەپ تەكرار دەۋاتقان تۇرسا، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇش لايىق ئەمەستۇر. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ناچار نەرسىدۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىڭلار، ئۇنىڭ جاپاسىدىن ۋە ئۇنى كۆرۈشتىن ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك. شۇڭا ئۇنى يەرلىككە قويۇش بىلەن يەڭگىللەڭلار   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3109

 
Hadith   103   الحديث
الأهمية: ألا أحدثكم حديثا عن الدجال ما حدث به نبي قومه! إنه أعور، وإنه يجيء معه بمثال الجنة والنار، فالتي يقول إنها الجنة هي النار


باشتېما:

مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچ بىر پەيغەمبەر قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر گەپنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمە، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ كۆرىنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دېگىنى دوزاختۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: ألا أُحَدِّثُكُمْ حديثا عن الدجال ما حدَّثَ به نبيٌّ قومه! إنه أعور، وإنه يَجيءُ معه بمثالِ الجنة والنار.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچ بىر پەيغەمبەر قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر گەپنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمە، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ كۆرىنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دېگىنى دوزاختۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ما من نبي من الأنبياء إلا أنذر قومه الدجال الأعور، وأنه لا يأتي إلا في آخر الزمان، أما نبينا -صلى الله عليه وسلم- فهو الذي فصل البيان في الدجال بما لم يقله الأنبياء والمرسلين قبله، وأنه يوهم الناس، ويُلبِّس عليهم فيحسبون أن هذا الذي أطاعه أدخله الجنة، وأن هذا الذي عصاه أدخله النار، والحقيقة بخلاف ذلك.
726;ەر بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى يەكچەشمە دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان، ئۇ پەقەت ئاخىر زاماندا كىلىدۇ، ئەمما پەيغەمبىرىمىز دەججال توغرىسىدا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەر سۆزلەپ بەرمىگەن ئىشلارنى ۋە دەججالنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىشلارنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەنلىكتىن، كىشىلەر دەججال ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدىغانلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3110

 
Hadith   104   الحديث
الأهمية: اعْتَدِلُوا في السجود، ولا يَبْسُطْ أحدكم ذِرَاعَيْهِ انْبِسَاطَ الكلب


باشتېما:

سەجدىدە راۋرۇس بولۇڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىككى بىلىكىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن

عن أَنَس بن مالك -رضي الله عنه- عَنْ النَّبِيِّ -صلى الله عليه وسلم- قَالَ: «اعْتَدِلُوا في السجود، ولا يَبْسُطْ أحدكم ذِرَاعَيْهِ انْبِسَاطَ الكلب».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: سەجدىدە راۋۇرۇس بولۇڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىككى بىلىكىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أمر النبي -صلى الله عليه وسلم- بالاعتدال في السجود، وذلك بأن يكون المصلي على هيئة حسنة في السجود، حيث يجعل كفيه على الأرض، ويرفع ذراعيه ويبعدهما عن جَنْبيه، لأن هذه الحال عنوان النشاط والرغبة المطلوبين في الصلاة، ولأن هذه الهيئة الحسنة تُمكِّن أعضاء السجود كلها من الأخذ بحظها من العبادة.
ونُهِيَ عن بسط الذراعين في السجود؛ لأنه دليل الكسل والملل، وفيه تشبه بالكلب، وهو تشبه بما لا يليق.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە راۋرۇس بولۇشقا بۇيرىدى. بۇنى ناماز ئوقۇغۇچى سەجدىدە؛ ئىككى ئالقىنىنى يەرگە قويۇش، ئىككى بىلىكىنى يەردىن كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى بېقىنىدىن يىراقراق تۇتۇش ئارقىلىق چىرايلىق بىر شەكىلدە تۇرۇشقا بۇيرىدى. چۈنكى بۇنداق تۇرۇش، نامازدا تەلەپ قىلىنغان ھەركەتچانلىق ۋە قىزغىنلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بۇ شەكىل، سەجدە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى، ئۆزىنىڭ ئىبادەتتىكى نېسىۋىسىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. سەجدىدە ئىككى بىلەكنى يېيىپ تۇرۇش چەكلىنىلدى، چۈنكى بۇنداق قىلىش، ھورۇنلۇق ۋە زىرىككەنلىكنىڭ نىشانىدۇر. يەنە بۇنىڭدا ئىتقا ئوخشاپ قېلىش بولۇپ، بۇ ئوخشاشلىق نامازخانغا نا لايىقتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3111

 
Hadith   105   الحديث
الأهمية: سألت أنس بن مالك: أكان النبي -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي في نَعْلَيْهِ؟ قال: نعم


باشتېما:

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ دەپ سورىسام، ھەئە، دەپ جاۋاپ بەردى

عن مَسْلَمَةَ سَعِيدِ بْنِ يَزِيد قال: سألت أنس بن مالك: أكان النبي -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي في نَعْلَيْهِ؟ قال: «نعم».

مەسلەمە سەئىد ئىبنى يەزىد مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ دەپ سورىسام، ھەئە، دەپ جاۋاپ بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من المقاصد الشرعية مخالفة أهل الكتاب، وإزالة كل شيء فيه مشقة وحرج على المسلم، وقد سأل سعيد بن يزيد وهو من ثقات التابعين أنس بن مالك -رضي الله عنه- عن النبي صلى الله عليه وسلم: أكان يصلى في نعليه؛ ليكون له قدوة فيه؟ أو كأنه استبعد ذلك لما يكون فيها من القذر والأذى غالبًا، فأجابه أنس: نعم، كان يصلى في نعليه، وأن ذلك من سنته المطهرة، وهذا ليس خاصًّا بأرض أو زمن معين.
588;ەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى بولسا، ئەھلى كىتابقا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانغا قېيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى يوق قىلىشتۇر، سەئىد ئىبنى يەزىد بولسا ئىشەنچىلىك تابىئىنلاردىن بولۇپ، ئۇ كىشى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلساق بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، (چۈنكى ئۇ كىشى: ئاياغ دېگەن كۆپ ۋاقىتلاردا پاكىزە بولمىغان، مەينەت نەرسىلەر يۇقۇپ قالىدىغان بولغاچقا ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇشنى توغرا ئەمەسمىكى دەپ قارىغان ئىدى). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ھە-ئە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇيتتى، ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇشمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پاك سۈننەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ مەلۇم زېمىن ياكى مەلۇم ۋاقىتقا خاس بولمايدۇ دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3112

 
Hadith   106   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يسبح على ظهر راحلته، حيث كان وجهه، يومئ برأسه، وكان ابن عمر يفعله


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ ياققا قاراپ ئۇلىغىىڭ ئۈستىدە بىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى،. ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلاتتى

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يُسَبِّحُ على ظَهرِ رَاحِلَتِه حَيثُ كان وَجهُهُ، يُومِئُ بِرَأسِهِ، وكَان ابنُ عُمرَ يَفعَلُهُ».
وفي رواية: «كان يُوتِرُ على بَعِيرِه».
ولمسلم: «غَيرَ أنَّه لا يُصَلِّي عَليهَا المَكتُوبَة».
وللبخاري: «إلا الفَرَائِض».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ تەرەپكە قاراپ ئۇلىغىنىڭ ئۈستىدە نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى، دېگەن. ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلاتتى. يەنە بىر ھەدىستە: ئۇلۇغى ئۈستىدە ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇيتتى، دەپ كەلگەن. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە لېكىن ئۇلاغ ئۈستىدە پەرز ناماز ئوقۇمايتتى، دەپ كەلگەن. بۇخارى رىۋايىتىدە پەرزدىن باشقا نامازنى ئوقۇيتتى، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان -صلى الله عليه وسلم- يصلي النافلة فقط على ظهر راحلته حيث توجَّهت به، ولو لم تكن تجاه القبلة، ويومئ برأسه إشارة إلى الركوع والسجود، ولا يتكلف النزول إلى الأرض؛ ليركع ويسجد ويستقبل القبلة، ولا فرق بين أن تكون نفلا مطلقا، أو من الرواتب أو من الصلوات ذوات الأسباب، ولم يكن يفعل ذلك في صلوات الفريضة، وكذلك كان يوتر على بعيره.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىبلە تەرەپ بولمىسىمۇ ئۇلۇغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ تەرەپكە قاراپ ئۇلاغ ئۈستىدە پەقەت نەپلە نامازنىلا ئوقۇيتتى، رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە بېشى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلىش، قىبلىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن يەرگە چۈشۈپ ئولتۇرمايتتى، مەيلى ئۇ نەپلە، پەرز نامازنىڭ سۈننەتلىرى بولسۇن ياكى سەۋەبلىك نەپلە نامازلار بولسۇن ياكى قانداق بىر نەپلە ناماز بولسا بولسۇن، ئۇنى ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇسا بولىدۇ، يەنە رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنىمۇ ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇيتتى، ئەمما پەرز نامازلارنى ئوقۇمايتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3128

 
Hadith   107   الحديث
الأهمية: فتلت قلائد هدي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ثم أشعرتها وقلدها -أو قلدتها- ثم بعث بها إلى البيت، وأقام بالمدينة، فما حرم عليه شيء كان له حلًّا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى

عائشة -رضي الله عنها- قالت: «فَتَلْتُ قَلَائِدَ هَدْيِ رسولِ الله -صلى الله عليه وسلم-، ثم أَشْعَرْتُها وَقَلَّدَهَا -أو قَلَّدْتُها-، ثم بعث بها إلى البيت، وأقام بالمدينة، فما حَرُمَ عليه شيءٌ كان له حِلًّا».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىگە ئەۋەتىدىغان تۆگىلىرىگە ئاسىدىغان بويانچۇقلارنى ئېشىپ، بەلگە قىلىپ، ئۇنى ئېسىپ قوياتتىم، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كەبىگە ئەۋەتىۋىتىپ، ئۆزى مەدىنىدە تۇرغىنىدا، ئېھراملىق كىشىلەرگە چەكلىنىدىغان نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چەكلەنمەيتتى، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يعظم البيت العتيق ويقدسه، فكان إذا لم يصل إليه بنفسه بعث إليه الهدي؛ تعظيما له، وتوسعة على جيرانه، وكان إذا بعث الهدي أشعرها وقلدها؛ ليعلم الناس أنها هدي إلى البيت الحرام؛ فيحترموها، ولا يتعرضوا لها بسوء، فذكرت عائشة -رضي الله عنها- -تأكيدا للخبر-: أنها كانت تفتل قلائدها. وكان إذا بعث بها -وهو مقيم في المدينة- لا يجتنب الأشياء التي يجتنبها المحرم من النساء، والطيب، ولبس المخيط ونحو ذلك، بل يبقى محلا لنفسه كل شيء كان حلالا له.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھنى ئۇلۇغلايتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۆزى كىلەلمىسە ئۇنى ئۇلۇغلاپ، شۇ يەردە تۇرىۋاتقانلارغا كەڭىرچىلىك يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قۇربانلىق چارۋىلارنى ئەۋەتەتتى، قۇربانلىق مالنى ئەۋەتسە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ بەيتۇللاھغا ئەۋەتىلگەن مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە يامانلىق يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بەلگە سېلىپ بىر نەرسە ئېسىپ قوياتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ خەۋەرنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ ئۇلاغنىڭ بويانچۇقلىرىنى ئېشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى مەدىنىدە تۇرۇپ قۇربانلىق چارۋىلارنى بەيتۇللاھغا ئەۋەتسە، ئېھراملىق كىشىلەر ساقلىنىدىغان خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، ئاياللارغا يېقىنلىشىش، تىكىلگەن نەرسىلەرنى كىيىشتەك ئىشلاردىن چەكلەنمەيتتى، بەلكى ھەممە نەرسە بۇرۇنقىدەك ھالال بولاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3132

 
Hadith   108   الحديث
الأهمية: يا مقلب القلوب ثبت قلبي على دينك


باشتېما:

ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەركۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزەڭنىڭ دىنىڭدا مۇستەھكەم قىلغىن

عن شهر بن حوشب قال: قلت لأم سلمة -رضي الله عنها-، يا أم المؤمنين، ما كان أكثر دعاء رسول الله -صلى الله عليه وسلم- إذا كان عندك؟ قالت: كان أكثر دعائه: «يا مقلب القلوب ثبت قلبي على دينك».

شەھرۇ ئىبنى ھەۋشەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلىنىڭ يانلىرىدىكى چاغلىرىدا ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى قايسى ئىدى؟ دەپ سورىدىم. ئۇ ئانىمىز، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى: ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم قىلسىلا، دېگەن دۇئا ئىدى، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أكثر دعائه -صلى الله عليه وسلم- أن يقول، هذا القول: (يا مقلب القلوب) أي مصرفها تارة إلى الطاعة والإقبال وتارة إلى المعصية والغفلة، (ثبت قلبي على دينك)، أي اجعله ثابتًا على دينك غير مائل عن الدين القويم والصراط المستقيم.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئاسى: (ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى زات!) يەنى، ئۇنى بەزىدە تائەت يۈزلۈنۈشكە ۋە بەزىدە مەسىيەت ۋە غەپلەتكە ئالماشتۇرۇپ تۇرغۇچى. (مېنىڭ قەلبىمنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم قىلسىلا) يەنى، ئۇنى توغرا دىن ۋە تۈز يولدىن باشقا تەرەپكە بۇرۇلمايدىغان، ئۆزلىرىنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم قىلسىلا، دەيتتى   --  بۇ ھەدىس باشقا ئىسناد بىلەن سەھىھ   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3142

 
Hadith   109   الحديث
الأهمية: إذا شرب الكلب في إناء أحدكم فليغسله سبعًا


باشتېما:

قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار

عن أبي    هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال:« إذا شَرِب الكلب في إناء أحَدِكُم فَليَغسِلهُ سبعًا».
ولمسلم: « أولاهُنَّ بالتُراب».
   عن عبد الله بن مغفل -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال:« إذا وَلَغ الكلب في الإناء فاغسلوه سبعًا وعفَّرُوه الثَّامِنَة بالتُّراب».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىرىنچىسىنى توپا بىلەن، دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلارغا ئىت چېپىلىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، سەككىزىنجى قېتىم توپا بىلەن يۇيۇڭلار، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان الكلب من الحيوانات المستكرهة التي تحمل كثيرًا من الأقذار والأمراض أمر الشارع الحكيم بغسل الإناء الذي ولغ فيه سبع مرات، الأولى منهن مصحوبة بالتراب ليأتي الماء بعدها، فتحصل النظافة التامة من نجاسته وضرره.
574;ىت نىجاسەت يەيدىغان مىكرۇب ۋە كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدىغان، يىرگىنىشلىك ھايۋان بولغانلىقتىن شەرىئەت بايان قىلغۇچى رەسۇلۇللاھ، ئۇ چېپىلىپ قويغان نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭدىكى مىكرۇب ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىملىقنى توپا بىلەن يۇيۇپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيۇشقا بۇيرىغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3143

 
Hadith   110   الحديث
الأهمية: الفطرة خمس: الختان، والاستحداد، وقص الشارب، وتقليم الأظفار، ونتف الإبط


باشتېما:

بەش تۈرلۈك ئىش ئىنسان يارتىلىشتىن تارتىپلا سۈننەتدۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەۋرەت تۈكىنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناق ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «الفِطرة خَمْسٌ: الخِتَان, والاسْتِحدَاد, وقَصُّ الشَّارِب, وتَقلِيمُ الأَظفَارِ, ونَتْفُ الإِبِط».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بەش تۈرلۈك ئىش ئىنسان يارتىلىشتىن تارتىپلا سۈننەتدۇر: خەتنە قىلدۇرۇش، ئەۋرەت تۈكىنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناق ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يذكر أبو هريرة -رضي الله عنه- أنه سمع النبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: خمس خصال من دين الإسلام، الذي فطر الله الناس عليه، فمن أتى بها، فقد قام بخصال عظام من الدين الحنيف.
وهذه الخمس المذكورة في هذا الحديث، من جملة النظافة، التي أتى بها الإسلام.
أولها: قطع قُلْفة الذكر، التي يسبب بقاؤها تراكم النجاسات والأوساخ فتحدث الأمراض والجروح.
وثانيها: حلق الشعور التي حول الفرج، سواء أكان قبلا أم دبرا، لأن بقاءها في مكانها يجعلها معرضة للتلوث بالنجاسات، وربما أخلت بالطهارة الشرعية.
وثالثها: قص الشارب، الذي بقاؤه، يسبب تشويه الخلقة، ويكره الشراب بعد صاحبه، وهو من التشبه بالمجوس.
ورابعها:تقليم الأظافر، التي يسبب بقاؤها تجمع الأوساخ فيها، فتخالط الطعام، فيحدث المرض.
وأيضا ربما منعت كمال الطهارة لسترها بعض الفرض.
وخامسها: نتف الإبط، الذي يجلب بقاؤه الرائحة الكريهة.
574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ئىسلام دىنىنىڭ خىسلەتلىرىدىن بەش تۈرلۈك خىسلەت بار، ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقان ۋاقىتتىلا بۇنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتقان. كىمىكى بۇ خىسلەتلەرنى قىلسا توغرا بولغان ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئالى يۈكسەك سۈننەتلىرىنى قىلغان بولىدۇ. ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان بەش ئىشنىڭ ھەممىسى ئىسلام تەشەببۇس قىلغان تازىلىق، پاكىزلىققا ئالاقىدار ئىشلار: 1-زەكەرنىڭ ئۈچىنى يېپىپ تۇرىدىغان تېرىنى كىسىش، ئۇنى كەسمىگەندە كىر-توڭرىلار يېغىلىپ جاراھەت ۋە كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2-ئەۋرەتنىڭ ئەتىراپىدىكى مۇيلارنى چۈشۈرۈش، مەيلى ئالدى تەرەپ، ياكى كەينى تەرەپنىڭ بولسىمۇ، بۇنىڭ قېلىشى نىجاسەت بىلەن مىكرۇپلۇنۇپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، شەرئى تاھارەتكە نۇقسان يەتكۈزسە شۇنداق بولىدۇ. 3-بۇرۇتنى ئېلىپ تۇرۇش، ئۇنى ئامماي قۇيۋېتىش گۈزەل چىراينى سەتلەشتۈرىدۇ، ھەم مەجۇسىيلارغا ئوخشىۋالغانلىق. 4-تىرناقلىرىنى ئېلىش، ئۇنىڭ ئاستىدا كىرلەر يېغىلىپ تاماققا ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك كېسەل پەيدا بولىشى مۈمكىن، يەنە بەزى يۇيۇش ۋاجىب بولغان ئۇرۇنلارغا سۇ تەگمەستىن تاھارەتنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا نۇقسان يەتكۈزىشى مۈمكىن. 5– قولتۇق مۇيىنى يۇلۇش، ئۇنى ئالماي قويغاندا بەدبۇي پۇراق چىقىپ بىزار قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3144

 
Hadith   111   الحديث
الأهمية: دخل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- البيت, وأسامة بن زيد وبلال وعثمان بن طلحة


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبىگە كىردى، كەينىدىن ئۇسامە ئىبنى زەيىد، بىلال، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەرمۇ كىردى

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- قال: «دخل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- البيت, وأسامة بن زيد وبلال وعثمان بن طلحة، فأغلقوا عليهم الباب فلما فتحوا كنت أولَ من وَلَجَ. فلقيتُ بلالًا, فسألته: هل صلى فيه رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قال: نعم , بين العَمُودَيْنِ اليَمَانِيَيْنِ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبىگە كىردى، كەينىدىن ئۇسامە ئىبنى زەيىد، بىلال، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر كىرىپ ئىشىكنى تاقىدى، بىر ئازدىن كېيىن ئىشىكنى ئاچقاندا مەن تۇنجى بولۇپ كىردىم-دە بىلالنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭدىن سورۇدۇم: رەسۇلۇللاھ كەئبە ئىچىدە ناماز ئوقىدىمۇ؟ دېگىنىمدە، ئۇ ھە-ئە، يەمەن تەرەپتىكى ئىككى تۈرۈك ئارىسىدا ئوقىدى، دەپ جاۋاب بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما فتح الله -تبارك وتعالى- مكة في السنة الثامنة من الهجرة، وطهر بيته من الأصنام والتماثيل والصور، دخل -صلى الله عليه وسلم- الكعبة المشرفة، ومعه خادماه، بلال، وأسامة، وحاجب البيت عثمان بن طلحة -رضي الله عنهم-، فأغلقوا عليهم الباب لئلا يتزاحم الناس عند دخول النبي -صلى الله عليه وسلم- فيها ليروا كيف يتعبد، فيشغلوه عن مقصده في هذا الموطن، وهو مناجاة ربه وشكره على نعمه؛ فلما مكثوا فيها طويلا فتحوا الباب.
وكان عبد الله بن عمر حريصا على تتبع آثار النبي -صلى الله عليه وسلم- وسنته، ولذا فإنه كان أول داخل لما فتح الباب، فسأل بلالا: هل صلى فيها رسول الله -صلى الله عليه وسلم-؟ قال بلال: نعم، بين العمودين اليمانيين. وكانت الكعبة المشرفة على ستة أعمدة، فجعل ثلاثة خلف ظهره، واثنين عن يمينه، وواحدا عن يساره، وجعل بينه وبين الحائط ثلاثة أذرع، فصلى ركعتين، ودعا في نواحيها الأربع.
574;اللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مەككىنى پەتھى قىلىپ، بۇت ۋە ھەيكەل، سۈرەتلەردىن پاكلاپ بەرگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئىككى خىزمەتكارى بىلال، ئۇسامە، كەئبىنىڭ ساقلىغۇچىسى، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەر كەئبىگە كىردى. باشقىلار رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارمۇ كىرىپ بېسىق قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىشىكنى تاقىدى. ئەگەردە ئۇلارمۇ كىرسە ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پەرۋەرىگارىغا ئىبادەت قىلىشتىن، نىېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قوياتتى. ئۇلار ئۇزۇن تۇرمايلا ئىشىكنى ئاچتى. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ئىزدەپ-سوراپ قىلىشقا بەك ھىرىسمەن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشىك ئېچىلغاندىلا بىلالدىن سورىدى، ئۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر يەردە ناماز ئوقىدىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، بىلال: ھەئە ئىككى تۈۋرۈك ئارىسىدا ناماز ئوقىدى، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ۋاقىتتا كەئبىدە ئالتە تۈۋرۈك بار ئىدى، ئۈچ تۈۋرۈكنى كەينىدە قويۇپ ئىككى تۈۋرۈكنى ئوڭ يېنىدا بىرىنى سول يېنىدا تام بىلەن ئارلىقىنى ئۈچ گەز قويۇپ ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇدى، تۆرت بۇلىڭىدا دۇئا قىلدى، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3148

 
Hadith   112   الحديث
الأهمية: اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث


باشتېما:

ئى ئاللاھ! ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- أن النبي صلى الله عليه وسلم    كان إذا دخل الخَلاء قال: ((اللهم إني أَعُوذ بك من الخُبُثِ والخَبَائِث)).

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوبۇرنىغا كىرگەندە مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ! ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يذكر لنا أنس بن مالك -رضي الله عنه- وهو المتشرف بخدمة النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث أدبًا نبويًّا حين قضاء الحاجة، وهو أنه -صلى الله عليه وسلم- من كثرة محبته والتجائه إلى ربه لا يدع ذكره والاستعانة به على أية حال، فهو -صلى الله عليه وسلم- إذا أراد دخول المكان الذي سيقضي فيه حاجته استعاذ بالله، والتجأ إليه أن يقيه الشياطين من ذكور وإناث؛ لأنهم الذين يحاولون في كل حال أن يفسدوا على المسلم أمر دينه وعبادته، وفُسِّر الخبث والخبائث أيضًا بالشر وبالنجاسات.
وسبب الاستعاذة أن بيت الخلاء -وهو ما يسميه بعض الناس بالحمامات أو دورات المياه- أماكن الشياطين، وقد قال -صلى الله عليه وسلم-: "إن هذه الحشوش محتضرة، فإذا دخل أحدكم، فليقل: اللهم إني أعوذ بك من الخبث والخبائث" رواه ابن ماجه وغيره وصححه الألباني، وهناك سبب آخر وهو أن الإنسان يحتاج كشف عورته إذا دخل هذه المواضع، وقد    قال رسول الله صلى الله عليه وسلم: "ستر ما بين الجن وعورات بني آدم إذا دخل الكنيف أن يقول: بسم الله" رواه ابن ماجه وغيره وصححه الألباني أيضًا.
585;ەسۇلۇللاھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھنىڭ تەرەت سۇندۇرغاندىكى ئەدەپ-قائىدىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ قانداق ئەھۋاللاردا بولسۇن پەرۋەردىگارىنى ئەسلەشتىن ۋە ياردەم تەلەپ قىلىشتىن ئۈزۈلمەيتى، ئەگەردە ھاجەت سۇندىرىدىغان جايغا كىرمەكچى بولسا شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيتى، نىجاسەتتىن، ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ زىيىنىدىن پاناھ تىلەيتى، ئۇ شەيتانلار ھەر ۋاقىت مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىنى ئىشلىرى ۋە ئىبادىتىنى بۇزۇشقا ئۇرىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3150

 
Hadith   113   الحديث
الأهمية: أن نبي الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- رأى رجلا يسوق بدنة, فقال: اركبها، قال: إنها بدنة، قال: اركبها


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تۆگىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى، ئۇ ئادەم: بۇ قۇربانلىق تۆگە،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا مېنىۋال!» دېدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- «أن نبي الله -صلى الله عليه وسلم- رأى رجلا يَسُوقُ بَدَنَةً, فقال: اركبها، قال: إنها بَدَنَةٌ، قال اركبها، فرأيته رَاكِبَهَا, يُسَايِرُ النبي -صلى الله عليه وسلم-».
وفي لفظ: قال في الثانية، أو الثالثة: «اركبها وَيْلَكَ أو وَيْحَكَ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تۆگە ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «ئۇنىڭغا مىنىۋال!» دېدى، ئۇ ئادەم: بۇ قۇربانلىق تۆگە،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا مىنىۋال!» دېدى، ئۇنىڭ تۆگىگە مېنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كىتىۋاتقىنىنى كۆردۈم. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قېتىمدا: «ئېسىت ساڭا!» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما رأى النبي -صلى الله عليه وسلم- رجلًا يسوق بدنة، هو في حاجة إلى ركوبها قال له: اركبها، ولكون الهدي معظما عندهم لا يُتعرض له استفهم الصحابي بأنها بدنة مهداة إلى البيت، فقال: اركبها وإن كانت مهداة إلى البيت، فعاوده الثانية والثالثة، فقال: اركبها، مغلظًا له الخطاب ومبينًا له جواز ركوبها ولو كانت هديًا، فركبها الرجل.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ قۇربانلىق تۆگىنى مېنىشكە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «تۆگەڭگە مىنىۋالغىن» دېدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بەيتۇللاھقا ھەدىيە قىلىنغان تۆگە ئۇلۇغ، چېقىلىشقا بولمايدىغان بولغاچقا، بۇ ساھابە ئۇنىڭ بەيتۇللاھقا ھەدىيە قىلىنغان تۆگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ سۈرۈشتۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۆگە گەرچە بەيتۇللاھقا ئاتالغان ھەدىيە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مىنىۋالغىن» دېدى، ئۇ كىشى ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىم قايتىلىغاندا، گەرچە ھەدىيە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مىنىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن:«ئۇنىڭغا مىنىۋال» دېدى، ئۇ كىشى تۆگىگە مىندى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3152

 
Hadith   114   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أشد حياءً من العذراء في خدرها


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىمىلداقتا تۇرغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أَشَدَّ حياءً من العَذْرَاءِ في خِدْرِهَا، فإذا رأى شيئا يَكْرَهُهُ عرفناه في وجهه.

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىمىلداقتا تۇرغان قىزدىنمۇ بەكراق ھايالىق ئىدى، ئەگەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرمىسا ئۇنى بىز چىرايىدىن بىلىۋالاتتۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- أشد حياء من المرأة التي لم تتزوج وهي أشد النساء حياءً؛ لأنَّها لم تتزوج ولم تعاشر الرجال فتجدها حيية في خدرها، فرسول الله -صلى الله عليه وسلم- أشدُّ حياء منها، ولكنه -صلى الله عليه وسلم- إذا رأى ما يكره وما هو مخالف لطبعه -صلى الله عليه وسلم- عُرف ذلك في وجهه.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توي قىلمىغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى، توي قىلمىغان قىز ئەڭ ھايالىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇ توي قىلمىغانلىقتىن ئەرلەر بىلەن ئارلىشىپ باقمىغاچقا ئۇنى چىمىلدىقىدا نۇمۇسچان بايقايسەن. رەسۇلۇللاھ بولسا ئۇنىڭدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمايدىغان، تەبىئىتىگە ياقمايدىغان بىرەر ئىشنى كۆرسە چىرايىدا تەسىرى كۆرۈلەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3153

 
Hadith   115   الحديث
الأهمية: إنَّ المُفْلس مِنْ أُمَّتِي مَن يَأْتِي يَوْمَ القِيَامَةِ بِصَلَاة وَصِيَامٍ وَزَكَاة، وَيَأْتِي وَقَدْ شَتَم هذا، وقَذَفَ هذا، وأَكَل مالَ هذا، وسَفَكَ دَمَ هذا، وضَرَبَ هذا، فَيُعْطَى هَذا مِن حَسَنَاتِهِ، وهذا مِنْ حَسَنَاتِهِ


باشتېما:

مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلار بىلەن كىلىدۇ يۇ، ئەمما بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئادەمنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىپ (ئۆزىگە بىر نەرسە قالمايدىغان) كىشىدۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «أتدرون من المفلس؟» قالوا: المُفْلِس فينا من لا دِرهَمَ له ولا مَتَاع، فقال: «إن المفلس من أمتي من يأتي يوم القيامة بصلاة وصيام وزكاة، ويأتي وقد شَتَمَ هذا، وقذف    هذا، وأكل مال هذا، وسَفَكَ دم هذا، وضرب هذا، فيعطى هذا من حسناته، وهذا من حسناته، فإن فنيت حسناته قبل أن يُقْضَى ما عليه، أخذ من خطاياهم فَطُرِحتْ عليه، ثم طُرِحَ في النار».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن (مەرفۇ ھالدا) رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ۋەيران بولغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: بىزدە ۋەيران بولغان كىشى دېگەن، بىرەر تالمۇ دەرھىمى (پۇل بىرلىكى نامى) ياكى مال- ماتاسى يوق ئادەمدۇر، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلار بىلەن كېلىدۇ- يۇ، ئەمما بۇنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان، بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا بۇ ئادەمنىڭ ساۋاپلىرىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىدىكى جىنايەتنى تۆلەپ بولغىچە ساۋاپلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىپ بۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يسأل النبي -صلى الله عليه وسلم- الصحابة رضوان الله عليهم فيقول: "أتدرون من المفلس". فأخبروه بما هو معروف بين الناس، فقالوا: هو الفقير الذي ليس عنده نقود ولا متاع.
فأخبرهم النبي -صلى الله عليه وسلم- أن المفلس من هذه الامة من يأتي يوم القيامة بحسنات عظيمة، وأعمال صالحات كثيرة من صلاة وصيام وزكاة، فيأتي وقد شتم هذا، وضرب هذا، وأخذ مال هذا، وقذف هذا، وسفك دم هذا، والناس يريدون أن يأخذوا حقهم؛ فما لا يأخذونه في الدنيا يأخذونه في الآخرة، فيقتص لهم منه؛ فيأخذ هذا من حسناته، وهذا من حسناته، وهذا من حسناته بالعدل والقصاص بالحق، فإن فنيت حسناته أخذ من سيئاتهم فطرحت عليه، ثم طرح في النار.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن سوراپ، ۋەيران بولغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دىدى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەلۇم بولغان بويىچە جاۋاپ بېرىشىپ، بىزدە ۋەيران بولغان كىشى دىگەن، پۇللىرى ياكى مال- ماتاسى يوق پېقىر ئادەمدۇر، دىيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا بايان قىلىپ دېدىكى: بۇ ئۈممەتدىن ۋەيران بولغان كىشى دېگەن: قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكاتلاردىن نۇرغۇنلىغان سالىھ ئەمەللەر بىلەن كىلىدىغان، ئەمما بۇ ئادەمنى تىللىغان، ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان،بىرىنىڭ مال- مۈلكىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە يەنە بىرىنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدىغان كىشى بولۇپ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، كىشىلەر بۇ دۇنيادا ئالالمىغانلىرىنى ئاخىرەتتە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئادەمدىن ئۇلارنىڭ قىساسى ئېلىنىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ھەقىقى ئادىل ۋە قىساس يولى بىلەن ئالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3165

 
Hadith   116   الحديث
الأهمية: أن رجلًا دخل المسجد يوم الْجُمُعَةِ من باب كان نحو دار الْقَضَاءِ ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- قائم يَخْطُبُ


باشتېما:

بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا قازىخانا تەرەپتىكى ئىشىكتىن مەسچىتكە كىردى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- «أن رجلا دخل المسجد يوم الْجُمُعَةِ من باب كان نحو دار الْقَضَاءِ، ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- قائم يَخْطُبُ، فَاسْتَقْبَلَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قائمًا، ثم قال: يا رسول الله، هَلَكَتِ الأموال، وانْقَطَعَتِ السُّبُلُ فَادْعُ الله تعالى يُغِيثُنَا، قال: فرفع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يديه ثم قال: اللَّهُمَّ أَغِثْنَا ، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا ، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا. قال أنس: فلا والله ما نرى في السماء من سحاب ولا قَزَعَةٍ ، وما بيننا وبين سَلْعٍ من بيت ولا دار. قال: فطلعت من ورائه سَحَابَةٌ مثل التُّرْسِ. فلما تَوَسَّطَتْ السماء انْتَشَرَتْ ثُمَّ أَمْطَرَتْ. قال: فلا والله ما رأينا الشمس سَبْتاً.
قال: ثم دخل رجل من ذلك الباب في الْجُمُعَةِ الْمُقْبِلَةِ، ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- قائم يَخْطُبُ الناس، فَاسْتَقْبَلَهُ قائمًا، فقال: يا رسول الله، هَلَكَتْ الأَمْوَالُ وَانْقَطَعَتْ السُّبُلُ، فادع الله أن يُمْسِكَهَا عنَّا، قال: فرفع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يديه ثم قال: اللَّهُمَّ حَوَالَيْنَا وَلا عَلَيْنَا, اللَّهُمَّ على الآكَامِ وَالظِّرَابِ وَبُطُونِ الأَوْدِيَةِ وَمَنَابِتِ الشَّجَر. قال: فَأَقْلَعَتْ، وخرجنا نمشي في الشمس».
قال شريك: فسألت أنس بن مالك: أهو الرجل الأول قال: لا أدري.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا قازىخانا تەرەپتىكى ئىشىكتىن مەسچىتكە كىرىپ، ئۆرە تۇرغان پېتى رەسۇلۇللاھقا قاراپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! چارۋىلار ئۆلۈپ كەتكىلى تۇردى، يوللار ئۈزۈلدى، دۇئا قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن بىزگە سۇ تەلەپ قىلسىلا] دېدى. رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، ئى ئاللاھ ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، دېدى. ئەنەس دەيدۇ: ئۇ چاغدا، ئاسماندا بۇلۇتنىڭ ئەسىرىمۇ يوق ئىدى. «سەلئى» تېغى بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆيمۇ يوق ئىدى، «سەلئى» تېغىنىڭ ئارقىسىدىن قالقانغا ئوخشاش بۇلۇت چىقىپ كەلدى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ئەتراپقا تاراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، ئەنەس: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تولۇق بىر ھەپتە كۈننى كۆرمىدۇق» دېدى. كىيىنكى جۈمە كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا: «ئى رەسۇلۇللاھ! چارۋىلار ئۆلۈپ كەتكىلى تۇردى، يوللار ئۈزۈلۈپ قالدى، ئاللاھقا دۇئا قىلغان بولساڭ، يامغۇرنى توختاتسا» دېدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! يامغۇرنى بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن، ئۈستىمىزگە ياغدۇرمىغىن، ئى ئاللاھ! تاغ-تۆپىلىكلەرگە، جىلغىلارغا ۋە ئورمانلارغا ياغدۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. ھاۋا ئېچىلىپ، بىز كۈن نۇرى ئاستىدا يۈردۇق. شۇرەيك: مەن ئەنەستىن: دەسلەپتە كىرگەن كىشى شۇمۇ؟ دېسەم، ئۇ: بىلمەيمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- قائمًا يخطب في مسجده يوم الجمعة، ودخل رجل، فاستقبل النبي -صلى الله عليه وسلم- ثم نادى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مبيناً له ما فيهم من الشدة والضيق، حيث هلكت الحيوانات من عدم الكلأ، وانقطعت الطرق، فهزلت الإبل التي نسافر ونحمل عليها، بسبب انحباس المطر وجفاف الأرض، وطلب منه الدعاء لهم بتفريج هذه الكربة، فرفع النبي -صلى الله عليه وسلم- يديه ثم قال: "اللهم أَغِثْنَا" ثلاث مرات، كعادته في الدعاء، والتفهيم في الأمر المهم.
ومع أنهم لم يروا في تلك الساعة في السماء من سحاب ولا ضباب إلا أنه في أثر دعاء المصطفى -صلى الله عليه وسلم-، طلعت من وراء جبل "سَلْع" قطعة صغيرة، فأخذت ترتفع.
فلما وَسَّطَتْ السَّمَاءَ توسعت وانْتَشَرَتْ، ثم أمطرت، ودام المطر عليهم سبعة أيام.
حتى إذا كانت الجمعة الثانية، دخل رجل، ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- قائم يخطب الناس، فقال- مبيناً أن دوام الأمطار، حَبسَ الحيوانات في أماكنها عن الرَّعْي حتى جاعت، وحبس الناس عن الضرب في الأرض والذهاب والإياب في طلب الرزق، فادع الله أن يمسكها عنا. فرفع يديه ثم قال ما معناه: اللهم اجعل المطر حول المدينة لا عليها، لئلا يضر بالناس في معاشهم، وتسير بهائمهم إلى مراعيها، وليكون نزول هذا المطر في الأمكنة التي ينفعها نزوله، من الجبال، والروابي، والأودية، والمراعي.
وأقلعت السماء عن المطر فخرجوا من المسجد يمشون، وليس عليهم مطر.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قاراپ، ئۇنى چاقىرىپ، يامغۇر ياغماي، زېمىن قۇرۇپ كەتكەنلىكنى، ئوت-چۆپلەرنىڭ يوقلۇقىدىن چارۋىلار ئۆلۈپ، يوللار ئۈزۈلۈپ، سەپەر قىلىدىغان، يۈك ئارتىدىغان تۆگىلەرنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھدىن بۇ قىيىنچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن! دەپ ئۈچ قېتىم تەكرار دېدى، ئادەتتە رەسۇلۇللاھ دۇئا قىلغاندا ۋە مۇھىم بىر ئىشنى تەكىتلىگەندە ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. ئۇلار ئۇ چاغدا ئاسماندا بۇلۇتنىڭ ياكى چاڭ-تۇزاڭنىڭ ئەسىرىنىمۇ كۆرمىگەن ئىدى، بىراق رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنىڭ تەسىرىدە سەلئى تېغىنىڭ ئارقىدىن كىچىك بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئېگىزگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە كىڭىيىپ، ئەتراپقا تاراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، يامغۇر يەتتە كۈن داۋاملاشتى. كىيىنكى جۈمە كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىرىپ كەلدى ۋە يامغۇرنىڭ ئىزچىل يېغىشى بىلەن چارۋىلار يايلاققا چىقالمىغانلىقتىن ئاچ قالغانلىقىنى، كىشىلەرمۇ تىرىكچىلىك يولىدا سەپەر قىلالماي سولۇنۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يامغۇرنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قېيىنچىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن، چارۋىلار يايلاققا نۇرمال بېرىشى ئۈچۈن يامغۇرنى تاغ، تۆپىلىك، جىلغا، ئېكىنزارلىقلارغا ياغدۇرغىن! مەدىنىگە ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياغدۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. يامغۇر توختاپ، ئۇلار مەسچىتتىن چىققاندا يامغۇرسىز يۈردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3174

 
Hadith   117   الحديث
الأهمية: رَمَقْتُ الصلاة مع محمد -صلى الله عليه وسلم- فوجدت قيامه، فَرَكْعَتَهُ، فاعتداله بعد ركوعه، فسجدته، فَجِلْسَتَهُ بين السجدتين، فسجدته، فَجِلْسَتَهُ ما بين التسليم والانصراف: قريبا من السَّوَاء


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى كۆزەتتىم. ئۇنىڭ قىيامدا تۇرۇشىنى، ئاندىن رۇكۇ قىلىشىنى، ئاندىن رۇكۇدىن تىك تۇرۇشىنى، ئاندىن سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرۇشىنى، ئاندىن يەنە سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن سالام بېرىپ بولۇپ قوپۇپ كېتىش ئارىلىقىنى باراۋەر كەلگىلى ئاز قالغاندەك كۆردۈم

عن الْبَرَاءِ بْنِ عَازِبٍ -رضي الله عنهما- قال: «رَمَقْتُ الصلاة مع محمد -صلى الله عليه وسلم- فوجدت قيامه، فَرَكْعَتَهُ، فاعتداله بعد ركوعه، فسجدته، فَجِلْسَتَهُ بين السجدتين، فسجدته، فَجِلْسَتَهُ ما بين التسليم والانصراف: قريبا من السَّوَاء».
وفي رواية: «ما خلا القيام والقعود، قريبا من السَّوَاءِ».

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى كۆزەتتىم. ئۇنىڭ قىيامدا تۇرۇشىنى، ئاندىن رۇكۇ قىلىشىنى، ئاندىن رۇكۇدىن تىك تۇرۇشىنى، ئاندىن سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن ئىككى سەجدىنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرۇشىنى، ئاندىن يەنە سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن سالام بېرىپ بولۇپ قوپۇپ كېتىش ئارىلىقىنى، ناھايىتى يىقىن ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. يەنە بىر رىۋايەتتە: قىيامدا تۇرۇش بىلەن تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇشتىن باشقىسى، باراۋەر كەلگىلى ئاز قالغاندەك كۆردۈم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يصف البراء بن عازب -رضي الله عنهما- صلاة النبي -صلى الله عليه وسلم- حيث كان يراقبه بتأمل ليعرف كيف يصلي فيتابعه، فذكر أنها متقاربة متناسبة، فإن قيامه للقراءة، وجلوسه للتشهد، يكونان مناسبين للركوع والاعتدال والسجود فلا يطوَّل القيام مثلاً، ويخفف الركوع، أو يطيل السجود، ثم يخفف القيام، أو الجلوس بل كل ركن يجعله مناسبًا للركن الآخر، وليس معناه: أن القيام والجلوس للتشهد، بقدر الركوع والسجود، وإنما معناه أنه لا يخفف واحدًا ويثقل الآخر.
576;ەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى سۈپەتلەپ، ئۇنىڭ قانداق ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن، ئىنچىكە كۆزىتىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ: رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنىڭ ھەرىكەتلىرى بىر - بىرىگە مۇناسىپ ھالدا باراۋەر كېلەتتى؛ ئۇنىڭ قىرائەت ئۈچۈن قىيامدا تۇرۇشى بىلەن تەشەھھۇد ئۇقۇش ئۈچۈن ئولتۇرۇشى، رۇكۇ ۋە ئۇنىڭدىن رۇسلىنىش ۋە سەجدىگە مۇناسىپ ھالدا بولاتتى، مەسىلەن قىيامدا تۇرۇشنى ئۇزارتىپ رۇكۇغا يەڭگىل قىلىپ قويمايتتى. ياكى سەجدىنى ئۇزارتىپ ئاندىن قىيامنى ياكى ئولتۇرۇشنى قىسقارتىپ قويمايتتى. بەلكى نامازنىڭ ھەربىر رۇكنىنى يەنە بىر رۇكنىغا مۇناسىپ كەلتۈرۈپ قىلاتتى. بۇنىڭ مەناسى، قىيامدا تۇرۇش ۋە تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش، رۇكۇ ۋە سەجدە مىقدارىدا بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى بىرىنى يەڭگىللىتىپ يەنە بىرىنى ئېغىر قىلىپ قويمايدۇ، دېگەنلىكتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3175

 
Hadith   118   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان في سفر، فصلى العشاء الآخِرَةَ، فقرأ في إحدى الركعتين بِالتِّينِ وَالزَّيْتُون فما سمعت أحدًا أحسن صوتًا أو قراءة منه


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىكى خۇپتەن نامىزىدا، بىر رەكئەتتە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ جاراڭلىق ۋە گۈزەل قىرائەت بىلەن ئوقۇغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم

عن الْبَرَاء بْن عَازِبٍ -رضي الله عنهما- «أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان في سفر، فصلى العشاء الآخِرَةَ، فقرأ في إحدى الركعتين بِالتِّينِ وَالزَّيْتُون فما سمعت أحدًا أحسن صوتًا أو قراءة منه».

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىكى خۇپتەن نامىزىدا، بىر رەكەتتە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭدىنمۇ جاراڭلىق ۋە گۈزەل قىرائەت بىلەن ئوقۇغان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقمىدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قرأ النبي -صلى الله عليه وسلم- بسورة التين والزيتون في الركعة الأولى في صلاة العِشاء؛ لأنه كان في سفر، والسفر يراعى فيه التخفيف والتسهيل؛ لمشقته وعنائه، ومع كون النبي -صلى الله عليه وسلم- مسافرًا، فإنه لم يترك ما يبعث على الخشوع وإحضار القلب عند سماع القرآن، وهو تحسين الصوت في قراءة الصلاة.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەن نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكىتىدە «سۈرە تىن» نى ئوقۇدى، چۈنكى ئۇ سەپەردە ئېدى. سەپەر دېگەندە ئۇنىڭ مۇشەققىتى ۋە ئېغىرلىقىنى يەڭگىللىتىشكە ۋە ئاسانلىق يارىتىشقا كۆڭۈل بۆلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇساپىر تۇرۇقلۇق قۇرئان ئاڭلىغاندا خۇشۇ - خۇزۇغا ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارنى تاشلىمىدى، ئۇ بولسىمۇ: نامازدا تىلاۋەت قىلغاندا چىرايلىق ئاۋاز بىلەن ئوقۇش   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3177

 
Hadith   119   الحديث
الأهمية: بينما رجل واقف بِعَرَفَةَ، إذ وقع عن راحلته، فَوَقَصَتْهُ -أو قال: فَأوْقَصَتْهُ- فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: اغْسِلُوهُ    بماء وسدر، وكَفِّنُوهُ في ثوبيه، ولا تُحَنِّطُوهُ، ولا تُخَمِّرُوا رأسه؛ فإنه يُبْعَثُ يوم القيامة مُلبِّياً


باشتېما:

بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى

عن عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- قال: «بينما رجل واقف بِعَرَفَةَ، إذ وقع عن راحلته، فَوَقَصَتْهُ -أو قال: فَأوْقَصَتْهُ- فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: اغْسِلُوهُ    بماء وسدر، وكَفِّنُوهُ في ثوبيه، ولا تُحَنِّطُوهُ، ولا تُخَمِّرُوا رأسه؛ فإنه يُبْعَثُ يوم القيامة مُلبِّياً».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئەرافاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، «ياكى تۆگىسى ئۇنى دەسسىۋېتىپ» بوينى سۇنۇپ ئۆلۈپ قالغانىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇ ئادەمنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇپ، ئىككى پارچە رەخت بىلەن كېپەنلەڭلار، ئۇنىڭغا ھەنۇت«خۇشبۇي» ئىشلەتمەڭلار، بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ ئادەم قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن تۇرىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
بينما كان رجل من الصحابة واقفاً في عرفة على راحلته في حجة الوداع محرمًا إذ وقع منها، فانكسرت عنقه فمات؛ فأمرهم النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يغسلوه كغيره من سائر الموتى، بماء، وسدر، ويكفنوه في إزاره وردائه، اللذين أحرم بهما.
وبما أنه محرم بالحج وآثار العبادة باقية عليه، فقد نهاهم النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يُطيبوه وأن يغطوا رأسه،
وذكر لهم الحكمة في ذلك؛ وهي أنه يبعثه الله على ما مات عليه، وهو التلبية التي هي شعار الحج.
587;اھابىلەردىن بىرى رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلىپ ئەرەپاتتا تۇرۇۋاتقاندا تۆگىسىدىن يىقىلىپ چۈشتى ۋە بوينى سۇنۇپ كېتىپ ئۆلۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلەرنى ئادەتتىكى مېيىتنى يۇغاندەك سۇ ۋە سىدىر بىلەن ئۇنى يۇيۇشقا ، ئىھرام باغلىغان ئىككى رەخ بىلەن كىپەنلەشكە بۇيرىدى. ئۇ كىشى ھەجگە ئىھرام باغلىغانلىقتىن ئىبادەت قىلغان شۇ ھالىتى بىلەن قېلىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش پۇراق ئىشلىتىشتىن ۋە بېشىنى يېپىپ قويۇشتىن توستى. ئۇلارغا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ كىشى قانداق ئۆلگەن بولسا شۇ ھالىتىدە تىرىلىدۇ، يەنى ھەجنىڭ شۇئارى بولغان تەلبىيە ئېيتقان ھالدا قەبرىسىدىن تۇرىدۇ، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3180

 
Hadith   120   الحديث
الأهمية: أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- دخل المسجد، فدخل رجل فصلَّى، ثم جاء فسلَّم على النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال: ارجع فصلِّ، فإنك لم تُصَلِّ


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى

عن أبي هُرَيْرَةَ -رضي الله عنه- «أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- دخل المسجد، فدخل رجل فصلَّى، ثم جاء فسلَّم على النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال: ارجع فصلِّ، فإنك لم تُصَلِّ، فرجع فصلَّى كما صلَّى، ثم جاء فسلَّم على النبي -صلى الله عليه وسلَّم- فقال: ارجع فصلِّ، فإنك لم تُصَلِّ -ثلاثا- فقال: والذي بعثك بالحق لا أُحْسِنُ غيره، فَعَلِّمْنِي، فقال: إذا قُمْتَ إلى الصلاة فَكَبِّرْ، ثم اقرأ ما تيسر من القرآن، ثم اركع حتى تَطْمَئِنَّ راكعا، ثم ارفع حتى تعتدل قائما، ثم اسجد حتى تَطْمَئِنَّ ساجدا, ثم ارفع حتى تطمئن جالسا، وافعل ذلك في صلاتك كلها».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
دخل النبي -صلى الله عليه وسلم- المسجد، فدخل رجل من الصحابة، اسمه (خَلاّد بن رافع)، فصلى صلاة خفيفة غير تامة الأفعال والأقوال، فلما فرغ من صلاته، جاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم-، فسلم عليه فرد عليه السلام    ثم قال له: ارجع فَصَلِّ، فإنك لم تصل، فرجع وعمل في صلاته الثانية كما عمل في صلاته الأولى، ثم جاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم-، فقال له: ارجع فَصَلِّ فإنك لم تصل ثلاث مرات، فأقسم الرجل بقوله: والذي بعثك بالحق -وهو الله تعالى- ما أحسن غير ما فعلت فعَلِّمني، فعندما اشتاق إلى العلم، وتاقت نفسه إليه، وتهيأ لقبوله وانتفى احتمال كونه ناسيا بعد طول الترديد قال له النبي -صلى الله عليه وسلم- ما معناه: إذا قمت إلى الصلاة فكبر تكبيرة الإحرام، ثم اقرأ ما تيسر من القرآن، بعد قراءة سورة الفاتحة ثم اركع حتى تطمئن راكعا، ثم ارفع من الركوع حتى تعتدل قائما، وتطمئن في اعتدالك    ثم اسجد حتى تطمئن ساجدا، ثم ارفع من السجود واجلس حتى تطمئن جالسا، وافعل هذه الأفعال والأقوال في صلاتك كلها، ماعدا تكبيرة الإحرام، فإنها في الركعة الأولى دون غيرها من الركعات.
وكون المراد بما تيسر سورة الفاتحة على الأقل مأخوذ من روايات الحديث ومن الأدلة الأخرى.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىردى، كەينىدىن ساھابىلەردىن خەللاد ئىبنى راپىئ ئىسىملىك بىر ساھابە كىرىپ تىز ھەم كەمتۈك بىر ناماز ئوقۇدى. نامازدىن بىكار بولغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىلىپ سالام قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: قايتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇغىن، سەن بايا ناماز ئوقۇمىدىڭ، دېدى. ئۇ كىشى بېرىپ ئاۋۋال قانداق ئوقۇغان بولسا، بۇ قېتىممۇ شۇ پەدىدە ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: قايتىپ بېرىپ ناماز ئوقۇغىن، سەن بايا ناماز ئوقۇمىدىڭ، دەپ بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى. ئۈچىنچى قېتىمدا بۇ كىشى قەسەم قىلىپ: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى «ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا» مەن بۇنىڭدىن ياخشى ئوقۇياممايمەن، ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېدى. بۇ كىشىنىڭ ئىلىمگە ھېرىسمەنلىكى ۋە ئىچ-ئىچىدىن ئۈگۈنۈش ئېستىكىنىڭ بارلىقى، تەلىمنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىقى، تەكرار قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ كېيىن ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقى نامايەن بولدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەرنى ئۈگەتتى: سەن نامازغا تۇرغىنىڭدا باشلاش تەكبىرىنى ئېيىت، ئاندىن پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس، تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۇرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى. باشلاش تەكبىرىدىن باشقا ھەر قېتىملىق تەكبىرلەردە شۇنداق قىلىنىدۇ، چۈنكى باشلاش تەكبىرى بىرىنچى رەكەتتە. ئاز دېگەندە سۈرە پاتىھەنى ئوقۇشنىڭ ۋاجىپلىقى باشقا ھەدىسلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3185

 
Hadith   121   الحديث
الأهمية: قال رجل للنبي -صلى الله عليه وسلم- يومَ أُحُدٍ: أَرَأَيْتَ إن قُتِلْتُ فَأَيْنَ أَنَا؟ قال: "في الجَنَّة"، فأَلْقَى تَمراتٍ كُنَّ في يَدِه، ثم قاتل حتى قُتِلَ


باشتېما:

بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ شېھىت بولغۇنچە قەدەر ئېلىشتى

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- قال رجل للنبي -صلى الله عليه وسلم- يومَ أُحُدٍ: أَرَأَيْتَ إن قُتِلْتُ فَأَيْنَ أَنَا؟ قال: «في الجَنَّةِ» فأَلْقَى تَمراتٍ كُنَّ في يَدِه، ثم قاتل حتى قُتِلَ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ئوھۇد كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەگەر مەن ئۆلتۈرۈلسەم نەدە بولىمەن؟ دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: جەننەتە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم قولىدىكى بىر قانچە تال خورمىنى تاشلىۋەتتى ۋە «جەڭ مەيدانىغا كىرىپ» قاتتىق ئېلىشىپ ئاخىرى شېھىت بولدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر جابر -رضي الله عنه- أن رجلًا -قيل: اسمه عُمير بن الحُمَام وقيل: غيره- قال للنبي -صلى الله عليه وسلم- يوم غزوة أحد: يا رسول الله! أرأيتَ إن قاتلتُ حتى قُتلتُ، يعني جاهدت المشركين وقتلت في هذه الوقعة ما مصيري؟ قال: "أنت في الجنة"، فألقى تمرات كانت معه، وقال: (إنها لحياة طويلة إن بقيت حتى آكل هذه التمرات) ثم تقدم فقاتل حتى قتل -رضي الله عنه-.
580;ابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بىرىپ، ئۇمەيىر ئىبنى ھۇمام ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇھۇد كۈنى مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ مەن جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق بولىمەن؟ دېدى. يەنى مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىپ بۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسەم مېنىڭ ئاقىۋىتىم قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: سەن جەننەتتە بولىسەن، دېگەن ئىدى. ئۇ كىشى قولىدىكى يەۋاتقان خورمىنى تاشلىۋېتىپ: بۇ خورمىلارنى يەپ بولغۇچە ئۇزۇن ياشىغۇدەكمەن. دېگىنىچە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەتتى ۋە شۇ جەڭدە شېھىت بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3194

 
Hadith   122   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان إذا صَلَّى فرّج بين يديه، حتى يبدو بياض إبْطَيْهِ


باشتېما:

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا ئىككى قولىنى قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك كېرەتتى

عن عبد الله بن مالك بن    بُحَيْنَةَ -رضي الله عنهم-: «أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان إذا صَلَّى فرّج بين يديه، حتى يَبْدُوَ بياضُ إبْطَيْهِ».

ئابدۇللاھ ئىبنى مالىك ئىبنى بۇھەينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغاندا ئىككى قولىنى قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنگىدەك كېرەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- إذا سجد يباعد عضديه عن جنبيه؛ لتنال اليدان حظهما من الاعتماد والاعتدال في السجود، ومن شدة التفريج بينهما يظهر بياض إبطيه.
وهذا لأنه -صلى الله عليه وسلم- كان إماما أو منفردا، أما المأموم الذي يتأذى جاره بالمجافاة؛ فلا يشرع له ذلك.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەجدە قىلغاندا ئىككى بېلىكىنى بېقىنىدىن يىراق تۇتاتتى، ئىككى قول سەجدىدە تايىنىش ۋە توغرا تۇرۇشى ئۈچۈن ئىككى بىلىكىنى بېقىنىدىنيىراق تۇتاتتى، ئىككى قولىنىڭ ئارلىقىنى كەڭ تۇتقانلىقتىن قولتۇقىنىڭ ئاقلىقى كۆرۈنەتتى. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىمام بولغاندا ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندىكى ئەھۋال، ئىقتىدا قىلغۇچى جەينىكى بىلەن يىنىدىكىلەرگە ئازار بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3220

 
Hadith   123   الحديث
الأهمية: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يُصَلِّي وهو حامل أُمَامَةَ    بنت زينب بنت رسول الله -صلى الله عليه وسلم-


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى

عن أبي    قَتَادَةَ الأَنْصَارِيِّ -رضي الله عنه- قال: «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كان يُصَلِّي وهو حامل أُمَامَةَ بنت زينب بنت رسول الله -صلى الله عليه وسلم-».
ولأبي العاص بن الربيع بن عبد شَمْسٍ -رضي الله عنه-: «فإذا سجد وضعها، وإذا قام حملها».

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ ئەبىل ئاس ئىبنى رەبىئ ئىبنى ئابدۇشەمسدىن بولغان قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى، سەجدە قىلغاندا ئۇنى قويۇپ تۇرۇپ، تۇرغاندا كۆتۈرۈۋالاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يحمل بنت ابنته وهي أمامة بنت زينب وهو في الصلاة، حيث يجعلها على عاتقه إذا قام، فإذا ركع أو سجد وضعها في الأرض محبةً وحنانًا.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىسى ئۇمامە بىنتى زەينەپنى كۆيۈنگەن ۋە ياخشى كۆرگەنلىكتىن نامازدا كۆتۈرۋالاتتى، قىيامدا تۇرغاندا مۇرىسىدە قوياتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلغاندا يەردە قويۇپ قوياتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3226

 
Hadith   124   الحديث
الأهمية: إني لا آلُو أن أُصَلِّيَ بكم كما كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي بنا


باشتېما:

مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن

عن أنس -رضي الله عنه- أنه قال: «إني لا آلُو أن أُصَلِّيَ بكم كما كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي بنا، قال ثابت فكان أَنَس يصنع شيئا لا أراكم تصنعونه: كان إذا رفع رأسه من الركوع انْتَصَبَ قائما، حتى يقول القائل: قد نَسِيَ، وإذا رفع رأسه من السَّجْدَةِ مكث، حتى يقول القائل: قد نَسِيَ».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن» دېگەن. سابىت ئەلبۇنانى مۇنداق دېدى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سىلەر قىلمىغان ئىشلارنى قىلاتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تىك تۇرسا كىشى: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرسا «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أنس -رضي الله عنه- يقول إني سأجتهد فلا أقَصر أن أصلي بكم كما كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يصلى بنا، لتقتدوا به، فتصلوا مثله.
قال ثابت البناني: فكان أنس يصنع شيئا من تمام الصلاة وحسنها، لا أراكم تصنعون مثله،كان يطيل القيَام بعد الركوع، والجلوس بعد السجود، فكان إذا رفع رأسه من الركوع انتصب قائما حتى يقول القائل -من طول قيامه- قد نَسيَ أنه في القيام الذي بين الركوع والسجود، وإذا رفع رأسه من السجدة مكث حتى يقول القائل -من طول جلوسه-: قد نسي أيضا.
574;ەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن تېرىشىپ، سىلەرنىڭ سۈننەتكە ئەگىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ناماز ئوقۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ناماز ئوقۇپ بەرگەندەك ناماز ئوقۇپ بېرىمەن» دەيتتى، سابىت ئەلبۇنانى مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى تاماملاش ۋە چىرايلىق شەكىلدە ئادا قىلىشتا، سىلەر قىلمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، نامازدا رۇكۇدىن كېيىن ئۇزاق تۇرىدۇ، ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئۇزاق ئولتۇرىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تىك تۇرسا كىشى: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرسا: «سەجدە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ» دەپ قالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3227

 
Hadith   125   الحديث
الأهمية: نُهِينَا عن اتِّبَاعِ الجنائز، ولم يُعْزَمْ علينا


باشتېما:

بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدى

عن أُمِّ عَطِيَّةَ الأنصارية -رضي الله عنها- قالت: «نُهِينَا عن اتِّبَاعِ الجنائز ولم يُعْزَمْ علينا».

ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أُمُّ عَطِيَّةَ الأنصارية من الصحابيات الجليلات تفيد أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهى النساء عن اتباع الجنائز؛ لما فيهن من شدة الرقة والرأفة، فليس لديهن صبر الرجال وتحملهم للمصائب؛ فخروجهن يؤدي إلى الهلع والفتنة بما يشاهدن من حال حمل الجنازة والانصراف عنها، ولكن مع هذا فهمت من قرائن الأحوال أن هذا النهي ليس على سبيل العزم والتأكيد؛ فكأنه لا يفيد تحريم ذلك عليهن، والصحيح المنع، وقال ابن دقيق العيد: قد وردت أحاديث أدل على التشديد في اتباع الجنائز أكثر مما يدل عليه هذا الحديث.
574;ۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلۇغ ساھابىلەردىن بىرى، ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللمنىڭ ئاياللارنى جىنازىغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن توسقانلىقىنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئاجىز ۋە ھېسسىياتچان، ئەرلەردەك كۆتۈرەشلىك ۋە سەبىرچان ئەمەس، ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىپ چىققاندا مېيىتنى كۆتىرەپ مېڭىش ۋە قەبرىسىدە قويۇپ قايتىش ئىشلىرى بۇلارغا ناھايىتى ئېغىر كىلىدۇ دە ئۇلار نال-پەرياد قىلىپ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدۇ. بىراق ئۇممۇ ئەتىييە ئومۇمى ئەھۋالدىن، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ چەكلىمىسى قەتئى ۋە كەسكىن بولمىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى ھارام ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن. توغرا كۆز قاراشتا بۇ ئىش چەكلەنگەن. ئىبنى دەقىق ئەلئىيد: ئاياللارنى جىنازىغا ئەگىشىشتىن كەسكىن توسقان مەنىدە كۆپ ھەدىسلەر كەلدى، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3228

 
Hadith   126   الحديث
الأهمية: أُمِرَ الناس أن يكون آخر عَهْدِهِمْ بالبيت، إلا أنه خُفِّفَ عن المرأة الحائض


باشتېما:

كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى

عن عبد الله بن عبَّاس رضي الله عنهما قال: «أُمِرَ الناس أن يكون آخر عَهْدِهِمْ بالبيت، إلا أنه خُفِّفَ عن المرأة الحائض».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لهذا البيت الشريف تعظيم وتكريم؛ فهو رمز لعبادة الله والخضوع والخشوع بين يديه، فكان له في الصدور مهابة، وفِى القلوب إجلال، وتعلق، ومودة.
ولذا أمر النبي -صلى الله عليه وسلم- الحاج قبل السفر أن يكون آخر عهده به، وهذا الطواف الأخير هو طواف الوداع، إلا المرأة الحائض؛ فلكونها تلوث المسجد بدخولها سقط عنها الطواف بلا فداء، وهذا النص في الحج فلا يتناول العمرة.
576;ۇ شەرەپلىك بەيتۇللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق ھەق - ھۆرمىتى باردۇر. ئۇ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا باش ئېگىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ تۇرۇشنىڭ بىر سىمۋۇلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرەكلەردە بىر ھەيۋىتى، قەلبلەردە ئۇلۇغلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلىش ۋە مۇھەببەت قىلىش مەۋجۇتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىنى، مەككىدىن يۇرتىغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى كەبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ ئاخىرىقى تاۋاپ بولۇپ، ئۇ تاۋاپۇل ۋىدا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن ۋىدا تاۋىپىنىڭ ساقىت بولۇشىدىكى سەۋەپ؛ مەسچىتنىڭ پاكىزلىقى ۋە ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن بۇ تاۋاپ پىديەسىز ساقىت بولدى. بۇ ھەج توغرۇلۇق كەلگەن دەلىلدۇر، ئۆمرە ھەجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەيسىيرۇل ئەللام تەنبىھۇل ئەفھام تەئسىسۇل ئەھكام   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3229

 
Hadith   127   الحديث
الأهمية: أُمِرْتُ أن أسجدَ على سبعةِ أَعْظُم


باشتېما:

مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم

عن عبد الله بن عَبَّاسٍ -رضي الله عنهما- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أُمِرْتُ أن أَسْجُدَ على سَبْعَةِ أَعْظُمٍ: على الْجَبْهَةِ -وأشار بيده إلى أنفه- واليدين، والرُّكْبَتَيْنِ ، وأطراف القدمين».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم: پېشانە ۋە قولى بىلەن بۇرنىغىمۇ ئىشارەت قىلدى، ئىككى قول، ئىككى تىز، ئىككى پۇتنىڭ ئۇچى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أمر الله -تعالى- نبيه محمدًا -صلى الله عليه وسلم- أن يسجد له على سبعة أعضاء، هي أشرف أعضاء البدن وأفضلها؛ ليكون ذله وعبادته لله، وقد أجملها النبي -صلى الله عليه وسلم-، ثم فصلها ليكون أبلغ في حفظها وأشوق في تلقيها:
الأولى منها: الجبهة مع الأنف.
والثاني والثالث: اليدان، يباشر الأرض منهما بطونهما.
والرابع والخامس: الركبتان.
والسادس والسابع: أطراف القدمين، موجهًا أصابعهما نحو القبلة.
574;اللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بەدەننىڭ ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەۋزەل ئەزالىرىدۇر. بۇ، ئىنساننىڭ خارلىقى ۋە ئىبادىتى ئاللاھ تائالاغىلا بولسۇن ئۈچۈندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ساھابىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ياخشى يادلىشى ۋە قوبۇل قىلىشقا ئىشتىياق باغلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى باشتا قىسقارتىپ ئېيتىپ، كېيىن تەپسىلى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: پېشانە بۇرۇن بىلەن قوشۇپ. ئىككى ۋە ئۈچۈنچىسى: ئىككى قول، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالقىنى يەرگە چاپلىشىشى كېرەك. تۆت ۋە بەشىنچىسى: ئىككى تىز. ئالتە ۋە يەتتىنچىسى: ئىككى پۇتنىڭ ئۇچى. بارماقلارنى قىبلىگە قاراتقان ھالدا تۇرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3230

 
Hadith   128   الحديث
الأهمية: احْتَجَّتِ الجنَّة والنَّار، فقالتِ النَّار: فيَّ الجبَّارون والمُتَكَبِّرُون. وقالتِ الجنَّة: فيَّ ضُعَفَاء الناسِ ومساكِينُهُم


باشتېما:

جەننەت ۋە دوزاخ مۇنازىرلىشىپ قالدى، دوزاخ: مەندە زۇلۇم قىلغۇچىلار، تەكەببۇر كىشىلەر بار دېدى، جەننەت: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار دېدى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «احْتَجَّتِ الجنَّة والنَّار، فقالتِ النَّار: فيَّ الجبَّارون والمُتَكَبِّرُون. وقالتِ الجنَّة: فيَّ ضُعَفَاء الناسِ ومساكِينُهُم، فقضى الله بَيْنَهُمَا: إِنك الجنَّة رحْمَتي أَرحم بك من أشاء، وإِنك النَّار عذابي أُعذب بك من أشاء، ولِكِلَيْكُمَا عليَّ مِلْؤُهَا».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «جەننەت بىلەن دوزاخ مۇنازىرلىشىپ قالدى، دوزاخ: مەندە زۇلۇم قىلغۇچىلار، تەكەببۇر كىشىلەر بار دېدى، جەننەت: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ: جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن. دوزاخ! سەن مېنىڭ ئازابىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، ھەمدە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ ئىشىم دېدى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أن الجنة والنار تحاجتا فيما بينهما، كل واحدة تدلي بحجتها، وهذا من الأمور الغيبية التي يجب علينا أن نؤمن بها حتى وإن استبعدتها العقول
فالجنة احتجت على النار، والنار احتجت على الجنة، النار احتجت بأن فيها الجبارين والمتكبرين، الجبارون أصحاب الغلظة والقسوة، والمتكبرون أصحاب الترفع والعلو، والذين يغمطون الناس ويردون الحق، كما قال النبي صلى الله عليه وسلم في الكبر: (إنه بطر الحق وغمط الناس).
فأهل الجبروت وأهل الكبرياء هم أهل النار والعياذ بالله، وربما يكون صاحب النار لين الجانب للناس، حسن الأخلاق، لكنه جبار بالنسبة للحق، مستكبر عن الحق، فلا ينفعه لينه وعطفه على الناس، بل هو موصوف بالجبروت والكبرياء ولو كان لين الجانب للناس؛ لأنه تجبر واستكبر عن الحق.
أما الجنة فقالت: إن فيها ضعفاء الناس وفقراء الناس. فهم في الغالب الذين يلينون للحق وينقادون له، وأما أهل الكبرياء والجبروت؛ ففي الغالب أنهم لا ينقادون.
فقضى الله عز وجل بينهما فقال للجنَّة : ( إنك الجنة رحمتي أرحم بك من أشاء ) وقال للنار: ( إنك النار عذابي أعذب بك من أشاء )
ثم قال عز وجل: ( ولكليكما عليَّ ملؤها ) تكفل عز وجل وأوجب على نفسه أن يملأ الجنة ويملأ النار، وفضل الله سبحانه وتعالى ورحمته أوسع من غضبه، فإنه إذا كان يوم القيامة ألقى من يلقى في النار، وهي تقول : هل من مزيد، يعني أعطوني. أعطوني. زيدوا. فيضع الله عليها رجله، وفي لفظ عليها : قدمه، فينزوي بعضها على بعض، ينضم بعضها إلى بعض من أثر وضع الرب عز وجل عليها قدمه، وتقول:    قط قط، يعني: كفاية كفاية، وهذا ملؤها.
أما الجنة فإن الجنة واسعة، عرضها السَّمَوَاتِ والأرض يدخلها أهلها ويبقى فيها فضل زائد على أهلها، فينشئ الله تعالى لها أقواماً فيدخلهم الجنة بفضله ورحمته؛ لأن الله تكفل لها بملئها.
576;ۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: جەننەت بىلەن دوزاخ ئۆز-ئارا مۇنازىرىلىشىپ قالدى، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ھۆججىتىنى كۈچلەندۈرەتتى، بۇ گەرچە بىزنىڭ ئەقلىمىزگە سىغمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. جەننەت دوزاخقا، دوزاخ جەننەتكە دەلىل كەلتۈرۈپ مۇنازىرىلەشتى، دوزاخ ئۆزىدە زالىم، قوپال، باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلغۇچى، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ھەقنى قوبۇل قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى بىلەن دەلىل كەلتۈردى، بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭچىلىق توغرىسىدا: «ھەقنى رەت قىلىپ، كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق» دېگەندەك. زالىملار ۋە تەكەببۇرلار ئۇلار دوزاخ ئەسھابىلىرى (ئاللاھ ساقلىسۇن) بەزى ۋاقىتتا دوزاخ ئەھلى كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇلايىم، ئەخلاقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەققە بويسۇنمايدۇ، ھەقىقەت ئەھلىگە چوڭچىلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە بولغان ياخشى مۇئامىلىسى ۋە مۇلايىملىقى ئۇلارغا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ تەكەببۇر-زالىملارنىڭ سۈپىتى بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرگە مۇلايىم بولۇپ، ھەقكە بويسۇنمايدۇ. ئەمما جەننەت مۇنداق دېدى: مەندە كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىرى ۋە مىسكىنلىرى بار، ئۇلار ئاساسەن ھەقنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، زالىملار ۋە تەكەببۇرلار ئاساسەن ھەقكە بويسۇنمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، جەننەتكە مۇنداق دېدى: «جەننەت! سەن مېنىڭ رەھمىتىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىلەرگە رەھىم قىلىمەن»، دوزاخقا: «دوزاخ! سەن مېنىڭ ئازابىم، مەن سەن ئارقىلىق خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن»دېدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا: «ھەمدە ئىككىڭلارنى توشقۇزۇش مېنىڭ ئىشىم» دېدى، ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنى توشقۇزۇشقا ئۆزى كېپىل بولدى، ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى غەزىپىدىن كەڭرىدۇر، قىيامەت كۈنى بولغاندا دوزاخقا ھەقلىق بولغانلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ، دوزاخ: يەنە بارمۇ دەپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا پۇتىنى قويىدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە: قەدىمىنى قويىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قەدىمىنى قويغانلىقىنىڭ تەسىرىدىن دوزاخ بىر_بىرىگە قاتلىنىپ، بىر_بىرىگە قېتىلىپ تولغۇشۇپ بولدى-بولدى، تولۇپ كەتتى، توشۇپ كەتتى دەيدۇ. ئەمما جەننەت، جەننەت بولسا كەڭرى بولۇپ، ئۇنىڭ توغرىسى ئاسمان-زېمىننىڭ باراۋېرىدە كېلىدۇ، جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىنمۇ جەننەتتە نۇرغۇن جايلار بىكار قالىدۇ، ئاللاھ تائالا يېڭى بىر قەۋمنى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا جەننەتنى توشقۇزۇشقا ئۆزى كېپىل بولغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3261

 
Hadith   129   الحديث
الأهمية: أتي النبي -صلى الله عليه وسلم- برجل قد شرب خمرًا، قال: «اضربوه»


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ھاراق ئىچكەن بىر كىشى كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۇرۇڭلار» دېدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: أُتِي النبي -صلى الله عليه وسلم- برجل قد شَرِب خمرا، قال: «اضربوه».
   قال أبو هريرة: فمنا الضارب بيده، والضارب بنعله، والضارب بثوبه، فلما انصرف، قال بعض القوم: أخزاك الله، قال: «لا تقولوا هكذا، لا تُعِينُوا عليه الشيطان».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ھاراق ئىچكەن بىر كىشى كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۇرۇڭلار» دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دېدى: بىز ئۇنى قولىمىز بىلەن، ئاياقلىرىمىز بىلەن ۋە كىيىملىرىمىز بىلەن ئۇردۇق، ئۇ كىشى قايتىۋاتقاندا بەزى كىشىلەر: ئاللاھ سېنى خار قىلسۇن! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭغا قارشى شەيتانغا ياردەم بەرمەڭلار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الصحابة -رضي الله تعالى عنهم- جاءوا إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- برجل قد شرب الخمر، فأمر النبي -صلى الله عليه وسلم- بضربه فضربه الصحابة، فبعضهم ضربه بيده دون استعمال أداة أخرى من أدوات الضرب، ومنهم الضارب بنعله وهذا من التنكيل به ومنهم الضارب بثوبه، ولم يستعملوا السوط الذي هو أداة الحد في الضرب، وجاء في رواية أنه أمر عشرين رجلًا فضربه كل رجل جلدتين بالجريد والنعال، وهذا يفسر أن الجلد أربعين، وما جاء عن الخلفاء الراشدين من زيادة على ذلك فهو تعزير راجع للإمام.
ثم لما فرغ الناس من ضربه، دعا عليه بعضهم بقوله : " أخزاك الله" أي: دعا عليه بالخزي، وهو الذل والمهانة والفضيحة بين الناس، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: "لا تقولوا له هكذا لا تعينوا عليه الشيطان"؛ لأنهم إذا دعوا عليه بالخزي ربما استجيب لهم، فبلغ الشيطان مأربه، ونال مقصده ومطلبه، وحتى لا ينفر العاصي وقد حد.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھاراق ئىچكەن بىر كىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۇرۇشقا بۇيرىدى، ساھابىلار ئۇ كىشىنى ئۇردى، بەزىلەر ھېچ قانداق نەرسە ئىشلەتمەستىن پەقەت قولى بىلەن ئۇردى، بەزىلەر ئاياغلىرى بىلەن ئۇردى، بۇمۇ بىر جازادۇر، بەزىلەر كىيىمى بىلەن ئۇردى، ئۇلار ئۇرۇشتا قامچا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن يىگىرمە كىشىنى بۇيرىدى، ھەر بىر كىشى خورما شېخى ۋە ئاياغلىرى بىلەن ئىككىدىن ئۇردى» دېيىلگەن، بۇ ئۇنىڭ جازاسىنىڭ قىرىق قامچا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرغىنى ئەدەپلەش بولۇپ، بۇ ئىمامنىڭ قارىشى بىلەن بولىدۇ. كىشىلەر ئۇرۇپ بولغاندا بەزىلەر ئۇ كىشىگە: ئاللاھ سېنى خار قىلسۇن! دەپ خار بولىشىغا دۇئا قىلغان، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا، خار بولۇپ، ئېتىبارغا ئېلىنماسلىق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «بۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭ قارشىسىدا شەيتانغا ياردەم بەرمەڭلار» دېدى، چۈنكى ئۇلار ئۇ كىشىگە خارلىق تىلەپ دۇئا قىلسا بەلكىم ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ قىلىپ، شەيتان ئۆزىنىڭ كۈتكەن ئارزۇسى، مەقسىتى ۋە تەلىپىگە يەتكەن بولىدۇ. ئاسىيلىق قىلغۇچى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە قاچمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3262

 
Hadith   130   الحديث
الأهمية: أحْفُوا الشَّوَارِبَ وأَعْفُوا اللِّحَى


باشتېما:

بۇرۇتنى قىسقارتىپ، ساقالنى قويۇڭلار

وعن ابن عمر -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «أحْفُوا الشَّوَارِبَ وأَعْفُوا اللِّحَى».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «بۇرۇتنى قىسقارتىپ، ساقالنى قويۇڭلار»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن المُسلم مأمور بالأخذ من شَارِبه ولا يتركه أكثر من أربعين يوما ما لم يَفْحش؛ لما رواه مسلم عن أنس -رضي الله عنه-: "وُقِّت لنا في قَصِّ الشارب، وتقليم الأظفار، ونتف الإبط، وحلق العانة، أن لا نترك أكثر من أربعين ليلة"
وفي رواية أبي داود: "وَقَّتَ لنا رسول الله صلى الله عليه وسلم حلق العانة وتقليم الأظفار وقصّ الشارب أربعين يومًا مرةً"
وقد وقع عند أحمد والنسائي: "من لم يأخذ من شَارِبه فليس مِنَّا"، وصححه الشيخ الألباني في صحيح الجامع الصغير وزيادته (2/1113) برقم (6533).
فيتأكد الأخذ من الشارب، سواء بِحَفِّه حتى يَبْدُوَ بياض الجلد أو بأخذ ما زاد على الشفه مما قد يَعْلق به الطعام.
" وإعفاء اللحية "واللحية : قال أهل اللغة: إنها شعر الوجه واللحيين يعني: العَوَارض وشَعَر الخَدَّيْنِ فهذه كلها من اللحية.
والمقصود من إعفائها: تركها مُوَفَّرَةٌ لا يتعرض لها بحلق ولا بتقصير، لا بقليل ولا بكثير؛ لأن الإعفاء مأخوذ من الكثرة أو التوفير، فاعفوها وكثروها، فالمقصود بذلك: أنها تترك وتوفر، وقد جاءت الأحاديث الكثيرة عن رسول الله صلى الله عليه وسلم بالأمر بإعفائها بألفاظ متعددة؛ فقد جاء بلفظ : "وفروا" وبلفظ: " أرخوا " وبلفظ: " أعفوا ".
وكلها تدل على الأمر بإبقائها وتوفيرها وعدم التَعرض لها.
وقد كان من عادة الفرس قص اللحية، فنهى الشرع عن ذلك، كما في البخاري من حديث ابن عمر بلفظ " خالفوا المشركين..".
وهذا الأمر مع تعليله بمخالفة المشركين يدل على وجوب إعفائها، والأصل في التشبه التحريم، وقد قال صلى الله عليه وسلم: (من تشبه بقوم فهو منهم).
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان بۇرۇتىنى ئېلىشتا سەتلىشىپ قالمىسا قىرىق كۈندىن ئاشۇرىۋەتمەسلىككە بۇيرۇلغان، ئىمام مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: «بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش، ئەۋرەتنى سۈننەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىرىق كۈندىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكنى بەلگىلەپ بەرگەن» دېيىلگەن، ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە: «ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش، تىرناقنى ئېلىش ۋە بۇرۇتنى قىسقارتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىرىق كۈندىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى بەلگىلەپ بەرگەن»، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىنىڭ رىۋاىيتىدە: «بۇرۇتىنى ئالماي ئۇزۇن قويىۋەتكەن كىشى بىزدىن ئەمەس» دېيىلگەن، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئۆزىنىڭ: جامىئۇس سەغىرنىڭ سەھىھ رىۋايىتى ناملىق ئەسەر 2-توم 1113-بەت، 6533-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان. بۇ ھەدىسلەردىن مەيلى تېرىنىڭ ئاقلىقى ئاشكارا بولغىچە قىسقارتىۋەتسۇن ياكى ئىككى لېۋىدىن تاماققا چاپلىشىپ قالىدىغان ئارتۇقىنى ئېلىۋەتسۇن بۇرۇتنى ئېلىش تەكىتلىنىدۇ. «ساقال قويۇش»، «ساقال» لۇغەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: يۈزىنىڭ ۋە ئىككى مەڭزىنىڭ مويلىرىنىڭ ھەممىسى ساقال دېيىلىدۇ. ساقال قويۇشتىن مەقسەت: تولۇق قويۇش، چۈشۈرۋەتمەسلىك، قىسقارتماسلىق، ئاز بولسۇن، ياكى كۆپ بولسۇن شۇ ھالىتىدە قويۇش دېگەنلىكتۇر، ساقالنى قويۇڭلار ۋە قويۇقلاشتۇرۇڭلار دېگەندىن مەقسەت: كۆپ، تولۇق قويۇڭلار دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ساقالنى تولۇق قويۇشقا بۇيرۇپ، ئوخشىمىغان تېكىستلەر بىلەن نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلدى، «تولۇق قويۇڭلار»، «قويىۋىتىڭلار» دەپ كەلدى. بۇ تىكىستلەرنىڭ ھەممىسى ساقالنى چۈشۈرۋەتمەستىن ۋە قىسقارتماستىن تولۇق قويۇڭلار دېگەن بۇيرۇقنى ئىپادىلەپ كەلدى. پارىسلارنىڭ ئادىتىدە ئۇلار ساقالنى قىسقارتاتتى، ئىسلام شەرىئىتى ئۇنىڭدىن چەكلىدى، ئىمام بۇخارى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «مۇشرىكلارغا قارشى ئىش قىلىڭلار» دېيىلگەن، مۇشر ىكلارغا قارشى ئىش قىلىڭلار دېگەن بۇيرۇق بىلەن ساقالنى تولۇق قويۇڭلار دېگەن بۇيرۇق ۋاجىپنى ئىپادىلەيدۇ، ئەسلىدە مۇشرىكلارغا ئوخشىۋىلىش ھارامدۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يات بىر قەۋمگە ئوخشىۋالغان كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ»

 

Grade And Record التعديل والتخريج
 
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى مۇسلىمغا ئائىتتۇر
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3279

 
Hadith   131   الحديث
الأهمية: إذا رأى أحدكم رؤيا يُحِبُّهَا، فإنما هي من الله تعالى، فليَحْمَد الله عليها، وَلْيُحَدِّثْ بها


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياخشى چۈش ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، ئاللاھغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتسۇن ۋە بۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسۇن

عن أبي سعيد الخُدْرِيِّ -رضي الله عنه-: أنه سمع النبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إذا رأى أحدُكُم رُؤيا يُحِبُّهَا، فإنما هي من الله تعالى، فليَحْمَد الله عليها، وَلْيُحَدِّثْ بها - وفي رواية: فلا يُحَدِّثْ بها إلا من يُحَبُّ- وإذا رأى غير ذلك مِمَّا يَكْرَه، فإنما هي من الشيطان، فَلْيَسْتَعِذْ من شَرِّهَا، ولا يَذْكُرْهَا لأحد؛ فإنها لا تضره».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر چۈشنى كۆرسە، ياخشى چۈش ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، ئاللاھغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتسۇن ۋە بۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرسۇن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ياقتۇرمايدىغان چۈشنى كۆرسە ئۇ چۈش شەيتاننىڭ تەرىپىدىن بولىدۇ، شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن ۋە ئۇ چۈشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرمىسە، ئۇ كىشىگە ھېچ زىيان يەتمەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا رأى المسلم في منامه ما يسره، فإنما هي بشارة له من الله تعالى فليحمد الله عز وجل على هذه البشارة، ولا يحدث بها إلا من يحب من أهله وجيرانه وأصحابه الصالحين منهم، وإذا رأى غير ذلك مما يكره من الرؤيا القبيحة التي يكره صورتها، أو يكره تأويلها فإنما هي خيالات شيطانية يصورها الشيطان لنفس النائم في منامه، ليخوفه ويحزنه بها، فإذا رأى ذلك فليستعذ بالله من شَرِّها.
605;ۇسۇلمان چۈشىدە خۇرسەن بولىدىغان چۈشنى كۆرسە، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىشارەت بولۇپ، بۇ بېشارەتكە ئاساسەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلىسۇن ۋە ماختىسۇن. بۇ چۈشنى ئائىلىسى، خوشنىلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلارغا سۆزلەپ بەرسۇن. ئەگەر ياقتۇرمايدىغان، قورقۇنۇچلۇق، ناچار چۈشنى كۆرگەن بولسا ياكى ئۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى ياقتۇرمىسا بۇ شەيتانى خىيال بولۇپ، بۇنى شەيتان ئۇخلىغان كىشىنى قورقۇتۇش، بىئارام قىلىش ئۈچۈن شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنداق چۈشنى كۆرگەن ۋاقىتتا، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھغا سىغىنىپ پاناھ تىلىسۇن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3285

 
Hadith   132   الحديث
الأهمية: لم تحل الغنائم لأحد قبلنا، ثم أحل الله لنا الغنائم لما رأى ضعفنا وعجزنا فأحلها لنا


باشتېما:

بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە غەنىمەت ھالال قىلىنمىغان، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ «يەنى بۇ ئۈممەتنىڭ» ئاجىز، زەئىپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىزگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەردى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعًا: «غَزَا نَبِيٌّ مِن الأَنبِيَاء -صلوات الله وسلامه عليهم- فقال لقومه: لاَ يَتبَعَنِّي رجُل مَلَك بُضْعَ امرَأَةٍ وَهُوَ يُرِيدُ أنْ يَبنِي بِهَا وَلَمَّا يَبْنِ بِهَا، وَلاَ أحَدٌ بَنَى بُيُوتًا لم يَرفَع سُقُوفَهَا، ولاَ أَحَدٌ اشتَرَى غَنَمًا أو خَلِفَات وهو يَنتظِرُ أَولاَدَها، فَغَزَا فَدَنَا مِنَ القَريَةِ صَلاةَ العَصر أو قَرِيباً مِن ذلك، فَقَال للشَّمسِ: إِنَّك مَأمُورَة وأَنَا مَأمُور، اللَّهُمَّ احْبِسْهَا عَلَينَا، فَحُبِسَتْ حَتَّى فَتَحَ الله عليه، فَجَمَع الغَنَائِم فَجَاءَت -يعني النار- لِتَأكُلَهَا فَلَم تَطعَمها، فقال: إِنَّ فِيكُم غُلُولاً، فَليُبَايعنِي مِنْ كُلِّ قَبِيلَة رجل، فَلَزِقَت يد رجل بِيَدِهِ فقال: فِيكُم الغُلُول فلتبايعني قبيلتك، فلزقت يد رجلين أو ثلاثة بيده، فقال: فيكم الغلول، فَجَاؤوا بِرَأس مثل رأس بَقَرَةٍ من الذَّهَب، فَوَضَعَهَا فجاءت النَّارُ فَأَكَلَتهَا، فَلَم تَحِلَّ الغَنَائِم لأحَدٍ قَبلَنَا، ثُمَّ أَحَلَّ الله لَنَا الغَنَائِم لَمَّا رَأَى ضَعفَنَا وَعَجزَنَا فَأَحَلَّهَا لَنَا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرلەردىن بىرى «ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن» غازات قىلماقچى بولغاندا: خوتۇن ئالغان، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئارزۇسى بولسىمۇ، تېخى بىللە بولالمىغان، ئۆيىنىڭ تۆت تېمىنى قوپۇرۇپ قويۇپ، ئۈستىنى ياپالمىغان، بوغاز قوي ياكى تۆگە ئېلىپ، ئۇنىڭ تۇغۇتىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەر مەن بىلەن بىللە جىھادقا چىقمىسۇن! دېدى. ئۇ پەيغەمبەر غازات قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، ئەسر ۋاقتى بىلەن ياكى بىر ئاز ئىلگىرى كېيىن بولغان بىر ۋاقىتتا بىر مەھەللىگە يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياشقا: سەنمۇ بۇيرۇققا بويسۇنغۇچى، مەنمۇ بۇيرۇققا بويسۇنغۇچى. ئى ئاللاھ قۇياشنى بىزگە توختىتىپ بەرگىن! دەپ دۇئا قىلىۋىدى، قوياش تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا فەتھىنى تاماملاپ بەرگەنگە قەدەر توختاپ بېرىلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن، پەيغەمبەر غەنىمەتلەرنى يىغدى. ئادەت بويىچە ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈشكە كەلدى يۇ، لېكىن كۆيدۈرمىدى. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر: ئاراڭلاردا غەنىمەتكە خىيانەت قىلغانلار بار ئىكەن، ھەر بىر قەبىلىدىن بىر ئادەم كېلىپ ماڭا بەيئەت قىلسۇن! دېدى. بەيئەت ئەسناسىدا، بىر ئادەمنىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: خىيانەتكار سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئىكەن، قەبىلەڭدىكى بارلىق كىشىلەر ماڭا بەيئەت قىلسۇن! دېدى. ئۇلاردىن ئىككى يا ئۈچ ئادەمنىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: سىلەر خىيانەتكار ئىكەنسىلەر دېدى. ئۇلار كالىنىڭ بېشىدەك بىر پارچە ئالتۇننى ئېلىپ كېلىپ، غەنىمەت ئۈستىگە قويدى. نەتىجىدە، ئوت كېلىپ بارلىق غەنىمەتنى يۇتۇۋەتتى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: بىزدىن ئىلگىركىلەرگە غەنىمەت ھالال قىلىنمىغان، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ «يەنى بۇ ئۈممەتنىڭ» ئاجىز، زەئىپ ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، بىزگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىپ بەردى، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- عن نبي من الأنبياء -عليهم الصلاة والسلام- أنه غزا قومًا أُمِر بجهادهم، لكنه -عليه الصلاة والسلام- مَنَع كل إنسان عَقَد على امرأة ولم يَدخُل بها، وكل إنسان بنى بيتًا ولم يرفع سقفه، وكل إنسان اشترى غنمًا أو خَلِفَات وهو ينتظر أولادها، وذلك لأَنَّ هؤلاء يكونون مشغولين بما أهمهم، فالرجل المتزوج مشغول بزوجته التي لم يدخل بها، فهو في شوق إليها، وكذلك الرجل الذي رفع بيتًا ولم يُسَقِّفه، هو أيضا مشتغل بهذا البيت الذي يريد أن يسكنه هو وأهله، وكذلك صاحب الخلفات والغنم مشغول بها ينتظر أولادها.
والجهاد ينبغي أن يكون الإنسان فيه مُتَفَرِّغًا، ليس له همٌّ إلا الجهاد، ثم إن هذا النبي غزا، فنَزَل بالقوم بعد صلاة العصر، وقد أَقْبَل اللَّيل، وخاف إن أظلَم اللَّيلُ أن لا يكون هناك انتصار، فجعل يخاطب الشمس يقول: أنت مأمورة وأنا مأمور، لكن أمر الشمس أمر كوني وأما أمره فأمر شرعي.
فهو مأمور بالجهاد والشمس مأمورة أن تسير حيث أمرها الله عز وجل، قال الله: (والشمس تجري لمستقر لها ذلك تقدير العزيز العليم)، منذ خلقها الله عز وجل وهي سائرة حيث أمرت لا تتقدم ولا تتأخر ولا تنزل ولا ترتفع.
قال: "اللهم فاحبسها عنا" فحبس الله الشمس ولم تغب في وقتها، حتى غزا هذا النبي وغنم غنائم كثيرة، ولما غنم الغنائم وكانت الغنائم في الأمم السابقة لا تحل للغزاة، بل حل الغنائم من خصائص هذه الأمة ولله الحمد، أما الأمم السابقة فكانوا يجمعون الغنائم فتنزل عليها نار من السماء فتحرقها إذا كان الله قد تقبلها، فجُمِعَت الغنائم فنزلت النار ولم تأكلها، فقال هذا النبي: فيكم الغلول.
ثم أمر من كل قبيلة أن يتقدَّم واحد يبايعه على أنَّه لا غُلُول، فلمَّا بايعوه على أنَّه لا غلول لَزِقَت يد أحد منهم بيدِ النبي -عليه الصلاة والسلام-، فلمَّا لَزِقَت قال: فيكم الغلول -أي: هذه القبيلة- ثم أمر بأن يبايعه كل واحد على حدة من هذه القبيلة، فلزقت يد رجلين أو ثلاثة منهم، فقال: فيكم الغلول: فجاؤوا به، فإذا هُم قد أخفوا مثل رأس الثور من الذهب، فلمَّا جيء به ووضع مع الغنائم أكلتها النار.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن «ئاللاھ تائالانىڭ سالاملىرى ئۇلارغا بولسۇن» بىرىنىڭ ۋەقەلىكىدىن خەۋەر بەرگەن، ئۇ پەيغەمبەر بىر يۇرۇت ئاھالىسىگە قارشى جىھاد قىلىش ئالدىدا ئۆز قەۋمىدىن جىھادقا چىقماقچى بولغانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى توسقان. يېڭىدىن توي قىلىپ ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنى، ئۆي سېلىپ تورىسىنى ياپمىغانلارنى، بوغا. قوي ياكى تۆگە سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ تۇغۇشىنى كۈتىۋاتقانلارنى بۇ جىھادقا چىقىشتىن توستى. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇ مۇھىم ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالىدۇ. توي قىلغان يىگىت تېخى بىللە بولمىغان ئايالىنى سېغىنىدۇ، ئۆي سېلىپ ئۇنىڭ تورىسىنى ياپمىغان ئەر بۇ ئۆينى تىزدىن پۈتتىرىپ ئائىلىسى بىلەن بۇ ئۆيگە كۆچۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، يەنە قوي، تۆگە سېتىۋالغان كىشىمۇ پاقلان، بوتىلاقلارنىڭ تىنىچ-ئامان تۇغۇلۇشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئەمما مۇجاھىد جىھادقا ئاتلانغاندا ئۆزىنى تولۇق جىھادقا ئاتىغان ئۇنىڭدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بولىشى كېرەك. ئاندىن بۇ پەيغەمبەر غازاتقا ئاتلاندى، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كەچ كىرىش ئالدىدا ياۋ «دۇشمەن» بىلەن ئۇچراشتى، كەچ كىرىپ قېلىپ مۇسۇلمانلار غەلبە قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، كۈنگە مۇنداق خىتاب قىلدى: سەنمۇ ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنغۇچى، مەنمۇ بويسۇنغۇچى، دېدى بىراق پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇشى شەرئى جەھەتتىكى بويسۇنۇش، كۈننىڭ بولسا قانۇنىيەت جەھەتتىن ئىدى. پەيغەمبەر ئاللاھ تائالا بۇيرىغانلىق ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ، كۈن ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان تەرەپكە قاراپ يۇرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. سۈرە ياسىن 38-ئايەت. ئاللاھ تائالا كۈننى ياراتقان ۋاقىتدىن تا ھازىرغىىچە ئىلگىرى كېيىنمۇ چىقماي، ئىگىز-پەسمۇ بولماي ئۆز ئوربىتىدا ئايلانماقتا. ئۇ پەيغەمبەر: ئى ئاللاھ بىزگە كۈننى توختىتپ بەرسىلە، دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنى توختىتپ بەرگەن ئىدى، قوياش ئۆز ۋاقتىدا پاتماي، بۇ پەيغەمبەر غازاتنى قىلىپ، غەنىمەتلەرنى ئېلىپ بوغۇچە بىر خىل ھالەتتە تۇردى. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى غەنىمەتلەرنىڭ ھالال بولىشى بۇ ئۈممەتكە خاس ئىش بولۇپ، ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە ھالال بولمىغان ئىدى. ئۇلار ئالغان غەنىمەتلەرنى بىر جايغا يىغىپ قويغاندا ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ ئۇنى كۆيدۈرۋېتەتتى، بۇ ئۇ جىھادنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. بۇ پەيغەمبەرمۇ غەنىمەتلەرنى ئالغاندا ئۇنى يىغقان ئىدى، لىكىن ئوت كېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەيغەمبەر: سىلەردىن غەنىمەتكە خىيانەت قىلغانلار باركەن، دېدى. ئاندىن ھەر بىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرىنى خىيانەت قىلىمىغانلىق ھەققىدە بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بەيئەت قىلغاندا بىر كىشىنىڭ قولى ئۇ پەيغەمبەرنىڭ قولىغا چاپلىشىپ قالدى. پەيغەمبەر: خىيانەتچى سىلەردىن«يەنى بۇ قەبىلىدىن» ئىكەن، دېدى. ئاندىن بۇ قەبىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى بەيئەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلاردىن ئىككى ياكى ئۈچ كىشىنىڭ قولى چاپلىشىپ قالغان ئىدى. پەيغەمبەر: سىلەر خىيانەت قىلىپسىلەر، دېدى. ئۇلار ئۆكۈزنىڭ بېشى چاغلىق بىر كاللەك ئالتۇننى كەلتۈرگەندە ئۇنى غەنىمەتلەر بىلەن بىللە قويغان ئىدى، ئوت كېلىپ غەنىمەتلەرنى كۆيدۈرۈپ يوقاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3288

 
Hadith   133   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يعلمنا الاستخارة في الأمور كلها كالسورة من القرآن


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُعلمنا الاسْتِخَارَةَ في الأمور كلها كالسورة من القرآن، يقول: «إذا هَمَّ أحدُكم بالأمر، فلْيَرْكَعْ ركعتين من غير الفَرِيضَةِ، ثم لْيَقُلْ: اللهم إني أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ، وأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وأَسْأَلُكَ من فَضلك العظيم، فإنك تَقْدِرُ ولا أَقْدِرُ، وتعلمُ ولا أعلمُ، وأنت عَلَّامُ الغُيُوبِ. اللهم إن كنتَ تعلم أن هذا الأمر خيرٌ لي في ديني ومَعَاشِي وعَاقِبَةِ أَمْرِي» أو قال: «عَاجِلِ أَمْرِي وآجِلِهِ، فاقْدُرْهُ لي ويَسِّرْهُ لي، ثم بَارِكْ لي فيه. وإن كنت تعلمُ أن هذا الأمر شرٌّ لي في ديني ومَعَاشِي وعَاقِبَةِ أَمْرِي» أو قال: «عَاجِلِ أَمْرِي وآجِلِهِ؛ فاصْرِفْهُ عَنِّي، واصْرِفْنِي عنه، واقْدُرْ لِيَ الخيرَ حيث كان، ثم أَرْضِنِي به» قال: «ويُسَمِّي حَاجَتَهُ».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتۈپ: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئىش قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇسۇن! ، ئاندىن دۇئا قىلىپ: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن بۇ ئىشىمنىڭ ياخشى بولىشىنى تىلەيمەن، ماڭا ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغىن، ماڭا ياخشى نېمەتلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمەن، سەن غەيىپنى بىلگۈچىسەن، ئى ئاللاھ! ئەگەر مېنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم دىنىمغا، دۇنيالىق ئىشىمغا ۋە كەلگۈسىگە پايدىلىق بولسا، بۇ ئىشىمدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمغا ئاسانلىق، ئىشلىرىمغا خوشاللىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىمغا، دۇنيالىق تۇرمۇشۇمغا ۋە كەلگۈسۈمگە ھىچ پايدىسىز بولسا، ئۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، مېنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلغىن، ياخشى ئىش نەدە بولسا، ئۇ ئىشنى قىلىشقا مېنى نىسىپ قىلغىن، ئاندىن شۇ ئىش بىلەن مېنى رازى قىلغىن» دېسۇن، دەيتتى «ھاجىتىنى دەيدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يحرص على تعليم صحابته كيفية صلاة الاستخارة، كحرصه على تعليمهم السورة من القرآن.
فأرشد النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يصلي الإنسان ركعتين من غير صلاة الفريضة ثم بعد السلام يسأل الله أن يشرح صدره لخير الأمرين أو الأمور، فإن الله يعلم كيفيات الأمور وجزئياتها، إذ لا يحيط بخير الأمرين إلا العالم بذلك، وليس ذلك إلا لله، ويسأل من الله القدرة على خير الأمرين، ويسأله من فضله العظيم، فإنه يقدر على كل ممكن تعلقت به إرادته، والإنسان لا يقدر.
والله -عز وجل- يعلم كل شيء كلي وجزئي، والإنسان لا يعلم شيئا من ذلك إلا ما علمه الله؛ فإن الله لا يشذّ عن علمه من الغيوب شيء.
ثم يسأل ربه عز وجل إن كان يعلم أن هذا الأمر الذي عزم عليه –ويسميه- خير ولا يترتب عليه نقص دينيّ ولا دنيوي، أن يقدره له وييسره.
وإن كان يعلم أن هذا الأمر سيترتب عليه نقص دينيّ أو دنيوي، أن يصرفه عنه، ويصرف هذا الأمر عنه، وأن يقدر له الخير حيث كان ثم يجعله راضيا بقضاء الله وقدره به.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۈگۈتۈشكە ھېرىس بولغاندەك ئىستىخار نامىزىنىڭ ئوقۇلىشىنى تەلىم بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمە بېرىپ: بىرەر كىشى نەپلە نامازدىن ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ئىش ياكى بىر قانچە ئىشتىن بىرىنى تاللاشتا ئاللاھدىن قەلبىنى ئوچۇق قىلىشىنى تىلەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر،چۈنكى ئىككى ياكى ئىشلارنىڭ ياخشىلىقىنى پەقەت شۇ ئىشنى بىلگۈچى زات قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ پەقەت ئاللاھدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئىشنىڭ ياخشىراقىنى تەقدىر قىلىشنى ئاللاھدىن سورايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى سورايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ئالاقىدار بولىشى مۇمكىن بولغان، ئىنسان قادىر بولالمايدىغان ھەرقانداق ئىشنى تەقدىر قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا چوڭ - كىچىك ھەرقانداق ئىشنى بىلىدۇ، بۇنى پەقەت شۇ ئىشلارنى بىلگۈچى زاتلا بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن زەررە مىقدارى نەرسە غايىپ بولمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ئىنسان ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە ياخشى بولىدىغانلىقى، دىن ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن زىيىنى بولمايدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىگە تەقدىر قىلىشنى ۋە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورايدۇ، ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا زىيىنى بولىدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىدىن يىراق قىلىشنى ۋە ئۆزىنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلىشنى، ياخشى ئىش نەدە بولسا شۇنى تەقدىر قىلىشنى ئاندىن شۇ ئىش بىلەن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە، ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇشنى سورايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3293

 
Hadith   134   الحديث
الأهمية: إنما الصبر عند الصدمة الأولى


باشتېما:

سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: مرَّ النَّبي - صلى الله عليه وسلم - بامرَأَة تَبكِي عِند قَبرٍ، فقال: «اتَّقِي الله واصْبِري» فقالت: إليك عَنِّي؛ فَإِنَّك لم تُصَب بِمُصِيبَتِي ولم تَعرِفه، فقِيل لها: إِنَّه النَّبِي - صلى الله عليه وسلم - فأتت باب النبي - صلى الله عليه وسلم - فلم تجد عنده بوَّابِين، فقالت: لم أَعرِفكَ، فقال: «إِنَّما الصَّبرُ عِند الصَّدمَةِ الأُولَى».
وفي رواية: «تَبكِي على صبِّي لها».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرنىڭ بېشىدا يىغلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، ئۇ ئايالغا: «ئاللاھدىن قورقۇڭ، سەۋرى قىلىڭ» دېدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇماي: مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ماڭا كەلگەن مۇسىبەت سىزگە كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئۇ ئايالغا: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىدى،- دېيىلگەندىن كىيىن ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېشىكى ئالدىغا كەلدى، ئۇ يەردە قاراۋۇللارنى ئۇچراتماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېرىپ: مەن سىلىنى تونىماپتىمەن،- دەپ ئۆزرى ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇ ئايال كېچىك بالىسىغا يىغلاۋاتقان ئىدى،- دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
مر النبي صلى الله عليه وسلم بامرأة وهي عند قبر صبي لها قد مات، وكانت تحبه حبًّا شديدًا، فلم تملك نفسها أن تخرج إلى قبره لتبكي عنده. فلما رآها النبي صلي الله عليه وسلم أمرها بتقوى الله والصبر.
فقالت: ابعد عني فإنك لم تصب بمثل مصيبتي.
ثم قيل لها: إن هذا رسول الله صلى الله عليه وسلم فندمت وجاءت إلى رسول الله، إلى بابه، وليس على الباب بوابون يمنعون الناس من الدخول عليه. فأخبرته وقالت: إنني لم أعرفك، فأخبرها النبي صلى الله عليه وسلم، أن الصبر الذي يثاب عليه الإنسان هو أن يصبر عند أول ما تصيبه المصيبة.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ قالغان كىچىك بالىسىنىڭ قەبرىسى بېشىدىكى بىر ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئايال بالىسىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۆزىنى تۇتالماي بالىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا يىغلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرگەندە ئاللاھدىن قورقۇشقا ۋە سەۋر قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ: مەندىن يىراق بولۇڭ، سىزگە ماڭا ئوخشاش مۇسىبەت كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئايالغا: ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،- دېيىلگەندە، ئۇ پۇشايمان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئىشىكنىڭ يېنىدا كىشىلەرنى ئۆيگە كېرىشتىن توسىدىغان ئىشىك باقارلارمۇ يوق ئىدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى ئېيتىپ: مەن سىلىنى تونۇماپتىمەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىنسان ساۋاپقا ئېرىشىدىغان سەۋىرچانلىق مۇسىبەتنىڭ بېشىدا قىلغان سەۋرىسىدۇر» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3295

 
Hadith   135   الحديث
الأهمية: عجبا لأمر المؤمن إن أمره كله له خير، وليس ذلك لأحد إلا للمؤمن: إن أصابته سراء شكر فكان خيرا له، وإن أصابته ضراء صبر فكان خيرا له

Esin Hadith Text Uyghur


«مۆمىننىڭ ئىشلىرىدىن ئەجەبلىنىمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىلىقتۇر. بۇ ئىش مۆمىندىن باشقىغا مەنسۇپ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە بۇنىڭغا سەبرى قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر».

عن صُهيب بن سِنان الرومي -رضي الله عنه- مرفوعاً: «عجَبًا لِأَمر المُؤمِن إِنَّ أمرَه كُلَّه له خير، وليس ذلك لِأَحَد إِلَّا لِلمُؤمِن: إِنْ أَصَابَته سَرَّاء شكر فكان خيرا له، وإِنْ أَصَابته ضّرَّاء صَبَر فَكَان خيرا له».

سۇھەيب ئىبنى سىنان رۇمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىننىڭ ئىشلىرىدىن ئەجەبلىنىمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىلىقتۇر. بۇ ئىش مۆمىندىن باشقىغا مەنسۇپ بولمايدۇ. ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە ئاللاھغا شۈكرى ئېيتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خاپىلىق يەتسە بۇنىڭغا سەبرى قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر».

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أظهر الرسول -عليه الصلاة والسلام- العَجَب على وجه الاستحسان لشأن المؤمن؛ لأنه في أحواله وتقلباته الدنيوية لا يخرج عن الخير والنجاح والفلاح، و هذا الخير ليس لأحد إلا المؤمن.
ثم أخبر -صلى الله عليه وسلم- أن المؤمن على كل حال قدَّره الله عليه على خير، إن أصابته الضراء صبر على أقدار الله، وانتظر الفرج من الله، واحتسب الأجر على الله؛ فكان ذلك خيرًا له.
وإن أصابته سراء من نعمة دينية؛ كالعلم والعمل الصالح، ونعمة دنيوية؛ كالمال والبنين والأهل شكر الله، وذلك بالقيام بطاعة الله -عز وجل-، فيشكر الله فيكون خيرا له.
605;ۆمىننىڭ ئىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق يولى بىلەن ئەجەپلەنگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى مۆمىن ئۆزىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىدا ياخشىلىق، نىجاتلىق ۋە ئۇتۇقتىن چىقىپ كەتمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەت مۆمىن ئۈچۈنلا بولىدىغانلىقى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتسە، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا سەۋر قىلىپ ئۇنىڭدىن ئاسانچىلىق تىلىسە، ئاللاھتىن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا دىنى جەھەتتىن ئىلىم-مەرىپەت ۋە ياخشى ئەمەللەر نېمەت قىلىپ بېرىلسە، دۇنيالىق تەرەپتىن مال-دۇنيا، ئەھلى-ئەۋلاد بېرىلسە، ئاللاھغا شۈكۈر ئېيتىپ، تائەت-ئىبادەتنى ئۆلچەملىك ھالدا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3298

 
Hadith   136   الحديث
الأهمية: أمر بلال أن يشفع الأذان, ويوتر الإقامة


باشتېما:

بىلال ئەزاننى جۇپ، تەكبىرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرىلدى

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «أُمِر بِلاَل أن يَشفَع الأَذَان، ويُوتِر الإِقَامَة».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: بىلال ئەزاننى جۇپ، تەكبىرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرىلدى، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أمر النبي -صلى الله عليه وسلم- مؤذنه بلالا -رضي الله عنه- أن يشفع الآذان لأنه لإعلام الغائبين، فيأتي بألفاظه مثنى، وهذا عدا (التكبير) في أوله، فقد ثبت تربيعه و(كلمة التوحيد) في آخره، فقد ثبت إفرادها،كما أمر بلالا أيضا أن يوتر الإقامة، لأنها لتنبيه الحاضرين، وذلك بأن يأتي بجملها مرة مرة، وهذا عدا (التكبير)، و"قد قامت الصلاة" فقد ثبت تثنيتهما فيها.
576;ۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەزاننى ئىككى قېتىمدىن ئوقۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇ ئەزان يىراقتىكىلەرگە ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ، ئۇنىڭ دەسلەپتىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىن باشقا ئىبارىلىرى ئىككى قېتىمدىن دىيىلىدۇ، باشتىكى تەكبىر « ئاللاھۇ ئەكبەر»نى تۆرت قېتىم، تەۋھىد سۆزىنى بىر قېتىم دېيىش سەھىھ ھەدىستە كەلگەن، يەنە بىلالنى ناماز ئالدىدىكى تەكبىرلەرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇ يېنىدا بار كىشىلەرگە قارىتىلغان، تەكبىردە «ئاللاھۇ ئەكبەر، قەد قامەتىسسالا» ئىبارىسى ئىككى قېتىمدىن دېيىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3307

 
Hadith   137   الحديث
الأهمية: رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- حِينَ يَقْدَمُ مكَّة إذا اسْتَلَمَ الرُّكْنَ الأَسْوَدَ -أَول ما يَطُوفُ- يَخُبُّ ثَلاثَةَ أَشْوَاطٍ


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندە، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى ئىستىلام (يەنى يېقىن بارالىسا سۆيۈش، يىراقتا بولسا ئىشارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ) قىلغىنىنى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭغىنىنى، كۆردۈم

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- قال: « تَمَتَّعَ رَسُولُ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- فِي حَجَّةِ الوَدَاع بالعُمرَة إلى الحج وأهدَى، فَسَاقَ مَعَهُ الهَدْيَ مِن ذِي الحُلَيفَة، وَبَدَأَ رَسول اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- وَأَهَلَّ بالعمرة, ثُمَّ أَهَلَّ بالحج, فَتَمَتَّعَ النَّاس مع رسول اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- فَأَهَلَّ بالعمرة إلَى الحج, فَكَان مِن النَّاس مَنْ أَهْدَى, فَسَاقَ الهَدْيَ مِن ذي الحُلَيفَة، وَمِنهُم مَنْ لَمْ يُهْدِ، فَلَمَّا قَدِمَ رسول اللَّه -صلى الله عليه وسلم- قَالَ للنَّاس: مَنْ كَانَ مِنكُم أَهْدَى, فَإِنَّهُ لا يَحِلُّ مِن شَيء حَرُمَ مِنْهُ حَتَّى يَقْضِيَ حَجَّهُ، وَمَن لَم يَكُن أَهْدَى فَلْيَطُفْ بالبَيت وَبالصَّفَا وَالمَروَة, وَلْيُقَصِّر وَلْيَحْلِل, ثُمَّ لِيُهِلَّ بالحج وليُهدِ, فَمَن لم يجد هَدْياً فَلْيَصُم ثَلاثَةَ أَيَّام فِي الحج وَسَبعة إذَا رَجَعَ إلى أَهلِهِ فَطَافَ رسول اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- حِينَ قَدِمَ مَكَّةَ، وَاستَلَمَ الرُّكْنَ أَوَّلَ شَيْءٍ, ثُمَّ خَبَّ ثَلاثَةَ أَطْوَافٍ مِنْ السَّبْعِ, وَمَشَى أَربَعَة, وَرَكَعَ حِينَ قَضَى طَوَافَهُ بالبيت عِند المَقَام رَكعَتَين, ثُمَّ انصَرَفَ فَأَتَى الصَّفَا, وطاف بِالصَّفَا وَالمَروَة سَبعَةَ أَطوَاف, ثُمَّ لَم يَحلِل مِنْ شَيْءٍ حَرُمَ منه حَتَّى قَضَى حَجَّهُ, وَنَحَرَ هَدْيَهُ يوم النَّحرِ، وَأَفَاضَ فَطَافَ بالبيت, ثُمَّ حَلَّ مِن كُلِّ شَيء حَرُمَ مِنهُ, وَفَعَلَ مِثل مَا فَعَلَ رَسول اللَّه -صلى الله عليه وسلم-: مَن أَهدَى وَسَاقَ الهَديَ مِن النَّاسِ».
«رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- حِينَ يَقْدَمُ مكَّة إذا اسْتَلَمَ الرُّكْنَ الأَسْوَدَ -أَول ما يَطُوفُ- يَخُبُّ ثَلاثَةَ أَشْوَاطٍ».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ئۆمرە بىلەن ھەجنى بىر سەپەردە بىرلەشتۈرۈپ تەمەتتۇئ (بۇنداق قىلغاننى، يەنە قىران دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمما بىر تەرەپتىن بۇمۇ تەمەتتۇئقا ئوخشىغاندىكىن بۇ يەردە تەمەتتۇئ دەپ ئاتىدى) قىلدى ۋە قۇربانلىق قىلدى. قۇربانلىقىنى ئۆزى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامغا كېرىپ، ئاندىن ھەجگە ئېھرام باغلىدى. سەھابە كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەمەتتۇئ قىلىشتى. كىشىلەردىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقىنى ئۆزى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلگەنلىرى ۋە قۇربانلىقى يوقلىرى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەندە كىشىلەرگە ئېيتتى: سىلەردىن قۇربانلىق ھەيدەپ كەلگەنلەر بولسا، ھەج تۈگىگىچە ئۇنىڭغا ئېھرامدا ھارام بولغان نەرسىلەردىن ھېچبىرى ھالال بولمايدۇ. قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەر، كەبىنى ۋە ساپا-مەرۋىنى تاۋاپ قىلسۇن ۋە چېچىنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقسۇن! ئاندىن (ۋاقتى كەلگەندە) ھەجگە ئېھرام باغلىسۇن ۋە قۇربانلىق قىلسۇن. قۇربانلىق تاپالمىغانلار، ھەج كۈنلىرى ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن ۋە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈننى تولۇقلىسۇن!. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاپ قىلدى، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى سىلىدى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭدى، تۆت قېتىملىقىنى نورمال ماڭدى. تاۋاپ تۈگىگەندە ماقامى ئىبراھىمنىڭ قېشىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ئۇ يەردىن ساپا - مەرۋەگە كېتىپ، ئۇ يەرنى يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۆزىگە ئېھراملىقتا ھارام بولغان نەرسىلەردىن ھىچبىرىنى ھەج تۈگىگىچە ھالال قىلمىدى. قۇربانلىق كۈنى قۇربانلىقىنى بوغۇزلىدى. ئۇ يەردىن كەبىگە قايتىپ تاۋاپ قىلدى. ئاندىن كېيىن ئېھرامدا ھارام بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالال قىلدى. كىشىلەردىن قۇربانلىقلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ قۇربانلىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەندە، تاۋاپنىڭ بېشىدا ھەجەر ئەسۋەدنى سىلىغىنىنى، ئاندىن تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ ماڭغىنىنى، كۆردۈم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما خرج النبي -صلى الله عليه وسلم- إلى ذي الحليفة "ميقات أهل المدينة" ليحج حجته التي ودع فيها البيت ومناسك الحج، وودع فيها الناس، وبلغهم برسالته وأشهدهم على ذلك، أحرم -صلى الله عليه وسلم- بالعمرة والحج، فكان قارنا، والقران تمتع، فتمتع الناس مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فبعضهم أحرم بالنسكين جميعا، وبعضهم أحرم بالعمرة، ناويا الحج بعد فراغه منها، وبعضهم أفرد الحج فقط، فقد خيرهم النبي -صلى الله عليه وسلم- بين الأنساك الثلاثة، وساق -صلى الله عليه وسلم- وبعض أصحابه الهدي معهم من ذي الحليفة، وبعضهم لم يسقه، فلما اقتربوا من مكة حَضَّ من لم يسق الهدي من المفردين والقارنين إلى فسخ الحج وجعلها عمرة، فلما طافوا وسعوا، أكد عليهم أن يقصروا من شعورهم، ويتحللوا من عمرتهم ثم يحرموا بالحج ويهدوا، لإتيانهم بنسكين بسفر واحد، فمن لم يجد الهدي، فعليه صيام عشرة أيام، ثلاثة في أيام الحج، يدخل وقتها بإحرامه بالعمرة، وسبعة إذا رجع إلى أهله.
فلما قدم النبي -صلى الله عليه وسلم- مكة استلم الركن، وطاف سبعة، خب ثلاثة، لكونه الطواف الذي بعد القدوم، ومشى أربعة، ثم صلى ركعتين عند مقام إبراهيم، ثم أتى إلى الصفا، فطاف بينه وبين المروة سبعا، يسعى بين العلمين، ويمشي فيما عداهما، ثم لم يحل من إحرامه حتى قضى حجه، ونحر هديه يوم النحر، فلمَّا خلص من حجه ورمى جمرة العقبة، ونحر هديه وحلق رأسه يوم النحر، وهذا هو التحلل الأول، أفاض في ضحوته إلى البيت، فطاف به، ثم حل من كل شيء حرم عليه حتى النساء، وفعل مثله من ساق الهدي من أصحابه.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلغاچ كەبە ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن ۋىدالىشىش ھەججىنى قىلغىلى، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ رىسالىتىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئۇلارنى گۇۋاھچى قىلغىلى، مەدىنە ئەھلىنىڭ مىيقاتىغا چىققاندا، ئۆمرە بىلەن ھەجگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى. ئۇ ۋاقىتتا ھەج قىران قىلغان ئىدى، ھەج قىران دېگەنمۇ بىر تەرەپتىن ھەج تەمەتتۇئقا ئوخشايتتى. كىشىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەج تەمەتتۇئ قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى ھەج ۋە ئۆمرە ئىككىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى (ھەج قىران) ۋە بەزىسى ئۆمرە تۈگەتكەندىن كېيىن ھەج قىلىشقا قايتا ئېھرام باغلاش نىيىتى بىلەن ئۆمرىگىلا ئېھرام باغلىدى (ھەج تەمەتتۇئ) ۋە بەزىسى پەقەت ھەجگىلا ئېھرام باغلىدى(ھەج ئىفراد). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇشۇ ئۈچ خىل پائالىيەت ئوتتۇرىسىدا ئىختىيارلىق بەرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە بەزى ساھابىلار قۇربانلىقلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن زۇلھۇلەيفىدىن ھەيدەپ كەلدى. بەزىلەر ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مەككىگە يېقىن كەلگەندە، ھەج ئىفراد، ۋە ھەج قىران قىلغان ئەمما قۇربانلىق مال ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى، بۇ ئېھراملىرىنى بۇزۇپ پەقەت ئۆمرىگىلا نىيەت قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلارغا ئۆمرىدىن كېيىنلا چاچلىرىنى قىسقارتىپ ئېھرامدىن چىقىشلىرىنى ۋە ۋاقتى كەلگەندە ھەجگە ئايرىم ئېھرام باغلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر سەپەردە ئىككى ئىبادەتنى قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. قۇربانلىق تاپالمىغانلار ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم بولۇپ، ھەج كۈنلىرى ئۈچ كۈن تۇتىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. ۋە ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈننى تولۇقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىگە كەلگەن ھامان كەبىنى تاۋاپ قىلدى، تاۋاپ باشلاشتىن بۇرۇن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىلىدى، بۇ كەبىگە كېلىش تاۋىپى بولغاچقا تاۋاپنىڭ ئۈچ قېتىملىقىنى سوكۇلداپ، ۋە تۆت قېتىملىقىنى نورمال مېڭىپ قىلدى. تاۋاپ تۈگىگەندە ماقامى ئىبراھىمنىڭ قېشىدا ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. ئاندىن ساپا-مەرۋەگە كېلىپ، ئۇ يەرنى يەتتە قېتىم ماڭدى. ئىككى بەلگىنىڭ ئوتتۇرىدا يۈگۈرۈپ، باشقا يەردە نورمال ماڭدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ھەتتا ھەج تۈگەپ، قۇربانلىق كۈنى مال بوغۇزلاپ بولغىچە ئېھرامدىن چىقمىدى. ھەجنى تۈگىتىپ، قۇربانلىقىنى بوغۇزلاپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ ۋە بىرىنچى كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندا، ئېھرامدىن كىچىك چىقىش بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى چاشكا ۋاقتىدا كەبىگە قايتتى ۋە ھەجنىڭ پەرز تاۋىپىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن ئېھرامدىكى ۋاقىتتا ھارام بولغان پۈتۈن ئىشلارنى ھالال قىلدى. سەھابە كىراملاردىن ھەج ئۈچۈن ھەدىيە ھەيدەپ كەلگەن كىشىلەر رەسۇلۇللاھقا ئوخشاش قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3309

 
Hadith   138   الحديث
الأهمية: وضعت لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- وضوء الجنابة، فأكفأ بيمينه على يساره مرتين -أو ثلاثا- ثم غسل فرجه، ثم ضرب يده بالأرض


باشتېما:

مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە غۇسلى قىلىش ئۈچۈن«بىر قاچا»سۇنى يېنىغا قويدۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇنى ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا قۇيۇپ، ئىككى«ياكى ئۈچ» قېتىم يۇدى، ئاندىن ئەۋرىتىنى يۇيدى، ئاندىن قولىنى يەرگە سۇركىدى

عن ميمونة بنت الحارث -رضي الله عنها- قالت: "وَضَعتُ لِرسولِ الله -صلى الله عليه وسلم- وَضُوءَ الجَنَابَة, فَأَكفَأ بِيَمِينِهِ على يساره مرتين -أو ثلاثا- ثم غَسَل فَرجَه, ثُمَّ ضَرَب يَدَهُ بالأرضِ أو الحائِطِ مرتين -أو ثلاثا- ثم تَمَضْمَضَ واسْتَنْشَقَ, وَغَسَلَ وَجهَه وذِرَاعَيه, ثُمَّ أَفَاضَ على رَأسِه الماء, ثم غَسَل جَسَدَه, ثُمَّ تَنَحَّى, فَغَسَل رِجلَيه, فَأَتَيتُه بِخِرقَة فلم يُرِدْهَا, فَجَعَل يَنفُضُ الماء بِيَده".

مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە غۇسلى قىلىش ئۈچۈن«بىر قاچا»سۇنى يېنىغا قويدۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇنى ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا قۇيۇپ، ئىككى«ياكى ئۈچ» قېتىم يۇدى. ئاندىن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى زېمىنغا «ياكى تامغا» ئىككى «ئۈچ» قېتىم سۈركىدى. ئاندىن ئاغزى- بۇرنىنى چايقىدى، ئاندىن يۈزىنى، ئىككى بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيدى. ئاندىن پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيدى، ئاندىن جايىدىن يۆتكىلىپ پۇتلىرىنى يۇيدى، يۈزىنى سۈرتۈش ئۈچۈن بىر رەخنى كەلتۈرسەم ئۇنى خالىمىدى، سۇنى قولى بىلەن سىرىۋەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث تبين أم المؤمنين ميمونة -رضي الله عنها- بنت الحارث كيفية من كيفيات غسل النبي -صلى الله عليه وسلم- من الجنابة حيث وضعت له في المكان المعد لغسله ماء ليغتسل به، فصب بيده اليمنى على اليسرى فغسلهما مرتين أو ثلاثا، ثم غسل فرجه لتنظيفه مما علق به من أثر الجنابة، ثم ضرب الأرض أو الحائط بيده ودلكها مرتين أو ثلاثا، ثم تمضمض واستنشق وغسل وجهه وذراعيه، ثم أفاض الماء على رأسه، ثم غسل بقية جسده، ثم تحول من مكانه فغسل قدميه في مكان ثان حيث لم يغسلهما من قبل، ثم أتته بخرقة ليتنشف بها، فلم يأخذها وجعل يسلت الماء عن جسده بيده.
576;ۇ ھەدىستە مەيمۇنە بىنتۇل ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جۇنۇبلىقتىن قانداق يۇيۇنغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھقا يۇيۇنۇش ئۈچۈن بىر ئورۇنغا سۇ قويۇپ قويغان، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئوڭ قولى بىلەن سۇنى سول قولىغا قۇيۇپ ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم يۇيدى، ئاندىن جۇنۇبلىقتىن مەنى يۇققان ئورۇنلارنى تازىلاش ئۈچۈن ئەۋرىتىنى يۇيدى، ئاندىن قولىنى تامغا ياكى يەرگە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم سۇركىدى، ئاندىن ئېغىز بۇرنىنى چايقىدى ۋە يۈز قوللىرىنى يۇيدى، ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيدى، ئاندىن چەتكىرەك چىقىپ ئىلگىرى يۇمىغان ئىككى پۇتىنى يۇدى، بۇ ۋاقىتتا مەيمۇنە رەسۇلۇللاھقا يۈزنى سۇرتۇش ئۈچۈن بىر رەخ كەلتۈرگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنى خالىماستىن، قولى بىلەن بەدىنىدىكى سۇنى سىرىۋەتكەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3310

 
Hadith   139   الحديث
الأهمية: يا أبا ذر، إني أراك ضعيفًا، وإني أحب لك ما أحب لنفسي، لا تأمرن على اثنين، ولا تولين مال يتيم


باشتېما:

ئى ئەبۇ زەر! مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن

عن أبي ذر -رضي الله عنه- قال: قال لي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- «يَا أَبَا ذَرٍّ، إِنِّي أَرَاكَ ضَعِيفًا، وَإِنِّي أُحِبُّ لَكَ مَا أُحِبُّ لِنَفْسِي، لاَ تَأَمَّرَنَّ عَلَى اثْنَينِ، وَلاَ تَوَلَّيَنَّ مَالَ يَتِيمٍ».

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئى ئەبۇ زەر! مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر أبو ذر -رضي الله عنه- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال له: "إني أراك ضعيفاً وإني أحب لك ما أحب لنفسي فلا تأمرن على اثنين ولا تولين على مال يتيم" هذه أربع جمل بيَّنها الرسول -عليه الصلاة والسلام- لأبي ذر:
الأولى: قال له: "إني أراك ضعيفاً"، وهذا الوصف المطابق للواقع يحمل عليه النصح، فلا حرج على الإنسان إذا قال لشخص مثلا: إن فيك كذا وكذا، من باب النصيحة لا من باب السب والتعيير.
الثانية: قال: "وإني أحب لك ما أحبه لنفسي" وهذا من حسن خلق النبي -عليه الصلاة والسلام-، لما كانت الجملة الأولى فيها شيء من الجرح قال: "وإني أحب لك ما أحب لنفسي" يعني: لم أقل لك ذلك إلا أني أحب لك ما أحب لنفسي.
الثالثة: "فلا تأمرنَّ على اثنين"، يعني: لا تكن أميرًا على اثنين، وما زاد فهو من باب أولى.
والمعنى أن النبي -صلى الله عليه وسلم- نهاه أن يكون أميرًا؛ لأنه ضعيف، والإمارة تحتاج إلى إنسان قوي أمين، قوي بحيث تكون له سلطة وكلمة حادة؛ وإذا قال فعل، لا يكون ضعيفا أمام الناس؛ لأن الناس إذا استضعفوا الشخص لم يبق له حرمة عندهم، وتجرأ عليه السفهاء، لكن إذا كان قويًّا لا يتجاوز حدود الله عز وجل، ولا يقصر عن السلطة التي جعلها الله له فهذا هو الأمير حقيقة.
الرابعة: "ولا تولين مال يتيم" واليتيم هو الذي مات أبوه قبل أن يبلغ، فنهاه الرسول -عليه الصلاة والسلام- أن يتولى على مال اليتيم؛ لأنَّ مال اليتيم يحتاج إلى عناية ويحتاج إلى رعاية، وأبو ذر ضعيف لا يستطيع أن يرعى هذا المال حق رعايته فلهذا قال: "ولا تولين مال يتيم" يعني لا تكن وليا عليه دعه لغيرك.
وليس في هذا انتقاصًا لأبي ذر فقد كان يأمر بالمعروف وينهى عن المنكر بالإضافة للزهد والتقشف، ولكنه ضعف في باب معين وهو باب الولاية والإمارة.
574;ەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭىمۇ ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باشلىق بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن!، دېدى». مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبى زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بايان قىلغان تۆت جۈملە: بىرىنچى: ئۇنىڭغا: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن» دېدى، بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن سۈپەتنى بۇ تېكىست ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىنسان باشقا بىرسىگە: نەسىھەت قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش ياكى تىللاش ئۈچۈن ئەمەس، سەندە مۇنداق – مۇنداق سۈپەتلەر بار ئىكەن، دېسە ھېچقىسى يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ: «مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن» دېدى. ئىككىنچى: «مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن» دېدى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىدىندۇر. باشتىكى جۈملىدە بىرئاز ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىش بولغانلىقتىن، «مەن ئۆز – ئۈزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن» دېدى. يەنى: مەن ئۇ گەپنى، ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن دەۋاتىمەن. ئۈچىنچى: «شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن» يەنى: ئىككى ئادەمگە ئەمىر بولمىغىن، ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا تېخىمۇ بولمىغىن. تۆتىنچى: «بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمىغىن!». يېتىم دېگەن: قورامىغا يېتىشتىن ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالىدۇر. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى ئامانەتكە ئېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇنداق مال ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاجدۇر. ئەبۇ زەر زەئىپ بولغانلىقتىن بۇ مالغا جايىدا كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمىغىن» دېدى. يەنى: ئۇنىڭغا ئىگە بولمىغىن، بەلكى ئۇ ئىشنى باشقا ئادەمگە قويغىن!. بۇنىڭدا ئەبى زەرنىڭ ھەققى - ھۆرمىتىنى چۈشۈرگەنلىك يوق، چۈنكى ئۇ نورمالدا باشقىلاردەك (ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇپ) قىلىدىغان ئىشلارنى قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ زاھىدلىقى ۋە ھاياتتا غورىگۈل ياشايدىغانلىقى مەشھۇر ئىدى. لېكىن پەقەت بىر تەرەپتىن ئاجىز بولۇپ قالغان، ئۇ بولسىمۇ، ۋالىيلىق ياكى ھوقۇق تۇتۇش تەرەپتىن ئاجىزلىق ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3311

 
Hadith   140   الحديث
الأهمية: من توضأ نحو وضوئي هذا, ثم صلى ركعتين, لا يحدث فيهما نفسه غفر له ما تقدم من ذنبه


باشتېما:

كىمكى ماڭا ئوخشاش تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا، نامىزىدا باشقا ئىشنى خىيال قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ

عن حمران مولى عثمان أنَّه رأى عثمان دعا بوَضُوء, فأفرَغ على يَدَيه مِن إنائه, فغَسَلهُما ثلاثَ مرَّات، ثمَّ أدخل يَمينَه في الوَضُوء, ثمَّ تَمضمَض واستَنشَق واستَنثَر، ثُمَّ غَسل وَجهه ثَلاثًا, ويديه إلى المرفقين ثلاثا, ثم مسح برأسه, ثمَّ غَسل كِلتا رجليه ثلاثًا, ثمَّ قال: رأيتُ النَّبِي -صلى الله عليه وسلم- يتوضَّأ نحو وُضوئي هذا، وقال: (من توضَّأ نحو وُضوئي هذا, ثمَّ صلَّى ركعتين, لا يحدِّث فِيهما نفسه غُفِر له ما تقدَّم من ذنبه).

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى ھۇمران ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. ئوسمان ئىبنى ئەففان تاھارەتكە سۇ سوراپ، ئۇنى قاچىدىن ئىككى ئالقىنىغا قۇيۇپ قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى سۇغا تېقىپ سۇ ئېلىپ، ئاغزىنى ۋە بۇرنىنى چايقىدى، ئاندىن كېيىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم ۋە ئىككى بىلىكىنى جەينەكلىرىگىچە ئۈچ قېتىم يۇيدى، ئاندىن بېشىغا مەسھى قىلدى، ئاندىن پۇتلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ بولۇپ، مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەندەك تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن، كىمكى مۇشۇنداق تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا، نامىزىدا باشقا ئىشنى خىيال قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
اشتمل هذا الحديث العظيم على الصفة الكاملة لوضوء النبي -صلى الله عليه وسلم-.
فإن عثمان -رضي الله عنه- من حسن تعليمه وتفهيمه علمهم صفة وضوء النبي -صلى الله عليه وسلم- بطريقة عملية، ليكون أبلغ تفهُّماً، فإنه دعا بإناء فيه ماء، ولئلا يلوثه، لم يغمس يده فيه، وإنما صب على يديه ثلاث مرات حتى نظفتا، بعد ذلك أدخل يده اليمنى في الإناء، وأخذ بها ماء تمضمض منه واستنشق، ثم غسل وجهه ثلاث مرات، ثم غسل يديه مع المرفقين ثلاثا، ثم مسح جميع رأسه مرة واحدة، ثم غسل رجليه مع الكعبين ثلاثا.
فلما فرغ -رضي الله عنه- من هذا التطبيق والوضوء الكامل أخبرهم أنه رأى النبي -صلى الله عليه وسلم- توضأ مثل هذا الوضوء، وأخبرهم -صلى الله عليه وسلم- أنه من توضأ مثل وضوئه، وصلى ركعتين، خاشعًا مُحْضراً قلبه بين يدي ربه عز وجل فيهما، فإنه- بفضله تعالى يجازيه على هذا الوضوء الكامل، وهذه الصلاة الخالصة بغفران ما تقدم من ذنبه.
576;ۇ ئۇلۇغ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش سۈپەتلىرىنى تولۇق بايان قىلغان. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەلىم-تەربىيەنىڭ ئەڭ جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسلۇبلىرىنى ئشلىتىپ، رەسۇلۇللاھ قانداق تاھارەت ئالغانلىقىنى كىشىلەرگە ئەمەلى مىسال ئارقىلىق ئۈگەتكەن ئىدى، ئۇ بىر قاچا تاھارەت سۇيى كەلتۈرۈشكە بۇيرىغان، سۇنى بۇلغىماسلىقى ئۈچۈن قولىنى بىۋاستە قاچىغا سالماي، قاچىدىن سۇنى قولىغا قۇيۇپ قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيغان، ئاندىن قاچىغا ئوڭ قولىنى سېلىپ سۇ ئېلىپ ئېغىز بۇرنىنى چايقىغان، ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇيغان، ئاندىن قولىنى جەينەككىچە ئۈچ قېتىم يۇيغان، ئاندىن بېشىنىڭ ھەممە يېرىگە بىر قېتىم مەسھى قىلغان، ئاندىن پۇتىنى ھوشىقىغىچە ئۈچ قېتىم يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتتا رەسۇللاھ بىزگە، كىمىكى مەن تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالسا، ئاندىن مەن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن دېگەن ئويدا خۇشۇ ۋە خۇزۇئ بىلەن ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقىسا، بۇ تاھارەت ۋە نامازنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3313

 
Hadith   141   الحديث
الأهمية: قوموا فلأصلي لكم


باشتېما:

تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بىرەي

عن أَنَس بنِ مَالِكٍ -رضي الله عنه- «أنَّ جَدَّتَهُ مُلَيكَة دَعَت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لِطَعَام صَنَعتُه، فَأَكَل مِنه، ثم قال: قُومُوا فَلِأُصَلِّي لَكُم؟ قال أنس: فَقُمتُ إِلَى حَصِيرٍ لَنَا قد اسوَدَّ من طُولِ مَا لُبِس، فَنَضَحتُه بماء، فقام عليه رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وَصَفَفتُ أنا واليَتِيمُ وَرَاءَهُ، والعَجُوزُ مِن وَرَائِنَا، فَصَلَّى لَنَا رَكعَتَين، ثُمَّ انصَرَف».
ولمسلم «أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- صلى به وبِأُمِّه فَأَقَامَنِي عن يَمِينِه، وأقام المَرأةَ خَلْفَنَا».

ئەنەس رەزىيەللاھ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مۇلەيكە تاماق تەييارلاپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چاقىرغان، رەسۇلۇللاھ تاماقنى يەپ بولۇپ: تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بىرەي، دېدى. ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ئۇزۇن ئىشلەتكەنلىكتىن قارىداپ كەتكەن بىر بورىمىز بار ئىدى. مەن ئۇ بورىغا سۇ سېپىۋىتىپ كەلتۈردۈم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇردى، مەن يەنە بىر يىتىم بالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا سەپ بولۇپ تۇردۇق، مۇماي بىزنىڭ كەينىمىزدە تۇردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىزگە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى، ئاندىن قايتىپ كەتتى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنەس ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن، ئەنەس: رەسۇلۇللاھ مېنى ئوڭ يېنىدا، ئۇ ئايالنى ئارقىمىزدا تۇرغۇزدى، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
دعت مليكة -رضي الله عنها- رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لطعام صنعته، وقد جبله الله تعالى على أعلى المكارم وأسمى الأخلاق، ومنها التواضع الجم، فكان على جلالة قدره وعلو مكانه يجيب دعوة الكبير والصغير، والذكر والأنثى، والغني والفقير، يريد بذلك الأهداف السامية، والمقاصد الجليلة من جبر قلوب البائسين، والتواضع للمساكين، وتعليم الجاهلين، إلى غير ذلك من مقاصده الحميدة، فجاء إلى هذه الداعية، وأكل من طعامها، ثم اغتنم هذه الفرصة ليعلِّم هؤلاء المستضعفين الذين ربما لا يزاحمون الكبار على مجالسه المباركة، فأمرهم بالقيام ليصلي بهم، حتى يتعلموا منه كيفية الصلاة، فعمد أنس إلى حصير قديم، قد اسود من طول المكث والاستعمال، فغسله بالماء، فقام عليه رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يصلى بهم، وصف أنسا، ويتيما معه، صفا واحدا خلف النبي صلى الله عليه وسلم، وصفت العجوز-صاحبة الدعوة- من وراء أنس واليتيم، تصلي معهم، فصلى بهم ركعتين، ثم انصرف -صلى الله عليه وسلم- بعد أن قام بحق الدعوة والتعليم -صلى الله عليه وسلم-، ومنَّ الله علينا باتباعه في أفعاله وأخلاقه.
605;ۇلەيكە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تاماق قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چاقىردى، ئاللاھ تائالا ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بۈيۈك ئەخلاق ۋە ئىسىل تەبىئەتلىك ياراتقان، جۈملىدىن ئۇ رەسۇلۇللاھ تولىمۇ كەمتەر ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئورنىنىڭ چوڭلۇقى ۋە شەرەپلىكىگە قارىماي چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، باي-كەمبەغەللەرنىڭ چاقىرغان يېرىگە باراتتى، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ بىلەن ئاجىز-بىچارىلەرنىڭ قەلبىگە ئۈمىت بېغىشلاش، يوقسۇللارغا كەمتەر بولۇش، نادانلارغا تەلىم-تەربىيە بىرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ۋە يۈكسەك نىشانلارنى ئارزۇ قىلىپ ئۇ ئايالنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشتى ۋە ئۆيىگە كېلىپ تامىقىدىن يېدى. ئاندىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چوڭلار سورۇنىغا باراممايدىغان بۇ ئاجىزلارغا ناماز ھەققىدە تەلىم بىرىشنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىدىن ئوگۈنۈۋېلىشى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغاندا، ئەنەس ئۇزۇن تۇرغانلىق ۋە ئىشلەتكەنلىكتىن كونىراپ قارىداپ كەتكەن بىر تال بورىنى يۇيۇپ ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ بورىنىڭ ئۈستىدە تۇردى، ئەنەس بىلەن بىر يىتىم بالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدا سەپ بولۇپ تۇردى، زىياپەت ئىگىسى بولغان بۇ ئايال ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئۇ ئىككى بالىنىڭ كەينىدە سەپ بولۇپ تۇردى، رەسۇلۇللاھ ئىمام بولۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەئۋەت ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇ رەسۇلۇللاھقا رەھمەتلىرىنى ياغدۇرسۇن ۋە بىزلەرنى ئۇنىڭ ئىش-ھەركەت ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىپ مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن!

 

Grade And Record التعديل والتخريج
 
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3324

 
Hadith   142   الحديث
الأهمية: إذا استأذنت أحدَكم امرأتُه إلى المسجد فلا يمنعها


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلاردىن ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا ئۇنى توسمىسۇن، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىسى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاياللارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز، دېدى، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەرھال بالىسىغا يوپۇرلۇپ كېلىپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئۇنى تىللاپ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسىماسلىق توغرۇلۇق ھەدىسىنى بايان قىلىۋاتسام، سەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- عَنِ النَّبيِّ - صلى الله عليه وسلم - قَالَ: «إذا اسْتَأذَنَت أَحَدَكُم امرَأَتُه إلى المسجِد فَلا يَمنَعهَا، قال: فقال بلال بن عبد الله: والله لَنَمنَعُهُنَّ، قال: فَأَقبَلَ عليه عبد الله، فَسَبَّهُ سَبًّا سَيِّئًا، ما سَمِعتُه سَبَّهُ مِثلَهُ قَطُّ، وقال: أُخبِرُك عن رسول الله صلى الله عليه وسلم وتقول: والله لَنَمنَعُهُنَّ؟».
وفي لفظ: «لا تَمنَعُوا إِمَاء الله مسَاجِد الله...».

ئەبدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلاردىن ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا ئۇنى توسمىسۇن، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىسى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاياللارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز، دېدى، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەرھال بالىسىغا يوپۇرلۇپ كېلىپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئۇنى تىللاپ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسىماسلىق توغرۇلۇق ھەدىسىنى بايان قىلىۋاتسام، سەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە «ئاللاھنىڭ چۆرىلىرىنى مەسچىتلىرىدىن چەكلىمەڭلار» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
رَوى ابن عمر-رضي الله عنهما- أنَّ النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: إذا استأذنت أحدكم امرأته إلى المسجد فلا يمنعها؛ لئلا يحرمها فضيلة الجماعة في المسجد، وفيه بيان حكم خروج المرأة إلى المسجد للصلاة، وأنه جائز،
وكان أحد أبناء عبد الله بن عمر حاضرا حين حدث بهذا الحديث، وكان قد رأى الزمان قد تغير عن زمن النبي -صلى الله عليه وسلم- بتوسُّع النساء في الزينة، فحملته الغيرة على صون النساء، على أن قال- من غير قصد الاعتراض على المشرِّع-: والله لنمنعهن، ففَهِم أبُوه من كلامه أنه يعترض- برده هذا- على سنَّة النبي -صلى الله عليه وسلم- فحمله الغضب لله ورسوله، على أن سبَّه سبًّا شديدًا. وقال: أخبرك عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، وتقول: والله لنمنعهن؟
574;ىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: بىرىڭلارنىڭ ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسا ئۇنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسمىسۇن، مەسچىتتكى جامائەت ساۋابىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن، دېگەن. بۇ ھەدىستە ئاياللارنىڭ نامازنى مەسچىتتە ئوقۇشى دۇرۇس ئىكەنلىكى چىقىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىلىرىدىن بىرى بۇ ھەدىس بايان قىلىنغان سورۇندا بار بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدىكىن ھازىرقى زاماندىكى ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى توسۇش كېرەك دەپ قارىغان ئىدى، شەرىئەتكە ئىتراز بىلدۈرۈش نوقتىسىدىن ئەمەس بەلكى ئاياللارغا بولغان كۈندەشلىك ئۇنى «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇلارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز» دېيىشكە ئېلىپ باردى، دادىسى ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالمنىڭ ھەدىسىگە قارشى تۇرغانلىق دەپ چۈشەندى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قوغداش ئۈچۈن بالىسىنى ئېغىر تىللار بىلەن تىللىدى ۋە مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى دېسەم، سەن يەنە توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3325

 
Hadith   143   الحديث
الأهمية: إذا أراد الله بعبده الخير عجل له العقوبة في الدنيا، وإذا أراد بعبده الشر أمسك عنه بذنبه حتى يوافى به يوم القيامة


باشتېما:

ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى خالىسا بەندىسىگە بىرىلىدىغان جازانى بۇ دۇنيادا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىقنى خالىسا جازاسىنى ئاخىرەتكە قالدۇرۇپ قىيامەت كۈنى تۇلۇق ھېساپ ئالىدۇ

عن أنس -رضي الله عنه - أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: "إذا أراد الله بعبده الخير عجل له العقوبة في الدنيا، وإذا أراد بعبده الشر أمسك عنه بذنبه حتى يُوَافِيَ به يومَ القيامة".

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى خالىسا بەندىسىگە بىرىلىدىغان جازانى بۇ دۇنيادا قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىقنى خالىسا جازاسىنى ئاخىرەتكە قالدۇرۇپ قىيامەت كۈنى تۇلۇق ھېساپ ئالىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- أن علامة إرادة الله الخيرَ بعبده معاجلته بالعقوبة على ذنوبه في الدنيا حتى يخرج منها وليس عليه ذنب يوافي به يوم القيامة؛ لأن من حوسب بعمله عاجلاً خفّ حسابه في الآجل، ومن علامة إرادة الشر بالعبد أن لا يجازى بذنوبه في الدنيا حتى يجيء يوم القيامة مستوفر الذنوب وافيها، فيجازى بما يستحقه يوم القيامة.
585;ەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە بىزگە شۇنى بايان قىلىپ بىرىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بىر بەندىسىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشىنىڭ ئالامىتى شۇكى ئۇنىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادىلا بىرىش، ئۇ كىشى ئاخىرەتكە بېرىشتىن ئىلگىرىلا گۇناھلىرىدىن پاك بولاپ كېتىدۇ، چۈنكى دۇنيادا تارتقان جازاسى قىيامەتتە كۈنى ھېسابنى يىنىكلىتىدۇ. بىر بەندىگە يامانلىقنى خالىسا دۇنيادا ئۇنى جازالىماي ئاخىرەتكە قالدۇرىدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھلىرى توپلانغان ھالەتتە كېلىدۇ-دە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساپ ئالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3332

 
Hadith   144   الحديث
الأهمية: ألا أخبركم بما هو أخوف عليكم عندي من المسيح الدجال؟ قالوا: بلى يا رسول الله، قال: الشرك الخفي، يقوم الرجل فيصلي فيزين صلاته لما يرى من نظر رجل


باشتېما:

مېنىڭ قارىشىمدا سىلەرگە مەسىھ دەججالدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقراق بىر ئىشنى دەپ بىرەيمۇ؟ دېگەندە، ساھابىلار: دەپ بەرسىلە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دىيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يوشۇرۇن شېرىكتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرگەندە نامازنى ناھايىتى چىرايلىق ئۇقۇيدۇ» دېدى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- مرفوعاً: "ألا أخبركم بما هو أَخْوَفُ عليكم عندي من المسيح الدجال؟ قالوا: بلى يا رسول الله، قال: الشرك الخفي يقوم الرجل فيصلي فَيُزَيِّنُ صلاته لما يرَى من نَظَرِ رَجُلٍ".

مېنىڭ قارىشىمدا سىلەرگە مەسىھ دەججالدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقراق بىر ئىشنى دەپ بىرەيمۇ؟ دېگەندە، ساھابىلار: دەپ بەرسىلە، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دىيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يوشۇرۇن شېرىكتۇر، ناماز ئوقۇغۇچى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرگەندە نامازنى ناھايىتى چىرايلىق ئوقۇيدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الصحابة يتذاكرون فتنةَ المسيح الدجال ويتخوفون منها، فأخبرهم -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- أن هناك محذوراً يخافه عليهم أشد من خوفِ فتنة الدجال وهو الشرك في النية والقصد الذي لا يظهر للناس، ثم فسَّره بتحسين العمل الذي يُبتغى به وجه الله من أجل رؤية الناس.
587;اھابىلار دەججالنىڭ پىتنىسىنى مۇزاكىرە قىلىشىپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ساھابىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىنمۇ بەكرەك قورقىدىغان، ساقلىنىشقا تىگىشلىك بىر ئىش بارلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئاشكارا بولمايدىغان نىيەت-مەقسەتتىكى يوشۇرۇن شېرىك ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى، ئاندىن ئۇنى: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەمەلنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن چىرايلىق قىلىش، دەپ چۈشەندۈردى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3333

 
Hadith   145   الحديث
الأهمية: قول الله -تعالى-: فَلا تَجْعَلُوا لِلَّهِ أَنْدَادًا وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ، قال ابن عباس في الآية: الأنداد: هو الشرك، أخفى من دببيب النمل على صفاة سوداء في ظلمة الليل


باشتېما:

ئاللاھ تائالانىڭ :«سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» دېگەن ئايىتى توغرىسىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شېرىك قاراڭغۇ كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا چۆمۈلىنىڭ ئۆمۈلىگىنىدىنمۇ مەخپىدۇر

قول الله -تعالى-: {فَلا تَجْعَلُوا لِلَّهِ أَنْدَادًا وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ}. قال ابن عباس في الآية: "الأنداد: هو الشرك، أخفى من دَبِيبِ النمل على صَفَاةٍ سوداء في ظلمة الليل". وهو أن تقول: والله وحياتك يا فلان، وحياتي، وتقول: لولا كُلَيْبَةُ هذا لأتانا اللصوص، ولولا البط في الدار لأتانا اللصوص، وقول الرجل لصاحبه: ما شاء الله وشئت، وقول الرجل: لولا الله وفلان، لا تجعل فيها فلانا؛ هذا كله به شرك".

ئاللاھ تائالانىڭ: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» دېگەن ئايىتى توغرىسىدا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شېرىك دېگەن: قاراڭغۇ كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا چۆمۈلىنىڭ ئۆمۈلىگىنىدىنمۇ مەخپىدۇر، بۇ بىر ئادەمنىڭ: ئى پالانچى! ئاللاھ بىلەن ۋە سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەم، مۇشۇ ئېت بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە ئوغرى كىلەتتى، ھويلىمىزدا ئۆردەك بولمىغان بولسا ئوغرى كېرەتتى، دېگەندەك، يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۆز ھەمراھىغا: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېيىشى، يەنە بىر ئادەمنىڭ: ئاللاھ ۋە پالانى بولمىسا ئۇ يەردە پالانى ئىشنى قىلمىغىن دېگىنىگە ئوخشاش مۇشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى شېرىكتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال الله -تبارك وتعالى-: {فَلاَ تَجْعَلُواْ لِلّهِ أَندَاداً وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ}، فنهى الناس أن يتخذوا له أمثالًا ونظراء يصرفون لهم شيئًا من عبادته؛ وهم يعلمون أن الله وحده الخالق الرازق؛ وأن هذه الأنداد عاجزة فقيرة ليس لها من الأمر شيء، وعرف ابن عباس -رضي الله عنه- الأنداد بالشركاء، وذكر أمثلة لاتخاذها، وهو أخفى من خفاء أثر دبيب النمل على الحجر الأملس الأسود في ظلمة الليل، ثم ذكر أمثلة على ذلك: وهو أن تحلف بغير الله، وأعظم منها أن تساوي بها الله فتقول: والله وحياتي، أو أن تنظر إلى السبب دون المسبب، ولا ترجع الأمر لله، فتقول: لولا كلب هذا يحرسنا لأتانا اللصوص، أو أنه يقول: لولا البط في الدار ينبهنا لو دخل أحد غريب لأتى اللصوص، ومن الشرك: قول الرجل لصاحبه: ما شاء الله وشئت، وقول الرجل: لولا الله وفلان، لا تجعل فيها فلانا، ثم أكد على أن ذلك كله شرك أصغر، ولو اعتقد قائله أن الرجل أو البط أو الكلب هو المؤثر بذاته دون الله فهو شرك أكبر.
574;اللاھ تائالا: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» دەپ، كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يىگانە ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ شېرىكلەر ئاجىز-بىچارە بولۇپ ھېچ ئىشقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ئوخشاش ئىلاھلارنى تۇتۇپ، ئۆزىگە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى ئۇلارغا قىلىشتىن چەكلىدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېرىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ: شېرىك قاراڭغۇ كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا چۈمۈلىنىڭ ئۆمۈلىگىنىدىنمۇ مەخپىدۇر دەپ مىساللىرىنى بايان قىلدى، ئۇ: ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا بولغىنى ئۇ نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىش، سىنىڭ: «ئاللاھ بىلەن ۋە ھاياتىم بىلەن قەسەم» دېگىنىڭ، ياكى سەۋەب قىلغۇچىغا قارىماي سەۋەبكە قارىغىنىڭ، ئىشنى ئاللاھقا قايتۇرماي: «مۇشۇ كۈچۈك بولمىغان بولسا ئوغرى كىرەتتى»، «ھويلىمىزدا بىزنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئۆردەك بولمىغان بولسا يات ئادەم كېرىپ ئوغرىلىق قىلاتتى» دېگىنىڭ، بىرسىنىڭ ھەمراھىغا: «ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ» دېيىشى، بىرىنىڭ: «ئاللاھ ۋە پالانى بولمىسا» دېيىشى شېرىكتۇر، «ئۇنىڭدا پالانى دىگەن گەپنى قاتمىغىن!» دېدى، ئاخىرىدا: ئاشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك شېرىكتۇر، ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقۇچى ئىشقا تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاللاھ ئەمەس بەلكى ئادەم ياكى ئۆردەك ياكى كۈچۈك دەپ قالسا ئۇ چوڭ شېرىك بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ئەبى ھاتىم"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3334

 
Hadith   146   الحديث
الأهمية: إن الله زوى لي الأرض، فرأيت مشارقها ومغاربها، وإن أمتي سيبلغ ملكها ما زوي لي منها، وأعطيت الكنْزين الأحمر والأبيض


باشتېما:

ئاللاھ تائالا ماڭا زېمىننى كىچىكلىتىپ ئالدىمغا قويدى، شەرىق ۋە غەرىپىنى كۆردۇم، ئۈممىتىمنىڭ سەلتەنەتى مەن كۆرگەن يەرلەرگىچە ھۆكۈم سۇرىدۇ، قىزىل ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ«رىم ۋە پارىس» بايلىقى ماڭا بىرىلدى

عن ثوبان -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: "إن الله زَوَى لي الأرض، فرأيت مشارقها ومغاربها، وإن أمتي سيبلغ ملكُها ما زُوِيَ لي منها. وأعطيت الكنْزين الأحمر والأبيض. وإني سألت ربي لأمتي أن لا يهلكها بسَنَةٍ بعامةٍ، وأن لا يُسَلِّطَ عليهم عدوا من سوى أنفسهم فيَسْتَبِيحَ بَيْضَتَهُمْ؛ وإن ربي قال: يا محمد، إذا قضيتُ قضاءً فإنه لا يُرَدُّ، وإني أعطيتك لأمتك أن لا أهلكهم بسنة عامة، وأن لا أُسَلِّطَ عليهم عدوا من سوى أنفسهم فيَسْتَبِيحَ بَيْضَتَهُمْ ولو اجتمع عليهم مَنْ بأقطارها، حتى يكون بعضُهم يُهْلِكُ بعضًا ويَسْبِي بعضُهم بعضًا".
ورواه البرقاني في صحيحه، وزاد: "وإنما أخاف على أمتي الأئمةَ المضلين، وإذا وقع عليهم السيف لم يرفع إلى يوم القيامة. ولا تقوم الساعة حتى يلحق حي من أمتي بالمشركين، وحتى تعبد فِئامٌ من أمتي الأوثان. وإنه سيكون في أمتي كذابون ثلاثون؛ كلهم يزعم أنه نبي، وأنا خاتم النبيين لا نبي بعدي. ولا تزال طائفة من أمتي على الحق منصورة لا يضرهم من خذلهم حتى يأتي أمر الله تبارك وتعالى".

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ماڭا زېمىننى كىچىكلىتىپ ئالدىمغا قويدى، شەرىقى ۋە غەرىپىنى كۆردۇم، ئۈممىتىمنىڭ سەلتەنەتى مەن كۆرگەن يەرلەرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ، قىزىل ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ«رىم ۋە پارىس» بايلىقى ماڭا بىرىلدى. پەرۋەردىگارىمدىن ئۈممىتىمنى ئومۇمىيۈزلۈك ئاچارچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى، ئۈممىتىمگە كاپىرلارنى مۇسەللەت قىلىپ ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋېتىش بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى سورۇدۇم، پەرۋەردىگارىم دېدىكى: مەن بىر نەرسىنى ھۆكۈم قىلسام ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئۈممىتىڭنى ئاچارچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىق ۋە كاپىرلارنى مۇسەللەت قىلىپ ھالاك قىلماسلىقنى ۋەدە قىلدىم، ھەتتاكى زېمىننىڭ ھەر يېرىدىن توپلۇنۇپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئۆز ئۈزىنى ئۆلتۈرۈشۈپ ئۆز ئۈزىنى ئەسىر ئېلىشىپ ھالاك بولۇشىدۇ. بەرقانى ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا بۇ ئىبارەتنى قوشۇپ رىۋايەت قىلغان، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمدە ئازدۇرغۇچى ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشتىن ئەنسىرەيمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ «ئۈممىتىم» ئىچىدە ئۇرۇش چىقسا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ، قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈممىتىمدىن بىر توپ كىشىلەر مۇشرىكلارغا ئەگىشىدۇ، يەنە بىر توپ كىشىلەر بۇتلارغا چوقىنىدۇ. ئۈممىتىمدىن 30 يالغانچى-كاززاپ چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىدۇ. مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى، مەندىن كېيىن پەيغەمبەر يوق. ئۈممىتىمدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەر قىيامەت بولغانغا قەدەر ھەق ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچبىرى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
هذا حديثٌ جليلٌ يشتمل على أمور مهمة وأخبار صادقة، يخبر فيها الصادق المصدوق -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- أن الله سبحانه جمع له الأرض حتى أبصر ما تملكه أمته من أقصى المشارق والمغارب، وهذا خبرٌ وُجد مخبره، فقد اتسع ملك أمته حتى بلغ من أقصى المغرب إلى أقصى المشرق، وأخبر أنه أُعطي الكنزين فوقع كما أخبر، فقد حازت أمته ملكي كسرى وقيصر بما فيهما من الذهب والفضة والجوهر، وأخبر أنه سأل ربه لأمته أن لا يهلكهم بجدبٍ عامٍّ ولا يسلط عليهم عدواً من الكفار يستولي على بلادهم ويستأصل جماعتهم، وأن الله أعطاه المسألة الأولى، وأعطاه المسألة الثانية ما دامت الأمة متجنبة للاختلاف والتفرق والتناحر فيما بينها، فإذا وُجد ذلك سلط عليهم عدوهم من الكفار، وقد وقع كما أخبر حينما تفرقت الأمة.
وتخوّف -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- على أمته خطر الأمراء والعلماء الضالين المضلين؛ لأن الناس يقتدون بهم في ضلالهم. وأخبر أنها إذا وقعت الفتنة والقتال في الأمة فإن ذلك يستمر فيها إلى يوم القيامة وقد وقع كما أخبر، فمنذ حدثتِ الفتنة بمقتل عثمان رضي الله عنه وهي مستمرة إلى اليوم.
وأخبر أن بعض أمته يلحقون بأهل الشرك في الدار والديانة. وأن جماعاتٍ من الأمة ينتقلون إلى الشرك وقد وقع كما أخبر، فعُبدت القبور والأشجار والأحجار.
وأخبر عن ظهور المدّعين للنبوة -وأن كل من ادعاها فهو كاذب؛ لأنها انتهت ببعثته -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ-. وبشّر -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- ببقاء طائفة من أمته على الإسلام رغمَ وقوع هذه الكوارث والويلات، وأن هذه الطائفة مع قِلّتها لا تتضرر بكيد أعدائها ومخالفيها.
576;ۇ ھەدىس چىن خەۋەرلەر ۋە مۇھىم ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، راس سۆزلۈگۈچى ۋە راس سۆز ئېلىپ كىلىنگۈچى بولغان رەسۇلۇللاھ شۇنداق بايان قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا زېمىننى كىچىكلىتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇنىڭ ئۈممىتى ئېگە بولىدىغان زېمىنلارنى كۆرسەتتى، بۇ ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقتى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى شەرىقتىن غەرىپكىچە كەڭ بىپايان زېمىنلارغا ئىگە بولدى. ئىككى قەۋىمنىڭ بايلىقى بېرىلىش خوش بىشارىتى بولسا رىم ۋە پارىسلارنىڭ بايلىقىغا ئېرشىش بىشارىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇمۇ ۋۇجۇدقا چىقتى، شەرقى رىم پايتەختى بولغان ئىستانبۇلنى ۋە كىسرا پايتەختى مەدائىننى پەتھى قىلدى، ئۇلارنىڭ ئالتۇن كۆمۈش بايلىقلىرىنى مۇسۇلمانلار غەنىمەت ئالدى. رەسۇلۇللاھ يەنە ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىنى قۇرغاقچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى ۋە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىماسلىقنى، كاپىرلار ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتمەسلىكنى، سورىدى. ئۈممەت ئىختىلاپتىن، بۆلگۈنچۈلۈكتىن، ئاداۋەتتىن يىراقلا بولسا ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچىسىنى بەردى، ئەگەردە ئۈممەت ئىختىلاپ، بۆلگۈنچۈلۈك، ئاداۋەتلەشسە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ، بۇ ئىشمۇ يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنى ئازدۇرىدىغان ئالىم ۋە رەھبەرلەرنىڭ خەتىرىدىن ئەندىشە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر ئۇلارغا ئازغۇنلۇقتىمۇ ئەگىشىدۇ رەسۇلۇللاھ يەنە ئاللاھ تائالادىن ئۈممىتىنى قۇرغاقچىلىق بىلەن ھالاك قىلماسلىقنى ۋە كاپىرلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مۇسەللەت قىلماسلىقنى، كاپىرلار ئۇلارنىڭ نەسلىنى قۇرتىۋەتمەسلىكنى، سورىدى. ئۈممەت ئىختىلاپتىن، بۆلگۈنچۈلۈكتىن، ئاداۋەتتىن يىراقلا بولسا ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچىسىنى بەردى، ئەگەردە ئۈممەت ئىختىلاپ، بۆلگۈنچۈلۈك، ئاداۋەتلەشسە كاپىرلارنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ، بۇ ئىشمۇ يۈز بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىنى ئازدۇرىدىغان ئالىم ۋە رەھبەرلەرنىڭ خەتىرىدىن ئەندىشە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر ئۇلارغا ئازغۇنلۇقتىمۇ ئەگىشىدۇ. ئەگەردە ئۈممىتىم ئىچىدە ئۇرۇش ۋە ئاداۋەت بولۇپ قالسا قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ، دېگەن بۇمۇ رەسۇلۇللاھ دېگەندەك يۈز بەردى. ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈيقەسىت قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇرۇش ئوتى ئۆچمەي داۋاملاشماقتا. مۇسۇلمانلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇشرىكلارنىڭ دىنى ۋە يۇرتىغا قېتىلىپ كىتىدىغانلىقىدىن، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر شېرىك ئەقىدىسىگە كىرىپ كېتىدىغان، ئاللاھتىن باشقا مەخلۇقلارنى ئۇلۇغلاپ دەل-دەرەخ تاش، قەبرىلەرگە چوقىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. يەنە پەيغەمبەرلىك داۋاسى قىلىدىغانلار توغرۇلۇق خەۋەر بەردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاززاپ، چۈنكى پەيغەمبەرلىك رەسۇلۇللاھ بىلەن ئاخىرلاشقان. ئاخىرىدا ئۈممىتى ئىچىدىن بىر گۇرۇھ كىشىلەرنىڭ ئازاپ ۋە كۈلپەتلەرنىڭ كىلىشىگە قارىماي ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ، قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3337

 
Hadith   147   الحديث
الأهمية: إن عظم الجزاء مع عظم البلاء، وإن الله -تعالى- إذا أحب قوما ابتلاهم؛ فمن رضي فله الرضى، ومن سخط فله السخط


باشتېما:

مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ، كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ رازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە نارازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: "إن عِظَمَ الجزاءِ مع عِظَمِ البلاءِ، وإن الله -تعالى- إذا أحب قوما ابتلاهم، فمن رَضِيَ فله الرِضا، ومن سَخِطَ فله السُّخْطُ".

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: دۇنيادا مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ، كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ رازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمىكى مۇسىبەتكە نارازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبرنا النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث أن المؤمن قد يحل به شيء من المصائب في نفسه أو ماله أو غير ذلك، وأن الله سيثيبه على تلك المصائب إذا هو صبر، وأنه كلما عظمت المصيبة وعظم خطرها عظم ثوابها من الله، ثم يبين -صلى الله عليه وسلم- بأن المصائب من علامات حب الله للمؤمن، وأن قضاء الله وقدره نافذان لا محالة، ولكن من صبر ورضي، فإن الله سيثيبه على ذلك برضاه عنه وكفى به ثوابا، وأن من سخط وكره قضاء الله وقدره، فإن الله يسخط عليه وكفى به عقوبة.
576;ۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ: مۆمىن كىشىنىڭ مال ۋە جانلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ سەبىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاب بىرىدۇ، مۇسىبەت ۋە ئۇنىڭ تەسىرى قانچىكى ئېغىر بولسا بىرىلىدىغان ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ، دەپ بايان قىلدى. يەنە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر كىشىگە مۇسىبەتنىڭ كېلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشى شەكسىز يۈز بىرىدۇ. لېكىن ياخشى سەبىر قىلسا ۋە رازى بولسا ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرشىدۇ، ساۋاب نېمە دېگەن ياخشى مۇكاپات. كىمىكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئۆچ كۆرسە ۋە نارازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىبى يىتەرلىك جازادۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3339

 
Hadith   148   الحديث
الأهمية: أنا أغنى الشركاء عن الشرك؛ من عمل عملا أشرك معي فيه غيري تركته وشركه


باشتېما:

مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىنىڭ شېرىكىدىن بىھاجەت، كىمىكى مەندىن باشقا بىرىنى ماڭا شېرىك قىلىپ بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇ كىشىنى شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىسى بىلەن بىللە قالدۇرىمەن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعا: "قال -تعالى-: أنا أغنى الشركاء عن الشرك؛ من عمل عملا أشرك معي فيه غيري تركتُه وشِرْكَه".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىنىڭ شېرىكىدىن بىھاجەت، كىمىكى مەندىن باشقا بىرىنى شېرىك قىلىپ بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇ كىشىنى شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىسى بىلەن بىللە قالدۇرىمەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يروي النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- عن ربه عز وجل -ويسمَّى بالحديث القدسي- أنه يتبرأ من العمل الذي دخله مشاركةٌ لأحد برياءٍ أو غيره؛ لأنه سبحانه لا يقبل إلا ما كان خالصاً لوجهه.
585;ەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان، بۇ ھەدىس ھەدىس قۇدۇسى دېيىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەدىستە مەخلۇقلارنىڭ قايسى بىرىنى ئىبادەتتە شېرىك قىلسا، مەيلى رىيا ئارقىلىق بولسۇن ياكى باشقا يول بىلەن بولسۇن ئۇ ئىبادەتنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە خالىس قىلغان ئىبادەتنىلا قۇبۇل قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3342

 
Hadith   149   الحديث
الأهمية: حدثوا الناس بما يعرفون، أتريدون أن يُكذَّب اللهُ ورسولهُ


باشتېما:

كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- قال: "حدثوا الناس بما يعرفون، أتريدون أن يُكذَّب اللهُ ورسولهُ؟".

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەرگە ئەقلى قۇبۇل قىلالايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەڭلار، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلىشىنى خالامسىلەر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يرشد أمير المؤمنين علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- إلى أنه لا ينبغي أن يحدث عامة الناس إلا بما هو معروف ينفع الناس في أصل دينهم وأحكامه من التوحيد وبيان الحلال والحرام ويُترك ما يشغل عن ذلك؛ مما لا حاجة إليه أو كان مما قد يؤدي إلى رد الحق وعدم قبوله مما يشتبه عليهم فهمه، ويصعب عليهم إدراكه.
605;ۆئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى: كىشىلەرگە سۆز قىلغاندا، دىننىڭ ئاساسى بولغان ئىشلاردا، تەۋھىدتىن ئىبارەت ئەھكاملاردا، ھالال–ھارامنى بايان قىلىش ئىشلىرىدا سۆز قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھاجىتى چۈشمەيدىغان ياكى ھەقىقەتنى رەت قىلىشقا ۋە ياكى چۈشەنچە ئېنىق بولمىقانلىقتىن ياكى چۈشىنىش قېيىن بولغانلىقتىن ئۇنى قۇبۇل قىلماسلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى تاشلاش كېرەك   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3344

 
Hadith   150   الحديث
الأهمية: كنت رجلا مذَّاءً، فاستحييت أن أسأل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لمكان ابنته مني، فأمرت المقداد بن الأسود فسأله، فقال: يغسل ذكره، ويتوضأ


باشتېما:

مەن مەزى كۆپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى مەندە بولغانلىقتىن ئۇنىڭدىن سوراشتىن ھايا قىلدىم، مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى سوراپ بېقىشقا بۇيرۇدۇم. ئۇ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ئەۋرىتىنى يۇيۇپ تاھارەت ئالىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى

عن علي بن أبي طالب -رضي الله عنه- قال: ((كُنتُ رَجُلاً مَذَّاءً, فَاسْتَحْيَيتُ أَن أَسأَل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لِمَكَان ابنَتِهِ مِنِّي, فَأَمرت المِقدَاد بن الأسود فَسَأَله, فقال: يَغْسِل ذَكَرَه, ويَتَوَضَّأ)).
وللبخاري: ((اغسل ذَكَرَك وتوَضَّأ)).
   ولمسلم: ((تَوَضَّأ وانْضَح فَرْجَك)).

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن مەزى كۆپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى مەندە بولغانلىقتىن ئۇنىڭدىن سوراشتىن ھايا قىلدىم، مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى سوراپ بېقىشقا بۇيرۇدۇم. ئۇ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: ئەۋرىتىنى يۇيۇپ تاھارەت ئالىدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بۇخارى رىۋايىتىدە: ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ تاھارەت ئال، دېگەن. مۇسلىم رىۋايىتىدە: تاھارەت ئالغىن ۋە ئەۋرىتىڭنى يۇغىن، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يقول علي -رضي الله عنه-: كنت رجلًا كثير المذْيِ، وكنت أغتسل منه حتى شق عليَّ الغُسل؛ لأني ظننت حكمه حكم المني، فأردت أن أتأكد من حكمه، وأردت أن أسأل النبي -صلى الله عليه وسلم-، ولكن لكون هذه المسألة تتعلق بالفروج، وابنته تحتي، استحييت من سؤاله، فأمرتُ المقداد -رضي الله عنه- أن يسأله، فسأله فقال: إذا خرج منه المذي فليغسل ذَكَرَهُ حتى يتقلص الخارج الناشئ من الحرارة، ويتوضأ لكونه خارجًا من أحد السبيلين، والخارج من أحدهما من نواقض الوضوء، فيكون -صلى الله عليه وسلم- قد أرشد السائل بهذا الجواب إلى أمر شرعي وأمر طبي.
574;ەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەندىن كۆپ مەزى كىلەتتى، ھەر قېتىمدا يۇيۇنۇش ماڭا ئېغىر كەلگەن ئىدى، ئۇنى مەنىنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوخشاش دەپ ئويلىغان ئىدىم، تەكىتلەش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھتىن سورىماقچىمۇ بولدۇم، بىراق بۇ مەسىلە ئەۋرەتكە چېتىشلىق مەسىلە، ھەم مەن رەسۇلۇللاھقا كۈيئوغۇل بولغانلىقىم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوراشتىن ھايا قىلدىم. مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سوراشقا ئەۋەتتىم، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: قىزغىنلىقتىن مەزى چىققاندا ئۇ تۈگكەنگە قەدەر پاكىز يۇيۇۋىتىپ تاھارەت ئالسۇن، چۈنكى ئىككى يولنىڭ بىرىدىن بىر نەرسە چىقسا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سورىغۇچىغا بۇ يەردە شەرئى ۋە تىببى ساغلاملىق يولىنى كۆرسەتكەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3348

 
Hadith   151   الحديث
الأهمية: لا تجعلوا بيوتكم قبورا، ولا تجعلوا قبري عيدا، وصلوا عليّ فإن صلاتكم تبلغني حيث كنتم


باشتېما:

ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشىتىۋالماي، ناماز ئوقۇپ تۇرۇڭلا، قەبرەمنى ھېيىتلايدىغان جاي قىلىۋالماڭلا، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاپ تۇرۇڭلا، سىلەر قەيەردى بولۇڭلار سالامىڭلار ماڭا يىتىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا تجعلوا بيوتكم قبورا، ولا تجعلوا قبري عيدا، وصلوا عليّ فإن صلاتكم تبلغني حيث كنتم».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشىتىۋالماڭلار، قەبرەمنى ھېيىتلايدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاپ تۇرۇڭلار، سىلەر قەيەردە بولۇڭلار سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
نهى -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- عن إخلاء البيوت من صلاة النافلة فيها والدعاء وقراءة القرآن فتكون بمنزلة القبور؛ لأن النهي عن الصلاة عند القبور قد تقرر عندهم فنهاهم أن يجعلوا بيوتهم كذلك، ونهى عن تكرار زيارة قبره والاجتماع عنده على وجهٍ معتاد؛ لأن ذلك وسيلةٌ إلى الشرك، وأمر بالاكتفاء عن ذلك بكثرة الصلاة والسلام عليه في أي مكان من الأرض؛ لأن ذلك يبلغه من القريب والبعيد على حدّ سواء، فلا حاجة إلى التردد إلى قبره.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيلەردە نەپلە ناماز، دۇئا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تەرك قىلىشتىن توستى، ئۇنداق بولغاندا ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىقتەك بولۇپ قالىدۇ. قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇلماسلىقى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېنىق بىر ئىش ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۆينىمۇ قەبرىستانلىقتەك قىلىپ قويماسلىققا بۇيرىدى. قەبرىستانلىقنى كۆپ زىيارەت قىلىشتىن ۋە ئۇ يەردە يېغىلىپ ئولتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋېلىشتىن توستى. چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىدا رەسۇلۇللاھقا قەيەردە بولسۇن دۇرۇت ۋە سالام يوللاشقا بۇيرىدى، يوللانغان سالاملار قەيەردىن بولسۇن رەسۇلۇللاھقا يېتىپ تۇرىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسىگە كۆپ زىيارەتكە بېرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3350

 
Hadith   152   الحديث
الأهمية: يا رسول الله, إن الله لا يستحيي من الحق، فهل على المرأة من غسل إذا هي احتلمت؟ فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: نعم, إذا رأت الماء


باشتېما:

ئى رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەقنى بايان قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، ئايال كىشى ئىھتىلام بولۇپ قالسا غۇسلى قىلىش كېرەكمۇ؟ دېۋىدى رەسۇلۇللاھ: ئەگەر مەنى كۆرسە غۇسلى قىلىدۇ، دېدى

عن أم سلمة -رضي الله عنها- قالت: «جاءت أمُّ سُلَيمٍ امرأةُ أَبِي طَلحة إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقالت: يا رسول الله, إنَّ الله لا يَسْتَحيِي من الحَقِّ, فهل على المرأة من غُسْلٍ إِذَا هِيَ احْتَلَمَت؟ فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: نعم, إِذَا رَأَت المَاء».

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەبى تەلھەنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۇلەيىم رەسۇلۇللەھنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق سورىدى: ئى رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەقنى بايان قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، ئايال كىشى ئىھتىلام بولۇپ قالسا غۇسلى قىلىش كېرەكمۇ؟ دېۋىدى رەسۇلۇللاھ: ئەگەر مەنى كۆرسە غۇسلى قىلىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
جاءت أم سليم الأنصارية -رضي الله عنها- إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- لتسأله، ولما كان سؤالها مما يتعلق بالفروج، وهي مما يستحيا من ذكره عادة قدمت بين يدي سؤالها تمهيداً لإلقاء سؤالها؛ حتى يخف موقعه على السامعين.
   فقالت: إن الله -عز وجل- وهو الحق، لا يمتنع من ذكر الحق الذي يستحيا من ذِكره من أجل الحياء، مادام في ذكره فائدة، فلما ذكرت أم سليم هذه المقدمة التي لطفت بها سؤالها، دخلت في صميم الموضوع، فقالت: هل على المرأة غسل إذا هي تخيلت في المنام أنها تجامع؟ فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: نعم، عليها الغسل، إذا هي رأت نزول ماء الشهوة.
574;ۇممۇ سۇلەيم ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن بىر مەسىلىنى سوراش ئۈچۈن كەلدى، سوئالى ئادەتتە ھايا قىلنىدىغان، ئەۋرەتكە چېتىشلىق بولغاچقا ۋە سورۇندىكىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا يېنىك بولسۇن ئۈچۈن سوئالىدىن ئىلگىرى بىر-ئىككى جۇملىنى مۇقەددىمە قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەق بولغان ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پايدىلىق ئىشلاردا ھايا قىلغانلىقتىن ھەقىقەت مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ، ئۇممۇ سۇلەيىم سوئالىنى سىيلىقلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل سوئالىنى باشلىدى ۋە دېدى: ئايال كىشى چۈشىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ چۇشىسە ئۇنىڭغا غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولامدۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: شۇنداق، ئويغانغاندا شەھۋەت بىلەن كەلگەن مەنىنى كۆرسە غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3351

 
Hadith   153   الحديث
الأهمية: لا تقولوا: ما شاء الله وشاء فلان، ولكن قولوا: ما شاء الله ثم شاء فلان


باشتېما:

ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار. لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار

عن حذيفة بن اليمان - رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «لا تقولوا: ما شاء الله وشاء فلان، ولكن قولوا: ما شاء الله ثم شاء فلان».

ھۇزەيپە ئىبنى ئەليەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار، لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ينهى - صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- أن يُعطف اسم المخلوق على اسم الخالق بالواو بعد ذكر المشيئة ونحوها؛ لأن المعطوف بها يكون مساوياً للمعطوف عليه؛ لكونها إنما وُضعت لمطلق الجمع فلا تقتضي ترتيباً ولا تعقيباً؛ وتسوية المخلوق بالخالق شركٌ، ويُجوِّز -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- عطف المخلوق على الخالق بثُمّ؛ لأن المعطوف بها يكون متراخياً عن المعطوف عليه بمهلة فلا محذور؛ لكونه صار تابعاً.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك ئىسمىغا قايىسى بىر مەخلۇقنىڭ ئىسمىنى پىئىلدا ئەگەشتۈرۈپ دېيىشنى، يەنى خاھىش پىئىللىرىدىن كېيىن«ۋە» باغلىغۇچىسى بىلەن باغلاشتىن توستى. چۈنكى بۇنداق باغلىغاندا ئىككى ئىسىم ئارىسىدا ئوخشاشلىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ، گىرامماتىكا جەھەتتىن «ۋە» ھەرىپى بىر يەردە قويۇش مەنىدە كېلىدۇ، رەت-تەرتىپنىمۇ، ئىلگىرى كېيىنلىكنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. مەخلۇق بىلەن خالىقنى باراۋەر قىلىش شېرىك كەلتۈرگەنلىك. ئەمما رەسۇلۇللاھ «ئۇنىڭدىن كىيىن» دېگەن باغلىغۇچى بىلەن ياراتقۇچى ۋە مەخلۇق ئوتتۇرسىنى باغلاشنى دۇرۇس قىلدى. «ئۇنىڭدىن كىيىن» دېگەن سۆز ئەگەشكەنلىكنى ۋە بىر ئاز كېيىن كەلگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ مەنىدە بولسا چەكلەنمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3352

 
Hadith   154   الحديث
الأهمية: لأن أحلف بالله كاذبًا أحب إليَّ من أن أحلف بغيره صادقًا


باشتېما:

ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا، مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن سۆيۈملۈكراقتۇر

عن عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- قال: "لأن أحلف بالله كاذبًا أحب إليَّ من أن أحلف بغيره صادقًا".

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا، مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن سۆيۈملۈكراكتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يقول ابن مسعود -رضي الله عنه-: إقسامي بالله على شيء أنا كاذبٌ فيه على فرض وقوعه أحب إلي من إقسامي بغير الله على شيءٌ أنا صادقٌ فيه؛ وإنما رجح الحلف بالله كاذباً على الحلف بغيره صادقاً؛ لأن الحلف بالله في هذه الحالة فيه حسنة التوحيد، وفيه سيئة    الكذب، والحلف بغيره صادقاً فيه حسنة الصدق وسيئة الشرك، وحسنة التوحيد أعظم من حسنة الصدق، وسيئة الكذب أسهل من سيئة الشرك
574;ابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن، بىر ئىش يۈز بىرىدۇ دېگەن ئاساستا ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا سۆيۈملۈكراق. بۇ يەردە ئاللاھ نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىشنى مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچىشتىن ئەۋزەل كۆردى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشتا گۈزەل تەۋھىد ئەقىدىسى بولغان، گەرچە ئۇ يالغانچىلىق بولسىمۇ، ئەمما مەخلۇق بىلەن قەسەم قىلىش راسچىللىق پەزىلىتى بىلەن ناچار شېرىك ئەقىدىسى بار. تەۋھىد ئەقىدىسى راسچىللىق پەزىلىتىدىن يۇقىرى ۋە بۈيۈكتۇر. يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى شېرىك ئەقىدىنىڭ گۇناھىدىن تۆۋەن ۋە يەڭگىلدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ئەبى شەيبە"مۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3353

 
Hadith   155   الحديث
الأهمية: لتتبعن سنن من كان قبلكم، حذو القذة بالقذة، حتى لو دخلوا جحر ضب لدخلتموه. قالوا: يا رسول الله، اليهود والنصارى؟ قال: فمن؟


باشتېما:

سىلەردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىغا پەيمۇ-پەي ئەگىشىسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ شۇ يەرگىچە ئەگىشىسىلەر. ساھابىلار: يەھۇدى، ناسارالارنى مەقسەت قىلىۋاتاملا ئى رەسۇلۇللاھ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار بولماي كىم؟ دەپ جاۋاب بەردى

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- مرفوعاً: "لتتبعن سنن من كان قبلكم، حذو القذة بالقذة، حتى لو دخلوا جحر ضب لدخلتموه. قالوا: يا رسول الله، اليهود والنصارى؟ قال: فمن؟ "

ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: سىلەردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىغا پەيمۇ-پەي ئەگىشىسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ شۇ يەرگىچە ئەگىشىسىلەر. ساھابىلار: يەھۇدى، ناسارالارنى مەقسەت قىلىۋاتاملا ئى رەسۇلۇللاھ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار بولماي كىم؟ دەپ جاۋاب بەردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبرنا أبو سعيد -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أخبر بأن هذه الأمة ستقلد الأمم السابقة في عاداتها وسياساتها ودياناتها، وأنها ستحاول مشابهتهم في كل شيء، كما تشبه ريشة السهم للريشة الأخرى، ثم أكد هذه المشابهة والمتابعة بأن الأمم السابقة لو دخلت جحر ضب مع ضيقه وظلمته لحاولت هذه الأمة دخوله، ولما استفسر الصحابة -رضي الله عنهم- عن المراد بمن كان قبلهم، وهل هم اليهود والنصارى؟ أجاب بنعم.
574;ەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ئۈممەت ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى دىنى، سىياسى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە شۇنداق دورايدۇكى، خۇددى يا ئوقلىرىنىڭ پەيلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىغاندەك شۇ دەرىجىدە دورايدۇ. بۇ تەقلىدچىلىك ۋە دورامچىلىقنى يەنىمۇ تەكىتلەش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ: ئەگەردە ئۇلار تار ۋە قاراڭغۇ بولغان كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ، بۇ ئۈممەت شۇ يەرگە قەدەر كىرىپ باقىدۇ، دېگەن. ساھابىلار: «ئىلگىركىلەر» دېگەن سۆزدىن كىمنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، يەنى يەھۇدى ناسارالار مەقسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ھە-ئە دەپ جاۋاب بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3355

 
Hadith   156   الحديث
الأهمية: من حلف بغير الله قد كفر أو أشرك


باشتېما:

كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ غەيرى بىلەن قەسەم ئىچىدىكەن، ئاللاھقا كۇپرى قىلغان ياكى شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- مرفوعاً: "من حلف بغير الله قد كفر أو أشرك"

ئابدۇللاھ ئىبنى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئاللاھقا كۇپرى قىلغان ياكى شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- في هذا الحديث خبراً معناه النهي: أن من أقسم بغير الله من المخلوقات فقد اتخذ ذلك المحلوف به شريكاً لله وكفر بالله؛ لأن الحلف بالشيء يقتضي تعظيمه، والعظمة في الحقيقة إنما هي لله وحده، فلا يُحلف إلا به أو بصفة من صفاته.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە: كىمكى ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرەر مەخلۇقلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاشۇ قەسەم قىلىنغۇچى نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلغان ۋە ئاللاھ تائالاغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر نەرسە بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھەقىقەتتە ئۇلۇغلۇق يەككە يىگانە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئاللاھنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلىرىدىن باشقا نەرسە بىلەن قەسەم قىلىنمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3359

 
Hadith   157   الحديث
الأهمية: من عال جاريتين حتى تبلغا جاء يوم القيامة أنا وهو كهاتين


باشتېما:

كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىيلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: «مَنْ عَالَ جَارِيَتَين حتَّى تَبلُغَا جاء يَومَ القِيَامَة أَنَا وَهُو كَهَاتَين» وضَمَّ أَصَابِعَه.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز» دەپ بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث فضل عول الإنسان للبنات، وذلك أنَّ البنت قاصرة ضعيفة، والغالب أنَّ أهلها لا يأبَهُون بها، ولا يهتمُّون بها، فلذلك قال النبي -صلى الله عليه وسلم-: "من عال جاريتين حتى تبلغا، جاء يوم القيامة أنا وهو كهاتين" وضَمَّ إصبعيه: السبابة والوسطى، والمعنى أنه يكون رفيقا لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- في الجنة إذا عال الجارتين، يعني الأنثيين من بنات أو أخوات أو غيرهما، أي أنه يكون مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في الجنة، وقرن بين إصبعيه -عليه الصلاة والسلام-.
والعول في الغالب يكون بالقيام بمؤونة البدن، من الكسوة والطعام والشراب والسكن والفراش ونحو ذلك، وكذلك يكون بالتعليم والتهذيب والتوجيه والأمر بالخير والنهي عن الشر وما إلى ذلك، فيجمع القائم بمصالح البنات بالنفع العاجل الدنيوي، والآجل الأخروي.
576;ۇ ھەدىستە قىزلارنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلغان، چۈنكى قىزلار ھەر جەھەتتىن ئاجىز، كۆپۈنچە ئائىلىلەر ئۇلارنى تەربىيەلەشكە سەل قارايدۇ ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمىكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە بېقىپ، تەربىيەلىسە قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىككىسىدەك بولىمىز» دەپ بىگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇر بارماقلىرىنى جۈپلەپ كۆرسەتكەن، يەنى، ئۇ كىشى جەننەتتە رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولىدىغانلىقى، تەربىيەلەپ باققان قىزلار باللىرى بولسۇن ۋە ياكى سىڭىللىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا قىزلار بولسىمۇ يەنىلا ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ ئىككى بارمىقىنى بىر قىلىپ ئۇ كىشىگە خۇش بىشارەت بەرگەن. تەربىيەلەش كۆپۈنچە ماددى ئىھتىياجلىرىنى، كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك، تۇرىدىغان جاي، يوتقان كۆرپىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تەمىنلەش بىلەن بولغاندەك مەنىۋى ئىھتىياجى بولغان تەلىم-تەربىيە ۋە قائىدە-يۇسۇنل، ياخشى ياماننى بىلدۈرۈش بىلەن بولىدۇ. خۇلاسىلىغاندا قىزلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈگۈتۈش بىلەن بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3360

 
Hadith   158   الحديث
الأهمية: قال الله -تعالى-: وجبت محبتي للمتحابين في، والمتجالسين في، والمتزاورين في، والمتباذلين في


باشتېما:

ئاللاھ تائالا: «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، بىللە ئولتۇرغانلارغا، بىرـ بىرىنى زىيارەت قىلغانلارغا، بىرـ بىرىگە بېغىشلىغانلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى» دېگەن

عن أبي إدريس الخولاني -رحمه الله- قال: دَخَلْتُ مَسْجِدَ دِمَشقَ، فَإِذَا فَتًى بَرَّاق الثَنَايَا وَإِذَا النَّاس مَعَه، فَإِذَا اخْتَلَفُوا فِي شَيءٍ، أَسْنَدُوهُ إِلَيهِ، وَصَدَرُوا عَنْ رَأْيِهِ، فَسَأَلْتُ عَنْهُ، فَقِيل: هَذَا مُعَاذ بْنُ جَبَلٍ -رضي الله عنه- فَلَمَّا كان مِنَ الغَدِ، هَجَّرتُ، فَوَجَدتُه قَدْ سَبِقَنِي بِالتَهْجِير، وَوَجَدتُهُ يُصَلِّي، فَانتَظَرتُهُ حَتَّى قَضَى صَلاَتَه، ثُمَّ جِئتُهُ مِن قِبَلِ وَجْهِهِ، فَسَلَّمْتُ عَلَيه، ثُمَّ قُلتُ: وَالله إِنِّي لَأُحِبُّكَ لِلَّه، فَقَال: آلله؟ فَقُلتُ: آلله، فقال: آللهِ؟ فقُلْتُ: آلله، فَأَخَذَنِي بَحَبْوَةِ رِدَائِي، فَجَبَذَنِي إِلَيه، فَقَال: أَبْشِر! فَإِنِّي سَمِعتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «قَالَ الله -تعَالَى-: وَجَبَت مَحَبَّتِي لِلمُتَحَابِّين فِيَّ، وَالمُتَجَالِسِينَ فِيَّ، وَالمُتَزَاوِرِينَ فِيَّ، وَالمُتَبَاذِلِينَ فِيَّ».

ئەبۇ ئىدرىس خەۋلانىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: دەمەشىق جامەسىگە كىرسەم، جامائەت چىشلىرى ئاپئاق پارقىراپ تۇرغان بىر يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋاپتۇ، بىرەر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالسا، ئۇنى ئاساس قىلىپ، پىكرىنى ئالىدىكەن، مەن ئۇ يىگىتنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋىدىم، ماڭا: بۇ مۇئاز ئىبنى جەبەل، دېيىلدى، ئەتىسى چۈشتە جامەگە بالدۇرراق باردىم، ئۇ مەندىن بۇرۇن بېرىپ، ناماز ئوقۇغىلى تۇرۇپتۇ، نامىزىنى ئوقۇپ بولغىچە كۈتۈپ تۇرۇپ، ئالدى تەرىپىدىن كېلىپ، سالام بەردىم، ئاندىن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن سېنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن» دېدىم، ئۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئۇ يەنە: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دېدى، مەنمۇ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئۈچىنچى قېتىم: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەممۇ؟» دەپ سورىدى، مەن: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم» دېدىم، ئاندىن ئۇ تونۇمنىڭ پېشىنى تۇتۇپ، مېنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ: «ساڭا خۇش بېشارەت بولسۇن!، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا: «مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، بىللە ئولتۇرغانلارغا، بىرـ بىرىنى زىيارەت قىلغانلارغا، بىر-بىرىگە بىغىشلىغانلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى، دەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث فضل التحابب في الله، والمراد أن فاعل كل هذه الأمور من الجانبين كما يدل عليه صيغة التفاعل إذا كان لوجه الله -تعالى- لا لعرض فانٍ، ولا لغرض فإنه تجب له محبة مولاه، وهذا أعظم الجزاء فيدل على شرف هذا، وقد ورد «من أحبّ في الله وأبغض في الله وأعطى لله ومنع لله فقد استكمل الإيمان».
ففي قوله: "فقلت والله إني لأحبك لله قال: آلله فقلت: آلله" دليل على أن الأيمان كانت تجري على ألسنتهم على معنى تحقيق الخبر ويؤكد بتكرارها واستدعاء تأكيدها.
وقوله: "فأخذ بحبوة ردائي" يريد بما يحتبي به من الرداء وهو طرفاه.
وقوله: "وجبذني إلى نفسه" على معنى التقريب له والتأنيس وإظهار القبول لما أخبر به وتبشيره بما قاله النبي -صلى الله عليه وسلم- لمن فعل ذلك.
فقال له: "أبشر" يريد بما أنت عليه، فإني سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: قال الله -عزو جل- على معنى إضافة ما يبشره إلى خبر النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو الصادق المصدوق عن ربه -تبارك وتعالى-، ليستيقن أبو إدريس وتتم له البشرى بهذا الخبر, حيث إنه من قول النبي -صلى الله عليه وسلم- عن ربه, لا من اجتهاد معاذ -رضي الله عنه-.
وقوله عزو جل: "وجبت محبتي" يريد ثبتت محبتي لهم.
"للمتحابين والمتجالسين فيَّ" يريد أن يكون جلوسهم في ذات الله -عزو جل- من التعاون على ذكر الله -تعالى- وإقامة حدوده والوفاء بعهده والقيام بأمره وبحفظ شرائعه واتباع أوامره واجتناب محارمه.
   وقوله -تبارك وتعالى- "والمتزاورين فيَّ": يريد -والله أعلم- أن يكون زيارة بعضهم لبعض من أجله وفي ذاته وابتغاء مرضاته من محبة لوجهه أو تعاون على طاعته.
وقوله -تبارك وتعالى-: "والمتباذلين فيَّ": يريد يبذلون أنفسهم في مرضاته من الاتفاق على جهاد عدوه وغير ذلك مما أمروا به ويعطيه ماله إن احتاج إليه.
576;ۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرشۈشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. «بۇ ئىشلار {تفاعل} سىيغىسى ئىپادىلىگەندەك ئىككى تەرەپتىن سادىر بولۇپ، ماددى مەنپەئەت ئۈچۈن، غەرەزلىك ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا بولغاندا پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرشىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى شەرەپلىكىدىن مۇكاپاتىمۇ كاتتا بولغان. يەنە بىر ھەدىستە : «كىم ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن) ياخشى كۆرسە ۋە ئۆچ كۆرسە، ئاللاھ رىزالىقىنى دەپ پۇل-مال بەرسە ۋە چەكلىسە ئۇ كىشى ئىمانىنى پۈتۈنلىگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ھەدىستە: ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن سىلىنى ياخشى كۆرىمەن، دېگەندە، ئاللاھ بىلەن قەسەممۇ؟ دەپ تەكىتلەپ سورىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تىلىدا قەسەم سۆزنى ئېنىقلاش، تەكىتلەش، تەكىتلەشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. «ئۇ مېنىڭ كىيىمىمنىڭ پىشىدىن تۇتۇپ» دېگەن سۆزدىن چاپاننىڭ ئىككى پىشىنى مەقسەت قىلغان. «ئۆزىگە تارتتى» دېگەن سۆزدىن يېقىنلاشتۇرۇش، چىقىشىش، سۆزىنى قوبۇل قىلىش ۋە بۇ ئىشلارنى قىلغان كىشىگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن خۇش-بىشارەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مۇئاز ئىبنى جەبەل ئۇنىڭغا: «خۇش-بىشارەت ئال!، چۈنكى مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ :«ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم» دېگەن ھەدىس ئارقىلىق، بۇ يەردە بىشارەت بەرگەن سۆزنى راس سۆزلۈگۈچى ۋە راس سۆز ئېلىپ كېلىنگۈچى رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تائالادىن ھەدىس بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەبۇ ئىدرىس ئەلخەۋلانىنى ئىشەندۈرۈمەكچى بولغان، چۈنكى بۇ سۆزنى مۇئاز رەسۇلۇللاھتىن، رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزى ئىجتىھاد قىلىپ دېمىگەن. «ئۇلارغا مۇھەببىتىم ۋاجىب بولدى» دېگەن سۆزدىن مەقسەت: مۇھەببىتىم ئۇلارغا مۇستەھكەم بولدى، دېمەكچى. «رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىرـ بىرىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە، مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىللە ئولتۇرغانلارغا» دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئاللاھ تائالانى ئەسلەش، شەرىئەت ئەھكامىنى تۇرغۇزۇش، ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىدە تۇرۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش، شەرىئەتلىرىنى قوغداش، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشتا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغان، دېمەكچى. ئاللاھ تائالانىڭ: «مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقانلار» دېگەن سۆزدىن، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشى پەقەت تائەت ئىبادەتتە ھەمكارلىشىش، ئۆز-ئارا دوسلۇشۇشتا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى، مۇھەببىتىنى، ساۋابىنى كۆزلەپ بولغانلىقى مەقسەت قىلغان. «مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىغىشلاشقانلارغا» دېگەندىن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى دەپ ياۋلارغا قارشى قىلىنغان جىھادلارغا جىنىنى بىغىشلىغان، شەرىئەت بۇيرۇغان ياخشى ئىشلارغا، ئىھتىياجلىق كەمبەغەللەرگە چىقىم قىلغاننى مەقسەت قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3362

 
Hadith   159   الحديث
الأهمية: لولا أن أشق على أمتي؛ لأمرتهم بالسواك عند كل صلاة


باشتېما:

ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: (لولاَ أن أَشُقَّ عَلَى أُمَّتِي؛ لَأَمَرتُهُم بِالسِّوَاك عِندَ كُلِّ صَلاَة).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ناۋادا ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدۇ دېمىسەم ھەر نامازغا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من كمال نصح النبي -صلى الله عليه وسلم- ومحبته الخير لأمته، ورغبته أن يفعلوا كل فعل يعود عليهم بالنفع؛ لينالوا كمال السعادة أن حثهم على التسوك، فهو -صلى الله عليه وسلم- لما علِم من كثرة فوائد السواك، وأثر منفعته عاجلا وآجلا؛ كاد يلزم أمته به عند كل وضوء أو صلاة؛ لورود رواية: (مع كل وضوء)، ولكن -لكمال شفقته ورحمته- خاف أن يفرضه الله عليهم؛ فلا يقوموا به؛ فيأثموا؛ فامتنع من فرضه عليهم خوفاً وإشفاقاً، ومع هذا رغبهم فيه وحضَّهم عليه.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىگە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ياخشىلىقنى ئارزۇ قىلىپ، ئۈممىتى بەخىت-سائادەتكە ئېرشىدىغان ھەر قانداق ئىش بولسا ئۇلارنىڭ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن مىسۋاك ئىشلىتىش، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىسۋاكنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسىنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەنلىكتىن، ئۇلارغا ھەر بىر نامازدا ياكى تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشنى ۋاجىب قىلىشقا ئۇرۇندى-يۇ لېكىن ئۈممىتىگە رەھىم شەپقەت قىلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالانىڭ پەرز قىلىپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ توختاپ قالدى، ئەگەر پەرز بولۇپ قالسا ئۇلار قىلالماي قالسا، گۇناھكار بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرىدى. شۇنداقتىمۇ مىسۋاكنى كۆپ ئىشلىتشكە ئۇلارنى قىزىقتۇردى ۋە ئۈندىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3364

 
Hadith   160   الحديث
الأهمية: سألت النبي -صلى الله عليه وسلم-: أي العمل أحب إلى الله؟ قال: الصلاة على وقتها. قلت: ثم أي؟ قال: بر الوالدين


باشتېما:

مەن رەسۇلۇللاھتىن قايسى ئىش ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ: ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز، دېدى. ئاندىنچۇ؟ دېسەم: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، دېدى

عن عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- قال: (سَأَلتُ النبِيَّ -صلى الله عليه وسلم-: أَيُّ العَمَلِ أَحَبُّ إلى الله؟ قال: الصَّلاَةُ عَلَى وَقتِهَا. قلت: ثم أَيُّ؟ قال: بِرُّ الوَالِدَينِ. قلت: ثم أَيُّ؟ قال: الجِهَادُ في سَبِيلِ الله. قال: حَدَّثَنِي بِهِنَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ولو اسْتَزَدْتُهُ لَزَادَنِي).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھتىن قايسى ئىش ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ: ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز، دېدى. ئاندىنچۇ؟ دېسەم: ئاندىن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، دېدى. ئاندىنچۇ؟ دېسەم. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، دېدى. رەسۇلۇللاھ ماڭا شۇلارنى سۆزلەپ بەردى. ئەگەر مەن يەنە سورىغان بولسام، يەنە دەپ بەرگەن بولاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
سأل ابن مسعود -رضي الله عنه- النبي -صلى الله عليه وسلم- عن الطاعات لله، أيها أحب إلى الله -تعالى-؟ فكلما كان العمل أحب إلى الله، كان ثوابه أكثر.
فقال -صلى الله عليه وسلم- مبينًا: إن أحبها إلى الله -تعالى-، الصلاة المفروضة في وقتها، الذي حدده الشارع لأن فيه المبادرة إلى نداء الله تعالى وامتثال أمره، والاعتناء بهذا الفرض العظيم.
ومن رغبته -رضي الله عنه- في الخير، لم يقف عند هذا، بل سأله عن الدرجة الثانية، من محبوبات الله -تعالى- قال: بر الوالدين.
فإن الأول محض حق الله، وهذا محض حق الوالدين، وحق الوالدين يأتي بعد حق الله، بل إنه -سبحانه- من تعظيمه له يقرن حقهما وبرهما مع توحيده في مواضع من القرآن الكريم، لما لهما من الحق الواجب، مقابل ما بذلاه من التسبب في إيجادك وتربيتك، وتغذيتك، وشفقتهما وعطفهما عليك.
ثم إنه -رضي الله عنه- استزاد من لا يبخل، عن الدرجة التالية من سلسلة هذه الأعمال الفاضلة، فقال: الجهاد في سبيل الله، فإنه ذروة سنام الإسلام وعموده، الذي لا يقوم إلا به، وبه تعلو كلمة اللَه وينشر دينه.
وبتركه -والعياذ بالله- هدم الإسلام، وانحطاط أهله، وذهاب عزهم، وسلب ملكهم، وزوال سلطانهم ودولتهم.
وهو الفرض الأكيد على كل مسلم، فإن من لم يغْزُ، ولم يحدث نفسه بالغزو، مات على شعبة من النفاق.
574;ابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە قايسىسى ئاللاھ تائالاغا بەك سۆيۈملۈك دەپ سورىدى، چۈنكى قايسىسى بەك سۆيۈملۈك بولسا ئۇنىڭ ساۋابىمۇ كاتتا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سوئالىغا تەپسىلى جاۋاب بېرىپ: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىبادەت شەرىئەت بەلگىلىگەن ۋاقتتا ئوقۇلغان ناماز، چۈنكى بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ چاقىرىقىغا ئالدىراش، بۇيرىقىغا بويسۇنۇش، بۈيۈك پەرز ئىبادەتكە كۆڭۈل بۈلۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەبۇ ھۇرەيرە ياخشىلىققا قىزىقىدىغان ساھابە بولغاچقا بۇ سوئال بىلەن توختاپ قالماستىن بۇنىڭدىن قالسا ئىككىنچىسى قايسى ئىكەنلىكىنى سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېدى، بىرىنچىسى خالىس ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى، ئىككىنچىسى خالىس ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدىن كېيىن تۇرىدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا بۇ ھەقكە كۆڭۈل بولگەنلىكتىن قۇرئان كەرىمدىكى بىر قانچە ئورۇنلاردا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش كەلىمىسىنى ئۆزىنىڭ تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن بىللە كەلتۈردى، چۈنكى ئۇلار پەرزەنىتلەرنى تەربىيەلەش، ئۇزۇقلاندۇرۇش، رەھىم شەپقەت قىلىش يولىدا كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەنلىك سەۋەبىدىندۇر. يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە جاۋابقا بېخىللىق قىلمايدىغان كىشىدىن سوئالنى داۋاملاشتۇردى، يۇقىرىقىدىن قالسا قايسى ئەمەللەر تۇرىدىغانلىقىنى سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، دېدى. ئۇ ئىسلام ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ چوقىسى ۋە تۈۋرىكىدۇر. جىھادسىز ئىسلام قەد كۆتەرمەيدۇ، جىھاد بىلەن ئاللاھنىڭ سۆزى ئۈستۈن بولىدۇ ۋە دىنى تارقىلىدۇ. «ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمىز»جىھادنى تاشلاش بىلەن ئىسلام ئاجىزلىشىدۇ، مۇسۇلمانلار چۈشكۈن بولىدۇ، ھۆرمىتى، شان-شەۋكىتى يوقىلىدۇ، ئىقتىساد-ماللىرى مۇسادىر قىلىندۇ، ئۇلارنىڭ دەۋلەت، سەلتەنەتلىرى يوقىلىدۇ. جىھاد ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا تەكىتلەنگەن بىر پەرز، كىمىكى جىھاد قىلماي، جىھاد نىيتىنىمۇ قىلماي ئۆلۈپ كەتسە مۇناپىق ئۆلۈمىدە ئۆلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3365

 
Hadith   161   الحديث
الأهمية: أثقل الصلاة على المنافقين: صلاة العشاء وصلاة الفجر، ولو يعلمون ما فيها لأتوهما ولو حبوًا، ولقد هممت أن آمر بالصلاة فتقام, ثم آمر رجلا فيصلي بالناس, ثم أنطلق معي برجال معهم حزم من حطب إلى قوم لا يشهدون الصلاة فأحرق عليهم بيوتهم بالنار


باشتېما:

مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىدۇر. ئۇلار ئۇ ئىككى نامازنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ كىلىشەتتى. مەن تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇغاندىن كىيىن، بىرىڭلارنى ئىمام بولۇشقا تەيىنلەپ قويۇپ، ئۆزەم بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بىلەن ئوتۇن يىغىپ، جامائەتكە كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇۋەتكۈم كېلىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن    النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «أَثقَل الصَّلاةِ على المُنَافِقِين: صَلاَة العِشَاء، وصَلاَة الفَجر، وَلَو يَعلَمُون مَا فِيها لَأَتَوهُمَا وَلَو حَبْوُا، وَلَقَد هَمَمتُ أًن آمُرَ بِالصَّلاَةِ فَتُقَام، ثُمَّ آمُر رجلاً فيصلي بالنَّاس، ثُمَّ أَنطَلِق مَعِي بِرِجَال معهُم حُزَمٌ مِن حَطَب إلى قَومٍ لاَ يَشهَدُون الصَّلاَة، فَأُحَرِّقَ عَلَيهِم بُيُوتَهُم بالنَّار».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىدۇر. ئۇلار ئۇ ئىككى نامازنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ كىلىشەتتى. مەن تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇغاندىن كىيىن، بىرىڭلارنى ئىمام بولۇشقا تەيىنلەپ قويۇپ، ئۆزەم بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بىلەن ئوتۇن يىغىپ، جامائەتكە كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇۋەتكۈم كېلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لقد كان المنافقون يراؤون الناس، ولا يذكرون الله إلا قليلا، كما أخبر الله -تعالى- عنهم، ويظهر كسلهم في صلاة العشاء وصلاة الفجر؛ لأنهما بوقت ظلام، فما يراهم الناس الذين يصلون؛ لأن َّجلَّ المنافقين نجدهم يقصرون في هاتين الصلاتين اللتين تَقَعان في وقت الراحة ولذة النوم ولا ينشط لأدائهما مع الجماعة إلا من حَدَاه داعي الإيمان بالله -تعالى-، ورجاء ثواب الآخرة، ولمَّا كان الأمر على ما ذكر كانت هاتان الصلاتان أشق وأثقل على المنافقين، ولو يعلمون ما في فعلهما مع جماعة المسلمين في المسجد من الأجر والثواب لأتوهما ولو حبوا كحبو الطفل بالأيدي والركب، وأقسم -صلى الله عليه وسلم- أنَّه قد هم بمعاقبة المتخلفين المتكاسلين عن أدائهما مع الجماعة، وذلك بأن يأمر بالصلاة فتقام جماعة، ثم يأمر رجلًا فيؤم الناس مكانه، ثم ينطلق ومعه رجال يحملون حزمًا من حطب إلى قوم لا يشهدون الصلاة فيحرق عليهم بيوتهم بالنار؛ لشدة ما ارتكبوه في تخلفهم عن صلاة الجماعة، لولا ما في البيوت من النساء والصبيان الأبرياء، الذين لا ذنب لهم، كما ورد في بعض طرق الحديث.
605;ۇناپىقلار ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەندەك، ئەمەللىرىنى كىشىلەر كۆرسۇن دەپ قىلاتتى، ئاللاھ تائالانى ئاز ئەسلەيتتى، ئۇلارنىڭ ئىبادەتتىكى ھورۇنلىقى بامدات نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىدا نامايەن بولاتتى، چۈنكى ئۇ ۋاقىت قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىت بولغاچقا كىشىلەر ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرمەيدۇ. ئارام ئالىدىغان ۋە شىرىن ئۇيقۇ كېلىدىغان بۇ ۋاقىتقا توغرا كەلگەن ئىككى نامازغا كۆپ ساندىكى مۇناپىقلارنىڭ سەل قارايدۇ، بۇ ئىككى نامازغا ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى ئىيمان كەلتۈرگەن ۋە ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى ئۈمىد قىلغان كىشىلەرلا ئاكتىپ بولىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك بۇ ئىككى ناماز مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نامازدۇر. ئۇلار ئۇ ئىككى نامازنى مۇسۇلمانلار بىلەن جامائەت بولۇپ مەسچىتتە ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، مەسچىتكە كىچىك بالا ئۆمىلىگەندەك ئۆمىلەپ بولسىمۇ كېلىپ، نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەسەم ئىچىپ تۇرۇپ، ئۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشتىن ھورۇنلۇق قىلىدىغان كىشىلەرنى جازالاشنى نىيەت قىلغان. ئۇ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇپ، بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا كىشىلەرگە ئىمام بولۇشقا تەيىنلەپ قويۇپ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن ئوتۇن يىغىپ، جامائەتكە كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇۋەتمەكچى بولغان، چۈنكى ئۇلار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشتىن قېلىشتا ئۆتكۈزگەن گۇناھى يامان بولغان، يەنە باشقا ھەدىسلەردە كەلگەندەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئويىدە كىچىك بالىلار، ئاياللار، بىگۇناھ كىشىلەر بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان بولاتتى،- دەپ كەلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3366

 
Hadith   162   الحديث
الأهمية: هل تنصرون وترزقون إلا بضعفائكم؟


باشتېما:

سىلەرگە پەقەت ئاجىزلىرىڭلار سەۋەپلىك ياردەم ۋە رىزىق بىرىلىدۇ

رأى سعد أنَّ له فَضلاً على مَن دُونَه، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «هَل تُنْصَرون وتُرْزَقُون إِلاَّ بِضُعَفَائِكُم؟».
عن أبي الدرداء عويمر -رضي الله عنه- مرفوعاً: «ابغُونِي الضُعَفَاء؛ فَإِنَّما تُنصَرُون وتُرزَقُون بِضُعَفَائِكُم».

سەئد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەرگە پەقەت ئاجىزلىرىڭلار سەۋەپلىك ياردەم ۋە رىزىق بىرىلىدۇ» دېدى. ئەبۇد دەردا ئۇۋەيمىر رەزىيەللاھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «مېنى ئاجىز كىشىلەر ئارىسىدىن ئىزدەڭلار، سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاجىزلىرىڭلار سەۋەبلىك ياردەم ۋە رىزىق بىرىلىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذين الحديثين ما يدل على أنَّ الضعفاء سبب للنصر، وسبب للرزق في الأمة، فإذا حَنَّ عليهم الإنسان وعَطَف عليهم وآتاهم مما آتاه الله -عز وجل-؛ كان ذلك سبباً للنصر على الأعداء، وكان سبباً للرزق؛ لأنَّ الله -تعالى- أخبر أنَّه إِذَا أنفق الإنسان لرَبِّه نفقة فإِنَّ الله -تعالى- يُخلِفُها عليه. قال الله -تعالى-: (وما أنفقتم من شيء فهو يخلفه وهو خير الرازقين)، يُخلفه: أي يأتي بخَلَفِه وبدله.
576;ۇ ئىككى ھەدىس ئاجىزلار ئۈممەتنىڭ غەلبە قىلىشى ۋە رىزىققا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئىنسان ئۇلارغا كۆيۈنۈپ، مېھرىبانلىق قېلىپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن ئۇلارغا بەرسە بۇ ئىش دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ۋە رىزىققا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ رەببى ئۈچۈن سەرپ قىلغان نەرسىسىنى تولۇقلاپ برىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «(ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر» سەبەئ سۈرىسى 39-ئايەت، يەنى: ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى بېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3367

 
Hadith   163   الحديث
الأهمية: تبلغ الحلية من المؤمن حيث يبلغ الوضوء

Esin Hadith Text Uyghur


«مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ» كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ

عن أبي    هريرة -رضي الله عنه- قال قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: ((إن أمتي يُدْعَون يوم القيامة غُرًّا مُحَجَلِّين من آثار الوُضُوء)). فمن اسْتَطَاع منكم أن يُطِيل غُرَّتَه فَليَفعل.
وفي لفظ لمسلم: ((رأَيت أبا هريرة يتوضَّأ, فغسل وجهه ويديه حتى كاد يبلغ المنكبين, ثم غسل رجليه حتى رَفَع إلى السَّاقين, ثم قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: إنَّ أمتي يُدْعَون يوم القيامة غُرًّا مُحَجَّلِين من آثار الوُضُوء)) فمن استطاع منكم أن يطيل غُرَّتَه وتَحْجِيلَه فَليَفعَل.
وفي لفظ لمسلم: سمعت خليلي -صلى الله عليه وسلم- يقول: ((تَبْلُغ الحِليَة من المؤمن حيث يبلغ الوُضُوء)).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە راۋى بۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئىككى قولىنى مۆرىسىگە يېقىن بىر يەرگىچە يۇدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى پاقالچىقىغا يېقىن بىر يەرگىچە يۇيدى، ئاندىن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دېدى: مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ ئەسىرىدىن چىرايلىرى قول-پۇتلىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. «كىمىكى سىلەردىن ئۇ نۇرلىرىنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن» دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: قىيامەت كۈنى مۆئمىننىڭ زىينىتى تاھارەتنى قەيەرگىچە ئالغان بولسا شۇ يەرگىچە بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يبشر النبي -صلى الله عليه وسلم- أمته بأن الله -سبحانه وتعالى- يخصهم بعلامة فضل وشرف يومَ القيامة، من بين الأمم، حيث ينادون فيأتون على رؤوس الخلائق تتلألأ وجوههم وأيديهم وأرجلهم بالنور، وذلك أثر من آثار هذه العبادة العظيمة، وهي الوضوء الذي كرروه على هذه الأعضاء الشريفة ابتغاء مرضاة الله، وطلبا لثوابه، فكان جزاؤهم هذه المحمدة العظيمة الخاصة. ثم يقول أبو هريرة -رضي الله عنه- : "من قدر على إطالة هذه الغرّة فليفعل"؛ لأنه كلما طال مكان الغسل من العضو طالت الغرة والتحجيل، ولكن المشروع فقط أن يكون غسل اليدين في الوضوء إلى المرفقين ويستوعب المرفق بالشروع في العضد وغسل جزء منه، وغسل القدمين إلى الكعبين يستوعب الكعبين بالشروع في الساق، ولا يغسل العضد والساق في الوضوء، وفي الرواية الخرى ينقل عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن حلية المؤمن في الجنة تبلغ ما بلغ ماء الوضوء.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈممىتىنى پۈتۈن ئۈممەتلەر ئىچىدىن قىيامەت كۈنىدە ئالاھىدە بەلگە ۋە شەرەپ بىلەن خاس قىلغانلىقىدىن خۇش بىشارەت بېرىدۇ، ئۇ كۈندە رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى بارلىق ئۈممەتلەر ئارسىدىن چىرايلىرى، پۇت-قوللىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساۋابقا ئېرشىش مەقسىتىدە، ئۇلۇغ ئىبادەت تاھارەتنى كۆپ ئېلىپ، بۇ ئەزەلارنى كۆپ يۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ئالاھىدە شەرەپلىك بولغان. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كىمىكى ئۇ نۇرلارنى كېڭەيتەلىسە كېڭەيتسۇن، دېگەن. تاھارەت ئالغاندا يۇيىدىغان ئەزالارنى كېڭەيتىپ يۇيسا قىيامەت كۈنىدىكى نۇرىمۇ كېڭىيىدۇ، چۈنكى ئۇ نۇر تاھارەت سۈيى يەتكەن يەرگىچە ئۇزۇن بولىدۇ. ئەمما شەرىئەت كۆرسەتكەن يۇيۇش، ئىككى قولنى جەينەككىچە ياكى جەينەكتىن ئازراق ئاشۇرۇپ يۇيۇش، ئىككى پۇتىنى ئۇشۇققىچە ياكى پاقالچاقتىن بىر ئاز يۇيۇش مانا بۇ شەرىئەت كۆرسەتكەن چەك، لېكىن پاقالچاق ياكى جەينەك ئۈستىنى يۇيۇشنى شەرىئەت يولغا قويمىغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   مۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3368

 
Hadith   164   الحديث
الأهمية: ما فرق هؤلاء؟ يجدون رقة عند محكمه، ويهلكون عند متشابهه


باشتېما:

ئۇلار نېمىدىن قورقىدۇ؟ مەنالىرى ئوچۇق ئايەتنى قۇبۇل قىلىدىغان، چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغان

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- أنه رأى رجلا انْتَفَضَ لما سمع حديثا عن النبي صلى الله عليه وسلم في الصفات -استنكارا لذلك– فقال: "ما فَرَقُ هؤلاء؟ يجدون رِقَّةً عند مُحْكَمِهِ، ويَهْلِكُونَ عند مُتَشَابِهِهِ" .

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن بايان قىلىنغان، ئاللاھنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى توغرۇلۇق كەلگەن بىر ھەدىسنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى كۆرگەندە، غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەن: ئۇلار نېمىدىن قورقىدۇ؟ مەنالىرى ئۇچۇق ئايەتنى قۇبۇل قىلىدىغان، چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ينكر ابن عباس -رضي الله عنهما- على أناس ممن يحضر مجلسه من عامة الناس يحصل منهم خوفٌ عندما يسمعون شيئا من أحاديث الصفات ويرتعدون استنكارا لذلك، فلم يحصل منهم الإيمان الواجب بما صح عن رسول الله -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- وعرفوا معناه من القرآن وهو حق لا يرتاب فيه مؤمن، وبعضهم يحمله على غير معناه الذي أراده الله فيهلك بذلك.
574;ابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۆزىنىڭ دەرسىگە قاتنىشىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئەيىپلىدى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى توغرۇلۇق ھەدىسلەرنى ئاڭلىغاندا بۇنى قوبۇل قىلالماي قورققىنىدىن تىترەپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ يول ئارقىلىق كەلگەن ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىدىن چۈشەنگنىگە قارىتا تېگىشلىك ئىمان ئېيتماستىن ئۇ مەنىلەرنى ئاللاھ تائالا مەقسەت قىلغان مەنىلەردىن باشقا مەنىلەرگە قارىتىشقا ئۇرىنىدۇ. بۇ مۆمىن كىشى شەك قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ئەبى ئاسىم"سۈننە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3376

 
Hadith   165   الحديث
الأهمية: كان عمر -رضي الله عنه- يُدْخِلُنِي مع أَشْيَاخِ بَدْرٍ فَكَأَنَّ بَعْضَهُم وَجَدَ في نفسه


باشتېما:

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى نارازى بولغاندەك قىلدى

عن عبد الله ابن عباس -رضي الله عنهما- كان عمر -رضي الله عنه- يُدْخِلُنِي مع أَشْيَاخِ بَدْرٍ فَكَأَنَّ بَعْضَهُم وَجَدَ في نفسه، فقال: لم يُدْخِلُ هذا معنا ولنا أبناءٌ مثله؟! فقال عمر: إنه من حَيْثُ عَلِمْتُمْ! فدعاني ذاتَ يومٍ فأَدَخَلَنِي مَعَهُمْ فما رأيتُ أنه دعاني يَوْمَئِذٍ إلا لِيُرِيَهُم، قال: ما تقولون في قول الله:(إذا جاء نصر الله والفتح)، [الفتح: 1]، فقال بعضهم: أَمَرَنَا نَحْمَدُ اللهَ ونَسْتَغْفِرُهُ إذا نصرنا وفَتَحَ علينا، وسكتَ بعضُهُم فَلَمْ يَقُلْ شيئًا، فقال لي: أكذلك تقولُ يا ابنَ عباس؟ فقلت: لا، قال: فما تقول؟ قلت: هو أَجَلُ رسولِ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- أَعْلَمَهُ له، قال: "إذا جاء نصر الله والفتح" وذلك علامةُ أجلِكَ، "فسبح بحمد ربك واستغفره إنه كان توابا" فقال عمر -رضي الله عنه-: مَا أَعْلَمُ مِنْهَا إلَّا مَا تَقُولُ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى نارازى بولغاندەك قىلىپ، بىزنىڭ بۇنىڭ يېشىدا باللىرىمىز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ سورۇنىمىزغا بۇ بالىنى باشلاپ كىرىدۇ، دېگەندە، ئۆمەر: سىلەر بىلگەن بىر سەۋەپتىن، دېدى. بىر كۈنى مېنى چاقىرىپ ئۇلارنىڭ بىر سورۇنىغا ئېلىپ كىردى، مەن: ئۆمەر مېنى شۇ كۈنى ئۇلارغا كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن چاقىردى، دەپ ئويلۇدۇم. ئۆمەر: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگەن سۆزى ھەققىدە نېمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىدى، بەزىلىرى: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ۋە ئىستىغفار ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى، بەزىلىرى بىر نەرسە دېمەي، جىم تۇرۇشتى. ئۆمەر مەندىن: ئى ئىبنى ئابباس! سەنمۇ شۇنداق دەپ قارامسەن؟ دەپ سورىدى، مەن: ياق، دېدىم. ئۇ: سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ باقايلى، ـ دېدى. مەن: بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەجىلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەجىلىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» بۇ سېنىڭ ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتىدۇر «رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇ-سانا ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېدى، ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان من هدي عمر -رضي الله عنه- أنه يشاور الناس ذوي الرأي فيما يُشكِلُ عليه، وكان يُدخل مع أشياخ بدر وكبار الصحابة عبد الله بن عباس وكان صغير السن بالنسبة لهؤلاء، فغضبوا من ذلك، كيف يُدخل ابن عباس -رضي الله عنهما- ولا يُدخل أبناؤهم، فأراد عمرُ أن يريهم مكانة عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما- من العلم والذكاء والفطنة، فجمعهم ودعاه، فعرض عليهم هذه السورة: {إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجاً فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا}، فانقسموا إلى قسمين لما سألهم عنها ما تقولون فيها؟ قسمٌ سكت، وقسمٌ قال: إن الله أمرنا إذا جاء النصر والفتح، أن نستغفر لذنوبنا، وأن نحمده ونسبح بحمده؛ ولكن عمر -رضي الله عنه- أراد أن يعرف ما مغزى هذه السورة، ولم يرد أن يعرف معناها من حيث الألفاظ والكلمات.
فسأل ابن عباس -رضي الله عنهما- قال: ما تقول في هذه السورة؟ قال: هو أجل رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، يعني علامة قرب أجله، أعطاه الله آية: {إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ} يعني فتح مكة، فإن ذلك علامة أجلك؛ {فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا} فقال: ما أعلم فيها إلا ما علمت.
وظهر بذلك فضل عبد الله بن عباس -رضي الله عنهما-.
602;ىيىن ئىشلاردا ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادىتى ئىدى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، بۇلارغا نىسبەتەن ئىبنى ئابباسنىڭ يېشى كىچىك ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: نىمە ئۈچۈن ئابباسنىڭ ئوغلىنى ئەكىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوغلىنى ئەكىرمەيدۇ؟ دەپ نارازى قىلدى. ئۆمەر ئۇلارغا ئىبنى ئابباسنىڭ ئىلمى ساپاسىنى، زىرەك ۋە چېچەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ، ئۇلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگۈنۈڭدە رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېگەن سۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلاردىن: بۇ سۈرە توغرۇلۇق نىمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى سۈكۈت قىلدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا گۇناھلىرىمىزغا ئىستىغفار ئېيتىشقا، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى. لىكىن ئۆمەر ئۇلاردىن بۇ ئايەتنىڭ يۈزەكى سۆز مەنىسىنى ئەمەس بەلكى مەقسىدىنى سورىغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى ئابباستىن: سەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگە نېمە دەپ قارايسەن؟ دەپ سورىدى، ئىبنى ئابباس: ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئەجىلى يەنى: ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارايمەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگىنى، يەنى: مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، ئۇ پەتھى ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتى، «رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر». ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى نامايەن بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3377

 
Hadith   166   الحديث
الأهمية: ما مِنْ يومٍ يُصْبِحُ العِبادُ فيهِ إلا مَلَكَانِ يَنْزِلَانِ، فيقولُ أَحَدُهُمَا: اللهُمَّ أَعْطِ مُنْفِقًا خَلَفًا، ويقولُ الآخَرُ: اللهُمَّ أَعْطِ مُمْسِكًا تَلَفًا


باشتېما:

كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «ما مِنْ يومٍ يُصْبِحُ العِبادُ فيهِ إلا مَلَكَانِ يَنْزِلَانِ، فيقولُ أَحَدُهُمَا: اللهُمَّ أَعْطِ مُنْفِقًا خَلَفًا، ويقولُ الآخَرُ: اللهُمَّ أَعْطِ مُمْسِكًا تَلَفًا».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ: «كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا يمر على الناس يوم إلا وملكان ينزلان، فيقول أحدهما: اللهم أعط من أنفق ماله في الخير كالطاعات وعلى العيال والضيفان عوضا، في الدنيا والآخرة، ويقول الآخر: اللهم أهلك البخيل الذي يمسك عما أوجب الله عليه من بذل المال فيه هو وماله.
603;ىشىلەرگە ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىرى: ئى ئاللاھ، پۇل-مېلىنى تائەت-ئىبادەتكە ئوخشاش ياخشىلىققا، ئائىلىسىگە ۋە مېھمانلىرىغا چىقىم قىلغان كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، سەن ۋاجىپ قىلغان پۇل-مال سەرىپ قىلىشدىن ئۆزىنى تارتقان بېخىلنى ۋە مېلىنى ھالاك قىلغىن، دەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3379

 
Hadith   167   الحديث
الأهمية: أخوف ما أخاف عليكم: الشرك الأصغر، فسئل عنه، فقال: الرياء


باشتېما:

مەن سىلەر توغرسىدا ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشىم، كىچىك شېرىكتۇر، دېدى. ئۇ نېمە؟ دەپ سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ: رىياخورلۇق دېدى

عن محمود بن لبيد -رضي الله عنه- مرفوعاً: "أَخْوَفُ ما أخاف عليكم: الشرك الأصغر، فسئل عنه، فقال: الرياء".

مەھمۇد ئىبنى لەبىدتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن سىلەر توغرسىدا ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشىم، كىچىك شېرىكتۇر، دېدى. ئۇ نېمە؟ دەپ سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ: رىياخورلۇق دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبرنا النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث أنه يخاف علينا، وأكثر ما يخاف علينا من الشرك الأصغر، وذلك لما اتصف به -صلى الله عليه وسلم- من كمال العطف والرحمة بأمته، والحرص على ما يصلح أحوالهم، ولما عرفه من قوة أسباب الشرك الأصغر الذي هو الرياء وكثرة دواعيه، فربما دخل على المسلمين من حيث لا يعلمون فيضر بهم؛ لذا حذرهم منه وأنذرهم.
585;ەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىستە ئۈممىتىدە يۈز بىرىدىغان گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن خەۋەر بەرگەن، ئۇلاردا كىچىك شېرىكتىن ئىبارەت قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىگە ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە مىھرىبان ئىدى، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدىغان ھەر قانداق ئىشلارغا قىزىقاتتى، كىچىك شېرىكنىڭ ئۈممەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۇلارنى بۇ گۇناھتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. كىچىك شېرىك رىياخورلۇق بولۇپ، بۇ ئىش مۇسۇلمانلاردا يۈز بەرسە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3381

 
Hadith   168   الحديث
الأهمية: أليس يحرمون ما أحل الله فتحرمونه؟ ويحلون ما حرم الله فتحلونه؟ فقلت: بلى، قال: فتلك عبادتهم


باشتېما:

ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاشۇ ئىبادەت قىلغانلىق، دېدى

عن عدي بن حاتم -رضي الله عنه-: "أنه سمع النبي -صلى الله عليه وسلم- يقرأ هذه الآية: "اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلاَّ لِيَعْبُدُوا إِلَهًا وَاحِدًا لا إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ" فقلت له: إنا لسنا نعبدهم، قال: أليس يُحَرِّمُونَ ما أحل الله فتُحَرِّمُونَهُ؟ ويُحِلُّونَ ما حَرَّمَ الله فتُحِلُّونَهُ؟ فقلت: بلى، قال: فتلك عبادتهم".

ئۇدەي ئىبنى ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن بۇ ئايەتنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «ئۇلار ھاخام ۋە پوپلارنى مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى، ھالبۇكى ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر» مەن: بىز ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايتتۇق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاشۇ ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
حينما سمع هذا الصحابي الجليل تلاوة الرسول -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- لهذه الآية التي فيها الإخبار عن اليهود والنصارى: بأنهم جعلوا علماءهم وعبّادهم آلهة لهم يشرعون لهم ما يخالف تشريع الله فيطيعونهم في ذلك، استشكل معناها، لأنه كان يظن أن العبادة مقصورة على السجود ونحوه، فبين له الرسول -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- أن من عبادة الأحبار والرهبان: طاعتهم في تحريم الحلال وتحليل الحرام، خلاف حكم الله -تعالى- ورسوله -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ-.
576;ۇ ئۇلۇغ ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇ ئايەتلەردە يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ قىسىسىلىرى سۆزلەنگەن ئىدى. ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا: «ئۇلار ئالىملرىنى ۋە پەرزگاھ راھىبلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى قويۇپ، ئالىملىرى چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنغان دېيىلگەن» بۇ ئايەتنىڭ مەنىلرىنى ئۇدەي ئىبنى ھاتەم چۈشىنەلمىگەن، ئۇ، ئىبادەت دېگەن رۇكۇئ ۋە سەجدىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ دەپ چۈشەنگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: راھىب ۋە پوپلارغا ئىبادەت قىلىش بولسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە قارشى ھالدا قانۇن چىقارسا، ھالالنى ھارام قىلسا، ھارامنى ھالال قىلسا ئۇ ئىشلاردا بۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3384

 
Hadith   169   الحديث
الأهمية: جاء حبر من الأحبار إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: يا محمد، إنا نجد أن الله يجعل السماوات على إصبع، والأرضين على إصبع


باشتېما:

بىر يەھۇدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، زىمىنلارنى بىر بارماقتا، دەرەخلەرنى بىر بارماقتا، سۇنى بىر بارماقتا، نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا تۇتۇپ، پادىشاھ مەندۇرمەن، دەيدىغانلىقىنى بىلىمىز، دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈنگىدەك كۈلدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زىمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئىبارىدە: تاغلار ۋە دەرەخلەرنى بىر بارماقتا تۇتۇپ ئاندىن ئۇلارنى سىلكىپ تۇرۇپ دەيدۇ: مەن پادىشاھدۇرمەن مەن ئاللاھ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، سۇ بىلەن نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا باشقا مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بارماقتا تۇتىدۇ، دېگەن

عن ابن مسعود -رضي الله عنه- قال: "جاء حَبْرٌ من الأحبار إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: يا محمد، إنا نجد أن الله يجعل السماوات على إِصْبَعٍ، والأَرَضَينَ على إِصْبَعٍ، والشجر على إِصْبَعٍ، والماء على إِصْبَعٍ، والثَّرَى على إِصْبَعٍ، وسائر الخلق على إِصْبَعٍ، فيقول: أنا الملك، فضحك النبي -صلى الله عليه وسلم- حتى بَدَتْ نَوَاجِذَهُ تَصْدِيقًا لقول الحبر، ثم قرأ: (وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ).
وفي رواية لمسلم: "والجبال والشجر على إِصْبَعٍ، ثم يَهُزُّهُنَّ فيقول: أنا الملك، أنا الله".
وفي رواية للبخاري: "يجعل السماوات على إِصْبَعٍ، والماء والثَّرَى على إِصْبَعٍ، وسائر الخلق على إِصْبَعٍ".

بىر يەھۇدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، زىمىنلارنى بىر بارماقتا، دەرەخلەرنى بىر بارماقتا، سۇنى بىر بارماقتا، نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا تۇتۇپ، پادىشاھ مەندۇرمەن، دەيدىغانلىقىنى بىلىمىز، دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈنگىدەك كۈلدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زىمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئىبارىدە: تاغلار ۋە دەرەخلەرنى بىر بارماقتا تۇتۇپ ئاندىن ئۇلارنى سىلكىپ تۇرۇپ دەيدۇ: مەن پادىشاھدۇرمەن مەن ئاللاھ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، سۇ بىلەن نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا باشقا مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بارماقتا تۇتىدۇ، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبرنا ابن مسعود -رضي الله عنه- أن رجلا من علماء اليهود جاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- وذكر له أنهم يجدون في كتبهم أن الله -سبحانه- يوم القيامة يجعل السموات على إصبع، والأرضين على إصبع، والشجر على إصبع، والثرى على إصبع، وفي رواية: والماء على إصبع، وسائر المخلوقات على إصبع، من أصابعه -جل وعلا-، وهي خمسة كما في الروايات الصحيحة، وليست كأصابع المخلوقين، وأنه يظهر شيئا من قدرته وعظمته عزوجل فيهزهن ويعلن ملكه الحقيقي، وكمال تصرفه المطلق وألوهيته الحقة.
فضحك النبي -صلى الله عليه وسلم- حتى بدت نواجذه تصديقا لقول الحبر، ثم قرأ: {وَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالأَرْضُ جَمِيعاً قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ}.
574;ابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىزگە بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: يەھۇدى ئالىملىرىدىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، تەۋراتتا ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن ئاسمانلارنى بىر بارمىقىدا، زىمىنلارنى بىر بارمىقىدا دەرەخلەرنى بىر بارمىقىدا نەم تۇپراقنى بىر بارمىقىدا، يەنە بىر ئىبارىدە سۇنى بىر بارمىقىدا بارلىق مەخلۇقلارنى بارماقلىرىدىن بىر بارمىقىدا تۇتىدىغانلىقى توغۇرلۇق سۆز بارلىقىنى بايان قىلغان، سەھىھ كەلگەن رىۋايەتلاردە بەش بارماق دەپ كەلگەن، ئەمام ئاللاھنىڭ بارماقلىرى ئىنسانلارنىڭ بارماقلىرىدەك بولماستىن بەلكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇدرەت-كامالىنى نامايەن قىلىپ يۇقىرىدىكى بارلىق مەخلۇقلىرىنى قاتتىق سىلكىيدۇ، ئۆزىنىىڭ ھەقىقى پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە مۇتلەق سەلتەنەتى، بەرھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ، دېگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەھۇدى ئالىمنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈلگۈدەك كۈلدى. ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زېمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3386

 
Hadith   170   الحديث
الأهمية: كنت أغسل الجنابة من ثوب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فيخرج إلى الصلاة، وإن بقع الماء في ثوبه


باشتېما:

مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى يۇيۇۋىتەتتىم، ئاشۇ ھۆل كىيىم بىلەن نامازغا چىقىۋېرەتتى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: ((كُنْت أَغْسِلُ الْجَنَابَةَ مِنْ ثَوْبِ رَسُولِ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- فَيَخْرُجُ إلَى الصَّلاةِ، وَإِنَّ بُقَعَ الْمَاءِ فِي ثَوْبِهِ)).
وَفِي رواية: ((لَقَدْ كُنْتُ أَفْرُكُهُ مِنْ ثَوْبِ رَسُولِ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- فَرْكاً، فَيُصَلِّي فِيهِ)).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى يۇيۇۋىتەتتىم، ئاشۇ ھۆل كىيىم بىلەن نامازغا چىقىۋېرەتتى. يەنە بىر ھەدىستە «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنينى ئۇۋلىۋىتەتتىم، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقىۋىرەتتى» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تذكر عائشة -رضي الله عنها-: أنه كان يصيب ثوب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- المني من الجنابة، فتارة يكون رطبا فتغسله من الثوب بالماء، فيخرج إلى الصلاة، والماء لم يجف من الثوب، وتارة أخرى، يكون المني يابسًا، وحينئذ تفركه من ثوبه فركًا، فيصلى فيه.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىزگە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىمىگە گاھىدا مەني يۇقۇپ كەتكەندە، ھۆل ھالىتىدە بولسا ئۇنى يۇيىۋېتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ كىيىمى قۇرىمىسىمۇ نامازغا چىقىۋىرىدىغانلىقىنى، گاھىدا مەنىي قۇرۇق بولسا ئۇنى ئۇۋلاپ چىقىرىۋىتىدىغانلىقىنى، شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇۋىرىدىغانلىقىنى، بايان قىلىپ بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3388

 
Hadith   171   الحديث
الأهمية: انطلقت في وفد بني عامر إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقلنا: أنت سيدنا، فقال السيد الله -تبارك وتعالى-


باشتېما:

مەن بەنى ئامىر گۇرۇپپىسى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھوزۇرىغا باردىم، بىز: ئۆزلىرى بىزنىڭ سەييىدىمىز دېگىنىمىزدە، رەسۇلۇللاھ: ھەقىقىي سەييىد ئاللاھ تائالا، دېدى

عن عبد الله بن الشخير -رضي الله عنه- قال: "انطلقت في وفد بني عامر إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقلنا: أنت سيدنا. فقال السيد الله -تبارك وتعالى-. قلنا: وأَفْضَلُنَا فَضْلًا وأَعْظَمُنْا طَوْلًا. فقال: قولوا بقولكم أو بعض قولكم، ولا يَسْتَجْرِيَنَّكُمُ الشيطان".

ئابدۇللاھ ئىبنى شەخىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بەنى ئامىر ۋەكىللىرى بىلەن مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا باردىم، بىز: سىلى بىزنىڭ خوجىمىز، دېگىنىمىزدە رەسۇلۇللاھ: ھەقىقىي خوجا ئاللاھ تائالا، دېدى. بىز: سىلى بىزنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىمىز، چوڭىمىز، دېگىنىمىزدە رەسۇلۇللاھ: مېنى بۇنىڭغا ئوخشاش ۋە بۇنىڭدىنمۇ ئاددى سۆزلەر بىلەن چاقىرىڭلار، شەيتان سىلەرنى ئازدۇرمىسۇن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما بالغ هذا الوفد في مدح النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- نهاهم عن ذلك؛ تأدبًا مع الله -سبحانه- وحماية للتوحيد، وأمرهم أن يقتصروا على الألفاظ التي لا غلوّ فيها ولا محذور؛ كأن يدعوه بمحمد رسول الله، كما سماه الله -عز وجل-، أو: نبي الله، أو: أبا القاسم، وحذرهم من أن يتخذهم الشيطان وكيلًا عنه في الأفعال التي يوسوس بها لهم.
576;ەنى ئامىر ۋەكىللىرى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختىغاندا ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن توستى، تەۋھىد ئەقىدىسىنى قوغدىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا تۆۋەنچىلىك ۋە كەمتەرلىك قىلغانلىقتىن توستى. ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە چەكلەنگەن ۋە مۇبالىغە قىلىنغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىككە بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى نېمە دەپ چاقىرغان بولسا شۇنداق چاقىرىشقا بۇيرىدى، شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ ئۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۆزىگە ياردەمچە قىلىۋىلىشىدىن ئاگاھلاندۇردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3389

 
Hadith   172   الحديث
الأهمية: إنك تأتي قوما من أهل الكتاب، فليكن أولَ ما تدعوهم إليه شهادة أن لا إله إلا الله


باشتېما:

سەن ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قەۋمنىڭ قېشىغا كېتىپ بارىسەن، ئۇلارنى بىرىنچى نۆۋەتتە چاقىرىدىغىنىڭ«لا ئىلاھە ئىللەللاھ» بىر ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، دېگەن سۆز بولسۇن

عن ابن عباس -رضي الله عنهما-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- لما بعث معاذا إلى اليمن قال له: "إنك تأتي قوما من أهل الكتاب، فليكن أولَ ما تدعوهم إليه شهادة أن لا إله إلا الله" -وفي رواية: "إلى أن يوحدوا الله-، فإن هم أطاعوك لذلك فأعلمهم أن الله افترض عليهم خمس صلوات في كل يوم وليلة، فإن هم أطاعوك لذلك فأعلمهم أن الله افترض عليهم صدقة تؤخذ من أغنيائهم فَتُرَدُّ على فقرائهم، فإن هم أطاعوك لذلك فإياك وكَرَائِمَ أموالِهم، واتق دعوة المظلوم فإنه ليس بينها وبين الله حجاب".

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەلنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: سەن ئەھلى كىتابتىن بولغان بىر قەۋمنىڭ قېشىغا كېتىپ بارىسەن، ئۇلارنى بىرىنچى نۆۋەتتە چاقىرىدىغىنىڭ«لا ئىلاھە ئىللەللاھ» بىر ئىلاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، دېگەنگە چاقىرغىن، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا چاقىرغىن، دېگەن. ئەگەر ئۇلار بۇ ھەقتە ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئەگەر بۇ ھەقتە ساڭا بويسۇنسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بايلىرىدىن ئېلىپ كەمبەغەللىرىگە بېرىدىغان سەدىقىنى پەرز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگىن، ئەگەر بۇنىڭغا بويسۇنسا، ماللىرىنىڭ ئېسىلىنى ئېلىشتىن ئاگاھ بولغىن، مەزلۇمنىڭ بەددۇئاسىدىن ساقلانغىن، چۈنكى ئۇنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىلىقىدا پەردە بولمايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- لما وجه معاذ بن جبل -رضي الله عنه- إلى إقليم اليمن داعيا إلى الله ومعلما، رسم له الخطة التي يسير عليها في دعوته، فبين له أنه سيواجه قوما أهل علم وجدَل من اليهود والنصارى؛ ليكون على استعداد لمناظرتهم ورد شبههم، ثم ليبدأ في دعوته بالأهم فالأهم، فيدعو الناس إلى إصلاح العقيدة أولا؛ لأنها الأساس، فإذا انقادوا لذلك أمرهم بإقام الصلاة، لأنها أعظم الواجبات بعد التوحيد، فإذا أقاموها أمر أغنياءهم بدفع زكاة أموالهم إلى فقرائهم؛ مواساة لهم وشكرا لله، ثم حذّره من أخذ جيد المال؛ لأن الواجب الوسط، ثم حثّه على العدل وترك الظلم؛ لئلا يدعو عليه المظلوم ودعوتُه مستجابة.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە دەۋەت قىلىش، دىنىي تەلىم بىرىشكە ئەۋەتكەندە ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى، مۇئاز يەمەنگە بارغىنىدا يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ ئالىملىرى ۋە مۇنازىرچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە مۇنازىرە ۋە ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىشكە تەييارلقتا تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇ يەرگە بارغاندا بىرىنچى قىلىپ مۇھىم، ئاساسلىق پىرىنسىپال مەسىلىلەردىن باشلاشنى تەكىتلىدى، تۈنجى قەدەمدە ئۇلارنىڭ تەۋھىد-ئەقىدىسىنى تۈزەشكە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى دېدى. چۈنكى ئۇ ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئۇلىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا بۇيسۇنۇپ ئىمان ئېيتسا، ئىككىنچى نۆۋەتتە نامازنى ئادا قىلىشقا چاقىرشنى دېدى، چۈنكى ناماز تەۋھىدتىن قالسا ئەڭ چوڭ پەرز، ئۇلار بۇنىڭغىمۇ بويسۇنسا، ئاللاھ تائالاغا شۈكرى قىلغان ۋە كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلغان ئاساستا بايلىرىدىن ئېلىپ كەمبەغەللىرىگە بىرىلىدىغان زاكاتنى بىرىشكە چاقىرىشنى تەكىتلىدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىلىنى ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئورتاھاللىرىنى ئېلىشقا تەۋسىيە قىلدى. يەنە مۇئازنى ئادىل بولۇشقا، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلماسلىققا بۇيرىدى، چۈنكى زۇلۇمغا ئۈچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەتتۇر، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3390

 
Hadith   173   الحديث
الأهمية: ارفع رأسك وقل يُسمع، وسل تُعط، واشفع تُشفَّع


باشتېما:

بېشىڭنى كۆتۈرگىن ، سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ. سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعاً: أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم-: "أنه يأتي فيسجد لربه ويحمده [لا يبدأ بالشفاعة أولا]، ثم يقال له: "ارفع رأسك وقل يُسمع، وسَلْ تُعط، واشفع تُشفَّع".

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بىرىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ قىيامەت كۈنى» ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېلىپ سەجدە قىلىدۇ ۋە ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ، بىرىنچى قېتىمدىلا شاپائەت تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ. خالىغىنىڭنى سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يأتي رسول الله –صلى الله عليه وسلم -    يوم القيامة فيسجد لله، ويدعو، ثم يأذن الله له في الشفاعة العظمى، ويقول له ربه: سل تعط واشفع تشفع، أي سؤالك مقبول وشفاعتك مقبولة.
602;ىيامەت كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۈيۈك شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا دەيدۇ: ئى مۇھەممەد! سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، خالىغىنىڭنى سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3393

 
Hadith   174   الحديث
الأهمية: أولئكِ إذا مات فيهم الرجل الصالح أو العبد الصالح بنوا على قبره مسجدا، وصوروا فيه تلك الصور، أولئكِ شرار الخلق عند الله


باشتېما:

ئۇممۇ سەلەمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەبەشىستان دىيارىدا بىر چىركاۋنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى سىزما سۈرەتلەر ھەققىدە بايان قىلىپ بەرگەندە، رەسۇلۇللاھ: ۇلار ئىچىدىن بىرەر سالىھ كىشى ياكى ياخشى بەندە ئۆلۇپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە مەسچىد بىنا قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مەسچىتلەرگە سىزىۋالاتتى. كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۇلۇغلىشى ئىبادەت تۈسى ئالغان بولۇپ، ئەنە شۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ناچار مەخلۇقلىرىدۇر، دېدى

عن عائشة -رضي الله عنها-: "أن أم سلمة ذكرت لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- كنيسة رأتها بأرض الحبشة وما فيها من الصور، فقال: أولئك إذا مات فيهم الرجل الصالح أو العبد الصالح بنوا على قبره مسجدا، وصوروا فيه تلك الصور، أولئك شرار الخلق عند الله".

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇممۇ سەلەمە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەبەشىستان دىيارىدا بىر چىركاۋنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىزما سۈرەتلەرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئۇلار ئىچىدىن بىرەر سالىھ كىشى ياكى ياخشى بەندە ئۆلۇپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە مەسچىد بىنا قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى مەسچىتلەرگە سىزىۋالاتتى. كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۇلۇغلىشى ئىبادەت تۈسى ئالغان بولۇپ، ئەنە شۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ناچار مەخلۇقلىرىدۇر، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن أمّ سلمة وصفت عند النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- وهو في مرض الموت ما شاهدته في معبد النصارى من صور الآدميّين، فبين -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- السبب الذي من أجله اتخذوا هذه الصور؛ وهو الغلو في تعظيم الصالحين؛ مما أدى بهم إلى بناء المساجد على قبورهم ونصب صورهم فيها، ثم بيّن حكم من فعل ذلك بأنهم شرار الناس؛ لأنهم جمعوا بين محذورين في هذا الصنيع هما: فتنة القبور باتخاذها مساجد، وفتنة تعظيم التماثيل مما يؤدي إلى الشرك.
574;ۇممۇ سەلەمە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەكىراتتىكى ۋاقىتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەبەشىستاندىكى چىركاۋلاردا كىشىلەرنىڭ تامغا سىزىلغان سۈرەتلىرىنى كۆرگەنلىكىنى سۈپەتلەپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر سۈرەتلەرنى سىزغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلار ياراملىق، تەقۋادارلار كىشىلەرنى بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان، سالىھ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەندە قەبرە ئۈستىگە مەسجىد سېلىۋالاتتى ۋە ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېسىۋالاتتى، كېيىنچە ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۇ كىشىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بۇ ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەڭ ناچار مەخلۇقلىرىدۇر، دېگەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى شەرىئەت ئىككى تەرەپتىن چەكلىگەن. بىرىنچىسى: قەبرە ئۈستىگە مەسجىد بىنا قىلىش پىتنىسى، ئىككىنچىسى: شېرىكلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھەيكەللەرنى ئۇلۇغلاش پىتنىسى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3394

 
Hadith   175   الحديث
الأهمية: لا عدوى ولا طيرة ولا هامة ولا صفر


باشتېما:

كېسەل يۇقۇش، قۇشلاردىن، ھۇقۇشتىن، مەددە قۇرىتتىن شۇم پال ئېلىش يوق

عن أبي هريرة    -رضي الله عنه- مرفوعاً: "لا عَدْوَى ولا طِيَرَة ولا هَامَةَ ولا صَفَرَ" أخرجاه.
   زاد مسلم "ولا نَوْءَ ولا غُولَ".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېسەل يۇقۇش، قۇشلاردىن، ھۇقۇشتىن، مەددىدىن شۇم پال ئېلىش يوق» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى. مۇسلىم: «ئاينىڭ چىقىش ئورۇنلىرىدىن ۋە ئېزىتقۇدىن شۇم پال ئېلىش يوق» دېگەن سۆزلەرنى ئارتۇق رىۋايەت قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كانت الجاهلية تعج بكثير من الخرافات والأوهام التي لا تستند إلى برهان، أراد الإسلام أن يقي أتباعه من تلك الأباطيل، فأنكر ما كان يعتقده المشركون في هذه الأشياء المذكورة في الحديث، فبعضها نفى وجوده أصلا كالطيرة، والبعض الآخر نفى تأثيره بنفسه؛ لأنه لا يأتي بالحسنات إلا الله، ولا يدفع السيئات إلا هو.
580;اھىلىيەتتە دەلىلگە تايانمايدىغان ۋەھىمىلەر ۋە خۇراپىيلىقلار ئەۋج ئالغان بولغاچقا ئىسلام ئەگەشكۈچىلەرنى بۇنداق قۇرۇق گەپلەردىن ساقلاشنى ئىرادە قىلىپ، ھەدىستە بايان قىلىنغان بۇ ئىشلاردىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىنى ئېنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ قۇشلار بىلەن شۇم پال ئېلىشقا ئوخشاش بەزىلىرىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى ئىنكار قىلدى، چۈنكى ياخشىلىقلارنى پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ ۋە يامانلىقلارنىمۇ پەقەت ئاللاھلا قايتۇرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3407

 
Hadith   176   الحديث
الأهمية: لأعطين الراية غدا رجلا يحب الله ورسوله ويحبه الله ورسوله، يفتح الله على يديه


باشتېما:

ئەتە بايراقنى چوقۇم، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن پەتھىنى نېسىپ قىلىدۇ

عن سهل بن سعد الساعدي -رضي الله عنه- مرفوعاً: "لأعطين الراية غدا رجلا يحب الله ورسوله ويحبه الله ورسوله، يفتح الله على يديه، فبات الناس يدوكون ليلتهم أيهم يعطاها فلما أصبحوا غدوا على رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كلهم يرجو أن يعطاها: فقال: أين علي بن أبي طالب؟ فقيل: هو يشتكي عينيه، فأرسلوا إليه فأتي به، فبصق في عينيه، ودعا له فبرأ كأن لم يكن به وجع، فأعطاه الراية فقال: انفذ على رسلك حتى تنزل بساحتهم، ثم ادعهم إلى الإسلام وأخبرهم بما يجب عليهم من حق الله -تعالى- فيه، فوالله لأن يهدي الله بك رجلا واحدا خير لك من حمر النعم".

سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئەتە بايراقنى چوقۇم، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن پەتھىنى نېسىپ قىلىدۇ دېۋىدى، كىشىلەر شۇ كېچىسى، ئۇ بايراق كىمگە بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش - تارتىش قىلىشىپ چىقىشتى. تاڭ ئېتىۋىدى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايراقنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ قېنى؟، دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قاپتۇ، دېيىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەكىلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىككى كۆزىگە تۈكۈرۈپ دۇئا قىلىۋىدى، خۇددى ئاغرىپ باقمىغاندەك ساقىيىپ كەتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى بېرىپ دېدىكى: ئالدىڭغا ئالدىرىماي مېڭىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىغىچە بارغىن! ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن! ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدە ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى ئېيتقىن. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بىر ئادەمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ قالسا، ئۇ ساڭا قىزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىراقتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- بشّر الصحابة بانتصار المسلمين على اليهود من الغد على يد رجل له فضيلةٌ عظيمة وموالاة لله ولرسوله فاستشرف الصحابة لذلك، كلٌّ يود أن يكون هو ذلك الرجل من حرصهم على الخير، فلما ذهبوا على الموعد طلب النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- علياً وصادف أنه لم يحضر لِما أصابه من مرض عينيه، ثم حضر فتفل النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- فيهما من ريقه المبارك فزال ما يحس به من الألم زوالاً كاملاً وسلَّمه قيادة الجيش، وأمره بالمضي على وجهه برفق حتى يقرب من حصن العدو فيطلب منهم الدخول في الإسلام، فإن أجابوا أخبرهم بما يجب على المسلم من فرائض، ثم بين -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- لعلي فضل الدعوة إلى الله وأن الداعية إذا حصل على يديه هداية رجل واحد فذلك خير له من أنفس الأموال الدنيوية، فكيف إذا حصل على يديه هداية أكثر من ذلك.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە ئەتىسى ناھايىتى كاتتا پەزىلەت ئىگىسى ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىگە بولغان بىر كىشىنىڭ قولى بىلەن، يەھۇدىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقلىرى بىلەن خۇش بىشارەت بەردى. ساھابىلەر ياخشىلىققا بەك ھېرىسمەنلىكىدىن ھەممىسى ئۇ ئىشقا ئىشتىياق باغلاپ شۇ ۋاقىتنى كۈتتى. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يىنىغا باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىزدىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ كېلەلمەسلىكى بۇ ئىشقا ئۇدۇل كىلىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ مۇبارەك تۈكۈرۈكى بىلەن تۈپلىدى، ئۇ ھېس قىلىۋاتقان ئاغرىق تولۇق توختىدى ۋە ئۇنىڭغا ئەسكەرى قوماندانلىقنى تاپشۇردى. ئۇنى ئالدىرىماستىن دۈشمەن تەرەپكە مېڭىپ، ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشكە چاقىرىشقا بۇيرىدى. ئەگەر قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە پەرز بولغان ئەمەللەرنى بايان قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ۋە دەۋەتچىنىڭ قولىدا بىرەر كىشى ھىدايەت تېپىپ قالسا، بۇنداق بولغىنى مۇشۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ماللىرىدىنمۇ ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەگەر ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ھىدايىتى ھاسىل بولسا قانداق بولۇپ كىتەر- ھە!؟   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3409

 
Hadith   177   الحديث
الأهمية: لما حضرَتْ أبا طالب الوفاة جاءه رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وعنده عبد الله بن أبي أمية وأبو جهل، فقال له: يا عم قل لا إله إلا الله، كلمة أحاج لك بها عند الله


باشتېما:

ئەبۇ تالىب سەكىراتقا چۈشۈپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا كەلگەن، ئۇنىڭ يېنىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇمەييە، ئەبۇ جەھىللەر بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ تاغىسىغا: ئى تاغا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دىسىلە مەن سىلى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇ بىر ئېغىز سۆزلىرىگە گۇۋاھ بولاي، دېدى

عن سعيد بن المسيب عن أبيه المسيب بن حزن -رضي الله عنه- قال: "لما حضرَتْ أبا طالب الوفاة جاءه رسول الله -صلى الله عليه وسلم- وعنده عبد الله بن أبي أمية وأبو جهل، فقال له: يا عَمِّ قل لا إله إلا الله، كلمة أُحَاجُّ لك بها عند الله، فقالا له: أَتَرَغَبُ عن ملة عبد المطلب؟ فأعاد عليه النبي -صلى الله عليه وسلم-، فأعادا، فكان آخر ما قال هو على ملة عبد المطلب، وأبى أن يقول لا إله إلا الله، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: لأستغفرن لك ما لم أُنْهَ عنك، فأنزل الله: {مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قربى...} الآية"، وأنزل الله في أبي طالب: {إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ}.

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب دادىسى مۇسەييەب ئىبنى ھەزەندىن رىۋايەت قىلىپ ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: ئەبۇ تالىب سەكىراتقا چۈشۈپ قالغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىغا كەلگەن، ئۇنىڭ يېنىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئۇمەييە، ئەبۇ جەھىللەر بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ تاغىسىغا: ئى تاغا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دىسىلە مەن سىلى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بۇ بىر ئېغىز سۆزلىرىگە گۇۋاھ بولاي، دېگەندە ئابدۇللاھ بىلەن ئەبۇ جەھىل ئۇنىڭغا: ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈمسەن؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى قايتىلىۋىدى، ئۇلارمۇ سۆزىنى تەكرارلىدى، شۇنداق قىلىپ ئاخىرىدا ئەبۇ تالىب: مەن ئابدۇل مۇتتەلىبنىڭ دىنىدا، دەپ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگىلى ئۇنىمىدى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: مەن ساڭا مەغپىرەت تىلەشتىن چەكلەنمىسەملا ساڭا چوقۇم مەغپىرەت تىلەيمەن، دېدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئايەت نازىل قىلىپ: «پەيغەمبەرگە ۋە مۆئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» [سۈرە تەۋبە 113 -ئايەت]. يەنە ئەبۇ تالىب ھەققىدە: «شۈبھىسىزكى سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگەن ئايەت نازىل بولغان. سۈرە قەسەس51 -ئايەت

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
عاد النبي -صلى الله عليه وسلم- أبا طالب وهو في سياق الموت وعرض عليه الإسلام؛ ليكون خاتمة حياته ليحصل له بذلك الفوز والسعادة، وطلب منه أن يقول كلمة التوحيد، وعرض عليه المشركون أن يبقى على دين آبائه الذي هو الشرك؛ لعلمهم بما تدل عليه هذه الكلمة من نفي الشرك وإخلاص العبادة لله وحده، وأعاد النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- طلب التلفظ بالشهادة من عمه، وأعاد المشركون المعارضة وصاروا سبباً لصده عن الحق وموته على الشرك.
وعند ذلك حلف النبي -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- ليطلُبن له من الله المغفرة ما لم يمنع من ذلك، فأنزل الله المنع من ذلك وبيّن له أن الهداية بيد الله يتفضل بها على من يشاء؛ لأنه يعلم من يصلح لها ممن لا يصلح.
فأنزل الله -عز وجل-: {مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَى مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ}، وأنزل الله في أبي طالب: {إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ}.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ تالىبنى سەكىراتتىكى ھالىتىدە يوقلاپ كېلىپ ئۇنىڭ ئاخىرىقى ھاياتىنى ئىسلام بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەننەت ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرشىش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭدىن تەۋھىد سۆزىنى ئىقرار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مۇشرىكلارمۇ شېرىك ئەقىدىنى تاشلاپ يەككە-يىگانە بىر ئاللاھقا چىن ئىبادەت قىلىشنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەجدادىنىڭ شېرىك ئەقىدىسىدە قېلىشىنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ تاغىسىدىن تەۋھىد كەلىمىسىنى سۆزلەشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلدى، مۇشرىكلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭغا ئەكسىنى تەكرارلىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئەبۇ تالىبنىڭ ھەق ئۈستىدە ئەمەس بەلكى شېرىك ئەقىدىسى بىلەن ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەسەم قىلىپ تۇرۇپ ئەگەردە چەكلەنمىسىلا ئاللاھ تائالادىن تاغىسىغا مەغپىرەت تىلەيدىغانلىقىنى، دېگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئايەت نازىل قىلىپ، ھىدايەت ئاللاھنىڭ قولىدا، خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ، ئۇ ھىدايەتكە كىمنىڭ ھەقلىق ۋە ھەقلىق ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. «پەيغەمبەرگە ۋە مۆئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» سۈرە تەۋبە 113 -ئايەت. يەنە ئەبۇ تالىب ھەققىدە «شۈبھىسىزكى سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ» سۈرە قەسەس51 -ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3410

 
Hadith   178   الحديث
الأهمية: من شهد أن لا إله إلا الله وحده لا شريك له وأن محمدا عبده ورسوله، وأن عيسى عبد الله ورسوله وكلمته ألقاها إلى مريم ورُوُحٌ منه، والجنة حق والنار حق، أدخله الله الجنة على ما كان من العمل


باشتېما:

كىمىكى يەككە-يېگانە بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھ تائالا مەريەمگە «ۋۇجۇدقا كەل» دەپ تاشلىغان بىر سۆزىدۇر، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن بىر رۇھتۇر، جەننەت ۋە دوزاخ ھەقتۇر، دەپ چىن قەلبىدىن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قانداق ئەمەل قىلغانلىقىدىن قەتئى نەزەر جەننەتكە كىرگۈزىدۇ

عن عبادة بن الصامت -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم- "مَنْ شهِد أنْ لا إله إلا الله وحده لا شرِيك له وأنَّ محمَّدا عبده ورسُولُه، وأنَّ عِيسى عبدُ الله ورسُولُه وكَلِمَتُه أَلقَاها إِلى مريم ورُوُحٌ مِنه، والجنَّة حَقٌّ والنَّار حقٌّ، أَدْخَلَه الله الجنَّة على ما كان مِنَ العمَل".

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى يەككە-يېگانە بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھ تائالا مەريەمگە «ۋۇجۇدقا كەل» دەپ تاشلىغان بىر سۆزىدۇر، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن بىر رۇھتۇر، جەننەت ۋە دوزاخ ھەقتۇر، دەپ چىن قەلبىدىن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قانداق ئەمەل قىلغانلىقىدىن قەتئى نەزەر جەننەتكە كىرگۈزىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبرنا هذا الحديث أن من نطق بكلمة التوحيد وعرف معناها وعمل بمقتضاها، وشهد بعبودية محمد -صلى الله عليه وسلم- ورسالته، واعترف بعبودية عيسى ورسالته، وأنه خلق بكلمة كن من مريم، وبرأ أمه مما نسبه إليها اليهود الأعداء، واعتقد بثبوت الجنة للمؤمنين وثبوت النار للكافرين، ومات على ذلك دخل الجنة على ما كان من العمل.
576;ۇ ھەدىس بىزگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى: كىمىكى تەۋھىد سۆزى بولغان «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېسە ۋە يەنە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ ئىشەنسە ۋە ئىتراپ قىلسا، ئۇ ئەيسا ئەلەيھسسالامنى ئاللاھ تائالا «كۇن» دېگەن سۆزى بىلەن مەريەمدىن ياراتقان دەپ ئىشەنسە، يەھۇدىلار مەريەم ئەلەيھىسسالامغا توقۇغان بۆھتاندىن ئۇنى پاك دەپ قارىسا، مۆمىنلەرنىڭ جەننەتكە، كاپىرلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنسە، كىمىكى يۇقارقى ئىشەنچ-ئىمان بىلەن ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئەمەل-ئىبادىتى قانداق بولۇشتىن قەتئى نەزەر جەننەتكە كېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىشارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3417

 
Hadith   179   الحديث
الأهمية: من لقي الله لا يشرك به شيئًا دخل الجنة، ومن لقيه يشرك به شيئًا دخل النار


باشتېما:

كىمىكى ئاللاھقا ھېچ بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كېرىدۇ، كىمىكى ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كېرىدۇ

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: "مَنْ لَقِيَ الله لا يُشْرِك به شَيئا دخل الجنَّة، ومن لَقِيَه يُشرك به شيئا دخَل النار".

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئاللاھقا ھېچ بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كېرىدۇ، كىمىكى ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كېرىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبرنا النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث أن من مات لا يشرك مع الله غيره لا في الربوبية ولا في الألوهية ولا في الأسماء والصفات دخل الجنة، وإن مات مشركا بالله -عز وجل- فإن مآله إلى النار.
576;ۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئاللاھ تائالاغا ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىق، ئىسمى ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىك كەلتۈرمىگەن ئاساستا ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كېرىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلۈپ كەتسە ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3418

 
Hadith   180   الحديث
الأهمية: هلك المتنطعون -قالها ثلاثا-


باشتېما:

چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ھالاك بولدى، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان

عن عبد الله بن مسعود -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: "هلك المُتَنَطِّعون -قالها ثلاثا-".

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ھالاك بولدى، دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يوضح النبي -صَلى اللّه عليه وسلّم- أن التعمُّق في الأشياء والغلو فيها يكون سبباً للهلاك، ومراده -صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ- النهي عن ذلك، ومن ذلك إجهاد النفس في العبادة حتى تنفر وتنقطع، ومن ذلك التنطع في الكلام والتقعر فيه، وأعظم صور التنطُّع جُرْما، وأولاه بالتحذير منه: الغلو في تعظيم الصالحين إلى الحدِّ الذي يفضي إلى الشرك.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ھەر قانداق ئىشلاردا زىيادە زىغىرلاش ۋە چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىش ھالاكەتكە باشلايدۇ، دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەقسىتى ئۇنىڭدىن چەكلەش ئىدى. ئۆزىنى ئىبادەتكە بەك ئۇرغانلىق سەۋەبىدىن، ئىبادەتتىن ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە زىرىكىشلىك ھېس قىلىش قاتارلىقلار شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. يەنە سۆز ۋە ئىبارىلەرنى بەك زىغىرلاش، چۇڭقۇرلاشمۇ چېكىدىن ئاشۇرۋېتىشكە كىرىدۇ. چېكىدىن ئاشۇرۋېتىشنىڭ ئەڭ ئېغىر دەرىجىسى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغىنى؛ تەقۋادار ياخشى كىشىلەرنى شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىدە چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئۇلۇغلاشتىن ئىبارەتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3420

 
Hadith   181   الحديث
الأهمية: في قول الله -تعالى-: (وَقَالُوا لا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلا سُوَاعًا وَلا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا) قال ابن عباس -رضي الله عنهما-: هذه أسماء رجال صالحين من قوم نوح


باشتېما:

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ :«ئۇلار: مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرىك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، دېدى» دېگەن بۇ سۆزىنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندە شەيتان شىرىن سۆزلەر بىلەن ۋەسۋەسە قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى يىغىلىش سورۇنلىرىغا تىكلەشكە كۈشكۈرتكەن، ئۇلار شەيتان دېگەندەك قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىغان، كېيىنچە چوڭلار ئۆلۈپ ئەۋلادلارغا كەلگەندە ئۇ ھەيكەللەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقان

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- في قول الله -تعالى-: (وَقَالُوا لا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلا سُوَاعًا وَلا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا) قال: "هذه أسماء رجال صالحين من قوم نوح، فلما هَلَكوا أَوحى الشَّيطان إلى قَومِهِم أنِ انْصِبُوا إلى مَجَالِسِهِم الَّتي كانوا يَجْلِسون فيها أنصَابًا، وسَمُّوها بأسمَائِهِم، فَفَعَلُوا، ولم تُعْبَد، حتَّى إِذَا هَلَك أُولئك ونُسِيَ العلم عُبِدت".

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ :«ئۇلار: مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرىك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، دېدى» دېگەن بۇ سۆزىنى تەپسىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندە شەيتان شىرىن سۆزلەر بىلەن ۋەسۋەسە قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى يىغىلىش سورۇنلىرىغا تىكلەشكە كۈشكۈرتكەن، ئۇلار شەيتان دېگەندەك قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىغان، كېيىنچە چوڭلار ئۆلۈپ ئەۋلادلارغا كەلگەندە ئۇ ھەيكەللەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەي ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقان

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يفسر ابن عباس -رضي الله عنهما- هذه الآية الكريمة بأن هذه الآلهة التي ذكر الله -تعالى- أن قوم نوح تواصوا بالاستمرار على عبادتها بعدما نهاهم نبيهم نوح -عليه السلام- عن الشرك بالله- أنها في الأصل أسماء رجال صالحين منهم، غلوا فيهم بتسويل الشيطان لهم حتى نصبوا صورهم، فآل الأمر بهذه الصور إلى أن صارت أصناماً تعبد من دون الله.
574;ىبنى ئابباس بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىزچىل توسقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەۋمى بىر قانچە ئىلاھلارنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۋالغان، ئاللاھ تائالا كىتابىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرىۋالغان ئىلاھلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىۋالغان كىشىلەر بولسا ئەمەلىيەتتە تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، مۇسۇلمان ئاممىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇلارنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھۆرمەتلىگەن، شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرۇپ ئۇ تەقۋادارلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئالدىغا ئېسىشقا بۇيرىغان، ئاقىۋەتتە كېيىنكى ئەۋلاتلار ئاللاھنى قويۇپ ئۇ سۈرەتلەرگە بۇتقا ئىبادەت قىلغاندەك ئىبادەت قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3421

 
Hadith   182   الحديث
الأهمية: لا عدوى ولا طيرة، ويعجبني الفأل. قالوا: وما الفأل؟ قال: الكلمة الطيبة


باشتېما:

كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوق، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-:    "لا عدوى وَلَا طِيَرَةَ، وَيُعْجِبُنِي الفَأْلُ. قالوا: وما الفأل؟ قال: الكلمة الطيِّبة".

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، شۇم پال ئېلىش يوق، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لما كان الخير والشر كله مقدر من الله نفى النبي -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث تأثير العدوى بنفسها، ونفى وجود تأثير الطيرة، وأقر التفاؤل واستحسنه؛ وذلك لأن التفاؤل حسن ظن بالله، وحافز للهمم على تحقيق المراد، بعكس التطير والتشاؤم.
وفي الجملة الفرق بين الفأل والطيرة من وجوه، أهمها:
1- الفأل يكون فيما يسر، والطيرة لا تكون إلا فيما يسوء.
2- الفأل فيه حسن ظنٍّ بالله، والعبد مأمورٌ أن يحسن الظن بالله، والطيرة فيها سوء ظن بالله، والعبد منهيّ عن سوء الظن بالله.
610;اخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كېسەلنىڭ ئۆزلىكىدىن يۇقمايدىغانلىقىنى، يامان پالنىڭ تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياخشى پال ئېلىشنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۇنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەققىدە ياخشى گۇمان قىلىش بولسا، ئۈمىد-ئارزۇغا يېتىش يولىدا ئىنساننى ھىممەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ. شۇم پال ئېلىش بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر. ئومۇمەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارسىدىكى پەرىق تۆۋەندىكىچە: 1- ياخشى پال ئېلىش خۇشال قىلىدىغان ئىشلاردا بولىدۇ، شۇم پال ئېلىش بولسا قايغۇ ۋە خاپىلىق ئېلىپ كىلىدىغان ئىشلاردا بولىدۇ. 2- ياخشى پال ئېلىش ئاللاھ تائالا ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى بەندە ئاللاھ تائالاغا ياخشى گۇمان قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما شۇم پال ئېلىش بولسا، ئاللاھ تائالاغا يامان گۇماندا بولغانلىق بولۇپ، بەندە ئۇنىڭدىن چەكلەنگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3422

 
Hadith   183   الحديث
الأهمية: كان عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- إذا أتى عليه أمداد أهل اليمن سألهم: أفيكم أويس بن عامر؟


باشتېما:

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندىن ياردەمچى قوشۇن كەلگەندە، ئۇلاردىن: ئاراڭلاردا ئۇۋەيىس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟ دەپ سورايتتى

عن أُسَير بن عمرو، ويقال: ابن جابر قال: كَانَ عُمر بن الخطاب -رضي الله عنه- إِذَا أَتَى عَلَيه أَمْدَادُ أَهْلِ اليَمَن سَأَلَهُم: أَفِيكُم أُوَيس بنُ عَامِر؟ حَتَّى أَتَى عَلَى أُوَيس -رضي الله عنه- فقال له: أَنْت أُوَيس بنُ عَامِر؟ قال: نَعَم، قال: مِنْ مُرَادٍ ثُمَّ مِنْ قَرْنٍ؟ قَالَ: نَعَم، قَال: فَكَانَ بِكَ بَرَصٌ، فَبَرَأَتَ مِنُه إِلاَّ مَوْضِعّ دِرهَم؟ قال: نعم، قَالَ: لَكَ وَالِدة؟ قال: نعم، قال: سَمِعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «يَأتِي عَلَيكُم أُوَيس بنُ عَامِر مَعَ أَمْدَادِ أَهْلِ اليَمَن مِنْ مُرَاد، ثُمَّ مِنْ قَرْن كَانَ بِهِ بَرَصٌ، فَبَرَأَ مِنْهُ إِلاَّ مَوضِعَ دِرْهَم، لَهُ وَالِدَة هُوَ بِهَا بَرُّ، لَوْ أَقْسَمَ عَلَى الله لَأَبَرَّه، فَإِنْ اسْتَطَعْتَ أَنْ يَسْتَغْفِرَ لَكَ فَافْعَلْ» فَاسْتَغْفِرْ لِي فَاسْتَغْفَرَ لَهُ، فَقَالَ لَه عُمر: أَيْنَ تُرِيد؟ قَالَ: الكُوفَة، قال: أَلاَ أَكتُبُ لَكَ إِلَى عَامِلِهَا؟ قال: أَكُون فِي غَبْرَاءِ النَّاسِ أَحَبُّ إِلَيَّ، فَلَمَّا كَانَ مِنَ العَام الْمُقْبِل حَجَّ رَجُلٌ مِنْ أَشْرَافِهِم، فَوَافَقَ عُمَر، فَسَأَلَه عَنْ أُوَيس، فقال: تَرَكْتُهُ رَثَّ البَّيت قَلِيلَ الْمَتَاعِ، قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «يَأْتِي عَلَيكُم أُوَيس بنُ عَامِر مَعَ أَمْدَادٍ مِنْ أَهْلِ اليَمَن مِنْ مُرَاد، ثُمَّ مِنْ قَرْن، كَانَ بِهِ بَرَص فَبَرَأَ مِنْه إِلاَّ مَوْضِعَ دِرْهَم، لَهُ وَالِدَة هُوَ بِهَا بَرٌّ لَوْ أَقْسَمَ عَلى الله لَأَبَرَّهُ، فَإِنْ اسْتَطَعْتَ أَنْ يَسْتَغْفِر لَكَ، فَافْعَلْ» فَأَتَى أُوَيسًا، فقال: اسْتَغْفِر لِي، قال: أَنْتَ أَحْدَثُ عَهْدًا بِسَفَرٍ صَالِحٍ، فَاسْتَغْفِرْ لِي، قال: لَقِيتَ عمر؟ قال: نَعَم، فاستغفر له، فَفَطِنَ لَهُ النَّاس، فَانْطَلَقَ عَلَى وَجْهِهِ.
   وفي رواية أيضا عن أُسَير بن جابر: أنَّ أَهلَ الكُوفَةِ وَفَدُوا على عمر -رضي الله عنه- وفيهم رَجُلٌ مِمَّن كان يَسْخَرُ بِأُوَيْسٍ، فقال عمر: هَل هاهُنَا أَحَدٌ مِنَ القَرَنِيِّين؟ فَجَاء ذلك الرجل، فقال عمر: إِنَّ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قَدْ قال: «إِنَّ رَجُلاً يَأْتِيكُم مِنَ اليَمَنِ يُقَالُ لَهُ: أُوَيْسٌ، لاَ يَدَعُ بِاليَمَنِ غَيرَ أُمٍّ لَهُ، قَد كَان بِهِ بَيَاضٌ فَدَعَا الله -تعالى-، فَأَذْهَبَهُ إِلاَّ مَوضِعَ الدِّينَارِ أَو الدِّرْهَمِ، فَمَنْ لَقِيَهُ مِنْكُمْ، فَلْيَسْتَغْفِر لَكُم».
وفي رواية له: عن عمر -رضي الله عنه- قال: إِنِّي سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إِنَّ خَيرَ التَّابِعِين رَجُلٌ يُقَال لَهُ: أُوَيسٌ، وَلَهُ وَالِدَةٌ وَكَانَ بِهِ بَيَاضٌ، فَمُرُوهُ، فَلْيَسْتَغْفِر لَكُم».

ئۇسەيىر ئىبنى ئەمرۇ -ئۇ ئىبنى جابىرمۇ دېيىلىدۇ- رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەندىن ياردەمچى قوشۇن كەلگەندە، ئۇلاردىن: ئاراڭلاردا ئۇۋەيىس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟ دەپ سورايتتى. ئاخىرى ئۇۋەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېتىپ كەلگەندە ئۆمەر ئۇنىڭدىن: سەن ئۇۋەيس ئىبنى ئامىرمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ: ھەئە، دېدى، مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىنمۇ؟ دېدى، ئۇ: ھەئە، دېدى، سەندە ئاق كېسەل بار بولۇپ، بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىڭ ساقايدى، شۇنداقمۇ؟ دېگەندە، شۇنداق، دېدى. ئاناڭ بار، شۇنداقمۇ؟ دېگەندە، شۇنداق، دېدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاق كېسەل بولۇپ، بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرى ساقايغان، ئۇنىڭ ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار، ئۇ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسا ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەگەر قىلالىساڭ ئۆزۈڭگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغانىدىم. ماڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلغىن، دېدى. ئۇۋەيس مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلدى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن: قەيەرگە كېتىۋاتىسەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ: كۇفەگە، دېدى. ئۆمەر: سېنى كۇفەنىڭ ۋالىسىغا تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەيمۇ؟ دېگەن ئىدى، ئۇ: مەن ئادەتتىكى كىشىلەردىن بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. كېلەركى يىلى كۇفىنىڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىدىن بىرى ھەجگە بېرىپ ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن ئۇۋەيسنى سورىغان ئىدى، ئۇنىڭغا: ئۇ ئۆيى ناچار ۋە مۈلكى ئاز ھالدا قالدى، دېدى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاق كېسەل بولۇپ، بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرى ساقايغان، ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار، ئۇ قاچانكى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسا ئاللاھ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەگەر قىلالىساڭ ئۆزۈڭگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم، دېدى. ئۇ كۇفەگە قايتىپ ئۇۋەيسنىڭ يېنىغا كىلىپ: مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى. ئۇۋەيس: سەن ياخشى سەپەردىن يېڭىلا كەلدىڭ، سەن مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئۆمەرنى كۆردۈڭمۇ؟ دېدى. ئۇ كىشى: ھەئە، دېدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىدى. كىيىن كىشىلەر ئۇنى بىلىپ كېتىپ، ئۇۋەيس ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. ئۇسەير ئىبنى جابىردىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە: كۇپە ئەھلى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆمەك بولۇپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇۋەيسنى مەسخىرە قىلىدىغان بىر كىشى بار ئىدى، ئۆمەر ئۇلاردىن: ئىچىڭلاردا قەرەنلىكلەردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ دېگەندە، ئۇ ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۆمەر: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە يەمەندىن «ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر» ئىسىملىك بىر كىشى كېلىدۇ. ئۇ يەمەندە پەقەت بىر ئانىسىنى قويۇپ كېلىدۇ، ئۇنىڭدا ئاق كېسەل بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغان ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپا ئاتا قىلغان. سىلەردىن كىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسا سىلەرگە مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىسۇن» دېگەن ئىدى. ئۇسەيرنىڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە ئۆمەر: مەن ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: تابىئىنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇۋەيس دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى بار، ئۇنىڭدا ئاق كىسەل بار، ئۇنى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىغا بۇيرۇڭلار

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان عمر بن الخطاب إذا أتى عليه جماعات الغزاة من أهل اليمن الذين يمدون جيوش الإسلام في الغزو، سألهم: أفيكم أويس بن عامر، فما زال كذلك حتى جاء أويس -رحمه الله- فقال له عمر: هل أنت أويس بن عامر؟ قال: نعم، قال عمر: هل أنت من قبيلة مراد ثم من قرن؟ قال: نعم، ثم قال له عمر: وهل كان بك برص فشُفيت منه إلا موضع درهم؟ قال: نعم، قال عمر: هل لك والدة؟ قال: نعم، فقال عمر: فإني سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: إنه سيأتي عليكم أويس بن عامر، مع جماعات الغزاة من أهل اليمن من قبيلة مراد ثم من قرن وكان به برص فشفاه الله منه إلا موضع درهم، له والدة هو بار بها، لو أقسم على الله بحصول أمر لأبرّه الله بحصول ذلك المقسم على حصوله فإن استطعت يا عمر أن يستغفر لك فافعل،
ولا يفهم من هذا أفضليته على عمر، ولا أن عمر غير مغفور له للإجماع على أن عمر أفضل منه لأنه تابعي والصحابي أفضل منه، إنما مضمون ذلك الإخبار بأن أويساً ممن يستجاب له الدعاء، وإرشاد عمر إلى الازدياد من الخير واغتنام دعاء من تُرجى إجابته، وهذا نحو مما أمرنا النبي به من الدعاء له، والصلاة عليه وسؤال الوسيلة له وإن كان النبي أفضل ولد آدم.
ثم سأله عمر أن يستغفر له فاستغفر له، ثم قال له عمر: ما هو المكان الذي سوف تذهب إليه؟ فقال: الكوفة، قال عمر: هل أكتب لك إلى أميرها ليعطيك من بيت مال المسلمين ما يكفيك؟ قال أويس: لأن أكون في عوام الناس وفقرائهم أحبّ إلي، فلما كان من العام المقبل، حج رجل من أشراف أهل الكوفة فقابل عمر فسأله عمر عن أويس فقال: تركته وبيته متواضع وأثاث بيته قليل قال عمر سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: إنه سيأتي عليكم أويس بن عامر، مع جماعات الغزاة من أهل اليمن من قبيلة مراد ثم من قرن وكان به برص فشفاه الله منه إلا موضع درهم، له والدة هو بار بها، لو أقسم على الله بحصول أمر لأبرّه الله بحصول ذلك المقسم على حصوله فإن استطعت يا عمر أن يستغفر لك فافعل.
فأتى ذلك الرجل أويساً فقال له: استغفر لي، فقال: أويس أنت أقرب عهداً بسفر صالح فاستغفر لي، فتنبه أويس أنه لعله لقي عمر،    فقال له: هل لقيت عمر؟ قال: نعم، فاستغفر أويس له فتنبه الناس لهذا الأمر فأقبلوا عليه، فخرج من الكوفة وذهب إلى مكان آخر لا يعرفه فيه الناس.
574;ۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئەھلىدىن ئىسلام قوشۇنلىرىغا ئۇرۇشتا ياردەم بېرىدىغان غازاتچىلار جامائەتلىرى كەلگەندە ئۇلاردىن: سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇۋەيىس ئىبنى ئامىر بارمۇ؟ دەپ سورايتتى. ئاخىرى ئۇۋەيس رەھىمەھۇللاھ يېتىپ كەلگەندە، ئۆمەر ئۇنىڭدىن: سەن ئۇۋەيس ئىبنى ئامىرمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ھەئە، دېدى. ئۆمەر: سەن مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىنمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە، دېدى. ئۆمەر: ئاق كېسىلىڭدىن بىر تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىڭ ساقايدى، شۇنداقمۇ؟ دېگەندە. شۇنداق، دېدى. ئاناڭ بارمۇ؟ دېگەندە. ھەئە، دېدى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپالىق بەرگەن. ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچسە ئاللاھ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئى ئۆمەر، ئەگەر قىلالىساڭ ساڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇۋەيسنىڭ ئۆمەردىن ئەۋزەللىكى، يەنە ئۆمەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت بولمىغان دەپ چۈشىنىلمەيدۇ. ئۆمەرنىڭ ئۇۋەيستىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىدە ئالىملارنىڭ ئىجماسى بار. چۈنكى ئۇ تابىئى، ساھابە تابىئىلاردىن ئەۋزەل. ئەمما يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنى ئۇۋەيسنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆمەرنىڭ ياخشىلىقنى زىيادە قىلىشقا يول كۆرسەتكەنلىكىنى، دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى غەنىمەت بىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى تۇرۇپ بىزنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا، دۇرۇت ئوقۇشقا ۋە ئۆزىگە يىقىنچىلىق سوراشقا بۇيرىغىنىغا ئوخشايدۇ. كىيىن ئۆمەر ئۇنىڭ ئۆزىگە مەغپىرەت تىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلىدى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن: قەيەرگە بارماقچى؟ دەپ سورىدى. ئۇ: كۇفەگە، دېدى. ئۆمەر: كۇفەنىڭ ۋالىسىغا مۇسۇلمانلار خەزىنىسىدىن ساڭا يەتكۈدەك خىراجەت بېرىشى ئۈچۈن بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەيمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: مەن ئادەتتىكى كىشىلەردىن ۋە كەمبەغەللەردىن بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. كېلەركى يىلى كۇفىنڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىدىن بىرى ھەجگە بېرىپ، ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۆمەر ئۇنىڭدىن ئۇۋەيس ھەققىدە سورىغانىدى، ئۇ : ئۇ ئۆي-ماكانى ناچار ۋە سەرەمجانلىرى ئاز ھالدا قېلىپ قالدى، دەپ جاۋاب بەردى. ئۆمەر: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرگە ئۇۋەيس ئىبنى ئامىر يەمەن ئەھلىنىڭ مۇراد قەبىلىسىنىڭ قەرەن دېگەن يىرىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنى بىلەن بىللە كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئاق كېسىلىدىن تەڭگىچىلىك جايدىن باشقا ھەممە يېرىگە شىپالىق بەرگەن. ئۇنىڭ بىر ئانىسى بار، ئۇ ئانىسىغا ۋاپادار. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچسە ئاللاھ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. ئى ئۆمەر، ئەگەر قىلالىساڭ ساڭا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىشىنى سورىغىن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى. ئۇ كىشى ئۇۋەيسنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى، ئۇۋەيس: سەن ياخشى سەپەردىن يېڭىلا كەلدىڭ، سەن مەن ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، دېدى. ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۆمەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۇنىڭدىن: سەن ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتىڭمۇ؟ دېدى. ئۇ: ھەئە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇۋەيس ئۇنىڭ ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىشنى كىشىلەر بىلىپ قېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلگىلى تۇردى.ئۇۋەيس ئۇ يەردىن كىشىلەر بىلمەيدىغان يەرگە كېتىپ قالدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3436

 
Hadith   184   الحديث
الأهمية: من جهز غازيا في سبيل الله فقد غزا، ومن خلف غازيًا في أهله بخير فقد غزا


باشتېما:

كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ

عن زيد بن خالد الجهني -رضي الله عنه- مرفوعاً: «مَنْ جَهَّز غَازِياً فِي سَبِيلِ الله فَقَد غَزَا، وَمَنْ خَلَّف غَازِياً في أهلِه بخَير فقَد غزَا».

زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا جهَّز الإنسان مجاهدًا براحلته ومتاعه وسلاحه فقد كتب الله له أجر الغازي؛ لأنه أعانه على الخير، ولو أنَّ الغازي أراد أن يجاهد ولكنَّه أشكل عليه أهله مَن يكون عند حاجاتهم، فدعا رجلاً من المسلمين وقال: أخلِفني في أهلي بخير، فإنَّ هذا الذي خلَّفه يكون له أجر المجاهد؛ لأنه أعانه، ويؤخذ من هذا أنَّ كُلَّ من أَعان شخصاً في طاعة الله فله مثل أجره، فإذا أُعِين طالب علم في شراء الكتب له، أو تأمين السكن، أو النفقة، أو ما أشبه ذلك، فإن له أجراً مثل أجره، من غير أن ينقص من أجره شيئاً.
574;ىنسان ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى ئات-ئۇلاغ، يۈك-تاقا ۋە قورال-ياراق بىلەن جابدۇپ قويسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ياخشىلىققا ياردەم بەردى. ئەگەر مۇجاھىد ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ لېكىن ئۇ كىشى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنى چاقىرىپ: ئائىلەمدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ قويساڭ دېگەن بولسا، مۇجاھىتنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان كىشىمۇ جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ياردەم بەردى. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن: ھەر قانداق كىشى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشتا باشقا كىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇ كىشىگىمۇ ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ. دىنى ئوقۇغۇچىلارغا كىتاپ سېتىۋېلىش ياكى تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بېرىش، ئۇلارغا نەپىقە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىشلىرىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3437

 
Hadith   185   الحديث
الأهمية: لم يكن النبي -صلى الله عليه وسلم- على شيء من النوافل أشد تعاهدًا منه على ركعتي الفجر


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە ئىبادەتلەر ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىنمۇ بەكراق چىڭ تۇتقان ئىبادەت يوق ئىدى

عن عائشة بنت أبي بكر الصديق -رضي الله عنهما- قالت: «لم يَكُن النبي -صلى الله عليه وسلم- على شيء من النَّوَافل أشد تَعاهُدَاً منْهُ على ركْعَتَي الفَجْرِ».
وفي رواية: «رَكْعَتا الفَجْرِ خيرٌ منَ الدُّنيا وما فيها».

ئائىشە بىنتى ئەبى بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە ئىبادەتلەر ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىنمۇ بەكراق چىڭ تۇتقان ئىبادەت يوق ئىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىدۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان لما لركعتي الفجر من الأهمية والتأكيد، فقد ذكرت عائشة -رضي الله عنها- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أكدهما وعظم شأنهما بفعله، حيث كان شديد المواظبة عليهما، وبقوله، حيث أخبر أنهما خير من الدنيا وما فيها.
576;ۇ ھەدىستە بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ۋە تەكىتلەنگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازنى تەكىتلىگەنلىكىنى ۋە ئۆزى ئەمەلى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى قاتتىق چىڭ تۇتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككى رەكئەت سۈننەت دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەردىن ياخشىدۇر، دەپ خەۋەر بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3440

 
Hadith   186   الحديث
الأهمية: صلاة الجماعة أفضل من صلاة الفذ بسبع وعشرين درجة


باشتېما:

جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم- قَالَ: «صلاةُ الجَمَاعَة أَفضَلُ من صَلاَة الفَذِّ بِسَبعٍ وعِشرِين دَرَجَة».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يشير هذا الحديث إلى بيان فضل صلاة الجماعة على صلاة المنفرد، بأن الجماعة -لما فيها من الفوائد العظيمة والمصالح الجسيمة- تفضل وتزيد على صلاة المنفرد بسبع وعشرين مرة من الثواب؛ لما بين العملين من التفاوت الكبير في القيام بالمقصود، وتحقيق المصالح، ولاشك أنَّ من ضيَّع هذا الربح الكبير محروم.
576;ۇ ھەدىس يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن جامائەت بىلەن ئوقۇغان ناماز ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، جامائەتنىڭ ھەر جەھەتتىن پايدىسى كۆپ بولغانلىقتىن يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بولىدۇ، مۇسۇلمانلار ئارا مەنپەئەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە نامازدىن كۆزلەنگەن مەقسەتنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتىن ئىككى ئىش ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرىق بار. بۇ ساۋابنى قولدىن كەتكۈزگەن كىشى نۇرغۇن ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3441

 
Hadith   187   الحديث
الأهمية: من عاد مريضًا أو زار أخًا له في الله، ناداه مناد: بأن طبت، وطاب ممشاك، وتبوأت من الجنة منزلًا


باشتېما:

كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «مَنْ عَادَ مَرِيضًا أَو زَارَ أَخًا لَهُ فِي الله، نَادَاهُ مُنَادٍ: بِأَنْ طِبْتَ، وَطَابَ مَمْشَاكَ، وَتَبَوَّأتَ مِنَ الجَنَّةِ مَنْزِلاً».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من ذهب ليعود مريضًا أو يزور أخًا له لوجه الله -عز وجل- فإن ملكًا يناديه من عند الله -تعالى- أن طهرت من الذنوب وانشرحت بما لك عند الله من جزيل الأجر، واتخذت من الجنة قصرًا تسكنه.
603;ىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كېسەل يوقلىغىلى ياكى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ: گۇناھتىن پاك بولدۇڭ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سەن ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتتىن خۇرسەن بولغىن، جەننەتتىن ئۆزۈڭگە تۇرىدىغان بىر قەسىر تەييارلىدىڭ دەيدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3442

 
Hadith   188   الحديث
الأهمية: كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يزور قباء راكبًا وماشيًا، فيصلي فيه ركعتين


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- قال: كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يزورُ قُبَاءَ راكبًا وماشيًا، فيُصَلِّي فيه ركعتين.
وفي رواية: كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يأتي مسجد قُبَاءَ كل سَبْتٍ راكبًا وماشيًا، وكان ابن عُمر يفعله.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى، ئۇ يەردە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر شەنبە كۈنىدە ئۇلاغلىق ياكى پىيادە قۇبا مەسچىتىنى زىيارەت قىلاتتى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
منطقة قباء التي بُنِيَ بها أول مسجد في الإسلام قرية قريبة من مركز المدينة من عواليها، فكان النبي -صلى الله عليه وسلم- يزوره راكبا وماشيا، وقوله كل سبت: حيث كان يخصص بعض الأيام بالزيارة
والحكمة في مجيئه -صلى الله عليه وسلم- إلى قباء يوم السبت من كل أسبوع، إنما كان لمواصلة الأنصار وتفقُّد حالهم وحال من تأخَّر منهم عن حضور الجمعة معه، وهذا هو السِر في تخصيص ذلك بالسبت.
602;ۇبا رايونى بولسا ئىسلامدا تۇنجى قېتىم مەسجىد بىنا قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى مەدىنىنىڭ شەھەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن رايون ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇبا مەسجىدىنى ئۇلاغلىق ياكى پىيادە كېلىپ زىيارەت قىلاتتى، بەزى كۈنلەرنى زىيارەتكە خاس قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنىدە قۇبا مەسجىدىگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى ھېكمەت: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن، ئۇلارنى يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۆزى بىلەن جۈمە نامىزىغا ھازىر بولالمىغانلارنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى، مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قۇبا زىيارىتىنى شەنبە كۈنىگە خاسلاشتۇرۇشتىكى سىر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3443

 
Hadith   189   الحديث
الأهمية: شهدت عمرو بن أبي حسن سأل عبد الله بن زيد عن وضوء النبي -صلى الله عليه وسلم-؟ فدعا بتور من ماء، فتوضأ لهم وضوء رسول الله -صلى الله عليه وسلم-


باشتېما:

ئەمرۇ ئىبنى ئەبى ئەلھەسەننىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشى توغرۇلۇق سورىغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ جاۋابەن: بىر قاچا سۇ ئەكەلدۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشىغا ئوخشاش قىلىپ تاھارەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن: قولىغا قاچىدىن سۇ قۇيدى، ئاندىن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى

عن يحيى المازني -رحمه الله- قال: ((شَهِدتُّ عمرو بن أبي حسن سأل عبد الله بن زيد عن وُضوء النبي -صلى الله عليه وسلم-؟ فدعا بتَور من ماء، فتوضَّأ لهم وُضُوء رسول الله -صلى الله عليه وسلم-، فأكفَأ على يديه من التَّورِ، فغسَل يديه ثلاثًا، ثم أدخل يدهُ في التور، فمَضْمَض واسْتَنْشَق واسْتَنْثَر ثلاثا بثلاثِ غَرَفَات، ثم أدخل يده فغسل وجهه ثلاثا، ثم أدخل يده في التور، فغَسَلَهُما مرَّتين إلى المِرْفَقَين، ثم أدخل يدَه في التَّور، فمَسَح رأسَه، فأَقْبَل بهما وأَدْبَر مرَّة واحدة، ثم غَسَل رِجلَيه)).
وفي رواية: ((بدأ بمُقَدَّم رأسه، حتى ذَهَب بهما إلى قَفَاه، ثم رَدَّهُما حتَّى رَجَع إلى المكان الذي بدأ منه)).
وفي رواية ((أتانا رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فأخْرَجنا له ماء في تَورٍ من صُفْرٍ)).

يەھيا ئەلمازىنىيدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ئەمرۇ ئىبنى ئەبى ئەلھەسەننىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشى توغرۇلۇق سورىغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇ جاۋابەن: بىر قاچا سۇ ئەكەلدۈرۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشىغا ئوخشاش قىلىپ تاھارەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن: قولىغا قاچىدىن سۇ قۇيدى، ئاندىن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقتى ۋە ئاغزى بىلەن بۇرنىنى ئۈچ ئۇچۇم سۇ بىلەن ئۈچ قېتىمدىن چايقىدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقتى ۋە يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقتى ۋە ئۇنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ ئىككى قېتىم يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلىپ، بىر قېتىم ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئارقىسىغا ئاپىرىپ يەنە ئالدىغا كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن پۇتىنى يۇدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ ھەتتا گەردىنىگىچە ئاپاردى، ئاندىن ئۇ ئىككىسىنى قايتۇرۇپ باشلىغان يېرىگە ئەكەلدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى، ئۇنىڭغا بىز بىر سېرىق قاچىدا سۇ كەلتۈردۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من أجل حرص السلف الصالح -رحمهم الله- على اتباع السنة، كانوا يتساءلون عن كيفية عمل النبي -صلى الله عليه وسلم-؛ ليتأسوا به فيها، وفي هذا الحديث يحدث عمرو بن يَحيى المازني عن أبيه: أنه شهد عمه عمرو بن أبي حسن، يسأل عبد الله بن زيد أحد الصحابة -رضي الله عنه- عن كيفية وضوء النبي -صلى الله عليه وسلم-؛ فأراد عبد الله أن يبينها له بصورة فعلية؛ لأن ذلك أسرع إدراكا، وأدق تصويرا وأرسخ في النفس، فطلب إناء من ماء، فبدأ أولا بغسل كفيه؛ لأنهما آلة الغسل وأخذ الماء، فأكفأ الإناء فغسلهما ثلاثا، ثم أدخل يده في الإناء، فاغترف منه ثلاث غرفات يتمضمض في كل غرفة ويستنشق ويستنثر، ثم اغترف من الإناء فغسل وجهه ثلاث مرات، ثم اغترف منه فغسل يديه إلى المرفقين مرتين مرتين، ثم أدخل يديه في الإناء فمسح رأسه بيديه بدأ بمقدم رأسه حتى وصل إلى قفاه أعلى الرقبة، ثم ردهما حتى وصل إلى المكان الذي بدأ منه، صنع هكذا؛ ليستقبل شعر الرأس ويستدبره فيعم المسح ظاهره وباطنه، ثم غسل رجليه إلى الكعبين، وبيَّن عبد الله بن زيد -رضي الله عنه- أن هذا صنيع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- حين أتاهم، فأخرجوا له ماء في تور من صفر؛ ليتوضأ به -صلى الله عليه وسلم-، بيَّن ذلك عبد الله؛ ليثبت أنه كان على يقين من الأمر.
587;ەلەپ سالىھلىرىمىزنىڭ (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) سۈننەتكە ئەگىشىشكە ھېرىسمەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا ئەگىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى سورىشاتتى. بۇ ھەدىستە ئەمرۇ ئىبنى يەھيا ئەلمازىينى ئۆزىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ: ئۇ كىشى تاغىسى ئەمرۇ ئىبنى ئەبى ھەسەننىڭ ساھابىلاردىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق سورىغانلىقىنى كۆردى. ئابدۇللاھ ئۇ ئىشنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بايان قىلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. چۈنكى بۇنداق قىلسا، ئەڭ تىز بىلدۈرەتتى ۋە ئىنچىكە تەسۋىرلەيتتى، قەلبگە ئورناشتا مۇستەھكەم بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قاچا سۇ تەلەپ قىلدى ۋە باشتا ئىككى ئالقىنىنى يۇيۇشتىن باشلىدى. چۈنكى تاھارەتتە بۇ ئىككى قول يۇيۇش ۋە سۇ ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. قاچىنى دوڭغايتىپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ ئۈچ ئۇچۇم سۇ ئالدى، ۋە ھەر بىرسىدە ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا تىقىپ بىر ئۇچۇم سۇ ئالدى ۋە ئۇنى جەينىكى بىلەن قوشۇپ ئىككى قېتىم يۇدى. ئاندىن ئىككى قولىنى قاچىغا تىقىپ بېشىغا مەسىھ قىلدى؛ بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ، ھەتتا ئارقىسىغا گەدىنىنىڭ ئۈستىگىچە ئاپىرىپ يەنە باشتا باشلىغان يەرگىچە كەلتۈردى، بۇنداق قىلىشىدا باشنىڭ تۈكلىرىنىڭ ئالدى كەينىگە تەڭ مەسىھ قىلىپ ئىچى تېشىنى چالا قويماسلىق ئۈچۈن ئىدى. ئاندىن كېيىن پۇتىنى ئوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇدى. ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قىلمىشىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كەلگەندە قىلغان قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئېلىشى ئۈچۈن، بىر سېرىق قاچىدا سۇ ئەچىقىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇنداق دېيىشى؛ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتا ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3444

 
Hadith   190   الحديث
الأهمية: ما بال الحائض تقضي الصوم، ولا تقضي الصلاة؟ فقالت: أحرورية أنت؟ فقلت: لست بحرورية، ولكني أسأل، فقالت: كان يصيبنا ذلك، فنؤمر بقضاء الصوم، ولا نؤمر بقضاء الصلاة


باشتېما:

نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى

عن مُعاذة قالتْ: سألتُ عائشةَ -رضي الله عنها- فقلتُ: «مَا بَال الحَائِضِ تَقضِي الصَّوم، ولا تَقضِي الصَّلاة؟ فقالت: أَحَرُورِيةٌ أنت؟، فقلت: لَستُ بِحَرُورِيَّةٍ، ولَكنِّي أسأل، فقالت: كان يُصِيبُنَا ذلك، فَنُؤمَر بِقَضَاء الصَّوم، ولا نُؤْمَر بِقَضَاء الصَّلاَة».

مۇئازە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سوراپ مۇنداق دېدىم: نېمە بولاپ ھەيزدارلار روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ؟ ئائىشە: خاۋارىجمۇ سىز؟ دېدى، مەن: خاۋارىج ئەمەسمەن، بىراق سوراپ بىلىۋالماقچىمەن، دېدىم، ئائىشە: بىز رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيزىدار بولساق، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇلغان، دېدى

سألت معاذة عائشة -رضي الله عنها- عن السبب الذي من أجله جعل الشارع الحائضَ تقضى أيام حيضها التي أفطرتها، ولا تقضى صلواتها زمن الحيض، مع اشتراك العبادتين في الفرضية، بل إن الصلاة أعظم من الصيام،
كان عدم التفريق بينهما في القضاء، هو مذهب الخوارج المبنى على الشدة والحرج، فقالت لها عائشة: أحرورية أنت تعتقدين مثل ما يعتقدون، وتُشَدِّدِين كما يُشَدِّدُون؟ فقالت: لست حرورية، ولكنى أسأل سؤال متعلم مسترشد، فقالت عائشة: كان الحيض يصيبنا زمن النبي -صلى الله عليه وسلم-، وكنا نترك الصيام والصلاة زمنه، فيأمرنا -صلى الله عليه وسلم- بقضاء الصوم ولا يأمرنا بقضاء الصلاة، ولو كان القضاء واجبًا؛ لأمر به ولم يسكت عنه، فكأنها تقول: كفى بامتثال أوامر الشارع والوقوف عند حدوده حكمةً ورشدًا.

605;ۇئازە رەزىيەللاھ ئەنھا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن شەرىئەتنىڭ ھەيزدار ئايالنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىقىدىكى ھىكمەت ۋە سەۋەب توغرۇلۇق سورىدى، گەرچە ناماز شەرىئەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا روزىدىن ئۇلۇغ. ئىبادەتنىڭ قازاسىنى قىلىشتا ناماز بىلەن روزىنىڭ ئارىسىنى پەرىقلەندۇرمەسلىك خاۋارىجلارنىڭ مەزھىبى ئىدى، ئۇ مەزھەب جاپا ۋە ئېغىرچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇئازەدىن سورىدى، سىز خاۋارىجمۇ؟ ئۇلار ئېتىقاد قىلغاندەك ئېتىقادتىمۇ؟ ئۇلار چىڭىتىۋالغاندەك ئېغىر يولدىمۇ؟ دېدى. ئۇ ئايال جاۋاب بىرىپ: مەن خاۋارىج ئەمەس، لېكىن بىلىش ئۈچۈن سوراۋاتىمەن، دېدى. ئائىشە: رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ھەيىزدار بولغىنىمىزدا ناماز ۋە روزىنى تەرىك ئېتەتتۇق، رەسۇلۇللاھ بىزنى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىققا بۇيرۇيتتى، ئەگەر نامازنى قازا قىلىش ۋاجىب بولسا سۇكۇت قىلماي ئۇلارنى بۇيرۇيتى، دېدى. ئائىشە: شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەك-چىگرالىرىدا توختاش ھىكمەت ۋە توغرا يولدۇر، دېمەكچى بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3449

 
Hadith   191   الحديث
الأهمية: يا رسول الله، ما كدت أصلي العصر حتى كادت الشمس تغرب، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: والله ما صليتها، قال: فقمنا إلى بطحان، فتوضأ للصلاة، وتوضأنا لها، فصلى العصر بعد ما غربت الشمس، ثم صلى بعدها المغرب


باشتېما:

يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- «أنَّ عمر بن الخَطَاب -رضي الله عنه- جاء يَومَ الخَندَقِ بَعدَ مَا غَرَبَت الشَّمسُ فَجَعَل يَسُبُّ كُفَّار قُرَيشٍ، وقال: يا رسول الله، مَا كِدتُّ أُصَلِّي العَصرَ حَتَّى كَادَت الشَّمسُ تَغرُبُ، فَقَال النَبِيُّ -صلى الله عليه وسلم-: والله مَا صَلَّيتُهَا، قال: فَقُمنَا إلَى بُطحَان، فَتَوَضَّأ للصَّلاَة، وتَوَضَأنَا لَهَا، فَصَلَّى العَصر بعد مَا غَرَبَت الشَّمسُ، ثُمَّ صَلَّى بعدَها المَغرِب».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: خەندەك غازىتى كۈنى قوياش پاتقاندىن كېيىن ئۆمەر كېلىپ قۇرەيش كاپىرلىرىنى تىللىغىلى تۇردى، ئاندىن: يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
جاء عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- يوم الخندق بعد أن غربت الشمس وهو يسب كفار قريش؛ لأنهم شغلوه عن صلاة العصر؛ فلم يصلها حتى قربت الشمس من الغروب، فأقسم النبي -صلى الله عليه وسلم- -وهو الصادق- أنه لم يصلها حتى الآن؛ ليطمئن عمر -رضي الله عنه- الذي شقَّ عليه الأمر.
ثم قام النبي -صلى الله عليه وسلم- فتوضأ وتوضأ معه الصحابة، فصلى العصر بعد أن غربت الشمس، وبعد صلاة العصر، صلى المغرب.
582;ەندەك غازىتى كۈنى ئۆمەر كۈن پاتقۇچە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇياممىغان ۋە قۇرەيش كاپىرلىرىنى تىللىغان ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدى، چۈنكى ئۇلار سەۋەبلىك بۇ نامازنى كۈن پاتاي دېگىچە ئوقۇيالمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمەرنىڭ كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ: مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، نامازنىڭ ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش ئۆمەرگە بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر تاھارەت ئالدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى، ئاندىن ئەسىر نامىزىدىن كېيىن شامنى ئوقۇدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3450

 
Hadith   192   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يفرغ الماء على رأسه ثلاثًا


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى

عن أبي جعفر محمد بن علي بن الحسين بن علي بن أبي طالب أَنَّه كان هو وأبوه عند جابر بن عبد الله، وعنده قوم، فسألوه عن الغسل؟ فقال: صَاعٌ يَكْفِيكَ، فقال رجل: ما يَكْفِينِي، فقال جابر: كان يَكْفِي من هو أَوفَى مِنْكَ شَعْرًا، وخَيرًا مِنكَ -يريد رسول الله- -صلى الله عليه وسلم- ثُمَّ أَمَّنَا في ثَوبٍ.
   وفي لفظ: ((كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُفْرِغُ المَاءَ على رَأسِهِ ثَلاَثًا)).

ئەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپتىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ كىشى دادىسى بىلەن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۇيۇنۇش توغرىسىدا سوئال سورىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا (ئۈچ لىتىر) يېتىدۇ» دېدى، بىر كىشى: «ماڭا يەتمەيدۇ» دېگەن ئىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سەندىن ياخشى ۋە سەندىن چېچى كۆپ كىشىگىمۇ بىر سا سۇ يىتەتتى» (بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىدۇ) دېدى، ئاندىن بىرلا كېيىم بىلەن بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى، يەنە بىر سۆزدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى» دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان أبو جعفر محمد بن علي وأبوه عند الصحابي الجليل جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- وعنده قوم، فسأل رجل من القوم جابرًا عما يكفي من الماء في غسل الجنابة؟ فقال: يكفيك صاع.
وكان الحسن بن محمد بن الحنفية مع القوم عند جابر، فقال: إن هذا القدر لا يكفيني للغسل من الجنابة.
فقال جابر: كان يكفى من هو أوفر وأكثف منك شعرا، وخير منك، فيكون أحرص منك على طهارته ودينه -يعنى النبي- -صلى الله عليه وسلم-، وهذا حثٌّ على اتباع السنة، وعدم التبذير في ماء الغسل، ثم صلى بهم جابر إمامًا.
574;ەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى دادىسى بىلەن ھۆرمەتلىك ساھابە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا بولغان ئىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا بىر مۇنچە كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن جۇنابەتتىن غۇسلى قىلىشتا قانچىلىك سۇنىڭ يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۇئال سورىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا سۇ يېتىدۇ» دېدى، ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىي كىشىلەر بىلەن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇ: «ئۇنچىلىك سۇ ماڭا جۇنابەتتىن غۇسلى قېلىشقا يەتمەيدۇ» دېدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا سۇ سەندىن چېچى كۆپ، سەندىن ياخشى، دىنىغا ۋە پاكىزلىققا سەندىنمۇ بەك ھېرىسمەن بولغان كىشىگە يېتەتتى» (بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىدۇ) دېگەن، بۇ ھەدىس سۈننەتكە ئەگىشىپ، سۇنى ئىسراپ قىلماسلىققا قىزىقتۇرىدۇ، ئاندىن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3455

 
Hadith   193   الحديث
الأهمية: إنما يكفيك أن تقول بيديك هكذا: ثم ضرب بيديه الأرض ضربة واحدة، ثم مسح الشمال على اليمين، وظاهر كفيه ووجهه


باشتېما:

ساڭا مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى

عن عمار بن ياسر -رضي الله عنهما- قال: «بَعَثَنِي النبي -صلى الله عليه وسلم- في حَاجَة، فَأَجْنَبْتُ، فَلَم أَجِد المَاءِ، فَتَمَرَّغْتُ فِي الصَّعِيدِ، كَمَا تَمَرَّغ الدَّابَّةُ، ثم أَتَيتُ النبي -صلى الله عليه وسلم- فَذَكَرتُ ذلك له، فقال: إِنَّمَا يَكْفِيك أن تَقُولَ بِيَدَيكَ هَكَذَا: ثُمَّ ضَرَب بِيَدَيهِ الأَرْضَ ضَرْبَةً وَاحِدَةً، ثُمَّ مَسَحَ الشِّمَالَ عَلَى اليَمِينِ، وظَاهِرَ كَفَّيهِ وَوَجهَهُ».

ئەممار ئىبنى ياسىر بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەندە مەن جۇنۇب بولۇپ قالدىم، ئۇ جايدا سۇ تاپالماي، ئۇلاغ توپىدا دۇمىلىغاندەك دۇمىلاندىم، ئاندىن ناماز ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە بۇنى سۆزلەپ بەرسەم رەسۇلۇللاھ: سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
بعث النبي -صلى الله عليه وسلم- عمار بن ياسر -رضي الله عنه- في سفر لبعض حاجاته، فأصابته جنابة، فلم يجد الماء ليغتسل منه، وكان لا يعلم حكم التيمم للجنابة، وإنما يعلم حكمه للحدث الأصغر؛ فاجتهد وظن أنه كما مسح بالصعيد بعض أعضاء الوضوء عن الحدث الأصغر، فلابد أن يكون التيمم من الجنابة بتعميم البدن بالصعيد؛ قياساً على الماء، فتقلب في الصعيد حتى عمَّم البدن وصلى، فلما جاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- وكان في نفسه مما عمله شيء؛ لأنه عن اجتهاد منه، ذكر له ذلك؛ ليرى هل هو على صواب أو لا؟ فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: يكفيك عن تعميم بدنك كله بالتراب أن تضرب بيديك الأرض، ضربة واحدة، ثم تمسح شمالك على يمينك، وظاهر كفيك ووجهك، مثل التيمم للوضوء.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەممار ئىبنى ياسىرنى سەپەردە بىر ئىشقا بۇيرىدى، ئەممار ئۇ يەردە جۇنۇب بولۇپ قېلىپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تاپالمىدى، جۇنۇب بولۇپ سۇ تاپالماي قالغاندا، تەيەممۇم قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمما ئادەتتىكى تاھارەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشنى بىلەتتى، ئىجتىھاد قىلىپ، ئادەتتىكى تاھارەتتە توپا بىلەن بەزى ئەزالارغا مەسھى قىلغاندەك، سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا ئوخشۇتۇپ، جۇنۇب بولغاندا پۈتۈن ئەزالارغا مەسھى قىلىنىدۇ دەپ ئويلىغان، ئۇ توپىدا دۇمىلىنىپ ھەممە يېرىگە توپا تەككۈزدى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلگەندە توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىشىنى سۆزلەپ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىشنى ئىجتىھاد ئارقىلىق قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ قەلبىدە بىر ئاز گۇمان بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: توپىغا پۈتۈن بەدىنىڭ بىلەن دۇمىلىماي، ئىككى ئالقىنىڭنى يەرگە بىر قېتىم ئۇرۇپلا سول قولۇڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭغا، قولۇڭنىڭ دۇمبىسىگە، يۈزۈڭگە تاھارەت ئالغاندا سىلىغاندەك قىلساڭ بولاتتى ئەمەسمۇ؟ دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3461

 
Hadith   194   الحديث
الأهمية: أن رجلين من أصحاب النبي -صلى الله عليه وسلم- خرجا من عند النبي -صلى الله عليه وسلم- في ليلة مظلمة ومعهما مثل المصباحين بين أيديهما


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشى قاراڭغۇ كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدىن قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراققا ئوخشاش ئىككى نۇر پەيدا بولدى

عن أنس -رضي الله عنه-: أن رجلين من أصحاب النبي -صلى الله عليه وسلم- خرجا من عند النبي -صلى الله عليه وسلم- في ليلة مظلمة ومعهما مثلُ المصباحين بين أيديهما، فلما افترقا، صار مع كل واحد منهما واحد حتى أتى أهله.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشى قاراڭغۇ كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدىن قايتىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراققا ئوخشاش ئىككى نۇر پەيدا بولدى، ئۇ ئىككىسى ئايرىلىشقاندا ئۇ نۇر ھەر بىرسى بىلەن ئۆيگە كەلگۈچىلىك بىللە بولدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث الشريف كرامة ظاهرة لرجلين من أصحاب النبي -صلى الله عليه وسلم-، وقد جاء في بعض طرق الحديث أنهما: عبَاد بن بشر، وأُسيد بن حضير -رضي الله عنهما-.
وذلك أن هذين الصحابيين الجليلين كانا عند النبي -صلى الله عليه وسلم- في ليلة ذات ظلام شديد لا يستطيع الإنسان عادة السير فيها بسهولة؛ فأكرمهما الله تعالى بكرامة عجيبة؛ وهي أنه جعل أمامهما نورا يشبه ضوء لمبة الكهرباء يضيء لهما الطريق الذي يسيران فيه، فلما افترق هذان الصحابيان الجليلان أصبح مع كل واحد منهما ضوء مستقل ليصل كل واحد منهما إلى بيته بسهولة واطمئنان.
576;ۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشىگە ئاشكارا بولغان كارامەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ھەدىسنىڭ بەزى رىۋايەتلىرىدە بۇ ئىككى كىشى: ئەبباد ئىبنى بەشىر ۋە ئۈسەيد ئىبنى ھۇدەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېيىلگەن. بۇ ئىككى ئۇلۇغ ساھابە يول مېڭىش قىيىن بولغان بەك قاراڭغۇ بىر كىچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاجايىپ بىر كارامەت بىلەن ئىكرام قىلغان، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا يولدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا توك چىراغنىڭ يورۇقلىقىغا ئوخشاش نۇرنى پەيدا قىلغان، ئۇ نۇر ئىككەيلەننىڭ ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، بۇ ئىككى ئۇلۇغ ساھابە ئۆز ئۆيلىرى تەرەپكە ئايرىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئۆيىگە تىنچ-خاتىرجەم كېتىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىلەن بىر پارچىدىن نۇر بىرگە بولغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3466

 
Hadith   195   الحديث
الأهمية: يا أبا ذر، إنك ضعيف، وإنها أمانة، وإنها يوم القيامة خزي وندامة، إلا من أخذها بحقها، وأدى الذي عليه فيها


باشتېما:

ئى ئەبا زەر سەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ دېگەن ئامانەتتۇر ۋە ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئىنساننى خار قىلىدىغان ۋە پۇشايمانغا قويىدىغان بىر ئىشتۇر

عن أبي    ذر -رضي الله عنه- قال: قُلتُ: يَا رسُولَ الله، أَلاَ تَسْتَعْمِلُنِي؟ فَضَرَبَ بِيَدِهِ عَلَى مَنْكِبِي، ثُمَّ قَالَ: «يَا أَبَا ذَرٍّ، إِنَّكَ ضَعِيفٌ، وَإِنَّهَا أَمَانَةٌ، وَإِنَّهَا يَوْمَ القِيَامَةِ خِزيٌ وَنَدَامَةٌ، إِلاَّ مَنْ أَخَذَهَا بِحَقِّهَا، وَأَدَّى الَّذِي عَلَيهِ فِيهَا».

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا بىرەر ھوقۇق بېرىپ ئىشلەتمەملا؟ دېدىم، ئۇ قولى بىلەن دولامغا ئۇرۇپ قويۇپ دېدىكى: ئى ئەبا زەر سەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ دېگەن ئامانەتتۇر ۋە ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئىنساننى خار قىلىدىغان ۋە پۇشايمانغا قويىدىغان بىر ئىشتۇر

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر أبو ذر أن النبي -صلى الله عليه وسلم- خصّه بنصيحة في شأن الإمارة وتوليها، وهذا لما سأل -رضي الله عنه- النبي -صلى الله عليه وسلم- أنْ يستعمله في الولاية، فقال له النبي -صلى الله عليه وسلم-: "إنك ضعيفٌ"، وهذا القول فيه نوع قوة لكن الأمانة تقتضي أن يُصرَّحَ للإنسان بوصفه الذي هو عليه، إن قويًّا فقوي، وإن ضعيفًا فضعيف.
ففي هذا دليل على أنه يشترط للإمارة أن يكون الإنسان قويًّا وأن يكون أمينًا؛ لأن الرسول -عليه الصلاة والسلام- قال: "وإنها أمانة"، فإذا كان قويًّا أمينًا فهذه هي الصفات التي يستحق بها أن يكون أميرًا واليًا،    فإن كان قويًّا غيرَ أمينٍ، أو أمينًا غيرَ قوي، أو ضعيفًا غيرَ أمينٍ، فهذه الأقسام الثلاثة لا ينبغي أن يكون صاحبها أميرًا.
وعليه فإنَّنَا نُؤَمِّر القوي؛ لأنَّ هذا أنفع للناس، فالناس يحتاجون إلى سلطة وإلى قوة، وإذا لم تكن قوة ولا سيما مع ضعف الدين ضاعت الأمور.
فهذا الحديث أصل عظيم في اجتناب الولايات، لا سيما لمن كان فيه ضعف عن القيام بوظائف تلك الولاية.
وأما الخزي والندامة الواردة في الحديث، في قوله: "وإنها يوم القيامة خزي وندامة" فهو في حق من لم يكن أهلًا لها، أو كان أهلًا ولم يعدل فيها، فيخزيه الله -تعالى- يوم القيامة، ويفضحه، ويندم على ما فرَّط.
وأما من كان أهلًا للولاية وعدل فيها، فلا يشمله الوعيد؛ ولذلك النبي الكريم استثنى فقال -صلى الله عليه وسلم-: "إلا من أخذها بحقها، وأدى الذي عليه فيها"، ذلك أن من أخذها بحقها له فضل عظيم تظاهرت به الأحاديث الصحيحة؛ كحديث: "سبعة يظلهم الله في ظله"، ذكر منهم "إمام عادل"، وحديث: "إنّ المقسطين على منابر من نور يوم القيامة"، وغير ذلك.
574;ەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ھوقۇق تۇتۇش توغرىسىدا مەخسۇس بىر نەسىھەت قىلغان. بۇ ئىش، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى بىرەر رايونغا ئەمىر قىلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغان چاغدا بولغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن بۇ ئىشقا ئاجىزسەن» دېگەن، بۇ گەپتىمۇ بىر خىل كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ گېپى بار، لېكىن بۇ ھوقۇق دېگەن بىر ئامانەت بولغانلىقتىن، ئەگەر كۈچلۈك بولسا، كۈچلۈك، ئەگەر ئاجىز بولسا، ئاجىز دەپ، ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس سۈپىتىنى بايان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەدىستە، بىرەر ھوقۇق تۇتۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچىلىك بولىشى شەرت قىلىنىدىغانلىقىغا دەلىل بار. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ دېگەن ئامانەتتۇر» دېدى، يەنى، ئەگەر ئىشەنچىلىك ۋە كۈچلۈك بولسا، ئەمىر ياكى ۋالى بولۇشقا ھەقلىق بولىدىغان سۈپەتلەر مانا مۇشۇدۇر. ئەگەر ئۆزى كۈچلۈك ئەمما ئىشەنچىسىز بولسا، ياكى ئىشەنچىلىك ئەمما ئاجىز بولسا، ۋە ياكى ئىشەنچىسىز ھەم ئاجىز بولۇپ قالسا، مانا بۇ ئۈچ خىل كىشىلەر ئەمىر بولۇشقا لايىق ئەمەستۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن، بىز كۈچلۈك كىشىنى ئەمىر قىلىپ تۇرغۇزۇشىمىز لازىم ، چۈنكى بۇنداق بولىشى كىشىلەرگە بەكرەك پايدىلىقتۇر، چۈنكى كىشىلەر كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتكە مۇھتاجدۇر. ئەگەر ھۆكۈمەت كۈچلۈك بولمىسا، بولۇپمۇ دىن ئاجىزلاپ قالغان چاغدا، نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلار زايا بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ھەدىس، بىر ئىنساندا ئۇ ھوقۇقنىڭ ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئادا قىلىشقا ئاجىزلىق بولۇپ قالسا، ھوقۇقتىن يىراق تۇرۇشقا چوڭ بىر ئاساستۇر. ئەمما ھاكىملىققا سالاھىيىتى توشۇپ، ئۇنىڭدا ئادىل بولسا، بۇ ھەدىستە دېيىلگەن قورقۇتۇشلار ئۇنداق كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېسىل پەيغەمبىرىمىز بۇنى مۇستەسنا قىلىپ: «ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلسا، ئۇنىڭ قاتارىدىن بولمايدۇ» دېگەن. ئۇنداق بولىشى، چۈنكى ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئالغان كىشىنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان باشقا سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر. مەسىلەن: «ئاللاھ تائالانىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەر» ۋە «ئادالەت يۈرگۈزگەنلەر نۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە بولىدۇ» دېيىلگەن ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلىرى بۇنىڭغا دەلىل بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3467

 
Hadith   196   الحديث
الأهمية: إن الناس إذا رأوا الظالم فلم يأخذوا على يديه أوشك أن يعمهم الله بعقاب منه


باشتېما:

ئەگەر كىشىلەر زالىمنى كۆرۈپ ئۇنى چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا تىزلا ئوموملاشتۇرىدۇ

عن أبي بكر الصديق -رضي الله عنه- قال: يا أيُّها النَّاس، إِنَّكُم لَتَقرَؤُون هذه الآية: (يَا أَيُّها الَّذِين آمَنُوا عَلَيكُم أَنفسَكُم لاَ يَضُرُّكُم مَنْ ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيتُم) [المائدة: 105]، وَإِنِّي سمِعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إِنَّ النَّاس إِذا رَأَوُا الظَّالِمَ فَلَم يَأْخُذُوا عَلَى يَدَيه أَوشَكَ أَنْ يَعُمَّهُمُ اللهُ بِعِقَابٍ مِنْهُ».

ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ: ئى خالايىق!، سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ: «ئى مۆمىنلەر!، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگەزىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» دېگەن ئايىتىنى ئوقۇيسىلەر، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر زالىمنى كۆرۈپ چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا تىزلا ئوموملاشتۇرىدۇ» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال أبو بكر الصديق -رضي الله عنه- قال: أيها الناس، إنكم تقرؤون هذه الآية (يا أيها الذين آمنوا عليكم أنفسكم لا يضركم من ضل إذا اهتديتم) ، (المائدة: 105)، وتفهمون منها أن الإنسان إذا اهتدى بنفسه فإنه لا يضره ضلال الناس؛ لأنه استقام بنفسه، فإذا استقام بنفسه فشأن غيره على الله -عز وجل- وهذا المعنى فاسد، فإن الله اشترط لكون من ضل لا يضرنا أن نهتدي فقال: (لا يضركم من ضل إذا اهتديتم)، ومن الاهتداء: أن نأمر بالمعروف وننهى عن المنكر، فإذا كان هذا من الاهتداء، فلابد لكي نسلم من الضرر من الأمر المعروف والنهي عن المنكر، ولهذا قال -رضي الله عنه-: وإني سمعت النبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: "إن الناس إذا رأوا المنكر فلم يغيروه، أو فلم يأخذوا على يد الظالم، أوشك أن يعمهم الله بعقاب من عنده" يعني أنهم يضرهم من ضل إذا كانوا يرون الضال ولا يأمرونه بالمعروف، ولا ينهونه عن المنكر، فإنه يوشك أن يعمهم الله بالعقاب؛ الفاعل والغافل، الفاعل للمنكر، والغافل الذي لم ينه عن المنكر.
574;ەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئى خالايىق!، سىلەر:{ئى مۆمىنلەر!، ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېگەن بۇ ئايەتنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ئىنسان ئۆزى توغرا يولدا بولسا باشقىلارنىڭ ئازغۇنلىقى ئۇنىڭغا زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۆزىنى تۈزىسە باشقىلارنىڭ ئىشى ئاللاھقا بولىدۇ دەپ چۈشىنىسىلەر، بۇ خاتا چۈشەنچىدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ بىزگە زېيان يەتكۈزەلمەيدىغان بولىشى ئۈچۈن توغرا يولدا بولىشىمىزنى شەرت قىلىپ: {سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} دېدى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش توغرا يولدا بولۇشنىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇ توغرا يولدا بولغانلىق بولسا، زېياندىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىشىمىز زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئەگەر كىشىلەر يامان ئىش- ھەرىكەتلەرنى كۆرۈپ ئۆزگەرتمىسە، زالىمنى چەكلىمىسە ئاللاھ ئۆز ئازابىنى ئۇلارغا ئوموملاشتۇرىدۇ» دېدى، يەنى: ئۇلار ئازغۇن كىشىنى كۆرۈپ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىمىسە ئازغانلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا، يەنى: يامان ئىشنى قىلغۇچىغا ۋە ئۇنىڭدىن توسمىغان غاپىلغا جازانى ئوموملاشتۇرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3470

 
Hadith   197   الحديث
الأهمية: ما سمعت عمر -رضي الله عنه- يقول لشيء قط: إني لأظنه كذا، إلا كان كما يظن


باشتېما:

مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر نەرسىگە «مەن ئۇنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن»دېگىنىنى ئاڭلىساملا ئۇ ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولۇپ چىقاتتى

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- قال: ما سمعت عمر -رضي الله عنه- يقول لشيء قَطُّ: إني لأظنه كذا، إلا كان كما يظن.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر نەرسىگە «مەن ئۇنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن» دېگىنىنى ئاڭلىساملا ئۇ ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولۇپ چىقاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الصحابة يرون عمر يحكم على أمور لا تكون ظاهرة واضحة لغيره من الناس، ثم لما تتضح تلك الأمور يظهر أنَّ حكم عمر عليها قبل ظهورها كان موافقا لما وقعت وظهرت في الواقع.
587;اھابىلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشقىلارغا ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغان ئىشلارغا ھۆكۈم قىلغىنىنى كۆرەتتى، ئىشلار ئايدىڭلاشقاندا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۈز بىرىشتىن ئىلگىرى قىلغان ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقىنى كۆرەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3473

 
Hadith   198   الحديث
الأهمية: كنت أغتسل أنا ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- من إناء واحد, كلانا جنب


باشتېما:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم

عن عَائِشَةَ -رضي الله عنها- قالت: ((كُنْتُ أَغْتَسِلُ أَنَا ورسول الله -صلى الله عليه وسلم- مِن إِنَاءٍ وَاحِدٍ, كِلاَنَا جُنُب، وكان يَأْمُرُنِي فَأَتَّزِرُ, فَيُبَاشِرُنِي وأنا حَائِض، وكان يُخْرِج رَأسَه إِلَيَّ, وهُو مُعْتَكِفٌ, فَأَغْسِلُهُ وأنا حَائِض)).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن جۇنۇپ ھالىتىمىزدە بىر قاچىدا يۇيىناتتىم، مەن ئادەت كۆرگەن ۋاقتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ئىشتان كىيىۋىلىشقا بۇيرۇپ قۇچاقلايتتى، ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتىن بېشىنى چىقىراتتى، مەن ھەيزدار ھالىتىمدە ئۇنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتىم» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- وزوجته عائشة -رضي الله عنها-، يغتسلان من الجنابة من إناء واحد، لأن الماء طاهر لا يضره غرف الجنب منه، إذا كان قد غسل يديه قبل إدخالهما في الإناء.
وقد أراد النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يشرع لأمته في القرب من الحائض بعد أن كان اليهود لا يؤاكلونها، ولا يضاجعونها، فكان -صلى الله عليه وسلم- يأمر عائشة أن تتزر، فيباشرها بما دون الجماع، وهي حائض.
وكان النبي -صلى الله عليه وسلم- يعتكف فيخرج رأسه إلى عائشة وهي في بيتها وهو في المسجد فتغسله، فالقرب من الحائض لا مانع منه لمثل هذه الأعمال وقد شرع توسعة بعد حرج اليهود، ولكن الحائض لا تدخل المسجد، لئلا تلوثه، كما في هذا الحديث.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن جۇنۇپ ھالىتىدە بىر داستىن سۇ ئىلىپ يۇيۇناتتى، چۈنكى جۇنۇپ كىشى قولىنى قاچىغا تىقىشتىن بۇرۇن يۇيىۋەتكەن بولسا، قولىدا سۇ ئىلىپ يۇيۇنسا سۇنىڭ پاكىزلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يەھۇدىلارنىڭ ئاياللىرى ئادەت كۆرۈپ قالغاندا بىر ئورۇندا ياتمايدىغانلىقى ۋە بىرگە ئولتۇرۇپ يىمەك يىمەيدىغانلىقى بىلىنگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە ھەيىزدار ئايال بىلەن جىما قىلماستىن يېقىنچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئادەت كۈنىدە ئىشتان كىيۋىلىشقا بۇيرۇپ، جىما قىلماستىن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا مەسچىتتە ئولتۇرۇپ بېشىنى ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگۈزەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆيدە تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىنى يۇيۇپ قوياتتى.بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ھەيىزدارلارغا يىقىنلىشىش چەكلەنمەيدۇ، بۇ يەھۇدىلارنىڭ سىقىنچىلىقىنى كەڭرىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى، لېكىن بۇ ھەدىستە ئىپادىلەنگەندەك، ھەيىزدار ئايال بۇلغاپ قويماسلىقى ئۈچۈن مەسچىتكە كىرمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3476

 
Hadith   199   الحديث
الأهمية: من وقاه الله شر ما بين لحييه، وشر ما بين رجليه دخل الجنة


باشتېما:

قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ ئىككى ساقىلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسا ئۇ كىشى جەننەتكە كىرىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «من وقاه الله شر ما بين لَحْيَيْهِ، وشر ما بين رجليه دخل الجنة».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ ئىككى ساقىلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسا ئۇ كىشى جەننەتكە كېرىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من حفظه الله -عز وجل- من التكلم بما يغضب الله -تعالى-، ومن الوقوع في الزنا؛ فقد نجا ودخل الجنة.
602;انداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان بىر نەرسىنى سۆزلەشتىن ۋە ھارام زىناغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلايدىكەن، ئۇ كىشى نىجات تاپىدۇ ۋە جەننەتكە كېرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3477

 
Hadith   200   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يتكئ في حجري، فيقرأ القرآن وأنا حائض


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ھەيزدار ھالىتىمدە قۇچىقىمغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى

عن عَائِشَة -رضي الله عنها- قالت: «كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يَتَكِّئُ فِي حِجرِي، فَيَقرَأُ القرآن وأنا حَائِض».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ھەيزدار ھالىتىمدە قۇچىقىمغا يۆلىنىپ قۇرئان ئوقۇيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ذكرت عائشة -رضي الله عنها- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يتكئ في حجرها، فيقرأ القرآن وهي حائض، مما يدل على أن بدن الحائض طاهر، لم ينجس بالحيض.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەيزدارلىق ھالىتىدە قۇچىقىغا يۆلۈنۈپ يېتىپ قۇرئان ئوقۇيتتى. بۇ، ھەيزدارنىڭ بەدىنىنىڭ پاك، ھەيز بىلەن نىجىس بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3478

 
Hadith   201   الحديث
الأهمية: ما من نبي بعثه الله في أمة قبلي إلا كان له من أمته حواريون وأصحاب يأخذون بسنته ويقتدون بأمره، ثم إنها تخلف من بعدهم خلوف يقولون ما لا يفعلون، ويفعلون ما لا يؤمرون


باشتېما:

ئاللاھ مەندىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن سۈننىتىنى تۇتۇپ، بۇيرىقىغا ئەگىشىدىغان ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولدى، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغاننى سۆزلەيدىغان، بۇيرۇلمىغاننى قېلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ

عن ابن مسعود -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «ما من نبي بعثه الله في أُمَّةٍ قبلي إلا كان له من أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وأَصْحَابٌ يأخذون بسُنته ويَقْتَدُونَ بأَمره، ثم إنها تَخْلُفُ من بعدهم خُلُوفٌ يقولون ما لا يفعلون، ويفعلون ما لا يُؤْمَرُونَ، فمن جَاهَدَهُمْ بيده فهو مؤمن، ومن جَاهَدَهُمْ بقلبه فهو مؤمن، ومن جَاهَدَهُمْ بلسانه فهو مؤمن، وليس وَرَاءَ ذلك من الإيمان حَبّةُ خَرْدَلٍ».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ مەندىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن سۈننىتىنى تۇتۇپ، بۇيرىقىغا ئەگىشىدىغان ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولدى، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغاننى سۆزلەيدىغان، بۇيرۇلمىغاننى قېلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ، كىم ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن قەلبى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن تىلى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر، ئۇنىڭ كەينىدە قىچىنىڭ ئۇرۇغىچىلىكمۇ ئىمان يوق»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ما من نبي بعثه الله -تعالى- في أمة قبل النبي -صلى الله عليه وسلم- إلا كان له من أمته خلصاء وأصفياء يصلحون للخلافة بعده، وأصحاب يأخذون بطريقه وشريعته، ويتأسون بأمره، ثم إنها تحدث من بعدهم خُلُوف يتشبعون بما لم يعطوا أي يظهرون أنهم بصفة من الصفات الحميدة وليسوا كذلك، ويفعلون خلاف المأمور به من المنكرات التي لم يأت بها الشرع، فمن جاهدهم بيده؛ إذا توقف إزالة المنكر عليه ولم يترتب عليه مفسدة أقوى منه فهو كامل الإيمان، ومن جاهدهم بلسانه بأن أنكر به واستعان بمن يدفعه فهو مؤمن، ومن جاهدهم بقلبه، واستعان على إزالته بالله -سبحانه- فهو مؤمن، وليس وراء كراهة المنكر بالقلب من الإيمان شيء.
574;اللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن ئۆزىدىن كىيىن خەلىپىلىككە يارايدىغان، يولىنى تۇتۇپ، شەرىئىتىگە ئەگىشىپ، پىرىنسىپى بىلەن ئىش قىلىدىغان تاللانغان، ئىخلاسمەن ياردەمچىلىرى بولغان، كېيىن بېرىلمىگەن نەرسى بىلەن تويۇنىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيدا بولىدۇ، يەنى: ئۇلار ئۆزلىرىنى ماختىلىدىغان سۈپەتلەردىن بىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئۇنداق ئەمەس، شەرىئەتتە كەلمىگەن، بۇيرۇلغان ئىشقا خىلاپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ. يامانلىقنى يوقىتىش ئىھتىياجى تەلەپ قىلغاندا ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق بۇزغۇنچىلىق پەيدا بولمىغاندا، ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق كۆرەش قىلغان كىشى ئىيمانى مۇكەممەل كىشىدۇر. يامانلىقنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى توسىيالايدىغان كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، تىلى بىلەن كۆرەش قىلغان كىشى مۆمىندۇر، يامانلىقنى يوقىتىشتا ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن قەلبى ئارقىلىق كۆرەش قىلغان كىشىمۇ مۆمىندۇر، يامان ئىشنى قەلبى بىلەن ئۆچ كۆرۈشنىڭ كەينىدە قىلچە ئىمان بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3480

 
Hadith   202   الحديث
الأهمية: إنه يستعمل عليكم أمراء فتعرفون وتنكرون، فمن كره فقد برئ، ومن أنكر فقد سلم، ولكن من رضي وتابع، قالوا: يا رسول الله، ألا نقاتلهم؟ قال: لا، ما أقاموا فيكم الصلاة


باشتېما:

مەندىن كېيىن سىلەرگە بىر تۈركۈم پادىشاھلار ھۆكۈمران بولىدۇ، سىلەر قوبۇل قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلار بولىدۇ، كىمىكى ئۇ ئىشلارنى ئۆچ كۆرسە گۇناھى ساقىت بولىدۇ، كىمىكى ئۇنى ئىنكار قىلسا، قارشىلىق بىلدۈرسە سالامەت بولىدۇ. ئەمما رازى بولۇپ ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشى، ئۇلار بىلەن تەڭ ھالاك بولىدۇ،دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارشى چىقساقچۇ؟دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، نامازلا ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى

عن أم سلمة    هند بنت أبي أمية حذيفة -رضي الله عنها- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: «إِنَّه يُسْتَعمل عَلَيكُم أُمَرَاء فَتَعْرِفُون وَتُنكِرُون، فَمَن كَرِه فَقَد بَرِئ، ومَن أَنْكَرَ فَقَد سَلِمَ، ولَكِن مَنْ رَضِيَ وَتَابَعَ» قالوا: يا رسول الله، أَلاَ نُقَاتِلُهُم؟ قال: «لا، ما أَقَامُوا فِيكُم الصَّلاَة».

ئۇممۇ سەلەمە ھىند بىنتى ئۇمەييە«ھۇزەيفە» رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مەندىن كېيىن سىلەرگە بىر تۈركۈم پادىشاھلار ھۆكۈمران بولىدۇ، سىلەر قوبۇل قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلار بولىدۇ، كىمىكى ئۇ ئىشلارنى ئۆچ كۆرسە گۇناھى ساقىت بولىدۇ، كىمىكى ئۇنى ئىنكار قىلسا، قارشىلىق بىلدۈرسە سالامەت قالىدۇ. ئەمما رازى بولۇپ ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشى، ئۇلار بىلەن تەڭ ھالاك بولىدۇ، دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارشى چىقساقچۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ياق، نامازلا ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر -عليه الصلاة والسلام- أنه يولى علينا من قبل ولي الأمر أمراء، نعرف بعض أعمالهم؛ لموافقتها ما عرف من الشرع، وننكر بعضها؛ لمخالفته ذلك، فمن كره بقلبه المنكر ولم يقدر على الإنكار؛ لخوف سطوتهم فقد برىء من الإثم، ومن قدر على الإنكار باليد أو باللسان فأنكر عليهم ذلك فقد سلم، ولكن من رضي فعلهم بقلبه، وتابعهم في العمل به يهلك كما هلكوا.
ثم سألوا النبي -صلى الله عليه وسلم-: ألا نقاتلهم؟ قال: "لا، ما أقاموا فيكم الصلاة".
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمانلارغا بىر تۈركۈم پادىشاھلار ھۆكۈمران بولىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ۋە بەزى ئىشلىرىنىڭ شەرىئەتكە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، كىمىكى ئۇلاردىن سادىر بولغان مۇنكەر ئىشلارنى قەلبى بىلەن يامان كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇ ئىشلارغا ئىنكار قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىنكار قىلمىغانلىقنىڭ گۇناھى ساقىت بولىدۇ. كىمىكى ئۇنىڭغا قولى ياكى تىلى بىلەن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولۇپ، قارشىلىق بىلدۈرسە سالامەت بولىدۇ. ئەمما كىمكى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قەلبى بىلەن رازى بولۇپ، ئەمەلدە ئۇلارغا ئەگەشسە ياكى ئىتائەت قىلسا، ئۇلار ھالاك بولغانغا ئوخشاشكا ھالاك بولىدۇ، دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارشى چىقساقچۇ؟ دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، مادامىكى ناماز ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3481

 
Hadith   203   الحديث
الأهمية: ذكرتُ شيئًا من تبر عندنا فكرهت أن يحبسني، فأمرت بقسمته


باشتېما:

قېشىمىزدا بار خام ئالتۇننى ئەسلەپ مېنى نامازدىن مەشغۇل قىلىشىنى خالىمىدىم، شۇڭا تەقسىم قىلىپ بىرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم

عن عقبة بن الحارث -رضي الله عنه- قال: صليت وراء النبي -صلى الله عليه وسلم- بالمدينة العصر، فسَلَّمَ ثم قام مُسرعًا، فتَخَطَّى رِقَابَ الناس إلى بعض حُجَرِ نِسائه، فَفَزِعَ الناسُ من سُرْعَتِهِ، فخرج عليهم، فرأى أنهم قد عجبوا من سُرْعَتِهِ، قال: «ذكرت شيئاً من تِبْرٍ عندنا فكرهت أن يَحْبِسَنِي، فأمرتُ بِقِسْمَتِهِ».
وفي رواية: «كنت خَلَّفْتُ في البيت تِبْرًا من الصدقة، فكرهت أن أُبَيِّتَهُ».

ئۇقبە ئىبنى ھارىس مۇنداق دېگەن: مەن مەدىنىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھ نامازدىن سالام بېرىپ بولۇپ، تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئاياللىرىنىڭ بىرىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ تېز ھەرىكىتىدىن چۈچۈپ كېتىشتى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ قارىسا، ئۇلارنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ: «بىزنىڭ قېشىمىزدا بار خام ئالتۇننى ئەسلەپ قالدىم، ئۇنىڭ مېنى نامازدا خىيال قىلدۇرۇپ مەشغۇل قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، بۆلۈپ بىرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم»دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «مەن ئۆيدە سەدىقىدىن كەلگەن خام ئالتۇننى قويۇپ قويغان ئىدىم، ئۆيۈمدە بىر كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىدىم» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال عقبة بن الحارث -رضي الله عنه- أنه صلَّى مع النبي -صلى الله عليه وسلم- ذات يوم صلاة العصر، فقام النبي -صلى الله عليه وسلم- حين انصرف من صلاته مسرعاً، يَتخَطَّي رقاب الناس متوجهاً إلى بعض حجرات زوجاته؛ فخاف الناس من ذلك، ثم خرج فرأى الناس قد عجبوا من ذلك؛ فبين لهم النبي -صلى الله عليه وسلم- سبب هذا، وأخبر أنه تذكر شيئًا من ذهب غير مضروب مما تجب قسمته، فكره أن يمنعه ويشغله التفكير فيه عن التوجه والإقبال على الله -تعالى-.
726;ەزرىتى ئۇقبە ئىبنى ھارىس بىر كۈنى ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە ئەسىر نامىزى ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ نامىزىنى تۈگىتىپ بولۇپ تېز ئورنىدىن تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ بويۇنلىرىدىن ئاتلاپ، بەزى ئاياللىرىنىڭ ھۇجرىسىغا قاراپ ماڭغاندا، كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تېز ھەرىكىتىدىن ئەنسىرەپ قالغان. رەسۇلۇللاھ ئۆيىدىن چىقىپ كىشىلەرنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سەۋەبىنى بايان قىلىپ، تەقسىم قىلىنىشقا تېگىشلىك تېخى قۇيۇلمىغان بىر ئالتۇن پارچىسىنى نامازدا ئەسلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭ بۇندىن كېيىن نامازدا ئاللاھقا يۈزلىنىشتىن ئويغا سېلىپ نامازغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن تەقسىم قىلىۋىتىشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3483

 
Hadith   204   الحديث
الأهمية: دخل عبد الرحمن بن أبي بكر الصديق -رضي الله عنهما- على النبي -صلى الله عليه وسلم- وأنا مسندته إلى صدري، ومع عبد الرحمن -رضي الله عنهما- سواك رطب يستن به فأبده رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بصره


باشتېما:

ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكرى ئەسسىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردى. ئۇ چاغدا مەن ئۇنى مەيدەمگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدىم. ئابدۇرراھماندا بىر ھۆل مىسۋاك بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىدى

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: ((دخل عبد الرحمن بن أبي بكر الصديق -رضي الله عنهما- على النبي -صلى الله عليه وسلم- وأنا مُسْنِدَتُه إلى صدري، ومع عبد الرحمن سِواك رَطْب يَسْتَنُّ به، فأَبَدَّه رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بَصَره، فَأَخَذْتُ السِّوَاك فَقَضَمتُه، فَطَيَّبتُه، ثُمَّ دَفَعتُهُ إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- فَاسْتَنَّ به فما رأيتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- استَنَّ اسْتِنَانًا أَحسَنَ منه، فَما عَدَا أن فَرَغَ رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: رَفَع يَدَه -أو إصبعه-، ثم قال: في الرفيق الأعلى -ثلاثا- ثمَّ قَضَى، وكَانت تقول: مَاتَ بَينَ حَاقِنَتِي وَذَاقِنَتِي)).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرگەندە، مەن رەسۇلۇللاھنى مەيدەمگە يۆلەپ ئولتۇرغۇزغان ئىدىم. ئابدۇرراھماندا چىشىنى مىسۋاكلاۋاتقان بىر ھۆل مىسۋاك بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كۆز تىكىپ قارىدى. مەن مىسۋاكنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ ئۇچىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىپ ئاندىن يۇمشىتىپ بەردىم. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى مىسۋاكلىدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىسۋاكلىغان ھالنى كۆرمىگەنىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىكار بولۇپلا قولىنى (ياكى بارمىقىنى) كۆتۈرگەن ھالدا، ھەممىدىن ئالى ئىلاھىمنىڭ قېشىغا بېرىشنى خالايمەن، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى. ئاندىن جان ئۈزدى. ئائىشە ئانىمىز: مېنىڭ قۇچىقىمدا ۋاپات بولدى، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تذكر عائشة -رضي الله عنها- قصةً تبين لنا مدى محبة النبي -صلى الله عليه وسلم- للسواك وتعلقه به، وذلك أن عبد الرحمن بن أبى بكر -رضي الله عنه- -أخا عائشة- دخل على النبي -صلى الله عليه وسلم- في حال النزع ومعه سواك رطب، يدلك به أسنانه.
فلما رأى النبي -صلى الله عليه وسلم- السواك مع عبد الرحمن، لم يشغله عنه ما هو فيه من المرض والنزع، من محبته له، فمدَّ إليه بصره، كالراغب فيه، ففطنت عائشة -رضي الله عنها- فأخذت السواك من أخيها، وقصت رأس السواك بأسنانها ونظفته وطيبته، ثم ناولته النبي -صلى الله عليه وسلم-، فاستاك به.
فما رأت عائشة تسوكًا أحسن من تسوكه.
فلما طهر وفرغ من التسوك، رفع إصبعه، يوحد الله -تعالى-، ويختار النقلة إلى ربه -تعالى-، ثم توفي -صلى الله عليه وسلم-.
فكانت عائشة -رضي الله عنها- مغتبطة، وحُق لها ذلك، بأنه -صلى الله عليه وسلم- توفي ورأسه على صدرها.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر قىسسىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسۋاكنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئائىشەنىڭ بىر تۇغقىنى ئابدۇرراھمان ئبنى ئەبى بەكر ى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىردى. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەكراتتا ئىدى، ئابدۇرراھمان بىر ھۆل مىسۋاكتا چىشىنى مىسۋاكلىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ مىسۋاكنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆزىنىڭ بۇ كېسەل ۋە سەكراتتىكى ھالى مىسۋاكقا بولغان مۇھەببىتىنى مەشغۇل قىلالمىدى، بەلكى شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنى خالىغاندەك قىلىپ كۆزىنى تىكتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى چۈشەندى ۋە بىر تۇغقىنىدىن مىسۋاكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى چىشى بىلەن كېسىۋېتىپ ياخشى پاكىزلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەردى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن چىشىنى مىسۋاكلىدى، ئائىشە ئانىمىز ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى مىسۋاكلىغان ھالنى كۆرمىگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىسۋاكلاپ پاكىزلىقىدىن بىكار بولغاندا، بارمىقىنى كۆتۈرۈپ كەلىمە تەۋھىدنى ئېيتتى، ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىغا كېتىشنى تاللىدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپتى. ئائىشە ئانىمىز بۇ ئىشتىن خۇشال ئىدى. ئۇ خۇشال بولۇشقا ھەقلىقتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشى ئۇنىڭ مەيدىسىدە تۇرۇپ جان ئۈزگەن ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3484

 
Hadith   205   الحديث
الأهمية: إنَّ أبر البر صلة الرجل أهل وُدَّ أبيه


باشتېما:

شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى، بىر كىشىنىڭ دادىسى ياخشى كۆركەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر

عن عبد الله بن عمر -رضي الله عنهما- أَنَّ رَجُلاً مِنَ الأعرَاب لَقِيهَ بِطَريق مَكَّة، فَسَلَّم عَلَيه عَبد الله بنُ عمر، وَحمَلهُ على حمار كان يركَبُهُ، وَأعطَاه عِمَامَة كَانت على رأسه، قال ابن دينار: فقُلنا له: أَصْلَحَك الله، إنَّهم الأعراب وهُم يَرْضَون بِاليَسِير، فقال عبدُ الله بنَ عُمر: إِنَّ أَبَا هَذَا كَانَ وُدًّا لِعُمر بنِ الخطَّاب -رضي الله عنه- وإنِّي سَمِعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إِنَّ أَبَرَّ البِرِّ صِلَةُ الرَّجُل أَهْلَ وُدِّ أَبِيه».
وفي رواية عن ابن دينار، عن ابن عمر: أنَّه كان إذَا خَرَج إلى مكة كان له حمار يَتَرَوَّحُ عليه إذا ملَّ رُكُوبَ الرَّاحِلة، وَعِمَامة يَشُدُّ بها رأسه، فَبينَا هو يومًا على ذلك الحمار إِذْ مَرَّ بِهِ أَعْرَابِي، فقال: أَلَسْتَ فُلاَن بنَ فُلاَن؟ قال: بَلَى. فَأَعْطَاهُ الحِمَار، فقال: ارْكَب هَذَا، وَأَعْطَاهُ العِمَامَةَ وَقَالَ: اشْدُدْ بِهَا رَأْسَكَ، فَقَالَ لَهُ بَعض أصحَابِه: غفر الله لك أَعْطَيت هذا الأعرابي حمارا كنت تَرَوَّحُ عليه، وعِمَامَة كُنتَ تشدُّ بها رأسَك؟ فقال: إِنِّي سمِعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إِنَّ مِنْ أَبَرِّ البِّر أَنْ يَصِلَ الرَّجُلُ أَهْلَ وُدَّ أَبِيهِ بَعْدَ أَنْ يُوَلِّيَ» وَإِنَّ أَبَاه كان صَدِيقًا لِعُمَرَ -رضي الله عنه-.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇنىڭغا ئەئرابىلاردىن بولغان بىر كىشى مەككە يولىدا ئۇچراشتى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا سالام قىلىپ، ئۇنى ئۆزى مېنىۋاتقان ئېشەككە مىندۈرۈپ قويدى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئۇنىڭغا بەردى، ئىبنى دىنار مۇنداق دەيدۇ: بىز ئابدۇللاھقا: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن!، ئۇ ئەئرابىلار ئازراق نەرسىگە رازى بولىدىغان كىشىلەر ئىدى، دېدۇق، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: ئۇنىڭ دادىسى دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دوستى ئىدى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر»، ئىبنى دىنارنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر توغرۇلۇق قىلغان رىۋايىتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مەككىگە چىقىپ قالسا تۆگە مىنىشتىن زېرىككەندە مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكى ۋە بېشىغا ئورىۋالىدىغان سەللىسى بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇ ئېشەككە مىنىپ كېتىۋاتقاندا بىر ئەئرابى ئۇچرىشىپ قالدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى ئەمەسمۇ؟ دېدى، ئەئرابى: «شۇنداق» دېدى، ئابدۇللاھ ئېشەكنى ۋە سەللىنى ئۇنىڭغا بېرىپ: «ئېشەكنى مىنگىن ۋە بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ، سەن بۇ ئەئرابىغا ئۆزۈڭ مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشەكنى ۋە بېشىڭغا ئورايدىغان سەللىنى بېرىۋەتتىڭغۇ؟ دېگەندە، ئۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسىدىن كىيىن ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان    ابن عمر -رضي الله عنهما- إذا خرج إلى مكة حاجا يكون معه حمار يَتروَّح عليه إذا مل الركوب على الراحلة -أي البعير- فيستريح على هذا الحمار ثم يركب الراحلة.
وفي يوم من الأيام لقيه أعرابي فسأله ابن عمر: أنت فلان ابن فلان؟ قال: نعم، فنزل عن الحمار وقال: خذ هذا اركب عليه، وأعطاه عمامة كان قد شد بها رأسه، وقال لهذا الأعرابي: اشدد رأسك بهذا.
فقيل لعبد الله بن عمر: أصلحك الله أو غفر الله لك! إنهم الأعراب، والأعراب يرضون بدون ذلك، يعنون: كيف تنزل أنت عن الحمار تمشي على قدميك، وتعطيه عمامتك التي تشد بها رأسك، وهو أعرابي يرضى بأقل من ذلك.
فقال: «إِنَّ أَبَرَّ البِرِّ صِلَةُ الرَّجُل أَهْلَ وُدِّ أَبِيه»: يعني أن أبر البر إذا مات أبو الرجل أو أمه أو أحد من أقاربه أن تَبُرَّ أهل وُدِّهِ، يعني ليس صديقه فقط بل حتى أقارب صديقه.
وقوله:7و "إِنَّ أبا هذا كان صديقا لعمر" أي: لعمر بن الخطاب أبيه، فلما كان صديقا لأبيه؛ أكرمه برًّا بأبيه عمر -رضي الله عنه-.
574;ىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە تەرەپكە چىقىپ تۆگە مىنىپ زېرىكىپ قالغاندا مىنىپ راھەتلىنىدىغان ئېشىكىنى بىرگە ئىلىپ چىقاتتى، ئېشەككە مىنىپ راھەتلىنىپ بولۇپ تۆگىسىگە مىنەتتى، بىر كۈنى ئۇ يولدا بىر ئەئرابىيغا ئۇچراشتى، ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭدىن: «سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانىمۇ؟ » دەپ سورىدى، ئەئرابى: «ھەئە» دېدى، ئىبنى ئۆمەر ئېشەكتىن چۈشۈپ: «بۇ ئېشەككە مىنگىن» دېدى ۋە بېشىغا ئورايدىغان سەللىسىنىمۇ بېرىپ: «بۇ سەللىنى ئورىغىن» دېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بەزى ھەمراھلىرى: ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن ياكى ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلسۇن! ئۇلار دېگەن ئەئرابىلار، ئۇنچە قىلمىساڭمۇ رازى بولىدۇ، دېدى، يەنى: «سەن ئېشەكتىن چۈشۈپ پىيادە كېتىۋاتىسەن، بېشىڭغا ئورايدىغان سەللەڭنىمۇ بېرىۋەتتىڭ، ئەئرابى دېگەن بۇنىڭدىنمۇ ئازراق نەرسە بەرسەڭمۇ رازى بولۇپ كېتەتتى» دېمەكچى ئېدى، ئۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقىدۇر» دېگەن، يەنى: ھەقىقەتەن ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىر كىشىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى ياكى يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋاپات بولسا ئۇ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ، يەنى پەقەت ئۇنىڭ دوستىغىلا ئەمەس بەلكى دوستىنىڭ يېقىنلىرىغىمۇ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئىبنى ئۆمەر: «بۇنىڭ ئاتىسى ئاتام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى ئىدى» دېگەن، ئەئرابىنىڭ دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستى بولغاچقا دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دوستلىقىنى قەدىرلەپ شۇنداق قىلغان ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3493

 
Hadith   206   الحديث
الأهمية: يا رسول الله، ما شأن الناس حَلُّوا من العمرة ولم تَحِلَّ أنت من عمرتك؟ فقال: إني لبدت رأسي، وقلدت هديي، فلا أَحِلُّ حتى أنحر


باشتېما:

ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەر ئىھرامدىن چىقىپتۇ، سىلى چىقماپلا، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن

عن حَفْصَة زَوْج النَّبِي -رضي الله عنها- قالت: «يَا رَسُولَ اللَّه، مَا شَأن النَّاس حَلُّوا مِنَ العُمرَة، وَلَم تَحِلَّ أنت مِنْ عُمْرَتِكَ؟ فَقَال: إنِّي لَبَّدْتُ رَأْسِي، وَقَلَّدتُ هَدْيِي، فَلا أَحِلُّ حَتَّى أَنْحَرَ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى ئۆمرىنىڭ ئېھرامىدىن چىقماپلا، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭدىن چىقىپتۇ، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چېچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أحرم النبي -صلى الله عليه وسلم- في حجة الوداع بالعمرة والحج، وساق الهدي ولبد رأسه بما يمسكه عن الانتشار؛ لأن إحرامه سيطول، وأحرم بعض أصحابه كإحرامه، وبعضهم أحرم بالعمرة متمتعًا بها إلى الحج، وأكثرهم لم يسق الهدي، وبعضهم ساقه، فلما وصلوا إلى مكة وطافوا وسعوا أمر من لم يسق الهدي من المفردين والقارنين أن يفسخوا حجهم ويجعلوها عمرة ويتحللوا، أما هو -صلى الله عليه وسلم- ومن ساق الهدي منهم فبقوا على إحرامهم ولم يحلوا، فسألته زوجه حفصة -رضي الله عنها- لماذا حل الناس ولم تحل؟ قال: لأني لبدت رأسي، وقلدت هديي وسقته، وهذا مانع لي من التحلل حتى يبلغ الهدي محله، وهو يوم انقضاء الحج يوم النحر.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ئۆمرىگە ۋە ھەجگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى، چۈنكى بۇ قېتىمقى ئىھرامدا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق سوزۇلىدىغان بولغاچقا، چىچىغا يىلىمدەك بىر نەرسە سۈركەپ قاتۇردى. بەزى ساھابىلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش (نىيەتتە) ئىھرام باغلىدى ۋە بەزىلىرى ئۆمرىنىلا قىلىپ ئاندىن ھەجگىچە نورمال ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆمرىگىلا ئىھرام باغلىدى. بەزىلىرى قۇربانلىقىنى ھەيدەپ ماڭغان بولسىمۇ، كۆپىنچىلىرى ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مەككىگە يىتىپ كېلىپ تاۋاپ قىلىپ، سافا - مەرۋىنى سەئىي قىلىپ بولغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغۇز ھەجنىلا قىلىدىغان ياكى ئۆمرە بىلەن ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ قىلماقچى بولغان ئەمما قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ھەج ئىھرامىنى سىلىپ ئۆمرىگىلا ھېسابلاپ ئىھرامدىن چىقىشقا بۇيرىدى، ئەمما ئۆزى ۋە ساھابىلاردىن قۇربانلىقىنى ئىلىپ كەلگەنلەر بولسا ئىھرامىنى بۇزماي داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سىلى ئۆمرىنىڭ ئىھرامىدىن چىقماپلا، ئەمما كىشىلەر ئېھرامدىن چىقىپتۇ، نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ دىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن ھەج تۈگەيدىغان ۋە قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ ئۇنى جايىغا تەككۈزمىگۈچە ئېھرامدىن چىقىشىم چەكلىنىدۇ، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3496

 
Hadith   207   الحديث
الأهمية: أعطيت خمسًا, لم يعطهن أحد من الأنبياء قبلي: نصرت بالرعب مسيرة شهر, وجعلت لي الأرض مسجدًا وطهورًا


باشتېما:

ماڭا بۇرۇن ھېچبىر پەيغەمبەرگە بىرىلمىگەن بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ئاتا قىلىندى. بىر ئايلىق مۇساپىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدى، زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاك قىلىپ بېرىلدى

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- أنّ النبيَّ -صلى الله عليه وسلم- قال: «أُعْطِيتُ خمسا, لم يُعْطَهُنَّ أحد من الأنبياء قبلي: نُصِرْتُ بالرعب مسيرة شهر, وجُعِلَت لي الأرض مسجدا وطَهُورا, فأَيَّمَا رجل من أمتي أدركته الصلاة فَلْيُصَلِّ, وأُحِلَّت لي المغانم, ولم تحلَّ لأحد قبلي, وأُعْطِيتُ الشفاعة، وكان النبي يُبْعَثُ إلى قومه خاصة, وبُعِثتُ إلى الناس عامَة».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ماڭا بۇرۇن ھېچبىر پەيغەمبەرگە بىرىلمىگەن بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ئاتا قىلىندى. بىر ئايلىق مۇساپىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدى، زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاك قىلىپ بېرىلدى. ئۈممىتىمدىن ھەر قانداق ئادەم قەيەردە نامازنىڭ ۋاقتى كىرسە شۇ يەردە نامازنى ئوقۇۋەرسۇن. غەنىمەتلەر ماڭا ھالال قىلىپ بىرىلدى، مەندىن ئىلگىرىكىلەرگە ھالال قىلىنمىغان. قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىندىم. باشقا پەيغەمبەرلەر ئۆز خەلقىگىلا ئەۋەتىلەتتى، مەن بولسام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلدىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
خَصَّ الله -تعالى- نبيَّنا -صلى الله عليه وسلم- عن سائر الأنبياء بخصال شَرَف، ومُيّزَ بمحامد لم تكن لمن قبله من الأنبياء -عليهم السلام-، فنالَ هذه الأمة المحمدية -ببركة هذا النبي الكريم الميمون- شيء من هذه الفضائل والمكارم.
فمن ذلك: ما ثبت في هذا الحديث من هذه الخصال الخمس الكريمة:
أولها: أن الله سبحانه تعالى نصره، وأيده على أعدائه، بالرعب، الذي يحل بأعدائه، فيضعفهم ويفرق صفوفهم، ولو كان النبي صلى الله عليه وسلم على مسيرة شهر منهم، تأييداً من الله ونصراً لنبيه وخذلانا وهزيمة لأعداء دينه، ولا شك أنها إعانة كبيرة من الله تعالى.
ثانيها: أن الله سبحانه تعالى وسّع على هذا النبي الكريم، وأمته المرحومة بأن جعل لها الأرض مسجداً، فأينما تدركهم الصلاة فليصلوا، فلا تتقيد بأمكنة مخصوصة، كما كان من قبلهم لا يؤدون عباداتهم إلا في الكنائس، أو البِيَع، وهكذا فإن الله رفع الحرج والضيق عن هذه الأمة، فضلا منه وإحسانا، وكرما وامتنانا.
وكذاك كان من قبل هذه الأمة، لا يطهرهم إلا الماء، وهذه الأمة جعل التراب لمن لم يجد الماء طهورا، ومثله العاجز عن استعماله لضرره.
ثالثها: أن الغنائم التي تؤخذ من الكفار والمقاتلين حلال للنبي صلى الله عليه وسلم وأمته، يقتسمونها على ما بين الله تعالى، بعد أن كانت محرمة على الأنبياء السابقين وأممهم، حيث كانوا يجمعونها، فإن قبل الله عملهم نزلت عليها نار من السماء فأحرقتها.
رابعها: أن الله سبحانه وتعالى، خصه بالمقام المحمود، والشفاعة العظمى، يوم يتأخر عنها أولو العزم من الرسل في عرصات القيامة، فيقول: أنا لها، ويسجد تحت العرش، ويمجد الله تعالى بما هو أهله، فيقال: اشفع تُشفع، وسل تعطَه، حينئذ يسأل الله الشفاعة للخلائق بالفصل بينهم في هذا المقام الطويل، فهذا هو المَقام المحمود الذي يغبطه عليه الأولون والآخرون.
خامسها: أن كل نبي من الأنبياء السابقين تختص دعوتهم بقومهم.
وقد جعل اللهْ تعالى هذه الشريعة صالحة لكل زمان ومكان، ولما كانت بهذه الصلاحية والكمال، كانت هي الأخيرة،، لأنها لا تحتاج إلى زيادة ولا فيها نقص، وجعلت شاملة، لما فيها من عناصر البقاء والخلود.
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا پەيغەمبەرلەرگە قارىغاندا بەش تۈرلۈك ئالاھىدە شەرەپ بىلەن ۋە ئىلگىركىلەردە بولمىغان پەزىلەتلەر بىلەن خاس قىلىنغان، شۇنداقلا بۇ ئۈممەتمۇ پەيغەمبىرى ئېرىشكەن شۇ پەزىلەتلەرنىڭ بىر قىسمىغا نائىل بولغان. بۇ بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەر بولسا ئىككى مەشھۇر سەھىھ كىتابتا كەلگەن، بىرىنچىسى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى دۇشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلغان ۋە كۈچلەندۈرگەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن بىر ئايلىق مۇساپە يىراقلىقتا بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىپ ئاجىزلاشتۇرغان ۋە دۇشمەن سېپىنى بۆلۈپ بەرگەن، بۇ رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن ياردەم ۋە كۈچلەندۈرۈش، دىن دۇشمەنلىرىنى خورلاش ۋە مەغلۇپ قىلىپ بېرىش ئىدى، شەكسىزكى بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن چوڭ ياردەم بولغان. ئىككىنچىسى: ئاللا تائالا بۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ بەخىتلىك ئۈممىتىگە كەڭرىچىلىك قىلىپ زېمىننىڭ ھەممە يېرىنى سەجدىگاھ قىلىپ بەردى، قەيەردە ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ناماز ئوقۇش دۇرۇس قىلىندى. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئىبادەتنى چىركاۋلاردا قىلىش بەلگىلەندەك بۇ ئۈممەتكە مەسچىتتە ئوقۇش شەرت قىلىنمىدى. ئاللا تائالا يەنە بۇ ئۈممەت ئۈستىدىن پەزلى مەرھەمەت قىلىپ قېيىنچىلىق ۋە جاپانى كۆتۈرىۋەتتى. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پەقەت سۇ بىلەنلا تاھارەت ئالاتتى، بۇ ئۈممەت سۇ تېپىلمىغاندا توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشى دۇرۇس قىلىندى. كېسەل سەۋەبلىك سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغانلارمۇ تەيەممۇم قىلسا دۇرۇس. ئۈچىنچى: كاپىرلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش-جەڭلەردە ئېلىنغان غەنىمەت، ئولجىلار ھالال قىلىپ بىرىلدى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا بايان قىلغان شەكىلدە جەڭچىلەرگە بۆلۈپ بىرىلىدۇ، بۇمۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈممەتلىرىگە ھارام قىلىنغان، ئۇلار غەنىمەتنى بىر جايغا يىغاتتى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان جىھادىنى قوبۇل قىلغان بولسا ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ غەنىمەتلەرنى كۆيدۈۈرۈپ تاشلايتتى. تورتىنچى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى قىيامەت كۈندە ئالى ماقامغا ۋە بۈيۈك شاپائەتكە ئىگە قىلدى، ئۇ كۈندە ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرمۇ مەھشەرگاھ مەيدانىدا ئارقىغا يانىدىغان كۈن، پەقەت پەيغەمبىرىمىز مەن شاپائەت قىلىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ ۋە ئەرش ئاستىغا كېلىپ سەجدە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا لايىق ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا: شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بىرىلىدۇ، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بىرىلىدۇ، دېيىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ بۇ ئۇزۇن كۈندە كىشىلەر ئارسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن شاپائەت ھوقۇقىنى سورايدۇ، مانا بۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى جىمى كىشىلەر قىزىقىدىغان ئالى بۈيۈك ماقام. بەشىنچى: بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى ئۆز قەۋمىگە خاس ئىدى، يەنى رايۇن، مىلەت بىلەن چەكلەنگەن، ئەمما رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە دەۋىتى بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمى يۈزلۈك بولۇپ، زامان ۋە رايۇن، مىللەت بىلەن چەكلەنمىگەن. بۇنداق ئالاھىدىلىكى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۈيۈك بىر شەرىئەتتۇر. ئۇنىڭدا بىر نەرسىنى زىيادە ۋە كام قىلغۇدەك بىرەر كەمچىللىك يوق، ئىسلام شەرىئىتى ئالەمشۇمۇل تا قىيامەتكىچە قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دىندۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3503

 
Hadith   208   الحديث
الأهمية: من قال -يعني: إذا خرج من بيته-: بسم الله توكلت على الله، ولا حول ولا قوة إلا بالله، يقال له: هديت وكفيت ووقيت، وتنحى عنه الشيطان


باشتېما:

كىمىكى مۇنداق دېسە «يەنى ئۆيدىن چىققاندا»: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر. دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ «يەنى ھاجەتلىرىڭ راۋا بولدى» دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ

عن أنس بن مالك -رضي الله عنه- مرفوعًا: «من قال -يعني: إذا خَرج من بَيتِه-: بِسم الله تَوَكَّلتُ على اللهِ، وَلاَ حول ولا قُوَّة إِلَّا بالله، يُقَال له: هُدِيتَ وَكُفِيتَ وَوُقِيتَ، وَتَنَحَّى عَنه الشَّيطَان».
زاد أبو داود: «فيقول -يعني: الشيطان- لِشَيطان آخر: كَيف لَك بِرَجلٍ قَد هُدِيَ وكُفِيَ ووُقِيَ؟».

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئۆيدىن چىققاندا: "ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغان ھالدا چىقىمەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچ كۈچ-قۇدرەت يوقتۇر" دېسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا: توغرا يولغا يېتەكلەندىڭ، كۇپايە قىلىندىڭ، دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلاندىڭ دەپ نىدا قىلىنىدۇ ۋە شەيتانلار ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ. ئەبۇ داۋۇد بۇ جۈملىنى زىيادە رىۋايەت قىلغان: شۇ ۋاقىتتا بىر شەيتان يەنە بىرىگە: سەن قانداقمۇ توغرا يولغا يېتەكلەنگەن، كۇپايە قىلىنغان (يەنى ھاجەتلىرى راۋا بولغان) دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلانغان بىر كىشىنى ئازدۇرالايسەن، دەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أن الرجل    إذا خرج من بيته فقال: باسم الله، توكلت على الله، لا حول ولا قوة إلا بالله، يناديه ملك يا عبد الله هديت إلى طريق الحق، وكفيت همك، وحفظت من الأعداء؛ فيبتعد عنه الشيطان الموكل عليه، فيقول شيطان آخر لهذا الشيطان: كيف لك بإضلال رجل قد هدي، وكفي، ووقي من الشياطين أجمعين؟ لأنه قال هذه الكلمات فإنك لا تقدر عليه.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىر ئادەم ئۆيىدىن چىققاندا «باسم الله، توكلت على الله، لا حول ولا قوة إلا بالله» دېسە پەرىشلەردىن بىرى ئۇنى چاقىرىپ: ئى ئابدۇللاھ ھەق يولغا ھىدايەت قىلىندىڭ! ھاجىتىڭ راۋا بولدى، دۈشمەنلىرىڭدىن ساقلاندىڭ، دەيدۇ. ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان شەيتان يىراقلىشىدۇ. بۇ شەيتانغا يەنە بىر شەيتان: ھىدايەت قىلىنغان، ھاجىتى راۋا بولغان، بارلىق شەيتان ۋە دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقىدىن ھىمايە قىلىنغان بىر ئادەمنى قانداقمۇ ئازدۇرالايسەن؟ چۈنكى ئۇ ئادەم بۇ سۆزلەرنى دېدى، سەن ئەمدى ئازدۇرالمايسەن، دەيدۇ، دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3504

 
Hadith   209   الحديث
الأهمية: إن الشيطان يستحل الطعام أن لا يذكر اسم الله تعالى عليه، وإنه جاء بهذه الجارية؛ ليستحل بها، فأخذت بيدها، فجاء بهذا الأعرابي؛ ليستحل به، فأخذت بيده، والذي نفسي بيده، إن يده في يدي مع يديهما


باشتېما:

ئاللاھنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان تاماقنى شەيتان يەپ قويىدۇ. شەيتان بۇ قىزنى ئېلىپ كەلدى، ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم، بۇ ئەرابى(سەھرالىق)نى ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاللاھقا قەسەمكى، شەيتاننىڭ قولى، ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمدا

عن حذيفة بن اليمان -رضي الله عنهما- قال: كُنَّا إِذَا حَضَرنَا مَعَ رسُولِ الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- طَعَامًا، لَم نَضَع أَيدِينَا حَتَّى يَبدَأ رسول الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- فَيَضَع يَدَهُ، وَإِنَّا حَضَرنَا مَعَه مَرَّةً طَعَامًا، فَجَاءَت جَارِيَةٌ كَأَنَّها تُدفَعُ، فَذَهَبَت لِتَضَعَ يَدَهَا فِي الطَّعَام، فَأَخَذَ رسُول الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- بِيَدِهَا، ثُمَّ جاء أعرابي كأَنَّمَا َيُدْفَع، فَأَخَذَ بِيَدِهِ، فقال رسول الله -صلَّى الله عليه وسلَّم-: «إِنَّ الشَّيطَانَ يَستَحِلُّ الطَّعَامَ أَن لاَ يُذْكَرَ اسمُ الله -تَعَالَى- عَلَيه، وَإِنَّهُ جَاءَ بِهَذِهِ الجَّارِيَة؛ لِيَستَحِلَّ بِهَا، فَأَخَذتُ بِيَدِهَا؛ فَجَاءَ بِهَذَا الأَعرَابِي؛ لِيَسْتَحِلَّ بِهِ، فَأَخَذتُ بِيَدِهِ، والَّذِي نَفسِي بِيَدِهِ، إِنَّ يَدَهُ فِي يَدِي مَعَ يَديهِمَا»، ثُمَّ ذَكَر اسمَ الله -تعَالى- وَأَكَلَ.

ھۇزەيپە ئىبنى يەمانى مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرەر داستىخانغا داخىل بولۇپ قالساق، رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە بىز تاماققا قول ئۇزاتمايتتۇق. بىز بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر داستىخاندا بىرگە بولۇپ قالدۇق، بىر قىز خۇددى بىرسى ئىتتىرىۋاتقاندەك كېلىپلا تاماققا قول ئۇزاتقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. ئاندىن بىر سەھرالىق ئادەممۇ خۇددى بىرسى ئىتتىرىۋاتقاندەك كېلىپلا تاماققا قول ئۇزۇتىۋېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان تاماقنى شەيتان يەپ كېتىدۇ، شەيتان تاماقنى يەپ كېتىش ئۈچۈن بۇ قىزنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاندىن بۇ سەھرالىق ئادەمنى ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدىم. ئاللاھقا قەسەمكى، شەيتاننىڭ قولى ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى بىلەن مانا مېنىڭ قولۇمدا» دەپ، ئاندىن بىسمىللاھ دەپ تاماقنى يېيىشكە باشلىدى.

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال حذيفة بن اليمان -رضي الله عنهما-: "كنا إذا حضرنا مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- طعامًا لم نضع أيدينا حتى يبدأ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فيضع يده"؛ وذلك لكمال احترامهم للنبي -صلى الله عليه وسلم-، فلا يضعون أيديهم في الطعام حتى يضع يده.
فحضر مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ذات يوم طعاما فلمَّا بدءوا -أو قُدِّم لهم- جاءت جارية، يعني طفلة صغيرة "كأنما تدفع دفعًا"، يعني كأنها تركض، فأرادت أن تضع يدها في الطعام بدون أن تسمي الله؛ فأمسك النبي -صلى الله عليه وسلم- بيدها، "ثم جاء أعرابي كذلك كأنما يدفع دفعًا"، فوضع يده في الطعام؛ فأمسك النبي -صلى الله عليه وسلم- بيده، ثم أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- أن هذا الأعرابي وهذه الجارية جاء بهما الشيطان، أي: وسوس لهما ودفعهما للمجيء؛ لأجل أن يستحِلَّ الطعام بهما إذا أكلا بدون تسمية.
وهما قد يكونان معذورين لجهلهما؛ هذه لصغرها وهذا أعرابي، لكن الشيطان أتى بهما من أجل أنهما إذا أكلا بدون تسمية شارك في الطعام.
ثم أقسم النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يد الشيطان مع أيديهما في يد النبي -صلى الله عليه وسلم-.
726;ۇزەيپە ئىبنى يەمانىدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرەر داستىخانغا داخىل بولۇپ قالساق، رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە بىز تاماققا قول ئۇزاتمايتتۇق. چۈنكى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنى ھۆرمەتلىگەنلىك يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە قول ئۇزاتمايتتى. ئۇ بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر داستىخاندا بىرگە بولۇپ قالدى. تاماقنى يەيلى دەپ تۇرۇشىغا بىر قىز ئىتتىرىلگەندەك يۈگۈرۈپ كىرىپ، بىسمىللاھ دېمەستىن قولىنى تاماققا ئۇزىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ قىزنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. ئاندىن بىر سەھرالىق ئادەممۇ ئىتتىرىلىۋاتقاندەك كىرىپ، تاماققا قول ئۇزاتقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭمۇ قولىنى تۇتۇۋالدى.رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككەيلەننى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىپ تېز كېلىشكە ئىتتىرگەنلىكىنى ۋە بىسمىللاھ دېمەستىن تاماق يېسە شەيتاننىڭ تاماقنى يەپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۇ قىز كېچىك يەنە بىرسى سەھرالىق بولۇپ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن. بىراق شەيتان ئۇلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇلار تاماقنى بىسمىللاھ دېمەستىن يېگەن بولسا، شەيتان تاماققا ئورتاقلاشقان بولاتتى.ئاندىن رەسۇلۇللاھ قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، شەيتاننىڭ قولى ئۇ ئىككەيلەننىڭ قولى پەيغەمبەرنىڭ قولىدا دېگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3507

 
Hadith   210   الحديث
الأهمية: بايعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على إقام الصلاة، وإيتاء الزكاة، والنصح لكل مسلم


باشتېما:

رەسۇلۇللاھقا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشقا بەيئەت قىلدىم

عن جرير بن عبد الله -رضي الله عنه- قال: بَايَعْتُ رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على إِقَام الصَّلاَة، وإِيتَاء الزَّكَاة، والنُّصح لِكُلِّ مُسلم.

ھەزرىتى جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ: «مەن رەسۇلۇللاھقا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشقا بەيئەت قىلدىم» دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال جرير -رضي الله عنه-: بايعت النبي -صلى الله عليه وسلم- على إقام الصلاة، وإيتاء الزكاة، والنصح لكل مسلم، والمبايعة هنا بمعنى المعاهدة، وسميت مبايعة؛ لأن كلا من المتبايعين يمد باعه إلى الآخر، يعني يده من أجل أن يمسك بيد الآخر، وهذه ثلاثة أشياء:
1- حق محض لله.
2- حق محض للآدمي .
3- وحق مشترك.
أما الحق المحض لله، فهو قوله"إقام الصلاة" أي أن يأتي بها المسلم مستقيمة على الوجه المطلوب، فيحافظ عليها في أوقاتها، ويقوم بأركانها وواجباتها وشروطها، ويتمم ذلك بمستحباتها.
ويدخل في إقامة الصلاة بالنسبة للرجال إقامة الصلاة في المساجد مع الجماعة، فإن هذا من إقامة الصلاة، ومن إقامة الصلاة: الخشوع فيها، والخشوع هو حضور القلب وتأمله بما يقوله المصلي وما يفعله، وهو أمر مهم؛ لأنه لب الصلاة وروحها.
وأما الثالث -وهو الحق المشترك- فقوله: "إيتاء الزكاة" يعني: إعطاءها لمستحقها.
وأما الثاني -وهو حق الآدمي- فقوله: "النصح لكل مسلم"، أي: أن ينصح لكل مسلم: قريب أو بعيد، صغير أو كبير، ذكر أو أنثى.
وكيفية النصح لكل مسلم هي ما ذكره في حديث أنس -رضي الله عنه-: "لا يؤمن أحدكم حتى يحب لأخيه ما يحب لنفسه" هذه هي النصيحة أن تحب لإخوانك ما تحب لنفسك، بحيث يسرك ما يسرهم، ويسوءك ما يسوؤهم، وتعاملهم بما تحب أن يعاملوك به، وهذا الباب واسعُ كبيرُ جدًّا.
580;ەرىر ئىبنى ئابدۇللاھدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھقا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشقا بەيئەت قىلدىم» بەيئەت قىلىشنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ۋەدە-قەسەم بېرىش دېگەن بولىدۇ. بەيئەت بېرىش دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ھەر ئىككى تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ قولىنى تۇتۇش ئۈچۈن يەنە بىر تەرەپكە قول سوزىدۇ. بۇ يەردە ئۈچ نۇقتا بار: 1-خالىس ئاللاھنىڭ ھەققى. 2-خالىس ئىنساننىڭ ھەققى. 3-ئورتاق ھەق-ھوقۇق. خالىس ئاللاھنىڭ ھەققى بولسا "ناماز ئوقۇش"دېگەن سۆزدە ئۇنىڭ ماھىيىتى ئەكىس ئېتىدۇ. مۇسۇلمان نامازنى تەلەپ قىلىنغان قائىدە بويۇنچە توغرا ئادا قىلىدۇ، ۋاقىتلىرىغا رېئايە قىلىدۇ.نامازنىڭ ئاساسلىرى، ۋاجىپلىرى ۋە شەرتلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن تولۇقلايدۇ. ئەرلەرنىڭ نامازنى مەسجىدتە ئوقۇشى نامازنى ئادا قىلىش قاتارىغا كىرىپ كېتىدۇ. نامازنى خۇشۇ(ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇش) بىلەن ئادا قىلىش نامازنى ئادا قىلىشنىڭ قاتارىدىندۇر. خۇشۇ دېگەندىن مەقسەت نامازدا خىيال سۈرمەي ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق، نامازدا نېمە ئوقۇۋاتقانلىقى ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشتۇر. مانا بۇ مۇھىم ئىش بولۇپ نامازنىڭ جەۋھىرى ۋە روھىدۇر. ئىككىنچى مەسىلە: زاكات بېرىش. يەنى زاكاتنى تېگىشلىك كىشىلەرگە بېرىشتۇر. ئۈچىنچى مەسىلە: ھەر بىر مۇسۇلمانغا چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، يېقىن ياكى يىراق بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشتۇر. ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشىنىڭ شەكلى ھەزرىتى ئەنەسنىڭ ھەدىسىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، ئۆزىڭىزگە نېمىنى ياخشى كۆرسىڭىز، قېرىندىشىڭىزغا شۇ نەرسىنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، ئۇلار خۇرسەن بولغان ئىشقا خۇرسەن بولۇش، ئۇلار قايغۇرغان ئىشقا قايغۇرۇشتۇر. شۇنداقلا سىز ئۇلاردىن قانداق مۇئامىلىنى كۈتكەن بولسىڭىز، ئۇلارغىمۇ تېگىشلىك ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىشتۇر . بۇ بەك چوڭ دائىرىدىن ئىبارەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3512

 
Hadith   211   الحديث
الأهمية: كان -صلى الله عليه وسلم- يصلي الظهر بالهاجرة, والعصر والشمس نقية، والمغرب إذا وجبت


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننى كۈن قەرىلگەندە، ئەسىرنى بولسا كۈن تېخى نۇرلۇق چاغدا، شامنى كۈن پاتقاندا ئوقۇيتتى

عن جابر بن عبد الله الأنصاري -رضي الله عنهما- قال: «كَانَ -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي الظُّهْرَ بِالهَاجِرَة، والعَصرَ والشَّمسُ نَقِيَّة، والمَغرِب إِذَا وَجَبَت، والعِشَاء أَحيَانًا وأَحيَانًا: إِذَا رَآهُم اجتَمَعُوا عَجَّل، وَإِذَا رَآهُم أَبْطَئُوا أًخَّر، والصُّبحُ كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّيهَا بِغَلَس».

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننى كۈن قەرىلگەندە، ئەسىرنى بولسا كۈن تېخى نۇرلۇق چاغدا، شامنى كۈن پاتقاندا ئوقۇيتتى، خۇپتەننى بەزىدە كېچىكتۈرۈپ، بەزىدە بالدۇر ئوقۇيتتى، جامائەتنىڭ توپلانغانلىقىنى كۆرسە بالدۇر ئوقۇيتتى، جامائەت كىچىكسە تەخىر قىلاتتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەيھى ۋەسەللەم بامداتنى قاراڭغۇدىلا ئوقۇيتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان الأفضل في الوقت، لأداء الصلوات الخمس.
فصلاة الظهر: حين تميل الشمس عن كبد السماء، وهو وقت الزوال، وهو اول وقتها، ولكن إن كان الحر شديدًا يؤثر على المصلين فالأفضل تأخير الصلاة حتى يبرد الجو، كما في أدلة أخرى.
والعصر: تصلى والشمس ما تزال بيضاء نقية، لم تخالطها صفرة المغيب, وقَدرُها: أن يكون ظل كل شيء مثله، بعد ظل الزوال.
والمغرب: تصلى وقت سقوط الشمس في مغيبها.
وأما العشاء: فيراعى فيها حال المؤتمين، فإن حضروا في أول وقتها، وهو زوال الشفق الأحمر صلوا، وإن لم يحضروا أخرّها إلى ما يقرب من النصف الأول من الليل، فإنه وقتها الأفضل لولا المشقة.
وأما صلاة الصبح: تكون عند أول اختلاط الضياء بالظلام.
576;ۇ ھەدىستە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتلىرى بايان قىلىنغان، پىشىن نامىزى قوياش تىكلىشىپ بىر ئاز قەرىلگەندىن باشلاپ ئوقۇلىدۇ، بۇ دەسلەپكى ۋاقتى. ئەسىر نامىزى قوياش تېخى نۇرلۇق، قوياش پېتىشتا كۆرۈلىدىغان سېرىقلىق يوق ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، زاۋال سايىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئىككى ھەسسە بولغاندا ئوقۇلىدۇ. شام نامىزى قوياش پاتقاندىن كېيىنلا ئوقۇلىدۇ. ئەمما خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى جامائەت بولغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئوقۇلىدۇ، ئەگەر دەسلەپكى ۋاقتىدا كەلسە شۇ ۋاقىتتا بولمىسا جامائەتكە ئېغىرچىلىق بولمىسا كېچە يېرىم بولغاندا ئوقۇلىدۇ، دەسلەپكى ۋاقتى بولسا قوياش پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىق يوقالغان ۋاقىت. بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى تاڭ يورۇشقا باشلىغاندا ئوقۇلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3516

 
Hadith   212   الحديث
الأهمية: بت عند خالتي ميمونة، فقام النبي -صلى الله عليه وسلم- يصلي من الليل، فقمت عن يساره، فأخذ برأسي فأقامني عن يمينه


باشتېما:

مەن ھاممام مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ قوپۇپ سول تەرىپىدە تۇرغۇنۇمدا، مېنىڭ بېشىمدىن تۇتۇپ ئوڭ تەرىپىگە يۆتكەپ قويدى

عن عَبدُ اللَّهِ بنِ عَبَّاسٍ -رضي الله عنهما- قال: «بِتُّ عِندَ خَالَتِي مَيمُونَة، فَقَام النَبيَّ -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي مِن اللَّيل، فَقُمتُ عَن يَسَارِه، فَأَخَذ بِرَأسِي فَأَقَامَنِي عن يَمِينِه».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ھاممام مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ قوپۇپ سول تەرىپىدە تۇرغۇنۇمدا، مېنىڭ بېشىمدىن تۇتۇپ ئوڭ تەرىپىگە يۆتكەپ قويدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يخبر الصحابي الجليل ابن عباس -رضي الله عنهما- أنه بات عند خالته زوج النبي -صلى الله عليه وسلم-؛ ليطلع -بنفسه- على تهجد النبي -صلى الله عليه وسلم- فلما قام -صلى الله عليه وسلم- يصلي من الليل، قام ابن عباس معه؛    ليصلي بصلاته، وصار عن يسار النبي -صلى الله عليه وسلم- مأمومًا؛ ولأن اليمين هو الأشرف، وهو موقف المأموم من الإمام إذا كان واحدًا، أخذ النبي -صلى الله عليه وسلم- برأسه، فأداره من ورائه، فأقامه عن يمينه.
574;ۇلۇغ ساھابە ئىبنى ئابباس بىزگە بىر ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بىرىدۇ، ئۇ بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ «تەھەججۈد» كېچىلىك نامازنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ھاممىسى مەيمۇنەنىڭ ئۆيىگە قونغىلى باردى، رەسۇلۇللاھ كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، ئىبنى ئابباسمۇ تەڭ تۇرۇپ نامازدا رەسۇلۇللاھقا ئىقتىدا قىلىش ئۈچۈن سول تەرىپىدە تۇردى، ئىقتىدا قىلغۇچى بىر ئادەم بولسا ئەسلىدە ئىمامنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇش ئەۋزەل، شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بېشىدىن تۇتقىنىچە ئارقا تەرەپتىن ئايلاندۇرۇپ ئوڭ يېنىغا ئەكىلىپ تۇرغۇزدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3528

 
Hadith   213   الحديث
الأهمية: أنَّ النَّبي -صلى الله عليه وسلم- أُتِيَ بصبي, فبال على ثوبه, فدعا بماء, فأَتبَعَه إِيَّاه


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ سۈدۈك تەككەن يەرنى تازىلىدى

عن أُمِّ قَيْسِ بِنْتِ مِحْصَنٍ الأَسَدِيَّة -رضي الله عنها- «أنَّها أتَت بابن لها صغير لم يأكل الطعام إلى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فأجلسه في حِجْرِه, فبال على ثوبه, فدعا بماء فَنَضَحَه على ثوبه, ولم يَغْسِله».
عن عَائِشَةَ أُمِّ الْمُؤْمِنِين -رضي الله عنها- «أنَّ النَّبي -صلى الله عليه وسلم- أُتِيَ بصبي, فبال على ثوبه, فدعا بماء, فأَتبَعَه إِيَّاه».
   وفي رواية: «فَأَتْبَعَه بوله, ولم يَغسِله» .

ئۇممۇ قەيىس بىنتى مىھسەن ئەلئەسەدىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ، ئۇ ئايال كىچىكلىكىدىن تېخى تاماق يىگۈزمىگەن ئوغۇل بالىسىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئەكىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ بالىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزدى، بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سۇ چېچىۋەتتى، لىكىن يۇيمىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر بالا كەلتۈرۈلدى، ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ كەينىدىنلا سۇ ئەكەلدۈرۈپ تۆپىسىگە تۆكىۋەتتى. يەنە بىر ھەدىستە: ئارقىدىنلا سۇ تۆكتى، يۇيمىدى، دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان الصحابة -رضي الله عنهم-    يأتون النبي -صلى الله عليه وسلم- بأطفالهم؛ لينالوا من بركته وبركة دعائه لهم، وكان -صلى الله عليه وسلم- من لطافته، وكرم أخلاقه يستقبلهم بما جبله الله عليه من البشر والسماحة، فجاءت أم قيس -رضي الله عنها- بابن لها صغير، يتغذى باللبن، ولم يصل إلى سن التغذي بغير اللبن، فمن رحمته أجلسه في حجره الكريم، فبال الصبي على ثوب النبي -صلى الله عليه وسلم-، فطلب ماء فرش مكان البول من ثوبه رشاً، ولم يغسله غسلًا، وهذا الحكم خاص بالرضيع الذكر دون الأنثى.
587;اھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دۇئاسى ۋە بەركىتىنى ئېلىش ئۈچۈن قېشىغا باللىرىنى ئېلىپ كىلەتتى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولغانلىقتىن ئۇلارنى ئىللىق ۋە ياخشى كۈتىۋالاتتى. بىر كۈنى ئۇممۇ قەيىس ئىمىدىغان كىچىك بالىسىنى رەسۇلۇللاھقا ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ مېھرىبانلىقىدىن ئۇ كىچىك بالىنى مۇبارەك قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزدى، شۇ ۋاقىتتا بۇۋاق رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىمىگە سىيىپ قويدى، رەسۇلۇللاھ دەرھال ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ چېچىۋەتتى، ئۇ ئورۇننى يۇيمىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3529

 
Hadith   214   الحديث
الأهمية: أتيت النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو في قُبَّةٍ له حمراء من أدم، فخرج بلال بوضوء فمن ناضح ونائل


باشتېما:

مەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قىزىل چىدىردا تۇرغاندا كەلدىم، ئۇ دەيدۇ: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئېشىپ قالغان تاھارەت سۇيىنى ئېلىپ چىقتى، بەزىلەر ئۇ سۇنى ئۆزىگە تۆكىۋالسا، سۇ يەتمىگەنلەر ئۇلارغا قولىنى سۇرىۋالاتتى

عن أبي جُحَيْفَةَ وَهْبِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ السُّوَائِيِّ -رضي الله عنه- قال: «أَتَيتُ النَبِيَّ -صلى الله عليه وسلم- وهو في قُبَّةٍ لَهُ حَمرَاءَ مِن أَدَمٍ، قال: فَخَرَج بِلاَل بِوَضُوءٍ، فمن نَاضِحٍ ونَائِلٍ، قال: فَخَرَجَ النبِيَّ -صلى الله عليه وسلم- عليه حُلَّةٌ حَمرَاءُ، كَأَنِّي أَنظُرُ إلى بَيَاضِ سَاقَيهِ، قال: فَتَوَضَّأ وأَذَّن بِلاَل، قال: فَجَعَلَتُ أتَتَبَّعُ فَاهُ هَهُنَا وهَهُنَا، يقول يمِينا وشِمالا: حَيَّ على الصَّلاة؛ حيَّ عَلَى الفَلاَح. ثُمَّ رَكَزَت لَهُ عَنَزَةٌ، فَتَقَدَّمَ وصلى الظُهرَ رَكعَتَين، ثُمَّ لَم يَزلَ يُصِلِّي رَكعَتَين حَتَّى رَجَعَ إِلى المَدِينَة».

ئەبى جۇھەيپە ۋەھبى ئىبنى ئابدۇللاھ ئەسسۇۋائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قىزىل چىدىردا تۇرغاندا كەلدىم، ئۇ دەيدۇ: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئېشىپ قالغان تاھارەت سۇيىنى ئېلىپ چىقتى، بەزىلەر ئۇ سۇنى ئۆزىگە تۆكىۋالسا، سۇ يەتمىگەنلەر ئۇلارغا قولىنى سۇرىۋالاتتى، شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ قىزىل بىر توننى كېيىپ چىقتى، مەن ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ ئاقلىقىغا قارىدىم، ئاندىن تاھارەت ئالدى، بىلال ئەزان ئوقۇدى، راۋى دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغزىغا ئەگىشىپ ھەركەتلەندىم، ئۇ ئوڭ، سول تەرەپلەرگە قاراپ «ھەييى ئەلەسسالا ھەييى ئەلەلفالاھ» دەيتتى، ئاندىن رەسۇلۇللاھقا بىر ھاسا تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ سەپ ئالدىغا چىقىپ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكىئەت ئوقىدى، شۇنىڭدىن كېيىن مەدىنىگە قايىتقۇچە نامازنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكىئەتتىن ئوقىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان النبي -صلى الله عليه وسلم- نازلًا في الأبطح في أعلى مكة، فخرج بلال بفضل وضوء النبي -صلى الله عليه وسلم-، وجعل الناس يتبركون به، وأذن بلال. قال أبو جحيفة: فجعلت أتتبع فم بلال، وهو يلتفت يمينًا وشمالًا عند قوله: "حي على الصلاة حي على الفلاح" ليسمع الناس حيث إن الجملتين حث على المجيء إلى الصلاة، ثم رُكِزَت للنبي -صلى الله عليه وسلم- رمح قصيرة لتكون سترة له في صلاته، فصلى الظهر ركعتين، ثم لم يزل يصلي الرباعية ركعتين حتى رجع إلى المدينة، لكونه مسافرًا.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئەبتەھ دېگەن جايغا چۈشكەن ئىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارىتىدىن ئېشىپ قالغان سۇيىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ساھابىلەر بۇ سۇنى تەۋەرۈك بىلىپ ئېلىشقا باشلىدى، بىلال ئۇلارغا رۇخسەت قىلدى. ئەبۇ جۇھەيپە دەيدۇ: مەن بىلالنىڭ ئېغىزىغا«ھەييى ئەلەسسالا، ھەييى ئەلەلفەلاھ» دېگەندە ئەگىشىپ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە شۇ تەرەپكە ئۆتتۈم، چۈنكى بۇ ئىككى جۈملە كىشىلەرگە بۇ ئەزاننى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئاندىن نامازدا سىترە بولۇش ئۈچۈن قىسقا بىر نەيزە تىكلەندى، رەسۇلۇللاھ پىشىن نامىزىنى ئىككى رەكىئەت ئوقىدى، مۇساپىر بولغانلىقتىن مەدىنىگە قايتقانغا قەدەر تورت رەكىئەتلىك نامازلارنى ئىككى رەكىئەت قىلىپ ئوقىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3530

 
Hadith   215   الحديث
الأهمية: والذي نفسي بيده، لتأمرن بالمعروف، ولتنهون عن المنكر؛ أو ليوشكن الله أن يبعث عليكم عقابا منه، ثم تدعونه فلا يستجاب لكم


باشتېما:

جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇيسىلەر، ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە پات يېقىندا ئازاب ئەۋەتىدۇ، ئاندىن دۇئا قىلساڭلارمۇ دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ

عن حذيفة بن اليمان -رضي الله عنهما- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- أنه قال: «وَالَّذِي نَفسِي بِيَدِه، لَتَأْمُرُنَّ بِالمَعرُوف، وَلَتَنهَوُنَّ عَنِ المُنْكَر؛ أَو لَيُوشِكَنَّ الله أَن يَبْعَثَ عَلَيكُم عِقَاباً مِنْه، ثُمَّ تَدعُونَه فَلاَ يُسْتَجَابُ لَكُم».

ھۇزەيفە ئىبنى يامانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رىسۇلۇللا مۇنداق دېگەن: جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇيسىلەر، ئۇنداق قىلمىساڭلار ئاللاھ تائالا سىلەرگە پات يېقىندا ئازاب ئەۋەتىدۇ، ئاندىن دۇئا قىلساڭلارمۇ دۇئايىڭلار ئىجابەت بولمايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قوله -عليه الصلاة والسلام-: "والذي نفسي بيده" هذا قسم، يقسم فيه النبي -صلى الله عليه وسلم- بالله؛ لأنه هو الذي أَنْفُسُ العباد بيده -جل وعلا-، يهديها إن شاء، ويضلها إن شاء، ويميتها إن شاء، ويبقيها إن شاء، فالأنفس بيد الله هداية وضلالة، وإحياء وإماتة وتصرفًا وتدبيرًا في كل شيء، كما قال الله -تبارك وتعالى-: (ونفس وما سواها، فألهمها فجورها وتقواها)، فالأنفس بيد الله وحده؛ ولهذا أقسم النبي -صلى الله عليه وسلم-، وكان يقسم كثيرًا بهذا القسم: (والذي نفسي بيده)، وأحيانًا يقول: "والذي نفس محمد بيده"؛ لأن نفس محمد -صلى الله عليه وسلم- أطيب الأنفس، فأقسم بها؛ لكونها أطيب الأنفس.
ثم ذكر المقسم عليه، وهو أن نقوم بالأمر بالمعروف والنهي عن المنكر؛ أو يعمنا الله بعقاب من عنده، حتى ندعوه فلا يستجيب لنا، وهذا بيان لأهمية الأمر بالمعروف كالصلاة والزكاة وأداء الحقوق، وأهمية النهي عن المنكر كالزنى والرب وسائر المحرمات، وذلك بالفعل لمن له سلطة كالأب في بيته ورجال الحسبة والشرطة، أو بالقول الحسن وهذا لكل أحد، أو بالقلب مع مفارقة مكان المنكر، وهذا لمن لا يستطيع الإنكار بالفعل أو بالقول.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ «والذي نفسي بيده» دېگەن سۆزى كۆپ ھاللاردا ئاللاھ نامى بىلەن قىلىدىغان قەسەملىرىدىن ئىدى، چۈنكى بەندىلەرنىڭ جانلىرى ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئۇنى خالىسا ھىدايەت قىلىدۇ، خالىسا ئازدۇرىدۇ، خالىسا ۋاپات تاپقۇزىدۇ، خالىسا ھايات قالدۇرىدۇ. بەندىلەرنىڭ جانلىرى ھىدايەت تاپقۇزۇش، ئازدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، ھاياتلىق بېرىش ۋە ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بارلىق ئىشلاردا ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «رۇھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى» سۈرە شەمىس 7-8-ئايەت، جانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قولىدا بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ قەسەمنى كۆپ قىلاتتى، بەزىدە «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى» دەيتتى، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ جېنى ئەڭ پاك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ شۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان. ئاندىن قەسەم قىلىنغان ئىشلارنى تىلغا ئالغان، ئۇ بولسىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئومومى ئازاب نازىل قىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلساقمۇ دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3531

 
Hadith   216   الحديث
الأهمية: إذا جلس بين شعبها الأربع، ثم جهدها، فقد وجب الغسل


باشتېما:

ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أَنَّ النَّبِيَّ - صلى الله عليه وسلم - قَالَ: ((إِذَا جَلَسَ بين شُعَبِهَا الأَربع، ثم جَهَدَهَا، فَقَد وَجَبَ الغُسْلُ)) .
   وفي لفظ ((وإن لم يُنْزِل)).

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ئىككى قۇلى ۋە ئىككى پۇتى ئارىلىقىدا ئولتۇرۇپ جىماغا تۇتۇش قىلسا، غۇسلى ۋاجىپ بولغان بولىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايىتىدە: گەرچە مەنىي چىقمىسىمۇ، دەپ كەلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا جلس الرجل بين أطراف المرأة الأربع، وهي اليدان والرجلان، ثم أدخل ذكره في فرج المرأة؛ فقد وجب عليهما الغسل من الجنابة وإن لم يحصل إنزال مني؛ لأن الإدخال وحده أحد موجبات الغسل.
574;ەگەر ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ تۆت ئەزاسىنىڭ ئارىلىقىدا ئولتۇرسا، ئاندىن زەكىرىنى ئايال كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە كىرگۈزسە، ئۇ ئىككىسىگە جۇنابەتتىن غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، گەرچە سپېرما چىقمىسىمۇ. چۈنكى كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزىلا غۇسلىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3533

 
Hadith   217   الحديث
الأهمية: لا يقبل الله صلاة أحدكم إذا أحدث حتى يتوضأ


باشتېما:

ئاللاھ تائالا بىرىڭلارنىڭ تاھارەتسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ -صلى الله عليه وسلم-: "لاَ يَقْبَل الله صلاَة أَحَدِكُم إِذا أَحْدَث حَتَّى يَتوضَّأ".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىرىڭلارنىڭ تاھارەتسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
الشارع الحكيم أرشد من أراد الصلاة، أن لا يدخل فيها إلا على حال حسنة وهيئة جميلة، لأنها الصلة الوثيقة بين الرب وعبده، وهي الطريق إلى مناجاته، لذا أمره بالوضوء والطهارة فيها، وأخبره أن الصلاة مردودة غير مقبولة بغير طهارة.
588;ەرىئەت نازىل قىلغۇچى ۋە ھىكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالا ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىنى گۈزەل ۋە پاكىز بىر شەكىلدە ئوقۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى ناماز بەندە بىلەن پەرۋەردىگار ئارسىدىكى ئالاقە، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىش يولى، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازغا پاك بولۇش ۋە تاھارەت ئېلىشقا بۇيرىدى. ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تاھارەتسىز نامازنىڭ قۇبۇل قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3534

 
Hadith   218   الحديث
الأهمية: ويل للأعقاب من النار


باشتېما:

تاھارەتتە يۇيۇلمىغان پۇتلار دوزاخ ئازابىدا ھالاك بولىدۇ

عن أبي هريرة وعبد الله بن عمرو وعائشة -رضي الله عنهم- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: أنه قال: (ويلٌ للأعْقَاب من النَّار).

ئەبۇ ھۇرەيرە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: تاھارەتتە يۇيۇلمىغان پۇتلار دوزاخ ئازابىدا ھالاك بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
يحذر النبي -صلى الله عليه وسلم- من التهاون بأمر الوضوء والتقصير فيه، ويحث على الاعتناء بإتمامه، ولما كان مؤخر القدم -غالبًا- لا يصل إليه ماء الوضوء، فيكون الخلل في الطهارة والصلاة منه، أخبر أن العذاب منصب عليه وعلى صاحبه المتهاون في طهارته الشرعية.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى تاھارەت ئېلىشتا سەل قاراش ۋە ئۇنىڭغا نۇقسان يەتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇردى، تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشقا بۇيرىدى. پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى كۆپۇنچە سۇ تەگمەي قالىدىغانلىقتىن، مۇشۇ ھەقتە نۇقسان ۋە يىتەرسىزلىك بولۇپ قالسا نامازغىمۇ تەسىرى بولىدىغان، تاھارەت ئالغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3535

 
Hadith   219   الحديث
الأهمية: أعتم النبي -صلى الله عليه وسلم- بالعشاء، فخرج عمر, فقال: الصلاة , يا رسول الله، رقد النساء والصبيان، فخرج ورأسه يقطر يقول: لولا أن أشق على أمتي لأمرتهم بهذه الصلاة هذه الساعة


باشتېما:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم

عن عَبْد اللَّهِ بْنِ عَبَّاسٍ -رضي الله عنهما- قال: «أّعْتَمَ النَبِيُّ -صلَّى الله عليه وسلَّم- بِالعِشَاء، فَخَرَج عُمَر فقال: الصَّلاةَ يا رسول الله، رَقَد النِسَاءُ والصِّبيَان. فَخَرَجَ ورَأسُهُ يَقطُر يقول: لَولاَ أن أَشُقَّ عَلَى أُمَّتِي -أو على النَّاس- لَأَمَرتُهُم بهذه الصَّلاة هذه السَّاعَة».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا ئىدى، خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تأخر النبي -صلى الله عليه وسلم- بصلاة العشاء، حتى ذهب كثير من الليل، ورقد النساء والصبيان، ممن ليس لهم طاقة ولا احتمال على طول الانتظار، فجاء إليه عمر بن الخطاب -رضي الله عنه- وقال: الصلاة، فقد رقد النساء والصبيان. فخرج -صلى الله عليه وسلم- من بيته إلى المسجد ورأسه يقطر ماء من الاغتسال وقال مبينًا أن الأفضل في العشاء التأخير، لولا المشقة التي تنال منتظري الصلاة: لولا أن أشق على أمتي لأمرتهم بهذه الصلاة في هذه الساعة المتأخرة.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈردى، كېچىنىڭ خېلى بىر قىسىمى ئۆتتى، ئۇزۇن ساقلاشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ قالدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ناماز ئوقۇۋالىلى، ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ بولدى، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇيۇنغانلىقتىن باشلىرىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقتى ۋە چۈشەندۈرۈپ دېدى: خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرۈپ ئوقۇش ئەۋزەل، ئەگەردە نامازنى ساقلاپ ئۈممىتىمگە جاپا بولمايدىغان بولسا ئىدى، خۇپتەننى كىچىكتۈرۈپ بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3537

 
Hadith   220   الحديث
الأهمية: لقد كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يصلي الفجر، فيشهد معه نساء من المؤمنات، متلفعات بمروطهن ثم يرجعن إلى بيوتهن ما يعرفهن أحد، من الغلس


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى

عن عَائِشَة -رضي الله عنها- قالت: (لقد كان رسولُ الله -صلى الله عليه وسلم- يُصَلِّي الفَجر، فَيَشهَدُ معه نِسَاء مِن المُؤمِنَات، مُتَلَفِّعَاتٍ بِمُرُوطِهِنَّ، ثم يَرجِعْن إلى بُيُوتِهِنَّ مَا يُعْرِفُهُنَّ أحدٌ من الغَلَس).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
تذكر عائشة -رضي الله عنها- أن نساء الصحابة كُنَّ يلتحفن بأكسيتهن ويشهدن صلاة الفجر مع النبي -صلى الله عليه وسلم-، ويرجعن بعد الصلاة إلى بيوتهن، وقد اختلط الضياء بالظلام، إلا أن الناظر إليهن لا يعرفهن، لوجود بقية الظلام المانعة من ذلك، وفي ذلك مبادرة بصلاة الفجر في أول الوقت.
574;ائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى ئورانغان ھالەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بامدات نامىزىغا قاتنىشاتتى، ۋە نامازدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتقاندا، تېخى قاراڭغۇلۇق يورۇقلۇققا ئارىلىشىپ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك، يەنى كۆرۈشنى توسۇپ تۇرىدىغان قاراڭغۇنىڭ قالدۇقى تېخىچە بولغانلىقىدىن، ئۇلارغا قارىغانلار كىملىكىنى تونىيالمايتتى. بەسسامنىڭ تەيسىرۇلئەھكام 86- بەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3539

 
Hadith   221   الحديث
الأهمية: فإن كانت صالحة، قالت: قَدِّمُونِي قَدِّمُونِي، وإن كانت غير صالحة، قالت: يا وَيْلها! أين تَذهبون بها


باشتېما:

مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر ياخشىلاردىن بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ

عن أبي سعيد -رضي الله عنه- قال: كان النبي -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إذا وُضِعت الجَنَازَة واحْتَمَلَهَا الناس أو الرجال على أَعْنَاقِهِم، فإن كانت صالحة، قالت: قَدِّمُونِي قَدِّمُونِي، وإن كانت غير صالحة، قالت: يا وَيْلها! أين تَذهبون بها؟ يسمعُ صوتها كل شيء إلا الإنسان، ولو سَمِعَه صَعِق».

ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر سالىھ بەندە بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاڭلىسا ئىدى، قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتەتتى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا وضعت الجنازة على النعش، ثم احتملها الرجال على أعناقهم، فإن كانت من أهل الخير والصلاح قالت: أسرعوا بي. فَرِحة مسرورة لما تراه أمامها من نعيم الجنة، وإن كانت من غير أهل الصلاح قالت لأهلها: يا هلاكها، ويا عذابها. لما تراه من سوء المصير، فتكره القدوم عليه، ويسمع صوتها كل المخلوقات من حيوان وجَماد إلا الإنسان، ولو سمعها    لغشي عليه أو هلك من ذلك.
605;ېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر سالىھ بەندە بولسا: ئۇ جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاڭلىسا ئىدى، قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3554

 
Hadith   222   الحديث
الأهمية: لما خلق الله آدم -صلى الله عليه وسلم- قال: اذهب فَسَلِّمْ على أولئك -نَفَرٍ من الملائكة جلوس-    فاستمع ما يُحَيُّونَكَ؛ فإنها تَحِيَّتُكَ وتحية ذُرِّيتِكَ


باشتېما:

ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «لما خلق الله آدم -صلى الله عليه وسلم- قال: اذهب فَسَلِّمْ على أولئك -نَفَرٍ من الملائكة جلوس-    فاستمع ما يُحَيُّونَكَ؛ فإنها تَحِيَّتُكَ وتحية ذُرِّيتِكَ. فقال: السلام عليكم، فقالوا: السلام عليك ورحمة الله، فَزَادُوهُ: ورحمة الله».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى» ئادەم ئاتىمىز: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەردى، پەرىشتىلەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋە رەھمەتۇللاھ دەپ، ۋەرەھمەتۇللاھ دېگەن سۆزنى قوشۇپ سالام قايتۇردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: لما خلق الله آدم أمره الله أن يذهب إلى نَفَرٍ من الملائكة، والنفر ما بين الثلاثة والتسعة، فيحييهم بالسلام، ويستمع إلى إجابتهم عليه، فتكون تلك التحية المتبادلة بينه وبينهم هي التحية المشروعة له ولذريته من بعده ممن هم على دين الرسل، ويتبعون سنتهم.
فقال: السلام عليكم، فقالوا: السلام عليك ورحمة الله ، فزادوه : "ورحمة الله"، فكانت هذه الصيغة هي المشروعة عند إلقاء السلام والرد عليه، وجاءت الأحاديث الأخرى بزيادة: "ورحمة الله وبركاته" سواء في إلقاء السلام أو رده.
574;اللاھ تائالا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان ۋاقتىدا، ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ قايتۇرغان جاۋابىغا قۇلاق سېلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە قىلىنغان سالاملار، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان ھۆرمەتلەش بولىدۇ. ئادەم ئاتىمىز پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېدى، پەرىشتىلەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ۋەرەھمەتۇللاھ دېگەن سۆزنى قېتىپ جاۋاپ قايتۇردى، بۇ سۆز باشقىلارغا سالام قىلغاندا ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندا قوللىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى. يەنە بىر ھەدىستە: سالام بەرگەندىمۇ ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندىمۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دېگەن سۆزنى قېتىپ دېيىش يولغا قويۇلغان دەپ رىۋايەت قىلىنغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3556

 
Hadith   223   الحديث
الأهمية: إذا اقترب الزَمَان لم تَكَدْ رؤيا المؤمن تكذب، ورؤيا المؤمن جُزْءٌ من ستة وأربعين جُزْءًا من النُّبُوَّةِ


باشتېما:

ئاخىرقى زامان يېقىنلاشقاندا مۆمىننىڭ چۈشى ئاسان يالغان چىقمايدۇ، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إذا اقترب الزمان لم تَكَدْ رؤيا المؤمن تكذب، ورؤيا المؤمن جزء من ستة وأربعين جزءا من النبوة».   
وفي رواية: «أصدقكم رؤيا، أصدقكم حديثا».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاخىرقى زامان يېقىنلاشقاندا مۆمىننىڭ چۈشى ئاسان يالغان چىقمايدۇ، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر(بۇنداق دېگەنلىك مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ راست چىقىش تەرىپىنى دېمەكچى)»، يەنە بىر رىۋايەتتە:«ئاراڭلاردىكى چۈشى راست چىقىدىغانلار، سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغىنىڭلاردۇر»دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن رؤيا المؤمن في آخر الزمان تكون صادقة، فقد تكون خبراً عن شيء واقع، أو شيء سيقع فيقع مطابقاً للرؤيا؛ فتكون هذه الرؤيا كوحي النبوة في صدق مدلولها
"ورؤيا المؤمن جُزْءٌ من ستة وأربعين جُزْءًا من النُّبُوَّةِ " يعني : من أجزاء علم النُّبُوَّةِ من حيث إن فيها إخبارًا عن الغيب وَالنُّبُوَّةُ غير باقية لكن علمها باق.    
وإنما خُص هذا العدد؛ لأن عُمْر النبي صلى الله عليه وسلم في أكثر الروايات الصحيحة كان ثلاثا وستين سنة وكانت مدة نُبُوَّتِهِ منها ثلاثا وعشرين سنة؛ لأنه بُعث عند استيفاء الأربعين وكان قبل البعثة يرى في المنام لمدة ستة أشهر الرؤيا الصالحة، فتأتي مثل فَلَقِ الصبح واضحة جَلِّية، ثم رأى الملك في اليقظة، فإذا نُسبت مدة الوحي في المنام، وهي: ستة أشهر إلى مدة نُبُوَّتِهِ وهي: ثلاث وعشرون سنة كانت الستة أشهر: نصف جزء من ثلاثة وعشرين جزء وذلك جزء واحد من ستة وأربعين جزء.    
وقوله: "أَصْدَقُكُمْ رؤيا، أَصْدَقُكُمْ حديثا" معناه: إذا كان الإنسان صادقا في حديثه قريبا من الله، كانت رؤياه أقرب إلى الصدق غالبًا، ولهذا قيده في حديث البخاري: "الرُّؤْيَا الحَسَنَةُ، مِنَ الرَّجُلِ الصالح..".
أما من لا يَصدق في حديثه، ويأتي الفواحش ما ظهر منها وما بطن، فهذا غالبًا ما تكون رؤياه من باب تلاعب الشيطان به.
قال ابن القيم -رحمه الله-: "ومن أراد أن تَصْدُقَ رؤياه فليَتَحر الصدق وأكل الحلال، والمحافظة على الأمر والنهي، ولينم على طهارة كاملة مستقبل القبلة، ويذكر الله حتى تغلبه عيناه، فإن رؤياه لا تكاد تكذب البتة".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاخىرقى زاماندا مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشى مەيلى يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋەر بېرىش بولسۇن ياكى كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشتىن بىشارەت بولسۇن راست بولۇپ، بۇ خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ۋەھىيگە ئوخشاشتۇر، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر (بۇنداق دېگەنلىك مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ راست چىقىش تەرىپىنى دېمەكچى) يەنى: مۆمىننىڭ چۈشىمۇ غەيىبتىن خەۋەر بېرىشتە پەيغەمبەرلىك ئىلمىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى ئەمما ئۇنىڭ ئىلمى باقىدۇر. چۈشنى بۇ سانغا خاس قىلىشتىن بولغان مەقسەت: سەھىھ رىۋايەتلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتمىش ئۈچ يىل ياشىغان، پەيغەمبەرلىك مۇددىتى يىگىرمە ئۈچ يىل بولغان، چۈنكى ئۇ قىرىق ياشنى تولۇقلىغاندا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ياخشى چۈشلەرنى كۆرەتتى كۆرگەن چۈشلىرى خۇددى سۈبھىنىڭ يورۇقلىقىدەك ئوچۇق بولاتتى، ئاندىن ئويغاق ھالەتتە پەرىشتىنى كۆردى، چۈش ئارقىلىق كۆرۈلگەن ۋەھىينىڭ مۇددىتى يىگىرمە ئۈچ يىللىق ۋەھىيگە نىسبەتەن ئالتە ئاي بولدى، ئالتە ئاي يىگىرمە ئۈچ يىلنىڭ يىرىم پارچىسى بولدى، قىرىق ئالتىنىڭ بىر پارچىسى بولدى. ھەدىستىكى:«ئاراڭلاردىكى چۈشى راست چىقىدىغانلار، سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغىنىڭلاردۇر»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئىنسان سۆزىدە راستچىل بولىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ، كۆرگەن چۈشلىرىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا راست بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇخارىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «ياخشى چۈش ياخشى مۆمىندىن» دېيىلگەن. ئەمما سۆزىدە راستچىل بولمايدىغان كىشى، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چۈشۈم راست بولسۇن دېگەن كىشى راست سۆزلىشى، ھالال يېمەك يېيىشى ۋە بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىشى كېرەك، كامىل تەرەت ئىلىپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئۇيقۇسى كەلگىچە ئاللاھنى ياد ئېتىشى كېرەك، ئۇ كىشىنىڭ كۆرگەن چۈشى ئەلبەتتە يالغان بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3564

 
Hadith   224   الحديث
الأهمية: قُومِي فأوْتِري يا عائشة


باشتېما:

ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ

عن عائشة -رضي الله عنها-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يصلي صلاته بالليل، وهي مُعْتَرِضَةٌ بين يديه، فإذا بقي الوتر، أيقظها فأوترت. وفي رواية له: فإذا بقي الوتر، قال: «قومي فأوْتِري يا عائشة».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامىزى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئائىشە نامازنىڭ ئالدىدا توغرىسىغا ياتقان ھالدا ئۇخلايتتى، ۋىتىر نامىزى قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ۋىتىر قالغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يصلي صلاة الليل، وعائشة رضي الله عنها مُعْتَرِضَةٌ بَيَن يَدَيه، وفي رواية للبخاري ومسلم عنها: "أن النبي -صلى الله عليه وسلم- كان يُصلي من الليل وأنا مُعْتَرِضَةٌ بَيَنه وَبَيْن القِبلة، كاعتِرَاض الجَنازة".
   فإذا فَرغ النبي صلى الله عليه وسلم من صلاة التهجد، وقبل أن يشرع في صلاة الوتر أيْقَظها لتوتر وفي رواية لمسلم: فإذا بَقي الوِتر، قال: "قُومِي فأوْتِري يا عائشة" . وفي رواية لأبي داود: "حتى إذا أراد أن يوتر أيْقَظها فأوترت".
والمعنى: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- يترك عائشة -رضي الله عنها- أول الليل ولا يُوقظها، حتى إذا فرغ من صلاته ولم يبق إلا الوتر أيقظها لتدرك وترها وتبادر بالوتر عقب الاستيقاظ لئلا يغلب عليها كسل النوم لو تماهلت عنه فيفوتها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇيتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە توغرىسىغا ياتاتتى. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچە نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا خۇددى جىنازە قويۇلغاندەك توغرىسىغا ياتاتتىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئائىشەنى ئويغۇتاتتى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ۋىتىر نامىزى قالغاندا: «ئى ئائىشە تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ھەتتا ۋىتىر ئوقۇشنى مەقسەت قىلغاندا ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى كېچىنىڭ دەسلىپىدە ئويغاتمايتتى، كېچىلىك نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ۋىتىر نامىزى قالغاندا، ئائىشەنى ۋىتىر نامىزى ئوقۇۋىلىش، ۋىتىرنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىككە، ئويغۇنۇپلا ۋىتىر ئوقۇش ئارقىلىق ئويقۇنىڭ ھورۇنلىقىدىن غالىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3565

 
Hadith   225   الحديث
الأهمية: اللَّهُمَّ إني أَعُوذ بِرِضَاك من سَخَطِك، وبِمُعَافَاتِكَ من عُقُوبَتِكَ، وأعُوذ بِك مِنْك، لا أُحْصِي ثَناءً عليك أنت كما أَثْنَيْتَ على نفسك


باشتېما:

ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىبىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن ۋە سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن

عن عائشة -رضي الله عنها-، قالت: افْتَقَدْتُ النبي -صلى الله عليه وسلم- ذات ليلة، فَتَحَسَّسْتُ، فإذا هو راكع -أو ساجد- يقول: «سُبْحَانَك وبِحَمْدِكَ، لا إله إلا أنت» وفي رواية: فَوَقَعَتْ يَدِي على بَطن قدميه، وهو في المسجد وهما مَنْصُوبَتَانِ، وهو يقول: «اللَّهُمَّ إني أَعُوذ بِرِضَاك من سَخَطِك، وبِمُعَافَاتِكَ من عُقُوبَتِكَ، وأعُوذ بِك مِنْك، لا أُحْصِي ثَناءً عليك أنت كما أَثْنَيْتَ على نفسك».

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:مەن بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يوقۇتۇپ قويدۇم، ئىزدەپ باقسام ئۇ رۇكۇ قىلىپ ياكى سەجدە قىلىپ:«سېنى پاك دەيمەن، سېنى ماختايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دىگەن دۇئانى قىلىۋىتىپتۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە:مىنىڭ قولۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇتىنىڭ ئالقىنىغا تەگدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى تىكلەپ سەجدە قىلىپ:«ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىۋىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن، سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن»دىگەن دۇئانى قىلىۋىتىپتۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث تخبر عائشة -رضي الله عنها- أنها افتقدت النبي -صلى الله عليه وسلم- ذات ليلة، فلم تجده على فراشه؛ فذهبت تبحث عنه وكانت تظن -رضي الله عنها- أنه قد ذهب إلى بعض نسائه، ثم وجدته -صلى الله عليه وسلم- وهو راكع أو ساجد، يقول: سُبْحَانَك وبِحَمْدِكَ، لا إله إلا أنت. أي: أنزهك عن كل ما لا يليق بك، وأحمدك على جميع أفعالك، فأنت أهل الثناء والحمد المطلق، لا إله إلا أنت.
وفي رواية: أنها عندما كانت تبحث عنه وقعت يَدها على بَطن قدميه؛ لأنه ليس هناك إضاءة ترى فيها شخصه -صلى الله عليه وسلم- ، وإنما كانت تَتَلمس بيدها حتى وقعت يدها عليه، وهو ساجد، فلما وجدته -رضي الله عنها- سمعته يقول: "اللَّهُمَّ إني أَعُوذ بِرِضَاك من سَخَطِك" أي: ألتجئ إلى هذه من هذه، والشيء إنما يُداوى بضده، فالسَخَط ضده الرضا، فيستعيذ برضا الله -تعالى- من سَخَطه.
"وبِمُعَافَاتِكَ من عُقُوبَتِكَ" وأستعيذ بعفوك، من عُقُوبتك.
"وأعُوذ بِك مِنْك" أي استعيذ بالله مِن الله -عز وجل- وذلك؛ لأنه لا مَنْجَى ولا مَلْجَأ من الله إلا إليه، لا أحد ينجيك من عذاب الله إلا الله -عز وجل-.
"لا أُحْصِي ثَناءً عليك" أي لا أستطيع أن أثني عليك بما تستحقه مهما بَالَغت في الثناء عليك، بل أنا قَاصرٌ عن أن يبلغ ثنائي قَدْر استحقاقك.
   "أنت كما أَثْنَيْتَ على نفسك" يعني أثني عليك ثناء كما أثنيت على نفسك لا يمكن لأحد أن يحصي ثناء على الله كما أثنى الله على نفسه.
576;ۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئۇنى ياتقان ئورنىدىن تاپالماي ئىزدىگەنلىكى، ئۆز گۇمانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى باشقا ئاياللىرىنىڭكىگە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلىقى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى رۇكۇ قىلغان ياكى سەجدە قىلغان ھالەتتە مۇنۇ دۇئانى: «سېنى پاك دەيمەن، سېنى ماختايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى سېنى ساڭا لايىق بولمايدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن پاكلايمەن، سېنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىڭنى مەدھىيلەيمەن، سەن مۇتلەق ماختاش ۋە مەدھىيلەشكە لايىقسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق دىگەن دۇئانى ئوقۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ قولى پۇتىنىڭ ئالقىنىغا تەگدى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا كېچىدە ئۆينى يورۇتىدىغان چېراق يوق ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ قولى بىلەن سىلاشتۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە تاپتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قىلىپ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدى:«ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىپىڭدىن ساقلىنىمەن، (ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ زىتى بىلەن ئىلاج قىلىنىدۇ) غەزەپنىڭ قارشىسى رازىلىق بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى بىلەن غەزىپىدىن پاناھ تىلىنىدۇ، ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن. يەنى سەن بىلەن سەندىن پاناھلىنىمەن، چۈنكى قۇتۇلۇش ۋە پاناھلىنىش پەقەت ئاللاھدىن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ. سىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم قۇتۇلدۇرالمايدۇ، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سىنى ساڭا لايىق مۇكەممەل شەكىلدە مەدھىيلىيەلمەيمەن، چۈنكى ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مەدھىيلىگەندەك ئاللاھ تائالانى مەدھىيلىشى مۇمكىن بولمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3566

 
Hadith   226   الحديث
الأهمية: أفضل الصَّدَقَات ظِلُّ فُسْطَاطٍ في سَبِيل الله ومَنِيحَةُ خَادِم في سَبِيل الله، أو طَرُوقَةُ فَحْلٍ في سَبِيل الله


باشتېما:

سەدىقىلەرنىڭ ئەۋزىلى ئاللاھنىڭ يولىدا تىككەن چېدىرنىڭ سايىسى، ئاللاھنىڭ يولىدا خىزمەتچى بېرىش ياكى ئاللاھ يولىدا قورامىغا يەتكەن بىر تۆگە بېرىش

عن أبي أمامة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أفضل الصَّدَقَات ظِلُّ فُسْطَاطٍ في سَبِيل الله ومَنِيحَةُ خَادِم في سَبِيل الله، أو طَرُوقَةُ فَحْلٍ في سَبِيل الله».

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەدىقىلەرنىڭ ئەۋزىلى ئاللاھ يولىدا تىككەن چېدىرنىڭ سايىسى، ئاللاھ يولىدا خىزمەتچى بېرىش ياكى ئاللاھ يولىدا قورامىغا يەتكەن تۆگە بېرىش» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن أفضل ما يتصدق به المرء هذه الأشياء الثلاثة، ظِلُّ فُسْطَاطٍ أو عطية خَادماً أو ناقة استحقت طرق الفحل، وسواء كانت الصدقة على المجاهدين في سبيل الله تعالى أو غيرهم من المحتاجين، فإن ذلك من سبيل الله تعالى.
ولعل أفضلية هذه الأشياء لحاجة الناس إليها في ذلك الزمان، فأراد النبي صلى الله عليه وسلم أن يُرَغِّبهم فيها، أما الآن فحاجة الناس إليها قد تكون معدومة أو أنها موجودة في بعض النواحي على وجه القلة، والحكم للغالب.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان سەدىقە قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئاللاھ يولىدا تىكىلگەن چېدىرنىڭ سايىسى ياكى ئاللاھ يولىدا چىققان كىشىگە خىزمەت قىلىش، ياكى ياراملىق بىر تۆگە بېرىشتىن ئىبارەت، بۇ ئاللاھ يولىدا چىققان مۇجاھىتلارغا بېرىلسۇن ياكى باشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىلسۇن، ھەممىسى ئاللاھ يولىدا بېرىلگەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئەۋزەل بولىشى شۇ زاماندا كىشىلەرنىڭ شۇ نەرسىلەرگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغانلىقىدىندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى شۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرگەن. ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇ نەرسىلەرگە كىشىلەرنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ ياكى بولسىمۇ ئاز بولىدۇ، ھۆكۈم كۆپنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ھەدىس ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسكە ئوخشايدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! خورما يوق ئۆيدىكى كىشىلەر ئاچ ئولتۇرىدۇ» دېگەن، مۇسلىم رىۋايىتى. شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، خورما شۇ ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە خورمىنى يېمەكلىك قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى ھېسابلىناتتى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3568

 
Hadith   227   الحديث
الأهمية: أكْثَرْتُ عليكم في السِّوَاك


باشتېما:

مەن سىلەرگە مىسۋاك ئىشىلتىشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىمەن

عن أنس -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «أكْثَرْتُ عليكم في السِّوَاك».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مەن سىلەرگە مىسۋاك ئىشىلتىشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىمەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أكثر على أمته في شأن استعمال السواك والمواظبة عليه في جميع الأحوال، استحباباً لا إيجاباً؛ وذلك لما فيه من المنافع والفضائل العظيمة، ومن أجلها وأعظمها أنه مَرْضَاة للرَّب -سبحانه وتعالى-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى مىسۋاك ئىشلىتىش ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق ھالىتىدە ئەمەس، مۇستەھەب ھالىتىدە كۆپ تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق ۋە زور پەزىلەتلەر بار، ئۇ پەزىلەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئۇلۇغى ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3572

 
Hadith   228   الحديث
الأهمية: ألا أُخْبِركم بأهل الجنة؟ كلُّ ضعيفٍ مُتَضَعَّفٍ ، لو أقسم على الله لَأَبَرَّهُ ، ألا أُخْبِركم بأهل النار؟ كُلُّ عُتُلٍّ جَوَّاظٍ مُسْتَكْبِرٍ


باشتېما:

مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر

عن حارثة بن وهب -رضي الله عنه- مرفوعًا: «ألا أُخْبِركم بأهل الجنة؟ كلُّ ضعيفٍ مُتَضَعَّفٍ، لو أقسم على الله لَأَبَرَّهُ، ألا أُخْبِركم بأهل النار؟ كُلُّ عُتُلٍّ جَوَّاظٍ مُسْتَكْبِرٍ».

ھارىس ئىبنى ۋەھەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر »

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
من صفات بعض أهل الجنة؛ أن الإنسان يكون ضعيفًا متضعفًا، أي: لا يهتم بمنصبه أو جاهه، أو يسعى إلى علو المنازل في الدنيا، ولكنه ضعيف في نفسه يستضعفه غيره، لو حلف على شيء ليَسَّر الله له أمره، حتى يحقق له ما حلف عليه، أما أهل النار فمنهم كل غليظ جافي الطباع قاس غير منقاد للحق، وكل من يجمع المال ويمنع ما يجب فيه من زكاة، ومن يرد الحق كبرًا ويتعالى على الناس، والحديث ليس للحصر، بل لبيان بعض صفات الفريقين.
574;ەھلى جەننىتىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى: ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنغۇچى، ئورۇن، مەرتىۋىسىگە پەرۋا قىلمايدىغان، دۇنيادا ئۈستۈنلۈك قازىنىشقا ھەرىكەت قىلمايدىغان، لېكىن ئۆزى ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك ئېتىلگۈچى كىشى بولۇپ، ئەگەر بىرەر ئىش ئۈچۈن قەسەم قىلسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ قەسەم قىلغان ئىشىنى روياپقا چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەمما دوزاخ ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرى بولسا: ئۇلار قوپال، كىشىلەرگە جاپا سالىدىغان، ئېچى قوتۇر، ھەقىقەتكە بويسۇنمايدىغان، پۈتۈن ئەقلى ماددى نەرسىلەرگە مەركەزلەشكەن، ئۆزىگە پەرز بولغان زاكاتنىمۇ ئادا قىلمايدىغان، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقنى رەت قىلىدىغان، ئۆزىنى كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت، ئەھلى جەننىتى بىلەن ئەھلى دوزىخىنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغانلىرىلا ئەمەس بەلكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە ئىككى پىرقىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى بايان قىلىندى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3573

 
Hadith   229   الحديث
الأهمية: ألا أُنَبِّئُكُمْ بِخَيْرِ أعْمَالِكُم، وأزْكَاها عند مَلِيكِكُم


باشتېما:

مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقىنى دەپ بىرەيمۇ؟

عن أبي الدَّرْدَاء -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ألا أُنَبِّئُكُمْ بِخَيْرِ أعْمَالِكُم، وأزْكَاها عند مَلِيكِكُم، وأرْفَعِهَا في دَرَجَاتِكُمْ، وخير لكم من إنْفَاق الذهب والفضة، وخير لكم من أن تَلْقَوا عَدُوَّكُمْ فَتَضْرِبُوا أعْنَاقَهُمْ ويَضْرِبوا أعْنَاقَكُم؟» قالوا: بلى، قال: «ذكر الله -تعالى-».

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭىلارنىڭ ياخشىراقى ۋە ئىگەڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتىرىدىغانراقى، سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن-كۆمۈش خەجلىگەندىنمۇ ياخشىراقى، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغىنىنى دەپ بېرەيمۇ؟» دېدى، ساھابىلار: شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى ئەسلەش» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال النبي صلى الله عليه وسلم: ألا أخبركم بخير أعمالكم، وأكثرها ثوابا وأطهرها عند ربكم، وأزيدها في رفع درجاتكم، وخير لكم من أن تنفقوا الذهب والفضة في سبيل الله، وخير لكم من أن تلقوا الكفار في معترك الحرب فتضربوا أعناقهم لإعلاء كلمة الله تعالى. فقال الصحابة: بلى يا رسول الله. قال: ذكر الله تعالى
662;ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭىلارنىڭ ياخشىراقى، ساۋابى كۆپرەكى ۋە رەببىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتىرىدىغانراقى، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئالتۇن-كۈمۈش خەجلىگىنىڭلاردىنمۇ ياخشىراقى، كاپىرلار بىلەن جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغىنىنى دەپ بىرەيمۇ؟» دېدى، ساھابىلار: «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى ئەسلەش» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3575

 
Hadith   230   الحديث
الأهمية: يا أم حارثة إنها جِنَان في الجنة، وإن ابْنَك أصَاب الفِردَوْس الأعلى


باشتېما:

ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننەتتە دېدى

عن أنس -رضي الله عنه- أن أم الرُّبيع بنت البراء وهي أم حارثة بن سُراقة، أتَت النبي -صلى الله عليه وسلم- فقالت: يا رسول الله، ألا تُحَدِّثُنِي عن حارثة -وكان قُتِل يوم بَدْرٍ- فإن كان في الجنَّة صَبَرْت، وإن كان غير ذلك اجْتَهَدْتُ عليه في البُكَاء، فقال: «يا أم حارثة، إنها جِنَان في الجنة، وإن ابْنَك أصَاب الفِردَوْس الأعلى».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بەرانىڭ قىزى ئۇممۇ رەبىيئى(ئۇ ھارىس ئىبنى سۇراقىنىڭ قىزى ئىدى)پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھارىسە توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىن، ئۇ بەدىر ئۇرۇشىدا شەھېت قىلىنغان ئىدى، ئەگەر ئۇ جەننەتتە بولسا سەۋىر قىلاي، ئەگەر ئۇ باشقا يەردە بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن تازا يىغلاي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننىتىدە!» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن حارثة بن سُرَاقة -رضي الله عنه- كان قد استشهد يوم بدر بسهم طائش لا يُعرف مصدره، فجاءت أُمَّه إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- تسأله عن مصيره وخشيت ألا يكون من الشهداء؛ لأنه قتل برمية غير مقصودة ولم يكن ممن حضروا المعركة، كما هو مصرح به في الحديث: "وكان قُتل يوم بَدْر أصابه سهم غَرْب" أي لا يعرف راميه، أو لا يُعْرَف من أي جهة جاء.
وفي رواية عند أحمد والنسائي: عن أنس -رضي الله عنه-: "أن حارثة خَرَج نَظَّارا أي: من الذين طلبوا مكاناً مرتفعاً ينظرون إلى العدو، ويخبرون عن حالهم، فأتاه سَهْم فقتله".
ولهذا قالت -رضي الله عنها-: "فإن كان في الجَنَّة صَبَرت عليه"، أي: صبرت على فقده، واحتسبته عند الله، مستبشرة بقتله في سبيل الله، وفوزه بالشهادة.
"وإن كان غير ذلك اجْتَهدت عليه في البكاء"؛ لأني خَسرته، وخَسِر حياته دون فائدة.
قال: يا أم حارثة، إنها جنان" أي: جَنَّات كثيرة، كما جاء مصرحًا به في رواية البخاري : "أجنة واحدة هي؟ إنها جِنَان كثيرة، وإنه في الفردوس الأعلى"، والمراد به مكان مخصوص من الجنة، هو أفضلها وأعلاها، ولهذا قال -صلى الله عليه وسلم-: "إذا سألتم الله، فاسألوه الفردوس، فإنه أوسط الجنة وأعلى الجنة، وفوقه عَرْش الرحمن، ومنه تُفَجَّر أنهار الجَنَّة"، ومعنى أوسط الجنة :خيارها، وأفضلها وأوسعها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ھارىسە ئىبنى سۇراقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدىر ئۇرۇشىدا كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ئوق بىلەن شېھىت قىلىنغان ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئوغلىنىڭ شېھىتلەردىن بولماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوغلى ئۇرۇش مەرىكىسىگە ھازىر بولماستىن مەقسەتسىز ئېتىلغان بىر ئوقتا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، بۇ ۋەقەلىك ھەدىستىمۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان: ھارىسە بەدىر كۈنىدە كىمنىڭ ئاتقانلىقى ۋە قايسى تەرەپتىن ئېتىلغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ھارىسە ئېگىز جايغا چېقىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا غايىپ ئوق تېگىپ ئۆلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇ جەننەتتە بولۇپ قالسا، ئۇنى يوقىتىپ قويغانغا سەبىر قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ تىلەيمەن، ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈپ شېھىتلىك بىلەن ئۇتۇق قازانغانلىقىدىن خۇرسەن بولىمەن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنى باشقا جايدا بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يىغلايمەن، چۈنكى مەن ئۇنى زىيان تارتتىم ۋە ئۇمۇ ھاياتىنى پايدىسىز زىيانغا ئۇچراتتى». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى ئۇممۇ ھارىسە! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرى تۈرلۈك بولىدۇ، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە ئوچۇق بايان قىلىنىپ: سەن جەننەتنى بىر جەننەت دەپ ئويلامسەن؟ جەننەتلەر كۆپ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئالىسى بولغان پىردەۋس جەننەتتە»دەيدۇ. پىردەۋس دېگەن جەننەتلەردىن بولغان خاس بىر جەننەت مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى ۋە ئەۋزىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «سىلەر ئاللاھدىن جەننەت سورىساڭلار پىردەۋس جەننىتىنى سوراڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئالىسى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشى بار، ئۇنىڭدىن باشقا جەننەتلەرگە ئۆستەڭلار ئېقىپ چىقىدۇ» دېگەن. جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسى دېگەنلىك: جەننەتلەرنىڭ ياخشىسى، ئەۋزىلى ۋە كەڭرىسى دېمەكتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3576

 
Hadith   231   الحديث
الأهمية: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- طَرَقَ عليا وفاطمة ليلاً، فقال: ألا تُصَلِّيَانِ


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىسى مېنىڭ بىلەن پاتىمەنىڭ قېشىغا كېلىپ: «قوپۇپ ناماز ئوقۇمامسىلەر؟»دەيتتى

عن علي -رضي الله عنه-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- طَرَقَه وفاطمة ليلاً، فقال: «ألا تُصَلِّيَانِ؟».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىسى مېنىڭ بىلەن پاتىمەنىڭ قېشىغا كېلىپ:«قوپۇپ ناماز ئوقۇمامسىلەر؟»دەيتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يُخبر علي بن أبي طالب -رضي الله عنه-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- أتاه وفاطمة ليلاً فوجدهما نَائمَين، فأيْقَظهما، وقال لهما: "ألا تُصَلِّيَانِ؟".
فالنبي -صلى الله عليه وسلم- حثهما على صلاة الليل، واختار لهما تلك الفضيلة على الراحة والسكون؛ لِعِلْمه بفضلها ولولا ذلك ما كان يزعج ابنته وابن عمه في وقت جعله الله لخلقه سكنًا.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىسى مېنىڭ بىلەن پاتىمەنىڭ قېشىغا كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقان بولساق، بىزنى ئۇيغۇتۇپ: «قوپۇپ ناماز ئوقۇمامسىلەر؟» دەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئىككەيلەننى كېچىلىك ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئارام ئېلىپ-راھەتلىنىشنىڭ ئورنىغا كېچىدە ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت بولغان بۇ پەزىلەتنى تاللىغان، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا ئارام ئېلىش ئۈچۈن بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن (كۈي ئوغلىنى) تاغىسىنىڭ ئوغلىنى ئۇيقۇدىن ئويغۇتىۋەتمەيتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3577

 
Hadith   232   الحديث
الأهمية: إذا أصْبَح ابن آدَم، فإن الأعضاء كلَّها تَكْفُرُ اللِّسان، تقول: اتَّقِ الله فِينَا، فإنَّما نحن بِك؛ فإن اسْتَقَمْتَ اسْتَقَمْنَا، وإن اعْوَجَجْت اعْوَجَجْنَا


باشتېما:

ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز

عن أبي سعيد الخدري -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «إذا أصْبَح ابن آدَم، فإن الأعضاء كلَّها تَكْفُرُ اللِّسان، تقول: اتَّقِ الله فِينَا، فإنَّما نحن بِك؛ فإن اسْتَقَمْتَ اسْتَقَمْنَا، وإن اعْوَجَجْت اعْوَجَجْنَا».

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسى تاڭ ئاتقۇزغاندا بارلىق ئەزالىرى تىلغا يېلىنىپ دەيدۇ: ئى تىل! بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز ھەقىقەتەن سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازالىنىمىز، ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ بىزمۇ ئەگرى بولىمىز»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أن سائر أعضاء البدن تَذِلُّ وتخضع للسان، فهي تابعة له، ولهذا تقول إذا أصبح: "اتقِ الله فِينَا فإنَّما نحن بِك...".
فاللسان أشد الجوارح خطراً على صاحبها، فإن استقام استقامت سائر جوارحه، وصلحت بقية أعماله، وإذا مال اللسان مَاَلت سائر جوارحه وفسد بقية أعماله.
فعن أنس رضي الله عنه قال -صلى الله عليه وسلم-: "لا يستقيم إيمان عبد حتى يستقيم قلبه، ولا يستقيم قلبه حتى يستقيم لسانه.."
وفي الباب أحاديث كثيرة تدل على خطر اللسان، وهو: إما سعادة لصاحبه، وإما نقمة عليه، فإن سَخَّره في طاعة الله كان سعادة له في الدنيا والآخرة، وإن أطلقه فيما لا يرضي الله -تعالى-، كان حَسْرة عليه في الدنيا والآخرة.
576;ۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى تىلغا يالۋۇرىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ، ئۇ ئەزالار تىلغا ئەگىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ ئاتقۇزغاندا تىلغا: بىزنىڭ ھەققىمىزدە ئاللاھدىن قورققىن، بىز سېنىڭ يېنىڭدا دەيدۇ، تىل ئىگىسىگە نىسبەتەن خەتىرى ئەڭ قاتتىق ئەزا ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر تىل رۇس بولسا، قالغان ئەزالارمۇ رۇس بولىدۇ، ئەمەللىرى توغرا بولىدۇ، ئەگەر تىل قىڭغىر بولسا، قالغان ئەزالارمۇ قىڭغىر بولىدۇ، ئەمەللىرى بۇزۇلىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بەندىنىڭ قەلبى رۇس بولمىغىچە ئىمانى رۇس بولمايدۇ، تىلى رۇس بولمىغىچە قەلبى رۇس بولمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. تىلنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر ناھايتى كۆپ، تىل ئىگىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ياكى بەختسىزلىكى ئۈچۈن سەۋەب بولىدۇ، ئەگەر تىلنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت بولىدۇ، ئەگەر تىلىنى ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارغا قويۇۋەتسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە ھەسىرەت بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3579

 
Hadith   233   الحديث
الأهمية: الرُّؤْيَا الصَّالِحَةُ من الله، والحُلُمُ من الشيطان


باشتېما:

ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ

عن أبي قتادة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «الرُّؤْيَا الصَّالِحَةُ -وفي رواية: الرُّؤْيَا الحَسَنَةُ- من الله، والحُلُمُ من الشيطان، فمن رأى شيئًا يَكْرَهُهُ فَلْيَنْفُثْ عن شماله ثلاثا، وَلْيَتَعَوَّذْ من الشيطان؛ فإنها لا تضره».
   وعن جابر -رضي الله عنه- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «إذا رأى أحدكم الرُّؤْيَا يَكْرَهُهَا، فَلْيَبْصُقْ عن يساره ثلاثا، ولْيَسْتَعِذْ بالله من الشيطان ثلاثا، ولْيَتَحَوَّلْ عن جَنْبِه الذي كان عليه».

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ياخشى چۈش «يەنە بىر ئىبارىدە گۈزەل چۈش دەپ كەلگەن» ئاللاھ تائالا تەرەپتىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ. كىمكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، سول تەرىپىگە تۈكۈرۈۋەتسۇن. ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن. شۇندىلا، يامان چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمىكى يامان چۈش كۆرۈپ قالسا سول تەرپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرىۋەتسۇن ۋە ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۇنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىسۇن، ئاندىن ياتقان يېنىدىن يەنە بىر يانغا ئۆرۈلۈپ ياتسۇن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر -صلى الله عليه وسلم- في هذا الحديث: أن الرؤيا السَالِمَة من تخليط الشيطان وتشويشه، هي من جملة نعم الله على عباده، ومن بشارات المؤمنين، وتنبيهات الغافلين، وتذكيره للمعرضين.
والحُلُمُ الذي هو أضغاث أحلام، فإنما هو من تخليط الشيطان على روح الإنسان، وتشويشه عليها وإفزاعها، وجلب الأمور التي تكسبها الهم والغم ويحزن وربما يمرض؛ لأن الشيطان عدو للإنسان يحب ما يسوء الإنسان وما يحزنه.
فإذا رأى المرء في منامه ما يزعجه ويخيفه ويحزنه، فعليه أن يأخذ بالأسباب التي تدفع كيد الشيطان ووسوسته، وعلاجها كما جاء عليه في الحديث:
أولاً : أن يَبْصُقَ عن شماله ثلاث مرات.   
ثانيا: أن يتعوذ بالله من الشيطان الرجيم ثلاثا لدفع شره وبأسه.
ثالثاً : إذا كان على جنبه الأيسر يتحول إلى الأيمن وإذا كان على الأيمن يتحول إلى الأيسر .   
فإذا عمل بالأسباب المتقدمة لم تضره شيئا بإذن الله تصديقا؛ لقول رسوله صلى الله عليه وسلم ، وثقة بنجاح الأسباب الدافعة له.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغان. شەيتاننىڭ تەسىرىدىن ۋە زىيانكەشلىكىدىن خالى بولغان ۋە يىراق بولغان ساغلام چۈش بولسا، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىگە قىلغان نېمەتلىرىدىن بولۇپ، مۆمىن بەندىلىرىگە خۇش بىشارەت، غەپلەتتە قالغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش، ئازغانلارغا ئەسلەتمىدىن ئىبارەتتۇر. الحلم: دېگەن قالايمىقان كۆرگەن چۈشلەر، ئۇ ئىنساننىڭ رۇھىغا شەيتاننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى، قالايمىقانلاشتۇرشى، ئۇنى قورقۇتۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، غەم-قايغۇ ۋە كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى شەيتان ئىنساننىڭ قايغۇرۇشىنى، بەخىتسىزلىكىنى ياخشى كۆرىدىغان دۈشمىنىدۇر. ئىنسان بىئارام بولىدىغان، قورقۇيدىغان، قايغۇرىدىغان چۈشلەرنى كۆرسە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوقىتىدىغان، زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىدىغان سەۋەب ئامىللارنى قىلىشى كېرەك. ھەدىستە تۆۋەندىكىلەرنى تەلىم بەرگەن. 1-سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرۈش. 2- قوغلاندى قىلىنغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ ئۈچ قېتىم پاناھ تىلەش. 3- ئەگەر سول تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا ئوڭ تەرەپكە، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتقان بولسا سول تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىش كېرەك. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە قوللانغان سەۋەبلەرگە ئىشەنگەن ھالدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ چۈشى ئۇنىڭغا زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3586

 
Hadith   234   الحديث
الأهمية: يَغْفِرُ الله للشَّهيد كُلَّ شيءٍ إلا الدَّين


باشتېما:

ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ

عن عبد الله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «يَغْفِرُ الله للشَّهيد كُلَّ شيءٍ إلا الدَّين».    وفي رواية له: «القَتْل في سَبِيل الله يُكَفِّر كلَّ شيءٍ إلا الدَّين».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ شېھىتنىڭ قەرزىدىن باشقا ھەممە گۇناھىنى كەچۈرىۋېتىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش، قەرىزدىن باشقا ھەممە گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ» دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الشهادة تُكَفِّر جميع الذنوب صغيرها وكبيرها، ما عدا الدَّين، فإن الشهادة لا تُكَفِّره وذلك لعِظَم حق المخلوقين لا سيما الأموال، فإنها أعَزُّ شيء عندهم، ويلحق بالدَّين ما يتعلق بذمته من حقوق المسلمين، من سرقة وغَصْب وخيانة، فإن الجهاد والشهادة وغيرهما من أعمال البِرَّ لا تُكفر حقوق الآدميين وإنما تُكَفِّر حقوق الله -تعالى-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: شېھىتلىك مەرتىۋىسى قەرزدىن باشقا چوڭ-كېچىك ھەممە گۇناھنى ئۆچۈرىدۇ، قەرزنى ئۆچۈرمەيدۇ، ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ھەققىنىڭ بولۇپمۇ مالغا ئالاقىدار ھەقنىڭ كاتتا بولغانلىقىدىندۇر، چۈنكى مال ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئەزىز، قەرىزگە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، خىيانەت قاتارلىق نەرسىلەر قېتىلىدۇ، ھەقىقەتەن جىھاد، شېھىتلىك ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3589

 
Hadith   235   الحديث
الأهمية: العِبَادَة في الهَرْجِ كَهِجْرَةٍ إليَّ


باشتېما:

بۇزۇقچىلىق كۆپ بولغاندا قىلىنغان ئىبادەت مەن تەرەپكە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشاش

عن معقل بن يسار -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «العِبَادَة في الهَرْجِ كَهِجْرَةٍ إليَّ».

مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «بۇزۇقچىلىق كۆپ بولغاندا قىلىنغان ئىبادەت مەن تەرەپكە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشاشتۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن المتمسك بالعبادة في زمن كثرة الفتن واختلاط الأمور والاقتتال فضله كفضل من هاجر إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- قبل فتح مكة؛ لأنه وافقه من حيث أن المهاجر فَرَّ بدينه ممن يَصُدُّه عنه للاعتصام بالنبي -صلى الله عليه وسلم- وكذا المنقطع في عبادة الله تعالى فَرَّ من الناس بِدِينه إلى الاعتصام بعبادة ربِّه، فهو في الحقيقة قد هاجر إلى ربِّه، وفرَّ من جميع خلقه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن پىتنە كۆپىيىپ، ئىشلار ئارىلىشىپ كەتكەن، ئۇرۇش-جېدەللەر كۆپ بولغان ۋاقىتتا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى مەككە پەتھىسىدىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلغاننىڭ پەزىلىتىگە ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىمۇ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭدەك كىشىلەر پىتنىگە چۈشكەندە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشقا يۈزلىنىپ، ئۆز دىنى بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلەنگەن كىشىمۇ ھەقىقەتتە كىشلەردىن قىچىپ، پەرۋەردىگارى تەرىپىگە ھىجرەت قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3592

 
Hadith   236   الحديث
الأهمية: جاء ناسٌ إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- أن ابْعَثْ مَعَنَا رجالًا يُعَلِّمُونَا القرآن وَالسُّنَّةَ، فبَعَث إليهم سَبْعِين رجلاً من الأنْصَار يقال لهم: القُرَّاء، فيهم خَالي حَرَامٌ


باشتېما:

بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگىتىپ قويىدىغان كىشىلەردىن بىر تۈركۈمنى بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى

عن أنس -رضي الله عنه- قال: جاء ناس إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- أن ابعث معنا رجالاً يعلمونا القرآن والسنة، فبعث إليهم سبعين رجلا ًمن الأنصار يقال لهم: القراء، فيهم خالي حَرامٌ، يقرؤون القرآن، ويتدارسون بالليل يتعلمون، وكانوا بالنهار يَجِيئُون بالماء، فيضعونه في المسجد، ويحتطبون فيبيعونه، ويشترون به الطعام لأهل الصُّفَّةِ، وللفقراء، فبعثهم النبي -صلى الله عليه وسلم- فَعَرَضُوا لهم فقتلوهم قبل أن يبلغوا المكان، فقالوا: اللهم بلَغِّ ْعَنَّا نبينا أنا قد لَقِينَاك فرضينا عنك ورَضِيتَ عَنَّا، وأتى رجلٌ حَرَاماً خال أنس من خلفه، فطعنه برُمْحٍ حتى أَنْفَذَهُ، فقال حَرَامٌ: فُزْتُ ورَبِّ الكعبة، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إن إخوانكم قد قُتِلُوا وإنهم قالوا: اللهم بلغ عنا نبينا أنا قد لقيناك فرضينا عنك ورضيت عنا».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگۈتۈپ قويىدىغان ئادەملىرىڭدىن بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى.ئۇلار كېچىسى قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە ئۈگىنەتتى، كۈندۈزى مەسچىتلەرگە سۇ توشۇيتتى، ئوتۇن ئېلىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا ئاجىز يېتىملار ئۈچۈن تائام سېتىۋالاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلارنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشىلەر ئۇلارنى كۆزلىگەن يەرگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈۋەتتى، (ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر، ئۇلارنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن كىشىلەردىن باشقا مۇشرىكلار دېگەن رىۋايەتلەرمۇ بار) ئۇلار: ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىز، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولۇشقانلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ قويساڭ دەپ دۇئا قىلدى. بىر كىشى تاغام ھارامنىڭ كەينىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا نەيزە تىقىپ نەيزىنى ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ، ھارام: كەبىنىڭ پەرۋەدىگارى بىلەن قەسەم قىلىمەن! شېھىتلەر دەرىجىسىگە يېتىش بىلەن غەلبە قازاندىم دەپتۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىنداشلىرىڭلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلار: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويساڭ، دەپ تىلىدى»دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن وفدًا من بعض القبائل العرب أتوا إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- فزعموا أنهم قد أسلموا وطلبوا من النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يَمُدَّهم بمن يعلمهم القرآن فأمدهم النبي -صلى الله عليه وسلم- بسبعين رجُلًا يقال لهم: القراء؛ وذلك لكثرة أخذهم للقرآن، ومع انشغالهم بكثرة قراءة القرآن، إلا أن ذلك لم يمنعهم من الاكتساب ولهذا قال أنس -رضي الله عنه-: "وكانوا بالنَّهار يَجِيئُون بالماء، فَيَضَعُونَه في المسجد، وَيَحْتَطِبُونَ فَيَبِيعُونَهُ، ويَشترون به الطعام لأهل الصُّفَّةِ، وللفقراء" ومعناه: أنهم في أوقات النهار يجلبون الماء ويضعونه في المسجد وقفاً لمن أراد استعماله لطهارة أو شرب أو غيرهما.
"وَيَحْتَطِبُونَ فَيَبِيعُونَهُ، ويشترون به الطعام لأهل الصُّفَّةِ، وللفقراء" أي: يجمعون الحطب فيبعونه ويشترون به الطعام ويتصدقون به على الفقراء ومنهم أهل الصُفَّة.
وأصحاب الصفة هم: الفقراء الغرباء الذين كانوا يأوون إلى مسجد النبي -صلى الله عليه وسلم- وكانت لهم في آخر المسجد صُفَّة وهو مكان منقطع من المسجد مظلل عليه يبيتون فيه.
ثم إن النبي -صلى الله عليه وسلم- بَعث القراء مع القوم، فلما نزلوا بئر معونة، وذلك قبل أن يصلوا إلى مقصدهم وهو منزل أبي براء ابن مُلَاعِبِ الْأَسِنَّةِ، قَصدهم عامر بن الطفيل، ومعه عصبة من الرجال فقاتلوهم، فقالوا: "اللهُمَّ بلِّغ عنَّا نبيَّنا أنَّا قد لَقِينَاكَ فرضِيْنَا عنَّك ورضِيت عنَّا" وفي رواية: "ألا بَلِّغوا عنَّا قوْمَنا أنا قد لقِيْنَا ربَّنا فَرَضِي عنَّا وأرضَانا"، فأخبر جِبْريل النبي -صلى الله عليه وسلم-: "أنهم قد لقوا ربهم، فرَضِى عنهم وأرضاهم"، كما في رواية البخاري.
فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "إن إخْوَانَكم قد قُتِلوا وإنهم قالوا: اللَّهم بلِّغ عنَّا نبيَّنا أنَّا قد لَقِينَاكَ فَرَضِينا عنَّك ورَضِيت عنَّا" والمعنى: أن الله -تعالى- قد رضي عنهم بطاعتهم ورضوا عنه بما أكرمهم به وأعطاهم إياه من الخيرات والرضى من الله -تعالى- إفاضة الخير والإحسان والرحمة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بەزى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، ساھابىلار ئۇلارنى مۇسۇلمان بولدى دەپ ئويلاپ قالدى، ئەلچىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگە قۇرئان ئۈگىتىدىغان كىشىلەرنى بىرگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن قارىلار دەپ ئاتىلىدىغان، قۇرئان كەرىم بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشتىن چەكلەنگەن يەتمىش كىشىنى بىرگە ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلار كۈندۈزلىرى مەسچىتكە سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يىمەكلىك سېتىۋېلىپ، سۇپپىدىكى كەمبەغەللەرگە ۋە پىقىرلارغا بېرەتتى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئۇلار كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا مەسچىتكە تەرەت ئالىدىغانلار ۋە ئىچىدىغانلار ئۈچۈن سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يېمەك سېتىۋېلىپ پىقىرلارغا سەدىقە قىلاتتى، سۈپپە ئەھلىگىمۇ بېرەتتى، سۈپپە ئەھلى دېگەن: ھەر تەرەپتىن كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە ئورۇنلاشقان كەمبەغەللەر بولۇپ، ئۇلار مەسچىتنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈستى يېپىقلىق سۇپىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ كېچىلىرى شۇ يەردە ياتاتتى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەبنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن قارىلارنى بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلار كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى بىئرى مەئۇنە دېگەن جايغا چۈشتى، ئۇ ئەبۇ بەرا ئىبنى مۇلائىب ئەل ئەسىننە دېگەن كىشىنىڭ تۇرىدىغان جايى ئىدى، ئۇلار ئامىر ئىبنى تۈپەيلى مەقسەت قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك ئەرلەر بار ئىدى، ئۇلار باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقىنىمىزنى، سېنىڭ بىزدىن ۋە بىزنىڭ سەندىن رازى بولغانلىقىمىزنى يەتكۈزگىن دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە:بىزدىن بىزنىڭ قەۋمىمىزگە سالام يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، بىز پەرۋەردىگارىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق، پەرۋەردىگارىمىز بىزدىن رازى بولدى، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىزدىن رازى بولدۇق دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ھەقىقەتەن ئۇلار پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچراشتى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن رازى بولدى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىرىڭلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلار: ئى ئاللاھ!بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويساڭ، دەپ تىلىدى»دېدى، يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكىدىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ئىكرامى ۋە ياخشىلىقلىرىدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق، ئېھسان ۋە چەكسىز رەھمەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3597

 
Hadith   237   الحديث
الأهمية: اليدُ العُلْيَا خير من اليدِ السُّفْلَى، واليد العُلْيَا هي المُنْفِقَةُ، والسُّفْلَى هي السَائِلة


باشتېما:

ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر

عن ابن عمر -رضي الله عنهما- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال وهو على المِنْبَر، وذكر الصدقة والتَّعَفُّفَ عن المسألة: «اليدُ العُلْيَا خير من اليدِ السُّفْلَى، واليد العُلْيَا هي المُنْفِقَةُ، والسُّفْلَى هي السَائِلة».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللم مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ سەدىقە، تىلەمچىلىكتىن ساقلىنىشنى تىلغا ئالدى ۋە: ئۈستۈن قول تۆۋەنكى قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول دېگىنىمىز بەرگۈچى قول، تۆۋەنكى قول دېگىنىمىز تىلىگۈچى قولدۇر، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- عن فضل الصدقة وذم سؤال الناس، وأخبر أن الإنسان الذي يُعطي وينفق أمواله في الطاعات، أفضل من ذاك الذي يسأل الناس أموالهم.
662;ەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەدىقە قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ، تىلەمچىلىك قىلىشنى سۆكتى. ياخشىلىق يوللىرىدا پۇل-مال چىقىم قىلىپ تۇرىدىغان، خەيرى-ئىھسان قىلىدىغان كىشى باشقىلاردىن (يەنى خەيرى-ئىھسان سورايدىغانلاردىن) ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3599

 
Hadith   238   الحديث
الأهمية: أما إنك لو أعطيتها أخوالك كان أعظم لأجرك


باشتېما:

ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى

عن أم المؤمنين ميمونة بنت الحارث -رضي الله عنها-: أنها أعتقت وَليدَةً ولم تستأذن النبي -صلى الله عليه وسلم- فلما كان يَومُها الذي يَدورُ عليها فيه، قالت: أشَعَرْتَ يا رسول الله، أني أعتقت وليدتي؟ قال: «أو فعلت؟» قالت: نعم. قال: «أما إنك لو أعطيتها أخوالك كان أعظم لأجرك».

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە بىنتى ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىماي دېدىكىنى ئازات قىلىۋەتتى، ئاياللارغا تەقسىم قىلىنغان كۈنلەردىن مەيمۇنەنىڭ نۆۋىتى كەلگەن چاغدا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەزدىڭىزمۇ مەن دېدىكىمنى ئازات قىلىۋەتتىم، دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «راستلا شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟»دېدى، ئۇ: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى، دېدى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أعتقت أم المؤمنين ميمونة -رضي الله عنها- جارية لها؛ لما عندها من العلم بفضل العتق في سبيل الله وكان ذلك دون أن تُخبر النبي -صلى الله عليه وسلم- أو تستأذنه في عتقها، فلما كان يوم نوبتها أخبرت النبي -صلى الله عليه وسلم- بما صنعت، فقال: أو فعلت ؟ قالت : نعم. فلم ينكر عليها ما صنعته دون أن تأخذ برأيه    إلا أنه قال لها: أما إنك لو أعطيتها أخوالك كان أعظم لأجرك. ومعناه: حسنًا ما فعلت، إلا أنك لو وهبتها لأخوالك من بني هلال لكان ذلك أفضل وأكثر ثوابًا لما فيه من الصدقة على القريب وصلته.
605;ۆمىنلەرنىڭ ئانىسى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ يولىدا قۇل ئازات قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەرمۇ قىلماي ياكى رۇخسەتمۇ سورىماي ئۆزىنىڭ بىر دېدىكىنى ئازات قىلىۋەتتى، ئۆزىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈنىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇ ھەقتە خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي قىلغان ئىشىنى ئىنكار قىلمىدى بەلكى ئۇنىڭغا: ئەگەر ئۇنى تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز سىزگە تېخىمۇ كاتتا ئەجىر بولاتتى دېدى، بۇنىڭ مەنىسى: ياخشى ئىش قىلىپسىز، لېكىن سىز بۇ ھەدىيەنى ھىلالنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان تاغىلىرىڭىزغا بەرگەن بولسىڭىز، سىزگە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۇزگەنلىك ۋە سەدىقە قىلغانلىقتىن ئىبارەت ئىشىڭىزغا كۆپ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3600

 
Hadith   239   الحديث
الأهمية: أَمْسِكْ عليك لِسَانَكَ، وَلْيَسَعْكَ بَيتُك، وابْكِ على خَطِيئَتِكَ


باشتېما:

تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقلىرىڭغا يىغلىغىن

عن عُقْبَة بن عامر -رضي الله عنه- قال: قلت: يا رسول الله ما النَّجَاة؟ قال: «أَمْسِكْ عليك لِسَانَكَ، وَلْيَسَعْكَ بَيتُك، وابْكِ على خَطِيئَتِكَ».

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! نىجاتلىقنىڭ يولى قايسى؟» دەپ سورىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تىلىڭنى يىغ، ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل، خاتالىقىڭغا يىغلىغىن» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث: سأل عُقْبة بن عامر -رضي الله عنه- النبي -صلى الله عليه وسلم- عمَّا ينجيه في الآخرة، وهذه غاية كل مسلم حَريص على آخرته.
فقال له -صلى الله عليه وسلم-: "أَمْسِكْ عليك لِسَانَكَ" أرشده النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يُمسك عليه لسَانه؛ وذلك لعظم خطره وكثرة ضرره،    فيتعين على المسلم أن يُمْسِك عليه لسانه، ويؤثر الصَّمْتَ على الكلام إلا فيما ينفعه في الآخرة.
"وَلْيَسَعْكَ بَيتُك" أي يلزم الإنسان بيته، ولا يخرج منه إلا لضرورة، ولا يَضَّجر من الجلوس فيه، بل يجعله من باب الغنيمة، فإنه سبب الخلاص من الشر والفتنة.
"وابْكِ على خَطِيئَتِكَ" أي: ابك إن تَقْدر، وإلا فَتَبَاك نادما على معصيتك، وتب إلى الله -تعالى- مما قد حصل منك، فإن الله -تعالى- يقبل التوبة عن عباده ويعفو عن السيئات.
576;ۇ ھەدىستە ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاخىرەتتە ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق سورىدى، بۇ، ئاخىرەت ئىشلىرىغا ھېرىسمەن ھەر بىر مۇسۇلنىڭ غايىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تىلىڭنى يىغ» دەپ تىلىنى باشقۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى تىلنىڭ خەتىرى زور ۋە زېيىنى كۆپ بولىدۇ، مۇسۇلمان تىلىنى باشقۇرىشى، ئاخىرەتلىكىگە پايدىسى بولمىسا سۈكۈتنى تاللىشى كېرەك. «ئائىلەڭنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىل» يەنى: ئىنسان زۆرۈر ئىشى بولمىسا سىرتلارغا كۆپ چىقماسلىقى، ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن زېرىكمەسلىكى، بەلكى ئۆيدە تۈرۈشنى يامانلىق ۋە پىتنىدىن ساقلىنىشنىڭ پۇرسىتى قىلىشى كېرەك. «خاتالىقىڭغا يېغلىغىن» يەنى: خاتالىقىڭغا پۇشايمان قىلىپ راس يىغلا، بولمىسا زورلاپ بولسىمۇ يىغلا، سەندىن سادىر بولغان گۇناھ ئۈچۈن ئاللاھقا توۋە قىل، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ، خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3602

 
Hadith   240   الحديث
الأهمية: إن العَبْد إذا نَصَح لسيِّده، وأحسن عِبَادة الله، فله أجْرُه مَرَّتَين


باشتېما:

بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ

عن ابن عمر -رضي الله عنهما-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «إن العَبْد إذا نَصَح لسيِّده، وأحسن عِبَادة الله، فله أجْرُه مَرَّتَين».
عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «المَمْلُوك الذي يُحْسِنُ عِبَادَةَ رَبِّهِ، وَيُؤَدِّي إلى سَيِّدِهِ الذي له عليه من الحَق، والنَّصيحة، والطَّاعة، له أجْرَان».

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر قۇل خوجايىنىغا سەمىمى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ». ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆز رەببىنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى ئادا قىلغان، شۇنداقلا ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلغان سەمىمى، ئىتائەتچان قۇلغا قوش ئەجىر بېرىلىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
إذا قام العبد بما وجب عليه لسيده من خدمته وطاعته بالمعروف وبذل النصيحة له وقام بحق الله -تعالى- من أداء ما افترضه الله عليه واجتنب ما نهاه عنه، كان له الأجر مرتين يوم القيامة؛ لأنه مُكَلَّف بأمرين:
الأول: حق السيد، فإذا قام بحق سيده كان له أجر.
والثاني: أجر طاعة ربِّه، فإذا أطاع العبد ربَّه كان له أجر.
576;ىر قۇل ئۆزى ئۈستىدىكى خوجايىنىنىڭ ھەققىنى يەنى خىزمىتى، ئىتائەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلسا، خوجايىنىغا سەمىمى بولسا، ئاللاھنىڭ ھەققىدىن ئۆزىگە پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلسا، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا قوش ساۋاپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى ئىشنى قىلىشقا تەكلىپ بېرىلگەن: بىرىنچى: خوجايىننىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ. ئىككىنچى: ئاللاھغا ئىتائەت قىلغاننىڭ ئەجرى، قۇل ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3607

 
Hadith   241   الحديث
الأهمية: أعْطُوه، فإن خَيْرَكم أحْسَنُكُم قَضَاء


باشتېما:

ئۇنىڭغا بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار مەسىلىنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلار

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-: أن رجلًا أتى النبي -صلى الله عليه وسلم- يَتَقَاضَاهُ فَأغْلَظَ له، فَهَمَّ به أصحابه، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «دَعُوه، فإن لِصَاحب الحَقِّ مَقَالا» ثم قال: «أعْطُوهُ سِنًّا مِثْل سِنِّهِ» قالوا: يا رسول الله، لا نَجِدُ إلا أمْثَلَ مِنْ سِنِّهِ، قال: «أعْطُوه، فإن خَيْرَكم أحْسَنُكُم قَضَاء».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا قەرز سۈيلەپ كىلىپ، رەسۇلۇللاھقا قوپاللىق قىلدى، ساھابىلار ئۇنى ئەدەپلەشكە تەمشەلگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بولدى قىلىڭلار، ھەق ئېگىسىنىڭ سۆزلەش ھەققى بار» دېدى. ئاندىن ئۇلارغا: ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدا بىر تۆگە بېرىڭلار، دېدى، ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگىلەرلا بار ئىكەن دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغىنىڭلار، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان لرجل دين على النبي -صلى الله عليه وسلم-، وكان النبي -صلى الله عليه وسلم- قد استقرض من ذلك الرجل ناقة صغيرة، فجاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- يطلب منه قضاء دَيْنِه وأغلظ عليه في طلبه، فأراد أصحاب النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يضربوه بسبب غلظته للنبي -صلى الله عليه وسلم- وسوء أدبه معه، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: اتركوه يقول ما يشاء ولا تتعرضوا له بشيء؛ فإن صاحب الحق له حق في مطالبة غريمه بقضاء الدين ونحوه، لكن مع التزام أدب المطالبة، أما السَّب والشَّتم والتجريح، فليس من أخلاق المسلمين.
ثم أمَر النبي -صلى الله عليه وسلم- بعض الصحابة أن يُعطيه بعيرًا مساويا لبعيره في السِّن.
فقالوا: لا نجد إلا بعيرًا أكبر من بعيره. فقال: أعطوه بعيرًا أكبر من بعيره؛ فإن أفضلكم في معاملة الناس، وأكثركم ثوابًا أحسنكم قضاءً للحقوق التي عليه دينًا أو غيره.
576;ىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە قەرزى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىر كىچىك تۆگە قەرز ئالغان ئىدى. ئۇ كىشى قەرزنى سۈيلەپ كىلىپ، رەسۇلۇللاھقا تەلىۋىدە قوپاللىق قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى رەسۇلۇللاھقا قوپال ۋە نالايىق مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەدەپلەشكە ۋە ئۇرۇشقا تەمشەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: خالىغىنىنى دېگىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، ھەق ئېگىسىنىڭ قەرزداردىن قەرزنى سۈيلەش ھەققى بار، دېدى. بىراق قەرزنى سۈيلەش ئەدەپ بىلەن بولىشى كېرەك، تىل-ھاقارەت قىلىش، ئابرۇيىغا تېگىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى ئەمەس. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدا بىر تۆگە بېرىشكە بۇيرىدى. ساھابىلار: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگىلەرلا بار ئىكەن، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگە بولسىمۇ بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ كىشىلەر بىلەن ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلار، ساۋابى ئەڭ كۆپلىرىڭلار قەرز ۋە باشقا ھەقلەرنى ياخشى تۈگىتىدىغىنىڭلار، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3628

 
Hadith   242   الحديث
الأهمية: بَادِرُوا الصُّبْحَ بالوِتر


باشتېما:

تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇشقا ئالدىراڭلار

عن ابن عمر رضي الله عنهما أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «بادروا الصبح بالوتر».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇشقا ئالدىراڭلار» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: استحباب تأخير صلاة الوتر إلى آخر الليل، لكن ينبغي لمن أخر وتره إلى آخر الليل أن يَحتاط ويبادر بأدائه قبل أن يَطلع عليه الفجر؛ لأن آخر وقت صلاة الليل طلوع الفجر، فإذا طلع عليه الفجر قبل أن يوتر فاتته الفضيلة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرغا كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش ياخشى كۆرىلىدۇ، لېكىن ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ ئاخىرغا كېچىكتۈرگەن كىشى ئېھتىيات قىلىپ، تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇشقا ئالدىراش لازىم، ۋىتىر ئوقۇشتىن بۇرۇن تاڭ سۈزۈلۈپ قالسا ئۇ كىشى بۇ پەزىلەتنى يوقۇتۇپ قويىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3655

 
Hadith   243   الحديث
الأهمية: إذا أراد الله -تعالى- رحمةَ أُمَّةٍ قَبض نبيَّها قبلها، فجعلَه لها فَرطًا وسَلفًا بين يديها


باشتېما:

ئەگەر ئاللاھ بىرەر ئۈممەتكە رەھمەت قىلماقچى بولسا، ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچى سۈپىتىدە ئۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ

عن أبي موسى الأشعري -رضي الله عنه- مرفوعاً: «إذا أراد الله تعالى رحمة أُمَّة، قَبض نبيَّها قبلها، فَجَعَلَهُ لها فَرَطًا وسَلفًا بين يديها، وإذا أراد هلَكَةً أُمَّة، عَذَّبَها ونَبِيُّهَا حَيٌّ ، فأهْلَكَها وهو حَيٌّ يَنظرُ، فأقرَّ عينَه بِهَلاَكِهَا حين كذَّبُوه وعَصَوا أمرَه».

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ بىرەر ئۈممەتكە رەھمەت قىلماقچى بولسا، ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچى سۈپىتىدە ئۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۈممەتنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى ھايات تۇرۇقلۇق ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتىپ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار پەيغەمبىرىگە تېنىپ ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلغان چاغدا، ئۇ قەۋىمنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا    الحديث: أن الله -تعالى- إذا أراد خيرًا بأمة من الأمم قبض نبيها، وبقيت أمته بعده فيكون فرطها في الجنة، ويكون هو الشفيع لهذه الأمة.
وأصل الفرط: هو الذي يتقدم الواردين ليهيئ لهم ما يحتاجون إليه عند نزولهم في منازلهم ثم استعمل للشفيع فيمن خلفه.
وفي الحديث الآخر: قال -صلى الله عليه وسلم-: "أنا فرطكم على الحوض". أي: سابقكم لأرتاد لكم الماء.
"وإذا أراد هلاك أمة عذبها ونبيها حي، فأهلكها وهو حي ينظر" كما وقع لنوح -عليه الصلاة والسلام- مع قومه وغيره من الأنبياء.
فهنا النبي -صلى الله عليه وسلم- كأنه يخبرهم عن رحمة رب العالمين بهذه الأمة، وهو رحمة مهداة إلى هذه الأمة -صلوات الله وسلامه عليه-، فالله -عز وجل- قال: (وما أرسلناك إلا رحمة للعالمين)، وقد وعَدَ الله هذه الأمة ألا يعذبهم وهو فيهم -صلى الله عليه وسلم-، وزادهم من فضله وكرمه، فقال -تعالى-: (وما كان الله ليعذبهم وأنت فيهم وما كان الله معذبهم وهم يستغفرون).
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۈممەتلەردىن بىرەر ئۈممەتكە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، پەيغەمبەردىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈممىتى قىلىپ قالىدۇ، پەيغەمبەر جەننەتتە ئۇلاردىن ئىلگىرى بولىدۇ ۋە ئۈممىتى ئۈچۈن شاپائەتچى بولىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مەن سىلەرنى ئۇسسۇزلۇققا قاندۇرۇش ئۈچۈن كۆلگە ئىلگىرى بارىمەن»، ئاللاھ بىرەر ئۈممەتنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، پەيغەمبىرى ھايات ھالەتتە ئۇ ئۈممەتنى ئازابلايدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ، خۇددى نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىنى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئازابلاپ ھالاك قىلغانغا ئوخشاش. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە قىلغان رەھمىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلۇللاھنى بۇ ئۈممەتكە تەييارلىغان ھەدىيەسى ۋە رەھمىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»ئەنبىيا سۈرىسى 107-ئايەت. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن رەھمەتتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات تۇرۇپ بۇ ئۈممەتنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. بۇ ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە ياخشىلىقىنى زىيادە قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ» ئەنپال سۈرىسى 33-ئايەت   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3667

 
Hadith   244   الحديث
الأهمية: بَلِّغُوا عَنِّي ولو آية، وحَدِّثُوا عن بَنِي إسرائيل ولا حَرَج، ومن كَذَب عليَّ مُتَعَمِدَا فَليَتَبَوَّأ مَقْعَدَه من النَّار


باشتېما:

مەندىن بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار، بەنى ئىسرائىل توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىڭلار، كىمكى قەستەن مەن دېمىگەننى مېنى دېدى دەپ يالغان ئېيتسا، ئۇ كىشى جايىنى دوزاختىن تەييارلىۋالسۇن

عن عبد الله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «بلغوا عني ولو آية، وحدثوا عن بني إسرائيل ولا حرج، ومن كذب علي متعمدا فَلْيَتَبَوَّأْ مقعده من النار».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «مەندىن بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار، بەنى ئىسرائىل توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىڭلار، كىمكى قەستەن مەن دېمىگەننى مېنى دېدى دەپ يالغان ئېيتسا، ئۇ كىشى جايىنى دوزاختىن تەييارلىۋالسۇن»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث انقلوا إلى الناس العلم الموروث عني من كتاب أو سنة، ولو كان الشيء الذي تبلغونه قليلاً كآية من القرآن، بشرط أن يكون ضابطًا لما يبلغه، والأمر بالتبليغ على الوجوب في حال تعيُّن ذلك عليه، فإن لم يتعين عليه ذلك، كأن يكون في البلد دعاة إلى الله يقومون بتعليم الناس وتبصيرهم أمور دينهم، فلا يجب عليه البلاغ، بل يستحب له ذلك، ولا بأس ولا إثم عليكم أن تحدثوا عن بني إسرائيل بما وقع لهم من وقائع حقيقية، كنزول النار من السماء لأكل القربان وكحكاية قتل أنفسهم في توبتهم من عبادة العجل، أو تفصيل القصص المذكورة في القرآن مما فيه عِبر ومواعظ، ومن افترى عليَّ الكذب فليتخذ لنفسه منزلا في النار، وذلك ؛ لأن الكذب على رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ليس كالكذب على الناس، الكذب على رسول الله -صلى الله عليه وسلم- كَذب على الله -عز وجل-، ثم هو كذب على الشريعة؛ لأن ما يخبر به رسول الله -صلى الله عليه وسلم- من الوحي هو من شريعة الله -تعالى-، فكانت عقوبته أشد.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: قۇرئان ياكى ھەدىستىن مەندىن مىراس قالدۇرۇلغان ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈڭلار، گەرچە قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ، ئاز كۆرمەي يەتكۈزۈڭلار، بۇنىڭ شەرتى ئۇ كىشى يەتكۈزىدىغان نەرسىنى تولۇق بىلىشى كېرەك، يەتكۈزۈشكە بولغان بۇيرۇق شۇنىڭغا لايىق بولغان كىشىگە نىسبەتەن ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈش لايىق بولمىسا، شەھەردە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىدىغان، دىنى تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئۆلىمالار بولۇش كىرەك، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىگە ۋاجىپ بولمايدۇ، بەلكى مۇستەھەب بولىدۇ. كىشىلەرگە بەنى ئىسرائىل قەۋمىدە يۈز بەرگەن ھەقىقى ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسەڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلەن: ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ قۇربانلىقنى كۆيدۈرگەنلىكى، موزايغا چوقۇنغان كىشىلەرنىڭ تەۋبىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بولغانلىقى ۋەقەلىكى، ئىبرەت ۋە ۋەز -نەسىھەت توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلىكلەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىش قاتارلىقلار، كىمكى ماڭا يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن دوزاختىن ئورۇن تەييارلىسۇن، ئاشۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغاننى توقۇغانلىقتىن ئىبارەتتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يالغاننى توقۇش كىشىلەرگە يالغاننى توقۇغانغا ئوخشاش ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يالغاننى توقۇش بولسا، ئاللاھ تائالاغا يالغاننى توقۇشتۇر، ئاندىن كېيىن ئۇ شەرىئەتكە يالغاننى توقۇغانلىقتۇر، چۈنكى شەرىئەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھيى ئارقىلىق ئىنسانلارغا خەۋەر بەرگەن ئىلاھىي قانۇندۇر. ۋەھيى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىندۇر، بۇنىڭ جازاسى ناھايتى يامان بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3686

 
Hadith   245   الحديث
الأهمية: لما قَدِم النبي -صلى الله عليه وسلم- من غَزْوة تَبُوك تَلَقَّاهُ الناس، فَتَلَقَّيتُه مع الصِّبْيَان على ثَنيَّةِ الوَدَاع


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم

عن السَّائب بن يزيد -رضي الله عنه- قال: لما قَدِم النبي -صلى الله عليه وسلم- من غَزْوة تَبُوك تَلَقَّاهُ الناس، فَتَلَقَّيتُه مع الصِّبْيَان على ثَنيَّةِ الوَدَاع.   
ورواية البخاري قال: ذَهَبْنا نَتَلَقَّى رسول الله -صلى الله عليه وسلم- مع الصِّبْيَان إلى ثَنيَّةِ الوَدَاع.

سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئۇنى كۈتۈۋېلىشتى، مەنمۇ ئۇنى كېچىك بالىلار بىلەن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەردە كۈتۈۋالدىم. ئىمام بۇخارى رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋالغىلى كىچىك بالىلار بىلەن سەنيىيەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگە باردۇق

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يخبر السَّائب بن يزيد -رضي الله عنهما- أن النبي -صلى الله عليه وسلم- عندما قدم من    غزوة تبوك خرج الناس -ممن كان قد تخلف عن الغزو من المعذورين وغيرهم- إلى ثنية الوداع وذلك لاستقباله-صلى الله عليه وسلم- حين عودته.
وخرج السَّائب بن يزيد مع صِبيان المدينة لتلقي النبي -صلى الله عليه وسلم-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتىدا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە (ئۈزۈرلۈك ياكى ئۆزۈرسىز تەبۇك ئۇرۇشىغا چىقمىغان كىشىلەر بىلەن) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن سەنىييەتۇل ۋەدا دېگەن يەرگىچە چىققانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. سائىب ئىبنى يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مەدىنىدىكى كىچىك بالىلار بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈتىۋېلىشقا چىققان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3696

 
Hadith   246   الحديث
الأهمية: أُعطينا من الدنيا ما أُعطينا، قد خشينا أن تكون حسناتُنا عُجِّلت لنا


باشتېما:

دۇنيادا بىزگە بېرىلگەن نەرسىلەر بېرىلدى، بىزگە ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ ئېلگىرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقىمىز

عن إبراهيم بن عبد الرحمن بن عوف، أن عبد الرحمن بن عوف -رضي الله عنه- أُتي بطعام وكان صائمًا، فقال: قُتِل مُصعب بن عمير -رضي الله عنه- وهو خيرٌ مني، فلم يوجد له ما يُكفَّن فيه إلا بُردة إن غُطِّيَ بها رأسه بَدَت رِجْلاه؛ وإن غُطِّيَ بها رجلاه بدا رأسه، ثم بُسِط لنا مِنَ الدنيا ما بُسِط، أو قال: أُعْطِينا من الدنيا ما أُعطِينا، قد خَشِينَا أن تكون حَسَنَاتُنا عُجِّلَت لنا، ثم جعل يبكي حتى ترك الطعام.

ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئوغلى ئىبراھىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتتە، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋفكە تاماق كەلتۈرۈلدى، ئۇ روزىدار ئىدى، ئۇ: مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ مەندىن ياخشى ئىدى، بىز ئۇنى كېپەنلەشكە بىر توندىن باشقا نەرسە تاپالمىدۇق، ئۇنىڭ بېشىنى ياپساق پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى ياپساق بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزگە دۇنيالىقتا باياشاتچىلىق بولدى ياكى دۇنيادىن بىزگە بېرىلگەن نەرسىلەر بېرىلدى، ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ بىزگە ئىلگىرى بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ قالدۇق، دەپ يىغلاپ، ھەتتا ئۇ تاماقنىمۇ يېمەي قويۇپ قويدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أن عبد الرحمن بن عوف رضي الله عنه كان في يوم من الأيام صائمًا، ولما حان وقت الإفطار جيء له بالطعام، والصائم يشتهي الطعام عادة، ولكنه رضي الله عنه تذكر ما كان عليه الصحابة الأولون، وهو رضي الله عنه من الصحابة الأولين من المهاجرين رضي الله عنهم، لكنه قال احتقارًا لنفسه قال: إن مصعب بن عمير رضي الله عنه كان خيرا ًمني تواضعاً وهضما لنفسه، أو من حيثية اختيار الفقر والصبر، وإلا فقد صرح العلماء بأن العشرة المبشرة أفضل من بقية الصحابة.
ومصعب رضي الله عنه كان قبل الإسلام عند والديه بمكة وكان والداه أغنياء، وأمه وأبوه يلبسانه من خير اللباس: لباس الشباب والفتيان، وقد دللاه دلالاً عظيماً، فلما أسلم هجراه وأبعداه، وهاجر مع النبي صلى الله عليه وسلم، فكان مع المهاجرين، وكان عليه ثوب مرقع بعدما كان في مكة عند أبويه يلبس أحسن الثياب، لكنه ترك ذلك كله مهاجراً إلى الله ورسوله.
وأعطاه النبي صلى الله عليه وسلم الراية يوم أحد، فاستشهد رضي الله عنه، وكان معه بردة- أي ثوب- إذا غطوا به رأسه بدت رجلاه- وذلك لقصر الثوب- وإن غطوا رجليه بدا رأسه، فأمر النبي صلى الله عليه وسلم أن يستر به رأسه وأن تستر رجلاه بالإذخر؛ نبات معروف.
فكان عبد الرحمن بن عوف يذكر حال هذا الرجل، ثم يقول: إنهم قد مضوا وسلموا مما فتح الله به من الدنيا على من بعدهم من المغانم الكثيرة، كما قال تعالى: ( ومغانم كثيرة يأخذونها ).
ثم قال عبد الرحمن بن عوف رضي الله عنه: "قد خشينا أن تكون حسناتنا عجلت لنا" أي: خفنا أن ندخل في زمرة من قيل فيه: (من كان يريد العاجلة عجلنا له فيها ما نشاء لمن نريد ثم جعلنا له جهنم يصلاها مذمومًا مدحورًا) أو قوله تعالى: (أذهبتم طيباتكم في حياتكم الدنيا واستمتعتم بها). كما جاء عن عمر رضي الله عنه، وهذا لما كان الخوف غالباً عليهم فخشي رضي الله عنه أن تكون حسناتهم قد عجلت لهم في هذه الدنيا، فبكى خوفاً وخشية أن لا يلحق بمن تقدمه من الصالحين، ثم ترك الطعام رضي الله عنه.
574;ابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەلۇم بىر كۈنى روزىدار ئىدى، ئىپتار ۋاقتى بولغاندا ئۇنىڭغا بىر تاماق كەلتۈرۈلدى، ئادەتتە روزىدار تاماققا ئىنتىلەتتى، لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى ساھابىلەرنى ئەسكە ئالدى، ئۇمۇ مۇھاجىر ساھابىلەردىن ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈپ: ھەقىقەتەن مۇسئەب ئىبنى ئۆمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەندىن ياخشى ئىدى، بۇ پەقەت كەمتەرلىك ياكى نامراتلىق ۋە سەبىرچانلىقنى تاللاش يۈزىسىدىن شۇنداق، لېكىن ئالىملار جەننەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىلگەن ساھابىلەرنىڭ باشقا ساھابىلەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق دېگەن. مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەككىدە ئاتا- ئانىسىنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بايلاردىن بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئۇنىڭغا ياشلارنىڭ كىيىملىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى كەيدۈرەتتى، ئۇ ئىككىسى ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلايتتى، ئۇ ئىسلامغا كىرگەندە ئۇلار ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى ۋە ئۇنى يىراقلاشتۇردى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلىپ، مۇھاجىرلاردىن بولدى، ئۇ مەككىدە ئاتا-ئانىسنىڭ يېنىدا ئەڭ ياخشى كىيىملەرنى كىيەتتى، ئەمما ئىسلامغا كىرگەندىن كىيىن ياماق سېلىنغان بىر قۇر كىيىمى بار ئىدى، لېكىن ئۇ باياشات تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرەپكە ھىجرەت قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوھۇد كۈنى ئۇنىڭغا بايراقنى بەردى، ئۇ شۇ كۈنى شېھىت بولدى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۇچىسىدا بىر قۇر كىيىم بار ئىدى، ئۇلار ئۇ كىيىم بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى ياپسا پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى ياپسا بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىيىمدە ئۇنىڭ بېشىنى يېپىشقا ۋە پۇتىنى قومۇشلار بىلەن يېپىپ قويۇشقا بۇيرىدى. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف بۇ ئەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەيتتى، ئاندىن: ئۇلار ئىلگىرلەپ كەتتى ۋە ئاللاھ دۇنيادىن ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئېچىپ بەرگەن نۇرغۇن غەنىمەتلەردىن سالامەت قېلىشتى دېدى، ئاللاھ ئېيتقاندەك: (ئۇلار ئۇنى ئالىدىغان نۇرغۇنلىغان غەنىيمەتلەر بار) [سۈرە فەتھ :19-ئايەت]. ئاندىن ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ "بىز ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ بىزگە ئىلگىرى بولۇپ كەتكەن بولىشىدىن قورقۇپ قالدۇق" دېدى. يەنى، بىز ئۇلار ھەققىدە (بىز دۇنيانى كۆزلىگەنلەر ئىچىدىن خالىغان ئادەمگە ئۇنىڭ خالىغىنى ئەمەس، بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى بېرىمىز، ئاندى ئۇنى ئاخىرەتتە جەھەننەم بىلەن جازالايمىز، جەھەننەمگە ئۇ خارلانغان، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان ھالدا كىرىدۇ) دېيىلگەن كىشلەر توپىغا كىرىپ كىرىپ قىلشىمىزدىن قورقتۇق. ياكى ئاللاھ تائالانىڭ: (سىلەر نېمەتلىرىڭلارنى دۇنيا ھاياتىدىلا ئېلىپ بولدۇڭلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ بولدۇڭلار) [سۈرە ئەھقاف: 20- ئايەت] دېگەن سۆزىدىكىدەك بولۇپ قېلىشتىن قورقتۇق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگىنىدەك، بۇ قورقۇش ئۇلارغا غەلبە قىلىپ كەتكەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ياخشىلىقىنىڭ بۇ دۇنيادا ئۇلارغا ئىلگىرى بولۇپ كەتكەن بولىشىدىن قورقتى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سالىھ كىشلەرگە قېتىلالماي قېلىشىدىن قورقۇپ يىغلاپ كەتتى، تاماقنىمۇ يېمەي قويۇپ قويدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3698

 
Hadith   247   الحديث
الأهمية: ما يُصيب المسلم من نَصب، ولا وصَب، ولا هَمِّ، ولا حَزن، ولا أَذى، ولا غَمِّ، حتى الشوكة يُشاكها إلا كفر الله بها من خطاياه


باشتېما:

مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ

عن أبي سعيد وأبي هريرة -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «ما يُصيب المسلم من نَصب، ولا وصَب، ولا هَمِّ، ولا حَزن، ولا أَذى، ولا غَمِّ، حتى الشوكة يُشاكها إلا كفر الله بها من خطاياه».

ئەبۇ سەئىد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أن ما يُصاب به المسلم من أمراض وهموم وأحزان وكروب ومصائب وشدائد وخوف وجزع إلا كان ذلك كفارة لذنوبه وحطا لخطاياه.
وإذا زاد الإنسان على ذلك: الصبر والاحتساب، يعني: احتساب الأجر، كان له مع هذا أجر.
فالمصائب تكون على وجهين:
تارة : إذا أصيب الإنسان تذكر الأجر واحتسب هذه المصيبة على الله، فيكون فيها فائدتان:
تكفير الذنوب، وزيادة الحسنات.
وتارة يغفل عن هذا ، فيضيق صدره، ويصيبه ضجر أو ما أشبه ذلك، ويغفل عن نية احتساب الأجر والثواب على الله، فيكون في ذلك تكفير لسيئاته، إذًا هو رابح على كل حال.
فإما أن يربح تكفير السيئات، وحط الذنوب بدون أن يحصل له أجر؛ لأنه لم ينو شيئًا ولم يصبر ولم يحتسب الأجر، وإما أن يربح شيئين: تكفير السيئات، وحصول الثواب من الله عز وجل كما تقدم.
ولهذا ينبغي للإنسان إذا أصيب ولو بشوكة، فليتذكر احتساب الأجر من الله على هذه المصيبة، حتى يؤجر عليها، مع تكفيرها للذنوب.
وهذا من نعمة الله سبحانه وتعالي وجوده وكرمه، حيث يبتلي المؤمن ثم يثيبه على هذه البلوى أو يكفر عنه سيئاته.
تنبيه: الحط للخطايا يحصل للصغائر، دون الكبائر التي لا ترفعها إلا التوبة النصوح.
576;ۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمانغا يەتكەن كېسەللىك، غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىق، مۇسىبەت، قاتتىقچىلىق، قورقۇنچ ۋە بىئارام بولۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈلۈشى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىگە كاپارەت بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسان بۇنىڭغا سەۋر قىلسا ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ، مۇسىبەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بەزى ۋاقىتتا، ئىنسانغا مۇسىبەت يەتكەندە ئۇ كىشى بۇ مۇسىبەتكە ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپلارنى ئەسلەيدۇ. بۇنىڭ گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە ياخشىلىقنىڭ زىيادە بولىشىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك پايدىسى بار. بەزى ۋاقىتتا ئىنسان بۇنىڭدىن غاپىل قالىدۇ، ئىچى سىقىلىپ، كۆڭلى بىئارام بولىدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنى كۆزلەشنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ، بۇ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ھەرقانداق ھالەتتە پايدا ئالىدۇ، ياكى ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشەلمەستىن خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە گۇناھىنىڭ ئۆچۈرۈلىشىنى پايدا ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ھېچ نەرسىنى مەقسەت قىلمىدى، سەۋر قىلمىدى، ئەجىر-ساۋابنى ئويلىمىدى، ياكى ئىككى نەرسىنى پايدا ئالىدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە ئاللاھ تەرەپتىن بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانغا تىككەن سانجىلغانچىلىك ئاددى مۇسىبەت يەتسىمۇ مۇشۇ مۇسىبەتكە ئاللاھنىڭ ئەجىر-ساۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسلىشى، خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى بىلەن بىرگە ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، مۆمىننى ئىمتىھان قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭغا يەتكەن مۇسىبەتكە ساۋاپ بېرىش ياكى ئۇنىڭ بەدىلىگە خاتالىقلارنى كەچۈرۈم قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان نېمىتى، سېخىيلىقى ۋە مەرھىمىتىدىن ئىبارەتتۇر. ئاگاھلاندۇرۇش: خاتالىقلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى پەقەت كىچىك گۇناھلار ئۈچۈن بولىدۇ، چوڭ گۇناھلارنى پەقەت سەمىمى تەۋبىلا كۆتۈرىۋىتەلەيدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3701

 
Hadith   248   الحديث
الأهمية: حُجِبت النار بالشهوات، وحُجبت الجنة بالمَكَاره


باشتېما:

دوزاخ كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر بىلەن پەردىلەنگەن، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان نەرسىلەر بىلەن پەردىلەنگەن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «حُجِبت النار بالشهوات، وحُجبت الجنة بالمَكَاره»متفق عليه وهذا لفظ البخاري.
وفي رواية لهما: «حُفَّت» بدل «حُجِبت».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «دوزاخ كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر بىلەن پەردىلەنگەن، جەننەت ياقتۇرۇلمايدىغان نەرسىلەر بىلەن پەردىلەنگەن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: "پەردىلەنگەن" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا "قورشالغان" دەپ كەلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الطريق الموصلة إلى الجنة محفوف بأمور يكرهها الإنسان؛ لأن الأصل في النفس أنها تميل إلى الراحة.
وهكذا النار لا يدخلها إلا إذا هتك ما بينه وبينها بارتكاب المحرمات والبعد عن الطاعات، فمن هتك الحجاب وصل إلى المحجوب، فهتك حجاب الجنة باقتحام المكاره وهتك حجاب النار بارتكاب الشهوات، فأما المكاره فيدخل فيها الاجتهاد في العبادات والمواظبة عليها والصبر على مشاقها وكظم الغيظ والعفو والحلم والصدقة والإحسان إلى المسيء والصبر عن الشهوات ونحو ذلك.
فالنفس قد تكره المواظبة على الصلاة؛ لأجل ما فيها من بذل الجهد وقطع ما تهواه النفس من أمور الدنيا، قد تكره الجهاد قد تكره الصدقة بالمال؛ لأن النفس مجبولة على حب المال، وغير ذلك من الطاعات، فإذا كسر الإنسان شهوته وخالف ما تهواه نفسه، بامتثال الأوامر واجتناب النواهي، كان ذلك: سببًا لدخول الجنة والبعد عن النار.
وأما الشهوات التي النار محفوفة بها فالظاهر أنها الشهوات المحرمة كالخمر والزنا والنظر إلى الأجنبية والغيبة واستعمال الملاهي ونحو ذلك، وأما الشهوات المباحة فلا تدخل في هذه لكن يكره الإكثار منها مخافة أن يجر إلى المحرمة أو يقسي القلب أو يشغل عن الطاعات أو يحوج إلى الاعتناء بتحصيل الدنيا.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننى جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يوللار كىشى ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەر بىلەن قورشالغان، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى راھەتكە مايىل بولىدۇ. ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يىراق بولۇپ، ھارام ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزى بىلەن دوزاخ ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىۋەتكەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ، پەردىنى يىرتىۋەتكەن كىشى پەردىلەنگەن نەرسىگە يېتىدۇ، ياقتۇرمايدىغان قېيىن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق جەننەتنىڭ پەردىسىنى يىرتىۋەتكەن كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، نەپسى شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ دوزاخنىڭ پەردىسىنى يىرتىۋەتكەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ، ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلار: ئىبادەتلەرگە تىرىشچانلىق قىلىش، ۋاقتىدا ئادا قىلىش، ئۇنىڭ قېيىنچىلىقلىرىغا سەۋر قىلىش، ئاچچىقنى يۇتۇش، ئەپۇ قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش، سەمىمى بولۇش، يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىش، نەپسى شەھۋەتلىرىگە سەبىر قىلىش قاتارلىقلار. ئىنسان نەپسى بەزى ۋاقىتتا ناماز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمەي، دۇنيا ئىشلىرىدىن نەپسى شەھۋىتىنى ئۈزەلمەي نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، بەزىدە جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، بەزىدە مال-دۇنيا سەدىقە قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى مال-دۇنيانى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تائەت-ئىبادەتلەرنى ياقتۇرمايدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى سۇندۇرۇپ، نەپسى خاھىشىغا قارشى تۇرسا، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ چەكلىمىلەردىن يېراق بولسا، ئاشۇ ئۇ كىشىنىڭ دوزاختىن يېراق بولۇپ، جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. دوزاخ پەردىلەنگەن كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر بولسا ھاراق، زىنا، يات ئاياللارغا نەزەر سىلىش، غەيۋەت قىلىش، چالغۇ ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھارام قىلىنغان ئىشلاردۇر، ئەمما رۇخسەت قىلىنغان كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر بۇنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ، لېكىن ئۇنى توغرا دەپ كۆپ قېلىش ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئۇ چەكلەنگەن كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەرگە ئىلىپ بارىدۇ، ياكى قەلبنى قاتتىقلاشتۇرىدۇ ياكى تائەت-ئىبادەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ، ياكى شۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئېرىشىشكە كۆڭۈل بۆلۈشكە بۇرىۋىتىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3702

 
Hadith   249   الحديث
الأهمية: يا حكيمُ، إن هذا المال خَضِرٌ حُلْوٌ، فمن أخذه بِسَخاوَة نفس بُورِك له فيه، ومن أخذه بإشراف نفس لم يُبَارَك له فيه، وكان كالذي يأكل ولا يَشَبَع، واليدُ العُليا خيرٌ من اليد السُفلى

Esin Hadith Text Uyghur


«ئى ھەكىم! جەزمەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر، كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ قانائىتى بىلەن ئالسا، ئۇ بەرىكەت قىلىدۇ، كىمكى تاما بىلەن ئالسا يەپ تۇرۇپمۇ تويمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ ئۇ بەرىكەت قىلمايدۇ، ئۈستۈن قول(بەرگەن قول) تۆۋەن قولدىن(ئالغان قولدىن) ياخشىدۇر»دېدى

عن حكيم بن حِزَام -رضي الله عنه- قال: سألت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فأعطاني، ثم سَألته فأعطاني، ثم سألته فأعطاني، ثم قال: «يا حكيمُ، إن هذا المال خَضِرٌ حُلْوٌ، فمن أخذه بِسَخاوَة نفس بُورِك له فيه، ومن أخذه بإشراف نفس لم يُبَارَك له فيه، وكان كالذي يأكل ولا يَشَبَع، واليدُ العُليا خيرٌ من اليد السُفلى» قال حكيم: فقلت: يا رسول الله، والذي بعثك بالحق لا أرْزَأُ أحدًا بَعدك شيئاً حتى أفارق الدنيا، فكان أبو بكر -رضي الله عنه- يَدعو حكيماً ليُعطيه العَطَاءَ، فيأبى أن يقبل منه شيئاً، ثم إن عمر -رضي الله عنه- دعاه ليُعطيه فأبى أن يَقبله. فقال: يا معشر المسلمين، أُشهدكم على حكيم أني أعْرِض عليه حقه الذي قَسَمَه الله له في هذا الفَيْء فيَأبى أن يأخذه. فلم يَرْزَأْ حكيم أحدًا من الناس بعد النبي -صلى الله عليه وسلم- حتى تُوفي.

ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە سورىۋىدىم ئۇ يەنە بەردى، يەنە سورىۋىدىم    يەنە بەردى، يەنە سورىۋىدىم يەنە بەردى، ئاندىن ئۇ: «ئى ھەكىم! جەزمەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر، كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ قانائىتى بىلەن ئالسا، ئۇ بەرىكەت قىلىدۇ، كىمكى تاما بىلەن ئالسا يەپ تۇرۇپمۇ تويمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇ بەرىكەت قىلمايدۇ. ئۈستۈن قول (بەرگەن قول) تۆۋەن قولدىن (ئالغان قولدىن) ياخشىدۇر» دېدى. ھەكىم: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەندىن كېيىن ھەتتا دۇنيادىن كەتكۈچىلىك ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن، دېدىم. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ھەكىمنى بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ھەكىم ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ئۆمەر ھەكىمگە بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ئۇ قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەرنى گۇۋاھلىققا تارتىمەن، ھەكىمگە مۇشۇ غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەققىنى بەرسەم ئۇ ئېلىشقا ئۇنىمىدى، دېدى. ھەكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمىدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن حكيم بن حِزَام رضي الله عنه جاء إلى النبي صلى الله عليه يسأله مالاً، فأعطاه، ثم سأله فأعطاه، ثم سأله فأعطاه ، ثم قال له يا حكيم: "إن هذا المال خَضِرٌ حُلْوٌ" أي: شيء محبوب مَرْغُوب تَرغبه النفوس وتحرص عليه بطبيعتها، كما تحب الفاكهة النضرة، الشهية المنظر، الحلوة المذاق.
ثم قال: "فمن أخذه بِسَخاوة نفس" أي: فمن حصل عليه عن طيب نفس، وبدون إلحاح وشَرَهِ وتَطَلُّع "بُورِك له فيه" أي: وضع الله له فيه البركة فينمو ويتكاثر، وإن كان قليلاً، ورُزق صاحبه القناعة، فأصبح غني النفس، مرتاح القلب، وعاش به سعيدًا.
"ومن أخذه بإشراف نفس" أي: تَطَلُّعِها إليه وتعرضها له وطمعها فيه "لم يُبَارَك له فيه" أي: نزع الله منه البركة، وسلب صاحبه القناعة، فأصبح فقير النفس دائمًا ولو أعطي كنوز الأرض، وجاء في معناه ما رواه مسلم: "إنما أنا خَازِن، فمن أعطيته عن طيب نفس، فيبارك له فيه، ومن أعطيته عن مسألة وشَرَه، كان كالذي يأكل ولا يشبع"، كما في هذا الحديث، أي كالمَلَهُوف الذي لا يَشبع من الطعام مهما أكل منه.
وإذا كان هذا حال من يأخذه باستشراف، فكيف بمن أخذه بسؤال؟ يكون أبعد وأبعد، ولهذا قال النبي عليه الصلاة والسلام لعمر بن الخطاب: "ما جاءك من هذا المال وأنت غير مُشْرِفٍ ولا سائل فخذه، وما لا فلا تتبعه نفسك" يعني ما جاءك بإشراف نفس وتطلُّع وتَشَوُفٍ فلا تأخذه، وما جاءك بسؤال فلا تأخذه.
"واليد العُليا خُيرٌ من اليَدِ السُفْلى" أي: اليد المُتَعَفِفَة خَير من اليد السائلة؛ لأنها قد تعالت وترفعت بنفسها عن ذل السؤال، على عكس الأخرى التي حطت من قدر نفسها وكرامتها بما عرضت له نفسها من المذلة.
فأقسم حكيم بن حزام رضي الله عنه بالذي بعث النبي صلى الله عليه وسلم بالحق ألا يسأل أحداً بعده شيئاً، فقال: (يا رسول الله، والذي بعثك بالحق لا أرزأ أحداً بعدك شيئاً حتى أفارق الدنيا) .
فتوفي الرسول عليه الصلاة والسلام، وتولى الخلافة أبو بكر رضي الله عنه، فكان يعطيه العطاء فلا يقبله، ثم توفي أبو بكر، فتولى عمر فدعاه ليعطيه، فأبى، فاستشهد الناس عليه عمر، فقال: اشهدوا أني أعطيه من بيت مال المسلمين ولكنه لا يقبله، قال ذلك رضى الله عنه لئلا يكون له حجة على عمر يوم القيامة بين يدي الله، وليتبرأ من عهدته أمام الناس، ولكن مع ذلك أصر حكيم رضي الله عنه ألا يأخذ منه شيئاً حتى توفي.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن مال سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بېرىدۇ، ئۇ يەنە سورايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بېرىدۇ، ئۇ يەنە سورايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە بېرىدۇ ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ھەكىم! ھەقىقەتەن مال-دۇنيا چىرايلىق ۋە شېرىندۇر» يەنى ئىنسان يېڭى پىشقان، شەكلى چىرايلىق، تەمى تاتلىق مېۋىنى ياخشى كۆرگەندەك، ئىنسان تەبىئىتىمۇ مال-دۇنيانى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلىنىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى مالنى ئۆز نەپسىنىڭ ساخاۋىتى بىلەن ئالسا، تاما قىلمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن مالدا بەرىكەت بولىدۇ، گەرچە ئاز بولسىمۇ كۆپىيىدۇ ۋە زىيادە بولىدۇ، مال ساھىبىگە قانائەتچانلىق، كۆڭلى توقلۇق ۋە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئاتا قېلىنىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بەختلىك ياشايدۇ. كىمكى مالنى ئاچ كۆزلۈك ۋە تەمەخورلۇق بىلەن ئالىدىكەن، ئۇنىڭدا بەرىكەت بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇ مالدىن بەرىكەتنى تارتىۋېتىدۇ، مال ساھىبىدىن قانائەتنى كۆڭۈل بايلىقىنى تارتىۋېتىدۇ، گەرچە ئۇ كىشىگە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى بېرىلسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ نەپسى تويمايدۇ. ئومۇمى مەزمۇن جەھەتتە مۇشۇ ھەدىسكە ئوخشاش ھەدىس مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان: «ھەقىقەتەن مەن ساقلىغۇچى، كىمكە بۇ مال كۆڭۈل توقلۇقى بىلەن بېرىلسە، ئۇ مالدا ئۇ كىشىگە بەرىكەت بولىدۇ، كىمگە بۇ مال تاما قىلىش ۋە سوراش بىلەن بېرىلسە بۇ كىشى يەپتۇرۇپ تويمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر»يەنى ھەرقانچە يېسىمۇ تويمايدۇ. مالغا تەلمۈرۈپ ئالغان كىشىنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولسا، سوراپ تۇرۇپ ئالغان كىشىنىڭ ھالى قانداق بولا؟. بۇ بەك يىراق، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئەگەر بۇ مال ساڭا سەن قارىماستىن ۋە سورىماستىن كەلسە ئۇنى قوبۇل قىلغىن، ئەمما تەلمۈرۈش ۋە سوراش بىلەن كەلسە كۆڭلۈڭنى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرمە» دېگەن، يەنى مال ساڭا سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرىپ، تەلمۈرۈپ، قىزىقىپ ۋە سوراش ئارقىلىق كەلسە ئۇنى ئالما، «ئۈستۈن قول تۆۋەن قولدىن ياخشىدۇر» يەنى ئىپپەتلىك بولغان قول سورىغان قولدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئالى بولدى، ئۆز نەپسىنى سوراشنىڭ خارلىقىدىن ئۈستۈن قىلدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بىر قول ئۆز نەپسىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى چۈشۈردى، ئۆز نەپسىنى خارلىققا ئىتتىردى. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەم قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ھېچ بىر كىشىدىن بىرنەرسە سورىماسلىق توغرىسىدا : «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەندىن كېيىن ھەتتا دۇنيادىن كەتكۈچىلىك ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىلاپەتكە ئىگە بولغاندا، ھەكىمنى بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى، ھەكىم ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىكتە ئولتۇرغاندا ئۆمەر ھەكىمگە بىر نەرسە بېرىش ئۈچۈن چاقىرغان ئىدى. ئۇ قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى گۇۋاھلىققا چاقىرىپ: ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! سىلەرنى گۇۋاھلىققا تارتىمەن، ھەكىمگە مۇشۇ غەنىمەتتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن ھەققىنى بەرسەم ئۇ ئېلىشقا ئۇنىمىدى، دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ھۆججەت بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھەكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋاپات بولغانغا قەدەر ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمىدى ۋە بەرسىمۇ ئالمىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3703

 
Hadith   250   الحديث
الأهمية: خرجنا مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- في غزاة ونحن سِتَّةُ نَفَرٍ بَيننا بعيرٌ نَعْتَقِبُهُ، فَنَقِبَتْ أقدامُنا وَنَقِبَت قَدَمِي


باشتېما:

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن غازاتقا چىقتۇق، ئارىمىزدا ھەر ئالتەيلەنگە بىر تۆگە بار بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق، پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ كەتتى

عن أبي موسى -رضي الله عنه- قال: خرجنا مع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فِي غَزَاة ونحن سِتَّةُ نَفَرٍ بَيننا بعيرٌ نَعْتَقِبُهُ، فَنَقِبَتْ أقدامُنا وَنَقِبَت قَدَمِي، وسَقطت أَظْفَارِي، فكنَّا نَلُفُّ على أَرْجُلِنَا الْخِرَقَ ، فَسُمِّيَت غَزْوَة ذَاتُ الرِّقَاع لما كنَّا نَعْصِب على أرجُلنا من الخِرق، قال أبو بردة: فحدث أبو موسى بهذا الحديث، ثم كره ذلك، وقال: ما كنت أصنع بأن أَذْكُرَه! قال: كأنه كره أن يكون شيئا من عمله أفْشَاه.

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بىر جەڭگە چىقتۇق، ھەر ئالتىمىزگە بىر تۆگە بار ئىدى، بىز ئۇنىڭغا نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق، مىڭىپ بولالماي پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى. بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالغان ئىدۇق، پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالغان بولغاچقا، بۇ غازات «زاتۇررىقائ» دەپ ئاتالدى. ئەبۇ بۇردە ئېيتتى: ئەبۇ مۇسا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ، بۇ سۆزلىشىنى ياقتۇرماي: مەن بۇ ئىشنى سۆزلەپ نېمە قىلىمەن-دېدى، خۇددى ئۇ ئۆز ئەمىلىدىن بىرەر نەرسىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغاندەك قىلاتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث : أن أبا موسى -رضي الله عنه- خرج مع النبي -صلى عليه وسلم- في غزوة ومعه بعض أصحابه وعددهم ستة نَفَرٍ بينهم بعير يتعاقبونه، فيركبه أحدهم مسافة، ثم إذا انتهت نوبته نزل من البعير وركبه الآخر وهكذا يتناوبون الركوب، حتى وصلوا إلى مقصدهم.
" فَنَقِبَتْ أقدامنا ونَقِبتْ قدمي، وسقطت أظفاري" بسبب المشي في أرض صحراوية مع بُعد المسافة، ولم يكن عندهم ما يستر أقدامهم لتمزقها؛ فكانوا يمشون حفاة، فحصل بذلك الضرر البليغ ومع هذا لم يتوقفوا عن مسيرهم، بل واصلوا السير للقاء العدو.   
"فكنَّا نَلُفُّ على أرجلنا الخِرَق" وهذا مما يدل على أن أحذيتهم قد تمزقت من طول المسافة وقوة الأرض وصلابتها؛ فكانوا يَلِفُّون على أقدامهم الخرق؛ لتحميهم من صلابة الأرض وحرارتها.
"فسميت غزوة ذات الرقاع لما كنَّا نعصب على أرجلنا من الخَرِق".
أي: أن هذه الغزوة التي غزاها النبي -صلى الله عليه وسلم-: سميت بعد ذلك بغزوة ذات الرِقَاع وهذا هو أحد الأسباب في تسميتها، قال أبو بردة: "فحدَّث أبو موسى بهذا الحديث، ثم كره ذلك، وقال: ما كنت أصنع بأن أذكره! قال: كأنه كره أن يكون شيئا من عمله أفشاه".
والمعنى: أن أبا موسى -رضي الله عنه- بعد أن حدث بهذا الحديث تمنى أنه لم يحدِّث به؛ لما فيه من تزكية نفسه؛ ولأن كِتْمَان العمل الصالح أفضل من إظهاره إلا لمصلحة راجحة، كمن يكون ممن يُقتدى به.
وفي الحديث الآخر: (فأخفاها حتى لا تَعلم شماله ما تنفق يمينه) متفق عليه.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۆزىنىڭ بەزى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە چىققان بولۇپ، ئۇلاردىن ئالتە نەپەر ئادەم بىر تۆگىنى نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى، بىرسى مەلۇم مۇساپە مىنسە، نۆۋىتى ئاخىرلىشاتتى، ئاندىن ئۇ كىشى تۆگىدىن چۈشۈپ، نۆۋىتى كەلگەن ھەمراھىغا بېرەتتى، ئۇلار كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىپ بولغىچە مۇشۇنداق نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى. يولنىڭ يىراق بولىشى بىلەن بىرگە باياۋاندا پىيادە ماڭغانلىق سەۋەبىدىن پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتتى، مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ، تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يىرتىپ، پۇتلىرىنى ئورايدىغان نەرسىمۇ يوق ئىدى، ئۇلار يالاڭ ئاياق ماڭاتتى، شۇ سەۋەبلىك ئېغىر زىيان كېلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ پۇتلىرى قاپىرىپ كەتسىمۇ سەپەرنى توختاتماي، بەلكى دۈشمەنگە ئۇچراشقۇچە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. «بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالاتتۇق» بۇ سۆز ئۇلارنىڭ قاتتىق زېمىندا ئۇزۇن يول يۈرگەنلىكتىن ئاياغلىرى يېرتىلىپ، پۇتلىرىنى زېمىننىڭ تاش ۋە ھارارىتىدىن ساقلاش ئۈچۈن پۇتلىرىغا لاتا يۆگىۋالغانلىقىغا ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ، «بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا يۆگىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ جەڭ "زاتۇررىقائ" دەپ ئاتالدى» يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغان بۇ قېتىمقى جەڭ شۇنىڭ ئۈچۈن «زاتۇررىقائ» دەپ ئاتالدى، بۇ شۇ غازاتنىڭ ئاتىلىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر، ئەبۇ بۇردە مۇنداق دېدى: «ئەبۇ مۇسا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ، ئاندىن بۇ ھەقتە سۆزلەشىنى ياقتۇرماي: مەن بۇ ئىشنى سۆزلەپ نېمە قىلىمەن،-دېدى، خۇددى ئەبۇ مۇسا ئۆز ئىشىدىن بىرەر نەرسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغاندەك قىلاتتى» بۇنىڭ مەنىسى: ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا روھىي ساپلىق ۋە پىداكارلىقنى نامايەن قىلىدىغان سۆزلەر بولغاچقا، بۇ ھەقتە سۆزلىمەسلىكنى ئارزۇ قىلىپ قالدى، چۈنكى باشقىلارنى يېتەكلىگۈچى بولۇشتەك كۈچلۈك مەسلىھەت بولمىغان ۋاقىتتا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوشۇرۇش ئاشكارىلاشتىن ياخشىدۇر، يەنە بىر ھەدىستە: «ئوڭ قولى بىلەن قىلغان ياخشى ئىشنى ھەتتا سول قولىمۇ بىلمىگۈچىلىك ھالەتتە يوشۇرۇن قىلىدۇ» دېيىلگەن. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3704

 
Hadith   251   الحديث
الأهمية: حقُّ المُسلمِ على المُسلمِ خمسٌّ: ردُّ السلام، وعيادة المريض، واتباع الجنائز، وإجابة الدَّعوة، وتَشميتُ العاطِس


باشتېما:

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر: سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، كېسەل يوقلاش، جىنازىغا ئەگىشىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرۈپ"ئەلھەمدۇلىللاھ"دېسە"يەرھەمۇكەللا"دېيىش

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال:«حقُّ المُسلمِ على المُسلمِ خمسٌّ: ردُّ السلام، وعِيَادَةُ المريض، واتباع الجنائز، وإجابة الدَّعوة، وتَشميتُ العاطِس».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر:سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش،كېسەل يوقلاش،جىنازىغا ئەگىشىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرۈپ"ئەلھەمدۇلىللاھ"دېسە"يەرھەمۇكەللا"دېيىش»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث بيان بعض حقوق المسلم على أخيه المسلم، وحقوق المسلم على أخيه كثيرة، لكن النبي -صلى الله عليه وسلم- أحياناً يذكر أشياء معينة من أشياء كثيرة؛ عناية بها واحتفاء بها، فمن ذلك ما ذكره أبو هريرة -رضي الله عنه- عن رسول الله -صلي الله عليه وسلم- أنه قال: "حق المسلم على المسلم خمس: رد السلام" يعني: إذا سلم عليك فرد عليه، وفي الحديث الآخر"حق المسلم على المسلم ست: إذا لقيته فسلم عليه".
فهذه الحقوق من قام بها في حقّ المسلمين على وجهها، كان قيامه بغيرها أولى، وحصل له أداء هذه الواجبات والحقوق التي فيها الخير الكثير والأجر العظيم من الله إذا احتسب ذلك عند الله.
فأول هذه الحقوق: "إذا لقيته فسلم عليه" وفي الحديث الآخر "ردُّ السلام".
الحق الثاني: عيادة المريض إذا مرض وانقطع عن الناس في بيته أو في المستشفى أو غيرهما، فإن له حقاً على إخوانه المسلمين في زيارته.
أما الحق الثالث: فهو اتباع الجنائز وتشييعها، فإن من حق المسلم على أخيه أن يتبع جنازته من بيته إلى المصلى -سواء في المسجد أو في مكان آخر- إلى المقبرة.
الحق الرابع: إجابة الدعوة، فمن حق المسلم على أخيه إذا دعاه أن يجيبه.
الحق الخامس: تشميت العاطس: ذلك أن العطاس نعمة من الله؛ لخروج هذه الريح المحتقنة في أجزاء بدن الإنسان، يسر الله لها منفذاً تخرج منه فيستريح العاطس، فشرع له أن يحمد الله على هذه النعمة، وشرع لأخيه أن يقول له: "يرحمك الله"، وأمره أن يجيبه بقوله: "يهديكم الله ويصلح بالكم"، فمن لم يحمد الله لم يستحق التشميت، ولا يلومن إلا نفسه.
576;ۇ ھەدىستە مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدىكى بەزى ھەقلىرى بايان قىلىنغان، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈستىدە ھەقلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزىدە كۆپ ئەھمىيەتلىك بولغان مەلۇم نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان بۇ ھەدىسىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر: سالام قايتۇرۇش، يەنى سالام قىلسا سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، يەنە بىر ھەدىستە مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ئالتە تۈرلۈك ھەققى بار دەپ: بىر-بىرىگە ئۇچراشسا سالام بېرىش دېيىلگەن. بۇ ھەقلەرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھەققىدە توغرا ئادا قىلغان كىشى باشقا ھەقلەرنى ئەلۋەتتە تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى بىلەن كۆپ ياخشىلىق ۋە ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىد قىلغاندا كاتتا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقلەرنىڭ ئەۋۋىلى: ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، يەنە بىر ھەدىستە: سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش دېيىلگەن. ئىككىنچى ھەق بولسا كېسەل يوقلاش، كېسەل بولۇپ ئۆيىدە ياكى دوختۇرخانىدا يىتىپ قالسا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاپ زىيارەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئۈچىنچى ھەق بولسا: جىنازىغا ئەگىشىش، قەبرىستانلىققا بېرىش، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن: ئۆيىدىن مېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغىچە-مەسچىتتە ئوقۇسۇن ياكى باشقا جايدا ئوقۇسۇن-ئاندىن قەبرىستانلىققىچە ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ بېرىش. تۆتىنچى ھەق بولسا:چاقىرغان يەرگە بېرىش، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن: بىر يەرگە چاقىرغان بولسا چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش. بەشىنچى ھەق بولسا:چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ بېرىش، چۈشكۈرۈش ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت بولۇپ، چۈشكۈرۈش بىلەن ئىنسان بەدىنىدە توسۇلۇپ قالغان ھاۋا سېرىتقا چېقىپ كىتىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ چېقىش ئورنىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چۈشكۈرگۈچىمۇ راھەتلىنىدۇ، چۈشكۈرگۈچى مۇشۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىپ ئاللاھنى ماختىشى كېرەك، بۇنى ئاڭلىغان مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۇنىڭغا: يەرھەمۇكەللا دېيىشى، ئۇ كىشى قېرىندىشىغا جاۋاپ بېرىپ: «يەھدىكۇمۇللاھ ۋەيۇسلىھۇ بالەكۇم» دېيىشى كېرەك، چۈشكۈرۈپ"ئەلھەمدۇلىللاھ دېمىسە، ئۇ كىشىگە يەرھەمۇكەللا"دېيىلمەيدۇ، ئۇكىشى ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3706

 
Hadith   252   الحديث
الأهمية: حُوسِب رجُل ممن كان قَبْلَكُمْ، فلم يُوجد له من الخَيْر شيء، إلا أنه كان يُخَالط الناس وكان مُوسِرًا، وكان يأمُر غِلْمَانَه أن يَتَجَاوَزُوا عن المُعْسِر، قال الله -عز وجل-: نحن أحَقُّ بذلك منه؛ تَجَاوزُوا عنه


باشتېما:

سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىمدىن بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغاندا ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى، پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى، خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن قەرزنى كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋېتىڭلار، دېدى

عن أبي مسعود البدري -رضي الله عنه- قَال: قَالَ رَسُولُ اللَّه -صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم-: «حُوسِب رجُل ممن كان قَبْلَكُمْ، فلم يُوجد له من الخَيْر شيء، إلا أنه كان يُخَالط الناس وكان مُوسِراً، وكان يأمُر غِلْمَانَه أن يَتَجَاوَزُوا عن المُعْسِر، قال الله -عز وجل-: نحن أحَقُّ بذلك منه؛ تَجَاوزُوا عنه».

ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىمدىن بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغاندا ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى، پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى، خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن قەرزنى كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋېتىڭلار، دېدى

Esin Hadith Caption Arabic


"حُوسِب رجُل" أي حاسبه الله -تعالى- على أعماله التي قدمها.
"ممن كان قَبْلَكُمْ" من الأمم السابقة، "فلم يُوجد له من الخَيْر شَيء" أي: من الأعمال الصالحة المقربة إلى الله -تعالى-.
"إلا أنه كان يُخَالط الناس وكان مُوسِرًا" أي يتعامل معهم بالبيوع والمداينة وكان غنياً.
"وكان يأمُر غِلْمَانَه أن يَتَجَاوَزُوا عن المُعْسِر" أي: يأمر غلمانه عند تحصيل الديون التي عند الناس، أن يتسامحوا مع المُعسر الفقير المديون الذي ليس عنده القدرة على القضاء بأن ينظروه إلى الميسرة، أو يَحطوا عنه من الدَّين.
"قال الله -عز وجل-: نحن أحق بذلك منه؛ تَجَاوزُوا عنه" أي: عفا الله عنه، مكافأة له على إحسانه بالناس، والرفق بهم، والتيسير عليهم. Esin Hadith Caption Uyghur


«بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغان» يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىدا ھېسابقا تارتتى. «سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر» يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن «ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى» يەنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى. «پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى» يەنى سودا-سېتىق، قەرز مۇئامىلىسى قىلاتتى، ئۇ كىشى پۇلدار ئىدى. «خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى» يەنى قەرزدارلاردىن قەرزنى سۈيلىگەندە كەمبەغەل، قەرزنى قايتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان، قېيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن ياكى بىر قىسىم قەرزنى كۆتۈرۋېتىش ياكى پۇل تاپقاندا بېرىشكە مۇھلەت بېرەتتى. «ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق» يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋەتتى. يەنى كىشىلەرگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى، رەھىمدىللىكى، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغىنىنىڭ بەدىلىگە ئاساسەن ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3707

 
Hadith   253   الحديث
الأهمية: خير الناس من طال عمره وحسن عمله


باشتېما:

كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر

عن عبد الله بن بُسْرٍ الأسلمي -رضي الله عنه- مرفوعاً: «خير الناس من طَال عُمُرُه، وحَسُنَ عَمَلُهُ».

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرى ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث : أن الإنسان كلما طال عمره في طاعة الله ازداد قربا من الله؛ لأن كل عمل يعمله فيما زاد فيه عمره، فإنه يقربه إلى ربه -عز وجل - فخير الناس من وفق لهذين الأمرين: طول العمر وحسن العمل.
فطول العمر ليس خيرًا للإنسان إلا إذا حسن عمله في طاعة الله؛ لأنه أحيانًا يكون طول العمر شرًا للإنسان وضررًا عليه، كما في الحديث الآخر، أي الناس خير، قال: « من طال عمره، وحسن عمله »، قال: فأي الناس شر؟ قال: « من طال عمره وساء عمله »، رواه أبو داود والترمذي.
وقال الله -تبارك وتعالى-: (ولا يحسبن الذين كفروا أنما نملي لهم خير لأنفسهم إنما نملي لهم ليزدادوا إثمًا ولهم عذاب مهين)، فهؤلاء الكفار يملى الله لهم، أي يمدهم بالرزق والعافية وطول العمر والبنين والزوجات، لا لخير لهم ولكنه شر لهم، والعياذ بالله لأنهم سوف يزدادون بذلك إثمًا.
قال الطيبي -رحمه الله -:    إن الأوقات والساعات كرأس المال للتاجر، فينبغي أن يتجر فيما يربح فيه، وكلما كان رأس المال كثيرا كان الربح أكثر، فمن مضى لطيبه فاز وأفلح، ومن أضاع رأس ماله لم يربح وخسر خسرانا مبينا".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننىڭ ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھغا بولغان يېقىنلىقىمۇ زىيادە بولىدۇ، چۈنكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئۇ كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە ئەمەللىرىنىڭ ياخشى بولىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ئىشقا مۇۋاپىق كەلگەن كىشى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، ئىنسان ئاللاھنىڭ تائىتىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ياخشىلىق ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ئىنسان ئۈچۈن يامانلىق ۋە زېيان ئىلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە شۇنداق بايان قىلىنغان: كىشىلەرنىڭ قايسىسى ئەڭ ياخشى؟ دېگەندە، «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر»دېگەن، كىشىلەرنىڭ يامىنى قايسى؟دېگەندە، «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ئەڭ ناچار بولغان كىشىلەردۇر»دېگەن. ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3-توم 305-بەت(2330) نۇمۇردا كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ»ئالى ئىمران سۈرىسى 178-ئايەت. ئاشۇ كاپىرلارغا ئاللاھ مۆھلەت بېرىدۇ يەنى: ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، سالامەتلىكىنى ياخشى قىلىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، ئوغۇل-قىز پەرزەنت ۋە ئاياللارنى بېرىدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق بولمايدۇ بەلكى، ئۇلار ئۈچۈن يامانلىق بولىدۇ،-ئاللاھ بۇنداق بولۇشتىن ساقلىسۇن-چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلىرى بىلەن گۇناھ-مەسىيەتنى زىيادە قىلىدۇ. تىيبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ۋاقىت ۋە زامان خۇددى تىجارەتچىنىڭ سەرمايىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان تىجارەتكە سەرپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ. سەرمايە كۆپ بولغانسىرى كېلىدىغان پايدىمۇ كۆپ بولىدۇ، مەبلەغنى پاكىزە ئىشلارغا سەرپ قىلغان كىشى نىجات تاپىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ، ئاساسلىق مەبلەغنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەستىن ئوپ-ئوچۇق زىيان تارتىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3710

 
Hadith   254   الحديث
الأهمية: بني سلمة، دِيارَكُم، تُكتب آثارُكُم، ديارَكُم تُكتب آثارُكُم


باشتېما:

ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ

عن جابر -رضي الله عنه- قال: أراد بنو سلمة أن ينتقلوا للسكن قرب المسجد فبلغ ذلك رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال لهم: «إنه قد بلغني أنكم تُريدون أن تنتقلوا قُرب المسجد؟» فقالوا: نعم، يا رسول الله قد أردنا ذلك، فقال: «بَنِي سَلِمَة، دِيارَكُم، تُكتب آثارُكُم، ديارَكُم تُكتب آثاركُم».   
وفي رواية: «إن بكلِّ خَطْوَة درجة».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا بىر پارچە بوش ئورۇن بار ئىدى، بەنى سەلەمە جەمەتى مەسچىتكە يېقىنراق جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى، بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ماڭا سىلەرنىڭ مەسچىتكە يېقىنراق بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان خەۋىرىڭلار يەتتى، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇلار: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ» دېدى، ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىز مەسچىتنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلگەن بولساقمۇ، بۇنچىلىك خوشال بولمايتتۇق دېيىشتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أن بني سلمة أرادوا أن ينتقلوا من ديارهم -البعيدة من المسجد- إلى أماكن تقرب من المسجد، فكرِه النبي -صلى الله عليه وسلم- أن تُعرَّى المدينة، كما في رواية البخاري، ورغبته -عليه الصلاة والسلام- أن تُعمَّر ليعظم منظر المسلمين في أعين المنافقين والمشركين عند توسعها.
ثم سألهم، قال: (إنه قد بلغني أنكم تريدون أن تنقلوا قرب المسجد) قالوا: نعم يا رسول الله قد أردنا ذلك، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: (دياركم تكتب آثاركم)، قالها مرتين، وبين لهم أن لهم بكل خطوة حسنة أو درجة.
وعن أبي هريرة -رضي الله عنه- موقوفا عليه: "إن أعظمكم أجرًا أبعدكم دارًا، قيل: لِمَ يا أبا هريرة ؟ قال: "من أجل كثرة الخطا" رواه مالك في "الموطأ".
فكلما بَعُد المنزل عن المسجد، كان في ذلك زيادة فضل في الدرجات والحط من السيئات.
وإنما يتحقق هذا الفضل: إذا توضأ في بيته وأسبغ الوضوء، ومشى ولم يركب، سواء كان ذلك قليلاً، يعني سواء كانت الخطوات قليلة، أم كثيرة، فإنه يكتب له بكل خطوة شيئان: يرفع بها درجة، ويحط عنه بها خطيئة.
فعن رجل من أصحاب النبي -صلى الله عليه وسلم- مرفوعاً: "إذا توضأ أحدكم فأحسن الوضوء ثم خرج إلى الصلاة، لم يرفع قدمه اليمنى إلا كتب الله -عز وجل- له حسنة، ولم يضع قدمه اليسرى إلا حط الله -عز وجل- عنه سيئة، فليقرب أحدكم أو ليبعد) رواه أبو داود.
وعن ابن عباس، أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: "أتاني ربي -عز وجل- الليلة في أحسن صورة -أحسبه يعني في النوم- فقال: يا محمد، هل تدري فيم يختصم الملأ الأعلى؟ قال: قلت: نعم، يختصمون في الكفارات والدرجات، قال: وما الكفارات والدرجات؟ قال: المكث في المساجد بعد الصلوات، والمشي على الأقدام إلى الجماعات، وإبلاغ الوضوء في المكاره) رواه أحمد.
فدل ذلك على أن نَيل الدرجات إنما يتحقق بأمور:
1ـ الذهاب إلى المسجد على طهارة.
2ـ احتساب الأجر؛ لحديث: (إنما الأعمال بالنيات وإنما لكل امرئ ما نوى) متفق عليه.
3ـ أن يخرج من بيته لا يخرج إلا لقصد المسجد.   
4ـ المشي على الأقدام وعدم الركوب، إلا من عذر.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بەنى سەلەمە جەمەتى ئۆزلىرىنىڭ تۇرىدىغان جايىدىن مەسچىتكە يىراق ئىدى، مەسچىتكە يېقىنراق بولغان بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە كەلگەندىكىدەك مەدىنە ئەتراپىنى ئادەمسىز تاشلاپ قويۇشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلارنى مەدىنىنىڭ ئەتراپىنى گۈللەندۈرۈپ، كېڭەيتىپ، مۇناپىقلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ كۆزىگە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ مەنزىرىلىك، كۆركەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلغان ئىدى، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن سوراپ: «ماڭا سىلەرنىڭ مەسچىتكە يېقىنراق بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان خەۋىرىڭلار يەتتى، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇلار: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلار، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم دېدى ۋە ئۇلارغا ھەر بىر قەدەمگە ياخشىلىق، دەرىجە يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى مەسچىتكە ئەڭ يىراق بولغىنى ئەڭ كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدىغىنىدۇر» دېيىلگەن، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق، ئى ئەبۇ ھۇرەيرە؟ دېگەندە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «قەدەمنى كۆپ باسقانلىق ئۈچۈن» دېگەن، ئىمام مالىك "ئەل مۇئەتتا" (33)، تۇرالغۇسى مەسچىتتىن يىراق بولغانسېرى ئەجىر-ساۋاب زىيادە بولىدۇ، خاتالىقلىرى شۇ سەۋەبلىك ئۆچۈرۈلىدۇ. ئېنىقكى، بۇ پەزىلەت بىر ئادەم ئۆيىدە تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ، بىرەر نەرسىگە مىنگەشمەستىن، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن پىيادە ماڭسا ئىشقا ئاشىدۇ، يەنى قەدەملىرى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىككى نەرسە يېزىلىدۇ: بىرى ئۇنىڭ بىلەن دەرىجىسى ئۈستۈن بولىدۇ، يەنە بىرى بىلەن خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆيىدە تەرەتنى كامىل ئېلىپ، نامازغا چىقسا، ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يازىدۇ، سول پۇتىنى كۆتۈرسە ئۇنىڭ بىر خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىراقتىن كەلسۇن ياكى يېقىندىن كەلسۇن شۇنداق بولىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى(563)، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 973- 572- نومۇرلاردا كەلتۈرگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېچە پەرۋەردىگارىم ئەڭ گۈزەل قىياپەتتە كەلدى، (يەنى چۈشىدە ) ۋە :ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نېمە توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: شۇنداق، ئۇلار كەچۈرۈم ۋە دەرىجىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتىدۇ دېدىم، ئاللاھ: كەچۈرۈم ۋە دەرىجىلەر دېگەن نېمە؟ دېدى، مەن: نامازدىن كېيىن مەسچىتتە تۇرۇش، جامائەتكە مېڭىپ بېرىش قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدىمۇ تەرەتنى كامىل ئېلىش...دېدىم» ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى(3484). شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ، "سەھىھ جامىئۇسسەغىر ۋە زىيادەتۇھۇ"ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 72-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىس دەرىجىگە ئېرىشىشنىڭ بىرقانچە ئىشلار بىلەن روياپقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: 1 -تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە بېرىش. 2-ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىش (ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ) بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. 3- ئۆيىدىن پەقەت مەسچىتنى مەقسەت قىلىپ چىقىش.4-ئۇلاغقا مىنمەستىن مېڭىپ كېلىش، ئۆزرۈلۈك بولۇپ قالسا ئۇلاغقا مېنىپ كەلسە بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى بۇنىڭ ئوخشىشىنى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3713

 
Hadith   255   الحديث
الأهمية: ذَاكَ رَجُلٌ بَاَلَ الشيطان في أُذُنَيْهِ أو قال: في أُذُنِه


باشتېما:

ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن

عن ابن مسعود -رضي الله عنه- قال: ذُكِرَ عند النبي -صلى الله عليه وسلم- رجل نام ليلة حتى أصبح، قال: «ذاك رجل بال الشيطان في أُذُنَيْهِ - أو قال: في أُذُنِه».

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن»دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يقول ابن مسعود -رضي الله عنه-: "ذُكِرَ عند النبي -صلى الله عليه وسلم- رَجُلٌ نام ليلة حتى أصبح" أي: استمر نائمًا ولم يَستيقظ للتهجد، حتى طلع عليه الفجر، والقول الثاني: أنه لم يستيقظ لصلاة الفجر حتى طلعت الشمس.
فقال: "ذَاكَ رَجُلٌ بَاَلَ الشيطان في أُذُنَيْهِ" هو على ظاهره وحقيقته؛ لأنه ثبت أن الشيطان يأكل ويشرب وينكح، فلا مانع من أن يَبول، وهذا غاية الإذلال والإهانة له، أن يتخذه الشيطان كنيفا.
وخص الأذن بالذكر وإن كانت العين أنسب بالنوم إشارة إلى ثِقَل النوم، فإن المَسَامع هي موارد الانتباه وخص البول؛ لأنه أسهل مدخلا في التَجَاويف وأسرع نفوذا في العروق فيُورِث الكَسَل في جميع الأعضاء.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى كېچىلىك ناماز ئوقۇش ئۈچۈنمۇ ئويغانماستىن تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئىدى. ئىككىنچى رىۋايەتتە: بامداتقىمۇ ئويغانماستىن ھەتتا كۈن چىققۇچە ئۇخلايدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن» دېدى. ھەدىسنىڭ زاھىرى مەناسى بويىچە، ھەقىقەتتە شۇنداق چۈنكى شەيتانمۇ يەيدۇ، ئېچىدۇ ۋە توي قىلىدۇ، ئۇنىڭ سىيىشىدىن چەكلىنىدىغان توسالغۇ يوق، بۇ ئاشۇنداق ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى خارلىق ۋە ئاھانەت بولۇپ، شەيتان ئۇنى ئۆزىنىڭ ھاجەتخانىسى قىلىۋالغان، گەرچە ئۇيقۇ كۆزگە نىسبەت بېرىلسىمۇ لېكىن بۇ يەردە قۇلاقنى خاس قىلىش ئېغىر ئۇيقۇنى بىلدۈرىدۇ، ئاڭلاش ئەزاسى دېگەن دىققەت قىلىدىغان ۋە تىز سەگەك بولىدىغان ئورۇن، بۇ ئەزانى سىيىشكە خاس قىلىشى، بۇ ئەزانىڭ كاۋاك بولغانلىقى،تومۇرلارغا تىز تارايدىغانلىقى بۇنىڭدىن پۈتۈن بەدەندە ھورۇنلۇق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3714

 
Hadith   256   الحديث
الأهمية: رُبَّ أَشْعَثَ أغبرَ مَدْفُوعٍ بالأبواب لو أَقسم على الله لَأَبَرَّهُ


باشتېما:

بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، نام-ئابرۇيى يوق كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: « رُبَّ أَشْعَثَ أغبرَ مَدْفُوعٍ بالأبواب لو أَقسم على الله لَأَبَرَّهُ ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، يوقسۇل، نام-ئابرۇيى يوق بىر كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ

Esin Hadith Caption Arabic


"رب أشعث أغبر مدفوع بالأبواب لو أقسم على الله لأبره": وأشعث من الشعث وهو من صفات الشعر، وشعره أشعث يعني ليس له ما يدهن به الشعر، ولا ما يرجله، وليس يهتم بمظهره، وأغبر يعني أغبر اللون، أغبر الثياب، وذلك لشدة فقره.
"مدفوع بالأبواب": يعني ليس له جاه، إذا جاء إلى الناس يستأذن لا يأذنون له، بل يدفعونه بالباب؛ لأنه ليس له قيمة عند الناس لكن له قيمة عند رب العالمين، لو أقسم على الله لأبره، لو قال: والله لا يكون كذا لم يكن، والله ليكونن كذا لكان، لو أقسم على الله لأبره، لكرمه عند الله -عز وجل- ومنزلته،
لو أقسم على الله لأبره.
و الميزان في ذلك تقوى الله -عز وجل-، كما قال الله -تعالى-: (إن أكرمكم عند الله أتقاكم)، فمن كان أتقى لله فهو أكرم عند الله، ييسر الله له الأمر، يجيب دعاءه، ويكشف ضره، ويبر قسمه.
وهذا الذي أقسم على الله لن يقسم بظلم لأحد، ولن يجترئ على الله في ملكه، ولكنه يقسم على الله فيما يرضي الله ثقة بالله -عز وجل-، أو في أمور مباحة ثقة بالله -عز وجل-.

574;ەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەزى بىر چاچلىرى چۇۋۇق، ئۈستى-باشلىرى توپا-تەرەت، يوقسۇل، نام-ئابرۇيى يوق بىر كىشى بار، ئەگەر ئۇ ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم ئىچىپ بىر سۆز قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ. «وأشعث من الشعث» بۇ چاچنىڭ سۈپەتلىرى بولۇپ، چاچلىرىنى تاراشقا ياكى مايلاشقا بىر نەرسە تاپالمىغان كىشىنىڭ چېچىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ كىشى تاشقى كۆرۈنۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. «وأغبر يعني أغبر اللون» چاچلىرى، كېيىملىرى توپا-تەرەت، ئۇ كىشى پېقىر بولغانلىقتىن كېيىملىرى كونا، دېمەكچى. «مدفوع بالأبواب» يەنى ئۇنىڭ ئابرۇيى يوق دېمەكچى. كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ رۇخسەت سورىسا رۇخسەت بىرىلمەيدۇ، ئىززەت-ئابرۇيى بولمىغانلىقتىن بەلكى كىشىلەر ئۇنى ئىتتىرىۋىتىدۇ. ھالبۇكى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ ئورنى، ئابرۇيى بار. ئەگەر بىر نەرسە ئۈچۈن قەسەم ئىچسە ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇرۇنداپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەم بۇ بۇنداق بولمايدۇ، دېسە ئۇ دېگەندەك بولىدۇ. ۋەياكى ئۇ: بۇ ئىش بۇنداق بولىدۇ، دېسە ئۇ ئىش شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا نامىدىن بىر نەرسىگە قەسەم قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھۆرمىتىدىن، ئىتىبارىدىن دېگەن ئىشىنى ئۇرۇنداپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىكى ئۆلچەم ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا قانچىلىك تەقۋادارلىقى، خۇددى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر» سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت. كىمىكى بەك تەقۋادار بولىدىكەن ئۇ كىشى ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلىدۇ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئېغىرچىلىقتىن قۇتقۇزىدۇ، قەسىمىنى ئۇرۇنداپ بىرىدۇ. ئاللاھ تائالا نامىدىن قەسەم قىلغان بۇ كىشى بىرىگە زۇلۇم قىلىش مەقستىدە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالاغا ئۆز مۈلكىدە چوڭچۇلۇق قىلمايدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن جەھتىدىن ئۇ رازى بولىدىغان ئىشلاردا، ياكى «مۇباھ» دۇرۇس بولىدىغان ئىشلاردا قەسەم قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3715

 
Hadith   257   الحديث
الأهمية: رحِم الله رَجُلا سَمْحَا إذا باع، وإذا اشترى، وإذا اقْتَضَى


باشتېما:

ساتقاندا، سېتىۋالغاندا، قەرىز سۈيلىگەندە كەڭ قورساق بولغان ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلسۇن

عن جابر -رضي الله عنه-: أن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «رحِم الله رَجُلا سَمْحَا إذا باع، وإذا اشترى، وإذا اقْتَضَى».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ساتقاندا، سېتىۋالغاندا، قەرز سۈيلىگەندە كەڭ قوساق بولغان ئادەمگە ئاللاھ رەھىم قىلسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "رحِم الله رَجُلاً" هذا دعاء بالرحمة لكل من اتصف بالسماحة في بيعه وشرائه واقتضائه الثمن، أي أخذ الديون، سواء كان رجلاً أو امرأة، والتنصيص على الرجل خرج مخرج الغالب.
"سَمْحاً إذا باع" أي: سهلاً في بيعه، فلا يشدد على المشتري في سعرها، بل ويضع عنه من ثمنها، وفي رواية عند أحمد والنسائي من حديث عثمان بن عفان -رضي الله عنه-: (أدخل الله -عز وجل- الجنة رجلاً كان سهلاً مشترياً وبائعاً..).
"وإذا اشترى" أي: سهلاً إذا اشترى، فلا يجادل ولا يماكس في سعرها، بل يكون سهلاً مسامحاً.
"وإذا اقْتَضَى" أي: يكون سمحاً سهلاً حال طلب دَيْنِه من غريمه، فيطلبه بالرفق واللطف لا بالعنف.
وفي رواية عند ابن حبان، من حديث جابر -رضي الله عنه- زيادة: (سمحاً إذا قضى) أي: سمحاً سهلاً حال قضاء الديون التي عليه، فلا يماطل ولا يتهرب مما عليه من الحقوق، بل يقضيها بسهولة وطيب نفس.
فهؤلاء الأصناف الأربعة دعا لهم النبي -صلى الله عليه وسلم- بالرحمة متى كانوا متسامحين في بيعهم وشرائهم وقضاء ما عليهم واقتضاء ما لهم من ديون على غيرهم.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: «ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم قىلسۇن» دېگەن: ئېلىم-سېتىمدا ۋە قەرز سۈيلىگەندە كەڭ قورساق بولغان كىشىگە قىلىنغان رەھمەت دۇئاسى بولۇپ، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەدىستە ئەر كىشى دەپ كېلىشى بۇ ئىشلارنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا ئەرلەر ئارىسىدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. «ساتقاندا كەڭ قورساق بولدى» يەنى: سودىنى ئاسانلاشتۇردى، مال باھاسىدا سېتىۋالغۇچىغا قاتتىقلىق قىلمىدى، بەلكى باھاسىنى چۈشۈرۈپ بەردى. ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «ئاللاھ تائالا ئالماق-ساتماقتا ئاسانلىق قىلغان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. «سېتىۋالغان ۋاقىتتىمۇ ئاسانلىق قىلدى»، يەنى: جېدەل قىلمىدى، باھا تالاشمىدى، بەلكى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاسان سودا قىلدى. «قەرز سۈيلىگەندە»، يەنى: قەرزدارلاردىن قەرزنى قوپاللىق قىلماستىن، سېلىق، مۇلايىملىق بىلەن تەلەپ قىلدى. ئىبنى ھىبباننىڭ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلتۈرگەن رىۋايىتىدە: «قەرزنى ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولدى» دېيىلگەن، يەنى: ئۈستىدىكى قەرزنى سوزىۋەتمەستىن ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى يۈتىۋالماستىن، خۇرسەنلىك ۋە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئاسان ئادا قىلىدۇ. ساتقاندا، سېتىۋالغاندا، قەرز سۈيلىگەندە ۋە ئۆز ئۈستىدىكى قەرزنى ئادا قىلغاندا كەڭ قورساق بولغان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك كىشىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلغان   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3716

 
Hadith   258   الحديث
الأهمية: سَبَقَ المُفَرِّدُونَ


باشتېما:

"مۇپەررىدۇن" لار ئىلگىرىلەپ كەتتى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه-    قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «سبق المُفَرِّدُونَ» قالوا: وما المُفَرِّدُونَ ؟ يا رسول الله قال: « الذاكرون الله كثيرا والذاكراتِ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مُفرِِدُونَ» لار ئىلگىرىلەپ كەتتى دېگەن ئىدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇلار كىمۇ؟ دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى دائىم زىكىر قىلىپ تۇرغۇچى ئەر-ئاياللار» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الذاكرين الله كثيراً والذاكرات قد انفردوا عن غيرهم وسبقوهم بالأجور بسبب كثرة انشغالهم بِذْكر الله تعالى، فهم قد عملوا أكثر من غيرهم؛ فكانوا أسبق إلى الخير.
قال تعالى: (والذاكرين الله كثيراً والذاكرات أعد الله لهم مغفرة وأجراً عظيماً).
فقوله "الذاكرين الله كثيراً " أي: في أكثر الأوقات، خصوصاً أوقات الأوراد المقيدة، كالصباح والمساء، وأدبار الصلوات المكتوبات.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئەر-ئاياللار ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن كۆپ مەشغۇل بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەجىر-ساۋابتا باشقىلاردىن ئالاھىدە بولدى، ئۇلار باشقىلاردىن كۆپ ئەمەل قىلدى، ياخشىلىققا باشقىلاردىن بەك ئىلگىرىلىدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»، يەنى: ئۇلار كۆپ ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ پەرز نامازلاردىن كىيىن ۋە ئەتتىگەن-كەچتىكى زىكىرغا خاس بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنى ياد ئەتكۈچىلەردۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3719

 
Hadith   259   الحديث
الأهمية: إن سِيَاحَة أُمَّتِي الجِهاد في سَبِيلِ الله -عز وجل-


باشتېما:

شۈبھىسىزكى ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر

عن أبي أمامة -رضي الله عنه-: أن رجلًا، قال: يا رسول الله، ائْذَنْ لي في السِيَاحَة! فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: «إن سِيَاحَة أُمَّتِي الجِهاد في سَبِيلِ الله -عز وجل-».

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بىر ئەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ماڭا ساياھەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا!»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۈبھىسىزكى ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
وفي هذا الحديث أن رجلًا جاء إلى النبي -صلى الله عليه وسلم- يطلب منه الإذن للسماح له بالخروج إلى البلدان والضرب في الأرض لأجل السياحة، والمراد بها: التَّعبد.
فقال -صلى الله عليه وسلم-: "إن سِيَاحَة أُمَّتِي الجِهاد في سَبِيلِ الله -عز وجل-"، والمعنى: إذا أردت السياحة فعليك بالجهاد في سبيل لله فهذه هي سياحة أمتي؛ لأن في ذلك نشر دين الله -تعالى- وإرساء مبادئه وقواعده العظيمة، وأما ترك الديار ومفارقة الأهل لأجل التعبد، فمنهي عنه وأقل أحواله الكراهة، قال -تعالى-: (أَتَسْتَبْدِلُونَ الَّذِي هُوَ أَدْنَى بِالَّذِي هُوَ خَيْرٌ).
وفي رواية عند أحمد: "عليك بالجهاد، فإنه رهْبَانية الإسلام".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بىر ئەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن زېمىندا ئايلىنىپ، شەھەرلەرگە بېرىشقا رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، بۇ ساياھەتتىن مەقسەت ئىبادەتتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى بولسا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى، بۇنىڭ مەنىسى: سىز ساياھەت قىلماقچى بولسىڭىز، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭ، مانا بۇ ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى، چۈنكى بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ دىنىنى تارقىتىش، دىننىڭ مۇكەممەل قائىدىسى ۋە پرىنسىپلىرىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت مەنپەئەت بار، ئەمما ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يۇرتى ۋە ئەھلىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش چەكلەنگەن، ھېچ بولمىغاندا ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «سىلەر ياخشىنى ناچارغا تېگىشەمسىلەر؟» [بەقەرە سۈرىسى:61_ئايەت] ، ئىمام ئەھمەدتىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىز جىھادنى داۋاملاشتۇرۇڭ، چۈنكى ئۇ ئىسلامدىكى زاھىتلىقتۇر» دەپ كەلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3722

 
Hadith   260   الحديث
الأهمية: اُغْزُوا في سبيل الله، من قَاتَل في سبيل الله فُوَاقَ نَاقَةٍ وجَبَت له الجنة


باشتېما:

ئاللاھنىڭ يولىدا غازات قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: مَرَّ رجُل من أصحاب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- بِشِعبٍ فيه عُيَيْنَةٌ من ماء عَذْبَة، فأعْجَبتْه، فقال: لو اعْتَزلت الناس فَأقَمْتُ في هذا الشِّعْبِ، ولنْ أفعل حتى أسْتأذِن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فذَكر ذلك لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: «لا تَفْعَل؛ فإن مُقام أحدِكم في سَبِيل الله أفضل من صلاته في بيته سَبْعِين عاماً، ألا تُحِبُّونَ أن يَغْفِر الله لكم، ويدخلكم الجنة؟ اُغْزُوا في سبيل الله، من قَاتَل في سبيل الله فُوَاقَ نَاقَةٍ وجَبَت له الجنة».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ساھابىلاردىن بىر كىشى ئاتلىق سۇ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق بار بىر جىلغىدىن ئۆتتى، بۇلاق ئۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى، ئۇ كىشى كۆڭلىدە مەن كىشىلەردىن ئايرىلىپ بۇ جىلغىدا ئىبادەت قىلسام قانداق بولار؟ بۇ ئىشنى قىلساممۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرگىز قىلمايمەن، دەپ ئويلاپ، ئۇ پىكرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمىغىن، شەكسىز سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلىرىڭلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئۆيىدە يەتمىش يىل ناماز ئوقۇغاندىن ئارتۇق بولىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ يولىدا غازات قىلىڭلار، «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ»دېدى.

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن رجلاً من أصحاب النبي -صلى الله عليه وسلم- مرَّ بشعب في جَبل، وفي الشِّعْب عَيْنٌ فيها ماء عَذْبٌ، فأعجبته تلك العين وأحب أن يعتزل الناس ويقيم في ذلك المكان يَتَعَبد الله ويشرب من تلك العين، إلا أنه -رضي الله عنه- قال لنْ أفعل حتى    أستأذن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فذكر ذلك لرسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: "لا تفعل" نهاه النبي -صلى الله عليه وسلم- عن ذلك؛ لأن الغزو قد وجَبَ عليه، فكان اعتزاله للتطوع معصية لاستلزامه ترك الواجب.
ثم قال له: "فإن مُقام أحدِكم في سَبِيل الله أفضل من صلاته في بيته سَبْعِين عاماً" والمعنى: أن الجهاد في سبيل الله أفضل من التفرغ للصلاة سبعين عاماً؛ وذلك لأن الجهاد نفعه متعدٍ بخلاف الصلاة، فنفعها قاصر على صاحب العبادة.
"ألا تُحِبُّونَ أن يَغْفِر الله لكم، ويدخلكم الجنة؟!" أي: إذا كنتم تحبون أن يَغْفِر الله لكم ذنوبكم ويدخلكم الجنة، فعليكم بالغزو في سبيل الله -تعالى-، صابرين محتسبين.
ثم بين فضله، بقوله: "من قَاتل في سبيل الله فُوَاقَ نَاقَةٍ وجَبَت له الجنة" أي: من قاتل في سبيل الله -تعالى- لإعلاء كلمته وجبت له الجنة ولو كانت مشاركته في القتال مدة يسيرة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشى ئاتلىق تاغدىكى بىر جىلغىدىن ئۆتىدۇ، ئۇ جىلغىدا تاتلىق سۇ ئاقىدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇ بۇلاق ئۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالدى، ئۇ كۆڭلىدە كىشىلەردىن ئايرىلىپ ئاشۇ جايدا تۇرۇپ، شۇ بۇلاقنىڭ سۈيىدىن ئېچىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، لېكىن ئۇ كىشى بۇ ئىشنى قىلساممۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رۇخسىتىسىز ھەرگىز قىلمايمەن، دەپ ئويلاپ، بۇ ئويىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلمىغىن» دەپ ئۇ كىشىنى ئۇنداق قىلىشتىن توستى، چۈنكى غازات قىلىش ئۇ كىشىگە ۋاجىپ بولغان ئىدى، ئۇ كىشىنىڭ ۋاجىپ بولغان ئەمەلنى تەرك قىلىپ نەپلە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەردىن ئايرىلىۋىلىشى ئاسىيلىق ھېسابلىناتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلىرىڭلارنىڭ مەرتىۋىسى، ئۆيىدە يەتمىش يىل ناماز ئوقۇغاندىن ئارتۇق بولىدۇ،» دېگەن. يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش دېگەن پەقەت ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يەتمىش يىل ئايرىم تۇرغاندىن ياخشى بولىدۇ، چۈنكى جىھادنىڭ پايدىسى باشقىلارغا بولىدۇ، نەپلە ناماز ئوقۇغاننىڭ پايدىسى پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىلا بولىدۇ، «سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرمامسىلەر؟» يەنى ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈشىنى ۋە سىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈشىنى ياقتۇرساڭلار، سەبىر قىلىپ ۋە سەۋەپ ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىھادنىڭ پايدىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا تۆگىنى بوتىلىقى ئۈچۈن سۈت يېغىشقا قويۇپ بەرگەن ۋاقىتچىلىك مۇددەت ئىچىدە جىھاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ» يەنى كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ ئۇرۇشقا قاتناشسا ئۇ كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3723

 
Hadith   261   الحديث
الأهمية: صليت مع النبي -صلى الله عليه وسلم- ذات ليلة فافتتح البقرة


باشتېما:

بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ سۈرە بەقەرەنى باشلىدى

عن حذيفة بن اليمان -رضي الله عنهما- قال: صليت مع النبي -صلى الله عليه وسلم- ذات ليلة فَافْتَتَحَ البقرة، فقلت: يركع عند المئة، ثم مضى، فقلت: يصلي بها في ركعة فمضى، فقلت: يركع بها، ثم افتتح النساء فقرأها، ثم افتتح آل عمران فقرأها، يقرأ مُتَرَسِّلًا: إذا مَر بآية فيها تَسبِيحٌ سَبَّحَ، وإذا مَر بسؤال سَأل، وإذا مَر بِتَعَوُّذٍ تَعَوَّذَ، ثم ركع، فجعل يقول: «سبحان ربي العظيم» فكان ركوعه نحوًا من قِيَامِهِ، ثم قال: «سمع الله لمن حمده، ربنا لك الحمد» ثم قام طويلًا قريبا مما ركع، ثم سجد، فقال: «سبحان ربي الأعلى» فكان سجوده قريبًا من قيامه.

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كېچىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن ناماز ئوقۇغۇنۇمدا، ئۇ سۈرە بەقەرەنى باشلىدى، يۈز ئايەتتە رۇكۇ قىلا دەپ ئويلىسام، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئاندىن سۈرە بەقەرەنى ئوقۇپ رۇكۇ قىلا دېسەم، ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتۈپ، سۈرە نىسانى باشلىدى، ئۇنىمۇ تۈگىتىپ، ئال-ئىمراننى باشلاپ ئۇنىمۇ تۈگەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئايەتلەرنى ئالدىرىماي (يەنى تەرتىل بىلەن) ئوقۇيتتى، تەسبىھ بار ئايەتتىن ئۆتسە، تەسبىھ ئېيتاتتى، ئىلتىجا بار ئايەتتىن ئۆتسە، ئىلتىجا قىلاتتى، پاناھ تەلەپ قىلىش ئايىتىدىن ئۆتسە، پاناھ تەلەپ قىلاتتى، ئاندىن رۇكۇ قىلىپ: سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم (بۈيۈك رەببىم بارلىق ئەيىب-نۇقساندىن پاكتۇر) دېگەن زىكىرنى باشلىدى ۋە رۇكۇدىمۇ خۇددى قىيامدا تۇرغاندەك ئۇزۇن تۇردى، ئاندىن: سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەمدى ئېيتقان كىشىنى ئاڭلايدۇ)، رەببەنا لەكەلھەمدۇ (ئى رەببىمىز! بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر)، دەپ رۇكۇدا تۇرغاندەك (ئۇزۇن ۋاقىت) ئۆرە تۇردى. ئاندىن سەجدە قىلىپ: سۇبھانە رەببيەل ئەئلا (ئۇلۇغ رەببىم بارلىق ئەيىبتىن پاكتۇر)، دېگەن زىكىرنى باشلىدى ۋە (سەجدىدە) خۇددى قىيامدا تۇرغاندەك ئۇزۇن تۇردى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قام حذيفة مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في قيام الليل فأطال الصلاة، قرأ في ركعة واحدة البقرة ثم النساء ثم آل عمران، وكان إذا مر بآية سؤال سأل وإذا مر بآية تسبيح سبح وإذا مر بآية تعوذ تعوذ، في أثناء قراءته، وكانت صلاته متناسقة في الطول، الركوع قريبا من القيام، والسجود قريبا من الركوع.
726;ۇزەيفە بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ تەھەججۈد نامىزىغا تۇردى، رەسۇلۇللاھ بىرىنچى رەكەتكە سۈرە بەقەرە، سۈرە نىسا ۋە ئال-ئىمراننى ئوقۇپ نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدى، قىرائەت ئارلىقىدا سوئال ئايىتىدىن ئۆتكەندە ئاللاھ تائالادىن سورايتتى، تەسبىھ ئايەتلىرىدىن ئۆتكەندە تەسبىھ ئېيتاتتى، پاناھ تىلەش ئايەتلىرىدىن ئۆتكەندە پاناھ تىلەيتتى، نامىزىنىڭ رۇكۇسى قىيامغا ئوخشاش، سەجدىسىمۇ رۇكۇسىغا ئوخشاش ئۇزۇنلىقتا بىر-بىرىگە ماس ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3727

 
Hadith   262   الحديث
الأهمية: أين المُتَأَلِّي على الله لا يفعل المعروف


باشتېما:

ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟

عن عائشة -رضي الله عنها- قالت: سمع رسول الله -صلى الله عليه وسلم- صوت خُصُومٍ بالباب عاليةً أصواتُهما، وإذا أَحدُهما يَسْتَوْضِعُ الآخر وَيَسْتَرْفِقُهُ في شيء، وهو يقول: والله لا أفعل، فخرج عليهما رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال: «أين المُتَأَلِّي على الله لا يفعل المعروف؟»، فقال: أنا يا رسول الله، فله أي ذلك أحب.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشىك ئالدىدا ئىككى كىشىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا جېدەللىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن ئۆزىگە مېھرىبانلىق قېلىپ ئۆزىدىكى قەرزلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇنداق قىلمايمەن دەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ: «ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى»دېدى، ئۇ كىشى: مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش ياخشى بولسا، مەن شۇنداق قىلاي، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- سمع صوت خصمين يتنازعان في أمور مالية، وقد ارتفعت أصواتهما حتى وصلت إلى مسامع النبي -صلى الله عليه وسلم- في بيته، فأصغى النبي -صلى الله عليه وسلم- إلى هذه الأصوات، وإذا به يسمع أحد الرجلين "يستوضع الآخر ويسترفقه في شيء" أي يطلب منه أن يضع عنه شيئًا أو أن يرفق به "وهو يقول: والله لا أفعل، فخرج عليهما رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقال أين المُتألي على الله أن لا يفعل المعروف؟" أي: أين الحالف بالله على عدم فعل المعروف    فقال: أنا يا رسول الله، فله أي ذلك أحب" أي أنا الذي حلفت، ولخصمي ما أحَبَّ من الوَضْع من الدَّيْن أو الرفق به، وفي رواية لأحمد (24405) وابن حبان (5032): "إن شئتَ وضعتُ ما نقصوا، وإن شئت من رأس المال، فوضعَ ما نقصوا"، سعى النبي -صلى الله عليه وسلم- في الصلح بين المتخاصمين، إما بالوضع أو الرفق، وفي الباب قصة مشابهة لهذا الحديث رواها البخاري (2424) ومسلم (1558)، عن كعب بن مالك رضي الله عنه، أنه كان له على عبد الله بن أبي حَدْرَد الأسلمي دين، فلقيه، فلزمه فتكلما حتى ارتفعت أصواتهما، فمر بهما النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال: "يا كعب" وأشار بيده، كأنه يقول: النصف، فأخذ نصف ما عليه وترك نصفا".
فينبغي للمسلم أن يحرص على فعل الخير ومن ذلك الإصلاح بين الناس، فإذا رأى شخصين أو جماعتين أو قبيلتين بينهما نزاع وشقاق وتباغض واقتتال سعى للإصلاح بينهم لإزالة كل ما يؤدي إلى الفرقة والتباغض، ويحل محله الإخاء وتسود المحبة، فإن في ذلك الخير الكثير والثواب الجزيل، بل ذلك أفضل من درجة الصائم القائم المتصدق، قال -عليه الصلاة والسلام-: "ألا أخبركم بأفضل من درجة الصيام والصلاة والصدقة؟ قالوا: بلى، يا رسول الله قال: إصلاح ذات البين.." رواه أبو داود برقم (4919) وصححه الألباني في صحيح أبي داود، برقم (4919).
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىقتىساد توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىككى كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئۇلار ئاۋازىنى بەك يۇقىرى كۆتۈرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغىمۇ ئاڭلاندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئاۋازلارغا قۇلاق سالدى، ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرسىدىن: ئۆزىگە كەڭچىلىك قىلىپ قەرزدىن ئازراق كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىرىنىڭ بولسا: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇنداق قىلمايمەن، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا چېقىپ: «ياخشىلىق قىلمايمەن دەپ ئاللاھقا قەسەم قىلغان كىشى قېنى؟» دېدى، ئۇ كىشى: مەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن قەسەم قىلغان، ئۇ كىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي دېدى. ئىمام ئەھمەدنىڭ(24405) ۋە ئىبنى ھىبباننىڭ(5032)رىۋايىتىدە: ئەگەر خالىسىلا قەرزنىڭ قالغىنىنى ئۆتىۋىتەي، خالىسىلا قەرزنىڭ ھەممىسىنى ئۆتۈۋىتەي دېدى ۋە قەرزنىڭ قالغىنىنى ئۆتىۋەتتى دېيىلگەن. بۇ باپتا بۇ ھەدىسنى كەلتۈرۈشتىن بولغان مەقسەت ئېنىق: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئارىسىدا قەرزنى كەچۈرىۋىتىش ياكى مېھرىبانلىق قىلىش توغرىسىدا سۈلھى قىلىش ئۈچۈن تېرىشتى. بۇ باپتا مۇشۇ ھەدىسكە ئوخشاپ قالىدىغان بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان، ئىمام بۇخارى(2424)ۋە ئىمام مۇسلىم(1558)كەئەب ئىنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، كەئەب ئىبنى مالىكنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ ھەدرەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدا قەرز بەرگەن پۇلى بولۇپ، ئۇلار ئۇچرىشىپ قالغاندا، كەئەب قەرزنى سۈيلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن سۆزلىشىپ ئاۋازلىرى كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «ئى كەئەب!» دەپ ئۇنىڭغا يېرىمىنى ئۆتىۋەتكىن، قەرزنىڭ يېرىمىنى ئالغىن دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ، مۇسۇلماننىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئىككى ئادەمنىڭ ياكى ئىككى جامائەتنىڭ ياكى ئىككى قەبىلىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆچلەشتۈرىدىغان، بۆلۈۋېتىدىغان ئامىللارنى يوق قىلىش، ئۇنىڭ ئورنىغا دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىش كېرەك، ھەقىقەتەن ئاشۇ ساۋابى كاتتا بولغان زور ياخشىلىق ھېسابلىنىدۇ بەلكى ئۇنىڭ دەرىجىسى سەدىقە قىلغان، كېچىدە قىيامدا تۇرغان ۋە روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ ئۈستىن بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«سىلەرگە سەدىقە قىلغان، كېچىدە قىيامدا تۇرغان ۋە روزا تۇتقان كىشىنىڭ دەرىجىسىدىنمۇ دەرىجىسى ئۈستىن بولىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟»دېگەندە، ساھابىلار: بولىدۇ خەۋەر بەرسىلە ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش»دەيدۇ، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى(4919)، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا(4919)كەلتۈرگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3728

 
Hadith   263   الحديث
الأهمية: يَعْقِدُ الشيطان على قَافِيَةِ رأسِ أحدِكم، إذا هو نام، ثلاث عُقَدٍ، يَضْرِب على كل عُقْدَةٍ: عليك لَيلٌ طويل فَارْقُدْ


باشتېما:

سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «يَعْقِدُ الشيطان على قَافِيَةِ رأسِ أحدِكم، إذا هو نام، ثلاث عُقَدٍ، يَضْرِب على كل عُقْدَةٍ: عليك لَيلٌ طويل فَارْقُدْ، فإن استيقظ، فذكر الله -تعالى- انحَلَّتْ عُقْدَةٌ، فإن تَوضِّأ، انْحَلّتْ عُقدَةٌ، فإن صلى، انْحَلَّتْ عُقَدُهُ كُلُّها، فأصبح نشيطا طَيِّبَ النفس، وإلا أصبح خَبِيثَ النَّفْس كَسْلَان».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئويغۇنۇپ ئاللاھنى ئەسلىسە، بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، تاھارەت ئالسا بىر تۈگۈن، ناماز ئوقۇسا يەنە بىر تۈگۈن يېشىلىپ كەيپىياتى يۇقىرى ۋە روھلۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ھورۇن ۋە كەيپىياتسىز ھالەتتە تۇرىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يربط الشيطان على مؤخرة رأس كل نائم ثلاث عقد، والعَقْد: على حقيقته وأنه كما يَعْقِد الساحر من يسحره فيأخذ خيطا يَعْقد منه عُقدة ويتكلم فيه بالسحر فيتأثر المَسحور عند ذلك، وفي رواية لابن ماجة : " على قَافِيَة رأس أحدكم بالليل حَبْلٌ فيه ثلاث عُقَد " وإنما يربط على مؤخرة الرأس خاصة؛ لأنها مركز القوى، ومجال تَصَرفِها وهي أطْوَع القوى للشيطان وأسرعها إجابة لدعوته، فإذا رَبَطَ عليها أمكنه السيطرة على رُوح الانسان، وإلقاء النوم عليه.
" يَضْرِب على كل عُقْدَةٍ "، أي: يَضرب بيده تأكيدًا وإحكاما مكان كل عُقدة عَقدها هذا القول وهو: "عليك ليل طويل "، أي: بقي قَدْرٌ طويل من الليل، فَنَمْ ما شئت، فإنك إذا استيقظت وجدت الوقت الكافي لأداء صلاة الليل، " فَارْقُدْ " أي : ارجع إلى نومك.
" فإذا استيقظ وذكر الله انحلت عقدة " بسبب ذكر الله تعالى ، " فإذا توضأ انحلت عقدة " أي: عقدة ثانية ببركة الوضوء، وفي رواية لمسلم : " فإن توضأ انحلت عقدتان ".
ويشمله ما إذا اغتسل للطهارة من الحدث الأكبر.
" فإن صلى " ولو ركعة " انحلت عقده " انفكت العقدة الثالثة ، وفي رواية البخاري " انحلت عُقده كلها "
" فأَصَبح نَشِيطا " لسروره بما وفقه الله له من الطاعة وما وعِد به من الثواب وما زال عنه من عُقَد الشيطان.
" طَيِّبَ النفس " لما بارك الله له في نفسه من هذا التصرف الحسن " وإلا " أي : وإن لم يأت بما ذُكِر من الأمور الثلاثة " أصبح خَبِيثَ النَّفْس كَسْلَان " أي: متغيرًا حاله؛ بسبب خذلان الشيطان له مما كان قد اعتاده أو نَواه من فعل الخير.
قال الحافظ ابن حجر ـ رحمه الله ـ والذي يظهر أن في صلاة الليل سرًّا في طيب النفس وإن لم يستحضر المصلي شيئا مما ذكر وكذا عكسه وإلى ذلك الإشارة بقوله تعالى إن ناشئة الليل هي أشد وطئا وأقوم قيلا " انتهى.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: شەيتان ئۇخلىغۇچىنىڭ بېشىنىڭ كەينىگە ئۈچ تۈگۈن چىگىدۇ، تۈگۈن دېگەن ھەقىقەتتە سېھرىگەر سېھرى قىلىدىغان كىشىگە تۈگۈن چەككەندەك بىر يىپنى ئىلىپ ئۇنىڭغا تۈگۈننى چىگىدۇ ۋە سېھرىگە ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاقىتتا سېھرى قىلىنغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ماجىنىڭ رىۋايىتىدە: كېچىدە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە بىر شوينىدا ئۈچ تۈگۈن چىگىدۇ دېيىلگەن، ئۇنى بېشىنىڭ كەينىگە چىگىشى ئۇ يەرنىڭ كۈچلۈك ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن بولغانلىقىدىندۇر، ئۇ ئورۇن شەيتانغا تىز بويسۇنىدىغان ۋە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئورۇن بولغاچقا، شەيتان ئۇ ئورۇننى باغلىۋالسا، ئىنسان روھىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئېغىر ئۇيقۇ تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى تۈگۈننىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كېچە ئۇزۇن خالىغىنىڭچە ئۇخلا، ئۇيقۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن كېيىنرەك ئويغانساڭمۇ كېچىلىك ناماز ئوقۇيدىغانغا ۋاقىت بار دەپ دەم چىڭىتىدۇ، ئويغۇنۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، تاھارەت ئالسا ئۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: تاھارەت ئالسا ئىككى تۈگۈن يېشىلىدۇ دېيىلگەن. ئەگەر چوڭ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن يۇيۇنسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇسا گەرچە بىر رەكەت بولسىمۇ ئۈچىنچى تۈگۈن يېشىلىدۇ. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ھەممە تۈگۈن يېشىلىدۇ دېيىلگەن، جۇشقۇن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، شەيتاننىڭ تۈگۈنى يېشىلگەن، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ ۋەدە قىلىنغان ساۋابقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىكەت بەرگەن مۇشۇ گۈزەل تەسەررۇپ بىلەن ۋۇجۇدى پاك ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش بولمىسا، ھورۇن، ۋۇجۇدى روھسىز ھالەتتە ئورنىدىن تۇرىدۇ، يەنى ياخشىلىقتىن يىراقلىشىپ، شەيتانغا خار بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھالىتى ئۆزگىرىدۇ. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستىن كېچىلىك نامازدا ۋۇجۇدىنى پاكلايدىغان بىر سىر ئاشكارا بولىدۇ، گەرچە ناماز ئوقۇغۇچى باشقا ئىشلارنى ھازىر قىلمىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئاشۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەكسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تېنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3731

 
Hadith   264   الحديث
الأهمية: عَيْنَانِ لاَ تَمسُّهُمَا النَّار: عَيْنٌ بَكَتْ من خَشْيَة الله، عَيْنٌ بَاتَت تَحْرُسُ في سَبِيل الله


باشتېما:

دوزاخنىڭ ئوتى تەگمەيدىغان ئىككى كۆز بار، بىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- مرفوعاً: «عَيْنَانِ لاَ تَمسُّهُمَا النَّار: عَيْنٌ بَكَتْ من خَشْيَة الله، وعَيْنٌ بَاتَت تَحْرُسُ في سَبِيل الله».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللەھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «دوزاخنىڭ ئوتى تەگمەيدىغان ئىككى كۆز بار، بىرى ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كۆز، يەنە بىرى ئاللاھنىڭ يولىدا قاراۋۇللۇق قىلغان كۆز»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن النَّار لا تَمَسُّ عينًا بَكَتْ خوفاً من الله تعالى، فعندما يتذكر الإنسان عظمة الله وقدرته على عباده ويتذكر حاله وتقصيره في حق الله تعالى؛ فيبكي رجاء رحمته وخوفاً من عِقَابه وسَخَطه، فهذا موعود بالنجاة من النار.   
وعين أخرى لا تمسها النار، وهي: من بَاتت تَحرس في سبيل الله تعالى في الثغور ومواضع الاقتتال حفاظاً على أرواح المسلمين.
وقوله: "لا تمسهما النار" هذا من إطلاق لفظ الجزء وإرادة الكل، والمراد: أن من بَكَى من خَشية الله تعالى ومن بات يَحرس في سبيل الله، فإن الله تعالى يُحَرِّم جَسَدَهما على النَّار.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھدىن قورقۇپ يىغلىغان كۆزگە دوزاخ ئوتى تەگمەيدۇ، ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى، بەندىلىرىگە بولغان قۇدرىتىنى ئەسلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھالىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭ ئازابى ۋە غەزىپىدىن قورقۇپ يىغلايدۇ، بۇ دوزاخ ئوتىدىن قۇتۇلىشى ۋەدە قىلىنغان كۆزدۇر. دوزاخ ئوتى تەگمەيدىغان يەنە بىر كۆز: ئۇ چېگرادا ۋە ئۇرۇش رايۇنلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھ يولىدا كۈزەتچىلىك قىلىپ ئۇخلىمىغان كۆزدۇر، «دوزاخ ئوتى يەتمەيدىغان ئىككى كۆز» دېگەن سۆزدىن بىر نەرسىنىڭ بىر قىسمىنى سۆزلەپ ھەممىسىنى مەقسەت قىلىش دېگەنلىكتۇر، بۇنىڭدىن مەقسەت: كىمكى ئاللاھدىن قورقۇپ يىغلىسا ۋە ئاللاھ يولىدا ئۇخلىماي كۈزەتچىلىك قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بەدىنىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3733

 
Hadith   265   الحديث
الأهمية: إذا قَام أحَدُكُم من الليل، فَاسْتَعْجَمَ القرآن على لِسَانه، فلم يَدْرِ ما يقول، فَلْيَضْطَجِع


باشتېما:

بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «إذا قَام أحَدُكُم من الليل، فَاسْتَعْجَمَ القرآن على لِسَانه، فلم يَدْرِ ما يقول، فَلْيَضْطَجِع».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن العَبد إذا كان في صلاة الليل، فصعبت عليه قراءة القرآن؛ لغلبة النعاس عليه، حتى صار لا يَدْري ما    يقول، فَلْيَضْطَجِع، حتى يَذْهب عنه النوم؛ لئلا يُغَيِّر كلام الله، ويبدله ولعله يَأتي بما لا يجوز، من قَلْب مَعانيه، وتحريف كلماته، وربما يدعو على نفسه.
وفي البخاري عن أنس -رضي الله عنه- مرفوعًا: "إذا نعس أحدكم في الصلاة فليَنَم، حتى يَعلم ما يَقرأ".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بەندە كېچە نامىزىدىكى ۋاقىتتا، مۈگدەك بىسىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىش قېيىن بولۇپ، نېمە دەۋاتقىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە بولسا، ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇيقۇسى تۈگىگەنگە قەدەر يېتىپ ئارام ئالسۇن، بەلكىم سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مەنىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويىشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ زېيىنىغا دۇئا قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. بۇخارىنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان رىۋايىتىدە: «بىرىڭلار نامازدا مۈگدەپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئوقۇغان نەرسىسىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇخلىسۇن» دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3734

 
Hadith   266   الحديث
الأهمية: إن لكل أمة فتنة، وفِتنة أُمتي: المال


باشتېما:

ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيا

عن كعب بن عياض -رضي الله عنه- قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «إن لكل أُمَّة فتنة، وفِتنة أُمَّتي: المال».

ھەزرىتى كەئب ئىبنى ئىيازدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
قال كعب بن عياض -رضي الله عنه-: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول:
(إن لكل أمة فتنة) وهي ما يمتحنون ويختبرون به من الأشياء.
(وفتنة أمتي المال) لأنه مانع عن كمال المآل؛ فاللهو بالمال يشغل البال عن القيام بالطاعة وينسي الآخرة.
726;ەزرىتى كەئب ئىبنى ئىياز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پىتنىسى بولىدۇ» يەنى ئادەمنى ئازدۇرۇپ، گۇناھ قىلىشقا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەر. «ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيا» چۈنكى ئۇ ئارزۇ-ئارماننىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مال-دۇنيا بىلەن بولۇپ كېتىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3736

 
Hadith   267   الحديث
الأهمية: إن في الجنَّة بَابَا يُقال له: الرَّيَّانُ، يدْخُل منه الصَّائِمُونَ يوم القيامة، لا يَدخل منه أحدٌ غَيرُهم، يُقَال: أين الصَّائمون؟ فيقومون لا يدخل منه أحد غَيْرُهُم، فإذا دخَلُوا أُغْلِقَ فلم يدخل منه أحَد


باشتېما:

جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولسا ئىشىك تاقىلىپ باشقا بىرسىگە ئېچىلمايدۇ

عن سهل بن سعد -رضي الله عنه- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: ««إن في الجنة بابا يقال له: الرَّيَّانُ، يدخل منه الصائمون يوم القيامة، لا يدخل منه أحد غيرهم، يقال: أين الصائمون؟ فيقومون لا يدخل منه أحد غيرهم، فإذا دخلوا أغلق فلم يدخل منه أحد»

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولسا ئىشىك تاقىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىگە ئېچىلمايدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن في الجَنَّة بابا يقال له الرَّيَّان، خاص بالصائمين، لا يدخله أحد غيرهم، فمن كان محافظًا على الصوم فَرْضِه ونَفْله، تناديه الملائكة يوم القيامة للدخول من ذلك الباب، فإذا دخلوا أُغلق فلا يَدخل منه أحدٌ.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: جەننەتتە روزا تۇتقۇچىلارغا خاس بولغان رەييان ئاتلىق بىر ئىشىك بولۇپ بۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقىلار كىرەلمەيدۇ، پەرز ۋە نەپلە روزىلارنى تولۇق تۇتقان كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەر ئاشۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن چاقىرىدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئىشىك تاقىلىپ، ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمگە ئېچىلمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3738

 
Hadith   268   الحديث
الأهمية: حديث قصة بريرة وزوجها


باشتېما:

بەرىرە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىكى ھەدىس

عن ابن عباس -رضي الله عنهما- في قصة بريرة وزوجها، قال: قال لها النبي -صلى الله عليه وسلم-: «لو رَاجَعْتِهِ؟» قالت: يا رسول الله تأمرني؟ قال: «إنما أشْفَع» قالت: لا حاجة لي فيه.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەرىرە ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەققىدىكى ھەدىستە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭچۇ؟ دېگەندە، ئۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مىنى بۇيرۇۋاتاملا؟، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن مۇرەسسە قىلىۋاتىمەن، دېدى، بەرىرە: مېنىڭ ئۇنىڭغا ھېچبىر ئېھتىياجىم يوق، دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان زوج بريرة رضي الله عنها عبدا يقال له مغيث رضي الله عنه، وكانت بريرة رضي الله عنها تخدم عائشة رضي الله عنها قبل شرائها، فلما أعتقتها، وجُعِل لها الخيار في البقاء مع مغيث أو الفراق فارقته بريرة رضي الله عنها، فكان مغيث رضي الله عنه بعد هذا التصدع الأسري يدور خلفها في سكك المدينة وطرقها يبكي ودموعه تسيل على لحيته؛ وهذا من شدَّة محبته لبريرة رضي الله عنها، علَّها تراجع قرارها وترجع إليه.
فقال النبي صلى الله عليه وسلم لبريرة رضي الله عنها: لو راجعته لكان لك ثواب.
فقالت بريرة رضي الله عنها: يا رسول الله أتأمرني بمراجعته وجوبًا.
فقال صلى الله عليه وسلم: إنما أتوسط له.
   فقالت رضي الله عنها: لا غرض ولا رغبة لي في مراجعته.
576;ەرىرەنىڭ ئېرى مۇغىس ئىسىملىك بىر قۇل ئىدى، بەرىرە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى سېتىۋىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنى ئازات قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇغىس بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ئايرىلىپ كېتىش ئىختىيارلىقى بېرىلگەندە ئۇ ئىرىدىن ئايرىلىپ كەتتى. مۇغىس بەرىرەگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ئۇنىڭ قارارىنى قايتا ئويلۇنۇپ ئۆزىنىڭ يىنىغا قايتىپ كىلەمىكىن دەپ، ياشلىرى ساقىلى ئاققۇدەك يىغلاپ، مەدىنىنىڭ كوچىلىرى ۋە يوللىرىدا ئۇنىڭ كەينىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرىرەگە: ئېرىڭ بىلەن يېنىشىۋالغان بولساڭ ساۋاب بولار ئىدى، دېدى. بەرىرە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى يېنىشىشقا ۋاجىب شەكىلدە بۇيرۇملا؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ياق، مەن پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ئارا تۇرۇۋاتىمەن، دېدى. بەرىرە: ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا ھېچبىر ئېھتىياجىم ۋە قىزىقىشىم يوق، دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3741

 
Hadith   269   الحديث
الأهمية: كان رجل يُدَايِنُ الناس، وكان يقول لفَتَاه: إذا أَتَيْتَ مُعْسِرًا فَتَجَاوَزْ عنه، لعَلَّ الله أن يَتَجَاوَزَ عنَّا، فَلَقِيَ الله فتَجَاوز عنه


باشتېما:

كىشىلەرگە قەرز بېرىدىغان بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ خىزمەتكارىغا: ئەگەر قىيىنچىلىقى بار ئادەمنىڭ قېشىغا بارساڭ، ئۇنىڭدىن قەرزنى كەچۈرىۋەت، ئاللاھ بىزنى كەچۈرىۋەتسە ئەجەپ ئەمەس، دەيتتى، ئۇ كىشى ئاللاھقا ئۇچراشقاندا، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرۋەتتى

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- مرفوعاً: «كان رجل يُدَايِنُ الناس، وكان يقول لفَتَاه: إذا أَتَيْتَ مُعْسِرًا فَتَجَاوَزْ عنه، لعَلَّ الله أن يَتَجَاوَزَ عنَّا، فَلَقِيَ الله فتَجَاوز عنه».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە قەرىز بېرىدىغان بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ خىزمەتكارىغا: ئەگەر قىيىنچىلىقى بار ئادەمنىڭ قېشىغا بارساڭ، ئۇنىڭدىن قەرىزنى كەچۈرىۋەت، ئاللاھ بىزنى كەچۈرۋەتسە ئەجەپ ئەمەس دەيتتى، كېيىن ئۇ كىشى ئاللاھقا ئۇچراشقاندا، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرۋەتتى»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: "كان رجُلٌ يُدَايِنُ النَّاس" أي: يتعامل معهم بالقَرض، أو يَبِيعَهم بالآجل، وكان يقول لغلامه الذي يتقاضى الديون التي عند الناس: إذا أتيت مدِيْنَا ولم يكن عنده ما يقضي به الدَّين الذي عليه لعجزه.
"فَتَجَاوَزْ عنه" إما بإمهاله وعدم الإلحاح في المطالبة، أو بقبول ما عنده ولو مع ما فيه من نقص يسير.
"لعَلَّ الله أن يَتَجَاوَزَ عنَّا" أي يعفو عنَّا لتجاوزنا عن عباده والتيسير عليها ورفع الحرج عنهم.
وهذا لعلمه؛ بأن الله تعالى يكافئ العباد على إحسانهم إلى عباده بما يوافق فعلهم. ولعلمه أن الله تعالى لا يُضِيع أجر من أحسن عملًا.
"فَلَقِيَ الله فتَجَاوز عنه" مكافأة له على رحمته بالناس، ورفقه بهم، وتيسيره عليهم، مع أنه لم يعمل خيرا قط كما هي رواية النسائي وابن حبان: "إن رجلا لم يعمل خيرا قط، وكان يُداين الناس، فيقول لرسوله: خذ ما تيسر، واترك ما عسر وتجاوز، لعل الله تعالى أن يتجاوز عنا"
فلما أحسن الظن بالله -تعالى- وأحسن إلى عباد الله -تعالى-، تجاوز الله عن سيئاته والجزاء من جنس العمل.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: «كىشىلەرگە قەرز بېرىدىغان بىر كىشى بار ئىدى»، يەنى: ئۇ كىشىلەر بىلەن قەرزگە مۇئامىلە قىلاتتى ياكى مەلۇم مۇددەتتە بېرىشكە مال ساتاتتى، كىشىلەردىن قەرز سۈيلەپ بارىدىغان خىزمەتچىسىگە: قەرزدار كىشىنىڭ بېرىدىغان بىر نەرسىسى بولمىغانلىقتىن قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىسا، چىڭ تۇرۇپ سۈيلىمەي، مۆھلەت بېرىش بىلەن ياكى قەرزگە يەتمىسىمۇ بارىنى قوبۇل قىلىش بىلەن «ئۇنىڭدىن كەچۈرىۋەت» دەيتتى، بەلكىم ئاللاھ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى كەچۈرۈۋەتكىنىمىز، ئۇلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگىنىمىز، ئۇلاردىن قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۋەتكىنىمىز ئۈچۈن بىزنىمۇ كەچۈرۋىتەر، دەيتتى. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلغىنىغا قارىتا بەندىلەرنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. «ئۇ ئاللاھقا ئۇچراشقاندا، ئاللاھمۇ ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى» يەنى: ئۇنىڭ كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلغانلىقى، كۆيۈنگەنلىكى، ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن گەرچە ئۇ كىشى ھاياتىدا ياخشى ئەمەل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى. نەسائى ۋە ئىبنى ھىبباننىڭ رىۋايىتىدە: «ھاياتىدا پەقەت ياخشى ئىش قىلىپ باقمىغان بىر كىشى كىشىلەرگە قەرز بېرەتتى، قەرز سۈيلەيدىغان خىزمەتچىسىگە: ئاسان بولغاننى ئالغىن، قىيىنچىلىقى بارنى قويغىن، ئەپۇ قىلىۋەتكىن، ئاللاھ تائالامۇ بىزنى ئەپۇ قىلىۋىتەر دەيتتى». ئۇ ئاللاھ تائالاغا ياخشى قاراشتا بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلدى، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئۆتىۋەتتى، مۇكاپات قىلغان ئىشىنىڭ تۈرىدىن بولدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3753

 
Hadith   270   الحديث
الأهمية: كل أُمتي مُعَافَى إلا المُجاهرين


باشتېما:

ئۈممىتىمدىن ئاشكارىلىغۇچىلاردىن باشقا ھەر قاندىقى سالامەت قالىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: سمعت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يقول: «كل أُمتي مُعَافًى إلا المُجاهرين، وإنَّ من المُجَاهرة أن يعملَ الرجلُ بالليل عملًا، ثم يُصْبِح وقد سَتره الله عليه، فيقول: يا فلان، عَمِلت البَارحة كذا وكذا، وقد بَات يَسْتُره ربه، ويُصبح يَكشف سِتْرَ الله عنه».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۈممىتىمدىن ئاشكارىلىغۇچىلاردىن باشقا ھەر قاندىقى سالامەت قالىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بىر كىشى كېچىدە بىر ئىشنى قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئۇ تاڭ ئاتقاندا: ئى پالانى، مەن كېچىدە مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم، دېگەنلىكى ئاشكارىلىغانلىقتۇر، كىچىدە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئۇ تاڭ ئاتقاندا ئاللاھ ياپقاننى ئاچىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كل المسلمين قد عافاهم الله إلا من فضح نفسه بأن يعمل المعصية بالليل فيستره الله -عز وجل-، فيصبح ويخبر بها الناس، فالله يستره وهو يفضح نفسه.
603;ېچىدە بىرەر خاتالىقنى سادىر قىلىپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى يوشۇرسا، تاڭ ئاتقاندا ئۇنى كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ، ئۆزىنى رەسۋا قىلغان كىشىدىن باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ سالامەت قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3756

 
Hadith   271   الحديث
الأهمية: كنا نَرَفَعُ للنبي -صلى الله عليه وسلم- نَصِيبَهُ من اللَّبَنِ ، فَيَجِيءُ من الليل، فَيُسَلِّمُ تسليما لا يُوقِظُ نائما، ويسمع اليَقَظَانَ


باشتېما:

بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى

عن المِقْدَادُ -رضي الله عنه- في حديثه الطويل: كنا نَرَفَعُ للنبي -صلى الله عليه وسلم- نَصِيبَهُ من اللَّبَنِ ، فَيَجِيءُ من الليل، فَيُسَلِّمُ تسليما لا يُوقِظُ نائما، ويُسْمِعُ اليَقْظَانَ، فجاء النبي -صلى الله عليه وسلم- فَسَلَّمَ كما كان يُسَلِّمُ.

مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى، (بۈگۈنمۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئىلگىركىدەك سالام قىلدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
كان المقداد ومن معه -رضي الله عنهم- بعد أن يحلبوا الشاة ويشربوا نصيبهم من اللَّبن يرفعون نصيبه -صلى الله عليه وسلم-، حتى يأتي ليشربه، فكان -صلى الله عليه وسلم- إذا جاءهم من الليل وهم نيام سلَّم عليهم تسليمًا بصوت متوسط بين أقل الجهر وما فوقه، بحيث لا يوقظ نائما، وفي نفس الوقت يسمع اليقظان منهم.
605;ىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قوينى سېغىپ، سۇتتىن ئۆزلىرىنىڭ نىسىۋىسىنى ئېچىۋىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىپ نىسىۋىسىنى ئىچىشى ئۈچۈن ئېلىپ قوياتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئۇلار ئۇخلاپ قالغاندا كەلسە ئۇخلىغاننى ئويغاتمىغىدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك، ئوتتۇرا ھال ئاۋازدا سالام قىلاتتى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3757

 
Hadith   272   الحديث
الأهمية: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُفْطِرُ من الشهر حتى نَظُنَّ أن لا يَصوم منه، ويَصوم حتى نَظُنَّ أن لا يُفْطِر منه شيئًا، وكان لا تَشَاءُ أن تَرَاه من الليل    مُصَلِّيًا إلا رَأيْتَهُ، ولا نَائِمًا إلا رأيْتَه


باشتېما:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا ھەتتا بىز ئۇ بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ، ئويلاپ قالغۇدەك ھالدا روزىسىز يۈرەتتى، بەزى ئايلاردا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى ھەتتا بىز ئۇنى بۇ ئاينى بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە، ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ئۇخلاۋاتقان ھالەتتەكۆرەتتىڭ

عن أنس -رضي الله عنه- قال: كان رسول الله -صلى الله عليه وسلم- يُفْطِرُ من الشهر حتى نظن أن لا يصوم منه، ويصوم حتى نظن أن لا يُفْطِرَ منه شيئا، وكان لا تَشَاءُ أن تراه من الليل مُصَلِيًا إلا رأيتَه، ولا نائما إلا رأيتَه.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالغۇدەك ھالدا روزىسىز يۈرەتتى، بەزى ئايلاردا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئاينى بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەلەيتتىڭ، ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ ئۇخلاۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىڭ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يخبر أنس -رضي الله عنه- عن حال النبي -صلى الله عليه وسلم- في صيامه وقيامه، فيخبر أنه كان يُفْطِرُ من الشهر حتى يظن المرء أنه لا يصوم منه شيئا؛ لكثرة فطره فيه، ويصوم حتى    يُظن أنه لا يُفْطِر منه شيئًا؛ لكثرة صيامه فيه، و كذلك كان عليه -الصلاة والسلام- لا يَتَقَيَد بوقت معين في صلاة القيام، بل يصلي تارة في أول الليل، وتارة في وسطه، وتارة في آخره، بحيث لا تُحب أن تراه من الليل مصليًا إلا رأيته، ولا نائمًا إلا رأيته، فكان عَمَله التَوَسط بين الإفْرَاطِ والتفريط.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەپلە روزىسى، قىيامدا تۇرىشى قاتارلىق شەخسى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ دېيىشچە: بەزى ئايلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىزى ئوچۇق بولۇپ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ ئىپتار قىلغانلىقىغا قاراپ، بۇ ئايدا نەپلە روزا تۇتمايدىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، بەزى ئايلاردا نەپلە روزىنى شۇنداق كۆپ تۇتاتتىكى، ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا تولۇق روزا تۇتىدىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىك نامازنى مەلۇم بىر ۋاقىتتا بېكىتمەيتتى، بەلكى بەزى كېچىنىڭ دەسلىپىدە، بەزى كېچىنىڭ ئوتتۇرسىدا، بەزى ۋاقىتتا كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۇنى كېچىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە، كېچىدە ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەلەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئەمىلى سەل قاراش بىلەن چەكتىن ئاشۇرۋېتىشنىڭ ئارىسىدا ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3769

 
Hadith   273   الحديث
الأهمية: لا تَقُلْ عليك السلام؛ فإن عليك السلام تحيَّة المَوْتَى


باشتېما:

ئەلەيكەسسالام دېمە، چۈنكى ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام

عن أبي جُرَيٍّ الْهُجَيْمِيِّ -رضي الله عنه- قال: أتيت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- فقلت: عليك السلام يا رسول الله. قال: «لا تَقُلْ عليك السلام؛ فإن عليك السلام تحيَّة المَوْتَى».

ئەبۇ جۈرەي ئەلھۈجەيمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئەلەيكەسسالام ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلەيكەسسالام دېمە، ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن رجلاً جاء إلى النبي صلى الله عليه وسلم، فسلم عليه بقوله: "عليك السلام يا رسول الله" فنهاه النبي صلى الله عليه وسلم أن يسلِّم بتلك الصفة، ومن كراهته لذلك لَمْ يَرُدَّ عليه السلام، وبَيَّن له أن هذه التحية: "تحية الموتى"، ثم بَيَّن له كيفية السلام المشروعة كما في الحديث الآخر، قُلْ: "السلام عليك".   
وقوله صلى الله عليه وسلم: "عليك السلام تحية الموتى" ليس معنى ذلك: أن هذه التحية تُلقى عند زيارة القبور؛ لأن الثابت عنه صلى الله عليه وسلم عند زيارة القبور أن يقول: "السلام عليكم أهل دار قوم مؤمنين.."، بل قال ذلك -عليه الصلاة والسلام- إشارة إلى ما جرت به عادة أهل الجاهلية في تحية الأموات.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بىر ئەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بېرىپ: ئەلەيكەسسالام ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! -دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئەرنى بۇ سۈپەت بىلەن سالام بېرىشتىن توستى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل سالامنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە جاۋاپ قايتۇرماي، بۇ سالامنىڭ ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ئاندىن يەنە بىر ھەدىستە كەلگەندىكىدەك ئىسلامدا يولغا قويۇلغان سالامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ساڭا سالامەتلىك يار بولسۇن دېگىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرنىڭ سالامى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: بۇ سالام قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا قىلىنىدىغان سالام، چۈنكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر قەۋمىنىڭ دىيارى...» دېگەنلىكى ئىسپاتلاندى، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئۆلۈكلەرنى ھۆرمەتلەپ قىلىدىغان ئادىتىگە ئىشارەت قىلىپ دېگەن ئىدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3770

 
Hadith   274   الحديث
الأهمية: لا يَجزي ولدٌ والدًا إلا أن يَجده مملوكًا، فيَشتريه فيُعتِقه


باشتېما:

بالا ئاتىسىنىڭ ھەققىنى بېجىرىپ، ياخشىلىقىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، پەقەت دادا قۇل بولۇپ، بالا قۇل دادىسىنى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلىۋەتكەندە ئاندىن ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لاَ يَجْزِي ولدٌ والدًا إلا أن يجده مملوكًا، فَيَشْتَرِيَهُ فَيُعْتِقَهُ».

ئەبى ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «دادىسىنى قۇل ھالەتتە تىپىپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلغاندىن باشقا ئىش بىلەن بالا ئاتىنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لا يقوم ولد بما لأبيه عليه من حق ولا يكافئه بإحسانه به إلا أن يجده مملوكًا فيشتريه ويعتقه.
583;ادىنى قۇل ھالەتتە تىپىپ، ئۇنى سېتىۋېلىپ، ئازاد قىلغاندىن باشقا ئىش بىلەن، بالا ئۈستىدىكى ئاتىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرۇپ بولالمايدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3775

 
Hadith   275   الحديث
الأهمية: لا يَلِجُ النار رجل بَكى من خشية الله حتى يَعود اللَّبنُ في الضَّرْع


باشتېما:

ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ

عن أبي هريرة ـ رضي الله عنه ـ قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «لا يَلِجُ النارَ رجُل بَكى من خشية الله حتى يَعود اللَّبنُ في الضَّرْع، ولا يَجتمع غُبَارٌ في سبيل الله وَدُخَانُ جهنم».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشى سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ. يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشى جەھەننەمگە كىرمەيدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أخبر رسول الله صلى الله عليه وسلم أنه لا يدخل النار من بكى من خشية الله؛ لأن الغالب من الخشية امتثال الطاعة واجتناب المعصية؛ حتى يعود اللبن في الضرع، وهذا من باب التعليق بالمحال.
ولا يجتمع على عبد غبار في سبيل الله ودخان جهنم، فكأنهما ضدان لا يجتمعان كما أن الدنيا والآخرة نقيضان.
585;ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، ئاللاھتىن قورقۇپ يىغلىغان كىشىنىڭ دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى ئاللاھتىن قورقىغان ئادەم، كۆپۈنچە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، گۇناھ مەئسىيەتتىن يىراق بولىدۇ. سۈت ئەمچەككە قايتقانغا قەدەر دوزاخقا كىرمەيدۇ، دېگەن بۇ سۆز، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىشى مۈمكىن ئەمەس، دېگەن مەنىدە كەلگەن. ئاللاھ يولىدا قوزغالغان چاڭ-توزاڭ بىلەن جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى جەم بولمايدۇ، دېگەن بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى: بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە زىت، قارمۇ قارشى، شۇنىڭدەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتمۇ بىر-بىرىگە زىت قارمۇ-قارشى، دېگەن مەنىدە   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3778

 
Hadith   276   الحديث
الأهمية: لأَن يأخذ أحدكم أُحبُلَهُ ثم يأتي الجبل، فيأتي بِحُزْمَة من حطب على ظهره فيبيعها، فَيَكُفَّ الله بها وجهه، خيرٌ له من أن يسأل الناس، أعْطَوه أو مَنَعُوه


باشتېما:

ئەلۋەتتە سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىشى، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى كىشىلەر ئۇنىڭغا يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ

عن الزبير بن العَوَّام -رضي الله عنه- مرفوعاً: «لأَن يأخذ أحدكم أُحبُلَهُ ثم يأتي الجبل، فيأتي بِحُزْمَة من حطب على ظهره فيبيعها، فَيَكُفَّ الله بها وجهه، خيرٌ له من أن يسأل الناس، أعْطَوه أو مَنَعُوه».

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ تاققا چىقىپ، بىر باغلام ئوتۇننى مۈرىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىپ، شۇ ئارقىلىق (ئاللاھ ئۇنىڭ) يۈزىنى ساقلاپ قىلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەردىن تىلىگىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى كىشىلەر بىرىدۇ ياكى بەرمەيدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
أن اكتساب المرء من عمل يده خير له من أن يسأل الناس أموالهم: أعطوه أو مَنَعُوه، فالذي يأخذ حَبَلَه ويخرج إلى المراعي والمزارع، والغابات، فيجمع الحطب ويحمله على ظهره ويبيعه؛ فيحفظ بذلك على نفسه كرامتها وعزتها؛ ويقي وجهه ذلة المسألة، خيرٌ له من أن يسأل الناس أعطوه أو مَنَعُوه؛ فسؤال الناس مذلة، والمؤمن عزيز غير ذليل.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئىشلىشى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى سورىغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار خالىسا بېرىدۇ، خالىسا بەرمەيدۇ، ئارغامچىسىنى ئېلىپ يايلاق، ئېتىزلىق ۋە ئورمانلارغا چىقىپ ئوتۇن تېرىپ، دۈمبىسىگە ئارتىپ كېلىپ سېتىپ، تۇرمۇشىنى قامداپ ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراپ، خار بولغىنىدىن ياخشىدۇر، ئۇلار يا بېرىدۇ، يا بەرمەيدۇ، كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراش خارلىقتۇر، مۆمىن دېگەن ئىززەتلىكتۇر، خار ئەمەستۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3785

 
Hadith   277   الحديث
الأهمية: لِلْعَبْدِ المَمْلُوكِ المُصْلِحِ أجْرَان


باشتېما:

ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «للعبد المملوك المصلح أجران»، والذي نفس أبي هريرة بيده لولا الجهاد في سبيل الله والحج، وبِرُّ أمي، لأحببت أن أموت وأنا مملوك.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار» دېگەن ئىدى، ئەبۇ ھۈرەيرە: «ئەبۇ ھۈرەيرىنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىش، ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەككە پەتھى بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسى ئەبۇ قۇھاپە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئاق ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە كۆرگەن ۋاقتىدا: «بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار»دېدى، چۈنكى قارا رەڭ بولسا ئىنساننى ياشلىق ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىش يولى ۋە تەبىئىتىگە قارىشىدۇر، ئەمما قىزىل، سېرىق رەڭلەر بىلەن بوياش ياكى خىنە بىلەن ياكى باشقا ئارىلاشما رەڭلەر بىلەن بويىسا بولىدۇ، رەڭ قارىلىقتىن ھالىتىدىن چېقىپ كېتىپ، قارا بىلەن قېزىل ئارىسىدا بولۇپ قالسىمۇ بولىدۇ، چەكلىمە پەقەت قاپ-قارا رەڭدە بوياشتىن توسۇشتۇر، مۇسلىمنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان رىۋايىتىدە: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىنە بىلەن سۇس بويىغان دېيىلگەن قېلىش، ئانامغا ياخشىلىق قېلىش قاتارلىق ئەمەللەر بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن قۇل بولۇپ ئۆلۈشنى ياخشى كۆرەتتىم» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أي إذا أصلح العبد حاله مع سيده؛ بأن قام بما وجب عليه من طاعته فيما يأمره به بالمعروف وقام بحق الله تعالى من أداء الواجبات واجتناب المنهيات، فإن له الأجر مرتين يوم القيامة.
الأول: أجر قيامه بحق سيده فيما وجب عليه.
الثاني: أجر القيام بحق الله تعالى فيما افترضه الله عليه.
و أبو هريرة -رضي الله عنه- بعد رواية الحديث: أقسم بالله أنه لولا الجهاد في سبيل الله والحج وبرُّ أمه، لتمنى أن يكون عبداً مملوكًا.
إلا أن الذي يمنعه من ذلك: الجهاد في سبيل الله؛ لأن العبد ليس له الخروج للجهاد، إلا بإذن سيده وقد يمنعه لحاجته أو خوف هلاكه.
ولولا الحج لتمنى أن يكون عبداً مملوكاً؛ لأن العبد ليس له الخروج للحج إلا بإذن سيده، فقد يمنعه من الحج لحاجته إليه.
ومما يمنعه من تمني العبودية، بِرُّ أمه وطاعتها؛ فإن طاعة السيد مقدمة على طاعة والدته وحقه أوكد من حقها؛ لأن كلَّ منافعه مملوكة لسيده، فله التصرف المطلق، وهذا مما قد يمنعه من القيام على أمه وبرها وطاعتها.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: قۇل ئۆزىنىڭ خوجايىنى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى ياخشىلىسا، ياخشىلىقتىن ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئادا قىلسا، ئاللاھنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلسا، بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولسا، قىيامەت كۈنىدە ئۇ قۇل ئۈچۈن قوش ئەجىر بولىدۇ: بىرىنچى: ئۆزىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ھەققىنى ئورۇندىغانلىق. ئىككىنچى: ئۆز ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇندىغانلىق. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىش، ھەج قېلىش، ئانامغا ياخشىلىق قېلىش قاتارلىق ئەمەللەر بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن قۇل بولۇپ ئۆلۈشنى ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئاشۇنىڭدىن چەكلەپ قويىدۇ، چۈنكى قۇلنىڭ ئاللاھ جىھادقا چېقىشى كېرەك بولمايدۇ پەقەت خوجايىنىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىقسا بولىدۇ، خوجايىن ئۇنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشى ياكى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى ئۈچۈن جىھادقا چېقىشتىن چەكلەپ قويىدۇ، شۇنىڭدەك قۇلنىڭ خوجايىننىڭ رۇخسىتىسىز ھەج قېلىشى توغرا بولمايدۇ، خوجايىن ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن قۇلنى ھەج قىلىشتىن چەكلەپ قويىدۇ، يەنە قۇللۇقنى ئارزۇ قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان يەنە بىر ئىش بولسا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، قۇل ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ھەققىدىنمۇ خوجايىننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، قۇلنىڭ ھەممە پايدا-مەنپەئەتى خوجايىن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۆز ئالدىغا مۇتلەق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، بۇ ئىشلار ئۇنى ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەپ قويىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3792

 
Hadith   278   الحديث
الأهمية: لو كان لي مِثْلُ أحدٍ ذهبًا، لسرني أن لا تمر عليَّ ثلاث ليالٍ وعندي منه شيءٌ إلا شيء أرْصُدُهُ لِدَيْنٍ


باشتېما:

ئەگەر مېنىڭ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا مەن ئۇنىڭدىن قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىمدىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولاتتىم

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- عن رسول الله -صلى الله عليه وسلم- قال: «لو كان لي مِثْلُ أحدٍ ذهبًا، لسرني أن لا تمر عليَّ ثلاث ليالٍ وعندي منه شيءٌ إلا شيء أرْصُدُهُ لِدَيْنٍ».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر مېنىڭ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا مەن ئۇنىڭدىن قەرىز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىمدىن باشقا بىرەر نەرسىنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قېلىشىنى خالىمىغان بولاتتىم»دېگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
لو كنت أملك من المال مقدار جبل أحد من الذهب الخالص لأنفقته كله في سبيل الله، ولم أبق منه إلا الشيء الذي أحتاج إليه في قضاء الحقوق، وتسديد الديون التي عليّ.
574;ەگەر مەن ساپ ئالتۇندىن ئوھۇد تېغىنىڭ مىقدارىدا مال-مۈلۈككە ئېگە بولغان بولسام ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلىپ، ئۈستۈمدىكى قەرزلەرنى تۆلەش ۋە ھەقلەرنى ئادا قىلىشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىدىن باشقىسىنى قالدۇرمىغان بولاتتىم   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىغا ئائىتتۇر
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3850

 
Hadith   279   الحديث
الأهمية: ليس الواصل بِالمُكَافِىءِ، ولكنَّ الواصل الذي إذا قَطعت رحِمه وصَلَها


باشتېما:

بىرگە بىرنى ئۇدۇللاپ قىلغۇچى تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزگۈچى ئەمەس، ھەقىقەتەن تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزگۈچى باشقىلار ئۈزۈپ قويسىمۇ ئۇلارغا تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان كىشىدۇر

عن عبد الله بن عمرو بن العاص -رضي الله عنهما- عن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «ليس الواصل بالمُكَافِئِ ، ولكنَّ الواصل الذي إذا قَطعت رحِمه وصَلَها».

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىرگە بىرنى ئۇدۇللاپ قىلغۇچى تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزگۈچى ئەمەس، شۈبھىسىزكى، تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزگۈچى باشقىلار ئۈزۈپ قويسىمۇ ئۇلارغا تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان كىشىدۇر» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى قوله -صلى الله عليه وسلم-: "ليس الواصل بالمكافىء" أي ليس الإنسان الكامل في صلة الرحم والإحسان إلى الأقارب هو الشخص الذي يقابل الإحسان بالإحسان، بل الواصل حقيقة الكامل في صلة الرحم هو الذي إذا قطعت رحمه وصلها، حتى لو أساؤوا إليه، ثم قابل الإساءة بالإحسان إليهم، فهذا هو الواصل حقا، فعلى الإنسان أن يصبر ويحتسب على أذية أقاربه وجيرانه وأصحابه وغيرهم، فلا يزال له من الله ظهير عليهم، وهو الرابح، وهم الخاسرون.
وصلة الرحم تكون بالمال، والعون على الحاجة، ورفع الضرر، وطلاقة الوجه والدعاء لهم، والمعنى الجامع إيصال ما أمكن من الخير، ودفع ما أمكن من الشر بحسب الطاقة، وقد أكد الإسلام كثيراً على صلة الرحم، إلا أنه لا يعد من القطيعة من ترك صلة الرحم من باب الهجر الوقائي أو الردعي؛ كمن رأى المصلحة في ترك الصلة رجاء أن يعود رحمه إلى جادة الصواب، وترك المخالفات الدينية، أو خاف على نفسه وأهله أنه متى وصل رحمه وهم على تلك المخالفات الشرعية، لربما انتقلت العدوى إليه وإلى من تحت يده.
662;ەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرگە بىرنى ئۇدۇللاپ قىلغۇچى تۇققاندارچىلىقنى ئۇلىغۇچى ئەمەس» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: ياخشىلىقنىڭ باراۋىرىگە ياخشىلىق قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە سىلە-رەھىم قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ھەقىقى سىلە-رەھىمنى ئۇلۇغۇچى: باشقا تۇققانلىرى ياخشىلىق قىلمىسىمۇ ھەتتا يامانلىق قىلسىمۇ ئۇلارغا يامانلىق باراۋىرىگە ياخشىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، مانا بۇ ھەقىقى ئۇرۇق-تۇققانچىلىقنى ئۇلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، خولۇم-خوشنىلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىشى ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ، ئۇ كىشى پايدىغا ئېرىشىدۇ، باشقىلار بولسا زېيان تارتىدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلىقنى ئۇلاش مال بىلەن، ھاجاتمەنلەرگە ياردەم قىلىش بىلەن، زەرەرنى يوق قىلىش بىلەن، باشقىلارغا ئوچۇق چىراي ئېچىش بىلەن ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ، ئومۇمەن تۇققاندارچىلىقنى ئۇلاش دېگەن كۈچىنىڭ يېتىشچە مۇمكىن بولغان ياخشىلىقىنى يەتكۈزۈش ۋە يامانلىقنى كەتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ، ئىسلام تۇققاندارچىلىقنى ئۇلاشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش: تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزمىگەن كىشى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش تاشلىۋىتىپ ساقلىنىش ياكى قوغدىنىشنىڭ بابىدىن ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى تۇققانلىرىنىڭ توغرا يولغا قايتىشى، دىنى جەھەتتىن بولغان خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشى ئۈچۈن ياكى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەسلەھەتى ئۈچۈن تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزمىگەن بولسا بۇنىڭ زېيىنى يوق، چۈنكى ئۇلارغا تۇققاندارچىلىقنى يەتكۈزسە ئۇلار دىنى جەھەتتىن بولغان خاتالىقلىرىنى تۈزەتمىسە ياكى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە بولغان دۈشمەنلىكى ئۆزگەرمىسە بۇنىڭ زېينىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەتكۈزمەسلىك ياخشى بولىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3854

 
Hadith   280   الحديث
الأهمية: مَا أحَدٌ يَدْخُل الجنَّة يُحِبُّ أن يَرجع إلى الدنيا وله ما على الأرض من شيء إلا الشَّهيد، يَتَمَنَّى أن يَرجع إلى الدنيا، فيُقْتَل عَشْر مَرَّاتٍ؛ لما يَرَى من الكَرَامة


باشتېما:

جەننەتكە كىرىدىغان شەھىدتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ

عن أنس -رضي الله عنه-: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- قال: «مَا أحَدٌ يَدْخُل الجنَّة يُحِبُّ أن يَرجع إلى الدنيا وله ما على الأرض من شيء إلا الشَّهيد، يَتَمَنَّى أن يَرجع إلى الدنيا، فيُقْتَل عَشْر مَرَّاتٍ؛ لما يَرَى من الكَرَامة».
   وفي رواية: «لما يَرى من فَضْل الشَّهادة».

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە كىرىدىغان شېھىتتىن باشقا بىرەر كىشى زېمىندىكى بارلىق نەرسە ئۇنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، شەھىد ئۆزى كۆرىۋاتقان ھۆرمەت ئۈچۈن دۇنياغا قايتىپ، يەنە ئون قېتىم ئۆلتۈرىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە: شېھىت بولغۇچى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى كۆرگەندىن كىيىن قايتىدىن شېھىت قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
ليس هناك أحد يتمنى ويرغب أن يفارق الجنة بعد دخولها، ويعود إلى الدنيا مرة أخرى، ولو أعطي الأرض كلها بما فيها من كنوز ونفائس، وما عليها من قصور عالية وحدائق غناء، ثم استثنى من ذلك الشهيد، فإنه يحب العودة إلى الدنيا عشر مرات لكي يجاهد كل مرة في سبيل الله ويستشهد فيفوز بالشهادة عشر مرات بدل مرة واحدة، وذلك لما يرى من الكرامة التي يلاقيها الشهداء.
580;ەننەتكە كېرىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتكۈل زېمىن ئىچىدىكى ئېسىل نەرسىلەر، خەزىنىلەر، ئالى قەسىر-ئوردىلار، گۈزەل باغلار ئىنئام قىلىنسىمۇ، جەننەتتىن ئايرىلىپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم قايتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھېچ كىشى چىقمايدۇ، شەھىد بۇنىڭ سېرتىدا بولۇپ، ئۇ شەھىدلەر ئېرىشىدىغان ھۆرمەتنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ، شەھىدلىك ئىزدەپ، بىر قېتىمنىڭ ئورنىغا ئون قىتىم شەھىدلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دۇنياغا ئون قېتىملاپ قايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3864

 
Hadith   281   الحديث
الأهمية: ما اغْبَرَّتْ قَدَمَا عَبْدٍ في سَبِيل الله فَتَمَسَّهُ النَّار


باشتېما:

ئاللاھنىڭ يولىدا بەندىنىڭ ئىككى پۇتى توپىغا مىلەنسە، ئۇنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرمەيدۇ

عن أبي عَبْس عبد الرحمن بن جبر -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما اغْبَرَّتْ قَدَمَا عَبْدٍ في سَبِيل الله فَتَمَسَّهُ النَّار».

ئەبۇ ئەبس ئابدۇراھمان ئىبنى جەبر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنىڭ يولىدا بەندىنىڭ ئىككى پۇتى توپىغا مىلەنسە، ئۇنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الذي يخرج في طريق ليقاتل في سبيل الله -تعالى- فاغْبَرَّت قَدَمَاه في طريقه كان ذلك سببا في وقَايته من النار، وفي لفظ للبخاري:"مَنِ اغْبَرَّتْ قَدَمَاه في سبيل الله حَرَّمَهُ الله على النَّار".
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان كىشىنىڭ ئىككى پۇتى ئۇ يولدا توپىغا مىلەنسە، بۇ ئۇنىڭ دوزاختىن ساقلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، بۇخارىدا بايان قىلىنغان تېكىستتە: «كىم ئىككى پۇتىنى ئاللاھنىڭ يولىدا توپىغا مىلىسە، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ» دېيىلگەن   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3868

 
Hadith   282   الحديث
الأهمية: ما الدنيا في الآخرة إلا مِثْل ما يجعل أحدكم أُصْبُعَهُ في اليَمِّ، فلينظر بِمَ يَرْجع


باشتېما:

دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن، پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دىڭىزغا تىقىپ چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قاراپ باقسۇن، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ؟

عن المُسْتَوْرِد بن شَدَّاد -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما الدنيا في الآخرة إلا مِثْل ما يجعل أحدكم أُصْبُعَهُ في اليَمِّ، فلينظر بِمَ يَرْجع!».

مۇستەۋرىد ئىبنى شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇنيا ئاخىرەتكە نىسبەتەن، پەقەت سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بارمىقىنى دىڭىزغا تىقىپ چىقارغىنىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قاراپ باقسۇن، بارمىقى نېمە بىلەن قايتىدۇ؟»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث: أنك إذا أردت أن تعرف حقيقة الدنيا بالنسبة للآخرة، فضع إصبعك في البحر، ثم ارفعها، ثم انظر بماذا ترجع؟!
لا ترجع بشيء، مقارنة بالبحر، وهذا معنى الدنيا بالنسبة إلى الآخرة في قصر مدتها وفناء لذاتها ودوام الآخرة ودوام لذاتها ونعيمها إلا كنسبة الماء الذي يعلق بالأصبع إلى باقي البحر.
وقال تعالى: (فما متاع الحياة الدنيا في الآخرة إلا قليل).
فجميع ما أوتيه الخلق من نعيم الدنيا وملاذها، يتمتع بها العبد وقتاً قصيراً، محشواً بالمنغصات، ممزوجاً بالمكدرات، ويتزين به الإنسان زماناً يسيرا للفخر    والرياء، ثم يزول ذلك سريعا، ويعقب الحسرة والندامة: (وما أوتيتم من شيء فمتاع الحياة الدنيا وزينتها وما عند الله خير وأبقى أفلا تعقلون).
فما عند الله من النعيم المقيم، والعيش الهني، والقصور والسرور خير وأبقى في صفته وكميته، وهو دائم أبدًا.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: سەن ئاخىرەتكە نىسبەتەن دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولساڭ، بارمىقىڭنى دېڭىز سۈيىگە چىلاپ ئاندىن ئېلىپ باق، ئاندىن قاراپ باق نېمە بىلەن قايتىدۇ؟ دېڭىز سۈيىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسە بىلەن قايتمايدۇ، بۇ ئاخىرەتكە نىسبەتەن دۇنيا مۇددىتىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكى، لەززىتىنىڭ تېز ئاخىرلىشىدىغانلىقى، ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، لەززىتىنىڭ ۋە نېمەتلىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ خۇددى بارماقنى سۇغا چىلاپ ئالغانچىلىك ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا: «دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، (پايدىسى) ئاز نەرسىدۇر» [تەۋبە سۈرىسى 38_ئايەت]. دۇنيا نېمەتلىرى ۋە لەززەتلىرىدىن خالايىقلارغا بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، ئىنساننىڭ ئۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىت جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىقلار بىلەن نېمەتلىنىشى، مەلۇم ۋاقىت زىننەتلىنىپ باشقىلارغا پەخىرلىنىش، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ تېزلىكتە يوق بولىشى، ئۇنىڭغا ھەسرەت-نادامەتلەرنىڭ ئەگىشىپ كېلىشى: «سىلەرگە قانداق نەرسە بېرىلمىسۇن، (ئۇ) دۇنيا تىرىكچىلىكىدىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ باقىيدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟» مۇشۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دائىملىق نېمەت، ئېسىل تۇرمۇش، ئالىي قەسىر ۋە خۇرسەنلىك ئۆزىنىڭ ئەسلى سۈپىتى، مىقدارى بويىچە باقىدۇر، ياخشىدۇر ۋە ئەبەدىي داۋام قىلغۇچىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3876

 
Hadith   283   الحديث
الأهمية: هذا خَيرٌ من مِلءِ الأرض مثل هذا


باشتېما:

بۇ ئاجىز كىشى ماۋۇنىڭغا ئوخشاش كىشلەردىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر

عن سهل بن سعد الساعدي -رضي الله عنه- قال: مَرَّ رجلٌ على النبي -صلى الله عليه وسلم- فقال لرجل عنده جالسٌ: «ما رأيُك في هَذا؟»، فقال: رجل من أَشراف الناس، هذا والله حَرِيٌّ إن خَطب أن يُنْكَحَ، وإن شَفع أن يُشَفَّعَ، فَسكت رسول الله -صلى الله عليه وسلم- ثم مرَّ رجلٌ آخر، فقال له رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما رأيُك في هذا؟» فقال: يا رسول الله، هذا رجلٌ من فقراء المسلمين، هذا حَرِيٌّ إن خَطب أن لا يُنْكَحَ، وإن شَفَعَ أن لا يُشَفَّعَ، وإن قال أن لا يُسمع لقوله، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «هذا خَيرٌ من مِلءِ الأرض مثل هذا».

سەھلە ئىبنى سەئىد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمەتلىكراقى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇ بىرەرىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويسا، تەلىپى رەت قىلىنمايدىغان، شۇنداقلا بىرەر كىشىگە شاپائەت قىلسا، شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى،-دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى، ئاندىن يەنە بىر كىشى ئۆتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دېدى، ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمبەغەل كىشىلىرىدىن، ئەگەر ئۇ بىرەرسىگە ئۆيلىنىش تەلىپى قويسا، ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆز قىلسا سۆزى ئېتبارغا ئېلىنمايدىغان كىشى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن دەۋاتقان كىشىلەر نەزىرىدىكى بۇ ئىتىبارسىز كىشى سەن يۇقىرىدا دېگەن ھىلىقى كىشىلەردەكلەردىن زېمىنغا توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث : مرَّ بالنبي -صلى الله عليه وسلم- رجلان، أحدهما: من أشراف القوم، وممن له كلمة فيهم، وممن يجاب إذا خطب، ويسمع إذا قال، والثاني بالعكس، رجل من ضعفاء المسلمين ليس له قيمة، إن خطب فلا يجاب، وإن شفع فلا يشفع، وإن قال فلا يسمع.
فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: (هذا خير من مِلء الأرض مثل هذا) أي: خير عند الله -عز وجل- من مِلء الأرض من مثل هذا الرجل الذي له شرف وجاه في قومه؛ لأن الله -سبحانه وتعالى- لا ينظر إلى الشرف، والجاه، والنسب، والمال، والصورة، واللباس، والمركوب، والمسكون، وإنما ينظر إلى القلب والعمل، وفي الحديث: (إن الله لا ينظر إلى صوركم، ولا إلى أموالكم، ولكن إنما ينظر إلى قلوبكم وإلى أعمالكم)، رواه مسلم.
فإذا صلح القلب فيما بينه وبين الله -عز وجل-، وأناب إلى الله، وصار ذاكراً لله -تعالى- خائفاً منه، مخبتاً إليه، عاملاً بما يرضي الله -عز وجل-، فهذا هو الكريم عند الله، وهذا هو الوجيه عنده، وهذا هو الذي لو أقسم على الله لأبره.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ئىككى كىشى ئۆتتى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى: قەۋمنىڭ ئىچىدىكى ئابرويلۇق، باشقىلارغا سۆزلىسە گېپى ئۆتىدىغان، سۆزىنى ئاڭلايدىغان، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشى، ئىككىنچىسى بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئاجىز كىشىلەردىن بولۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىناۋىتى يوق، باشقىلارغا تەلەپ قويسا تەلىپى رەت قىلىنىدىغان، شاپائەت قىلسا شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدىغان، سۆزلىسە گېپىنى ئاڭلىمايدىغان كىشى ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ كەمبەغەل كىشى مۇنداق ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقىچە بولغىنىدىن ياخشىدۇر» دېدى، يەنى بۇ كەمبەغەل كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا، ئۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز قەۋمى ئىچىدە ئىناۋەتلىك، ئابرويلۇق كىشىدىن زېمىن توشقۇدەك بولغىنىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا شان-شەرەپ، يۈز-ئابروي، مال، نەسەب، چىرايىڭلارغا قارىماستىن، بەلكى سىلەرنىڭ قەلىبلىرىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ. ھەدىستە: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ چىرايىڭلارغا، مال-مۈلكىڭلارغا قارىمايدۇ، لېكىن قەلبىڭلارغا ۋە قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارايدۇ» دېيىلگەن، ئۇنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، 2564-نومۇرلۇق ھەدىس، ئىنسان ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى ئىشلاردا قەلبىنى ئىسلاھ قىلىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگۈچى، ئاللاھدىن قورۇققۇچى، ئاللاھ تەرىپىگە قايتقۇچى ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلغۇچى بولىدۇ، بۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىززەت-ھۆرمەتلىكتۇر، مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئابروي، مانا بۇ ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلسا، ئاللاھ قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3880

 
Hadith   284   الحديث
الأهمية: ما سُئل رسول الله - صلى الله عليه وسلم- شيئا قطُّ، فقال: لا


باشتېما:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەر قاچان بىر نەرسە سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ياق دەپ باققان ئەمەس

عن جابر بن عبد الله -رضي الله عنهما- قال: ما سُئل رسول الله - صلى الله عليه وسلم- شيئا قطُّ، فقال: لا.
   وعن أنس -رضي الله عنه- قال: ما سئل رسول الله -صلى الله عليه وسلم- على الإسلام شيئا إلا أعطاه، ولقد جاءه رجل، فأعطاه غنما بين جبلين، فرجع إلى قومه، فقال: يا قوم، أسلموا فإن محمدا يعطي عطاء من لا يخشى الفقر، وإن كان الرجل ليسلم ما يريد إلا الدنيا، فما يلبث إلا يسيرا حتى يكون الإسلام أحب إليه من الدنيا وما عليها.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەر قاچان بىر نەرسە سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ياق دەپ باققان ئەمەس». ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام ئۈچۈن ھەر قاچان بىرەر نەرسە سورالسا ئۇنى بېرەتتى، بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر نەرسە سوراپ كېلىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھسسالام ئۇنىڭغا ئىككى تاغ ئارىسىدىكى بىر توپ پادىنى بېرىۋەتتى، ئۇ كىشى مەھەللىسىگە قايتىپ بېرىپ: ئى قەۋمىم! مۇسۇلمان بولۇڭلار! ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزى كەمبەغەل بولۇپ قىلىشتىن قورۇقمايدىغان كىشىدەك بېرىدىكەن، دەيدۇ، گەرچە بىر كىشى مال-دۇنيا ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىسلام ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيا ۋە دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈك بولۇپ كېتەتتى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن النبي -صلى الله عليه وسلم- ما سأله أحدٌ شيئا من أمور الدنيا، فقال : (لا) مَنْعَا للعطاء، بل إن كان عنده أعطاه، أو قال له ميسوراً من القول، امتثالا لأمر الله -تعالى- في قوله: (وأما السائل فلا تنهر).
وروى البخاري في الأدب المفرد، عن أنس، أنه -صلى الله عليه وسلم-: "كان رحيما، فكان لا يأتيه أحد إلا وعَدَه وأَنَجَزَ له إن كان عنده".
وعن أبي هريرة -رضي الله عنه-، أن رجلا أتى النبي -صلى الله عليه وسلم-، فبعث إلى نسائه فقلن: ما معنا إلا الماء، فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: "من يَضُمُّ أو يُضِيفُ هذا" رواه البخاري .
وفي البخاري أيضاً    عن سهل بن سعد -رضي الله عنه-، قال: جاءت امرأة ببردة... قالت: يا رسول الله إني نَسَجْتُ هذه بيدي أَكْسُوكَهَا، فأخذها النبي -صلى الله عليه وسلم- محتاجا إليها، فخرج إلينا وإنها إزاره، فقال رجل من القوم: يا رسول الله، اكْسُنِيهَا، فقال: "نعم"،    فجلس النبي -صلى الله عليه وسلم- في المجلس، ثم رجع، فَطَوَاهَا ثم أرسل بها إليه، فقال له القوم: ما أحسنت، سألتها إياه، لقد علمت أنه لا يَرُدُّ سائلا، فقال الرجل: والله ما سألته إلا لتكون كفَنِي يوم أموت، قال سهل: فكانت كفَنُه".
    فهذا هو حاله -صلى الله عليه وسلم- مع من سأله، فإن كان عنده أعطاه إياه ولو كان للنبي -صلى الله عليه وسلم- حاجة به وإن لم يكن عنده اعتذر له أو وعَدَهُ إلى حين أو شَفَعَ له عند أصحابه، وهذا من جوده وكرمه وحسن أخلاقه -صلى الله عليه وسلم-.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىرەر كىشى دۇنياغا ئالاقىدار بىرەر نەرسىنى سوراپ قالسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە بەرمەسلىكنى مەقسەت قىلىپ ياق دەپ باقمىدى. بەلكى يېنىدا بار نەرسە بولسا بەردى، ياكى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ :«بىر نەرسە سورىغۇچىغا قوپاللىق قىلما» دېگەن ئايىتى بويىچە، چىرايلىق سۆز قىلىپ قايتۇراتتى. ئىمام بۇخارى ئۆزىنىڭ ئادابۇل مۇفرەد ناملىق ئەسىرىدە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەك كۆيۈمچان بولغانلىقى ئۈچۈن بىرەرسى بىر نەرسە سوراپ كەلسە، يېنىدا بولسا بېرەتتى، يېنىدا بولمىسا كېيىن بېرىشكە ۋەدە قىلاتتى». بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئادابۇل مۇفرەدنىڭ ئېزاھاتى145-بەتتە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ يەيدىغان بىر نەرسە سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ يېنىغا يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟دەپ ئادەم ئەۋەتىدۇ، ئۇلار: بىزنىڭ يېنىمىزدا پەقەت سۇ بار دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ كىشىنى كىم مېھمان قىلىۋالىدۇ؟» دېگەن. بۇخارى رىۋايىتى(3798). بۇخارى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە(2093)سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، بىر ئايال بىر تون چاپاننى ئېلىپ كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇنى سىلىگە كەيدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۆز قولۇم بىلەن توقۇغانتىم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئالدى ۋە ئۆيگە كېرىپ ئۇنى كېيىپ چىقتى، جامائەتنىڭ ئارىسىدىن بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىيىمنى ماڭا بەرگەن بولسىلا؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماقۇل بېرەي» دەپ شۇ سورۇندا ئولتۇردى، ئاندىن ئۆيگە كېرىپ كېتىپ، ئۇ كىيىمنى قاتلاپ ھىلىقى كىشىگە چىقارتىپ بەردى، سورۇندىكىلەر ھىلىقى كىشىگە كايىپ: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ كىيىمنى سوراپ ياخشى قىلمىدىڭ، سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە سورىغان كىشىنى قۇرۇق قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ؟ دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنى پەقەت ۋاپات بولغان كۈنۈمدە كېپەنلىكىم قىلىش ئۈچۈن سورىدىم دېدى، سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇ كىيىم ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ كېپەنلىكى بولدى، دەيدۇ. مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە سورىغان كىشى بىلەن بولغان ئەھۋالى، سورىغان نەرسە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولسا گەرچە ئۇنىڭغا ھاجىتى بولسىمۇ ئۇنى سورىغۇچىغا بېرەتتى، ئەگەر يېنىدا يوق نەرسە بولسا، بىر نەرسە سورىغان كىشىگە چىرايلىق كۆڭۈل قويۇپ قوياتتى ياكى مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بېرىشكە ۋەدە قىلاتتى ياكى ساھابىلارنى ئۇ كىشىگە ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەيتتى، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىيلىقى، ئېسىللىقى ۋە گۈزەل ئەخلاقىدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3885

 
Hadith   285   الحديث
الأهمية: ما من قَوْمٍ يَقُومُونَ من مجلس لا يَذْكُرُون الله تعالى فيه، إلا قاموا عن مثل جِيفَةِ حمار، وكان لهم حَسْرَةً


باشتېما:

قانداق بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھنى ئەسلىمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ تاپى ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەت بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما من قوم يقومون من مجلس لا يذكرون الله -تعالى- فيه، إلا قاموا عن مثل جيفة حمار، وكان لهم حسرة».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قانداق بىر قەۋم بىرەر سورۇندىن ئاللاھنى ئەسلىمەي تۇرۇپ كەتسە، خۇددى ئېشەكنىڭ تاپىنىڭ ئۈستىدىن تۇرۇپ كەتكەندەك بولىدۇ، ئۇ سورۇن ئۇلار ئۈچۈن ھەسىرەت بولىدۇ»

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن من جلسوا في مجلس لم يذكروا الله -تعالى- فيه فحالهم كمثل حال الذي يجلس في مائدة ضيافتها جِيفَةُ حمار، التي هي غاية في النتانة والقذارة، ويقوم عن ذلك المجلس كمن يقوم عن هذه الجيفة، وهذا مثال للتفريط في ذكر الله، فيتندمون أشد الندم على ما فرطوا في أوقاتهم وأضاعوها فيما لا نفع فيه.
فينبغي على المسلمين: أن يحرصوا كل الحرص على أن تكون مجالسهم طاعة وعبادة وأن يفروا من مجالس اللهو كما يفرون من النتانة والقذارة، فإن الإنسان مسؤول عن أوقاته، ومحاسب عليها، فإن كان خيرًا فخير وإن كان شرًا فشر.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ھەرقانداق بىر جامائەت بىرەر سورۇندا ئولتۇرسا، ئۇلار ئۇ سورۇندا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي تۇرۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئەڭ سېسىق ۋە پاسكىنا بولغان ئېشەكنىڭ تاپىنى زىياپەت قىلغان دەستۇرخاندا ئولتۇرغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. سورۇندىن ئاللاھنى زىكىر قىلماي ئورنىدىن تۇرغانلار خۇددى مۇشۇنداق ئېشەك تاپى قويۇلغان سورۇندىن تۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا سەل قارىغاننىڭ مىسالى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى سەل قاراپ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان ئىشلارغا زايە قىلىۋەتكەنلىكلىرىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆزلىرىنىڭ سورۇنلىرىنى تائەت-ئىبادەت ۋە زىكىر-سۆھبەت سورۇنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، سېسىق ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن يىراق بولغاندەك پايدىسىز سورۇنلاردىن يىراق بولىشى كېرەك، ئىنسان ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا مەسئۇل بولىشى لازىم، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ۋاقتىدىن ھېساب بېرىدۇ، ئەگەر ياخشىلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئەگەر يامانلىقتا ئۆتكۈزگەن بولسا ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3910

 
Hadith   286   الحديث
الأهمية: ما من مسلم يَغرس غَرسًا إلا كان ما أُكل منه له صدقة، وما سُرق منه له صدقة، ولا يَرْزَؤُهُ أحد إلا كان له صدقة


باشتېما:

ھەر قانداق كىشى بىر كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلسە ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر سەدىقە، ئۇنىڭ مېۋىسى ئوغىرلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ۋە بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ

عن جابر-رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «ما من مسلم يَغرس غَرسا إلا كان ما أُكل منه له صدقة، وما سُرق منه له صدقة، ولا يَرْزَؤُهُ أحد إلا كان له صدقة».
وفي رواية: «فلا يَغرس المسلم غَرسا فيأكلَ منه إنسان ولا دَابَة ولا طير إلا كان له صدقة إلى يوم القيامة»، وفي رواية: «لا يَغرس مسلم غرسا، ولا يزرع زرعًا، فيأكل منه إنسان ولا دَابَة ولا شيء، إلا كانت له صدقة».

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قانداق بىر كىشى بىر كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ مېۋىسى يېيىلسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە، ئۇنىڭ مېۋىسى ئوغرىلىنىپ كەتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ۋە بىرسى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى قۇشلار يېسە ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇ» دېيىلگەن، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەگەر بىر مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ئىنسان ياكى ھايۋان ياكى ئۇچار-قۇشلار يېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەتكىچە سەدىقە بولىدۇ

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى هذا الحديث أنه ما من أحد من المسلمين يغرس غرسًا أو يزرع زرعًا، فيأكل منه حي من أحياء المخلوقات، إلا أثيب على ذلك، حتى بعد مماته فيجري له عمله ما بقي زرعه وغراسه.
ففي حديث الباب الحث على الزرع، وعلى الغرس، وأن الزرع والغرس فيه الخير الكثير، فيه مصلحة في الدين، ومصلحة في الدنيا.
وأنه إذا أكل منه صار له صدقة، وأعجب من ذلك لو سرق منه سارق، كما لو جاء شخص مثلًا إلى نخل وسرق منه تمرًا، فإن لصاحبه في ذلك أجرًا، مع أنه لو علم بهذا السارق لرفعه إلى المحكمة، ومع ذلك فإن الله تعالى يكتب له بهذه السرقة صدقة إلى يوم القيامة.
كذلك أيضًا: إذا أكل من هذا الزرع دواب الأرض وهوامها كان لصاحبه صدقة.
وخص الحديث بالمسلم؛ لأنه الذي ينتفع بثواب الصدقة في الدنيا والآخرة.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: بىر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا ئۇنىڭ مېۋىسىنى ھايات مەخلۇقاتلار يەپلا قالسا، ئۇ كىشى تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپ بېرىلىدۇ، تىككەن كۆچەت ۋە تېرىغان زىرائەت قالغانغا قەدەر ئۇ كىشىگە ياخشىلىق يېزىلىپ تۇرىدۇ. بۇ باپتا بايان قىلىنغان ھەدىستە، زىرائەت تېرىش ۋە كۆچەت تىكىشكە رىغبەتلەندۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭدا دىنى ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن مەنپەئەت ۋە كۆپ ياخشىلىق بولىدۇ، تېرىغان زىرائەت ۋە تىككەن كۆچەتتىن بىرەر جانلىق يېسە ئۇ كىشىگە سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ھەيران قالارلىقى بىرەر ئوغرى كېلىپ مېۋىدىن ئوغرىلاپ كەتسە، خۇددى بىر ئادەم خورمىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئوغرىلاپ كەتسە، ئۇنىڭغا ئاشۇنىڭدىمۇ ئەجىر بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ كىشى ئوغرىنى سوتقا ئېلىپ بېرىپ جازاغا تارتتۇرسىمۇ، ئاللاھ تائالا مۇشۇ ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ ساۋابىنىمۇ قىيامەتكىچە ئۇ كىشىگە يازىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ نەرسىلەردىن چارىپايلار يېسە ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ، ھەدىسنى مۇسۇلمانغا خاس قىلدى، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن قىلغان سەدىقىسىنىڭ ساۋابىدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىنىدۇ   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3911

 
Hadith   287   الحديث
الأهمية: مَا يَجِدُ الشَّهيد من مَسِّ القتل إلا كما يَجِدُ أَحَدُكُمْ من مَسِّ القَرْصَةِ


باشتېما:

شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «مَا يَجِدُ الشَّهيد من مَسِّ القتل إلا كما يَجِدُ أَحَدُكُمْ من مَسِّ القَرْصَةِ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: أن الإنسان إذا استشهد في سبيل الله، فإن ما يُصيبه من مَسِّ القتل وفي رواية الدارمي: "من ألم القتل" لا يشعر به إلا كما يشعر أحدنا من قرصة النملة، وفي رواية الدارمي: "من ألم القرصة".
والمعنى: أن الشهيد لا يُكابد شدة الموت وسكراته،كما هو حال غيره من الناس، بل إن أشد ما يجده ويعانيه عند موته هو ما نجده من قَرْصة النملة فيما تحدثه من ألمٍ في سرعة زواله، فلا يشعر به،وهذا من فضل الله -تعالى- على الشهيد، فإنه لمَّا    قَدَّم روحه في سبيل الله -تعالى- رخيصة، هَوَّن الله عليه ألم القتل.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان ۋاقىتتا، ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئۇنىڭغا يېتىدىغان نەرسە، دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە: ئۆلتۈرۈلۈشتىن يەتكەن ئەلەمدىن خۇددى بىزلەرنىڭ بىرىمىز چۆمۈلە چېقىۋالغاندا ئاغرىق ھېس قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە: چۆمۈلە چاققانچىلىك ھېس قىلىدۇ، دېيىلگەن، يەنى شېھىت باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش سەكراتنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ ئاچچىغىنى تېتىمايدۇ، بەلكى ھېس قىلىدىغان ئەڭ قاتتىق ئاغرىق چۆمۈلە چېقىۋالغانچىلىك ئاغرىق بولىدۇ، چۆمۈلىنىڭ چاققان ئاغرىقى تىزدىن يوق بولىدۇ، ئىنسان ئۇنى تۇيماي قالىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شېھىتكە قىلغان مەرھىمىتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئاللاھنىڭ يولىدا ئەرزىمەس قىلىپ تەقدىم قىلغاچقا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا ئۆلۈمنىڭ ئاغرىقىنى يەڭگىل قىلدى   --  ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)   →   ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3914

 
Hadith   288   الحديث
الأهمية: ما يَسُرُّنِي أن عندي مثل أُحُدٍ هذا ذهبًا تمضي عليَّ ثلاثة أيام وعندي منه دينارٌ، إلا شيء أرصده لِدَيْنٍ، إلا أن أقولَ به في عباد الله هكذا وهكذا وهكذا

Esin Hadith Text Uyghur


«مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا، ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، مېنى خوشال قىلىدىغىنى، شۇنداق دەيمەنكى، ئوھۇد تېغى مېنىڭ بولۇپ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق بەرسەم» دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ، سول ۋە كەينى تەرەپلىرىگە ئىشارەت قىلدى

عن أبي ذر -رضي الله عنه- قال: كنت أمشي مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في حَرَّةٍ بالمدينة، فاستقبلنا أُحُدٌ، فقال: «يا أبا ذر» قلت: لبيك يا رسول الله. فقال: «ما يَسُرُّنِي أن عندي مثل أُحُدٍ هذا ذهبًا تمضي علي ثلاثة أيام وعندي منه دينارٌ، إلا شيء أرصده لِدَيْنٍ، إلا أن أقولَ به في عباد الله هكذا وهكذا وهكذا» عن يمينه وعن شماله ومن خلفه، ثم سار، فقال: «إن الأكثرين هم الأَقَلُّونَ يوم القيامة إلا من قال بالمال هكذا وهكذا وهكذا» عن يمينه وعن شماله ومن خَلفه «وقليل ماهم». ثم قال لي: «مكانك لا تَبْرح حتى آتيك» ثم انطلق في سوادِ الليل حتى تَوارى، فسمعت صوتًا، قد ارتفع، فَتَخَوَّفْتُ أن يكون أحدٌ عَرض للنبي -صلى الله عليه وسلم- فأردت أن آتيه فذكرت قوله: «لا تَبْرَحْ حتى آتيك» فلم أبْرَحْ حتى أتاني، فقلت: لقد سمعت صوتًا تَخَوَّفْتُ منه، فذكرت له، فقال: «وهل سمعته؟» قلت: نعم، قال: «ذاك جبريل أتاني فقال: من مات من أُمتك لا يُشرك بالله شيئًا دخل الجنة»، قلت: وإن زنى وإن سرق؟ قال: «وإن زنى وإن سرق».

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىدىكى قارا تاشلىقتا كېتىۋاتاتتىم، بىزگە ئوھۇد تېغى كۆرۈندى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئەبۇ زەر! دېدى، مەن: خوش ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا، مېنى خوشال قىلىدىغىنى، شۇنداق دەيمەنكى، ئوھۇد تېغى مېنىڭ بولۇپ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق بەرسەم» دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ، سول ۋە كەينى تەرەپلىرىگە ئىشارەت قىلدى. ئازراق مېڭىپ: «ماللىرى كۆپ بولغانلىرى قىيامەت كۈنى نەرسىسى ئاز بولغۇچىلاردۇر، لېكىن ماللىرىنى مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، ئوڭدىن، سولدىن، كەينىدىن خىراجەت قىلغان كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس، ئۇنداقلار ئازدۇر» دېدى. ئاندىن ماڭا: مەن كەلگىچە جايىڭدىن مىدىرلىما، دەپ قويۇپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدا مېڭىپ يوقاپ كەتتى، ئاندىن مەن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىرەرسىدىن خەتەر يېتىپ قىلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشنى ئويلىدىم، بىراق مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مەن كەلگىچە مىدىرلىما دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ تاكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگىچە مىدىرلىمىدىم، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كەتكەنلىكىمنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ: سېنىڭ ئۈممىتىڭدىن بىرەر كىشى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ، دېدى. مەن: ئەگەر ئوغرلىق ۋە زىنا قىلسىچۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھەقىقى تەۋبە قىلسا، دېدى.

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
معنى الحديث: يخبر أبو ذر    رضي الله عنه- أنه كان يمشي مع النبي -صلى الله عليه وسلم- في حَرَّةٍ ذات حجارة سود بالمدينة، فاستقبلهم أُحُدٌ الجبل المعروف فقال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: ما يسرني، أي: لا يفرحني، أن عندي مثل أُحُدٍ هذا ذهبًا فيمر علي ثلاثة أيام وعندي منه شيء، ولا دينار واحد، إلا شيئًا أرصده لدين، فلو كنتُ أملك من المال مقدار جبل أحدٍ من الذهب الخالص لأنفقته كله في سبيل الله، ولم أبق منه إلا الشيء الذي أحتاج إليه في قضاء الحقوق، وتسديد الديون التي علي، وما زاد على ذلك ، فإنه لا يسرني أن يمضي علي ثلاثة أيام وعندي منه شيء.
وهذا يدل على أن النبي -صلى الله عليه وآله وسلم- من أزهد الناس في الدنيا؛ لأنه لا يريد أن يجمع المال إلا شيئًا يرصده لدين، وقد توفي -صلى الله عليه وسلم- ودرعه مرهونة عند يهودي في شعير أخذه لأهله.
ولو كانت الدنيا محبوبة إلى الله -عز وجل- ما حرم منها نبيه -صلى الله عليه وسلم-، فالدنيا ملعونة ملعون ما فيها إلا ذكر الله وما والاه وعالمًا ومتعلمًا، وما يكون في طاعة الله -عز وجل-.   
ثم قال: "إن الأكثرين هم الأقلون يوم القيامة" يعني: المكثرون من الدنيا هم المقلون من الأعمال الصالحة يوم القيامة؛ لأن الغالب على من كثر ماله في الدنيا الاستغناء والتكبر والإعراض عن طاعة الله؛ لأن الدنيا تلهيه، فيكون مكثرًا في الدنيا مقلًّا في الآخرة.
وقوله: "إلا من قال بالمال هكذا وهكذا وهكذا" يعني صرف المال في سبيل الله -عز وجل-، ثم قال: "وقليل ما هم" والمعنى أن من ينفق ماله في سبيل الله قليلٌ.
ثم قال: (من مات لا يشرك بالله شيئاً دخل الجنة وإن زنى وإن سرق) وهذا لا يعني أن الزنى والسرقة سهلة، بل هي صعبة، ولهذا استعظمها أبو ذر وقال: وإن زنى وإن سرق؟ قال: (وإن زنى وإن سرق).
وذلك لأن من مات على الإيمان وعليه معاص من كبائر الذنوب؛ فإن الله يقول: (إن الله لا يغفر أن يشرك به ويغفر ما دون ذلك لمن يشاء)، قد يعفو الله عنه ولا يعاقبه، وقد يعاقبه، ولكن إن عاقبه فمآله إلى الجنة؛ لأن كل من كان لا يشرك بالله ولم يأت شيئًا مكفرًا؛ فإن مآله إلى الجنة، أما من أتى مكفرًا ومات عليه، فهذا مخلد في النار وعمله حابط؛ لأن المنافقين كانوا يقولون للرسول -عليه الصلاة والسلام-: (نشهد إنك لرسول الله)، وكانوا يذكرون الله ولكن لا يذكرون الله إلا قليلاً ويصلون ولكن (وإذا قاموا إلى الصلاة قاموا كسالى) ومع ذلك فهم في الدرك الأسفل من النار.
فدل على الزهد في الدنيا، وأن الإنسان لا ينبغي أن يعلق نفسه بها، وأن تكون الدنيا بيده لا بقلبه، حتى يقبل بقلبه على الله -عز وجل-؛ فإن هذا هو كمال الزهد، وليس المعنى أنك لا تأخذ شيئًا من الدنيا؛ بل خذ من الدنيا ما يحل لك، ولا تنس نصيبك منها، ولكن اجعلها في يدك ولا تجعلها في قلبك، وهذا هو المهم.
726;ەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ مەدىنىنىڭ قارا تاشلىقىدا بىللە ماڭغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلارغا ئوھۇد تېغى كۆرۈنگەن ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ مۇشۇ ئوھۇد تېغىچىلىك ئالتۇنۇم بولسا ئۈچ كۈن ئىچىدە مەندە ئۇ ئالتۇندىن بىر دىنار ئېشىپ قېلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايدۇ، پەقەت قەرز ئادا قىلىش ئۈچۈن قويۇپ قويغىنىم بۇنىڭ سىرتىدا، ئەگەر مېنىڭ ساپ ئالتۇندىن ئوھۇد تېغى مىقدارىدا مېلىم بولسا، مەن ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىۋىتەتتىم، ئۇنىڭدىن پەقەت قەرزنى ئادا قىلىشقا يەتكۈدەك مىقداردا بىر نەرسە قويۇپ قوياتتىم، ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنىڭ مېنىڭ يېنىمدا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قىلىشى مېنى خۇرسەن قىلمايتتى. مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ كىشىلەر ئىچىدە دۇنياغا پەقەت بېرىلمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيا توپلاشنى مەقسەت قىلمايتتى، پەقەت قەرزگە بەرگۈدەك نەرسىنى قويۇپ قوياتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىمۇ ئۇنىڭ تۆمۈر كېيىمى ئائىلىسى ئۈچۈن قەرز ئالغان ئارپىنىڭ بەدىلىگە يەھۇدىنىڭ يېنىدا گۆرەگە قويۇلغان ئىدى، ئەگەر دۇنيا ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈنگۈچى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا دۇنيادىن ھېچ نەرسىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن چەكلىمەيتتى، دۇنيا ۋە دۇنيادا ئاللاھنىڭ زىكرى، ئىلىم ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا ئالاقىدار بولغان نەرسىلەردىن باشقا ھەممە نەرسە لەنەت قىلىنغۇچىدۇر، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماللىرى كۆپ بولغۇچىلار قىيامەت كۈنىدە نەرسىلىرى ئاز بولغۇچىلاردۇر» دېدى، يەنى دۇنيادا كۆپ مالغا ئىگە بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولغان كىشىلەردۇر، چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا دۇنيادا بايلىقى كۆپ بولغان كىشىلەر تەكەببۇرلۇق ۋە ئاتىكاچىلىقتىن ئاللاھنىڭ تائەت-ئىباتىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، چۈنكى دۇنيا ئۇلارنى مەشغۇل قىلىپ قويغان، ئۇلار كۆپ دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ ئاخىرەتتە ياخشى ئەمەللىرى ئاز بولىدۇ، لېكىن ماللىرىنى ئاللاھنىڭ يوللىرىدا مۇشۇنداق، مۇشۇنداق، مۇشۇنداق خىراجەت قىلغۇچىلار ئۇنداقلار ئازدۇر، يەنى ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىنى سەرپ قىلغۇچىلار ئازدۇر، ئاندىن مۇنداق دېدى: «كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيلا ئۆلسە، گەرچە زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ» بۇنىڭدىن ئوغرىلىق قىلىش ۋە زىنا قىلىش ئاسان دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئۇ قېيىن ئىش، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىش ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چوڭ بىلىنىپ: ئوغرىلىق قىلسىمۇ ۋە زىنا قىلسىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «زىنا قىلسىمۇ ۋە ئوغرىلىق قىلسىمۇ ھەقىقى تەۋبە قىلسا» دېدى، ئاشۇنداق بولىشى، بىر كىشى ئىمان بىلەن دۇنيادىن كەتسە گەرچە ئۇ چوڭ گۇناھلارنى قىلغان بولسىمۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ.» نىسا سۈرىسى 48-ئايەت. ئىمان بىلەن ۋاپات بولغان كىشىنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىدۇ ۋە جازالىمايدۇ، بەزى جازالايدۇ، لېكىن ئاقىۋەتتە بارىدىغان جايى يەنىلا جەننەت بولىدۇ، چۈنكى ھەر قانداق ئادەم ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئەمەللەرنى قىلماي ئۆلۈپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرىقى بارىدىغان جايى جەننەت بولىدۇ، ئەمما كۇپىر قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئادەم دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى مۇناپىقلارمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: «سېنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، لېكىن نامازغا تۇرغاندا ھورۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ، ئاشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار دوزاخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا بولىدۇ. بۇ ھەدىس دۇنياغا بېرىلمەسلىككە دالالەت قىلىدۇ، ئىنساننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دۇنياغا بېرىلىشى توغرا بولمايدۇ، دۇنيا قەلبىدە بولماستىن پەقەت قولىدا بولىشى كېرەك. قەلبى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىشى لازىم. مانا بۇ دۇنياغا بېرىلمەسلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇنىڭدىن دۇنيادىن ھېچ نەرسىگە كۆز سالماڭ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى دۇنيادىن ھالال بولغان نەرسىنى ئېلىش ۋە دۇنيادىن بولغان نەسىۋىسىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق لېكىن دۇنيانى قەلبىگە ئالاقىدار قىلىۋالماستىن پەقەت قولىدا تۇتۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3916

 
Hadith   289   الحديث
الأهمية: مَثَلُ المجاهد في سَبِيل الله كمَثل الصَائم القَائم القَانت بآيات الله لا يَفْتُر من صيام، ولا صلاة، حتى يَرْجِع المجاهد في سبيل الله


باشتېما:

ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرىدىغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ

عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قيل: يا رسول الله، ما يعدل الجهاد في سبيل الله؟ قال: «لا تستطيعونه» فأعادوا عليه مرتين أو ثلاثًا كل ذلك يقول: «لا تستطيعونه»! ثم قال: «مثل المجاهد في سبيل الله كمثل الصائم القائم القانت بآيات الله لا يَفْتُرُ من صيام، ولا صلاة، حتى يرجع المجاهد في سبيل الله».
وفي رواية البخاري: أن رجلاً قال: يا رسول الله، دلني على عمل يعْدِلُ الجهاد؟ قال: «لا أجده» ثم قال: «هل تستطيع إذا خرج المجاهد أن تدخل مسجدك فتقوم ولا تفتر، وتصوم ولا تفطر»؟ فقال: «ومن يستطيع ذلك؟!»

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھادقا قايسى ئەمەل تەڭ كىلەلەيدۇ؟» دەپ سورالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۇنى قىلالمايسىلەر»دېدى، سورىغۇچىلار ئۇنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىمدا: «سىلەر قىلالمايسىلەر» دەپ جاۋاپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىققۇچى تاكى جىھادتىن قايتىپ كەلگۈچە: بوشاشماي روزا تۇتۇپ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن نامازغا تۇرغۇچىغا ئوخشاش بولىدۇ» دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: بىر كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، مىنى جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلگە باشلىغىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام: «تاپالمايمەن» دېدى، كىيىن: «مۇجاھىد جىھادقا چىقىپ كەتكەن چاغدا سەن مەسچىتكە كېرىپ توختىماي ناماز ئوقۇپ، بىر كۈنمۇ تاشلىماي روزا تۇتالامسەن؟» دېدى، ئۇ: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، دېيىلگەن

 
ھەدىس چۈشەندۈرۈش بيان الحديث
 
في هذا الحديث سأل الصحابة النبي -صلى الله عليه وسلم- عن عمل من أعمال البر والطاعات يَعْدِل الجهاد في سبيل الله -تعالى- في الأجر والثواب، فقال النبي -صلى الله عليه وسلم-: "لا تَسْتَطِيعُونَهُ" يعني: أن العمل الذي يَعْدِل الجهاد لا طاقة لكم به. فأعَادوا عليه مرَّتين أو ثلاثا ًكل ذلك يقول: "لا تَسْتَطِيعُونَهُ".
ثم بَيَّن لهم ذلك العمل الذي لا يستطيعونه، وهو ملازمة الصيام والقيام وتلاوة القرآن من غير فُتور ولا انقطاع، ولا شك أن هذا ليس في مقدرو البشر، ولهذا قال لهم -عليه الصلاة والسلام- ابتداءً: "لا تَسْتَطِيعُونَهُ"، وفي رواية البخاري: أن رجلاً من أصحاب رسول الله -صلى الله عليه وسلم- سأل النبي -صلى الله عليه وسلم- أن يَدُّلَه على عمل يَعْدِل الجهاد في منزلته وقدره، وعِظَم أجره ومثوبته، فقال له النبي -صلى الله عليه وسلم-: "لا أجِدُه" أي: لا أجد عملًا يماثل الجهاد أو يساويه، وفي الصحيحين: "لغَدْوَة في سبيل الله أو رَوْحَة، خير من الدنيا وما فيها".
ثم قال: "هل تستطيع إذا خَرج المُجاهد أن تدخل مَسْجِدَكَ فتقوم ولا تَفْتُرَ، وتَصُوم ولا تُفْطِر؟" والمعنى: هل تستطيع من حين يخرج المجاهد من بيته للجهاد في سبيل الله -تعالى-، أن تدخل مسجدك وتعتكف فيه للعبادة على وجه الدوام، فتقوم في الصلاة دون انقطاع، وتواصل الصوم دون إفطار، إذا كان هذا ممكناً، فإن هذا وحده هو الذي يَعْدل الجهاد، عند ذلك قال الرجل: "ومن يستطيع ذلك؟!" أي: ومن يستطيع مواصلة الصلاة من غير انقطاع والصيام من غير إفطار؟ لا شك أن ذلك أمر فوق مقدور البشر.
576;ۇ ھەدىس ئىككى يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بىر ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋاپتا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانغا تەڭ كىلىدىغان تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەردىن بىرسى بارمۇ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنى قىلالمايسىلەر»، يەنى: جىھادقا باراۋەر كېلىدىغان ئەمەلنى ئادا قىلىشقا سىلەردە تاقەت يوق دېدى، ئۇلار سۇئالنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم تەكرارلىسىمۇ ھەر قېتىمدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئۇنى قىلالمايسىلەر» دېدى، كىيىن ئۇلارغا قىلالمايدىغان شۇ ئىشىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ: بوشاشماي، ئۈزۈپ قويماي دائىم روزا تۇتۇش، نامازدا تۇرۇپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئىدى، بۇ ئىش ئىنساننىڭ قۇدرىتى يىتىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلىۋىدىلا ئۇلارغا: «بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەن ئىدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ساھابىلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتىلىقىدا، قەدىر-قىممەتتە جىھادقا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەمەلنى دەپ بىرىشىنى سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «تاپالمايمەن»، يەنى: «جىھادقا ئوخشايدىغان ياكى تەڭ دەرىجىدىكى ئەمەلنى تاپالمايمەن» دېدى. ئىككى سەھىھ كىتاپتا: «ئەتتىگەندە ياكى كەچ تەرەپتە ئاللاھ يولىدا چېقىش دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى» دېيىلگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «مۇجاھىد چىققاندا مەسجىدىڭگە كىرىپ، بوشاشماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن»، يەنى: مۇجاھىد ئۆيىدىن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىدىغان ۋاقىتتىن باشلاپ مەسجىدىڭگە كىرىپ، دائىم ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن شۇ يەردە تۇرۇپ، تۇختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالامسەن؟، ئەگەر مۇشۇنداق قىلىش مۇمكىن بولسا مۇشۇ بىردىنبىر جىھادقا تەڭ تۇرىدىغان ئەمەل » دېدى، ئۇ ۋاقىتتا ھىلىقى كىشى: «بۇنى كىم قىلالىسۇن؟» دېدى، يەنى: «كىم توختىماي ناماز ئوقۇپ، ئۈزمەي روزا تۇتالىسۇن؟، بۇ ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ئىقتىدارىدىن يۇقىرى ئىش» دېدى   --  سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)   →   بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
 
پايدىلانما: ھەدىس قامۇسى @ 3917






© EsinIslam.Com Designed & produced by The Awqaf London. Please pray for us